ئۈمۈدسىز غۇنچە

يوللىغۇچى : sersan يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-20 09:54:45

ئۈمۈدسىز غۇنچەقەلبىمنىڭ چوڭقۇر تۆرىدىن ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك ئەزىزىم:سەن ئۈچۈن قەدىرسىز سۇلغان غۇنچىدىن.سالام ساڭا!ھاياتتىن ئىبارەت گۈزەل بىر باغدا بىر غۇنچە ئۆز نالىلىرى ئازابىدىن زارلانماق...

    ئۈمۈدسىز غۇنچە

     

     

    قەلبىمنىڭ چوڭقۇر تۆرىدىن ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك ئەزىزىم:سەن ئۈچۈن قەدىرسىز سۇلغان غۇنچىدىن.سالام ساڭا!

     

    ھاياتتىن ئىبارەت گۈزەل بىر باغدا بىر غۇنچە ئۆز نالىلىرى ئازابىدىن زارلانماقتا ئىدى.ئەپسۇسكى رەھىمسىز باغۋەن بۇ نالىگە پەرۋاسىز باشقا گۈللەر ئۈچۈن ئاۋارە.بىچچارە باغۋەن پەرۋىشىگە مۇھتاج غۇنچە نالىسى تۆۋەندىكىچە:

    ئەسسالام سۈيۈملۈك باغۋىنىم ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سالاملىرى سەن ئۈچۈن بولسۇن!غۇبارسىز بىر ئۇرۇق ۋاقىتلىرىمدا ئۆز قوللۇرۇڭغا ئىلىپ مىنى سۈيۈپ ئىيتقان شۇ سۆزلۈرۈڭ ھېلى ھەم يادىمدا،مىنى گۈل قىلىش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىلىرىڭدىن تولىمۇ سۈيۈنگەن ئىدىم.ھەقىيقەت، يۈرەك بېغىڭغا تىرىغان شۇ ئۇرۇغۇم ،بېغىڭدا ئۈنۈش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سىنىڭ پەرۋىشىڭغا مۇھتاج بولدى.ئەنە شۇ ئۇرۇق غۇنچە بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،تۇيۇقسىز چىققان بوران بىچچارە غۇنچىنى ئۆز كۈچىدىن مەھرۇم قىلدى.ئاللاھ شۇ غۇنچىنى.ئۇنىڭغا  تىكىلگەن دۈشمەن كۆزلىرىدىن ساقلىسۇن.شۇنداق بولىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.ئەپسۇس غۇنچە ئۆز مەۋجۇدلىقىدىنمۇ ئەلا بىلىدىغان شۇنچە ئىشەنچ بىلەن سەمىيمى پەرۋەىشىنى كۈتكەن باغۋەن بولسا ئەتراپىدىكى ۋاقىتلىق ئىگىلمەي تۇرغان خۇش پۇراق گۈللەر ئۈچۈن مەسىخۇش بولغان ئىدى.لەنەتلەر بىر سەن ئۈچۈن بولسۇن ئې، ۋاپاسىز باغۋەن.گەر بۇ ئۇرۇقنى قولۇڭغا ئالمىغان بولساڭ ئىدى،ۋاقىتلىق ئاجىزلىقىدىن سەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگەن بولساڭ ئىدى،بۇ غۇنچە ھەم سەن ئۈچۈن شۇ گۈللەر ئورنىغا مەڭگۈلۈك بولاتتى ئەمەسمۇ؟

     

    غۇنچە دىدى:سۈيۈملۈك باغۋەن بۇ سىنى سۈيگەن غۇنچەڭنىڭ يۈرەك سۆزلىرى،ئىلتىماس ئاخىرقى بىر مەرتە قۇلاق سالغىن.!

    ھاياتلىقتا مۇھتاجسىز ھېچ بىر ئىنسان بولمايدىكەن،گەر سەن ساڭا بولغان مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقالىساڭ ھەممىدىن ئۇلۇغ بىر ئىنسان بولالايدىكەنسەن.بىراق ئۇنداق بولمىغاندا سەن ھەم مۇھتاجلىقتا بولغىنىڭدا، ھەممە سەن ئۈچۈن يىراقتا بولىدىكەن.ساڭا ئىشىنىپ ئۈزۈمنى سۇنغان بۇ نادانلىق گۇناھىم ئۈچۈن سەندىن ئەپۇ سورايمەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ساڭا ئەقىل كىرىپ ئې، ئاقكۈڭۈل غۇنچەم مىنى كەچۈر دىگىنىڭدە،مەن سەندىن ئاغىرنىشتا ئەمەس بەلكى رازىمەنلىك بىلەن،ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن.چۇنكى سەن ماڭا ئۆزگىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەتتىڭ.ۋە يەنە ھەم سەندىن نەپرەتلەنمەيمەن،ئەكىسچە سەن ماڭا ھەممىگە ئىشەنمەسلىكنى ئۈگەتكىنىڭ ئۈچۈن خۇرسەن بولىمەن.ئەمما سەندىن ئىچىنىدىغىنىم مىنى تاش يۈرەك قىلىپ قويغۇنۇڭ ئۈچۈن، بىر ئۈمۈر سىنى سۈيگۈنۈم ئۈچۈن ئىچىنىپ ئۆتىمەن.بورانلاردا ساڭا مۇھتاج بولۇپ،يىلتىزىم ئۈزۈلگەن چاغلىرىمدا،قاراڭغۇلۇقتا قىلىپ سىنىڭ نۇرۇڭغا تەشنا بولغىنىمدا، مىنى تاشلاپ كەتكىنىڭ ئۈچۈن سەندىن بىر ئۆمۈر يىراقتا ئۆتىمەن.

    باغۋەن پەرۋىشىگە قاتتىق تەشنا بولغىنىدا شۇنچە ئۈمۈدسىز قالغان ئاجىز غۇنچە كۆڭلى بەكمۇ پەرىشان ئىدى.

     

    دىگەندەك،بۇ ئەخمەق باغۋەن ئۆزىنى قايتا رۇسلىغان،ھەقىيقى بىر مىھرىبان باغۋەن پەرۋىشىدە ھىمايە قىلىنىۋاتقان غۇنچە ئالدىدا يۈكۈنگەن پىتى ئۆز خاتالىقلىرىدىن ئۆكۈنۈپ ياش تۆكمەكتە ئىدى.تولىمۇ كىچىككەن بۇ باغۋەن ئۆز قولىدا پەرۋىشلەپ غۇنچە قىلغان بۇ گۈلنىڭ ئالدىدا ئەمدى ئۆزىگە يورۇقلۇق ئىزدەپ بەرگە سورىماقتا ئىدى.

     

    ئىنسان مۇشۇنىڭدەك تولىمۇ مەسئۇليەتسىز بولىدىكەن.يىنىدا بار ۋاقتىدا قەدىرنى بىلمىگەن تامامكى ئايرىلغىنىدا ئۇنى ئۆزىنىڭ قىلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىكەن.شۇ قىسقىغىنە غۇنچە نىداسىدىن كىيىن دەيدىغىنىم،سۈيۈملۈك باغۋەنلىرىم،ھەر ئۇرۇقنى تىرىغۇچى ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى بەرگىسى تۈگىگەنگە قەدەر ئاسىرغىن،كۈزۈڭ يەتمىسە بىر غۇنچىنى قۇرۇتماي ئۇنى ئۆز باغۋەنلىرىگە پەرۋىش ئۈچۈن قالدۇرغىن!

     

    سەن ئۈزۈڭ خالاپ سۈيگەن ئادىمىڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىن،ئەگەردە ئاخىرقى نەپەسكە قەدەرتۇتۇشقا كۈزۈڭ يەتمىسە ،مىنىڭچە ئۇنىڭ قولىنى ۋاقتىدا قۇيۇپ بەرگىن.ئۇنىڭدا ئۇنىڭ قولىنى ئاخىرغىچە تۇتالايدىغانلارغا پۇرسەت بەرگەن بولىسەن!

     

    شەبنەمدىن!

    2011-يىلى5-ئاينىڭ19-كۈنى

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.