قوشماق قەبرە

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-09 16:12:35

ئۇزۇن يىللىق ھەمراھىدىن ئايرىلغان ئېلاخۇن بوۋاي ئەمدى تېخىمۇ شۈكلىشىپ كەتكەنىدى. كۆيۈمچان پەرزەنتلىرى ئاتىسىنى يالغۇز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن نۆۋەتلىشىپ دېگۈدەك بوۋايغا ھەمراھ بولۇۋاتاتتى.


    قوشماق قەبرە

    (ھېكايە)
    ئەسئەت ئابدۇرېشىت

    ئۇزۇن يىللىق ھەمراھىدىن ئايرىلغان ئېلاخۇن بوۋاي ئەمدى تېخىمۇ شۈكلىشىپ كەتكەنىدى. كۆيۈمچان پەرزەنتلىرى ئاتىسىنى يالغۇز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن نۆۋەتلىشىپ دېگۈدەك بوۋايغا ھەمراھ بولۇۋاتاتتى. بوۋاي ئۇلاردىن قەۋەتلا رازى بولسىمۇ، بالىلىرىنىڭ ياخشى كۆڭلى بىلەن: «ساڭا بىر ھەمراھ تېپىپ بېرەيلى، تالا ـ تۈزگە ئاچىقىپ ئايلاندۇرۇپ كىرەيلى...» دېيىشلىرىنى باش چايقاش بىلەن رەت قىلاتتى. ئەمما ئۇ ھەر كۈنى مېيىپ ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، كىمنىدۇر بىرسىنى زارىقىپ كۈتەتتى. دېگەندەك گرادۇسلۇق كۆزەينەك تاقىغان، قورساقلىرى يوغان، سەل ئېگىلگەن بولسىمۇ بۇرۇنقى قاۋۇل بەستىنىڭ ئىزناسى يۈتمىگەن، تېۋىلغا ھاسىلىق مەسۇمجاننىڭ قارىسى ھويلىدا پەيدا بولغان ھامان، ئۇنىڭ ياشاڭغىراپ تۇرىدىغان گۈنسىز كۆزلىرىگە نۇر يۈگۈرۈپ، ۋىجىك ۋۇجۇدى سىلكىنىپ كېتەتتى.
    مەسۇمجان بوۋاي سالام بىلەن ئۆيگە كىرىپ قولىدىكى بازارلىقىنى دېرىزە تەكچىسىگە قوياتتى ـ دە، ھاسىسىنى ئۇنىڭ گۆشى قاچقان بىلەكلىرى ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويۇپ، ئۇ ئولتۇرغان ھارۋىنى تالاغا ئىتتىرەتتى. مەسۇمجان بۇرادىرىگە تىنماي گەپ قىلاتتى. بىر قېتىملىق كېسەل بىلەن يېرىم پارالىچ بولۇپ قالغان ئېلاخۇن ئۇنىڭغا جاۋابەن تېرىلىرى تارتىشىپ تۇرىدىغان، قانسىز يۈزلىرىگە سۇس كۈلكە يۈگۈرتەتتى. مەسۇمجان ھارۋىنى ئىتتىرىپ ئۇنى بازارغا ئاچىقاتتى. ئاندىن ھېلىقى ئاشپۇزۇلغا ئاپىراتتى. ئۇ ھورى چىقىپ تۇرىدىغان قىزىق مانتىنى سوۋۇتۇپ، پارچىلاپ ئېلاخۇننىڭ تىترەپ تۇرغان لەۋلىرىنى قايرىپ، ئاغزىغا سالاتتى. ئېلاخۇن خۇددى بوۋاقلاردەك ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ، ئۇ سالغان تائامنى ھۇزۇرلىنىپ ئاستا يۇتاتتى. تاماقتىن كېيىن مەسۇمجان ھارۋىنى ئىتتىرىپ ھويلىغا قايتىپ كىرەتتى. ئېلاخۇن بوۋاينى كۆتۈرۈپ قېرى ئالما ئاستىدىكى كاتقا ئاۋايلاپ ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى. بۇ چاغدا مەسۇمجاننىڭ پۈتۈن بەدىنى تەردىن چۆپ ـ چۆپ سۇ بولۇپ كېتەتتى. ئۇ تەرلىرىنى بىرەر قۇر سۈرتكەندىن كېيىن خىرقىراپ تۇرۇپ گەپ باشلايتتى. ئېلاخۇن سۆز قىلالمىغانلىقى بىلەن گاھىدا سىلكىنىپ-سىلكىنىپ بۇرادىرىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرەتتى.
    ئۇلار ئەنە شۇنداق كۈندە دېگۈدەك ئۇزۇندىن- ئۇزۇنغا مۇڭدىشىدۇ. بىرسى تىلى بىلەن بىرسى دىلى بىلەن سۆزلەيدۇ. باشقىلار ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. بولۇپمۇ ياشلار تېخىمۇ شۇنداق. بۇنداق چاغدا مەسۇمجان ئۇلارغا شۇنداق ئەسلىمىلەرنى سۆزلەپ بەرگۈسى كېلىدۇ.
    * * *
    ئۇ چاغلاردا سىلەر تېخى تۇغۇلمىغان. ئېلاخۇن ئىككىمىز بىر مەھەللىدە تۇغۇلۇپ بىللە ئوقۇپ چوڭ بولغان ئاغىنىلەردىن بولىمىز. بىز 20 ياشقا كىرە ـ كىرمەيلا ئىنقىلاب باشلىنىپ كەتتى. تەلىيىمىزگە بىز بىرلىكتە ئەسكەر بولۇپ، بىرلىكتە ھەربىي تەلىم ـ تەربىيە ئالدۇق. كېيىنچە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى جەڭلەردە يانمۇ ـ يان تۇرۇپ ئوق ئۈزدۇق. كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قوشۇنى دۈشمەننى سۈر ـ توقاي قىلىپ ماناس دەريا بويىغىچە قوغلاپ بېرىشتا، شىخۇدا دۈشمەن بىلەن قاتتىق تىركىشىپ قالدۇق. دۈشمەن مۇستەھكەم ئابورۇن تۇتۇپ قارشىلاشقاچقا قوشۇننىڭ ئىلگىرىلىشىگە تەسىر كۆرسەتتى. دۈشمەن پوتەيلىرىدىن ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان پىلىموت ئوقىنىڭ دەستىدىن كۆپلىگەن قۇربان بېرىشلەر بولدى. پوتەينى پارتلىتىپ، دۈشمەن پىلىموتىنىڭ زۇۋانىنى ئۆچۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەش ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. كوماندىرلار ھېلىدىن ـ ھېلىغا زەربىدار ئەترەتكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پوتەيگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۈندەيتتى. بۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا مەن تەييارلانغان گراناتلارنى ئېلىپ، پىلىموتچىلارنىڭ ھىمايىسىدە شىددەت بىلەن پوتەيگە قاراپ يۈگۈردۈم. كۈتۈلمىگەندە قارغىش تەگكۈرلەرنىڭ ئوقى تېگىپ يىقىلدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولساممۇ تۇرالمىدىم. ئوق قورسىقىمغا تەگكەنىدى. قان توختىماي چىقىۋاتاتتى. بۇ قوشۇنىمىز سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قوزغاۋاتقان ئاكوپ لىنىيىسىدىن 20 مېتىردەك نېرىدا بولۇۋاتقان ئىش ئىدى. مېنى بىر ئەسكى تامنىڭ دالدىسىدا كۆزىتىپ تۇرغان ئېلاخۇن، يامغۇردەك تۆكۈلۈۋاتقان ئوقلارغا قارىماي مەن تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۆزىنى مېنىڭ ئۈستۈمگە ئاتتى ۋە دەرھال مېنى دۈمبىسىگە بويلىتىپ ياتقۇزۇپ، يەر بېغىرلاپ سۆرەپ يۈرۈپ ئاكوپقا ياندۇرۇپ كەلدى. ئۇ، ھەربىي فورمىسى ئىچىدىن چىگىپ يۈرىدىغان پوتىسىنى يەشتى ـ دە، قورسىقىمنى چىڭ چىگىپ، ھەمشىرىلەرنىڭ نوسىلكىسىغا ياتقۇزۇپبەردى. ھەربىي دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن بىر نەچچە ئايدىلا ياخشى بولۇپ كەتتىم. ساقايغاندىن كېيىن تەشكىل مېنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتمەي، ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمىدە شوپۇرلارغا ياردەملىشىپ، ماشىنا كالونىدا ئىشلەشكە تەقسىم قىلدى.
      ئۇ ياش ۋاقتىدا ئارسلاندەك قورقۇمسىز، يولۋاستەك باتۇر، قەيسەر ـ مەردانە يىگىت ئىدى. مانا ئەمدى قارىمامسىلەر...
    * * *
      ئۇلار ئەنە شۇنداق كۈندە دېگۈدەك ئۇزۇندىن ـ ئۇزۇنغا مۇڭدىشىدۇ. بىرى تىلى بىلەن، بىرى دىلى بىلەن سۆزلەيدۇ. باشقىلار ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. بولۇپمۇ ياشلار تېخىمۇ شۇنداق. بۇنداق چاغلاردا ئېلاخۇن ئۇلارغا شۇنداق ئەسلىمىلەرنى سۆزلەپ بەرگۈسى كېلىدۇ.
    * * *
    ئۇ چاغلاردا سىلەر تېخى تۇغۇلمىغان. 1945- يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرلىرى بولۇپ، سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى. غۇلجا شەھىرىدە پارتىزانلار قوشۇنىنىڭ زەربىسىدە شەھەر ئىچىدىكى گومىنداڭچىلار ئارقا ـ ئارقىدىن تالاپەتكە ئۇچراپ، ھەرەمباغ بىلەن لياڭشاڭغا سولىنىپ قالغانىدى. دۈشمەنگە ئۈرۈمچى تەرەپتىن ياردەمچى قوشۇن كېلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر نەچچە 100 ئاتلىق پارتىزان تاغ يولى ئارقىلىق ئارىشاڭ ناھىيىسىگە قاراپ ئاتلاندى. بۇ قوشۇننىڭ ئىچىدە مەسۈمجان ئىككىمىزمۇ بار ئىدۇق. بىز ئارىشاڭغا بارغاندىن كېيىن شۇ يەرلىك ئىمىن بوغاز دېگەن ئادەمنىڭ ئۆيىنى باش شتاب قىلدۇق.
      «غېنى باتۇر قوشۇن تارتىپ، ئارىشاڭنى ئازاد قىلىدىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ گومىنداڭچىلار بورتالادىن 18 ماشىنا ئەسكەر يۆتكەپ، قوغدىنىشنى كۈچەيتىپتۇ. ئۇلار ئارىشاڭغا كەلگەندىن كېيىن بۆكە ئامبالنىڭ چىۋىرتىدىكى قورۇقىنى ئۆزلىرىنىڭ قورغىنى قىلىۋاپتۇ. بۇ قورۇقنىڭ تاملىرى ئېگىز، مۇستەھكەم ئىدى. بۆكە ئامبال باي ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئارخىتېكتورلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ياساتقانىكەن. بىز بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان بولساقمۇ، قورغان ئىچىگە كىرەلمىدۇق. كېيىنكى بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا غېنى باتۇرغا ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلاندى. بۇ ئىشتىن كېيىن ھۇجۇم قىلىش ۋاقىتلىق توختىتىلىپ، غېنى باتۇرنى ئارقا سەپكە ماڭغۇزۇپ، ساقايتىشنىڭ تەرەددۇتى قىلىندى. بۇ يەردىكى قوشۇنغا، تۇرسۇن لوزۇڭ دېگەن كىشى باشچىلىق قىلىدىغان بولدى.
      غۇلجىغا بېرىشتا چوڭ يول بىلەن مېڭىشقا بولمايتتى. تەلكىنىڭ ئىچىدە گومىنداڭچىلار بار ئىدى. بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، سايرام كۆلىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تاغ ئېشىپ داشىگۈرگە يەتكۈزۈش قارار قىلىندى. غېنى باتۇرنى قوغداپ مېڭىش ئۈچۈن، تاغ يولىنى پىششىق بىلىدىغان، چەبدەس ئەزىمەتلەردىن بىر ئىزۋوتتەك پارتىزان تەشكىل قىلىندى. بىز ئىككىمىزمۇ بۇنىڭغا تاللاندۇق. غېنى باتۇرنى تېزلىكتە ئارقا سەپكە يەتكۈزۈش كېرەك ئىدى. شۇ كۈنىلا ئادەمنىڭ يوتىسى چوڭلۇقىدىكى ياغاچلاردىن پۇختا ھەم چوڭ قىلىپ نوسىلكا ياسىتىلدى. ئۇنى يۈرۈشلىرى ئوخشاش تۆت ئاتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، غېنى باتۇرنى جۇۋىلارغا يۆگەپ نوسىلكىغا ياتقۇزدۇق ۋە تۆت يىگىت تۆت ئات بىلەن ئېلىپ ماڭدۇق. كۆل بويىغا بارغاندا يول ئۆزگەرتىلىپ، كۆلنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى «ئاقبايتالنىڭ تېغى» دېگەن تاغنىڭ ئېتىكى بىلەن ئېلىپ مېڭىلدى. قېلىن كۈلتۈك قاردا مېڭىش قىيىن ئىدى. ئات ۋە جەڭچىلەر ئالماشتۇرۇلاتتى. شۇنداق قىلىپ، بىر كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ، مىڭ مۇشەققەتتە تاڭغا يېقىن كۆلنىڭ جەنۇبىدىكى تاغنىڭ قاپتىلىغا ئۇلاشتۇق. ئەتىسى تاغ قىرقىسىدىن ئېشىپ، بىر ساي بىلەن تۆۋەنلەپ، چۈشتىن كېيىن ساق ـ سالامەت داشىگۈرگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرىدىن ئېلىخان تۆرە، ھېكىمبەگ خوجىلار بىلەن بىر توپ ئادەم ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرغانىكەن. ئۇلار غېنى باتۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاندىن تەييارلىق بويىچە بىزنى داشىگۈرلۈك باي سۇلايمان شاڭزۇڭنىڭ ئۆيىگە چۈشۈرۈپ غىزالاندۇردى. بۇ يەردە بىر كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن غېنى باتۇرنى سانىتارلار بىر پىكاپقا سېلىپ غۇلجا تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن بىزمۇ غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. كېيىن ئاڭلىساق، غېنى باتۇرنى غۇلجىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ئاكىسى ئىلەمنىڭ ئۆيىگە چۈشۈرۈپ، بىر ـ ئىككى كۈن دەم ئالدۇرغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا (موسكۋاغا) داۋالىنىشقا ئەۋەتىۋېتىپتۇ.
      بىز مانا مۇشۇنداق شەرەپلىك مىنۇتلاردىمۇ، ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ ھەمنەپەس بولۇپ كەلگەن ئىدۇق. مۇشۇ پۇرسەتتە مەسۈمجاننىڭ مۇنداق بىر ئىشنى سەمىڭلارغا سالغۇم كېلىپ قالدى. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا قالتىس مۇشتلىشاتتى. بىر بېشى بار ئادەمدىن تاياق يەپ قالمايتتى. بىر كۈنى ئىككىمىز كۆتەمە ئاشپۇزۇلنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتۈپ كېتىپ باراتتۇق. بىر توپ ئادەملەر توپلىشىۋېلىپ، ۋار ـ جور قىلىشىۋاتقانىكەن. قارىغۇدەك بولساق، توپنىڭ ئوتتۇرىسىدا يوغان، بەستلىك، قاپقارا بىرى ئەسەبىيلەشكەن ھالدا، ئادەملەرگە ھەيۋە قىلىپ گۈركىرەيتتى:«قېنى چىقىشمامسەن، ئاناڭنى...! ھەزرىتى ئەلى بولساڭمۇ كېلىشمەمسەن...!» دەپ ۋارقىرايتتى. ئۇ ئادەملەر توپى ئىچىدىن بىر يالاڭتۆشنى تارتىپ چىقىرىپ: «ئاناڭنى، بىر ۋاقلاردا ماڭا خىرىس قىلاتتىڭغۇ؟!» دېدى ـ دە، ھېلىقى بىچارىنى «ۋايجان!» دېيىشىگىمۇ قارىماي، ئۇرۇپ ـ دەسسەپ، ئاغزى ـ بۇرنىنى قان قىلىپ ياتقۇزۇۋەتتى. بۇ يولسىزلقىنى كۆرۈپ چىدىيالمىغان مەسۈمجان مەيدانغا چۈشۈپ، «ھوي بۇرادەر، نېمانچە قىلىسەن؟ ئۇ بىچارىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچىمۇ سەن؟ نوچى بولساڭ ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، مۇشتۇڭنى دۈشمەنگە ئاتمامسەن؟» دېۋىدى، ھېلىقى دېۋەڭ مەسۇمجانغا قاراپ بىر ئالايدى ـ دە: «سەن ھېجىقىز، نېمە دەيسەن؟! سەن تېخى ماڭا تەلىم بەرگۈچى بولدۇڭمۇ؟!» دەپلا، مەسۇمجانغا مۇشت ئاتقىلى تۇردى. دەسلەپتە مەسۇمجان قول ياندۇرماي ئۆزىنى قاچۇردى. تەلۋىلەشكەن نوچى بولسا مەسۇمجاننىمۇ ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋېتىش ئۈچۈن ئارقا ـ ئارقىدىن مۇشت ئاتتى. مەسۇمجانغا بىر ـ ئىككى مۇشت تېگىپمۇ كەتتى. شۇ ئەسنادا مەسۇمجان غەزەپكە كېلىپ، «ئۇنداق قازانغا، مۇنداق چۆمۈچ» قىلدى ـ دە، ھېلىقى نوچىنىڭ قۇلاق تۈۋىگە بىر مۇشت ئاتتى. كۈتۈلمىگەن مۇشتتىن گاڭگىراپ كەتكەن «نوچى» بېشىنى سىلكىپ، بىردەم ئۆندەرەپ تۇرۇپ قالدى. بۇ ئېلىشىشنى كۆرۈپ تۇرغان كۆپچىلىك مەسۇمجاننى ياقلاپ: «ئوغۇل بالا! تاغنىڭ كەينىدە تاغ بار دېگەن مۇشۇ ئەمەسمۇ» دېيىشىپ، ھېلىقىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقىلى تۇردى. نومۇسقا چىدىمىغان «نوچى» ئۆتۈكىنىڭ قونچىدىن شارتتىدە پىچىقىنى چىقىرىپ، مەسۇمجانغا ئېتىلىپ كەلدى. ئۇ پىچاقنى مەسۇمجانغا ئۇردى. مەسۇمجان چەبدەسلىك بىلەن ئۇنىڭ پىچاق تۇتقان قولىغا قارىتىپ بىر پەشۋا ئېتىۋىدى، كۈچلۈك پەشۋا ئۇنىڭ بىلىكىگە تەگدى. «قارس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، پىچاق نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى. «نوچى» بولسا، پىچاق تۇتقان قولىنى سول قولى بىلەن تۇتقىنىچە ئىزىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ تولغىنىپ ئاچچىق ئىڭراپ كەتتى. ئۇنىڭ پىچاق تۇتقان قولى، بىلىكىدىن سۇنغانىدى. مەيدان شۇ ھامان قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ لولاڭچىلىرى يارىلانغان توپ بېشىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ، ئادەملەر توپىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. شۇ ئارىلىقتا باياتىن بېرىقى مۇشتلىشىشنى كۆرۈپ تۇرغان بىزنىڭ روتىنىڭ بىر ئوفىتسېرى يېنىمىزدا پەيدا بولدى ـ دە: «ھە، نېمە قىلىشىۋاتىسىلەر؟ مېڭىشە...» دېگىنىچە ئىككىمىزنى ئالدىغا سېلىپ، شتابقا ئېلىپ كەلدى ۋە سوراققا تارتتى. بىزنىڭ سەۋەب كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈشلىرىمىز كار قىلمىدى. «بۇ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ پۇقرانى ئۇرۇپ، جاراھەتلەندۈرگەنلىك−لۈكچەكلىك قىلمىشى بولىدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، 15 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرۇپ، قىسىم ئىچىدىلا ھەپسىگە تاشلىدى. ماۋۇ پېشكەلچىلىكنى كۆردىڭىزمۇ؟ «ئارىچىغا ئالتە تاياق» دەپ، بۇنىڭمۇ دەردىنى تارتتۇق. سۆزلەپ كەلسەك مەسۇمجان ئىككىمىزنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلار ئۆتۈپتۇ.
    * * *
    بېلىدە ئاق باغلاقلىق مەسۇمجان: «قېرىندىشىم! جىگىرىم! قىيامەتلىك ئاغىنەم...» دەپ پەرياد ئۇرۇپ، بوزلاپ يىغلاۋاتاتتى. شۇم ئەجەل ئېلاخۇننى مەسۇمجاننىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، ئۇنى داغدا قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. مۇڭداشسىز قالغان مەسۇمجان، ئۆزىنى بۇ دۇنيادا تىكەندەكلا يالغۇز ھېس قىلىپ مەيۇسلەندى.
    ئاز ئۆتمەي ئەجەلنىڭ قارا قولى ئەينى ۋاقىتتىكى قاپلان يۈرەك، شىر سۈپەت بۇ پالۋانغا تاشلاندى. كەچكۈزنىڭ مۇدھىش بورىنى دەرەخ يوپۇرماقلىرىغا قوشۇپ، مەسۇمجاننى شېخىدىن يۇلۇپ ئالدى. شەھەرنىڭ شەرقىدىكى تىمتاس قەبرىستانلىقتىكى توپىسى تېخى قۇرۇمىغان ئاددىي قەبرە يېنىغا ياندىشىپ، يەنە بىر قەبرە تۇرغۇزۇلدى. مەسۇمجاننىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، بالىلىرى ئۇنى بۇ قەدىناس ئاغىنىسىنىڭ يېنىغا قويغانىدى. ئوخشاش قىلىپ قوپۇرۇلغان بۇ بىر جۈپ قەبرە، ئەمدى باشقىلارنىڭ دەخلىسىز ئايىغى چىقماس پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئۇلار نۆۋەت بىلەن بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى ياشلارغا سۆزلەپ بەرگۈسى كېلەتتى.
    −ئۇ چاغلاردا سىلەر تۇغۇلمىغان...
    مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 2-سان
    توردىكى مەنبەسى: ئىردىنىش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بوۋاي مۇڭداش قەبرە