غايىب ئىشىك

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 12:42:50

غايىب ئىشىك گۈليارە تۇرسۇنمەن بىر ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپتىكى دەرىسىمدىن باشقا، مەن يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىمەن. ئېغىزدىن-ئېغىزغا ئۆتۈپ، مېنىڭ نامىممۇ خېل...



     

    غايىب ئىشىك

    گۈليارە تۇرسۇن 

     

    مەن بىر ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپتىكى دەرىسىمدىن باشقا، مەن يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىمەن. ئېغىزدىن-ئېغىزغا ئۆتۈپ،  مېنىڭ نامىممۇ خېلى چىقىپ قالدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇغۇچىلىرىممۇ خېلى كۆپەيدى.

    ئۇ مېنىڭ بىر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ساۋاقدىشى.

    ئۇنىڭ ئائىلىسى ئادەتتىكى ئائىلە، ئەمما پاكىز، رەتلىك، ئۆزىمۇ ناھايىتى ئەدەبلىك قىز. چاي قۇيۇپ كۈتۈۋالىدۇھەر قېتىم دەرس ئۆتكىلى بارغىنىمدا، قايتقىنىمدا ئىشىكنىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىدۇ. ئۆزىمۇ تىرىشچان.

    شۇڭا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۆرسەم ئۇنى چوقۇم بىر ماختىمىسام دەپ ئويلاپ يۈرۈۋاتىمەن. ھازىرقى ئاتا-ئانىلارمۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھازىرغا قەدەر بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىدىم.

    ئۇ ماڭا يېقىننىڭ ياقى مەكتىپىدە دەرىسىنىڭمۇ ئېغىرلىقىنى، شۇڭا ھەر چارشەنبە چۈشتىن كېيىن ۋاقتى بارلىقىنى ئېيتتى. ئەلۋەتتە بولىدۇ. مېنىڭمۇ شۇ كۈنى ۋاقتىم بار.

    ئۇ كۈنى، چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئۇ ماڭا ئۈستەللەرنى رەتلەپ، چاينى قۇيۇپ ئالدىمغا كەلدى.

    تازا دەرس سۆزلەۋاتقىنىمدا، كۆزۈم ئۇنىڭ ھۇجرا تېمىدىكى بىر ئىشىككە چۈشۈپ قالدى!

    مەن كېسىپ ئېيتالايمەنكى، مەن بۇ قىزغا شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت دەرس ئۆتۈپتىمەن، ئەمما بۇ ئىشىكنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدىم، توغرىسى بۇ يەردە بۇنداق ئىشىك يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگگ بۇ ئىشىكنىڭ رەڭگى زەڭگەر رەڭلىك بولۇپ، ئاق تامدا كۆزگە بەك چېلىقىشلىق ئىدى، مېنىڭ بۇ ئىشىكنى كۆرمەي قېلىشىم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس!

    مەن ئۇ ئىشىكنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:

    -بۇ ئىشىك نەدىن پەيدا بولۇپ قالدى؟ مەن ھەجەپ بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەنغۇ؟!

    ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ مەنكۆرسەتكەن تەرەپكە قاراپلا ھودۇقۇپ كەتتى، ئاندىن قول سائىتىگە بىر قارىۋېتىپ، ئورنىدىن دىككىدە تۇردىدە، ئۇ ئىشىك تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.

    -تاس قاپتىمەن ئۇنتۇپ قالغىلى! ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىلا چاتاق چىقاتتى!

    ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ مەيۈس ئىدى، نېمە ئىش بولغانلىقىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم. ئۇ بولسا ئىشىكنى ئىتتىرىپلا، ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

    چىداپ تۇرالماي، كەينىدىن مەنمۇ كىردىم.

    بىر كۈچلۈك نۇر كۆزۈمنى چاقناتتى، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى بولسا، بىر گۈزەل، خىلۋەت مەنزىرە كۆزۈمگە كۆرۈندى، بۇ ئىشىكتىن چىقىپلا خۇددى باشقا بىر دۇنياغا كېلىپ ق الغاندەك ھېس قىلدىم. بۇ مەنزىرە بىلەن ئۇنىڭ ھېلىقى ئۆيىنى پەقەتلا بىريەرگە قويغىلى بولمايتتى.

    بىز خۇددى بىر ئىككى جەۋەتلىك بىنانىڭ بالكونىدا تۇرۇۋاتقاندەكلا ئىدۇق، ئالدىمدىكىسى بولسا بىر خىلۋەت، گۈزەل، سۇلار شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بىر مەنزىرە ئىدى.

    دەل شۇ چاغدا كۆزۈمگە  بىر ئايال چېلىقتى. ئوتتۇرا ياش ئايالدەك قىلاتتى. ئېنىق كۆرەلمىدىم، چۈنكى ئارىلىقىمىزمۇ خېلى باردەك قىلاتتى. ئەمما شۇ چاغدا يېنىمدىكى ھېلىقىقىز ئۇ ئايال تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇ قىز بىلەن تەڭ ھېلىقى ئايالمۇ تەڭلا يۈگۈردى، ئەمما ئۇ ئايال قىز تەرەپكە ئەمەس ئۇ قىزدىن قېچىپ باشقا ياققا يۈگۈردى، ئارىدىن ئون مىنۇتلار ئۆتتىمىكىن، قىز ئوقۇغۇچۇم ھېلىقى ئايالنىڭ يېنىغا زادىلا بارالمىدى، ئۇ ئاستا يېنىمغا كېلىپ:

    -مۇئەللىم، يۈرۈڭ، دەرىسىمىزنى ئوقۇۋېرەيلى!-دېدى. بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ئوتتۇرا ياشلىق ئايال غايىب بولغانىدى.

    مەن ھەيرانلىقتىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم! زادى نېمە ئىش بولۇپ كەتتى بۇ!

    ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، بىردەم تېنىچلانغاندىن كېيىن ئۇ ئالدىرىماي سۆزلىدى:

    ئۇنىڭ دېيىشىچە: ھەر ھەپتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، يەنى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىر يېرىمدا، ئۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ئاپىسىنى كۆرەلەيدىكەن. ئاپىسىنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ ئاپىسىغا يېتىشىۋېلىشى كېرەككەن، ئاپىسىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ بۇ قىزدىن قېچىشى كېرەك ئىكەن، بۇ قائىدىمىش، ئەگەر قىز ئاپىسىنى تۇتۇۋالالىسا، ئاپىسى بىلەن 15 مىنۇت بىللە بولالايدىكەن، ئەگەر بۇ قىز ئاپىسىغا يېتىشەلمىسە كېلەركى چارشەنبىنى ساقلايدىكەن.

    -مۇئەللىم، سىز تېخى بىلمىدىڭىزمۇ؟ ئاپام ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن. ئاپام مەن بەكلا كىچىك ۋاقتىمدا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن، بۇ مېنىڭ ئۇنى قايتا كۆرىۋېلىشىمدىكى بىردىنبىر ئۇسۇل!

    ئۇ سۆزلەۋېتىپ يىغلاپ كەتتى.

    ئەمدى سەل چۈشەنگەندەك تۇراتتىم. ئۇ ئىشىكنىڭ كەينىدىكى دۇنيانىڭ شۇنچىۋالا جىمجىت بولىشىنىڭ سەۋەبى ئەسلىدە شۇكەندە! ھەتتا ھاۋامۇ قېتىپ قالغاندەك!

    ئۇنىڭ ئاپىسى ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنىكەن! ئۇنىڭغا تۇرۇپلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىز تېخى كىچىك تۇرسا!

    ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭغۇ ياش-قېرىسى بولسۇن، ھەممىسىلا ئوخشاش بىچارە!

     

    يەنە بىر چارشەنبە. ھېلىقى ئىشىك دېيىشكىنىمىزدەك يەنە ئېچىلدى.

    بۇ قېتىم قىز ئاپىسىنى ساراڭلاردەك قوغلاشقا باشلىدى، مەنمۇ ئۇ قىزنىڭ ئاپىسىنى قوغلاپ تۇتىۋېلىشىغا دۇئا قىلىپ تۇردۇم.

    تەڭرىگە مىڭ رەھمەت! ئۇ قىز ئاپىسىغا يېتىشىۋالدى!

    ئانا-بالا ئىككەيلەن قۇچاقلىشىپ ئۆكسۈپ يىغلاشتى. قىز ئاپىسىغا توختىماي گەپ قىلاتتى:

    -ئاپا، مەن ياخشى ئوقۇۋاتىمەن. جىق نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. مەن گەپ ئاڭلايمەن ئاپا، سىز خاتىرجەم بولۇڭ، مېنى ساقلاڭ! مەن چوڭ بولۇپ سىزگە جىق يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىپ كېلىمەن.....

    ئانا كۈلۈپ باش لىڭشىتىپ شۇنى تەكرارلايتتى:

    -ھېچنىمە كېرەك ئەمەس، سەن ياخشى ئۆتسەڭلا مەن شۇنىڭغا خوشال قىزىم...

    ئانا مېھرى- نەقەدەر مۇقەددەس مۇھەببەت-ھە؟!

    ئىككىسىگە قاراپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى. ئاستا كەينىمگە بۇرۇلۇپ، ئىشىكتىن قايتىپ چىقتىم. 15 مىنۇت ۋاقىتنى ئانا-بالا ئىككەيلەن خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋالسۇن! كۆڭلۈمدە تۇيۇقسىز بىر خوشاللىق پەيدا بولدى، ھەنىم بولسا، مېنىڭ ئاپام تېخى ھايات!

     

    يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بالىلىق ۋاقتىمدىكى بىر چۈشۈم،

    ئالدىراپ ئۇف دېمەڭ! ھېكايە تېخى تۈگىگىنى يوق، داۋاملىشىۋاتىدۇ!

    ھەر قېتىم مۇشۇ چۈشتىن ئويغانغىنىمدا بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىدىن خوشال  بولىمەن. ھەم ھەر  قېتىم ئۆزۈمگە قەسەم قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپامنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن. ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمەن... ئەمما يەنە بەزىدە كىچىك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇنى يەنە رەنجىتىپ قويىمەن. ئەمما ئاپام ھەر قېتىمدا مېنى كەچۈرۈۋېتىدۇ. خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، خۇددى مەن ئۇنى ئەزەلدىن رەنجىتىپ باقمىغاندەك. مېنى ئوبدان قىزىم دەپ چاقىرىپ، ئەركىلىتىدۇ.

    شۇنداق بولسىمۇ، كۆزنىڭ بىر كۆڭۈلسىز كۈنى، ئاپام مەندىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلدى. ئاپام مەن قەسەم قىلغان ھېلىقى كۈنگىچە تۇرۇپ تۇرالمىدى. شۇ ئىشتىن كېيىن مەن يەنە بۇ چۈشنى كۆردۈم. بۇ قېتىم مەن ھەممىسىنى ئېنىق كۆردۈم، ئەسلىدە مەن ئائىلە ئوقۇتقۇچى بولغان ھېلىقى قىز دەل مەن شۇ ئۆزۈم ئىدىم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.