بۈگۈن سېنى يەنە ئەسلىدىم

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 13:15:52

بۈگۈن يەنە سېنى ئەسلىدىم نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى مېنى ئازابلاپ كەلگەن مۇنداق بىر ئىش بار ئىدى. بۇ ئىشنى قانداق دېيىشىمنىمۇ بىلمەيمەن ھەم ئۆزۈمگىمۇ تازا بەكئېنىق ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ بۈگۈن قولۇ...



     

    بۈگۈن يەنە سېنى ئەسلىدىم

         نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى مېنى ئازابلاپ كەلگەن مۇنداق بىر ئىش بار ئىدى. بۇ ئىشنى قانداق دېيىشىمنىمۇ بىلمەيمەن ھەم ئۆزۈمگىمۇ  تازا بەك ئېنىق ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ بۈگۈن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، بۇ كەچۈرمىشنى سىلەر بىلەن بىللە ئەسلەشنى توغرا تاپتىم.

    ****************************************

          شۇ كۈنى يېرىم كېچىگىچە بىرنەرسىلەرنى يېزىپ، كومپىيوتېر ئېكرانىنىڭ ئاستىنىڭ ئوڭ بۇرجىكىدىكى سائىتىگە كۆز يۈگۈرتتۈم. سائەت ئىككىدىن ئېشىپتۇ! تام سائىتىگە قاراپ قويدۇم. راستىنلا ئىككىدىن ئېشىپتۇ-ھە؟! يېقىننىڭ ياقى مۇشۇنداق ۋاق ئۇخلايدىغان بولۇپ قالدىم. بۈگۈن سەل ھېرىپ قالغاندەك تۇرىمەن. ئالدىمدىكى قەھۋەنىمۇ پەقەتلا ئىچكۈم يوق. نېمىشقىكىن، مۇشۇ قەھۋە دېگەن نەرسىنى ئىچىپ ئۆگىنىپ باقاي دېدىميۇ، پەقەتلائۆگىنەلمىدىم. بولمىسىغۇ، مەندەك كېچىسى ئۇخلىمايدىغانلارنىڭ ياخشى دورىسى ئىكەنتۇق.

         كومپىيوتېرنى ئۆچۈردۈمدە كارىۋېتىمغا چىقىپ ياتتىم. تۇيۇقسىز، ياستۇقۇمنىڭ يېنىدىكى يانفونۇم جىرىڭلىدى. بۇ كەچتە كىمدۇ؟! ‹‹ئۇخلىدىڭىزما؟››ئۇ ئىكەن.‹‹ياق››  دېدىم مەن.  ‹‹مەن بىنانىڭ ئاستىدا، زالنىڭ ئىشىكىنى ئېچىڭە ، ئىچىگە كىرىپ تۇراي› دېدى ئۇ.‹‹ئىم، ماقۇل››.

        ئۇ پات - پاتلا مۇشۇنداق تۇيۇقسىز، مەھەللەمگە كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇرىدۇ. ھەركەلگىنىدە تۈگىمەس - پۈتمەس قايغۇلۇق كۆزلىرى بىلەن ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ،‹‹بەك كەچ ئۇخلىماڭ. كۆزىڭىزنى ئاياڭ...›› دەپ نۇرغۇن گەپلىرىنى يۈتىۋېتىپ كېتىپ قالىدۇ. كۈندۈزى نېمە دەپ كەلمەيدۇ؟ دېيىشىڭىز مۇمكىن، قەدىرلىك ئوقۇرمەن. چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ بولغان. ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز بۇرۇندىنلا تونۇشاتتۇق، ئۇ كەمسۆز، مۇلايىم، ئەستايىدىل تىرىشچان ئىدى، مەن شوخ، ئەركىن، ئەركە ئىدىم. ئەمما،بۇ مېجەز خاراكتېرىمىزدىكى زور پەرق ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىگە قىلچە تەسىر قىلالىغىنى يوق.

        ئۇ ماڭا ئۈنسىز قاراپ كېتىپ،‹‹سىز مېنىڭ پەرىشتەم››دەپ قوياتتى. ئۇ بەك نەمۇنىلىك ئوغۇل بالا ئىدى. ئۆگىنىشىمۇ شۇنچە ياخشى، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلاتتى. ئۆيىدە بىر قىز بالىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلاتتى. دادىسى كىچىكىدە تۈگەپ كېتىپتىكەن. بىچارە ئاپىسى مىڭ تەستە ئۈچ ئوغۇل بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئىكەن. شۇڭا، ئۇمۇ ئۆيدە تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇشتىن تارتىپ ئۆي تازىلاش، دەزمال سېلىشقىچە ھەممىنى ئۆزى قىلاتتى. كىچىك ئىككى ئۇكىسىغا ئۈلگە بولۇشقا تىرىشاتتى.

       ئۇ خىزمەتكە چۈشۈپ، مېنى ئۆيىگە تۇنجى رەت ئېلىپ كىرگىنىدە، ئاپىسى،  ماڭا لەپپىدە بىر قاراپلا گەپمۇ قىلمىدى. تاماقنى يەپ قايتتىم. ئەتىسى، ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيدىغان ئۇ، ئۆلگۈدەك مەست مېنى ئىزدەپ كەپتۇ. يۈرۈگۈم ھەممىنى تۇيغان تۈنۈگۈن ئاپىسىنى كۆرگەندىلا. ھەم شۇنداقلا بىلىمەن. ئۇ ئاپىسىنىڭ ئىرادىسىگەخىلاپ ئىش قىلالمايدۇ، مېنى دەپ قىلدى دېگەندىمۇ، ئۇ بىر ئۆمۈر ئازابلىنىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىككى ئىنىسى بار تۇرسا!    شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئاپىسىنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىرتۇققىنىنىڭ قىزىغا ئۆيلەندى. توي كۈنى كېچىدىمۇ، ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى.

       -مەن ئۆلدۈم، ئەمدى مېنىڭ قۇرۇق جىسمىملا ياشايدۇ، روھىم، پاك روھىم گۈلۈم سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە!-دېگەن ئىدى ئۆكسۈپ تۇرۇپ. شۇنىڭدىن بېرى، ئۇ شۇنچە تېز كېلىدۇ، شۇنچە تېز كېتىدۇ. ماڭا قالدۇرغىنى پەقەتلا چەكسىز ئىچ ئاغرىتىش. ئويلاپ قالىمەن بەزىدە، مەنمۇ تېزرەك تويۇمنى قىلىۋالسام،ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشىمۇ تۈگەمدىكىن - تاڭ؟!

    *****************************************

        ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ،زالغا چىقتىم. ئۇ مېنى ساقلاپ تۇراتتى. ئۈستى - بېشى ھۆللام! سۇغا چۈشۈپ كەتكەندەكلا ھەممە يېرىدىن سۇتۆكۈلۈپ تۇراتتى!

    - نېمانچىۋالا ھۆل بولۇپ كەتتىڭىز؟!-دېدىم ھەيران بولۇپ. ئۇنىڭدىن ئاققان سۇ ئىشىكىمنىڭ ئالدىنى ھۆللا قىلىۋەتتى. يۆلىنىپ تۇرغان تاممۇ شۇ. ھۆل بەدىنىنىڭ ئىزى مانا مەن دەپ چىقىپلا قالغان ئىدى.

    - بايا بىردىنلا قاتتىق يامغۇر ياغدى. ماشىنام كۆۋرۈكتە  بۇزۇلۇپ قېلىپ،  يامغۇردا ماشىنا يوق، بۇ يەرگە مېڭىپ كەلدىم،-دېدى ئۇ.

       مەھەللىمىزگە يىراق بولمىغان يەردە بىر كۆۋرۈك بار ئىدى.

    - ھە. مۇنداق دەڭە! بايا بىرنەرسە يازىمەن دەپ، يامغۇر ياغقىنىنىمۇ بىلمەپتىمەن دە؟!-دېدىم مەن زالنىڭ قاراڭغۇ دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ.

        - توختاڭ ھە!-دېدىم مەن ئۇنىڭ سۇ تېمىپ تۇرغان ئۈستى - بېشىغا قاراپ. ئۆيدىن لۆڭگە ئېلىپ چىقتىم. ئۇ لۆڭگە بىلەن ئالدىرىماي چېچىنى سۈرتتى.

       - شۇ. سىزنى كۆرۈپ كېلەي دەپ كېلىشىم. سىز ئۆزىڭىزنى ئاسراشنى بىلمەيسىز، قاراڭە كۆزلىرىڭىزنى! ئەمدى كومپىيوتېرغا ئاز قاراڭ! كۆزىڭىز ياخشى ئەمەس بولغاندىن كېيىن. بىلەمسىز؟! مۇشۇ ئۆمرۈمدە، مەن ئەڭ خاتىرجەم بولالمايدىغان ئادەم دەل سىز!

         ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بۇرنۇم ئېچىشتى. ئۇ توي قىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ماڭا ھەر ۋاقىت كۆيۈنۈپ تۇرىدىغان ئادەمدىن بىرسى ئازلىدى! ئۇنىڭغا پەقەتلا قارىيالمىدىم. ئۇ سۇنغان لۆڭگىنى ئالغۇچە پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى، مەنمۇ ھەم شۇ.
       
    ئەتىسى پەسكە گېزىت ئالغىلى چۈشۈپ، مەھەللىمىزدىكىلەرنىڭ جىددىي ھالدا بىر ئىشنى دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يېنىغا باردىم.

       - ئاخشام، ئاۋۇ كۆرۈكتە ماشىنا ھادىسىسى يۈز بېرىپتۇ. بىر قىزىل رەڭلىك پىكاپنى، بىر يۈك توشۇش ماشىنىسى كەينىدىن سوقۇپ، كۆۋرۈكتىن دەرياغا چۈشۈرىۋېتىپتۇ.

       - شوپۇرچۇ؟-دەپ سورىدىم مەن ئىتتىكلا.

       - شوپۇر شۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدىكەنتۇق، بىللە چۈشۈپ كېتىپتۇ دەرياغا. ساقچىلار دەريادىن جەسسىدىنى سۈزۈۋاپتۇ.

        تۈنۈگۈن ئاخشام. بۇ كۆۋرۈك؟! ئۇنىڭ ماشىنىسىمۇ شۇ كۆۋرۈكتە بۇزۇلۇپ قالغان ئەمەسمىدى؟! ئۇنىڭ ماشىنىسى قارا رەڭلىك پاسسات ئىدى! كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى-دە، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن دەريا تەرەپكە يۈگۈردۈم. دەريا بويىدا ئادەملەر توپلاشقان ئىدى. بىرنەچچە ساقچى تەرتىپنى ساقلاۋاتاتتى. مەن كىشىلەر توپى ئارىسىغا جېنىمنىڭ بارىچە قىستىلىپ كىردىم. ئاھ خۇدا! كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىگە ئىشەنمەيۋاتاتتىم. ھەممە يېرىدىن سۇ تېمىپ تۇرغان ئۇ جەسەت باشقا ئادەم بولماستىن، دەل ئۇ ئىدى. پۈتۈن دۇنيا ئاستى - ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندەك كۆز ئالدىم پېرقىراشقا باشلىدى. يەردىلا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ بار كۈچۈم بىلەن يىغلاشقا باشلىدىم.

       ئۆلگەنلەر كەتتى، ئەمدى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ. لېكىن ھاياتلىرىمىز چوقۇم ياشىشىمىز كېرەكتە؟! شۇ ئىش ئۆتۈپ نەچچە كۈندىن كېيىن، مەن ھاۋارايى ئىستانىسىدىكى قوشنىمىزدىن، ئۇ كۈنى پەقەتلا يامغۇر ياغمىغىنىنى، كېچىسىمۇ ھاۋانىڭ شۇنچە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. تېلىۋېزور، گېزىتلەردىمۇ ئۇ كۈنىدىكى ھادىسىنىڭ كەچ سائەت بىر يېرىم ئەتراپىدا يۈز بەرگىنىنى قايتا - قايتا ئېيتىپ ئۆتتى ئىسپات - دەلىللەر بىلەن.  لېكىن، ماڭىمۇ شۇنچە ئېنىق. ئۇ مېنى ئىككىدىن سەل ئاشقاندا كۆرگىلى كەلگەن ئىدى!
        ئۇنداقتا، مەن كۆرگەن ئۇ. دەل ئۇ ماشىنا ھادىسىسىگە يولۇقۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئۇ! ئۇنىڭ ئۈستى - بېشىدىكى سۇمۇ، قانداقتۇر يامغۇر سۈيى بولماستىن، ھېلىقى دەريانىڭ سۈيى ئىدى.
         ئەگەر، جېنىم سەن شۇ كۈنى،  زالنى سۇ قىلىپ، تاملارنى ھۆل قىلىپ، يەنە مېنىڭ لۆڭگەمنىمۇ ھۆل قىلمىغان بولساڭ، مەن،بەلكىم ئۇ كۈنى كەچتىكى سېنى،  چۈشۈمدە كۆرۈپتىمەن دەر ئىدىم- ھە؟!
     

                گۈليارە تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سۇ دەريا گۈليارە _