ھالاكەت گىردابىدا فانتازىيىلىك رومان

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-21 11:45:46

يەتتىنچى بابئالەمدىكى تەبرىكلەش زىياپىتىبۈگۈن يەنە يېڭى بىر كۈن باشلاندى. مەن روھىم ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇپ چىقتىم. ھېلىقى ئىشىكباقار دوستۇم ماڭا...



     

     

    يەتتىنچى باب

    ئالەمدىكى تەبرىكلەش زىياپىتى

    بۈگۈن يەنە يېڭى بىر كۈن باشلاندى. مەن روھىم ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇپ چىقتىم. ھېلىقى ئىشىكباقار دوستۇم ماڭا قانداقتۇر خۇش پۇراق ئەتىرلەرنى چىچىپ، مېنى ئالاھىدە ياساندۇردى. بۈگۈن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ كۈلۈۋاتقانغا ئوخشايدىغان بىر خىل قىياپەتتە جاۋاب بەردى:

    —بۈگۈن سەن بىلەن قىز دوستۇڭغا ئاتاپ ئالاھىدە زىياپەت تەييارلىدۇق، سىلەرنى ئوبدان كۈتۈۋالماقچىمىز.

    —نېمىشقا ئەمدى؟—سورىدىم سەل ھەيرانلىق ھېس قىلىپ.

    —سېنىڭ بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن قىز دوستۇڭنى مۇھەببىتىڭ ئارقىلىق تىرىلدۈرگەنلىكىڭنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بولمامدۇ،—دېدى ئۇ مېنى زىياپەت بولىدىغان جايغا چىقىشقا تەكلىپ قىلغاچ.

    مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيدىن چىقتىم. بىز ئۇزۇن كارىدورنى بويلاپ خېلى ماڭغاندىن كېيىن، چوڭ بىر ئىشىك ئارقىلىق سىرتقا چىقتۇق. سىرتقا چىقىشىم بىلەنلا كۈچلۈك قۇياش نۇرى كۆزۈمنى قاماشتۇردى. مەن كۆزلىرىمنى بىردەم يۇمۇپ تۇرۇپ ئۇۋۇلىۋەتكەندىن كېيىن، ئاسمانغا قارىدىم. ئەجەبلىنەرلىكى بىپايان كۆكتە قۇياش كۆرۈنمەيتتى، ئەمما كۈچلۈك قۇياش نۇرى يەنىلا كۆزنى چاقاتتى.

    —ئاسماندا قۇياش كۆرۈنمەيدىغۇ؟—دېدىم يېنىمدىكى دوستۇمغا.

    —سېنىڭ ئۇ يىراق يەرشارىڭدا تاۋاقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنداق كۆرۈنمەيدۇ. چۈنكى، بۇ سەييارە- يەنى بىزنىڭ ماكان يەرشارىغا قارىغاندا قۇياشقا نەچچە ھەسسە يېقىن. شۇڭا بۇ يەردە ئاسماننىڭ ھەممىلا يېرى قۇياش بولۇپ كۆرۈنىدۇ.

    —ماكانىڭلار قۇياشقا شۇنچە يېقىن بولسا، ئەجەبا سىلەر كۆيۈپ كەتمەي ھايات ياشاۋىتىپسىلەرغۇ؟—سورىدىم ئۇنىڭ گېپىگە ئانچە ئىشەنگۈم كەلمەي.

    —بۇنىڭدا بىز بىرىنچىدىن، نەچچە مىليون يىللاردىن بېرى كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا ياشاشقا ماسلاشقان، شۇنداقلا فىزىئولوگىيەلىك جەھەتتىنمۇ بىزدە بارا-بارا مۇشۇ مۇھىتقا ماس ھالدا ياشايدىغان بىر خىل ئىممۇنىتېت كۈچى شەكىللەنگەن؛ ئىككىنچىدىن، بىز پۈتكۈل زىمىنىمىزغا كۈچلۈك قۇياش نۇرىدىن مەڭگۈ ساقلايدىغان بىر خىل ئېلېمېنتنى چىچىۋەتكەن. شۇڭا، بىز بۇيەردە ھەرزامان نورمال ياشىيالايمىز.

    —ئۇ قانداق ئېلېمېنت؟

    —بۇنى سورىما، ئۇنىڭ كەشپىياتچىسى بىز ئىكەنمىز ھېچكىمگە ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

    —ئۇنداقتا، ئاچىتا بىلەن مەن سىلەرنىڭ بۇ مۇھىتىڭلاردا ئادەتتىكىدەك تۇرۇۋاتىمىز، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

    —بۇمۇ ئاشۇ ئېلېمېنتنىڭ كارامىتى، شۇنداقلا بىز ئاللىقاچان ئىككىڭلارنى بۇ تاشقى پلانېتا دۇنياسىغا ھەر جەھەتتىن ماسلىشالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ بولغان.

    —قاچان؟ قانداق قىلىپ؟

    —بىرى، بىزدىكى كۆرۈنمەس نۇر، يەنە بىرى، سىلەر بۇ يەردە يېگەن تاماقنىڭ تەركىبى. چۈشەنگەنسەن؟

    مەن بىر پەس جىمجىت تۇرۇپ كەتتىم، ئەتراپقا باقتىم، يەنە ئاسمانغا قارىدىم، ئاندىن ئۇنىڭدىن سورىدىم:

    —بۇ قايسى پلانېتا؟

    ئۇ مېنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ، ئۈنسىز باش چايقىدى.

    —يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىڭدىن قارىغاندا، سىلەرنىڭ قۇياش ئېنېرگىيىسى بايلىقىڭلار بىزنىڭكىدىنمۇ مول ئىكەن-دە؟

    —ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە!

    ئۇ شۇنداق دېگەچ مېنى ئەتراپى ھەرخىل ئورمان بىلەن قاپلانغان ياپيېشىل چىملىق مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ئۇزۇن تاماق شىرەسىنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى. تاماق شىرەسىنىڭ ئەتراپىدا يىگىرمىگە يېقىن تاشقى پلانېتلىق ئادەم ئولتۇراتتى. مەن كېلىشىمگىلا ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئوڭ قولىنى يۈرىكى ئۈستىگە ئالغىنىچە ئۆز تىلىدا قانداقتۇر قىسقىلا بىر نەرسىلەرنى دېيىشتى.

    —ئۇلار نېمە دەيدۇ؟—سورىدىم يېنىمدا تۇرغان دوستۇمدىن.

    —ساڭا سالام بېرىۋاتىدۇ.

    مەنمۇ ئۆز ئادىتىم بويىچە ئۇلارغا سالام بەجا كەلتۈردۈم-دە، ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا ئىشارە قىلدىم.

    —ئاۋۋال سەن ئولتۇر،—دېدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى.

    مەن ئورۇندۇققا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇلار بىر-بىرلەپ ئورۇنلىرىغا ئولتۇرۇشتى، ھەممەيلەن ئەمدىلا ئولتۇرۇپ بولۇشىمىزغا، بېشىنىڭ ئۈستىدە ھەرخىل ئانتېنننالىرى پۇلاڭلاپ تۇرغان بىرقانچە ماشىنا ئادەم شىرە ئۈستىگە كەينى-كەينىدىن تۈرلۈك تاماقلارنى، ئىچىملىكلەرنى تىزىشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادا، بۇ يەردە سېنىڭ يوقلۇقىڭ ئېسىمگە كەلدى-دە، يۈرىكىم بىردىنلا ئاغقاندەك بولۇپ، بۇرۇلۇپ ئارقامغا قارىدىم. سەن بايا مەن چىقىپ كەلگەن يۇمىلاق قۇببە شەكىللىك كۈمۈش رەڭ بىنادىن ئۆزۈڭ يالغۇز چىقىپ كېلىۋاتاتتىڭ. زىلۋا بويۇڭ گويا پۇتى بار بىردەستە گۈلدەك ئۇدۇل مەن سايان يەڭگىل قەدەم تاشلاپ كەلمەكتە ئىدى. تېقىمىڭغا چۈشكەن چاچلىرىڭ ھەر بىر قەدەم ئېلىشىڭغا ماس ھالدا ئىككى ياندا ئويناقلايتتى. مەن شۇئان ئالدىڭغا يۈگۈرۈپ بارماق بولۇپ، ئورنۇمدىن قوپۇشقا تەمشەلدىميۇ، لېكىن بۇ يەردە ئولتۇرغانلارغا نىسبەتەن ئەدەپسىزلىك بولمىسۇن دەپ ئويلاپ نىيىتىمدىن ياندىم. ئەمما، كۆزۈم سەندىن ئۈزۈلمىدى. سەن يېقىنلاشقانسېرى يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى تېزلىشىپ، قانداقتۇر بىر كۈچلۈك ھاياجان پۈتۈن جىسمىمغا يامرىدى...

    سەن ئاخىر كەلدىڭ. كېلىپلا ئەڭ ئاۋۋال ماڭا سالام بېرىپ، ئاندىن باشقىلارغا بىرمۇبىر تەزىم قىلدىڭ-دە، يېنىمدىكى بوش ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇڭ. شۇندىلا باشقىلارمۇ قايتىدىن ئورۇنلىرىغا ئولتۇرۇشتى.

    ساڭا كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا چاندۇرماي نەزەر سالدىم، جامالىڭ بۈگۈن تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇزۇن قايرىما كىرپىكلىرىڭ كۆزۈڭ ئەتراپىغا ئورماندەك سايە تاشلاپ تۇراتتى.

    —بۈگۈن قانداقراق قوپۇپسىز؟—سورىدىم ساڭا ئۇدۇل قاراپ.

    —بەك ياخشى قوپۇپتىمەن، ئۆزىڭىزچۇ؟—دېدىڭ سەن مەندىن ئۇيالغاندەك مەڭزلىرىڭ ۋىل-ۋىل قىزىرىپ.

    —ياخشى.

    —قېنى، تاماققا مەرھەمەت، ئەزىز مېھمانلار.

    ئۇدۇلىمىزدىكى پاينەكۋاش كەلگەن بىر تاشقى پلانېتلىق ئادەمنىڭ قىزغىن تەكلىپى، ئەمدىلا باشلانغان سۆھبىتىمىزنى ئۈزۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن غىزالىنىشقا باشلىدۇق.

    ئالاھەزەل يىگىرمە مىنۇتچە گەپ-سۆز قىلماي تاماق يېيىلگەندىن كېيىن، تەملىك ئىچىملىكلەردىن ئىچىشكەچ، ئولتۇرۇپ ئىختىيارىي پاراڭغا چۈشتۇق.

    —بۈگۈن،—دەپ سۆز ئالدى ئۇدۇلىمىزدىكى ھېلىقى پاينەكۋاش ئادەم،—سىلەر يەرشارىلىق ئەزىز دوستلىرىمىز شۇنداقلا قىممەتلىك مېھمىنىمى‍زدىن ئاۋۋال ئەپۇ سوراش، ئاندىن دوستۇم سېنىڭ بۇ قىزنى تىرىلدۈرگەنلىكىڭنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. سىلەرنى يەرشارىدىن مەجبۇرىي شەكىلدە بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىمىزنىئەپۇ قىلغايسىلەر. بۇ بىزنىڭ قەستەن قىلغان ئىشىمىز ئەمەس، مۇھىم بىر تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلمىساق بولمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ تەتقىقاتنىڭ كەلگۈسىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن پايدىسى ئىنتايىن زور. قانداق، بىزنى كەچۈرەمسىلەر، يەرشارىلىق دوستلار؟

    مەن گەرچە «ياق» دېگۈم بولسىمۇ، ئۇنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن:

    —كەچۈرىمىز. سىلەرمۇ كەلگۈسىدىكى پايدىلىق ئىشلار ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر ئەمەسمۇ،—دېدىم.

    —رەھمەت، يارشارىدىكى ھەقىقىي ئەركەكتەك جاۋاب بەردىڭ،—دېدى ئۇ مېنى ئالتۇن قەدەھتىكى ئىچىملىككە تەكلىپ قىلىپ.

    مەن ئىچىملىكنى ئىچكەچ بۇ تاشقى پلانېتلىق ئادەملەرنى تەپسىلىي كۆزەتتىم. ئۇلارنىڭ چىراي-شەكلى، بوي-تۇرقى بىر-بىرىگە شۇنداق ئوخشىشىپ كېتىدىكەنكى، دىققەت قىلمىسا ئۇلارنى دەرھال ئايرىۋالماق تەس ئىدى. ئۇلارنىڭ تاماق يېيىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولسىمۇ، بىرەر تال يېمەكلىك ياكى بىرەر تامچە ئىچىملىكنىمۇ ئىسراپ قىلىۋەتمەستىن پاك-پاكىز يەپ ئىچىۋەتتى.

    بىر ئازدىن كېيىن يەنە بىرسى سۆز ئالدى.

    —يەرشارىلىقلار بۇ ئەسىردە ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، ئاي شارىدا مەخسۇس تەتقىقات بازىسى قۇردى. يەنە چەمبەر شەكىللىك نەيچىسىمان ئاي شارى ئولتۇراق رايونىنى بەرپا قىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنى ئولتۇراقلاشتۇردى. ھازىر ئاي شارىدا سانائەت رايونى، يېزا ئىگىلىك رايونى ۋە تاغ، دەريا، ئورمان، يايلاقلارنى بەرپا قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاي شارىدا رودا قېزىش بازىلىرى، سېرىق ئالتۇن كانلىرى بارلىققا كەلدى. بىز ئىنسانىيەتنىڭ بۇ خىل تەرەققىيپەرۋەر روھىغا قارشى تۇرماقچى ئەمەس، لېكىن يەرشارىدا 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇشقا يۈزلەنگەنلىكتىن ھەرخىل تەبىئىي ئاپەتلەرمۇ كۆپىيىپ كەتكەنىدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، يېزىلاردا ئازوتلۇق ئوغۇت ۋە خىمىيىلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىش؛ سانائەتتە تەركىبىدە ئازوت بولغان «ئۈچ كېرەكسىز»نى قويۇپ بېرىش ۋە تۇرمۇشتىكى بۇلغانغان سۇ، سانائەتتىكى داشقاللار، كان ئېچىش...قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن دەريا سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيى تەركىبىدىكى نىترات كىسلاتا تۇزلىرى بىلەن دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇق زەھەرلىرىنىڭ مىقدارى بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، ئېغىر بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىچىدىغان سۇ تەركىبىدىكى نىترات كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ مىقدارى بەلگىلىك مىقداردىن ئېشىپ كېتىپ، ئۇنى ئىچكەن نۇرغۇن ئادەملىرىڭلار زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتتى ياكى ئادەملەر بەدىنىدىكى نىترات كىسلاتا تۇزلىرى نىترىت كىسلاتا تۇزلىرىغا ئايلىنىپ ئامىن بىلەن بىرىكىپ، زەھەرلەش خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان نىتروزامىن تۈرىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەر ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولدى. مېنىڭ قارىشىمچە، ئىنسانلار ئۆز جېنىغا ئۆزى زامىن بولدى ھەم بولۇۋاتىدۇ. سەن ئۆزۈڭ بىر يازغۇچى ئىكەنسەن، يازغۇچى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن سۆزلىشى كېرەك. قانداق قارايسەن؟

    پەرىزىمچە، بۇ زىياپەت ئۈستىلىدە بىر مەيدان مۇنازىرە باشلىنىدىغاندەك قىلاتتى. مەن قولۇمدا چايقىلىپ تۇرغان ئالتۇن قەدەھتىكى ئىچىملىكنى بىر كۆتۈرۈشتىلا ئىچىۋىتىپ، قەدەھنى شىرەگە قويدۇم-دە، سۆز باشلىدىم:

    —سېنىڭ ئېيتقىنىڭ يەرشارىدا راستتىنلا يۈز بەرگەن ئىشلار. ئەمما، يەرشارىلىقلار ئاشۇ ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى ئۇسۇل، تەدبىر، يېڭى تېخنىكىلارنى كەشىپ قىلىپ، سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ۋە سەن ئېيتقان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى ھەم ئېلىۋاتىدۇ. ئەمما، يەرشارىلىقلار بىر تەرەپتىن تەرەققىياتنى قوغلاشقاندەك قىلسىمۇ، ئاساسلىقى نوپۇسنىڭ زىيادە كۆپىيىپ كېتىشى تۈپەيلى كۆپلەپ بوز يەر ئېچىپ، خىمىيىلىك ئوغۇتلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاشلىقتىن كۆپلەپ ھوسۇل ئېلىپ قۇرساقنى تويغۇزۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭلا مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى تېزلىشىپ، ھەرخىل زىيانلىق ھاشاراتلار كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنى خىمىيىلىك دورىلار بىلەن يوقىتىشقا مەجبۇر بولدى. مان مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا سۇنىڭ بۇلغىنىشى تېزلىشىپ، سەن دېگەندەك ھەرخىل كېسەللەر پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىز بىرقەدەر ئۈنۈملۈك ھالدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىمىز…

    گېپىم تۈگىمەي تۇرۇپلا يەنە بىرەيلەن سۆز ئارىلىدى:

    —ئەمما، شۇنىڭغا ئۇلىنىپلا يەرشارىدا ئىنسانلار يەنە بىر ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە-ئەرلىك جىنسنىڭ ئاجىزلىشىشىدەك قورقۇنچلۇق بىر ئاپەتكە دۇچ كەلدى. مەن بۇ مەسىلىنى 21-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، بىلىشىمچە، يەرشارىلىق ئالىملارمۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە جىددىي ئىزدىنىش ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم، شۇنداقمۇ؟

    ئاچىتا، سەن جىنىس ھەققىدە پاراڭ بولۇۋاتقانلىقىنى پەملەپ، ئايلىنىپ كېلەي، دېدىڭ-دە، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ چىملىق ئۈستىدە يەڭگىل قەدەم تاشلاپ ئاستا بىزدىن يىراقلاشتىڭ. سەن سۆزىمىز ئاڭلانمىغۇدەك جايغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن:

    —بىز پەن ئۈستىدە گەپلىشىۋاتىمىز. ئەر-ئايال دەپ ئايرىپ، ئۇنىڭ بۇ يەردىن كېتىشىگە يول قويۇش بىر ئەخمەقلىققۇ،—دېدى ھېلىقى ئادەم.

    —ئۇ قىزنىڭ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالساق بولماس،—دېدىم مەن ئۇنىڭغا لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ.

    —مەن ئۇ تەرىپىنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن، مېنى كەچۈرگىن،—دېدى ئۇ ئادەم بېشىنى غەلىتە بىر شەكىلدە ئېگىپ.

    —بايىقى سۆزۈڭنىڭ ئاساسى بار،—دېدىم مەن ئەرلىك جىنىسنىڭ ئاجىزلىشىشى ھەققىدىكى مەسىلىگە ئىزاھات بېرىپ،—ئىنسانلار دەسلەپتە تەتقىقات ئارقىلىق ئەركەك تىمساھلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ، ئەسلىدىكىنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىك قالغانلىقىنى بايقىدى. ھەتتا كېيىنچە، ئەركەك قاپلانلارنىڭ ئۇرۇق بېزىنىڭ قۇرساق بوشلۇقىدىلا توختاپ قېلىپ، ئۇرۇقدان خالتىسىغا نورمال چۈشەلمەس بولۇپ قالغانلىقىنى، بىر قىسىم بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭمۇ كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى ناچارلىشىپ، ئەركەك-چىشى بېلىقلارنىڭ پەرقى كىچىكلەپ ئەۋلاد قالدۇرالماسلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكى بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بېرىلىپ، ئەرلەرنىڭ ئۇرۇق سانىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. نەتىجىدە ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ، ئىلگىرىكىدىن كىچىكلەپ بېرىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى.

    —ئۇنداقتا بۇ ئاپەتنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟—دەپ سورىدى ئۈچىنچى بىر تاشقى پلانېتلىق ئادەم ئالدىغان سەل ئېڭىشىپ تۇرۇپ.

    —ئەلۋەتتە بىز ئىنسانلار،—دەپ ئېنىق جاۋاب بەردىم مەن،—بايا سىلەر ئېيتقاندەك، ئىنسانلار غايەت زور مىقداردىكى بىرىكتۈرۈلمە ھورمون ۋە خىمىيىلىك ھاشارات يوقىتىش دورىلىرىنى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئىشلىتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىلىشى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ تېنىدىكى ھورمونلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ئىنسانلار يەنە ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئانىلىق ھورمون ئىشلەپچىقارغان كېرەكسىز ماتېرىيال ۋە كېرەكسىز سۇلارنى ھېچبىر پەرۋاسىزلا قالايمىقان تۆكۈۋەردى. سۇ ۋە تۇپراقتىكى ئانىلىق زورمون ئۈسۈملۈك تېنىگە كىرىپ، ئادەم بىلەن ھايۋانلار بۇ خىل ئۈسۈملۈكنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئانىلىق ھورمون ئۇلارنىڭ نورمال جىنسىي ئىقتىدارىغا كاشىلا قىلىپ، ئەرلىك جىنسنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئومۇمەن بىزدە سۇ، ھاۋا، تۇپراق مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى يۇقىرىقىدەك ئېغىر ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل كەلمىشلەرگە ئىنسانلارنىڭ ئۆزى گۇۋاھ، شۇنداقلا بۈيۈك يەرشارى ئانىمىزمۇ ئۇنىڭغا ئىقرار. ۋەھالەنكى، ھازىرقى دەۋردە ئىنسانلار ئۈنۈملۈك ھالدا شۇ خىل ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ نورمال ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

    —مېنىڭچە، ئەرلىك جىنىسنىڭ ئاجىزلىشىشى يەرشارىدا ئەڭ ئىپلاس قىلمىش بولغان ئوخشاش جىنسلىقلارنىڭ ئۆز-ئارا جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى كەتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشىدەك قورقۇنچلۇق ھادىسىنى پەيدا قىلغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك؟—دېدى يەنە بىر تاشقى پلانېتلىق ئادەم.

    —بۇ ئېھتىماللىقمۇ بار،—دېدىم مەن چوڭقۇر بىر تىنىۋېتىپ—يەرشارىدا 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىلا ئەيدىز كېسىلى بايقالغان، ھەتتا شۇ ۋاقىتتىلا يەرشارى بويىچە 44 مىڭ 600 دىن ئارتۇق ئادەمدە ئەيدىز كېسىلى بارلىقى، ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ 2:1بولغانلىقى بايقالغان.يەنە شۇ ئەسىرنىڭ 91-يىلىغا كەلگەندە يەرشارىدا ئەيدىز كېسىلىگە خېرىپتار بولغانلارنىڭ 3 مىليونغا يەتكەنلىكى، 90~95 پىرسەنتى ئەرلەر بولۇپ، كۆپىنچىسى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتىدىكىلەر ياكى مۇھەببەتلىشىۋاتقان يات جىنىستىكىلەر ئىكەنلىكى بايقالغان. بۇ كېسەلنىڭ يامراپ كېتىشىدە يەنە زەھەرلىك چېكىملىك يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۇقتۇرىۋىلىشىمۇ خېلى كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. يەرشارىدىكى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيگەن جىنسىي ئەركىنلىك مانا مۇشۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق جىنايەتچى. لېكىن، يەرشارىلىقلارنىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى كۈنسايىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلپ، ھازىر راك كېسىلىنى، ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتىپ، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا زەھەر تاشلاتقۇزالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. شۇڭا، بىزنىڭ ھازىر ئۇ ئىشلاردىن ئانچە ئەندىشىمىز يوق.

    —سىلەر يەرشارىلىقلار ئاۋۋال بۇزۇپ ئاندىن تۈزەشكە ئامراق، مۇشۇ ئورتاق ئادىتىڭلار تۈپەيلى بىر قىسىم قىممەتلىك ۋاقتىڭلار تۈزەش، ئوڭشاش، تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئاتالمىش « ئەسلىگە كەلتۈرۈش» دېگەنلەرگە سەرپ بولۇپ كېتىپ، يەنە نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي بايلىقلارنى بەدەل قىلىپ تۆلەيسىلەر. ئەگەر بۇنداق بولمىغىنىدا، سىلەرنىڭ سىلەرنىڭ تەرەققىياتىڭلار ھازىرقىدىنمۇ تېز ھەم ئۇتۇقلۇق بولغان بولاتتى، شۇنداقلا بىزگە ئوخشاش تاشقى پلانېتا ئادەملىرى بىلەن «بىۋاستە ئالاقىلىشىپ، بېرىش-كېلىش قىلىش » پىلانىڭلارمۇ تېزرەك ئەمەلگە ئاشقان بولار ئىدى. ھېلىمۇ ئاي شارى بىلەن مارسلارنى ئىگىلەپ بولدۇڭلار، ئەمما تاشقى پلانېتلارغا يۈزمىڭلاپ، مىليونلاپ ئاھالە كۆچۈرۈپ كېلىش پىلانىڭلار بىزنى سەل ئەندىشىگە سېلىپ قويۇۋاتىدۇ،—دېدى يەنە بىر تاقىر باش ئادەم.

    —نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيسەن، ئەپەندى؟—سورىدىم مەن بىرئاز غەلىتىلىك ھېس قىلىپ.

    —ناۋادا يەرشارى ئادەملىرى تاشقى پلانېتلارغا تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشسا، ئۇلار يەنىلا يەرشارىنىڭ ھەممىلا يېرىنى بۇزۇپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتكەندەك، ئالەم بوشلۇقىدىكى پلانېتلارنىمۇ بۇزۇپ، بۇلغاپ ئۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىغا زىيان يەتكۈزگىلى تۇرسا، بۇ ئاخىر بىزگىمۇ ئېغىر تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا يەر بىلەن ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تەبىئىي قانۇنىيەتلىك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان بالا-قازاغا يۇلۇقىمىز-دە، ھەممە، ھەممىمىز پۈتۈنلەي ھالاك بولىمىز.

    —ھازىر يەرشارىلىقلار ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسلىسىنى ھەممە ئىشنىڭ ئالدىغا قويىدىغان ئورتاق بىر ئاڭغا ئىگە بولدى. ئۇلار تەبىئەتنى ئۆز جىنىدىنمۇ بەكرەك سۆيىدۇ. تەبىئەت، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بولسىلا ھاياتلىقنى مەڭگۈ نورمال ياشناتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇلار ئاللىبۇرۇن تونۇپ يەتكەن. ئىلگىرىكى نادان ئىنسانىيەت تۈركۈمى ھازىر كەلمەسكە كەتتى، شۇڭا بۇ جەھەتتىن تولۇق خاتىرجەم بولساڭلار بولىدۇ،—دېدىم مەن ئىنتايىن ئىشەنچلىك ھالدا.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.