مەن جالاپ ئەمەس(راست ئىشلار خاتىرىسى)

يوللىغۇچى : enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-14 19:50:24

مېنىڭ بەش يىلىم نۇرئىمانگۈل ئابلىز 1. ياق، مەن جالاپ ئەمەس ـ دادا، مېنى بارغىلى قويۇڭ، مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن مەكتەپ مۇدىرلىرى مېنى ساقلاپ قالىدۇ. رۇخسەت بېرىڭە دادا، ئۆتۈنۈپ قالاي. - . . ...

     

    مېنىڭ بەش يىلىم

    نۇرئىمانگۈل ئابلىز

     


    1. ياق، مەن جالاپ ئەمەس

     

     ـ دادا، مېنى بارغىلى قويۇڭ، مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن مەكتەپ مۇدىرلىرى مېنى ساقلاپ قالىدۇ. رۇخسەت بېرىڭە دادا، ئۆتۈنۈپ قالاي.
    - . . .
     ـ ئانا، دادامغا گەپ قىلىڭە، بۈگۈن قىلىدىغان ئىشلىرىمنى كېچىدىن ئۇخلىماي تۈگەتكەندىن كېيىن، ـ ئانام لەۋلىرىنى مىدىرلىتاي دەپ تۇرۇشىغا دادامنىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى يەنە ماڭا قادالدى.
     ـ ياق، ھەرقانچە ناھىيىنىڭ ھاكىمى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ بۈگۈن ھېچيەرگە بارمايسەن،-دادامنىڭ ئەلپازى بەكلا قەتئىي ئىدى.
     ـ بۈگۈن بارماقچى بولغان يېرىڭنىلا ئەمەس، قىلماقچى بولغان پۈتكۈل ئىشلىرىڭنى توختات. بۇ مېنىڭ ساڭا قىلغان بۇيرىقىم. نەچچە يىلدىن بېرى تېرىغان باش ئاغرىقىڭ يېتىپ ئاشىدۇ، - دادامنىڭ ئېيتقانلىرى دەرھەقىقەت، مېنىڭ ئۆيدىكىلەرگە سالغان خاپىلىقلىرىمنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.
     ـ دادا، مەن ئادالەتنى، ھەققانىيەتنى ياقلايمەن دەپ سىلەرگە نۇرغۇن جاپا سالدىم. بىراق مەن خاتا ئىش قىلمىدىم.
     ـ نېمە؟ يەنە مېنىڭ توغرا دەۋاتامسەن تېخى، دادامنىڭ ئېغىزى يەنە ئېچىلدى، - سىرتتىكى پىتنە - ئىغۋالارغا قاراپ باقە. سەن ئۇياتمىغىنىڭ بىلەن مەن تۇرالمىدىم مۇشۇ مەھەللىدە. ھۇ نومۇسنى بىلمەيدىغان رەسۋا!-دادامنىڭ رەسۋا دەپ چالۋاقىشى بىلەن تەڭ خۇددى قوقاس ئۈستىگە دەسسىۋالغان توخۇدەك ئىزىمدا تۇرالمايلا قالدىم.
     ـ مېنىڭ بىر ۋاقلىقىم خەقنىڭ ئۆيىدە ئەمەس دادا. باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىم يوق. ئۆزۈمنىڭ قىلغىنى ئۆزۈمگە دۇرۇس بىلىنسىلا شۇ يولدا داۋاملىق ماڭىمەن. بىر ياراتقان ئاللاھتىن قورقمىساق ئۇياتساق بولىدۇ، مېنىڭ يولۇمنى ھېچكىم توسىيالمايدۇ. كوچا - كويلاردا ئۆسەك سۆزلەرنىڭ بولۇشى ئۇ تەبىئىي ئەھۋال. مەن شۇنىڭدىن قورقۇپ سىرتقا چىقمامدىم. ـ مېنىڭمۇ ياشاش ئەركىنلىكىم بار، دېدىم مەن ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ.
     ـ ھەي، ھايۋان! مەندىن بىر كۈن رۇخسەت سورىدىڭما سەھەردە چىقىپ كەتسەڭ، قاراڭغۇ چۈشمىگىچە ئۆينى تاپالمايسەن. نەگە بارغىنىڭنى كىم كۆرۈپتۇ. خەقنىڭمۇ كۆزى بار. شامال چىقمىسا دەرەخ تەۋرىمەيدۇ.
     ـ دادا مەن خەقنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ كۆزىگە چېلىققۇدەك قايسى ئىشنى خاتا قىلدىم؟ - يىغلاپ تۇرۇپ چېچىلدىم.
     ـ ئۆزۈڭ بىلىدىغانسەن نېمە قىلغىنىڭنى. ئىشقىلىپ بۈگۈن بىر ياققا بېرىشىڭغا رۇخسەت يوق.
    مەن دادامغا يالۋۇرۇپ يېلىندىم، ئەھۋال چۈشەندۈردۈم، ئۆتۈندۈم. بىراق دادام پەقەت گەپ يېمىدى. ئاخىرى دادامنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىمايلا گۈللۈكنىڭ پەشتىقىغا قويۇلغان سومكامنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقماقچى بولدۇم.
     ـ بوسۇغا ئاتلايدىغان بولساڭ ئائىلە ئەزالىق تىزىملىكىدىن رەسمى ئۆچۈرۈلىسەن. ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچى بولما!
    مەن بىر ئىزىمدا خۇددى قېقىپ قويغان قوزۇقتەك تۇرۇپ گويا باش باھارنىڭ يامغۇرىدەك ياش تۆكتۈم. ئەتراپ جىمىپ قالدى.
     ـ ئىختىيارىڭىز دادا، مەن ئەقلىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئەنە شۇنداق ئېغىر بىسىم، بۇيرۇق پەرمانلار مەندىن خالىي ئەمەس. "سۇنى سىقسا ئالىقاندا تۇرماپتۇ" دېگەندەك شۇنداق تۇرۇپمۇ مەن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ تۈگەتتىم. ئابرويلۇق ئائىلىنىڭ قىزى بولماق خويمۇ قىيىن ئىكەن. ئۆزىڭىزنى ئاسرىغايسىز!
      
      مەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ئىككى تەرىپىدىكى ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈۋاتقان سۇۋادان تىرەكلىك مەھەللە يولىدا مەن ئۆزۈم تەنھا كېتىۋاتىمەن. ياز ئايلىرىنىڭ يېقىملىق شاماللىرى ياپيېشىل تەبىئەت مېنىڭ سولغۇن كەيپىياتىمغا تەسەللى بېرىۋاتقاندەك، كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. قەدەملىرىم شۇنچە مەيۇس، ئىچ - ئىچىمدىن چىقىۋاتقان ئازابلىق كۆز ياشلىرىم ئاپئاق يۈزلىرىمنى چالا يۇيۇلغان ئالمىغا ئوخشىتىپ قويغانىدى. مېنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم ئازاپ ئوتىدا ئۆرتىنەتتى. چۈنكى مەن باش پاناھىم، مەدەتكارىم بولغان دادامغا گەپ ياندۇرۇپ ئۆيدىن يېنىپ چىقتىم ئەمەسمۇ. مېنى ئادەم دېگىلى بولاتتىمۇ. بۇ دادامنىڭ مېنى ئۈچىنچى قېتىم ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىشى. بىراق ئالدىنقى قېتىملىرىدا ئائىلە ئەزالىق نوپۇسىدىن ئۆچۈرۈلدۈڭ دەپ باقمىغان. بۇقېتىم يامان يېرىگە بېرىپ يەتتى. مەن ئەنە شۇنداق خىيال دەرياسى ئىچىدە ئەللەيلىنىپ يېزىمىزدىكى ماشىنا توختاش بېكىتىگە بېرىپ توختىدىم. سائىتىمگە قارىسام مەن دېيىشىۋالغان ۋاقىتقا يېرىم سائەتلا قاپتۇ. خېلى ساقلىغان بولساممۇ ھېچبىر ماشىنا كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئاخىرى تېلېفون بوتكىسىغا بېرىپ ئانام تەرەپ تاغامغا تېلېفون قىلىپ ماشىنا ئېلىپ چىقىشىنى ئېيتماقچى بولدۇم. تېلېفون ئۇلاندى، لېكىن ئېلىنمىدى. مەن جىددىيلەشكەن ھالدا تۆت تەرەپكە تەڭ قاراپ قانداقتۇر بىرەر ماشىنىنىڭ كېلىپ قىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدىم.
     ـ ھە، ھازىر تېخى تېلېفون قىلغانما. بار ئۇ جالاپ. نېمىلىرى بولىدۇ ئۇ جالاپ.ـ تېلېفونچى قىزنىڭ قوپال تەلەپپۇزدا، قەستەن ماڭا ئاڭلىتىپ، ۋارقىراپ سۆزلىشى مېنى ئۆزىگە قاراتتى. قارىسام ئۇ قىز قولىدا تېلېفوننى تۇتۇپ تۇراتتى.
     ـ بۇ ماڭا كەلگەن تېلېفونمۇ نېمە؟ ھۇي نېمىشقا قويۇۋېتىسىز؟ سورىدىم مەن مەيۈس ھالەتتە.
     ـ تېلېفون مېنىڭ بولغاندىكىن قانداق قىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلىمەن، بولماپتىما، ھۇ بۇزۇق جالاپ.
     ـ ۋىييەي، سىز كىمنى تىللاۋاتىسىز؟ سورىدىم مەن.
     ـ ۋاي قوۋۇرغام، قانداق قىلاي ئەينۇلىلىقىنى، ئالدىمدا كىم تۇرغان بولسا ئەلۋەتتە شۇنى دەيمەندە...
    شۇ ئارىدا ئەتراپىمىزنى مىژژىدە ئادەملەر توپى ئورىۋېلىشتى، شۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرسى چىقىپ، ئايىمگۈل بۇ قىز ئەخەت ئوسمان ھاجىمنىڭ نەۋرىسى نۇرئىمانگۈل ئەمەسمۇ، خاتا تونۇپ قالمىغانسىز - ھە؟
     ـ ياق، ھەرگىز خاتا تونۇمىدىم. ھازىر ھاجىملار ئائىلىسى جالاپلار ئائىلىسىگە ئايلىنىپ قالاي دېدى. ئۇزۇن كىيىم كىيىپ يۈرگىنى بىلەن ئايىغىنى ئوچۇق قويىدىغان جالاپ خېنىملارنىڭ ھالىغا ۋاي. مۇشۇمۇ شۇ خېنىملارنىڭ بىرى. ئاچىسى ئاينۇر جالاپنىڭ سىڭلىسى نۇرئىمانگۈل جالاپ دەل ئۆزى شۇ. ئاينۇر جالاپنىڭ كاساپىتىدىن مېنىڭ ئىككى بالام يىتىم بولاي دەۋاتىدۇ. - ئەتراپىمدىكى كىشىلەر بىردەم بىر - بىرىگە قاراپ كۇسۇلداشسا، بىردەم مېنىڭ چىرايىمغا، ئۈستى - بېشىمغا تەكرار سەپسالاتتى.
     - بىرسىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ بىرنەرسە دېسەك بولمىغىدەك. قارىسا شۇنداق نەپىس كىنىۋاپتۇ بۇ قىز. ئىسلام كىيىملىرى ئىشرەتۋاز ئاياللارنىڭ ياخشى نىقابى بوپتۇغۇ ئەمدى.- ئوتتۇرا بوي، ئارا سېمىز بىر ئەركىشىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ماڭا قادالغان كۆزلىرىدىن، كۇس - كۇس پاراڭلىرىدىن قاتتىق ئەلەم ۋە خورلۇق ھېس قىلدىم. نومۇسنىڭ كۈچىدىن ئۆلۈپ كەتمىدىم، باشقىسى بولدۇم. شۇ مىنۇتلاردا ئاسمانغا چىقىپ كېتەي دېسەم يىراق، يەرگە كىرىپ كېتەي دېسەم قاتتىق، شەلپەردەك قىزارغان يۈزلىرىمنى  يەردىن كۆتۈرەلمەى ئېغىز ئېچىشقا ئامالسىز، ئۇلاردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەزەلدىن ئۇنداق كۆپ ئادەملەر، بولۇپمۇ ئەرلەر ئالدىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمايتتىم. تەلىيىمگە ماشىنىمۇ كېلىپ قالدى.
     مەن جالاپما؟ ئۇلار مېنى ھاجىملار ئارىسىدىن چىققان جالاپ خېنىم دەيدىغۇ. ياق، مەن جالاپ ئەمەس. مەن دېگەن قارى ھاجىمنىڭ نەۋرىسى، مەن جالاپلىق قىلمىغان تۇرسام ئۇلار مېنى نېمىشقا شۇنداق دەيدۇ. زادى، مەن نېمىشقا ئۇلارنىڭ سۆزىگە قارىتا گەپ قىلالمىدىم، ئۇلار مېنى تىللىدى، مەن تىللىيالمىدىم.
    دېمەك، مېنىڭ جەمئىيەت ئالدىدا تىلىم كېسىك، جەمەتىمىز ئىچىدىن نەۋرە ئاچامنىڭ شۇنداق يولغا مىڭىپ قالغانلىقى دەرھەقىقەت. بىراق مېنىڭ قايتا - قايتا نەسىھەت قىلىشىم بىلەن ئاچام توغرا يولغا قايتىپ ئاشخانا ئاچتىغۇ. ھازىر ھالال كەسپى بىلەن كۈندارچىلىق قىلىۋاتىدىغۇ؟ ئەجىبا ئۇ بىر ئۆمۈر جالاپ دېگەن نام بىلەن ياشارمۇ؟ جەمئىيىتىمىز، نادان خەلقىم، سىلەر باشقىلارنىڭ گۇناھىنى تونۇشىغا پۇرسەت بەرسەڭلار نېمە بولار!
    شوپۇرنىڭ بېكەتكە كەلدۇق دېگەن ئاۋازى مېنىڭ خىيالىمنى بۆلدى. باشقىلار ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەمشىلىۋېتىپتۇ. ئۇلار مېنى «ھەي جالاپ، سەنمۇ چۈشە» دەپ قويۇپ چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك، شوپۇرمۇ مېنى «ھەي، جالاپ چۈشمەمسەن ماشىنامدىن» دەپ تىللاپ كېتىۋاتقاندەك دەرھال بېكەتتىن چىقىپ ماڭدىم. بىراق يول ئۈستىدە ماڭا يولۇققانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى جالاپ دەپ تىللايدىغاندەك، نەۋرە ئاچامنىڭ ئىشلىرىنى يۈزۈمگە سالىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. پۈتكۈل جاھان كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ ماڭىدىغان يولۇمنىمۇ ئايرىيالماي بېشىم قايغان تەرەپكە كېتىپ قاپتىمەن. توساتتىن بېشىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئاغرىق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەيلا قالدىم. گاللىرىم قۇرۇپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى، بېشىم گويا كۈچلۈك پالتىدا چېقىلىپ ئۇۋۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك سىرقىراپ ئاغرىيتتى. كۆزۈمنى ئاچسام تۇرمۇش نەرسە - كېرەكلىرى ساتىدىغان ماگىزىننىڭ ئالدىدىكى كارىۋاتتا يېتىپتىمەن. ئاپئاق يۇمشاق بىر جۈپ قول چىكەمنى ئۇۋۇلاپ، يۇمىلاق بىر جۈپ مېھرىبان كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپتۇ. «قايسى ئىشرەتخانىدىن كەلگەن جالاپسەن» دېگەن ئاۋاز قۇلۇقىمغا ئاڭلانغاندەك بولدى. ۋارقىراپ كەتتىم.
     ـ ياق، مەن جالاپ ئەمەس، مەن جالاپ ئەمەس، مەن دېگەن ھاجىمنىڭ نەۋرىسى، ئىشرەتخانىغا كىرىشىمدە سەۋەب بار.
     ـ كىم سىزنى جالاپ دېدى. ھېلىقى مېھرىبان چىراي يۈز - كۆزلىرىمنى سۈرتتى، توپىلىرىمنى قاقتى.
     ـ سىزگە نېمە بولدى؟ ئىسمىڭىز كىم؟
     ـ ئىسمىم نۇرئىمانگۈل.
     ـ ئاۋۇ يەردە ئايلىنىپ يېتىپ قاپتىكەنسىز، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىزنى كۆتۈرۈپ بۇ يەرگە ئەكېلىپ ياتقۇزدۇم. سىزگە تاماق بۇيرۇتقان ئىدىم، قېنى ئىچىڭ، قىزىق ئاش ئادەمنىڭ زەھىرىنى ئالىدۇ.
       ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئايال مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قىزىق چۆچۈرە ئاشنى بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن ئىچۈردى. يەنە كېلىپ چۆچۈرە مېنىڭ ئەڭ ئامراق تامىقىم ئىدى. مەن بىر تەرەپتىن بۇ ئايالنىڭ ماڭا قىلغان ھېسداشلىقىدىن سۆيۈنۈپ جاھاندا يەنىلا ياخشى ئادەملەر باركەنغۇ دەپ مەمنۇن بولۇپ ياش تۆكسەم، يەنە بىر تەرەپتىن تېخى نەچچە سائەت ئالدىدىلا ئائىلەمدە ۋە تېلېفون بوتكىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە مەن ئىشرەتخانىغا كىرىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھېلىقى قىزلارنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى خىيالىمدىن ئەگىيتتى. جەمئىيىتىمىزدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق خاتا كۆزقاراشلىرى، پىتنە - ئىغۋالىرى نۇرغۇن قىزلارنى ھالاكەت يولىغا باشلاپ نابۇت قىلىۋاتىدىغۇ دېگەنلەرنى ئويلايتتىم - دە ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمنى تۆكەتتىم. ھېلىقى چۆچۈرە كۆز ياشلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ ئىچىلىۋاتاتتى.
     ـ بولدى، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، بىرەر ئىشتىن خاپا بولۇپ قالغاندەك قىلىسىز.
     - مېنىڭ خاپا بولغانلىرىم بەك جىق، كىمدىن خاپا بولغىنىمنى ئۆزۈممۇ ئويلاپ يېتەلمىدىم. مېنى بەكرەك خاپا قىلغىنى جەمئىيەت بىلەن نادان خەلقىمدەك قىلىدۇ.
     - قارىغاندا سىزنىڭ پىكرىڭىز باشقىچىرەكتەك تۇرىدۇ. خېلى مەزمۇنلۇق سۆزلەيدىكەنسىز. خەلقىمدىن خاپا بولدۇم دەيسىزيۇ، نېمە ئۈچۈن خاپا بولغىنىڭىزنى دېمىدىڭىزغۇ. خەلق دېگەن شۇنچە جىق تۇرسا، كونكىرىتراق دېمەمسىز.
     - جەمئىيىتىمىزدىكى خاتا چۈشەنچە، خەلقىمىزدىكى خاتا قاراش، پىتنە - ئىغۋا، ئۆسەك سۆزلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشرەتخانىدا دەپسەندىلىك، خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتسا مەن ئازابلانماي تۇرالايتتىممۇ؟
     ـ قارىغاندا، بېشىڭىزغا خىلى ئېغىر كۈنلەر كەلگەندەك تۇرىدۇ. شۇنداق يولدىن ئازغان قىزلار توغرۇلۇق مەلۇم چۈشىنىشىڭىز بار ئوخشىمامدۇ؟
     ـ ھەئە، مەن شۇنداق قىزلارنى كۆرگەن، مۇڭداشقان. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە لايىق ئارزۇلىرى بار. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ. كۆيۈشكە، سۆيۈشكە، مېھرىبانلىققا ئېرىشسەم، ئىناق ئائىلىگە ئېرىشسەم دەيدۇ. ئېغىزدىن بەدبۇي ھاراق پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان، قىلىقلىرى شۇنچىلىك لاۋزا، شۇنچىلىك قوپال ئەرلەرنى كۈتۈشتىن ئۇلارمۇ سەسكىنىدۇ.
     ـ ھوي گويا ئۇلار بىلەن تونۇشىدىغاندەكلا سۆزلەيسىزغۇ؟
     ـ توغرا، مەن شۇنداق ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. چۈنكى مەن ئىشرەتخانىلارغا كىرگەن.
     ـ نېمە؟ سىز تېخى شۇنداق جايلارغا كىردىڭىزما؟ قانداق سەۋەپ بىلەن شۇنداق جايلارغا كىردىڭىز؟ ئەمىسە بايىزە شۇنداق جايدىن چىقىپتىكەنسىز - دە؟
     ـ ياق، ياق، سىزمۇ مېنى خاتا چۈشەنگىلى تۇردىڭىز. ئۇنداق ئەمەس، مەن راستىنلا شۇنداق جايلارغا كىرگەن، نېمىشقا دېسىڭىز جەمئىيىتىمىزدە شۇ يولدىكى قىزلارغا يېغىۋاتقان نەپرەتنىڭ كۆپلۈكى، جەمئىيىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى «جالاپ، جالاپ» دەپ ھاقارەتلەشنىلا بىلىشى، لېكىن بۇلارنىڭ مۇشۇنداق يولغا كىرىشىگە زادى نېمە سەۋەب بولدى، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەردى بولۇشى مۇمكىن دەيدىغانغان ئادەمنىڭ يوقلىقى...
       مەن دەسلىپىدە جەمەتىمىزنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قوغداپ نەۋرە ئاچام ئاينۇرنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن شۇنداق جايلارغا كىرگەن ئىدىم. بەكلا ئىچكىرلەپ كىرىپ بەش يىل شۇ پاتقاق ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم. شۇ جەرياندا ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى پۈتكۈل قاۋاقخانىلارغا بىر قۇر كىرىپ چىقتىم. شۇ قىزلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم. شۇ جەرياندا قىمار قەرزىگە ھېسابلاپ ئۆز قىزىنى ئەرلەرنىڭ ھوجرىسىغا كىرگۈزۈپ بەرگەن، قىزىنىڭ لايىقى بىلەن تۆشەكتە يېتىپ قىزىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان، ئاي - كۈنى يىقىنلاپ قالغان كېلىننى خۇراپاتلىقنى ياقلاپ، تەتۈر پېشانە دەپ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغان، شۇنداقلا ئۆلۈم خەۋپىنى پەيدا قىلغان، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەڭ نەچچە يىلنىڭ ياقى سەرپ قىلىنغان چىقىملارنى تۆلەيسەن دەپ قىزىنى بېسىم ئاستىغا ئېلىپ، ھالاكەت يولىغا باشلىغان، قىزىنى كۆزلەپ ئانىسى بىلەن توي قىلىپ، ئانا - بالا ئىككىلىسىنى تەڭلا ئاياغ ئاستى قىلغان، ھايۋان سۈپەت دادىلارنى، ئانىلار، قېيىنئاتا - قېينانىلارنى، تىلى بىلەن دىلى بىر ئەمەس، ئىسلام تونىغا ئورىنىۋېلىپ ئالدىغا ھاجەتمەن بولۇپ بارغان بىچارە قىزلارنى دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنغان مىللىي مۇناپىق ھاجىملارنى بايقىدىم... مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈممۇ يەتكىچە خورلۇق، دەرد ۋە ئەلەم تارتتىم. كۆرمىگىنىم قالمىدى. شۇنداق جايلاردا بەش يىلدەك يۈرۈپ خىلى كۆپ قىزلارنى يامان يولدىن قايتۇرۇپ، نەۋرە ئاچامنىمۇ تېپىپ ئىشلار ئوبدان يۈرۈشكەندە بولسا خەلقىئالەم ئارىسىدا ئۆزۈم يامان ئاتاقلىق بولۇپ قالدىم. تېخى ئۆيدىن ھەيدەلدىم دەڭا.
     ـ ئەستا، بۇ ئىشنى قارىڭە، بەش يىل جەريانىدا سىزگە باشقىچە قاراشتا بولمىغان ئاتا - ئانىڭىز ئەمدى نېمىدەپ سىزنى ئۆيدىن قوغلىۋەتكەندۇ، ئەمدى.
     ـ راستىنى ئېيتسام، بەش يىلدىن بېرى گەرچە ئۆزۈم شۇنداق جايلاردا تۇرۇپ، قىزلارنىڭ ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرىنى ئىشتىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشنىڭ چارە - ئاماللىرىنى ئىزدەۋاتقان چاغلىرىمدا ئاتا - ئانام قارشى تۇرغان بولسىمۇ لېكىن قولىغا چىققۇدەك يامان ئىللەتلىرىم بولمىغانلىقى سەۋەپلىك كۆڭلىدە بىلىپ، ھەرھالدا مېنى «قىزىم» دەپ يۈرگەنىدى. بىراق ئۇلارنىڭمۇ سەۋر - تاقىتى چەكلىك -دەڭا. مەھەللە كويلاردا ئېقىپ يۈرگەن پىتنە - پاساتلار تۈپەيلىدىن توي ئىشىممۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم بۇزۇلۇپ كەتتى. يەنە كېلىپ مەن قىلىمەن دېگىنىمدە چىڭ تۇرۇپ كەلدىم، شۇڭا…
     ـ بايام سىز نەۋرە ئاچامنىمۇ تاپتىم، ئىشلار خىلى ئوبدان بولدى، دېگەنتىڭىزغۇ، يەنە شۇنداق جايلارغا بارىدىغاندەكلا «دادام بىلەن قارشىلىشىپ، قىلىمەن دېگىنىمدە چىڭ تۇردۇم» دەيسىزغۇ؟ زادى چىڭ تۇرغۇدەك قانداق ئىشتى ئۇ.
     ـ مېنىڭ تىككۈچىلىك ھۈنىرىم بار. شۇڭا مەن بەش يىلدىن بېرى كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمدىن ئازراق بولسىمۇ خۇلاسە چىقىراي، خورلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇ قىزلىرى ئۈستىدە ئازراق ئويلىناي دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن توپ - توغرا بەش يىل ئىزدەندىم. شۇ پاھىشە قىزلارنى چۈشەندىم، قۇدرىتىمنىڭ يېتىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ھەق يولغا دالالەت قىلدىم. گەرچە جەمئىيەت مېنى توغرا چۈشەنمىگەن، قارىلانغان بولساممۇ، لېكىن تەڭرى ئالدىدا، ئۆز ۋىجدانىم ئالدىدا پاك بىر قىزمەن. شۇڭا مەن بىر تىككۈچىلىك كەسپى سىنىپ ئېچىپ، شۇ سىنىپنى كارخانىلاشتۇرسام، ئىشسىز قىزلارنى ئازايتسام، ئازراق بولسىمۇ شۇلارغا چىقىش يولى بېغىشلىيالىسام بولاتتى دېگەن غەرەزدە ئازراق ئىش قىلغان ئىدىم. بۈگۈن شۇ ئىش ئۈچۈن دادام بىلەن تاكاللىشىپ قالدىم. قارىسام مەن ئىشرەتخانىغا كىرىپ سۆھبەتلەشكەن قىزلارنىڭ %70 ~ %80 سەھرا قىزلىرى ئىكەن. شۇڭا مەن ئىشنى سەھرادىن باشلىماقچى ئىدىم.
     ـ قىلالىشىڭىزغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟
     ـ جېنىم تېنىمدە بولسىلا چوقۇم قىلالايمەن. مەن مۇشۇ ئارقىلىق ساددا، نادان سەھرا قىزلىرىنىمۇ ھەقىقى بىر ياشاشقا كۆندۈرمەكچىمەن. ئويلاپ باقسام شەھەر قىزلىرى بىلەن سەھرا قىزلىرى ئارىسىدا خېلى ئوبدانلا پەرق بار ئىكەن. شەھەر قىزلىرى بولسا تولۇقسىزنى ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىن تارتىپ جەمئىيەتنى ئازراق بولسىمۇ بىلىدىكەن، پايپاق ياكى ئوسما بولسىمۇ ئېلىپ ساتىدىكەن. ۋەزىيەتمۇ شۇنىڭغا قىستايدىكەن، چۈنكى ئىككى موچەن بولمىسا ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ. بىراق سەھرا قىزلىرى ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ. سەھرا قانچىلىك گۈزەل بولسا سەھرا قىزلىرىمۇ شۇنچىلىك تەبىئىي، شۇنداق گۈزەل. ئۇلار ياسالمىلىقتىن، ساختىلىقتىن خالىي تەبىئىي مۇھىت ئىچىدە ياشىغاچقىمۇ بەكلا ئاق كۆڭۈل ھەم ساددا، باشقىلارنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ئاسانلا ئالدىنىپ قالىدۇ. سەھرا قىزلىرى خوراز چىللاش بىلەن تەڭ ئويغىنىپ، قۇياش پاتقانغا قەدەر ئېتىزدا ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئەجىر - مېھنىتىدىن پۈتكۈل كائىنات بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، شۇنداق ئەجىر ئىگىلىرى بىر ئۆمۈر ئېتىبارسىز ھالەتتە ياشايدۇ. سەھرا قىزلىرىدا قىلچە ئەركىنلىك يوق. ئۇلار قىلىمەن دېگىنىنى قىلىپ، ئارزۇلىرىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇلارنى قوللايدىغانلار، چۈشىنىدىغانلار يوق. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلار ئاسانلا ئىرادىسىنى يوقىتىدۇ.
       مەسىلەن ئالايلى: شائىرە مەلىكە ئاماننىسا خېنىممۇ سەھرا قىزى. ئۇ گۈزەل جامالى ۋە ئىستىبداتى بىلەن سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننى كۆيدۈرەلىگەن. ئاماننىساخاننى ئوردىغا خانىش قىلىپ يۆتكەيدىغان چاغدا «سەھرا قىزى» بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئوردىدا نۇرغۇن پىكىر، ئىختىلاپلىرى بولغانغۇ. كېيىنكى كۈنلەردە ئاماننىساخان سۇلتاننىڭ ياخشى كۆرۈپ قوللىشى بىلەن 12 مۇقامنى رەتلەپ چىقتى. ئۇ رەتلەپ چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقى مانا ھازىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنياغا تونۇلدىغۇ. مېنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى، بىرەر شەھەر يىگىتى سەھرا قىزىنى تويلاپ ئەكىرمەكچى بولسا، شەھەر قىزى بىلەن سەھرا قىزى ئوتتۇرىسىدىكى توي مېلى ياكى تويلۇق پۇل پەرقى، ھازىرقى ئەھۋالدا  مىڭ يۈەندىن 3 مىڭ يۈەنگىچە بولىدىغان گەپكەن. بۇنداق ئەھۋاللار دېگەن جىق. تولۇقسىزنى پۈتتۈرە - پۈتتۈرمەيلا ھېلىغۇ ئالىي مەكتەپكەن، شەھەردىكى بىرەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىنمۇ ئاتلىيالمايۋاتقان نۇرغۇن سەھرا قىزلىرى بار. بۇنداق ئىشلارنى ئويلىسام يۈرۈگۈم بىگىز سانجىغاندەك ئاغرىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۆزۈم بىر سەھرا قىزلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ باقاي دەپ شۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم. - مەن گويا ئۇزۇن يىل سولاقتا يېتىپ ئادەم قارىسىنى كۆرمىگەن، بىرەر بىر ئادەم چىرايىغا تەشنا بولغان كىشىدەك ئالدىمدىكى ئاق يۈزلۈك، يۇمىلاق كۆزلىرىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايالغا قارىغىنىمچە توختىماي سۆزلەپ كەتكەنىدىم.
     ـ بەكلا ھاسىراپ كېتىۋاتىسىز، دورا بولسىمۇ ئىچىۋالاتتىڭىز، دورا ئەكېلىپ بېرەيمۇ - يا؟ - ئالدىمدىكى بۇ بىر جۈپ كۆز يەنە ماڭا قاراپ مېھرىبانلىق بىلەن ھېسداشلىق ئارىلاشقان نەزەردە تىكىلىپ تۇراتتى.
     ـ رەھمەت بولدى. مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ دورام بار.- مەن ئېسىمنى يىغىپ سومكامنى ئالدىم ۋە ئىچىدىكى دورىنى چىقاردىم.
     ـ ئەكىلىڭە كۆرۈپ باقاي، قانداق دورا بۇ. ئۇكام بۇ دورىنى نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ، خاتىرىسىنى يوقاتقانلارغا ئۈنۈم بېرىدۇ، دەپتۇ. سىزنىڭ مېڭىڭىزدە ئۇنداق ئېغىر زەخىملىنىش بولمىغاندۇ؟
     ـ مېنىڭ بۇ كېسىلىم ئانچە يەڭگىل ئەمەس. تېخى بۇ دورىمۇ ئۈنۈم بېرەلمەيۋاتىدۇ. مەن بىرقانچە قېتىم ئىشرەتخانا خوجايىنلىرى تەرىپىدىن، جەمئىيەت داشقاللىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلدىم. ئاخىرى بۇ ئەھۋال كېلىپ چىقتى.
    يول بويىغا قاراڭغۇلۇق سايە تاشلىغىلىۋاتاتتى. مەن ئالدىمدىكى بۇ ئوقۇتقۇچى ئايالنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن قارىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە قاراپ بار - يوق ئەھۋاللارنى بىرقانچە قېتىم ئۇرۇلۇش جەريانىمنى، ئىشرەتخانا خوجايىنىنىڭ مېنى ئۇرغۇزۇپ بولۇپ، ئۆزى چىقىملىرىمنى تۆلەپ داۋالاتقانلىقلىرىنى، ئالدىنقى ئايدا تەكشۈرتكەندە مېڭە ئۆسمىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى، ئەمدى ئارتۇق داۋالانغۇدەك دەرمانىمنىڭمۇ يوقلىقىنى ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ سۆزلەپ بەردىم. بۇ ئايالمۇ بۈگۈن گويا مەن ئۈچۈنلا سىرتقا چىققاندەك جىمجىت ئولتۇرۇپ سۆزلىرىمنى تىڭشىماقتا ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، مەن كىرگەن ئىشرەتخانىلاردىكى ئەرلەرنىڭ، خوجايىنلارنىڭ يىرگىنىشلىك ھالىتى، يۇمران غۇنچىدەك قىزلارنىڭ ئېچىنىشلىق، پاجىئەلىك ھاياتى خىيالىمدىن ئەگىشكە باشلىدى. ئەتىگەن تېخى ئۆز مەھەللەم ئالدىدا «جالاپ» دېگەن ھاقارەتلىك نام بىلەن بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمەي ماڭغان تۇرسام، تېخى ئۆز دادام تەرىپىدىن «ئائىلە تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلدۈم»... خىيالىم گىچماچلىشىپ كەتتى. كوچا چىراغلىرى يېنىپ قاراڭغۇ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق چاغلاردا بىرگە چىنار دەرىخىنى يەنە بىرگە قاننى كۆرسەم نېرۋام كاردىن چىقىدۇ. چۈنكى مەن تۇنجى قېتىمدا چىنار دەرىخىگە ئېسىلىپ ئۇرۇلغان...
    ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتىمەن. ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ دېيىشىچە توختىماي «مەن جالاپ ئەمەس، مەن جالاپ ئەمەس» دەپ تەكرارلايدىكەنمەن. ئاخىرى ئۇ خانىم مېنى يۆلەپ يۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى مەن بىلەن تەپسىلى پاراڭلىشىش ئارقىلىق دادامغا بەزى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ مېنى ئۆيۈمگە ئاچىقىپ قويماقچى بولدى. ماڭا نۇرغۇن ياخشى سۆزلەر بىلەن تەسەللى ۋە ئىلھام مەدەتلەرنى بەردى. شۇ خانىمنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن، بەش يىل جەريانىدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمنى ئەينەن بايان قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.

     

    2. ئانا مېھرىگە قانمىغان بوۋاق

     

    1998 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى (چارشەنبە) جەمەتىمىز ئۈچۈن تولىمۇ قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى. ئۇ كۈنى ئۇستازىم، يولباشچىم، جەمەتىمىز مۆتىۋىرى بوۋام ئەخەت ئوسمان ھاجىم بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. ئائىلە ئەزالىرى، ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنا جامائەت بىلەن بىرگە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ئۇزاتتۇق. جەمەتىمىزگە كەلگەن كۈلپەت بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ قالمىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى. ئەخەت ئوسمان ھاجىم جەمەتىنىڭ چوڭ كىچىك ئەزالىرى، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان دېھقانچىلىق قىلىۋاتقان، ھاشاردا، ئېتىز ئەمگەك باشلىرىدا يۈرگەن بولسىمۇ يۈزى يەرگە قادىلىپ بېشىنى ئۈستۈن قىلالمىغىدەك ھالدا ئابرويىمىز تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ھەر قەدەمدە بىر ئېغىر ھاقارەت، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ساماننىڭ تېگىگە سۇ قۇيۇپ قىلغان غۇت - غۇت سۆزلىرى جەمەتىمىزنىڭ يۈرەك - يۈرەكلىرىنى يارا قىلاتتى.

    ئىلگىرى قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ تەكلىپلىك مۇددەرىسى بولغان، ئىلىم - مەرىپەت نۇرىنى تارقاتقان، مەھەللە كويدا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىمغا باشچىلىق قىلىپ ئەلنى شەرىئەت بىلىملىرى بىلەن تونىتىپ يۈرگەن خەلپىتىم، ھاجىم جەمەتىنىڭ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى مېنى يېنىش - يېنىش ئويغا سالاتتى. بوۋام قازا قىلغاندىن كېيىن جەمەت باشچىلىق ۋەزىپىسى دادامغا قالدى. داداممۇ ئىچ - ئىچىدىن خۇرسىناتتى. چوڭ - چوڭ نەپەس ئالاتتى. بولغۇلۇق بوپ بولغان تۇرسا خۇرسىنماي ئەمدى نېمىمۇ قىلالىسۇن. چۈنكى خەلپىتىم ھاجىم ئائىلىسىنىڭ 5 - نەۋرىسى ئاينۇر تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق ئىشتا بىز باشقىلارغا بوزەك قىلىنىپ ياشىدۇق. نېنىمىزنى جايلاپ يەيمىز دېگەن ھامان نەۋرە ئاچام ئاينۇرنىڭ قىلمىشى پىشانىمىزگە دوققىدە ئۇرۇلاتتى. ھەتتا جەمەتىمىز ئىچىدىن مەزىنلىك، ئىماملىق قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ سۆزلىرى بۇرمىلىنىدىغان، چەتكە قېقىلىدىغان بولدى. دادام بىرقانچە قېتىم تاغامغا «ئاينۇرنى ياندۇرۇپ چىقىڭ» دېسە، تاغامنىڭ ئۆيىدىكىلەر «بار يېرىنى بىلمەيمىز» دېگەننى باھانە قىلىپ، سەل قاراپ تۇرىۋەردى. ئاخىرى دەرغەزەپ بولغان دادام بىزنى تاغامنىڭ ئۆيىگە چىقىشتىن چەكلىدى. مەقسىدى: تاغام ئائىلىسىنى مەخپى يوسۇندا خىجىل قىلىپ، قىزىنى تېپىشقا قىستاش ئىدى. بىراق ئىشلار ئويلىغاننىڭ دەل ئەكسىچە بولدى. تاغام ئائىلىسى بىلەن ئائىلىمىز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ئاداۋەت كۈنسېرى كۈچىيىۋەردى. بىز بىر - بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە ئاياغ بېسىش ئۇياقتا تۇرسۇن يول بويلىرىدا دوقۇرۇشۇپ قالساقمۇ تەتۈر قارىشىدىغان ھالەتكە يەتتۇق. جەمەتىمىز پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان نەۋرە ئاچامغا ئىچ - ئىچىمدىن ئۆچ بولۇپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساممۇ پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ جۇغۇلداپ كېتەتتى. ئۇخلىساممۇ ئۇنى تىللاپ چۈش كۆرەتتىم. كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى. مەن گەرچە ئۇنىڭغا ئۆلگۈدەك ئۆچ بولساممۇ ئۇنىڭ نەۋرە ئاچام ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى يوقىتىۋېتەلمەيتتىم. گەرچە ئۇ جەمەتىمىزنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان، يۈزىمىزنى تۆككەن بولسىمۇ، يەنىلا بىر دەرەخنىڭ غولى ئىدۇق. ئۇنىڭغا قادالغان مىخ ھەممىمىزنىڭ يۈرىكىنى سىرقىرىتاتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۆچ بولساممۇ، كەينىدىن تىللاپ يۈرسەم، ئەمەلىيەتتە ئۆز جەمەتىمنى، ئاتا - ئانا، تاغا - ھاممىلىرىمنى تىللىغان بولمامدىمەن دەپ ئويلىدىم - دە، ئۇنى خۇپىيانە ئىزدەش نىيىتىگە كەلدىم. كۈندە ھۈنەر قىلغىلى بارغاچ - كەلگەچ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «بارمىش كېتىپ بارىمىش» دېگەندەك ئېنىقسىز يىپ ئۇچىغا ئېرىشتىم. مىش - مىش خەۋەرلەردە ئاڭلىغان ئاينۇرنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى مېنىڭ ئۆتەر يولۇمنىڭ ئارقا كوچىسىدا ئىكەن. شۇ خەۋەردىن كېيىن مەن كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن چوڭ يولدىن ماڭىدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىپ پىيادە ئارقا كوچا بىلەن مېڭىپ، قەستەن كەچرەك ياكى بەكلا سەھەر مېڭىشنى ئادەت قىلدىم. مەقسىدىم ھەممىگە ئايان نەۋرە ئاچامنىڭ دېرىكىنى ئېلىش، جەمەتىمنىڭ ئىززەت - ئابرويىنى قوغداش ئىدى.

    مېنىڭ ئۆتەر يولۇمدا كۈندە دېگۈدەك تەكرارلىنىۋاتقان بىر ئەھۋال ماڭا تولىمۇ غەيرى ھەم بىمەنە بىلىندى. مەن ئۆمرۈمگە كېلىپ تۇنجى يولۇقتۇرغان بۇ ئەھۋالدىن تولىمۇ ئەجەبلەندىم. يەنى بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئۆز ئەسلىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەجدادى ۋە بۈيۈك نەسەبى ماڭغان يولدىن يىراقلاپ گويا ناسارالاردەك كىيىنىپ ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ تىل سەسكىنىدىغان لاۋزا سۆزلەر بىلەن قاۋاقخانا ئالدىدا تۇرۇپ ئىچكىرىسىگە مېھمان چاقىراتتى.

    «ھەي ئۇيغۇر قىزلىرى! قېنى سىلەردىكى شەرمى - ھايا، قىزلارغا خاس سۈپەت، ئەدەپ - ئەخلاقچۇ؟ ئەجەبا سىلەر مۇشۇ كەسىپنى قىلىپ باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراشقىلا يارالغانمۇ» دەيتتىم ئۆز - ئۆزۈمگە. دەسلىپىدە ئۇ قىزلارغا نەپرەت ئوقۇدۇم. شۇلارنىڭ كاساپىتىدىن نۇرغۇن ئائىلە بۇزۇلۇپ، سەبىي بالىلار يىتىم بولىۋاتىدۇ. قانچىلىك جازالانسا ئازلىق كېلىدۇ بۇلارغا دەپ ئويلىدىم. كېيىنچە بولسا «ياق، ئالدىراپ ئۇنداق يەكۈن چىقارماي، مېنىڭ نەۋرە ئاچام ئاينۇرمۇ مۇشۇ يولدا كېتىۋاتىدۇ. ئۇمۇ شۇنداق  ياخشى بىر ئائىلىنىڭ قىزى ئىدىغۇ؟ تۇرمۇش تراگېدىيىسى ئۇنى مۇشۇ يولغا قىستىدى. بەلكىم مۇشۇ پاھىشە قىزلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەردى بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلىسام يەنە بىر تەرەپتىن «بۇلارنىڭ زادى بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولى يوقمىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىزدەنمەي بوشاڭلىق قىلامدۇ - يە!» دەپ ئويلايتتىم. مەن ئەنە شۇنداق ئوي خىياللىرىم بىلەن يەنىلا شۇ ئارقا يولنى بويلايتتىم. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گويا شۇ ئارقا كوچىغا بىر خىل رىشتىم باغلانغاندەك مېھرىم چۈشۈپ قالدى. 

    زېمىستان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرى ئۇدا ئىككى ھەپتە توختىماي ياغقان قار يەر يۈزىگە ئىككى - ئۈچ غېرىچچە (50cm) بېسىلغان بولۇپ قاتتىق سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى. مەن كۈندىكى ئادىتىم بويىچە شۇ ئارقا يولدا يېگانە كېتىپ باراتتىم. قاش قارىيىپ، كۆز باغلىناي دېگەن مەزگىل، بىر قاۋاقخانا ئالدىدىكى تالاش - تارتىش، ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋازلىرى مېنىڭ دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتتى. مەن تازا دىققىتىم بىلەن كۆزەتسەم بۇ ئىش ئەسلى 22 ياشلار ئەتراپىدىكى، نازاكەتلىك بىر قىز بىلەن 45 ياشلار ئەتراپىدىكى يۈزلىرى چوقۇر يوغان قورساق دۇكان خوجايىنى ئوتتۇرىسىدىكى غوۋغا ئىكەن. قىزنىڭ كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياشلار تۆكىلىۋاتاتتى. ئاۋازلىرى بوغۇلۇپ چىققاچقا ئانچە ئىلغا قىلالمىدىم. ئارىدىن 20 مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتتى. ئاقىۋەت ھېلىقى دۇكان خوجايىنى قىزنىڭ قولىدىكى بوقچا قاتارلىق نەرسە - كېرەكلىرىنى تارتىۋېلىپ، قىزنىڭ يالۋۇرۇشىغا پىسەنتمۇ قىلماي قىزنى قۇرۇق قول ياندۇردى. مەن قىزغا ئەگەشتىم، قىز خىلى يول يۈرگەندىن كېيىن يول بويىدا توختىدى ۋە يول بويىدىكى دەرەخكە ئېسىلىپ، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى شۇنچىلىك سوغۇق ۋە شۇنچىلىك ئازابلىق ئىدى. ئۇ ھەتتا مېنىڭ يىنىدا تۇرغانلىقىمنىمۇ سەزمىدى. خۇددى ھېلىلا سەھنىگە چىقىدىغان ئارتىستەك ياسىنىۋالغان بۇ قىزنىڭ ئۈستى - بېشى بەكلا يېلىڭ ئىكەن. مەن پەلتۇيىمنى سېلىپ قىزنىڭ ئۇچىسىغا ياپتىم. قىز چۆچۈپ كەتتى ۋە ئەجەبلىنىش نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى.
     ـ قارىسام توڭلاپ كەتكەندەك قىلىسىز. شۇڭلاشقا... باشقا غەرىزىم يوق. - قىزنىڭ مىختەك قادالغان كۆزلىرى مەندىن ئاستا يىراقلىدى.
    ـ  تۇرىڭە، ماڭايلى. بۇنداق تۇرىۋەرسەك توڭلاپ كېتىدىكەنمىز، - دېدىم مەن قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ. ئويلىمىغان يەردىن مېنىڭ قولۇم سىلكىۋېتىلدى.
     ـ ئوھۇش، نېە كارىڭىزتى مەن بىلەن. ئىشىڭىزنى قىلىڭە. - قىزنىڭ مۇئامىلىسى ناھايىتى سوغاق ئىدى.
     ـ مەن خاتا سۆز قىلمىغاندىمەن. سىزگە دوستانە قىياپەتتە ھېسداشلىق قىلىۋاتىمەن، - دېدىم مەن.
     ـ ۋاي قوۋۇرغام قانداق قىلاي. ماۋۇ خېنىمنىڭ ھېسداشلىقىنى، قانداقسىگە ھېسداشلىقىڭىز تۇتۇپ قالدى؟
     كۆز ياشلىرىڭىزغا قاراپچۇ. ھەرگىز ئارتۇق ئويلىماڭ.
     ـ سىز ھەممىنى كۆردىڭىزما؟ ئەسكى يەردە تۇرغىنىمنىمۇ؟
     ـ توغرا، مەن ھەممىنى كۆردۈم.
     ـ مېنىڭ پاھىشە قىز ئىكەنلىكىمنىمۇ بىلدىڭىز؟
     ـ تېخى ئېنىق جەزىملەشتۈرەلمىدىم.
     ـ بىلمىگەن بولسىڭىز ئېنىق بىلىۋېلىڭ. مەن بولسام بىر پاھىشە قىز، سىلەردەكلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا، دوستلۇقىغا ھەرگىز ئەرزىمەيمىز، - دېدى قىز تاماكىسىنى قاتتىق شوراپ تۇرۇپ.
     ـ ئىسمىڭىز نېمە؟ - سورىدىم مەن.
     ـ ھۆرىگۈل.
     ـ سىز ئۆزىڭىزنى پاھىشىمەن دەپ ئېتىراپ قىلىدىكەنسىز - يۇ، يەنە نېمىشقا شۇ ئىشنى قىلىسىز؟
     ـ نېمە كارىڭىز مەن بىلەن. مەن يا جالاپلىقىمنى سىزگە يۈكلەپ قويمىغاندىمەن. سىزگە زىيىنى يەتتىمۇ يە! - ھۆرىگۈل شالىنى چېچىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى.
     ـ ماڭىغۇ زىيىنىڭىز يەتمىدى، يەتكەن ھالەتتىمۇ سىزنى يەنىلا دوستۇم دەپ قارايمەن. چۈنكى بىز بىر مىللەت، بىر دىندىن. يەنە كېلىپ ھەر ئىككىلىمىز قىز بالا ئەمەسمۇ. يەنە بىر ئىشنىمۇ سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي، ئەگەر سىز مۇشۇنداق كېتىۋەرسىڭىز ماڭىلا ئەمەس پۈتۈن جەمئىيەتكە زىيىنىڭىز يېتىشى مۇمكىن، بۇ دەل ھەقىقەت.
     ـ توختاڭ، -مېنىڭ سۆزۈمنى بۆلدى ھۆرىگۈل، - جەمئىيەتتىن ئېغىز ئېچىپ قالدىڭىز، مېنى مۇشۇ يولغا كىرىشكە مەجبۇرلىغان دەل ئاشۇ جەمئىيەت. جەمئىيەتتىكى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم. بېشىمغا شۇ ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە ئەڭ يېقىن ئادەملىرىممۇ ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلماي ماڭا ئازراق ھېسداشلىق قىلىپ، ياردەم قولىنى سوزغان بولسا مەن بۇ كۈنگە قالماس ئىدىم.
     ـ بېشىڭىزغا كەلگەن قانداق ئېغىر كۈن ئىدى ئۇ؟ يەڭگىلى بولمايدىغان.
     ـ ...
     ـ قايسى يېقىن تۇققانلىرىڭىز ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلدى؟
     ـ ئاساسلىقى مومام، تاغام، ھاممىلىرىم، ئاندىن قالسا يۇرتداشلىرىم بولمامدۇ.
     تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟
    ـ ھۆرىگۈل بېشىنى تۆۋەن سالدى. چىرايىدىن ماقۇل بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. كېچە ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇراتتى. ھۆرىگۈل سۆز باشلىدى.
     ـ مەن تولۇقسىزنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم ئىدى. سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ئەمدىلا مەكتەپتىن كېلىپ تۇرۇشىمىزغا تولىمۇ قايغۇلۇق بىر شۇم خەۋەر يېتىپ كەلدى. ئاي - كۈنى يېقىنلاپ قالغان ئانام بىلەن سىڭلىم ئۈچىمىز نەخ مەيدانغا بارساق، پاختا زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان دادام خىزمەت ئۈستىدە تاسادىپىي ھادىسە سەۋەبىدىن بەكمۇ ئىچىنىشلىق ھالدا قازا قىلىپتۇ. ئالەمچە قايغۇ ئىچىدە دادامنىڭ مىيىتىنى ئۇزاتتۇق. ئويلىمىغان يەردىن مومام مۇسىبەت يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپلا ئانامنى كۆرگەنلا يەردە «ئوغلۇمنىڭ بېشىغا چىققان تەتۈر پېشانە خوتۇن» دەپ تىللاپ قارغاپ يۈرەتتى. ئارىدىن 15 كۈنمۇ ئۆتمەي تۇرۇپ، بىر كۈنى كېچىدە ئانامنىڭ قورسىقى ئاغرىپ، تولغىقى قىستاپ، تۇغۇتى قىيىنلىشىپ كەتتى. ئانامنى دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپارمىساق بولمايتتى. تاغامدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن مومامنىڭ ئۆيىگە چىقتىم. تاغام چىش يېرىپ بىر نېمە دەپ بولغىچە مومامنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى. «ئاناڭ دېگەن بەدبەخ، داداڭنىڭمۇ بېشىنى يىدى، نېمە كۆرسە ئازلىق قىلىدۇ» دەپ ياردەم ئورنىغا گەپ بېرىپ، تاغامنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. ئۆيگە كىرسەم ئانام تېخىچە قاتتىق ۋايجانلاپ يېتىپتۇ. ئاخىرى ئېشەك ھارۋىنى جابدۇپ ئانامنى ھارۋىغا سېلىپ، سىڭلىم بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدۇق. تۈن كېچە، ئەتراپ زۇلمەت قاراڭغۇ، ئۆيىمىز بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئارىلىقى 4 كىلومېتىرچە كېلەتتى. يول يېرىملىشاي دېگەندە ئېشەك كاتاڭغا چۈشۈپ، ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭغان 13 ياشلىق سىڭلىمنىڭ بوينى قاتلىشىپ، يۇلۇن ئۈزۈلۈپ، نەق مەيداندا قازا قىلدى. بىر يېنىمدا سىڭلىمنىڭ جەسىدى، يەنە بىر يېنىمدا ئانام ئاچچىق تولغاق ئازابىدا سىڭلىمنىڭ جەسىدىگىمۇ قارىغىدەك ھالى يوق ۋايجانلاپ ياتىدۇ. مەن ئۆزۈم يالغۇز، تۇرغان يېرىمىز جاڭگاللىق بولغاچقىمۇ مېنى سۈر بېسىپ قورققۇم كېلىپ تۇراتتى. بىر قىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق قاتتىق كۈن بولماس. ھۆرىگۈل سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگىنىدە ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى. مەن راستىنى دېسەم بۇنداق قاتتىق كۆز - يېشىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭغا ئۈزۈلدۈرمەي تەسەللىي قىلدىم. يېشىنى سۈرتتۈم.
     ـ كېيىن قانداق بولدى؟ ئانىڭىزچۇ؟ ھازىر نەدە؟
     ھۆرىگۈل تىنىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋام ئەتتى.
    -شۇ تەرىقىدە قىينىلىپ، بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىشى بىلەن تەڭ ئانامنىڭ كۆزى يورۇدى. ئىنىم دۇنياغا كۆز ئاچتى. بامدات نامىزىغا ماڭغان كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە تۇغۇتىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلارنى تۈگىتىپ، مەھەللىگە قايتىپ كەلدۇق. سىڭلىمنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىكىگە قويدۇق. بىر ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار ئائىلىمىزگە ئىككەيلەننىڭ ئارقا - ئارقىدىن قازا قىلىشى، چوڭلارنىڭ بىزنى تەلۋىلەرچە ھاقارەتلىشى تولىمۇ ئېغىر كەلدى. بۇنى ئاز دەپ يېڭى تۇغۇتلۇق ئانام قىرقى توشمايلا غەلىتە بىرخىل كېسەلگە گىرىپتار بولدى. دەسلىپىدە ئېپى - مەھەللە، قۇلۇم - قوشنىلار كۆكسىگە قوقاق تۇرۇپ قاپتۇ دەپ قوقاق تېشى سۈرۈشنى، يەرلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سوپۇنى بىلەن سۈرتۈشنى ئېيتتى. قۇلاق ئاڭلىغان، كۆز كۆرگەننىڭ ھەممىسىنى قىلغان بولساقمۇ ھېچ نەتىجىسى بولمىدى. كېيىنچە ئانامنىڭ ھەربىر كۆكسى خىمىر چەيلەيدىغان داستەك يوغىناپ كېتىپ ئەركىن نەپەس ئالمىقى خېلى بىر گەپ بولۇپ قالدى. ئاقىۋەت 47 كۈنلۈك بولغان ئىنىمنى دادامنىڭ يېقىن دوستىغا ۋە شۇ كىشىنىڭ ئايالىغا ھاۋالە قىلىپ قويۇپ، ئانامنى ئۈرۈمچىگە ئاپاردۇق. نەتىجىدە ئانامنىڭ كۆكسىنى ئوپراتسىيە قىلىپ، ھەربىر كۆكسىدىن بىر كىلوگىرامدىن قان - يىرىڭ ئارىلاش سۇ تارتتى. ئانام كارىۋاتتىن چۈشكىدەك بولغاندا ئېلىپ بارغان پۇل تۈگەپ ئامالسىز يۇرتقا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇق، دادامغا بەرگەن ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى مومام «داداڭ مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم، ئۇ مېنى ۋە باشقا ئېنى - سىڭىللىرىنى بېقىشى كېرەك ئىدى» دەپ بىر پۇڭنىمۇ بىزگە تۇتقۇزمىدى. ئانامنى داۋالىتىش ئۈچۈن قەرز ئالغان قەرز ئىگىلىرى قەرزنى سۈيلەپ كېلىۋەردى. ئۆيىمىزدە ئىنىمغا سۈت پاراشوكى ئالغىدەكمۇ پۇل قالمىغان. ئاخىرى قورۇ جايىمنى سېتىپ، قەرزنى قايتۇرۇپ، ئېشىپ قالغان پۇل بىلەن ئۆيدىكىلەر شەھەرگە كۆچۈپ كىردۇق. تاغا - ھاممىلىرىممۇ بىزنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئورنىغا تېرىلغۇ يەر ۋە باش - ۋارانلىرىمىزنى ئىگىلەشكە ئاران ئۈلگۈردى. مومام ۋە تاغا - ھاممىلىرىمنىڭ تاپا - تەنىلىرىدىن قېچىپ شەھەرگە كىرىۋالدۇق. شەھەردە ئىقتىسادىي بېسىمغا ئاسانلا تۇتۇلدۇق. ئۆي ئىجارىسى، توك، سۇ پۇلى، تۇغۇلۇپ تېخى دادا يۈزى كۆرمىگەن ئىنىم تېخى كۆزىنى پارقىرىتىپ ياتقان، ئانامنىڭ كېسىلى يەنە ئەدىۋالدى. مەن باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىدىم. ئۈچ چاقلىق ھارۋىدا كىراكەشلىك قىلدىم. بىراق ئائىلەمنىڭ چىقىملىرىغا چىقىنالمىدىم. ئاقىۋەت مۇشۇ يولغا مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم.
     ـ سىزنىڭ شۇنداق ئېغىر كۈنلەردە ياشىشىڭىزغا سەۋەپچى بولغان، ھەم قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرغان قايسى يېزىنىڭ خەلقى ئۇ. سىزنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىڭىز نەدە؟ - سورىدىم مەن، ھۆرىگۈل سوئالىمغا جاۋاب بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدى بولغاي «مېنىڭ شۇ مەھەللىنى تىلغا ئالغۇم يوق » دەپلا گېپىنى ئۈزۈۋەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىدىن گۇمانلانغاندەك تەلەپپۇزدا سورىدىم ئۇنىڭدىن:
     ـ بۇ مۇمكىنما؟ ھۆرىگۈل، كېلىشمەسلىكنىڭ ئارقا - ئارقىدىن كېلىشى، شۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قالامدۇ؟
     ـ سىز مۇمكىن دېسىڭىز مۇمكىن، مۇمكىن ئەمەس دېسىڭىز مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى مەن دېگەن جەمئىيەتتە ئەخلەت بولۇپ ياشاۋاتقان، ئېتىبارسىز بىر قىزمەن. ئېتىبارسىز ئادەمنىڭ سەمىمىيلىكىمۇ يالغان دەپ قارىلىنىدۇ ئەمەسمۇ. بىزنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىمىز ئاۋۇ كوچىدا. پەس كۆرمىسىڭىز يۈرۈڭ، كىرىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ.
    ـ ھۆرىگۈل مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ راست، يالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، پۇرسەتنى ئەۋزەل بىلىپ قىلچە تارتىنمايلا ئۇ باشلىغان ئۆيگە قەدەم باستىم. دەرۋەقە ھۆرىگۈلنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر ئىكەن. ھۆرىگۈلنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھېلىقى بوۋاق بەش ياشقا كىرىپتۇ. ھۆرىگۈل مېنى تۆرگە باشلاپ بىر پىيالە چاي تۇتۇپ تۇرۇشىغا:
     ـ قىزىم مەن بۇيرىغان ئىش قانداق بولدى؟ دەپ سورىدى كېسەل ئانا.
      ـ ئەتىلىككە چوقۇم ھەل بولىدىغان بولدى، ئانا ،- دەپ جاۋاب بەردى ھۆرىگۈل كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ.
     ـ مېنىڭ كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ، ئاخىرى جەسىتىم تالادا قالىدۇ، - دېگىنىچە يىغلايتتى ئانا. ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆكسىنىڭ ئۇچى ھېلىھەم شەلۋەرەپ تۇراتتى. ئۆيدىن چىقىپ تۇرغان غېرىپلىق، نامراتلىق سادالىرى مېنى ئۇزۇن تۇرۇشقا تاقەتسىزلەندۈرۈپ قويدى. يېنىمدىكى 15 يۈەن پۇلنى ھۆرىگۈلنىڭ ئانىسىنىڭ بېشىدا قويۇپ خوشلاشتىم. ھۆرىگۈل مېنى ئۇزىتىپ چىقتى.
     ـ ئانىڭىز سىزگە قايسى ئىشنى ھاۋالە قىلغانىدى؟
     ـ نېمىش بولماقچىدى. يېزىدا دادام بىلەن سىڭلىم قويۇلغان قەبرىستانلىقتا، ئۇلارنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا يەنە بىر كىشىلىك ئورۇن بار ئىدى. ئانام بىر يىل ئاۋۋال بۇرنۇمغا ئۆلۈم پۇراپ تۇرىدۇ، ئۆلگەندە بولسىمۇ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە ياتاي دەپ مېنى مەھەللىگە چىقارغانىدى. ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن مەھەللىدىكىلەر «قىزىنى ساتقان بۇ بۇزۇقنى بۇ مازار قوبۇل قىلالمايدۇ» دەپ چالۋاقاشتى. غەۋغاچىلارنىڭ بېشى يەنىلا مېنىڭ شۇ تاغىلىرىم بولدى. شەھەر ئىچىدىكى بىرەر مازاردىن بىر كىشىلىك ئاخىرەتلىك يەرلىك ئالاي دېۋىدىم، كۆچمە نوپۇس بولۇپ كەلگەنلەرگە ئۈچ مىڭ يۈەندىن كەم بولسا يەرلىك سېتىۋالغىلى بولمايدىكەن. پۇل بولغان ھالەتتىمۇ ئارقا ئىشىك، مۇناسىۋەت بولمىسا ھېچ ئىشنى قىلغىلى بولمايدىكەن. ئۈچ ئايدىن بېرى شۇ ئىش بىلەن مېڭىۋاتىمەن. ھېچ بىر ھەل بولىدىغاندەك ئەمەس. مەن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم، ئەمدى قانداق قىلاي. دادامغۇ بىزنى بىر تالاي كۈلپەتكە تاشلاپ قويۇپ بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن. بىچارە سىڭلىممۇ كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە قازا قىلدى.
    ھۆرىگۈلنىڭ سۆزلىرى ۋە ئائىلىسىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار كۆزىنى ياشلاپ تۇرغان بىچارە ھالىتى ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ يۈرەك - باغرىنى ئېزەتتى. مەن نەۋرە ئاچام ئاينۇرنىڭ دېرىكىنى قىلماقچى بولۇپ ئۇ يەرگە يېقىنقى بىرەر يىل ئىچىدە يېزىدىن كىرگەن پالانى رەڭلىك قىز بارمۇ؟ دەپ ئاينۇرنىڭ چىراي تۇرقىنى ئەينەن سۈرەتلەپ بەردىم. ھۆرىگۈل ماڭا ئىسمىنى ئارزىگۈل دەپ ئاتىۋالغان بىر قىزنىڭ بارلىقىنى، بەكلا ياۋاش بولغاچقا باشقا دۇكانغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇ قىزنىڭ خوجايىن بىلەن تازا دېگەندەك چىقىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ھېلىقى ئارزىگۈل ئىسىملىك قىزنىڭ ھازىرقى ئورنىنى ئېنىقلىۋېلىپ ھۆرىگۈلگە يېنىش - يېنىش تەسەللى ئېيتىپ، ئۈمىدۋار بولۇشقا ئۈندەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
    ئەتىسى كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ بۈگۈن ئاينۇرنى تاپىدىغان بولدۇم دەپ ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بىر ئەر كەسىپدىشىمنىڭ ياردىمىدە غەيرەتلىك ھالدا تۇنجى بولۇپ «يىگىت جاسارىتى» قاۋاقخانىسىغا كەلدىم. ئۇ يەرگە كىرىش ماڭا ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى. مەنمۇ ھېلىقى كەسىپدىشىمغا ئوخشاشلا ئەرەنچە ياسانغان ئىدىم، ئۇزۇن چېچىمنىڭ ئۇچى ئەرەنچە تۇماقتىن چىقىپ قىلىپ تاسلا قالدىم چانغىلى، تۇيدۇرمايلا ئوڭشىۋالدىم.
    ئۇ يەرگە كىرىپلا ئۇچراتقان ھەسسىلەپ ئازاب، ئىچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر بايامقى خۇشاللىقىمنى نەلەرگىدۇر ئېلىپ قاچقانىدى. بۇ يەردە شەرمى - ھايا، ئەدەپ - ئەخلاق دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىشقۇ مۇمكىن ئەمەس، ھايۋان كەبى قىلمىشلارغا كۆز يۇمۇپ تۇرماقتىن بۆلەك چارە يوق.
    بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز، ئاياللىرىمىز مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىما؟ بىر شىشە ھاراق ۋە بىرنەچچە خىل قورۇمىغا پۇل چىقىرالايدىغان ئەرلەرنىڭ گېپى شۇنچىلىك چوڭمىدۇ؟ ئاجىز قىزلار خۇددى پادىشاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنغان بىچارە قۇللاردەك، ئەرلەر نېمىنى قىل دېسە شۇنى قىلىشى، قانداق ئىشقا مەجبۇرلىسا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر قارشىلاشسا تاياق يەيدىكەن ياكى خوجايىنىغا توغرىلىنىدىكەن. بىز كىرىپ 15 مىنۇتلاردىن كېيىن بىر كۈچكۈچى ھاراق ۋە تاماق تىزىملىكىنى كۆتۈرۈپ كىردى - دە سورىدى.
     ـ سىلەرگە قىز كېرەكمۇ؟
    ـ  ھەئە دەپ جاۋاب بەردى كەسىپدىشىم.
    كۈتكۈچى قىز بىردەمدىلا ئىككى قىزنى باشلاپ كىرىپ يېنىمىزدا ھەمراھلىققا قويدى. مېنىڭ ھېلىقى كەسىپدىشىم ھاراق تاماكا تىزىملىكىگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن ئۆزى بىلمەيدىغان بىرقانچە خىل ھاراقنىڭ قانداق ھاراق ئىكەنلىكىنى سورىدى، كۈتكۈچى قىز:
     ـ شۇنىمۇ بىلمەمسىز؟ بۇ دېگەن ئەڭ ئېسىل ھاراق. ھېسسىياتنى كۈچەيتىدۇ. ئاياللار ئىچسە تېخى ياخشى، بۇيرۇتامسىز، يېنىڭىزدىكى قىزلارنىڭ تېنى ساغلام كۆتۈرەلەيدۇ.
       كەسىپدىشىم ئۇ ھاراقنى بۇيرۇتمىغانتى، كۈتكۈچى قىز ۋە يېنىمىزدىكى ھېلىقى ئىككى قىز بىزنى ئالەمچە مەسخىرە قىلىشتى. يىرىم سائەتلەردىن كېيىن كەسىپدىشىم ھېلىقى ئارزىگۈل ئىسىملىك قىزنى سۈرۈشتۈرۈپ يېنىمىزغا چاقىرتتى. ئۇ مەن ئىزدىگەن نەۋرە ئاچام ئاينۇر ئەمەسكەن. ھۆرىگۈل ئېيتقاندەك تەققى - تۇرقى، تاشقى قىياپىتىدىنلا ئۇ قىزنىڭ ياۋاشلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى. بىز خوجايىن بىلەن ھېسابلىشىپ ھېلىقى قىزنىڭ بىر كېچىلىكىنى سېتىۋېلىپ، بۇ مەينەتچىلىكتىن ئايرىلدۇق. مەن ئۇ قىزنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىپ سۆھبەتلەشتىم. ئۇ بىچارە ئۆگەي دادىسىنىڭ خورلىشى ۋە دەپسەندە قىلىشىغا چىدىماي مۇشۇ يولغا ماڭغان ئىكەن. بۇ قىزمۇ كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش ئېقىتىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلەرمۇ مەن تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان ھۆرىگۈلنىڭكىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەن. بۇ كېچە ئۇيقۇسىز تاڭ ئاتتى. ئەتىسى سەھەردە مەن بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قىزنى ھېلىقى قاۋاقخانىنىڭ ئالدىغا ئاپاردىم. يېنىمدا بار 30 يۈەن پۇلنى قىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزدىم - دە، ئۇكام مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن ئامال قىلىپ سىزنى ئېلىپ چىقىمەن دەپ قىز بىلەن خوشلاشتىم. قىز ياشلانغان كۆزلىرىنى مەندىن ئۈزەلمەي قالدى.


         1999 - يىل 12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى
        ئىككى قىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىم مېنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى. گېلىمدىن غىزا، كۆزۈمدىن ئۇيقۇ قاچتى. كاللامدا گادىرماچ خىياللار ئەگىيتتى. بۇرۇن نەۋرە ئاچام ئاينۇرغا قانداق ئۆچ بولغان بولسام، شۇ خىلدىكى قىزلارغىمۇ قالتىس ئۆچ ئىدىم. ئۇلاردىن نەپرەتلىنەتتىم. كېچە - كۈندۈز شۇلارنىلا ئەيىپلەپ، ئۈنسىز قارغايتتىم. ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەرقانداق جايدا تىللايتتىم. مانا ئەمدى يۇقىرىقى ئىككى قىزنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىسى ۋە كۆز ياشلىرى قەلبىمدىكى نەپرەت گۈلخانىنىڭ ئوتلىرىنى ئانچە - مۇنچە ئۆچۈرگەندەكمۇ قىلاتتى. «ياق، بۇ قىزلارنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇغۇلىشىدىنلا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئىستىكى پۈتۈلمىگەن ئىكەن. ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا نورمال ئادەمكەن. ئۇلاردا ياخشى - ياماننى ئىلغا قىلىش، ھېچ بولمىسا خىجىل بولۇش تۇيغۇسى بار ئىكەن. ئەجەبا، جەمئىيەتتىكى خىلمۇ - خىل ناچار قىلمىشلارنى، بۇزۇقچىلىقلارنى شۇلارغىلا دۆڭگەپ قويساق ئادىل بولارمۇ؟ بۇنىڭدا زادى ئەرلەرنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئاتا - ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمىدۇ؟ شۇنداق ئىپلاس جايدا ئامالسىز ياشاۋاتقان يەنە قانچە ئۇيغۇر قىزى باردۇ؟ يەنە قانچىلىغان قىزلارنىڭ مانا مۇشۇنىڭدەك ئازاپلىق كەچمىشلىرى باردۇ - ھە» دېگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى. مەن كىرىش - چىقىش ئاسانراق بولغان قاۋاقخانىلارغا، ھەر خىل قىياپەتتە شەكلىمنى ئۆزگەرتىپ كىردىم. كىرەلمىگەنلىرىمگە ئادەم كىرگۈزۈپ ئەھۋال ئۇقۇشتىم. شۇ ئارقا يول بويىغا جايلاشقان پۈتكۈل قاۋاقخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگەن بولساممۇ ئەپسۇس ئاينۇرنىڭ دېرىكىنى ئالالمىدىم. شۇ جەرياندا ئەڭ يېقىن بىر دوستۇمنىڭ ئاشۇنداق يولغا كىرىپ قالغانلىقىدەك كوچا خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. شۇنچىلىك ھەيران قالدىمكى ئۇ دوستۇمنىڭ ئۇنداق يولغا مېڭىشى ھەرگىزمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى. دوستۇمنىڭ ئىسمى مەسىمگۈل بولۇپ، زامانىمىزنىڭ ھۆر قىزى دېيىشكە بولاتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مەسىمگۈل توغرىلىق كوچا خەۋىرى  ئاۋۇشقا باشلىدى. بىرسى مەسىمگۈل ئۆلۈپتۇ دېسە، بىرسى مەسىمگۈل ئېغىر كېسەلمىش دەيتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكمۇ ئۇ يەر بۇ يەردە خەقنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قالدى.

         مەسىمگۈلنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟
    بۇنى بىلىش ئىستىگىدە ئۇيان - بۇيان سۈرۈشتۈردۈم، ئاخىرى مەسىمگۈلنىڭ ئۈرۈمچىگە داۋالىنىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇم، ھەم ئىشەنچلىك تونۇش - بىلىشلەردىن ئۇقۇشۇپ يۈرۈپ ئىزدەتتۈردۈم ۋە مەسىمگۈلنىڭ غەيرى تىپلىق ئاياللار كېسەللىكى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدەك ئىشەنچلىك خەۋەرنى ئۇقۇشتۇم. دوستۇمنىڭ ئۆلۈمىدىن قايغۇرۇپ كۆزۈمنى ياشلىغان پېتىم خىيال دەرياسىغا غەرق ئىدىم. نەۋرە ئاچام ئاينۇردىن ئەنسىرەپ بىر نەپەس ئارامىمدا ئولتۇرۇشقا رازى بولالمىدىم. ئاينۇرمۇ ئاشۇنداق غەيرى تىپلىق كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالارمۇ؟ ئاينۇر قۇرامىدىكى يەنە قانچىلىغان قىزلار شۇ يولدا كېتىۋاتقاندۇ؟ دوستۇم مەسۈمگۈلنىڭكىدەك ئۆلۈم خەۋپىنى چوقۇم ئازايتىش كېرەك دېگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم. شۇ تۇيۇق يولدىكى قىزلارنى مۇمكىن قەدەر ھەقىقەتكە قايتۇراي، قۇدرىتىمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلاي دەپ بانكىغا قويغان شەخسى ھېساباتىمدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئالدىم. ئۈچ مىسقاللىق قوش تاش ئالتۇن پوپوزامنى ۋە بىر جۈپ ئالتۇن ئۈزۈكىمنى ئېلىشىغا ساتتىم.


    2000 - يىل 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى
    شۇندىن باشلاپ تۇرقۇمنى ئۆزگەرتىپ، يەكەن تەۋەسىدىكى تەسىرى چوڭ، سودىسى ياخشى قاۋاقخانىلارغا كىردىم - دە چىرايىدىن خىجىللىق چىقىپ تۇرغان، مېھمان كۈتۈش تەس كېلىۋاتقان قىزلارنى سەزگەن ھامان ئۇلارنى چەترەك ئۈستەلگە چاقىرىپ سۆھبەت ئېلىپ باردىم. ياردەم قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىغا ياردەم قىلدىم. ئاجىز كەلگەنلىرىمگە ئەتراپىمدىكى ئاق كۆڭۈل ساخاۋەتلىك كىشىلەرنى ياردەمگە چاقىردىم. ئۇ قىزلارغا ھەقىقەت توغرىسىدا نەسىھەت قىلدىم. بەزىلىرى ھەقىقەتكە قايتتى، يەنە بەزى قىسىملىرى بولسا بىزنىڭ ساخاۋىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ يەنە ئۆزى خالىغان يولغا مىڭىۋەردى. شۇ كۈنلەردە ئاينۇرنىڭ ئوغلىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىق خەۋىرىنى تاپشۇرىۋالدىم. ئاينۇرنىڭ ئوغلىغا دورا ئىزلەپ يۈرگىنى كۆز ئالدىمغا ئەينەنلىنىپ تۇرۇپتۇ. دەرھال يۇرتقا ( مەھەللىگە) چىقسام ئاينۇرنىڭ بەش ياشلىق ئوغلىنىڭ كېسىلى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ. ئېپى - مەھەللىدىكىلەرمۇ «بۇ بالا بۈگۈن كېچىدىن چىقالمايدۇ» دېيىشىپ ئاخىرەتلىك ئىشلارغا تۇرۇش قىلىشقا دەۋەت قىلىشاتتى. مېنىڭ چىراي تۇرقۇم نەۋرە ئاچام ئاينۇرغا ئاساسەن ئوخشاپ قالاتتى. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا كېسەل ياتقان ئوغۇل ئاجىز ياشلىرىنى تەۋرىتىپ تۇرۇپ «ئانا... ئانا، ئانام كەلدى» دەپ يىغلاپلا كەتتى. يىغلاۋېتىپ، تېلىقىپ - تېلىقىپ ھالسىزلىنىپ بوشاپلا قالدى. كېسەل بالىنى باغرىمغا تاڭدىم «بالام مەنمۇ ئانىڭىز، مەنمۇ ئانىڭىز» دەيتتىم. بالىنىڭ ھالىتىگە قاراپ يۈرىكىم يېرىلىپ كەتكۈدەك ئازابلىنىۋاتاتتىم. بۇ كېچە تىنچ - ئامان ئۆتتى. ئەتىسى سەھەردە چىقسام بالىنىڭ كۆز قارىچۇقلىرى يۇقىرى تارتىشىپ قاپتۇ. كەپتەرنىڭ باچكىسى ۋىسىلدىغاندەك تۆۋەن ئاۋاز بىلەن «ئاننا - ئاننام»دە دېگەنچە ئاينۇرنى توۋلاۋېتىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن ئەتراپتىكى ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تۇتالماي يىغلىشىپ كەتتۇق. چىرايىغا ئۆلۈم سېنى كىرىپ بولغان بۇ كىچىك ئوغۇل شۇ تەرىقىدە 10 كۈن جان تالىشىپ 11 - كۈنى كېچىدە بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالىشىپ تىنچلاندى. 11 كۈندىن بېرى گېلىدىن بىر يۇتۇممۇ سۇ ئۆتمەي  «ئانام - ئانام» دەپ جان تالاشقان ئوغۇلنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ئىشىككە تەلمۈرگەن پېتى ئوچۇق كەتتى. ھەتتا ئاخىرقى تىنىقىدا ياشاۋاتقان بىچارە ئوغۇلنى «ئاناڭ دورا ئالغىلى كەتتى، ھازىر كېلىدۇ» دەپ ئالدىدۇق. بېشىمىزدا ئاق ياغلىق، قارىلىق كىيىم يۈرەك - باغرىمىزنى داغلىغان ھالدا مەرھۇمنىڭ مىيىتىنى ئۇزىتىۋاتىمىز. بىر كۆزۈم يولغا تەلپۈنەتتى. ئەپسۇس، ئاينۇر ئوغلىنىڭ ئاخىرەتلىك كۈنىدىمۇ چىقالمىدى. مەرھۇمنى يۇيۇپ - تاراۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا يۇرت - جامائەت ئېغىزدىكى كۇس - كۇس پىتنە - پاسات، ئىغۋالار قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى. ھەممەيلەن بىردەك ئاينۇرنى قىلمىش - ئەتمىشلىرى ئوغلىغا يۈرۈپ كەتتى دېيىشەتتى. ئاينۇرغا لەنەتلەرنى ئوقۇيتتى. «زەپمۇ - زەپ ئۆلگەنگە زەپ» دېگەندەك ئاينۇرنى ھەرقانچە تىللىغان، قارغىغان بىلەنمۇ بولغۇلۇقلار ئورنىغا كەلمەيتتى.

    يەتتىنچى كۈنى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر قازىنى ئېسىلدى. دەرد ئۈستىگە دەرد كەپتۇ دېگەندەك تەۋەلىكىمىزدىكى قىسمەن يۇرت چوڭلىرى نەزىرگە كىرمىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە «ئۇنداق ھارام سىڭىپ كەتكەن ئائىلىنىڭ تامىقىنى يېگىلى بولماسمىش» ئاللاھ نېسىپ قىلغان نېمەتتە نېمە گۇناھ. «كىچىك بالا قۇرئان بىلەن تەڭ» دەپ ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدۇ - يۇ، شۇ بىچارە نارەسىدە بالىنىڭ ئەتىۋارلانغىنى قېنى؟ شۇ بالىنى داۋالاش ئۈچۈن بىرەر موچەن پۇل چىقمىغان مەھەللە مۇشۇغۇ. ئانىسىنى مۇشۇ مەھەللىدە ياشاشقا يول قويمىغان مەھەللە مۇشۇغۇ. ئىنسان دېگەن ئازغۇچى، ئازماس ئاللاھ» دېگەنلەرنى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي، شۇ ۋايىزلىرى بەدىلىگە پوشكال، قۇيماق تېپىپ يەيدىغان ئاشۇ موللاملارنىڭ بۈگۈنكى بۇ نارەسىدىنىڭ نەزىر ئېشىنى تەرك ئېتىشى شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ؟ ئىسلام شەرىئىتى ئاللاھنىڭ گۇناھكار بەندىلىرىنى توغرا يولغا باشلايدىغان ئۇلارغا ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قورال بولۇشى كېرەكمۇ ياكى پىتنە - ئىغۋالارنىڭ تەستىقلىغۇچىسى ياكى ھاڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانلارنى چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىرىۋېتىدىغان قورالى بولۇشى كېرەكمۇ؟
    جامائەتنىڭ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھېسداشلىقتىن كۆرە تۆھمەتكە ئوخشاپ كېتىدىغانراق چىرايلىرىغا قارىغۇممۇ كەلمىدى. نەزىرگە كەلگەنلەرنىڭ تولىسى بالىغا ھېسداشلىق قىلىشتىن كۆرە ئاينۇرنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە يېڭى - يېڭى غەيۋەتلەرنى ئاڭلاشقا، توقۇشقا خۇشتاردەك قىلاتتى. شۇ ئارىدا ئاينۇرنىڭ يولدىشىنىڭ ئاچىلىرى كېلىشتى. ئۇلار كېلىشىپلا مەھەللىنى بېشىغا كىيدى. «بالىنى ساق ياندۇرۇپ كەلگەن. ئانىسىنىڭ دومىلىرى بالىسىنى بېسىپ، بالا جېنىدىن ئايرىلدى» دەپ تەلۋىلەرچە غوۋغا قىلىشتى.

    «قارى ھاجىم رەھمىتى ھاياسىز ئاياللارنى بەكمۇ يامان كۆرەتتى. بىرەرسىنى تەڭ كۆرۈپ قالغان بولغىيمىتتى. كىرپىكىگە توپا قونماي تۇرۇپ جەمەتىدىن بۇ ئىش چىقتى». ئوتتۇرا ياش بىر مەزلۇمنىڭ يۇقىرىقى سۆزى بىلەن تەڭ يۈرىگىم گويا بىگىز بىلەن سانجىلغاندەك ئېچىشىپ پۇت - قوللىرىم تىترەپ كەتتى. جەمەتىمىز ئىچىدىكى بۇ مەخپىيەتلىكمۇ ئاخىرى ئەل - جامائەت ئالدىدا ئاشكارىلاندى. ئابرويىمىزمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى.
        ئاينۇر تېخىچە خەۋەرسىز يۈرەمدىغاندۇ؟ ياكى...
    ياق، ئۇ چوقۇم خەۋەر تەپتى. بالا دېگەن ئانىنىڭ تېنىدىن ئايرىلغان بىر پارچە گۆش تۇرسا، ئانا بىلەن بالىنىڭ يۈرىكىنىڭ بېغىشى بىر بولۇشى كېرەكقۇ. بالىنىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسە ئانىنىڭ يۈرىكى جىغىلدىماي قالامدۇ؟ بۇنداق ئېغىر ماتەم - مۇسىبەت بەلكىم ئاينۇرنىڭ يۈرىكىگە مەلۇم بولغاندۇ، ياكى يۈرىكى سالغاندۇ، ياكى بولمىسا چۈشى بولسىمۇ بۇزۇلغاندۇر. مېنىڭچە خەۋەرسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنى ھەرقانداق بىر ئانا يۈرىكىگە قولىنى چوڭقۇر سېلىپ باقسىلا جاۋاب تاپالايدۇ. بىراق ئۇ نېمىشقا چىقمىدى؟ يا ئۇنىڭ باغرى بالىسى بىلەن باغلانمىغانمىكىنە؟ ئۇ نېمىشقا ئۆزى سەۋەپلىك دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان، كەلگۈسىدە نەۋقىران يىگىت بولۇپ بېشىغا سايىۋەن بولىدىغان قەدىردانى تېخى يىگىتلىك مۇقامىغا قەدەم باسمايلا دۇنيا بىلەن خوشلاشقان تۇرسا، ئۈن - تىنسىز چەتكە چىقىپ تۇرالىدى؟ ئۇنى زادى بۇنداق ھالدا كەلتۈرۈپ قويغان زادى نېمە؟

     

    3. سېنى تاپماي قويمايمەن

     

       مەن ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كەلدىم. ئىلگىرى چېچىمنى تۈگۈپ، يوشۇرۇپ يۈرگەن بولسام ئەمدى رەسمىي چېچىمنى كېسىۋەتتىم. ھەقىقى ئوغۇل بالىلارچە ياساندىم. ھەر كۈنى كەچتە ئىككىدىن قاۋاقخانىغا كىرىمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەزىپە قىلىپ 2000 - يىلى 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ 2001 - يىلى 4 - ئايغىچە يەكەن تەۋەسىدىكى پۈتۈن قاۋاقخانىلارنى بىر قۇر ئارىلاپ چىقتىم. 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كەچ سائەت 30: 9 دا قاغىلىققا ماڭىدىغان يول بويىدىكى بىر يۈرۈش قاۋاقخانىنىڭ بىر خانىسىدىن ئاينۇرنى ئۇچراتتىم. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى مېھمان كۈتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. مەن بىر كۈتكۈچى قىزدىن سورىسام ئاينۇر ھەمراھ بولۇۋاتقانلار ناھىيىمىزنىڭ ئارسلانباغ يېزىلىق ئورگاننىڭ كادىرلىرى ئىكەن. ئاينۇرنىڭ تۇرقىدىن ماڭا قاراشقا ۋاقتى يوقتەك قىلاتتى. مەن ئۇ يەردىن ئايرىلدىم. ئەتىسى سەھەردە ئىش ئورنۇمغا بېرىپ قولۇمدىكى ئىشنى بىر دوستۇمغا ھاۋالە قىلىپ قويۇپ ئاخشامقى تۇرقۇمدىن قىلچە ئەسەر يوق ئەسلى ھالىتىم بىلەن ھېلىقى قاۋاقخانىغا ئوچۇق - ئاشكارا كىرمەكچى بولدۇم. ئەتىگەن سائەت 9 دىن ھالقىغان مەزگىل ئىدى. ئاخشام كىرگەن  ئۆينىڭ ئالدىغا ئىت باغلانغان بولغاچقا قانداق قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇشۇمغا 35 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر كىشى توساتتىن، بۇيەردە تۇرۇپ قاپسىزغۇ سىڭلىم؟ دەپ سورىدى ھەم مېنىڭ چۆچۈپ قارىغىنىمنى كۆرۈپ:
     ـ مەن مۇشۇ تەۋەلىكتىكى دېھقان، بىرەرسىنى ئىزدەمسىز؟ دەپ قوشۇپ قويدى.
     ـ شۇنداق بىرسىنى ئىزدەيتتىم ئاكا.
     -مۇشۇ بىر يۈرۈش دۇكاننىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا لوبەن (خوجايىن)نىڭ تۇرالغۇسى ئاۋۇ. بېرىپ ئىشىكنى چىكىڭ ئېھتىيات قىلىڭ جۇمۇ سىڭلىم. ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماڭ ھەم ئۇلار بىلەن قارشىلاشماڭ، ھەر بالا كېلىدۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن.- دېھقان ئاكاش كەتتى. مەن بىر بىسىپ، ئىككى بېسىپ ھېلىقى قورۇنىڭ ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم. پۈتۈن ئەزايىم غال - غال تىترەيتتى. يەنە قانداقتۇر بىر خىل كۈچ مېنى غەيرەتلىك بولۇشقا ئۈندەيتتى. مەن ناھايىتى جۈرئەتلىك ھالدا ھېلىقى ئىشىكنى چەكتىم. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يوغان قورساق، يۈزلىرى ئاق، چاچلىرى قارا ۋە قىنىق، 40 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەر خەنزۇ ئىشىكنى ئاچتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ئاجايىپ قوپال ئىدى.
     -نىم بولدى؟ ئىشىك چېكىشنى بىلەمسەن يا؟ خۇددى ئوغرىدەك مارىلاپ يۈرىسىنا بۇ يەردە.
    ئۇ ئارىلاش تەلەپپۇزدا سۆزلەيتتى. ئاينۇرنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى بىلەن ئاتاپ «ئارزىگۈلنى ئىزدەيتتىم. مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى بولىمەن» دېدىم مەن.
     ـ سەل ساقلا جۇما. ئايالىم چىقىپ قىچقارسۇن ئۇ كىرىپ كەتتى. 10 مىنۇتلاردىن كېيىن 30 ياشلار ئەتراپىدىكى ناھايىتى نېپىز كىيىنىۋالغان، غەلىتە ياسانغان بىر ئايال بىر توقام ئاچقۇچنى كۆتۈرگىنىچە چىقىپ كەلدى ۋە مېنى باشلاپ ماڭدى. مەن بۇ ئايالنىڭ خەنزۇ ياكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمىدىم. ئۇ بوسۇغىغا باغلانغان ئىتنى ئۇياققا ئاپىرىۋېتىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىچكىرىدىكى ئۆينىڭ بوسۇغىسىغىمۇ ئىت باغلاقلىق ئىدى. ئىشىك تېشىدىن ئات كاللىسىدەك يوغان قۇلۇپ سېلىنغان بولۇپ بۇنداق ئەھۋالنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ۋىجدانى ئۆرلىمەي قالمايتتى. چۈنكى ئىت باغلىنىپ، ئىشىك قۇلۇپلانغان ئۆينىڭ ئىچكىرىسىدىكىسى بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ئىدى. ئادەمگە ھايۋاننى قاراۋۇللۇقتا قويۇش قانداق ئەھۋال زادى؟ مەن ئىچ - ئىچىمدىن غەزەپلەندىم. «ھەي، تۇرە بىرسى سېنى ئىزدەپ كەپتۇ» ئۇ ئايال چىقىپ كەتتى. مەن ئاستا ئىچكىرىگە قەدەم ئالدىم. ئاينۇرنىڭ كارىۋاتتىكى ھالىتىنى ئېيتىشقا تىلىم سەسكىنىدۇ. ئاينۇرمۇ كۆزىنى ئىشىك تەرەپكە ئۇزىتىپ مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئۇنىڭ ئۈستى - بېشىنى ئوڭشىۋېلىشى ئۈچۈن بوسۇغا تۈۋىدە سىرتقا قاراپ تۇردۇم. بۇ يەردىمۇ تۇرالماي سىرتقا چىقىپ كەتتىم. 15 مىنۇتلاردىن كېيىن كىرسەم ئۇ خالىي قاپتۇ.
     ـ ھەرھالدا باركەنسىزھە، ئاينۇر. بۇ قانداق جاي؟
     ـ ھاراق دۇكىنى، - دېدى ئۇ چاققانلىق بىلەن.
     ـ ھاراق دۇكىنى بولسا سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟
     ـ ئەرلەرنى كۈتىمەن. - ئۇنىڭ ھالىتىدە قىلچە تارتىنىش، خىجىل بولۇشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
     ـ ئەرلەرنى مۇشۇنداق سولاقتا ياتقان جىنايەتچىدەك تۇرۇپ كۈتىدىكەنسىز - دە.
     ـ ھەئە، بولماپتۇما. بۇنىڭدىن باشقا قولۇم، ئېغىزىم بىلەن يەنە باشقا نازۇك ئەزالىرىمىز بىلەن كۈتىمەن. قانداق ئەمدىغۇ قانائەتلەنگۈدەك جاۋابقا ئېرىشكەنسىز. نۇرئىمانگۈل ئەمدى مېنى ئىلەشتۈرمەڭ. سوئاللىرىڭىزنى توختىتىڭ، بولامدۇ؟ - ئۇ چېچىلىپلا كەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭدىن بەكرەك چېچىلدىم.
     ـ  ئاينۇر، بەكمۇ چوڭ سۆزلەيسىزغۇ، قىلغانلىرىڭىزدىن بەكلا پەخىرلىنىدىغان ئوخشىمامسىز، سىز كىمنىڭ پەرزەنتى، مەرھۇم ھاجىم بوۋىمىزغا قانداق يۈز كېلەلەيسىز. ئاتا - ئانىڭىزغىچۇ. سىز ئەسلىدە ھاجىم جەمەتىنىڭ پۇشتى بولغاندىكىن مۇشۇنداق يولغا كىرىپ قالغانلارنى ياندۇرۇشىڭىز كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىلىشتا يوق تېخى ئۆزىڭىزمۇ...؟ زادى نېمىشقا بۇ يولنى تاللايسىز؟
     ـ ھەي ئۇكام، نادان ئۇكام. پۇل تەڭلىكى تارتىپ، تۇرمۇشتا قىينىلىپچۇ. قانداق قىلىمەن ئەمدى، - ئۇ سەل يۇمشىغاندەك قىلاتتى. لەۋلىرىنى چىشلىگەنچە خىيالغا پاتقاندەكمۇ قىلاتتى.
     ـ نېمە؟ سىز پۇلنى دەپ شۇنداق قىلدىڭىزما؟ مانا پۇل، مەن بوينۇمدىكى 18 گراملىق ئالتۇن زەنجىرىمنى ئۈزۈپلا ئېلىپ ئاينۇرنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم.
    ـ  بۇنى ئالالمايمەن ئۇكام. ھېلىمۇ دادىڭىز بەرگەن پۇللارنى قايتۇرالماي يۈرىۋاتسام.
     ـ ئاينۇر، جىنىم ئاچا. بولدى قىلىڭ. داداممۇ سىزنىڭ تاغىڭىزغۇ. يۈرۈڭ كېتىمىز. بارلىق چىقىملىرىڭىزغا مەن ئىگە بولاي. مەن ئاينۇرنى سۆرەپ ماڭدىم. بىز ئوتتۇرا ئۆيگە چىقساق ئالدىمىز توسۇلدى. ئايال خوجايىن كېلىپ ئاينۇرنىڭ قەرز ھۆججىتىنى دەستەك قىلىپ بىزنى سىرتقا چىقارمىدى.
     ـ ئاچا، قانچىلىك قەرزىڭىز بار؟ - سورىدىم مەن.
    5 مىڭ يۈەن. ئاينۇر ئۆزىنى قوينۇمغا تاشلاپ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلايتتى.
     ـ قانداقلارچە قەرزگە بوغۇلۇپ قالدىڭىز؟
      ـ ئوغلۇمنى داۋالىتىش ئۈچۈن.
    بۇ گەپتىن كېيىن، مەن پەقەت ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم.
     ـ ئاچا، ئوغلۇڭ قازا قىلدى... بىز بىر - بىرىمىز بىلەن قۇچاقلىشىپ يىغلىشىپ كەتتۇق.
     ـ مېنىڭ خەۋىرىم بار ئۇكام. ئوغلۇمنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغاندا مەن يول بويىدىكى ئاق تاكسىنىڭ ئىچىدە بار ئىدىم. ماشىنا ئىچىدە تۇرۇپ ئوغلۇمغا ماتەم تۇتتۇم. يۇرت - جامائەتنىڭ نەپرىتىدىن قورقۇپ ماشىنىدىن چۈشەلمىدىم. ئاينۇر بوغجۇمىسىدىن كىچىك رامكىغا ئورالغان ئوغلىنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ باغرىغا باستى ۋە ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلايتتى.
     - ئوغلۇم، جېنىم ئوغلۇم. ھەجەپ مېنى تاشلاپ…- ئۇ كۈچەپ يىغلايتتى. «مەن ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم، مەنمۇ ئانىمۇ، جېنىم بالام، ئوغلۇم، سېنى داۋالىتالمىدىم...» ئۇ ئۆز - ئۆزىنى ئەيىپلەپ، بالىسىنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى دورىدى. ئاينۇرنىڭ شۇ ئازاپلىق ھالىتىگە چىداپ تۇرالمىدىم.
     ـ ئاچا، بۇ قانداق ئىش زادى؟
     ـ ئۇكام سىز تېخى كىچىك، چوڭ بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ بېشىمغا كەلگەن كۈنلەرنى چۈشەنمەيسىز.- بۇ بىر تەرەپتىن كۆز ياشلىرىنى ئېيتقاچ، بىر تەرەپتىن ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كۈنلەرنى سۆزلەشكە باشلىدى.
     ـ مەن يولدىشىم بىلەن ئالتە ئاي ئارىلىشىپ توي قىلغان. ئاتا - ئانام «بالام قۇدىلارنىڭ ئائىلىسى بەكلا ھاللىق كىشىلەر ئىكەن. بىزگە چوڭچىلىق قىلارمۇ؟ دېيىشىپراق سەل ئارقا پېيى تارتىپ مېنى تويلاپ بەردى. دەرۋەقە ئاتا - ئانامنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا بولۇپ چىقتى. ئۇلار مېنى شۇنچىلىك پەس كۆرۈپ شۇنچىلىك خورلىدى. بىر ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممە ئەزالىرى چېغىدا مېنى باشقۇراتتى. ئوغلۇم تۆت ياشقا كىرگەنگە قەدەر شۇ ئائىلىدە تۇردۇم. بۇ جەرياندا تويلۇق ئالغان كىيىمدىن باشقا بىرەر ياغلىق چاغلىق كىيىم كىيىپ باقماپتىمەن. ئۇمۇ مەيلى، ئۇچام يالىڭاچ قالمىغاندىكىن، بىراق يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىمۇ ئۇلار بىلەن ئورتاق بولۇش ماڭا نېسىپ بولمىدى. تۇغۇتلۇق ياتقان مەزگىلىمدە گۆش - تۇخۇم دېگەننى قويۇپ تۇرايلى، زاغرا نان يەپ ياتقان ئىدىم. كېيىن ئانام ياندۇرۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بىرەر تال تۇخۇمىنىمۇ كۆرمەي ساقايدىم. كېيىن بىز ئۆي ئايرىدۇق. يولدىشىم چوڭ ئۆيدە قورساق باقىدىغان، مەن بولسام قۇرۇق لەڭمەن دېگەننى ھەپتىدە بىرەر قېتىم يەيدىغان، باشقا چاغلاردا بولسا قاتتىق - قۇرۇق، غورىگۈل يۈرۈيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ۋايسىسام، دادلىسام «خوش بولسىڭىز ئولتۇرۇڭ، بولمىسا خېتىڭىزنى ئېلىڭ» دەيدۇ. مەن ھەرقانچە خورلۇق تارتساممۇ چىداپ ئولتۇردۇم. چۈنكى مەن يولدىشىمنى ياخشى كۆرگەندىن سىرت  ئوغلۇمنىڭ يىتىم بولۇپ قېلىشىنى پەقەتلا خالىمايتتىم. ۋاقىت ئۆتىۋەردى. ئوغلۇممۇ تۆت ياشقا كىردى. ئۇلار ماڭا ھېچقانداق ئىللەت تاپالماي ئاقىۋەت يولدىشىم مېنى ئالداپ «مەن باشقا ناھىيىگە بېرىپ ئىش تۇتىدىغان بولدۇم. ئاز بولسا بىر يىلدا قايتىپ كېلىمەن، سىزنى بۇنداقلا تاشلاپ كەتسەم بولمايدۇ. بىز ئاجرىشايلى، بالىنى ئېلىپ بىر مەزگىل ئاتا - ئانىڭىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرسىڭىز» دەپ مېنى ئاجرىشىپ كېتىشكە قىستىدى. ئامالسىز ئۆيگە ئېلىپ كېلىنگەن ئاجرىشىش قەغىزىنى كۆرۈپ تەقدىرگە تەن بەردىم. مەن ئاتا - ئانام ئۆيىمىزنى مۇبارەكلەپ ئېلىپ كەلگەن ئىككى قوينى ئېلىپ، بالامنى ئېلىپ ئاتا - ئانامنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەلدىم. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتە - ئۆتمەيلا بالامنىڭ كېسىلى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. يېنىمدىكى بارى - يوق پۇللارنىڭ ھەممىسىگە دورا ئالدىم. ياخشىلىنىش كۆرۈنمەيدۇ. بالام كېسەل، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم ئەمەس، تەسەللىگە، ھېسداشلىققا شۇقەدەر موھتاج ئىدىم. بىراق شۇ كۈنلەردە ئاتا - ئانام ماڭا ئازراق بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشنىڭ ئورنىغا كۈندە دېگۈدەك «ئۆزۈڭ تاپقان ئەرغۇ» دەپ تاپا - تەنە قىلاتتى. بىر قېتىم مەھەللىمىزدىكى بىر تىۋىپ (سىزمۇ تونۇيسىز) بالامنى تەكشۈرۈپ 40 يۈەنلىك دورا يېزىپ بەردى. مەندە پۇل بولمىغاندىكىن ئانامنىڭ بىر تونۇشىدىن قەرز ئېلىپ دورىنى ئالدىم. ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ئانام بۇ ئەھۋالنى بىلىپ مېنى تىللاپلا كەتتى.
     ـ ئېرى بىلەن تېخى كېلىشمەيدۇ، ئۆيگە كەلسە تېخى قېسىپ ئولتۇرالمىغان. بارغان يېرىدە بىزنى قەرزگە بوغۇپ...
    ئانامنىڭ سۆزلىرى ئوغا، زەھەردىنمۇ ئۆتكۈر ئىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ يېزا تەۋەسىدىكى جايلاردىن ئىش ئىزلىدىم. ئۆرۈك بۇسلاپ، قاق قۇرۇتىدىغان خۇمداندا ئىشلىدىم. ئەرلەر بىلەن تەڭ يەڭ تۈرۈپ ئىشلەپمۇ تاپقان پۇللىرىم بالامنىڭ بىر قېتىملىق دورىسىغىمۇ ئاران يېتەتتى. بىر ساۋاقدىشىمدىن 200 يۈەن قەرز ئالدىم. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ساۋاقدىشىمنىڭ ئايالى خاتا كۆزقاراش بىلەن قەرزنى سۈيلەشنى باھانە قىلىپ مەھەللىنى بېشىغا كىيدى. ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك تېخى مەن بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى بەس - بەس بىلەن ئەرلىرىنى مەندىن كۈنلەپ ئېغىزىدىن پوق - سۈيدۈكتىن باشقىسىنى ئېقىتىپ مېنى تىللىشىپ كېتىشتى. بالامنىڭ كېسىلى شۇقەدەر ئېغىر تۇرسا مەن ھېسسىياتقا ئالدىنىپ يۈرەرمەنمۇ؟ ماڭا ئويۇن - تاماشا يارىشارمۇ...؟ مەن ھېچكىشىگىمۇ تىنماي يولدىشىمنىڭ يۇرتىغا باردىم. مەقسىتىم قېيىنئاتامدىن ئازراق پۇل سوراپ كېلىش ئىدى. مەن بارسام يولدىشىمنىڭ تويىغا توقام تىكىلىپ بوپتۇ. ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. قولۇمدىكى كۆك كىنىشكە مېنىڭ يولدىشىم بىلەن قارشىلىشىش سالاھىيىتىمنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. يولدىشىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنى قارشىمۇ ئالمىدى. ئامالسىز شۇ يەردىكى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئەتىسى قۇرۇق قولۇمنى كۆتۈرۈپ مەھەللىگە  كەلسەم «ئاينۇر، ئاجرىشىپ كەتكەن ئىرىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن سۆز مەھەللىگە يېيىلىپلا كېتىپتۇ. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا دادام ئېغىزغا ئالغۇسىز لاۋزا گەپلەر بىلەن مېنى تىللاپلا كەتتى. ھەتتا چۈشەندۈرۈشىمگىمۇ قۇلاق سالمىدى. قاتمۇ - قات قورساق كۆپۈكى، مۇھتاجلىق ۋە ئېغىر دەرد  ئىچىدە ئىككى ھەپتىمۇ ئۆتتى. بالامنىڭ كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىماقتا ئىدى. دوختۇر «مىڭ يۈەن ئېلىپ كېلىڭ، ياتاقتا ياتقۇزايلى» دېۋىدى مەن ھەرقانچە تىرىشىپمۇ مىڭ يۈەنگە ئامال قىلالمىدىم. ئاخىرى ئابلىزكامغا (دادىڭىز) ھال ئېيتىۋىدىم، يېنىدا بار 500 يۈەننى بەردى. شۇ پۇل بىلەن بالامنى ئىككى ھەپتە بالنېتسىدا ياتقۇزۇپ داۋالاتتىم، پۇل تۈگىدى. ئەمدى مېنىڭ پۇل ئىزدەپ بارمىغان يېرىم قالمىدى. سورىمىغان ئادىمىم قالمىدى. لېكىن ئاتا - ئانامنىڭ ئامال قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھەر يىلى ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى دېھقانلارغا ئۆسۈمسىز قەرز تارقىتاتتى ئەمەسمۇ، شۇ قاتاردا بولسىمۇ قەرز ئېلىشقا كۈچىشىپ بېرىڭلار دېسەم قەتئىي ئۇناشمىدى. مەن ئۇلارغا پۇقۇسلىغاندەك قىلىپ شەھەرگە كىرىپ بىرەر جايدا ئىشلەپ پۇلنىڭ ئېپىنى قىلىپ چىقاي دېسەم ئۇلار كۆڭلۈمگە يارىشا «ئامال قىلىپ باقايلى» دەپمۇ قويۇشمىدى. كېسەل ئوغلۇمنى قويۇپ، يىغلىغان پېتىم شەھەرگە كىردىم. مەن بۇ يولدا مېڭىپ قالارمەن دەپ قەتئىي ئويلىمىغان ئىدىم. بىرەر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى دېگەندەك جايلاردا ئىشلەرمەن دېۋىدىم. ئەپسۇس ئۇنداق جايلارنى تاپالمىدىم. كۆز ئالدىمدا بالامنىڭ ۋايجانلاپ ياتقان كېسەل ھالىتى، ئاقىۋەت ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا بۇ يولغا كىردىم. دەسلىپىدە ئايلىقىم 350 يۈەن توختىتىلدى. يىمەي - كىيمەي ئۈچ ئاي ئىشلەپ مىڭ يۈەن نەقلەپ بالامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرسەم بۆرەك قاتتىق زەئىپلەشكەنلىكتىن بالام قان سىيىدىغان ھالەتكە يېتىپتۇ. ھېلىقى مىڭ يۈەن پۇل تەكشۈرۈش بىلەن بىر كۈنلۈك ياتاق ھەققىگە ئارانلا يېتىپتۇ. بالامنىڭ  ھالىنى كۆرگەن خوجايىن ئالدىن قەرز بېرىپ، ۋاقىت چىقىرىپ بەردى. بىر ئاي بالنېتسىدا ياتقۇزدۇم. نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلدۇم. نەتىجىدە كېچىكىپ داۋالاتقان بولغاچقا بالامنىڭ تېنى كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاپ كەتتى. دوختۇر ماڭا ئىدىيەمدە تەييارلىق بولۇشىنى ئەسكەرتتى. «ھازىرقى ئەھۋالدا بۆرەكنى يۆتكىسەك بولىدۇ. بىمار كىچىك، ئۇنىڭغا چۈشكىدەك بۆرەك يوق، بولغان ھالەتتىمۇ 30 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە كېتىدۇ» مەن ئامالسىز قان - زار يىغلاپ دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتىم. كېسەل ئوغلۇمنى باغرىمغا بېسىپ ياتقان چېغىمدا ئۇنىڭ ئىسسىق نەپەسلىرى دىمىغىمغا ئۇرۇلسىلا شۇنچىلىك ئازاپقا چۆمەتتىم. بالىنى دادىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىۋەتمەكچىمۇ بولدۇم. چۈنكى مېنىڭ بالامنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئۇزارتقىدەك شارائىتىم يوق. يۇرت - مەھەللىدە چىقىرالىشىم ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن ئانا دېگەن تۇپراق بېشىغا چىقالمايدۇ. دادىسىنىڭ يۇرتىدا يەرلىككە قويۇلسا ئەپلىكرەك بولارمىكىن دېگەنلەرنىمۇ خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم - دە دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىققان كۈنىنىڭ ئەتىسى بالامنى دادىسىنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ قويدۇم. ئۇ چاغدا يولدىشىم ئاللىقاچان خوتۇنلۇق بولۇپ قالغانىكەن. كېيىن بىلسەم ئۇ نائەھلى بالىنى ئىككىنچى كۈنىلا ئاتا - ئانامنىڭ قېشىغا ئەكېلىپ قويۇپتۇ. قانداق قىلىمەن ئەمدى. مەنغۇ ئاجىز بىر ئايال كىشى ئىكەنمەن. تېپىپ بەرگۈچىم، يۆلىگۈچىم يوقكەن، بىراق ئۇچۇ؟ راۋۇرۇس بىر ئەركىشى تۇرۇپ ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىدىن تامغان پۇشتىغىمۇ خۇمسىلىق قىلغان تۇرسا. بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرىغا نېمە  دېگۈلۈك؟
        ئوغلۇم قازا قىلدى، مەن ئوغلۇمنىڭ مىيىتى سىلىنغان جىنازىنىڭمۇ ئۇرۇزغان چاغدىكى غېرىبلىقىنى كۆرۈپ مىڭ ئۆلۈپ مىڭ بىر تىرىلدىم. ماشىنا ئىچىدە تۇرۇپ ياقا يىرتىپ، لەۋ چىشلىدىم. چاچلىرىمنى يۇلدۇم، بىراق ماشىنىدىن چۈشەلمىدىم. «ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە» دېسە نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن، ئۆز باغرىمنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارەمدىن ئايرىلدىم. ئەمدى جاھاندا ياشاشنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن. ھايات بېغىمنى يۆلەپ تۇرغان بىردىنبىر تىرىكىم شۇ ئوغلۇم ئىدىغۇ. شۇ ئوغلۇمنى دەپ قارا يۈز بولغان ئىدىم. شۇ ئوغلۇمنىڭ بولسىمۇ ئاخىرەتلىكىدە يۈزىنى يورۇق قىلالمىدىم. مېنىڭ دەردىمگە ھېچنېمە ياماق بولالمايدۇ. ھازىر ھەممىنى ئوخشاتقان پۇلكەن، مەن بۇرۇن ئاتا - ئانامنىڭ يېنىدا تۇرغان چېغىمدا ئۇلارغا كېچە - كۈندۈز ئىشلەيتتىم، ئۆزۈممۇ پاك ئىدىم. لېكىن ئۇلار كۈندە دېگۈدەك كۆزۈمدىن ياش ئالاتتى. مەندىن نارازى بولاتتى. بىراق ھازىرچۇ؟ ھازىر ئۆزۈممۇ ناپاك ھەم ئۇلارغا ئىشلەپمۇ بېرەلمەيمەن. 15 - 20 كۈندە كېچىسى چىقىمەن. چىقىپلا يانىمەن. گاھىدا 5 - 6 ئايدا بىرەر قېتىم قونۇپ قالىمەن. ئۇلار «ھارماڭ، بالام» دەپ ئاستىمغا كۆرپە سالىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى مەن ھازىر ئۇلارغا پۇل بېرەلەيمەن، چىقسام قۇرۇق چىقمايمەن. «بالام، بۇ پۇل نەدىن كەلدى؟ يېگەن - كەيگەنلىرىڭنى نەدىن تاپتىڭ؟ دەپ بىرەر قېتىم سوراپ قويۇشسىچۇ كاشكى. ئاينۇر تاماكىسىنى قاتتىق شورايتتى.
     ـ ئۇكام، ھەممىنى بىلدىڭىز، قەرزنى قايتۇرمىغىچە بۇ يەردىن چىقىشىم ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. سىز قايتىپ كېتىڭ. بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرسىڭىز نامىڭىزغا داغ تېگىدۇ.
    ئاينۇر سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى. ئۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن ئۆزۈمدىكى بەزىبىر سەۋەنلىكلەرنى ئوبدان تونۇپ يەتتىم - دە، ئۇنىڭ سۆزىگە قارىتا لام - جىم دەپ زۇۋانمۇ سۈرەلمەي قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇ مېنى ئۇزىتىپ تاشقىرىغا چىقماقچى بولۇپ مېڭىۋىدى، ئايال خوجايىن ئىشىك تۈۋىدە بىزگە دوقۇرۇشۇپ قالدى.
     ـ بۇ سېنىڭ سىڭلىڭما؟ خالىسا بۇ يەردە ئىشلەپ قالسا بوپتىكەن، چىرايلىق قىز بالىكەن بۇ، دەپ سەت ھىجايدى ئايال خوجايىن. ئاينۇر ئايال خوجايىنغا ئالىيىپ قاراپ قويۇپ مەن بىلەن خوشلاشتى. مەن ئاينۇرنىڭ يېنىدىن چىققان كۈندىن باشلاپ ھەرقاچان ۋە ھەرزامان ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ يۈردۈم.
    «نېمىشقا ئۇنى چۈشەنمىدىم. بىر مىللەت، بىر دىن، بىر يۇرت، بىر مەھەللە يەنە كېلىپ بىر بوۋاينىڭ نەۋرىلىرى تۇرۇپ ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بەردىم. شۇ كۈنلەردە  بىرەر قېتىم بولسىمۇ (ھالىڭىز نېچۈن) دەپ ئەھۋال سورىيالمىدىم. ھەي كىچىكلىك، نادانلىق، ئەمدى ئەقلى - ھۇشۇمنى بىلگىدەك بولغىنىمدا بولسا بۇ ئىش چىقتى. ئاينۇرنى بۇ پاتقاقچىلىقتىن قانداق قىلىپ چىقىرىش كېرەك» دېگەنلەرنى دائىم خىيال قىلاتتىم. ئاينۇرنىڭ سەۋەبىدىن دادام بىلەن تاغام ئوتتۇرىسىغا چۈشكەن ئاداۋەت كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ھالدا مەن قانداقلارچە ئاينۇرنىڭ دېپىنى چېلىشقا جۈرئەت قىلاي؟ بېشىمنىڭ ئىچى - تېشى تازا قاتتى. ئاخىرى ئاينۇرنىڭ ئانا تەرەپ تاغا - ھاممىلىرىنى ئىزلەپ تاپتىم. ئالتۇن زەنجىرىمنى ساتتىم، ھەر تەرەپتىن يىغىش قىلىپ ئاينۇرنىڭ قەرزىگە يەتكۈدەك پۇل يىغىپ بارساق، ئاينۇر كۆڭلىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.
     مەن قەرزدارچىلىقتىن بەكلا قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. كىشىلىك ھاياتتا بىر پۇڭمۇ قەرز، بىر مىليونمۇ قەرز. سىلەرنىڭ بۇ ياردىمىڭلار ماڭا تېگىل بولدى. مەن ياخشى كۆڭلۈڭلارنى چۈشەندىم، لېكىن پۇلۇڭلارنى ئالالمايمەن. چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا پاتىڭىمغا يۈكلەنگەن قەرز دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ بولار يېرىم شۇ. ھەقىقەتكە قايتقان تەقدىردىمۇ يۇرتقا چىقىشىم مۇمكىن ئەمەس. يۇرت - جامائەت مېنى توغرا چۈشەنمەيدۇ. مەن ئۆزۈم تېنىمنى ساتساممۇ ئىشلەپ ئاۋۋال ئوغلۇمنى داۋالاتقان قەرزنى قايتۇرۇۋالاي، ئاندىن بىرەر تىجارەتكە دەسمى بولغۇدەك پۇل تېپىۋېلىپ ئاندىن ھەقىقەتكە قايتىمەن. ماڭا ۋاقىت بېرىڭلار. مەن چوقۇم ھەق يولغا قايتىمەن. بۇ پۇلۇڭلارنى مەندەك كۈنگە قېلىش ئالدىدا تۇرغان بىچارە بالىلارغا، كىچىك قىزلارغا سەرپ قىلىڭلار. مېنىڭ تارىخىم باشقا قىزلاردا تەكرارلىنىپ قالمىسۇن.
    ئاينۇر قەتئىي نىيەتكە كەلگەندەك قىلاتتى. مەندىمۇ ئۇنى مەجبۇرلاپ دېگۈدەك ئۇنداق ئىپلاس جايدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكۈدەك جۈرئەت قالمىدى. چۈنكى مەن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتەلىگىنىم بىلەن ئۇنىڭغا چىقىش يولى تېپىپ بېرەلمەيتتىم. بېرەلىدىم دېگەن تەقدىردىمۇ خەقنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغىلى بولمايدۇ - دە. قىز بالىلىقىم، ئاجىزلىقىم يەنىلا ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئامالسىز ئۇنىڭ قايتىپ چىقىشىنى كۈتىدىغان بولۇپ قايتتۇق.
    
    مەن ئاينۇرنى ئىزلەش جەريانىدا قاۋاقخانىلارنى ئارىلاپ چىقىپ شۇنداق ھەيران قالدىمكى 680 مىڭ نوپۇسى بار ناھىيىمىزدە ئاشخانىلارنىڭ جىقلىقىدىن خىلى كۆپ ئاشخانىلارنىڭ سودىسى ئاقماي، سۇسلىشىپ قالغان بولسا، ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى قاۋاقخانىلارمۇ جىقلىقى قەھەتتە ئاشخانىلار بىلەن تەڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەنيۇ بىراق سودىسى ھەرگىزمۇ كاسات ئەمەس ئىكەن. (مەن تېخى بۇ يەردە «باش يۇيۇشخانا»، « پۇت ئۇۋىلاشخانا»، «ساڭنا»... دېگەندەك بەزىبىر شەكلى ئۆزگەرگەن «مەدەنىي بۇزۇقخانىلارنى» ھېسابقا ئالمىدىم). قاچانلا قارىسا لىققىدە ئادەم ئىچىشىپ ئولتۇرغان. پۇل ئۈچۈن ئەنە شۇنداق دۇكان، سارايلارنى ئاچقان تىجارەتچىلەرگە مىڭلارچە لەنەت ئوقۇغۇم كېلىدۇ. ئۇنداق يەرلەرگە ئۆگىنىپ كەتكەن ئەرلەرچۇ تېخى. ئۇ يەرگە كىرىدىغانلار يالغۇز ياش - ئوتتۇرا ياش ئەرلەر بولۇپلا قالماستىن تېخى خىلى - خىلى قىز - يىگىتلەرگە ئاتا بولۇشقان، نەۋرىسى ئېڭەككە تاقاشقۇدەك بولغان «بوۋاي» ئاتىلىشقا لايىق ساقاللىق ئەرلەرمۇ بار. ئۇلار تېخى ئەينەككىمۇ قاراپ بېقىشماستىن «ساقىلىم قانچىلىك» دەپ غېرىچلاپمۇ باقماستىن جاۋغايلىرىدىن ساقىپ قالغان ھاراقتا، ساقاللىرىنى يۇيۇشۇپ يالىشىپ ئېچىشىۋاتقان. تېخى ئۆزلىرىنى بەزلىشىپ «ئايال كىشى ئۈلپەت بولمىغان سورۇندا غىزالانغاندەك بولماسمىش» شەھۋانىلىق بىلەن قوشۇلۇپ يەپ - ئېچىلگەن تاماق ئۇلارغا شۇنچە لەززەتلىكمىدۇ؟ ئۇلارنى ئىللىق ئائىلە تامىقىدىن، بالا مېھرىدىن كەچتۈرۈپ مۇشۇنداق جايلاردا، قاراڭغۇ، زەي ئۆيلەردە، شەرىئەتتە چەكلەنگەن سورۇنلاردا «زىنا» پاتقىقىغا سۆرىگىنى  زادى نېمىدۇ؟ ھېسابلاپ كۆرسەم  ناھىيىمىز تەۋەسىدە 200 ئەتراپىدا قاۋاقخانا بار ئىكەن. مىسال: بۇ 200 قاۋاقخانا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىرىگە بەش ئادەم كىرسە جەمئىي 1000 ئادەم كىرىدىكەن. ھەر بىرى ئەڭ ئاز دېگەندە بەش يۈەندىن (ئەمەلىيەتتە بەش يۈەن پۇل بىلەن بۇنداق جايلارغا كىرىپ چىقىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەڭ تۆۋەننىڭ تۆۋىنى دەپ قارىغىنىمىزدا دەيلى) پۇل سەرپ قىلسا 5 مىڭ يۈەن پۇل بۇزۇپ - چېچىلىدىكەن. 5 مىڭ يۈەن پۇل بۇزۇپ - چېچىلدى دېگەن گەپ بالىجانلىق نورمال دېھقان ئائىلىسىدىن 10 دېھقاننىڭ بىر يىللىق كىرىمى بىر كۈندىلا بۇزۇپ - چېچىلدى دېگەن گەپ. ئۇلار ئاشۇنداق پۇللىرىنى يىتىم - يېسىرلارغا، ئاجىز - مىيىپلارغا، ئىگە - چاقىسىز بىچارە تۇل خوتۇن، يىتىم قىزلارغا سەرپ قىلسىچۇ؟ پاھىشخانىنىڭ قىزلىرىغا يات غەرەزگە سۇنغان قوللىرىنى يۇرتىدىكى، مەھەللىسىدىكى تونۇغان - بىلگەن ئاجىزلارغا سۇنسىچۇ كاشكى.
    قىز دېمەك، ئايال دېمەك ئاخىرقى ھېسابتا ئانا دېمەكتۇر. ئانا بولسا ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ يورۇتقۇچى چىرىغى. كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بىۋاسىتە ھامىيسىز، بىر دۆلەت بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ يىقىلماس تۈۋرۈكى. بىر دۆلەت ۋە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت ساپاسى  ئانىلارنىڭ ساپاسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. قايسى بىر ئالىم «ئاياللار تۈزەلسە جەمئىيەت ۋە مىللەت تۈزىلىدۇ» دەپ ئېيتقان. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھازىر مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادى كرىزىس ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. گەۋدىلىك بولغىنى مەدەنىيەت جەھەتتىكى كرىزىس. گېزىت - ژۇرنال، تەشۋىقاتلاردا بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىشلەر بولدى. ئاياللارنى ئەيىبلەشلەر سۆكۈشلەر بولدى. بىراق كىم ئاياللارنىڭ «بۇزۇلۇشى»نىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى، سەۋەبچىسىنى تېپىپ چىقالىدى؟ ئابىستراكىت ئۇقۇم، چۈشەنچىلەر بىلەن بىرمۇنچە تەھلىل مۇنازىرىلەر بولدىيۇ، ئاياللارنى، قىزلارنى خورلىغان، دەپسەندە قىلغان، ئۇلارنىڭ ئەقىل  تېپىشىغا يول قويمىغان، ۋىجدانىنى بوغۇزلىۋەتكەن... يۈرىگىنى، ھېس - تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرگەن يوشۇرۇن «قاتىل»لار سوراق سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىلدىمۇ؟ ئۇلارغا ئىبرەتلەر بېرىلدىمۇ؟… ياق! ھەتتا سۆزلەنمىدى. بۇ ھەقتە يەنىلا «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ» بولۇپ قىلىۋەردى خالاس. قىلغۇلۇقىنى قىلغانلار ئىش تۈگىگەندە ساقال - بۇرۇتىنى سىلاپ قويۇپلا تۆتتال پۇلىنى تاشلاپ بىرىپ قوپۇپ كېتىدىغان، بار بالاغا بىچارە قىز - ئاياللار قالىدىغان گەپكەن. تېخى ئەڭ بۇرۇن ئۇششاق گەپ تېپىپ، پۇلسىز بىچارە نامراتلارنى يەكلەپ تۆي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىملاردا چاندۇرۇپ، غەيۋەت قىلىشىپ، مازاق قىلىشىپ «يېگانە» قالدۇرىدىغانلار ئەڭ ئاۋۋال ئاشۇنداق «ئىشتىنى شالتاق»لار ئىكەن. ئاياللارنى «كوت - كوت»، «غەيۋەتخور» دېيىشىدۇ. ھازىر زامانىمىز ئەرلىرى ئاياللاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ كېچىسى ئەر - خوتۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا قىلىدىغان باشقا ئىشى بولمىغاندىكىن، بولسىمۇ ئاياللىرىغا، پۇلىغا دۆڭگەپ قويۇپ بىكار يۈرگەندىكىن ئىشتاننى قىرلاپ كىيىپ، گەپ تېپىش، غەيۋەت قىلىش، «بۇزۇقچىلىق»قىلىش بىلەن ياشاشقا ئاش - نان يىگەندەك «كۆنۈپ» كېتىشىپتۇ. مۇشۇ ناھىيىمىز تەۋەسىدىلا نەچچە مىڭ قىز - ئايال ئاشۇنداق ئۇسۇل بىلەن كۈندارچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. يەنە نەچچە تىجارەتچى ھالال كەسىپ بىلەن باي بولۇشقا تاقەت قىلالماي ئاشۇنداق دۇكان - سارايلارنى ئېچىشقا تەمشىلىۋېتىپتۇ. قاۋاقخانىلاردىن قالسا قىسمەن ساندىكى ئايرىم خانىلىق توخۇ قورۇمىسى ئاشخانىلىرىنىڭ خانىلىرى، ئالىي دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك مېھمانخانىلار ئاشۇنداق ئىشرەتۋازلىقنىڭ ئۇۋىسى ئىكەن.
        ياچىۋەك كەبى ھايۋان نەپسى شەھۋانىيلىق تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئىناق ئائىلىلەر خانى ۋەيران، ئوماق بالىلار يېتىم - يىسىر بولماقتا. يەنە نۇرغۇن پاك ئاياللار داۋاسىز ئاياللار كېسىلى تۈپەيلىدىن ئېغىر ئازاب تارتىۋاتىدۇ ياكى ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنداق نىجىس كېسەل نەدىن كەلدى؟ يەنە شۇ بىزنىڭ «تۈۋرۈكىمىز» بولغان تۇغۇلغىنىدا كۈللى - كائىنات «مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇدەك تەبىئەتنى كۆكەرتىپ، جەمئىيەتنى تۈزەلىگىدەك ياخشى  جەمئىيەت ياراتقۇدەك بىر ئەركەك تۆرىلىپتۇ» دەپ قاقاھلاپ كۈلگەن، بۆرىگە تەققاسلاپ ئانىلار بېشىدا كۆتۈرگەن قەدىرلىك ئەرلىرىمىزنىڭ ئاشۇنداق ئىپلاسلىقلار ئىچىدە يۇندە ئازگىلىغا تېيىلىپ كېتىپ، چېكىدىن ئاشقان شەھۋانىيلىقى بەدىلىگە يۇقتۇرۇۋېلىشىدىن بولمامدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە جەمئىيىتىمىز نېمە بولماقچى؟ كەلگۈسىمىز، ئەۋلادلىرىمىز نېمە بولماقچى؟... بۇ ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى ئويلىنىشقا، جاۋاب  تېپىشقا تېگىشلىك مەسىلە دەپ قارايمەن.

     

    4. ئانىنىڭ بالىلىرىغا قالدۇرغان سۇملىقى

     

    مەن ئەمدى
    ئانا دېگەن ئۇلۇغ ئىنسان،
    دەيمىز ئۇنى «پەرىشتە»
    پەرىشتىلىك سۈپەت بىلەن،
    ئورنى ئۇنىڭ ئەرشتە.
    دېگەن مەدھىيىلىرىمىزگە خىلاپ ھالدا ئانىلار ھەققىدە سۆزلەيمەن.  دوستۇم خاسىيەتنىڭ ئۆلۈمى دەل ئاشۇنداق شەھۋانى ئانىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.  مەرھۇم دوستۇم خاسىيەت بۇغداي ئۆڭلۈك، چاچلىرى ئۇزۇن ھەم توم، قارا قاش، بۇلاق كۆز، غۇنچە بوي تولىمۇ چىرايلىق قىز ئىدى. ئۇنىڭ بارغۇسى كەلگەن يەرگە بارىدىغان، ئالغۇسى كەلگەننى ئالىدىغان يېنىدا قانچىلىك پۇلى بولسا شۇ كۈن ئاتلاتماي تۈگىتىپ خەجلەيدىغان ئاجايىپ تەۋەككۈلچىلىكى «مەرد»لىكى ھەممىمىزنى ھەيران ھەم جەلپ قىلاتتى. ئۇنىڭ 2001 - يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى گەپ - سۆزلىرى زادىلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىرقانچە دوستلار بىللە توي مەشرىپىدە ئولتۇراتتۇق، ئارىمىزدىكى بىرسى سورىدى خاسىيەتتىن:
     - ئاداش، بۈگۈن ئاناڭلا قايسى ئاشنىسى بىلەن  مېڭىپتۇ؟
     - ئابلىمىت ئاشنىسى بىلەن.
    خاسىيەت شۇنچىۋالا ئادەم توپلاشقان سورۇندا قىلچە تارتىنمايلا جاۋاب بەردى ئۈنلۈك ئاۋازدا.
     دىلبەر ھاجىمنىڭ شۇنچە قىلغان نەسىھىتى كار قىلماپتۇ - دە ئاناڭلىغا. ئەسلىدە ئاناڭلارچۇ كونا جالاپ ئەمەس، يېڭى جالاپ بولغان بولسا گەپ ئۆتەر ئىدى. بەلكىم سورۇندىكىلەر قاقاقلاپ كۈلۈشتى. خاسىيەت بولسا «چىداڭ، ئەينا» دەپ قويۇپ غېمىدە يوق ئولتۇرىۋەردى. خاسىيەتنىڭ ئانىسىنىڭ شۇنداق يولدىكى ئايال ئىكەنلىكىنى شۇ ئىشتىن كېيىن بىلدىم. بىر كۈنى كەچتە يول بويىدىكى كاۋاپخانىدا ئولتۇراتتىم، بىردىنلا دۇككان ئالدىدا خاسىيەتنىڭ بىر قولىدا ھاراق دەڭدەڭشىگىنىچە كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ قالدىم. دەرھال چىقىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ھاراقنى تارتىۋېلىپ تاشلىۋەتتىم. باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئۇنى ئاستا ئۆيۈمگە ئەكىرىپ قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ ياتقۇزۇپ قويدۇم.
     - مېنى ئىچكىلى قويۇڭ، ئىچكىلى قويۇڭ. مېنىڭ دەردىم بار، ھۇ ئانام دېگەن جالاپ خوتۇن. مەن سەندىن ھېساب ئالىمەن.- ئۇ توختىماي سۆزلەيتتى.
     - خاسىيەت، جىنىم ئاداش، بوش گەپ قىل. ئاۋۇ ئۆيدە چوڭلار بار. ئاڭلاپ قالمىسۇن، ھېلى چاتاق چىقىدۇ باكا. خاسىيەت توختىماستىن «ئانام دېگەن جالاپ خوتۇن» دەپ تەكرارلايتتى. ئاخىرى مەن خاسىيەتنىڭ ئانىسىغا (ئۆيىگە) تېلېفون قىلدىم. بىرنەچچە مىنۇتلاردىن كېيىن ناتونۇش بىر ئەر كىرىپ، خاسىيەتنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئەتىسى كەچتە يەنى 2001 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە خاسىيەتنى ئۆيۈمگە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدىم. تاماقتىن كېيىن ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن - ئازادە سۆھبەتلەشتىم.
     - ئاخشام سىزنى مالال قىپتىمەن. نۇرئىمانگۈل، ئالدىڭىزدا خىجىلمەن،- دەپ قىزاردى خاسىيەت.
     - ياق، ھېچقىسى يوق. ئۇ دېگەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم. قاراپ تۇرۇپ سېنىڭ ھاراق كۆتۈرۈپ يۈرگەن ھالىتىڭ ئاشكارىلىنىپ قالسا سەت ئەمەسمۇ. مېنى ئەڭ خاپا قىلغىنى سېنىڭ ئاناڭنى تىللاپ، ئوڭ - تەتۈر سەتلىشىڭ بولدى. ئاناڭنىڭ تېلېفوندىكى ئىپادىسىگە قارىسام ساڭا بەكلا كۆيۈنىدىكەن. لېكىن سەن ئۇدۇل كەلگەن يەردە «ئانام دېگەن جالاپ خوتۇن» دەپ جۆيلۈپ يۈرىدىكەنسەن، بۇ…- مېنىڭ سۆزۈم ئاخىرلاشمايلا ئۇ پېشىنى قېقىپ دەس ئورنىدىن تۇرۇپ چالۋاقاپلا كەتتى.
     - بولدى، چېچىلما ئاداش، ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ ئاناڭدە. ساڭا بۇ ھاياتلىقنى كىم بەرگەن؟ ئۇ بولمىسا سېنىڭ بۈگۈنىڭ بولامتى؟
    ئۇ سەل يۇمشاپ قالدى «سىزگە دېسەم» ئۇ بىرپەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بىرنى خورسىنىپ قويۇپ سۆز باشلىدى.
     - سىزگە دېسەم نۇئىمانگۈل. مەن ئانامغا بەك ئۆچ. بولۇپمۇ ئاچام قازا قىلغاندىن كېيىن... ئۇ «جالاپ خوتۇن» بىزنى دادىمىزدىن ئايرىدى، ئۇنى ئاز دەپ ئاچامنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولدى.
     - قانداق قىلىپ؟
     - ھېچكىمگە دېمەيدىغان گەپتى بۇ. بوپتۇ دېسەم دەپ بېرەي. بىراق سىر ساقلاڭ جۇمۇ، بولمىسا ئانام مېنى ئۇرىدۇ.
     - خاتىرجەم بول ئاداش، مەن سىر ساقلايمەن.
    - ئانام بىلەن دادام ئاجرىشىپ كەتكەندە مەن ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم. ئاچام ئىككىمىز بەزىدە دادامنىڭ قېشىدا بەزىدە ئانامنىڭ قېشىدا تۇراتتۇق. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دادام توي قىلدى. ئىلگىرى ئىللىق ئائىلە مېھرىدىن مەھرۇم بولغان بولساق، مانا ئەمدى دادا مېھرىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇق. بىز ئەمدى ئانامنىڭ قېشىدا تۇرىدىغان بولدۇق. بارا - بارا چوڭ بولغانسىرى كىچىكلىكىمدە ھېس قىلالمىغان ئىشلارنى ھېس قىلغۇدەك بولدۇم. ئاچام بىلەن مەن ئىچكىرى ئۆيدە ياتاتتۇق، تاشقىرقى ئۆيدە بولسا ئانام ئاشنىلىرىنى كۈتەتتى. ئانامنىڭ قىلغانلىرىدىن شۇنچىلىك يىرگىنەتتۇق، ئازابلىناتتۇق. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى «كۆنۈپمۇ» قالدۇق. كۆنمىسەك نېمە ئامال، دادامنىڭ يېنىغا بارساق ئۆگەي ئانامنىڭ ئېچىلماس چىرايىغا قارايدىغان گەپ. دادامنىڭ  بولسا بىز بىلەن ئانچە كارى بولمايتتى. بىر كۈنى كېچىدە مۇنداق ئىش يۈز بەردى. بىز ئىچكىركى ئۆيدە ياتاتتۇق، تاشقىرقى ئۆيدىن ئاڭلانغان ۋارى - ۋارى ئاۋازلار بىزنىڭ ئۇيقۇمىزنى بۇزدى. ئالدىراپ - تىنەپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق ۋە تاشقىرقى ئۆينىڭ ئىشىگىدىن مارىلاپ قارىساق، ئانام ئالا قەغەز ئوينايدىغانلار بىلەن سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئانامنىڭ كۆزلىرى ياش. بىزنى كىرىپ كېتىشكە شەرەت قىلدى. بىز كىرىپ كەتتۇق. «قەرزنى قايتۇرالمىسىڭىز قىزىڭىز، قىزىڭىزنى...» دېگەندەك ناتونۇش ئاۋازلار قۇلىقىمىزغا كىرىپ تۇراتتۇ. ئانام يىغلاپ بوغۇلۇپ سۆزلىگەچكە سۆزلىرىنى ئايرىيالمىدۇق. قانداق ئەھۋال بولغىنىنى بىلىپ بولغۇچە قاراماتاق گەۋدىلىك بىر ئەر كىرىپ ئاچامنى سۆرىگىنىچە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
     - ئاچامنى نەگە ئېلىپ بارىدۇ؟...
    سوئالىم جاۋابسىز قالدى. كېيىن بىلسەم ئانامنىڭ پۇل خۇمار ئىشقىۋازلىقى تۈپەيلىدىن ئائىلىسى ۋەيران قىلىنغان بىر ئايال تەرىپىدىن پىلانلانغان بۇ قېتىملىق قىمار سورۇنى گۇناھسىز ئاچامنىڭ قىزلىقىنى يوقۇتۇپتۇ. ئاچام يېتىپ قالدى. خۇن سۈرۈپ كەتكەن بولغاچقا تېنى بەكلا ئاجىزلىشىپ كېتىپ باراتتى. بۇ ئىشلارنى ئېغىزدىن چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىچارە ئاچام يا بىرسىگە تىنالماي، دەردىنى ئۆزى يالغۇز تارتىپ  بولالماي تولىمۇ ئىزىلىپ كەتتى. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتتى. كېيىنچە ئاچامنىڭ ياخشى كۆرۈشكەن بىر يىگىتى بولىدىغان بولۇپ قايسىبىر ئىدارىدە شوپۇرلۇق قىلاتتى. ئانام دەل ئاشۇ يىگىت ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان ئىدارە باشلىقى بىلەن ئاشنا - ئاداش بولۇپ قېلىشىپتۇ. بىر كۈنى كېچىدە ئۇخلاۋاتاتتىم، ئاچام مېنى ئويغۇتۇپ «ئۇياققا قارا» دەيدۇ. قارىسام ئاچامنىڭ يىگىتىنىڭ باشلىقى خورۇلداپ ئۇخلاپ كېتىپتۇ. ئانام بولسا ھېلىقى شوپۇر بالا بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ يۇمۇلاشقىلى تۇرۇپتۇ. ئاچام نېمە بولۇپ كەتتىكىن مەن جېنىمدا ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگىدەك بولدۇم. ئاچامنىڭمۇ باشقىلارغا تىنالمايدىغان دەرتلىرى كۈنسىرى ئاۋۇشقا باشلىدى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ھېلىقى شوپۇر بالا «ئاتا - ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشسەم بولاتتى. ئۆيىڭىزگە ئەلچى كىرگۈزسەم بولاتتى» دەپ ئاچام بىلەن تېزرەك توي قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەپتۇ. ئاچام ئۇلارنى قانداقمۇ يۈز كۆرۈشتۈرەلىسۇن. بىچارە ئاچام شۇ كۈنلەردە كېچە - كۈندۈز يىغلايتتى. ئۇ يىگىت بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچىمۇ بولدى - يۇ، مۇۋاپىق باھانە تاپالمىدى. ئېھتىمال ئۇ يىگىت قوشۇلمىدى بولغاي، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاچام زەھەر يەپ ئۆلۈۋالدى. بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر غەمگۈزارىم، مۇڭداشچىم بولغان ئاچاممۇ يوق بولدى. ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ماڭا ئالەمچە قايغۇ، ئازاب - ئوقۇبەت ئېلىپ كەلدى. ئاچام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن دوپپامنى ئاتسام خۇدانىڭ زېمىنىغا چۈشىدۇ دەپ جاھاندىن بىزار بولۇپ ئۆزۈمنى تاشلاپ يۈرۈيمەن. دادامنىڭ يېنىغا بارسام ئۆگەي ئانامنىڭ زۇلمى، ئانامنىڭ يېنىدا تۇرسام، ئانام مېنى قىلچە كۆزگە ئىلماي قىلىدىغىنىنى قىلىۋېرىدۇ. كوچىدا ماڭسام كىشىلەر «ئەنە، خالىدەم جالاپنىڭ قىزى» دەپ مېنى شەرەتلىشىدۇ. تولۇقسىزنى پۈتتۈردۈم، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولساممۇ دادامغا بىرەر پۇللۇق مەكتەپ بولسىمۇ ئوقۇي دېدىم، مەقسىدىم بىرەر كۈن بولسىمۇ «جالاپنىڭ بالىسى» دېگەن نامدىن قۇتۇلسام دەيتتىم. لېكىن دادام قوشۇلمىدى. تولۇق ئوتتۇرىغا ئەكىرىپ بەردى. بۇنداق ئەھۋالدا كاللامغا دەرس چۈشەتتىمۇ. مەن بىلەن بىللە ئوقۇغانلار 3 - يىللىققا چىقتى. مەنچۇ 2 - يىللىقتىمۇ جايلاپ ئوقۇيالمىدىم، دەسلەپتە مەكتەپكە بارىمەن دەپ قويۇپ كىتابخانىلاردا كۈن ئۆتكۈزدۈم. ھازىر ھەممىگە ئايان، سىز كۆرگەندەك يۈرىۋېرىمەن.
     - شۇنچە ئاچچىقلىنىپ كوچىدا ھاراق كۆتۈرۈپ يۈرگىدەك نېمىش بولغانتى تۈنۈگۈن؟ - سورىدىم مەن. خاسىيەت  تاراملاپ تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى ئېيتقاچ گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
     - شۇنچە ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتىمەن، ئەمدى بۇنى دېيىشتىن نومۇس قىلىمەن، بولدى سورىماڭ.
     - نومۇس قىلغۇدەك شۇنچە ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىڭ. ئەمدى دېيەلمىگۈدەك قانچىلىك مۇھىم ئىشتۇ ئۇ؟ سېنىڭمۇ قىزلىقىڭ يوقالمىغاندۇ؟
     - نېمە؟ مېنى ئۇنداق قىلىدىغان بولسا ئۇنداق خوتۇننى ئۆلتۈرىۋېتىپ، ھەر بالا كۆرسەم مەيلىتىم. مېنى ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايدۇ.
     - ئاداش، ئۇنداق قورقۇنچلۇق گەپنى قىلمىساڭچۇ؟ ئۇنداق قىززىققانلىق قىلما - ھە. زادى قانداق ئىش بولغان ئىدى، ئېيتقىنە؟
    ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش ۋە ئاستا چىقاتتى.
     - مېنىڭ يۈرگەن يىگىتىم ئەركىننى بىلىسىزغۇ دەيمەن؟
     - ھەئە، ئۇنى بىلىمەن. ئەركىنگە نېمە بولدى؟
     - بىز بىللە يۈرىۋاتقىلى ئىككى يىل بولغان. ئانامنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنىمۇ ئۇ تەپسىلى بىلەتتى. مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرەتتى، چۈشىنەتتى. بىز ناھايىتى بەختلىك ئىدۇق. مېنىڭ خېلى ھالىمغا يېتەتتى. بىراق ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ھاجىم بولغاچقا بىزنىڭ ئىشىمىزغا قېتىلمىدى. مېنىڭ ئاناممۇ ئۆزىچە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بىز ھەقىقەتەن ئامالسىز ئىدۇق. ئەركىننىڭ ئاتا - ئانىسى باشقا يەردىن ئۆيلەپ قويماقچى بولۇشقانىكەن. ئەركىن قەتئىي ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى تۆنۈگۈن چۈشتە مېنى چاقىرتىپ ئىككىمىزنى دەرقەمدە تۇرغۇزۇپ بارلىق ئەھۋالنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى. گەپ ئارىلىقىدا مېنىڭ ئانامنى چىشلەپ تارتتى. تېخى «كىم بىلىدۇ، ئەركىن بىلەن ئىككىڭلار دادا بىر ئانا باشقا ئاكا - ئۇكا چىقىپ قالامسىلەر بەلكىم» دېگەننىمۇ كۈچەپ ئېيتىپ قوشۇپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈردى. ئۇ ئايالنىڭ دېيىشىچە ئەركىننىڭ كېلەر ئايدا تويى بولارمىش. مېنىڭ ئەمدى ھېچنەرسەم قالمايدۇ، قانداقمۇ قىلارمەن. نۇرئىمانگۈل چوڭلارنىڭ گۇناھىنىڭ سورىقىنى بىزلا تارتىپ ئۆتەمدۇق؟- ئۇنىڭ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى كىشىنىڭ باغرىنى تىنماي ئېزەتتى. مەن ئۇنىڭغا نۇرغۇن تەسەللىلەرنى بەردىم. ئۈمىدۋار بولۇشقا، ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاشقا دەۋەت قىلدىم. بىر - بىرىمىز بىلەن خېلى ئۇزاق سىردىشىپ خوشلاشتۇق. 

    2002 - يىلى نويابىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى دوستۇم خاسىيەتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلدى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىمدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان ئىدىم. دەرھال كېسەل كارىۋىتىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ مەھەللىسىگە بارسام خاسىيەتنىڭ جەسىتى سېلىنغان جىنازا يول بويىغا چىقىپ بوپتۇ. دۇنيادا بەلكىم بۇنىڭدەك غەمكىن ۋە يالغۇز، دەرتمەن جەسەت بولمىسا كېرەك. ئاھ، يۈرەك، ئاھ يۈرەك. ياقا يىرتىپ قان - زار يىغلىدىم. قەلبىمدە ياش تۇرۇپ ياشلىقىنىڭ بىرەر گۈلىنى پۇراشقىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان بىچارە دوستۇم خاسىيەتنىڭ سىماسى گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. مۇسىبەت قايغۇسىدا يۈرگەن كۈنۈمنىڭ 3 - كۈنى بىرقانچە دوستلىرىم مېنى يوقلاپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ غەمكىنلىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىدى. مەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ساخاۋىتىنىڭ ئەڭ كاتتىسى سەۋر - تاقەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارغا تەسەللى بەردىم. ئارىدىن بىرسى ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا:
     - ھەي نۇرئىمانگۈل، ئەسلىدە خاسىيەت ئۆلمىگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن ئۇيقۇ دورىسى بىلەن خەت چىقىپتۇ.
     - خاسىيەتنى «كېچە سائەت 8 دە جان ئۈزدى» دەپ ئەتىسى ئەتىگەندە بامدات نامىزىدىلا يەرلىكىدە قويۇپ بوپتۇ. شۇ كۈنى كەچتە مەن خاسىيەتنىڭ ئۆيىگە بارغانتىم. تەلىسىنى (تەلە ئوقۇش مىيىتنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى تىلەپ ئايەت ئوقۇلىدىغان پائالىيەت.) ئوقۇشۇپ بەردىم. قارىسام ئۇنىڭ جەسىدىمۇ سوۋۇمىغان ئىكەن. تېخى پۇت - قوللىرىمۇ قاتماپتىكەن. - دوستلىرىم بەس - بەس بىلەن قايغۇ - ئەلەملىرىنى ئېيتىشىپ، زار - زار يىغلىشاتتى.
     - ئانىسىچۇ؟ ئانىسىمۇ بىلەمدۇ بۇ ئىشلارنى؟
     - بىلمەي قالامدۇ؟ دەسلەپتە باش - ئاخىرىنى ئويلىمايلا يەرلىكىدە قويۇۋېتىپ، ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە بولسا، «يەرلىكىنى ئاچىمىز» دەپ تۇرىۋالدى. لېكىن ھېچكىشى قويمىغان بولغاچقا، يىغلاپ ئولتۇرماقتىن باشقا نېمە ئامالى ئەمدى.
     - ئىككى كۈندىن بېرى بەلكىم مۇزلاپ ئۆلۈپمۇ بولغاندۇ.- دوستلىرىم بەس - بەس بىلەن چۇرۇقلىشىپ، ھەركىم ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەشمەكتە ئىدى. قەلبىم ئېغىر ئازاب ئىلكىدە، ئەسلىدىمۇ يارىلانغان يۈرىگىمنى مانا ئەمدى يېڭى - يېڭى جاراھەتلەر تاتىلىماقتا ئىدى. «پەرزەنت مېھرىنىڭ ھامىسى، پەرزەنتلەرنىڭ نورلۇق قۇياشى» دەپ تەرىپلەنگەن «ئانا» تۈپەيلىدىن، ئانىنىڭ ئىشقىۋازلىقى تۈپەيلىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قىز ياشلىق باھارىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىماي تۇرۇپلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ يەنە نەچچە پەرزەنت مانا مۇشۇنداق ئاتا - ئانىلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن خانىۋەيران بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقاندۇ - ھە!...

     

    5. تەڭرىنىڭ كۆزى

     

    مەن يەكەن ناھىيىسىدە كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن ھېلىقى بۇ زېمىن شۇنچىۋالا گۇناھى كەبىرلەرنى كۆتۈرۈپ، بەرداشلىق بېرىپ كەپتۇ، دەپ ئويلۇدۇم. چۈنكى بوۋام ماڭا «زېمىندا گۇناھى كەبىر ئېشىپ كەتسە زېمىن بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىلىدۇ» دەپ تەلىم بەرگەن. بىراق بىزنىڭ بۇ زېمىن يېرىلماي، بەرداشلىق بىلەن يەكەن خەلقىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. بەلكىم زېمىن ئۆزى ئۈستىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلاردىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى، تۆۋە قىلىپ ياخشى، توغرا يولغا مېڭىشنى كۈتىۋاتقاندۇ؟... كۈتە - كۈتە شۇ كۈتۈشلىرىمگە يارىشا نەۋرە ئاچام ئاينۇرمۇ گۇناھ يولىدىن قولىنى ئۈزۈپ ھىدايەت يولىغا قايتىپ كەلدى. يەنى يېزىمىزدا كىچىك بىر «ئۆي تائاملىرى ئاشخانىسى» ئاچتى. سودىسىمۇ يامان ئەمەس، مانا ئەمدى كۈنلەر ئاستا - ئاستا ئىزىغا چۈشمەكتە ئىدى. دەل شۇ چاغلار قاغىلار تۇيۇقسىز قاقىلدىغاندەك، قاپاقلار پىتۇيۇق تارتقاندەك، يۈرەك بىۋاقىت ئاغقاندەك دەھشەتلىك بىر خەۋەر «مارالبېشى، چوڭقۇرچاقتا يەر تەۋرەپتۇ، ئاپەت خىلى ئېغىر بوپتۇ»... قۇلاق مېڭەمنى يىگۈدەك دەھشىتى بىلەن جاراڭلىغان بۇ خەۋەر مېنى يەنە ھەسسىلەپ ئازاب پاتقىقىغا پاتۇردى. ئاھ، بىچارە خەلق. بىچارە دېھقان، ئاجىز بالىلار... يۈرىكىمدىكى تەشۋىش كۈچىيىپ كېتىپ باراتتى. ئاخىر مەن ئازراق بولسىمۇ ئاپەت رايونىدىكى دېھقان قېرىنداشلىرىمغا بولغان ساخاۋىتىمنى، كۆڭلۈمنى ئىپادىلەي دەپ ئويلاپ يىقىلغاننى تەپكەندەك ئاۋۇپ يېغىۋاتقان قارغىمۇ پەرۋا قىلماستىن چوڭقۇرچاق يېزىسىغا قاراپ يول ئالدىم. قولۇمدىكى ئېلىپ كەلگەن نەخ پۇل، نان ۋە ئۇن قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇش ئورنىغا تاپشۇرۇۋېتىپ تۇرۇشۇمغىلا تونۇش بىر ئاۋاز قۇلىقىمغا ئاڭلاندى. بۇ تونۇش ئاۋازلىق ئايالنىڭ بىراقلا 25 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئىئانە قىلىشى مېنى ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا تىكىلدۈردى. ئۇ ئايالنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرى تونۇشتەكمۇ قىلاتتى. مەن بارلىق خىياللىرىمنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇنى ئەسلەشكە ئېسىمگە كەلتۈرۈشكە تىرىشاتتىم. ھە ئاخىرى ئېسىمگە كەلدى.
     ۋاي بۇ يەكەندىكى بەش ئىشرەتخانىنىڭ خەنزۇ خوجايىنى xxx نىڭ ئايالى بۇرابىغۇ.
    ئاۋازىم ئۈنلۈكرەك چىقىپ كەتتىمىكىن دەپ ئەتراپقا ھودۇقۇپ قارىدىم. ھېچكىشى ماڭا قارىمىغاندەكمۇ قىلىدۇ. ھەي، مېنى كۆرگەنلا يەردە قوپاللىق قىلىپ تىللىغان، ناھايىتى ھاكاۋۇر، ئىدىيىسى قاتمال بۇرابى دەل ئالدىمدىلا تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا يا خەنزۇغا يا ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىغان 8 - 9 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئوغۇل بالا تۇراتتى. ئۇنىڭ كىيىنىشلىرى ئىلگىرى مەن كۆردەندىكىدىن ئاسمان - زېمىن پەرقلىنەتتى. ئۇ ئۇچىسىغا تىپىك ئۇيغۇرچە كىيىم كىيىۋالغانىدى. مەن يىراقتىن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپلا قالدىم. ئۇمۇ مېنى تونۇدى. بىز قىزغىن سالاملاشتۇق.
     - ھۇي، مەن تېخى يەكەنگە بارماقچى، سىزنى ئىزدىمەكچى ئىدىم. ئەجەپ ئوبدان بولدى، بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالدۇق. يۈرىڭە پاراڭلىشايلى، - دېدى ئۇ.
     - ۋاييەي، ئىلگىرى ئۆزلىرى بىلەن پاراڭلاشماق خۇيمۇ قىيىن ئىدىغۇ؟ - دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
     - ئادەمنى خىجىل قىلماڭ نۇرئىمانگۈل، - دەيتتى ئۇ مىيىغىدا كۈلۈپ. بىز پاراڭلشقاچ كىتىۋاتاتتۇق، ئۇ توساتتىنلا:
     - ھېلىقى چاغدا دوختۇرىانىدا ياتقاندا چىقىمىڭىزنى بىرسى تۆلىۋېتىپتىمىش - ھە؟
     - ھەئە، مەن شۇ كىشىنى ئىزدەپ يۈرىمەن. ھۇي سىز بۇ ئىشلارنى قانداق بىلىسىز؟ - مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن تولىمۇ ھەيران قالدىم.
     - ئۇ كىشى مەن بولىمەن، - دېدى بۇرابى.
     - ماڭا نېمىشقا ياردەم قىلدىڭىز؟ - سورىدىم مەن.
     - چۈنكى سىزنى ئىككى قېتىم قاتتىق ئۇرغۇزۇۋەتكەن مەن ئىدىم. ئەينى چاغدا مەنمۇ ئامالسىز ئىدىم. كېيىنكى قېتىم سىزنى ئۇرغىلى تۇرغاندا مەن ئۆزۈم ماشىنىدا بار ئىدىم. سىز شۇنچىلىك ئېغىر يارىلاندىڭىز. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. ئىككى كۈندىن كېيىن سىزنى ئۆلۈكمۇ ياكى تىرىكمۇ دەپ سۈرۈشتۈرسەم دوختۇرخانىدا ئىكەنسىز. دوختۇرخانىغا بارسام مېنى خۇش چىراي كۈتىۋالدىڭىز. بىشىڭىز قاتمۇ - قات تېڭىلغان، قول ۋە پۇتىڭىزغا قوشلاپ ئوكۇل ئېسىغلىق تۇرۇپمۇ مېنى ھەقىقەتكە قايتىشقا دالالەت قىلدىڭىز. مېنىڭمۇ يۈرىكىم تاش ئەمەستە. سىزنىڭ چىدام - غەيرىتىڭىز مېنى قايىل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ شۇنچىۋالا ئېغىر كېسەل بولۇشىڭىزغا مەن سەۋەپچى بولدۇمدە. شۇڭلاشقا دوختۇرخانا چىقىمىڭىزنى مەن...
     - توختاڭ! - ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدۈم مەن.
    2002 - يىل 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق ئۇرۇلغان ئىدىم، ئەجەبا ئۇمۇ...
     - ياق، ياق، ماڭا ئىشىنىڭ، ئۇ مەن ئەمەس. مەن ئۇ چاغدا سىزنىڭ ئۇ شەھىرىڭىزدىن ئايرىلىپ بولغان. ئۇ «سىزگە قول سېلىشىم مۇمكىن ئەمەس» دەپ جىددىي سۆزلەيتتى.
     - ھازىر نەدە نېمىش قىلىۋاتىسىز؟ سورىدىم مەن.
     - دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. مەن ھازىر ئىلگىرىكى بۇرابى ئەمەس. مەن ئىلگىرى ھېلىقى خەنزۇ لوبەننىڭ كىچىك خوتۇنى (توقال) ئەمەسمىدىم. ئۇ ماڭا كارامەت ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشرەتخانىلىرى بولغاچقا ئېقىپ يۈرۈپ باشقۇراتتى. پۇل دېگەننى سۇدەك بۇزۇپ خەجلەيتتى. بىر قېتىم ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەندە ئۆزۈم باشقۇرغان بەش ئىشرەتخانىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىنى ئالدىم. دۇكاندا پۇلغا يارايدىغانلىكى نەرسىلەرنى بىر كېچىدىلا ئېلىشىغىلا ساتتىم. ھەقىقەتكە قايتقۇسى بارلا قىزنى ئېلىپ شۇ كىچىدىلا سىزنىڭ ئۇ شەھىرىڭىزدىن يوقالدىم. بىر ئۈلپىتىم ئارقىلىق ئازراق تىرىكچىلىكنىڭ ئېپىنى بىلىۋالغانىدىم. كېيىنچە xxx ۋىلايەتتىن 500 مو يەر ئالدۇق. بىرىنچى يىلىلا كېۋەز تېرىپ يامان ئەمەس پايدا ئاپتىمىز. كېيىن لوبەن بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ ئۇنىڭغا تەۋە پۇللىرىنى بانكا ئارقىلىق يوللاپ بەردىم. ئۇ مېنى ئىزدىمەيدىغان مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىمايدىغان بولۇشتۇق. شۇنىڭدىن بېرى ئۇنى ئۇنتۇپلا كەتتىم. ھازىر ھەرھالدا يامان ئەمەس ياشاۋاتىمىز. كۈنىمىزمۇ ياخشى. ئوغلۇمنى بىقىپ قاتارغا قوشساملا.
     - ئوغلىڭىزنىڭ دادىسى ئاشۇ لوبەن شۇمۇ؟ ئەجەبا ئۇنى يەنە ئاۋارە قىلمايدۇ دېيەلەمسىز؟
     - مەن ئۇنىڭ توقىلى بولغاچقا بىزنىڭ توي خېتىمىزمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر مېنىڭ پۇلۇممۇ، يۈز - ئابرويۇممۇ بار بولدى. نېمىدىن غەم قىلاتتىم.
     - ۋاھ، بەك ياخشى بوپتۇ. ئەمدى بۇ پۇللىرىڭىزنى قانداقمۇ خەجلەپ بولارسىز.
    سۆزۈمگە ئۇلاپلا «چاقچاق قىلىپ قويدۇم جۇمۇ» دەپ ئۇلاپ قويدۇم.
     - ئۇ تەرىپىنىمۇ ئويلاپ قويدۇم. مەن كەلگۈسىدە شۇ پۇللىرىمنى ئوقۇشسىز قالغان قىزلارغا سەرپ قىلسام، مۇمكىن بولسا مەكتەپ سالسام دەيمەن. مېنىڭ ئوقۇغۇم بولسىمۇ ئائىلە شارائىتىمنىڭ ناچارلىقىدىن ئوقۇيالمىغانتىم. شۇڭلاشقا ھەرقانداق بىر قىزنى ئوقۇشسىز قالمىسىكەن دەيمەن.
    ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل سۆيۈنۈش ۋە ئىچكى ھاياجان چىقىپ تۇراتتى.
     - ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز. يارايسىز بۇرابى. ھەرھالدا يېگەن تايىقىم زايا كەتمەپتۇ. شۇ 15 قىزنىڭ ھەممىسى يىنىڭىزدا بارمۇ؟
     10 نەپەر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ رايىغا ئاساسەن يەتكۈدەك پۇل بېرىپ قايتۇرىۋەتتىم. قالغانلىرى يېنىمدا بار.
     نۇرئايچۇ؟ ئۇنى قايتۇرىۋەتتىڭىزمۇ ياكى يىنىڭىزدا بارمۇ؟ ئەركىنلىككە بەكلا ئىنتىلەتتى ئۇ بىچارە.
    بىردىنلا بۇرابىنىڭ چىرايى تۇمانلاشتى. «نۇرئاي» دېگىنى ئەسلى خەنزۇ قىز بولۇپ ئەسلى ئىسمى 小麦، شاڭخەيدە تۇغۇلغان. تۆت يېشىدا قارا جەمئىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈپ قېلىپ قولدىن - قولغا سېتىلىپ نۇرغۇن ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. 14 يېشىدا ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ چىقىپ يۇرتىمىزغا كېلىپ قالغان ھەم لوبەن تەرىپىدىن شۇ يولغا مەجبۇرلانغان قىز ئىكەن. قىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان، ئۇ قىز بەكلا چىرايلىق بولغاچقا ئۇ يەردىكىلەر ئۇ قىزنى «نۇرئاي» دەپ چاقىراتتىكەن. بۇرابىنىڭ «نۇرئاي قازا قىلدى» دېگەن سۆزى بىلەن تەڭ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
     - قانداق قازا قىلدى؟
     - ئۆزىنى سۇغا تاشلاپ ئۆلىۋالدى.
    شۇئان كۆز ئالدىمغا نۇرئاينىڭ ئاپئاق بەدەنلىرىگە ئويۇلغان قامچا، تاياقنىڭ ئىزلىرى، تاماكىنىڭ يېقىلغان كۆيۈك ئىزلىرى... «مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى بىرەر قاچا تاماقنىمۇ خاتىرجەم يەپ، بىرەر كېچە خاتىرجەم ئۇخلاپ باقمىدىم... ئەركىن ئازادە يول يۈرۈپ باقمىدىم، ئاچا، مەن ئاتا - ئانامدىن نەپرەتلىنىمەن...» دەپ يىغلاۋاتقان تۇرقى كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى...
    مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇرابىنىڭ ياقىسىغا قول سالدىم.
     - سىز ئۇنى يەنە نەگە ساتتىڭىز؟ تولا يالغاننى توقۇماڭ، نۇرئاي ھەرگىز ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمايدۇ. ئۇ ماڭا چوقۇم ياخشى ياشاشقا ۋەدە بەرگەن، بۇ مۇمكىن ئەمەس.
    ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمايتتىم. بۇرابىنىڭ يۈزىگە ئىككى كاچات سالدىم، ئەتراپىمغا باقماستىن سۆزلەپلا كېتىپتىمەن.
     - كىلىڭە سىز بەك قالتىس بولۇپ كېتىپسىز. ئىلگىرىمۇ مېنى ئۇرغۇزۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغان ئادەم سىز شۇ. يەنە مېنى ئالدايمەن دىگىچە ئۆلتۈرۈپلاۋىتىڭا.
    بۇرابىنىڭ يۈزۈمگە سالغان كاچىتىدىن كۆزۈمدىن ئوت چىقىپ كەتتى.
     - سىزگە سەمىمى بولغانلىقىم مېنىڭ خاتالىقىمما؟ نۇرئىمانگۈل نېمانچە ھەددىڭىزدىن ئاشىسىز. ئىلگىرى سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرىۋالغۇچى مانا مەن. سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى ئۆلۈكتىن پەرقسىز مىيىپ قىلىۋېتىش ماڭا شۇنچىلىكلا ئىش ئىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىمغۇ. شۇنچە يىل ئىشرەتخانىغا خوجايىن بوپتىمەن. قايسى قىز پۇل ئۈچۈن قايسى قىز ھەۋەس ئۈچۈن بىر قاراپلا بىلەلەيمەن. مۇشۇ قولۇمدىكى پۇل بىلەنلا نۇرغۇن قىزلارنى ئازدۇرۇپ نى - نى ئىشلارنى قىلالايمەن. لېكىن قىلمىدىمغۇ. مانا مەن ھەق يولغا قايتتىمغۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ گەرچە ئىشرەتخانىدا ئىشلىگەن بولساممۇ، خەنزۇغا خوتۇن بولغان بولساممۇ مەندىكى ئىنسانىي پەزىلەت ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس بولغان ۋىجدان يوقالغىنى يوق. مەن ئەجەبا ئاشۇ بىچارە قىزنى ساتارمەنما؟ مەن دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، كىچىك بالا يالغان سۆزلىمەيدۇ. ئوغلۇم ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار. ئۇ سۆزلىسۇن، بالام كېلە، نۇرئىمانگۈل ئاچاڭغا ھەممىنى ئېيتىپ بەرگىن. نۇرئاي ئاچاڭ بەرگەن كونۋرتنى بەرگىن.
     - كىلىڭە يىگىت. نۇرئاي دېگەن ئاچىڭىز قانداق بولۇپ قازا قىلدى؟ - سورىدىم مەن بۇرابىنىڭ ئوغلىدىن.
     - بىز بىللە ئۆستەڭ بويىغا چىقتۇق. نۇرئاي ئاچام «مەنمۇ مۇشۇ سۇدەك ئېقىپ كەلگەن، جەسىدىممۇ شۇنداق ئېقىپ كەتسۇن» دېگەندەك قىلىۋىدى. مېنى ئەركىلىتىپ دېگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. كېيىن مەنمۇ تۇيمايلا قالدىم، ئۆزىنى سۇغا ئاتتى. بۇنى سىزگە قالدۇردى.
    كونۋېرت ئۈستىگە «نۇرئىمانگۈل ئاچامغا تەگسۇن» دەپ يېزىقلىق ئىكەن. كونۋېرتنى ئاچسام ئىچىدىن بىر بەت خەت ۋە مەن ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان كۆز مۇنچاق چىقتى. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى.
     «ھۆرمەتلىك نۇرئىمانگۈل ئاچا، مەن سىزگە چوقۇم ياشاشقا ۋەدە بەرگەن ئىدىم. قاتتىق ئاغرىق ئازابى ماڭا بىر نەپەس ئارامچىلىق بەرمىدى. قاتمۇ - قات قىيىنچىلىقلارغا، ئازاپلارغا چىدىغان تېنىم كېسەلگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. بۇرابى ئاچام نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالاتقان بولسىمۇ كېسىلىم ئازراقمۇ ياخشىلانمىدى. ئەمدىمەن ھاياتتىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم. مېنى قارا جەمئىيەت كىشىلىرىگە تارتقۇزۇپ قويغان ئاتا - ئانامدىن نەپرەتلىنىمەن. ماڭا بەرگەن سوۋغىڭىز ئۆزىڭىزگە قالسۇن، سىزنى سىغىنىپ:
    نۇرئاي
    2002 - يىل 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى»
    دەپ يېزىلغان ئىكەن.
     - ئۇ ساۋاتسىزتىغۇ. بۇ خەتنى كىم يازغان؟ - گۇمانى نەزەردە سورىدىم مەن.
     - ئۇ دېدى مەن يازدىم، - دەپ جاۋاب بەردى بۇرابىنىڭ ئوغلى. شۇ ئىزىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم. كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلايتتى. شۇ چاغدىكى ئازابىمغا ھېچنەرسە توغرا كەلمەيتتى. بۇرابى قولۇمدىكى خەتكە كۆز يۈگۈرتتى.
     - مانا، بۇخەتنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتىمەن. مانىڭغا قاراڭ،- بۇرابىنىڭ قولىدا نۇرئاينى داۋالاتقان دوختۇرخانىنىڭ ھېسابات ھۆججىتى تۇراتتى.- رەھمەتلىك نۇرئايغا كېچە - كۈندۈز ئىچىم ئېچىشىدۇ، دەپ بىردەم ئارام ئالمايتتى. بەلكىم شۇ تاياق زەربىسىنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك. - بۇرابى كۆزىگە ياش ئالدى.
     - سىزنىڭ ھازىرقى ئىپادىڭىزگە قاراپ ئىشەنگەن بولاي. ئىشەنچىم يەردە قالمىسىكەن دەيمەن. نۇرئاي ئۆلمىگەن ياكى ئۆلۈشىدە بۇنىڭدىن باشقا سەۋەبنىڭ بارلىقىنى بىلىپلا قالسام سىزدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىمەن. ئاللامۇ سىزنى ھەرگىز بوش قويمايدۇ. سىز بۇنى ئوبدان بىلىسىز.
     - نېمە، سىز يەنە ماڭا ئىشەنمەمسىز؟ سىزنىڭچە مەن شۇنچە ئەسكىما؟ - بۇرابى ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن ھالەتتە سۆزلەيتتى.
     - بۇنى بىرنەرسە دەپ بولمايدۇ. بۇرابى، سىز ياخشى ئايال بولسىڭىز ئۇنداقتا مەن ئوسال ئايال ئوخشايمەن. بۇرابى مەن سىزگە قىلچە يامانلىق قىلمىغان ئىدىمغۇ؟ سىزنى ئەكسىچە ھەق يولغا دالالەت قىلغان ئىدىمغۇ؟ سىزنىڭ كەچۈرمىشىڭىزنى سۆزلەپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈندۈم. لېكىن سىز قانداق قىلدىڭىز؟ ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلدىڭىز. تىل - دەشنام قىلدىڭىز. خۇددى ھايۋاننى باغلىغاندەك مېنى باغلىتىپ ئۇرغۇزدىڭىز. مېنى باغلىغان ھېلىقى چىنار دەرىخى ئېسىڭىزدىدۇ. پۈتۈن ئەزايىمنى قانغا مىلەپ، بېشىمنى يېرىۋەتتىڭىز. مېنى دەل چالا ئۆلۈك قىلغان دەل سىز. بۇرابى، بىراق مەن ھېلىغىچە سىزدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلاپ باقمىدىم. چۈنكى سىز مېنىڭ نەزىرىمدە بەك بىچارە قىز. گەرچە تاشقى قىياپىتىڭىز شۇنچىلىك ئېسىل ھەشەمەتلىك بولغىنى بىلەن ۋىجدانىڭىز ئالدىدا گۆردىكى ئۆلۈكتىن پەرقىڭىز يوق. چۈنكى سىز ھاراق ساتتىم دەپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ھايىنىغا ساتتىڭىز. ئۆز مىللەت، ئۆز قىرىنداشلىرىنى ساتقان سىزدەك ئايالغا قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟
     - بولدى، بولدى قىلىڭ نۇرئىمانگۈل. مەن سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بار. سەۋەبسىز ئىش يوق جاھاندا.
     - بۇرابى، سىز داۋاملىق «سەۋەبى بار» دېگەننى باھانە قىلىپ كېلىۋاتىسىز. دەل تۆت يىل بولدى. سىزنىڭ نېمە سەۋەپتىن خەنزۇ بىلەن ئۆي تۇتۇپ، ئىشرەتخانا خوجايىنى بولغىنىڭىز ھازىرغىچە ماڭا نامەلۇم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە «نۇرئاينى سېتىپ، سىزگە يالغان سۆزلىشىمنىڭمۇ سەۋەبى بار» دەيسىز، كاشكى.
     - نۇرئىمانگۈل، ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ. نۇرئاي ھەقىقەتەن قازا قىلدى، ماڭا ئىشىنىڭ.
     - بۇرابى مەن سىزگە ئىشەنسەم بولاتتى، بىراق سىز ئىلگىرى مېنىڭ قىلغان ئەڭ چىرايلىق سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىغان ئىدىڭىزغۇ؟  سىزنى شەرىئەت ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلدۇرالمىغان ئىدىمغۇ؟ ئۇيغۇر تۇرۇپ شەرىئەت ھۆكۈمىنى تۇتمىغان ئايالنى نېمە دېگۈلۈك...
     - نۇرئىمانگۈل توختاڭ. مەن سىزگە دەي. مەن سىزگە ئۆچمەنلىك قىلغان، چۈنكى سىز ئىسلام قىزى ئىكەنسىز. مەن ئىسلام شەرىئىتى، ھاجىم، قارىم دېگەنلەرگە چىش تىرناقلىرىمغىچە ئۆچ. - بۇرابى ئۇياقتىن كەلگەن سانتانا ماركىلىق پىكاپتىن بىرنى توستى،- قېنى چىقىڭ. مەن ھازىر سىزگە ھەممىنى دەپ بېرىمەن. ئۇستام يەكەنگە ھەيدەڭ، باشقا ئادەم ئالماڭ!
    - مەن سىزگە ھەممىنى دەپ بېرىمەن، تېخى مېنىڭ مۇشۇنداق يولدا مېڭىشىمدا سەۋەبچى بولغان ئادەمنى سىزگە كۆرسىتىمەن. ئەسلىدە بۇ ئىشنى سىزگە كېيىنچىرەك ئېيتماقچى ئىدىم. ئەمدى دېمىسەم بولمايدىغان يېرىگە يەتتى.

     

    6. مۇناپىق ھاجىمغا ئوقۇلغان لەنەت

     

    - ھەي نۇرئىمانگۈل، سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا. مەن سىزگە باشتىن سۆزلەپ بېرەي.
        بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى مېنىڭمۇ ناھايىتى بەختلىك ئائىلەم بار ئىدى. مەن شۇ بەختلىك ئائىلە قوينىدا سەبىيلەر بەختىنى سۈرەتتىم. دادام قۇرۇلۇش سودىگىرى، ئانام ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئائىلىمىز شۇنچە ياخشى، باياشات تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. دادامنىڭ مەرتىۋىسىگە، پۇلىغا كۆيگەن بۇزغۇنچى ئاياللارنىڭ كۆپلىكىدىن 3 - شەخس قىستۇرۇلغان تۇرمۇش ئاقىۋەتتە بۇزۇلدى. دادام باشقا ئايال بىلەن توي قىلىپ بىزنى تاشلاپ باشقا شەھەرگە كەتتى. ئانام تولىمۇ مەنمەنچى، ھەشەمەتخور ئايال بولۇپ ئالغان ئايلىقىنىڭ تولىسى ھۆسنىنى يېڭىلاشقا كېتەتتى. دادامنىڭ  ئۆيلىنىۋېلىشى ئانامنى ئۆز ئەسلىدىن يىراقلىتىپ تولا چېچىلىدىغان قىلىپ قويدى. ئۇ دائىملا ئاچچىقىنى مەندىن ئالاتتى.
     ھەرقايسىڭدەك ئىتنىڭ كۈچۈكلىرىنى باقىمەن دەپ چىرايىمدىن كەتمىگەن بولسام داداڭ دېگەن دەيۈزمۇ مېنى تاشلاپ كەتمەيتتى. سەن شۇمتەكلەر پۇتۇمغا باغ بولۇشمىغان بولساڭ مەنمۇ ئۆز خىلىمدا توي قىلاتتىم. مەن بۇ ئۆي تەڭلىكىنى ئۈزەلمىدىم، دەپ دائىملا پۇل تەڭلىكىنى ئوقۇيتتى. دادامنىڭ بىزگە ئىۋەتكەن تۇرمۇش پۇلىمۇ ئانامنىڭ ئايلىق چىقىمىغا كىرىپ كېتەتتى. ئايىغى چىقمايدىغان رېستوران ئولتۇرۇشلىرى، چەكتىن ئاشقان دوستلار يىغىلىشلىرى ئانامنى كۈندىن - كۈنگە بىزدىن يىراقلاشتۇرۇۋەتتى. بىزگە نە ئىسسىق تاماق، نە ئائىلە مېھرى، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم. تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كىرىدىغان چاغدا ئانام ئوقۇشۇمغا قەتئىي قارشى تۇردى.
     «تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتسام يەنە پۇل كېتەر ھەقاچان، نەدىكەن ئۇ پۇل. داداڭنىڭ قىلغىنى شۇ، سېنى ئوقۇتمايمەن» دەپ ئۆيگە ئەلچى باشلاپ كىرىپتۇ. مەن توي قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئانامغا تەكرار - تەكرار يېلىنىپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كىردىم. ئۈچ يىللىق ئوقۇش مەن ئۈچۈن تولىمۇ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. بۇرۇندىن بىللە ئوقۇپ كېلىۋاتقان ساۋاقداشلىرىم مېنى «لوبەننىڭ قىزى» دەپ گەپ ئېتىپ قوياتتى. دېمىسىمۇ ئاتا - ئانامنىڭ تاشقى قىياپىتى ھەقىقەتەنمۇ بايۋەچچى سۈپەت ئىدى. بىراق بىز بالىلىرى بولساق ئىچىمىزدە روزا تۇتۇپ، تېشىمىزدا ھېيت ئويناپ، شامال يەپ بوران كىكىرىپ يۈرەتتۇق. ئانامدىن بىر قەلەم چاغلىق نەرسە ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم. مەن ئۆزۈم ئۇنداق قىلىپ، بۇنداق قىلىپ مېنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان دوستلىرىمنىڭ ياردىمىدە تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملىدىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاشقانسېرى مېنى ۋەھىمە باسقىلى تۇردى. چۈنكى ئانام ماڭا ناۋادا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىسەم بۇنىڭدىن ئاۋۋالقى 11 يىللىق ئوقۇش چىقىمىمنى تۆلەتمەكچى بولغان. يىقىنقى كۈنلەردىن بىرى شۇ شەرت ئانامنىڭ ئاغزىدا تەسۋى ئىدى. مەن ئەنە شۇنداق دەككە - دۈككە ئىچىدە ئىمتىھانغا قاتناشتىم. بىراق پېشانەم ئەزەلدىن تەتۈر بولغاچقىمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم. ئاسمان ئۈستۈمگە  يىقىلىپ چۈشكەندەك، ئالەمچە قايغۇ مېنى ئازابلايتتى. يىقىلىق ياز ئايلىرى ئۈچ يىل بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلارنىڭ ئاخىرقى يىغىلىشى ئىدى. بىز ئوپچى تاماق يىدۇق. خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق. چىملىقتا ئولتۇرۇپ كەلگۈسى ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشتۇق. باشقا ساۋاقداشلىرىم ئۆزلىرى ئوقۇماقچى بولغان ئالىي مەكتەپ ۋە چوڭ شەھەرلەر ھەققىدە قىزغىن سۆزلىشەتتى. خۇشال كەيپىياتتا خۇش - چاقچاقلارنى قىلىشاتتى. مەنچۇ؟ مەن بولسام ئانامنىڭ «ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەڭ بارلىق ئوقۇش چىقىمىڭنى تۆلەيسەن، بولمىسا ئۆيگە كىرىمەن دېمە!» دېگەن سۆزلىرىنى ئۈنسىز ياد ئېتىپ ئولتۇراتتىم. ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئاخىرلاشتى. دوستلىرىم ھەر تەرەپكە تاراشتى. مەن بولسام ئانامنىڭ «... ئۆيگە كىرمە» دېگەن سۆزىگە ئاساسەن ئۆيگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئالتۇن رەڭلىك چىراغ نۇرى ئاستىدىكى چوڭ شەھەر كوچىسىدا خىيال دەرياسىدا ئەللەيلىنىپ تەنھا كېتىۋاتاتتىم. كۆزۈمگە نە ئادەمزات، نە باشقا نەرسە كۆرۈنمەيتتى. توساتتىن يېنىمدا بىر تاكسى توختىدى، ماشىنىدىن تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم xxx چۈشۈپ كەلدى. ئۇنىڭ كىيىنىشلىرى ئالاھىدە، قوللىرىدا جۈپ - جۈپتىن ئالتۇن ئۈزۈك، قۇلاق بويۇنلىرىمۇ خۇددى ئالتۇن بىلەن يۆگەلگەن...
     بۇرابى ماشىنىغا چىقە. بۇنچە كەچتە پىيادە نېمىمۇ قىلىپ يۈرىيدىغانسەن؟
    مەن دەرھاللا ماشىنىغا چىقتىم. بىز شەھەر بويىچە ئەڭ ئېسىل تاماقخانىغا كىرىپ غىزالاندۇق. پاراڭلاشقاچ مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىپ، ھارغىچە يىغلاپ ئىچىمنى راسا بىر بوشىتىۋالدىم. ئۇ دوستۇم بولسا ئۆزىنىڭ يەكەندە قايسىبىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىش ھەققى، مۇكاپاتلىرىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقىنى...  تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. «ئەگەر خالىساڭ بىز بىللە ئىشلەيلى، ئاداش» ئۇنىڭ بۇ سۆزى ماڭا ياغدەك ياقتى. «شۇ چىقىش يولى ئارقىلىق بولسىمۇ ئانامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتاي» دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە. دوستۇمغا ماقۇللىقىمنى بىلدۈردۈم. ئەتىسى سەھەرگە ھېچكىشىنىڭ سەمىگە سالمايلا دوستۇمغا ئەگىشىپ ماڭدىم. يۇرتۇم خوتەندىن سەھەر سائەت 10 دا يولغا چىقىپ، كەچ سائەت 30: 6 دا دوستۇم ئىشلەيدىغان يەكەنگە كەلدۇق.
    - مانا مېنىڭ ئىشلەيدىغان يىرىم.
    كۆزۈمگە ئىشىنەلمەي، كاللامنى سىلكىۋىتىپ يەنە قايتا قارىدىم. ئەپسۇس بۇ يەر قانداقتۇر «زاۋۇت» بولماستىن ئەنە شۇنداق ئىپلاس جاي ئىكەن. مەن مىڭ ئەپسۇلاندىم. دوستۇم بىلەن سوقۇشۇپ، دەرھاللا كاللامنى ئىشلىتىپ بۇ يەردىن قېچىپ چىقماقچى بولدۇم. بۇ يەرنىڭ لوبىنى مېنى كۆرۈپلا ئاغزى قۇلىقىغا يەتكۈدەك دەرىجىدە خۇش بولۇپ كەتكەن، ئۇ مېنىڭ «بىر - ئىككى كۈن ئىش كۆرەي» دېگەن تەلىپىمگە ناھايىتى ئاسانلا قوشۇلدى. بارغان كۈنۈملا ئىش كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. بىر كېچە ئۆتتى. ئەتىسى سەھەردە ھاجەتكە چىقىشنى باھانە قىلىپ ئۇ يەردىن پاك پېتىم قىچىپ چىقتىم. مەن ئاۋالقى كۈنى ماشىنىدا يېگەن قۇرۇق نانچە ئېغىزىمغا گىياھمۇ سالمىغان ئىدىم. ھېلىقى مەينەتچىلىكتە تاماق يېگۈم كەلمىدى. ئاقىۋەت ئاچ قورساق قىچىپ چىقتىم. 8 - ئاي كۈنلەر بولغاچقا، ھاۋا ئىسسىق كۈن ئۇزۇن، ئۇسساپلا تۇراتتىم. قەلبىمنى ئورىۋالغان تەشۋىش ۋە ۋەسۋەسە مېنى تېخىمۇ ئۇسسىتىۋەتتى. بىراق  يانچۇقۇمدا سىنت چاغلىق پۇل يوق. قوساقنىڭ ئاچلىقى ئۇندىن، پەقەتلا كۆرۈپمۇ باقمىغان  يات مۇھىت، يات شەھەر. مەن تېخى قىچىپ چىقساملا ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ  دەپ ئويلاپتىكەنمەن. نەدىكىنى ئەمدى نەگە بېرىپ نەدە توختىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم. بېشىم قايغان، پۇتۇم تايغان كوچىلارنىڭ ھەممىسىدە ئەتىگەندىن كەچكىچە مىڭىپ ھاردىم. كەچ سائەت 6 بولاي دەپتۇ. ياز كۈنى سائەت 6 مۇ خىلى يورۇق بولىدىكەن. تىجارەتچىلەرمۇ دۇكانلىرىنى تاقىمىغان چاغ. بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ كونا شەھەر رايونىدىكى زەرگەرلەر توپلاشقان جايغا كېلىپ قاپتىمەن. قارىسام يولنىڭ لىۋىگىلا. ئەينەكلىك قىلىپ ئىچىلغان، خىلى كاتتا ياسالغان بىر دۇكاننىڭ سودىسى باشقا دۇكانلارنىڭكىدىن خېلىلا ياخشى ئىكەن. شاگىرتلىرىمۇ جىق، دەسمايىسىمۇ خىلى كۆپكەن. خېرىدارلارمۇ يېشى 50 لەردە بار خىلىلا قاملاشقان، يۈزىنىڭ ئېقى ئاق، قىزىلى قىزىل دىنى زات سۈپەت دۇكان خوجايىنىنى «ھاجىم» دېسە «ھاجىم» دەپ ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن. مەن كۆڭلۈمدە «ھاجىم» دېگەن باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، مۇشۇ كىشىدىن بىر ياردەم سوراپ باقاي، ئازراق پۇل بەرسە، يۇرتۇم خوتەنگە كېتىۋالاي، ئۆيگە باراي، نېمە بولسام ئۆيۈمدە بولمامدىمەن» دەپ ئويلاپ ئۇ دۇكانغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم ۋە ھاجىمنىڭ بىرئاز خالىي قالغان پەيتىنى كۈتۈپ:
     - ھاجىم ئاكا، مەن ئۆزلىرىگە ھاجەت ئېيتىپ كېلىۋىدىم. ياردەملىرىگە تولىمۇ موھتاجمەن. تۈنۈگۈندىن بېرى ھېچنەرسە يىمىدىم. شۇڭا ئۆزلىرىنى ساخاۋەت قولىنى سۇنارمىكىن دەپ…- ھاجىم ئەتراپىغا بىرقۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن سەل چەتكىرەك ماڭدى. ئۇ زەرگەرلىك دۇكىنىنىڭ يىنىدىكى خېلى چوڭ بىر ئاشخانىنى كۆرسىتىپ «سىز كىرگەچ تۇرۇڭ، ئارقىڭىزدىنلا كىرىمەن» دېدى. مەن كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغۇچە ئۇ ھاجىممۇ كىرىپ كەلدى. ئاشخانا خوجايىنى ئۇ زەرگەر ھاجىمغا خۇشامەت قىلىپ قىلمىغىنى قالمىدى ۋە ئايرىم خانىگە باشلىدى. مەن ھېچنەرسىنى ئويلىمىدىم «ئاش كەلسە ئىمان قىچىپتۇ» دېگەن سۆزلەر راست چېغى بار. ھاجىم بۇيرۇتقان بىر تەخسە چەيزە لەڭمىنىنى ئىشتىھا بىلەن يەپ بىردەمدىلا تەخسىنى قۇرۇقداپ بولدۇم. تاماقتىن كېيىن مەن ھاجىمغا كۆپتىن - كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىپ، يۇرتۇمغا كىتىۋېلىش ئۈچۈن 50 يۈەن ياردەم قىلىشنى ئۆتۈندۈم. ئۇ كىشى ماڭا، سىزدەك قىز ئۈچۈن 5 مىڭ يۈەن بەرسەكمۇ زايە كەتمەيدۇ، دەپ گەپ باشلاپ مېنى ئۆزىگە تۆتىنچى كىچىك خوتۇن بولۇشقا، پۇل - پېچەكتىن قىسمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ دەۋەت قىلدى. مەن چىرايلىق رەت قىلدىم. ئۇ كىشىنىڭ چىرايى سەل ئۆڭدى. مەن يەنە يالۋۇرۇپ ياردەم قىلىش ھەققىدە ئۆتۈندۈم. ئۇ كىشى ماڭا پەس ئاۋاز بىلەن بىر كېچىلىك شەرتنى قويدى. مەن يەنە رەت قىلدىم. ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى، ئاتا - ئانامنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، يەكەندە پەقەت شۇ كىشىنىلا تونۇيدىغانلىقىمنى، قىزلىق ئىپپىتىمنى ساقلاش ئۈچۈن قېچىپ چىققانلىقىمنى، تاشنىمۇ ئېرىتكىدەك چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئېيتىپ يالۋۇردۇم. ئىسلام دىنىنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ 50 يۈەن بېرىشنى بىچارىلەرچە ئۆتۈندۈم. يۇرتۇمغا بېرىۋالساملا قىلغان ياخشىلىقىنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قەسەم ئىچتىم. لېكىن ئىسمى ھاجىم بولغىنى بىلەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىپلاس ھاجىمكەن. ئۇ ھاجىم «قانچە پۇل دېسەڭ مانا پۇل، بىراق مېنى قاندۇرۇشۇڭ كېرەك» دېگەن شەرتىدىن قەتئىي يانمىدى. ئېسىت، بەڭباشلىقىم، ئېسىت كەم ئەقىللىقلىقىم. نېمىشقا ئۆيدىن قېچىپ چىقتىم - ھە؟ شۇ تاپتا ئانام بىلەن ئېنىم قانچە ئىزدەپ كەتكەندۇ - ھە. مەن نېمىشقا ئۆز يۇرتۇمدىن چىقىش يولى تاپمىدىم؟ ئۆز ئانام بولغاندىكىن نېمىشقا شۇنىڭغا يۈرەك - باغرىمنى تۆكمىدىم؟ ئەجەبا بۇ ئۇيغۇر يۇرتىدىن ماڭا ياردەم قىلغۇدەك بىرسى چىقماسمۇ؟... مەن ئاخىرى بىرەر ئاشخانا دېگەندەك جايلاردا قاچا يۇيۇپمۇ بولسا ئىشلەپ ئۆز يۇرتۇمغا كېتىۋالاي دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم - دە ھاجىمغا ئېلىپ بەرگەن لەڭمىنى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتىم. ئۇ ئايرىم خانىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ماڭدىم.
     - توختا!- بايامقى مۇلايىملىقلىرىغا زىت ھالدا ۋارقىرىغان ئاۋاز مېنى توختاتتى، - نەدىمۇ بىر قاچا تاماقنى بىكارغا يەيدىغان ئىش باركەن؟
    ئۇ مېنىڭ شىللەمدىن تارتىپ ساپاغا ئاتتى. ۋە ئۈستۈمدىن باسمالدىۋالدى. مەن ھەرقانچە تىپىرلىساممۇ ھايۋان سۈپەت ھاجىمنىڭ كېلەڭسىز تېنىنى يېڭەلمىدىم. قاتتىق خورلانغان تېنىم، يارا بولغان قەلبىم... ۋۇجۇدۇم تىنماي ئۆرتىنەتتى. كۆز ياشلىرىم مۆلدۈردەك قۇيۇلاتتى. ئىش تۈگىدى ئۇ ئىپلاس ھاجىمنىڭ بىرەر موچەنمۇ بەرمەي چىقىپ كېتىشى... ئامالسىز ئۆزۈم قېچىپ چىققان ئىشرەتخانىغا قايتىپ باردىم. چىرايىم، باشقا قىزلاردىن مەلۇماتلىق ئىكەنلىكىم، خەنزۇچە بىلگەنلىكىم، چاققانلىقىم بىلەن خەنزۇ لوبەنگە ياراپ قالدىم. شۇ ئىشتىن كېيىن ئىسمى «ھاجىم»، «قارىم» دېگەندەك كىشىلەرنى كۆرسەم تېنىم شۈركۈنىدۇ.
    بۇرابىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاخىرلاشتى. بىزمۇ يەكەنگە كېلىپ قالدۇق. ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىشىمغا قارىماي ئۇ شوپۇر ئۇستامنى كونا شەھەر تەرەپكە مېڭىشقا ئۈندىدى. بىز يېڭى شەھەر - كونا شەھەر چوڭ ئوق يولى بويىغا جايلاشقان زەرگەرچىلىك بازىرى ئالدىدا توختىدۇق. (يەنى دورا شىركىتىنىڭ ئالدىدا) بۇرابى ماڭا ئۆزىنىڭ چەيزە لەڭمىنى يېگەن ئاشخانىسىنى كۆرسەتتى ۋە ھازىر يەكەندە ئاق ئالتۇن، قىزىل ئالتۇن، سېرىق ئالتۇنلاردا ئوبدانلا بازار تاپقان xxx ھاجىمنى شەرەتلەپ كۆرسىتىپ دېدى: 

    - ئاۋۇ كىشىنى كۆرۈۋاتامسىز؟ نېمىدېگەن سالاپەتلىك - ھە.
     - ئۇ كىم بولىدۇ؟
     - ئۇنىڭ كىملىكىنى ھازىرلا ئىسپاتلاپ بېرىمەن.
    بۇرابى ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇ كىشى تەرەپكە ماڭدى. بېشىدا چۆچۈرە بادام دوپپا، ئۇچىسىدا سىماۋى رەڭ پەلتۇ، پۇتىغا مەيسە كالاچ كىيىۋالغان ئۇ ھاجىم بۇرابىنى كۆرۈپ دەسلەپ قىپقىزىل قىزاردى، كېيىن تاتىرىپ كەتتى ۋە چىرايىغا يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ، بۇرابىنىڭ ئالدىغىلا كەلدى.
     - ھوي خېنىم، ئۆزلىرىنى ئۇزۇن بولدى كۆرمىدۇقيا، كەچتە راسا بىر مېھمان قىلايمۇ… ھى - ھى.
    ئۇ ھاجىمنىڭ گەپلىرى تازا قولاشمايۋاتاتتى. ھودۇقۇپ، تەمتىرەپ كەتكەنىدى. بۇرابى ناھايىتى غەزەپ بىلەن ئۇ ھاجىمنى كېلىشتۈرۈپ ئىككى شاپىلاق سالدى.
     مەن سەن بىلەن ھېسابلاشقىلى كەلدىم. مېنى مۇشۇ پاتقاققا پاتۇرۇپ قويغان سەن. ھۇ ئېشەك سۈيدىكىنى ئىچىپ ھەج قىلغان چوشقا. مەن سەندىن ھېساب ئالىمەن. بۇرابى تەلۋىلەرچە ۋارقىراپ ھاجىمغا ئېسىلدى. ھېلىقى ھاجىم ئالدى - كەينىگىمۇ قارىماي، توپلاشقىلى تۇرغان كىشىلەر توپىنى يىرىپ بەدەر تىكىۋەتتى. مەن بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بولغاچقا بۇرابىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئەمدى ھەقىقى ئىشەندىم. بۇرابى بىزنىڭ ئۆيدە بىر ئاخشام تۇرۇپ ئەتىسى سەھەردە ئۆزىنىڭ ھازىرقى يېڭى يۇرتىغا قاراپ كېتىپ قالدى. سورىسام ئۇ ھازىر ئىنىسىنى پۇل ئەۋەتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىۋېتىپتۇ. ئانىسىمۇ ئەرگە تېگىپتۇ.

     

    7. بۇ ئىشلار راست بولغان

     

     مەن دەسلىپىدە جەمەتىمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن، نەۋرە ئاچام ئاينۇرنى ئىزدەش يولىدا بۇ يولغا كىرىپ قالغان بولساممۇ بەش يىل تۇرۇپ قېلىشىمنى ئويلىمىغان ئىدىم. دەسلىبىدە ئاڭلىغان گەپ - سۆزلەرگە ئاساسلىنىپ ئىزدىسەم كېيىن گويا رازۋىتچىكلاردەك نەدە رەزىللىك بولسا شۇ يەردە مەن بولۇپ ئويلاپمۇ باقمىغان دەرىجىدە جەمئىيىتىمىزدىكى قىز - ئاياللارنىڭ خورلۇقلىرىنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەندەك كۆرۈپ چىقتىم. قىزلارنىڭ ئازاپلىق كەچۈرمىشلىرى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگەپ قالغىنى يوق. قالغانلىرىنى ھازىرچە ئېيتمىدىم. لېكىن بۇ جەرياندا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمدىن، ئۆزۈمنىڭ تارتقان تالاپەتلىرىم جىق بولدى. ماڭا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈلپەت بۇرابى تەرىپىدىن كەلگەن سۈيقەستلەر ئىدى. مەن ھەر قېتىم شۇنداق جايلارغا كىرىش پۇرسىتى تاپساملا شۇ يەردىكى قىزلارغا «توغرا يولغا قايتىش، گۇناھىغا تۆۋە قىلىش» توغرۇلۇق نۇرغۇن ياخشى تەربىيىلەرنى قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۈشمىنى دەپ قارالدىم. دەسلەپ يوشۇرۇن دۈشمەنلەشكەن بولساقمۇ، كېيىنچە ئاشكارە دۈشمەنلەشتۇق. ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن ماڭا ھۇجۇم قىلدى.
    بىرىنچى قېتىم، ئۇرۇلغىنىمدا ناتونۇش كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ماشىنىلىق چەت بىر تەرەپكە ئەچىقىپ ئىككى نىقابلىق ئادەم تەرىپىدىن ئۇرۇلدۇم. تاياقتىن كېيىن ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقىم ئەسكەرتىلدى. بويۇن تومۇرۇم قاتتىق زەخمىلەنگەن بولغاچقا 10 كۈن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا داۋالاندىم. باشقىلارغا «ئانگىنا بولۇپ قاپتىمەن» دەپ كۆكەرگەن، ئىششىغان جايلىرىمنى يۆگەپ يۈردۈم.
    ئىككىنچى قېتىم، 2000 - يىل 8 - ئاي. ئۆيگە كېتىۋاتاتتىم. قولۇمدىكى ئىش تۈگىمەي خېلى كەچ قالغانىدىم. دۇكاننى تاقاپ ماڭسام ئارقامغا بىر ماشىنىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. مەن بىر نېمىنى پەملەپ ئاق كۆڭۈل بىر تونۇشۇمغا تېلېفون قىلدىم. ئۇ ئاكام كېلىپ بولغۇچە مەن يەنە تۇتۇلۇپ دەرەخكە باغلىنىپ تۆت كىشى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلدۇم. ئۈستى - بېشىم قانغا مىلىنىپ نىمجان ھالەتكە كېلىپ قالدىم. جەمەتىمدىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە يەنە قۇتقۇزۇپ قېلىندىم. دوختۇرلارنىڭ جىددى داۋالىشى بىلەن ھاياتىم ساقلاپ قېلىندى. بۇرابىنىڭ دوختۇرخانا چىقىمىنى تۆلىۋەتكىنى راست. مەن ئاتا - ئانامغا «قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقتۇم» دەپ يالغان سۆزلىدىم. شۇ خىلدىكى كىشىلەردىن قورقۇپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايتتىم. ماسكا تاقاپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. شۇنداقتىمۇ ئۈچىنچى قېتىملىق تالاپەت يەنە يۈز بەردى. ئۇ چاغ مېنىڭ توي قىلغىنىمغا تېخى ئۇزۇن بولمىغان، قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولغاچقا ھېيتلىق كىيىملەر بەك ئالدىرىتىپ كېچىسى ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى. كېچە سائەت 30: 1بولغان چاغ. باشقا شاگىرت بالىلارنى ئاكا - ئىنىلىرى ئېلىپ كېتىپ بولۇشتى. مەن يولدىشىمنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرسام ئاسماندىن چۈشتىمىكىن، يەردىن ئۈندىمىكىن ئىككى كۈچلۈك قول مېنى تارتىپ، يول بويىدىكى مايسىرەڭ ماشىنا ئىچىگە سۆرىدى. مەن قاچتىم. ئۇلار قوغلىدى. يۈز - كۆزلىرىمگە مۇشت - پەشۋا دېگەن قاردەك يېغىپ كەتتى. دەل شۇنىڭ ئۈستىگە يولدىشىم كېلىپ قالدى. ئۇ ئىككى نەپەر ئاغىينىسى بىلەن مېنى قۇتۇلدۇرىۋالدى.


     - نۇرئىمانگۈل جالاپ سېنىڭ نېمەڭ؟- دەپ سورىدى مېنى ئۇرغان لۈكچەكتىن بىرى يولدىشىمدىن. يولدىشىم ئاچچىقلانغان ھالدا،- ئۇ دېگەن مېنىڭ ئايالىم. ئۇنى ئۇرۇشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟
     -ئۇنىڭ خوجايىنغا ئىشى بار ئىكەن، - دەيتتى ھېلىقى لۈكچەك.
     - خوجايىنىڭلار كىم، گىپى بولسا ماڭا دېسۇن؟
     - بىزنىڭ خوجايىنىمىز پالانى ھاراق دۇكىنىنىڭ خوجايىنى، قىمار سۇلتانى دەپ ئاتالغان xxx نى بىلىسەنغۇ، شۇ كىشى شۇ سېنىڭ خوتۇنىڭ بىلەن قىلىشىدىغان ھېسابى بار ئىكەن.- ئۇلار كەتتى. ئىككى چىشىمنىڭ تۆكۈلگىنىنى ئاز دەپ يولدىشىمغا ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرەلمىدىم. ھەقىقىي ئەھۋالنى دەي دېسەم يولدىشىم تەرەپ بۇنداق ئىشلارنى ھەرگىز توغرا چۈشەنمەيتتى. ئەكسىچە پۈتۈن ئائىلەمنىڭ يۈزى تۆكۈلەتتى. مەن سۈكۈتتە تۇردۇم. يولدىشىم مېنى سوتلىدى، چىرايلىق نەسىھەت قىلدى. سەمىمى بولۇشۇمنى ئۆتۈندى. مەن زۇۋان سۈرمىدىم. ئاخىرى ئۇ مەندىن گۇمانلاندى «سېنىڭ چوقۇم ئۇ خەنزۇ بىلەن باشقىچە مۇناسىۋىتىڭ بار. مەن بىلەن توي قىلدىڭ شۇڭا ئۇ سەندىن ھېساب ئالماقچى. ھاجىمنىڭ نەۋرىسى تۇرۇپ، خەنزۇ بىلەن ئىشپەش تارتىشىپ يۈرگىنىڭنى قارا، نومۇس قىلساڭچۇ، ئېسىت، ئېسىت، تاللاپ - تاللاپ تازغا ئۇچراپتۇ دېگەن شۇدە» مېنى ئېغىز ئاچۇرالمىغان يولدىشىم ئاخىرى غەزەپلەندى. شىمىنى باغلايدىغان ئىككى پىدەينى بىرلەشتۈرۈپ مېنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇشقا باشلىدى. بىر ئۈنۈم ئاقتا، بىر ئۈنۈم كۆكتە قالدى. بىر قوشنىمىز ئىشىكنى ئاجرىتىپ كىرىپ مېنى يولدىشىمدىن تېلىۋالدى. مېنى ئۆيىدە ياتقۇزۇپ ئەتىسى قاچۇرىۋەتتى. 3 - ئاينىڭ باشلىرى ئىدى. يېزىغا ئاتا - ئانامنىڭ يېنىغا چىقتىم. ئانام مېنى پەقەتلا تونۇيالمىدى. ئەل ئۆمرىدە كۆزى ياشلانمىغان دادام مېنى، تىتىلغان تىرە مۇسكۇللىرىمنى كۆرۈپ ئۈن قويۇپ يىغلاپ كەتتى. «مۇنچىلىك ئۇرغىدەك قىزىمدا نېمە گۇناھ» دېسە، يولدىشىم تەرەپ ماڭا ساناپ تۈگەتكۈسىز توقام توقۇدى. ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇراي دېسەم تىلىم كېسىك. شۇنداق قىلىپ نىكاھتىن ئاجراشتىم. تۇرمۇشۇم بۇزۇلدى. شۇ ئىشلاردىن كېيىن ساغلام تەن ماڭا پەقەتلا نېسىپ بولمىدى. ئاتا - ئانام نۇرغۇن داۋالىتىپ مېنىڭ مۇشۇ ھالىتىمنى ساقلاپ قالدى. ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار ھەر تەرەپتىن مېنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ قالغىنىمدا، قاتتىق تاياق زەربىسىدىن ئېغىر ئاغرىپ يېتىپ قالغىنىمدا جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل دوستلىرىمنىڭ مەدەت ئىلھامى بىلەن، ساخاۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بېشىمنى سىلىشى بىلەن ئورنۇمدىن دەس تۇرالىدىم. قارىسام مېنىڭ تىرىشچانلىقلىرىم بىكارغا كەتمىگەن ئىكەن. بۇرابى بەش ئىشرەتخانىنى ئاختا قويۇپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن خوجايىن ئۇنى مەن بىلەن تىل بىرىكتۈردى دەپ ماڭا قول سالغان ئىكەن. بۇرابىنىڭ 15 قىز بىلەن ھەقىقەتكە قايتقىنى راست ئىشكەن. نەۋرە ئاچام ئاينۇرمۇ ھازىر ئاشخانىسىنى خېلىلا گۈللەندۈرىۋالدى. مېنىڭ كەسپى سىنىپلارنى كارخانىلاشتۇرۇپ، ئىشسىزلارنى ئازايتىش توغرىسىدىكى دوكلاتىم تەستىقلاندى. 2004 - يىل 9 - ئايدا ناھىيىمىزنىڭ ئىشقول يېزىسى، بەشلىك مەكتەپتە 63 نەپەر قىز ئوقۇغۇچى بىلەن ئىش باشلىدىم. مانا ھازىر ئاتا - ئانام، دوستلىرىمنىڭ سەمىمى غەمخورلۇقى ۋە چۈشىنىشى ئاستىدا دوختۇر «قاتتىق مىڭە ئۆسمىسى» دەپ دىئاگنوز قويغان بولسىمۇ ئۆزۈمنى ساغلام، تېتىك، روھلۇق ھېس قىلىمەن. چۈنكى ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان، توغرا يولدا، توغرا قەدەم تاشلاۋاتقان 63 جۈپ نۇرلۇق كۆز مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ.

     

        مانا بۇ راست بولغان ئىشلار. مانا بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقى بەش يىل. ناۋادا ئۆلۈپ جەسىتىم قۇم - تۇپراققا ئايلىنىپ كەتسىمۇ، ھاياتىمنىڭ بىرقىسمى بولغان شۇ بەش يىلنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن. ھەرقاچان جەمئىيەتتىكى قىز - ئاياللارغا ئاللادىن توغرا يول ۋە سائادەت تىلەيمەن. جەمئىيەتنىڭ، ئاتا - ئانىلارنىڭ، ئاكا - ئېنى ئەر قېرىنداشلارنىڭ قىزلارنى قوغدىشىنى، قۇتقۇزۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-31 8:52:54]

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.