غېرىپ شىۋاقلار

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-04 16:02:36

غېرىپ شىۋاقلاسەلىمە كامال ياخشى بىر ۋەقە، ياخشى بىر ئىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ۋاقىت چەكلىمىسى، ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى بولمايدۇ.1999- يىلى 11-ئاينىڭ 3- كۈنى 33 يىل ئىلگىرى غۇلجا شەھەرلىك 5- ئوت...



     غېرىپ شىۋاقلا

     سەلىمە كامال

       ياخشى بىر ۋەقە، ياخشى بىر ئىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ۋاقىت چەكلىمىسى، ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى بولمايدۇ.1999- يىلى 11-ئاينىڭ 3- كۈنى 33 يىل ئىلگىرى غۇلجا شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «7-ب» سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ قاينىمىغا غەرق بولۇپ كەتكەن 29 ئوقۇغۇچىنىڭ 22 سى غۇلجىدا جەم بولدى. ئۇلار جاپالىق ھايات مۇساپىسىدىكى ئەڭ ئېھتىياجىلىق كۈنلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئۈمىد، كۈچ بەرگەن، غايىۋى رىغبەتلەندۈرگەن ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىنى - ئۇستازىنى كۈتمەكتە.
       غۇلجا شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا كەچ كۈزنىڭ ئىزغىرىن شامىلى ھۇۋۇلداپ تۇراتتى. چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە مەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ قاتارىدا «ئايرودروم يولى» دىكى «ناۋا» رېستۇرانىغا كەلگەنىدىم. كۈتە-كۈتە، ھەممىمىز خاتىرجەم ئولتۇرالماي قالدۇق. مەنمۇ تىتىلداشقا باشلىدىم. چوڭ دېرىزىنىڭ ئېغىر پەردىلىرىنى قايرىۋېتىپ كوچىغا قاراپ تۇردۇم. ئاۋۇ ۋېلسىپىتلىق كىشى شۇمىدۇ؟ ئۇ دائىم مەكتەپكە ۋېلسىپىتلىق كېلىدىغان! ياق، ئەمەس ئىكەن. ئاۋۇ ئۇششاق چاقماق كۆڭلەك شۇمىدۇ، ئۇ چاقماق كۆڭلەكنى كۆپ كىيىدىغان! ئاۋۇچۇ، ياق، ئۇمۇ ئەمەسكەن.
       يولدا كۆزەينەك تاقىغان، ئەترەڭ پىلەش كىيگەن، ئورۇقلۇغىدىن ئىككى مۈرىسى بېشى بىلەن تەڭ دېگۈدەك كۆرۈنىدىغان بىر بوۋاي كۆرۈندى. مەن 10 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىمنى ئەسلىدىم. ياق، ئۇ تېخى بۇنچىلىك قېرىپ كەتمىدى، ئۇمۇ ئەمەس!
       مەن ئورۇق بوۋايغا پەرۋا قىلمىدىم، كۆزلىرىمنى يولغا تىكتىم.
       شۇ ئەسنادا:
       -ئەنە مۇئەللىم كەلدى!- دەپ ۋارقىرىدى بىرى.
       -قېنى؟
       ھېچكىم ماڭا جاۋاب بەرمىدى، ھەممەيلەن تالاغا يۈگۈردى. بارغان پېتى ھېلىقى مۈكچەيگەن بوۋاينى قۇچاقلىدى، يۆلىدى.
       مەن ئىشىكتىن ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئۇنى قۇچاقلىدىم، سەپسالدىم، ئۇنىڭ پۈتۈن جىسمىدا پەقەت كۆزلىرىلا ماڭا تونۇش پېتى قالغانىدى- چۇڭقۇر قورۇقلار ئارىسىغا چۆككەن ئاشۇ كۆزلەر يەنىلا شۇنچىلىك مېھىرلىك تىكىلەتتى.
       - سەلىمەمۇ؟- مۇئەللىمنىڭ ئاۋازىمۇ بەك پەس چىقاتتى.
       ئەينى يىللاردا ئۆگىنىش، ئەخلاق، تەنتەربىيە، تازىلىق، سەنئەت قاتارلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ بارلىق كۆچمە قىزىل بايرىقىنى قولدىن بەرمەي، ئىلى ۋىلايىتىدە داڭ چىقىرىۋەتكەن بۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى  مەننان مەنسۇر مۇئەللىمنىڭ قارغايدەك كېلىشكەن قامىتى مۈكچەيگەن، ھەر بىر ئوقۇغۇچىسىغا تاغدەك ئۈمىد بىلەن تىكىلىدىغان بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرى خىرەلەشكەنىدى. ئەمما، ئۇ ھەر بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىسمىنى بىرمۇ بىر توغرا ئاتاپ، بىر- بىرلەپ باغرىغا باستى.ئۇنىڭ ئورۇق گەۋدىسى تىترەپ كەتتى، چۈنكى  ئۇنى قۇچاقلاشقا ئىنتىزار بولۇپ تۇرغان رەھبىرى خادىملار، مۇخبىر-مۇھەررىرلەر، ئوقۇتقۇچىلار، مەمۇرىي خادىملار، ئىشچىلار، تىجارەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھېلىقى كەپسىز، ئوماق، ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.
       ئەينى يىللاردا مەننان مۇئەللىمنىڭ قوللىرىغا يۇمران قوللىرىنى بېرىپ، ئۇ يېتەكلىگەن يوللاردا ماڭغان ئاشۇ ئۆسمۈرلەر بۈگۈن مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا باشلىرىنى ئېگىپ سۈكۈتتە ئولتۇرۇشاتتى. ئەمما، بۇ سۈكۈت ھەقىقى سۈكۈت ئەمەس. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى دۈپۈلدىمەكتە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ياش، قابىل قىياپىتى، بالىلارچە شوخلۇقلار، ئۇنىڭ ھەقلىق كايىشلىرى...ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتمەكتە ئىدى. كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئەۋلاد تەربىيىلەش ئارزۇسىنى مۇشۇ ئوقۇغۇچىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاجايىپ ئەجرىنى سىڭدۈرگەن بۇ ئۇستازنىڭ ئۆزلىرىگە، جەمئىيەتكە يەتكۈزگەن مەنپەئىتىنى ھېچقانداق تارازىدا ئۆلچىگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇلار ياخىشى بىلەتتى.
       مۇشۇ مۇئەللىم قارا دوسكىغا ھۆسىنخەتتەك چىرايلىق پوچېركىسى بىلەن سولخەيلەپ «ئالگېبرا»، «فىزىكا» دېگەن خەتلەرنى يېزىپ، بۇ ئىلىملەر بويىچە دەسلەپكى چۈشەنچىدىن باشلاپ دەرس بەرگەن؛ ھېيت-ئايەملەردە بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ تۇرمۇشى ياخشىلارنىڭكىگىمۇ، ناچارلارنىڭكىگىمۇ كوللېكتىپ ھېيتلىتىپ، ئۇلارنى بىر ئاتا، بىر ئانىنىڭ بالىلىرىدەك ئۇيۇشتۇرغان؛ ئەترەت بايرىقىنى لەپىلدەتكەن سىنىپ كوللېكتىپىنى قىش كۈنى لەڭزە بېشىدا توشقان قوغلاشقا، ياز كۈنى زۇمرەت سۇلار يېيىلىپ ئاققان تەبىئەت پەيزىگە تولغان جىرغىلاڭغا دالا ساياھىتىگە ئاپىرىن ۋەتەن، يۇرت مۇھەببىتىنى تومۇرلارغا تۇيدۇرماي سىڭدۈرۈۋەتكەن سۆيۈملۈك كىشىمۇ ئاشۇ ئۇستاز ئىدى. ئۇنىڭ: «ھەر بىرىڭلارنىڭ كۈلپەتلىك تەقدىرىگە قېلىشىڭلار ياكى ئىنسانىيەتكە ياراملىق ئادەم  بولۇشۇڭلارنىڭ ئۇلى مەكتەپتە قۇيۇلىدۇ، مۇستەھكەملىنىدۇ. مەكتەپنى سۆيۈڭلار، بىلىمنى قەدىرلەڭلار!» دېگەن خىتابى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قۇلىقىغا قوغۇشۇندا قۇيغاندەك ئورنۇتۇقلۇق!
       بۇ مېنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن بۇيان مۇئەللىمنى ئۈچىنچى قېتىم كۆرۈشۈم، ئەڭ ئاخىرقى قېتىمغىمۇ 11 يىل بولغانىدى.
       بىرىنچى قېتىم: «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئەۋجىگە چىققان 1970- يىلنىڭ 5- ئاي مەزگىلى ئىدى. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تاقالغىنىغا ئۈچ يىلچە بولۇپ قالغان «زىيالىي» دەپ ناھايىتى چىرايلىق، ئەمما قۇرۇق ئاتاققا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار تۈركۈملەپ يېزىلارغا چۈشۈۋاتقان چاغلار ئىدى.
       - مەننان مۇئەللىمنى سولاپ قويۇپتۇدەك، ئۇرۇپتۇدەك، بەك قىينىۋېتىپتۇدەك، بېرىپ ھال سوراپ كېلەيلى،- دەپ مەسلىھەتلەشتۇق بىز،- جاپپار، ئاسىيە، جۈرئەتلەر بىلەن (ئەمما بىز بۇ سەبىيلەرچە كۆڭلىمىز، پىلانىمىزنىڭ مۇئەللىملىرىمىزنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋېتىشىنى زادىلا ئويلىمىغانكەنمىز)، بىز تېخى بالىلىق چاغلىرىمىزدىلا ئەڭ سۆيۈملۈك بۇ ماكانىمىزدىن- مەكتىپىمىزدىن قوغلىۋېتىلگەن بولغاچقا، مەكتەپكە كەلمىگىلىمۇ خېلى يىللار ئۆتكەنىدى. بىز ئەتىگەندىلا يىغىلىپ، مۇئەللىمنى كۆرۈشتىن باشقا ھېچقانداق غەرەز ئارىلاشمىغان يۈرىكىمىزنى ئېلىپ مەكتەپكە كىرىپ كەلدۇق.
       مەكتەپنىڭ كەڭرى مەيدانى جىمجىت ئىدى، مەيدان ئەتراپىدىكى ھەر يىلى يازدا كۆكلەپ-گۈللەپ تۇرىدىغان ئەتىرگۈللەر كۆرۈنمەيتتى، ئۈستى پات-پات قىرقىلىپ، رەتلىنىپ تۇرىدىغان قارىياغاچ كۆچەتلىرى قالايمىقان شۇڭ چىقىرىپ كەتكەن، پۇتپۇل مەيدانى ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولۇپ كەتكەنىدى.
       -سەلىمە، ئادىمىمىز كەملەپ قالسا سىزنى قوشۇۋالىدىغىنىمىز ئېسىڭىزدىمۇ؟- دېدى جاپپار پۇتپۇل مەيدانىنى كۆرۈپلا.
       - ئاينىسا مۇئەللىم مېنى نەچچە قېتىم تەنقىتلىگەنىدى.
       - نېمىشقا؟
       - قىز بالا دېگەن قىزدەك بولمامدۇ؟ پۇتپۇلنى قىز بالا ئوينىسا قانداق بولىدۇ؟- دەپ كايىيتتى دائىم.
       ۋاسكىتبۇل مەيدانىدا يەرگە خىش ياتقۇزۇۋاتقان بىر نەچچەيلەننى كۆرۈپ قېلىپ ھەممىمىز تەڭلا ۋارقىرىۋەتتۇق:
       - ئەنە، مەننان مۇئەللىم!
       بىز يۈگۈردۇق، يېقىنلاشتۇق، ئۇمۇ بىزنى كۆردى. بىز ئۇنىڭ غۇلاچلىرىنى كەڭ ئېچىپ بىزگە قاراپ يۈگۈرۈشىنى، باشلىرىمىزنى سىلاپ، ھالىمىزنى سورىشىنى، مەسلىھەتلەر كۆرسىتىشىنى شۇنچە خالايتتۇق. ئەمما، ئۇ بىزگە بىر قاراپ قويدى-دە، يەرگە قارىغىنىچە خىش ياتقۇزۇشقا باشلىدى. بىز ماتېماتىكا مۇئەللىمىمىز رەشىدە خانىمغا قارىدۇق، ئۇ ئازابلانغان چىرايىنى بىزدىن  قاچۇردى. تەنتەربىيە مۇئەللىمىمىز سابىتقا قارىدۇق، ئۇمۇ بېشىنى چايقاپ يەرگە قارىدى.
      بىز تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدۇق. گويا ئاسماندىن تاشلىۋېتىلگەندەك! شۇ ئەسنادا تەرى سۆرۈن بىر قاراۋۇل يېنىمىزغا كەلدى:
       - كېتىڭلار، كېتىڭلا، بۇ يەردە سىلەرنىڭ ئىشىڭلار يوق!
       - بىز ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، يېشىغا كېتىشتىن بۇرۇن ئۇستازلىرىمىزنى يوقلاپ كەلدۇق. ئۇنداق قىلمىسىڭىز...
       - بولمايدۇ، كېتىش، چاپسان كېتىش!
       مەننان مۇئەللىم بېشىنى بارغانسېرى تۆۋەن قىلىپ، تۈگۈلۈپ كەتكەنىدى.
       ئۇ شۇنچىلىك مېھرىبان ئۇستاز ئىدىكى، بىز ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەل بالىلىق چاغلىرىمىزنى سىنىپتا ئۇستاز-شاگىرتتەك، دالىلاردا ئوخشاشلا بەڭۋاش بالىلاردەك، تالاي قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىدە ئاتا-بالىلاردەك ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.
       ئۇ ئەمدى قانداقسىگە بىزگە ئۆچ بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئۇ ھەتتا بىز بىلەن سالاملىشىشنىمۇ خالىماس بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟
       بىز قاراۋۇل بىلەن تالىشا-تالىشا ئۇنى يېڭەلمىدۇق، چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاندۇق تاكى دەرۋازىدىن چىقىپ كەتكۈچە بىرىمىز ماڭساق بىرىمىز ئارقىمىزغا قاراپ پات-پات توختاپ قالاتتۇق. مۇئەللىم بولسا يەنىلا بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك تۆۋەن سېلىپ، خىشلار بىلەن ھەپىلىشىۋەرگەنىدى.
       مەننان مۇئەللىم كىملەرنىڭدۇر قولىدا خارلىنىپ بىزدىن- ئوقۇغۇچىلىرىدىن بارغانسېرى يېراقلىشىۋاتاتتى. مانا ئەمدى پىكىرلىشىش پۇرسىتى ئەمەس، دىدارلىشىش پۇرسىتىمۇ قولىدىن كەتكەنىدى.
       شۇنىڭدىن كېيىن (1970- يىلى 5- ئاي) بىز تارقىلىپ كەتتۇق. مەن قورغاس ناھىيىسىگە قايتا تەربىيە ئالغىلى ماڭدىم. شۇ كۈنى ھاۋا تۇتۇق ئىدى. يامغۇردىن كېيىن يوللار پاتقاقلىشىپ كەتكەن، توپ-توپ كۈل رەڭ، قارامتۇل بۇلۇتلار ھېچ تارقىمايتتى. بىر نەچچىمىز قارا ماشىنىغا يۈكلىرىمىزنى بېسىپ ئۈستىگە چىقتۇق. مەننان مۇئەللىم ماڭا، سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيسىز، دېگەنىدى. ئەمما، مەن ئالىي مەكتەپتە ئەمەس، يېزىغا كېتىۋاتاتتىم. خياللىرىم، ئارزۇ-ئارمانلىرىم تۇتۇقلىشىپ كەتكەنىدى. مەكتەپ، ئىلىم دېگەنلەرنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايتتى.
       مەن سومكامدىن ئۇزۇن مەزگىل ساقلىغان ئاخىرقى تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىمنى چىقاردىم، ئۇنى ئىككىگە، تۆتكە، سەككىزگە...بۆلدۈم. دەردىم چىقمىدى، ئۇنى تىتىپ-تىتىۋەتتىم، يەنە دەردىم چىقمىدى، ئالقانلىرىمنى كەڭ ئېچىپ ئۇنى شامالغا تۇتۇۋەتتىم...
       مېنى خىيال چىرمىۋالغانىدى. «روزى قالايمىقان كەلدى!» دەپ چۇرقىراشقان ئاۋازلارنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. ھەقىقەتەن سىنىپىمىزدىكى روزاخۇن ئىسىملىك ئاقسېرىق، ئوتتۇرا بويلۇق كەلگەن ساۋاقدىشىمىز ئىشىكتىن كىرىپ كېلىۋاتاتتى...
       ساۋاقداشلار بىر-بىرىگە جۈپلەپ قويۇلغان چوڭ ئىككى ئۈستەلنىڭ تۆرىگە مەننان مۇئەللىمنى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىمىز سابىتنى، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز نىزامىدىننى ئۆتكۈزدى.
       ھەممىمىز نېمە دەپ سۆز باشلىشىمىزنى بىلەلمەي ئولتۇرۇشۇپ كەتتۇق. مەن تەييارلىغان گۈلدەستىلىرىمنى ئېلىپ مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا باردىم:
       - مۇئەللىم سىزنى سېغىندۇق، ھايات دوقاللىرىغا دۇچ كېلىپ روھىمىز چۈشكەندىمۇ، ئىشىمىز ئوڭغا تارتقاندىمۇ، ھەتتا تۇرمۇش دەردىگە چۆككەندىمۇ سىزنى ئەسلىدۇق. سىزنى ئۇنتۇغىلى بولمىدى، ئاشۇ بالىلىق چاغلارنى، ئاشۇ سۆيۈملۈك 5- ئوتتۇرىنى ئۇنتۇغىلى بولمىدى...- گېپىم ئۈزۈلۈپ قالدى، بوغۇزىمغا يىغا تىقىلدى. مۇئەللىمنىڭ ئازابلىق يۈرەك يارىلىرىغا تىگىپ كەتمەسلىكىم كېرەك ئىدى، ئامال بولمىدى... كۆز ياشلىرىم قولۇمدىكى چىرايلىق گۈللەرگە چۈشۈپ شەبنەمدەك توختاپ قالدى.
       مەن «شەبنەم» چۈشكەن بىر دەستە گۈلنى مەننان مۇئەللىمگە سۇندۇم. ئىككىنچى، ئۈچىنچىلىرىگىمۇ پاساھەتلىك، ھاياجانلىق سۆزلەرنى قوشالمىدىم، پەقەت «شەبنەم» گە توشقۇزۇپ قالغان ئىككى مۇئەللىمگە سۇندۇم.
       ئارىنى يەنە جىمجىتلىق باستى...
       مەننان مۇئەللىم ئورنىدىن تۇردى:
       - گېپىمنى، مەن بۈگۈن ئىنتايىن خۇشال، دەپ باشلىشىمغا رۇخسەت قىلىڭلار،- دېدى ئۇ تىترىگەن ئاۋازى بىلەن. بۇ چاغدا بىز نەپەسلىرىمىزنى توختاتتۇق گويا. چۈنكى، ئۇنىڭ ئاۋازى بەك تۆۋەن ئىدى،- سىلەر «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ زىيانكەشلىكى بىلەن ئوقۇيالمىدىڭلار، مەن ئۆزۈم سۆيگەن كەسپىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. سىلەردىن- ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ئاشۇ ئاپەتلىك يىللاردا توغرا يولدىن قېيىپ كېتىپ، جامائەتنىڭ نەپرىتىگە قالغانلار چىقمىدى، ماڭا نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق سوۋغا يوق! ئەمما مەنچۇ؟ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىكى خورلۇقلارغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم، روھى جەھەتتە چۈشكۈنلەشتى، سالامەتلىكىمدىن ئايرىلدىم،- ئۇ بىرەر مىنۇتچە توختاپ قېلىپ، يەنە داۋاملاشتۇردى،- بىراق، بۈگۈن سىلەر ماڭا يەنە 10 يىللىق روھى ئوزۇق بەردىڭلار... مەن سىلەردىن پەخىرلىنىمەن...
       بىز شۇ كۈنى مۇئەللىم بىلەن تۆت سائەت بىللە بولدۇق، ئۇنىڭ تېنى ئاجىزلاپ كەتكەچكە، چارچاپ قالدى، ئامالسىز ئايرىلدۇق.
       2- قېتىملىق ئۇچرىشىشىم 1988-يىلى كۈزنىڭ ئاپتاپلىق بىر كۈنىدە بولغان ئىدى. مەن ئۇ چاغدا ئىككى بالىنىڭ ئانىسى ئىدىم. مەن يولدىشىم مىجىت ئابدۇراخماننى ئېلىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ دۆڭمەھەللە رايونى ئىلغار كوچا 108- قورۇغا- مەننان مەنسۇر مۇئەللىمنى يوقلاپ بارغانىدىم. يەنە ساۋاقدىشىم جاپپارنىمۇ چاقىرىۋالدىم. ئۇ چاغدا مۇئەللىم ئۆزى ئېيتقاندەك «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىكى خورلۇقلار دەستىدىن روھى چۈشكۈنلىشىپ، تېخىچىلا قەددىنى رۇسلىيالمىغان، ئەسلى مەنناننى يوقىتىپ قويغانىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرىقىدىن ئەلەم-ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ چاغلاردا مۇئەللىم ئاچچىق ھاراقنى ئۆزىگە مۇڭداش قىلغانىكەن. ئۇنىڭغا نەسىھەت ئېيتىش شاگىرتلىق سالاھىيتىمگە چۈشمەيتتى، شۇڭا ئۇنى ئۆز ھالىغا قويۇشقا مەجبۇر بولغان، ئازاب ئىچىدە قايىتقانىدىم.
       ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە مەن مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمنى ئېلىپ يەنە باردىم.
       بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىمىز بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز تۆت كۈندىن كېيىن «ئابرال ئېتەكلىرىدە» پروگراممىسىدا كۆرسىتىلدى.
       ئۈرۈمچىگە قايىتىشتىن بۇرۇن مەن  ئۇنى يوقلاپ يەنە باردىم: ئاق كۆڭلەك، قارا كۆك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن مۇئەللىم يۇمشاق كۆرپىدە ئولتۇرۇپ، كىچىككىنە شىرەگە بىرمۇنچە قەغەزلەرنى يېيىۋېلىپ يېزىقچىلىققا چۈشۈپ كېتىپتۇ.

    -ۋۇي مۇئەللىم، خىزمەتنى باشتىن باشلاپسىز-دە،- دەپ چاقچاق قىلدىم مەن.
    تۈنۈگۈندىن بۇيان ئىلىنىڭ  بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن تېلېفۇن كېلىپ دوستلىرىم، مېنى ئۇنتۇغان تۇغقانلىرىم، ناتونۇش يۇرتداشلار، خىزمەتداشلار مېنىڭدىن ھال سورىدى، ماڭا مەدەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن قەلەمنى ئالدىم. يېزىۋاتقانلىرىم ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىم، مائارىپ ئىشلىرىمىزغا بىر مەسلىھەت بولۇپ قالار... مانا، پۈتكەنلىرىنى سىزگە بېرەي...
    ئۇ يەن، بۈگۈن ئەتىگەندە مەھەللىدىكى ياش بالىلار يوقلاپ كىرىپتۇ. نېمە دېدى دەڭ- سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ سىز توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىنى تېلېۋىزوردا كۆرۈپ بەك خىجىل بولدۇق. سىز بىر پىشقەدەم مائارىپچى ئىكەنسىز، سىزنى ۋاقتىدا يوقلىيالماپتۇق، بۈگۈن بىز پۇل چىقىرىشىپ ئىشكىڭىزنىڭ ئالدىدىكى سېمۇنت ئورۇندۇقىڭىزنى رېمونت قىلىپ قويدۇق، ئارام ئېلىپ ئولتۇرارسىز، يەنە قانداق ئىشىڭىز بولسا بىزنى بۇيرۇڭ، دەيدۇ قاراڭ!
    مۇئەللىم ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدى.
    مەن مۇئەللىم بلەن ئۇنىڭ بىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى يىللىرى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىركى مۇھەببەت، ئائىلە ئىشلىرى، بالىلىق دەۋرىلىرى ئۈستىدە ئۇزاق مۇڭداشتىم.
    - مۇئەللىم 1970- يىلى يېزىغا مېڭىشتىن ئىلگىرى سىزنى يوقلاپ بارغىنىمىز ئېسىڭىزدىمۇ؟
    - ئۇ كۈننى ئۇنتۇغىلى بولامدۇ؟ گەرچە سىلەرگە بىرەر ئېغىز گەپ قىلالمىغان، ھەتتا سىلەرنى يۈرەكلىك كۆرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان بولساممۇ، شۇ مىنۇتلاردا ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن بەكمۇ ئىپتىخارلاندىم. شۇ كۈندىكى غەيرىتىمدە خىشنىمۇ ئاجايىپ تېز، ئاجايىپ سۈپەتلىك ياتقۇزدۇم. ئەمما، كېچىسى كۆرگەن ئازابىم يۈرىكىمدە يارا بولۇپ ساقلىنىپ قالدى.
       سىز بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان تۇرسىڭىز، مۇئەللىم؟
       - شۇ كۈنلەردە ئۆز بالىلىرىم بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرمەيتتى،- ھېلىقىدەك تۆۋەن ئاۋازدا توختاپ-توختاپ سۆزلىدى مۇئەللىم،- سىلەر كېتىپ چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاندا قاراۋۇل لى ئۆيدىن ئەۋەتىلگەن تامىقىمغا كۆز ئالدىمدىلا قوللىرىنى تىقىپ ئارىلاشتۇردى، ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتكەنىدى، مەن ئۇنىڭ كىر تىرناقلىرىغا قاراپ چىدىيالمىدىم-دە:
       -نېمە ئىزدەۋاتىسىز؟- دەپ سورىدىم.
       - بايا ئوقۇغۇچىلىرىڭ نېمە دەپ كەپتۇ؟ سەن قۇتراۋاتىسەن، بۇ تاماقنىڭ ئىچىگە مەخپى خەت يۇشۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
       - مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار تېخى بالا تۇرسا، يامان پىلانلارنى ئۇلار قانداقمۇ تۈزەلىسۇن؟ ئەمدى ئاختۇرىۋەرمىسىڭىز!
       -ئاغزىڭنى يۇم! ئاكاڭ قارىغاي ئۆز ئاكامنىڭ مۇزلىتىلغان چىيىنى ئچىۋېلىپ، ئورنىغا سۈيدۈكۈمنى توشقۇزۇپ قويغانمەن، سېنىڭ بۇ تامىقىڭ نېمە ئىدى؟
       (مۇئەللىمدىن ئۇقۇشۇمچە، لى ئىچكىردىن چىقىپ ھەقىقەتەن توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدىكى ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان، ئاشۇنداق قارا نىيەتلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاكىسى ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارغانىكەن).
       مۇئەللىم بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا قۇلىقىمغا ئىشىنەلمەي قالدىم. ئۇ بىر ئۇستازغۇ، ئۇ يىللاردا ئەۋلادلارنى: «سوتسىيالىستىك ئاڭغا ئىگە، مەدەنىيەتلىك ئەمگەكچى» قىلىپ تەربىيلەشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىنى ئۆمۈر بۇيى مىننەتسىز ئورۇنداشقىلا يارالغاندەك بىر ئىنسان ئىدىغۇ!
       ئارىنى ئېغىر جىمجىتلىق باستى، مۇئەللىمنىڭ جاۋغايلىرى تىترەپ-تىترەپ توختىدى. ئۇ چۇڭقۇر ئاھ تارتتى، ئاغزىدىن گويا ئوت چىقىۋاتقاندەك بىلىندى ماڭا!
       مۇئەللىمنىڭ شۇ كۈنلەردە ئاجايىپ ياۋاشلاپ كەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ئاجايىپ مېھرىبان ئۇستاز ئىدى، شۇنداقلا قەھر-غەزىپى بار بىر ئەركەك ئىدى.
       - مۇئەللىم، ئېسىڭىزدىمۇ، بىر كۈنى ساۋاقداش ئە xx  ئاغزىدىن سەت گەپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالغانىدىڭىز، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا سىنىپ يىغىنى ئاچقان، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغانىدىڭىز.
       - ئاشۇ ئەڭ كەپسىز ئوقۇغۇچۇم ھازىر بانكىنىڭ مەلۇم بىر تارمىقىغا مەسئۇل خادىم بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ.
       - شۇ كۈنى ئۇمۇ بەك ئازابلانغان، پۇشايمان قىلغان، سىزدىن قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورىغانىدى-ھە؟
       مۇئەللىم مىيىقىدا كۈلدى. گەپنى ساۋاقداشلارغا يۆتكەپ مەنمۇ «ئۇھ!» دېدىم.
       -مەن پېداگوگىكا ئالىمى ماكارىنكونىڭ «پېداگوگىكا فوئىما» سىنى دائىم ئۆگىنەتتىم، خىزمىتىمگە ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنى تەدبىقلايتتىم. بالىلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ پىسخىكىسىنى ئوبدان ئىگىلىۋېلىش مېنىڭ باش قاتۇرىدىغان خىزمەت مەزمۇنۇم ئىدى. شۇ بويىچە سىنىپ پائالىيەتلىرىنى، سىنىپ يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇراتتىم. ماكارىنكو ئەسلىدە قاتتىق قول ھەربىي گېنېرال ئىدى، بالىلارنىڭ ئەڭ «يامان» لىرىنى ئۇنىڭ تەربىيلىشىگە تاپشۇرۇشاتتى. ماكارىنكو «يامان» بالىلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن پالتا بېرىپ ئوتۇن كەسلەشكە بۇيرۇغاندا، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچى، مائارىپچىلارنىڭ جان-پېنى چىقىپ كەتكەن. ئۇلارچە بولغاندا «يامان» بالىلارغا تىغ تۇتقۇزۇش خەتەرلىك ئىكەن. ماكارىنكو ئۇنداق قارىمايتتى، ئۇ: «ئەڭ مۇھىمى ئۆزئارا ئىشىنىش، بالىلارنى كىچىك كۆرۈپ مەنسىتمەسلىك خاتا، ئۇلارغا چوڭ ئادەملەرگە ئوخشاش جىددىي مۇئامىلە قىلىش كېرەك، شۇ چاغدا ئۇلار ساڭا يېقىنلىشىدۇ» دېگەن، ھەتتا ماكارىنكو «يامان» بالىلارغا ئۆزىنىڭ تاپانچىسىنى بېرىپ، ئۇلارنى قاراقچىلار توسۇپ ياتقان يول بىلەن بېرىپ پۇل ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن. دېگەندەك، ئاشۇ بالىلارلا باتۇرلۇق بىلەن ئۇ يەرگە بارالىغان، ئامان-ئېسەن پۇلىنى ئېلىپ كەلگەن.
       - خۇددى «قۇتادغۇبىلىك» تە: «يىگىتنى ماختىساڭ، قۇرۇق قول بېرىپ يولۋاسنى تۇتۇپ كېلىدۇ» دېگەندەك رىغبەت، ئىشەنچ تەربىيىدە مۇھىم ئىكەن-دە!
       - شۇنداق، مەن ئوقۇغۇچىمنى ئۇرۇپ بولۇپ، ئەپۇ سوراپ خۇددى ئاغىنلىرىمگە قىلغان مۇئامىلەمنى قىلغانىدىم ھەم كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشكەنىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ مەكتەپتە ئەخلاقسىز گەپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم...
       تاتلىق ئەسلىمىلەر مۇئەللىمنى جانلاندۇرۇۋەتتى. سۆھبىتىمىز يەنە ئىزىغا چۈشتى:
       - بىر كۈنى تەنەپپۇستا مەن ئاتقان ئالما شۆپۈكى ئىمىنجان مۇدىرنىڭ بېشىغا تەگكەنىدى-ھە، مۇئەللىم؟
       مۇئەللىم تىزلىرىغا شاپلاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەي، بېشىنى لىڭشىتىپ توختىماي كۈلەتتى. مەنمۇ كۈلۈۋەتتىم. ۋەقە ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆز ئالدىدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتمەكتە ئىدى.
       ... شۇ كۈنى تەنەپپۇستا قىزلار بىلەن بىر توپ بولۇۋېلىپ ئاتلانغۇچ ئويناۋاتاتتۇق. نۆۋىتىم كېلىپ قالدى، يەۋاتقان ئالمام تېخى تۈگمىگەنىدى (شاڭخەيلىكنى ئىككى كۈن گۈرۈچ يېمىسە قورسىقى ئاغرىيدۇ دەيدىكەن، شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئىككى سائەت ئالما يېمىسەك چىدىمايدىغان ئىلىلىقلاردىن ئىدۇق)، يوغان بىر چىشلەم ئۈزۈۋېلىپ، قالغىنىنى پىرقىرىتىپ ئېتىۋەتتىم. كىم بىلسۇن، ئۇدۇلۇمدىكى مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ دېرىزىسى ئوچۇق ئىكەن، مۇدىر تەنەپپۇستىن پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا قىسقا يىغىن ئېچىۋاتقانىكەن. مەن ئاتقان ئالما توپتوغرا مۇدىرنىڭ بېشىغا تېگىپ، ئۈستەلنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈپتۇ. بىردەمدىلا: «ئالما شۆپىكىنى كىم ئاتتى، زادى كىم ئاتتى؟ بولۇپ كەتتى. ئوقۇتقۇچىلار ئوقتەك ئېتىلىپ تالاغا چىقىشتى. مەنمۇ ئوقتەك چېپىپ تىكىۋەتتىم.
       دەرسكە قوڭغۇراق چېلىنغاندا ھېچنېمە كۆرمىگەندەك سىنىپقا كىرىۋالدىم. سەمەت مۇئەللىم ئەمدىلا يوقلىما قىلىپ تۇراتتى، ئىشىك چېكىلدى. ئىشىك ئەمەس، گويا يۈرىكىم چېكىلگەندەك «دىڭڭىدە» چۆچۈپ كەتتىم. سەمەت مۇئەللىم ماڭا تىكىلدى:
       -سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ!
       - ئۇھ، تۇتۇلدۇڭمۇ!- دېدىم ئۆزۈمگە!
       پۇتلىرىم بوشاپ لەپەڭشىپلا قالدى. زالغا قانداق چىققىنىمنى تۇيماي قالدىم، مەننان مۇئەللىمنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم «ئۇھ!» دېدىم. ئۇ مېنى كۆرۈپلا كايىپ كەتمىدى. تالاغا چىقىپ، ئاكاتسىيە دەرىخنىڭ تۈۋىدىكى زەڭگەر سىرلاقلىق ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق.
       - مەن بىلىمەن، سىز ئەتەي قىلمىدىڭىز،-دېگەنىدى ئۇ،- ئويۇن ئوينىسىڭىزمۇ، دەرس ئوقۇسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادىتىڭىز بار، شوخلۇققا كەلگەندە ئوغۇل بالىلاردەك قىلىقىڭىزمۇ بار. بۇلارنى مەن گۇناھ ھېسابلىمايمەن، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن مېۋە شۆپۈكلىرىنى خالىغان جايلارغا تاشلاپ يۈرمەڭ-ھە! بولدى، دەرسكە كىرىڭ!
       ئۇ ئوقۇتقۇچى ئەمەس، گويا بىر پەرىشتە سۈپىتىدە خاتىرەمگە ئۇيۇپ قالغاندى شۇ كۈنى.
       مەن يېنىك شامالدەك سىنىپقا «ئۇچقان» ئىدىم.
       - مۇئەللىم ھېلىقى 6- سىنىپتىكى چېغىمىزدا بارابات، سۇناي چېلىپ تاڭ سەھەردە جىرغىلاڭغا قاراپ ماڭغان كۈنلىرىمىز ئەمدى بولغان بولسا-ھە!
       - ئەترەت پائالىيىتىنى ھەپتىدە ئالتە كۈن سىنىپتا ئولتۇرۇپ دەرس ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ ئۆتكۈزۈش مېنىڭچە، سىنىپتا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزگەندىن ياخشى ئۈنۈم بېرەتتى. بىرى، بالىلارنى تولا كۆرۈپ، كۆنۈپ كەتكەن مۇھىتتىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش، يەنە بىرى، بالىلارنى تەبئەتكە يېقىنلاشتۇرۇش، ئۇلارنى تەبىئەتنى چۈشىنىشكە، كىچىكىدىنلا تەبىئەتنى سۆيۈشكە يېتەكلەشنى ئويلايتتىم...
       - شۇ كۈنى ھەممە بالىلارنىڭ بوينىدا قىزىل گالىستۇك لەپىلدەپ تۇراتتى، كەشتە بېسىلغان ئاق كۆڭلەكلەرنى كىيگەن ئوغۇللار، ئاق كوفتا، قارا يوپكا كىيگەن قىزلار شۇنچىلىك ئوماق ئىدى، تۈنۈگۈنكىدەك ئېسىمدە تۇرىدۇ.
       - نىزامىدىن مۇئەللىمنى 29 بالا بىرلىشپ سۇغا بېسىۋەتكەنىدۇق، سۆرەپ يۈرۈپ، قىر چىقىرىپ دەزماللانغان ئەترەڭ سارجا بۇرۇلكىسىنى جىگدە تىكەنلىرى ئىلىۋېلىپ يىرتىۋەتكەنىدى. بىز رەھىم قىلمىغان، تاكى ئۇنى سۇغا پاتۇرۇۋەتكۈچە سۆرىگەنىدۇق.
       - مېنىڭ قوردىقىم پىشقىچە بارلىق شوخلۇقۇڭلارنى چىقىرىپ قانغۇدەك ئوينىغانىدىڭلار.
       - ھەئە، كېيىن بىز قىزلار ئاپئاق ئۇزۇن دەستۇرخان سالغانىدۇق، مەكتەپنىڭ چوڭ ساماۋارىدا قايناۋاتقان چايلىرىڭىزمۇ يېتىشمەي قالغان.
       - تاماقتىن كېيىن تۆپىلىكلەرگە چىققانىدۇققۇ دەيمەن.
       -ھەئە، مانا بۇ تېكساقال، بۇنى ئالقىنىڭلارغا بۇنداق سىقساڭلار سېغىز بولىدۇ، مانا بۇ سېرىق چېچەك، بۇنى ياپچېچەك دەپمۇ ئاتايدۇ. مانا بۇ چوغلۇق، دۇنياغا داڭلىق كۆركۈم گۈلىنىڭ ياۋىسى، بۇنى بىزنىڭ بارلىق تاغلىرىمىز، تۆپىلىكلىرىمىزدىن خالىغانچە تاپقىلى بولىدۇ. مانا بۇ يەر بېغىرلاپ ئۆسكەن، ئۇششاق كۆك، قىزىل گۈل ئاچقان ئۆسۈملۈكنى «توخۇ كۆزى» دەيمىز. بۇ بەلكىم ئۇنىڭ توخۇنىڭ كۆزىچىلىكلا كېلىدىغان ئۇششاق چېچەكلىرىنى سۈپەتلەش ئۈچۈن قويۇلغان نام بولسا كېرەك. مانا بۇ مامكاپ، دورىلىق قىممىتى بار... مانا بۇ جاندارغا قاراڭلار، ھايات ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋېتىپمۇ، ئۇنىڭ ئىسمى «خانقىز»، ئۇنىڭ رەڭدار بەدىنىگە يارىشا قويۇلغان ئىسىمغۇ دەيمەن. مانا بۇ سېرىق قوڭغۇز ئاۋۇ كەسلەنچۈكنى قۇيرۇقىدىن تۇتۇۋالالامسىلەر، تۇتۇۋلساڭلار، كەس! كەس! دەپ چىڭ تۇتۇڭلار، ئۇ قۇيرۇقىنى سىلەرگە تاشلاپ بېرىپ قېچىپ كېتىدۇ. كەسلەنچۈك يەنە پەسىلگە قاراپ راڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئۆمىلىگۈچى ھايۋان...
       ئەمدى ئويلىسام مۇئەللىم ساياھەتنى تۇيدۇرماي دەرسكە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ئانا يۇرتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى، ئۇنى ئاسراش، سۆيۈش لازىملىقىنى سىڭدۈرۈۋېتەلەيدىكەن، ھەر بىر قېتىملىق دالا ساياھىتىدىن كېيىن ساۋاقداشلار قەلبىنى بىر ئائىلە بالىلىرىدەك يېقىنلىققا كەلتۈرەلەيدىكەن.
       ئۇ يەنە تەنتەربىيە مەيدانىدا ئاجايىپ تەنھەركەتچى ئىدى. ۋالىبول مەيدانىدا ساۋاقداشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شۇنچىلىك كۈچلۈك ھۇجۇمنى تەشكىللەيتتى. سېتكا تۈۋىدىكى ئۈچ مېتىرغا مىخلانغان توپكىنى ھېچكىم ئالالمايتتى، تىكتاك توپ ئۈستىلىدە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن يەكمۇ يەك ئېلىشىدىغان رەقىپ بولالايتتى. پىئانىنو ئالدىدا ئايىنسا مۇئەللىم «قاپقارا قوي كۆزلۈكۈم» گە چالسا، پەدىنى ئوقۇغۇچىلار ناخشىلىرىغا يۆتكىتىپ ئومۇمى خورنىڭ بىر ئەزاسى بولالايتتى.
       ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 2- قەۋىتىدىكى بېغىررەڭ سىرلانغان كەڭرى زالنىڭ تۆرىگە قويۇلغان، تورۇسقا تەڭ كېلىدىغان نەقىشلىك تىكلىمە ئەينەكنىڭ ئالدىدا دەرسكە كىرىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى، چاچلىرىنى تەكشۈرەيتتى، رەتلەيتتى، بىزگىمۇ ئۆگىتەتتى...
       يۇقىرىدىكى قۇرلارنى يېزىۋېتىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئومۇمىيۈزلۈك تەكىتلىنىۋاتقان ساپا مائارىپى ئەندىزىلىرىنىڭ شۇ يىللاردا مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ ئوقۇتۇش مېتودىغا سىڭدۈرۈلگەۈنلىكىنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالدىم. چۈنكى، ئۇ ئەنە شۇنداق ھەممىنى ئويلىيالىغان، ھەممىگە يېتىشەلەيدىغان مۇئەللىم ئىدى، ئۇ بىزنى يەنە كىتابىي، ئەدەبىي بىلىملەرگىمۇ قىزىقتۇرغان ئۇستاز ئىدى.
       - مۇئەللىم، سىز تولۇقسىز 1- 1- مەۋسۇمىدا ئەلاچى بولغانلىقىم ئۈچۈن «دەسلەپكى قەدەم» دېگەن بالىلار كىتابى بىلەن سېرىق رەڭلىك يىپەك لېنتىنى قوشۇپ تەقدىم قىلغانىدىڭىز-ھە؟
       -ئېسىمدە، ئۇ رۇسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان بالىلار ئەدەبىياتى ئوقۇشلۇقى ئىدى.
       -شۇنىڭدىن كېيىن مەن كىتاب ئوقۇشقا ئاجايىپ كىرىشىپ كەتكەنىدىم. قىش كۈنلىرى ئىسسىق مەشنىڭ تۈۋىدە، يازدا ئىشكىمىزنىڭ ئالدىدىكى سالقىن ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇۋېلىپ «قۇتلۇق قان»، «كېلىدۇ بىر كۈن»، «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» ... لارنى ئوقۇپ بەزىدە قاقاقلاپ كۈلۈپ، بەزىدە ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ ئاپام قورقۇپ كېتەتتى. ئۇ مېنىڭ نېرۋامنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ: «كىتابنى قوي!» دەپ ماڭا يالۋۇراتتى. كېيىن «كاپىتان قىزى» نى دەرس ۋاقتىدا پارتىنىڭ ئاستىغا تىقىپ يۇشۇرۇن ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن مېنى سىزمۇ جازالىغان.
       - ھە، توغرا، كىتابنى تارتىۋېلىپ جازالىغانىدىمغۇ دەيمەن. ئۇ چاغدا سىزنىڭ يېشىڭىزغا بۇ كىتاب ماس كەلمەسمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم.
       - كىتابنى سىز چوڭ بولغاندا قايتۇرۇپ بېرىمەن دېگەنىدىڭىز، كېيىن قايتۇرۇپ بەرمىدىڭىز.
       - سىز چوڭ بولغۇچە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ كەتتىغۇ! ئۆزۈمنىڭمۇ بارلىق كىتابلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. ئۆيۈم ئاختۇرۇلغاندا نۇرغۇن كىتاب-ماتېرىياللىرىم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى، نۇرغۇنلىرى كۆز ئالدىمدا كۆيدۈرۈلۈپ كۈل قىلىۋېتىلدى ئەمەسمۇ؟! سىزنىڭ كىتابىڭىزمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى.
       سۆھبەتنىڭ تېمىسى يەنە ئايلىنىپ قارغىش-تەگكۈر «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» غا كېلىپ قالدى.
       - مۇئەللىم، زادى نېمە ئۈچۈن سىزنى تۇتتى، كىتابلىرىڭىزنى تارتىۋالدى؟
       - ھەي، ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇن زىيالىيلار قىيامەتنىڭ ئازابىنى كۆردىغۇ، داڭلىق ناخشىچى داۋۇتجان ناسىرنىڭ ئاكىسى بىلەن بىز مەشرەپ ئوينايتتۇق. توغرىراقى، داۋتنىڭ ناخشىسىغا خۇمار ئىدۇق. شۇڭا، دەم ئېلىش ۋاقتىمىزدا يىغىلاتتۇق. مەشرەپ ئوينىغىنىمىز گۇناھ بولدى. بۇ ھەقتە گەپ بولۇپ قالدى. ئۆزۈممۇ بىرەرىڭلارغا سۆزلەپ قالدۇرۇش كويىدا ئىدىم، قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي:
       مۇئەللىم يەنە مۈكچىيىپ قالدى. يۈزىنى ئاچچىق ئەلەم ئالدى.
       -شۇنداق تۆھمەتلەر بىلەن، مەشرەپتە قانداق پىلان تۈزدۈڭلار، كىم نېمە دېدى، سەن نېمە دېدىڭ؟ دەپ مېنى تۇتۇپ مەكتەپكە ئېلىپ كەلدى. ھېلىقى مەكتەپنىڭ زالىدىكى ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىدىغان تاختاي پەلەمپەي ئاستىدا سىلەر سۈپۈرگە، چېلەك دېگەندەك تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى قويىدىغان ئۈچ بۇرجەك «ئۆي» بار ئىدىغۇ، ئېسىڭىزدىمۇ؟
       - ھە، ئېسىمدە، ئىككى تەرەپتىكى پەلەمپەينىڭ ئاستىدا بىردىن بار ئىدى. دېرىزىسى يوق، ئۈچ كۋادرات مېتىرچە كېلەر ھەقىچان.
       - ھەئە، شۇ ئۆينىڭ تورۇسىنىڭ ئىشىك تەرىپى ئېگىزرەك، ئىچى تەرەپ پەس ئىدى، ئۆرە تۇرغىلى بولمايتتى، مېنى شۇ يەرگە سولاپ قويدى. كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ ئوخشاشلا قاراڭغۇ تۇرىدىغان بۇ ئۆيدە 50 سانتىمىتىرچە كەڭلىكتىكى كارىۋاتسىمان نەرسە بار ئىدى. شۇنىڭدا ياتاتتىم، ئولتۇراتتىم. ئۈستۈمدىكى پەلەمپەيدىن گۈسۈلدەپ ماڭغان ئاۋاز كەلگەندە تاڭ ئېتىپتۇ دەيمەن، مەكتەپتە تۇرۇۋاتقان «قىزىل قوغدىغۇچى» لار پەلەمپەينى سۇنى تۆكۈپ يۇسا، قاچقۇدەك يەر بولمىغاندىن كېيىن چىلىققىدە يۇندىغا چىلىشىپ ئولتۇرىمەن. ھەر كۈنى سوراققا چىقىمەن، ئوخشاشلا سوئال:
       - پىلىموتلىرىڭ قېنى، مىلتىقلار نەدە؟
       - مەن ئوقۇتقۇچى، ئۆزۈڭلارمۇ بىلىسىلەر، ھەربىي ئەمەس!
       -«مەشرەپ» مىلتىق يىغدىڭمۇ؟
       - مەن پەقەت ناخشا ئاڭلىدىم، ناخشا ئېيتتىم، دوستلار بىلەن مۇڭداشتىم، دەيمەن. ئۇلار زادى ئىشەنمەيدۇ.
       سىلەر كېلىپ كەتكەن كۈنى شوتا قويۇپ تۇرۇپ ئېگىز تورۇسقا مېنى ئاستى. ئاندىن مەكتەپ تەنتەربىيىە بۆلۈمىدىكى ئاتلانغۇچىلار- ھېلىقى سىلار ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان ئاتلانغۇچلاردىن ئىككىنى ئېلىپ چىقىپ ئېشىپ سۇغا چىلىدى-دە، مېنى يېرىم سائەت ئۇردى.
       چىدىيالماي تىللىرىمنى چىشلىدىم، لەۋلىرىمنى قانىتىۋەتتىم، ئاۋازىم ئەرشكە چىقىپ كەتتى... ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇچىغا قوغۇشۇن قۇيۇلغان پۇرژىنىلىق ناگايكا بىلەن ئۇرىدىغان بولدى. مېنىڭ زارىمغا چىدىيالماي، سىنىپلارنى ياتاق قىلىپ يېتىۋاتقان «قوغدىغۇچى» لارنىڭ ھەممىسى كۆچۈپ كېتىپتۇ...
       مۇئەللىمنىڭ بېشىنى كۆتۈرگۈچىلىكى قالمىغانىدى، سۆزلىرى بارغانسېرى قىيىندا چىقىۋاتاتتى. مەن ھۆركىرەپ يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاغزىمنى چىڭ ئېتىۋېلىپ ئاڭلاۋاتاتتىم.
       - كېچىسى تاياق يەيتتىم، كۈندۈزى ئۆزۈم ئېتىپ تەييارلىغان لايدا كېسەك قۇياتتىم. مەن بۇرۇن كېسەكنى كۆپ قۇيغان. سىزگە شۇنىمۇ ئېيتىپ بېرەي، مەن ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا تارتمىغان كۈنلىرى قالمىغان يېتىم ئىدىم. «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» يەنە مېنى ئۆگەيلىگەندە كىچىكىمدىكى يېتىملىكنىڭ مەڭگۈلۈك يېتىملىك بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. ئۆگەي ئانام ماڭا قىش كۈنى قالىغۇدەك كۆمۈر بەرمەيتتى. مۇز توڭلاپ تۇرغان ئۆيدا يېتىپ، سەھەردە قېچىپ چىقىپ كەتكۈچە كۆزۈم تۆت بولاتتى. ئۇ چاغلاردا 16-17 ياشلىق ۋاقىتلىرىم ئىدى، بەدىنممۇ چىدىغانىكەن... چوڭ دادام ئابدۇسالام ئەسقەرى مەرىپەتپەرۋەر كىشى ئىدى. شۇ كىشى مېنى ئوقۇتقان، 8- سىنىپنى پۈتتۈرگىنىمدە 8- باشلانغۇچقا ئوقۇتقۇچى قىلىپ قويغان، شۇ كىشى مېنى كېيىن يەنە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەن، ئوقۇتقانىدى. ھەي، سەلىمە، ئۆگەي ئانىنىڭ دەردىگە چۈشۈپ كەتسەم تۈگىتەلمەيمەن، قىسقىسى، چوغلۇق ھەدىڭىزنى ياخىشى كۆرۈپ قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقا پېتىنالماي ئاغىنەم شەمشىدىننى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم... ئۆگەيلىك مېنى شۇنداق جۈرئەتسىز قىلىۋەتكەنىدى...
       مەن مەشنىڭ ئۈستىدە شىڭىلداپ تۇرغان چەينەكتىن مۇئەللىمگە چاي قۇيدۇم. ئۇ چايدىن بىر ئاز سۈمۈرۈۋىدى، يېنىپ چىقتى. بۇنى كۆرۈپ يۈرىكىم«قارت!» قىلىپ قالدى.
       - مۇئەللىم سىز نېمە بولدىڭىز؟ بۇ چاي ئۆتمىدىمۇ؟
       - ھەي، سەلىمە كامال، بۇ گەپلەرنى ئاخىرىدا دەيمەن، ئاۋۋال ئىچىمگە توشۇپ كەتكەن دەردلىرىمنى سۆزلەپ تۈگىتىۋالاي، بەلكىم دەردلىرىم تۆكىلىپ تۈگسە، چاي ئۆتكىدەك يول ئېچىلىپ قالار!...
       - شۇنداق قىلىپ، كۈندۈزى كېسەك قۇيىمەن، كېچىسى تاياق يەيمەن، ئارىلقتا قايناق سۇ تۇڭىغا ئوت ياقىمەن، قاينىتىمەن، ئەمما ئۆزۈمگە ئىچىدىغان، ھەتتا يۈز يۇيىدىغان سۇنىمۇ ئۆيدىن بالىلىرىم توشۇپ كېلىدۇ، مەكتەپنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىشىمگە رۇخسەت يوق! رېماتىزىم كېسىلىم ئېغىر ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ، كېچىلەپ لاي ئېتىپ، كۈندۈزى كېسەك قۇيۇشقا رازى ئىدىمكى، تاياقتىن كېيىن ھېلىقى ئۈچ بۇرجەك سولاقخانىغا قايتىپ يۇندىغا چىلىشىپ ئولتۇرۇشقا چىدىغۇچىلىكىم قالمىغانىدى. (50 سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى ئاتالمىش كارىۋاتنىمۇ ئېلىۋېلىشقانىدى)، تاماقنى يەنە ھېلىقىدەك قاراۋۇل «تەكشۈرۈپ» بولغاندىن كېيىن بېرەتتى، بەزىدە بىر قوشۇقمۇ يېمەيتتىم. ئىنساننىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى، بولۇپمۇ روھى جەھەتتىن بەرداشلىق بېرىش كۈچى چەكلىك بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن گۇناھسىز ئىدىم. مەن ئۆلۈپ ھەممىدىن قۇتۇلماقچى بولدۇم.
       - لاۋجاڭ،- دېدىم بىر كۈنى كېسەككە لاي ئېتىۋېتىپ يېنىمدىكى «قارا يىپ»، سىلەرنىڭ خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچۇڭلار جاڭ روخەنگە،- قانداق قىلسام ئاسان ئۆلىمەن؟
       - قەتئىي قارارغا كەلدىڭمۇ؟
       - ھەئە.
       - ئۇنداق بولسا ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ گىرۋىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خىشلاردىن تازا قىر چىقىرىلغانىكەن، يىراقتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، بېشىڭنى كۈچەپ قىرغا بىرلا ئۇرساڭ ئىش تۈگەيدۇ،- دېدى ئۇ،- مېنىڭ بىر يۇرتدىشىم مۇشۇنداق ناھەق ئازابلارغا چىدىيالماي ئۆزىنىڭ بېشىغا مىخ قېقىپ ئۆلۈۋاپتۇ...
       - بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى، لېكىن ئۆلۈم بىلەن جېنىمغا ئاراملىق تېپىشتىن باشقا يول يوق ئىدى. جاڭ مۇئەللىم كۆرسەتكەن ئۆلۈم يولى بىلەن ئۆلۈپ تۈگسەمغۇ مەيلى، ئۆلمەي قالسامچۇ، «گۇناھىم» تېخىمۇ ئېغىرلاپ، تېخىمۇ قارا كۈنلەرگە قالارمەن، دېگەن ئوي بىلەن جاڭ مۇئەللىمنىڭ ساقال تىغىنى ئوغرىلىۋالدىم، تومۇرۇمنى كېسىمەن، بولدى!
       مۇئەللىم جىمجىت بولۇپ كەتتى، مەنمۇ ئاغزىمنى ئاچالمىدىم.
       جىملىقنى  ئۇ ئۆزى بۇزدى:
       - بۈگۈنگىچە ھايات يۈرۈپسىزغۇ؟ دەپ ئويلاۋاتىسىز ھەقىچان،- توختاڭ، ھازىر ئېيتىمەن، تاجى ئاكا ئېسىڭىزدىمۇ؟
       - ئېسىمدە، ئېنىق ئېسىمدە، ئۇ كىشىنىڭ بىر قىزى بىز بىلەن بىللە ئوقۇيتتى ئەمەسمۇ، تاجى ئاكا مەكتەپ تازىلىقىنى ئىشلەيتتى.
       - ھە، شۇ كىشى بىر كۈنى ئەتىگەندە كېسەك قۇيۇۋاتسام ئەتراپىمنىلا سۈپۈرۈپ ئايلىنىۋەردى. مەن بىلەن ھەر قانداق كىشىنىڭ سۆزلىشىشى چەكلەنگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ماڭا سۆزى بارلىقىنى، قىلالمايۋاتقانلىقىنى سەزدىم، مەن ئاستا ئۇنىڭغا يېقىن سۈرۈلدۈم، ئۇمۇ سۈرۈلۈپ كېلىپ: ھەي ئۇكام، ئوغۇل بالا دېگەننىڭ بېشىغا ھەر بالالار كېلىدۇ، ئۆلۈۋېلىپ يۈرمە، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ، دېدى. شۇ كۈنى قاراۋۇللار ئىشىكىمنى قۇلۇپلاپ تۇرۇشىغا ئۇ يەنە كەلدى، سۈپۈرگە، گۈرجەكلەرنى بۇلۇڭغا ئالغان-قويغان بولۇپ گەپ قىستۇردى: ھەرگىز ئەخمىقانە ئىش قىلما!
       مەن شۇ كېچە كىرپىك قاقمىدىم، تاجى ئاكا ئاشۇ نەسىھەتلىرى بىلەن ماڭا خۇددى ئۆز ئاكام، بىردىنبىر دىلكىشىم بولۇپ تۇيۇلدى، دۇنيادا ياخشى ئادەملەر يەنىلا كۆپ، ئازاب چېكىۋاتقان، تۆھمەتكە قالغان يالغۇز مەن ئەمەسقۇ! بالىلىرىم، ئائىلەم، ئوقۇغۇچىلىرىم كۆز ئالدىمدا تىكلىنىۋالدى. ئەتىسى سەھەردە كېسەك قۇيغىلى چىقتىم، تاجى ئاكا يەنە پەيدا بولدى:
       - ئامان قوپتۇڭمۇ؟ ئوغۇل بالا!
       مېنىڭ كۆز ئالدىمغا دوغىلاق كەلگەن، كونىراپ كەتكەن كۆك خالاتنى كىيىپ، بېغىررەڭ مانچېستېر دوپپىسىنى پات-پات قولىغا ئېلىپ قېقىپ-قېقىپ قويىدىغان، كەم سۆز، بۇغداي ئۆڭ تاجى ئاكا كەلدى، بىز مەكتەپ ئىچىدىكى گۈللەرنى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈزسەك ئۇ:
       - يېشىل ئۆسۈملۈكلەر، گۈللەر جەننەتتىن چىققان، ئۈزسەڭلار يامان بولىدۇ،- دەيتتى.
       ئۇ قەغەز پارچىلىرىنى ئۈن-تىنسىز تىرىۋېتەتتى. ئۇنىڭ سەۋرىچانلىقى بىزنى تەسىرلەندۈرسە كېرەك، ئۇنى كۆرسەك گۈللەرگە ئۇزاتقان قولىمىزنى يىغاتتۇق، قەغەزلىرىمىزنى چىڭ تۇتۇپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايتتۇق.
       - مۇئەللىم، تاجى ئاكا سۈپۈرگە كۆتۈرگەن پەرىشتە ئىكەنغۇ؟
       - ئۇنىڭ پەرىشتە سۈپىتىنى مەن بەزى خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئۈستۈمدىن تۆھمەت قىلىپ يازغان قوليازمىلىرى ئالدىمغا قويۇلغاندا ھېس قىلغانىدىم. ساۋاتسىز بىر ئىشچىمىز مېھرى بىلەن مېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالدى، ئالىي بىلىم ئالغان ئاشۇ خىزمەتدىشىم مېنى ئۆلۈمگە ئىتتىرگەنىكەن... مەن ئۈچ يىلنى ئاشۇنداق ئۆتكۈزدۈم. جىگەر كېسىلى ھالسىراتقان كۈنلىرىمدىلا ئاندىن «گۇناھسىز» لىقىم ئىسپاتلاندى، قويۇپ بېرىلدىم...
       - مۇئەللىم، سىز نېمە ئۈچۈن شۇ چاغدا 5- ئوتتۇرىنى تاشلاپ 7- ئوتتۇرىغا كەتتىڭىز؟
       - پىپەن داخۇي (ئەيىبلەش، تەنقىدلەش يىغىنى) كۆپ قېتىم ئېچىلغانىدى، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئوقۇغۇچىلىرىم ئالدىدا بوينۇمغا تاختا ئېسىلغان، سازايى قىلىنغانىدىم. شۇڭا، مەن ئاشۇ رايوندا داۋاملىق قېلىشنى خالىمىدىم، كەتتىم. شۇنداق قىلىپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇم، لېكىن ئەلەملەرنى كۆتۈرەلمىدىم، ئىرادەم ئاجىزلىشىپ، كېيىنكى چاغلاردا خىزمەتتىمۇ جاسارىتىمنى يوقاتتىم. ئەمدى ماڭا يېڭى يول ئېچىلغاندەك بولۇۋاتىدۇ، مۇشۇ قېتىم ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن ئۇچرىشىشىم ماڭا يەنە 10 يىل ئۆمۈر ئاتا قىلدىمىكىن دەيمەن، ئەمدى ھېچبولمىسا قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم.
       - ئەزبىرايى خۇدا، 10 يىل ئۆلمەيمەن، دەپ قەسەم ئىچىپ بېرىڭ!- دېدىم مەن.
       ئىككىمىقز قاقاقلىشپ كۈلۈشتۇق. چۈنكى، «ئەزبىرايى» نىڭ ھېكايىسىنى مۇئەللىمگە ئەتەي ئەسلەتكەنىدىم: سىنىپىمىزدا م xx دەيدىغان بىر ساۋاقدىشىمىز بولىدىغان. چوڭ-چوڭ كۆزلىرى، مەخمەلدەك قاشلىرى بار ئىدى. ئەمما، ئۇ دائىم يالغاننى توقۇپلا يۈرەتتى، «ئەزبىرايى خۇدا» دەپ قەسەم ئىچىۋېرەتتى. ئۇنىڭ ئاتىسى چىغ سۈپۈرگە ياساپ ساتاتتى، شۇڭا تازىلىق قىلغاندا ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىغ سۈپۈرگە ئېلىپ كېلەتتى. بىر كۈنى ئۇ سۈپۈرگە ئېلىپ كەلمەپتۇ. بىزنىڭ سىنىپ كىچىك سۈپۈرگىلەر بىلەن تازىلىق رايۇنىمىزنى تازىلاپ بولغىچە ھەممىنىڭ ئارقىدا قېلىپ ئۇنىڭغا تاپا-تەنە قىلىشتۇق.
       - ئەزبىرايى خۇدا، بۈگۈن دادام سۈپۈرگە بوغماپتۇ،- تاتىرىپ تۇرۇپ قەسەم  ئىچتى ئۇ.
       - ھەي بولدى، يەنە يالغان ئېيتتىڭ،- دېگەندى مۇئەللىم شۇ چاغدا،- بۇرۇن بىر كىشى بولغانىكەن، دائىم ئەرزىمەس ئىشلارغا قەسەم ئىچىپ تۇرىۋالىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ دوستلىرىغا: بېلىق تۇتقىلى بارغانىدىم، غۇلاچتەك بىر بېلىق قارماققا ئېلىندى، دەپتۇ ھەمدە غۇلاچلىرىنى كەڭ ئىچىپ ئېچىپ كۆرسىتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا 10 ياشلاردىكى بىر بالىسى بار ئىكەن، ئۇ:
       -دادا، دادا غۇلاچ دېگەن مۇشۇنچىلىكمۇ؟ دادام تۇتقان بېلىق مانا مۇنچىلىك ئىدى،- دەپ، غېرىچىنى كېرىپ كۆرسىتىپتۇ.
       ھېلىقى ئادەم تاتىرىپ كېتىپ دەرھاللا:
       - ئەزبىرايى خۇدا، مۇنچىلىك كىلەتتى،- دەپ ئۆزىنىڭ غېرىچىنى ئېچىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نامى «ئەزبىرايى» بولۇپ قاپتۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆز ئىسمىنى ئۇنتۇپ كېتىشىپتۇ.
       بۇ ھېكايىنى مۇئەللىم  ئىككىمىز ئۆزئارا تولۇقلاپ يۈرۈپ پۈتۈنلەپ چىقتۇق. كۈلۈپ-كۈلۈپ يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى، يىغلامسىراپ تۇرۇپ يەنە نۇرغۇن كەچمىشلەرنى ئەسلىدۇق.
       2000- يىلى روزى ھېيتنىڭ 4- كۈنى ئىدى. ھاۋا بەك تۇتۇق، قۇشلار پەس ئۇچۇشاتتى. ئەتىگەندە دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئۆزۈمنى كۆڭۈلسىز ھېس قىلدىم، خالار-خالىماس ئۆي ئىشى بىلەن مەشخۇل بولدۇم. سائەت 11 دە تېلېفۇن جىرىڭلىدى. ئالدىم-دە، ئۈنۈم ئۆچتى:
       - مەننان مۇئەللىم بۈگۈن سەھەردە ۋاپات بولدى، ئۇ كىكىردەك راكىغا گىرىپتار بولغىلى ئىككى يىل بولغانىدى.
       مەن ئۇنىڭ «ناۋا» دا تۈزۈك بىر نەرسە يېمىگەنلىكىنى «ھاياجانلانغانلىق» دەپ قارىمىغان، بىر يۇتۇم چاينىمۇ يۇتالمىغاندا «بۇ ئىشلارنى كېيىن سۆزلەپ بېرىمەن» دېسە، ئاخىرىدا قايتا سوراشنى «ئۇنتۇپ» قالمىغانىدىم، كۆڭلۈم قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەن، ئېغىزىمدىن چىقىرىشقا رايىم بارمىغانىدى.
       ئېھ! 1999- يىلى 11-ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى ئاشۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىش بولۇپ قىلىشىنى زادىلا خالىمايتتىم.
       شۇنداق قىلىپ، يەنە بىر شام كۆيۈپ، نۇر چېچىپ، ئېرىپ تۈگىدى. ئۇ ناھايىتى نۇرغۇن ئارمانلىرىنى، ئاجايىپ ئوقۇتۇش مېتودىنى، مېھرىبانلىققا تولغان باغرىنى، ئەۋلاد تەربىيىسى ئۈچۈن تومۇرلىرىدىكى ئاخىرقى قانلىرىنىمۇ سىقىپ چىقىرىپ بېرىشكە تەييار تۇرغان پىداكار روھىنى بوغۇلغان، تۇنجۇققان پېتى قەبرىسىگە ئېلىپ كەتتى.
       ھەر يىلى باھاردا ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدە مۇئەللىم ئۆزى بىزگە نامىنى ئۆگەتكەن «توخۇ كۆز» لەر ھەممىدىن رەڭدار ئېچىلىپ كېتىدۇ.
       قەبرىستانلىقنىڭ توختىماي چىقىپ تۇرىدىغان كۆڭۈلسىز شامىلىدا ئۇنىڭ قەبرىسىدىن ئۈنگەن غېرىپ شىۋاقلار ۋىژىلدىغان ئاۋاز چىقىرىدۇ، قۇلاق سالسىڭىز ئۇلار سىزگە پىچىرلايدۇ:
       بۇ يەردە مۇئەللىمنىڭ ئۇپرىغان جىسمىلا قالدى، ئۇنىڭ روھى 5- ئوتتۇرا مەكتەپنى، سىنىپلارنى، ئوماق ئۆسمۈرلەرنى يوقلىغىلى كەتتى...
       مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، مەننان مۇئەللىمنىڭ روھى مەكتەپتىن يىراققا كېتەلمەيدۇ، چۈنكى، بۇ يەردە ئۇ ئەڭ مەنىلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن، ئەڭ قاباھەتلىك «چۈش» لەرنى كۆرگەن!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.