گۇناھ-1(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 05:37:35

گۇناھ(1) ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد يەتمىشتىن ئاشقان بوۋاي ۋە ئۇنىڭ مومىيى بىر ئايدىلا كەينى-كەينىدىن قازا قىلىپ، ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەمەت مەخسۇمغا كەڭتاشا ئۆي، باغ-ۋاران، كالا-قوي مىراس قالدى. سەمەت ...



    گۇناھ(1)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
     
     
    يەتمىشتىن ئاشقان بوۋاي ۋە ئۇنىڭ مومىيى بىر ئايدىلا كەينى-كەينىدىن قازا قىلىپ، ئۇنىڭ كەنجى ئوغلى سەمەت مەخسۇمغا كەڭتاشا ئۆي، باغ-ۋاران، كالا-قوي مىراس قالدى. سەمەت مەخسۇمنىڭ ئالتە ياشلىق ئوغلى ھىدايەت قارى تېخى ھەقىقىي قارىيلىققا يەتمەستىلا شۇ نام بىلەن سۈپەتلەندى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ئىپادىلىنەتتى. بوۋاي، موماي تاۋۇتقا سېلىنىپ زاراتلىققا ئېلىپ مېڭىلغاندا ھىدايەت قارىمۇ جامەئەتكە قوشۇلۇپ ماڭدى، مېيىت دەپنە قىلىنغاندا تۇپراق بېشىدا قاراپ تۇردى، مېيىتنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈۋاتقاندا جامائەتنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ تۇردى. ئۇ ھاياتلىقنىڭ زادى قانداق ھادىسە ئىكەنلىكىنى، ھازىر ناماز ئوقۇۋاتقان مۇشۇ ئادەملەرنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقى ۋە نامىزى چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى، مەسچىت ۋە مازارلىقنىڭ مۇشۇ ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى تېخى تولۇق چۈشەنمەيتتى.
     
    مېيىت نامىزى داۋاملىشىۋاتقاندا ئۇ كەڭ كەتكەن يۇلغۇنلۇق ئارىسىدىكى قەبرىلەرنى ئارىلاپ كۆرۈپ باققۇسى كەلدى، بىراق جىندىن قورقتى. ئۇ تەڭتۈش بالىلاردىن جىن دېگەننى ئاڭلىغان، ئاتىسى سەمەت مەخسۇمدىن ئۇنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغانىدى. سەمەت مەخسۇم ئۇنىڭغا جىننىڭ ئىس-تۈتەكتىن يارىتىلغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ زاراتلىق، ئەسكى تام، ئەسكى تۈگمەن، باغنىڭ چۆرىسىدىكى چىتنىڭ تۈۋى، چوڭقۇر ئازگال، ياداڭلىق، يالغۇز دەرەخنىڭ كامىرى، ئەخلەت تۆكۈلگەن كارىز، توپ تېرەكلىك، قېرى سۆگەتلىك يېنىدا ئادەمدىن يىراق ياشايدىغانلىقىنى، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ سۆڭەڭ-ئۇستىخانلىرىنى يەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئەركەك-چىشىسى، ياخشى-يامىنى بولىدىغانلىقىنى، ئادەملەرگە بەزىدە ئەسلى قىياپىتىدە، يەنى بويى پاكار، دۈمبىسى كامار، ئۇزۇن چاچ-ئۇزۇن تىرماقلىق، بىر كۆزلۈك، بۇرنى پاخشەك، ئېغىزى ھاڭدەك، بېلى يادەك، پۇتى تەمەچتەك كۆرۈنسە، بەزىدە ئېشەكنىڭ، ئۆچكىنىڭ ياكى باشقا ھايۋانلارنىڭ سۈرىتىدە ياكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى سىياقىدا كۆرۈنۈپ قالىدىغانلىقىنى، ئادەملەرگە ھەر ۋاقىت زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم خۇدايىتائالاغا سادىق بەندە بولۇش كېرەكلىكىنى، ئايتەلكۇرسىنى بىلىش لازىملىقىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. ھىدايەت قارى ئۇ ئايەتنى بىلمەي تۇرۇپلا زاراتلىققا ئۇقماي كىرىپ سېلىپ، جىنلارغا يولۇقۇپ قېلىشتىن قورقتى ۋە دەرھال جامائەتنىڭ يېنىغا بېرىۋالدى، جىنلار ئادەم كۆپ يەرگە يېقىن كېلەلمەيدىغاندەك قىلاتتى.زاراتلىقتىكى جىن ۋەھىمىسىدىن كېيىن ھىدايەت قارى ئايتەلكۇرسى دەيدىغان ئۇ ئايەتنى ئاتىسىدىن جەزمەن ئۆگىنىۋېلىشنى ئويلىدى. سەمەت مەخسۇم ئۇنى مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭغا سۈرە ئۆگىتىشكە باشلىدى. ھىدايەت قارى كەلىمە شاھادەتتىن باشلاپ ئايتەلكۇرسىغىچە بولغان مۇھىم سۈرىلەرنى ناھايىتى تېز يادلىۋالدى. سەمەت مەخسۇم ئوغلىنىڭ ئوچۇق زېھنىگە، تەسىرچان ھەم خىيالچان تەبىئىتىگە زوقلىناتتى، ئۇنى دائىم ماختايتتى، ئاسرايتتى، قوي بېقىشتىن باشقىغا سالمايتتى؛ ئانا مېھرىگە قانمىغان بۇ يالغۇز، يېتىم ئوغلىنىڭ ياخشى ئۆسۈپ، كېيىنچە كاتتا داموللا بولۇشىنى خۇدادىن تىلەيتتى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.