تەشنالىق...تەشنالىق...

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-09 21:07:35

تەشنالىقساداقەتجان ھاجىمەن سېنىڭ گۈزەل جامالىڭغا تەلمۈرمىدىم. ھەتتا چىرايلىق تەبەسسۇمىڭغىمۇ تەشنا بولمىدىم. خۇشاللىق ياكى دىلئاراملىق مېنى غەپلەتتە قالدۇرىدۇ.مېنىڭ يۈرىكىم مېنىڭ شېئىر قاينا...



    تەشنالىق


    ساداقەتجان ھاجى


    مەن سېنىڭ گۈزەل جامالىڭغا تەلمۈرمىدىم. ھەتتا چىرايلىق تەبەسسۇمىڭغىمۇ تەشنا بولمىدىم. خۇشاللىق ياكى دىلئاراملىق مېنى غەپلەتتە قالدۇرىدۇ.
    مېنىڭ يۈرىكىم  مېنىڭ شېئىر قايناپ تۇرىدىغان يۈرىكىم بىر پارچە ئوتقا، مەڭگۈ يېنىپ تۇرىدىغان ئازابلىق ئوتقا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
    مەن ئۈچۈن ئوت  ئۈمىدۋار ھاياتتىن ۋە قىزغىن مۇھەببەتتىن دىرەك بېرىدۇ.
    مەن ئۈچۈن ئازابلىق ئوت  ئويغاق ھاياتتىن ۋە چۇڭقۇر مۇھەببەتتىن دىرەك بېرىدۇ.
    قەلبىدە مۇھەببەت بولمىغان ئادەم غەپلەتتە قالىدۇ. غەپلەتتە قالغان ئادەمدە مۇھەببەت بولمايدۇ.
    شۇنى بىلىپ قالغىنكى، سېنى پەقەت سېنىڭ ئىشقىڭدا ئازاب چەككەن ۋە ئازابىڭدا ئۆرتەنگەن يۈرەكلا ھەقىقىي سۆيىدۇ. سېنىڭ جامالىڭنى تاماششا قىلىۋاتقانلار بولسا ساڭا ئەسلا مۇھتاج ئەمەستۇر! خۇشاللىقنىڭ لەززىتىنى سۈرىمەن دەپ غەپلەتنىڭ ھەسرىتىگە دۇچار بولما.
    ھىجران چۆلىدە تۇرۇپ ۋىسال گۈلىستانىڭغا تىۋىنىمەن. مەڭگۈ ئويغاق ياشاش ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئازابنى سېغىنىمەن. لاۋۇلداپ تۇرغان يۈرىكىم بىلەن سېنى ياد ئېتىمەن. تەلپۈنۈپ تۇرغان شېئىرلىرىم بىلەن سېنى شاد ئېتىمەن.


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1997-يىل 1-ئاي. قەشقەر.
    «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 1997-يىل 16-ئاۋغۇست

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.