دادا مىنى قۇتقۇزىۋال

يوللىغۇچى : kiyan يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-08 15:08:58

دادا مىنى قۇتقۇزىۋال(نەسىر)كۆزۈمنى ئېچىپلا ئۆزۈمنىڭ بۇدۇنيادا مەۋجۇتلىقىمنى ھىس قىلدىم ،كۆزۈمگە ئەڭ ئاۋال ئىلغۇچقا ئېسىلغان ئاسما ئۇكۇل كۆرۈندى ،شۇئان ئۆزۈمنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىمنى ھىس...

     

    دادا مىنى قۇتقۇزىۋال(نەسىر)

     

     
    كۆزۈمنى ئېچىپلا ئۆزۈمنىڭ بۇدۇنيادا مەۋجۇتلىقىمنى ھىس قىلدىم ،كۆزۈمگە ئەڭ ئاۋال ئىلغۇچقا ئېسىلغان ئاسما ئۇكۇل كۆرۈندى ،شۇئان ئۆزۈمنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلىپ نىرۋىلىرىم گاڭگىراش ۋە جىددىيلىك ئىچىدە ئەتراپىمغا باقتىم ،يۈزىنى ئورىۋالغان بىچارە ئانام كارۋاتنىڭ يېنىغا بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ ،مىنىڭ ھوشۇمغا كىلىشىم بىلەن تەڭلا ئاناممۇ ئۇيقۇدىن ئۇيغۇنۇپ جىددىيلىك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن چىرايىمغا تىكىلىپ بالام جېنىم بالام ئاخىرى كۆزۈڭنى ئاچتىڭ، جېنىم بالام مىنى بەكمۇ ئەنسىرەتتىڭ دەپ يىغا ئارلاش تەلەپپۇزدا بېشىمنى سىلىدى ،ئانام شۇئان دادامغا ۋە ئاكىلىرىمغاتېلېفون قىلىپ مىنىڭ كۆزۈمنى ئاچقانلىقىمنى ئېيتتى.گەپ قىلىشقا تەمشەلگەن بولساممۇ  جىسمىمدا تىلىمنى مىدىرلاتقۇدەك جان كۈچ قۇۋەت بولمىسا كىرە پەقەت لىۋىمنىلا مىدىرلىتالىدىم سۇ ...سۇ  ئانام ئىستاكاندىكى سۇنى لىۋىمگە تەككۈزدى، مۇزدەك سۇنىڭ كانىيىمدىن ئېقىپ ئىچكى ئازالىرىمغىچە ئېقىپ كىرگەنلىكىنىمۇ تۇيۇپ ياتتىم، شۇئارىدا دادام ئاكام ئىنىلىرىمدىن بۇلۇپ ئوندەك ئائىلىمىز نىڭ ئەزالىرى بېشىمغا ئولاشتى .كىچىك سىڭلىم مىشىلداپ يىغلاپ كەتتى، بەلكىم خۇشاللىقتىن يىغلاۋاتقان بولساكىرەك،  دادام بولسا چەكسىز شۈكۈر قانائەت خاتىرجەملىك چىقىپ تۇرىدىغان چىراي ئىپادىسىدە   ئېچىنىش  ھىسىياتىنى يۇشۇرالمىغان كۆزلىرى بىلەن  ماڭا تويماي قارايتتى، ھەم قولۇمنى چىڭ تۇتىۋالدى ،ئانام كىچىك سىڭلىمنى قۇچىقىغائېلىم ئۇنى پەپىلىدى ،ئاكام  بولسا غەزەپ نەپرەت چاقناپ قىپقىزىل قان تولغان كۆزلىرى بىلەن ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراۋاتاتتى ،لىكىن ھازىرقى ۋاقىتنىڭ تازا مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلگەندەك سۈكۈتتە تۇرماقتا ئىدى ،قارىغاندا مەن ئۈلۈم ئېغىزىدىن قايتىپ كەلگەن بولسام كىرەك ئۇلار مىنىڭ ھۇشۇمغاكەلگىنىمدىن ئەڭ ئاۋال  چەكسىز خاتىرجەم ھەم خۇشال بولغاندەك قىلاتتى ،مەن يەنىلا ئۆزۈمنىڭ زەپەردەس بىرئەركەكلىكىمدىن بىراقلا بۇنچىلىك ھەتتا سۆزلىيەلمىگۈدەك دەرىجىدە نىم جان ھالەتكەكىلىپ قالغىنىمنى بىلمەي چوڭقۇرئويلىنىش ئىچىدە يەنىلا جانسىز ياتاتتىم... ئۆزۈممۇ بىلمىدىم بەلكىم نىرۋىلىرىم بۇخىل خىيالى ئوي بېسىملارغا بەرداشلىق بىرەلمىدىمۇ يۇيۇقسىز كۆزلىرىم غۇۋالىشىپ قۇلۇقۇمدا دادام ۋە ئانامنىڭ  نىمىلەرنىدۇدەپ مىنى چاقىرۋاتقان ئاۋازلىرى بارغانسىرى پەسلەپ ھېشنىمىنى ئاڭلىيالماي  ھىسسىي سىزىمىنى يوقىتىۋاتاتتىم،ئاڭلىيالمىدىم ھەم كۆرەلمىدىم.

     

    مەن يەنەكۆزۈمنى ئاچتىم ساقىلىغا ئاقسانجىلغان يەتتە بالىنى بېقىپ قاتارغاقوشۇش ئۈچۈن تالاي دۇنيارىيازەتلىرىنى چەككەن پىشانىسىگە يوليۇل قورۇق چۈشكەن ئۇلۇغ ئاتام نىڭ  غەم كىن ئەپسۇسلۇق ۋەجىددىيلىك  چاقناپ تۇرغان چىرايى ئەڭ ئاۋال كۆز ۈمگە كۆرۈندى ،كۆزۈمنى ئاچقان ۋاقتىمندا روھى ھالىتىمدىكى زەئىپ نىرۋىلىرىمدىكى ئۈلۈپ ۋەھىمىسى مىنى قورقۇتۇۋاتاتتى، لىكىن دادامنى كۆرۈپلا جىسمىمدىن بۇ قورقۇش ھىسسى تۇيغۇم بىراقلا يوقىدى، خۇددى دادام مىنى بۇ ئۈلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغاندەك ئەمدى مەن دادامغاتايىنىپ  يەنىلا بۇرۇنقى ھالىتىمگە قايتالايدىغاندەك خۇشاللىق ھىسسىسىزىم  روھى ھالىتىمگە سىڭىپ كىردى ،دادام ئاكام بېشىمدا قاراپ ماڭا بىرنىمىلەرنى دەۋاتاتتى لىكىن مەن ھېشىنىمى ئاڭلىيالمىدىم ،مەن يەنىلا كۆزۈمنى دادامغاتىكىپ مىنى قۇتقۇزۇشىنى قولۇمنى ھەرگىز قويىۋەتمەسلىكىنى قەلبىمدە ئۈنسىز نىداقىلىپ  قولۇقۇمنى ئاڭلىيالايدىغان بۇرۇنقى زەپەردەس ئەركەكلىك ھالىتىمگە قايتۇرۇپ كىلىشىنى  ئىچىمدە پىچىرلاۋاتاتتىم ،شۇئارىدا قېشىمدا ئاق خالاتلىق بىرنەچچە دوختۇر پەيدابۇلۇپ نىمىلەرنىدۇ قىلىپ دادام ۋە ئاكامنى ياتاقتىن چىقىرۋەتتى دادام كۆزىنى ئۈزمەي ماڭاقاراپ كۆزى  قىيمىغان ھالاتتە مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي دوختۇرنىڭ بىلىكىدىن سۆرىشى بىلەن ياتاقتىن تەستەچىقىپ كەتتى مەنمۇ دادامنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي دادامنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ ئۇنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىپ دادامنى چاقىرىشقاتەمشەلدىم .دا  ... دا ..  لىكىن بۇ يارىماس جىسمىمدا ئۆزدادامنى چاقىرغۇدەك مۇ كۈچ قۇۋەت بولمىساكىرەك تىلىمنى پەقەتلامىدىرلىتالمىدىم .دادامنىڭ چىقىپ كىتىشى بىلەن مەن يەنە قورقۇشقاباشلىدىم .خۇددى دېرىزىدىن ئەزرائىل مىنى چاقىرۋاتقاندەك دېرىزىدىن ماڭاقاراپ ئېتلىۋاتقاندەك قۇرقۇش پۈتۈن ھۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان ئىدى. مەن پەقەت دادام ۋە ئانامنىڭ يېنىمدابۇلىشىنىلا ئويلىدىم مەن شۇندىلا بۇقۇرقۇشتىن قۇتۇلالايتتىم ،چۈنكى مىنىڭ دادام مىنىڭ ھەرقانداق مۈشكۈل ماڭاقىيىن توختىغان ھەرقانداق بىرئىشلىرىمنى ماڭا قىلىپ بىرەلەيتتى .ئەلۋەتتە   مىنىڭ بۇ ئىچكى ھىسياتىمنى چۈشەنمەيدىغان رەھىمسىز  دوختۇرلار بولمىغان بولسا مەن دادامنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن قىلچىمۇ غەم يىمىگەن بولاتتىم.


      قاپقارا كۆزلىرى دىن ئىس تۈتەك چىقىپ تورىدىغان تولىمۇ چوڭ بىرمەخلۇق قولىدا شاراقلاپ تۇرغان قىپقىزىل  زەنجىرنى ھەدەپ بوينۇمغا سېلىپ مىنىڭ نەپسىمنى بوغۇۋاتاتتى ، مەن پۇرسەت بولسىلا دادا  ئانا ...  دەپ ئانام دادامنى چاقىراتتىم ،   دادا دەپ قاتتىق توۋلاپ سىلكىنىپ كۆزۈمنى ئاچتىم ،خۇداغاشۈكرى مەن تېخىچە ھايات ئىكەنمەن  كىسەل كارۋىتىدا ياتاتتىم دادام بىرقولۇمنى ئانام بىرقولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپتۇ ،جىسمىمدىن تاغدەك بىرئېغىر بېسىمنى ياكى يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك خاتىرجەم بۇلۇپ ۋۇجۇدۇمغابىرخىل ئىللىق ھەم ئىسسىق سىزىم ئىككى قولۇم ئارقىلىق جىسمىمغا تارىماقتا ئىدى ،مەن يەنىلا ھېشنىمىدىن قورۇرقماس خاتىرجەملىك روھى ھالەت بىلەن ئانامنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم ،كۆزيېشىدىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ھالسىز لانغان ئانامنىڭ چۈشكۈنلۈك تەغدىرگە تەن بىرىش ھىسىياتى چىقىپ تۈرغان چىريىدىن مەن يەنەبىر ھاياتلىققا ھېرىشكەندەك خاتىرجەم بولدۇم  .مەن يەنە دادامغاتىكىلدىم دادامنىڭ مەڭزىدىن سىرغىۋاتقان مارجاندەك ياشلىرى دىرىزىدىن يۇپ يۇرۇق چۈشۈۋاتقان ئىللىق قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇراتتى ، دىرىزىدە ھېلىقى مەخلۇق يەنماڭا قاراپ تۇراتتى لىكىن دادام ئانام قېشىمدا بولغاچ مەن ئەمدى ئۇنىڭدىن ئازراقمۇ قورۇقمايتتىم ،مەن پەقەت دادام نىڭ مىنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم كۆڭلۈمدە دادام ۋە ئانامغا ئۈنسىز نىداقىلاتتىم دادا مىنى قۇتقۇزىۋال ،ئانا مىنى قۇتقۇزىۋال .........    
        
    ئاپتور : قىيان    

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قىيان _