ئوغلۇمنىڭ دۇنياسى(نۇرگۈل ھېيت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 07:03:34

ئوغلۇمنىڭ دۇنياسى(ھېكايە)نۇرگۈل ھېيتئاپتور سۆزى: بۇ ئۈچ يېرىم ياشلىق ئوغلۇم ئەليارنىڭ چىن ھېكايىسى. بۇ ھېكايىدە ئوغلۇمنىڭ ھەربىر سوئالىنى سورىغان چېغىدىكى ھېسسىياتىنى، يىغلامسىرىغان ئاۋازىنى...

    ئوغلۇمنىڭ دۇنياسى(ھېكايە)
    نۇرگۈل ھېيت


    ئاپتور سۆزى: بۇ ئۈچ يېرىم ياشلىق ئوغلۇم ئەليارنىڭ چىن ھېكايىسى. بۇ ھېكايىدە ئوغلۇمنىڭ ھەربىر سوئالىنى سورىغان چېغىدىكى ھېسسىياتىنى، يىغلامسىرىغان ئاۋازىنى، مېنىڭ يۈرىكىمدىن ئېتىلىپ چىققان كۆز ياشلىرىمنى يازالمىدىم. گۆدەك ئوغلۇمنىڭ ئاددىيلا سورىغان ھەر بىر سوئالى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر سوئالىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن پۈتكۈل تارىخنى ۋاراقلاشقا، ھازىر ئۈستىدە ئويلىنىشقا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمگە، گاھ ئالەمگە يۈزلەنسەم، گاھ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىكى ئۆزلۈكۈمگە يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئوغلۇم بىلەن قول تۇتۇشۇپ ماڭساق، مەن ئۇنى ئەمەس، بەلكى ئۇ مېنى يېتىلەپ مېڭىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. راست، مەن ئوغلۇمغا ئەگىشىپ كېتىۋاتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن بىللە چوڭ بولۇۋاتىمەن. رەھمەت ساڭا ئوغلۇم، مېنى بۇلغىنىۋاتقان چوڭ ئادەملەر دۇنياسىدىن پەيلاسوپلارغا خاس ساددىلىق، گۈزەللىك ھەم چىن مەنە يوشۇرۇنغان بالىلار دۇنياسىغا قايتۇرۇپ كەلگىنىڭگە رەھمەت. قولۇمنى قويۇۋەتمە، مەن ساڭا ئەگىشىپ ئادەم بولاي.

    — ئوغلۇم، قۇياشمۇ ئۇخلىغىلى كەتتى، بىزمۇ ئۇخلايلى.
    — ئەمىسە ماڭا قىزىقارلىق چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭ.
    — ئەلۋەتتە ئېيتىپ بېرىمەن ئوغلۇم. «ئۇر توقماق»نى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
    — ياق، ئۇنى بىلىمەن.
    — «ئۈجمە سايىسى»نى ئېيتىپ بېرەيمۇ ئەمىسە؟
    — ياق، ئۇنىمۇ سىز تۈنۈگۈن ئېيتىپ بولغان.
    — ئۇنداق بولسا ھايۋانلار توغرىسىدىكى چۆچەكنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
    — ئانا، بىز ئادەممۇ، ھايۋانمۇ؟
    — بىز ئەلۋەتتە ئادەم.
    — بىز ئادەم تۇرساق ماڭا نېمىشقا ئەمىسە ھايۋانلار توغرىسىدىكى چۆچەكنى ئېيتىپ بېرىسىز؟
    — بۇ دۇنيادا بىز ئادەملەردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ياشايدۇ. مەن ساڭا ئۇلار ھەققىدىكى قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بەرسەم، ئۇلارغا بولغان تونۇشۇڭ چوڭقۇرلىشارمىكىن دەيمەن.
    — ئانا، ماڭا ئادەملەر ھەققىدە چۆچەك ئېيتىپ بېرىڭ.
    — ئاڭلا ئوغلۇم، مەن ساڭا چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ چۆچىكىنى ئېيتىپ بېرەي.
    — چىن تۆمۈر باتۇر؟! باتۇر دېگەن قانداق بولىدۇ ئانا؟
    — باتۇر دېگەن ئاجىزلارنى قوغدايدىغان، زومىگەر، زالىم، ئالۋاستىلاردىن قورقماي، ئۇلارغا قارشى تۇرالايدىغان قورقماس ئادەم.
    — تېزرەك ئېيتىپ بېرىڭە ئانا!
    — بۇرۇنقى زاماندا بىر ئورمانلىقنىڭ چېتىدە بىر ئاكا-سىڭىل ياشايدىكەن.
    — ئۇلارنىڭ دادىسى، ئانىسى يوقمىكەن؟
    — يوق ئىكەن.
    — دادىسى بىلەن ئانىسى ئۇلارنى باقماي نەگە كېتىپتىكەن؟
    — ئورمانلىققا ئوۋغا چىققاندا يولۋاس يەپ كەتكەن بولسا كېرەك.
    — دادىسى بىلەن ئانىسى بولمىسا ئۇلار قانداق ياشايدىكەن؟
    — ئاكىسىنىڭ ئىسمى چىن تۆمۈر باتۇر، سىڭلىسىنىڭ ئىسمى مەختۇمسۇلا ئىكەن. ئاكىسى ھەر كۈنى ئارغىماققا مىنىپ، مىسران قىلىچىنى ئېسىپ، كاپ-كاپ كۈچىكىنى ئەگەشتۈرۈپ ئورمانلىققا ئوۋغا چىقىپ، توشقان، كېيىك، بۇغا، جەرەنلەرنى تۇتۇپ ئەكېلىدىكەن. سىڭلىسى مەختۇمسۇلا ئۆيىدە ئوتنى ئۆچۈرمەي، كۈلىنى كۆچۈرمەي ئولتۇرۇپ ئاكىسى تۇتۇپ كەلگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى پىشۇرۇپ، ئاكىسى بىلەن بىللە يەيدىكەن.
    — چىن تۆمۈر باتۇر توشقان، كېيىكلەرنى ئۆلتۈرسە ئورمان ساقچىسى تۇتۇۋالمامدۇ؟
    — ياق ئوغلۇم، ئۇ بەك بۇرۇنقى چاغلار بولغاچقا، ئۇ زامانلاردا ساقچى يوق ئىكەن.
    — چىن تۆمۈر باتۇر بەك ئەسكى ئىكەن، ساقچى تۇتۇۋالمىسىمۇ ئوماق توشقان، كېيىكلەرنى ئۆلتۈرسە بولمايدۇ-دە!
    — ئۇ چاغلاردا تېرىلغۇ يەر ئاز، سۇ قىس بولغاچقا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز چىن تۆمۈر باتۇرغا ئوخشاش ئات مىنىپ، ئوۋ ئوۋلاپ ياشاپتىكەن. بىر كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا چىقماقچى بوپتۇ.
    — ئۇ ئوۋغا نېمە ئېلىۋاپتۇ؟
    — مىسران قىلىچىنى ئاپتۇ، يەنە تېخى قولىغا ئالغۇر بۈركۈتنى قوندۇرۇپ، دۈمبىسىگە يا ئوقىنىمۇ ئېسىۋاپتۇ. ئۇ سىڭلىسىغا ئوتنى ئۆچۈرمەسلىكنى تاپىلاپ يولغا چىقىپتۇ.
    — ئوت ئۆچۈپ قالسا نېمە بولىدىكەن؟
    — تاماق ئەتكىلى، چاي قايناتقىلى  بولمايدۇ. ئاخشىمى قاراڭغۇدا قورقىدۇ. مەختۇمسۇلا ئېھتىيات قىلماي ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويۇپتۇ. ۋە بىر كۈن ساقلاپ ئولتۇرۇپ ئاكىسى كەلمىگەندىن كېيىن، ئوت ئىزدەش ئۈچۈن ئۆگزىسىگە چىقىپ يىراقلارغا قاراپتۇ.
    — ئوت ئۆچۈپ قالسا سەرەڭگىدە ئوت ياقسا بولىدىغۇ؟
    — ئۇ چاغلارا سەرەڭگە يوق ئىكەن. بىر قېتىم ئوت يېقىۋالسا چوغنى ئۆچۈرمەي ساقلاپ ئوت تۇتاشتۇرىدىكەن. ئورمانلىقنىڭ چېتىدە ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەندىن باشقا ھېچكىم يوق ئىكەن.
    — مەختۇمسۇلا قانداق قىپتۇ؟
    — مەختۇمسۇلا يىراقتىكى بىر كەپىنىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ يەردە ئوت بار ئىكەن دەپ ئويلاپ، نۇرغۇن يول مېڭىپ ئۇ كەپىگە بېرىپتۇ. ئۇ كەپىدە بىر قېرى يالماۋۇز ئولتۇرىدىكەن. ئۇ يالماۋۇز مەختۇمسۇلادىن ھەممە ئەھۋالنى سوراپ بىلىۋالغاندىن كېيىن، بىر تال چوغ بېرىپتۇ.
    — چوغنى تۇتسا مەختۇمسۇلانىڭ قولى كۆيۈپ كەتمەمدۇ؟
    — مەختۇمسۇلانىڭ تۆمۈردىن ياسالغان بىر چوغدىنى بار ئىكەن. چوغنى شۇنىڭغا سېلىپ ئاپىرىپ، ئوت يېقىپ، چاي قاينىتىپ ئىچىپ ئۇخلاپتۇ. ئەتىسى يالماۋۇز كېلىپ، مەختۇمسۇلانىڭ تاپىنىنى تېشىپ قېنىنى شوراپ ئىچىۋاپتۇ.
    — مەختۇمسۇلا ئۆلۈپتىمۇ؟
    — ياق، ئۆلمەپتۇ. ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. كەچتە چىن تۆمۈر باتۇر كېلىپ سىڭلىسىدىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ، يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشىكنىڭ كەينىگە مۈكۈپ تۇرۇپتۇ. يالماۋۇز ئەتىسى يەنە كەپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن چىقىپ يالماۋۇز بىلەن ئېلىشىپتۇ. ھېلىقى يالماۋۇزنىڭ يەتتە بېشى بار ئىكەن. چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇزنى قوغلاپ يۈرۈپ، مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە ئۇنىڭ يەتتە بېشىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلاپ، يالماۋۇزنى ئۆلتۈرۈپتۇ. ئوغلۇم، چىن تۆمۈر باتۇر راستتىنلا باتۇرمىكەن؟
    — ھەئە، باتۇر ئىكەن.
    — ئۇ قانداق باتۇر ئىكەن؟
    — ئاتقا مىنىپ، مىسران قىلىچىنى ئېسىپ، يەتتە بېشى بار يالماۋۇزنى ئۆلتۈرگەن باتۇرئىكەن.
    — سەنمۇ چىن تۆمۈر باتۇردەك باتۇر بولغىن، ئوغلۇم.
    — مېنىڭ يا ئېتىم بولمىسا، يا قىلىچىم بولمىسا، قانداق باتۇر بولىمەن؟ ئېتى يوق، قىلىچى يوق چىن تۆمۈر باتۇر بولسام يالماۋۇز مېنى يەۋالمامدۇ؟
    — مەن ساڭا ئات ئېلىپ بېرەي، قىلىچ ئېلىپ بېرەي، ئاتقا مىنىپ، قىلىچىڭنى ئېسىپ بېرىپ يالماۋۇزنى ئۆلتۈرگىن، بولامدۇ؟ ئوغلۇم.
    — مەن يالماۋۇزنى ئۆلتۈرەلەيمەنما؟
    — ئۆلتۈرەلەيسەن ئوغلۇم، چوقۇم ئۆلتۈرەلەيسەن.
    — يالماۋۇزنى ئۆلتۈرسەم ساقچى تۇتۇۋېلىپ سولاپ قويىدۇ.
    — ياق ئوغلۇم، ئادەملەرنى ئۆلتۈرسە ساقچى تۇتۇۋېلىپ تۈرمىگە سولايدۇ، يالماۋۇز دېگەن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ دۈشمىنى. ساقچىلارنىڭمۇ دۈشمىنى، ئۇنى ئۆلتۈرسەڭ ساقچى تۇتۇۋالمايدۇ.
    — ئانا، قىلىچنى نەگە ئاسىدۇ؟
    — باتۇرلار بېلىگە كەمەر باغلايدۇ، قىلىچنى ئاشۇ كەمەرگە ئاسىدۇ.
    — دادام تېلېفون تاقايدىغان يېرىگىمۇ؟
    — ھەئە.
    — دادامنىڭ قىلىچى بارمۇ؟
    — يوق، داداڭ دېگەن ئوقۇتقۇچى تۇرسا، قىلىچ ئېسىپ يۈرسە بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار قورقۇپ كېتىدۇ.
    — بوۋامنىڭ قىلىچى بارمۇ ئانا؟
    — يوق، ئالما سويىدىغان كىچىك پىچىقى بار.
    — دادامنىڭمۇ قىلىچى بولمىسا، بوۋامنىڭمۇ قىلىچى بولمىسا، مەن قانداق باتۇر بولالايمەن؟
    —...
    — ئانا، سىزنىڭ قىلىچىڭىز بارمۇ؟
    — نېمە؟ قىلىچ؟!... مەندە... بار ئوغلۇم، مېنىڭمۇ قىلىچىم بار.
    — ئانا، راستمۇ؟ سىزدە راستتىنلا قلىچ بارمۇ؟ ماڭا ئېلىپ بېرىڭە، تاسمامغا ئېسىۋالاي.
    قىلىچىم بولسا يالماۋۇزدىن ھەرگىز قورقمايمەن.
    — ئۇنى ئالغىلى بولمايدۇ.
    — ماڭا كۆرسىتىپ قويىڭە ئانا، مەن ئۆزۈم ئالاي.
    — قولۇڭنى ئەكەل ئوغلۇم، مېنىڭ قىلىچىم مانا ماۋۇ دۈك-دۈك سوقۇپ تۇرغان يەردە.
    — بۇ دېگەن يۈرەك.
    — شۇنداق ئوغلۇم، مېنىڭ قىلىچىم مۇشۇ.
    — قىلىچ دېگەن شۇنداق ئۆتكۈر تۇرسا، يۈرىڭىڭىزنى كېسىۋەتمەمدۇ؟
    — كېسىۋېتىدۇ، تىلىۋېتىدۇ، يارا قىلىۋېتىدۇ تېخى.
    — يۈرىكىڭىز كېسىلىپ كەتسە ئۆلۈپ قالمامسىز؟
    — ياق ئوغلۇم، ئادەمنىڭ يۈرىكىنى شۇنداق بىر قىلىچ تىلىپ، يارىدار قىلىپ تۇرسا ئادەم تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ ياخشى ياشىيالايدۇ.
    — ئانا، يۈرىكىڭىزدىكى قىلىچتا يالماۋۇزنى ئۆلتۈرگىلى بولامدۇ؟
    — بولىدۇ ئوغلۇم. يۈرىكىمدە قىلىچ بولغاچقىلا بۇ دۇنيادىكى جىمى بۇزۇقچىلىق، زەھەر، مەنىۋى بۇلغىنىش ۋە ئەسكى ئىشلارنى ئۆزۈمگە يېقىن يولاتماي، قارشى تۇرۇپ پاك ياشاۋاتىمەن.
    — دادامنىڭ يۈرىكىدىمۇ قىلىچ بارمۇ؟
    — بار، مېنىڭچە، چوقۇم بار.
    — ئانا، سىز دادامنىڭ يۈرىكىدىكى قىلىچنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
    — ھەئە، كۆرۈپ باققان.
    — قاچان كۆرگەن؟ دادام نېمىشقا ماڭا كۆرسەتمەيدۇ؟
    — مەكتەپ مۇدىرى زىياپەتتە ھاراققا زورلاۋەرگەندە ئۆزىگە تەڭلەنگەن قەدەھنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتقان چاغدا، بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرىنىڭ ئالدىدىكى بوۋاقلارنىڭ كەلگۈسىگە ئېچىنىپ ياش تۆككەن چېغىدا، كېچە-كېچىلەپ ماتېرىيال كۆرۈپ، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ھاياتلىق يولىنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان چاغلىرىدا، ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتىدە كۆرۈپ تۇرىمەن.
    — يۈرىكىدە قىلىچ بار ئادەم دادامدەك كېچىچە ئۇخلىماي ئىشلەمدۇ؟
    — كېچىچە ئۇخلىماسلىق باشقا بىر گەپ ئوغلۇم. ئەڭ مۇھىم يېرى، شۇ ئادەمنىڭ نېمە مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قايسى ئىشنى قىلىشىدا. خەلق، ۋەتەن، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن شېرىن ئۇيقۇ، راھەت-پاراغەتتىن ۋاز كېچىپ، كېچە-كۈندۈز ئەل غېمىدە ياشايدىغان ئادەمنىڭ يۈرىكىدە قىلىچ بولىدۇ.
    — ئانا، مېنىڭ يۈرىكىمدىمۇ قىلىچ بارمۇ؟
    — ھەئە، بار ئوغلۇم. سېنىڭ يۈرىكىڭدىمۇ پارقىراق، ئۆتكۈر، كىچىككىنە ئوماق قىلىچ بار.
    — ياق، كىچىك قىلىچتا يالماۋۇزنى ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ يۈرىكىمدىمۇ يوغان، دادامنىڭكىدەك قىلىچ بار. ئانا، يۈرىكىمگە قىلىچنى كىم سېلىپ قويغان؟
    — سەن تۇغۇلغاندىلا بار ئىدى. داداڭ بىلەن مەن بۇ قىلىچنى بىلەپ، تېخىمۇ ئۆتكۈر قىلىش ئۈچۈن تىرىشتۇق.
    — بوۋامنىڭ ئۆيىدىكى بىلەي تاشقا بىلەپمۇ؟
    — ياق ئوغلۇم، يۈرەكتىكى قىلىچنى تاشقا بىلىگىلى بولمايدۇ. ئۇنى ساڭا نۇرغۇن كىتابلارنى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇپ بېرىش، قەھرىمان-باتۇرلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىش، چېنىقتۇرۇش، سەيلە-ساياھەت قىلدۇرۇپ نەزەر دائىرەڭنى ئېچىش، تەبىئەتنى چۈشەندۈرۈش، بىلىم ئۆگىتىش، ئۇلۇق ئەجداتلارنىڭ شانلىق تارىخىي قىسسىلىرىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بىلەپ ئۆتكۈر قىلىمىز.
    — سىز ماڭا ھېكايە ئېيتىپ بەرسىڭىز، كىتاب ئېلىپ ئۆگەتسىڭىز يۈرىكىمدىكى قىلىچ تېخىمۇ ئۆتكۈر بولامدۇ؟
    — شۇنداق ئوغلۇم.
    — ئۇ چاغدا يالماۋۇزنىڭ يەتتە بېشىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ ئۆلتۈرۈۋېتەلەمدىمەن؟
    — ھازىرقى يالماۋۇزلارنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. يالماۋۇز ھازىر ھاراق، تاماكا، زەھەر، ئەخلاقسىزلىق، چىرىش، مەنىۋى بۇلغىنىش، كىيىم-كېچەككە، راھەت-پاراغەتكە، داغۋازلىققا بېرىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئىنسانىيەتنىڭ قېنىنى ئاستا-ئاستا شوراپ تۈگەتمەكتە.
    — مېنىڭمۇ قېنىمنى شورامدۇ؟
    — جىم تۇرۇپ بەرسەك ھەممە ئادەمنىڭ قېنىنى شوراۋېرىدۇ. روھنى خورىتىپ، زەئىپلەشتۈرىدۇ.
    — مېنىڭ قېنىمنى شورىۋالسا مەن ئۆلۈپ قالمامدىمەن؟
    — شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا قارشى تۇرالايدىغان باتۇر بولۇشۇڭ كېرەك.
    — مەن يۈرىكىمدىكى يوغان قىلىچ بىلەن يالماۋۇزنىڭ ھەممە بېشىنى كېسىۋېتىمەن. سەت يالماۋۇزنى دادامنىڭمۇ، سىزنىڭمۇ، مېنىڭمۇ، بوۋامنىڭمۇ، ئادىل ئاكام، مەرھابا ئاچام، قەدىرىيە ئۇكامنىڭمۇ قېنىنى شورىغىلى قويمايمەن.
    — شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك جېنىم باتۇرۇم. چۈشۈڭدە چىن تۆمۈر باتۇرنى كۆرگەيسەن.
    — ئۇخلىمىسا قانداق چۈش كۆرگىلى بولىدۇ؟
    — ئەمىسە ئۇخلايلى.
    — ياق، مەن ئۇخلىمايمەن، ئۇخلاپ قالغاندا يالماۋۇز كېلىپ قالسا قانداق قىلىمىز؟
    — يۈرىكىمىزدىكى قىلىچنى بىر قېتىم بىلىۋېتىپ ئۇخلىساق، يالماۋۇز قورقۇپ بىزگە يېقىن يولىيالمايدۇ.
    — ئۆتكەندە بىز ئۇخلاپ قالغاندا ئۆيىمىزگە ئوغرى كىرىپ، جىق نەرسىلىرىمىزنى ئېلىپ قېچىپ كېتىپتىكەن، يەنە ئۇخلاپ قالساق يالماۋۇز كېلىپ يۈرىكىمىزدىكى قىلىچنى ئوغرىلاپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟
    — يۈرەكتىكى قىلىچنى ھېچكىم ئوغرىلىيالمايدۇ ئوغلۇم. ئۇنى پات-پات بىلەپ تۇرمىسا داتلىشىپ كاردىن چىقىدۇ. دائىم بىلەپ تۇرساق تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىدۇ.
    — خوش ئانا، مەن يۈرىكىمدىكى قىلىچنى چىڭ تۇتۇپ ئۇخلايمەن.
    — ئەتىگەندە سەھەر ئويغانغىن، باتۇرۇم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.