قىز قۇمى(پوۋېست)-تۇرسۇنئاي يۇنۇس

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 08:57:44

قىز قۇمى (پوۋېست) تۇرسۇنئاي يۇنۇس دۇنيانىڭ جەننىتى دەپ تەرىپلەنگەن قەدىمىي ، گۈزەل ئىستانبۇل شەھىرى . يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئالىي دەرىجىلىك ئاق پىكاپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى . پىكاپنى قاراقۇ...


    قىز قۇمى

    (پوۋېست)

    تۇرسۇنئاي يۇنۇس

     

        دۇنيانىڭ جەننىتى دەپ تەرىپلەنگەن قەدىمىي ، گۈزەل ئىستانبۇل شەھىرى . يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئالىي دەرىجىلىك ئاق پىكاپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى . پىكاپنى قاراقۇمچاق ، قاراقاش ، ئۆزىگە تولىمۇ ياراشتۇرۇپ بۇرۇت قويۇۋالغان ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك قامەتلىك بىر يىگىت ھەيدىگەنىدى .  ئۇنىڭ يېنىدا ئاق يۈزلۈك ، قوي كۆز ، سارغۇچ چاچلىرى يەلكىسىدە يېيىلىپ تۇرغان بىر ساھىبجامال ئولتۇراتتى . بۇ قىز يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى باراقسان باغلارغا ، يول بويىغا سايە تاشلاپ تۇرغان كاشتان ، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە مەجنۇنتاللارغا ، يول تۆپىسىدىكى ئىككى قەۋەتلىك تۇرالغۇ جايلارغا قىزىقىپ قاراپ ئولتۇراتتى.
       قىزنىڭ ئۈستىدىكى قىزىل گىرىپ كوپتىسىنىڭ ياقىلىرىدىن ئۇنىڭ ئاق سۈزۈك بوينى ۋە مەيدىلىرى شامالدا پات-پات كۆرۈنۈپ قالاتتى . قىز بىلەن يىگىت ئانا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن مەززە قىلىپ ، دۇنيادا ئۆزلىرىدىنمۇ بەختلىك ئادەم يوقتەك تۇيغۇ ئىلكىدە ئىدى.
        مەر-مەر دېڭىز بويىدا توختىغان پاراخوتلار ، ماتورلۇق قېيىقلار ، يەلكەنلىك كېمىلەر غىل-پال كۆرۈنۈپ قالاتتى . ئاسفالىت يولنىڭ ئىككى چېتىگە ئاق بىرىكمە ماتېرىيالدىن ياسالغان دۆگلەك شىرە ، ئۈستىگە ئاق داستىخان ، ئەتراپىغا ئاق رەڭلىك يۆلەنچۈكى بار ئورۇندۇقلار قويۇلغانىدى . ئۇ يەردە كىشىلەر چاي ، سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ دەم ئېلىپ ئولتۇرۇشاتتى.
        قاياققا قارىسا مەر-مەر دېڭىزنىڭ زەڭگەر سۈيى يىراقتىن كىشىگە بىر خىل ھۇزۇر بېغىشلايتتى ، پۈتۈن ئەتراپ گۈل-گىياھ ، چىملىق بولۇپ ، جەننەت تۈسىگە كىرگەنىدى . ياپيېشىل تاغلار كىشىنى مەھلىيا قىلاتتى . تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرىنى يۇيغاندەك ھۆل قىلىۋەتتى . ئۇلار ماشىنىنى بىر چەتكە توختىتىپ قويۇپ ، يامغۇرنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتتى . بىراق يامغۇر تېخىمۇ كۈچىيىپ ، چوڭ-چوڭ يېغىشقا باشلاپ ، بىردەمدىلا كوچىلاردا سۇ بولۇپ ئاقتى . سەبىخە:
    -مەن يامغۇرنى بەك ياخشى كۆرىمەن،-دېدى.
    -مەنمۇ شۇ ، يامغۇر ياغقان كۈنى سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلغۇم كېلىدۇ،-دېدى كامال.
    -ئىككىمىز ئوخشاشكەنمىز،-دېدى سەبىخە دېرىزە ئەينىكىدىن سىرتقا قاراپ.
    كامال ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ:
    -يۈرۈڭ سەبىخە ، بىز ھازىر بوغۇز كۆۋرۈكى  -ئاسما كۆۋرۈكنىڭ يېنىدىلا ، ئىككىمىز كۆۋرۈك ئاستىغا بارايلى،-دېدى.
    ئىككىيلەن كۆۋرۈك ئاستىدىكى پىنھان جايدا بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچمەكچى بولۇپ ئولتۇرۇشتى ، سەبىخە دېڭىزدىن كۆز ئۈزەلمەيتتى.
    -قېنى ، سىڭلىم سەبىخە،-دېدى كامال پەتنۇستا ئىككى ئىستاكان قەھۋە ، بىر تەخسە قالقان بېلىق ، بىر چەينەك چاي ۋە ئازراق تاتلىق پېچىنە كۆتۈرۈپ كېلىپ ، ئۈستەلگە قويغاندىن كېيىن،-مەرھەمەت.
    -رەھمەت.
    سەبىخە قەھۋە بىلەن بىر تال پىرەنىكنى يېگەچ ئولتۇرۇپ كامالغا قارىدى.
    -ئۆزىڭىزنى قانداقراق سېزىۋاتىسىز؟
    -مەن ئۆزۈمنى گويا بىر خىيالىي دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك سېزىۋاتىمەن.
    -خۇشالمۇسىز؟
    -چەكسىز شادلىققا چۆمۈۋاتىمەن.
    ئىككىيلەن دېڭىز سۈيىگە قاراپ جىمجىت ئولتۇرۇشتى ، پۇراقلىق چاي قىزغا بەكمۇ ياقتى.
    -رەھمەت،-دېدى سەبىخە كۈلۈمسىرەپ،-تولىمۇ ھۇزۇرلاندىم.
    -ياخشىمۇسىز كامال؟-ئۇنىڭ يېنىغا سېرىق چاچلىرىنى پاخپايتىپ بۈدۈر قىلىۋالغان ، مەيدىسى ئوچۇق ، يەڭسىز كوپتا بىلەن كەڭ شالۋىر كىيگەن بىر قىز كەلدى.
    -ياخشىمۇ سىز ئائىشە ، مەرھەمەت،-دەپ ئورۇندۇقنى قىزغا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن ، كامال ئۇ قىزغا سەبىخەنى تونۇشتۇرۇپ،-بۇ مېنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىم سەبىخە بولىدۇ ، بۇ ئائىشە ، مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم،-دېدى.
    ئىككى قىز بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى . ئائىشە رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا:
    -تونۇشقانلىقىمغا تولىمۇ خۇشالمەن ، خۇش كەپسىز،-دېدى.
    -رەھمەت ، سىزنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم،-دېدى سەبىخەمۇ قىزغا يېقىنچىلىق قىلغاندەك.
    كامال ساۋاقدىشى ئائىشەگىمۇ ئىچىملىك ۋە تاتلىق-تۇرۇم بۇيرۇتتى.
    -سىزنى ئىككى ئايدىن بېرى كۆرمىگىنىم بىكار ئەمەسكەن كامال ، يېنىڭىزدا بىر گۈزەل بولغاچقا ، بىزنى ئۇنتۇپلا كېتىپسىز-دە! بۇرۇن كۈندە بولمىسىمۇ ھەپتىدە بىرەر قېتىم ئۇچرىشىپ تۇراتتۇق . شۇنداق ئەمەسمۇ؟-دېدى ئائىشە كامالنى گەپتە چېقىۋالغۇسى كەلگەندەك غەلىتە بىر تەرىزدە قاراپ.
    -قېنى ، قىزلار چاي ئىچىڭلار،-دېدى كامال ئۇ قىزنىڭ گېپىگە جاۋاب بېرىشنى خالىمىغاندەك ، گەپنى ئېلىپ قېچىپ.
    -كامال ، سىڭلىڭىز بەك چىرايلىق ئىكەن ، بۇ يەرگە ئوقۇغىلى كەلدىمۇ؟ ياكى ساياھەتكىمۇ؟
    -سەبىخە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ھەم شائىرە . بىز ئۇنى سېغىندۇق ، كۆرگىمىز كەلدى ، شۇڭا 5-ئايدا مەن جۇڭگوغا سودا ئىشى بىلەن بېرىپ بىللە ئەكەلدىم . تۇغقان يوقلاش ، ساياھەت قىلىش بىلەن يۈرۈۋاتىمىز.
    -شۇڭا ئالدىراش بىز دەڭە ، ئۇنداق بولسا مەن قىزلارغا خەۋەر قىلاي ، راسا پەيزى قىلىپ ئوينايلى ، بولامدۇ؟
    -بولمايدىغان نېمىسى بار ، مەن سىلەرگە خەۋەر قىلسام بولارمىكىن ، بىزنىڭ يەنە قىلىدىغان ئىشلىرىمىز بار،-دېدى كامال سەۋەب كۆرسىتىپ.
    -كامال ، سىز بىرنەچچە ئاي ئىچىدە ئۆزگىرىپ كېتىپسىز ، بۇرۇنقى كامالنى كۆرەلمەيۋاتىمەن ، راست ئېيتىۋاتىمەن ، بۇرۇن سىز خۇشچاقچاق ، ئوتتەك قىزغىن يىگىت ئىدىڭىز . ئەمدىلىكتە ئېھتىياتچان ، ئەجەبمۇ بىر قورقۇنچاق بولۇپ قاپسىز ، توۋا دەيمەن ، توۋا...
    -ئائىشە ، سىزگە نېمە بولدى؟-دېدى كامال ئۇنىڭ كۆزىگە جىددىي قاراپ.
    كامال بۇ ساۋاقدىشى بىلەن بىر مەزگىل يېقىن ئۆتكەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭغا تۇرمۇش ، سۆيگۈ ، مۇھەببەت توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىغانىدى ، ئۇنىڭدا  ئۇنداق ئويمۇ يوق ئىدى . بىراق بۇ قىز كامالنى قوغلىشىپ يۈرەتتى ، كامال نەگە بارسا شۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالاتتى ، بىرەر قىز بىلەن بىللە ئولتۇرغىنىنى ياكى بىللە ماڭغىنىنى كۆرسە ، دەرھال ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلغاندەك ئوتتۇرىغا كىرىۋالاتتى . بۇ قىز بىر باي ئائىلىنىڭ ئەركە قىزى بولغاچقا ، ئۆزىگە تەڭ كېلەلەيدىغان ، بولسا ئۆزىدىنمۇ يۇقىرى ، پۇل ، مال ، ئۆي-جايى بار ئائىلىنىڭ ئوغلى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى ئويلايتتى ، بىراق بىرسى بىلەن بىرنەچچە كۈن بىللە يۈرۈپ ، ئۇنىڭدىن پاتلا سوۋۇپ كېتەتتى . كامال ئۇنىڭ بۇ مىجەزىنى بىلگەچكە ، ئۇنىڭ بىلەن ئادەتتىكىدەك مۇئامىلە قىلىپ يۈرەتتى ، مانا بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى.
    -كامال ، نېمىگە شۇنچە جىددىي قارايسىز؟ ماڭا ھېچ ئىش بولغىنى يوق ، پەقەت قىز دوستىڭىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپتىكەنسىز ، كېلىپ كۆرۈشتۈم شۇ.
    -قىز دوستۇم ئەمەس ، نەۋرە سىڭلىم ، باغرىم ، بىلدىڭىزمۇ؟
    -بىلدىم ، بۇنىڭ نېمە پەرقى؟
    كامالنىڭ بۇ گەپكە تازا ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق ئۆزىنى تۇتۇۋالدى-دە:
    -سەبىخە ، بۇ ساۋاقدىشىم شوخ ، چاقچاقچى ، قارىڭە ، سىزنى كۆرۈپ بىردەمدىلا چاقچاقنى ياغدۇرۇۋەتتى . قېنى ، ئائىشە قەھۋە سوۋۇپ قالمىسۇن،-دېدى.
    ئائىشە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ:
    -قارىغاندا مەن بۇ يەردە ئوشۇق ھېسابلانسام كېرەك ، خەيرخوش ، مەن كەتتىم،-دەپ كىچىككىنە سومكىسىنى قولىغا ئېلىپ بولۇپ،-بۇ بۈيۈك شائىرە قىزنى كۆرگىنىمنى شەرەپ دەپ بىلىمەن ، سىزگە شەرەپلەر بولسۇن كامال ئەپەندى،-دەپ ئۇلاردىن ئايرىلدى . بۇ قىزنىڭ سۆزلىرىدىن كامال رەنجىدى ، سەبىخە خىجىل بولدى . ئىككىيلەننىڭ شۇنداق چىرايلىق ، خۇشال كەيپىياتى بىردەمچىلىك بۇزۇلدى-دە ، ئارىنى جىمجىتلىق باستى.
    كامال بىردەمچىلىك رەنجىشتىن كېيىن ، ئۆزىگە كەلدى ، ئۇ دەرھال ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن خېلى تىرىشتى . ناھايىتى ئەپسىز بىر ئەھۋالدا قالغاندەك:
    -سەبىخە ، بۇ قىزنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن ، رەنجىمەڭ،-دېدى.
    -ساۋاقدىشىڭىز سىزگە ئامراقكەن ، شۇڭا قىزلاردىن سىزنى قىزغانسا كېرەك.
    ئىككىيلەن بىردەمدىن كېيىن ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇشتى.
    -يامغۇرمۇ پەسلەپ قالدى ، ئۇنداق بولسا سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرامدۇق؟
    -تولا ئوبدان گەپ بولدى.
    پىكاپ سىم-سىم يامغۇردا تېز سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتاتتى ، يۈرەككە داۋا سالقىن شامال ، ساپ ھاۋا سەبىخەنى خۇشال قىلىپ چېھرىنى نۇرلاندۇرۇۋەتتى . ئۇلار ئېگىز دۆڭ ئۈستىگە سېلىنغان سۇلتان ئەخمەد جامەسى ئالدىدا توختىدى . بۇ پۈتۈنلەي باغۇ-بوستانلىق بولۇپ ، باغنىڭ ئەتراپىدا ئېگىز ئۆسكەن دەل-دەرەخلەر ، مەجنۇنتال ، توپ-توپ ئاق ئېچىلىدىغان گۈللەر يامغۇردا يۇيۇنۇپ ئاجايىپ پاكىز ، چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى . بۇ يەرگىمۇ نۇرغۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغان بولۇپ ، ياشانغان بوۋايلار ، مومايلار ۋە قىزلار دەم ئېلىپ ئولتۇراتتى . جامەنىڭ ئىككى چوڭ گۈمبىزى ھەيۋەتلىك ، ئاق سىرلانغان بولۇپ ، تۈركىي خەلقلىرىنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى ، تۆت تەرەپتىكى كېلىشكەن ، قىزغۇچ كاھىشتا قوپۇرۇلغان مۇنارە كۆككە تاقىشىپ تۇرغاندەك ، ئىنتايىن نەپىس ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.
    ئىككىيلەن ئۇششاق تاشلار بىلەن سېمونتلانغان پىيادىلەر يولى بىلەن مېڭىپ ، جامەنىڭ ئىشىكىگە كەلدى . ئىشىك تۈۋىدىكى شىرەگە ھەر خىل ياغلىقلار تىزىپ قويۇلغان بولۇپ ، ئاياللار ياغلىقنى سېلىپ كىرەتتى . سەبىخەمۇ بىر گۈللۈك ياغلىقنى بېشىغا سېلىپ ، جامەگە كىردى . جامەنىڭ ئىچى شۇنداق ھەيۋەتلىك ، چىرايلىق ئىدى ، تاختاي ئۈستىگە خىلمۇخىل پالازلار سېلىنغان ، ئاسما چىراغلار ۋە تامدىكى مەرەپ ۋە ئۇيۇقلار تولىمۇ گۈزەل ئىدى . كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جىمجىت ، سۈكۈتكە چۆمگەن ، سەبىخە بولسا گويا ئۆزىنى جىمجىتلىق ئالىمىدە ھېس قىلدى . بىرئازدىن كېيىن ئېگىز ئاسما چىراغلار يېقىلىپ ، جامە ئىچى شاھ سارىيىدەك ھەيۋەتلىك بولۇپ كەتتى . ئۇلار جامەنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سىرتقا چىقتى.
    دەل شۇ ۋاقىتتا ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بەردى . ئۇلار ئىشىكتىن ئەمدىلا چىقىشىغا ، يەنە بىر ئىشىكتىن -نىكاھ سالۇنىدىن توي قىلغان ، ھازىرلا نىكاھ ئوقۇتۇپ چىققان بىر جۈپ قىز-يىگىت قولتۇقلىشىپ چىقىپ كەلدى . قىز شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىكى ، ئالتۇن چاچلىق ، كۆز مۇنچاقتەك زەڭگەر كۆزلۈك ، ئاق توي كۆڭلىكى ، يىپەك رومال ۋە چېچىغا قىستۇرۇلغان ئاق گۈللەر بىلەن خۇددى جەننەتتىن چىققان پەرىزاتقا ئوخشايتتى . سەبىخە بىر دەقىقە ئۆزىنى يوقاتتى ، ئۇمۇ بىر قىز ، يېشى توي قىلىدىغان ياشقا يەتكەن ھەم ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، تېخى بىر بويتاق قىز ئىدى . ئۇ قانچە-قانچە كېچە ئاشۇ قىزدەك توي كۆڭلىكى كىيىشنى ، يىگىتنىڭ ئۇنى قولتۇقلاپ مېڭىشىنى ، نىكاھدىن كېيىن توي ئۈزۈكى سېلىپ ، ئۆزىنى سۆيۈپ قويۇشىنى خىيال قىلاتتى . ھاياجان ، شادلىققا تولغان ئاشۇ كىشى ھاياتىدا بىر قېتىم كېلىدىغان دەقىقىلەرنى كۈتەتتى . بىراق ئۇنىڭ خىياللىرى خىيال پېتى قېلىۋەردى.. . بىردىنلا پۈتۈن ۋۇجۇدىغا تىترەك ئولىشىپ ، كۆزىگە ياش تولۇپ كەتتى . «بۇ پەرىشتە نەقەدەر بەختلىك-ھە ، ئۇنىڭ كېلىشكەن يىگىتىچۇ تېخى ، ئۇ قىزنىڭ ھۆسنىگە تويمىغاندەك شادلىق بىلەن قاراپ كېلىۋاتىدۇ . مانا بۇ يىگىت قىزنىڭ خوجىسى ، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك...»
    -سەبىخە ، سىڭلىم.
    سەبىخە ئىتتىك ئۆزىنى تۈزۈۋېلىپ كامالغا قارىدى-دە ، كۆزلىرىدىكى ياشنى ئىچىگە سىڭدۈرۈۋەتتى.
    -ئۇلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!  مەن ئۇلارنى تەبرىكلىسەم ، كۆرۈشسەم قانداق بولار؟-دېدى سەبىخە كامالغا قاراپ.
    -ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ بۇ قۇتلۇق كۈنىنى تەبرىكلىسەك شادلىققا چۆمۈلىدۇ ، يۈرۈڭ.
    ئىككىيلەن قىز-يىگىتنىڭ ئالدىغا باردى-دە:
    -تويۇڭلارغا قۇتلۇق بولسۇن،-دېدى.
    توي قىلغان قىز سەبىخەنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ:
    -مەن سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدۇم ، ئەگەر توي قىلمىغان بولسىڭىز ، توي بەختى سىزگە نېسىپ بولسۇن ، ئائىلىڭىز بولسا ، ئائىلىڭىز بەختكە چۆمۈلسۇن ، ئاللادىن سىزگە بەخت تىلەيمەن،-دېدى قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ كۈلۈپ.
    -ئىنشائاللا ، تويۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن،-دېدى كامال يىگىتنى قۇچاقلاپ.
    ئەتراپتىكى كىشىلەر ، توي قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تولىمۇ خۇشال بولدى . يىگىت سەبىخەگە بىر كونۋېرتنى سۇنۇپ:
    -سىزگە توي شادلىقىمىزدىن سوۋغات،-دېدى.
    سەبىخە كامالغا قارىدى ، كامال «ئېلىڭ» دېگەن مەنىدە قارىدى.
    -رەھمەت ، سىزگە ئامەت تىلەيمەن،-دەپ خوشلاشتى . قىز-يىگىت ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ماشىنىلارغا چىقىپ يۈرۈپ كەتتى.
    سەبىخە كونۋېرتنى ئېچىپ قارىدى . كونۋېرتتا 100 رىيال تۇراتتى.
    -قاراڭ ، بۇ پۇل ئىكەن،-دېدى سەبىخە كونۋېرتنى كامالغا تەڭلەپ.
    -سىلەردىمۇ شۇنداق ئادەت بارمۇ؟-دەپ سورىدى كامال.
    -بار،-دېدى سەبىخە،-توي كۆچۈرۈپ كەلگۈچىلەرگە بىرىنچى ئىشىكتە قوينىڭ تۆش گۆشىنى نانغا ئوراپ يىگىت تەرەپكە بېرىدۇ ، ئىشىك ، يوللارنى توسقانلارغا پۇل ، ياغلىق بېرىدۇ ، توي زالىغا كۆچۈرۈپ كىرگەندە يىگىت تەرەپ قىزغا پايانداز سالىدۇ . ئومۇمەن توي خۇشاللىقىدىن ھەممە كىشى شادلىققا چۆمىدۇ.
    -شۇنداق ، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، كىيىم-كېچىكى ، سەنئىتى ، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر بار . بۈگۈن خاسىيەتلىك كۈن بولغانىكەن ، توي شادلىقى بىزگە نېسىپ،-دېدى كامال سەبىخەگە زوقمەنلىك بىلەن سۆزلەپ.
    -قىز-يىگىتلەر ئەمدى نەگە بارىدۇ؟
    -قىز-يىگىت ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى قورۇ ياكى ئۆيگە يىغىلىپ تاماق يەپ ، مۇزىكىلارنى چېلىپ ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ ، بۈگۈن ئۇلارنىڭ تازا خۇشاللىق بىلەن بەختكە چۆمىدىغان ۋاقتى.
    -بىزدىمۇ شۇنداق،-دېدى سەبىخە يىراقلارغا نەزەر سالغاندەك بىر خىل قاراپ،-ھازىر شەھەرلەردە رېستورانلاردا توي قىلىدۇ ، زىياپەت يەپ بولغاندىن كېيىن راسا ئوينايدۇ ، ناخشا-مۇقاملار كۆككە يېتىدۇ ، ئۇسسۇللار زوق-شوخ بىلەن ئوينىلىدۇ . سەھرالاردا بولسا توي تارتىپ ، قىزنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مەشرەپ قىلىدۇ ، قىز-يىگىتلەر بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ ، گۈل تۇتۇشىدۇ ، پوتا ئۇسسۇللىرىنى ئوينايدۇ ، تاكى يېرىم كېچىگىچە بۇ ئويۇنلار داۋاملىشىدۇ...
    كامال بىلەن سەبىخە توي ، قىز ئولتۇرۇشى ۋە كەچلىك ئولتۇرۇش توغرۇلۇق سۆزلىشىپ ، ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاچ چاي ئىچىشتى . جامە ئەتراپىغا ۋە جامە ئىچىگە كىشىلەر توشۇپ كەتتى ، ئەتراپتا سانجاق-سانجاق ئادەم بولۇپ ، گاھىلىرى ئولتۇرغان ، گاھىلىرى ئۆرە تۇرغان بولۇپ ، ھەممەيلەن جامەدىن ئاڭلىنىۋاتقان سۆزگە قۇلاق سېلىشتى.

       بۇ جامە قۇرۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم كېچىلىكى ئىدى . قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن مەسچىت ۋە مۇنارلارغا چىراغ يېقىلدى ، كۆكۈش نۇر ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ۋە ساماۋى قەلئەدەك كۆرۈنەتتى . جامەدىن مۇراسىم كېچىلىكىنىڭ سەلتەنەتلىك ، يۈرەكنى تىترەتكۈدەك ھېسسىيات بىلەن ئوقۇلۇۋاتقان نۇتۇقلىرى ، رادىئو كانىيىدىن ئاڭلىنىۋاتقان تەسىرلىك تارىخىي ھېكمەتلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى . گويا بۇ مەيداندا بىرمۇ ئادەم يوقتەك شۇنچىلىك جىمجىت ، شۇنچىلىك تىنچ بولۇپ ، ھەممە كىشى ئاشۇ تارىخىي دۇردانىلەرنى ، كلاسسىكلارنىڭ ھېكمەتلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدى.
    نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، جامەنىڭ قۇببىلىرى ، مۇنارلىرى ، پۈتۈن جامە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەندەك بىراقلا يورۇپ كەتتى . كېچە قوينىدىكى بۇ قەدىمىي ، سەلتەنەتلىك بىنا ۋە مۇزېي چاقناپ تۇرغان گۆھەردەك كىشىلەر قەلبىگە ئارامبەخش تۇيغۇ ئاتا قىلدى . فونتانلاردىن ئېتىلىپ چىققان سۇلار ھەر خىل شەكىلدە بولۇپ ، ئەتراپنى سالقىنلاشتۇرۇۋەتكەنىدى . بۇ كېچە نەچچە مىڭلىغان كىشى بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانىدى . كامال بىلەن سەبىخە نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر قاتارىدا توپى-كاپى سارىيى -مۇزېيغا يۈرۈپ كەتتى . بۈگۈن بۇ يەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ ، كىشىلەر ھەددى-ھېسابسىز ئىدى .
    ئۇلار مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان بۇ مۇزېيغا قەدەم قويدى . قىپقىزىل تاختاي ئۈستىگە پالاز سېلىنغان پەلەمپەيدىن زالغا كىردى . زال ئىچى دۈپ-دۈگىلەك بولۇپ ، قازان شەكلىدىكى دۆگلەك تورۇس نەقىشلەنگەن ، نەقىشلەرگە سېرىق ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن بولۇپ ، يۇلتۇزدەك نۇر چېچىپ تۇرغان ئاسما چىراغلار بىلەن شۇنچە گۈزەل ۋە ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىدى.
    زالنىڭ تاملىرىغا چىقىرىلغان تەكچە ، ئويۇقلىرىغا ھەر خىل ئاسارئەتىقىلەر قويۇلغان بولۇپ ، بۇ مەدەنىي مىراسلار بۇ دۆلەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ساقلانغانىدى . زالنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىگە كەلگەندە كۆردىكى ، بۇ يەردە ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن قورال-ياراقلار ، بايراق ۋە باش كىيىمى ، ئۇرۇشتىكى قوماندان ، ئوفېتسىر-جەڭچىلەرنىڭ خىلمۇخىل كىيىملىرى ، مەدەنىي يادىكارلىقلار قويۇلغانىدى.
    سەبىخە بۇ مۇزېيدىكى ئاسارئەتىقە ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى كۆرگەنسېرى ھاياجانلاندى . بۇ دۆلەتنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشەنگەندەك ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ باتۇرلۇق ، قورقماس سىماسى كۆز ئالدىغا كەلدى.
    ئىككىيلەن مۇزېي سىرتىغا چىقتى . پۈتۈن ئەتراپ يۇلتۇزدەك چىراغلار بىلەن يورۇتۇلغان بولۇپ ، ئەتراپ شۇنچىلىك قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدىكى ، كىشىلەر خۇددى بەخت ئىچىدە ھۇزۇر سۈرۈۋاتقاندەك خۇشال قىزغىن ئىدى.
    كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ، كۈلۈشۈۋاتقان ، بوۋاي-مومايلار بۇرۇنقى ئۆزلىرى كۆرگەن-بىلگەن ئىشلار توغرىسىدا ، بۇ يەردە ئۆتكەن ئۆلىما ، دانا ، ئالىم ، باتۇر ، قەھرىمانلار توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى . شۇ كىشىلەرنى ، مۇزېيدىكى ئاجايىپ تارىخنىڭ ، دەۋرنىڭ قالدۇرغان بايلىقلىرى توغرىسىدا سۆزلىشەتتى . بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ياشلارغا تەربىيە ۋە بىلىم بېرىشەتتى .
    كامال بىلەن سەبىخەمۇ ئاشۇندۇق مويسىپىتلارنىڭ سۆزلىرىنى ، تارىخقا ، ئۆز دۆلىتىگە بەرگەن باھالىرىنى ، پەخىرلىنىش ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنىڭ غۇرۇر ۋە ئىستەكلىرىنى بايان قىلغان سۆزلەردىن چىن كۆڭلى بىلەن بەكمۇ سۆيۈندى . ئۇلار يېرىم كېچىگىچە شۇ يەردە بولدى.
    -بۇ يەردىن ئايرىلغۇم يوق كامال،-دېدى سەبىخە مۇزېينىڭ ئاجايىپ سەلتەنىتىدىن كۆز ئۈزەلمەي،-يەنە ئازراق تۇرايلىچۇ؟
    -تاڭ ئاتاي دەپ قالدى ، سىزمۇ چارچاپ كەتتىڭىز ، ئەمدى سىزنى بۇ خىيالىي دۇنيادىن ئايرىيدىغان ۋاقىت كەلدى . بىز بۈگۈن كېچىنى پاراخوتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئۆيىدە ئۆتكۈزەيلى ، ئۇ يەرگە بارسىڭىز كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ.
    سەبىخە بۇ يەرگە كۆزى قىيالمىغان ھالدا ئارقىسىغا قاراپ-قاراپ ، كامال بىلەن بىللە مېڭىشقا باشلىدى.
    ئۇلار كۆڭۈل ئېچىش بۆلۈمىگە كىردى . چوڭ زالغا تەشتەكتە گۈللەر قويۇلغان ، ئىككى كىشىلىك ، ئۈچ كىشىلىك ، تۆت كىشىلىك ئۈستەللەر قويۇلغان بولۇپ ، مۇھىتى ئاجايىپ پاكىز ، راھەت ئىدى . كۈتكۈچى يىگىت ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
    -خۇش كەلدىڭىز،-دەپ ئىككى كىشىلىك ئورۇنغا تەكلىپ قىلدى-دە ، ھايال بولماستىن ئۇلار بۇيرۇغان تاماقلارنى ئېلىپ كەلدى . ئىككى كىشىلىك توخۇ پاچىقى ، تەرخەمەك ، پەمىدۇردا قىلىنغان سالات (خام سەي) زەيتۇن مېۋىسى ، ئۈستىگە پىياز سېلىنغان كەسمە كاۋاپ ، قىزنىڭ ئىشتىيىنى ئېچىۋەتتى . ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ، تاماق يېگەچ چىلىنىۋاتقان يېنىك مۇزىكىلارنى تىڭشىدى . بىردەمدىن كېيىن ناھايىتى كېلىشكەن بىر يىگىت سەھنىگە چىقتى . ئۇ يىگىتنىڭ قارا كۆزلىرى ئوتتەك ياناتتى . ئۇ جۇشقۇن ، يۈرىكىدىن فونتاندەك ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۆيگۈ ناخشىسىنى شۇنچىلىك زوق-شوخ بىلەن ئېيتىۋاتاتتىكى ، كىشىلەر ناخشىدىن ئۆزىگە سۆيگۈ-مۇھەببەت تاپقاندەك شادلىناتتى ، توختىماي ئالقىش ياڭرىتاتتى ، گۈللەرنى تۇتۇپ يىگىتنىڭ يانچۇقلىرىغا پۇل سالاتتى . سەبىخە بۇ كۈيلەردىن كېلىۋاتقان سېھرىي كۈچكە ئىگە مۇھەببەت ھىدىنى پۇراپ قانمايتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ سۆيگۈ ئالىمىدە ، ئۆزىنىڭ خىيالى بىلەن بەنت ئىدى ، ئەگەر ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى كىشى تەنھا بولغان بولسا ئىدى كاشكى ، ئۇ ئەنە شۇ چاغلاردا كۆپ رىيازەت چەككەنىدى ، ئۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى ، ھەر سائەت كۆرۈشۈپ تۇرسىمۇ ، سۆيگۈسىگە قول يەتمەيتتى ، ئەمدىچۇ؟ ئۇ بويتاق ، بىراق بىچارە ھازىر تۈرمىدە ، ئالتۇن قەپەسكە سولانغان قۇشتەك ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقاندۇ؟ ئاسىم ئەپەندى ، شائىر ئاكا ، مېنىڭ يۈرەك قېتىمدىكى ئاشىقىم ، مەن سىزدىن شۇنچە يىراق جايدا تۇرۇپ ، سىزنى ئېسىمدىن چىقىرالمايۋاتىمەن ، ھازىر قانداق تۇرۇۋاتقانسىز؟...

    كامال سەبىخەنىڭ خىيال قىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، سەل تەخىر قىلىپ ئولتۇردى-دە:
    -سەبىخە ، چارچاپ قاپسىز ، قېنى ، تاماقتىن ئېلىڭ،-دېدى.
    سەبىخە دەرھال ئۆزىگە كېلىپ ، كامالغا قاراپ:
    -بۈگۈن خىيالىي دۇنيادا ياشىغاندەك بولۇپ قالدىم . بۈگۈنكى خۇشاللىقىمغا ھېچنەرسە تەڭ كېلەلمەيدۇ،-دېدى.
    -سىزلا خۇش بولسىڭىز ، مەنمۇ خۇشال.
    -مەن بەك خۇشال ، رەھمەت سىزگە،-دېدى مەمنۇنىيەت بىلەن.
    ئۇلار تاڭ ئاتقىچە شۇ  يەردە تاماقلىنىپ ، ناخشا-كۈيلەردىن قانغىچە بەھرە ئېلىپ ، پاراخوتنىڭ ئايرىم بۆلۈمچىسىدە خوشلاشتى.
    -خەيرلىك كەچ سەبىخە ، مانا ماۋۇ سىزنىڭ ياتىقىڭىزنىڭ ئاچقۇچى.
    -خەيرلىك كەچ كامال ، ياخشى چۈش كۆرۈڭ.
    

    ئەتىسى چۈشتە كۆزىنى ئاچقان سەبىخە ئۆزىگە ھەيران قالدى ، ياتقان ئورنى خۇددى چېلەكتە سۇ قۇيغاندەك ھۆل بولۇپ كەتكەن ، پۈتۈن بەدىنى تەردىن چىلىق-چىلىق سۇ بولۇپ كەتكەنىدى . ئورنىدىن تۇرغاندا پۈتۈن بەدىنى شۇنداق يەڭگىل ، راھەتلىك ئىدى.
    -خەيرلىك چۈش،-دەپ كۈتكۈچى قىز كىردى.
    -رەھمەت سىزگە،-دەپ بولۇپ ، ئاندىن قىزغا قاراپ،-بىر ئىشتىن تولىمۇ خىجىل بولۇۋاتىمەن ، ياتقان ئورنۇمدىكى تۆشەكلەر ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ،-دېۋىدى ، كۈتكۈچى قىز بېشىدىكى ياغلىقىنى تۈزىتىۋېتىپ:
    -بۇ سۇنىڭ شىپالىق رولى ، بۇ سىز ئۈچۈن پايدىلىق،-دېدى.
    -ھە ، مۇنداق دەڭ . ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم.
    دەل شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلدى-دە ، ئىشىك سىرتىدىن كامالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
    -سەبىخە ، بىر سائەتتىن كېيىن ئاشخانىدا كۆرۈشەيلى.
    -ماقۇل.
    بىر سائەتتىن كېيىن ئىككىيلەن كۆرۈشۈپ ، ناشتا قىلغاندىن كېيىن:
    -بۈگۈن بىز مار-مارىس شەھىرىنىڭ ئورخانىيە كەنتىگە بارايلى،-دېدى.
    -سىز قەيەرگە دېسىڭىز ، شۇ يەرگە بارايلى.
    ماشىنا مەر-مەر دېڭىزى بويلاپ يولنى داۋاملاشتۇردى ، ئۇلار ئەتىسى نامازدىگەر ۋاقتى بىلەن ئورخانىيە كەنتىگە يېتىپ كەلدى . ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ يەردە  تىلسىماتتەك بىر يەر بار ئىدى . دېڭىزنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى تاغلىق شەھەر ، ئوتتۇرىسىدا دېڭىز ، دېڭىز سۈيى ئۈستىگە قۇم كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى . ئەتراپ شۇنچىلىك تىنچ ، ئىككى شەھەر ئىككى تەرەپتە چوقچىيىپ تۇراتتى.
    -بۇ كارامەت جاي ئىكەن،-دېدى سەبىخە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ.
    -شۇنداق،-دېدى كامال خىيالچان بىر تەرىزدە،-دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزغا قاراڭ ، دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ، ھەقىقىي نەرسىلەر يەنە شۇ ئانا تەبىئەت قوينىدىكى مۆجىزىلەر ، مانا ، دېڭىز بىر دۇنيا ، ئۇنىڭدا ئاجايىپ جانلىقلار ياشايدۇ ، كۆپىيىدۇ ، چوڭ بېلىقلار كىچىكلىرىنى يەيدۇ ، ھەتتا كىتلار توننىلاپ بېلىقنى يەپ كېتىدۇ ، بىراق ھايات يەنىلا داۋاملىشىدۇ ، دېڭىز ئاجايىپ بىر  سىرلىق دۇنيا . ئۇنىڭدىن ئىنسانلارغا پايدىلىق ، قىممەتلىك يېمەكلىكلەر تېپىلىدۇ . بۇ مۆجىزە ئەمەسمۇ؟-دېدى دېڭىزدىن كۆز ئۈزمەي تۇرۇپ.
    -شۇنداق ، بۇ توغرىدا مەنمۇ رىۋايەت ، شېئىر ، داستانلارنى ئوقۇغان . بۇرۇنقى دەۋرلەردە دېڭىز ئاستىدا ئاجايىپ ھەيۋەتلىك شەھەرلەر بولغانمىش ، بېلىق مەلىكىلىرى سۇ ئۈستىگە چىقىپ ئىنسانلار بىلەن توي قىلغانمىش ، دېگەندەك سۆزلەر.
    -توغرا،-دېدى كامال خۇددى قىزنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغاندەك ، ھەر بىر رىۋايەت ، فانتازىيە ئۆتمۈشنىڭ تارىخى ۋە ياكى قىياسى بولۇشى مۇمكىن . بۇنىڭدىن مىليون يىللار ئىلگىرى بەلكىم بۇ يەرلەر قۇرۇقلۇق بولغان بولۇشى مۇمكىن ، سىز ئوقۇغان رىۋايەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ، ئۇزاق تارىخى بولۇشىدا شەك يوق ، راست ، رىۋايەت توغرىسىدا گەپ بولۇندى ، مەنمۇ ئىككى تاشلىق شەھەر ۋە دېڭىزدىكى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان قۇم توغرىسىدا بىر رىۋايەت سۆزلەپ بېرەي ، ئاڭلامسىز؟
    -ئەلۋەتتە ئاڭلايمەن ، قېنى ، چاققان بولۇڭە.
    -ئېھ قىزلار ، سىلەر بەك ھېسسىياتچان كېلىسىلەر-ھە ، مانا سىزنى تەقەززا قىلماي ، باشلىدىم ئەمىسە . مانا ئالدىڭىزدا تۇرغان ئىككى تاغلىق شەھەرنى كۆردىڭىز ، ئوڭ تەرەپتىكى شەھەردىكى كىشىلەر چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرىدىكەن . بىر پادىچى يىگىت ئەتىگەندە ماللىرىنى ھەيدەپ ، ياپيېشىل ئوتلاققا قويۇۋېتىپ بېلىگە قىستۇرۇۋالغان نەينى ئېلىپ مۇڭلۇق كۈيلەرگە چالىدىكەن . يەنە بىر تەرەپتىكى تاغلىق شەھەردە پادىشاھنىڭ ئوردىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەتىۋارلىق بىر مەلىكىسى بار ئىكەن . مەلىكە ھەر كۈنى راۋاقتا ئولتۇرۇپ پادىچى يىگىتنىڭ كۈيلىرىدىن ھۇزۇر ئالىدىكەن ، كېيىن جاھاننامە ئەينىكى بىلەن پادىچى يىگىتنى كۆرىدىكەن ، پادىچى يىگىت ناھايىتى قاۋۇل ، كېلىشكەن ، پېشانىسى ئوچۇق ، كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان يىگىت ئىكەن ، مەلىكە ئۇنى كۈندە كۆرۈۋېرىپ ئۇنىڭغا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ . كۈنلەر ، ئايلار ، يىللار ئۆتۈپتۇ . ئىشقى ئازابى ، ھىجران دەردىدىن  مەلىكە گاھى كۈنلىرى ئوت ئاتەش بولۇپ قىزىپ يېتىپ قالىدىكەن ، گاھى كۈنلىرى توڭلاپ تىترەپ كېتىدىكەن . ئاخىر ئىشق دەردىدە كۆيۈپ كۈل بولغان مەلىكە يىگىتنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن تەۋەككۈل قىپتۇ . ئۇ ئىككى كېنىزەك بىلەن مەسلىھەت قىپتۇ ، ئىككى كېنىزەك ئېتىكىگە قۇم ئېلىپ سۇ ئۈستىگە يول سالماقچى ، مەلىكىنى يىگىت تۇرغان يەرگە يەتكۈزمەكچى بوپتۇ . ئىككى كېنىزەك يول باشلاپ قۇم تۆكۈپ مېڭىپتۇ ، مەلىكە قۇم ئۈستىدە مېڭىپ تېز ئىلگىرىلەپتۇ ، ئىككى كېنىزەكنىڭ قۇمى تۈگەپ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپتۇ ، مەلىكە ئېتىكىدىكى قۇمنى تۆكۈپ قۇم ئۈستىدە شامالدەك تېز ماڭغان بولسىمۇ ، قىرغاققا ئاز قالغاندا قۇم تۈگەپ كېتىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىپتۇ . مانا شۇنىڭدىن كېيىن دېڭىزنىڭ مۇشۇ يېرىدىن دائىم ئاشۇنداق قۇم كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىكەن . ئۇ يەرنىڭ سۈيى ئارانلا تىزغا كېلىدۇ ، قالغان يېرى بولسا بەك چوڭقۇر . شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرنى «قىز قۇمى» دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ . بۇ بىر رىۋايەت بولسىمۇ ئاجايىپ مەنىسى چوڭقۇر ، ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىگە ، ئۇلارنىڭ جاسارىتىگە بېرىلگەن يۇقىرى باھادۇر.
    -پاھ،-دەۋەتتى سەبىخە . سىز ئېيتقان بۇ رىۋايەت ئاجايىپ رىۋايەت ئىكەن ، بۇ مەن ئاڭلىغان مۇھەببەت توغرىسىدىكى ئەڭ تەسىرلىك رىۋايەت بولدى . سىزنىڭ بەرگەن باھايىڭىز تېخىىىۋايەت بولسىمۇ ، قىزلارنىڭ مۇھەببىتىگە سادىقلىقى ، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى ، قورقماسلىقتەك خىسلىتى نامايان قىلىنىدىكەن.

    ئۇلار پىكاپ بىلەن يولغا چىقتى ، پىكاپ كەڭ ئاسفالىت يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى . سەبىخە ئىختىيارسىز خىيال دەرياسىغا غەرق بولدى ، ئۇ بىز قىزلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق ھاياجان ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن مۇھەببەت ئىزدەيمىز؟ سۆيگۈگە ، سۆيۈشكە ئىنتىلىمىز؟.. . چۈنكى بىز رەڭدار گۈلگە ئوخشايمىز ، قەلبىمىز بولسا تېخىمۇ گۈزەل ، يىگىتلەرنىڭ قەلب دەرۋازىلىرىنى ئېچىشقا ماھىر ، بىزنىڭ تېنىمىزگە ، جىسمىمىزغا چىنلىق ، جانغا جان قوشىدىغان ئاجايىپ جەلپ قىلغۇچى يوشۇرۇن سىرلار يوشۇرۇنغان ، شۇڭا بىز سۆيگۈ تەشناسىغا ، ھېسسىيات تۈۋرۈكىگە باغلىنىپ قالىمىز . بىزنىڭ ھۈجەيرىلىرىمىزگە ئاتەش ئۇرۇقلىرى يوشۇرۇنغان ، ئاشۇ ئۇرۇقلاردىن ئىنسانلار ئاپىرىدە بولغان ، شۇڭا بىز ئانىلىق تەختىدە پادىشاھ ، شۇڭا بىز تاغدەك جەبرى-جاپا ، مەغلۇبىيەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيمىز . بىز چىدىغان مۇھەببەت ئوتىغا ھېچكىم ئۇنداق بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ، ئاھ ، قىز قۇمى ، سېنىڭ روھىڭ مەندە ئاجايىپ تەسىراتلارنى قالدۇردى . سەن ئۆزۈڭ سۆيگەن يىگىتنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن ھاياتىڭنى تەقدىم قىلدىڭ ، مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچتىڭ ، بىراق مالچى يىگىت ئۇنىڭدىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ، دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا ، يارنىڭ لېۋىدە تۇرۇۋاتىمەن . مېنىڭ دېڭىزغا غەرق بولۇشۇم ياكى قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ چىقىشىممۇ بىر رىۋايەت بولۇشى مۇمكىن . مەن قانداق قىلاي؟.. . ئاھ ، قىز قۇمى ، سەن تەڭداشسىز بايلىققا ، گۈزەللىككە ئىگە ئىدىڭ ، سەن بەلكى بىر شاھزادىگە ياتلىق بولۇپ بىر ئۆمۈر راھەت ، پاراغەتتە ياشايتتىڭ ، بىراق سەن ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتنىڭ ۋىسالىغا يەتمەكچى بولدۇڭ ، سېنىڭ مۇھەببىتىڭ تەڭداشسىزدۇر ، سېنىڭ روھىڭ مېنى ھاياجانغا سېلىۋەتتى ، مېنىلا ئەمەس ، نۇرغۇنلىغان قىزلارنىمۇ ھاياجانغا سېلىپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقىي مۇھەببەت ، چىن ئادەملىك تۇيغۇسى پەيدا قىلدى . خەيرخوش ، قىز قۇمى...
    ماشىنا ئىستانبۇل «يېشىل يۇرت» مەھەللىسىنىڭ «بۇلبۇل دەرە» كوچىسىغا جايلاشقان تۆمۈر رىشاتكىلىق ئېسىل داچىنىڭ ئالدىغا كېلىشى بىلەن دەرۋاز ئۆزلۈكىدىن ئېچىلدى . ماشىنا قورۇغا كىرىپ توختىدى . كامال ماشىنىدىن چەبدەسلىك بىلەن چۈشۈپ ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى.
    سەبىخە ماشىنىدىن چۈشۈپ ئىككى قەۋەتلىك بىناغا قارىدى ، بىنانىڭ تاملىرى ئېسىل مەرمەر تاشتىن قوپۇرۇلغان ، دېرىزىلىرى كەڭ ، ھەشەمەتلىك ئىدى . ئۇلار مەر-مەر پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا چىققاندىن كېيىن كاشتان ياغىچىدىن نەقىش قىلىپ ياسالغان كۆركەم ئىشىكتىن ئۆيگە كىردى ، ئۆي ھەقىقەتەن خان ئوردىلىرىدەك ياسىداق بولۇپ ، پولغا پارىس گىلەملىرى سېلىنغان ، تاملارغا ئاتاقلىق رەسساملارنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى ئېسىلغان ، ئېگىز ، كەڭ دېرىزىلەرگە يىپەك پەردىلەر تارتىلغانىدى.
    -پاھ،-دەۋەتتى سەبىخە،-خاننىڭ ئوردىسى ئىكەنغۇ بۇ.
    -بۇ مېنىڭ داچىلىرىمنىڭ بىرى ، كېلىڭ ، دىۋانغا مەرھەمەت.
    سەبىخە ياغاچلىرىغا نەقىش ئويۇلغان ، ئالىي دەرىجىلىك خۇرۇم دىۋانغا كېلىپ ئولتۇردى.
    يىگىت توڭلاتقۇدىن ئىچىملىك ئېلىپ ، قىزغا سۇندى-دە ، ئۆزىمۇ دىۋاننىڭ بىر چېتىگە كېلىپ ئولتۇردى.
    -سەبىخە ، سىز كەلگەن ئۈچ ئايدىن بېرى كۈنلىرىمىز تولىمۇ مەنىلىك ئۆتتى ، سىزدىن سورىسام ، بۇ يەرلەر سىزگە ياقتىمۇ؟
    قىز كۈلۈمسىرىدى ، ئۇنىڭ گىلاستەك لەۋلىرى ، سەدەپتەك چىشلىرى ، چىرايلىق زىناقلىرى ئۇنى تېخىمۇ گۈزەل ، ئوماق كۆرسىتەتتى.
    -بۇ يەرلەرگە كېلىش ئۇخلىسام چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى . بۇ جايلارنى جەننەت دېسە بولغۇدەك ، مېنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالغىنىڭلار ئۈچۈن قانداق رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمىدىم ، سىز ماڭا ئەڭ گۈزەل شەھەرلەرنى ، مۇزېيلارنى ، خىلمۇخىل ساياھەت ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ ، ساياھەت قىلدۇردىڭىز ، بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىنارلىق كۈنلەر بولدى . مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ خۇشال ، بەختىيار سېزىۋاتىمەن.
    -سىز خۇشال بولسىڭىز ، مەنمۇ خۇشال . سەبىخە ، ئەمدى مۇڭدىشايلى . سىز ئۆزىڭىز ، يۇرتىڭىز ، تاغام توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز ، بۇلارنى بەكمۇ ئاڭلىغۇم بار،-دېدى قىزغا تەلمۈرۈپ قاراپ.

    -سىز يۇرتۇم بىلەن ئاللىقاچان تونۇشۇپ بولدىڭىز ، مەن ئەكەلگەن سىنئالغۇ لېنتىلىرىدىكى قىزغىن ھايات ، بازار ، مەدەنىيەت ، سەنئەت ، مەشرەپ سورۇنلىرى ، تەكلىماكان ، تارىم دەرياسى ، تەڭرىتاغ ، كوئىنلۇن تاغلىرى ، بوغدا چوققىسى بىزنىڭ پەخرىمىز . بىزنىڭ ۋەتىنىمىزمۇ زور يۈكسىلىش ، ئىلگىرىلەشكە ، كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولدى . ئۆزۈمگە كەلسەم ، مەن بىر بەختسىز قىزمەن،-دېدى ناھايىتى پەس ئاۋازدا،-دادام ناھىيىنىڭ ھاكىمى ئىدى ، ئۇنىڭ يۇرت ئىچىدە ئابرۇيى ، شۇنىڭغا يارىشا راھەت-پاراغىتى بار ئىدى . بىراق ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىر ئۇچۇم خۇشامەتچى ، ئابرۇيپەرەس ، جان باقتىلار يۈرەتتى ، مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئانام ئۆلۈپ كەتتى ، بىراق مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەي يۈردۈم . چۈنكى ئۆلۈمنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىپ كەتمەيتتىم . ئانام ئەتە-ئۆگۈن كېلىپ مېنى ئىسسىق باغرىغا ئېلىپ ، چاچلىرىمنى سىلاپ ، پېشانەمدىن سۆيۈپ ، مېنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ ئۇخلايدۇ دەپ ئويلايتتىم . كېيىن بىلدىمكى ، ئانام مەڭگۈ كەلمەيدىغان ، قىچقىرسا ئۈن يەتمەيدىغان ، كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانى بولغان باقى ئالەمگە كەتكەنىكەن . مانا شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئانا مېھرىدىن مەھرۇم بولدۇم . كېيىن دادام ئۆيگە بىر ئايالنى ئەكىردى ، ئۇ پاكار ، سېمىز ، قاراقۇمچاق ئايال ئىدى . كىشىلەر ئۇنى چىرايلىق دېيىشەتتى ، بىراق ماڭا بەك سەت كۆرۈنەتتى . دادام بۇ ئايالنىڭ ئالدىدا تىترەپ تۇراتتى ، چۈنكى بۇ ئايالنىڭ ئاكىسى ۋىلايەتنىڭ ۋالىيسى ئىكەن . گويا ئۇنىڭ تەقدىرى تۆمۈر زەنجىردە ئىگىسىگە باغلانغان ئىتتەك ئۇنىڭغا باغلانغانىكەن . شۇڭا دادام دائىم ئالدىراش يۈرەتتى . ئىككىمىز بىر ئۆيدە بولساقمۇ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا كۆزگە كۆرۈنمەس بىر  تام پەيدا بولۇپ قالغاندەك ئىدى ، مەن دائىم ئۆزۈمنى غېرىب ، مىسكىن ھېس قىلاتتىم . ھەتتا قورۇدا ئويناۋاتقان بالىلار بىلەنمۇ ئويناشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم . چۈنكى بالىلار مېنى ئۇرۇۋالسا ، بوزەك قىلسا مېنى قوغدايدىغان ، مېنى ئاسرايدىغان ئادەم يوق ئىدى . دادام سىرتقا خىزمەتكە چىقىپ كەتكەن كۈنلەردە ئۆيدە ئايال مېھمانلار قايناپ كېتەتتى . بىر كۈنى ئانام بولمىش يىگىرمىدەك ئايالنى ئۆيگە  چاقىرىپ قوي سويۇپ ، مېھمان قىلدى . مېنى ھېچكىم ئىزدىمىدى ، مەن ئاستىلا قازان بېشىغا بارسام ئاشپەز ئۇستام بىر قاچىغا پولۇ ئېلىپ بەردى ، ئۇنىڭدىن بىر قوشۇق يەپ ئولتۇرۇشۇمغا:
    -يائاللا ، يېتىمنىڭ يەتتە قارنى بار ، ئۈستىدە بالخانىسى دېگەندەك ئەجەبمۇ تويمايدۇ بۇ قىز ، مېھمان كەتكەندە يېسىمۇ بولىدۇ،-دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم-دە ، قاچىنى يەرگە قويۇپ باغقا كىرىپ تازا يىغلىدىم . بىر ۋاقىتتا ئالدىمغا قارىسام بىر يىلان كۇشۇلداپ مېڭىپ يۈرمەمدۇ ، يىلاننىڭ بېشىدىن تۇتۇۋېلىپ بىر پەس ئوينىدىم ، دەل شۇ ۋاقىتتا كاللامغا لەپپىدە بىر ئىش كەلدى-دە ، قورۇغا كىرىپ ، يىلاننى مېھمانخانىنىڭ ئىشىكىدىن ئۆيگە قويۇۋەتتىم . مانا كارامەت ، ئاياللار قىيا-چىيا قىلىشىپ ، ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ كەتتى . بىر ئايال قورققىنىدىن ھوشىدىن كەتكەنمىش . كېيىن دادام كەلگەندە ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، مېنى بىرنەچچە شاپىلاق سالدى-دە:
    -بولمىغۇر ئىشلارنى قىلمىساڭ بولمامدۇ؟-دەپ ۋارقىرىدى.
    مەن شۇ كېچىنى يىغلاپ ئۆتكۈزدۈم ، شۇنىڭدىن كېيىن دادامدىن قورقۇپ ئۇنىڭدىن قېچىپ يۈردۈم.
    كامال سەبىخەنىڭ سۆزىنى جىمجىت ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى بولغاي ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغۇسى ، تەسەللى بەرگۈسى كەلدىيۇ ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويماي دەپ ئويلاپ:
    -كېيىنچۇ؟-دەپ سورىدى.
    -مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىمىزدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردىم . دادام يىغىنغا كەلگەندە مېنى يوقلاپ يېمەك-ئىچمەك ، پۇل بېرەتتى . گاھى يىغىنغا كەلگەنلەردىنمۇ بىرنەرسىلەرنى ئەۋەتەتتى . مەن تەتىلگە بارغان چاغلىرىمدا دادام ئۆيدە ناھايىتى ئاز بولاتتى ، كېيىنچە مەنمۇ خېلى ئىشلارنى چۈشىنىپ قالدىم-دە ، ئۆگەي ئاپامنى ئانچە يامان كۆرمەيدىغان ، دادامنى ئايايدىغان بولۇپ قالدىم . دادامنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزماي دەپ ئۇنىڭغا يېپىشىۋالماي ئۆزۈمنى ئۆزۈم باشقۇردۇم . ئويلاپ باقسام ، مېنىڭ دۇنيالىقتا دادامدىن باشقا مېھرىبانىم ، جانكۆيەرىم يوق ئىكەن . گاھى كۈنلىرى «دادام مېنى ياخشى كۆرمەمدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىسام ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم قورقۇنچتىن تىترەپ كېتىدۇ . «ھايۋانات ، ئۇچار قۇشلارمۇ بالىلىرىنى ئۇچۇرما بولغۇچە قارايدىغۇ؟ توۋا ، مەن ئاشۇ جانىۋارلارچىلىكمۇ بولالمامدىمەن؟» دەپ ئويلايتتىم . مېنىڭدەك نارەسىدە ، ئاجىز بىر قىز ئۈچۈن تەنھالىق نەقەدەر يامان-ھە؟...
    مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا بىر كۈنى مۇئەللىم مېنى سىرتقا چاقىرىپ:
    -سەبىخە ، دادىڭىز قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ ، سىزنى ئالغىلى كىشىلەر كەپتۇ،-دېدى . مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم . نېمە قىلىشىمنى بىلمەيتتىم . ماشىنا كېتىۋاتىدۇ ، مېنىڭ پۈتۈن بەدىنىم سەزمەس بولۇپ قالغاندەك ، چىشلىرىم كىرىشىپ ، كۆز قارىچۇقلىرىم بىر نۇقتىغا قاراپ قالغانىدى . مەن دادام بىلەن ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ يۈز كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىپ ، ماشىنىنىڭ پاتراق ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشىنى ئاللادىن تىلىدىم . تەقەززالىق ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن گېلىمدىن سۇ چاغلىق نەرسىمۇ ئۆتمىدى ، بىز ئاخىر دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدۇق.
    دادام ئېغىر يۈرەك كېسىلى ئىكەن ، ئۇ مېنى كۆرۈپ سەل-پەل كۈلۈمسىرىدى-دە ، يېنىغا كېلىشكە شەرەت قىلدى . مەن ناھايىتى ئاستا قەدەم بىلەن كارىۋات قېشىغا كېلىپ ، دادامنىڭ مەڭزىگە مەڭزىمنى ياقتىم ، ياشلىرىم دادامنىڭ سېمىز يۈزىنى ھۆل قىلىۋەتتى . دادام مېنى چىڭ قۇچاقلاپ بىر پەس ياتتى ، مەن كۆز ياشلىرىمنى ئاران توختىتىپ ، دادامغا قارىدىم ، بىراق گېلىمغا بىرنەرسە تۇرۇپ قالغاندەك زادىلا گەپ قىلالمىدىميۇ ، دادامدىن كۆز ئۈزەلمىدىم.
    -ياخشى كەپسىز قىزىم ، سىزنى بەك سېغىنغانتىم ، سىزنى كۆرەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرىگەنىدىم . قىزىم ، مەن ئانىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىمەن ، ئۇ مېنى ئۆز يېنىغا چاقىرىۋاتىدۇ ، قىزىم ، ئىنسان دېگەن نادان ، ئەخمەق بولىدىكەنمىز ، كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى قىلالماي ، بىكارچى ئىشلارغا يۈگۈرەيدىكەنمىز ، سىزگە ياخشى قارىيالمىدىم ، ھالىڭىزدىن ئوبدان خەۋەر ئالالمىدىم...
    ئۇنىڭ يوغان بىر جۈپ كۆزىگە ياشلار تولۇپ كەتتى . مەن ھق-ھىق قىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ:
    -دادا ، جېنىم دادا ، مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرەتتىم ، شۇڭا سىزنى مېنىڭلا بولسىكەن دەپ ئويلايتتىم . سىزنى ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن . دۇنيادا سىز مېنىڭ مېھرىبانىم ، سىزنى ياخشى كۆرەتتىم . ھازىرمۇ ياخشى كۆرىمەن ، سىزگە بالىلىقنى يەتكۈزەلمىدىم ، مەن بەك بىچارە ، ئاجىز ئىكەنمەن ، دادا ، جېنىم دادا ، مەن سىزگە ئامراق...
    -قىزىم ، ئادەم دېگەن ھاياتلىقىدا نۇرغۇن ئىشلارنى ھېس قىلالمايدىكەن ، مەن ئۆمرۈمدە  ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلدىممۇ ياكى قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى گۇناھمۇ ، بۇنى بىلەلمىدىم ، بۇنى خەلقنىڭ ئادىل تارازىسى ئۆلچەر ، بۈگۈن ئاخىرقى ئۆمرۈمدە سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تىلىگەنىدىم ، خۇداغا شۈكرى كەلدىڭىز ، مۇرادىم ھاسىل بولدى . ھە راست ، ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئۈچ ئاي قالدى ، شۇنداقمۇ؟
    -ھەئە دادا ، مەندىن غەم قىلماڭ.
    -سىز قەيسەر ، چىداملىق قىز . بىلىم ئۆگىنىڭ ، ئۆمرىڭىزنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلماي ، ياراملىق ئادەم بولۇڭ ، قىزىم ، ئېيتىڭە ، مېنى كەچۈرەمسىز؟
    سەبىخەنىڭ يۈرىكى تىترەپ ، ۋۇجۇدى ئازابقا تولدى.
    -دادا ، مەن سىزنىڭ باغرىڭىز ، سىزنىڭ يۈرەك پارىڭىز ، مېنىڭ تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى سىزنىڭ قېنىڭىز ، سىز ماڭا ھاياتلىق ، ئاش-نان بەردىڭىز . مەن سىزنى بەك ياخشى كۆرگەچكە سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى ، ئاتىلىق مېھرىڭىزنى يەنە باشقا بىرسىدىن قىزغاندىم . تەنتەكلىك قىلىپ سىزنى رەنجىتتىم ، مېنى كەچۈرۈڭ ، ماڭا رازىلىق بېرىڭ دادا،-دېگىنىمچە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تاشلىدىم.
    ئىككىيلەن بىر تەن ، بىر جان بولۇپ كەتتۇق ، مەن شۇ مىنۇتتىلا دۇنيادا ئاتا-ئانا مېھرىنىڭ بۇنچىلىك ئۇلۇغ بولىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندىم . دادام سېمىز قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى سىلايتتى ، تىنىقلىرى بىلەن تىنىقلىرىمنى ئىچىگە سۈمۈرەتتى . ئۇنىڭ مەندىن ، مېنىڭ ئۇنىڭدىن زادى ئايرىلغىمىز يوق ، بىر چاغدا بىر قول بىلىكىمدىن تۇتۇپ ، مېنى ئۇنىڭدىن ئاجراتتى.
    دوختۇر ئۇنىڭ يۈرەك ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈۋاتقان ماشىنىغا قاراپ بېشىنى چايقىدى . ئېگىز-پەس چىقىۋاتقان يۈرەك رىتىمى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاپتا كۆرۈنگىنى ئاۋازسىز تۈز سىزىق ئىدى...
    ئۇنىڭ كۆزى يوغان ئېچىلغان پېتى مەن بىلەن ، بۇ دۇنيا بىلەن ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ، يامان كۆرىدىغان ، دوست ۋە ئۆزىگە تىغ تەڭلەيدىغان دۈشمەنلىرى بىلەن خوشلىشىپ تىنچ ئالەمگە كەتتى...
    قىزنىڭ كۆز ياشلىرى چىرايلىق مەڭزىنى بويلاپ ، ئېڭەكلىرىدىن سىرغىپ چۈشتى.
    -كەچۈرۈڭ سەبىخە ، مەن سىزنى مالال قىلىپ قويدۇممۇ نېمە؟-دېدى كامال ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىپ.
    -كەچۈرۈم سوراشنىڭ ھاجىتى يوق ، سىزگە بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلەۋېتىپ ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم . شۇنىڭ بىلەن يىغلاپ تاشلىدىم . بىراق ئىچىم خېلىلا بوشاپ قالدى،-دەپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى سەبىخە.
    -كۆل بويىغا چىقىپ ئولتۇرايلى ، كۆڭلىڭىزنىڭ يېرىملىقىنى بىلىمەن ، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
    -شۇنداق ، ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ، بىراق سۆزلىسىڭىز ئۇ ئىشلار يەنە شۇ پېتى سىزنى شۇ ۋاقىتلارغا ئېلىپ بارىدىكەن.
    ئىككىيلەن ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى كەڭ كەتكەن گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈيى زۇمرەتتەك يالتىراپ تۇرغان كۆل بويىغا كەلدى.
    كۆل بويىغا بىر دۈگلەك شىرە ، ئۈستىگە ئاق داستىخان سېلىنغان بولۇپ ، ئىككى ئاق ئورۇندۇق قويۇلغانىدى . سەبىخە ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئۆزىنى تاشلاپ ، يىراقلارغا نەزەر سالدى . بۇ يەر نەقەدەر جىمجىت ، نەقەدەر پىنھان-ھە؟
    -سەبىخە،-دېدى كامال خۇشخۇيلۇق بىلەن،-سىزنى كۆرۈپ ھەممىمىزنىڭ بېشى ئاسمانغا يەتتى ، سىز بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنىڭ ئانا ۋەتەندە قالغان بىر تاللا ئەتىۋارلىقى ، مەلىكىسى . مېنىڭدە سىزنىڭ كىچىك ۋاقتىڭىزدىكى بىر پارچە سۈرىتىڭىز بار ، سىز بىر لاتا قورچاقنى تۇتۇپ تۇرۇپسىز ، ئەتراپتا كەڭ كەتكەن پاختا ئېتىزى ، بىلەمسىز ، دادام بۇ سۈرەتنى بەرگەندە ماڭا نېمە دېگەن؟
    -بىلمەيمەن ، تاغام نېمە دېگەنىدى؟
    -خۇدايىم بۇيرۇسا ، سەن چوڭ بولغاندا ئىنىمنىڭ مۇشۇ قىزىنى ساڭا ئېلىپ بېرىمەن دېگەنىدى.
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان سەبىخەنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى-دە ، لېۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ قالدى . ئوڭايسىز ئەھۋالنى تۈزەش ئۈچۈن:
    -مېنىڭ تاغام بەك چاقچاقچى جۇمۇ؟-دېدى.
    -دادامنىڭ بۇ سۆزى چاقچاق ئەمەس ، چىن كۆڭلىدىن دېيىلىۋاتقان سۆز . بۇ قېتىم سىزنى ئەكېلىشتىكى مۇددىئايىمۇ شۇنىڭغا يېقىنراق . قارىغاندا ، سىزنى مەنلا ئەمەس ، ئۇرۇق-تۇغقانلارمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدى...
    سەبىخە دەماللىققا ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدى ، بىراق بۇ سۆز سەبىخەنى ھەم خۇش قىلدى ھەم ھەيران قالدۇردى . دېمەك ، كامال ئاستا-ئاستا مەقسەتكە يېقىنلاشماقتا ئىدى.
    -مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئەتىۋارلاپ كۈتۈشكە ئېرىشتىم ھەم تولىمۇ بەختىيار كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم . بىراق باشقا خىياللاردا بولغان ئەمەسمەن.. . مېنىڭ ئۇ يەردە ۋەتىنىم ، خىزمىتىم بار.
    -ھەر بىر كىشىنىڭ ۋەتىنى شۇ كىشىنىڭ پەخرى ۋە يۈرىكى ، بۇنى چۈشىنىمەن،-دېدى كامال كۆڭلىنى چۈشەندۈرۈپ،-بىراق رىزقى-نېسىۋە ئىزدەپ باشقا يۇرتقا چىقىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر بىزلا ئەمەس ، بىزمۇ ۋەتەننى ، ئانا تۇپراقنى سېغىنىمىز ، ئەمما ھايات ياشاش ئۈچۈن قورال كېرەك ، بۇ قورال پۇل ، پۇل بولمىسا قورالى يوق جەڭچىدەك مەغلۇپ بولىدىغان گەپ . مېنى پو ئېتىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ ، مېنىڭ شەخسىي پاراخوتۇم ، نەچچە دۆلەتتە شىركىتىم ، مىڭغا يېقىن ئىشلەيدىغان ئادىمىم بار . بۇ قېتىممۇ جۇڭگوغا سودا ئىشى بىلەن بېرىپ سىزنى ئەكەلدىم ، مەقسەت دادامنىڭ دېگىنى بىلەن ئوخشاش ، ئەگەر ئىشلەيمەن دېسىڭىز ، سىزگە ئىش بار . ئوقۇيمەن دېسىڭىز دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولسۇن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر سىز تەلەپ قىلسىڭىز سىز ئۈچۈن يەنە ئايرىم داچا سېلىپ بېرىشكە كۈچۈم يېتىدۇ . مەن سىز كەلگەندىن بېرى سىزنىڭ بۇ يەرلەرنى ، بىزنى ياقتۇرىدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىش نىيىتىدە ئىدىم ، سىز ھەقىقەتەن خۇشال بولدىڭىز ، راستمۇ؟

    كامال قىزغا سىناش نەزىرىدە قارىدى.
    -شۇنداق ، مەن ھەقىقەتەن سىزنى ۋە بۇ يەرلەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم . كەچۈرۈڭ ، بىراق مەن سىز دېگەندەك ئويلاردا بولۇپ باقمىدىم . مەن كۆردۈم ، بۇ دۆلەتتە سىزنى قوغلىشىۋاتقان ، سىزگە يېتىشەلمەيۋاتقان قىزلار شۇنچە كۆپكەن ، ئاۋۇ كۈنى چوڭ ئاپام ماڭا بىر چامادان خەت ۋە قىزلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسەتتى ، ئاشۇ گۈزەللەردىن بىرەرسىنى تاللىمامسىز؟
    -شۇنداق ، ئېيتقانلىرىڭىز توغرا ، ئۆزۈم تاللاپ ، چاي ئىچكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان لايىق قىزمۇ بار ئىدى ، بىراق سىزنى كۆرۈپ ھەممىدىن ۋاز كەچتىم . ئانا ۋەتىنىمنىڭ سۈيىنى ئىچىپ ، ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىپ ئۆسكەن بىر قىز مېنىڭ مەيلىمنى ئۆزىگە تارتتى ، مېنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە ئاشىق قىلىۋالدى،-دەپ قولىدىكى سوغۇق ئىچىملىكنى بىر كۆتۈرۈپ ئىچىۋېتىپ «جاھاندا مىڭ كىشى ، كۆڭۈلدە بىر كىشى» دېگەن شۇدە ، توغرىمۇ؟
    سەبىخە كامالغا قارىدى . يىگىتنىڭ كۆزلىرىدىن ئوتلۇق مۇھەببەت ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ، غۇرۇر ئەكس ئېتەتتى . ئۆزى كېلىشكەن ، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ، ھەرقانداق بىر قىزنى بەختلىك قىلالايدىغان ، دۆلەتمەن ئائىلىنىڭ ئوقۇمۇشلۇق بەگزادىسى ئۇنىڭغا تەكلىپ قويۇۋاتاتتى...
    -سەبىخە ، مەن سىزنى كۆردۈم ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمدە بىر خىل ھېسسىيات پەيدا بولدى ، بۇ ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن ساپ ھېسسىيات ئىدى . توغرا ، مەن نۇرغۇن قىزلار بىلەن ئارىلاشقان ، ئۇلار ئادەمگە ئۆزىنى پەرۋانىدەك ئېتىپ تۇرىدۇ ، سىزدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلماسلىققا تىرىشىدۇ ، گاھىلىرى سىزگە ئەمەس ، بەلكى بايلىققا ئاشىق ، بىراق مەن سىزدىن ئۇ نەرسىلەرنى كۆرمۈدۈم . سىز بەك پاك ، ئاق كۆڭۈل قىز ئىكەنسىز ، مەن نېمىشقا ئانا دىيارىمدىن كەلگەن لاچىننى قولۇمدىن چىقارغۇدەكمەن ، دەپ ئويلىدىم . مەن سىزگە رەسمىي تەكلىپ قويىمەن ، سۆيۈملۈك پەرىشتەم ، مەن سىزنى سۆيىمەن ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن،-ئۇ ئالدىغا كېلىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرغان سەبىخەنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ تۇتۇپ ، قولىنىڭ دۈمبىسىگە لېۋىنى تەگكۈزدى-دە ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى . يىگىتنىڭ كۆزىدىكى ئاجايىپ ئوتلۇق مۇھەببەت ، تۆكۈلۈپ تۇرغان نۇر سەبىخەنىڭ پۈتۈن جىسمىنى تەۋرىتىۋەتتى . ئۇ بۇ كۆزلەرگە قاراشقا ، بۇ يىگىتكە يەنە قاراپ تۇرۇشقا چىدىيالماي قالدى . سەبىخەنىڭ چىرايى شۇنچىلىك نۇرانە بەختكە چۆمگەنىدى ، ئۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ، مۇھەببەت لەززىتىنىڭ پەيزىنى سۈردى . يىگىت قىزنىڭ چېھرىدىن رازىلىق بېرىدۇ ، ئۇ ئويلىنىۋاتىدۇ دېگەن ھۆكۈمنى كۆردى.
    -كەچۈرۈڭ،-دېدى سەبىخە يىگىتكە قاراپ،-سىز يىگىتلەرنىڭ سەرخىلى ، بىراق مەن بۇ يەرگە تۇغقان يوقلاپ كەلگەن.
    -ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ بۇ سەپەردىكى بەخت ئەمەسمۇ؟
    -مەنمۇ سەپەرگە چىقىش ئالدىدا پال سالدۇرغانىدىم ، پالچى بەك خۇشال بولۇپ ، «سېنىڭ بەختىڭ سەپەردە ، ئەگەر مۇشۇ قېتىم ئامەتنى قولدىن بېرىپ قويساڭ ، ئۆمۈرۋايەت مۈشكۈلچىلىكتە ياشايسەن» دېگەنىدى ، بىراق مەن ھەرگىزمۇ پالغا ئىشەنمەيمەن.
    -«پالغا ئىشەنمە ، پالسىزمۇ يۈرمە» دېگەن گەپ بار ، پالچى ناھايىتى توغرا ئېيتقانىكەن . سىزدىن ئۆتۈنەي ، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ، ئەگەر ماڭا رازىلىق بەرسىڭىز ، بىز ۋەتەنگە بېرىپ قالدى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلساقمۇ بولىدۇ...
    سەبىخە يىگىتنىڭ سۆزلىرىدىن بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈپ ، ئالەمچە سۆيۈندى ، ئۇ ئۆمرىدە مۇنداق شېرىن سۆزلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان . ئۇ نۇرغۇن ئارزۇلارنى قىلغان بولسىمۇ ، بىراق  ئارزۇلىرى توپا بېسىپ كەتكەن كونا كىتابتەك تۇرىدۇ ، ئەگەر بۇ يەردە قالسام ، مېنىڭ ئۈستۈمدىن كۈلگەن ، مېنى مازاق قىلغان ئاشۇ مەسخىرىلىك كۆزلەردىن قۇتۇلۇپ ياشايمەن . بىراق مەن ھازىرغىچە كامالنى ياخشى كۆرەمدىمەن ، كۆرمەمدىمەن دېگەنلەرنى ئويلاپ باقمىدىم . توغرا ، مەن بىر كىشىگە -يەنى ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە موھتاج بولۇپ كەلدىم . بىراق ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ، بىلىملىك ئادەم بولغاچقا ، مېنىڭ ئارزۇلىرىمنى بىلمەسلىككە سالدى.. . ھازىر ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېكرانىدا يەنە شۇ چىراي غىل-پال پەيدا بولدى . توغرا ، ئۇ تۈرمىدىن ساق ياكى مېيىپ بولۇپ چىقسۇن ئۇنى كۆرۈشۈم ، كۈتۈشۈم كېرەك . ئۇنى مەن بەك ئوبدان چۈشىنىمەن ، ئۇمۇ مېنى ئوبدان چۈشىنىدۇ...
    ئۇ مۇشۇنداق ئايىغى چىقماس خىياللار بىلەن بۇ يەردىكى بارلىق گۈزەللىكلەر ، بايلىق ، مەئىشەت ، يىگىتنىڭ شاھانە مۇھەببىتىدىن ، خانىشلارچە تۇرمۇشتىن ۋاز كەچمەكچى بولدى . توغرا ، ئالدىدا تۇرغان ئارسلاندەك قامەتلىك بۇ يىگىتنىڭ چىرايىنى ، ھېلىقى چىراي بۇلۇتتەك توسۇۋالدى . ئۇ بىردىنلا تولغىنىپ كەتتى ، ياق ، ياق ، ئۇ ماڭا موھتاج . ئۇ تۈرمىدە مېنى كۈتىدۇ ، مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمەن ، زىنھار ، زىنھار...
    -سەبىخە ، قەدىرلىكىم ، نېمە ئويلاۋاتىسىز ، مېنىڭ يۈرىكىمنى سىقماڭ ، نېمىشقا شۇنچە غەمكىن ئولتۇرىسىز؟-دېدى كامال يېلىنىش ئاھاڭىدا.
    -كامال ، سىز مېنى چۈشەنمەيسىز.
    -چۈشىنىش بىر كۈندىلا بولمايدىغۇ ، بارا-بارا چۈشىنىمىز ، توغرا ، تۇرمۇش ئىشى ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش . بىر يىگىت ئۈچۈن ياخشى لايىق تېپىش تەس بولغىنىدەك ، بىر قىز ئۈچۈنمۇ ياخشى يىگىت تېپىش تەس . تۇرمۇش ئىشىنى ئىختىيارلىق بىلەن ياخشى ئويلاپ قىلغان ياخشى . بىئىختىيارلىق بىلەن قىلغان  ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ . دېگەنلىرىم توغرىمۇ؟
    سەبىخە چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتتى-دە:
    -دېگەنلىرىڭىز بەك توغرا . سەل تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ ، مەن سىزگە بىرنەرسە كۆرسىتەي ، ئاندىن كېيىن بىز قايتا سۆزلىشەيلى،-دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى ۋە ھايالشىمايلا بىر خاتىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كامالغا تۇتقازدى،-ئاۋال بۇنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ!...
    

    كامال ياتاق ئۆيىگە كىرىپ سەبىخە بەرگەن  خاتىرە دەپتەرنى ئوقۇشقا باشلىدى.
    مەن تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە ھاياتىمدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارنى ، كۆرگەن ، ئاڭلىغان ۋەقەلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولساممۇ ، پەقەت بىر كىشىنى زادىلا ئۇنتالمىدىم.
    ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلىم ئىدى ، مەن بىر ژۇرنالدىن «مۇھەببەت» دېگەن بىر شېئىرنى ئوقۇدۇم . شۇ شېئىر مېنى ئۆزىگە قاتتىق مەپتۇن قىلىۋالدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ شېئىرلىرى چىققان گېزىت-ژۇرناللارنى ئېلىپ ، ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا قويۇۋالىدىغان ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم . ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىم ، ئېتىقادىم مېنى شېئىر يېزىشقا ئۈندەيتتى . مەن «مۇھەببەتكە جاۋاب» دەپ شېئىر يېزىپ بىرمۇنچە يەرلەرگە ئەۋەتتىم . شېئىرىم بېسىلدى ، ئۇنىڭغا قانائەت قىلماي شۇ شائىرغا ئاتاپ 15 بەتلىك خەتمۇ يازدىم . بىراق ئۇرۇنۇشلىرىم بىكارغا كەتتى . مەن مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ، ياخشى كۆرۈشنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلمەي تۇرۇپ ، شائىر بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان ، ئۇنىڭ بىلەن پىنھان مۇڭدىشىدىغان خىيالپەرەس بولۇپ قالدىم . توۋا دەيمەن ، مەن تېخى ئۇنى كۆرمەي تۇرۇپلا قانداقلارچە ئۇنىڭغا شۇنچە بېرىلىپ كەتكەندىمەن؟ بىر كۈنى بىر ژۇرنالغا شېئىرى بىلەن ئۇنىڭ سۈرىتى بېسىلىپتۇ ، ئۇ قاراقاش ، كۆزلىرىدىن نۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئاجايىپ مېھرى ئىسسىق كىشى ئىكەن . رەسىمگە قاراپ كۈلىمەن ، يىغلايمەن ، شۇنىڭ بىلەن ئاشىقلىق يولۇم ئېچىلدى . مەن ئۇنى تېپىشنى ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ ، ئۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمىدىم . مېنىڭ چاپچىپ تۇرغان مۇھەببىتىم شۇ پېتى چۆل-باياۋاندا سۇسىز قالغان گىياھدەك قاغجىراپ تۇرىدۇ ، ئاچچىق كۆز ياشلىرىمنى ھۈجەيرىلىرىمگە سىڭدۈرۈۋەتكەندەك ، مۇھەببەت لەززىتىنىمۇ جىسمىمگە سىڭدۈرۈۋەتتىم...
    ساۋاقداشلىرىم بولسا جۈپ-جۈپى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشاتتى ، ئاخشاملىرى مەيداندا ، مەكتەپنىڭ بېغىدا ، كۆل بويلىرىدا سەيلە-ساياھەت قىلاتتى ، دەرس تەكرارلايتتى ، ماڭا بىرمۇنچە يىگىتلەر خەت يازدى ، تەكلىپ قويدى ، بىراق مەن «يىگىتىم بار» دەپ  جاۋاب بېرەتتىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى «خىيالپەرەس» دېدى . راست ، مەن بىر خىيالپەرەس . مەن ئۆزۈمنىڭ خىيالىي دۇنيارىمدا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن ياشايتتىم.
    ساۋاقداشلىرىم ئۇچۇرما بولغان قۇشلاردەك تەرەپ-تەرەپكە ، خىزمەت ئورۇنلىرىغا مېڭىپ كەتتى ، ئۇلار ئۆزلىرى خالاپ ، تەلەپ قىلىپ يۇرتلىرىغا كېتىشتى ، بىراق مېنىڭ يۇرتتا كىمىم بار؟ شۇڭا نەگە بېرىشىمنى بىلمەستىن مەكتەپنىڭ تەقسىماتىنى كۈتتىم . مېنى كۆمۈركان ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىپ ئۇزىتىپ قويدى . مەن كىچىككىنە چامادان بىلەن ئاددىي سومكامنى كۆتۈرۈپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدىم . پاھ ، دەرۋازا ئالدىدا بىر توپ كىشى مېنى كۈتۈپ تۇراتتى . مەن بۇ ئىشتىن سۆيۈنۈپ كەتتىم . ئۆمرۈمدە بىرەر كىشى مېنى كۈتۈپ ، يولۇمغا قارىمىغان ، مېنى قارشى ئالمىغانىدى . ھاياجىنىمنى تەستە بېسىپ كېتىۋاتىمەن ، ئاھ ، كۆز ئالدىم بىردىنلا كۈن چىققاندەك يورۇپ كەتتى . مېنىڭ ئالدىمدا خىيالىي دۇنيارىمدىكى ئاشىقىم ، مەن بىر كۆرۈشكە تەشنا بولغان شائىر ئۇستاز ، ئاسىم ئەپەندى تۇراتتى . تىنىمسىز ھايات قوينىدا ، نەچچە يىل ئۇيقۇسىز كېچىلەردە بارلىق خۇشلۇقلىرىمنى ئېيتقان ، خىيالىي سىردىشىم بولغان بۇ كىشى ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئۇنى كۆرۈپ ھاياجاندىن پۇتلىرىم تىترەپ ، چامادان تۇتقان قولۇمدا جان قالمىدى . مەن چاماداننى يەرگە قويۇپلا ، ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئالدىغا ئوقتەك ئۇچۇپ باردىم.
    -مەن مەكتەپ مۇدىرى ئاسىم ئەپەندى بولىمەن ، خۇش كەپسىز ، قارشى ئالىمىز،-دېدى ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ،-سىز يېڭى كەلگەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى سەبىخە بولامسىز؟
    -شۇنداق ، مەن سەبىخە بولىمەن،-دېدىم-دە ، ئالدىمدىكى كىشىگە قارىدىم . ئۇ قىرىق ياشتىن ھالقىغان ، چىكە چاچلىرىغا ئاق ئارىلىغان ، چىرايى تاتىراڭغۇ ، قارا كۆزى ئوتتەك يېنىپ تۇرىدىغان كىشى بولۇپ ، يېشىغا قارىغاندا چوڭ كۆرۈنەتتى.
    مەن ئۆزۈمنى سەل تۇتۇۋېلىپ كۈلۈمسىرەشكە تىرىشتىم.
    -بەك ياخشى بولدى،-دېدى ئۇ ماڭا سەپسېلىپ قاراپ.
    -ئۇستاز ، ئاسىم ئەپەندى ، شائىر ئاكا ، سىزنى كۆرگەن كۆزلىرىمگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ،-دېدىم ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ،-مەن تۇنجى قەدەمنى بېسىپلا بۇنچىۋالا خۇشال بولارمەن دەپ ئويلىمىغانىدىم ، بەك خۇشال بولدۇم،-دېدىم خۇشاللىقىمنى يوشۇرماستىن . ئىككىيلەننىڭ قىزغىن پاراڭلىرى باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان بولسا كېرەك:
    -ئىككىيلەن كونا تونۇشلاردىن ئوخشىمامسىلەر؟-دەپ سورىدى بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى.
    -ھەئە،-دېدىم مەن سەمىمىيلىك بىلەن،-مەن ئۇستاز ، ئاسىم ئەپەندىنى پىئونېر ۋاقتىمدىن تارتىپ تونۇيتتۇم ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تونۇش ، مېنى شېئىر يېزىشقا ئىلھاملاندۇرغان مانا مۇشۇ ئۇستاز ، بىز تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشتۇق.
    -سىز شائىرە سەبىخە بولامسىز؟-دەپ سورىدى ياش بىر ئەر ئوقۇتقۇچى.
    -شېئىر ئىشتىياقى يۈرەككە تۇتاشقان ھەۋەسكار سەبىخە مەن بولىمەن.
    مۇشۇ كىچىككىنە كۆرۈشۈش ۋاقتىدىكى سۆھبەت ھەممەيلەنگە ياخشى تەسىر بەردى ، ھەممەيلەندە مېنى ھۆرمەت قىلىش تۇيغۇسى ئىپادىلەندى.
    بۇ مەكتەپنىڭ شارائىتى ھەقىقەتەن ناچار بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆيلىرى سىرتتا ئىكەن ، مەكتەپنىڭ خەۋەرلىشىش بۆلۈمىگە يانداش سەككىز كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ئېغىز ئۆينى ماڭا بوشىتىپ بەردى . ئاسىم ئەپەندى باش بولۇپ ئۆينى تازىلاپ ، بىر ياغاچ كارىۋات ، بىر ئىشكاپ ئەكىرىپ بەرگەندىن كېيىن:
    -سەبىخە ، مەكتەپنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ، ھازىرچە سىزگە شۇنچىلىك شارائىت يارىتىپ بېرەلەيمىز . نېمىلا دېگەنبىلەن ياتاقتا پار ، سۇ ، توك بار . كېيىنچە ھالىڭىزدىن ئوبدان خەۋەر ئالارمىز،-دەپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
    شۇ كۈندىن باشلاپ ئاسىم ئەپەندى ھەر دائىم ھال-ئەھۋال سوراپ ، قىيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىپ بېرىشكە تىرىشتى ، ئۇ دائىم مېنىڭدىن:
    -قانداق ئىشىڭىز بولسا تارتىنماي ئېيتىڭ جۇمۇ ، قىزچاق،-دەيتتى.
    ئۆگىنىش ، خىزمەت ، تۇرمۇشۇمدا ئۇ مېنىڭ ھىمايىچىم ، شەپقەتچىم ئىدى . ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھرىبانلىقى ، ياخشى مۇئامىلىسى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى . مېھرى ئىسسىق بۇ كىشىگە قىزىقىش ، چوقۇنۇش بىلەن ياخشى كۆرگەن بولسام ، ئەمدىلىكتە ياشلىقتىكى ھەۋەس ، مۇھەببەت بىلەن چوقۇنۇۋاتاتتىم . بارا-بارا خىيالىي دۇنيادىن رېئال دۇنياغا كېلىپ ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىمنى ئىقرار قىلىشقا باشلىدىم . مەن ئۆز-ئۆزۈمگە سوئال قويۇپ سۆزلەپ يۈرىمەن ، «كىم مېنى ئاشۇ ئوتتىن ، ئاشۇ خىيالدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ؟» مېنىڭ بىر جۈپ كۆزلىرىم ئۇنىڭغا قاراشقا ئادەتلەنگەن ، بىر جۈپ كۆزۈم ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئوقلىرىنى ئاتىدۇ ، جادۇ كىرپىكلىرىم بولسا ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ ، بۈگۈن ئەتىگەن يەنە ئۇنى كۆردۈم . ئۇ كۈندىكىدەك مېنىڭ بىلەن ناھايىتى خۇشخۇي سالاملىشىپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . مەن كىتابىمنى قولتۇقلاپ ئىشخانىغا كىردىميۇ ، خىيالغا بېرىلدىم . بۇ شۇنچە كەڭ دۇنيا ، رەڭدار دۇنيا ، شۇنچە كۆپ كىشى تۇرسا نېمىشقا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالدىم؟ مەن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن شۇنچىۋالا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەپتىمەن ، ئۆزۈممۇ ، يۈرىكىممۇ كۆيۈۋاتىدۇ ، بۇ ئوت شۇنداق ئوتكى ، يۈرەك-باغرىمنىلا ئەمەس ، بەلكى قىل قان تومۇرلىرىمغىچە تاراپ كەتتى ، مەن بىر بىچارە ، ئەمدى نە قىلاي؟...
    كۆز ياشلىرىم كىتاب بەتلىرىنى ياش بىلەن ھۆل قىلىۋەتتى . كەچتە بىر پارچە شېئىرنى كۆرسىتىش باھانىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم ، ئۇ مېنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلىپ ، شېئىرىمنى ئوقۇپ كۆرگەندىن كېيىن «ياخشى بوپتۇ ، ژۇرنالغا بەرسىڭىز بولغۇدەك ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، كەچۈرۈڭ ، بۈگۈن كەچتە مېھمان بار ئىدى ، شۇڭا ئۆيگە بېرىشىم كېرەك» دەپلا ئىشخانىدىن ئالدىراش چىقىپ كەتتى . مەن سىرتتا ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇرۇپ ، كۆز ياشلىرىمنى ئىچىمگە يۇتتۇم ، بىراق ياتاققا كىرىپ كېتىشنى خالىماي تۇرىۋەردىم . 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولغاچقا ھاۋا خېلى سوغۇق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە يامغۇر تامچىلاپ يۈزۈمگە ئۇرۇلدى ، يامغۇر بولۇشىغا قارىماي بىكاردىن-بىكار مەكتەپنى ئايلىنىپ ئىلاجىسىز ياتاققا كىرىپ كەتتىم . بىراق يۈرىكىمدىكى يوشۇرۇن مۇھەببەت پارتلاپ گۈلخاندەك لاۋۇلدىدى ، مۇھەببەتكە ئوتتەك ئىنتىلىش مېنىڭ ياشلىق گۈللىرىمنى بەرق ئۇچۇرۇپ ئېچىلىشقا ئۈندەيتتى . مەن ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم . توغرا ، ئادەم چۆل-باياۋاندا ئىسسىقتىن ئۇسساپ كەتكەندە سۇ ئىچسە ئۇسسۇزلۇقى قانىدۇ ، شاراب ئىچسە تېنى راھەتلىنىدۇ ، مېنىڭ شاراب ئىچىپ مەستخۇش بولغۇم بار ئىدى . شۇڭا قولۇمغا قەلەم ئېلىپ:
    مەسۇ مەستانە كۆرۈشتى،
    دىلبىرى يارى بىلەن.
    خۇددى لەگلەكتەك ئۇچۇپ ئۇ،
    سۆيۈشتى يارى بىلەن.
    دېگەن مىسرالارنى يازدىم . مەن ئۆزۈمدىن يىگىرمە ياش چوڭ كېلىدىغان بىر ئەرنى سۆيۈپ ، ئۇنىڭ دەردىدە يىغلاۋاتىمەن ، ئۇنىڭ خانىمى خۇددى ماڭا ئوخشاشلا ئۇنى سۆيىدۇ . مەن ئۆمرۈم بويى جەبرى تارتىمەن ، يىغلايمەن ، بىراق ھەرگىزمۇ يەنە بىر ئايالنى يىغلاتمايمەن . قۇش ئۇۋىسىنى تىزغاندەك تۇتقان ئۆيىنى بۇزۇپ ، ئۇنىڭ بالىلىرىنى ئاتىسىز قالدۇرمايمەن ، ئەگەر ئۇنى يىغلاتسام ، ئۇ مەندىنمۇ بەتتەر ئازابلانماسمۇ؟ بۇ ئىنسان بالىسى قىلىدىغان ئىش ئەمەس . توغرا ، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇشۇم ئەقىدەمنىڭ ماڭا بەرگەن مەھسۇلى . بىراق ھېسسىياتنى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، ئەقىلسىزلىك قىلمايمەن ، ئۆزۈمنىڭ غۇرۇرۇمنى ، ۋىجدانىمنى ساقلايمەن ، دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم.
    بۇ يىلقى قىش ھەم سوغۇق ، ھەم ئۇزۇن بولدى ، بالىلار تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەچكە مەكتەپ ئىچى جىمجىت ، ياتاقتا يالغۇز كۈن ئۆتكۈزۈش مېنى جېنىمدىن جاق تويغۇزۇۋەتتى . دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ سائەتلەپ ئولتۇرىمەن ، ئىككى كۈندىن بېرى يېغىۋاتقان قار بۈگۈنمۇ توختىمىدى ، كىتاب ئوقۇپ ، چاي ئىچىپ زېرىكتىم . شۇنىڭ بىلەن ئوتقاشتەك قىزىل پەلتۇ كىيىپ ، ئاق تۆشۈك-تۆشۈك يۇڭ ياغلىق سېلىپ سىرتقا چىقتىم ، ھاۋا شۇنداق سوغۇق بولسىمۇ ، كۆزۈم بىر كىشىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار ئىدى . شۇنچە ئۇزۇن ساقلىغان بولساممۇ ئۇ كەلمىدى . گويا مۇشۇ زېمىندا مەنلا يالغۇز ، ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوقتەك ياشلىرىم ئېقىپ ، مەڭزىمدە مۇز بولۇپ قېتىپ قالدى . بىراق يولدىن كۆز ئۈزمىدىم . ئاھ ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم ، ئۇ كېلىۋاتىدۇ ، ئۇمۇ يىراقتىن مېنى كۆرۈپ ، ئىتتىك-ئىتتىك مېڭىپ كېلىۋاتىدۇ . شۇنچە تىرىشىپ كۆرگەن بولساممۇ ، ئورنۇمدىن زادى تۇرالمىدىم ، پۇتلىرىم سوغۇقتا توڭلاپ قېتىپ قالغانىدى . ئۇ مېنى يۆلەپ ياتاققا ئەكىردى-دە:
    -دىققەت قىلىڭ ، سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن ، مەن دىجورنىلىق قانداق بولۇۋاتىدىكىن دەپ كېلىشىم ئىدى . سىزنى قانداقراق تۇرۇۋاتىدىكىن دەپ ئويلىدىم . تەتىلدە بىر يەرگە بېرىپ كەلمەمسىز؟
    -بارىدىغان يېرىم يوق.
    -يۇرتىڭىزغا بارسىڭىزچۇ؟
    -ئۇ يەردە مېنى ھېچكىم كۈتۈۋالمايدۇ ، مېنىڭ ھېچكىمىم يوق،-دېدىم يىغلامسىراپ.
    -كەچۈرۈڭ ، سوغۇقتا يۈرمەڭ سىڭلىم...
    ئۇ بەش مىنۇت ئولتۇرۇپلا مەن بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى ، ئۇ مېنىڭ ئۇلانغان ئۈمىد يىپلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلاپ ، يۈرىكىمنى پارە-پارە قىلىۋەتتى.
    يېڭى يىل ئاخشىمى ، ياتاقتا ئولتۇرۇپ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى . مەن ئاستا سىرتقا چىقتىم ، پۈتۈن ئەتراپ قار گۈلىگە پۈركەنگەن بولۇپ ، ھاۋا شۇنچىلىك ساپ ، شۇنچىلىك سوغۇق ئىدى . چوڭ كوچىغا چىقتىم ، كوچىدا بىرمۇ ئادەم يوق ، يول تېيىلغاق ، مۇز قېتىپ كەتكەنىدى . ھېچقانداق غەرەزسىز كېتىۋاتىمەن ، مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەن ئاياغلىرىم مېنى تونۇش ئۆيگە باشلاپ باردى . نېپىز دېرىزە پەردىسىدىن ھەممە نەرسىنى كۆردۈم ، ئۇلار يېڭى يىللىق داستىخان تىزىپ ، تاماق يېيىشكە تەييارلانغاندەك قىلاتتى . ئاخىر ئۆزۈمگە غەيرەت بېرىپ 2-قەۋەتكە چىقىپ ئىشىكنى چەكتىم ، ئىشىكنى ئاچقان خالىسە خانىم ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن:
    -مانا ، مانا ، نېمىدېگەن ئوبدان ئىش بولدى ، كېلىڭ ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،-دەپ مېنى ئۆيگە باشلىدى.
    -خۇش كەپسىز سەبىخە ، ھېلىلا خالىسە ھەدىڭىز سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلغانىدى . يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،-دەپ قارشى ئالدى ئاسىم ئەپەندى . مەن داستىخانغا كېلىپ ئولتۇرغان بولساممۇ ، گېلىمدىن ھېچنەرسە ئۆتمىدى . دېمىسىمۇ ھېچنەرسىگە زوقۇم يوق ئىدى . پەقەت كۆز ياشلىرىم سەلدەك ئاقاتتى...
    مەن نېمە قىلدىم؟ ئەقىلگە سىغمايدىغان ساراڭلىق قىلدىممۇ؟ مەن زادىلا مۇمكىن بولمايدىغان ، ئىككى كىشى تەڭ بۆلۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان ئاشىقلىقنى بۆلۈشكىلى ، ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولغىلى كەلدىممۇ؟ ياق ، ئەسلا ئۇنداق ئەمەس . بۇ پەقەت مېنىڭ ئىچكى دۇنيارىمدا ساقلىنىدۇ...
    -كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ سەبىخە ، سىزنى بۇرۇنراق تەكلىپ قىلىشىم كېرەك ئىدى ، سىز بىزنى ياخشى كۆرگەچكە كۆڭلىڭىز تارتىپ كەلدىڭىز ، بۇ تېخىمۇ ئوبدان ئەمەسمۇ؟ ئۆتۈنۈپ قالاي ، قېنى ، تاماققا ئېغىز تېگىڭ ، ئېلىڭە...
    خالىسە خانىم پايپېتەك بولۇپ ، قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالدى ، بىراق مەن خۇددى ساراڭ ئادەمدەك ، پەلتۇنى ئالدىم-دە ، ئۆيدىن ئالدىراپ چىقىپ كەتتىم . ئۇلارنىڭ مېنى توسۇشلىرىغا قۇلاق سالمىدىم . شۇ كۈنى خىيال ، يىغا ، ھەسرەت بىلەن كېچىنى ئۆتكۈزدۈم.
    مەن ئۆزۈمنىڭ ياخشى بىر قىز ئىكەنلىكىمنى ، يەنە كېلىپ ۋىجدانلىق ئايال زاتى ئىكەنلىكىمنى تېخىمۇ تونۇدۇم ، ئىنسان دېگەن بەزىدە بەك كۈچلۈك ، قەيسەر بولسا ، بەزىدە بەكمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم . مەن ھازىر ئاجىز بولساممۇ ، بۇ مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ ، ئۆزۈمنى قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە قاتتىق ۋەدە بەردىم.
    

    ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى . ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى . كەچقۇرۇن ھەممە ئوقۇتقۇچى قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئىككىمىز ئىشخانىدا ئولتۇراتتۇق . ئۇنىڭ تىلى تاڭلىيىغا چاپلىشىپ قالغاندەك ئاغزىنى يىمىرىپ ئولتۇراتتى . مەن نېمە دېيىشنى بىلمەي تېنىم ياپراقتەك تىترەپ ، قولياغلىقىمنى مۇجۇپ ئولتۇراتتىم . ئىشخانا ئىچى جىمجىت ، پەقەت تامدىكى سائەتنىڭ «چىك ، چىك ، چىك» قىلىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . يۈرىكىم سائەت ئىسترىلكىسىغا تەڭكەش بولۇپ گۈپۈلدەپ سوقاتتى.
    -سىڭلىم سەبىخە ، مەن قايتاي،-دېيىشىگە ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتىم:
    -بىردەم ئولتۇرسىڭىز بولمامدۇ؟
    -ياق ، بەك كەچ بولۇپ كەتتى ، قايتمىسام بولمايدۇ.
    ئۇ كەتتى ، ئۇ زادى نېمە ئويلايدىغاندۇ؟ مەن بۇنى مۇنداق چۈشەندىم . «بۇ قىز نېمىشقا مۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ ئەگەر ئىككىمىز توغرىسىدا بىرەر  گەپ-سۆز ، ئۆسەك سۆز چىقىپ قالسا مېنىڭ ئىناۋىتىمگە ، ئائىلە مۇناسىۋىتىمگە ، ئەخلاقىمغا تەسىر يەتمەمدۇ؟» دەپ ئويلاۋاتقاندۇر ھەقاچان.
    بىراق مەنچۇ؟ مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ، بۇ گەپنى مىڭ قېتىمچە ئويلايدىغاندىمەن ، پەقەت ئۇ دۇنيادا بولسىلا ، بولامدۇ؟ ياق.. . مېنىڭ ئويلايدىغىنىم.. . بولدىلا دېمەيلا قوياي . مەن بىردىنلا ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ چىقتىم-دە:
    -ئاسىم ئاكا،-دەپ چاقىردىم.
    ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ مېنى كۆردى ، ئايدىڭ كېچە بولغاچقا بىر-بىرىمىزنى شۇنداق ئېنىق كۆرەتتۇق ، مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ يەنە جىمجىت تۇرۇپ قالدىم.
    ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ، مېنى بىر ئاسلاننى ياكى ئۆزىنىڭ بىر قىزىنى سىلىغاندەك سىلاپ ، بوشلا قۇچاقلاپ قويدى . مەن بولسام ياشلىرىمنى مۆلدۈردەك تۆكۈپ يىغلىدىم.
    ئۇ ئورۇق ، مۇزدەك قوللىرى بىلەن يېشىمنى سۈرتۈپ:
    -ئاللا ياراتقان بەندىسىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ . سىزگە ياخشى تۇرمۇش ، بەخت بېرىدۇ . ياش تۆكۈپ ، ئۆزىڭىزنى ئازابلىماڭ ، كەلگۈسى ھامان ياخشى بولىدۇ ، خەيرخوش،-دەپ كەتمەكچى بولدى . مەن:
    -ياق ، مەن قورقىمەن ، ماڭا ئازراق ھەمراھ بولۇڭ،-دېدىم . ئاۋازىم شۇنداق تىترەپ چىقتى.
    بىراق ، بۇ قېتىم ئاسىم ئاكا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.
    مەن ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇرۇپ ، يىغلىغان پېتى ياتاققا كىرىپ كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم.
    ئاسىم ئاكا كېتىشى  كېرەك ، چۈنكى ئۇنى ئايالى ، بالىلىرى كۈتىدۇ . بىراق مېنىچۇ؟ مېنى ھېچكىم كۈتمەيدۇ ، خىيال قىلمايدۇ ، بۇ دۇنيادا مېنىڭدەك بىر ئاجىز قىزنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنىڭ نېمىنى ئارزۇ قىلىدىغىنىنى ، نېمە ئويلايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىشمايدۇ ، مەن قانداق قىلىمەن؟ زادى قانداق قىلىشىم كېرەك؟...
    ھايات نەقەدەر سىرلىق ، نەقەدەر گۈزەل ھەم نەقەدەر ئازابلىق-ھە؟ مەن غايىبانە ئاشىق  بولغان بۇ كىشىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، تەقدىر مېنىڭ تۇنجى قەدىمىمنى قۇتلۇق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ، قەلبىمنى ھاياجان بىلەن زىلزىلىگە سالدى ، بىراق مېنى كېيىن ئازاب دېڭىزىغا تاشلىۋەتتى.
    تاتار شائىرى ھاجى تاختاشنىڭ بىر كۇپلېت شېئىرى مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى تەسۋىرلىگەندەك ماڭا تازىمۇ ماس كېلەتتى.
    نېمىشقا كەلتۈردۈڭ،
    كۆلنىڭ بويىغا.
    ئاھ ، ئۆزۈڭ بۇ جايغا،
    كەلمەستىن ئاخىر؟!

    نېمىشقا دېگۈزدۈڭ،
    سۆيىمەن سېنى.
    ئاھ ، ئۆزۈڭ بۇ سۆزنى،
    دېمەستىن ئاخىر؟!
    مانا ئۇ بۈگۈنمۇ كەتتى . مېنى بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتۇرغىچە يىراقلارغا ئەۋەتىۋەتسە ، ئۇنى كۆرمىسەم ، يۈرىكىمدىكى كۆيۈك ئوتى بارا-بارا ئۆچمەسمىدى؟ ئەگەر مۇشۇ مەكتەپكە بۆلۈنمىگەن ، ئۇنى كۆرمىگەن بولسام بەلكىم بارلىق خىياللىرىم توزغاقتەك توزۇپ ، باشقا بىر ھاياتلىق يولى بولماسمىدى؟ بۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىمۇ ياكى تەڭرىنىڭ سىنىقىمۇ؟
    مىڭلىغان سوئاللار بىلەن بېشىم قېيىپ ، كۆڭلۈم ئازابقا تولدى . خىياللىرىمنىڭ چېكى يوق ، يىراقلارغا كەتمەكتە...
    قاتتىق چاقماق چېقىپ ، تاراسلاپ چۈشكەن يامغۇر بىلەن شامال دېرىزەمنى ئېچىۋەتتى . ئىتتىك بېرىپ دېرىزىنى چىڭ يېپىپ ، ئۇچۇپ تۇرغان تور پەردىسىنى چىڭ تارتىپ يېپىۋەتتىم . بىراق قورققىنىمدىن تىترەپ ئولتۇرىمەن . قاراس-قۇرۇس قىلغان ئاۋاز ، ۋال-ۋۇل قىلىپ يانغان چاقماق ، كەينىدىنلا چېلەكلەپ قۇيغاندەك قارا يامغۇر.. . مەن يوتقانغا چىڭ پۈركىنىپ قورقۇنچ بىلەن يېتىۋالدىم . قانچىلىك ئۇخلىدىم ، بىلمەيمەن ، تاڭ ئاتتى . دېرىزىلەرنى ئېچىۋەتتىم . ھاۋا شۇنچىلىك يېقىملىق ، نەمخۇش ، ئەتراپ شۇنچە پاكىز ، دەل-دەرەخلەر ، گۈللەر يېڭى يۇيۇنۇپ چىققان پەرىزاتتەك چىرايلىق ، بۇ تاڭ مېنى قانداق كۈتۈۋالار؟
    

    «تاغاردا بېگىز تۇرماپتۇ» دېگەندەك ئاسىم ئاكا بىلەن مېنىڭ ئۈستۈمدىكى گەپ-سۆز ھەممە يەرگە پۇر كەتتى . كىشىلەرنىڭ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مېنى كۆرۈپ كۇسۇرلىشىپ گەپ قىلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم . بۇ كىچىككىنە زېمىندا مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئاچىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن گەپ تېپىلغاندەك قىلاتتى.
    بىر كۈنى ئەتىگەندىلا ئاسىم ئاكا ماڭا:
    -بۈگۈن چۈشلۈك تاماققا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىڭ ، خالىسە ھەدىڭىز تەكلىپ قىلدى،-دېدى.
    بۇ سۆز ماڭا سەل غەلىتىرەك تۇيۇلدى . بىر يىلدىن بېرى ئۇ مېنى بىرەر قېتىم ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىغانىدى ، بىراق بۈگۈن تۇيۇقسىزلا...
    چۈشكىچە دەككە-دۈككىدە يۈرۈپ ، دەرس ۋاقتىدىمۇ كاللام جايىدا بولماي ، دەرسنىڭ بىرنەچچە يېرىدە ئېزىپ كەتتىم . مەن ئاسىم ئاكا بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كېتىۋاتىمىز ، مەن ئەتەيگە ئۇنىڭدىن سەل يىراق مېڭىشقا تىرىشتىم . ئۆيگە ئاز قالغاندا دېرىزىدىن بىر باش بىزگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۆزۈمگە غەيرەت بەردىم . ھەدىمىز بىزنى يىراقتىن كۆزەتمەكتە ئىدى . مەن ئىشىكتىن كىرىشىمگە:
    -ياخشىمۇ سىز سەبىخە،-دېگىنىچە باغرىغا باستى.
    -ھالىمدىن خەۋەر ئالغىنىڭىزغا رەھمەت،-دېدىم مەن تۈزۈت قىلىپ.
    -بۇرۇنراق شۇنداق قىلىشىم كېرەكتى ، بىراق ئۆيدە ئىش تۈگىمەيدىكەن ، بۈگۈن بولسىمۇ بىر ۋاق تاماقتا بىللە بولايلى دەپ...
    -رەھمەت.
    خالىسە خانىم خۇددى چوڭ مېھمان كۈتىدىغاندەك داستىخان تەييارلاپتۇ ، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ، تەمتىرەپ قالدىم . ھەدىمىز چاي ئالغىلى چىقىپ كەتكەندە ئاسىم ئاكىغا قارىدىم . ئۇ شۇنچە خاتىرجەم ئولتۇرغاندەك قىلاتتى . خالىسە خانىمنىڭ پىيالىگە چاي قۇيغىچە قولى سەل-پەل تىترىگەندەك بولدى . ئۇ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قاراپ ، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆزەتكەندەك قىلاتتى ، ئۇ نېمە ئويلاۋاتقاندۇ؟ ئۇ يۈزۈمدىن-يۈزۈمگە تىللارمۇ؟ ياكى تىكىنى بار گەپ قىلىپ چېقىۋالارمۇ؟ ياكى «ئۆزۈڭنى بىلىۋال ، بولمىسا مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ ئەرز قىلىمەن» دەرمۇ؟ ياكى «باشقا جايغا يۆتكىلىپ ، كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما ، مېنىڭ بالىلىرىم بار ، جەمئىيەتتە يۈز-ئابرۇيۇم بار ، بىزنىڭ ئائىلىمىزگە داغ يەتكۈزۈشىڭگە يول قويمايمەن» دەرمۇ؟ نېمە دېسە دەيدۇ-دە . مەن بىچارە ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرسام ، ئۇنىڭ داستىخىنىدا مۈشۈكتەك ياۋاش ئولتۇرۇشۇم كېرەكمۇ...
    -قېنى ، داستىخانغا بېقىڭ،-دېيىشى بىلەن خىيالدىن بېشىمنى كۆتەردىم . ئۇ ماڭا قاراپ زورىغا كۈلۈمسىرەپ قويدى . ئىچىمدە «قارا سېنىڭ قۇۋلىقىڭنى ، مېنى ئۆيۈڭگە چاقىرىپ كۆزەتمەكچى ، ئېرىڭنىڭ تومۇرىنى تۇتماقچى ، بىزنى خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلماقچىمۇ سەن؟» دېگەنلەرنى ئويلىدىم . مەن خالىسە خانىمغا سەپسېلىپ قارىدىم . ئۇ ئوتتۇرا بوي ، قاپقارا چاچلىرى بولۇق ھەم ئۇزۇن ، قارا قاشلىرى ، ئۇزۇن كىرپىكلىرى ، كىشى قاراشقا ئەيمىنىدىغان چولپان كۆزلىرى بىلەن ئاجايىپ چىرايلىق ، سۈلكەتلىك كۆرۈنەتتى ھەم ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ، ئەقىللىق ئايال ئىكەن.
    ئۈچەيلەن توخۇ گۆشى بېسىلغان پولۇنى يېيىشكە باشلىدۇق . مەن ھەر قېتىم لېگەندىن ئاش ئالغىچە ئىختىيارسىز ئاسىم ئاكىغا قاراپ تىى . ئەمدى خالىسە خانىمغا قارىدىم ، ئۇ ئاسىم ئاكىغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتى ، مەن ئۇنىڭ ئېرىگە قاراپ كۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئاچچىقىم كەلدى ، ئۇ گويا مېنى جىلى قىلماقچى ، «قانداق قىلالايتتىڭ» دېمەكچى بولغاندەك كۆرۈندى . مەن ئاشنى يېدىممۇ ياكى ئاش مېنى يېدىمۇ ، بىلمىدىم . بۇ مىنۇتلار مەن ئۈچۈن ئازابلىق ھەم يۈرەكنى سىقىدىغان مىنۇتلار بولدى.
    1-ئۆكتەبىر كەچقۇرۇن شەھەردىن قايتىپ چىقىپ مەكتەپ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇ يەردە توپلىشىۋالغان بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئۇيۇپ كەتتى . ئۇلاردىن بىرسى ماڭا قاراپ:
    -ئاسىم مۇدىرنى قولغا ئېلىپ كەتتى،-دېدى . مەن خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ:
    -نېمىشقا؟-دەپ سورىدىم.
    -ئۇ بىر جېدەلگە ئارىلىشىپ قاپتىكەن ، شۇ جېدەلدە بىر ياش يىگىت ئۆلۈپ كېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەننىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ، مۇتسىكلىتقا ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ كەتتى...
    قالدى گەپلەر قۇلىقىمغا كىرمىدى . كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى . ئالدىمدا ماڭا قاراپ تۇرغان مەسخىرىلىك كۆزلەر ، زەھەرلىك قاراشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، ئىتتىك ياتىقىمغا كىرىپ كەتتىم . ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى مېنى چەكسىز ئازابقا قويدى . ئىككى كۈن سىرتقىمۇ چىقماي ياتاقتا ئولتۇردۇم . 3-كۈنى ئىشخانىغا چىقتىم . بىراق ھەممە ئادەم مېنىڭ ئۈستۈمدىن كۈلۈپ ، مېنى مازاق قىلغاندەك ئەندىشە بىلەن ھېچكىمگە ئۇدۇل قارىيالمىدىم . ئەتىسى ئەتىگىنى ئىشخانىغا كىرىشىم بىلەن  ئوندەك ئوقۇتقۇچى كىتاب-دەپتەرلىرىنى ئالدىغا قويۇپ ، بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىۋالدى . مەن ھېچكىم بىلەن سالاملاشمايلا ئورۇندۇققا ئولتۇرۇشۇم بىلەن ئارقامغا ئۆرۈلۈپ چۈشتۈم . ئورنۇمدىن تەستە تۇرۇپ قارىسام ، ماڭا قەستەن ئۈچ پۇتلۇق ئورۇندۇقنى قويۇپ قويغانىكەن ، ئىشخانىدىكىلەر ئىشخانىنى بېشىغا كىيىپ كۈلۈشتى . مەن ھېلىقى ئورۇندۇقنى غەزەپ بىلەن ئىشخانىنىڭ تېمىغا ئېتىۋېتىپ ، شىرە ئۈستىدە ئولتۇردۇم . بۇ تېخىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلغان بولسا كېرەك ، ئۇلار تېخىمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى ، بۇلار مېنى خالىغانچە زاڭلىق قىلىپ ، مېنىڭ ئۈستۈمدىن كۈلۈشۈۋاتاتتى . شۇ ئارىلىقتا مالىيە بۆلۈمىدىكى بىر كادىر كىرىپ:
    -ئورۇندۇقنى سۇندۇرۇۋېتىپسىز ، بۇ دېگەن ئاممىنىڭ مۈلكى ، 25 يۈەن تۆلەڭ،-دېدى.
    مەن سومكامدىن 50 يۈەن پۇل ئېلىپ:
    -مانا يېرىمى سۇنغان ئورۇندۇقنىڭ پۇلى ، يەنە بىر ئورۇندۇق ئەكىرىپ بېرىڭ،-دېدىم.
    ئۇ كىشى چىرايىغا يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، قۇۋلۇق بىلەن:
    -ماقۇل ، ھازىرلا ئەكىرىپ بېرەي،-دېدى.
    ئەتىسى بۇ كومېدىيىلىك كۈنلەر يەنە باشلاندى ، ئىشخانىغا كىرىشىمگە بىر ئوقۇتقۇچى:
    -سەبىخە ، ئاق كۆڭلەك كىيىۋاپسىز ، كىمگە ماتەم تۇتۇۋاتىسىز؟-دېدى . بۇ گەپ بىلەن چىشلىرىم غۇچۇرلاپ كەتسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ:
    -ئانىڭىزنى ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، قارىلىق تۇتتۇم،-دەپ تاشلىدىم ئاچچىقىمغا پايلىماي . بىرئازدىن كېيىن يەنە بىر ئوقۇتقۇچى:
    -سەبىخە ، ساقىيىپ قالدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىۋىدى ، مەن:
    -قاچان ئاغرىپ قاپتىمەن ، دېسەم ، ئۇ:
    -ئاڭلىسام سىزنى نېرۋىسىدىن كېتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا ياتماقچى بوپتۇ دەپ ئاڭلىغانتىم ، ھازىر سەپسېلىپ قارىسام تۈپتۈزۈك تۇرىسىز ، ئالدىنقى كۈنى گېزىتكە بېسىلغان شېئىرىڭىزمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ، مەن...
    مەن ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم ، مۇشۇ پېتى ئۇنىڭ ئالدىغا بارسام ، قانداق بولۇپ كېتەتتكىن تاڭ ، ئۆزۈمنى بەك قاتتىق بېسىۋالدىم ، بىراق ھېلىقى مۇئەللىم ھەددىدىن ئېشىپ:
    -توي قىلسىڭىز تۈزۈلىسىز ، قىز بالا دېگەن ئەردە ياخشى ، بۇ گېپىم چاقچاق ئەمەس . توي قىلمىسىڭىز بولمايدۇ ، ئەگەر تاپالمىسىڭىز بىز...
    ئەمدى تاقىتىم تاق بولدى ، ئاستىمدىكى يېڭى ئورۇندۇقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتىم . «نېمە بولسا بولمامدۇ» دەپ ئويلىدىم ، بىراق ھېلىقى مۇئەللىم چاققان كېلىپ ، بېشىنى ئىتتىك تارتىۋاپتۇ.. . شۇنىڭ بىلەن ئىشخانىنىڭ ئىچى پاتپاراق بولۇپ كەتتى . مەن يەرگىلا ئولتۇرۇپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدىم . يىغام زادىلا بېسىلمىدى.
    -تۇرۇڭ سەبىخە ، يىغلىماڭ.
    ئۆزۈمگە تونۇش ئاۋازنى ئاڭلىدىم ، خالىسە خانىم مېنى يۆلەپ ئىشخانىدىن ئېلىپ چىقىپ ، ياتىقىمغا ئەكىردى.
    -ھەممە گەپنى ئاڭلىدىم ، بىر قىسىم كىشىلەر باشقىلارنىڭ خاپىلىقى ۋە دىل ئازابىنى چۈشەنمەيدۇ ، باشقىلارنى رەنجىتىش ھېسابىغا كۆڭۈل ئاچىدۇ ، رەنجىمەڭ ، بۈگۈن سىز بىلەن كۆرۈشەي دەپ كېلىشىمگە بۇ ئىشنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ، ياخشى قىپتىمەن . سىز بىلەن سۆزلىشەي دېگەنتىم،-دېدى.
    مەن ئۇنىڭغا «قېنى سۆزلەڭ» دېگەندەك قارىدىم.
    -سەبىخە ، ماڭا تەشكىلنىڭ بېسىمى ، كىشىلەرنىڭ ھاقارەت سۆزلىرى قوشۇلۇپ مېڭەم قوچۇلۇپ كەتتى ، بۇ يەردە تۇرغۇچىلىكىم قالمىدى . باشقا جايغا يۆتكىلىپ كېتەي دەۋاتىمەن . بىراق ئاسىم ئەپەندى يوق ، سىز بۇ يەردە تەنھا ، قىيىنچىلىق تارتىپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم،-دېدى تولىمۇ سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن.
    -خالىسە خانىم ، ھالىمدىن خەۋەر ئالغىنىڭىزغا ، ئاتىدارچىلىق قىلغىنىڭىزغا رەھمەت . بۇ يەردە سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ، بالىلىرىڭىز ۋە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان ، يېقىن كىشىلىرىڭىز ، ئەل ئىچىدە ئابرۇيىڭىز بار . مەن خېلى بۇرۇنلا يۆتكىلىش قارارىغا كېلىپ ، مائارىپ ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنغانىدىم ، مەن قەيەرگە كەتسەم بولىۋېرىدۇ ، شۇڭا سىز ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ،-دېدىم.
    -بولمايدۇ ، سىڭلىم . سىز ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا تېخىمۇ ياتسىراپ قالىسىز ، يالغۇزلۇق تارتىپ قالىسىز.
    -مەن دۇنياغا يالغۇز تۆرەلگەن ، يالغۇز ياشاۋاتىمەن ، مەن پىئونېر ۋاقتىمدىن تارتىپ ئاسىم ئاكىنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغان ، ئۇنىڭ بارلىق ئەسىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغاچقا ، ئۇنى چىن دىلىمدىن ھۆرمەتلەيتتىم ، كېيىن ئۇنىڭغا چوقۇندۇم ھەم ياخشى كۆردۈم . بۇ بالىلارچە ھېسسىيات ، رومانتىك خىياللاردا بولغىنىمدىن بولسا كېرەك . مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ھاياتىمدا ئېرىشمەكچى بولغان بەختىمگە ئېرىشكەندەك خۇشال بولدۇم . مۇشۇ تاپتا ئەتراپىمدا مىڭ ئادەم بار دېگەندىمۇ ، ئۇ ئاكىمىزنىڭ يوقلۇقى بىلىنىپ مەن خۇددى جاھاندا تەنھا تۇرغاندەك بولۇۋاتىمەن . بىراق كىشىلەر مېنىڭ ئۈستۈمدىن كۈلۈپ ، مېنى مازاق قىلىشتى . شۇنداق قىلىش بىلەن كۆڭلىنى ئېچىشتى . ئىشەنسىڭىز مېنىڭ سىزگە ، ئائىلىڭىزگە دەخلى قىلىش ئويۇم يوق . شۇڭا مەندىن رەنجىمەسلىكىڭىزنى ، مېنىڭ بەڭۋاشلىقىمنى ، تەنتەكلىكىمنى ئەپۇ قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن ، مېنى كەچۈرەمسىز؟
    -مەن ئېرىمنىڭ پاك ، ئەخلاقلىق ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن ، بىزنىڭ بەختلىك ئائىلىمىز ۋە ياخشى تۇرمۇشىمىز بار . سىز ئوشۇقچە  ئويلاپ كېتىپسىز . بۇ دۇنيادا ئۆزىمىز پاك ، دىيانەتلىك ، ئەخلاقلىق بولساق ، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىمىز بولمىسۇن . چۈنكى بىز باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس ، ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشايمىز ، بۇ جاننى ئاللا بىزگە ئاتا قىلغانىكەن ، ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىشىمىز ، ھاياتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك . سىز تېخى ياش ، تەجرىبىسىز ، سىز ئىنتايىن گۈزەل ، ئاق كۆڭۈل قىز . ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراپ ، ھاياتنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
    مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم-دە ، ياشلىق كۆزلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا نەزەر سالدىم.
    -بولدى سەبىخە ، ئۆزىڭىزنى ئازابلىماڭ ، نۇرغۇن ئىشلارنى ھەل قىلىش ئىنساننىڭ قولىدىن  كېلىۋەرمەيدۇ.
    -رەھمەت ، خالىسە خانىم.
    -قېنى ، يەنە نېمە گېپىڭىز بار ، تارتىنماي سۆزلەڭ.
    -مېنىڭ ئاسىم ئاكىنى يوقلاپ بېرىشىمغا قوشۇلارسىزمۇ؟
    بۇ گەپنى قانداق دەپ سالغىنىمنى ئۆزۈممۇ سەزمەي قالدىم-دە ، ئىچىمدە «ئاپلا» دەپ قالدىم.
    -ئۇ نەزەربەنت ئاستىدىكى ئادەم ، شۇڭا كىشىلەرنىڭ يوقلىشىغا ، مېھىر-مۇھەببىتىگە ، ھەر ۋاقتىدىكىدىنمۇ موھتاج.
    -رەھمەت ھەدە.
    ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتتى . مەن تۈرمىگە يېقىن ، شەھەرگە يىراق بىر تاغلىق مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتتىم . ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن تۆت يەكشەنبە تۈرمىگە بارغان بولساممۇ ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى . مەن يول بويى ئېلىپ بارغان يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى كۆتۈرۈپ ، ئازاب بىلەن قايتىپ كەلدىم . بىراق قەيسەرلىك بىلەن يەنە بارماقچى بولدۇم . ئۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت بەش بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، تاماق تەييارلاپ ، ۋېلىسىپىت بىلەن يولغا چىقتىم . مەكتىپىم تۈرمىگە ئون كىلومېتىر كەلسىمۇ ، يول ئېگىز-پەس ، ئويمان-چوڭقۇر بولغاچقا سائەت سەككىز بىلەن ئاران يېتىپ باردىم-دە ، تەقەززالىق بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنى كۈتتۈم . ئاخىر سائەت ئون بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلدى.
    ئايرىم كۆرۈشۈش ئۆيىدە ، ئىككىيلەن شىرەنىڭ ئۇ تەرىپىدە بىرىمىز ، بۇ تەرىپىدە بىرىمىز ئولتۇرىمىز . ئىشىك تۈۋىدە بىر ساقچى بىزگە قاراپ تۇرىدۇ . مەن ئاسىم ئاكىنىڭ چىرايىغا قارىدىم . ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈۋەتكەچكە ، يۈزى سەل كۆپۈپ قالغاندەك ، رەڭگى سەل تاتىراڭغۇ كۆرۈنەتتى.
    -قانداق تۇرۇۋاتىسىز؟
    مەن سۆزۈمنى باشلىمايلا مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدىم.
    -كۆرۈپ تۇرۇپسىزغۇ ، چوڭ گەپ يوق . نېمىشقا يىغلايسىز ، ئاران بىر كۆرۈشكەندە ئۇنداق قىلماڭ ، ئۆزىڭىزچۇ ، قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز؟ مەكتەپتىكىلەر ياخشىمۇ؟
    -بىلمەيمەن.
    -نېمىشقا؟
    ئۇ ھەيران بولغاندەك سورىدى.
    -مەن ئۇ مەكتەپتىن يۆتكىلىپ كەتتىم ، ھازىر مەن ئىشلەۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ سىزگە يېقىن ، قاچان يەكشەنبە كېلەر دەپ ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتۈم ، مۇشۇ بەشىنچى قېتىم كېلىشىم ، سىز بىلەن كۆرۈشۈپ بەك خۇشال بولدۇم.
    -رەھمەت سەبىخە ، ھېلىمۇ سىز مېنى يوقلاپ چىقتىڭىز ، بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە بىرنېمە دېمەك تەسكەن ، «ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ» دېگەندەك ئىشلار بار.
    ئاسىم ئەپەندىنىڭ چىرايىدىن بىر خىل ئازاب ۋە رەنجىش  چىقىپ تۇراتتى . مەن خۇددى بىرەر ئىشنى پەرەز قىلغاندەك ئىتتىكلا:
    -ھەدەم يوقلاپ چىققاندۇ؟-دەپ سورىشىم بىلەن ئاسىم ئەپەندى تۇرۇپلا قالدى ، چىرايى ئېچىنىشلىق بىر ھالەتكە كەلدى-دە:
    -كەلدى ، ئۇ كېلىپ مېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ، مېنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ كەتتى.
    -نېمە دېدىڭىز؟ مەن چۈشىنەلمىدىم،-مەن ئالدىراپ سورىدىم.
    -ئۇ سوت ئارقىلىق ئاجرىشىش رەسمىيىتى ئۆتەپ كەپتىكەن . مەن بىلەن ئۇزاق سۆزلەشكەندىن كېيىن «ئاسىم ، سىز بىلەن توي قىلىپ 12 يىل ئۆي تۇتتۇم ، بىراق سىزنىڭ قالپىقىڭىز سايىسىدە تۈگىمەس ئازابلارنى تارتتىم ، مېنى سىزنىڭ ئېتىكىڭىزگە تۇغۇپ بەرمىگەندىكىن ، ئايرىلىپ كېتەي دەپ رەسمىيەت بېجىرىپ كەلدىم . بالىلاردىن غەم قىلماڭ ھەم مېنىمۇ ئىزدىمەڭ» دەپ خوشلىشىپ كەتتى.
    -سىز ، بۇ ئىشتىن بەك رەنجىگەن ئوخشايسىز-ھە؟
    -مەن كۆپ ئىش كۆرگەن بىر ئادەم ، راست ، ئويلىسام خالىسەگە ياخشى تۇرمۇش ئاتا قىلالمىدىم . ھەر بىر ھەرىكەت بولسا شائىرلىق قالپىقىم بىلەن مەن ئالدىدا تۇرىمەن . شۇڭا ئۇنىڭدىن رەنجىپمۇ كەتمىدىم . مەن بۇ ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى باش جىنايەتچىدەك ئۆزۈمنى قاتتىق گۇناھكار دەپ ھېس قىلدىم . بىراق ھېچبىر گۇناھ قىلغىنىم يوق . شۇڭا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم...
    -سەبىخە ، ئاران بىر كۆرۈشكەندە بۇنداق ئولتۇرماي ، گەپ قىلىڭە ، بىلەمسىز ، بىز ئۈچۈن ۋاقىت بەك قىممەتلىك.
    بىراق ، مەن زادىلا گەپ قىلالمىدىم ، كۆزلىرىم ياشقا تولۇپ كەتتى.
    -ۋاقىت توشتى.
    مەن پۇشايمان بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئۇ كامىرغا كىرىپ كەتتى.
    ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى ، مەن يەنە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.
    بۇ قېتىم سىم تورنىڭ ئىچى تەرىپىدە ئۇ ، تېشىدا مەن . ئوچۇق دالىدا كۆرۈشتۇق . ئۇ كۈنى كۆرۈشىدىغان كىشىلەر كۆپ بولغاچقا ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كۆرۈشىدىغان ئادىمى بىلەن گەپ قىلىشىپ تۇرغاچقا ، بۇ يەر ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى.
    -ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ بىز يەنە كۆرۈشتۇق.
    -رەھمەت ، ھېلىمۇ سىز بار ئىكەنسىز ، بۈگۈن يوقلاپ چىقىپ مېنى بەك خۇش قىلىۋەتتىڭىز ، ئۆزىڭىز قانداق تۇرۇۋاتىسىز؟
    -ياخشى ، بىراق سىزدىن ئەنسىرەپ ، سىزنى ئويلاپ شۇ ، كېچىلىرى يىغلايمەن . سىزدىن بىر سوئال سوراي ، راستلىق بىلەن جاۋاب بېرەمسىز؟
    -سورىڭە قېنى؟
    -مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟
    ئاسىم ئەپەندى بېشىنى ئاچچىقى بىلەن بۇراپ ، بىرپەس تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، كۆزىنى ئالايتىپ:
    -نېمىشقا ئاياللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق سورايدىغانسىلەر؟ مۇھەببەت ئۇلۇغ ھېسسىيات ، ئۇنىڭغا يېتىشمەك ئاسان ئەمەس ، سىز ئىنتايىن ئەقىللىق قىز ، بۇنداق سوئاللارنى سورىماڭ ، ئۇنىڭسىزمۇ تارتىۋاتقان ئازابىم يەتكىچىلىك بار ، سۆيۇشمۇ ، سۆيۈلۈشمۇ ئوخشاشلا بەخت ، سىز ھاياتنى ، تۇرمۇشنى ، مۇھەببەتنى سۆيدىڭىز ، بۇ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان سۆيۈش ، بىراق ھەرقانداق ئادەمدە بىر ئاجىزلىق بولىدۇ ، مەن سىزدىن چوڭ ، ئائىلەم ، ئايالىم ، بالام بار ئىدى ، ھازىر ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوق ، مەن سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بۇرۇنلا بىلگەنىدىم ، بىراق مەن قانداق قىلىشىم كېرەك ئىدى؟ شۇڭا نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەشتىن قاچتىم .  ھازىرچۇ؟ ھازىرمۇ بۇنىڭغا بىرنېمە دېيەلمەيمەن . چۈنكى كېيىنكى ئىشلارنىڭ ۋاقتى-قارىسىنى مەن بەلگىلىيەلمەيمەن ، ئۆزۈم مۇشۇ تاپتا بەختسىز ھالەتتە تۇرۇپ ، يەنە بىر كىشىنىمۇ بۇ بەختسىزلىك ئىچىگە سۆرەپ كىرەمدىم؟ ئۇنداق قىلسام مەن رەھىمسىز ، شەخسىيەتچى ، رەزىل ئادەم بولۇپ قالمامدىم ، ماڭا يېڭى ھايات نېسىپ بولغاندا ، يەنە كۆرۈشەرمىز . مېنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ، -دېدى ئۇ ئىلاجىسىز قىياپەتتە . بىراق مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم-دە:
    -مەن يۈرەك سۆزۈمنى بۇرۇن يوشۇرۇن ئېيتقان بولسام ، بۈگۈن ئوچۇق ئېيتتىم ، بۇ گۇناھ ئەمەسقۇ؟
    -كەچۈرۈڭ قىزچاق ، سىز نېمىشقىمۇ مېنى چۈشەنمەيدىغانسىز؟ تۇرمۇش سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس ، سىز بىر پەرىشتە ، سۆيۈشكە ئەرزىيدىغان قىز ، سىزدىكى ساپ ، ھەقىقىي مۇھەببەت تېپىلماستۇر.
    -رەھمەت ، مەن مۇرادىمغا يەتتىم ، چۈنكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مىڭ مەرتىۋە يادلاپ ، بىر قېتىم ئوچۇق ئېيتالمىغان يۈرەك سۆزۈمنى سىزگە ئېيتتىم . ئەمدى جاۋاب بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،-دېدىم خۇشاللىقىمنى يوشۇرالماي.
    -سەبىخە ، ھاياتنى سۆيگەنلىك ئۆزىنى سۆيگەنلىك ، ئۆزىنى سۆيگەنلىك مۇھەببەتنى سۆيگەنلىك ، مۇھەببەتنى سۆيگەنلىك ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى سۆيگەنلىك ، سىز مۇشۇ سۆيۈش ئارقىلىق مۇھەببەت دۇردانىلىرىنى چاچتىڭىز ، دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانىيەت سۆيگۈگە ، سۆيۈشكە موھتاج . مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە...
    ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سۆيگۈ نۇرلىرى چاقنىدى ، لەۋلىرى تىترىدى ، سىم توساققا قولىنى تۇتۇپ ، مېنىڭ قولۇمغا قولىنى تەگكۈزدى ، يۈرەك سوقۇشلىرىمىز بىر-بىرىمىزگە ئاڭلاندى...
    مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ كەتتىم ، ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق ئوچۇق سۆزلەشكىنىمدىن  ئۆزۈمنى بەختىيارلىق ئىلكىدە سەزدىم ، مەن مەڭزىمنى سىم توساققا يېقىن ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئورۇق ، مۇزدەك قوللىرىغا تەگكۈزدۈم-دە ، يىغلىغان پېتى ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ماڭدىم ، ئارقامغا قاراشتىن خىجىل بولۇپ كېتىۋاتىمەن . بىراق بەرىبىر ئارقامغا يەنە قارىدىم . كۈننىڭ ئاداققى نۇرلىرى ئۇنىڭغا چۈشۈپ تۇرغاچقا ، ئۇنىڭ چىرايى شۇنداق نۇرانە كۆرۈنۈپ كەتتى ، مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ، ئۇنىڭغا قاراپ:
    -خەيرخوش ، سالامەت بولۇڭ،-دېدىم.
    


    كامال سەبىخەنىڭ خاتىرىسىنى ئوقۇپ تۈگەتتى ، ئۇ گويا بىر شېئىر ، بىر داستان ياكى رومانتىك ھېكايە ئوقۇغاندەك تەسىراتقا كەلدى . ئۇ ئوقۇۋېتىپ گاھى ئىشلارغا ئەجەبلەنسە ، گاھى ئىشلارغا يىغلىغۇسى كەلدى ، بۇ قىزنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرد-ئەلەم ، مۇھەببەت قىسمەتلىرى يىگىت قەلبىنى يارا قىلدى...
    ئۇ خاتىرىنى كۆتۈرۈپ سەبىخەنىڭ ئالدىغا كەلدى-دە ، ئۈن-تىنسىز قىزغا سۇندى . ئىككىيلەن بىرھازا جىمجىت ئولتۇرۇشتى . قىزنىڭ يۈرىكى كۆل سۈيىدەك يېنىك چايقىلىپ تۇراتتى . كامالنىڭ يۈرىكى بولسا دېڭىز دولقۇنىدەك كۈچلۈك سوقاتتى ، كامال نېمە دېيىشنى ، سۆزىنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيتتى . ئۇ سەبىخەگە سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ:
    -قەدىرلىك سىڭلىم ، سىز ھېلىمۇ شۇ كىشىنى سۆيەمسىز؟-دېدى .
    سەبىخە ھەئە دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.
    -نېمىشقا ئەمدى ، ئۇ ياش جەھەتتىن ياكى.. . ئومۇمەن سىزگە مۇناسىپ كەلمىگۈدەكقۇ.
    -توغرا دېدىڭىز ، شۇ ۋەجىدىن نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تارتتىم ، مېنى ئۇ سەۋدايى قىلىۋەتتى.
    -ئۇچۇ؟ سىزنى سۆيەمدۇ؟
    -ئۇ نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئاجىزلىق قىلغان بولسىمۇ ، مېنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . سىزگە بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي.
    بىر كۈنى مەن تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ ، ئۈچ كۈن ئوت ئاتەش بولۇپ يېتىپ ، ئاخىر ھوشسىزلاندىم . كۆزۈمنىمۇ ئاچالمىدىم،-دەپ گەپ باشلىدى ئۇ خۇددى ھېكايە سۆزلەۋاتقاندەك . پۈتۈن بەدىنىم تەرلىگەننىڭ دەستىدىن چىلىق-چىلىق سۇ بولۇپ كەتتى . بېشىم خۇددى جىڭ تېشى ئېسىلغاندەك ئېغىر ، بىراق مېڭەم شۇنداق سەگەك ، مەن خۇددى بىرسىنى كۈتۈپ ئىنتىزار بولغاندەك ، گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالىمەن . مانا ئاڭلاۋاتىمەن ، قاتتىق بوران چىقىپ ، چاقماق چېقىپ ، دېرىزىنىڭ ئەينەكلىرىنى تاراقشىتىپ ، پەردىلىرىنى ئۇچۇرۇۋەتتى . يۈزۈمگە شامال بىلەن تەڭ سىم-سىم يامغۇر تامچىلىدى . ئاھ ، راھەتبەخش يامغۇر سۈيى ، كىچىكىمدە يامغۇر ياغسا سۆيۈنۈپ سەكرەپ كېتەتتىم . يامغۇردا يۈگۈرۈپ ئويناپ ، ئاياغلىرىم بىلەن سۇ كېچىپ تاياق يېگەن چاغلىرىممۇ بولغان ، بۇنىڭلىق بىلەنمۇ بۇ ئادىتىمنى تاشلىمىدىم . شۇڭا كېسەل يېتىپمۇ يامغۇر تامچىلىرىنى بىلىپ ، شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتىۋاتىمەن . ئەگەر ساق بولغان بولسام ، بىرپەس يامغۇردا تۇرۇۋالغان بولسام تولىمۇ راھەتلىنىپ كېتەتتىم ، يامغۇر ، يامغۇر سۈيى ، سۇ...
    -ئۇ ھوشىغا كېلەي دەپ قالدى...
    مەن ئۇ ئاۋازنى تونۇدۇم ، دېمەك ، ئۇ مېنىڭ يېنىمدا ئىكەن ، قاچاندىن بېرى يېنىمدا تۇرغاندۇ؟ مۇشۇ تاپتا چىرايىم ، چاچلىرىم قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟...
    ىىسسىق بىر سۇيۇقلۇق قۇيۇلدى ، مەن تىترەشكە ، خۇددى بەزگەك ئادەمدەك تىترەشكە ، تۇرۇپ قىزىشقا باشلىدىم.
    -كۆزىڭىزنى ئېچىڭ سەبىخە ، بۇ مەن...
    مەن بۇ ئاۋازدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم.
    -ئاخىر ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز ، مەن ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىڭىزدا ، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ ، قېنى ، غەيرەت قىلىڭ.
    مەن ئۇنىڭ پېشانەمنى تۇتۇپ ، مەڭزىمگە سۆيۈپ قويۇشىنى كۈتەتتىم ، بىراق ئۇ ئۇنداق قىلمىدى . مېنىڭ قوللىرىمنى تۇتتى ، قوللىرىمدىكى ئوتلۇق ھارارەت ئۇنىڭ مۇزدەك ، ئورۇق قولىنى كۆيدۈرگەندەك قىزدۇرۇۋەتتى . ئۇ قوللىرىمنى سىلاپ ، چېكەمگە چاپلىشىپ قالغان چاچلىرىمنى تۈزەپ قويدى . ئۇنىڭ مەندىن يىراقلاپ كەتمەستىن ، بىرپەس ئولتۇرۇشىنى خالايتتىم ، كېيىن كۆزۈم يۇمۇلۇپ كەتتى.
    -بۇ قىزغا جان ئاتا قىلدىڭىز ئاسىم مۇدىر ، سىزنىڭ قېنىڭىز ئۇ قىزغا شىپالىق بەردى،-دېدى بىر ئەركىشى . بۇ دوختۇر بولسا كېرەك.
    -مېنىڭ ئورنۇمدا ھەرقانداق كىشى بولسىمۇ ، شۇنداق قىلاتتى دوختۇر . بۇ قىزنىڭ بىزدىن باشقا ھېچكىمى يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق تىرىشچان بىر ئوقۇتقۇچى بۇ دەڭە . سىزگە رەھمەت دوختۇر ، بەك ياخشى ئىش قىلدىڭىز.
    -بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم ، ماقۇل . بۇ قىز تېخى بىرنەچچە ۋاقىت كۈتۈشكە موھتاج ، شۇنچە ياش تۇرۇپ بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى ، يۈرىكى ئېغىر دەرد بىلەن زەخىملىنىپتۇ.
    -بۇنىڭ چارىسى بارمۇ؟
    -بىز دوختۇر ، داۋالاشنى بىلىمىز ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولسا ، خاتىرجەم بولسا كېسەللەر ساقىيىپ كېتىدۇ ، يەنە بىر مەزگىل كېسەلخانىدا ياتسۇن.
    مەن ئۇقتۇم ، ئۇ مېنىڭ ھاياتىم جىددىي سىناققا دۇچ كەلگەندە ، قان بېرىپ مېنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ . بىز قىزلار بەك ئەخمەق ئىكەنمىز ، كۆيدۈم ، سۆيدۈم دېگەن گەپلەرگە بەكرەك ئىشىنىپ كېتىدىكەنمىز ، شېرىن-شېكەر سۆزلەرنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىكەنمىز ، ئۇ ئۇنداق سۆزلەرنى قىلمىغان بىلەن.. . ھەممىنى چۈشەندىم.
    بەشىنچى كۈنى ھوشۇمغا كەلدىم . كۆزلىرىمنى ئېچىشىم بىلەن يەنە شۇ مېھرىبان نىجاتكارىمنى كۆردۈم ، ئۇنىڭ چىرايى جۈدەڭگۈ ، پەقەت نۇرلۇق كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى ، مەنمۇ سەل-پەل كۈلۈمسىرەپ خۇشاللىقىمدىن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم . ئۇ مېنى يۆلەپ ، ئاستا ئورنۇمدىن تۇرغۇزۇپ يەرگە چۈشۈردى ، بىز بىر قەدەم ، بىر قەدەمدىن مېڭىپ دوختۇرخانىنىڭ بېغىغا چىقتۇق . بۇ نامازشام ۋاقتى ئىدى . ئارچا-قارىغايلارنىڭ سايىلىرى ئاداققى قۇياش نۇرىدا تېخىمۇ قېنىقلىشىپ كەتكەنىدى . گۈللەر بىزگە قاراپ تەزىم قىلغاندەك ئاستا تەۋرىنەتتى . بىز ئورۇندۇققا كېلىپ ، جىمجىت ئولتۇرۇپ كەچلىك ھاۋادىن ھۇزۇر ئالدۇق . كەچ بولۇپ ئاي چىقتى ، ئەتراپ شۇ قەدەر تىمتاس ، ماڭا تەبىئەت ۋە بۇ كېچە شۇنداق ئىللىق بىلىندى . كۆزلىرىم لىققىدە ياش بىلەن تولدى ، ئىچىمدىكى ئازابلار ياش بىلەن قوشۇلۇپ ئېقىپ كەتكەندەك ، جىمى ئازابلاردىن بىراقلا قۇتۇلغاندەك بولۇپ كەتتىم . تۇمۇرلىرىمغا ئىسسىق ئېقىم يۈگۈرگەندەك ھاياجانلىنىشقا باشلىدىم . ھاياتقا بەخش ئەتكۈچى بۇ مىنۇتلار مېنىڭ سالامەتلىكىم ئۈچۈن روھىي تىرەك بولدى...
    -بۇ ھەقىقەتەن ياخشى ، مېھرىبان كىشى ئىكەن ، كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ ئېيتىشقا مەجبۇرمەن ، ئەگەر ئۇ تېنى ئاجىز كىشى تۈرمىدىن ساق چىقالماي قالسىچۇ؟
    يىگىت قىزغا سىناش نەزىرىدە قارىدى.
    -ئۇ دېگەن تەقدىر . ئەتىكى تەقدىرلىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئىنسانلار ئالدىن بىلەلمەيدۇ ، بەلكىم ئۇ قېلىپ ، مەن ئۆلۈپ كېتەرمەن.
    -نېمە؟ نېمە دېدىڭىز؟-دېدى كامال جىددىيلىشىپ،-نېمىشقا قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دەيسىز؟ ئەقلىڭىزدىن ئازدىڭىزمۇ نېمە؟
    -توغرا ، مەن ئەقلىمدىن ئازغىلى خېلى ۋاقىت بولدى ، پەقەت مۇشۇ ئىشلا...
    -نېمە دېسەم بولار پەرىشتەم ، سىزنى گۈزەل تۇرمۇش ، بەختلىك ئائىلە ، شېرىن كۈنلەر كۈتۈپ تۇرۇپتىغۇ ، بۇلار سىزگە يەتمەمدۇ؟ توۋا ، توۋا دېگۈم كېلىۋاتىدۇ...
    كامال سۆزىدىن چىپپىدە توختاپ قالدى . ئۇنىڭ چىرايى ئازابلىق تۈس ئالدى-دە ، كۆلگە قارىغان بولۇپ تۇرۇۋالدى.
    -مەن پۈتۈن ھاياتىمدا كىشىلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە زار بولۇپ كەتكەنىدىم . شۇڭا ھاياتنىڭ قىممىتىنى مۇھەببەت بىلەن ئۆلچىدر  ، ىم ئازاب بىلەن ئۆتتى . ھايات مانا مۇشۇنداق . بىز ئىنسانلار نۇرغۇن نەرسىنى ئارزۇ قىلىمىز ، بىراق ئارزۇلار ئارمانغا ئايلىنىدىكەن . مەن كىچىكىمدە ئانامنى سۆيدۈم ، چوڭ بولغاندا مۇھەببەتنى سۆيدۈم ، مۇھەببىتىم ئازابقا ئايلاندى ، ئەمدى ئاخىرقى ھېسابتا ئارماننى سۆيۈۋاتىمەن ، بۇ مېنىڭ كەچمىش-كەچۈرمىشلىرىمدىن ئالغان ئاخىرقى خۇلاسەم . بەلكى مەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئارمان بىلەن ئۆتەمدىمەن ، بىلمىدىم.. .
    قىزنىڭ كۆزلىرىدىن مەرۋايىتتەك ياش تامچىلىرى تۆكۈلدى . كامال قىزنىڭ كەينىدىن ئۇنى بوشلا قۇچاقلاپ ، ئۇنىڭغا تەسەللى ئېيتقاندەك جىمجىت تۇردى ، ئۇزۇنغىچە قىزدىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەن بولسىمۇ ، ئاخىر ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالدى-دە ، قىزنى ئۆزىگە قارىتىپ پېشانىسىدىن ، مەڭزىدىن تۇغقانلارچە سۆيۈپ قويدى-دە:
    -مەن مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ، ئالىيجاناب ھېسسىيات ئىكەنلىكىنى سىز ئارقىلىق تولۇق چۈشەندىم . ھازىر سىزگە بەخت تىلەشتىن باشقا چارەم قالمىدى . ماڭا نېسىپ بولمىغان مۇھەببەت ، سىزدەك گۈزەل قىز كىمگىمۇ نېسىپ بولار- ھە؟ مەنمۇ ئارماننى سۆيەي ، نېمە ئىلاجىم ، خەيرخوش ، قىز قۇمى،-دېدى ئاخىر قايىل بولۇپ.
    
    سەبىخە چەت ئەلدىن قايتىپ ئەتىسى ئەتىگەندە تۈرمىگە كەلدى ، تۈرمە دەرۋازىسىنىڭ ئىشىكىدە تۇرغان ساقچىنىڭ يېنىغا كېلىپ:
    -ياخشىمۇسىز ، ساقچى ئەپەندى،-دېدى ئۇ سالام قىلىپ،-مەن ئاسىم ئەپەندىنى يوقلاپ چىققانىدىم،-دېدى سەل جىددىيلىشىپ.
    -سىز ئۇ كىشىنىڭ نېمىسى بولىسىز؟
    -مەن ئۇنىڭ خىزمەتدىشى.
    -توغرا ، سىز بۇرۇنمۇ ئۇنى كۆپ يوقلاپ چىققانغۇ دەيمەن.
    -شۇنداق . توغرا ئېيتتىڭىز،-دېدى قىز ئۇنىڭ تونۇغىنىغا خۇش بولۇپ.
    -قېنى ، دىجورنى ئىشخانىسىغا كىرىڭ.
    سەبىخە سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ، ئىشىكنىڭ يېنىدىكى دىجورنىخانىغا كىردى.
    ئوچۇق ئىشىكتىن كىرگەن سەبىخە سومكىنى يەرگە قويۇپ ، ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.
    -ھە ، سىز ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ئىكەنسىز ، مۇنداق گەپ قاراڭ ، ئۇ كىشىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالاي دېگەنتى ، سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن ، ئائىلىسىگە خەۋەر قىلساق ھېچكىم كەلمىدى ، ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن...
    -نېمە ، ئۇ ئۆيگە چىقىپ كەتتىمۇ؟-سەبىخە ساقچىنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى .
    -ياق ، ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن قازا قىلدى.
    سەبىخەنىڭ قۇلىقى ۋىڭىلداپ ، كۆزى قاراڭغۇلاشتى . خۇددى بۇ سۆز ئۇنىڭ بېشىغا توقماق بولۇپ ئۇرۇلغاندەك يەرگە گۇپپىدە چۈشتى-دە ، بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتتى...
    ئىككى ساقچى ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ، تۇرۇبا سۈيىدە يۈزىنى يۇيۇپ ، بىر ئاماللار بىلەن ئاران قاننى توختاتتى . ئاندىن ئۇزۇن ئورۇندۇققا ياتقۇزۇپ قويدى . ئۇ سەل-پەل يېتىۋالغاندىن كېيىن ، كۆزىنى ئېچىپلا:
    -ماڭا رەھىم قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويسىڭىز ، مەن چەت ئەلگە چىقىپ كەتكىلى ئۈچ ئاي بولغان ، ئاخشام كېلىشىم ئىدى . ئۇنىڭ ئىسسىق يۈزىنى كۆرەلمىگەن بولساممۇ ، سوغۇق يۈزىنى بولسىمۇ بىر كۆرۈۋالاي،-دەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلارغا يېلىندى . ئۇلار گەپ قىلماي تۇرغاندىن كېيىن قولىدىكى ئالتۇن ئۈزۈك ، بىر جۈپ ئالتۇن بىلەيزۈكنى ئېلىپ ، شىرەگە قويۇپ،-سىلەردىن ئۆتۈنەي ، ئۇنىڭ يۈزىنى بىر كۆرۈۋالاي...-دېدى.
    -بۇ نەرسىلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇۋېلىڭ،-دېدى ساقچى سەل قوپاللىق بىلەن،-تۇرۇڭ ، بوپتۇ ، سىزنى ئۇ يەرگە ئېلىپ بارسۇن،-دېدى.
    تېز سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتقان قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئېگىز تاغ باغرىغا چىقىپ توختىدى ، خۇداغا شۈكرى ، مېيىت تېخى قويۇلمىغانىكەن . قىز ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېلىپ ، قاتار تۇرغان ئىككى جىنازىنىڭ بىرىنى ئاچتى-دە ، ئاسىم ئەپەندىگە ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاپ كەتتى . دەل شۇ چاغدا تەبىئەتمۇ قىز بىلەن تەڭ ياش تۆككەندەك شارىلداپ يامغۇر يېغىپ كەتتى . يامغۇر سۈيى قىزنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئاسىم ئەپەندىنىڭ يۈزىنى ھۆل قىلىۋەتتى . سەبىخە ئاسىم ئەپەندىنى ياخشىراق كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ئېڭىكىنى چاتقان داكىنى ئېلىۋەتتى . ئۇنىڭ چىرايى تولىمۇ سۇلغۇن ھەم ئورۇق ئىدى . ئۇنىڭ چىرايىغا سىنچىلاپ قارىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى . بىردىنلا ئۇنىڭ كىرپىكى سەل-پەل مىدىرلىغاندەك بولدى . ئاندىن ئاغزىمۇ سەل-پەل ئېچىلغاندەك بىلىندى .
    -ئۇ ھايات ئىكەن ، ئۇ تېخى ھايات ئىكەن،-سەبىخە ئىختىيارسىز ۋارقىرىۋەتتى . نېرىسىدا بىرنەچچە كىشى بىلەن گەپلىشىپ تۇرغان گوركار يۈگۈرۈپ كەلدى-دە ، مېيىتنىڭ يۈزىگە سەپسېلىپ قارىدى . توغرا ، ئۇنىڭ كىرپىكى مىدىرلىدى ، ئۇ كىچىككىنە قەغەزنى ئۇنىڭ بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىۋېدى ، قەغەزمۇ سەل-پەل مىدىرلىدى.
    -راست ، بۇ كىشى ئۆلمەپتۇ،-دېدى.
    گوركار سەبىخەگە ياردەم قىلىپ بىر ماشىنا تېپىپ ، ئاسىم ئەپەندىنى ماشىنىغا سېلىشىپ بەردى-دە:
    -سىڭلىم ، سەپىرىڭىز قۇتلۇق بولغانىكەن ، قەدىمىڭىزمۇ قۇتلۇق بوپتۇ ، بىر ئىنساننى ھاياتلىققا قايتۇرۇپ كەلدىڭىز ، ئەگەر بۇ كىشىنى ساقايتسىڭىز ، ئىككى ئالەملىك ساۋاپ ئالىسىز . ئاڭلىسام ، ئۇ كىشىنىڭ ھېچبىر يېقىنى يوق ئىكەن . بۇ شوپۇرنىڭ بۇ ئەتراپتا بىلمەيدىغان يېرى يوق ، يېزا ، قىشلاقلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ ، نەگە دېسىڭىز شۇ يەرگە ئاپىرىپ قويىدۇ،-دېدى.
    تېخىچە ھوشى-كاللىسى جايىغا چۈشمىگەن سەبىخە ، بۇ كىشىدىن بەك خۇش بولدى-دە:
    -بۇ كىشى بۇ ئالەمدە ئەمدى يوق ، شۇنداقمۇ؟
    -مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم ، مەن ھېچنېمىنى بىلمەيمەن . ئاللا سىزگە مەدەتكار بولغاي ، ئامىن.
    -رەھمەت . سىزدىن بەك مىننەتدارمەن ، شوپۇرغا ئېيتقان بولسىڭىز ، قانچە پۇل دېسە بەرسەم ، ئادەم ئاز ، ھاۋاسى ساپ ، چەت يېزا بولسا بىزنى شۇ پىنھان جايغا ئاپىرىپ قويغان بولسا ، بۇ ئوقۇتقۇچۇمنى شۇ يەردە بېقىپ ، ساقايتىۋالسام دېگەن ئۈمىدتىمەن ، سىزچە بولارمۇ؟
    -ئەلۋەتتە خانىم ، ئاللا بۇ دۇنيانى ، بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىنى بىزدەك بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان ، شۇڭا بۇ زېمىننىڭ قانداق جايىدا  ياشىساق بىز ئۈچۈن جەننەتتۇر . سىزدەك بىر ياخشى ئوقۇغۇچىسى بار بۇ مۇئەللىم ئەلۋەتتە ساقىيىپ كېتىدۇ دەپ ئىشىنىمەن ، بۇ شوپۇر دوستۇممۇ مەندەكلا رايىش ، كۆڭلى ياخشى ، ئاق كۆڭۈل يىگىت ، قېنى ، كەچ قالماڭلار ، ئاللا سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ، ئامىن،-دەپ دۇئا قىلدى.
    
    سەبىخەدىن ئايرىلغان كامال تېخىچە سەبىخە بىلەن بىللە تۇرغان ، يۈرگەن جايلارغا بېرىپ يۈرەتتى . قىز ئۇنىڭ خىيالىدىن زادىلا چىقمىغانىدى . ئۇ سەبىخەنىڭ سۆزلىرىنى ، قىلىقلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسە ئېغىر تىنىپ ، كۆزىنى تورۇسقا تىكىپ ئۇزاق-ئۇزاق خىيال سۈرەتتى . بۈگۈن كېچىچە خىيال بىلەن ئۇخلىمىغان كامال بىر شېئىر يازدى.

    قايدىسەن جانان كۆرگۈم كېلىدۇ،
    ئايدەك يۈزۈڭگە سۆيگۈم كېلىدۇ.
    سەن بولساڭ بىر گۈل ، ئىشقىڭدا نىگار،
    بۇلبۇلدەك خەندان ئۇرغۇم كېلىدۇ.

    گەر بولساڭ شېرىن ، مەن بولۇپ پەرھاد،
    چەكتىم دەردىڭدە مەجنۇندەك پەرياد.
    سەنسىز گۈللىرىم ئېچىلماس قات-قات،
    سېنى سېغىندىم سۆيگۈم كېلىدۇ.

    ئايلاندىم ئۇزاق تۈگىمەس يوللار،
    ئۇچراشتۇق كۆزدە چاقنىدى ئوتلار.
    كەتمەس ئېسىمدىن ئاشۇ مىنۇتلار،
    سېنى سېغىندىم كۆرگۈم كېلىدۇ.

    سۆيىمەن سېنى مەڭگۈ ، مەڭگۈگە،
    ئوتلار تۇتاشقان يۈرەك-باغرىمگە.
    قاچان يېتەرمەن سېنىڭ ۋەسلىڭگە،
    سېنى سېغىندىم كۆرگۈم كېلىدۇ.

    ئۇ يازغان شېئىرنى قايتا-قايتا ئوقۇغاندىن كېيىن ، شىرەنىڭ تارتمىسىغا سېلىۋېتىپ ، ئورنىدىن تۇردى-دە ، كۆل بويىغا چىقتى . مانا ئۇ سەبىخە بىلەن مۇشۇ كۆل بويىدا مۇڭداشقان ، ئۇنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدى . ئۇ بىردەم ئەتراپتىكى تەبىئەت مەنزىرىسىگە ، سۈزۈك كۆل سۈيىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ، بىردىنلا سۇغا سەكرەپ ، بىردەم ئۈزگەندىن كېيىن سەل يېنىكلەپ قالغاندەك بولدى . ئۇ ئاپتاپقا قاقلىنىپ يېتىپ ، يەنە خىيالدىن باش كۆتۈرەلمىدى ، قانداق بولدىكىن تاڭ ، ئۇنىڭ كۆزى بىرنەچچە مىنۇتلا يۇمۇلۇپ قالدى.
    ئۇ چۈش كۆرۈۋاتاتتى ، سەبىخە چەكسىز كەتكەن قىپقىزىل گۈللۈك ئارىسىدا كېتىۋاتاتتى ، ئوتقاشتەك ئېچىلىپ كەتكەن ئەپيۈن گۈللىرى سالقىن شامالدا يېنىك تەۋرىنەتتى ، ئۇنىڭ چىرايى ناچار ، چاچلىرى چۇۋۇق ، ئۈستىدىكى ئاق كۆڭلىكى كىر بولۇپ كەتكەن ھەم ئېتەكلىرى يىرتىق كۆرۈنەتتى . ئۇ كامالنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلمەكچى بولۇۋاتاتتى . دەل شۇ چاغدا سەبىخەنىڭ ئالدىدا مۇناردەك يوغان ھەم ئۇزۇن بىر قۇيۇن پەيدا بولدى-دە ، سەبىخەنى كۆتۈرۈپلا ئىچىگە سۈمۈرۈۋېلىپ ، ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى . قۇيۇن بىردەم ئۇزىراپ ئارغامچىدەك بولسا ، بىردەم يېيىلىپ شاردەك بولاتتى ، ئاخىر سەبىخەنى ئۇزۇن ئارغامچىدەك ئىنچىكە ھەم  پارچە-پارچە قىلىپ يەرگە ئۇچۇرۇۋەتتى . ئۇنىڭ كۆڭلەكلىرى ، چاچلىرى ، يەنە ئۇستىخانلىرى پارچە-پارچە بولۇپ ، خۇددى قەغەز پارچىلىرىدەك ئۇچۇپ يۈرەتتى . ئۇنىڭ بىر قولىنىڭ ئىككى بارمىقى كامالنىڭ ئالدىغىلا چۈشتى-دە ، خۇددى ياخشى بىر ئۇسسۇلچىدەك ھەرخىل شەكىل چىقىرىپ ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى . يەنە بىر بوران بىلەن قۇترىغان قۇيۇن يوقىلىپ ، سەبىخە يەنە پۈتۈن بولۇپ كامالنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.
    كامال سەبىخەنىڭ چۇۋۇق چاچلىرى ، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى ۋە ياغاچتەك قېتىپ تۇرغان بويىغا قاراپ ۋارقىرىۋەتتى-دە ، ئويغىنىپ بىرھازاغىچە ھاسىراپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆڭلى دەككە-دۈككىدە ، كۆز ئالدىدا تېخىچە ھېلىقى قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر قايتىلانماقتا ئىدى.
    ئۇ بىلەتتى ، بۇ چۈش ئەلۋەتتە ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئەمەس ، ئۇنىڭغا خېيىمخەتەر يەتكەن بولۇشى مۇمكىن ، بىچارە قىز قۇمى،-دېدى كامال يەنە شۇ گەپنى تەكرارلاپ.
    يېنىغا بىر پەتنۇستا بىر پارچە خەتنى كۆتۈرۈپ ، خىزمەتچى بوۋاي كەلدى-دە:
    -چۈشلۈكىڭىز خەيرلىك بولسۇن كامال ئەپەندى ، سىزگە يىراقتىن كەلگەن خەت،-دەپ خەتنى سۇندى . كامال ھېلىقى چۈشىنىڭ ئەسىرىدىن تېخىچە قۇتۇلۇپ كېتەلمەي تۇرغاچقا ، خەتنى سەل قورقۇنچ بىلەن ئالدى-دە ، ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى:
    ئانا دىيارىمدىن يىراقتىكى مېھرىبانلىرىمغا سالام.
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كامال ئەپەندى:
    سىزگە يىراقتىكى سىڭلىڭىز سەبىخەدىن سالام ، مېنىڭ ئەڭ مېھرىبان چوڭ دادام ، ئاپاملار ، ئۇرۇق-تۇغقانلار سالامەتمۇ؟ سىزچۇ؟ سىلەرنى ئويلىمايدىغان ، سېغىنمايدىغان بىر كۈنۈم يوق ، بولۇپمۇ سىزنى شۇنداق بەك سېغىنىپ كەتتىم ، بىراق...
    ھايات شاماللىرى مېنى تەكلىماكان قوينىدىن مەر-مەر دېڭىزغا ئۇچۇرۇپ ئېلىپ باردى ، تۇغقانلىرىم ۋە سىزنىڭ شەپقىتىڭىز بىلەن پايانسىز بۇ جەننەتتىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالدىم . ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختىيار كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزدۈم . ۋەتەن ئىشقى ، چىن مۇھەببەت مېنى ۋەتەن قوينىغا ماگىنىتتەك تارتىپ ، ئۆز قوينىغا چىللىدى.
    سۆيۈملۈك كامال ، سىز بىلەن مۇڭدىشىپ ئىچ-قارنىمنى تۆكتۈم ھەم مەخپىي خاتىرىنى سىزگە بەردىم . سىز بىلىملىك ، كۆڭلىڭىز مەر-مەر دېڭىزىدەك كەڭ ، ھېسسىياتلىق يىگىت بولغاچقا ، مېنى چۈشەندىڭىز ، مېنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتتىڭىز ، بۇ ياخشى ئىشلار ئۈچۈن مىڭ-مىڭ رەھمەت ، سىزدىن ئۆمۈرۋايەت رازىمەن ھەم سىزنى ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە قەدىرلەيمەن.
    مەن ۋەتەنگە قايتىپ ئەتىسى ئەتىگەنلىكى ئاسىم ئەپەندىنى يوقلاپ تۈرمىگە چىقتىم . ئاسىم ئەپەندىنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچار بولۇپ ، ئۇ ھوشسىزلانغان ، دوختۇرلار قازا قىلدى دەپ قارىغاندىن كېيىن ، ئۇنى يەرلىكىدە قويماقچى بولۇپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە بېرىپتىمەن ، مەن بەك جىددىيلەشتىم ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم مۇزلاپ كەتتى ، ئۇلارغا ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىۋېلىشنى ئېيتتىم ، ئۇلار ماڭا رەھىم قىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن قەبرىستانلىققا ئېلىپ باردى . مەن ئۇنىڭ يۈزىنى ئېچىپ ھوشۇمنى بىلمەي يىغلاپ تۇرغىنىمدا ، شارىلداپ يامغۇر يېغىپ كەتتى . مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم ، نېمە بولدى دېمەمسىز ، ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن ، مۆجىزە يۈز بەردى . ئۇ ھوشىدىن كەتكەن بولسا ، ئەمدى ئۇ ھايات قالدى . قاراڭ ، مەن بۇ ۋاقىتتا قانچىلىك ھاياجانلانغىنىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن . بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ ، تاس قالدىم.. . بىراق تېخىچە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كېتەلمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئاق كۆڭۈل شوپۇرنىڭ ياردىمىدە باغرى كەڭ ، ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن خالىي ، ئادەمزات تارقاق بىر سەھراغا ئېلىپ كەلدىم ، شوپۇر يىگىت مۇشۇ يەردە بىر ياغاچ ئۆي ۋە سايمانلىرى بار يەرگە بىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتتى . ئۇ مەيلى مېنىڭ سەۋەبىمدىن ياكى ئاللانىڭ شەپقىتى بىلەن بولسۇن ، ھايات قالدى.
    بىزنىڭ بۇ يەردە تېلېفون ، توك ، ماشىنا ، بازار يوق ، مەن تۇرغان يەردىن بەش كىلومېتىر ماڭسام بىر تېلېفون بوتكىسى ، بىر پوچتاليون بار ، شۇ يەردىن بۇ خەتنى سېلىۋاتىمەن ، بۇ خەت سىزگە تېگەمدۇ ، تەگمەمدۇ بۇنى بىلمەيمەن ، كامال . بىز تۇغقان ، تەڭتۇش ھەم بىر-بىرىمىزگە بەكمۇ ماس كېلىدىغان بىر جۈپ ئىدۇق ، سىز بەختىيار ، ھەممىگە قادىر تەڭداشسىز يىگىت ئىدىڭىز ، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرگەنىدىم ، شۇڭا خىياللار مېنى ئېزىقتۇرۇۋەتكەنىدى ، بىراق يەنە بىر كىشىنى كىچىكىمدىن ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنى تاشلىۋېتەلمىدىم . ئۇنىڭغا بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىم ، ئۇنىڭغا كۆيۈشۈمنىڭ تەپتى دوزاخ ئوتىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى يۈرىكىم سۆزلەپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مەندىن باشقا نىجاتكارى يوق ئىدى . ھەر قېتىم سىز بىلەن مۇڭدىشىپ يۈرىكىم سىزگە مايىل بولاي دېگەندە ، ئۇ كىشىنىڭ چىرايى ، سىزنىڭ چىرايىڭىزنى توسۇۋالاتتى . بۇنىڭدىن تولىمۇ ھەيران بولاتتىم . خەير ، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى ، سىزنى رەنجىتىپ قويدۇممىكىن دەپ ئويلىسام بەكمۇ خىجىل بولىمەن ، مېنى ئاخىرقى قېتىم كەچۈرۇشىڭىزنى يەنە بىر قېتىم سورايمەن . سىز بەختلىك بولالايسىز ، جەننەتنىڭ ھۆر-پەرىلىرىدىن بىرسى نېسىپ بولۇپ ، مەڭگۈ بەختلىك ياشىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن . ئەگەر ئاسىم ئەپەندىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولۇپ قالسا ، سىزنى چاقىرتىپ كېلىپ ، بىز بىلەن بىللە بۇ يەرنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمەن.
    كامال ، مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىچكى كەچۈرمىش ۋە قەلب يارىسى تۈپەيلى يۈرىكىم ئىنتايىن زىدە بولۇپ كەتتى . گاھى كۈنلىرى تۇيۇقسىزلا يۈرىكىم ئاغرىپ كېتىدۇ ، ئەگەر مەندىن يەنە خەت-خەۋەر بولمىسا ، چوقۇم كېلىپ قەبرىمگە گۈل قويۇپ قويارسىز ، چۈنكى  مېنىڭ بۇ دۇنيادا مېنى سېغىنىدىغان ، مېنى ئەسلەيدىغان بىرەر ئادىمىم يوق ، قەبرەمنى يوقلاپ ، مېنى سېغىنىدىغان ئادىمىم سىز دەپ ئويلايمەن . سەۋەبى  ئاسىم ئەپەندىنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىد ئىنتايىن ئاز . ئۇ تېخى پۇت دەسسەپ تۇرۇش تۇرماق ، تېنىنى مىدىرلىتالمايدۇ ، ئاھ ، بولدىلا ، بۇ سۆزلەرنى سىزگە دەپ نېمە قىلاي . سىزنى سېغىنىپ ، ئەسكى سىڭلىڭىز: سەبىخە.
    سېنتەبىر ئايلىرى بۇ قىشلاق تېخى ئىسسىق ھەم ناھايىتى ھاۋالىق ئىدى ، يىراقتىن قۇم بارخانلىرى قۇياش نۇرىدا زەردەك جۇلالاپ تۇراتتى . سانسىزلىغان يۇلغۇن كۆچەتلىرى ھەم قىزارغان يۇلغۇن چېچەكلىرى بۇ جاينىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشقانىدى.
    سەبىخە ياغاچ ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى ھۇزۇرلاندى ، يان تەرەپتە بولسا چەكسىز كەتكەن ئوت-چۆپلۈك ۋە قىزىل لالىزارلىق بار بولۇپ ، گويا بۇ يەرگە قىزىل تاۋار ياپقاندەك كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى . ئۇ قولىدىكى كىچىككىنە كورىدا ئېلىپ چىققان گۈرۈچنى يۇيۇپ ، ئوچاقتا قايناۋاتقان قازانغا تاشلىدى . ئۇ ئوتنى پەسەيتىپ ، قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ ئولتۇردى ، يېرىم سائەتتىن كېيىن باچكا گۆشى بىلەن بىللە پىشۇرۇلغان شورپا گۈرۈچ پىشتى-دە ، ئۇنى قاچىغا ئۇسۇپ ياغاچ ئۆيگە كىردى.
    ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ياغاچ كارىۋاتتا ئاسىم ئەپەندى تېخى نىمجان ھالەتتە ياتاتتى . سەبىخە ئاشنىڭ سۈيىنى پۈۋلەپ ، قوشۇق بىلەن ئاستا-ئاستا ئاسىم ئەپەندىنىڭ ئاغزىغا قۇيدى . ئۇنىڭ چىرايى سېرىق ، ئورۇقلۇقتىن ئىككى چېكىسى كىرىپ كەتكەن ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى . ئۇ ئاغزىغا قۇيۇلۇۋاتقان شورپىنى ناھايىتى ئاز-ئاز سۈمۈرەلەيتتى . بىراق ئۇنىڭ تېنى مۇزدەك ، پۇت-قوللىرى تارتىشىپ قالغاندەك قاتتىق ، تومۇرى شۇنچىكى سوقۇپ تۇراتتى . ناھايىتى ئاستا پەم بىلەن پۈۋلەپ ، بىر تېمىم-بىر تېمىمدىن تېمىتىپ ، ئاران ئۈچ قوشۇق ئاش ئىچكۈزگەن سەبىخە قاچىنى يەرگە قويۇپ ، لەۋلىرىنى قانىغۇدەك چىشلەپ ، يىغلاپ كەتتى . ئۇ قانداق سەۋەب قىلىپ ، ئۇنى ساقايتىشنى بىلمەيتتى ، ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتىشتىن ئېھتىياتمۇ قىلاتتى . بىراق بۇ يەردە بىر شەخسىي يالاڭئاياغ دوختۇردىن باشقا دوختۇرمۇ يوق ئىدى . ئۇ ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ بىردىنلا بىر كىتابتىن ئوقۇغان بىر رىۋايەت ئېسىگە كەلدى.
    ئۇ كىتابتا يېزىلىشىچە ، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا بىر تېۋىپ بار ئىكەن ، پادىشاھ ئۇ تېۋىپنى زىندانغا تاشلاپتۇ ، يىللار ئۆتۈپ پادىشاھ ناھايىتى قاتتىق ئاغرىپ قاپتۇ ، يەتتە ئىقلىمدىن تېۋىپلار كېلىپمۇ ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتالماپتۇ . بىر ۋەزىر زىنداندىكى تېۋىپنى يادىغا ئېلىپ ، پادىشاھقا ئېيتقانىكەن ، ئۇنى چاقىرىشنى بۇيرۇپتۇ . ۋەزىر زىندانغا چۈشۈپ قارىغۇدەك بولسا تېۋىپنىڭ ئىككى كۆزى پارقىراپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئورنىدىن تۇرالمايدىكەن ، ۋەزىر پادىشاھنىڭ ئەھۋالنى ئېيتقانىكەن ، تېۋىپ ساقايتالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، «ئورنۇمدىن تۇرساملا ئۇنى ساقايتالايمەن» دەپتۇ . «بۇنىڭ چارىسى بارمۇ» دەپ سوراپتۇ ۋەزىر . «بار» دەپتۇ تېۋىپ ، «ماڭا بىرنەچچە قىزنى تاڭساڭلار ، مەن ساقىيىمەن ، بىراق ئۇ قىزلار ئۆلۈپ كېتىدۇ» دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېۋىپنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئىككى قىزنى تاڭغانىكەن ، ئالدى تەرىپىگە جان كىرىپتۇ ، يان تەرىپىگە ، ئارقا تەرىپىگە قىزلارنى تاڭغانىكەن ، ئاخىر قىزلار ئۆلۈپ ، ئۇ تېۋىپ ساقىيىپ ، پادىشاھنى داۋالاپ ساقايتقانىكەن...
    -توغرا ، تاپتىم،-دەپ ۋارقىرىۋەتتى سەبىخە ، بىراق بىردىنلا ئازابلىنىپ،-ياق! ياق!-دەپ چېقىرىۋەتتى.
    سەبىخە پۈتۈن ئۆمرىنى نېمىگە ئاتىدى؟ ئۇ ھايات ياشاشنى ، مۇرادىغا يېتىشنى ئارزۇ قىلمىدىمۇ؟ راستتىنلا ئاسىم ئەپەندىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئۆزى قۇربان بولسىغۇ مەيلى ، بىراق ئاسىم ئەپەندى ساقىيالماي قالسىچۇ؟ بۇ دېگەن بىر رىۋايەت ، ئەمەلىيەت زادى قانداق بولار؟
    ئۇ بىرنەچچە كۈن ئىش قىلىۋېتىپمۇ ، ئۇخلاۋېتىپمۇ ، شۇنى خىيال قىلدى . ئاخىر ئاسىم ئەپەندىنىڭ شۇ بىر خىلدا ياتقان ھالىتى ئۇنى چۈشكۈنلەشتۈرۈۋەتتى . بوپتۇ ، «جاندىن كەچمىگۈچە ، جانانغا يەتمەس» دەپتىكەن . ئۆزۈم تاللىغان يولدا ماڭاي . بىر ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇش دۇنيادىكى ئېسىل خىسلەت ، ئادەملەر بىردىن-بىردىن قۇتۇلسا قانچىلىك ئادەم يېڭى ھاياتقا ئېرىشىدۇ؟.. . ئۇ بىر توخۇنى سويۇپ ، ئۇنىڭغا بىرمۇنچە دورا ، دەرمەكلەرنى سېلىپ شورپا قىلدى ، شورپىدىن ئاسىم ئەپەندىگە ئىچكۈزۈپ بولۇپ ، قالغان شورپىنى ئۆزى ئىچىپ ، توخۇ گۆشىنى بولۇشىغا يېدى . بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ ، بەدەنلىرى نان ياقسا پىشقۇدەك قىزىپ كەتتى ، ئۇ رىۋايەتتە يېزىلغىنىدەك ئاسىم ئەپەندىگە ئۆزىنى تاڭدى ، ئۇنىڭ مۇزدەك ، جانسىز تېنى قىزنىڭ لاۋۇلداپ يانغان تەپتىدىن سەل-پەل قۇۋۋەت ئېلىپ ، ئۇنىڭغا جان كىرىشكە باشلىدى . چارچاپ قاتتىق ئۇخلاپ قالغان سەبىخە سەپەرنىڭ كۈيچىسى قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ۋە ئانا تەبىئەتنىڭ سالقىن شامىلىدا ئۇيقۇدىن ئويغاندى-دە ، قول-پۇتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ كۆردى . پاھ ، تېخى ئۆزى شۇنداق تىمەن تۇرۇپتۇ ، ھېلىقى قىزلارغا ئوخشاش ئۆلۈپ كەتمەپتۇ . ئۇ ھەر كۈنى ھەر خىل ياۋا قۇشلارنى تۇتۇۋېلىپ ، شورپا قىلىپ ئىچىپ ئاشۇ ئۇسسۇل بىلەن ئاسىم ئەپەندىنى داۋالاشنى داۋاملاشتۇردى . بىر كۈنى ئۇ بىر غازنى تۇتۇۋېلىپ ، سويۇپ ، گۆشىنى يەپ ، غاز مېيىدا ئاسىم ئەپەندىنىڭ بەدەنلىرىنى مايلاپ ، قوللىرى تالغىچە ئۇۋۇلاپ كەتتى . ئۇ كۆردى ، ئەرلەردىمۇ ئاجايىپ گۈزەللىكلەر بار ئىكەن ، ئاسىم ئەپەندىنىڭ تۈكلۈك مەيدىسى ۋە داچەندەك دۈگلەك ، ئانچە-مۇنچە تۈك ئۈنگەن كۆكسىنىڭ تۈگمىسى تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈندى ، ئۇنىڭ قورساقلىرى سەل ئىچكىرى بولسىمۇ كىندىكى شۇنداق ھىممىدە تۇراتتى . ئۇنىڭ تۈكلۈك پاقالچەكلىرى خېلى توم ، بارماقلىرى ئورۇق بولسىمۇ سىلىق كۆرۈنەتتى . ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى ، بىر كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن كۆزىنى ئاچقان ئاسىم ئەپەندى سەبىخەگە قاراپ ، قورقۇپ كەتكەندەك ۋارقىرىۋەتتى-دە:
    -سىز كىم؟ بۇ قەيەر؟-دېدى.
    سەبىخە ئۇنىڭ سۆزىگە ھەيران بولۇپ داڭ قېتىپ قالدى . بىردەمدىن كېيىن قولىنى چىشلەپ ، يىغلىغان پېتى سىرتقا قاراپ يۈگۈردى . ئۇنىڭ كاللىسى جايىدا ئەمەسكەن ، مېنىمۇ تونۇمىسا ، بۇ قانداق بولغىنى؟ دەپ ئازابتىن تولغىنىپ كەتتى . بىر كېچە كۆزىنى يۇمماستىن ئويلىنىپ تاڭ ئاتقۇزدى . ئەتىسى ئەتىگىنى چاي ئەكىرگەن سەبىخەگە قاراپ:
    -سىز زادى كىم؟ بۇ قەيەر؟-دەپ سورىدى ئاسىم ئەپەندى.
    -مەن ، بۇ مەن.
    -ئېيتىڭە نىجاتكارىم ، مېنى دوزاختىن قايتۇرۇپ كەلگەن ، ماڭا ھايات ئاتا قىلغان سىزمۇ؟ سىز نېمىشقا مۇنداق قىلىسىز؟ ئېيتىڭە زادى؟
    -مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
    -مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟ سىز جىنمۇ ياكى شاياتۇنمۇ؟ مەن سىزنى كۆرمىسەم ، سىز مېنى كۆرمىسىڭىز ، قانداق بولۇپ...
    سەبىخە كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ، بىرنەچچە دەقىقە ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن:
    -مەن سەبىخە،-دېيىشىگە:
    -نېمە؟ ياق ، ياق! سىز سەبىخە ئەمەس ، مېنى ئالدىماڭ ، سىز زىنھار سەبىخە ئەمەس...
    سەبىخە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا ئۆيدىن چىققان پېتى لالىزارلىققا قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى . ئۇ قانچىلىك يۈگۈردىكىن تاڭ ، بىر ۋاقىتتا بىر تاشقا پۇتلىشىپ يەرگە دۈم چۈشتى-دە ، ئېسىنى يىغىۋالدى.
    ئۇ ئوڭدا يېتىپ ئاسمانغا قارىدى . قىزىل قۇياش پۈتۈن ئەتراپقا ئالتۇندەك نۇر چاچقان ، كۆپكۈك ئاسمان شۇنچە سۈزۈك ، بىر تال بۇلۇتمۇ يوق ، ئەتراپ شۇنچە جىمجىت ئىدى . ئۇ چىرايىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئەينەك ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن ، كىچىككىنە ئېرىق بويىغا كېلىپ ، سۈزۈك سۇغا قارىدى-دە ، ۋارقىرىغىنىچە يۈگۈرۈپ كەتتى . سۇدا كۆرۈنگىنى چاچلىرى قۇشنىڭ چاڭگىسىدەك بولۇپ كەتكەن ، كۆزى ئولتۇرۇشۇپ پىلدىرلاپ قالغان ، يۈزلىرى قورۇق ، ئۆزىدىن 20 ياش چوڭ بىر ئايال ئىدى . ئۇ ئازاب بىلەن ئېرىق بويىغا كېلىپ يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ ، چېچىنى قولى بىلەن ئانچە-مۇنچە تۈزەشتۇرۇپ ئۆيگە كىردى-دە ، ئاستا-ئاستا ئاسىم ئەپەندىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى.
    سەبىخە پۈتۈن ئەھۋالنى ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن:
    -بۈگۈن بىز بۇ يەرگە كەلگىلى يۈز كۈن بولدى،-دېدى.
    ئەمدى يىغلاش نۆۋىتى ئاسىم ئەپەندىگە كەلگەندەك ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاشقا باشلىدى . ئۇنىڭ ئىچىگە يىغىلىپ ، زەرداپقا ئايلانغان ياشلىرى قان ئاققاندەك ئېقىشقا باشلىدى . ئۇ بۇ يىغلاشلىرى بىلەن پۈتۈن ئۆمرىدە تارتقان دەردلىرىنى ، يۈرىكىدىكى ئازابلىرىنى بىراقلا چىقارغاندەك قىلاتتى...
    -سەۋر قىلىڭ ئاسىم ئاكا،-دېدى سەبىخە ئۇنىڭ ياشلىرىنى سۈرتكەچ،-ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى . سىزمۇ ياخشى بولۇپ قالدىڭىز ، بۇ كۈنلەرگە يۈز مىڭ قەتلى شۈكرى دەيلى.
    -سەبىخە ، ئەگەر سىز شۇ كۈنى كەلمىگەن بولسىڭىز ، مەن ئاللىقاچان ئۇ دۇنيانىڭ نوپۇسىغا ئۆتۈپ ، ئۆلگەن ئادەم بولۇپ قالاتتىم . ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز ، ئەمەلىيەتتىمۇ يۈرىكىم دەردتىن ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغانىدى ، بىراق سىز ، سىز نېمىشقا شۇنچىۋالا بەدەل تۆلەيسىز؟ قاراڭ ، مەن ئۈچۈن گۈزەل چىرايىڭىزنى ، سالامەتلىكىڭىزنى يوقىتىپسىز . بۇ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ، گۈزەللىك سىزگە يار ئىدى . بىراق بۈگۈن مەن سىزنى كۆرۈپ زادىلا تونۇيالمىدىم ، ئادەمنىڭ مۇنچىۋالا ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى زادىلا بىلمەپتىكەنمەن . سىزنىڭ بۇ تۇرقىڭىز مېنى ئازاب دېڭىزىغا غەرق قىلىۋەتتى . بۇرۇنقى سەبىخە قېنى؟ مەن بۇرۇنقى سەبىخەگە بەك زوقلىناتتىم ، چوقۇناتتىم . مەن سىزنىڭ شۇنچىلىك قۇربان بېرىشىڭىزگە ئەرزىمدىمەن؟  سەبىخە ، نېمىشقىمۇ مەن ئۈچۈن شۇنچە بەدەل تۆلەيسىز؟...
    ئاسىم ئەپەندى ئېچىنىش بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق سۆزلەپ كەتتى-دە ، ھارغىنلىق يەتكەندەك جىمجىت بولۇپ قالدى . ئۇ لەۋلىرىنى يىمىرىپ ، قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ ، ئازابتىن تولغانماقتا ئىدى.
    -مەن ئىزدىگەن كىشىمگە ، مۇھەببىتىمگە ئېرىشتىم.
    -قېنى ئۇ مۇھەببەت؟ سىز نىمجان ، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ، يېرىم ئەرگە ئېرىشتىڭىز . سىز دېگەن ياش ، سىزنىڭ ياشايدىغان ، تۇرمۇش قۇرىدىغان ۋاقتىڭىز ئەمەسمۇ؟ مېنى قىينىماڭ . سىزگە بەك قەرزدار بولۇپ كەتتىم .
     مەندىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانار ، سىز ئاشۇ يىراق جايلارغا ، مۇھەببەتلىك تۇرمۇش قوينىغا كېتىڭ! سىزگە بەخت ، ياخشى تۇرمۇش ، مۇھەببەت كېرەك ، راست دېدىم ، بۇ توغرىمۇ؟
    -ياق،-دېدى سەبىخە،-مەن ئۆزۈم خالىغان كىشىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشتىم.
    ئاسىم ئەپەندى ئەمدى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ، سەبىخەنى باغرىغا چىللىدى ، سەبىخە ئۇنىڭغا ئۆزىنى تاشلىدى . ئىككىيلەن ئۇزۇندىن بېرى بىر-بىرىگە تەشنا بولغان ئاشىق-مەشۇقلاردەك چىڭ قۇچاقلاشتى . دۇنيادا پەقەت ئىككىيلەنلا ياشاۋاتقاندەك ، ئاجايىپ بىر خاتىرجەم مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدى . بىردىنلا سەبىخە پۈتۈن بەدىنىدە مىسقالچە ماغدۇر يوق ، يۈرىكى مۇجۇپ ، ھازىرلا جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك بوشاپ كەتتى . ئۇ ئۆزىنى تاشلاپ بىرھازا ياتقىنىچە ئورنىدىن تۇردى.
    ئەتىسى سەھەر سەبىخە ئاسىم ئەپەندىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ، يېڭى ئايىغى چىققان بالىدەك ماڭغۇزۇپ ئىشىك ئالدىغا چىقتى-دە ، بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى . شامالدا يېنىك تەۋرىنىپ تۇرغان ئوتقاشتەك گۈللەرنى كۆرگەن ئاسىم ئەپەندى ھەم خۇشال بولۇپ كەتتى ، ھەم ھاياجانلىنىپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆز ئالدى جەننەتتەك گۈزەل ، گۈللەر ، ئوت-چۆپلەر ، ئۇنىڭغا قاراپ باش لىڭشىتقاندەك ، ئۇلارنى تەبرىكلەۋاتقاندەك ، ئۇلارغا بەخت تىلەۋاتقاندەك قىلاتتى.
    -گۈللەر نېمىدېگەن چىرايلىق ئېچىلغان ، ئاۋۇ قىزىل گۈل يېنىمىزدا بولغان بولسا ، بىر پۇرىۋالغان بولسامچۇ،-دېدى ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىغاندەك . سەبىخە ئورنىدىن تۇرۇپ گۈل ئۈزگىلى ماڭدى . ئۇنىڭ ئاقۇش كۆڭلەكلىرى شامالدا ئۇچۇپ تۇرغاچقا ، كۆڭلىكىنىڭ يىرتىقلىرى كۆرۈنۈپ قالغان ، چاچلىرى يېنىك شامالدا تېخىمۇ چۇۋۇلۇپ ، بەدىنى ئورۇق ، ئىنچىكە كۆرۈنەتتى.
    سەبىخە بىر قۇچاق گۈلنى كۆتۈرۈپ كەلدى-دە:
    -ھايات قوينىغا قايتقىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن ، سالامەتلىكىڭىز تېزرەك ئەسلىگە كەلسۇن،-دەپ گۈلنى تۇتتى.
    -رەھمەت سەبىخە،-دېدى ئاسىم ئەپەندى گۈلنى قايتا-قايتا پۇراپ،-مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، «ياپراق بەرگى» قوبۇل قىلارسىز؟-دېدى.
    سەبىخە كلاسسىك ئەدەبىياتتىن ئوقۇغان بۇ مەنىلىك سۆزنى چۈشەندى-دە:
    -سوۋغا دېگەن كۆڭۈل ، كۆڭۈلدە ئاز-كۆپلۈك ، قىممەت ، ئەرزانلىق بولمايدۇ ، مەن بۇ گۈلنى سىزنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىز ، چەكسىز مېھرىڭىز دەپ قوبۇل قىلىمەن،-دېدى.
    -ئەگەر سالامەتلىكىم ، بۇرۇنقى ھالىم بولغان بولسا سىزگە بىساتىمدىكى بارلىق نەرسەمنى ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل مەرۋايىت ، ئالتۇن ، جاۋاھىرلارنى سوۋغات قىلغان بولاتتىم ، بىراق.. . نېمە دېسەم بولار؟ ھازىر مېنىڭ سىزگە كۆيىدىغان كۆڭلۈم ، سىزگە تالىق پاك يۈرىكىم بار...
    سەبىخە خۇشاللىقتىن تىترەپ ، كۆزلىرى خۇمارلىشىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلدى . گۈلنى تۇتقان پېتى ئاسىم ئەپەندىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى تاشلاپ ، شېرىن بىر تۇيغۇ ئىلكىدە جىمجىت ياتتى ، جىمجىت ماكان ، مۇھەببەت قۇچىقى ئۇنى يېنىك تەۋرىتىپ ، خاتىرجەملىك ئاتا قىلماقتا ئىدى.
    نامازدىگەر بولاي دېدى ، قۇياش ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرىنى زېمىنگە سەپكەندىن كېيىن ، تاغ ئارقىسىغا مۈكۈندى . ئاسىم ئەپەندىنىڭ پۇت-قولىدا جان قالمىغاندەك تېلىپ ، بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى-دە:
    -سەبىخە ، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ ، ئۆيگە كىرىپ كېتەيلى،-دەپ سەبىخەنىڭ يۈزىنى تۇتقىنىچە بىر دەقىقە قېتىپ قالدى...
    سەبىخەنىڭ ئورۇق ، ئۇزۇن بارماقلىرى قېتىپ قالغان ، بەدىنى سوۋۇپ كەتكەنىدى . ئاسىم ئەپەندى بارلىق كۈچىنى يىغىپ ، سەبىخەنى يەرگە ياتقۇزۇپ ، ئۇنىڭغا ئۇزۇنغىچە قاراپ ئولتۇردى . سەبىخەنىڭ چىرايى سەل-پەل قىزارغان ، قاش-كىرپىكلىرى سەل-پەل ئۆسۈپ قالغان ، ئىككى كۆزى ھاياتقا ۋە ئۆزىگە تويمىغاندەك قېتىپ قالغانىدى.
    ئاسىم ئەپەندى تىترەپ تۇرغان جانسىز قوللىرى بىلەن قىزنىڭ كۆزىنى چىڭ تۇتۇپ يۇمۇپ قويدى-دە ، ئەتراپىغا گۈللەرنى تىزىپ ، يېنىدا ئولتۇردى . ئۇ سەبىخەنى كۆرگەن كۈنىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى بىر-بىرلەپ ئەسلەپ چىقتى . ھاياتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ، مۇھەببەتنىڭ ئاجايىپ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ دۇنيادا ئەڭ بەختلىك ئەر ئىكەنلىكىنى مۇشۇ تاپتا چۈشەندى . ئۇ:
    -رازى بولۇڭ ، ئاللا سىزگە جەننەت ئاتا قىلغاي ، بارلىق ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن سىزدىن سۆيۈنىمەن ، خەيرخوش ئاشىق قىز،-دېدى . ئۇ قۇچاق ، قۇچاق گۈللەرنى ئۈزۈپ كېلىپ ، ئۇنى گۈللەرگە پۈركەپ دەپنە قىلىۋەتتى-دە ، قەبرىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىماقتا ئىدى...
    
    بىر كۈنى بۇ يەرگە سۈترەڭ بىر پىكاپ كەلدى . پىكاپتىن ناھايىتى كېلىشكەن بىر يىگىت چۈشۈپ ياغاچ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ:
    -ئادەم بارمۇ؟-دەپ سورىدى.
    بىراق ، ئۆيدىن ھېچبىر سادا چىقمىدى . ئادەم يوق ئۆيگە كىرىشنى بىئەپ كۆرگەن يىگىت ، ئەتراپقا سەپسالغاچ ئورمانلىق ۋە گۈللەرنى ئايلىنىپ ماڭدى . ئەتراپ ھەقىقەتەن چىرايلىق بولۇپ ، جەننەتتەك تۈس ئالغانىدى . ئۇ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ، گۈللۈكتىكى بىر قەبرىنى كۆرۈپ ، يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ ، ماڭغان جايىدا توختاپ تۇرۇپ قالدى . ئۇ سەل تۇرغاندىن كېيىن بىر قەدەم ، بىر قەدەمدىن مېڭىپ قەبرىگە يېقىن كەلدى . قەبرە توپىسى يەردىن ئەللىك سانتىمېتىر كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئەتراپىغا گۈللەر قويۇلغانىدى . قەبرە تېشىغا «سەبىخە ، 30 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى» دەپ يېزىلغانىدى.
    يىگىت قەبرە بېشىدا ئۇزۇنغىچە ئولتۇردى ، ئۇ ئاجايىپ كۆپ ئەسلىمىلەرنى ، گۈزەل ساھىبجامالنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى ئەسلىدى . «بەلكى ئۇ قېلىپ ، مەن ئۆلۈپ كېتەرمەن» ، «سىز قىز قۇمىدەك ئىش قىلماقچىمۇ؟» ، «شۇنداق ، ئاھ تەڭرىم ، مۇنداق دېمەڭ ، سىز...» -بۇ ئىككىيلەننىڭ دېيىشكەن سۆزلىرى ئىدى.
    كامال يۈرەك سۆزلىرىنى ئىچىدە ئېيتىۋاتاتتى ، «قەدىرلىكىم سەبىخە ، يۈرىكىمگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويۇپ كەتتىڭىز ، سىز قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ، سىزگە چىدىماي ، سىزنى سېغىنىپ ، كۈن-تۈنلەرنى خىيال بىلەن ئۆتكۈزدۈم ، مەن بۇ يەرگە سىزگە يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتقىلى ، ئەگەر تەقدىر نېسىپ قىلسا سىزنى ئېلىپ كەتكىلى كەلگەنىدىم ، بىراق سىز مېنىڭ مۇھەببىتىمنى ۋەيران قىلىپ ، يۈرىكىمنى لەختە-لەختە قىلىپ ، ئۇ دۇنياغا كېتىپسىز . سىز مۇھەببەت ئىلاھى ، سىزگە ئاللادىن جەننەت ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن ، روھىڭىز پاڭ بولغاي...»
    يىگىت يامغۇردەك توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئورنىدىن تۇردى . ئەتراپ شۇنچە چىرايلىق ھەم يۈرەكنى ئەزگۈدەك تىمتاس ، بىر دەستە گۈل تىزىپ ، قەبرىگە قويغاندىن كېيىن ، بۇ يەردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان بىر ھالەتتە ئارقىسىغا قاراپ:
    -ئەلۋىدا ، بۇ ئالەمدە مۇرادىمىزغا يېتەلمىدۇق ، ئۇ ئالەمدە كۆرۈشەرمىز ، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز قىز قۇمىدەك بولدى ، خەيرخوش ، قىز قۇمى،-دەپ ئارقىسىغا ياندى.
    ئون مېتىر يىراقلىقتا قولىدا بىر دەستە گۈل تۇتىۋالغان بىر ئەر كېلىۋاتاتتى ، ئۇ ئوتتۇرا بوي ، چاچ-ساقاللىرىغا ئاق ئارىلىغان ، كۆزلىرى نۇرلۇق ، مېھرى ئىسسىق كىشى ئىدى . كامال ئۇنى تونۇدى ، سەبىخەنىڭ خاتىرىسىدىكى مۇھىم ئادەم شۇ ئىدى.
    كامالنىڭ بۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشكۈسى كەلمەي ، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ مېڭىپ كەتتى . ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ، ئىختىيارسىز ئارقىسىغا قارىۋىدى ، ھېلىقى كىشىنىڭمۇ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.