توققۇزىنچى رىۋايەت-توققۇز ياشلىق غار(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-16 00:51:52

توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)چىمەنگۈل ئاۋۇت 1-باب توققۇز ياشلىق غار تىزىغا باش قويۇپ ئۇخلاۋاتقان ئوغلىنىڭ يۈزلىرىگە نۇر تۆكۈپ ئولتۇرغان ئانا ،خورازنىڭ چىللىغىنىنى ئاڭلىدى يۇ كەڭ ئىتەكلىرىنى يۈر...



    توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)
    چىمەنگۈل ئاۋۇت
     
    1-باب توققۇز ياشلىق غار

     

         تىزىغا باش قويۇپ ئۇخلاۋاتقان ئوغلىنىڭ يۈزلىرىگە نۇر تۆكۈپ ئولتۇرغان ئانا ،خورازنىڭ چىللىغىنىنى ئاڭلىدى يۇ كەڭ ئىتەكلىرىنى يۈرەك پارىسىنىڭ يالىڭاچ بەدەنىگە يايدى،ئۇنى قانماي-قانماي پۇرىدى.مۇشۇنداق يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىغا توققۇز سائەت بولغان بولسىمۇ،ئوغلىنى ئويغۇتىىشنى،ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى سۇنىۋىلىشنى،ئۇيقۇدىن ،يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىنى بىردەم بولسىمۇ يۇمۇۋىلىشنى ئويلاپ باقمىدى !

     

    زەھەردىن بىر قوشۇق ھەسەل ئايرىغان ،
    ئۆمرىنىڭ قەددىنى گۈلدەك قايرىغان .
    ھىجران دەشتىگە سۇدەك يامرىغان ،
    رىيازەت گۈلخانىنىڭ سۇلتانى ئۆزۈڭ !

     

    -ئەي پەلەك،كىملەر ئۈچۈن يۇم-يۇمدۇر كۆزۈڭ؟

    تۈڭلىكتىن چۈشكەن كۈن نۇرى كۆزلىرىنى چېقىۋىدى،بالا ئويغاندى .ئۇ ئانىسىنىڭ گۈللۈك ئىتەكلىرىدە،مۇھەببەتكە لىق تولغان قۇچاقلىرىدا بىردەم ئېغىنىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى:


    - ئانا،بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا،دەريادا سۇ با ،بېلىق يوق؛باغدا گۈل با،بۇلبۇل يوق؛ تاغدا ئاسمان با،بۇلۇت يوق؛ئاي با ،كۈن يوق چاغدا بىر ئادەمنىڭ مىنىدىغان بىرلام ئېشىكى باكىن،ئاسماندا يۇلتۇزى يوقكىن ...


    ئۇنىڭ يۈزىگە تۆكىلىۋاتقان نۇردىن، دىلىغا سېلىنىۋاتقان ھىكمەتلەردىن پارە-پارە بولىۋاتقان ئانا ،شۇنداق تىزلا يۇلقۇنۇپ تالاغا ئوقتەك يۈگۈرگەن ئوغلىنى تۇتىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى.

     

    ئاپتاپتەك يالىڭاچ،قالغاچتەك مەسۇم ،
    توپىلىق يوللاردا ئوماق بىر بالا .
    پۇتىغا سانجىلغان تىكەننى يۇلۇپ ،
    خىرامان يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ يانا .

     

    بوسۇغىدا ئولتۇرغان بوۋاي-مومايلار،
    كۈلۈشۈپ ئۇنىڭغا بىرىشەر دۇئا .
    ئۇياتچان يوللارنىىڭ يۇمۇلۇپ كۆزى
    جىگدە چىچەكلىرىمۇ تۆكۈلدى ئاستا .

     

    كۆلدىن گۈل سۈزگىلى چىققان قىزلارنىڭ ،
    بالىغا قاراپلا قىززىدى تېنى .....
    خوشنىسى كەينىدىن توۋلىدى قوغلاپ :
    «ھوي،بەڭباش بىر سۆيۈپ قويغىنە مېنى»!

     

     

       ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە مەھەللىدىن توققۇز چاقىرىم كىلىدىغان بۈككىدە ئرمانلىققا بېرىۋىدى،قۇشلار ۋىچىرلاپ كەتتى:
    - كەل، ئوغۇلچاق ! سېنى بەك سېغىنىپ كەتتۇق ...بىز بىلەن مۇڭداشقىن،يا بولمىسا بوينۇڭدىكى تاشنى بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىپ قوي،ئۇ بىزگە گۈزەللىكنىڭ پاراغىتىنى سۆزلەپ بەرسۇن.


    - ياق،بەرمەيمەن ....


        بالا شۇنداق دېگىنىچە،كۈلكىسىنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ ئورمانلىقتىن ئۇزىدى .بىر ھازا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن قۇشلار قاناتلىرىنى يىنىك سىلكىپ ئارقىغا قايتتى...بالا ئورمانلىقتىن توققۇز چاقىرىم يىراقلىقتىكى دەريا بويىغا كەلگەندە يۇمران تىرىلىرى قىزىرىپ،كۆزلىرى چاقناپ كەتكەن ئىدى.

     

    قىززىق قۇم ئۈستىدە يالاڭئاياق پۇت ،
    شامالنىڭمۇ يالىڭاچ بولغۇسى كەلدى .
    بېلىقلار بېشىنى چىقىرىپ سۇدىن ،
    پىلتىڭلاپ ئۇنىڭغا تاتلىق سۆز بەردى:

     

    «-بېلىقسەن سۇدىمۇ ،يەردىمۇ ئوخشاش،
    ئەجەپمۇ خىسلەتلىك ئىكەن تەبىئەت .
    كۆرەيلى سەن تۇرغان ئىسسىق ماكاننى ،
    بىزنىمۇ ئۆزۈڭگە قوشۇپ ئېلىپ كەت!»

     


    ئۆزىنى دەرياغا تاشلىدى بالا ،
    توققۇز بېلىق ئۇنى ئارىغا ئالدى .
    نۇربەردى سۇلارغا بوينىدىكى تاش،
    سۇلارنىڭ شاۋقۇنى پەلەكتە قالدى...

     

    بالا قىرغاققا چىقىپ ،قىززىق قۇمغا باغرىنى يېقىپ ئاۋازىنى بولىشىغا قويۇپ بەردى:

     

    سەن بېلىق،مەن بېلىق ،
    ئىشتىنى يىرتىق .
    سەنمۇ تاش ،مەنمۇ تاش،
    بولايلى ئاداش !

     

    سۇلار،قۇملار،شاماللار،بېلىقلار ...تېلىقىپ-تېلىقىپ كۈلۈشتى.بالا ئەمدى،دەريا بويىدىن توققۇز چاقىرىم كىلىدىغان غارغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەتتى.......

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.