ئۇسلار بىئاترى سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-21 11:38:08

ئۇسلار بىئاترى سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە (ھېكايە) پەرھات ئىلياسژۇرنالىستلىق ھەقىقەتەنمۇ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىش. ھەر كۈنى ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇپ،نۇرغۇن ئاپتور-تەرجىمانلار بىلەن ئالاقىلاشقاندىن سىرت ،...



      

               ئۇسلار بىئاترى سۆزلەپ بەرگەن ھېكايە

                              (ھېكايە)

                               پەرھات ئىلياس

    ژۇرنالىستلىق ھەقىقەتەنمۇ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىش. ھەر كۈنى ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇپ،نۇرغۇن ئاپتور-تەرجىمانلار بىلەن ئالاقىلاشقاندىن سىرت ، يەنە دۆۋە-دۆۋە ئورگىناللارنى ئوقۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.شۇڭا بىرەر ئەسەر يېزىش تۈگۈل، بىردەم بەھۇزۇر خىيال سۈرۈۋېلىشقىمۇ ۋاقىت چىقمايدۇ.

    لېكىن، يېقىندىن بېرى ئەسەر تەھرىرلەۋېتىپ ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا خىيالغا چۆكۈپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم.

    مانا بۈگۈنمۇ ئەڭ ئالدىراش كۈنلىرىمنىڭ بىرى ئىدى.يەنە يېرىم ئايدىن كېيىن "دۇنيا ئەدەبىياتى" ژۇرنىلىنىڭ 4-سانى نەشردىن چىقىپ پوچتىخانىغا يەتكۈزۈلىشى كېرەك.بىر كۈن كېچىكسە  توققۇز يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، ژۇرنال ھەممە تەرەپتىن ناھايىتى سۈپەتلىك چىقمىسا بولمايدۇ. بولمىسا ۋاقتى كەلگەندە بىرەر پەش ئۈچۈنمۇ گەپنىڭ سېسىقىنى ئاڭلايدىغان گەپ.

    شۇ ئوي بىلەن ۋېنوسۇئىلا يازغۇچىسى ئۇسلار بىئاترىنىڭ "يامغۇر"ناملىق ھېكايىسىنىڭ تەرجىمىسىنى پۈتۈن زېھىنىمنى يىغىپ تەھرىرلەشكە باشلىدىم. بۇ ھېكايىنى تەھرىرلەشتىن ئىلگىرىلا ئىككى قېتىم ئوقۇپ ، ۋەقەلىكى ياد بولۇپ كەتكەچكىمۇ، يېرىمىغا كېلە-كەلمەيلا باش –ئاخىرىدىكى ۋەقەلىكلەر بىراقلا كۆز ئالدىمغا كېلىۋالاتتى.

    بىر چاغدا ئۆزۈم سەزمەيلا يەنە خىيالغا چۆكۈپ كېتىپتىمەن.ھېكايىدىكى ۋەقەلىك باشقا ، مېنىڭ خىيالىمدىكى ۋەقەلىك باشقا ئىدى.

    خىيالىمدا بىئاترىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى كاراكاس شەھرىگە بېرىپ قاپتىمەن .ئادەملەر شالاڭ، پاكىز  بىر كوچىدا كېتىپ بارسام ، ئالدىمدىنلا بىئاترى چىقىپ كەلمەسمۇ، خۇددى كونا تونۇشلاردەك قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتتۇق.

    -قانداقراق،"دۇنيا ئەدەبىياتى" ئوبدان چىقىۋاتامدۇ؟ راخمان مامۇت، ئازات ئالماس، مۇنارجان توختاخۇنلارنىڭ ھەممىسى تىنچلىقتۇ؟- دەپ سورىدى.

    -ھە، ھە ... –دەپ ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم. توۋا، شۇنچە يىراق يەردە تۇرۇپ بىزنى قانداق بىلدىكىنە ؟ئۇيغۇرچىغىمۇ سۇ ئىكەن ئەمەسمۇ كاساپەت.

    "ئاران بىر كەپسەن، بىردەم – يېرىمدەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلى " دەپ تۇرۇۋالدى ئۇ."ئالدىراش ئىدىم، ژۇرنالنىڭ ئەسەرلىرىنى تېز تەييار قىلمىسام بولمايدۇ" دېسەم، "قويغىنا شۇ گېپىڭنى، قەغەز دۆۋىسىنىڭ ئارىسىدىن چىقماي ئۆتۈۋېرەمسەن " دەپ سۆرەپ دېگۈدەكلا بىر قاۋاقخانىغا ئەكىردى. بوپتۇلا، "يامغۇر" ھېكايىسى توغرۇلۇق ئىككى – ئۈچ سوئالىم بار ئىدى. پاراڭلاشقاچ سورىۋالارمەن، دەپ كىرىپ ئولتۇردۇم.

    ئۇ كۈتكۈچىگە ئۆزىنىڭ تىلىدا بىر نېمىلەرنى دېگەنىدى، كۈتكۈچى بىردەمدىلا نەدىن تاپتىكىن "ئىلى ئالاھىدە  ھارىقى" دىن بىر بوتۇلكىنى ئەكېلىپ بەردى. ئاندىن ئىككىمىز ئىچشكەچ پاراڭغا چۈشتۇق.

    بۇ چاغدا يېنىمىزدىكى شىرەگە بىر ئايال كىرىپ ئولتۇردى. بىئاترى شۇئان ئۇنى ئىشارە قىلىپ :

    -مۇشۇ ئايال توغرۇلۇق بىر ئەسەر يېزىش كېرەك ئىدى، -دېدى. ئاندىن يازماقچى بولغان ئەسىرىنى ماڭا بىر قۇر سۆزلەپ بەردى.

                               *     *

    ئۇ ئايالنىڭ ئىسمى لورا بولۇپ، ئىلگىرى بىر سودىگەرنىڭ ئۆي خىزمەتچىسى ئىدى. ئۇ سودىگەر شۇنچە باي بولغىنى بىبلەن ئايالى تۇغماس بولغاچقا، شۇ كەمگىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن، شۇڭا دىلى سۇنۇق ئىدى. ئايالى ئۇنىڭغا باشقا ئايال ئېلىڭ دېسىمۇ، ئۇ "مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن " دەپ زادىلا ئۇنمىدى.

    ئۇلار بالا بېقىۋالماقچىمۇ بولدى. بىراق خەقنىڭ بالىسى بەرىبىر ياتلىقىنى قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ بۇ نىيىتىدىن ياندى. چۈنكى سودىگەرنىڭ  كاللىسىغا ئاجايىپ ئېسىل بىر ئەقىل كەلگەنىدى...

    دەسلەپ ئۇ بۇ ئويىنى ئايالىغا دېسە ، ئۇنداق بولسا  ئەڭ ياخشىسى ئىككىمىز  ئاجرىشىپلا كېتەيلى، سىزمۇ تىلىكىڭىزگە يېتىڭ، دېدى.

    لېكىن، بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئايالى ئاخىر ئۇنىڭ ئويىنى توغرا تاپتى. سودىگەر لوراغا كۆپ چۈشەندۈرۈپ، ئاخىر ئۇنى ئەيۋەشكە كەلتۈردى. لورا ئۇنىڭ ئايالى ئورنىدا ئۇلارغا بىر بالا تۇغۇپ بېرىدىغان بولدى. لېكىن بۇ سىرنى ئۇ ئۈچىدىن باشقا ئىنس-جىن بىلمەسلىكى كېرەك ئىدى.

    ئاخىر لورا ئۇلار ئۈچۈن پاقلاندەك سېمىز بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى ھەم بۇنىڭ بەدىلىگە خېلى كۆپ پۇلغا ئېرىشتى. لېكىن ئۇ ئەمدى بۇ ئۆيدىن كەتمىسە بولمايتتى.

    لورا باشقا بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بالىسىنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمىدى. نەچچە قېتىم بىر كۆرۈۋالاي دەپ بارغان بولسىمۇ، پېتىنىپ كىرەلمىدى. ئاخىر پۇلى تۈگەپ، يەنە موھتاجلىققا دۇچار بولدى. بىر ئايدىن كېيىن تۇرۇۋاتقان ئۆيىنىڭمۇ ئىجارىسى توشىدۇ. ئازراق پۇل تېپىشنىڭ ئامالىنى قىلمىسا، ئەتە-ئۆگۈن تالادا ئوغرى مۈشۈكلەر بىلەن ياتىدىغان جاي تالىشىدىغان كۈنگە قالىدۇ.

    كۆپ ئويلىنىپ كۆرۈپ ئۇ يەنە شۇنىڭدىن بۆلەك يول تاپالمىدى. ئۆي- ئۆيلەرگە كىرىپ سوراپ يۈرۈپ، ئاخىر يەنە بىر پەرزەنتى يوق ئائىلىنى تاپتى. بۇ ئەر –خوتۇننىڭ ھەر ئىككىسىلا ئۇسسۇلچى ئىكەن. ئايالى تۇغسام ئۇستىخىنىم بۇزۇلۇپ كېتىپ سەھنىگە چىقالمايمەن، دەپ شۇ كەمگىچە تۇغماي يۈرگەنىكەن.

    لورا ئۇلارغا بۇ گەپنى يوپۇتۇپ دېگەنىدى. دەسلەپ ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىلسىگىلا  ياقمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.

    ئاخىر ئۇلار كەسپ ئۈچۈن،  مۇشۇنداق قىلغىنىمىزتۈزۈك ئوخشايدۇ،  خۇدا بىزنى كەچۈرەر... دېگەن يەرگە كەلدى.

    لورا ئۇلار ئۈچۈنمۇ كۆزلىرى بۇلاقتەك مۆلدۈرلەپ تۇرىدىغان كۆلگۈنچەك قىزدىن بىرنى تۇغۇپ بەردى. ئاندىن ئالىدىغىنىنى ئېلىپ، بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

    ئۇنىڭ بۇ قېتىم ئالغان ھەققى يېرىم يىللىق ئۆي ئىجارىسى ببىلەن ئۆز خراجىتىگە ئاران يېتەتتى. شۇڭا دەرھال يەنە بىرەر ئائىلە بىلەن ئۇقۇشمىسا بولمايتتى.لېكىن بۇ قېتىم كۆپرەك پۇل تەلەپ قىلىش كېرەك.

    ئۇ كېيىن بىلدىكى، بۇ شەھەردە بالا تۇغۇشنى خالىمايدىغانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن. كۆپىنچە قىز –چوكانلار ھۆسن –جامالىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن، سەت بولۇپ قالسا ئەرلىرىنىڭ تاشلىۋېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيدىكەن. ئاھ، مەدەنىيەتلىك شەھەر، سەندىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۆركەملىك، نۇرغۇن ئەللەرگە تارالغان مەدەنىيەت ۋە ئەڭ نەپىس ناخشا – مۇزىكىلار بىلەن كۈيلىنىۋاتقان ئەدەب –ئەخلاق تېگىگە قانچىلىك چىركىنلىكلەر يوشۇرۇنغان – ھە!

    شۇنداق قىلىپ ئۇ يىگىرمە يىلدا باشقىلارغا يىگىرمە ئىككى بالا تۇغۇپ بەردى. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆمۈر بويى يەتكۈدەك مال – دۇنياغىمۇ ئىگە بولدى. ھازىر ئۇنىڭ مەخسۇس داچىسى، پىكاپى، بىر نەچچە خىزمەتكارىمۇ بار. ئەمما بۇلارمۇ ئاقىۋەتتە  ئۇنىڭغا ھېچقانچە  بەخت ئېلەپ كېلەلمىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر ئۈمىدى بىرەر ئەرگە تېگىۋېلىش ، بالىدىن بىرنى تۇغۇپ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىش ئىدى. بىراق ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى، ئۇنىڭ بالىياتقۇسى كاردىن چىققان، بۇنىڭدىن كېيىن بالا تۇغۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى...

    شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تېزلا قېرىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا بۇ دۇنيامۇ قېرىپ كېتىۋاتقاندەك، ئادەملەر خۇددى ئەتىلا ۋابا كېسىلى تارقىلىپ قىرىلىپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلاتتى.

    ئۇ نۇرغۇن بالا تۇغقان، لېكىن ئۇنىڭ بىرمۇ بالىسى يوق.

    ئۇنىڭدىن نۇرغۇن بالىلار تۇغۇلغان، لېكىن ئۇ ھېچقايسىسىنىڭ ئانىسى ئەمەس.

    ئۇ كوچىلاردا پات-پات ئۆزى تۇغقان بالىلارنى ئۇچىرىتىپ قالاتتى – دە، يۈگۈرۈپ بارغىنىچە ئۇلارنى باغرىغا باسقۇسى، بالا مېھرىگە بىر قېنىپ راسا يىغلىغۇسى كېلەتتى. لېكىن ئاتا-ئانىلىرى ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا يامان چۈشى ئېسىگە كەلگەندەك ئەندىكىشىپ، بالىسىنى تېز مېڭىشقا ئالدىرىتاتتى. ئۇ يالغۇز ماڭغان بىرەر بالىنىڭ ئالدىنى توسۇپ: "سەن مېنىڭ بالام" دېسە، ئۇ بالا: "سەن مېنڭ ئاپام ئەمەس، ھۇ ساراڭ" دەپ تىللايتتى.

    ئۇ پۇل خەجلەپمۇ، ئالداپمۇ، تىللاپمۇ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئۆزىنى ئانا دېگۈزەلمىدى.

    "كاشكى، بىرەرسى بولسىمۇ ئانا دەپ قويغان بولسا، ئۇ دۇنياغا كۆزۈم ئوچۇق كەتمەس ئىدىم" دەپ يىغلاپ كېتەتتى بۇنداق چاغلاردا لورا.

                            *   *

    ئۇسلار بىئاترى ئىككىمىز پاراڭ بىلەن بولۇپ كېتىپ ، ئۇ ئايالنىڭ قاچان چىقىپ كەتكىنىنى ئۇقماي قاپتۇق.

    -شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھاراققا ئۆگىنىۋالدى، - دېدى بىئاترى ھېكايىسىنى تاماملاپ.

    -سىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئىشلار يوقتۇ؟- دېدى ئۇ مەن بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا.

    -دۇنيادا بۇنداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم، - دېدىم تېخىچىلا ھەيران بولۇپ.

    -سىلەر ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتلىك ھەم ئېتقادى چىڭ خەق، بىزدىن مەدەنىيەت قوبۇل قىلدۇق دەپ بۇنداق بولمىغۇر تەرەپلىرىمىزنى ئۆگىنىۋالمىغانسىلەر – ھە،- دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

    ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ بولۇپ، بىردىنلا "دۇنيا ئەدەبىياتى"ژۇرنىلىنىڭ ئەتە بەت ياسىلىدىغانلىقى ئېسىمگە كېلىپ قالدى-دە، دەرھال ئۆز ئەكسىمگە كەلدىم.

    قارىسام راخمانكام، ئازاتكام، مۇنارجانكامنىڭ قولىدىكى ئەسەرلەرنى تەھرىرلەپ بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بىردىنلا خىجىللىق ھېس قىلدىم-دە، جىمى خىياللىرىمنى  ئۇنتۇپ، "يامغۇر" ھېكايىسىنىڭ تەرجىمىسىنى تەھرىرلەشنى داۋاملاشتۇردۇم.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.