نەسرلەر(ئادىل تۇران)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 05:34:27

نەسرلەرئادىل تۇرانمەڭگۈلۈك سايەمەن ئۇنىڭغا ئۇۋىدىكى كىچىك قۇش ئانىسىغا تەلمۈرگەندەك تەلمۈردۈم.مەن ئۇنىڭغا كىچىك قوزىچاق ئانىسىغا ئەگەشكەندەك ئەگەشتىم.مەن ئۇنى ئۆچەككە كىرگەن ھەسەل ھەرىسى با...

    نەسرلەر
    ئادىل تۇران

    مەڭگۈلۈك سايە

    مەن ئۇنىڭغا ئۇۋىدىكى كىچىك قۇش ئانىسىغا تەلمۈرگەندەك تەلمۈردۈم.
    مەن ئۇنىڭغا كىچىك قوزىچاق ئانىسىغا ئەگەشكەندەك ئەگەشتىم.
    مەن ئۇنى ئۆچەككە كىرگەن ھەسەل ھەرىسى باھارنى كۈتكەندەك كۈتتۈم.
    كۈنلەر مۇشۇ رىتىمدە ئۆتمەكتە ئىدى . ئۇ شۇ ماڭغانچە ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي مېڭىۋەردى . كىچىك ئىدىم ، چوڭ بولدۇم ، ياش ئىدىم ، ئوتتۇرا ياشقا كىردىم . لېكىن بىر خىل ھەسەل تەمىدەك ئۈمىد مېنى داۋاملىق ئالدىمغا مېڭىشقا ئۈندەيتتى.
    ئۇ توختىدى ، مەنمۇ توختىدىم . ئۇ ماڭدى ، مەنمۇ ماڭدىم . مېنى شۇنداق بىر خىل خۇشاللىق ئىلكىگە ئالغانىدىكى ، ئۆزۈمنى ئۇنىڭ «سايىسى»گە ئايلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم.

    بىر كۆرۈپ...

    مەن شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭ يۈزىگە بىر قارىۋېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم . بۈگۈن تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇ ماڭا بىرنەچچە دەقىقە تىكىلىپ قارىدى.
    ئۇنىڭ قويۇق ئۆسكەن ئىنچىكە ، ئورغاقتەك قاشلىرى چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىدىكى ، ئويلىغانسېرى كىشى ئۆزىنى مەھكەم بىر بويۇنتۇرۇق ئاستىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى.
    ئۇنىڭ ئۆزىگە چەكسىز گۈزەللىك ، لاتاپەت ئاتا قىلغان بۇلاقتەك كۆزلىرى شۇنداق تىنىق ئىدىكى ، قارىغانسېرى كىشى ئۆزىنى ئاشۇ تىنىق كۆلگە چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى .
    ئۇنىڭ ئۇستا قىرغۇچى قىرىپ چىقارغاندەك ھەم تاغ چوققىسىدىن ئېقىپ چۈشكەندەك بۇرنى شۇنداق ياراشقانىدىكى ، قارىماققا كىشىگە چوڭقۇر ھاڭ لېۋىدىكى ئاخىرقى توساقنى ئەسلىتەتتى.
    ئۇنىڭ ئۇستا نەققاش ئويۇپ چىقارغاندەك ئېغىزى شۇنداق جەلپكار ئىدىكى ، كىشىگە تىلسىملىق كويىقاپنىڭ ئېغىزىنى ئەسلىتەتتى.
    .. . ...
    ماڭا مۇشۇ بىر قېتىملىق قاراشنىڭ ئۆزىلا يەتكەنىدى . دېڭىزدەك دولقۇنلىغان قەلبىم بىردىنلا جىمىغاندەك بولدى-دە ، ئارقامغا قارىۋالدىم.

    كۆڭۈل

    بۇ گۈلنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولدى . ئۇنىڭ ئوتقاشتەك قىزىل رەڭگى ، ۋىلىقلاپ كۈلۈپ تۇرىدىغان بەرگىلىرى ، پورەكلەپ ئېچىلغان ھۆسنى مېنى ئەسىر ئېلىۋالغان . ئۇنى ئۈزۈپ پۇراشنى شۇنداق ئارزۇ قىلىمەن . ئەمما ئۇنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇلغان تاختىدىكى «بۇ گۈل زەھەرلىك» دېگەن ئىلاۋە مېنى ئۇنى ئۈزۈشكە جۈرئەت قىلدۇرمايدۇ.
    ۋاقىت ئۆتمەكتە . گۈل بولسا يەنە شۇ بىر خىل ھالەتتە تۇرماقتا ئىدى . مەن تاقەت قىلالماي قالدىم . ئىلگىرى تاختىدىكى ئىلاۋە مېنى توسىغان ، كۆڭلۈمدە بىر خىل گۇمان پەيدا قىلىپ ، گۈلگە يېقىنلاشتۇرمىغان ، توغرىسى ئۆزۈممۇ جۈرئەت قىلالمىغان بولسام ، مانا ئەمدى كۆزۈمگە ھېچنەرسە كۆرۈنمەي ، ئۆزۈمنى تۇتالماي قېلىۋاتاتتىم . قەلبىمنى بىر خىل تەۋەككۈل قىلىش ئىستىكى چۇلغۇۋالغانىدى.
    مەن ئاخىر گۈلنى ئۈزدۈم.
    گۈل شۇنداق پۇراقلىق ھەم يۇمران ئىدىكى ، ئۇنىڭدىن ئالغان مەستخۇشلۇق ئۇنىڭ تىكەنلىرى ، زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇرغانىدى . مەن گۈلنى تۇتقان پېتى چەكسىز خىيال دېڭىزىدا ئۈزۈشكە باشلىدىم . ئىلگىرىكى كۆڭۈل ئەندىشەمدىن قىلچە ئەسەر قالمىغانىدى . كەلگۈسى بولسا گىرىمسەن ئۇپۇققا ئوخشاش سۈكۈتلۈك ھەم سىرلىق ئىدى...

    ئىزتىراپ

    بىرقانچە كۈندىن بېرى بىر خىل ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالدىم . مەقسەتسىز ئەتراپنى ئايلىنىمەن . ئۇنى-بۇنى تۇتۇپ كۆرىمەن ، ھېچنەرسە دىققىتىمنى يىغالمىدى . تۇرۇپ ئۇزۇندىن بېرى باشقىلاردىن پىنھان تۇتقان بىرەر سىرىم ئاشكارىلىنىپ قېلىۋاتقاندەك ئەندىشە ئىچىدە قالىمەن.
    چەكسىز دالىدا يالغۇز ئايلىنىپ يۈرەتتىم . يىراق ئۇپۇق سىزىقىدا بىر توچكا پەيدا بولۇپ ، بارغانسېرى چوڭىيىشقا باشلىدى . تاقەتسىزلىك بىلەن ئۇنى ساقلىدىم.
    كۆزۈم تېلىپ ، ئۇنىڭ ئالدىمغا كېلىپ قالغىنىنى سەزمەي قاپتىمەن . قارىسام ئوتقاشتەك پەرەنچە ئىچىدە ئاپتاپتەك كۈلۈپ بىر جانان تۇراتتى . بىر قارىسام ئۇ ماڭا شۇنداق تونۇش ، بىر قارىسام ناتونۇش ئىدى . بىراق سېكۇنت ئىچىدە ئۇنىڭ ماڭا تىكىلگەن ئوتلۇق كۆزىدىن چاقنىغان نۇر پۈتۈن دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتىپ ، ئۇزۇندىن بېرى ئىزلەۋاتقان نەرسەمنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىۋاتقاندەك سەزگۈگە كەلتۈرۈپ قويدى . مەن بىردىنلا جىسمىمنى يەرگە سىڭىۋاتقاندەك ، خىيال ئېكرانىمدا بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق بىر كۆلەڭگىنىڭ ئىزى قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم.

    تىكەنلىك گۈل

    ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن مېھرى ھاياتىمغا ئۈمىد ، ئىشەنچ ئاتا قىلدى . كۈنلىرىم ئارامبەخش ، ئىللىقلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى . ئۇنىڭغا  شۇنداق ئېچىكىپ كەتكەنىدىمكى ، ئۇنىڭسىز كۈنلىرىم ئۆتمەيدىغاندەك ، ھاياتىم شۇ سېكۇنتتا ئاخىرلىشىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم . ئۇمۇ ماڭا شۇنداق تۇيغۇ بېرىپ ، مەندىن پەقەت نېرى بولمايتتى . بىز گوياكى ئۇيۇلتاشتەك بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدۇق.
    كۆڭۈل جاراھەتلىرىم ساقىيىپ ، ئۆزۈمنى قايتا تۆرەلگەندەك ، ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندەك ، پەقەت مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ ، كۆڭۈل شادلىقىمنى باسالماي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىر كېچىسى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى سەيلە قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزلەپ كېتىۋاتقىنىمدا ، ھويلا ئىچىدىكى گۈللۈكتىن بىراۋنىڭ ئۆكسۈپ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم . بۇ ئاۋاز شۇنداق مۇڭلۇق ۋە ھەسرەتلىك ئىدى . مەن ئىختىيارسىز شۇ تەرەپكە ماڭدىميۇ ، ھۈپپىدە ئېچىلغان بىر تۈپ قىزىل گۈلگە يۈزىنى يېقىپ يىغلاۋاتقان ، مەن ئىزدەپ چىققان نىگارنى كۆردۈم.
    قەلبىم ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا ئوخشاش داۋالغۇپ ، بىر خىل ئىزتىراپ ھەم گاڭگىراش ئىچىدە ئۇنى يۆلىدىم . ئۇ مېنى كۆرۈپ شۇنداق ھودۇقۇپ كەتتىكى ، بۈركۈتتىن ئۈركىگەن قۇش بالىسىدەك قولۇمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ، ياتاق تەرەپكە يۈگۈردى . مۇشۇ پەيتتە ئۇنىڭ قولىدىن بىرنەرسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىتتىك قولۇمغا ئالدىم.
    ئاھ ، نېمىنى كۆردۈم ئەمدى! قولۇمدا ئالدىنقى ھەپتە تويى بولۇپ ، شەھەرگە كۆچكەن بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىمنىڭ سۈرىتى تۇراتتى . ئىختىيارسىز گۈلگە قارىدىم . ھەممە ئىش ماڭا ئايان بولدى ، تۇرۇپ ئۇنىڭغا ، تۇرۇپ مۇنۇ گۈلنى تىككەن كىشىگە ئۆچلۈگۈم كەلدى . ئالدانغاندەك بىر خىل ھېسسىيات قەلبىمنى چۇلغۇۋالغانىدى.
    مەن ئاسمانغا قارىدىم ، تولۇن ئاي كۈلۈپ تۇراتتى ، يۇلتۇزلار جىمىرلاپ كۆز قىساتتى . ئەتراپ ، ھەممە نەرسە ماڭا بۇرۇنقىغا ئوخشاش يېقىملىق . تۇرۇپلا ئۆتكەن ئىشلار كۆڭۈل ئېكرانىمدا ھازىر بولۇپ ، ئۇنى ئەسلەپ قالدىم: جىمجىت كېچە ، كۆيۈمچان ئانىنىڭ ئەللەي ناخشىسى قۇلىقىمغا كىردى ، چۆجىلىرىنى مەھكەم بېسىۋالغان مېكىيان كۆز ئالدىمغا كەلدى ، موزىيىنى يالاۋاتقان ئىنەكنىڭ رىتىملىق تاۋۇشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى...

    قايتىش

    كىچىكىمدە چوڭ ئانام: «بازارغا بارغان ئادەم ھامان قايتىپ كېلىدۇ» دەيدىغان . ئۇ چاغلار پاقلان ، سەبىي چاغلار بولغاچ مەنىسىگە يەتمىگەنىكەنمەن . مانا ئەمدى ئەتراپتىكى نۇرغۇن ئىشلار بۇ ھەقتە ئويلىنىشىمغا سەۋەب بولدى.
    قۇياش ئەتىگىنى شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ ، كەچتە غەربكە پاتىدىكەن.
    ئادەم تۇغۇلۇپ ، ئاخىر مەڭگۈلۈك ئۇزايدىكەن.
    تەبىئەت ئەتىيازدا ياشىرىپ ، قىشتا ئۇيقۇغا كېتىدىكەن.
    مەن ئويلىنىپ قالدىم.
    «بازارغا بارغان ئادەم ھامان قايتىپ كېلىدىكەن» . بۇ بىر قانۇنىيەتلىك جەريان بولۇپ ، مەن ئۇنىڭغا «قايتىش» دەپ ئىسىم قويدۇم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.