ئىزگۈ ھىسلار-ئابرال

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-04-25 21:10:00

ئىزگۈ ھىسلار ئەينەك _ئۇنى كىملەر ئىجات قىلغان بولغىيتىكىن؟ !ئۇنىڭغا ھەر بىر باققىنىمدا ئۆزۈمدە ئوخشىمىغان تۇيغۇلارنى سېزىمەن....گاھىدا شاتلىق ئىلكىدە پارلىغان بەخت تۇيغۇسىدا لال بولغان چىراي...

        ئىزگۈ ھىسلار

      ئەينەك _ئۇنى كىملەر ئىجات قىلغان بولغىيتىكىن؟ !
     ئۇنىڭغا ھەر بىر باققىنىمدا ئۆزۈمدە ئوخشىمىغان تۇيغۇلارنى سېزىمەن....گاھىدا شاتلىق ئىلكىدە پارلىغان بەخت تۇيغۇسىدا لال بولغان چىراينى كۆرىمەن. گاھىدا غەمگە پاتقان گاڭگىرىغان چىراينى كۆرىمەن. يەنە گاھىدا ئەشۇ غەمكىن چىراي ئىچىدە ئۈمىت بىلەن چاقنىغان كۆزلەرنىمۇ كۆرىمەن...ئوخشىمىغان چىراي ، ئوخشىمىغان تۇيغۇلار ئەشۇ ئەينەكتە ئۆزلۈكسىز ئالمىشىپ تۇرىدۇ.
     مەن بولسام پۈتۈن زېھنىم بىلەن ، دىققىتىم بىلەن ئەينەككە قارايتىم...ياق بەلكى پۈتۈن روھىم بىلەن ئەشۇ ئەينەككە قارايتىم....ئۇنىڭدىن ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ، ئىنتىلگەن ، زارىقىپ كۈتكەن چىراينى__تۇيغۇنى ئىزدەيتىم.

    2

    ياۋا كەپتەرنى كۆندۈرۈش

    ئىنىم پەخىرلەنگەن ھالدا مېنى 11- قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىنىڭ بالكونىغا باشلاپ چىقتى.بالكوندا بىر توپ كەپتەرلەر دانلاۋاتاتتى .
     كۆردۈڭمۇ كەپتەرلىرىمنى ، ئۇلار ياۋا كەپتەرلەر
     ؟_ئۇنداق ئەمەستۇر، ئۇلار ئۈركىمىدىغۇ
     __ياق ئۇلار ياۋا كەپتەرلەر ، 3 ئايدىن بۇيان مەن ئۇلارغا دان بېرىۋاتىمەن...مانا ھازىر ئۇلار بۇ بالكونغا ئۈگىنىپ قالدى . قارىغىنا ئاۋۇ بىر جۇپ كەپتەرگە. ئۇلار مەن ياساپ بەرگەن ئۇۋىدا تۇخۇم باسۇرۇپ ، باچكىمۇ چىقاردى ! ئۇلارنىڭ باچكىلىرىمۇ ئۇچۇرما بولۇپ قالدى
     ئىنىم ئىما بىلەن ماڭا ئۆزى كەپتەرلەر ئۇچۇن تەييارلاپ بەرگەن چىرايلىق يەشىكنى كۆرسەتتى.
     ئىنىم ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگىكىدىن ئاجايىپ لەززەت ئېلىۋاتاتتى
     ئەمما مەن شۇ تاپ ئېغىر ھىسلارغا غەرق ئىدىم . ئىنىم چېچىپ بەرگەن داننى ئاچكۆزلۈك بىلەن يەۋاتقان بىچارە كەپتەرلەرگە قارىغىنىمدا ئاچچىق تۇيغۇلار يۈرۈكۈمنى ئېزەتتى
     بۇ بىچارە كەپتەرلەر ئەشۇ ئازغىنا دان ھىسابىغا ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەركىنلىكىدىن، ھايات ياشاش ئىقتىدارىدىن، جاسارىتىدىن... مەھرۇم بولۇۋاتاتتى

     3

    " بوشۈك بالىسى خان بالىسى ! " " بۆشۈك بالىسى جان ئارامى! " " بۆشۈك بالىسى....."
     مومامنىڭ شۇ گېپلىرىى يادىمدا مېنىڭ ، ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ھەپتە بولغان ئوغلۇمنى تۇنجى قېتىم بۆشۈككە بۆلۈگىنىدە ئوغلۇمنىڭ قوللىرىنى پۇلاڭشىتىپ ئۇنىڭغا بويسۇنمىغىنىمۇ ھەم يادىمدا مېنىڭ !
     ئەمما مومام يەنىلا ئۆزىنىڭ مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىسى بىلەن ، يۇمشاق پەپىلىشى بىلەن ، تاتلىق ئەركىلىتىشلىرى بىلەن ئۇنى ئەشۇ بوشۈككە ئەپچىلگىنە بۆلىۋالغان ئىدى !
     مومام بۇ مۇۋەپەقىيىتىدىن ئاجايىپ ھوزۇرلانغان ، ماڭا ئوغلۇمنى بۆشۈككە قانداق كۆندۈرۈش ھەققىدە كۆپ تەلىملەر بەرگەن ئىدى.
     بىراق مەن بۇ "جان ئارامى " بولغان بۆشۈككە ئوغلۇمنى قايتا بۆلۈمىدىم.
     مېنىڭ ئوغلۇم " خان بالىسى" مۇ بولمىدى ھەم !
     بۇ ئىشقا ئۇزۇن يىللار بولدى ، موماممۇ ئۆلۈپ كەتتى .
     ئۇنىڭ " بۆشۈك بالىسى خان بالىسى ! " دىگەن سۆزىنى ھەقىقى ئىسپاتلايدىغان پاكىتقا ھېلىغىچې ئېرىشېلمىدىم !
     ئەمما "بۆشۈك بالىسى جان ئارامى ! " دىگەن سۆزىنىڭ ھەقىقىتىن چۈشۈنۈپ يەتكەن بولدۇم !
     

    4

    لەگلەك
     يامغۇرى جىق ، ھاۋاسى تولىمۇ نەم بولغان بۇ شەھەردە ،باھار ئايلىرىدىمۇ ھاۋا ئوچۇق شاماللىق كۈنلەر بەك ئاز ئۇچرايتى. ئۇدا بىر ھەپتە ياققان باھار يامغۇرىدىن كېيىن ، مانا بۈگۈن ھاۋا ئېچىلىپ تولىمۇ چىرايلىق كۈن بولدى.
     مەن يۇرتۇمنىڭ باھارىنى ئەسلىتىدىغان بۇ گۈزەل كۈندىن ھوزۇر ئېلىش ئۈچۈن ، كۆل بويىدىكى ئەشۇ ئورۇندۇقتا ،ئولتۇرغۇنۇمچە كۆل ئۈستىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارغا نەزەر سالدىم...
     تۈرلۈك قۇشلار ئاجايىپ يېقىملىق ئاۋازلىرى بىلەن باھار ھوزۇرىنى سۈرەتتى باھار ئاپتىۋىدا ئۇلارنىڭ گۈزەل پەيلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى، ئۇلارنىڭ كۆل يۈزىدە ئەكس ئەتكەن كۆلەڭگىلىرى سۇ يۈزىدە جىمىرلايتى ...
     ئىختىيارسىز كۆزۈم قۇشلار بىلەن بەسلىشىپ كۆك قەھرىدە ئۈزۈۋاتقان لەگلەككە چۈشتى ! ئۇ يېنىدا قاناتلىرىنى ئەركىن قېقىپ لەرزان ئۇچۇۋاتقان قۇشلار بىلەن بەسلەشمەكچى بولغاندەك بارغانچە ئىگىز ئۆرلەۋاتاتتى. بۇ ھالەت مېنىڭ ئىزگۈ ھىسلىرىمنى يەنە قوزغىدى...« تـوۋا ، بۇ لەگلەك پەرۋاز قىلىپ كۆك قەھرىدە يوقاپ كەتمەكچىمىكىنە؟ ئەجىبا ئۇ ئۆزىنى كونتورول قىلىپ تۇرغان ئىگىسىنىڭ تۇيۇقسىز غالتىگىنى پىقىرىتىپ يىپنى يىغىدىغانلىغىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا -ھە!!؟...»

     

    5

     مومام بۆشۈككە مەھكەم تېڭىۋېتىلگەن ئوغلۇمنى ،ئۆزۈنىڭ مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىسى بىلەن ئۇخلاتماقچى بولاتتى....ئۇ ئەشۇ كونا ئاھاڭنى تەكرار-تەكرار ئېيتاتتى، مومامنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ ،،تىترەپ سىقىلىپ چىقىراپ چىقاتتى ......

         مانا ئەمدى مومام ئۇ بۆشۈكنى جەھلى بىلەن تەۋرىتىشكە باشلىدى، ئوغلۇمنىڭ ئاغزىغا ھەسەلگە سۈركەلگەن قۇرۇق سوسكىنى سېلىپ ئۇنى شېرىن سۆزلىرى بىلەن ئالداپ ئۇخلاتماقچى ، « جان ئارامى » بولغان بۆشۈككە كۆندۈرمەكچى بولاتتى.....
     ئەمما بۇ ناخشىلارنى ئاڭلاپ زېرىككەن ئوغلۇم ئاغزىغا سېلىنغان سوسكىنى چىقىرىۋەتتى، شۇ تاپتا ئۇ كىچىككىنە مۇشتلىرىنى مەھكەم تۈككىنىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن ،پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن بوشانماقچى بولاتتى .....
     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابرال