ئىككى بالىنىڭ كەچۈرمىشلىرى

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-08 21:09:00

ئىككى بالىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئىككى بالىنىڭ كەچۈرمىشلىرى بۇرۇن بىر ئۆيدە بىر ئەر ـ خۇتۇن كىشى ئۆتكەن ئىكەن ئۇلار ھەركۈنى پەرزەنتى بۇلۇشنى ئۈمۈت قىلىدىكەن ، ئۇلار ئىككى جۈپ پەرزەنت كۈرۈپتۇ. ئۇ ب...

       ئىككى بالىنىڭ كەچۈرمىشلىرى

     ئىككى بالىنىڭ كەچۈرمىشلىرى بۇرۇن بىر ئۆيدە بىر ئەر ـ خۇتۇن كىشى ئۆتكەن ئىكەن ئۇلار ھەركۈنى پەرزەنتى بۇلۇشنى ئۈمۈت قىلىدىكەن ، ئۇلار ئىككى جۈپ پەرزەنت كۈرۈپتۇ. ئۇ بالىلارنىڭ چوڭى يەتتە ياشقا كىرگەندە كىچىكى بەش ياشقا كىرگەندەك ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى بەخىتكە قارشى ئۈلۈپ كىتىپتۇ.  ئۇلار پۇل تېپىپ ئاتا ـ ئانىسىنى دەپنە قىلماقچى بۇلۇشۇپتۇ. لىكىن ئۇلار قانداق پۇل تاپالىسۇن؟ ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئاتا ـ ئانىسىنىڭ تۇققىنىنى تېپىپ ئۇنىڭدىن پۇل ئارىيەت ئالماقچى بۇلۇپتۇ. لىكىن ئۇ ئۇنىڭغا پەقەت پۇل قەرز بەرمەپتۇ. ئۇلار ئامالسىز قوشنىلىرىدىن پۇل قەرىز ئېلىپ ئاتا ـ ئانىسىنى دەپنە قىپتۇ، ئۇلار ئاتا ـ ئانىسىنى دەپنە قىلپ بۇلۇپ ئۆزلىرىنىڭ قانداق ياشىماقچى بولغانلىقىنى ئويلىشىپتۇ، ئۇلار ئاخىرى بىرەر ئاشخانىدا ئىشلەپ پۇل تاپماقچى بۇلۇپ بىر ئاشخانىغا كىرىپ خوجايىندىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردە ئىشلىگىسى بارلىقىنى ئۆزىنىڭ يىتىم بالا ئىكەنلىكىنى، ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېتقان بولسىمۇ دۇكان خوجايىنى ئۇلارنىڭ كىيىم كېچىكىگە قاراپلا نامراتلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ زادىلا ئىشلەتمەپتۇ. دۇكان خوجايىنى ئۇلارنى «سىلەر كىچىك تۇرساڭلار نىمە ئىش قىلالايتىڭلار باشقا يەرگە بېرىڭلار» دەپ دۇكاندىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. ئۇلار يەنە بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى بىر بىرلەپ سۆزلەپ بەرگەنكەن دۇكان خوجايىنى ئۇلاردىن تەسىرلىنىپ ئۇلارنى ئىشلىتىپ قاپتۇ. ئۇلار شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ دۇكان خوجايىنىنى بىر قېتىم خوش قىلسا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر چىنىنى چېقىپ قۇيۇپ دۇكان خوجايىنىدىن تەنقىت ئاڭلايدىكەن ئۇلار شۇنداق ئىشلاپ بىر ئاي توشقان بولسىمۇ دۇكان خوجايىنى ئۇلارغا ئاران يىگىرمە يۈەن بىرىپتۇ. ئۇلار كىچىك بولغانلىقتىن بۇنداق ئېغىر ئىشقا چىدىمىغاچقا باشقا بىر ئىشنى قىلماقچى بۇلۇپتۇ. ئۇ بالىلارنىڭ كىچىكى ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ... ئۇ بالا يەنە دەرھال ئىشلەپ پۇل تاپماقچى بۇلۇپ باشقا بىر يەرگە بېرىپ ئىشلىمەكچى بولغان بولسىمۇ دۇكان خوجايىنى ئۇلارنى پەقەت ئىشلەتمەپتۇ. ئۇ بالا يەنە بىر يەردە ئىشلىمەكچى بۇلۇپ بىر ئادەمنىڭ ئۆيىدە ئىشلەپتۇ. ئۇ ئادەم ئۇ بالىنى بەك ئېغىر كۈچى يەتمىگۈدەك ئېغىر ئىشلارغا سالىدىكەن . بالا باققۇزىدىكەن ، ئۇلار ئۇ يەردە ئىشلەشتىكى مەقسىتى پەقەت ئۆز قورسىقىنى تويغۇزۇش ئىكەن. ئۇ بالا بىركۈن ئىشلەپ خوجايىندىن ئىككى كىشلىك تاماق بىرىشنى سوراپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭغا بىر ئادەمنىڭ تامىقىنى ئىككى قاچىغا بۈلۈپ ئۇلارغا ئاچىقىپ بىرىپتۇ ئۇلار مۇشۇ يەردە قالماقچى بۇلۇپ بۇ يەردە ئىشلەپ پۇل تاپماقچى بۇلۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بالىنىڭ چوڭى ئوقۇش يېشىغا يېتىپتۇ. لىكىن ئۇ قانداقمۇ ئوقۇشقا بارالىسۇن ئۇ ئەگەر ئوقۇغىلى بارسا ئۇكىسىنى ۋە ئۆزىنى كىم باقىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ باشقىلارنىڭ كىتاۋىنى ئارىيەت ئېلىپ ئۆز ئىشىنى قىلىپ بولغاندا خەت مەشىق قىلىپ ئۆزىنىڭ خەت ئۇقىيالايدىغان بولماقچى بۇپتۇ. ئۇ تۇرمۇشنىڭ قىينىشى ئۇنى ئۆگىنىشتىن قالدۇرۇپتۇ. ئۇ شۇنداق قىلىپ قانداقلا يەرگە بارمىسۇن ئەمدى ئىككى كىشلىك تاماق ياكى پۇل ۋە باشقا نەرسە ئۈچۈن ئىشلىمەكچى بۇلۇپتۇ. ئۇ ھەركۈنى ئىشلىسىلا ئىش ئىگىسىگە ئىككى كىشلىك تاماق كەلگۈدەك پۇل بىرىشنى كىلىشىپ ئاندىن ئىشلەيدىكەن... شۇنداق قىلىپ ئۇلار چوڭ بۇلۇپتۇ. ئىشلەپ كۆپ پۇل تېپىپ ئاتا ـ ئانىسىنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن قوشنىلىرىدىن قەرىز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇپ بۇلۇپ ئۆز تۇرمۇشىنى باشلاپتۇ. بالىنىڭ چوڭى ئۆز ئارزۇيى بۇيىچە ئۆزىنىڭ كەچۈرىشمىلىرىنى يېزىپ ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى بۇلۇپ چىقىپتۇ. كىچىكى ئۇلۇغلاردىن بومىسىمۇ ئەمما باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياىشىلىق قىلىدىغان، ئىنساپلىق، ئاق كۆڭۈل ۋە مېھرىبان بىر ئائىلە باشلىقى بولۇپ قاپت....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق