سەن يەنە كېلىسەن(ئەركىنجان ئەمەت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 17:30:02

سەن يەنە كېلىسەن[ئەركىنجان ئەمەت] بۇ سوۋغىنى ئېلىپ قويغىنىمغا خېلى ئۇزۇن بولدى. بىراق ئۇ يەرگە بېرىش- بارماسلىق توغرىسىدا كۆپ كاللا قاتۇرۇپ ئاخىر بارىدىغان بولدۇم. سوۋغىمۇ ئاددىي بىرى چوڭ، بى...

    سەن يەنە كېلىسەن
    [ئەركىنجان ئەمەت]

     

        بۇ سوۋغىنى ئېلىپ قويغىنىمغا خېلى ئۇزۇن بولدى. بىراق ئۇ يەرگە بېرىش- بارماسلىق توغرىسىدا كۆپ كاللا قاتۇرۇپ ئاخىر بارىدىغان بولدۇم. سوۋغىمۇ ئاددىي  بىرى چوڭ، بىرى كىچىك خالتىدا گۈلە- قاق، خالاس. مۇنداق دېلىغۇل بولۇپ بىرنەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆتكەنكى خېتىدە خۇددى مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئاجرىشىپ كەتكەندەك بىر مەنە باردەك تۇراتتى. ئىشقىلىپ ئۆزۈمچە بىر يوقلاپ قويۇش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ ئويلايتتىم. ئەلۋەتتە، مەن بۇرۇن ئۇنىڭغا «ئاجرىشىپ كەتسەڭ مەن ئالىمەن» دېگەن. بىراق ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن بالىلىق بولۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ نىيىتىمدىنمۇ ياندىم. ئۆزۈمچە «ئۇ ئۇزۇن ئۆي تۇتۇپ كەتتى» دەپ قارايتتىم. ئىشقىلىپ ھازىر ئۇنى ئېلىش نىيىتىم يوق. مۇنداق قىلسام بەك چوڭ بەدەل تۆلىۋېتىدىغاندەك تۇراتتىم.
       ئاپتوبۇستا بىر ئۇخلاپ ئويغانسام كېلىپمۇ قاپتۇق. مەن ھامان ئۆزۈمنى ئۇيقۇغا زورلايتتىم. ئەمدىكى ئىش باشقا يەرگە بارماي ئۇنىڭ قېشىغا بېرىش ئىدى. بولمىسا تېلېفون ئۇرساممۇ بولاتتى. يول بويىدىكى بىر ئىدارىنىڭ  ئىشخانىسىغا كىردىم، تەكەللۇپ بىلەن: «تېلېفون ئۇرۇۋالسام بولامدۇ؟» دەپ سورىدىم. ياخشى «بولىدۇ» دەپ قالدى. تېلېفون دەپتىرىنى ۋاراقلاپ نومۇرنىمۇ تاپتىم. ئۆزۈمچە بۇ قىسقا سەپەر خېلى ئوڭۇشلۇق بولغاندەك تۇراتتى. ماشىنىغا چىقىشتىن تارتىپ، ئورۇندۇق ئىگىلەش، ماشىنىنىڭ بۇزۇلماي كېلىشى... تېلېفوننى ئېلىپ ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك يۈرىكىم ئىختىيارسىز ئېغىر سوقۇپ كەتتى.
       - مەن، مەن تۆرەم، ياخشىمۇسەن؟ دېدىم.
    ئۇ ماڭا بۇرۇن شۇنداق ئىسىم قويۇۋالغانىدى. بۇ ئەلۋەتتە بۇرۇنقى ئىش. قارشى تەرەپتىن خېلىغىچە ئاۋاز چىقمىدى. مەن يۈرەك سوققاندەك ئاۋازنى ئاڭلىدىم. تۇرۇپكىنى مەيدىسىگە يېقىۋالغان ئوخشايدۇ. قارىغاندا ئۇنىڭمۇ يۈرىكى سوقۇۋاتسا كېرەك.
       - تۆرەم، قاچان كەلدىڭ، ياخشىمۇسەن؟
       - ياخشى، تېخى ھازىر كېلىشىم.
       - مەندە بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟
       - ...
       - ۋەي، نېمانداق گەپ قىلمايسەن. بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمىدىڭ؟
       - سېنى كۆرگىلى كەلگەنىدىم.
       - ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
        -شۇنداقمۇ؟ قانداقراق كېتىۋاتىسەن؟
       - يامان ئەمەس.
       - بالاڭ قانداقراق، چوڭ بولۇۋاتامدۇ؟
       - ياخشى، ئانام قاراۋاتىدۇ. مېنى ئاچا دەيدۇ.
       - ئۇ چىرايلىقمۇ؟
       - ئۇ بەك چىرايلىق، كۆرسەڭ ئامراق بولۇپ قالىسەن.
       - ساڭا ئوخشامدۇ؟
       - ياق، ئۇ ساڭا ئوخشايدىغاندەك.
       - نېمە؟!
       - ساڭا ئوخشايدىغاندەك، بۇرۇنلىرى، كۆزلىرى، ئىشقىلىپ ساڭىلا ئوخشايدۇ.
       - دېمەكچى بولغىنىڭ...
       - مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن، بىراق كىمنىڭ بالىسى مەنمۇ تازا ئۇقالمايمەن. «غۇژژىدە» بولۇپ پۈتۈن بەدىنىمدىن ئاچچىق تەر چىقىپ كەتتى. بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۆزۈمچە دەر گۇماندا قالدىم.
       - بۇ قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن؟
       - ئۆزۈڭ ئويلاپ باقمامسەن.
       - باشقا گەپنى كېيىن دېيىشەيلى، ۋاقتىڭ بارمۇ؟
       - بار. سەن ھازىر نەدە؟
       - قۇمكۆل ماگىزىنى قېشىدىكى ئىدارىدە.
       - ئەمىسە، ماگىزىن ئالدىدا تۇرۇپ تۇرغىن بولامدۇ؟
       - بولىدۇ. ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ ۋېلىسىپىتتىن چۈشۈپ ئالدىمغا كەلدى. قارىماققا سەمرىپمۇ قاپتۇ، ئاقىرىپتۇ. بەك چىرايلىق كىيىنىۋالغانىدى. مەن پۇتۇم توڭغاچ توختىماي پۇتۇمنى يەرگە ئۇراتتىم. ئۇ يېقىن كەلگەندە گىرىمنى زىيادە ئىشلىتىدىغانلىقىنى سەزدىم.
       - ياخشىمۇسەن؟
       - ياخشىمۇسەن؟ ئۇزاق بولدى كۆرۈشمىگىلى.
       - شۇنداق، سەنمۇ بۇ تەرەپلەرگە كەلمەي قويدۇڭ.
        تۇيۇقسىز بىر ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ چېچىدىن تارتىپ ئوڭدىسىغا يىقىتىۋەتتى ۋە ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاشقا باشلىدى. مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم ۋە دەرھال ئاخشام كۆرگەن چۈشلىرىمنى ئەسلىدىم. بۇ ئىشتىن ھېچقانداق بېشارەت تاپالمىدىم. نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيلا قالدىم. ئۇمۇ بوش ئەمەس ئىكەن، ئىرغىپ قوپۇپ ئۇ ئايالغا ئىككى- ئۈچ مۇشت سېلىۋەتتى. پوملاقلىشىپ كەتتى. بىرى «ئېرىمنى بۇزدۇڭ جالاپ» دېسە، بىرسى «چىدا، نوچى بولساڭ سەنمۇ قىل» دەيتتى. ھەيران بولغىنىم  ئۇنىڭ بۇ يامان ئېغىزى قاچانلاردا مۇنداق سەت تىللارنى ئۆگەنگەن بولغىيتتى؟ بىردەمدە ئادەم ئولىشىپ كەتتى. بىر ئايال مېنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ «ئۇ ئايالىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن بويۇنلىرىمغىچە قىزىرىپ كەتتىم. توغرا، ئۇنى مەن ئالغان بولسام، خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزىمەن دەپ يۈرسە، باشقىلار بىلەن ئاشنا بولۇۋالسا- ھە...
       مەن جاۋاب بەرمەي باشقا ياققا قارىۋالدىم. ئۇلارنى باشقىلار ئاجرىتىۋەتكەندىن كېيىن، قارىسام ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇق. بايامقى گۈزەللىكى، گىرىملىرى يوقاپ كېتىپتۇ، كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇپ كەتتى. مېنى بىر خىل خورلۇق تۇيغۇسى قاپلىۋالدى. ئۇ باشقا ئادەم بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئاغزى بېسىلماي تىللىشىۋاتاتتى. مۇنداق سەت تىلنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشمۇ چىقمىدى. مەن تىكىۋېتىش خىيالىدا بولدۇم. لېكىن مىدىرلىيالمىدىم. ئېغىر كەلگەن خالتىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. باشقىلار ئۇلارنىڭ كىيىمىدىكى توپىلارنى قېقىشتۇرۇپ، كىيىملىرىنى تۈزەپ قويدى ۋە تارقاپ كەتتى. كېيىن قارىسام يالغۇز قاپتۇق. ئۇ ھېچ نەرسە دېمىدى. مەن گاراڭلىقتا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەلمىدىم ھەم بايا پوملاقلىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئاجرىتىپمۇ قويمىدىم.
       ئۇ ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەچ ماڭاتتى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا ئۈن- تىنسىز ماڭدىم. ئوي    - پىكرىم بەك مالىماتاڭ. خىيالىمغا پەقەت ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتى كېلەتتى. ئەپسۇسلىناتتىم. نېمە دېيىشىمنى پەقەت بىلەلمەيتتىم. شۇ تۇرقىدا، ئالاھەزەل بىر سائەت يول مېڭىپتۇق ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ماڭغاندۇق، ئىشقىلىپ كۆرگەن ئادەملەر، ماڭغان يوللارنىڭ كاللامدا ھېچقانداق تەسىرى قالمىغانىدى.
       - راستىڭنى دېگىنە، ئۇ زادى كىم؟ نېمىشقا مۇنداق قىلىدۇ؟
       - ...
       - گەپ قىلساڭچۇ!
       - مۇنداق گەپ، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ئىدى. خېلى ياخشى ئۆتەتتۇق. خوتۇنى ئۆزىچىلاتىن كۈنلەپ... بۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم بولدى يولدا توسۇپ تىللىغىلى، ئىدارىگىمۇ تېلېفون بېرىپتۇ. بەك ئەسكى خوتۇن، ئۆزىنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرى يادىدا يوق، ئېرىدىن كۈنلەپ يۈرىدۇ.
       - بىرەر ئاساسى بولمىسا ئۇنداق قىلىشى ناتايىن، سەن شۇ دەرىجىگە يەتتىڭمۇ؟ راست گەپ قىل، ئىشقىلىپ ماڭا بەرىبىر. دەۋەرگىن.
       - ئەمدى سەنمۇ ماڭا ئىشەنمەمسەن؟
       - مەن قانداق ئىشىنەي، يەنە بۇنىڭ نېمە ھاجىتى، راستىنى دەۋەرسەڭ بولمىدىمۇ؟ ئىشقىلىپ سېنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ھېچقانداق مەسئۇلىيىتىڭ يوق. زادى يوق، نېمە قىلساڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى!
       - تۆرەم، گېپىمنى تولۇق ئاڭلىمىدىڭ. ھېچقانداق يەردە ئۇنداق ئىش يوق، كاللام ئېلىشىۋاتقاندا نېمانداق گېپىمگە ئىشەنمەيسەن، يوق دېگەندىكىن يوق.
       مەن باشقا گەپ قىلمىدىم. كاللام ئىشلىمەيلا قويغاندەك قېتىپ تۇراتتى، قانداقلا بولمىسۇن، ئۇنى كۆرۈۋالدىم. ھازىر ئۆزۈمنىڭ ئۇنى شۇنداق ئارمان قىلىپ كەتكەنلىكىمدىن ھەيران بولدۇم. ئۇنى ئەسلىسەم بەزىدە ئۇ شۇنداق چىرايلىق، ۋاپادار، مېھىرلىك كۆرۈنەتتى. ئەمدى كوچىدىكى ئايالدىن پەرقى قالمىغاندەك، بۇرۇن ئۇنى «تېگى پەس» دېسە چاتىقىم بولماپتىكەن.
       -ھازىر مەن تونۇيدىغان «ئۇ» ئىككىگە ئايرىلىپ كەتتى. بىرسى ھازىرقىسى، ئەمەلىيەتتە مەن ئۈچۈن ھەر ئىككىسى بەرىبىردەك ئىدى.
       - كاللام بەك ئېلىشىپ كەتتى. مەن بىلەن بىردەم بىرگە بولساڭ باشقا ئالدىراش ئىشىڭ يوقتۇ؟
       - ھە، باشقا ئىشىم يوق.
       - ئەمىسە، باغچا تەرەپلەرگە بارايلى، كەينى ئىشىكتىن چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ.
       - مەيلى ئىختىيارىڭ، ماڭا بەرىبىر.
        سەنمۇ ئۆزگىرىپسەن، گەپلىرىڭ بەك سوغۇق.
       - سوغۇق بولسا نېمە بوپتۇ، ئىشقىلىپ مەينەت ئەمەس.
       - نېمە دېگىنىڭ؟!
       - ھېچنېمە...
       - ئۆزگىرىپسەن دېسەم، يەنە بىر تەرەپتىن تېخى پەقەت ئۆزگەرمەپسەن، تۇرمۇشنى... دېمەكچى تۇرمۇشتىكى ئىسسىق- سوغۇقنى كۆرمىدىڭ. بۇرۇنقى سادا پېتىڭ قاپسەن، ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ھەي، جىق ئىشلارنى كۆردۈم. بەزىدە ئۆزۈمنىڭمۇ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
       ئۇ ئەمدى ئېغىر- بېسىق، تەمكىن بولۇپ قالدى. قارىماققا ھازىر ئۇ مەندىن چوڭ كۆرۈنەتتى. ئەمدى ئۆزۈمنى ئۇنىڭ يېنىدا بىرئاز قىسىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. كەيپىياتىممۇ تېز ئەسلىگە كەلدى. مەن ھەيران بولاتتىم.
       - ئۆتمۈش قايتىلانمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ دەپ سوراپ قالدى ئۇ.
       - ئەلۋەتتە، قايتىلانمايدۇ. ئۆتمۈش توغرۇلۇق ئېغىز ئاچمىغىنىڭ تۈزۈك. شۇ ئاغزىڭدىن ئۇ گەپلەرنىڭ چىقىشىنى خالىمايمەن.
       - تۆرەم، سەن نېمانداق سوغۇق گەپ قىلىسەن، بۇرۇن شۇنداق چىرايلىق گەپ قىلاتتىڭ. سەن كەتكەندە بولسا سېنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزۈڭنى سېنى دوراپ يادلايتتىم. سۈرە يادلىغاندەك دائىم ئۇيقۇم قاچقاندا پىچىرلاپ چىقاتتىم. قىزىق، سەن خىيالىمدا پەرىشتىگە ئايلىنىپ كېتەتتىڭ، نەچچە قېتىم ئۇيقۇلۇق سۆزلەپ سېلىپ جېدەلگە قالغانىدىم. بىر قېتىم، ئۇنىڭغا خېلى بولدى، سېنىڭ خېتىڭنى ئوقۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئويغانسام ئۇ ئېلىۋاپتۇ. ئۆزى ئۇيغۇرچە كۆرەلمەيتتى، ئاچىسىغا كۆرسىتىپتۇ، ئاندىن مېنى كۆپ ئۇردى. ئاچىسى خەتنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى. مەن خىجىل بولدۇم، ھەيران قالدىم. ئۇنىڭ ئاچىسى «ئۇكام، مۇنداق ئىش مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن، ئىشقىلىپ كۆرسەتمىگىن» دېدى. ئىككىمىز كۆپ يىغلىدۇق. ھازىر ئويلىسام شۇ ئىشلىرىمغا كۈلگۈم كېلىدۇ.
       - ئادەمنى بىئارام قىلىپ ئۇ گەپلەرنى دېمىسەڭچۇ.
       - ئۇ چاغدا، راست بىر قېتىم، ئاپتوبۇستا ئاتا    - ئانام بىلەن قېشىمدا ئۇچرىشىپ قالدىڭ، چۈشەي دېسەم، ئۇلار بار. چۈشمەي دېسەم خېلى ئۇزۇن بوپتىكەن سېنى كۆرمىگىلى. شۇ چاغدا جىلە بولۇپ يىغلاپ تاشلىغانىدىم. كېيىن سەن كەتتىڭ، ئۇلارنى ئاپتوبۇستا ئازدۇرۇپ قېچىپ كەلدىم. سېنى كۆرگۈچە ئۆلۈپ قالىدىغاندەك يول بويى سېنى بىر كۆرۈۋېلىشقا خۇدادىن مەدەت تىلەپ كەلدىم...
       - ئۇ چاغدا سەن كېلىپ ئەينەككە قاراپ ئاندىن يول بويى يىغلاپ كەلگەنلىكىڭنى بىلگەنىدىڭ. ئۇ چاغدا سەن قانداق سۆيۈملۈكتىڭ. يۈزلىرىڭ قىزىرىپ كەتكەن، چاققان، جۇشقۇن، ئىشقىلىپ بىز ھارغۇچە قۇچاقلاشقانىدۇق. ئۆي بەك ئىسسىق ئىدى، تەرلىرىمنى سۈرتۈپ قوياتتىڭ، بۇرۇتۇمنى دائىم سەن ياساپ قوياتتىڭ، چېچىمنى تاراپ قوياتتىڭ، ئىشقىلىپ بەك مېھرىبان ئىدىڭ. ئويلىسام، مېنىڭ ھازىرغىچە توي قىلماسلىقىم شۇنىڭ سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. ھېچقايسىسى سەندەك ئەتراپلىق ئەمەس، ھامان ئۇلارنىڭ ماڭا ئامراق بولۇشىدىن گۇمانلىناتتىم، ھامان ئىشەنمەيتتىم، ئاخىر  ئايرىلىپ كەتتىم نەچچە بىلەن. سەن ھەتتا مېنىڭ ئىسمىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭ. مەن يېڭى كىيىم كىيسەم سەن شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتەتتىڭ، ئېسىمدە قېلىشىچە، ھازىرغىچە مېنىڭ كىيگەن كىيىمىمنى سەندەك ماختاپ باققان ئادەم يوق، ھېچكىم يوق. سەن تۈزەشتۈرۈپ كېتەتتىڭ.
    مەن ئۆزۈممۇ ئۇقالمايلا ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. ئەسلى مۇنداق بولمىسا بولاتتى. ئۆزۈم ھەقىقىي ياشاپ كېلىۋاتقان، ئۇ بېشىدىن كەچۈرگەن بۇرۇنقى ئىشلار يوقاپ، ھەممىسى بىر خىيالدەك ياكى چۈشتەك تۇيۇلدى. خۇددى ئەزەلدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك، پەرقى ئۇ بەك تەمكىن تۇراتتى. بۇرۇنقىدەك ئالدىمدا، يېنىمدا چىشىمنى قېرىشتۇرۇپ قىيغىتىپ، سەكرەپ يۈرمەيتتى.
       باغچىنى غۇۋا گۇڭگىلىق باستى. دېمىسىمۇ قىش كۈنى قىسقا، ئۆزۈممۇ ئۇقماي تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىنى ئىسسىتتىم. ئورۇندۇقتىن مۇز چىقاتتى. مەن ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئىسسىتىپ ئاندىن ئۇنى ئولتۇرغۇزدۇم، بىر ئازدىن كېيىن ئۇمۇ شوخلىشىپ كەتتى. بىراق ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئەمەس. ئادەم شالاڭلاپ كەتكەندە مەن ئۇنى سۆيۈۋالدىم. ئۇمۇ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ قويدى. بىراق ئۇنىڭ ئېغىزىدىن بۇرۇنقى تەمنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلدىم. بىراق بۇرۇنقى تەمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى تازا ئېسىمگە ئالالمىدىم، ئېھتىمال، ئۇمۇ شۇنداق ئويلىسا كېرەك. بىز ئارقا ئىشىككە بارغاندا بىرئاز توختاپ قالدۇق. مەن ئۇنىڭغا ئۇزاق قارىدىم. دەرۋازا سىرتىدا ئادەملەر مىغىلدىشاتتى. شۇندىلا بايا چىرايلىق بىر چۈش كۆرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ئۇ مېنى ئۆز جىسمىمدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋەتكەنىدى.
       - تۆرەم، مۇنداق ئىش. سېنىڭ قولۇڭ خېلى ئەپلىك، ماڭا بىر ئەرز يېزىپ بەرگىن. چوقۇم بۈگۈن كەچتە.
       - نېمە قىلىسەن؟
       - ئەرز قىلىمەن. ئۇ مېنى چوڭ كوچىدىلا ھاقارەت قىلدى، ئۇردى، بۆھتان چاپلىدى. مەن ئەرز قىلمىسام بولمايدۇ.
       - ئۆتكەنكى خېتىڭدىن بىر خىل مەنە چىقىپ تۇرغانىدى. ئىشقىلىپ مېنىڭ ھازىر سەن بىلەن توي قىلىش نىيىتىم يوق، چۈنكى بۇرۇنقىدىن بەك يىراقلاپ كېتىپسەن، مەن ئۇقالمىدىم. ماقۇل يېزىپ بېرەي، بىراق سەن مېنىڭ خاتىرەمنى قايتۇرۇپ بەرگىن، بولامدۇ؟
       - بولىدۇ. كەچ بولۇپ كەتتى. ئەتە ئەتىگەندە ئىشقا چىقىشقا ئون مىنۇت قالغاندا مېنى يول ئېغىزىدا ساقلاپ تۇرغىن، خاپا بولمىغىن، كۆڭلۈڭنى ئالالمىدىم...
       - نېمە دېگىنىڭ؟ بىلمىدىم. ھاجىتى يوق، بوپتۇ. كەچتە يېزىپ قوياي، تەپسىلىيرەك دەپ بەرگىن.
       ئۇ كەتتى، مەن سوۋغامنى ئۇنىڭغا بەردىم. رەھمەتمۇ دەپ قويمىدى. ئەمدى كاللام ئېلىشىپلا كەتتى. بۇ ئىشلار شۇنداق ئېغىر بېسىم بولۇپ، بەك ھارغىن بولۇپ قالدىم، ئويلايتتىم، ئىشەنگۈم كەلمەيتتى، ئىشقىلىپ ئۇ مېنى تولىمۇ قايمۇقتۇرۇۋەتتى، ئۇ توغرۇلۇق قىلغان خىياللىرىم، ئارزۇلىرىمنىڭ ھەممىسى يوققا چىقتى. ئەمدى ئۇنىڭغا ئەرز يېزىپ بېرىمەن. قارىغاندا ئۇ ھەقىقەتەن ئۇۋالغا ئۇچراۋاتسا كېرەك. ئالدىرىماي  بىر ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ئۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى. پاراڭلىشىپ ئۇزاق ئولتۇردۇق، ئۇ كەيپىمنىڭ بەك چاغ تۇرغانلىقىنى سېزىپ سوراپ قالدى. مەن ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى دەپ تۇرىۋالدىم. ئاندىن كوچا ئايلىنىپ تاماق يېدۇق، بىر قاۋاقخانىغا كىرىپ بىر بوتۇلكا ھاراقنى پاراڭ بىلەن ئىچىپ بولدۇق. بىز بالىلىق ۋاقتىمىزدىكى ئەسلىمىلەرنى سۆزلەپ كۆپ ھۇزۇرلاندۇق. چالما سوقۇشى ئوينىغانلىرىمىزنى سۆزلەپ قالدۇق، ئاندىن بىر- بىرىمىز، ئۆز قوشۇنلىرىمىزنى ماختاپ سەل قىزىرىشىپ قالدۇق. كېيىن «كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇق» دەپ بىر - بىرىمىزگە تەسەللى بېرىپ قايتىپ كەلدۇق. ئۇ كىرىپلا ئۇخلاپ قالدى. مەن قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ «مەنكى XX ئىدارىسىدە ئىشلەپ تۇرغۇچى XX شۇ توغرۇلۇق مەھكىمەڭلارگە ئەرز سۇنىمەنكى...» دەپ باشلىدىم. يېزىپ بولغۇچە كۆزلىرىم تىقىلىپ ئاغرىپ بەك قىينىلىپ كەتتىم، ئاندىن بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەپ بەك تەستە ئۇخلاپ قاپتىمەن. چۈشۈمدە ئۇ شۇ بۇرۇنقى ياتاقتا تۇرارمىش. ياتاق بىر قەۋەت توپا ئاستىدا قاپتىمىش. ئۇ تۇرۇپا ئالدىدا ئولتۇرۇپ مەينەت قاچا- قۇچىلارنى يۇيۇۋاتقۇدەك.  مەن: «يۇيۇپمۇ بولالمايسەن، تازىلاپمۇ بولالمايسەن» دېگۈدەكمەن. ئۇ: «يۇيۇپ بولالايمەن، تازىلاپ بولالايمەن» دېگۈدەك، قالغانلىرىنى ئەسلەپ بولالمىدىم. ئىشقىلىپ چالما سوقۇشتا ئاغىنەمنىڭ مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى چۇۋۇۋېتىپ  چۈشەپ قاپتىمەن. قىزىق، ئەتىگەن سەھەردە قوپتۇم. كاللام بەك ئېغىر، ھاراق تۇتۇۋالغان ئوخشايدۇ. ئۇمۇ ئىشقا چىقىشقا تەرەددۇت قىلدى. مەن دېيىشىپ قويغان يەرگە باردىم. يېرىم سائەت بالدۇر بېرىۋالغان ئوخشايمەن. كىشىلەر ھەر تەرەپكە ئالدىراش كېتىشىپ باراتتى. مەن، پەقەت مەن ئۇ يەردە سۈكۈتتە كۈتۈپ تۇراتتىم. ئۆزۈمنى شۇنداق يالغۇز، غېرىب ھېس قىلاتتىم. ئادەملىرى شۇنداق يات، يىگىرمە مىنۇت شۇنداق تەستە ئۆتتى. پەلتۇيىمنى چىڭ ئورىۋالدىم. پۇتۇمنى يەرگە ئۇرۇپ تۇراتتىم. پۇتۇمنىڭ بارماقلىرى سېزىمىنى يوقاتقاندەك تۇراتتى. سوغۇقمۇ خېلى بولۇۋاتاتتى. بەزىلەر مېنىڭ بۇنداق سوغۇق ئەتىگەندە يول بويىدا تۇرغانلىقىمغا ھەيران بولغاندەك قاراپ قوياتتى.
       ئۇ ئاخىر كەلدى. ماسكا ئۇنىڭ كۆزىدىن باشقا يەرلىرىنى ھىم يېپىپ تۇراتتى. شارپىنى مەھكەم ئۇرىۋالغانىدى. قارىغاندا كىيىملىرى تۈنۈگۈنكى ئەمەس تۇراتتى. ئۇ ماسكىنىڭ بىر تەرىپىنى ئېلىۋەتتى، رەڭگى بىرئاز تاتىراڭغۇ ئىدى. ئۇمۇ تازا ياخشى ئۇخلىيالمىغان بولسا كېرەك. مەن ئۇنىڭغا يازغان ئەرزنى بەردىم. ئۇ قولىغا ئېلىپ ئىتتىك كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى.
       - مەن ھازىر بېرىپ بۇنى قايتا كۆچۈرۈپ چىقىمەن.
       - مەن خېلى تولۇق يازغانىدىمغۇ؟
       - ئۆزۈمنى ئاقلىمىسام بولمايدۇ. ئاندىن «بىر ھالقام، بىر ئۈزۈكۈم يوقاپ كەتتى» دەپ تولۇقلايمەن.
       - نېمىشقا ئەمدى. يۈتمىگەن نەرسىنى يۈتتى دەپ يېزىپ، نېمە پايدىسى.
       - ئۇنىڭ تازا بىر ئەدىپىنى بېرىپ قويمىسام، ئېرى بولسا خېلى ياخشى، بۇ قېتىم قويۇۋېتىشى مۇمكىن.
       - مەقسىتىڭ خەقنىڭ ئۆيىنى بۇزۇۋېتىشمۇ؟
       - ياقەي، ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ، ئالدى بىلەن ئۇ مېنى ھاقارەتلىدى- دە.
       ئۇ سومكىسىدىن خاتىرىنى ئېلىپ بەردى. مەن ئۇنى مەقسەتسىزلا ۋاراقلاپ قويدۇم. بىز ئۈن- تىنسىزلا ماڭدۇق. خاتىرە ئارىسىدا بىر پارچە خەت تۇراتتى. يولدا ئۇنىڭ بىر تونۇشى ئۇچراپ قېلىپ پاراڭلىشىپ قالدى. مەن ئاستا ماڭغاچ بۇ خەتنى ئېچىپ ئوقۇدۇم. بۇرۇن ماڭا يازغان خەتنىڭ ئەندىزىسى ئىدى. بىر ۋاراق ئوقۇغاندىن كېيىن خەتتە شۇ خەت تەگمەكچى بولغان ئادەمگە ئۆزىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىنى ئارتىدىغاندەك مەنە تۇراتتى. شۈبھىسىزكى، بۇ تۈنۈگۈن ئۇرۇشقان ھېلىقى ئايالنىڭ ئېرىگە يازغان خەت ئىدى. بىراق نېمە سەۋەبتىندۇر ئەۋەتەلمەپتۇ. خەت ھەم چۈشكۈن، ھەم ئۈمىدۋار، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى شۇ كىشىگە ئارتماي، تەقدىرگە ئارتىپ رېئالىزمچىلارنىڭ بەختسىزلىككە بەرگەن تەبىرىنى بېرىپتۇ. ئېسىمدە، مەندىمۇ ئۇنىڭ شۇنداق بىر خېتى بولىدىغان، بەدىنىم تىترەپ كەتتى. ئۇ مۇشۇنداق خەتنى مېنىڭ خاتىرەم ئىچىگە سېلىپ قويسا- ھە!
       ئۇ بىردەمدىن كېيىن يېتىۋالدى. مەن بىرئاز ھاياجانلىنىپ ئاخىر يەنىلا ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم. خەتنى ئۇنىڭ قولىغا بېرىش- بەرمەسلىك توغرۇلۇق كۆپ ئويلاندىم. سېلىپ قويۇپ، ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇراتتى. مەن خەتنى ئۇنىڭ قولىغا بەردىم. ئۇ ۋاراقلاپ بېقىپ يانچۇقىغا سالدى ۋە بېشىنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋالدى. گەپ قىلماي مېڭىۋەردۇق. يولدا ئادەملەر ئاۋۋالقىدىن شالاڭلاپ قالغانىدى.
     مەن ئەمدى كەلمەيمەن.
       - ...
       - بۇ ئاخىرقى قېتىم، ئېھتىمال، يىراق يەرگە يۆتكىلىپ كېتىشىم مۇمكىن.
       - ...
       - خەير خوش.
       - سەن چوقۇم كېلىسەن، مېنىڭ تۆرەم. چۈنكى سەن مېنى ياخشى كۆرىسەن، مەنمۇ شۇنداق. خوش...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەركىنجان ئەمەت