گۇناھ-9(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:05:06

گۇناھ(9)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ياتار جايىڭ جەھەننەم بولار، يېگەن ھارام ماللىرىڭ، ئىچكەن ئېشەك سۈيدۈكلىرىڭ يىلان-چايان بولۇپ، ئاغزىڭدىن كىرىپ بۇرنىڭدىن چىقار! ھە دېسىلا ئىچىگە ئېگىلىدىغان، باشقىل...

    گۇناھ(9)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     


    ياتار جايىڭ جەھەننەم بولار، يېگەن ھارام ماللىرىڭ، ئىچكەن ئېشەك سۈيدۈكلىرىڭ يىلان-چايان بولۇپ، ئاغزىڭدىن كىرىپ بۇرنىڭدىن چىقار! ھە دېسىلا ئىچىگە ئېگىلىدىغان، باشقىلارنى ناھەق ئۇرىدىغان ئىپلاس قولۇڭ دوزاخ ئوتىغا تۇترۇق بولار! گۇناھلىرىڭغا ئىككى مۈرەڭدىكى پەرىشتىلەرلا ئەمەس، ئەتراپىڭدىكى ئەل-جامائەتمۇ گۇۋاھ بولالايدۇ، ئۇنچىلىك ھوقۇقىڭغا ئىشىنىپ كۆرەڭلەپ كەتمە نىياز، ھۆكۈمەت ۋاقتى كەلگەندە سەندەك قوڭ سويمىنى تەرەت چالمىسىدەك تاشلىۋېتىدۇ، ئۇقتۇڭمۇ!

     

      نىياز ھويلىسىدىن جۇشقۇن قەدەمدە چىقىپ كېتىۋاتقان ئاتا-بالىنىڭ كەينىدىن قاراپ، دىمىقىدا كۈلۈپ، يەرگە نەچچىنى تۈكۈرۈۋەتتى ۋە تېخىچە كەتمەي تۇرغان خەقلەرگە قاراپ:

     

      — كۆردۈڭلارمۇ بۇ ئادەمنىڭ تەلۋىلىكىنى، ئۆ زىنى ئەۋلىيا چاغلاپ ئاغزىغا كەلگەننى مۇشۇنداق دەۋېرىدىغان بولسا ئاز كۈندىلا نېرۋىسىدىن كېتىپ، ھۆكۈمەت بىر تەرەپ قىلىدىغان دىنىي تەلۋىگە ئايلىنىدۇ! بۇ ئادەم ئۆزى تۈزۈك ئەمگەك قىلماي كەچكىچە ھۆكۈمەتنى، باشلىقنى تىللاپ، ئۆزىچە زەردە بولۇپ، ساراڭدەك سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، بۇ ئادەمنىڭ گېپىگە ھەرگىز قۇلاق سالماڭلار، بۇ ئادەمنى ھەرگىز دوراپ قالماڭلار، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئادەملەرگە بولغان ھوشيارلىقى ۋە سەزگۈر سىياسىتى ھەرگىز بىكاردىن بولغان ئەمەس، بۇ ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار، سەزگۈر ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالماڭلار، بولمىسا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسىلەر!خەقلەر نىيازنىڭ ھويلىسىدىن قايتىپ چىقىپ، مەخسۇمنىڭ چىڭ تاقالغان دەرۋازىسىغا قاراپ، ماخسۇمغا ۋە قارى بالىسىغا ئىچ ئاغرىتىشتى.

     

      ئاتا-بالا ئىككەيلەن شام، خۇپتەن نامازلىرىنىمۇ شۇنداق چوڭقۇر ئىخلاس بىلەن ئۇقۇدى، ناماز ئاخىرىدا مەخسۇم پەرۋەردىگارىغا بېغىشلىغان ھەمدۇ-سانالىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ھىدايەت قارى ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان بىر دۇئانى قىلدى:

     

      — ئى رەھمەتلىك پەرۋەردىگارىم، مۆمىن بەندىلىرىڭنى زاماننىڭ زوراۋانلىرىدىن، ئىزگۈ ئېتىقادنىڭ زامىنلىرىدىن، ئىبلىسنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىدىن، مۇشتۇمزور مەجۇسىيلارنىڭ مالامەتلىرىدىن، مۇھتاجلىقتىن مۇناپىقلىققا مۇپتىلا بولۇشتىن ساقلىغايسەن! رەببىمىز، بىز سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز، سەندىنلا مەدەت ئالىمىز، بىزنى ھىدايەتكە ۋە ئاخىرەتتىكى سائادەتكە مۇشەررەپ قىلغايسەن-ئامىن!

     

      سەمەت مەخسۇم ئوغلىنى ئوتتۇرا مەكتەپكە بەرمىگەنلىكتىن نىياز ئۇنىڭ يېرىنى بىر پۇڭمۇ قالدۇرماي مەھەللىگە ئۆتك ۈزۈۋالدى. سەمەت مەخسۇم كەنت سېكرىتارىغا ھال ئېيتىپ باردى، گېپى ئاقمىدى. ئۆز ئوغلىنىڭ تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە بولالمىغىنىغا، ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان مۇنبەت زېمىننىمۇ تارتقۇزۇپ قويغىنىغا قورسىقى قاتتىق كۆپكەن مەخسۇم يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىپ باردى، ئۆيىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بارلىقىنى، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ كېسەلجان بولۇپ قالغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا بەك ئېتىبار قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بەك دەپ تۇرۇۋالدى. يېزىلىق مائارىپ ئىدارىسى سەمەت مەخسۇمنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىپ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ھىدايەت قارىنى ئوقۇشتىن”ئازاد“ قىلدى. ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا مەسئۇل باشلىقى نىياز بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلگەندىن كېيىن، سەمەت مەخسۇمغا ئۈچ مو يەرنىلا ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇش، ھاشارغا بۇرۇنقىدەك چىقىش، مائارىپ مەبلىغىنى تولۇق تاپشۇرۇش ھەققىدە ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ قويدى. سەمەت مەخسۇمنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلماسلىققا ئامالى يوق ئىدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.