ئۆزىنى يەۋەتكەن ئادەم(ئىزلەنمە ھېكايە)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 00:57:41

ئۆزىنى يەۋەتكەن ئادەم (ئىزلەنمە ھېكايە) مەتمۇسا تۇرسۇننىياز (مايسا) ئۆزۈمنى يەيمەن...قاچانلاردىن بېرى بۇنداق خىيال كىرىۋالدىكىنە؟... ئىلگىرى كىشىلەردىن بەزىبىر ناخشا تېكىستلىرى، يۇمۇرىستىك سۆزلەرن...

    ئۆزىنى يەۋەتكەن ئادەم

    (ئىزلەنمە ھېكايە)

    مەتمۇسا تۇرسۇننىياز (مايسا)

    ئۆزۈمنى يەيمەن...
    قاچانلاردىن بېرى بۇنداق خىيال كىرىۋالدىكىنە؟... ئىلگىرى كىشىلەردىن بەزىبىر ناخشا تېكىستلىرى، يۇمۇرىستىك سۆزلەرنىڭ سائەتلەپ كاللىسىغا كىرىۋېلىپ جىلە قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، كىتابلاردىن ئوقۇغانىدىم. ئەمدى كېلىپ مېنىڭ كاللامغا... بىر بىمەنە خىيالغۇ ئۇ؟! لېكىن... بىمەنە خىيال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە كېچىسىمۇ شۇ، كۈندۈزىمۇ شۇ، ئولتۇرساممۇ، ماڭساممۇ... شۇ خىيال جىن چاپلاشقاندەك كاللامغا كىرىپلىۋالدىيا؟... بۇنى ئاز دېگەندەك يەنە كىشىلەر ئالدىدا «مەن ئۆزۈمنى يەيمەن، ئۆزۈمنى يېگىلى قويۇڭلار!» دەپ جار سالغىنىمنى كۆرمەمدىغان... توۋا! مۇنۇ ئاچكۆز كۆزۈممۇ باشقا نەرسىلەرگە تويمىغاندەك ئۆزۈمگە چۈشۈپ قالغىنىنى... توۋا، توۋا!
    تىك - تىك، «نورماندىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش»، تىك - تىك، «باشلاش»، تىك... پاڭ - پۇڭ، گوم، تا...تا... تات. كاساپەت! ئۆلدۈمغۇ مانا. ئەبلەخ!... ۋاھ، نېمىدېگەن پەيزى!... ئەستا، سۈرئىتى ئەجەب تېزكەنغۇ بۇنىڭ! نەتىجىگە ئېرىشمەي تۇرۇپلا سۇغا چۈشۈپ كېتىپ بارىدىيا؟... ياخشى! ياخشى! بۇمۇ بولغۇدەك.
     ئاكا، چوڭ دادامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قاپتۇ، سېنى دەرھال كەلسۇن دەيدۇ، ئىنىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ راسا ئاچچىقىم كەلدى.
     كەينىڭدىن باراي!...
    گالاچ - گۇلۇچ... ۋالاق - ۋۇلۇق... ھايت - ھۇيت!...
     كەچۈرۈڭ، يېرىم كېچە بولدى، دۇكاننى تاقايمىز.
     بىر مەيدان ئوينىغىلى قويۇڭلار!... مانا، ھەممىسىنى يېڭىپ چىقىۋاتىمەن. مەن چېمپىيون!
    ئەستەغپۇرۇللا! بۇ خىيال كاللامنى يەنە مالىماتاڭ قىلغىلى تۇردىغۇ ئەمدى؟!... قاراپ تۇرۇپ «بىر قېتىم ئۆزۈمنى يېگىلى قويۇڭلار!» دەۋاتىمەنيا...
     يارنىڭ ئوتى بەك يامان... ھىق!... قۇيە بىرنى!
     بولدى قىل، ئاغىنە.
     قۇلاق مىدىرلىغۇدەك بولمىدى تېخى، قۇيمامسەن دەيمەن!... كۆيدۈرىدۇ يۈرەكنى... ھىق!... قۇيە يەنە بىرنى!
     بولدى ئاغىنە، ئەمدى ئىچمە.
     چىك، ئا - ئە، كەيپىمنى ئۇچارماي ئىچكىلى قويۇڭلار. قۇيە تېز!... كاۋاپ بولۇپ كەتسىمۇ... ھىق! كۆرەلمەيسەن تۈتەكنى... ھىق!...
    ئەبلەخ! ھېلى بىكار تاشقا بىرلا ئۈسسۈيمەن. مۇنۇ ئۆلۈم يېقىن كەلمىگەن بىمەنە خىيال كاللامنى يەنە چېكىۋاتىدىيا!؟... ماۋۇ تىلىممۇ ماڭا بويسۇنماس بولدىمۇ نېمە؟ يەنە «ئۆزۈمنى يېگىلى قويۇڭلار!» دەۋاتىدىيا!...
     قىزىل يولۋاس.
     كۆك ئەجدىھا.
    ... ...
     ئۇتتۇم!... ئەمدى ئوينىمايلى.
     بۈگۈن سېنىڭ ئامىتىڭ كەپتۇ. بوپتۇ، ئوينىمىساق ئوينىمايلى. ئۆيىمىزگە قايتىپ ئارام ئالايلى...
    ئاۋۇ كۆرۈنگىنى نېمىدۇ؟... كۆزۈممۇ بوش كۆرىدىغان بوپقاپتۇ، قېرىغان ئوخشايمەن، ياشلىق باھارى دېگەن بىرنېمىمۇ ئاشقازىنىمدا ھەزىم بوپبولغان ئوخشايدۇ... تۈزۈكرەك ماڭماي تۇرۇپلا پۇتلىرىم تېلىپ كەتتىيا؟ ئەستا، كۈچ - قۇۋۋىتىم تامام تۈگەپ بولدىمۇ نېمە؟... ئاچقۇچنى نەدە قويغاندىمەن؟... ھېچ ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەنغۇ... بولماپتۇ، خاتالىشىپتىمەن، ھەقىقەتەن خاتالىشىپتىمەن. ئەقلىممۇ قوناققا ئەي بولۇپ بوپتۇ...
    قورسىقىمنىڭ كوركىراۋاتقىنىنى!... يېگۈدەك نەرسە بارمىدۇ؟... ئەستەغپۇرۇللا! كۆزۈممۇ تورلىشىپتۇ، كۈچۈممۇ قالماپتۇ، ئەقلىممۇ يوق. قارىغاندا ئۆزۈمنى يەپ بولغان ئوخشايمەن... ئۇنداقتا ھازىر مەن نېمە؟ ياغاچمۇ، تۆمۈرمۇ ياكى ھەرىكەتتىن قالغان جىسىممۇ؟... ئاۋۇ كۆرۈنگىنى نېمىدۇ؟... جىسمىمدا ئەجەب بىرنەرسە پىلدىرلايدىيا؟... ۋاھ! نۇرى ئاجايىپ كۈچلۈككەن، كۆزۈمنى قاماشتۇرۇۋەتتىغۇ ئۇ!؟... توغرا، ھەممىنى يەپ بولماپتىمەن، يەنە بىر ئارزۇيۇم بار ئىكەن. ئۇ ئارزۇ  ئۆلەي دەپ قالغان جىسمىمدا نېمە قىلىدىغاندۇ؟... بوپتۇلا، نېمىلا بولمىسۇن بىلىپ باقاي... ئەجەب ياخشى، بۇمۇ بولىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ ئارزۇيۇمنى تەكرارلىسام بولغۇدەك... تۇنجى قېتىم بىر دەپ باقايچۇ.
     ئېھ، ياراتقان ئىگەم، ماڭا ئوخشاش ئۆزىنى يەپ بولغان، ئۆزىنى يەۋاتقان ۋە ئۆزىنى يېمەكچى بولغانلارنى خاتا يولدىن قايتۇرغايسەن، توغرا يولغا باشلىغايسەن!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.