قوش مەسچىت(مەمەتئېلى زۇنۇن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 00:22:44

قوش مەسچىت(ھېكايە)مەمەتئېلى زۇنۇن بوۋا مۆھتەرەم بوۋا، سەن ئېيتىپ بەرگەن چۆچەك رىۋايەتلەر نەقەدەر ئاجايىپ غارايىپ ۋە قىزىقارلىق ئىدى ھە؟ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە يىتىپ بارالايد...

    قوش مەسچىت(ھېكايە)
    مەمەتئېلى زۇنۇن

     

       بوۋا مۆھتەرەم بوۋا، سەن ئېيتىپ بەرگەن چۆچەك رىۋايەتلەر نەقەدەر ئاجايىپ غارايىپ ۋە قىزىقارلىق ئىدى ھە؟ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە يىتىپ بارالايدىغان ئۇچار گىلەم، ئۇچار دۇلدۇللار، خاسىيەتلىك جاھاننامە ئەينەكلەر، «ئېچىلىڭ داستىخېنىم» دەپ بولغۇچە تۈرلۈك تۈمەن نازۇ – نېمەتلەرگە تولۇپ تۇرىدىغان خىسلەتلىك داستىخانلار، بەتنىيەتلەرنى چاڭگالدا قويىدىغان سىرلىق توقماقلار. . . . . ، بوۋام بىر كەچقۇرۇنلۇقى ماڭا مۇنداق بىر چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭ.
    ئىشقى سەۋدايىغا مۇپتىلا بولغان ئارزۇلۇق شاھزادە ۋىسال يولىغا راۋان بوپتۇ. گىياھ ئۈنمەس چۆل، قۇش قونماس تاغلاردىن ئۆتۈپتۇ. قاراقچىلارغا ئۇچراپ ئەسلى ۋەسلىدىن ئايرىلىپتۇ، ئاخىرى بىگانە بىر مەملىكەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئەتراپىدا ئوتۇنچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئادەم گۆشىدە مانتا ئېتىپ ساتىدىغان مانتىپەزنىڭ قاپقىنىغا دەسسەپ ئۇنىڭ يوشۇرۇن زىندانىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قارىسا نەچچە ئونلىغان شور پېشانە يىگىتلەر ئىڭراپ ياتقۇدەك. ئايپالتىلىق بەتھەيۋەت جاللاتلار كىرگەن ھامان «مەن ئورۇق ئۇ سېمىز، مەن ئورۇق ئۇ سېمىز»، - دەپ بىر - بىرنى ئىتتىرۋاتقۇدەك، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئورۇقىمۇ، سىمىزىمۇ تۈگەپ كېتىۋاتقۇدەك. . .
    قىزىقىپ ئاڭلىغىنىم، جاۋابسىز سوئال، تەشۋىشلىك خىياللار تورى ئىچىدە ئۇخلاپ قالغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. چۈش كۆرۈپتىمەن، ئاشۇ قورقۇنچلۇق قاراڭغۇ زىنداندا تۇرغۇدەكمەن. ئايپالتا كۆتۈرگەن بەتھەيۋەت جاللاتلار كىرىپ «سىمىزلىرىڭ بۇياققا ئۆتۈش»، - دەپ ۋاقىرغۇدەك. ئېچىرقاپ كەتكەن چىلبۆرە كىرىۋالغان چوڭ قوتاندىكى قوي پادىسىدەك بىچارە ھالغا چۈشكەن بىئەقىل تۇتقۇنلار «مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز»، - دەپ بىر - بىرىنى ئىتتىرىشىۋاتقۇدەك. ئىتتىرگەنلەرمۇ تىرەجىگەنلەرمۇ بارا –بارا تۈگەپ نۆۋەت ماڭا كەلگەنمىش «سەن ھەممىدىن كىچىك ۋە ھەممىدىن ئورۇق بولساڭمۇ –دەپ سۆرەۋاتقانمىش، ئۇلار: – بىر قانچە قاسقان مانتىغا يارايسەن، يۈر»، - تىرەجەپ تۇرىۋالغۇدەكمەن، ئۇلار سۆرىيەلمىگۈدەك. ئاخىر ئۇلار، « - بوپتۇ، مۇشۇ يەردىلا جىنىنى ئالايلى!» - دەپ ئايپالتىنى ئېگىز كۆتۈرگىدەك. . . . .
    - بوۋا !. . . . . بوينۇڭنى شۇنداق قۇچاقلىۋاپتۇمەنكى، تىنالماي قاپسەن.
    - بالام، نېمە بولدۇڭ؟ مەن بار، قورۇقما! –دېدىڭ، ئىسسىق باغرىڭغا مەھكەم بېسىپ.
    ئېغىز - بۇرۇنلىرىمنى قورققاق بېسىپ كەتتى. نەچچە كۈنلەرگىچە قىزىپ، جۆيلۈپ چىقتىم. بۇ چۆچەك بىلەن چۈش ئىسىمدىن چىقمىدى. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە يەتكەندە كۆپرەك ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، «مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز»، - دەپ بىر - بىرىنى ئەجەل گىردابىغا ئىتتىرىدىغانلار ئەينى زاماندىلا بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ ھازىر تۈگەپ كەتتىمۇ؟ بىزنىڭ كوچىدا يوقمۇ؟ . . . .
    مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كوچامغا نەزەر سالاتتىم.

      كوچىمىز –ئورغاقسىمان ئاي شەكىللىك خالتا كوچا. ھازىر «قوش مەسچىت» دېمىسە ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ كوچىمىزنىڭ ئەسلى نامى «ئايكوچا»ئىكەن. - شۇنداقمۇ، بوۋا؟
    ئون توققۇز جۈپ دەرۋازا بىر –بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان بۇ خالتا كوچىمىزدا كۆلىمى، قۇرلۇش نۇسخىسى، مۇنار –گۈمبەزلىرىنىڭ ئېگىزلىكىدىن تارتىپ. ئىچكى –تاشقى نەقىشلىرىگىچە ئوپئوخشاش ئىككى مەسچىت بار. سىرىدىن تارتىپ، پىرامىداسىمان قالپاقلىق مىخلىرىغىچە تامامەن ئوخشىشىدىغان ئىككى دەرۋازىمۇ بىر –بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ. ئىككى دەرۋازىدىن تەڭ چىققان ئىككى مۇسۇلمان بىر - بىرىگە سالام بېرىشمەيدۇ، تىنچ - ئامانلىق سوراشمايدۇ. ئوڭ ياقتىن چىققىنى ئوڭ ياقتىكى، سول ياقتىن چىققىنى سول ياقتىكى مەسچىتكە راۋان بولىدۇ. ھېيت ئايەم كۈنلىرى ئىككى ياقىنىڭ جامائەتلىرى ئىككى توپ بولۇپ، چوڭ جامەگە قاراپ ماڭىدۇ. بىر - بىرنىڭكىگە ھېيىتلىمايدۇ. قۇدا –باجا بولۇشمايدۇ. بۇ تەرەپتىكىلەر مېيىت ئۇزىتىۋاتسا، ئۇ تەرەپتىكىلەر توي نەغمىسى قىلىۋېرىدۇ. ئىككى ياقتىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئارا دوست –ئاداش بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ تەرەپتىكى بالىلارنىڭ لەگلىكى ئۇ تەرەپ بوشلۇقىدا پەيدا بولغان ھامان شۇ تەرەپ بالىلىرىنىڭ تاش چالمىلىرىدا ئۆتمىتۆشۈك بولماي قالمايدۇ. ئۇ تەرەپتىكى كەپتەرۋازلار بۇ تەرەپتىكىلەرنىڭ كەپتىرىنى تۇتۇۋالغان ھامان قانات - قۇيرۇقلىرىنى يۇلۇپ – يۇڭداپ ئاسمانغا ئاتىدۇ. بۇياقتىن - ئۇياققا ئۆتۈپ قالغان خوراز–مېكىيانلارنىڭ ھەر قاندىقى ئۆز كاتىكىگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ. باشقا كوچىلارنىڭ ئۈستىگە قانچىلىغان كۆتۈرمە ئۆيلەر سېلىنغان. بىزنىڭكىدە بىرىمۇ يوق. ئىككى تەرەپ ئىناق بولمىسا، بىر - بىرىگە يول قويمىسا، كۆتۈرمە ئۆي سالغىلى بولمايدىكەن. شۇنداقمۇ، بوۋا؟
    ئىككى تەرەپتىكى خوتۇن خەقلەر ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمى قارشى تەرەپ خوتۇنلىرىنىڭ غەيۋەت –شىكايىتىنى قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ. كىر سۈيى، يۇندىلار قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ بوسۇغا، تام تۈۋىلىرىگە تۆكىلىدۇ. كىر سۇلىرى قۇرۇپ ياكى توڭلاپ كېتىدۇكى، جېدەل ماجىرا قۇرىمايدۇ. توڭلىمايدۇ.
    ئاڭلىسام ئىككى ياقتىكىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تارتقان دەرد - مۇشەققەت، ئازاب –كۇلپەتلىرىمۇ بىر - بىرىنىڭكىدىن قىلىشمايدىكەن. «تۇڭگان يىغىلىقى»ۋاقتىدا باشقا كوچىلارنىڭ ھەممىسىگە مۇستەھكەم دەرۋازىلار بېكىتىلىپتۇ. بىزنىڭ كوچىدىكى ئىككى تەرەپ پۇتۇشەلمەپتۇ، بىر دەرۋازىدىن كىرىپ چىقىشنى راۋا كۆرمەپتۇ. قوراللىق چىرىكلەر توسالغۇسىز كىرىۋىرىپتۇ، بۇلايدىغىنىنى بۇلاپ بۇلغايدىغىنىنى بولۇۋېرىپتۇ. ئىككى تەرەپ ئاچچىق ساۋاق ئالماپتۇ. پۇشايمان قىلىشماپتۇ. شىڭشىسەي، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا بىر –بىرنى چېقىشىۋىرىپتۇ، تۇتۇپ بېرىشىۋىرىپتۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپتىن ھەپسىگە ئىلىنغان، قەتلە قىلىنغانلار تەڭ نىسبەتتە دېگۈدەك بوپتۇ. مانا ھازىر «ئۈچكە، بەشكە قارشى ھەرىكەت» ۋاقتى. ئۇلار بىر - بىرىنى غەزەپ بىلەن سۆكمەكتە، پاش قىلىشماقتا.
    - ئۇ - ئوغرى!
    - ئو - ئۆزى تويسىمۇ، كۆزى تويمايدىغان ئەڭ چوڭ باج ئوغرىسى !
    - ئۇ - يىرتقۇچ يولۋاس !
    - ئۇ - ئەشەددىي يولۋاس !
    گويا ئۇلار بىر - بىرنى ئىتتىرىشمەكتە:
    - مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز !
    - ئۇ سېمىز، مەن ئورۇق. . . .
    سەۋر - تاقەت قىلالمىدىم، بەرداشلىق بېرەلمىدىم ئاخىر ساڭا مۇراجىئەت قىلدىم:
    - بوۋا، ئوبدان بوۋا، كوچا - مەھەللىمىزنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخى ساڭا بەشقولدەك ئايان. ئېيتقىنا، كوچىمىزدىكىلەر ئەزەلدىن مۇشۇنداق نائىناقمىدى؟ نەچچە يىل ئالدىدا سورىسامغۇ سەن تېخى كىچىك، تېگى - تەكتىگە يىتەلمەيسەن دېدىڭ چوپچوڭلا بىر يىگىت بوپ قالدىمغۇ مانا، ئەمدىغۇ ئېيتىپ بېرەرسەن؟ بوۋا، نېمانچە خىيالغا چۆكۈپ كېتىدىغانسەن؟ مۇنچە تەقەززا قىلمىغىنە!
    - ماقۇل، بالام، - دېدىڭ لەۋزىمنى يەردە قويماي، - ھازىر سەن كىچىك بالا ئەمەس، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئاق - قارىنى پەرق ئېتەلەيسەن، گەپ - سۆزۈمنىڭ تېگى تەكتىگە يېتەلەيسەن، زېھنىڭ بىلەن ئاڭلا، سۆزلەپ بېرەي:

    دۇرۇس، كوچىمىزنىڭ ئەسلى نامى «ئاي كوچا» ئىدى. ئايدەك يورۇق، يىللىق كوچا ئىدى. قان - قېرىنداشلىق مۇھەببىتى تاش - كېسەك، تام - تورۇسلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن ئىناق كوچا ئىدى، زورىدىن ھاكىم بەگدەك كاتتا زاتنىڭ ئىزى، موللا سادىق ئەئلەم ئاخۇنۇم، ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىق پىر – ئۇستازلارنىڭ نەزىرى چۈشكەن خىسلەتلىك كوچا ئىدى! ياسىن داموللا ھاجىم ھەززەرەتلىرى ئاخىرەتكە سەپەر قىلغاندىن كېيىن(ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئىلاھە ئامىن) ئارىمىز بۇزۇلدى، بىر مەسچىت ئىككى بولدى، «ئاي كوچا» دېگەن تەۋەررۈك نام «قوش مەسچىت»كە ئۆزگەردى. ئاغرىق - ئاداۋەت، بالايى - قازا باشلاندى!
    مەرھۇم ئىمامىمىز ياسىن داموللاجىم ھەزرەتلىرى ئاتاق – ئابرۇيلۇق مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى، پۇل – مال، ئالتۇن – كۈمۈشلىرىنىڭمۇ ھەددى – ھېسابى يوق ئىدى. ھەقتائالا ئۇنىڭغا بىرجۇپ قوشكېزەك ئوغۇل ئاتا قىلغان. چوڭىنىڭ ئىسمى ھەسەن، كىچىكىنىڭ ھۈسەيىن ئىدى. بوي – ئىسكەت، رەڭ – چىراي، خۇلق – مىجەز جەھەتتىمۇ ئايرىۋالغۇسىز ھالدا ئوخشاشلىقى بىلەن ھەممىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۆگەندى، بىلىم تاپتى، يۇرت كەزدى، سودىگەرچىلىكنىڭ تىلىنى بىلدى، پۇل تاپتى. ئىمامىمىز ئۇشتۇمتۇت يېتىپ قالدى. ئوغۇللارغا خەت – خەۋەر ئەۋەتىلدى. ھۈسەيىن يېقىنراق بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇرۇنراق كەلگەنىدى، دەرھال تويىنى قىلىپ، ئاتىلىق قەرزىدىن خالاس بولدى. ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئاكىسى ھەسەنقارىم كەلدى. ئىمامىمىز ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ قويغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ناماز بامداتتىن بۇرۇن ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى، كوچىمىز ئابرۇيلۇق ئىمامدىن ئايرىلدى، ئاقىل، مېھرىبان، دۇئاگۇي ئاتىسىدىن ئايرىلدى. بىز ئەھلى جامائەت ياراملىق بىر ئىمامغا موھتاج ئىدۇق. مەرھۇم ئىمامىمىزنىڭ قوشكېزەك ئوغۇللىرىغا تىكىلدۇق. ھەر ئىككىسى بىلىملىك، خۇش پېئىل، ئەخلاق – پەزىلەتلىك ئەھلى سودىگەر يىگىتلەر ئىدى. قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟ قائىدە – يوسۇن بويىچە بىز ئاكىسىنى تاللىدۇق، شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ تەستىق مۆھرىنىمۇ ئالدۇق. ھەممىمىز خاتىرجەم بولدۇق، بۇرۇنقىدەكلا بىر مەسچىتكە جەم بولدۇق.
    خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ قوشكېزەكلەرنىڭ رەپىقىلىرىمۇ قوشكېزەك ئاچا - سىڭىللار ئىكەن. ئاچىسى ئالتۇنخېنىم بۇرۇن ياتلىق قىلىنىپ ھۈسەيىنقارىمنىڭ، سىڭلىسى تىللا خېنىم كىيىن ياتلىق قىلىنىپ، ھەسەنقارىمنىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپتۇ. خوتۇنلىرىمىزنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇلار چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان ھەرقانداق ساھىبجاماللاردىن گۈزەل، جەننەت ھۈرلىرىدىنمۇ چىرايلىق ئىكەن. ھۆسن - جامالدا كامالەتكە يەتكەن، باي، دۆلەتمەن قوشكېزەك يىگىتلەر بىلەن تەڭداشسىز گۈزەل قوشكېزەك پەرىزاتلار كوچىمىزنىڭ ئابرۇيى، شان - شەرىپى ئىدى. بىز ئۇلار بىلەن پەخىرلىنەتتۇق، ماختىناتتۇق. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ قان - قېرىنداش قوشكېزەكلەرگە كۆز تەگدى، كوچىمىزغا كۆز تەگدى! بىرلىك - ئىناقلىق ئاپتىپى بىلەن يورۇپ، ئىنسانىي مېھىر - مۇھەببەت ھارارىتى بىلەن ئىللىپ تۇرىدىغان «ئايكوچا»مىز نائېناقلىق ئىس - تۈتەكلىرى ئاستىدا ئۆچ - ئاداۋەت جۇدۇنلىرى كېزىپ يۈرگەن قاراڭغۇ، سوغۇق «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قالدى!
    ۋالى، ھاكىم، بەگ قاتارلىق چوڭ ئەمەلدارلار، قازاخۇنۇم، مۇدەررسئاخۇنۇم ئۇنۋانلىق كاتتا زاتلار ياكى ئاتاقلىق بايلار بولمىغان مەھەللىلەردىكى توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يىتىم، نەزىر - چىراغلارنىڭ ھەممىسىدە شۇ مەھەللىنىڭ ئىمامىنى تۆرگە باشلاش ئاتام ز زامانىسىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە - يۇسۇن. بىز مۇ ھەسەن ئىمامنى تۆرگە باشلايتتۇق، ئىنىسى ھۈسەيىنقارىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالاتتى. خوتۇن خەقلەرنىڭ ئولتۇرۇشىدا ئەھۋال باشقىچە بوپتۇ. ئالتۇنخېنىم: «مەن ئاچا، سىنىڭ يۇقىرى تەرىپىڭدە ئولتۇرۇشۇم كېرەك» دېسە، تىللا خېنىم: «مەن ئاكىنىڭ رەپىقىسى، ئىمامنىڭ رەپىقىسى، ئۆينىڭ تۆرى مېنىڭ!» دەيدىكەن. بۇلارنىڭ تالاش - تارتىش، جېدەل - ماجىرالىرى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق توي ھازىغا ئايلىنىدىغان بولدى. بىز - ئەھلى جامائەت، ئاكا - ئۇكا قوشكېزەكلەرگە مۇراجىئەت قىلدۇق:
    - ئىككى خېنىم ئوتتۇرىسىدىكى ئاغرىق - ئاداۋەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن تەشۋىشلەنمەكتىمىز. قان - قېرىنداشلىق رىشتىسىنى يىڭى باشتىن تۇتاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىناق، بىزنى خاتىرجەم قىلىشقايلا.
    ئاڭلىساق، ئاكا - ئۇكىلار مۇنداق پۈتۈشۈپتۇ: «ئەر جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ھەر قاندىقىدا يۇقىرى ئورۇن ئاكىغا، مەزلۇم خەقلەر سورۇنىنىڭ ھەرقاندىقىدا يۇقىرى ئورۇن ئاچىغا مەنسۇپ!»
    - مەن ئاكىنىڭ رەپىقىسى، ئىمامئاخۇنۇمنىڭ رەپىقىسى، - دەپ تەكرارلاپتۇ تىللاخېنىم، - يۇقىرى ئورۇن - مەرتىۋە مىنىڭ !
    - مەن ئاچا، - دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇرۇپتۇ ئالتۇن خېنىم، - ئورنۇمنى تارتىۋېلىشقا ھەرگىز يول قويمايمەن!
    ئاكا – ئۇكا ئۆز رەپىقىلىرىنى تولىمۇ قەدىرلەيدىكەن، ئەتىۋارلايدىكەن. ئۇلار ئارزۇلۇق رەپىقىلىرىنى قايىل قىلالماپتۇ. زىددىيەت ئۆتكۇرلىشىۋىرىپتۇ. مەسچىتنىڭ بىقىنىدىكى ئۆيدە توي بولغان كۈنى بۇ ئاچا - سىڭىللار يەنە تۆر تالىشىپ قاپتۇ. تۈرلۈك نازۇ - نېمەت، شېرىنلىكلەر بىلەن تولغان داستىخان ئۈستىگە بىر - بىرىنى بېسىشىپ، يۈز - كۆزلىرىنى تاتىلاپ، چاچلىرىنى يۇلۇشۇپتۇ، تىل - ئاھانەت، يىغا - زارە، قىيا - چىيا كوچىنى بىر ئاپتۇ. مەسچىتكە كىرىۋېتىپ، ئۆز رەپىقىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالغان ئىمامئاخۇنۇم ئىختىيارسىز ھالدا بۇ يەرگە كىرىپ قاپتۇ، قارىسا باش كۆزلىرى قىممەت باھالىق يىپەك رومال ئىچىدە قالغان ئىككى ئايال بىر - بىرىنىڭ چېچىنى مەھكەم سىقىمداشقان ھالدا پومداقلىشىۋاتقۇدەك. ئۇلارنىڭ بوي تۇرقى ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن بەس - بەس بىلەن كىيىشىۋالغان كىيىملىرىمۇ ئوخشاش ئىكەن.
    - تۇر ئورنۇڭدىن ! - دەپ گەجگىسىدىن يۇلۇۋاپتۇ ئىمامئاخۇنۇم، - ھۇ، بىنومۇس ئالۋاستى! - شۇ سۆز بىلەن بىر كاچات ساپتۇ.
    - ھا - ھا - ھا!. . . ، - گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ تىللا خېنىم –تۆر تالاشقىنىڭغا تۇيە، بىنومۇس ئالۋاستى!
    ئالتۇنخېنىم ئاغزىنى سىلىغانىكەن، ئاپئاق ئالقىنى قىپقىزىل قانغا بويىلىپتۇ. ئۆز ئۆمرىدە مەرھۇم ئاتا - ئانىسىدىن ياكى ئىرىدىن ئازار يەپ باقمىغان خېنىم بۇ ئىزا –كۈلپەتكە بەرداشلىق بېرەلمەپتۇ - دە:
    - ھۇ، خوتۇنىنىڭ تامبىلىغا سەجدە قىلىدىغان مۇناپىق –دېگىنىچە، بىر پىيالە رىشالىنى قەھر - غەزەپ بىلەن ئېتىپتۇ. ئىمامنىڭ قاڭشىرى يىرىلىپتۇ. يۈز - كوزىرلىرى ئاپئاق رىشالە بىلەن قىپقىزىل قان ئارىلاشمىسىغا كۆمۈلۈپتۇ.
    كۈن - تۈنلەر ئاغرىق - ئاداۋەت ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى. نائېناقلىق ئۈششۈكى قوشكېزەك ئاكا –ئۇكىلار يۈرىكىدىكى قان قېرىنداشلىق ھارارىتىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋېلىش خەۋپى قاش - كىرپىك ئارىلىقىدا تۇراتتى. بىز بۇلارنى ئەپلەشتۈرۈش –ياراشتۇرۇش يولىغا قەدەم قويدۇق.
    - خوتۇنىنى تالاق قىلىۋەتسۇن! - دەپ شەرت قويدى ئاكىسى، - شۇ چاغدىلا مەن ئۇ ئالۋاستىنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارىتىنى ئەستىن چىقىرىمەن. ئۇكامنى بۇرۇنقىدەكلا قەدىرلەيمەن.
    - خوتۇنىنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتمىگۈچە، - دېگەن شەرتنى قويدى ئۇكىسىمۇ، - مەن ئۇنىڭ خوتۇنۇمنى ھاقارەت قىلغان، بىر تال ئېزىق چىشىنى سۇندۇرۇۋەتكەن گۇناھىدىن كېچەلمەيمەن!
    ياراشتۇرۇش يولىدا تاشلانغان قەدەم، سىڭدۈرۈلگەن ئەجىرلەر زايە كەتتى. پىتنە - پاسات كۆپەيدى، زىددىيەت كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. ئىناق قوشنا ھەقەمسايىلەرمۇ چەك - چېكى كۆرۈنمەس تالاش - تارتىش چۆلىدە قۇيۇندەك پىرقىراشقا باشلىدى. بىر قىسىملار ئالتۇنخېنىمنىڭ، بىر قىسىملار تىللا خېنىمنىڭ تەرىپىنى ئالدى. ھەركىم ئۆزى ھىمايە قىلىدىغان تەرەپنىڭكىنى توغرا دېدى. پىتنە پاسات ئارقىلىق جان باقىدىغان ناجىنس، نائەھلىلەرمۇ چىقىپ قالدى. ئۇلار ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار ئوتتۇرىسىدا كېچە - كۈندۈز گەپ توشۇپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشتى. بەزىلەر ھۈسەيىنقارىمنىڭ ھۇجرىسىغا خۇپىيانە كىرىپ :«سىلى ئاكىلىرىدىن چوڭ، سېمىز تۇغۇلغان. باشلىرىمۇ ئاكىلىرىنىڭكىدىن يوغانراق ئىدى. ئاكا بولۇشقا ھەسەنقارىم ئەمەس، دەل ئۆزلىرى مۇناسىپ» دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلسا، تىللا خېنىمنىڭ يېنىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ: «بۇرۇن تۇغۇلغىنى ئاچىلىرى ئەمەس، دەل ئۆزلىرى ئىكەنلا، كىندىك ئانا بىر كېچە –كۈندۈز تەۋەللۇت ئۈستىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇيقۇسىزلىق ئىچىدە گاڭگىراپ قىلىپ، ئىككىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويغانىكەن.» -دەپ ئوت قۇيرۇقلۇق قىپتۇ. بەزىلەر ئالتۇنخېنىمغا ئەقىل ئۆگىتىپتۇ: «ئەرلىرى ھۈسەيىنقارىم سودىگەرچىلىك قىلىمەن دەپ يول ئازابى - گۆر ئازابى تارتسا، سىلى ئۆزلىرى تەنھالىق، تەشنالىق دەردىنى تارتتىلا. ھەسەنقارىم بولسا، شەھەردىن چىقماي تىجارەت قىلىپ مۇشەققەتسىز ھالاۋەت كۆرىدۇ. توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يىتىم، نەزىر چىراغلاردىن كېلىدىغان تاپاۋەتمۇ ئاز ئەمەس. ۋەخپىلەرنىڭ كىرىمىچۇ تېخى! قۇربان ھېيتتا پۈتۈن كوچىمىزدا قۇربانلىق قىلىنغان قويلارنىڭ تىرە - ئۈچەي، كاللا پاقالچاقلىرى شۇ ئۆيگە قاراپ ئاقىدۇ. تىللاخاننى يوغىناتقان ئاشۇ پايدا –تاپاۋەت ئەمەسمۇ؟ ئەرلىرى ھۈسەيىنقارىممۇ ئەھلى ئىلىم، قارىي قۇرئان كىشى، ھەرقانداق جامە ئىماملىقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئاكىسىدىن ئوبدانراق قۇرئان تىلاۋەت قىلالايدۇ، تەپسىر ئېيتالايدۇ. ئاكىسى بىلەن چىرايلىقچە پۈتۈشۈپ نۆۋەت بىلەن ئىماملىق قىلسا بولمامدۇ؟ ئاكىسى بىر ئاي ئىمام بولسا، ئۇكىسى بىر ئاي، بۇ يىل ئاكىسى ئىمام بولسا، كېلەر يىلى ئۇكىسى...»
    بۇ مەسلىھەت ئالتۇنخېنىمغا يېقىپ قاپتۇ، ئېرىنىمۇ قايىل قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىماملىق دەۋاسى باشلاندى. بىر قىسىملار ھۈسەيىنقارىمنى قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ مەھكىمە شەرئىگە بارسا، بىر قىسىملار ھەسەنقارىمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىمام بولىشىنى تەلەپ قىلىپ بېرىشتى. ھەرتەرەپ ئۆزى ھىمايە قىلغان كىشىنىڭ خىسلەت پەزىلەتلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۆزى رەت قىلغان كىشىنىڭ ئېۋەن نۇقسانلىرىنى كۆپتۈرۈشتى. شەرىئەت بۇ دەۋانى ھەل قىلىشقا چارىسىز قالدى، دوتەي – ئامباللارمۇ ئامال قىلالمىدى، ئۆز قوللىغۇچىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ئالتۇن خېنىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھۈسەيىنقارىم ئاخىر ئۈرۈمچىگە راۋان بولدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ھەسەنقارىممۇ دەرھال ئاتلىنىپ ھۈسەيىنقارىمدىن بىر كۈن كېيىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپتۇ. بۇ – نىقابلىق يالماۋۇز ياڭ جاڭجۈننىڭ قۇمۇل خەلق قوزغىلىڭىنىڭ مەشھۇر سەركەردىسى تۆمۈرخەلپىنى قەتل قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى ئىكەن. ئۇ غەربىي دىيار خەلقىنى مەڭگۈ مەھكۇملىققا قالدۇرۇشنىڭ چارە تەدبىرى ھەققىدە قالتىس بىر كىتاب يېزىشقا كىرىشىپ، يۇڭ قەلەم بىلەن مۇنۇلارنى يېزىۋاتقان چاغ ئىكەن: «... بۇ خەلقنىڭ دىنى بىر، خۇداسى بىر، پەيغەمبىرى بىر، كەئبىسى بىر، مەزھىپى بىر، تىلى بىر، بۇ ئالتە بىرلىك ئۈستىگە دىل بىرلىكى – زىچ ئىتتىپاقلىق قېتىلىدىغانلا بولسا، تۈگەشكىنىم شۇ، تەختى – بەختىمنىڭ گۇمران بولغىنى شۇ! ...»
    - ئوغلۇم ئاڭلاۋاتامسەن؟ ئۇ، ئۆز ھۆكۈمىنى مۇنداق شەرھىلەۋاتقانىكەن: «دىل بىرلىكى – تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، باي - باياشاتلىقنىڭ ئۇلى، بىلىم – مەرىپەتكە ئىنتىلىش، ئويغىنىش، ئۆز – ئۆزىنى تونۇۋىلىشنىڭ ئاساسىدۇر، بۇ «بىرلىك»تىن ئارتۇق خەۋپ – خەتەر يوق ماڭا! ...»
    ھۈسەيىنقارىم دەل مۇشۇنداق پەيتتە ياڭ جاڭجۈننىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ، جاڭجۈن ھۈسەيىنقارىم ئىنئام قىلغان 100 دانە تىللانى ئاپتۇ، ئەرزىگە قۇلاق ساپتۇ ۋە خىيال سۈرۈپ قاپتۇ، شۇئەسنادا ھەسەنقارىممۇ كىرىپ كەپتۇ - دە 100دانە تىللانى ئالدىغا قويۇپتۇ، ئەرزىنى بايان ئەيلەپ ئاھ ئۇرۇپتۇ. جاۋاب كۈتۈپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ.
    - ئويلىشىپ باقاي، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ جاڭجۈن.
    ئاكا - ئۇكىلار بىر - بىرىگە تۇيدۇرماستىن ئۇقۇشۇپ - سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «ئويلىشىپ باقاي»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىۋاپتۇ. ئاكىسى 120تىللا ئىنئام قىلغان بولسا ئۇكىسى 150، ئىككى يۈزنى ئىنئام قىلىۋېرىپتۇ. ھەسەنقارىم ئاكىلىق ئورنى تۈپەيلىدىن بۇ دەۋادا ئۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كېتىپ. ئىنئام يوللاشتا ھۈسەيىنقارىمغا يېتىشەلمىگەن بولسا كېرەك، شۇڭلاشقا ياڭ جاڭجۈن :
    - سەنمۇ مەسچىت سال، ئىمام بول! - دەپ بۇيرۇپتۇ ھۈسەيىنقارىمغا - سىنىڭ قوللىغۇچىلىرىڭنىڭ ئەجدادى تەرىپىدىن مەسچىتكە ۋەخپە قىلغان دۇكان - ساراي، يەر - زېمىنلارغا سەن ئىگىدارچىلىق قىل! ھەسەنقارىمغىمۇ مۇنداق دەپتۇ:
    - ئەسلىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولىۋەر. سىنىڭ قوللىغۇچىلىرىڭنىڭ ئەجدادى تەرىپىدىن مەسچىتكە ۋەخپە قىلغان دۇكان - ساراي، يەر - زېمىنلارغا سەن ئىگىدارچىلىق قىلىۋەر!
    دەۋادا ئۇتقان، غەلىبە خۇشاللىقىغا چۆمۈلگەن ھۈسەيىنقارىم ئۆز ئىچىدە مۇنداق قارارغا كەپتۇ؛ شۇنداق بىر جامە سالدۇرايكى، نامىم ئەلگە تارالسۇن، شۆھرىتىم كۆككە يەتسۇن، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن كونا مەسچىت بويۇن قىسىپ بىر چەتتە قالسۇن!. . . .
    ھەسەنقارىم بۇنى بىلىۋالغاندەكلا سوراپتۇ:
    - جاڭجۈن ئالىيلىرى، قۇرۇلغۇسى مەسچىتنىڭ كۆلىمى، شەكىل - نۇسخىسى. . .
    - كونا مەسچىت بىلەن ئوپ - ئوخشاش، - دەپ جاكارلاپتۇ جاڭجۈن، - بىر قەدەم كەڭ - تار، بىر غېرىچ ئېگىز - پەس، بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، گۈل نەقىشلىرىدىن تارتىپ، سىر بوياقلىرىغىچە ئوپ - ئوخشاش بولۇش كېرەك!. . . . .
    بىلدىڭمۇ، ئوغلۇم؟ «قوش مەسچىت»نىڭ تارىخى ئەنە شۇ! ئايدەك يورۇق، باھاردەك يىللىق كوچىمىزنىڭ تۇماندەك تۇتۇق، جۇدۇن پەسلىدەك سوغۇق كوچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئەنە شۇ!

    جىنىم بوۋا ! ئاخىرەتكە سەپەر قىلغىنىڭغا چارەك ئەسىر بولغان بۈگۈنكى كۈندە مەن ئايرىلغىنىمغا شۇنچە يىللار بولغان يۇرتۇمغا قاراپ كېتىۋاتىمەن، نۇرانە چېھرىڭ ۋە ئوتلۇق نەپەسلىرىڭ بىلەن ئىللىپ تۇرىدىغان كوچامغا قاراپ كېتىۋاتىمەن، يېقىنلاشقانسېرى سېغىنىش - ئىنتىزارلىق ئوتلىرى لاۋۇلدىماقتا، تەشۋىش - ئەندىشىلىرىم كۈچەيمەكتە: ئاھ، مېنىڭ كوچام، قانلىق تارىخى سەرگۈزەشتلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ھەسرەت - نادامەتلىك كوچام! تىنچ، ئىتتىپاقلىق باھارىنىڭ ئارامبەخش ئاپتىپىدا يورۇپ يىللىغانسەنمۇ ياكى ئۆزھالىتىڭچە تۇرىۋەرگەنسەنمۇ؟ سۈبھى - سەھەر ۋاقتىدا قارىمۇ قارشى ئىككى دەرۋازىدىن تەڭ چىققان ئىككى مۇسۇلماننىڭ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام»نى بەجا كەلتۈرۈپ بىر مەسچىتكە قاراپ دوستانە قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرەرمەنمۇ ياكى ئەينى زامانلاردىكىدەك «مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز»دەپ بىر بىرىنى ئىتتىرىشىۋاتقان نادانلارنىمۇ؟ ھۆرمەتلىك يىڭى ئىمامىمىز بىر مەسچىتكە جەم بولغان ئەھلى جامائەتتىن: «ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىغا سەۋەب نېمە دۇر؟» دەپ سورىسا، پۈتكۈل جامائەت: «ئىككى نەرسىدۇر: بىرى جاھىللىق ۋە نادانلىق؛ ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر»دەپ جاۋاب بەرسە؛ «ئىززەت –ئابرۇي، قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولۇر؟» دېگەن ھامان :«بىلىم –مەرىپەت، ئىتتىپاقلىق بىلەن بولۇر»① دەپ يەكدىللىك بىلەن جاۋاب بەرسە، خۇشاللىقتىن يۈرەكلىرىم يىرىلىپ كەتمەسمىدى؟ سىنىڭچۇ، بوۋا؟ بوش، بىكار قالغان يەنە بىر مەسچىتنىڭ كۆز گۆھەرلىرىمىز، ئۈمىد يۇلتۇزلىرىمىز ئۈچۈن ئارامبەخش باغچە، يەسلى قىلىپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسەمچۇ؟ ئۇ چاغدا مەن غەمكىن قەبرەڭنى مەھكەم قۇچاقلاپ، بار ئاۋازىم بىلەن خىتاب قىلماسمىدىم :
    - بوۋا، جىنىم بوۋا، خاتىرجەم بول، ئارزۇ مۇرادىڭ گۈل - چېچەك ئاچتى!
    1986- يىلى، يانۋار. قەشقەر.

    ______________________________________
    ئاپتۇر ئىزاھاتى: ① سۇئال - جاۋاپلار «ئاقائىد زۆرۈرىيە»دىن ئىلىندى.

    مەمەتئېلى زۇنۇننىڭ «شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى» نەشىر قىلغان «قوش مەسچىت» ناملىق ئەسەرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-29 0:32:59]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.