ئابدۇرېشىت ئېلى: ئىككى شېئىر

يوللىغۇچى : ijadiyet يوللىغان ۋاقىت : 2008-07-08 18:31:00

ئابدۇرېشىت ئېلى: ئىككى شېئىر مىيىت ئوزىتىش چارچىدىم قاتتىق كۆرۈشۈپ بولالماي يۇمشاق، قاتتىق قوللار بىلەن. كۈن ئايرىلغان ياردەك كۆلەتتى كۆكتە سارغۇچ تۇپا چاقنايتتى بۆكتە.«مەرھۇم قانداق ئادەم ئ...

    ئابدۇرېشىت ئېلى: ئىككى شېئىر  

    مىيىت ئوزىتىش چارچىدىم قاتتىق كۆرۈشۈپ بولالماي يۇمشاق،
    قاتتىق قوللار بىلەن.
    كۈن ئايرىلغان ياردەك كۆلەتتى كۆكتە سارغۇچ تۇپا چاقنايتتى بۆكتە.
    «مەرھۇم قانداق ئادەم ئىدى؟» ئىمام پەقەت شۇنىلا دىدى.

    چەتتە تۇرغان مويسپت ئادەمنىڭ ئورىدەك كۆزىدىن ھاياتقا جاۋاپ بولۇپ بىر تامچە ياش سىرغىدى.
    ھىس قىلدىم ئۆزۈمنى باشقىچە،
    تۇمۇرۇمدىكى قانلار كۆتۈردى چۇقان رەڭگارەڭ لاتىلار ئېسىلغان جىگدىدىكى ئاخىرقى قۇچقاچ ئۇچۇپ كەتتى ئاچ.
    ئاق ئەتىرگۈللەر قۇناتتى ئۈستى – باشلارغا پاكلىقنىڭ سىمۋۇلى بولۇپ يۆتكىلەتتى قەدەملەر.

     بۈگۈن جۈمە – خۇدا بەرگەن كۈن ھېچقانداق سىر قالمىغان ئاسماندىن يەرگە قەدەر.
    جىملىق ئۈچۈن نەدە ئۇ جىملىق؟
    ... كىتابلار قېتىدىن چىقماقتا جەڭ ئاتلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى.
    ئوغلۇم يىغلار چېچىمنى تارتىپ چۈشتى دەپ كۆزۈمگە تۈننىڭ ياشلىرى.


    تامدىكى رەسىمدە بار ئىدى قېيىق لېكىن سۇ كەتكەن ئۇخلىغىلى دەرياغا.
    كۆزلىرىم تونىلىدا كىلەر بىر پويىز نىران* مىنى كۈتەر ئاۋغۇست ئايلىرىدا.
    چاچلىرىم چۈشۈپ بېشىم يانماقتا ئوتتەك ياشلىق ھىسلىرى سايە ئىزدەر ئارىسىدا ئۈچ بىلەن نۆلنىڭ.
    ئوڭۇشسىزلىق ھاياتنىڭ ئىمتىھان قەغىزى،
    بىز تەلپۈنگەن پاكلىقتۇر مەنىسى چۆلنىڭ... مەن بۇنداق ئويلىمايتتىم مۇھتاج بولمىسام بىر لەھزە يالغۇز قېلىشقا.
    ئىشىكىمنى چەكسەڭ ئەي مەغلۇپلۇق، چاقىرساڭ مىنى يەنە چېلىشقا! -------------------------

    نىران: نىيە ناھىيىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق