ئاجرىشىش خىتابنامىسى(ھۈسىيىن تاش)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 03:16:41

ئاجرىشىش خىتابنامىسى(پوۋېست)ھۈسىيىن تاش «قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن موزاي تېزەكلىمەي قويمايدۇ» دېگەندەك، ئىككىمىز ئاخىر ئاجرىشىپ كەتتۇق. بۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى مەلۇم بىر جەرياننىڭ ئاخىرلىشىشى. بۇ خ...

    ئاجرىشىش خىتابنامىسى(پوۋېست)
    ھۈسىيىن تاش


       «قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن موزاي تېزەكلىمەي قويمايدۇ» دېگەندەك، ئىككىمىز ئاخىر ئاجرىشىپ كەتتۇق. بۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى مەلۇم بىر جەرياننىڭ ئاخىرلىشىشى. بۇ خۇددى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە سەپەرگە چىقىپ، يولدا ئۆزئارا تونۇشۇپ، ھال-مۇڭ بولۇشۇپ، تەسەللى  بېرىشىپ، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەر ئىككىمىز ئۆز يولىمىزغا راۋان بولغاندەكلا بىر ئىش! ئاجرىشىش سېنىڭ ئىرادەڭ، خاھىشىڭ، تاللىشىڭ. مەن سېنىڭدىن ھەرگىز ئاغرىنمايمەن. چۈنكى، سەن تاللاشقا دۇچ كېلىپ، باشقا سەپەرداشلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانىدىڭ. بۇنداق ھالەتتە سەن ھەرگىزمۇ كەينىڭگە — مەن، پەرزەنتلىرىڭ، ئون نەچچە يىللىق ئائىلەڭ تەرەپكە يانالمايتتىڭ. كۆڭلى كەڭ سامانى، چىمەنزارلىقنى، ئەركىنلىكنى خالايدىغان قۇشنى قەپەسكە سولاپ قويۇپ، ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن ھۇزۇرلىنىمەن دەپ تاما قىلىش، سازەندىنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ ناخشا ئېيتقىلى سالغاندەك بىر ئىش. قۇش مەڭگۈ ئۆزى ئۈچۈن سايرايدۇ. بىراق، بىز كىشىلىك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ۋە ئادەملەرنى بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا، بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك دەپ، خاتا ئويلىۋالىمىز. ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى خالايدىغانلىقىنى، كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن  خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ھامان نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىۋېتىمىز، ئويلىمايمىز. بۇ بىزنى خاتا يولغا باشلايدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش! ئەلۋەتتە، ئائىلىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن ئادەممۇ قەپەستىكى قۇشقا ئوخشايدۇ. بىز ئۇنىڭ يېقىملىق  ئاۋازىنى ئەمەس، بەلكى كۆڭلىمىزنى غەش قىلىدىغان ھەسرەتلىك نىداسىنى، ئاھۇ-زارىنى ئاڭلايمىز. بىز بۇنىڭدىن يەنە قانچىلىك لەززەت ئالالايمىز؟ خۇشال بولالايمىز؟
    پەرىخە، سېنىڭ مەيلىڭ، سېنىڭ تۇرمۇش ھاسىلاتىڭ، سېنىڭ كېيىنكى ئوقۇش مەزگىللىرىڭدە كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدىكى يىغىۋالغان بىر دۆۋە ئەخلەت تۈسىنى ئالغان تەجرىبەڭ، سېنى قارىغۇچىلارچە، مەجنۇنلارچە تاللاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلغانىدى. تاللا، بۇلۇت قۇياشنى توسۇۋالغاندەك سەن مېنىڭ روھىمغا ئورنىشىۋالغان قارا بۇلۇتسەن! قارا بۇلۇت يوقالسىلا، روھىمدا ئۈمىد-ئىشەنچ قۇياشى پارلاپ، ئىزتىراپلىققا چۈشۈپ قالغان چۈشەنچە روجەكلىرىم مۇھەببەتنىڭ سېھىرلىك نۇر تالالىرى ئارقىلىق ئېچىلىپ، قەلب قەسرىم ئىپتىخارلىققا تولغۇسى! ياق، مەن سەن بىلەن ئادا-جۇدا بولغاندىن باشلاپ مەن ئۆزۈمنى ئەڭ مۈشكۈل بىر ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغان ئىشلەمچى ۋە ياكى قۇل ئازادلىققا ئېرىشكەندەك شۇنداق ئازادە، شۇنداق يەڭگىل ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. دېمىسىمۇ مەن ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىنسانلار مېڭىپ بولغان، مېڭىۋاتقان، يەنە ماڭىدىغان بىر يولنى بېسىپ بولدۇم. بۇ شەرەپلىك ئىشمۇ ئەمەس، نومۇس قىلىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، ئۆكۈنىدىغان، پۇشايمان قىلىدىغان، ياش تۆكىدىغان ئىش تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى ئىنسانچىلىقتا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مەلۇم بىر جەرياننىڭ تاماملىنىشى. ياشاش جەريانىدا ئادەمنىڭ روھىي  ئازادىلىكى بەك مۇھىم ئىكەن. چۈنكى، روھىڭدىكى كىچىككىنە غەم-ئەندىشە، ئىزتىراپ، تەشۋىش، گۇمان ھەم تۈگۈن، شۇنداقلا كىچىككىنە كۆڭۈلسىز ئىشلارمۇ سېنى قىسىپ، ئارامىدا قويمايدىكەن. «قەرز ئاز بولسىمۇ خىجالەتتە قويىدۇ، ئوت كىچىك بولسىمۇ كۆيدۈرىدۇ، ئەلەم ئاز بولسىمۇ تەشۋىش يەتكۈزىدۇ، دۈشمەن ئاجىز بولسىمۇ ئاخىر ئۆز ئىشىنى قىلىدۇ» دەيدۇ بۇرۇن ئۆتكەن ئۇلۇغلىرىمىز! بىراق، بىز ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن دۇنياغا، ئادەملەرگە تەشۋىش، ئىزتىراپ، گۇمان، ئىشەنمەسلىك بىلەن قارىغاچقا تاللاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز. قانداقتۇر رامكىلارنى پاچاقلاپ تاشلىغۇمىز كېلىدۇ!... شۇڭلاشقا ئادەم مۇھىت ئالماشتۇرۇپ تۇرمىسا، تاللاش ئېلىپ بارمىسا ھاياتى مەنىسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. سەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تاللايسەن. كۈچ-ماغدۇرۇڭدىن قالغان تەقدىردىمۇ، ھەتتا نىمجان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان تەقدىردىمۇ روھىي جەھەتتە تاللاش ئېلىپ بارىسەن، ئىنتىلىسەن، تىركىشىپ باقىسەن، تاللاش قىممەت دېمەكتۇر. سەن ئۆزۈڭنى رازى قىلىدىغان، كۆڭلۈڭگە تەسەللى  بېرىدىغان مەلۇم بىر تاللاشنى ئېلىپ بارغانىكەنسەن، بۇ سېنىڭ، ساڭىلا تەۋە بولغان قىممەت يارىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىڭ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇمۇ سەن ئۈچۈن قىممەت! چۈنكى، سەن ھامان ئۆز رازىلىقىڭ بىلەن تاللاش ئېلىپ بارىسەن. كۆرۈنۈشتە سەن ئۆزۈڭگە مۇۋاپىق كېلىدىغان، تەسەللى  بېرەلەيدىغان، ياردەم قىلالايدىغان ئادەمنى تاللىغاندەك، خىلمۇ خىل ئىشلارنى قىلىۋاتقاندەك قىلغىنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتە سېنىڭ تاللاۋاتقىنىڭ  يەنىلا ئۆزۈڭ، ئۆزۈڭنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، يېڭىلاش! ئۈزلۈكسىز تاللاش ئارقىلىق ئۆزۈڭنى نۇسخىلىماقچى، يېڭى ياكى باشقا بىرئۆزۈڭ بولماقچى! ھەرقانداق بىر ئادەم ھاياتىدا ئۆزىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ باشقىلارنى تاللىمايدۇ. پەقەت باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىنى تاللايدۇ. بىر ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. سەن تاللاش ئارقىلىق ماس كېلىشنى ئىزدەيسەن. باشقىلار بىزنىڭ ماس كېلىشىمىزدىكى ۋاسىتە، ئويۇنچۇق ياكى ماس كېلىپ قالغاندا بىزنىڭ ئۆزىمىز. ماس كەلمىگەندە بىزنىڭ يىرگىنىشلىك ئادىمىمىز. بىز ئاشۇنداق يۈزسىز! شۇڭلاشقا سەن تاللايسەن، ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىڭغىچە تاللايسەن. سەن پەقەت ئۆزۈڭنىلا تاللايسەن. يېڭى بىر ئۆزۈڭنى ئىزدەيسەن. بىراق، سەن باشقا ھېچكىم ئەمەس، باشقا ھېچنەرسىمۇ ئەمەس، پەقەتلا ئۆزۈڭسەن! سەن ئۆزۈڭنى نۇسخىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلماي، بىلمەي تاللاۋېرىسەن. سېنىڭ تۈرلۈك تاللاشلىرىڭ ئارقىلىق ئېرىشىدىغىنىڭ، مەڭگۈ يېڭىلىنمايدىغان ئۆزۈڭ ھەم تىركىشىش، خالاس.
    راست، ھاياتتا ئەڭ ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئۆزىمىزدىن باشقا يەنە نېمىمىز بار دەيسەن؟ تاللاش — مەۋجۇدلۇقنىڭ داۋاملىشىشى. تاللاش — ئادەملەر مەڭگۈ قۇتۇلالمايدىغان ئۈزلۈكسىزلىنىش ۋە ئىزتىراپلىق. شۇنداقلا، ئىنسانلارغىلا خاس بولغان مەلۇم بىر خىل پسىخىك جەريان. بىزنىڭ نۇرغۇنلىرىمىز  تۈرلۈك قائىدە-يوسۇن، ئەخلاق-مىزان،قانۇن-مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن تۈرلۈك تاللاش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا، كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرۇشقا، تەسەللىگە ئېرىشىشكە زادىلا قادىر بولالمايمىز. بولۇپمۇ مەن كۆڭلۈم خالاپ تۇرسىمۇ شۇنداق قىلالمايمەن. بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىش تولىمۇ ئازابلىق جەريان بولسىمۇ، گەپ ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا. ئادەملەرنىڭ، ياشاشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە. ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ئەخلاق ۋە قانۇن بىر خىل مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغانلىقتىن، قانۇنسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق ھادىسىلىرى يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرۇۋېرىدۇ. بىزگە بۇ يەردە قالغان نەرسە ئىنساننىڭ ئۆزلۈك قىممىتىنى بىلىش، خالاس. بۇنىڭ ئۈنۈمىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئىجتىمائىيلىشىش  — بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى يوق قىلىشىدۇر. شۇنداقتىمۇ، ئىجتىمائىيلىشىش-ئادەملەرنىڭ مۇھىم بەلگىسى. تازا دىققەت قىلساق، ئۇ بىزنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىمىز، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىچكى ئۆزىمىز ئەمەس. سەن ھازىرقى ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئۆزۈڭ بولالمايسەن، باشقا ئادەممۇ بولالمايسەن. بەلكى ھەممىمىز شۇنداقتۇرمىز. بىراق، بىز يەنىلا ئۆزىمىز بولۇش ئۈچۈن تىركىشىپلا يۈرىمىز. لېكىن، سەندىكى ئىمكانىيەت، كۈچ-قۇۋۋەت چاغلىق بولغاچقا بىر ئۆمۈر ئۆزۈڭ بولالماي ھەسرەت ئىچىدە تۈگىشىسەن! بىر ئادەمنىڭ تەبىئىتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ھېچنەرسىگە بويسۇنغۇسى يوق، بەلكى بارلىق نەرسىگە ئېرىشكۈسىلا بار! بولسا بارلىق چەكلىمىلەر، رامكىلار چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتسە، ئادەم باغلىقتىن بوشانغان ئاتتەك پايانسىز يايلاقتا ئەركىن-ئازادە چېپىپ يۈرسە!... لېكىن، بۇ مۇمكىنمۇ؟ بىز ھەممە نەرسىگە ئېرىشەلمەيمىز، بەزى نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەيمۇ قالمايمىز. ھەممە نەرسىنى  بىتچىتمۇ قىلالمايمىز. بەزى نەرسىلەرنى بىتچىت قىلالمايمۇ قالمايمىز!... بىز نېمىشقا تاللاش ئېلىپ بارىمىز؟ ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قوغلىشىۋاتقىنىمىز بىر خىل مۇكەممەللىك، ئۆزىمىز رازى بولىدىغان قىممەت! قارىغاندا، داۋاملىق تاللاش ئېلىپ بېرىش — ئادەملەرنىڭ نۇرغۇن-نۇرغۇن نەرسىگە ئېرىشەلمەي رازى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان روھىي  تەڭپۇڭسىزلىقى بولسا كېرەك. چۈنكى، بىز مەڭگۈلۈك مۇكەممەللىككە، خۇشاللىققا، تەسەللىگە ئېرىشەلمەي، ئۆز تاللىشىمىزدىن تولۇق قانائەت ھاسىل قىلالماي، داۋاملىق تاللاش ئېلىپ بارىمىز. مېنىڭچە، بۇ خىل تەڭپۇڭسىزلىقنى يېڭىشنىڭ ئاڭ ئاددىي ئۇسۇلى ئۆزىمىزنىڭ نېمىشقا باش-ئاخىرى يوق مۇكەممەللىكنى ئىزدەپ، توختاۋسىز ھالدا تاللاش ئېلىپ بارغانلىقىمىزنى، ئۈزلۈكسىز تاللاۋېرىشنىڭ قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىدە كىشىلىك تۇرمۇشتا مەڭگۈلۈك مۇكەممەللىكنى ئەمەس، بەلكى بىر خىل روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى ئىزدەش يولىدا تاللاش ئېلىپ بارىمەن دەپ جاپا تارتىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلالىساقلا ھاياتقا، ياشاشقا نىسبەتەن مۆتىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ ياشاش كېرەكلىكىنى چۈشىنىۋالىدىكەنمىز. ئىنسان پۈتكۈل ھاياتلىق سەپىرىدە پانىي ئالەمدىكى ھەممە نەرسىگە ئېرىشكۈچى ئەمەس. تارىختا جاھان سوراپ ئۆتكەن پادىشاھ، ھۆكۈمرانلارمۇ پانىي ئالەمنىڭ بارلىق مەئىشەتلىرىگە ئېرىشەلىگەن ئەمەس. ھەممىمىز «ئاللانىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن» دەيمىز، ھەممىمىزنىڭ بوينىدا مۇشۇ ئارغامچا بار. بىز ئىنسانىيلىقتىن، پاكىز روھىي ئالىمىمىزدىن، ئۆزىمىزدىن يىراقلاشقانسېرى ئارغامچا سىرتماققا ئايلىنىپ، ھەتتا بىزنى بوغۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە بىز نېمىگە شۇنچە پالاقلاپ كېتىمىز؟ ئەپسۇس، بىز كىملەرنىدۇر رەنجىتىپ، كىملەرنىدۇر خۇشال قىلىپ ياشايدىكەنمىز. كىملەرنىدۇر دۈشمەن كۆرۈپ، كىملەرنىدۇر دوست بىلىۋالىدىكەنمىز. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېتىملاپ تاللاش ئېلىپ بارىدىكەنمىز. ھېچنەرسىگە تەن بەرگۈمىز كەلمەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە ئادەملەرنىڭ تاللاشتىكى مەقسىتىمۇ، خالايدىغىنىمۇ پۇل ۋە مال-دۇنيادىن باشقا ھەممىمىز ئۆزئارا قانائەت ھاسىل قىلالايدىغان تەڭپۇڭلۇق. بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق يوقالسا سەن مېنى ياكى مەن سېنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈپ كېتەيلى، مۇھەببەت تارازىسى قىيسىيىپ قالىدۇ ۋە ھەر ئىككىمىز تاللاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىمىز. ئۇنىڭغا بىر تەرەپنىڭلا ياخشى كۆرۈشىنىڭ، سۆيۈشىنىڭ، پاك-مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ ئېسىل گۆھەر تاشلىرىنى پاتمانلاپ باسساقمۇ تارازىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيمىز! بەزىلىرىمىز مۇھەببەت بىلەن نىكاھنى ئايرىۋېتىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھادىسە تارازىنىڭ ئاللىقاچان ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقىنى، مۇھەببەتنىڭ بەربات بولغىنى! بىرقىسىم ئالىملار «دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولمايدۇ، ھەرقانداق ھەقىقىي مۇھەببەتنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 ئايلا قوغداپ قالغىلى بولىدۇ» دەپ قارىشىدىكەن. مۇھەببەت راستتىنلا شۇنداق چەكلىك نەرسىمۇ؟ بۇنىڭغا مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. مۇھەببەت چوقۇم ئەر بىلەن ئايالنىڭ روھىي جەھەتتە بىر بىرسىدىن قانائەت ھاسىل قىلىشى، تەسەللى تۇيغۇسىغا ئېرىشىشى ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىختىيار ئىلكىدىكى تەڭپۇڭلۇق تۇيغۇسى. مۇھەببەتتىمۇ ئىككى تەخسلىك تارازا بار. بۇ تەخسىلەر بىزنىڭ ياخشى كۆرۈشىمىزنى، پاك مۇھەببىتىمىزنى، تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنى سەرلەپ تۇرىدۇ. بۇنداق بولمىغاندا تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. مۇھەببەتنىڭ جايى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ تەڭ قىممەتكە ئىگە قەلب تارازىسىدۇر. مۇھەببەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇسۇلى — بىر خىل تەڭپۇڭ ھالەت. تەڭ قىممەتكە ئىگە بەدەل. ئىككى تەرەپنىڭ تۆلىگەن بەدىلى قانچىكى كۆچەيگەنسېرى تارازىنىڭ تەڭلىك ھالىتى شۇنچىكى خاتاسىز بولىدۇ!... ھاياتتىمۇ، كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئۆزىنىڭ  روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى تاپالمىغان ھەرقانداق ئادەم كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ، ئائىلىدىمۇ ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى تاپالمايدىغان بەختسىز ئادەمدۇر! ئۇلارنىڭ كۈلكىسى، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى، ئېرىشىدىغان تەسەللىسى، كىملەرنىدۇر ياخشى كۆرۈشى، كىشىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى، ئىشقىلىپ، ھەممىسى بىر خىل ئاڭسىز ھالەتتىكى ئۆتكۈنچى كۈلكە، ئۆتكۈنچى سۆيگۈ، ساختا مۇئامىلە ھەم ساختا تۇرمۇش. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىدە، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسىدە ئۆزىنى چۈشىنىدىغان ئالامەتلەر يوق! ئۇلار بىرەر پېشكەللىككە يولۇقسا دۇنيانى، ياشاشنى بىمەنە ھەم ئازابلىق؛ ئادەملەرنى ۋاپاسىز ھەم رەھىمسىز، ئۆزلىرىنى بەختسىز دەپ قارىۋالىدۇ.  بىرەر قېتىم خۇشاللىققا ئېرىشىپ قالسا دۇنيانى گۈزەل، ئادەملەرنى سۆيۈملۈك، ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ھېسابلىۋالىدۇ. توۋا، بىز ئادەملەر نېمىدېگەن ئاجىز-ھە! ئەمەلىيەتتە ھاياتتا ۋە تۇرمۇشتا ئازابمۇ، خۇشاللىقمۇ تەڭلا مەۋجۇت. بىز بۇلارنىڭ بىرەرسىنى يوق قىلىۋېتىشكە قادىر ئەمەسمىز. گەپ بىزنىڭ بۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا، قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىزغا باغلىق. ئېھتىمال ئازابقا يولۇققان ۋاقتىمىز ئۆزىمىزنىڭ بىرەر ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىمىزدىندۇر. ئەلۋەتتە بۇنىڭلىق بىلەن باشقىلارنى ھەم ئۆزىمىزنى ئەيىبلىيەلمەيمىز. ئېھتىمال بۇ مەلۇم بىر جەرياننىڭ تاماملانغان ۋاقتىدۇر. سېنىڭ كوچىدا مەلۇم بىر ئادەم بىلەن پاراڭلاشماي، سالاممۇ قىلىشماي، ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ ئۆتۈپ كېتىشىڭمۇ ھاياتىڭدىكى مەلۇم بىر جەرياننىڭ تاماملىنىشى ھېسابلىنىدۇ... ئېھتىمال روھى تەڭپۇڭسىز ئادەملەر ئۆزلىرىگە دائىم بەختسىزلىكنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قېلىشى مۇمكىن. ئائىلىدىكى قانائەتسىزلىك — تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ باشلىنىشى. راست، ئىككىمىزنىڭ ئائىلە قۇرغاندىن كېيىنكى مۇھەببەت تارازىمىز قاچاندىن باشلاپ قىيسايدى؟ قاچاندىن باشلاپ ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتتى؟ ئېنىق ئېسىمدە يوق. مۇھەببەت تارازىسى بىر قېتىمدىلا ياكى تۇيۇقسىزلا بىر يانغا قىيسىيىپ قالىدىغان باققالنىڭ ياكى قاسساپنىڭ تارازىسى ئەمەس. ئادەم باشقىلارنىڭ  ياخشى كۆرۈشىنى ھۆرمىتىنى، مۇھەببىتىنى، سۆيۈشىنى، ئۆزىنىڭ قەلب تارازىسىغا سېلىپ ئۆلچەپ بېقىپ، بىر خىل تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىدىغانغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن قوبۇل قىلىدۇ. ئىككىمىز مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن مەزگىللەردە دۇنيادا بىزنىڭ  مۇھەببىتىمىزنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان مۇھەببەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئەنە شۇنداق جەريانلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن، تولىمۇ تەبىئىي ھالدا راۋاجلانغان. غېرىب-سەنەم، تاھىر-زۆھرە، پەرھاد-شېرىن دېگەنلەر بىزنىڭ ئالدىمىزدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغاندەك تۇيۇلاتتى. مانا ئەمدى بىزنىڭ ئاشىق-مەشۇقلۇق سەپىرىمىز پەقەت چانمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ  شەرەپلىك مۇساپىسىنى بېسىپ بولدى. ۋاپادارلىقنى قەدىرلەيدىغانلارنىڭ نەزىرىدە بىز تولىمۇ پاسسىپ، ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندىمىز. بىراق، بۇ ئىككىمىزلا باسقان جەريان! شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت تارازىمىز ئاستا-ئاستا ئۆزىمىزنىڭ شەخسىيىتىمىز تەرەپكە ئېغىپ كەتتى. خۇددى ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا قېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قالغاندەك تەبىئىي ھالەتتە راۋاجلاندى. سېنىڭ قەلب تارازاڭدا مېنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ كىچىككىنە ئۇۋىندىلىرىمۇ قالمىغاندۇ. ئېھتىمال سەن ئاشۇ تاغلىق شەھەرگە بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان يىلى قىشلىق تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندىكى ھالىتىڭدىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت تارازىسى قىيسىيىشقا باشلىغاندۇ. سەن تۇنجى قېتىملىق تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندە، بېكەتتە مەن سېنى تونۇماي قالغىلى تاسلا قاپتىمەن. ئۇچاڭدىكى مودا كىيىم بىلەن ئاخۇنۇمنىڭ يوغان سەللىسىدەك كۆپتۈرۈۋالغان چاچلىرىڭ سېنى باشقا بىر ئادەمگە ئوخشىتىپ قويغانىدى. قىش بولسىمۇ سوغۇقتىن قورقماي كەڭ ئېچىۋەتكەن مەيدەڭچۇ تېخى!  بىر ئادەم ئۆزىنىڭ چىراي تۇرقىغا ماسلاشتۇرۇپ ياسانسا بولىۋېرىدۇ. ياسىنىش ھاۋا ئانىمىزدىن قالغان ئۇدۇمكەنغۇ. بىر ئادەمنىڭ رەتلىك كىيىنىشى، چىرايلىق ياسىنىشى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىشى ۋە باشقىلارغا بولغان ھۆرمىتى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇپ كىيىنىش تېخىمۇ مۇھىم. لېكىن، سەن يۇمىلاق يۈزۈڭگە خويمۇ يارىشىدىغان، ساغراڭدىن ھالقىپ چۈشىدىغان  چاچلىرىڭنى كەستۈرۈپ، ئەمەسلا بىر ئادەمگە ئوخشاپ قالغانىدىڭ. راستىنى ئېيتسام، سېنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە بۇغداي ئۆڭ يۈزۈڭ يېنىغا شۇم بۇيا ئۈنۈپ چىققانلىق سەۋەبىدىن چوڭىيالماي سارغىيىپ، يىگىلەپ، قويۇق قوغۇن پېلەكلىرىنىڭ ئارىسىدا قالغان مۇشتۇمدەك سېرىق سويمىغا ئوخشاپ قالغانىدى. سېنىڭ ئاشۇ تۇرقۇڭ راستتىنلا مېنى ھەيران قالدۇردى. بىر تەرەپتىن كۈلگۈممۇ كېلىپ قالدى. مەن سېنى خېلى دىتى بار، قانداق ياسىنىشنى بىلىدۇ دەپ قارايتتىم. مەن شۇ چاغدا ئىچىمدە «توۋا، مەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ روھىي  دۇنياسىدا نېمىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمىسۇن، چۈشەنمىسۇن. بىراق، كۈندە نەچچە رەت ئەينەكتىن كۆرىدىغان چىراي-تۇرقىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدىغان، قانداق ياسانسا  يارىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمەيدىغان، كاللىسىنىڭ سۈيى بار خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتۇپ كەلدىممۇ نېمە؟ قارىغاندا، مەن ئۆزۈممۇ بىر كالۋا، دەلدۈش ئوخشايمەن» دەپ ئويلىدىم. بىز تاكسىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن:
    — ۋاھ، يېڭىلىققۇ! تونۇماي قالغىلى تاسلا قاپتىمەن،— دېدىم مەن قىزغىنلىق بىلەن.
    — شۇنداقمۇ، بۇ دېگەن مودا، مەدەنىيەت،— دېدىڭ، دۇنيادا سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆتىدىغان باشقا گۈزەل قىزلار يوقتەك بىر خىل مەغرۇر قىياپەتتە.
    — مودا قوغلىشىپ، رېكورت بۇزۇپ تاشلىماڭ يەنە.
    — ئادەم دېگەن بىرەر ئىشتا بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.
    — بىلىم ئاشۇرغاننىڭ پايدىسى بولۇۋاتامدۇ نېمە، ئەسلىدە سىزنى بالدۇرراق ئەۋەتىدىغان گەپكەندۇق.
    — تەنە گەپ قىلماڭ، يەنە مۇئەللىملىك قىلىپ دەرس ئۆتكۈڭىز كېلىۋاتامدۇ، نېمە،— سەن شۇنداق دەپ بولۇپ، ئۆزۈڭنىڭ  تىرىككەنلىكىڭنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن زورىغا ھىجايدىڭ،— بۇ مەكتەپ ئەمەس جۇمۇ.
    — چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەرگە دەرس ئۆتكىلى بولامدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دېگەن بىزنىڭ ئەزىز مېھمىنىمىز تۇرسىڭىز.
    مەن يەنە گەپ قىلسام قىزىرىشىپ قالىدىغاندەك بىلىنىپ جىم بولۇۋالدىم. چۈنكى، سېنىڭ چىرايىڭ ئۆڭمىگەندەك قىلغىنى بىلەن تىرىككەنلىكىڭ، كۆزلىرىڭنىڭ ئېقى يوغىناپ قالغانلىقىدىن مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. ئېھتىمال كۆڭلۈڭدە مېنى كۆرەلمەي، ھازىرقى مودىنى بىلمەي شۇنداق دېدى دەپ ئويلىغانسەن. «توۋا، مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇۋاتامدىمەن قانداق؟ ھەرقانچە بولسىمۇ يۇمشاق باش  ئەرگە ئايلىنىپ قالمىغاندىمەن؟ بوپتۇ، ئائىلىنى، بالىلارنى سېغىنىپ،ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە قاتتىق گەپ قىلماي.»
    — بېكەتكە بالىلارنىڭ شۇنداق چىققۇسى بار ئىدى، قارىسام ھاۋا بەك سوغۇق تۇرىدۇ، سوغۇق  ئۆتۈپ قالمىسۇن دېدىم. ئۇلار ھازىر ئۆيدە كۆزلىرى تۆت بولۇپ،  ساقلاپ ئولتۇرىدۇ.
    — ئۇلارنى مېنىڭمۇ شۇنداق كۆرگۈم كەلدى.
    بىز ئارتۇق گەپ قىلىشمىدۇق. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن بالىلارنى باغرىڭغا بېسىپ سۆيدۈڭ.ئەلۋەتتە بۇ سېنىڭ ئانىلىق مېھرىڭ. شۇ كۈنى كەچتە ئىككىمىز ئارتۇق گەپ قىلىشماي يېتىپ قالدۇق. سەن بىردەمدىن كېيىنلا يېنىك تىنىپ ئۇخلاپ قالدىڭ. تۆت ئاي كۆرۈشمىگەن ئەر-خوتۇننىڭ دېيىشىدىغان يەنە باشقا گەپلىرى يوقمىدۇ؟ راستىنى ئېيتسام، مەن سېنى تازا سېغىنغانىدىم. سېنىڭ تۇرقۇڭ شۇ تۇرسا، مەن سېنى سېغىندىم دەپ زورلاپ قۇچاقلاپ، سۆيۈپ نېمە كەپتۇ! ئۇزۇن ئايرىلغان ئەر-خوتۇنلاردىمۇ ئاز-تولا تارتىنىش بولىدىكەن. شۇ كۈنى ئېھتىمال سەۋەنلىك مەندىن ئۆتۈلگەندۇ. تەشەببۇسكار بولمىغاندىمەن. بىراق، بىر ئائىلە بولۇپ قالغاندىكىن ئادەم بىر-بىرسىدىن ئاسان رەنجىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. چۈنكى، بىز بىر-بىرىمىزنى بەش قولدەك بىلگەندىكىن   ناز قىلىشىپ يۈرگەننىڭ نېمە ھاجىتى دەپ ئويلاپتىمەن. ئەسلىدە سەۋەنلىك مەندەئىكەن! سەن ئۈرۈمچىگە بارغان دەسلەپكى بىر ئايدا كۈندە دېگۈدەك بىزگە تېلېفون بېرىپ، بىزنى سېغىنغانلىقىڭنى، ئۇ يەرگە كۆنەلمىگەنلىكىڭنى، ھەتتا قايتىپ كەتكۈڭنىڭ بارلىقىنىمۇ دېگەن ئەمەسمىدىڭ! مەن ئەخمەق، پەرىخە بىزنى قانچە سېغىنغاندۇ، قايتىپ كەلسە ئىككىمىز كېچىچە مۇڭدىشىمىز دەپ خاتا  ئويلىۋاپتىمەن، سېنىڭ شۇ كۈنكى پەرۋاسىز ھالىتىڭ مېنىڭ سەن بىلەن مۇڭدىشىش رايىمنى ئاستا-ئاستا پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەن بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم. نېمىنى ئويلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ئېھتىمال ئەڭ بولمىغۇر خىياللارنى قىلىپ، سەندىن گۇمانلىنىپ قالغاندىمەن. ئارتۇقچە ئويلىۋالغاندىمەن. «گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ» دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك. دۇنيانىڭ ئىشلىرى بەكمۇ قىزىق ئىكەن، مەن بۇرۇن سەھراغا چىقىپ بىرەر ھەپتە تۇرۇپ قېلىپ قايتىپ كەلسەم، سېنىڭ قىلمىغان قىلىقلىرىڭ قالمايتتى. ماڭا ئەركىلەيتتىڭ. «ئەجەب ئۇزۇن يوقاپ كەتتىڭىز» دەيتتىڭ قۇلىقىمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ. بىراق ھازىرچۇ؟ شۇ كۈنى كەچتە مەن سېنىڭ «بۇ دېگەن مودا، مەدەنىيەت» دېگەن سۆزۈڭنى ئويلىدىم. مودا ھەرگىزمۇ مەدەنىيەت بولالمايدۇ، قەدىرلىكىم. مەدەنىيەت ھەممە ئورتاق ھالدا ئۆز تۇرمۇشىغا، روھىغا ئاستا-ئاستا سىڭدۈرگەن، ئىنسانلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان، ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۆز قىمىتىنى يوقاتمايدىغان، ھەتتا بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ، مۇستەھكەملىنىپ بارىدىغان،   بىر خىل قىممەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىدىغان ھادىسىدۇر. مودا تۇيۇقسىز ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، بىردىنلا شارقىرىتىپ يامغۇر قۇيۇۋېتىپ توختاپ قالغان ئۆتكۈنچى ھاۋاغا ئوخشايدۇ. يېڭى كىيىملەرنى كىيگەن، قورسىقى تويغان، چىرايلىق پەرداز قىلىۋالغان ئادەمنىڭ ھەممىمىز ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان مەدەنىيەتلىك ئادەم بولۇشى ناتايىن. ئېھتىمال ئۇ سېنىڭ نەزىرىڭدىكىلا «مودا، مەدەنىيەت» بولۇشى مۇمكىن.
    بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ھال-ئەھۋالىغا، تۇرمۇش شارائىتىغا، ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە ئادەملەرگە ماس كېلىدىغان، باشقىلار نورمال ھادىسە دەپ قارايدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەبىئىي يوسۇندا تاللايدۇ. بىراق، سەن يەكچەشمىنىڭ شەھىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆز شەھىرىڭگە يېنىپ كەلگەندىمۇ يەنىلا بىر كۆزۈڭنى قىسىۋېلىپ يۈرسەڭ، بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ نەزىرىدە سەن راستتىنلا يەكچەشمىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىڭنى ئويلىمىغان، خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدىڭ. ئېھتىمال سەن «دورامچۇق مايمۇننىڭ ئاقىۋىتى» توغرىسىدىكى ئىبرەتلىك ھېكايىنى ئوقۇمىغان، ئاڭلىمىغان ئوخشايسەن. قۇلاق سال!
    «بۇرۇن بىر مايمۇن بولغانىكەن، ئۇ دەرەخ ئۈستىدە ئويناۋېتىپ پەس تەرەپتە ياغاچ ھەرىدەۋاتقان بىر ياغاچچىغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. ياغاچچى بىر ياغاچنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىپ ياغاچ ھەرىدەۋەتقانىكەن. ياغاچچىنىڭ ئىككى شىناسى بار بولۇپ، بىرسىنى ياغاچنىڭ يېرىقىغا تىقىپ قويۇپ ياغاچ ھەرىدەيدىكەن. ياغاچقا شىنا قېقىلغاچقا ياغاچنىڭ يېرىقى كېڭىيىپ ھەرىنىڭ يۈرۈشۈشى راۋان ھەم تېز بولىدىكەن. ياغاچنى بىردەم ھەرىدىگەندىن كېيىن يېرىقىنىڭ كېڭەيگەن يېرىدىن يىراقلىغان ھەرە  قىسىلىپ قېلىپ  راۋان ماڭمىغانلىقتىن، ياغاچچى يەنە بىر شىنانى ھەرىگە يېقىن يەرگە قاقىدىكەن-دە، ئاۋالقى شىنا بوشاپ چىقىدىكەن. ياغاچچى ئاشۇ خىل تەرتىپ بويىچە خېلى ئۇزۇنغىچە ياغاچ ھەرىدەپتۇ. مايمۇن ياغاچچىغا قاراپ ئولتۇرسا ياغاچچى ئورنىدىن تۇرۇپ ھاجەتكە مېڭىپتۇ.  مايمۇن بۇ يەرنىڭ  ئۆزىگە ئوڭچە قالغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ياغاچنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ-دە، ياغاچچىنى دوراپ ياغاچقا مىنىپتۇ. ئەپسۇس، ئۇ ياغاچچىدەك ياغاچنىڭ ھەرىدەلمىگەن تەرىپىدە ئولتۇرماي ھەرىدەلگەن تەرىپىگە ئولتۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا مايمۇننىڭ  قۇيرۇقى ياغاچنىڭ ھەرىدەلگەن يېرىگە ساڭگىلاپ چۈشۈپ قالغانىكەن. مايمۇن ئۆزىچە ئۇستىلىق قىلىپ ھەرىگە يېقىن يەرگە شىنا قاقماي، قېقىپ قويۇلغان شىنانى تارتىۋېتىپ، ھەرىگە قول ئۇزىتىشىغا، ياغاچنىڭ يېرىقى ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى قىسىۋاپتۇ. مايمۇن ئاغرىققا چىدىماي چىرقىراپ كېتىپتۇ. شۇ ھالدا تۇرغاندا ياغاچچى كېلىپ مايمۇننى تۇتۇپ، مايمۇن ئويناتقۇچىغا سېتىۋېتىپتۇ.»
    بۇرۇنقىلار «كۆلەلمىگەن نېمەڭگە، ھىجايما»، «ئوق يەتمىگەن يەرگە، قىلىچ شىلتىما»، «سايەڭگە قاراپ، بويۇڭنى ئۆلچىمە» دېگەندەك ھېكمەتلەرنى سەندەك ۋە مەندەكلەرگە ئىبرەت سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن. كۆپنىڭ يەكۈنىگە، تەجرىبىسىگە مەلۇم بىر ھەقىقەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ. گەپ سېنىڭ بۇ خىل ھەقىقەتنى بايقىيالىشىڭدا. ھەرگىزمۇ بۇ ھەقىقەتنى كۆككە سورۇۋېتەلمەيسەن. ئېھتىمال  ئۆزۈڭنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇپ قېلىشىڭ، ئۆزۈڭنى ھالاكەت يولىغا باشلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن. توۋا دەيمەن، شۇ كۈنى كەچتە سائەت قانچىلەردە ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئەتىسى ئويغانسام ئاللىقاچان كۈن چىقىپ  بولغانىكەن. بالىلار خېلى بۇرۇنلا ئورنىدىن تۇرغان بولسا كېرەك، كېچىلىك كىيىمى بىلەنلا مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ، تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. سەن جايىڭدا ئاخشام ياتقان پېتى ئۇخلاۋاتاتتىڭ. «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى» دېگەن گەپ بار، يول يۈرۈپ ھېرىپ كەتكەن چېغى، ئۇخلىۋالسۇن دېدىم. ئەمەلىيەتتە سەن ئۇنداق ھۇرۇن خوتۇنلاردىن ئەمەس ئىدىڭ، سەھەر تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلايتتىڭ، ئۆي يىغىشتۇراتتىڭ... نېمىلا بولسۇن سەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىزنىڭ «ئەزىز مېھمىنىمىز»دە. مەن بالىلارنى كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، يۈزىنى يۇيۇشقا بۇيرۇپ قويۇپ، ناشتىلىق تەييارلاشقا كىرىشتىم. سەن ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن، مەن تاماق قىلالمايمەن دەپ ئىككى قولۇمنى بۇرنۇمغا تىقىپ ئولتۇرغىلى بولمايدىكەن. مەنغۇ مەيلى، بالىلار كىچىكىدە بېقىش تاپمىسا، چوڭ بولغاندا زېھن-قۇۋۋىتى ئاجىز، كۈچسىز، زەئىپ، كېسەلمەن بولۇپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا بىز ھازىرقىدىنمۇ چوڭ بەدەل تۆلەپ قالىمىز. ھاياتلىقتا بىزنىڭ ئاشۇ ئىككى بالىمىزدىن باشقا يەنە نېمىمىز بار دەيسەن؟ مەن بۇرۇنلاردا بالىلارنى بېقىپ قاتارغا قوشۇشنى بىر خىل مەجبۇرىيەت دەپ قارايتتىم. ئەمەلىيەتتە بۇ مەجبۇرىيەت ئەمەس،  بەلكى بىر خىل تەسەللى، بىر خىل خالاش، بىر خىل خۇشاللىق ھەم رازىلىق ئىكەن. ئۇلار بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىمىز، ھاياتلىق ئىستىكىمىزنىڭ داۋاملىشىشى ئىكەن. تۇرمۇشتا مەجبۇرىيەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىش ھامان ئادەمنى قىيناپ قويىدۇ.. ھاياتلىق سەپىرىدە بىر ئادەم تۇغۇلۇپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدىن تەسەللى تاپىدۇ. ئايىغى چىقىپ، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغۇچە ھەر خىل ئويۇنلاردىن تەسەللى تاپىدۇ. ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن مۇھەببەتتىن، خىزمەتتىن تەسەللى تاپماقچى بولىدۇ.ئاندىن ئائىلە قۇرۇپ، ئۆز تەسەللىسىنى ئائىلىدىن، جورىسىدىن، پەرزەنتىدىن تاپماقچى بولىدۇ. ھاياتلىق ئىستىكى ئەنە شۇنداق داۋام قىلىدۇ. بىز پەرزەنتلىرىمىزدىن ئۆزىمىز ئىزدىگەن، يەتمەكچى بولغان نەرسىنى تاپماقچى بولىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ بىز دۇچ كەلگەن قىسمەتتىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇلارمۇ ئېرىشمەكچى بولغانلىرىنى پەرزەنتلىرىدىن ۋە باشقىلاردىن ئىزدەيدۇ. بۇ بىر جەريان. بۇ بىر دەۋرىيلىك، بۇ بىر ئۈزۈلمەس ئىزدەش!... ھاياتلىقتىكى مەنىمۇ مۇشۇ، قىممەتمۇ مۇشۇ! ھەرقانداق ئىنسان بۇ خىل قىسمەتتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ! پەرزەنت بىزنىڭ تەسەللىنامىمىز، پەرزەنت بىزنىڭ يەنە بىر ئۆزىمىز. بىراق، بىز ئادەملەر بەكمۇ ئاجىزكەنمىز. ئۆزىمىزنىڭ تەسەللىسىنى ھامان باشقىلاردىن ئىزدەيدىكەنمىز!... شۇنداق، مەن چامىمنىڭ يېتىشىچە، كۈچۈمنىڭ بارىچە بالىلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ قويماسلىقنى ئويلىدىم. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن قويمىدىم، چۈشلۈكى پەرۋەر يەسلىدە تاماق يەيدۇ. ئۇ يەسلىگە يېڭىدىن ئاپىرىپ بېرىلگەچكىمىكىن، ھە دېسە  ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى ئويلاپ تېپىپ، يەسلىگە بارماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسماقچى بولىدۇ. «تەتىل قويۇپ بەردى»، «بۈگۈن يەكشەنبە، دەم ئالىمىز»، «ئۇيقۇم قانمىدى، بىردەم ئۇخلىۋالاي» دەپ  تۇرۇۋالىدۇ. مەن ئۇنى ئالداپ-سىلاپ يەسلىگە ئاران ئېلىپ بارىمەن. ئىشقا كېچىكىپ قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى. يەسلىدىكى مۇئەللىملەرنىڭ دېيىشىچە، پەرۋەر دەرس ۋاقتىدىمۇ مۈرىسىدىن سومكىسىنى ئالغىلى ئۇنىمايدىكەن. ھەتتا چۈشلۈكى ئۇخلىغاندىمۇ چاپىنىنى باشقىلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كىيىپ ئۇخلايدىكەن. دەرس ۋاقتىدا خۇددى مەن ياكى سەن ئۇنى ئالغىلى كېلىدىغاندەك تالاغا قاراپ تۇرۇۋالىدىكەن. پەرۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، چۈشلۈكى ئۇ يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ، كۆزىنى يۇمۇپ يېتىۋالىدىكەن. مەن ئۇنىڭدىن: «ئۇخلىماي نېمە ئويلاپ ياتىسىز، قىزىم؟— دەپ سورىسام، ئۇ: «ئاپامنى، سېنى مېنى تېزرەك ئېلىپ كېتەمدىكىن دەپ ئويلايمەن» دەيدۇ. توۋا، ھازىرقى بالىلارنىڭ كاللىسى ئالامەت ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتىمۇ نېمە؟ مۇئەللىمدىن: «پەرۋەر خاپا سالامدۇ» دەپ سورىسام، «بەك گەپ ئاڭلايدىكەن، بىزگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايدۇ» دەيدۇ. بەزىدە  تاماق يېگىلى ئۇنىمايدىكەن. تاماق يېگىلى ئۇنىماسلىق كۆپىنچە بالىلارنىڭ ئادىتى بولۇپ قالغاندەكلا. ئەمەلىيەتتە  ئۇلار ئىشتىھاسىنى تۇتۇۋالىدىغان ئۇششاق-چۈششەك ساختا نەرسىلەرگە كۆنۈپ قالغاچقا تاماق يېگىلى ئۇنىمايدۇ. توۋا، بىز پۇل تاپىمىز دەپ بالىلارنىمۇ ئالدايدىغان ئىنساپسىزلاردىن، كاززاپلاردىن بولۇپ كەتتۇق. سەن قايتىپ كەلگەن كۈنى مەن مۇشۇ ئىشلار توغرىسىدا، سېنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆرگەن-بىلگەنلىرىڭ توغرىسىدا پاراڭلىشارمىز دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەپسۇس، بەك ئەپسۇس، ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولماي قالدى!... شۇنداق، مەن بەزىدە چۈشلۈك تاماقنى ئەلپەر بىلەن ئۇلارنىڭ مەكتىپى ئالدىدىكى ئاشخانىدا يەيمەن. ئالدىراش بولۇپ قالسام، قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ قويىمەن. كەچلىك تاماقتا بەزىدە گۆش سالىمەن، بەزىدە دوقمۇشىتىكى تاللا بازىرىدىن تەييار چۆچۈرە ئەكىرىپ سېلىپ بېرىمەن. بەزىدە كوچىغا چىقىپ كاۋاپ يەيمىز. ئالدىراپ قالغاندا  تەييار چۆپمۇ يېدۇق. تەييار چۆپ بىزنىڭ تاماق ئادىتىمىزگە يېڭىدىن قوشۇلغاچقىمىكىن، مەن ئۇنىڭغا پەقەتلا كۆنەلمىدىم. ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن ۋاز كېچىشى ئۇنچىلىك ئاسان بولمىسا كېرەك.  بىر مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ خاراكتېر-مىجەزىنى، تەن ساپاسىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. بۇ بىر مۇھىم بەلگە. بۇ بەلگىدىن ئايرىلىپ قالساق ئۆزىمىزگە ئوخشىماي قالىمىز. بىراق كىچىك بالىلار بەك ئاسانلا يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. تونۇردا تاۋلىنىپ پىشقان نان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھېچنەرسە ئەمەس، بالىلار تەييار چۆپكە كارامەت ئامراق چىقىپ قالدى. ھەتتا قايناق سۇغا چىلىماي قۇرۇقمۇ يەۋېرىدۇ. پەرۋەرنى چوڭلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قوياي دېسەم، ئۆزۈڭ بىلىسەن، ئۇلار ئەلپەرنى مەكتەپ يېشىغا توشقۇچە بېقىپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئانام يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تولا ئاغرىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. مانا ئۇمۇ پانىي ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى، بارسا كەلمەس يەرگە كەتتى! خۇدا، رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي! بىز مۇشۇنداق ئىزگۈ تىلەكتىن باشقا ئۇلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيمىز. ئانام كېسەلمەن تۇرۇقلۇق ماڭا: «بالام، ئىككى بالا بىلەن قىينىلىپ قالىسەن، كىچىكىنى بولسىمۇ ماڭا ئەكېلىپ بەرسەڭ» دەپ، بىرنەچچە قېتىم دېدى. ئادەم بەزىدە بىرەر ئىشنى توغرا قىلدىم ياكى توغرا ئويلىدىم دەپ خاتا قىلىدىكەن، خاتا ئويلىۋالىدىكەن. توغرا تاللىدىم دەپ خاتا تاللىۋالىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنى ھېچكىشىدىن كۆرگىلى بولمايدىكەن. ئانام كېسەل بولسىمۇ پەرۋەر ئالدىدا ئويناپ يۈرسە روھىي  جەھەتتە تەسەللى تېپىپ، يەنە بىر مەزگىل  بولسىمۇ ئۆمۈر كۆرۈپ قالار ئىدى. مەن ئانامنى ئايىدىم دەپ ئايىماي قويدۇممۇ، قانداق دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، ئانىسى بارلارمۇ، ئانىسى يوقلارمۇ، مەستلەرمۇ، مەست ئەمەسلەرمۇ ئوخشاشلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان، پەيزى تۇتۇپ قالسا ئۆزلىرىمۇ قوشۇلۇپ توۋلايدىغان ھېلىقى «ئانامنى ئەسلەپ» دېگەن ناخشىنى بەزىدە مېنىڭمۇ ئېيتقۇم كېلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ناخشىنى بىزنىڭ ئاغىنىلەر مەست بولۇپ قالسىلا سورۇننى ھازىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغاندەك توختىماي، تەكرار-تەكرار توۋلىشاتتى. مۇزىكىمۇ بىر يەردە قالاتتى. ئادەم مەلۇم بىر قىممەتنىڭ قەدرىنى بۇ قىممەتنى يوقاتقاندىن كېيىن ھېس قىلىدىكەن. ياخشى نەرسىنىڭ قەدرى قولىمىزدىن كەتكەندىن كېيىن بىلىنىدىكەن. «ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق» دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك. گەرچە دۇنيادىكى بارلىق نەرسە بىزگە باقىمەندە بولمىسىمۇ، بىز ئۆزىمىز تەسەللى تاپىدىغان نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىلغاندا  ھەممىنى بىلىپ قالىدىكەنمىز. سەن بىلەن ئارىمىزدا ئۆزئارا قىزىرىشىش، تەنە گەپ قىلىشىش باشلانغاندا  ئانام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. شۇ چاغدا ئانام  سەن بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى، ئۆزگىرىشلەرنى سېزىۋالغاندەك قىلاتتى. بەزىدە ماڭا  بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ ئىسمىمنى چاقىرىپ، ئارقىدىنلا گەپنىڭ يۆنىلىشىنى بۇراپ، بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى. ئۇ ماڭا ھېچنەرسە دېيەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. شۇنداق، ھېچنەرسە دېيەلمىدى. رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئىلاھىم! ئۆلۈمنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكىلا بار بولسىمۇ، ئۇ ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش. بىراق، بىزنىڭ قىلىۋېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنىڭ قالغانلىقى ئادەمنى ئۆكۈندۈرىدۇ. دەۋېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ بوغىزىمىزدا كەپلىشىپ قالغانلىقى بىزنى ئازابلايدۇ. باقىي ئالەمگە سەپەر قىلىش ئالدىدا تۇرغۇچى بىلەن ھايات قالغان ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مېھرىبانلىق، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاياش بىزنى ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە  مەجبۇر قىلىدۇ. بىر-بىرىمىزگە پانىي ئالەمدە يەنە ئۇزۇنغىچە بىرگە ياشايدىغاندەك تەسەللى بېرىمىز. ئادىمىيلىك ئەنە شۇنداق چاغدا ئۆز كۈچ -قۇدرىتىنى نامايان قىلىدۇ.ئېھتىمال ئۇچىغا چىققان قانخور جاللات، ئادەم قېلىپىدىن چىققان باسقۇنچى ۋە قاتىلمۇ ئەنە شۇنداق چاغدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئادىمىيلىككە قايتىپ قالار. بىز شۇ چاغدا مەلۇم بىر ھەقىقەتنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىمىز. بىراق، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بۇ ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ قالىمىز. چۈنكى، بىز يەنە قانداقتۇر ئىشلار بىلەن ئالدىراشمىز. ئەمەلىيەتتە بىز ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان ھالەتتە ياشايمىز. سۈنئىي، ساختا ئۆزىمىزنى ياشايمىز. چۈنكى، بىز ئىجتىمائىيلاشقان، يەنە ياشىمىساق بولمايدۇ!...
    ناشتىلىق تەييار بولدى. بىز خېلىغىچە ساقلىغان بولساقمۇ سەن ئورنۇڭدىن تۇرمىدىڭ. مەن جايىدا يېتىپ جېنى چىقىپ قالمىغاندۇ دەپمۇ ئويلىدىم. مەن ئاخىر:
    — پەرۋەر، ئاپىڭىزنى ئويغىتىڭ قىزىم، تاماق يەۋالسۇن،— دېدىم. پەرۋەر يېنىڭغا كىرىپ:
    — ئاپا، ئورنۇڭدىن تۇر، تاماق يەيمىز،— دېدى. سەن:
    — بولىدۇ قىزىم، مەن ھازىرلا تۇرىمەن،— دېدىڭ-دە، تام تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدىڭ، پەرۋەر ساڭا بىر ئالىيىپ قويۇپ دومسايغىنىچە يېنىپ چىقتى. پەرۋەر بەك خاپا بولدى. سەن كېتىپ مەن بالىلارنى بېرەر قېتىممۇ رەنجىتىپ قويغان يېرىم يوق. ئۇلار ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇپ قالسا چىرايلىقچە  چۈشەندۈرىمەن ياكى گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكەپ، دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرايمەن. يېنىدا ئانىسى يوق بالىلارنى رەنجىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە داغ پەيدا قىلىپ قويغۇم ئەسلا يوق. كۆڭلىدە ئانام يېنىمدا بولغان بولسا مېنى رەنجىتمەيتتى دەپ ئويلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. پەرۋەر بەك ئەقىللىق بالا بولدى. زېھنى شۇنداق ئۆتكۈر، ئوشۇق-تۆشۈك گەپ قىلمايدۇ. ئۇ رەسىم سىزىشقا بەك قىزىقىدۇ. مېنىڭ ئۇنى سەن دېگەندەك ئۇسسۇلچى قىلغۇم يوق. چۈنكى، ئۇ يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل ئويناپ نەتىجە قازانسىغۇ بىر گەپ، بىر ئۆمۈر كوللېكتىپ ئۇسسۇلغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ كەتسە، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ كىچىك بالىلار دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرگە قىزىقىدىكەن. ئۆتكەندە پەرۋەر مەن بىلەن يەسلىگە كېتىۋېتىپ، ھارۋا سۆرەپ ئەسكى-تۈسكى يىغىۋاتقان  ئايالنى كۆرۈپ:
    — دادا، مەن چوڭ بولسام ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچى بولىمەن، سەن ھارۋا سۆرەيسەن، مەن قەغەز تېرىمەن،— دەيدۇ. مەن كۈلۈپ تاشلىدىم.
    — بولىدىغان گەپكەن قىزىم،— دېدىم. ئۇنىڭ قانداقلارچە بۇنداق خىيالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن. كىچىك  بالىلارنىڭ نەزىرىدە باشقىلارنىڭ ئىشلىرى ئويۇندەك تۇيۇلسا كېرەك. بىراق، ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىغىمۇ سەمىمىيلىكنىڭ تامغىسى بېسىلىدىكەن. پەرۋەر يېقىندىلا ھېچكىشىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ماڭا كۆرسىتىپ:
    — دادا، قارا، كىمنى سىزىپتىمەن؟— دەپ سورىدى. مەن پەرۋاسىز ھالدا:
    — ئادەم،— دېدىم.
    — دۆت، شۇنىمۇ بىلمىگىنىنى، قارا، ئاپامنى سىزدىم،— دېدى. مەن بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ يىغلاپ تاشلىغىلى تاسلا قالدىم. پەرۋەرنى باغرىمغا بېسىپ تۇرۇپ:
    — خاپا بولماڭ قىزىم، مەن تازا دىققەت قىلماپتىمەن،— دېدىم. مەن ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم. نېمە ئويلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. پەقەت ئۆزۈمگە «ئىسىت، ئىسىت» دېگىنىمنىلا بىلىمەن. ھەتتا سۆزنى مېنىڭ ساڭا ياكى ئۆزۈمگە دېگەنلىكىم ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئەمەس. ئېھتىمال ۋەيران بولغان بىر ئائىلىگە، ئانىلىق مېھرىدىن مەھرۇم قالغان نارەسىدە بالىلاغا «ئىسىت» دېگەندىمەن. ئىككى تامچە ياش ئاققۇزغاندىمەن. مېنىڭچە، بۇ پەرۋەرنىڭ قەلبىنىڭ پاك، غۇبارسىزلىقىنىڭ تەسىرىدىن بولغان كۆز يېشىدۇر. شۇنداق، بالىلارنىڭ ئادەتتىكى ئويۇنلىرىغىمۇ راستچىللىق، سەمىمىيلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئويۇن ئەمەس، بەلكى بىر خىزمەت. مەلۇم بىر ئىشنىڭ تاماملىنىشى، خالاس!... مېنىڭ نەزىرىمدە ھەمسەپەرلىككە يارىمىغان ئادەم ئۈچۈن  ياش تۆكۈش بەكمۇ بىمەنىلىك، بولۇپمۇ سەن ئۈچۈن شۇنداق. تۇرمۇش بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلىپ بولۇپ يەنە ئېلىپ كېتىدۇ. گەپ بىزنىڭ ئۇنى قانداق تۇتىشىمىزدا. بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنىڭ، ياكى قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇشنىڭ سېنىڭ كېيىنكى تەقدىر-قىسمەتلىرىڭنى بەلگىلەپ قويۇشى ناتايىن. ھەرقانداق ئادەمنىڭ بېشىغا مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەت پۈتۈلگەن ئەمەس..ئەلۋەتتە، ھەرقانداق بىر ئادەم ئائىلە قۇرۇشتىن ئىلگىرى كۆڭلىدە مەن زادى نېمىشقا ئائىلە قۇرىمەن، باشقىلار ئائىلە قۇرغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ ئۇلارنى دوراپمۇ؟ ئائىلىگە كىرگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىمەن، بەزىبىر كېلىشمەسلىكلەر يۈز بېرىپ قالسا قانداق تاقابىل تۇرىمەن، ئائىلىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى قەيەرگىچە، قايسى مەنزىلگىچە بولىدۇ؟ يېرىم يولدا توختاپ  قالسا قانداق قىلىمەن؟ دېگەنلەرنى ئويلىۋالمىسا بولمايدىكەن.  چۈنكى، بىز ئائىلىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن تۇتىمىز. ياخشى كۆرۈش، كۆيدۈم-پىشتىم دېيىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدىكەن. ئەلۋەتتە، ئائىلە — بېلەت ئېلىپ كىرىپ كۆرۈپ، ئىچ-پۇشۇقى بېسىلىپ، كۆڭلى قانغاندا يېنىپ چىقىدىغان ھايۋاناتلار باغچىسى ئەمەس. ئائىلە — ئەر بىلەن ئايال قول تۇتۇشۇپ ئاتلانغان ئۇزۇن سەپەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. ئۇنىڭ ئاخىرقى مەنزىلگاھى بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئۇ دۇنياغىچە تۇتىشىدۇ. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزدە نامايان بولىدىغان ساداقەت، ئەجەل يەتكۈچە بىرگە ياشاش. بۇ سەپەردە بىرسىمىز ئارقىغا داجىۋالساق، ئوتتۇرا يولدا توختىۋالساق ياكى ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەتسەك سەپىرىمىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. ئېھتىمال بۇنى ئوڭۇشسىزلىق دېگىلى بولماس. چۈنكى، بىز خالىساق ئۆي تۇتساق، خالىمىساق تۇتمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ. پەقەت بىر-بىرىمىزگە ئورا كولىمىساقلا، ئۆز يولىمىزدا خاتىرجەم كېتىۋېرىمىز. مەن سەن بىلەن بىللە يۈگۈرىمەن دەپ ئويلىغانىدىم. ئەپسۇس، سېنىڭ قەدەملىرىڭ تۇيۇقسىزلا ئىتتىكلەپ كەتتى. مەن يېتىشەلمەي قالدىم. سەن قايسى يولدا يۈگۈرۈپ، قايسى مەنزىلدە توختىماقچى؟ ئېھتىمال ئۆزۈڭمۇ بىلمەيدىغانسەن. مەن بىرسىنىڭ «تۇرمۇش يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئەمەس، بەلكى قارغا ئېتىش، نىشانغا تەگكۈزۈش-تەگكۈزەلمەسلىك» دېگەن سۆزىنى ئوقۇغانىدىم. ئېھتىمال سەن بىرەر نىشاننى قارغا ئېلىپ يۈرگەنسەن. بىراق، يېرىم يولدىكى قارغا ئېلىش سېنى ھالسىرىتىپ قويۇشى مۇمكىن.سەن توشقاننىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى، خاراكتېر-مىجەزى ۋە تەبىئىتىنى كۆزەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئوۋلىيالىشىڭ ناتايىن. ئەمەلىيەتتە سەن يېرىم يولدا قوشۇلۇپ قالغان ناباب ئوۋچى. بۇنداق ھۈنەر سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمەيدۇ.  ئوۋچىدا سەۋر-تاقەت، چىدام-غەيرەت بولمىسا ھېچنەرسىنى ئوۋلىيالمايدۇ... سەن كۆڭلۈڭدە ئەرلەرنى ئوۋلىۋەتتىم دەپ قارايسەن. ئاشۇ ئەرلەرمۇ سېنى ئوۋلىدۇق دەپ قارايدۇ. بىز ئەنە شۇنداق ئالدىنىش ئىچىدە ياشايمىز. گەپ كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئالدانغانلىقىمىزدىن رازى بولۇش-بولماسلىقىمىزدا. ياش تۆكۈش-تۆكمەسلىكىمىزدە. بىز مەن ھامان باشقىلارغا بەدەل تۆلىگەنىكەنمەن، ئۇلارمۇ ماڭا بەدەل تۆلىشى كېرەك دەپ خاتا ئويلىۋالىمىز. ئەمەلىيەتتە ۋاقتى كەلگەندە بىزنىڭ بۇنداق بەدەللىرىمىز ھېچنەرسىگە ئەرزىمەي قالىدۇ. خەقلەر پېشىنى قېقىپ ئۆز يولىغا كېتىۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز باشقىلاردىن يۈزسىزلىك قىلدى دەپ ئاغرىنىپ، ئۇلارنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن كۆرۈپ يۈرىمىز، نەپرەتلىنىمىز. بۇنداق قىسمەت سېنىڭ بېشىڭدىمۇ، مېنىڭ بېشىمدىمۇ بار. بىز بۇنى يوق قىلىۋېتەلمەيمىز. شۇڭا،  ھاياتتا ئالدىراپ بىرسىدىن خاپا بولغۇلۇق ئەمەس. ھەممىنى، بارلىق سەۋەبنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىگىنىمىز ئەڭ ئاقىلانىلىق!
    بىز سېنى يەنە خېلى بىر ۋاقىتقىچە ساقلىدۇق. سەندىن ھېچقانداق بىر ئىنكاس، سادا يوق، ئۇخلاپ قالغاندەك ياتاتتىڭ. ئۇخلىدىڭمۇ، ئۇخلىمىدىڭمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئاخىر بولماي مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ:
    — پەرىخە، ھاجەتكە چىقىپ كىرىپ ئۇخلىمامسىز؟— دەپ چاقىرىشقا مەجبۇر بولدۇم.
    — ئىت پوق يېمەستە، ئادەمگە نېمە سېسىق گەپ قىلىسىز؟— دېدىڭ بىردىنلا ئۆرۈلۈپ،— سىلەر يېگەچ تۇرساڭلار بولمامدۇ!
    — سىز يوق چاغدىمۇ گېلىمىزدىن تاماق ئۆتكەن، مەن تېخى بىر ئائىلىدىكىلەر جەم بولغاندا بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەيمىزمىكىن دەپتىمەن. قوپۇڭ، بالىلارمۇ ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. ناشتىدىن كېيىن بالىلارنى بازار ئايلاندۇرۇپ كېلەيلى.
    سەن مېنىڭ سەل ئاچچىقىم كەلگەنلىكىنى بىلىپ قالدىڭ بولغاي:
    — مانا ھازىر، سىلەر ناشتا قىلغاچ تۇرۇڭلار،— دېدىڭ. مەن بالىلارغا ئاپاڭلار قايتىپ كەلگەندە بازار ئايلىنىمىز دەپ ۋەدە بېرىپ قويغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىز ناشتىغا تۇتۇش قىلىۋەردۇق. سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ھاجەتكە چىقىپ كىرىپ ئالاھەزەل بىرەر سائەتچە پەرداز قىلدىڭ بولغاي، مەن سېنى ساقلاۋېرىپ ئاخىر ئۆيدىن چىقىپ، سىرتتا ساقلاپ تۇردۇم. مەقسىتىم سەن بىلەن بىرنەرسە دېيىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئىدى. سەن بىرھازا ياسىنىپ، جابدۇنۇپ چىقتىڭ. پەردازنى شۇنداقمۇ قېنىق قىلىۋالغان بارمۇ؟ خۇددى چاڭچىلە ئارتىسلىرىغا ئوخشاپ قالغانىدىڭ. بۈدۈر قىلدۇرۇۋالغانلىقىڭدىن بېشىڭغا پاتماي قالغان چاچلىرىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن سېۋەتتەك بولۇپ قالغانىدى. توۋا دەيمەن، مەن بىردىنلا خوتۇنۇم بىلىم ئاشۇرغىلى بېرىپ كاللىسىدىن كەتتىمۇ نېمە دەپ ئويلىدىم. سېنىڭ شۇ تۇرقۇڭ بىلەن مەن كوچىدا بىللە مېڭىشتىنمۇ خىجىل بولدۇم. قانداق قىلىمەن، سەن يەنىلا مېنىڭ خوتۇنۇم، سۆيۈملۈك بالىلىرىمنىڭ ئانىسى ئەمەسمۇ! قانداق بىر ساراڭ ساڭا بۇنداق قېنىق گىرىم قىلىشنى ئۆگىتىپ قويغاندۇ دەيمەن. سەن توم-توم قاشلىرىڭنى تېرىپ ئىنچىكە ياسىتىپ، يۈزۈڭگە ماينى بىكارغا ئالغاندەك بولۇشىچە سۈرتۈپ، لەۋلىرىڭنى پارقىرايدىغان بىر خىل لەۋسۇرۇقى بىلەن بوياپ، ئەتراپىغا قارا قەلەمدە سىزىق سىزىۋالغانىدىڭ. سېنىڭ بۇ چىرايىڭنى ئويلىسام دوختۇرخانىلاردا پراكتىكا ۋە مەشىققە ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي رىزىنكە ئادەم ئېسىمگە كېلىۋالىدۇ. ئادەمنىڭ چىرايىدا ئاز-تولا نۇر، ئىمان بولمىسا باشقىلارغا كېسەلمەن ئادەمدەك زەئىپ، خۇنۈك كۆرۈنۈپ، ئۆلۈكنىڭ چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. سېنىڭ بۇ تۇرقۇڭ «خەلپەم كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ»، «بوياقچىنى بوياقچى دەپ قويسا، ساقىلىنى بويىۋاپتۇ» دېگەندەكلا ئىش بولغانىدى. سىرتقا چىققاندا ساڭا، سەن بۇنداق پەرداز قىلساڭ بولمايتتى دېگىلى بولاتتىمۇ، مەيلىلا، ئاياللارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ نېمە كەپتىكەن، قىلغان پەردىزىغا ئارىلىشىۋالسام چاكىنىلىق بولۇپ قالمىسۇن، دېدىم ئىچىمدە. ئەمەلىيەتتە بىزمۇ ئاشۇ گۈزەللىكتىن بەھرىمەن بولغۇچىلار بولغاندىكىن، ھېچبولمىسا ئۆزىمىزنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى بويىچە باھا بېرەلەيمىزغۇ! شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يۈرگەن، توي قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىر مەزگىلگىچە كېسىلمەي كەلگەن توم چاچلىرىڭ، قويۇق قاشلىرىڭ، نۇر ۋە ئىمان يېغىپ تۇرىدىغان تەبىئىي چىرايىڭنى ئەسلەپ قالدىم. خۇدا تېخى سېنىڭ چىرايىڭغا قورۇق، چاچلىرىڭغا ئاق ئاتا قىلمىغانىدى. يوغان كۆزلىرىڭنىڭ ئەتراپىغا سۈرۈۋالغان لاك سېنى يالغانچى، جادۇگەر خوتۇنلاردەك قىلىپ قويغان بولۇپ، ماڭا سەن ئۆزۈڭنىڭ يېشىدىن بىرنەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈندۈڭ. سەن ئۆزۈڭنى يوق قىلغانىدىڭ. قارىغاندا، «خۇدا ئۇرسا، ئاۋۋال ئەقلىدىن ئۇرار» دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك. چۈنكى، سەن ساراڭدەكلا، جىن سوقۇۋەتكەندەكلا بولۇپ قالغانىدىڭ. بەزىدە ئەينەككە قاراپ ئۆزۈڭچە كۈلۈپ قويىسەن، تاماق قىلىۋېتىپ ئۆزۈڭچىلا «بەتبۇي، بەتبۇي، بەتبۇي» دەپ ناخشىغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىلەرنى دەپ كېتىسەن. مەن راستتىنلا ھەيران قالدىم.
    — زورۇقۇش ئادەمنى قىيناپ قويىدۇ. توغرا، بەزىلەر تېزرەك ماڭىمەن دەپ زورۇقىدۇ، بەزىلەر ئاستىراق ماڭىمەن دەپ زورۇقىدۇ. بىز بۇنداق قىلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچى. ھاياتتا سىز ئالدىرىسىڭىزمۇ، ئالدىرىمىسىڭىزمۇ ئوخشاش بىر مەنزىلگە — ئۆلۈم مەنزىلىگە بارىسىز. ئۇندىن باشقا پانىي ئالەمدە ئادەم ئۈچۈن تەڭپۇڭ ھالەتتە ماڭىسەن دەپ بەلگىلەپ بېرىلگەن پرىنسىپ، مىزان يوق. ھاياتتا ئۆزىگە بېسىم ھېس قىلىۋالماي ئۆزىنى ئازادە تۇتۇپ ياشاش تېخىمۇ مۇھىم. ئازادىلىككە ئېرىشىش — ئەڭ  بۈيۈك مەنزىل.
    سەن مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەندىڭمۇ، چۈشەنمىدىڭمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئارتۇقچە ئىنكاس قايتۇرماي شۈك ئولتۇردۇڭ. ماڭا جاۋاب قايتۇرمىغىنىڭغا كۆپ رەھمەت! كېيىن سەن ئوقۇپ يۈرىدىغان «بەتبۇي» دېگەن ناخشا بىزنىڭ بۇ قەدىمىي شەھەردىمۇ تارقالدى. قاۋاقخانا، رېستوران، ئاشخانا ھەتتا  پارچە-پۇرات دۇكانلاردىمۇ، ھاراق سورۇنلاردىمۇ ياڭرايدىغان بولۇپ كەتتى. مەن بۇ ناخشىنى تولا ئاڭلاۋېرىپ بۇ ناخشا راستتىنلا «بەتبۇي»كەن دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم. مەن تاكى ھازىرغىچە «بەتبۇي» نىڭ مەنىسىنى بىلمەيمەن. بىلىشنىمۇ خالىمايمەن. چۈنكى، سەن «بەتبۇي»نىڭ  تەسىرىدە ئاينىپ قالغان. مانا ئەمدى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىن غايىب  بولۇۋىدىڭ، «بەتبۇي»نىڭ پۇرىقىمۇ يوقىلىپ، ئەركىن نەپەس ئالىدىغان بولۇپ قالدىم. ئېھتىمال سەن ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن مېنىڭ «بەتبۇي» دېگەن ناخشا توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىمنى ساۋاقداش، تونۇش-بىلىشلىرىڭگە ئېيتىپ يەنە بىر مەيدان ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈۋالغانسەن. سەن دېگەن تېز تۇرمۇش رېتىمى ئائىلىدىن  چەتنەپ چىقىشمۇ؟ كوچىدىكىلەر بىلەن تەڭ يۈگۈرۈشمۇ؟ بۇمۇ مودىمۇ؟ ئاخىرىدا يەنىلا سەن ئۆزۈڭگە ئېشىپ قالىسەن. ھاياتتا ئادەمنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مال-مۈلكى پەقەت ئۆزىلا. سەن بۇ مال-مۈلكىڭنى ئۆزۈڭ ياخشى كۆرمەيدىغان بىرسىگە قالايمىقان تەقسىم قىلىۋەتسەڭ ئۆزۈڭنى ۋەيران قىلىسەن. سەن مۇشۇ مال-مۈلكىڭدىن ئازراقىنى بېرىشكە تېگىشلىك — سېنىمۇ، سەنمۇ ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭگە بېرەلىسەڭلا، ئاندىن سەن ئۆز بايلىقىڭدىن، ئۆزۈڭدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقسەن. ئۆز مۈلكۈڭنى تېخىمۇ كۆپەيتەلەيسەن، ئۆزۈڭدىنمۇ ھەقىقىي  رازى بولىسەن! تۇرمۇشتا ئادەم قۇربان بېرىش ئارقىلىقلا ئۆز تەسەللىسىنى، ئۆزىنى تاپالايدۇ. مانا بۇ سەن ئېرىشىدىغان بايلىق. مانا بۇ سەن ئېرىشىدىغان خۇشاللىق ھەم بەخت! بەخت زورۇقۇپ ئېرىشىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى چامىسى يەتكەن ھالەتتە ئېرىشىدىغان قانائەت تۇيغۇسى. بەختنى ھېس قىلالمىساڭ ئۇ سېنىڭ تۇرمۇشۇڭدا يوق نەرسە. بەخت سېنىڭ روھىڭدا. بايقاشمۇ سېنىڭ روھىڭدا!...
    قىسقىغىنە قىشلىق تەتىلىڭ شۇنداق ئالدىراش ئۆتۈپ كەتتى. ئېھتىمال سەن ئۆزۈڭنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانسەن. ئۆيگە، بالىلارغا قارايدىغان ۋاقتىڭ يوق. «ئۇ چاقىرىپتىكەن، بۇ چاقىرىپتىكەن» دەپ پۇت-قوللىرىڭ يەرگە تەگمەي قالدى. ئېھتىمال ئەنگلىيىنىڭ سابىق ئايال ۋەزىرى ساچېر خانىممۇ سەندەك ئالدىراش يۈرمىگەن بولغىيدى. توغرا، سەن  چوڭ بولۇپ، ئېغىزىڭغا چىش چىقىپ، تۇنجى قېتىم يۇرت ئاتلاپ ئۈرۈمچىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىپ، تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتۇڭغا — ئۆز شەھىرىڭگە قايتىپ كەلگىنىڭدە سېنى ئىزدەيدىغانلار، سېنىڭدىن ھال-ئەھۋال سورايدىغانلار، سېنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىڭنى ئاڭلاشنى خالايدىغانلار ئاز بولاتتىمۇ؟ تېخى بىزنىڭ نۇرغۇن قائىدىلىرىمىز بۇنىڭ سىرتىدا. سەن يۈگەنسىز ئاتقا ئوخشاپ قالغانىدىڭ. ئائىلە، ئەر، بالا-چاقا سېنىڭ كۆڭلۈڭدە يوقتەكلا. مەن ئۆزۈمچە سەن تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆيدە بالىلار بىلەن كۆپرەك تۇرسا، مەن تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ياكى باشقىلارنىڭ توي فىلىملىرىنى ئىشلەپ، ئازراق بولسىمۇ پۇل تاپساق، ئۆينىڭ قەرزىنى تۆلەشكە پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. سەن ئوقۇشقا كېتىپ مائاشىڭ ئۆزۈڭ بىلەن كەتتى. خەقنىڭ شەھىرىگە  بارغاندا يانچۇقتا ئازراق پۇل بولمىسا ئادەمنى غېرىبلىق   بېسىپ، بۇ شەھەر ئادەمگە دوزاختەك بىلىنىدۇ. مېنىڭ مائاشىم بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى، ئۆينىڭ خىراجىتى ۋە ئاللىقانداقتۇر ئادەمگەرچىلىكلەر بىلەن تۈگەيدۇ. كېيىنكى ئايغا لېۋىمىزنى چىشلەپ يۈرۈپ، ئاران ئۇلىشىمىز. چۈشلۈكلىرى تاماقنى ئۆيدە يېسەك تازا ياخشى بولاتتى. بىراق، تاماق قىلىمەن دەپ ئىشقا كېچىكىپ قالسام، مۇكاپات پۇلۇم تۇتۇلۇپ بىر قېتىملىق تامىقىم ئەللىك يۈەندىن يۈز يۈەنگىچە  توختايدۇ. «ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە» بولۇپ قالىدۇ. بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ئۇنچىلىك يۇقىرىمۇ ئەمەس. ئىقتىساد بۇزۇلۇپ چېچىلىۋەرسە بانكىدىن ئالغان قەرزنى بالىلارنى سېتىپ تۆلىگىلى بولمايدۇ-دە.
    سەن تەتىل مەزگىللىرىڭدە سىرتتىكى ئولتۇرۇشلىرىڭدىن تەڭ كېچىلەردە كېلەتتىڭ. بۇرۇنلاردا توي-تۆكۈنلەرگە بېرىپ قالسا، داستىخىنىنى قوشۇپ قويۇپلا، ئۆيگە بالدۇرلا قاچىدىغان پەرىخە كۆزۈمگە باشقىچىلا كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى. پەرىخە زادىلا ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىۋاتاتتى. مەن بەزىدە بالىلار بىلەن سېنى خېلى ۋاقىتقىچە ساقلايمەن. ئاخىر بولماي بالىلار ئۇخلاپ قالىدۇ. پەرۋەر سېنىڭ ھېلىقى ئاق مەرۋايىت مارجىنىڭنى قەيەردىن تېىۋالدىكىن تاڭ، دائىم ئۇنى تەسۋى قىلىپ سىيرىپ، ئانامدىن ئۆگىنىۋالغان «كەلىمەتەيبە» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغىنىچە ئۇخلاپ قالىدۇ. بىراق، مەن مەكتىپىمىزنىڭ مۇدىرى ماڭا تېلېۋىزور كۆرۈشنى مەجبۇر قىلغاندەك تېتىقسىز ئېلانلارغا قاراپ چىداپ ئولتۇرىمەن. تاماكا چېكىۋېرىپ ئۆي ئىچىمۇ ئىسقا تولۇپ كېتىدۇ. بەزىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇزاققىچە بالىلارغا قاراپ كېتىمەن. يوتقانلىرى ئېچىلىپ قالغان بولسا يېپىپ قويىمەن. مەن سېنى ساقلاپ، تاماكىنى ئۈزمەي چېكىپ، تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرغان ھالىتىمنى ھازىر ئويلىسام،  مەن شۇ چاغدا ئەجەب بىر بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قاپتىكەنمەن دەپ ئۆزۈمگە ئىچ ئاغرىتىپمۇ قالىمەن. ھەتتا  پەرىخەنى بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىپ بېشىمغا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق تېرىۋالدىممۇ نېمە دەپمۇ قالىمەن. ئادەم بەزىدە باشقىلارغا پۇرسەت بېرىمەن دەپ ۋاقىتنى بەك ئارقىغا سوزۇۋەتسە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تېپىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. مەن سېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ كەچلەردە ئەرلىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى  كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان بىچارە ئاياللارمۇ باردۇ دەپ ئويلايتتىم. سەن ئاشۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قالساڭ قانداق قىلاتتىڭ، پەرىخە؟ مەن بەزىدە سېنى ساقلاپ،  ئاخىر بولماي قېيىداپ ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالىمەن. سەن دائىم قېشىمدا بولۇپ، بۇرۇندىنلا كەچ قايتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن بولساڭغۇ مەيلى ئىدى، ئامالسىز توغرا چۈشىنەتتىم. بىراق، تەتىل قىلىپ قايتىپ كېلىپ، ئاخشاملىرى ئۆيگە كەچ كەلسەڭ، مەن پەرىخە ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ نېمە دەپ ئەنسىرىمەمدىمەن؟ سەن كەچ قالغان كۈنلىرىڭدە گەپنى ناھايىتى چىرايلىق ياپتىلايسەن.
    — ھەي، ھازىرغىچە ئۇخلىماپسىزغۇ؟— دەيسەن بىر خىل مۇلايىملىق بىلەن كۆيۈنگەن قىياپەتتە. ئېھتىمال بۇ سېنىڭ گۇناھىڭنى يۇيۇشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاسىتەڭ بولسا كېرەك. شۇنىڭ بىلەن مەن پەرىخە ئۆزىنىڭ كەچ قالغانلىقىنى بىلىپتۇ، ئۆزىنى سورايدىكەن دەپ ئويلاپ، ساڭا دېمىسەم بولمىدى دېگەن گەپلىرىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن. ئاچچىقىم ئاستا-ئاستا پەسكويغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئىدارەڭدىكىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ تولىمۇ كەچ قايتىپ كەلگىنىڭ ئېسىڭدە بولسا كېرەك. مەن تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇراتتىم. (بۇ سەن تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگىلى ئون نەچچە كۈن بولغان مەزگىلغۇ دەيمەن) سەن ئۆيگە كىرىپلا:
    — تېخىچە ئوخلىماپسىزغۇ؟— دېدىڭ، مېنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان سېنى ساقلاپ ئولتۇرغىنىمنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويغاندەك.
    — كارىۋاتتا يالغۇز يېتىشقا كۆنەلمەيدىكەنمەن.
    مېنىڭ بۇ گېپىم قېيىدىغاندەك بولسىمۇ، ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ راست  گەپ بولغاچقىمىكىن، سەن ئۆزۈڭنىڭ ئېرى بار ئايال ئىكەنلىكىڭنى، بۇ ئەرنىڭ روھىدا، تېنىدە مۇھەببەت، سۆيۈش، سېغىنىشتەك ئارزۇ-ئىستەكنىڭ بارلىقىنى تۇيۇقسىزلا ئېسىڭگە ئالغاندەك، ھېس قىلىپ يەتكەندەك يېنىما كېلىپ، بوينۇمغا قولۇقنى ئالدىڭ-دە، سۆيۈپ تۇرۇپ:
    — كەچۈرۈڭ، مەن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم،— دېدىڭ.
    — مەن قېرىپ كۈچ-ماغدۇرۇمدىن قالغىنىم يوق. مانا ئەمدى تېخى قىرانلىق ۋاقتىمغا قەدەم قويۇۋاتىمەن. بەزىدە ئادەملەرنىڭ ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جەھەتتىن كەتكۈزۈپ قويىدىغان سەۋەنلىكلىرىدىن ئۇلارنىڭ كېيىنكى مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەپ قويىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ.
    — بولدى، گەپ قىلماڭ.
    سەن شۇنداق دېدىڭ-دە، مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدىڭ. مەن پەرىخەنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى يەنىلا يېنىپ تۇرىدىكەن دەپ ئويلىدىم. مەن سېنى سۆيۈۋىتىپ سېنىڭدىن قىزىل ھاراقنىڭ سۇس پۇرىقى كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدىم. مەن خۇددى بىر نەرسىدىن چۆچۈگەندەك دەرھال سەندىن ئۆزۈمنى تارتىپ:
    — ئەمدى سىز قىلمىغان مۇشۇ ئىش قالدىمۇ؟— دېدىم.
    — نېمە بولدى، سىزگە؟
    — نېمە بولغانلىقىنى سەزمەيۋاتامسىز، ھاراق ئىچىپسىزغۇ؟
    — ياق، ھاراق ئىچمىدىم. ئۈژمە شەربىتى دەمدۇ، قىزىلگۈل شەربىتى دەمدۇ، شۇنىڭدىن ئازراق ئىچكەن.
    — ئۈجمە، قىزىلگۈل دېگەنلەرنىڭمۇ ھاراق تۈرلىرى بارغۇ؟
    — مەن ماركىسىغا دىققەت قىلماپتىمەن.
    — توۋا، پەرىخە، سىز مۇشۇ كۈنلەردە نېمە بولۇپ قېلىۋاتىسىز، مەن بۈگۈن-ئەتە سىزنى تونۇيالماي قالماي يەنە.
    — تونۇيسىز، ئىچكىرىسىدىن، ئۈرۈمچىدىن مېھمانلار كەپتىكەن، ئاجۈجاڭ شۇلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ بىرەرنى ئىچىپ قويۇڭ دەپ، بەك زورلاپ تۇرۇۋالدى. پەقەت ئامال قىلالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىشىمغا ئاجۈجاڭ كۆپ كۈچ چىقاردى ئەمەسمۇ! شۇڭلاشقا...
    — ئۇ سولامچىنىڭ، خەقنىڭ خوتۇنىنى ھاراققا زورلايدىغانغا نېمە ھەققى بار ئىكەن؟
    — سىز ئېغىزىڭىزنى بۇزسىڭىز، پەقەت ياراشمايدىكەن.
    — ئاچچىقى كەلگەندە توشقانمۇ ئادەم چىشلەيدۇ. خەق ئۇنىڭغا ئىدارىدە خىزمىتىنى قىلىپ بەرگەندىكىن بولدى. يەنە نېمىدەپ خەقنىڭ خوتۇنىنى چېتىۋالىدۇ. خەقنى بەك كۈتۈۋالغۇسى، خۇشامەت قىلىۋالغۇسى، ياخشى كۆرۈنگۈسى كېلىپ كەتسە ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى چاقىرىپ بەرسە، بۇنداق «ئالىيجاناب روھ» مېھمانلارغا تازا خۇش ياقىدۇ ئەمەسمۇ؟
    — مېنىمۇ، ئۇلارنىمۇ بىر يولىلا مېھمان قىلىپ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققان گەپ.
    — سىزمۇ ئۇنىڭ پاختىكىگە ئايلىنىپ قالماڭ، يەنە.
    — توۋا دەڭە.
    — ھەر ھالدا دىققەت قىلغانغا يەتمەيدۇ. بەزى ئادەملەر سىز بىلەن مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك سەمىمىي  ئەمەس. ئۇنداقلارغا چىشىڭىزنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ قويسىڭىز، سىزنىڭ نىيىتىڭىزنى خاتا چۈشىنىپ، ماڭا مەيلى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، شىللىڭىزگە مىنىمەن دەيدۇ. قاپاق تۈرسىڭىز ماڭا كۆرەڭلىدى، سىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دەپ پېيىڭىزنى قىرقىيمەن دەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى، ئۇنداقلار بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ، نورمال ئۆتكەن ياخشى. بۈگۈن شەربەت سۈيى ئىچۈرسە، ئەتىسى قىزىلنى ئىچۈرسە، ئۆگۈنى ئاقنى ئىچۈرسە. ئاخىرىدا ئىچۈرىدىغان يەنە باشقىسى چىقسا... ئۇنداق ئادەمنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ. سىزنى ئاياشنى بىلمىگەن ئادەم سىزنى سېتىۋېتىشكىمۇ يارايدۇ. مەن باشقا گەپلەرنى دەپ يۈرمەي، سەل ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالارسىز.
    — قانداق قىلىشنى ئۆزۈم بىلىمەن. ئوقۇشنى سالامەت پۈتتۈرۈۋالاي قېنى... خاپا بولماڭ. بولدى، ئۇخلاپ قالايلى.
    نېمىلا بولسۇن شۇ كۈنى بىز تولىمۇ راھەت ئۇخلىدۇق... يەنىلا سەن ئەقىللىق كەلدىڭ. مەن سېنىڭ ئۆز باشلىقىڭنىڭ دامىغا چۈشۈپ قېلىشىڭدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتىم. مەن بۇنداق ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلىغان ھەم كۆپ كۆرگەنمەن. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يۇقىرىدىن شەھىرىمىزگە «ئىككى ئاساسەن»نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆمىكىدىكىلەر كەلگەندە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ ياش، چىرايلىق خانىم-قىزلىرىنى ئۇلارغا ئۈلپەت بولۇشقا چاقىرىپ بەرگەنلىكىدەك ئىشلارنى شەھىرىمىزدىكىلەرنىڭ قايسىبىرى بىلمەيدۇ. شۇ چاغدا  بىرقانچەيلەننىڭ ئائىلىسىدە جېدەل-ماجىرا چىقتى. مەكتىپىمىزدىكى  ئىبراھىم مۇئەللىمنىڭ ئايالىمۇ ئۈلپەتچىلىككە بېرىپ قويۇپ، بالا تېرىلدى. ئۇلار ئىككى بالىسىنى يېتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتى. ئايالى ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىدىكەن. ئىدارىنىڭ باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرىنى مېھمانلار بىلەن تانسا ئويناشقا، ھاراق ئىچىشكە، ئۈلپەتلىشىشكە ئېلىپ بارسا بولمامدىكەن؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرىنىڭ بىرەر يېرىنىڭ ئۇپراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، خەقنىڭ خوتۇنىنى ئىشلىتىپ تۇرماقچىمىكىنە؟ بۇ بىر ئۆتنە ئوينايدىغان ئىش ئەمەسقۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق يۇقىرىنىمۇ، خەقنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئالداپ ياشايدىغان قىزىلكۆز، روھى چىرىپ، ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە بىر-ئىككى ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشى ھېچقانچە ئىش بولمىسا كېرەك. بىز ياشاش جەريانىدا نېمىلەرنى يوقىتىپ قويۇۋاتىمىز، بەك كۆپ. بەك كۆپ! ھاياتتا ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغىنىدىن، يوقىتىپ  قويىدىغىنى كۆپ بولىدۇ، پەرىخە. ئۇلۇغ ئۆلىما جالالىدىن رومى «ئېرىشكىنىگىلا قانائەت قىلىش، مەنىۋى ئۆلۈم. زامان بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ بىرلىكتە قەدەم تاشلاش — ھاياتلىق» دەيدۇ. بىراق، ئېرىشىش — ۋاسىتە تاللىماسلىق دېگەنلىك بولمىسا كېرەك. بىز مەدەنىيەتلىك زاماندا يەنىلا روھى ئەخلەت-چاۋا بىلەن تولۇپ كەتكەن، بەتبۇي پۇراق چىقىرىدىغان ئادەملەر بىلەن بىرگە ياشايدىكەنمىز.  ئەمەلىيەتتە ئۇلاردا بىز بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ ياشىغۇدەك روھىي  كۈچ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ يوق. ئۇلار  نۇرغۇنلىغان ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ياپىدۇ. ئۇلار قارشى قۇتۇپنىڭ ئادەملىرى. ئۇلار بىز بىلەن بىرلىكتە قەدەم تاشلاپ ماڭسا نەپسىنىڭ يېتىشمەي، ئۆپكىسىنىڭ كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. سەن بىلەن بىز ئۇلارنىڭ ئۆپكىسىنى كۆرەلمىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆپكىسى ئاللىقاچان سېسىشقا باشلىغان! ئېھتىمال كۆرۈپ تۇرساقمۇ گەپ قىلالمايدىغاندىمىز. ئۇلار ئۆزىگە قالغان ئىنسانچىلىقتىن ئىبارەت  ئازغىنە ھارام پۇرسەتتىن پايدىلىنىۋالسا بولدى. ئۇلارنىڭ جىسمىلا ئادەمگە ئوخشايدۇ. خۇدا ئۇلارنى بىزنى ئىبرەت ئالسۇن دەپ ياراتقان بولسىمۇ، بەزىدە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە سېلىشى بىلەن ئىش مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ بىزمۇ قېيىپ كېتىمىز.  ئۇلارنىڭ چىدىماسلىقلىرىنى، ئىچى يامانلىقلىرىنى،ھىيلىگەرلىكىنى، رەھىمسىزلىكىنى، نومۇسسىزلىقىنى، ئاسىيلىقىنى، تەمەخورلۇقىنى بىز بىلىپ-بىلمەي تۈرلۈك ئادەتلىرىمىزگە سىڭدۈرۈۋالىمىز. ئۇلارغا ھەۋەس قىلىپ، دورىماقچى بولىمىز. شۇلاردەك قىلالمىغانلىقىمىزدىن ئۆكۈنىمىز. ئۇلار بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز ئەمەس،  بەلكى ئىبرەت ئۈلگىمىز بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى. ئۇلار پانىي  ئالەمدىكى ئىبلىسلار بولسا كېرەك. بەزىدە سېنىڭ بىر ئېغىز لىللا گېپىڭ ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ، ھەرە كۆنىكىدەك قىلىۋېتىدىغان نەشتەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار لىللا گەپ قىلغۇچىلارنى كۆزىدىن يوقاتمىغۇچە جىم ياتمايدۇ، ئۆرتىنىدۇ، ئازابلىنىدۇ. ئۇلارنى دوراش ئۆزىمىزنى ئىپلاسلىق يولىغا باشلىغانلىقىمىزدىن باشقا ئىش ئەمەس! بىز بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان رەزىل قىلمىشلىرىغا قاراپ، ھەممە نەرسە، ھەممە پۇرسەت شۇلار ئۈچۈنلا يارالغاندەك، بىزگە ھېچنەرسە قالمىغاندەك ئويلىۋالىمىز-دە، ئۆزىمىزچە بۇ دۇنيادا بىزنىڭ نېسىۋىمىز يوقتەك، ھەممە نەرسە بۇلاڭ-تالاڭدا قالغاندەك جىددىيلىشىپ كېتىمىز. ئىزتىراپلىق ئىچىدە قىسىلىمىز، نېمىگىدۇر ئالدىرايمىز. نېمىگىدۇر ئېغىر ئۇھسىنىمىز. بەزىدە بىزنىڭمۇ ئۇلار ماڭغان يولدا ماڭغۇمىز كېلىدۇ. بىزنىڭ روھىمىز ھەقىقەتەن ئاجىز. بىزنىڭ دۇنيانى، ئادەملەرنى، ھاياتنى، ياشاشنى، ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىز يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. بىز ئۆزىمىزنىڭ تاشقى ھالىتىگە، ئۆزىمىزمۇ سەزمەي باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ قالغان كىچىككىنە نەتىجىمىزگە، ئازراق ئېھتىياجىمىزغا تايىنىپلا بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز تەسىرىمىزگە كىرگۈزۈۋالىدىغاندەك ئويلىۋالىمىز. مانا بۇ بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز. مانا بۇ ئازراقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساق ھەممىدىن ۋاز كېچىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىمىزدەك روھىي پاجىئە! روھى ئۆلگەن ئادەم — يىلتىزسىز  دەرەخكە ئوخشايدۇ. يىلتىزسىز دەرەخ بۈگۈن كۆزۈڭگە  ياپيېشىل كۆرۈنگىنى بىلەن بىر قېتىملىق جۇدۇن ياكى بىر قېتىملىق  پىژغىرىم ئاپتاپتا بىراقلا يوپۇرماق تاشلاپ، قىز مەزگىللىرى تالادا قالغان قەلەندەردەك شۈمشىيىپ قالىدۇ. سەن يىلتىزى قۇرۇپ كەتكەن دەرەخنى ھەرقانچە پەرۋىش  قىلساڭمۇ، ئۇنىڭ قايتىدىن كۆكلەپ چىققانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟ گەرچە  پانىي ئالەمدىكى بارلىق جانلىق ھامان زەئىپلىشىپ، چىرىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق ھۈجەيرىسىدىن ئايرىلىپ جىسمى جانسىز ماددىغا ئايلانسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق دەقىقىلىرىدە بىر خىل ساغلام ياشاشنى ئىستەيدۇ. تېرەكمۇ ئۆزىنىڭ تېرەكلىك خۇسۇسىيىتى بويىچە ئۆسۈشنى خالايدۇ. ئۇ ساپ كۈن نۇرى، مۇنبەت تۇپراق، ئەلۋەك سۇغا تەشنا! كىشىلىك ھاياتمۇ ئەنە شۇنداق پاكىزلىققا تەشنا! ئۇ ئەنە شۇنداق پاكىزلىق ئارقىلىق ئۆز ھاياتىنى  مەنىگە  تولدۇرۇپ، بىر خىل روھىي ئازادىلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئادەمدىكى روھىي ئازادىلىك بىز ئۈچۈن پانىي ئالەمدىكى ئەڭ زور بەخت!  ئەڭ زور خۇشاللىق! ئۆزىنى روھىي  ئازادىلىككە ئېرىشتۈرەلمىگەن بەندىلەرنىڭ جېنىغا ۋاي! بۇنداق بەندىلەر گەرچە كۆز ئالدىمىزدا تىرىك ياشاۋاتقاندەك قىلىۋاتسىمۇ روھىي  گۇمرانلىق ئۇنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ توختىماي قىينايدۇ. راست، پەرىخە، مەن بۇنداق باش-ئاخىرى يوق ئالا-تاغىل گەپلەرنى قىلىۋەرگەن بىلەن مەن روھى گۇمران بولغۇچىلار دەپ ئاتىۋالغانلار ئېھتىمال مېنى روھى گۇمران بولغان دەپ قارايدىغان ئىشلارمۇ بار، تېخى. بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ قارشى تەرىپىمىزدىكىلەر توغرىسىدا نۇرغۇن پەتىۋالارنى توقۇپ، تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئۇلارغا ئۆزىمىزنى تونۇتۇپ قويماقچى بولۇپ، ئاخىر ھېچبىر مەسىلىنى ھەل قىلالماي ئاللانىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىۋېرىمىز. دۇنيا شۇنداق بىمەنە. ئادەملەر شۇنداق تېتىقسىز! بىز ھاياتتا باشقىلارغا مەلۇم بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغاندەك، مەلۇم بىر ھەقىقەتنى تونۇتۇپ قويماقچى بولغاندەك، تەڭرىدىن قالساقلا ئۆزىمىزنى ئۇلۇغ ئويلىۋالىمىز. ئۆزىنى ئۇلۇغلاش گۇناھ ئەمەس. بەلكى ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتنىڭ بۈيۈك پەللىسى. ئەپسۇس، بۇ خىل ئۇلۇغلاش مەمەدانلىق، شەخسىيەتچىلىك ۋە نۇرغۇن بولمىغۇر ئادەتلەردىن خالىي بولمىسا، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئادەم باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ھېچنەرسىنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيمىز. ئاخىرىدا ئۆلۈمنىڭلا بىردىنبىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىمىز. تارىختا ئۆتكەن كۈرمىڭ-كۈرمىڭ ئۇلۇغلارمۇ ئىنسانلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، ئىنسانغا خاس ھايات كەچۈرۈش ھەققىدە ئىزدەنگەن، ئاجايىپ ئۇلۇغ تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ تەقدىرىمۇ ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلەنگەن! لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇنداق ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسەللىسىنى، ياشاشنىڭ مەنىسىنى تاپقان. بۇرۇنقى ئۇلۇغلىرىمىز «ئۆلۈم بىر شەربەتتۇركى، ئۇنى ھېچكىم ئىچمەي قالمايدۇ. ئۆلۈم بىر ئېغىر يۈكتۇركى، ھېچكىم ئۇنىڭ ئاستىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ» دەپ توغرا ئېيتقان. شۇنداق، بىز ھېچنەرسە قىلالمايمىز. بىراق، بىر-بىرىمىز بىلەن ھال-مۇڭ بولۇشالايمىز. بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرەلەيمىز. بىزدە قۇدرەتلىك كۈچ بار. بىراق، ئۇنى قانداق قوزغىتىشنى، تەڭشەشنى بىلەلمەيمىز. پەرىخە، مەن بەزىدە ئۆزۈمنى ئىگىسى لازىم قىلماي ئەسكى تاملىققا تاشلاپ قويغان جۇل-جۇل چاپانغا ئوخشىتىپمۇ قالغان. بۇ ھەرگىزمۇ سېنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىم سەۋەبلىك كېلىپ چىققان روھىي  پاجىئە ئەمەس، تەنھالىق تۇيغۇسى تېخىمۇ ئەمەس! بەلكى باش-ئاخىرى يوق ياشاش! ئېھتىمال ھەممىمىز ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيدىغان جۇل-جۇل چاپاندۇرمىز. پەقەت بىزنىڭ ئۆزىمىزنى شاھانە تون كىيىۋالغاندەك ھېس قىلىۋېلىپ، روھىي  بىرلىكىمىزنىڭ، مۇكەممەللىكىمىزنىڭ ئاللىقاچان تىتىلىپ، پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ۋە بىچارىلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلمىغانلا يېرىمىز بار. بىز خۇددى بىرسى بىزنى بىر يەرگە ئېلىپ كېتىدىغاندەك، ھازىرغىچە ئۇنى ساقلاۋاتقاندەك، ئاشۇلا بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىدىغاندەك ئويلىۋالىمىز. ھېچكىم بىزنىڭ قىممىتىمىزنى چۈشەنمىگەندەك تۇيغۇغا كېلىۋالىمىز. بىز ھەقىقەتەن ئاجىزمىز، بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان روھىي  تىرەككە موھتاجمىز،  بىزنىڭ ئۇلۇغلىقىمىز زادى نەدە؟ روھىي  تىرەكلىرىمىزچۇ؟ مەن ئويلىدىم، نېمىنى ئويلىدىم؟ زادى نېمىنى ئويلىدىم؟ بىلمەيمەن!... پانىي ئالەمدە بىزنىڭ ئىگىمىز يوق. سەن «مەن ساڭا ئىگە» دېگەنلەرنىڭ سۆزىگە ھەرگىز ئىشەنمە! چۈنكى، پانىي ئالەمدە ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئىگىسى بولالمايدۇ. ئەر-خوتۇنچىلىقتىمۇ ھېچكىم ھېچكىمگە ئىگە بولالمايدۇ. چۈنكى، بىز ھامان تاشلىنىپ قالىمىز. ئادەمنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ روھىدا، ئۇنىڭ قەلب قەسىرىدە، ئۇنىڭ ئېتىقاد ۋە پەزىلىتىدە! بىزنىڭ ئىگىمىز  ئاشۇ يەردە بالقىپ يۈرىدۇ. بىراق، سەن ئۇنى بايقىيالمىساڭ كىشىلىك تۇرمۇشۇڭ ئۆز مەنىسىنى يوقىتىدۇ. ئەسقاتمايدىغان ساختا نەرسىلەرنى ئىگەم ئىكەن دەپ يۈرۈپ، كېيىن پۇشايمانغا قالىسەن! سەن قەلب قەسىرىڭنى ئوبدانراق ئاختۇرۇپ باقساڭلا ھەممىنى بىلىپ قالىسەن. پەرىخە، مېنىڭ سۆزلىرىم بەك تاققا-تۇققا، تاغدىن-باغدىن بولۇپ قالدى. مېنىڭچە،  بۇ، ئادەم ياشاش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارنى قېلىپقا سالىمەن دەپ قىينىلىپ، قېلىپقا سالالمىغاندەكلا بىر ئىش.  ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بۇ جەھەتتە ساڭا مەلۇم بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش نىيىتىممۇ يوق. مېنىڭ قولۇمدىنمۇ كەلمەيدۇ. كىم دۇنيانى، ئادەملەرنى قانچىلىك چۈشەنسە شۇ بويىچە ياشايدۇ. مەن ئىنسانچىلىق مۇناسىۋىتىدىكى ئىشلارنىڭ قانۇنىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىغا بەك ئىشىنىمەن. مەن بۇنى سەن بىلەن نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدىم. شۇڭلاشقا، سەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىمگە بەك ھەسرەت چېكىپ كەتمىدىم، ئاغرىنىپ يۈرمىدىم. دۇنيا تارىخىدا نۇرغۇن-نۇرغۇن ئەھدىنامىلەر، شەرتنامىلەر ئۇلۇغ ھەم  بۈيۈك ئەربابلارنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق تۈزۈلۈپ ۋە ئىمزالىنىپ ۋاقتى كەلگەندە يەنە شۇلارنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق يىرتىپ تاشلىنىپ، ئۆتمەس قىلىنغانىكەن. ئۇلارنىڭ ئاللىقانداقتۇر ھەقىقەت يولىدا مېڭىشتەك ئىنسانىي بۇرچى، ئەركىنلىك غايىسى، باراۋەرلىك نىشانى، تىنچلىقپەرۋەرلىك ئىدىيىسى قەغەز يۈزىدىلا قاپتىكەن. مەن بەزىدە ئۆزۈمگە: «ئاھ خۇدا، سېنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن (ئۇلۇغ) دەپ ئاتالغان ئەربابلىرىڭ ئەنە شۇنداق قەسەمخور، يالغانچى، رەھىمسىز، بەتنىيەت، بىتايىن بولۇپ كەتكەن يەردە، مېنىڭ پەرىخە ئىسىملىك ئاددىي بىر بەندەڭ بىلەن نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىشىم قانچىلىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ؟ يەتتە، سەككىز ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن مەسچىتنىڭ ئىمامى سېنى شىپى  كەلتۈرۈپ ئوقۇغان نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشى، خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن >قانۇنلۇق ئەر-خوتۇن< دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ بېرىلگەن قىزىل تاشلىق قەغەزنىڭ ئاق قەغەزگە ئالمىشىشى، ياشاشتا مەلۇم بىر تەرتىپنىڭ ۋە قانۇنىيەتنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرەمدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويىمەن. راست، ئۆتكەندە بىرسى ماڭا:
    — ئاداش، نىكاھتىن ئاجرىشىش قەغىزىنى ساقلاپ قويۇڭلار،— دەيدۇ. مەن ئەجەبلىنىپ:
    — ئاچچىقىمدا يىرتىپ تاشلىۋېتىپتىمەن،— دېدىم.
    — بۇ ئىشىڭلا بولماپتۇ، ئاق قەغەز بولمىسا، قىزىل قەغەز بەرمەيدىكەن.
    مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم. ئۇ بۇرادەر مېنىڭ كۈلكەمنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي، سەمىمىيلىك بىلەن:
    — نېمىگە كۈلىسىلە ئاداش، راست دەيمەن. ئۆتكەندە مەن ئىككىنچى خوتۇننى ئالغاندا، ئاجراشقانلىق قەغەزنى تاپالماي خوتۇن ئالالماي قالغىلى تاسلا قالدىم، دېمەيسىلە،— دېدى.
    — توي خېتى بەرمىسە پەيشەنبە كۈنى ئاخشىمىدا مەھەللىمىزنىڭ مەزىنىنى چاقىرىپ، نىكاھ ئوقۇتۇپلا ئۆيۈمگە ئەكىرىۋالىمەن.
    ئۇ مېنىڭ چاقچىقىمنى چۈشەنمەي يەنە:
    — ئۇنداق قىلساڭلا قانۇنسىزلىق بولمامدۇ؟ ھۆكۈمەت ئاڭلاپ قالسا تۈرمىگە كىرىسىلە، تۈرمىگە. نېمە دەيدۇ، بۇ ئاداش!— دېدى.
    — ياخشى كۆڭلۈڭلىگە رەھمەت، ئاداش. مېنىڭ ھازىرچە توي قىلغۇم يوق،— دېدىم ئۇنىڭغا. پەرىخە، مەن بۇ يەردە سېنىڭ بىلەن ئەپلىشىپ قالارمەنمىكىن دېگەن تەمە بىلەن بۇ سۆزنى دېمەكچى ئەمەسمەن. مېنىڭ باشقا بىر ئىشقا ھەيران قالغىنىم، بۇ ئىشنى دېيىشكە مەجبۇر قىلدى. مەن بىر ئىشقا ھەيران قالدىم. بىز نۇرغۇن تەرتىپ-قائىدىلەرگە ئاساسەن نۇرغۇن رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ، توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتسەك، كېيىن ئاجرىشىش قەغىزى بولسىلا يەنە  باشقا  بىرسى بىلەن توي قىلالايدىكەنمىز. دېمەك، بۇلار جەمئىيەتتە مەلۇم بىر تەرتىپنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىراق، ئاجرىشىپ كەتسەك بۇ تەرتىپلەر يەنە بۇزۇلىدۇ. ھەتتا قانۇنىي، دىنىي رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەيمۇ توي قىلىپ ئاجرىشىپ كېتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم بىز نۇرغۇن تەرتىپلەرنى ئورنىتىپ، ئاخىرىدا ئەسكى يوتقاننىڭ مېزىنى ئاتقاندەك ئېتىپ، تىتىپ-تىتىپ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىدىكەنمىز. ئارقىسىدىنلا چىدىماي، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە  يەنە تەرتىپكە موھتاج بولۇپ، باشقا بىر تەرتىپنى ئورنىتىدىكەنمىز. ئۇنى يەنە بۇزىدىكەنمىز. بىزنىڭ ئەسلىدىنلا تۇتامىمىز يوق ئىكەن. بىردەم ئۇنى، بىردەم بۇنى قىلىپ باقىدىكەنمىز. نىشانسىز ئېتىلغان ئوقتەك نەگە تېگىشىمىزنى بىلمەيدىكەنمىز. ئوقمۇ ھامان بىر يەرگە تېگىدۇ. ئويلاپ باقمىغان ناتونۇش جايغا چۈشىدۇ. بىزمۇ بارار جايىمىزغا بارىدىكەنمىز. ھېچقانداق تەرتىپمۇ كار قىلمايدىكەن. ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەھدىلەرنىڭ، تەرتىپ-قائىدىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ، يەنە ئورنىتىلىپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھەممە ئادەم ئېھتىمال ئۆز ئىچىدە بىلىدىغاندۇ. ئېھتىياجلىق بولغاندا دۈشمىنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئېھتىياجىڭ قانغاندا ئەھدە بۇزۇلىۋېرىدۇ. بۇ شۇنداق جاھان ئىكەن. ھەرقانداق ئەھدىنامە كىشىلەرنى ئويلىغان نەرسىگە يەتكۈزگەندىن كېيىن ياكى ھېچقانداق بىر كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلالمىغاندا ئۇنىڭ كېرىكى بولمايدۇ. ئۇ ھېچنەرسە ئەمەس. شۇڭلاشقا، پەرىخە، سەن ئەھدە-قەسەملەردىن ھەقىقەت ئىزدەيمەن دەپ ئاۋارە بولما. سېنىڭ كۆز ئالدىڭدا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت. سەن بۇ خىل ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەس. سەن ئاللىقانداقتۇر تەرتىپلەرگە ئىشەنمە، سېنىڭ روھىي  تەرتىپىڭ، روھىي  تەڭپۇڭلۇقۇڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەرتىپتۇر. ھەقىقەتمۇ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدا ھەم روھىي  دۇنيايىڭدا مەۋجۇت. ھەقىقەتنىڭ ئۆزىمۇ سەن. ھەقىقەت بىر چەكسىزلىك. ۋاقتى كەلگەندە قىسقىراپ ھېچنەرسىسى قالماسلىقىمۇ، بەزىدە چەكسىزلىككە سوزۇلۇشىمۇ مۇمكىن. سەن قايسىلا يولنى ماڭغىن  يەنىلا ئۆزۈڭنى ياشايسەن! شۇڭلاشقا، سەن ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسى، ئۆزۈڭنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە مېنىڭ سۆزلىرىمگە ھەرگىز ئىشەنمە! چۈنكى، ئۆزۈڭنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئۆتمىگەن تەجرىبە، يىغىلغان ھاسىلات ۋە دۇنيا قاراش سېنى خاتا يولغا باشلاپ قويىدۇ. سەن ئۇ چاغدا يەنىلا باشقىلاردىن رەنجىشتەك سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، ۋاقىت جەھەتتىن ئۇتتۇرىۋېتىسەن. سەن دۇنياغا، تۇرمۇشقا، ئادەملەرگە قانداق باھا بېرىشنى بىلىدىغان ئۆزۈڭنىڭ پەيلاسوپى. سەن ئۆزۈڭنىڭ سىياسىيونى. چۈنكى، سەن تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى ئۆزۈڭنىڭ چارە-تەدبىرلىرىڭ ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى، تەڭشەشنى خالايسەن! سەن ئۆزۈڭنىڭ كەشپىياتچىسى. چۈنكى سەن ھامان ئۆزۈڭنى خۇشال قىلىدىغان، ھاياتىڭغا مەنە بېغىشلايدىغان يەنە بىر ئۆزۈڭنى بەرپا قىلىشنى ئىزدەيسەن! بىراق، سەن مېنىڭ دۇنيايىم، مېنىڭ قىممەت قارىشىم بويىچە مېنىڭ دېگەنلىرىمنى چۈشەنگەن بولساڭ بۇنىڭغا ئىشەن! سەن ئىزدەپ ئاۋارە بولۇۋاتقان ئۆزۈڭنى تېپىپ قالساڭ ئەجەب ئەمەس. زۇلمەتكە مەھكۇم بولغان روھىڭدا  غۇۋا بولسىمۇ ئۈمىد نۇرى چاقناپ، روھىڭ يەڭگىللەپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. بىراق، بۇ مۇمكىنمۇ؟ شۇنداق، پەرىخە، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى سېنىڭ پسىخىك تەڭپۇڭلۇقۇڭ بۇزۇلۇشقا باشلىدى. بىراق، بىز بۇنى «ئاينىپ كەتتى، ۋاپاسىزلىق قىلدى» دەپ چۈشىنىۋالىمىز. ئەھدىنامە تۈزۈش، تەرتىپ ئورنىتىش دېگەنلەر كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئەسلىدىنلا ۋاپاسىزلىقنىڭ، تەرتىپسىزلىكنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا بۇنى تەكىتلەپ يۈرۈشنىڭ قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بولاتتى. تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرىدىكى ئىشلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سېنىڭ تۈنۈگۈنكى ھېسسىياتىڭ، قىزغىنلىقىڭ بىلەن بۈگۈنكى ھېسسىياتىڭ، قىزغىنلىقىڭ، كەيپىياتىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئادەمدىكى ئۆزگىرىشچان كەيپىيات ھامان بىزنى تۈرلۈك نەرسىلىرىمىزنى يېڭىلاپ تۇرۇشىمىزغا زورلاپ تۇرىدۇ. ئەتە يۈز بېرىدىغان ئىشقا سەن بىرنەرسە دېيەلمەيسەن. شۇڭلاشقا، سەن كۆز ئالدىڭدا تۇرغان ئادىمىڭدىن بىر خىل مۇكەممەللىكنى، ئۆزگەرمەس ئىرادە ھەم قانۇنىيەتلىك نەرسىلەرنى تەمە قىلىپ يۈرمە. (ئېھتىمال بۇلارنى چۈشەنگەچكە باشقا يول تاللىغانسەن) ئادەم خۇشال بولغاندا دۇنيادىكى ھەممە نەرسە گۈزەل، ئادەملەر شۇنداق مېھرىبان ھەم سۆيۈملۈك كۆرۈنىدۇ. رەنجىپ قالغان ۋاقتىڭدا دۇنيا ئۆرۈلۈپ، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن  ئەسكى تاملىققا، ئادەملەر ئەسكى تاملىقتا توپىغا مىلىنىپ، غېرىب  ھالەتتە ياشاۋاتقان قۇرت-قوڭغۇزغا ئوخشاپ قالىدۇ. سەندە ئادەملەردىن بىزار بولۇش، قېيىداش، ھەتتا يىرگىنىش ئالامەتلىرى يۈز بېرىدۇ. نۆۋىتى كەلسە سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاشۇنداق ئىككى خىل ھالىتىڭنى تەڭشىيەلەمسەن؟ ئادەم بەزىدە ياشىرىپ تۇرغان يوپۇرماققا ئوخشىسا، بەزىدە سارغىيىپ قالغان يوپۇرماققا ئوخشايدۇ. بىراق، سەن كىشىلەرگە ياشىرىپ تۇرغان يوپۇرماقتەك كۆرۈنگىنىڭ بىلەن سېنىڭ روھىي  دۇنيايىڭدىكى غېرىبلىق تۇيغۇسى سەندە ئۆزۈڭنى سارغايغان يوپۇرماققا ئوخشىتىپ تۇرۇۋالىدىغان تۇيغۇنى پەيدا قىلىدۇ. سەن بۇنى ئاجىزلىق دەپ قاراپ باشقىلارغا چاندۇرمايسەن. كىشىلەرگە كەچ كۈزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى ئۈششۈكتە زورلاپ ئېچىلغان تۆت چىشلىق كېۋەز غوزىسىدەك سوغۇق ھىجىيىپ قويىسەن. ھىجىيىشىڭ سېنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى مەۋجۇتلۇقۇڭنى ئىسپاتلاپ تۇرغاندەك قىلغىنى بىلەن، سەن ئۆزۈڭنىڭ ئازابىڭنى ئۆزۈڭ بىلىپ تۇرىسەن. «ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن» دېگەن شۇ!...
    سېنىڭ تەتىل مەزگىلىڭ توشۇپ ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى سەن بىرقانچە دوستلىرىڭ ۋە ئىدارەڭدە ياخشى ئارىلىشىدىغان خىزمەتداشلىرىڭدىن بىرنەچچىسىگە ئۆيىمىزدە «خوشلىشىش زىياپىتى» بەردىڭ. مەن سىلەرنى قورۇنۇپ قالمىسۇن دەپ ئالىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ  خېلىلا كەچ قايتىپ كەلدىم. مەن يىراقتىنلا بىزنىڭ ئۆينىڭ ھەممە چىراغلىرىنىڭ يېنىق تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ھېلىقى «بەتبۇي» دېگەن ناخشىنىڭ ئاۋازى بېشەم خوتۇن كاركىراپ زۇۋانى پۈتۈپ قالسىمۇ توختىماي ۋارقىرىغاندەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قوشنىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ چىراغلىرى ئۆچۈك تۇرۇپتۇ. كاساپەتلەر، ھازىرغىچە «ياشاپ» ئولتۇرۇپتۇ-دە، دەپ ئويلىدىم. ئېسىڭدىمىكىن، قولۇم-قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە مېھمان كېلىپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشسىمۇ كەچ سائەت ئونلاردا تارقاپ بولاتتى. بىراق، سەن قولۇم-قوشنىدارچىلىقتا رېكورت ياراتقاندەك قىلاتتىڭ. مەن بۇلار ھازىرغىچە تارقىماپتۇ دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ بىناغا چىقتىم. ئۆيىمىز تەرەپكە قۇلاق سېلىپ ئۆيدە ناخشا ساداسىدىن باشقا ئاۋازنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆيگە چىقتىم. ئىشىك ھاڭدەك ئوچۇق. سەن ئاشخانىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتقىنىڭچە قاچا يۇيۇۋاتقاندەك قىلاتتىڭ. مېھمانخانا ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا قۇرۇقداپ قويۇلغان بىرنەچچە قىزىل ھاراق بوتۇلكىسى مېنى كۆردۈڭمۇ دېگەندەك قالايمىقان تاشلىنىپ ياتاتتى. شىرە ئۈستىدىمۇ ئىچىلمەي قالغان يېرىم بوتۇلكا ھاراق تۇراتتى. قارىغاندا، سىلەر ھاراق ئىچىشتە خېلىلا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندەك قىلاتتىڭلار. مېنىڭ ئائىلەمدە راستتىنلا جېنىس دۇنيا رېكورتى يارىتىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. سېنىڭ غىڭشىپ ناخشا ئېيتىۋاتقىنىڭنى، ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىڭنى ئويلاپ كۈلگۈممۇ كېلىپ قالدى. سەن بىر خىل ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندەك قىلاتتىڭ. مەن پەرىخەنىڭ تېنىدە راستتىنلا بىر خىل خىمىيىلىك ئېلېمېنت كەم بولۇپ قېلىپ شۇنداق قىلىۋاتامدىغاندۇ دەپمۇ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ ئادەمنى سۇ، ھاۋا يەكلىسە، ئادەمنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئىش بار ئەمەسمۇ! راست،  سەن قىسقىغىنە قىشلىق تەتىل ۋاقتىدا بۇ يەردە قانچىلىك ئۆزگىرەلەيتتىڭ. بۇرۇنقى ئۆزۈڭگە قايتالامتىڭ؟ مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي مېھمانخانا ئۆيدە بىر ھازا ئۆرە تۇرۇپ قالدىم. سەن ئاشخانىدىن چىقىپ مېنى كۆرۈپلا خۇددى تۇيۇقسىزلا ئىتقا يولۇقۇپ قالغان ئادەم چۆچۈپ كەتكەندەك «ۋاي ئانام» دېگىنىڭچە يۈرىكىڭنى تۇتۇۋالدىڭ. چىرايىڭ ئۆپكىدەك قىزىرىپ، كۆزلىرىڭ ھاراقنىڭ تەسىرىدە خۇمارلىشىپ كەتكەنىدى. سەن بىردەم تۇرۇۋېلىپ:
    — مېنى ئەجەب قورقۇتۇۋەتتىڭىز،— دېدىڭ.
    — قورقۇتۇۋەتكۈدەك ھېچ ئىش بولمىدىغۇ. شەيتىنىڭىز مېنى سىزگە جىن-شاياتون كۆرسىتىۋاتامدۇ نېمە؟ بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيى.
    — ئۆيگە كىرگەندىكىن، مەن كىردىم دېمەمسىز.
    — مەن ئۆز ئۆيۈمگىمۇ، «دوكلات باشلىق» دەپ كىرىشىم كېرەكمۇ؟ مېھمانلار بالدۇرلا تارقاپتىغۇ؟
    — ھېلىلا ئۇزاشتى.
    — بولسا تاڭ ئاتقۇچە ئولتۇرماي، قولۇم-قوشنىلارمۇ پەرىخەلەرنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە سورۇنى كارامەت قىزىيدىكەن دەپ ھەۋەسلىنىپ قالاتتى. قارىسام، سورۇنۇڭلار تازا قىزىغاندەك قىلىدۇ. سىز قانچىلىك كۆتۈرەلەيدىكەنسىز؟
    — ئازراقلا، بىر-ئىككى رومكا.
    — پەرىخە، سىز  يېقىندىن بۇيان ئۆزىڭىزگە ئوخشىماي قېلىۋاتىسىز. مەن تونۇيالماي قالماي يەنە.
    — مېھمانلار، سەن ساھىبخان بولغاندىكىن ئىچمىسەڭ بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. مەن سىزنى خاپا بولۇپ قالىدۇ دېسەممۇ ئۇنىمىدى.
    — ساھىبخان بولغان ئادەمنىڭ ھاراق ئىچىشى شەرتمىكەن. ئۇلار سىزنىڭ ئېغىزىڭىزغا قۇيمىغاندۇ؟
    — سىزمۇ ئىچىسىز، سىزنىڭ ئېغىزىڭىزغىمۇ زورلاپ قۇيمايدىغاندۇ.
    سېنىڭ بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ جۇدۇنۇم شۇنداق ئۆرلىدى. تەستىكىڭگە كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالغۇدەك بولدۇم يۇ، يەنىلا ئۆزۈمنى تۇريۇۋالدىم. بۇنداق قىلسام مەن ئۆزۈم تولىمۇ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قالاتتىم.
    — بوپتۇ، ئىچىڭ،— دېدىم مەن كرىسلوغا ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ تازا شورىۋەتكەندىن كېيىن،— مەن بىلەن بەسلەشكۈڭىز بولسا ئىچىۋېرىڭ، قارىغاندا، ئىككىمىز تەڭلا كۇچ ئۇلاپ يۈگۈرىدىغان ئوخشايمىز. ياشاش يەنە بىر ئادەم بىلەن بەسلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۆزى خالىغان نۇقتىغا قاراپ ئىلگىرىلەش، مەن بۇنى باشتىلا سىزگە دېگەن. سىزنىڭ باشقىلارنى دورايمەن دېگىنىڭىز، مەن باشقا ئادەم بولىمەن دېگىنىڭىز. ئادەم ئۆزىدە قالدۇرۇپ قېلىشقا تېگىشلىك بىرقىسىم نەرسىلەرنى قالدۇرۇپ قويمىسا، ئاسانلا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقىتىپ  قويىدۇ. قىممىتىنى يوقىتىپ  قويۇش دېگەنلىك ئۆزىنىڭ خۇشال-خۇرام، ئازادە مۇھىتىنى تارايتىۋەتكەنلىك دېگەن گەپ. ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشال-خۇرام مۇھىتىنى تارايتىۋەتكەندە ئۆزىنى ئۆزى ئازاب، سىقىلىش، زېرىكىش، كەمسىتىش چەمبىرىكى ئىچىگە سولىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن قۇتۇلماق ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس.
    — سىز زىيالىي  تۇرۇپ نېمىشقا توغرا چۈشەنمەيسىز؟ ئۈرۈمچىدىكى ئاياللارمۇ ئىچىدىكەنغۇ. ھەتتا ئاقتىنمۇ يانمايدىكەن.
    — مەن زىيالىي  دەپ، ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنىشىم كېرەكمۇ؟ زىيالىينى باشقىلار بوزەك قىلسا كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرۇشى كېرەكمۇ؟ بىز تېخى غىرىبلىشىپ كەتمىدۇق. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، بۇ مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ دېگەن گەپ. ئادەممۇ ئۆزى يېتىلدۈرگەن ياخشى ئادەتتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۆزىگە ئوخشىماي قالىدۇ. دۇنيادىكى ھەممە مىللەت تاماق يەيدۇ، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئارقىلىقلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ. سىز قانداق ھالەتتە دۇنياغا كەلگەن بولسىڭىز، ئاشۇ خىل ھالىتىڭىزنى ساقلىيالمىسىڭىز، ياشاۋاتقان مۇھىتڭىزدىن  چەتنەپ كەتمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە ئوخشىماي قالىسىز. بۇ ياشىمىغان بىلەن باراۋەر دېگەنلىك. ئېشەك ھەرگىز ئات  بولالمايدۇ. ئاتمۇ ھەرگىز ئېشەك بولالمايدۇ. ھەممىسى ئۆزىنىڭ تەبىئىتى بويىچە ياشايدۇ. سىز ئۈرۈمچىلىك ئاياللار ئىچىدىكەن دەيسىز، ئۈرۈمچىلىك ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئىچمەيدىغاندۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايال كىشى دېگەن ئۆزىگە خاس نازاكەتنى ساقلاپ قالمىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقىنى، سېھرىي كۈچىنى يوقىتىدۇ. سېھرىي كۈچى يوقالغان ئادەمنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولىدۇ. بىز ئادەم بولغاچقىلا ھەممە نەرسە بولالامدۇق؟ بوپتۇ، خۇشاللىقىڭىزدا بىر-ئىككى رومكا ئىچىپسىز. ئىشىكنى ھاڭدەك ئېچىپ قويۇپ، ناخشىنى بولۇشىغا قويۇۋەتسىڭىز قوشنىلار نېمە دەيدۇ؟
    — نېمە دېسە دېمەمدۇ، ئۆي ئۆزىمىزنىڭ تۇرسا...
    — نېماندەق تەتۈرلۈك قىلىسىز؟ بىز بۈگۈنلا قىلغۇلۇقنى قىلىپ تەركىدۇنيا بولۇپ چىقىپ كەتمەيمىز، يەنىلا مۇشۇ يەردە ياشايمىز. ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز، كۆچۈپ كەتكەن ھېلىقى جېدەلخور قوشنىمىز دائىم ئۆيىدە سورۇن تۈزۈپ، تەڭ كېچىگىچە ئولتۇرۇش قىلغاندا سىز خاپا بولۇپ نېمىلەرنى دېمىگەنتىڭىز. ئادەمنىڭ چەكتىن ئاشقان سۆز-ھەرىكىتى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە پىتنە-پاسات تېرىشتىن باشقا ئىش ئېلىپ كەلمەيدۇ. سىز ھەممە ئادەمگە ئۆزىڭىزنى مەن ئاق دەپ كۆرسىتەلمەيسىز. سۆزۈمنى ھەرھالدا ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
    سەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىڭ. مېنىڭ كېلىشتۈرمىچىلىك تۈسىنى ئالغان سۆزلىرىمگە ئېھتىمال سەن قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەي قالغانسەن. كىشىلىك دۇنيا تولىمۇ قىزىق، سېنىڭ خۇشاللىققا چۆمگەن چاغلىرىڭنى كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالغان ئادەم كۆرسە سېنى «ساراڭ»، «كاللىسىنىڭ سۈيى بار»، «ئېزىپتۇ» دەپ قېلىشى، سېنىڭدىن بىزار بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئادەمنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، بىر ئادەم قايغۇغا چۆمگەندە باشقىلارمۇ، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيامۇ قايغۇغا چۆمۈلۈشى كېرەك. ئۇ خۇشال بولغاندا سەنمۇ، ئىشقىلىپ، ھەممىمىز خۇشال بولۇشىمىز كېرەك. ئادەملەرنىڭ تەبىئىتى شۇنداق بولغاچقا ئارىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئۇقۇشماسلىق، چۈشەنمەسلىك، ئۆچمەنلىك، بىزارلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئادەملەر بارلىق ئىشلارنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. بولسا ھەممىمىز خۇشال-خۇرام، ئېجىل-ئىناق ياشىساق كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى. بىراق، كىشىلەرنىڭ رازى بولۇش تۇيغۇسى، تۇرمۇش تەلىپى ۋە ئېھتىياجى نۇرغۇن-نۇرغۇن تەرەپلەردىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل پەرق بىزنى خىلمۇ خىل كويلارغا، سەۋدالارغا سالىدۇ. ئۆزىمىزدىن چەتنەپ كېتىشكە، ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ئادەم بولۇشقا قىستايدۇ. ھەتتا بارلىق نەرسىلەردىن كېچىپ يىراق-يىراقلارغا كەتمەكچى بولۇپمۇ قالىمىز. بۇ سىر پەقەت ئۆزىمىزگىلا تەۋە. ھېچكىمگە تىنمايمىز. بىز قىسىلىش ئىچىدە ياشايمىز. نېمىلەردىندۇر ۋاز كېچىپ، نېمىلەرگىدۇر ئېرىشمەكچى بولىمىز. مانا بۇ بىزگە قالغان دۇنيا! مانا بۇ بىزگە قالغان ئازاب! مانا بۇ بىز قوغلىشىۋاتقان بارسا كەلمەس يول! مانا بۇ بىزنىڭ روھىمىزغا يوشۇرۇنىۋالغان ئۆزىمىزدىن باشقا ئادەم بىلمەيدىغان سىر! مانا بۇ بىزنىڭ ئاجىزانە ھالىتىمىز! پەرىخە، بىز ئۇنچىلىك قۇدرەتلىك ئەمەس. بىزدىكى قۇدرەت روھىي ھالىتىمىزنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تەمەدىن خالىي ھالدا دۇنيانىڭ نېسىپ بولمايدىغان نەرسىلىرىنى ئويلىماي، ئۆزىمىزنى ئەركىن-ئازادە ھالدا تۇتۇپ ياشاشنى بىلىش. بەزىدە بۇنداق خۇشاللىقلارغا پادىشاھلار، پۇلدارلار ئېرىشەلمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن. سەن كۆڭلۈڭدىكى تەمەلەرنى، دېلىغۇلچىلىق ئىچىدىكى خىياللارنى، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كەت. روھىڭدىن چىقىرىپ تاشلا! شۇنداق قىلالىساڭلا ئۆزۈڭنى بەختلىك ھېسابلىيالايسەن! ئىنسانچىلىقنىڭ مەقسىتىمۇ يەپ-ئىچىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۆزىگە قايتىش، ئۆزىگە ئايلىنىش، ئۆزىنى پىششىقلاش، يېتىلدۈرۈش، تاكامۇللاشتۇرۇش! ئېتىقادنىڭ نىشانىمۇ شۇ!... ئادەملەر ئۆزىنى ھەقىقىي  تاللىيالىغاندىلا ئاندىن رىۋايەتلەردىكى پەرىشتىگە ئايلىنالىشى مۇمكىن. ئېھتىمال پانىي ئالەمدە بىز بىلەن تەڭ ياشاۋاتقان نۇرغۇن پەرىشتىلەر باردۇر. پەرىشتىلەر ياش-قېرى، چىرايلىق-سەت دەپ ئايرىلمايدىغاندۇ. ئۇ پەقەت بىر ئادەمنىڭ دۇنيانى، ئۆزىنى، باشقىلارنى، ئىنسانلىق تەبىئىتىنى بىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى پاكىز روھىي  ھالەت، ياخشى مىجەز-خۇلق، سەمىمىيلىك، چىدامچانلىق، مېھرىبانلىق ۋە ئەقىل  قوشۇلغان بىر پۈتۈن ھاسىلات! پەرىخە، ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئازابى، جاراھىتى، نىشانى، مەخپىيىتى بولىدۇ. بۇنى  شۇ ئائىلىدىكى ئەر-ئايالدىن باشقا ھېچكىم ئوڭشىيالمايدۇ، ھەل قىلالمايدۇ! مېنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاغىنىلىرىمنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار. بەزىلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ئەرلىرىنىڭ ئاشنا تۇتۇۋالغانلىقلىرى توغرىسىدا زارلانسا، بەزىلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ئەرلىرىنىڭ قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىپ كېچە-كۈندۈز ئۆيگە كىرمەيدىغانلىقلىرى توغرىسىدا زارلىنىدۇ. بەزىلىرى ئىقتىسادىي ئىشلاردىكى بېخىللىقلار توغرىسىدا زارلىنىدۇ. مەن بۇلارغا قاراپ بىز يەنىلا ياخشى ئۆتۈۋېتىپتۇق دەپ ئويلايتتىم. بىراق، بىزنىڭ ئائىلىمىزدىمۇ يېڭىدىن بىر جاراھەت پەيدا بولۇۋاتاتتى. سەن تەتىل مەزگىلى توشۇپ ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغاندا، مەن ساڭا «كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىپ كېلەرسىز» دەپ تەنە قىلدىم. سەن مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەندىڭمۇ، چۈشەنمىدىڭمۇ مىيىقىڭدا كۈلۈپ قويدۇڭ. ئېھتىمال نېمە ئۆگەنسەم ئۆزۈمنىڭ ئىشى دەپمۇ ئويلىغانسەن. شۇنداق قىلىپ سەن ئۈرۈمچى دېگەن يەرگە يەنە سەپەر قىلدىڭ. بۇ سەپەرنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىشى بىلمەيتتى. سەن كېتىپ خېلى كۈنلەردىن كېيىن پەرۋەر «ئانامنى كۆرگۈم كەلدى» دەپ تۇرۇۋالغاچقا بىر كەچلىكى ساڭا تېلېفون بەردىم. ئەپسۇس، سەن ياتاقتا يوق بولۇپلا قالماي، مەن ئۆزۈمگە باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالدىم. مەن ساڭا تېلېفون بەرگەندە باشقا بىرسى تېلېفوننى ئالدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ھازىرمۇ قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدىن كەتمەيدۇ.
    — ۋەي، ياخشىمۇسىز، كىمنى ئىزدەيسىز؟
    — خاپا بولماي، پەرىخەنى چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز.
    — سىز ئادىلما؟ پەرىخە ھازىرلا سىز بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن. مەكتەپنىڭ ئالدىدا سىزنى ساقلاۋاتامدىكىن.
    — بولىدۇ، رەھمەت سىزگە.
    مەن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قانداق قويغانلىقىمنى بىلمەيمەن. جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم.كۆڭلۈم چىۋىن يەۋالغاندەك غەشلىككە تولدى. ئادىل دېگىنى كىم بولغىيدى؟
    — دادا، ئانام يوقمىكەن،— سورىدى پەرۋەر مېنىڭ جىم بولۇپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ.
    — ھەئە، سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ. بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كىرىدىكەن.
    — بەڭۋاش،— دېدى پەرۋەر، خۇددى مەن ئۇنىڭغا شۇنداق دېيىشنى ئۆگىتىپ قويغاندەك خاپا بولۇپ.
    — بولدى قوزام، ئەمدى ئۇخلاڭ، ئەتە يەنە تېلېفون بېرەيلى.
    پەرۋەرنىڭ سۆزى مېنى تېخىمۇ ئازابلىدى. ئۇ خېلىغىچە تورۇسقا قاراپ كۆزىنى پارقىرىتىپ ياتتى. ئېھتىمال سېنى ئويلىغاندۇ ياكى باشقا ئىشلارنى ئويلىغاندۇ، خېلىدىن كېيىن ئۇخلاپ قالدى. مەن ساڭا يەنە تېلېفون بېرىشنى ئويلىدىم. بىراق، سېنىڭ ياتاقتا يەنە بولماي، ئۆزۈمنىڭمۇ، سېنىڭمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرىدىم. مېنىڭ كاللامغا خىلمۇ خىل گۇمانلار كېلىۋېلىپ مېنى قىينايتتى. مەن ئۆزۈمنى يىراقتىن سەل كېلىۋاتسىمۇ، ئۆيىنى سۇ ئېلىپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەي خاتىرجەم ئولتۇرغان ھاڭۋاقتى  ھۇرۇن دېھقانغا ئوخشىتاتتىم. ھەتتا ئۈرۈمچى يېقىنراق جايدا بولسا سېنىڭ ياتاققا سائەت قانچىدە، كىم بىلەن قايتىدىغانلىقىڭنى ماراپ بولسىمۇ بىلىۋالاتتىم. پەرىخە تۈگىشىپتۇ، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئەمدى ئۇزۇنغا بارمىغۇدەك، ئۇ بىر يەرلەردە سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرغاندۇ ھەرقاچان دەپ ئويلايتتىم. مەن ئۆيدە نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئايلىنىپ يۈرەتتىم. ئۆلگۈدەك دەرىجىدە ھاراق ئىچىپ ئۇخلاپ قېلىش نىيىتىگىمۇ كېلىپ باقتىم. بىراق، بۇنىڭ بىر بىمەنىلىك بولىدىغانلىقىنى پەملەپ، بۇ نىيەتتىنمۇ ۋاز كەچتىم. ئادەمنىڭ كاللىسىغا گۇمان كىرىۋالسا ئۇنى ئاسان يوق قىلىۋېتەلمەيدىكەن. بۇنىڭغا مەلۇم بىر جەريان كېتىدىكەن. شۇ كۈنى كېچىچە كىرپىك قاقمىدىم. خىيالىمغا تۈرلۈك رەزىل ئىشلار كىرىۋالغانىدى. ئەتىسىمۇ قولۇم زادىلا ئىشقا بارمىدى. مەن تېلېفوندا تېلېفون ئالغۇچىغا «مەن پەرىخەنىڭ ئېرى» دېسەم بوپتىكەن دەپ پۇشايمانمۇ قىلدىم. چۈنكى، شۇنداق دېسەم سەن ھېچ بولمىسا قايتىپ كىرگەندە بولسىمۇ ماڭا تېلېفون قايتۇرۇپ، يالغان-ياۋىداق باھانە-سەۋەبتىن بىرنى توقۇپ، مېنىمۇ، ئۆزۈڭنىمۇ خاتىرجەم قىلاتتىڭ. مەن شۇ كۈنى كەچتە ياتاققا سېنىڭ قايتىپ كىرگەن-كىرمىگەنلىكىڭنى بىلمەيمەن.ئەتىسى كەچتە ساڭا يەنە تېلېفون بەردىم. تەلىيىمىزگە، ياق، بالىلارنىڭ تەلىيىگە سەن ياتاقتا بار بولۇپ چىقتىڭ. مەن ئۆزۈمنى ھەرقانچە بېسىۋالىمەن، ئاخشامقى ئىشنى دېمەيمەن دەپمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي قالدىم.
    — ئاخشام نەگە كەتكەنتىڭىز؟
    — نېمە بولدى؟
    — تېلېفون بەرسەم سىزنى يوق دەيدىغۇ؟
    — كۇتۇپخانىغا چىقىپ كەتكەن.
    — مەن ئۇنداق ئاڭلىمىدىم. ئادىل دېگەن بىرسى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقىپ كەتتى دەيدىغۇ. مەن باجىلىق بولۇپ قالماي، پەرىخە.
    — ۋاي ئانام، سىز نېمىلەرنى دەپ يۈرىسىز. بىزنىڭ ياتىقىمىزغا يېڭىدىن ئۈرۈمچىلىك پەرىخە ئىسىملىك يەنە بىر قىز كىردى. ئادىل دېگىنى ئۇنىڭ ئاكىسى. سىز چوڭ پەرىخەنى ئىزدەيمەن دېسىڭىز بولمامتى.
    — مەن ياتىقىڭىزدا ئىككى پەرىخەنىڭ بارلىقىنى نەدىن بىلەي، نېمىلا بولسۇن ياتاقتا ئولتۇرۇشنى ئۆگىنەرسىز.
    — مەن ياتاقتا بولمىسام كۇتۇپخانىدا.
    — سىز نەدىلا بولۇڭ، مەن كەچلىرى قەرەلسىز ھالدا تېلېفون بېرىپ، سىزنى يوقلىما قىلىپ تۇرىمەن.
    — سىز ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسىز-دە؟ مەن ياتاقتا بولمىسام كۇتۇپخانىدا دېدىمغۇ.
    — ئىشەنگەچكە خەقنىڭ شەھىرىگە ئەۋەتكەندىمەن.
    — ئەمدى دەيمىنا.
    سېنىڭ ياتىقىڭدا راستتىنلا يەنە بىر پەرىخە ئىسىملىك قىزنىڭ بار-يوقلۇقى ماڭا نامەلۇم بولسىمۇ، مەن سۆزۈڭگە ئىشەندىم. ئادەمنىڭ شۇنداق بىر ئاجىزلىقى باركى، ئۇ بولسىمۇ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشقا قارىتا بۇنداق ئىشنى يۈز بەرمىدى دەۋېلىش. بۇ بىزنىڭ رېئاللىققا كۆز يۇمۇۋالىدىغان ئەڭ چوڭ بىچارىلىكىمىز! ئۆزىمىزنى قەستەن بەزلىشىمىز! ئەلۋەتتە ياتىقىڭدا يەنە بىر پەرىخەنىڭ بارلىقىنى ياتاقداشلىرىڭدىن سورىسام مەن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەمچى، گۇمانخور ئەرگە ئايلىنىپ قالىمەن. بۇنداق ئاھانەتكە قېلىش مېنى تېخىمۇ ئاجىز، تېخىمۇ بىچارە، قەدىرسىز ئەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان. بۇ مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ئازابلىق! مەن سەندىن ئېرىشىشكە تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشكەنىكەنمەن، كۆڭلۈمدىكى گۇماننى ئەسكى چاپاننى چۆرۈۋەتكەندەك يىراققا تاشلىشىم كېرەك. مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئارتۇق يۈك، گۇمان، ئازاب يۈكلىۋېلىشتىن ئەنسىرىدىممۇ قانداق، ئارىلىقتا ئاخشاملىرى ساڭا تېلېفون بېرىپ قېلىشتىن ئۆزۈمنى تارتتىم. توۋا،بۇ ئىشنى ھازىر ئويلىسام، مەن تولىمۇ خەتەرلىك  ئادەمگە ئايلىنىپ  قالغىلى تاسلا قاپتىكەنمەن دەپ قالىمەن. چۈنكى، سەن كۈندىلا «كۇتۇپخانىغا چىقىپ كەتكەن» بولۇپ قالساڭ، مەن زەردىگۆش بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ گۆشىنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ كەتمەمدىم. قارىغاندا، شۇ مەزگىللەردە سېنى بەكلا ياخشى كۆرسەم كېرەك. مەن كېيىنچە بىرنەچچە قېتىم ئىككى بالامنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى سۈپىتىدە ساڭا تېلېفون بەردىم. سەن بەزىدە ياتاقتا بار بولۇپ چىقتىڭ، بەزىدە «كۇتۇپخانىغا چىقىپ كەتكەن» بولدۇڭ. بىراق،  مەن شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىنى كەچتە قانچىدە تاقايدىغانلىقىنى زادىلا خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن. راست، سەن تەتىلدىن قايتىپ كەلگەندە، سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ  ئەھۋالىنى بىلگۈدەك  سەن بىلەن قانچىلىك مۇڭدىشالىدىم، قانچىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولالىدىم؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قېشىڭدا بولمىغاندىكىن، كەچتە ياتاقنى تاقايدىغانغا ئۈلگۈرۈپ ياتاققا قايتىپ، ماڭا «كۇتۇپخانىغا چىقىپ كەتكەن» دەپ قويساڭ ئىش تۈگىمەمدۇ؟ ئىشقىلىپ، شۇ چاغدا مېنىڭ كاللامدىن ئىككى پەرىخە توغرىسىدا نۇرغۇن خىياللار كەچتى. ھەتتا ياتىقىڭدىكىلەرنى شەيتان ئويۇنى ئويناۋاتامدۇ نېمە؟ دەپمۇ قالدىم. ئىككىمىز خالاپ ئېلىپ-تېگىشكەن. ھەرگىزمۇ بىر-بىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ، يېلىنىپ تېگىشكەن ئەمەس. بىراق، ۋاقىت، مۇھىت، يېڭىچە «ساختا مەدەنىيەت» ئامىللىرى نۇرغۇن-نۇرغۇن ئەقىدە، ھۆرمەت، مېھرىبانلىق، ياخشى كۆرۈش، مۇھەببەت شۇنداقلا كۆنۈپ كەتكەن ياخشى ئادەت قاتارلىقلارنى ئارقىغا تاشلاپ كېتىۋېرىدىكەن. سەن ئۇنى توسۇپ قالالمايدىكەنسەن. توسۇپ قالماقچى بولۇپ تىركەشسەڭ، ئىشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويىدىكەنسەن-دە، ئۆزۈڭنىڭ ئەرزىمەس، چاغلىق، كىچىككىنە بىر ئىشقا تىركەشكەنلىكىڭنى كېيىن پۇشايمان ئىچىدە ئېتىراپ قىلىدىكەنسەن. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىپەرۋالىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇش  رىتىمىدىن تەۋرەنمەي، ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك مېڭىش ئىكەن. تۇرمۇشتا تاشلاپ كېتىشكە تېگىشلىك نەرسىنى تاشلىۋېتەلمىسەڭ، ئۆزۈڭنىڭ يولىغا ئورا قازغان، تىكەن تاشلىغان بولۇپ قالىدىكەنسەن. پەرىخە، بۇلار پەقەت مېنىڭلا ھازىرقى تۇرمۇش تەجرىبەم، ئۆزۈمگە خاس ھالەتتە جۇغلىغان ھاسىلاتىم. بۇ خىل ھاسىلاتنىڭ كىملەرگە ماس كېلىدىغانلىقىغا مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.
    پەرىخە، پەرىخە، يەنە پەرىخە... سېنىڭ ئۈرۈمچىدە قانداق ئويۇن ئوينىغانلىقىڭنى مەن بىلمىسەممۇ، بىراق سەندىكى ئۆزگىرىش مەندە بىرسىگە دېگىلى بولمايدىغان تولىمۇ مەۋھۇم، ئېنىقسىز گۇماننى قوزغاپ قويدى. ئادەمدىكى دېلىغۇلچىلىق، خۇدۈكسىرەش، ئەندىشە تەبىئىي ھالدىلا ئادەمنىڭ روھىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۈمىد، ئىشەنچسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئادەمنى چۈشكۈنلۈك، بەرباتلىق ئېقىنىغا سۆرەپ، ھەممە  نەرسىدىن ئايرىپ تاشلىماقچى بولىدىكەن. بۇ سېنىڭ ئىرادەڭنى، ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭنى، ئەقلىڭنى سىنايدىغان، ھەر بىر ئادەم بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئەڭ نازۇك بىر جەريان ئىكەن. مەن بۇ جەرياندىن ئۆزۈم يالغۇز، ساق-سالامەت، بىمالال ئۆتۈپ كەتتىم. دېمەك، بىز ئاخىر ئاجرىشىپ كەتتۇق. بۇ ئىش كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ يېڭىلىق تۇيۇلمايدۇ. بۇ خۇددى قورسىقى ئاغرىپ قالغان ئادەم دوختۇر ئىزدىگەندەك ياكى ھاجەتخانىغا بارغاندەكلا بىر ئىش، خالاس! نىكاھتا ئۇتۇۋېلىش، ئۇتتۇرۇۋېتىش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى خالاش-خالىماسلىق، رازى بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسىلا مەۋجۇت!  مۇھەببەت مۇناسىۋىتىدە پايدا ئېلىش-پايدا ئالماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككى  تەرەپ ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈپ، ئورتاق بەدەل تۆلەش، قۇربان بېرىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان تەسەللى، خۇشاللىق تۇيغۇسىلا مەۋجۇت!...
    سەن مېنىڭ ئاخشاملىرى ياتىقىڭغا تېلېفون بېرىپ تاپالماي قېلىشىمنى باھانە-سەۋەب قىلىپ، يېڭىدىن پەيدا بولغان ئالاقىلىشىش  قورالى — چاقىرغۇ سېتىۋالماقچى بولدۇڭ. مەن قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق دېسەممۇ، سەن يەنىلا ئىككى مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ سېتىۋالدىڭ.
    — چاقىرغۇ سېتىۋېلىپ نېمە قىلىسىز؟
    — سىلەر ئىزدەپ قالساڭلار سىرتتا بولۇپ قالسام، سىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا قۇلايلىق بولارمىكىن دېگەنىدىم.
    — سىز يا بىر ئالدىراش ئادەم بولمىسىڭىز، ئۇنىڭ نېمە كېرىكى؟
    — ئۈرۈمچىدە ھەممە ئادەم ئېسىپ يۈرىدىكەن.
    — سىزنىڭ ئۈرۈمچىلىك بولغۇڭىز كېلىپ قاپتۇ-دە.
    سېنىڭ ئەركىلىشىڭگە قارىتا مەن ساڭا ئازراق دەرس ئۆتۈشنى ئويلىدىم يۇ، بوپتۇ، خەقنىڭ شەھىرىدە بوينى قىسىلىپ قالمىسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەماللىققا ئىش چىقىپ قالسا ئىزدەپ تېپىشقا ئاسان بولىدۇ، دەپ ئويلاپ تەلىپىڭگە قوشۇلدۇم.
    — قانچە پۇل ئىكەن؟
    — ياخشىراقىنى ئىككى مىڭ يۈەن دەيدۇ.
    — پاھ! ئالتۇندىنمۇ قىممەت نەرسىكەنغۇ.
    — مېنىڭ خەجلىمەي يىغىپ قويغان ئازراق پۇلۇم بار، قالغىنىغا سىز ياردەم قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
    — سىز تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىگىلىك تىكلەۋېتىپسىز-دە، بولىدۇ، كېمىنى ئەۋەتىپ بېرەي.
    بىز شۇنداق پۈتۈشتۇق. دېمىسىمۇ بىزنىڭ ئىزدەشكەندە دەماللىققا  تېپىشىشىمىز ئاسانغا توختىدى. بىراق، چاقىرغۇ دېگەن گۇيغا مەندىن باشقىمۇ ئادەملەرنىڭ تېلېفون قىلىدىغانلىقىنى مەن كالۋا ئويلىماپتىمەن. سەن ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چاقىرغۇ دېگەن بۇ «خاشو دەللال» بېشىمغا بالا بولدى. ئۇ كۈندۈزلىرى سايرىغاننى ئاز دەپ، ئاخشاملىرىمۇ، ھەتتا يېرىم كېچىدىمۇ تاتلىق ئۇيقۇمىزنى بۇزۇپ، يۈزسىزلىك بىلەن سايرايتتى. سەن يېرىم كېچە دېمەي ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىراش تېلېفون  قايتۇراتتىڭ. سېنىڭ نېمىگە شۇنچىلىك ئالدىراشلىقىڭنى مەن زادىلا چۈشىنەلمىدىم. تېلېفون قايتۇرۇپ بەزىدە غۇدۇۋاپ قوياتتىڭ. بەزىدە ئۆيدە سەندىن باشقا ئادەم يوقتەك، بىرسى ساڭا نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ يۇمۇرلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتىڭ. مەن كىملىكىنى سوراپ بېقىشنى ئويلىساممۇ، سەن زۇۋان سۈرمىگەندىكىن، بىرنەرسە دېيەلمەيتتىم. پەرىخە، مەن ئەنە شۇنداق دېلىغۇلچىلىق ئىچىدە ياشىدىم. مانا ئەمدى بالىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت، رازىلىق تۈسىنى ئالغان شەرەپ تۇيغۇسى مېنى ئازادىلىككە، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈردى. مەن پەرۋەرنى يەسلىدىن ئېلىپ ماڭغان، ئۇنىڭ ئالدىمدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىنى، توختىماي سوئال سوراشلىرىنى، مېنى ئات قىلىپ ئۈستۈمگە مىنىۋېلىشلىرىنى، ئەلپەرنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى تەكشۈرگەنلىكلىرىمنى، ئۇلار بىلەن باغچىدا كۈلۈشۈپ ئوينىغانلىقلىرىمىزنى ئويلىسام، ئۆزۈمنىڭ ئەڭ بەختلىك ئادەم ئىكەنلىكىمدىن سۆيۈنىمەن. بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلىمەن! ئۆزۈمدىن رازى بولىمەن. ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭگە رازى بولۇپ تۆلىگەن بەدەل ھامان ئادەمنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ!... ھاياتتا گەرچە تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتسىمۇ، سەن ئايرىلىپ قالغىنىڭنى ئەمەس، بەلكى ئېرىشكىنىڭنى ئويلىساڭ ئۆزۈڭنى ھۇزۇرلۇق ھېس قىلىدىكەنسەن! بۇلارنى ئەسلەپ قالىدىكەنسەن! مانا بۇنداق سۆيۈنۈش تۇيغۇسى شاھلارمۇ، پېقىر، غېرىب-مىسكىنلەرمۇ ئوخشاشلا بەھرىمەن بولالايدىغان ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە تۇيغۇ ئىكەن. مەن ساڭا باشتىلا دېگەن، ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغىنىدىن، ئايرىلىپ قالىدىغىنى كۆپ بولىدۇ. بىراق، سەن ئېرىشكەنلىرىڭنى ئويلىساڭ، ئۆزۈڭنىڭمۇ بەختلىك كۈنلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنمەي قالمايسەن! بىز ھەممىگە ئېرىشكۈچى ئەمەس، شۇنداقلا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمىگۈچىمۇ ئەمەس! كىشىلىك تۇرمۇشتا بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە تۇشلۇق نېسىۋىمىز، ئېرىشىدىغىنىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ خۇشاللىق. ئۇ بولسىمۇ بىزنى سۆيۈندۈرىدىغان بىرەر قېتىملىق بەختلىك مىنۇتلار! بۇ خىل خۇشاللىقنىڭ ئىچىدە مۇھەببەتمۇ، مەئىشەتمۇ، كىيىشمۇ، ئائىلىمۇ، پەرزەنتمۇ، دوستمۇ، خىزمەتمۇ بار!... سەن ئۇ مېنى بەختلىك قىلالمىدى دەپ ئويلىما! قەدىمكى يۇنانلىق پەيلاسوپ پروكلوس «ئادەمنىڭ رھى پەقەت تەننىڭ كىشىنىدىن قۇتۇلغاندىلا ئاندىن ھەقىقەتنى كۆرەلەيدۇ» دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇ ئۆلۈم يولىنى ئۆزلىرى خالاپ، بۇرۇنلا تاللاپ ماڭغانلار ئۈچۈن ئاقىلانىلىق بولسا، ئۆلۈمنى خالىمايدىغانلار ئۈچۈن ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ھېسابلىنىدۇ. تارىختا روھنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىمەن دەپ ئۆزىنى قۇربان قىلغانلار زادى قانچىلىك؟ ئېھتىمال تايىنلىقتۇر. چۈنكى، سەن قانداق ھەقىقەتكە يېتىشنى ئۆزۈڭ بەلگىلەيسەن. ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىتىگە تايىنىپ ياشايسەن! ھەربىر شەخسنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئۆزى بىر ھەقىقەت! سەن ئۆز ھاياتلىق ئېقىنىڭنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىدىكى ھالىتىگە دىققەت قىلساڭ، بەزىدە كۆۋەرەپ سۈر-ھەيۋە بىلەن ئاقىدۇ. بەزىدە شىلدىرلاپ ئاقىدۇ؛ بەزىدە  تىۋىشسىز ئاقىدۇ. بەزىدە بۇ ئېقىنغا ئەخلەت-چاۋارلارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى، سۇنىڭ ئۆز رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ، لاي-لاتقا بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. سېنىڭ ھاياتىڭ ئاشۇ خىل ئېقىندەك ئۆتىدۇ. بىراق، ساڭا ھاياتلىقنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى كوچىدا قالغان يېتىم بالا كۆزىنى پارقىرىتىپ، ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغاندەك قاراپ تۇرۇشتىن، ئۆتكۈزۈۋېتىشتىن باشقا ئامالىڭ يوق! سەن ھەممىنى سېزىپ تۇرىسەن، كۆرۈپ تۇرىسەن، ئاڭلاپ تۇرىسەن! ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭنىڭ ھاياتلىق ئېقىنىغا نەزەر سېلىپ باق، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا!...
    پەرىخە، سەن مەڭگۈلۈك بەخت دېگەن سۆزگە ئىشەنمە، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ئازابقىمۇ ئىشەنمە! دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئەزەلدىن ئۆزگىرىشچان ھالەتتە داۋاملىشىدۇ. سەن بۈگۈن خۇشال-خۇرام، بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ سەن كۆرگەن ۋاقىتتىكى بەختلىك ھالىتىنىلا ئويلاپ، ئۇنىڭغا كۆزۈڭنى قىزارتما، ئۆزۈڭنى بەختسىز ھېسابلىما. ئەتە ئۇنىڭمۇ بەختسىز كۈنلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ياكى بۇرۇن بولغانلىقىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلىۋەتمە. بەخت، نېسىۋە، خۇشالىق بىرنەچچە ئادەمگىلا باقىمەندە نەرسە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بۇ سېنىڭ قانائەت قىلىش-قىلماسلىقىڭغا باغلىق! ئاچ كۆزلۈك سېنى ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى، سەن مەلۇم نەرسىگە ئاچ كۆزلەرچە يېپىشقانىكەنسەن، ئۇنىڭغا تۆلەيدىغان بەدىلىڭمۇ ئاز بولمايدۇ. ئاچ كۆزلۈك بىلەن تۆلەنگەن بەدەل سېنى ھەقىقىي  رازى قىلالىشى ناتايىن. ئۇنىڭغا ئاچچىق ھەسرەت، كۆز يېشى، ئۆچمەنلىك يوشۇرۇنغان بولىدۇ. سەن بۇنىڭدىن قانچىلىك خۇشاللىق ھېس قىلالايسەن؟ زورلاپ ئېرىشىدىغان خۇشاللىق بىردەملىك ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سەن زورلاپ ئېرىشكەن بىردەملىك خۇشاللىققا قانائەت قىلامسەن، ئۇنىڭدىن رازى بولامسەن؟ ناتايىن. سەن «زۇلۇم بىلەن ئېلىپ يېگەن نەرسە گەرچە تاتلىق بولسىمۇ، ئاخىر غايەت زور ئاچچىققا ئايلىنىدۇ» دېگەن ھېكمەتنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟...
    خۇشاللىق قانچە تەبىئىي بولغانسېرى سېنى شۇنچىلىك ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. كۆڭلۈڭگە ئارامبەخش ئاتا قىلىدۇ. سەن بۇنداق خۇشاللىقنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالماسلىقىڭ مۇمكىن.
    پەرىخە، سەن ئوقۇشنى تاماملاپ يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، باشقا بىر يولغا — ئۆزۈڭمۇ باش-ئاخىرىنى بىلمەيدىغان يولغا قەدەم باستىڭ. سېنىڭ بۇ قەدەملىرىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مېڭىش رىتىمىنى بۇزۇپ مېڭىۋاتاتتى. سەن پىيادىلەر يولىدىن ھالقىپ كەتكەنىدىڭ. بۇ شەھەرنىڭ يوللىرى ئۇنچىلىك راۋان ئەمەس. سېنىڭ مېڭىشىڭ ئاسانلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويىدۇ. سېنىڭ بۇ قېتىملىق ياسىنىشىڭ مېنى تېخىمۇ ساراسىمىگە، ئەندىشىگە، ئىزتىراپقا سېلىپ قويدى. سەن چاچلىرىڭنى ئوغۇللارنىڭكىدەك قىسقا كەستۈرگەننى ئاز دەپ، ئالدىنى سېرىتىمۇ ئەمەس، بەلكى «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدىكى جىن-ئالۋاستىلاردەك قىزىلدا بوياپ، ئەسلىدىنلا چوڭ كۆزۈڭنى چوڭايتىمەن دېدىڭمۇ قانداق، قاپاقلىرىڭنى كەستۈرۈپ چىرايىڭدىكى ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان جەزبىلىك تەبىئىي ھالىتىڭ بىلەن پۈتۈنلەي خوشلاشقانىدىڭ. قەرزگە كىيىم ئالغانلىرىڭچۇ؟ قەرز ئېلىپ كىيىم كىيىش بىزگە شۇنچىلىك زۆرۈرمۇ؟ بۇمۇ مەيلى، سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن «مودا» بولسۇن. بىراق، ساغراڭنى ئاران يېپىپ تۇرىدىغان كالتە يوپكاڭ بىلەن كوچىغا چىقىپ، ئاممىۋى سورۇن دېمەي سېغىزنى ئېشەك بوغۇز يېگەندەك پاقىلدىتىپ چايناپ، پۈۋدەپ شار پەيدا قىلىشلىرىڭ، مىلتىق ئاتقاندەك ئاۋاز چىقىرىشلىرىڭ سەن ئۈچۈن ھۇزۇرلۇق تۇيۇلغان بىلەن مەندە سەندىن بىزار بولۇش، نەپرەتلىنىش، يىرگىنىش، سېنىڭدىن ۋاز كېچىش تۇيغۇسىنى قوزغايتتى. «ئاغرىق كىشى ساقايمىغۇچە يېمەكلىكتىن لەززەت تاپالمايدۇ» دېەندەك، مەنمۇ ئاللىقانداقتۇر بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالغانىدىم. بۇ كېسەلنى ئۆزۈم داۋالىمىسام ھېچكىشى داۋالىيالمايتتى. ئادەم ئۈچۈن روھىي  ۋەيرانچىلىقتىنمۇ ئېغىر ئازاب بولمىسا كېرەك. بىر ئىش كاللاڭغا كىرىۋالسا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئاسان ئەمەس ئىكەن. پەرىخە، يېرىم كېچىدە چاقىرغۇ قايتۇرغان ھېلىقى كۈنى ئېسىڭدە باردۇر. سەن مېنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىمنى خىيالىڭغا كەلتۈرمىگەندەك يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلغاننى ئاز دەپ، توختىماي قاقاقلاپ كۈلەتتىڭ. مەن سېنى ھېلى تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويىدۇ دەپ خېلىغىچە ساقلىغان بولساممۇ، سەندە ئۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ ئۇخلىمىغانلىقىنى ساڭا بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن زورلاپ ھاجەتخانىغا چىققان بولدۇم. بىراق، سېنىڭ گەپلىرىڭ، كۈلۈشلىرىڭ توختايدىغاندەك ئەمەس. مەن ئاخىر بولماي:
    — پەرىخە، ئەتە دېيىشسە بولمايدىغان قانداق مۇھىم ئىش ئىكەن ئۇ؟— دېدىم. سەن تېلېفون تۇرۇپكىسىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ تۇرۇپ:
    — مانا ھازىر،— دېدىڭ-دە، يەنە بىردەم سۆزلىشىپ ئاخىر قارشى تەرەپ بىلەن خوشلاشتىڭ.
    — يېرىم كېچىدە چاقىرغۇ قىلغان كىم ئىكەن ئۇ؟
    — ئۈرۈمچىدىكى دوستلىرىم ئىكەن.
    — ئېلىشىپ قالغان بىرنېمىلەرمۇ نېمە. ئەتە كۈندۈزدە چاقىرغۇ قىلسا بولىدىغۇ.
    — بىرنەچچە ساۋاقداشلار يىغىلىپ قاپتىكەن، مېنى ئەسلەپ چاقىرغۇ قىلىشىپتۇ.
    — كېچىسى ئۇخلىمامدۇ ئۇ خەق، جۆيلۈپ قالغاندەك يېرىم كېچىدە سىزنى سېغىنىپ قاپتۇمۇ؟ باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش  كېرەكقۇ. سىزمۇ قىزىقكەنسىز، بالىلار ئۇخلاۋاتقاندىكىن گەپنى قىسقىراق قىلسىڭىز بولىدىغان گەپ.
    — ئۇلار گېپىنى تۈگەتمىسە مەن قانداق قىلىمەن.
    — قىزىق گەپ بولدىغۇ بۇ، قانداق قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم تېلېفون قايتۇرمىسىڭىز بولمامدۇ.
    — نېمىشقا تېلېفون قايتۇرمايدىكەنمەن؟
    — سىزنىڭچە، ئۆزىڭىزنىڭ قىلغىنى توغرىكەن-دە. مەنغۇ مەيلى، بالىلارنى بولسىمۇ ئويلاپ قويسىڭىز بولمامدۇ.
    — بالىلار بىر بەلەن ئۇخلاۋاتمامدۇ.
    — بالىلار ئۇخلاۋاتىدۇ دەپ كېچىچە ۋارقىراپ-جارقىراپ پاراڭ سالسىڭىز بولاتتىمۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ قىلغىنى ئۆزىڭىزگە بىلىنمەي قالغان ئوخشىمامدۇ؟
    — مەن نېمە قىپتىمەن؟
    — كېچە-كېچىلەپ قاتار چاي، ئولتۇرۇش، توي دەپ ئۆيگە كىرمەي لالمىلىق قىلىپ يۈرىسىز. بالىلارنىڭ قورسىقى بىلەنمۇ چاتىقىڭىز يوق، يەنە قانداق قىلسىڭىز بولاتتى؟ ئويۇن دېگەننىڭمۇ يولى بار.
    — مەن ئويۇن دەپ تېخى كوچىغا چىقىپ كەتمىدىمغۇ!
    — كوچىغا چىقىپ كەتكۈڭىز كېلىۋاتامدۇ، بالدۇرراق مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويارسىز. سىز نېمىڭىزگە شۇنچىلىك چوڭچىلىق قىلىسىز؟ سىز پادىشاھنىڭ مەلىكىسى ئەمەس، بەلكى مېنىڭ خوتۇنۇم. سىزگە ھەممە نەرسە تەل بولمايدۇ، ئىككىمىز تەڭ قىلىمىز.
    — چىدىمىسىڭىز سىزمۇ ئويناڭ.
    سېنىڭ بۇ سۆزۈڭگە مەن راستتىنلا چىدىماي قالدىم. ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ ئالدىڭغا بېرىپ تەستىكىڭگە بىرنى سالاي دەپ بولۇپ يەنە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.
    — قېنى نوچى بولغاندىكىن ئۇرمامسىز، دادام بىلەن ئانامدىن يېمىگەن تاياقنى سىزدىن يەي.
    — بىشەملىك قىلماقچىمۇ، مېنىڭ قولۇمنى بۇلغىۋالغۇم يوق.
    — مەن ناپاكمىكەنمەن.
    — خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ.
    — دادا، ئاپا، ئۇخلىساڭلار بولمامدۇ.
    بىزنىڭ تاكاللىشىشىمىزدىن ئەلپەرمۇ ئويغىنىپ كەتكەنىدى. مەن تولىمۇ ئوسال، ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدىم. قانداق قىلىشىمنى بىلمەيتتىم. ئۆيدە تۇرۇۋەرسەم سەن بىلەن يەنە گەپ تەگىشىپ قالىدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كىيىملىرىمنى كىيىپ سىرتقا چىقتىم. كېچىلىك بازارغا بېرىپ بولۇشىغا ھاراق ئىچەي دەپ ئويلىدىم. بىراق، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، مەستلىكتە يەنە سەن بىلەن جىدەللىشىپ، رەسۋا بولۇشتىن ئەنسىرەپ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. مەن شەھەر كوچىلىرىنى ئايلاندىم. خۇداغا شۈكۈر، ھەرنېمە بولسا تونۇش-بىلىشلەردىن بىرەرسىمۇ ئۇچراپ قالمىدى. مەن سەن بىلەن ئادا-جۇدا بولۇشنىمۇ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ يېتىم ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، مېنى تولىمۇ ئارامسىزلاندۇردى. مەن ئۆزۈمنى تۈگىشىپ كەتكەندەك، دۇنيادا ئىككى بالامدىن باشقا ھېچنەرسەم يوقتەك شۇنداق غېرىب، بىچارە ھالەتتە سېزەتتىم. مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسە مەنىسىز تۇيۇلۇشقا باشلىدى. بالىلار چوڭ بولسا ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا ياشايدۇ. خۇددى ئاتا-ئانىمىز بىزنى چوڭ قىلىپ قويسا، بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىدا ياشىغاندەكلا بىر ئىش. توۋا، ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ ئۆزىنى غېرىب-مىسكىن ھېس قىلامدىغاندۇ؟ مەن ئويلايمەن، ئۇلار بۇنى چاندۇرمىسا كېرەك. ئۇلارنىڭ بىزگە ئاتا قىلىدىغىنى ئۈمىدۋارلىق، چىدام-غەيرەت بىلەن ياشاشنى ئۆگىتىش. بالىلارنىڭ خۇشاللىقى، بىزنىڭ تەسەللىلىرىمىز. ئۇلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ غېرىبلىقىنى، بىچارىلىكىمىزنى ئۇنتۇش! پانىي ئالەمدىكى ھەر بىر ئادەم بىر غېرىب. ئۇنىڭ روھىغا ئىچكىرىلەپ كىرەلىسەڭ، ئۇنى چۈشىنەلىسەڭ بۇنداق غېرىبلىقنى بايقىيالايسەن! سەن ئاشۇ غېرىبلىقنى ئۇنتۇپ، تەسەللىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تاللاش ئېلىپ بارىسەن! مەن ئاشۇ كېچىسى ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدىنلا غېرىب، تەنھا ئىكەنلىكىمنى، پەقەت ئائىلە، خىزمەت، پەرزەنت ۋە سېنىڭ مۇھەببىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى ئىزدەپ ئەخمەقلەرچە ياشاۋاتقانلىقىمنى بايقاپ قالدىم. مەن تولىمۇ بىئارام بولدۇم. ئازابلاندىم، يىغلىغۇم كەلدى. تامغا ئۈسۈۋېلىشنى، ھارغۇچە يۈگۈرۈشنى، ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىراشنى ئويلىدىم. مەن ئۇنداق قىلسام بولمايتتى. چۈنكى، مەن بىر كېچىدىلا ھەممە نەرسىنى ھەل قىلالمايتتىم. مەن ۋاز كېچەلمەيدىغان يەنە  نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى. پەرىخە، مانا بۇ ئادىمىيلىك، مانا بۇ ياشاشنىڭ تاتلىقلىقى، مانا بۇ ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرۇپ جاھىللارچە ياشاش! مانا بۇ بىزنىڭ بىچارىلىكىمىز!... ھايات ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى ئۈمىدكە، ئۈمىدۋارلىق ئىچىدىكى ئۈمىدسىزلىككە تولغان! بىزنىڭ ھاياتلىق چىرىغىمىز تولىمۇ غېرىب  ھالەتتە يېنىپ تۇرىدۇ. بىز ئاشۇ ئاجىزانە نۇرغا تايىنىپ ئۈمىدۋار بولۇپ ياشايمىز. چىراغ نۇرىنى ئۇلغايتىش ياكى ئۇنى مەلۇم بىر مەنىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ ئىجادچانلىقىمىزغا باغلىق. چۈنكى، ئىجادچانلىق ئىنسانلارنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلىدىغان، دۇنيانىڭ ئازدۇرۇشلىرىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان ياخشى ۋاسىتە! پەرىخە، مەن بۇ يەردە ئادەم مەلۇم بىر كەشپىياتنى يارىتىشى كېرەك، دېمەكچى ئەمەسمەن. بالىلارمۇ بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىز. ئۇلار بىزنىڭ ئەمگىكىمىزنىڭ ھاسىلاتى. بىزنىڭ بۇ ھاسىلاتىمىزدىن، ئىجادىيىتىمىزدىن، ئەرمىكىمىزدىن ۋاز كەچكۈمىز يوق. ئىنسان ھامان بىلىپ-بىلمەي ئىجادچانلىق يولىغا مېڭىپ  قالىدۇ. چۈنكى، سېنىڭ ئىزدەۋاتقان تەسەللىلىرىڭ ئاشۇ ئىجادچانلىقنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. سېنىڭ باشقا بىر ئەرنى تاللىشىڭمۇ ئۆزۈڭنىڭ بىر خىل ئىجادچانلىقى، ئۆزۈڭگە  تەسەللى ئىزدەشنىڭ يەنە بىر يولى. ئادەم ئىجادچانلىقنى قوغلىشىپ، بىر خىل ئىزتىراپلىق ئىچىدە ياشايدۇ. تۇرمۇشىمىزدا بۇرۇن يۈز بەرمىگەن، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھامان بىزنى يېڭى بىر ھاسىلاتنى پەيدا قىلىشىمىزغا سۆرەيدۇ، ئازدۇرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمىز... مەن شۇ كېچىسى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارغا ئاغرىنىپ، ئازابلىنىپ، تولا ئويلاپ نېمە قىلاي، پەرىخە ناھايىتى كەلسە مەن بىلەن ئاجرىشىپ كېتەر دەپ ئويلىدىم. مەن بىر ھەقىقەتنى — دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن ئازابلىنىپ يۈرۈشنىڭ ھاجەتسىزلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم. مەن ئۆيگە قايتىپ كىرگەندە، سەن مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودىلا ئۇخلاپ قالغانىدىڭ. سېنى كۆرۈپ «چىدىمىسىڭىز، سىزمۇ ئويناڭ» دېگەن سۆزۈڭ ئېسىمگە كېلىپ، يەنە جۇدۇنۇم تۇتتى. كانىيىڭدىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇممۇ كەلدى. يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن قاپاقلىرىڭغا، شۈمشىيىپ بىچارە ھالەتتە ياتقان تۇرقۇڭغا قاراپ ساڭا ئىچىممۇ ئاغرىپ قالدى. مەن «سۈرە ئەئراف»تىن بۇنداق بىر جۈملىنى بىلىمەن. ئۇ بولسىمۇ «ئەپۇنى دوست تۇتقىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن». ئېھتىمال مەن مۇشۇ سۈرىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن بولسا كېرەك، سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئەدىيال يېپىپ قويۇشنى، ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاڭ، دېيىشنىمۇ ئويلىدىم. بىراق، ئۇنداق قىلسام ساڭا يالۋۇرغاندەك، بويسۇنغاندەك، ئۆزۈم يۇمشاق باش بولۇپ قالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ، بۇ نىيەتتىن ياندىم. مەن ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىقنى مېھىر-مۇھەببەت ھەم كۆيۈنۈشنىڭ كېسىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلدىم. مەن ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلىغان بىلەن پەرىخە نېمىلەرنى ئويلىدى، ماڭا يېلىنىۋاتىدۇ دەپ قالسىچۇ؟ ئۇ كىچىك بالا ئەمەسقۇ، دېگەنلەرنى ئويلاپ، ياخشى نىيىتىمدىن يېنىۋالدىم. پەرىخە، مانا شۇ ئىشتىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھۆرمەت، كۆيۈنۈش بارغانسېرى سۇسلىشىشقا باشلىدى. بىز پەقەت ئائىلە قۇرغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتاتتۇق. بۇنداق ئائىلىلەر ئېھتىمال ئەتراپىمىزدا شۇنداق كۆپتۇر، ئۇلارنىڭ پەقەت بىزنىڭ بىلمىگەن، چاندۇرمىغانلا يېرىمىز بار. ئىككىمىزنىڭ ئۆيدە دەرقەمتە تۇرىدىغان ۋاقىتلىرىمىز تولىمۇ ئاز بولغاچقا يۈزتۇرا ئۆز سەۋەنلىكلىرىمىزنى دېيىشەلمىدۇق. بۇمۇ بىزنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان تەرىپىمىز بولسا كېرەك. شۇڭلاشقا، ھەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ يېلىنىشىنى ياكى ئاجرىشىپ كېتىش تەلىپىنى قويۇشنى كۈتەتتۇق. بۇنداق قىلسام، بىز خەقلەرگە ئۆزىمىزنى پاك، ئۆي تۇتىدىغان قىياپەتتە كۆرسىتىپ، كىشىلەرنىڭ سۆز-چۆچەك قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتۇق. كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيتتى. ئادەملەر ھامان ئۆز سەۋەنلىكلىرىگە قىل سىغمايدىغان سەۋەبلەرنى ئىزدەيدۇ. خاتا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا، باشقىلارنىڭ توغرا دەپ قارىشىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنىدۇ. پەرىخە، ئېھتىمال كېيىنكى كۈنلەردە مەنمۇ ئاخشاملىرى ھاراق ئىچىپ، ئۆيگە كەچ قايتىپ خاتا قىلغاندىمەن. بۇ بىر قېيىداش، سېنى ئائىلىگە، بالىلارغا قارامدۇ-قارىمامدۇ، دەپ سىناش ئىدى. بىراق مېنىڭ بۇ سىنىقىم، «ئوسۇرۇققا ئارپا نېنى باھانە بولدى» دېگەندەك، ساڭا نىسبەتەن سەلبىي  رول ئوينىدى. ئىككىمىز بەسلىشىپ قالدۇق. مېنىڭ بۇ ئىشلارنى بىرەرسىدىن قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش نىيىتىممۇ يوق ئىدى. «كىشىنىڭ يارى بولمىسا، ئۇ بىماردۇر» دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك. مېنىڭ توساتتىنلا باشقا بىرسىنى ئىزدىگۈم كېلىپ قالدى. مەن شۇنداق قىلساملا ھەممىدىن قۇتۇلۇپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. راستىنى ئېيتسام، قىز دوستلىرى كۆپ ئاغىنىلەر بىلەن ئاللىقانداقتۇر قاۋاقخانىلارغا، مەخپىي خانىلارغىمۇ بېرىپ باقتىم. ئۇ يەرلەردە مەن ئىزدەۋاتقان كىشى كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سورۇندا، مەخپىي  خانىلاردا تونۇشقان «سەنەم»لەرنىڭ ماڭا ئاش-نان بولۇشىغا كۆزۈم يەتمىدى. ئۇلارنىڭ سورۇندىكى لاۋزا، تېتىقسىز سۆز-ھەرىكەتلىرى، ئاغىنىلەرنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرى ماڭا دۇنيادا ساق، پاكىز روھىي  ھالەت بىلەن ياشايدىغان ئادەم قالمىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. مەن ئۆزۈمنى دۇنيادا يالغۇز قالغاندەك، ھېچنەرسە ماڭا تەسەللى بېرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. مەن بىردەملىك كۆڭۈل خۇشى ياكى باشقا بىر قېتىملىق مۇناسىۋەت ۋە ھەرىكەتلەرگە قىزىقمايتتىم. مەن بىرەرسى بىلەن تەبىئىي ھالدا تونۇشۇپ قېلىشنى، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان تېمىدا مۇڭدىشىپ، ئۆزئارا تەسەللى بېرىشىپ يۈرۈشنى ئويلايتتىم. ئاغىنىلەر ھاراق سورۇنلىرىدا ئۆزئارا قىزىق گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرغان بىلەن، قىزلار بىلەن ئولتۇرغاندا باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. ئۇلار  چىرايلىقراق قىزلارنى كۆرسە ئۆزلىرىنى توي قىلمىغان، ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەن دەپ تونۇشتۇراتتى. ھەتتا خوتۇنلىرىنىڭ غەيۋەتلىرىنىمۇ قىلىپ بېرىشكە ئۈلگۈرەتتى. بىر-بىرسىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئېچىپ، ئۆزىنى دۇنيادا ئۆزىدىن باشقا يەنە ئەر يوقتەك تونۇشتۇراتتى. پۇل خەجلەشكە قىيىق، بېخىل ئاغىنىلەر تېخىمۇ مەردلىشىپ، بىر يەرلىرىگە تىقىپ قويغان پۇللىرىنى چىقىراتتى. مانا مەن دەپ مەيدىسىنى چىقىرىپ يۈرگەن ئەركەكلەرنىڭ بۇنداق ئاجىز ھالىتى مەندە بىز شۇ دەرىجىدە تۈگىشىپ كەتتىقمۇ دېگەندەك تەگسىز، باش-ئاخىرى يوق خىياللارنى قوزغايتتى. ئۆزۈممۇ شۇنداق بولۇپ قالدىممۇ نېمە دەپ ئۆز-ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىپ قالاتتىم. ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى شۇنداق ئالدايتتىكى، ئالدىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزئارا ئالدىشاتتى. توۋا، ئۇلار بۇنداق جاپا تارتىپ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ مەن ئاغىنىلىرىمنىڭ چىرايلىق خوتۇن-بالىلىرىنى ئويلاپ قالدىم. بىردەملىك كۆڭۈل خۇشى ئۇلارنى قانچىلىك راھەتكە ئېرىشتۈرەر؟ ئەخلاق يالغۇز بىر-ئىككى ئادەم ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارالمىغاندەك قىلغىنى بىلەن، بىر پۈتۈن جەمئىيەتكە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدۇ. بىز ئەخلاقنى بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا دەپسەندە قىلغىنىمىز بىلەن ئاشكارا دەپسەندە قىلالمايمىز. بۇ يەردە دەپسەندە قىلىنىدىغىنى يەنىلا ئۆزىمىز. بىز بۇلۇڭ-پۇچقاقتىمۇ، جامائەت ئالدىدىمۇ نېمىشقا ئوخشاش ياشىيالمايمىز؟ ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشاپ تۇرۇپ يەنە نېمىدىن قورقىمىز؟ بىراق، بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزغا تەن بەرگۈمىز كەلمەيدۇ. بىر شەخسنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇش مەجبۇرىيىتى يوقتەك بىلىنىدۇ. بىراق، سەن مەلۇم بىر جەمئىيەتتە ياشىغانىكەنسەن، سېنىڭ زىممەڭگە بۇ خىل مەسئۇلىيەت تەبىئىي ھالدا يۈكلىنىدۇ. سەن ئۇنى ئىرغىتىپ تاشلىيالمايسەن. ئىرغىتىپ تاشلىماقچى بولساڭ ئۆزۈڭنىمۇ ئىرغىتىپ تاشلايسەن! چۈنكى، سېنىڭ تەسەللىلىرىڭ، سېنىڭ خۇشاللىقىڭ، سېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭ ئاشۇ جەمئىيەتتە، ئاشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا! ۋەھشىي  ھايۋان تىمساھمۇ ئۆز بالىلىرىنى زىيانداشلىرىنىڭ يەپ كېتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۈچ ياشقا كىرگۈچە قوغدايدىكەن. بىراق، بىز ئۆزىمىزنى مېھرىبان، ئەقىللىق دەۋالغان ئىنسانلار ئاللىقاچان ئىنسانىيلىقتىن ھالقىپ باشقا بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ قالدۇقمۇ نېمە؟ بىز تۇخۇمىنى قۇملۇققا  كۆمۈپ قويۇپ، قالغان ئىشلار بىلەن چاتىقى يوق دېڭىزغا كېتىپ قالىدىغان تاشپاقا ئەمەسقۇ! تۆگە قۇشنىڭ مېكىيانلىرى تۇخۇملىسا، ئەركەكلىرى بېسىپ چىقىرىدىكەن. بۇ بىر ئورتاق بەدەل، ھەر ئىككى تەرەپ خالاشتىن كېلىپ چىققان رازىلىق ۋە بەخت، قەدىرلىكىم! ئادەمگە نىسبەتەن بىر ئادەمنىڭ سېنى ياخشى كۆرمەسلىكىدىن، سېنىڭ ئالدىنىپ قېلىشىڭ بەك ئازابلىق. بىراق، مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، مەن ئالدانمىدىم، بەلكى پاكىز ھالەتتە ئاجرىشىپ كەتتىم. شۇنداقتىمۇ، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئېھتىياج بىزنى ئۆزئارا ئالدىشىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىدىكەن. ئاجرىشىپ كەتسەك، ئۆزىمىزنى باقالمايدىغاندەك تارتىشىدىغان يەرلىرىمىزمۇ بار ئىكەن. بىرىمىزنىڭ قولىدا پۇل، مال-دۇنيا بولسا، يەنە بىرىمىزدە سەمىمىي-ساداقەت بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەت بولىدىكەن. بىزنىڭ بۇلارنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكۈمىز كەلمەيدىكەن. چاندۇرماي، ھەر ئىككىسىنى تەڭ ئېلىپ ماڭغۇمىز كېلىدىكەن. بىزنىڭ ئامالسىز قالغان ۋاقىتلىرىمىز بەك كۆپ بولىدىكەن، ئالدىراپ بىر نەرسىدىن چەتنەپ كېتەلمەيدىكەنمىز. ئۇنداقتا، ئىنسانىيلىقنىڭ بەلگىسى ھەركىم خالىغان سەنەمگە ئۇسسۇل ئويناشمۇ، خالىغان ناخشىنى ئوڭ-تەتۈر توۋلاشمۇ؟ قالايمىقان يۈگۈرۈشمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى كىم بېرەلەيدۇ؟ پەقەتلا ئىگىسى، خالاس.
    پەرىخە، تۈگىمەس قاتار چايلىرىڭنىڭ، نەگە بېرىپ، نەدە تۇرغانلىقلىرىڭنىڭ گېپىنى قىلمايلا قوياي، سېنىڭ مەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن توپلىغان بارلىق ھاسىلاتلىرىڭ ئۈرۈمچىدە بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇش بىلەن گۇمران بولدى.  ساپ نىيەتلىك، نومۇسچان، غۇرۇرلۇق، نازاكەتلىك خىسلىتىڭ بىر يىللىق ئوقۇش ئارقىلىق پاچاقلىنىپ تاشلاندى. مەن سەۋەنلىكنى كىمگە ئارتىشنى بىلمەيمەن. ئېھتىمال مەن سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئالالماي قالغاندىمەن. تۇرمۇشىمىزنى رومانتىك تۈسكە ئىگە قىلالمىغاندىمەن. سېنىڭچە، مەن قانداق قىلسام ئائىلىنى ساقلاپ قالالايتتىم؟ بۇنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم. ئېھتىمال سەن بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ يۈگۈرۈشىمىز شۇنچىلىك بولسا كېرەك. بىر ئۆيدە ياشىغان ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرسىنىڭ كۆڭلىنى يۈز پىرسەنت ئالالىشى بەك مۈشكۈل ئىش ئىكەن. بەزىدە ئۆيگە تېلېفون كەلسە، مەن ئالسام قارشى تەرەپ تېلېفوننى قويۇۋېتىدۇ. بۇنداق چاغدا كېسىلىپ قالىمەن. ھەتتا پەرىخە بىرەرسىگە تېلېفون بېرىپ ئېرىمنى ئەخمەق قىلىڭلار دەپ ئۆگىتىپ قويغانمىدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا تېلېفون جىرىڭلاپ قالدى. تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئېلىپ «ۋەي» دېيىشىمگە قارشى تەرەپ بىردەم تۇرۇۋېلىپ:
    — ۋەي، لاۋۋاڭ بارمىدۇ،—دەپ سورىدى، خەنزۇچىنى بۇزۇپ سۆزلەپ. مەن دەرھال:
    — خاتا ئۇرۇپسىز،— دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. كېيىن كۆتى قىچىشىپ قالغان گۇيدىن بىرەرسى «مەن تېلېفوننى ئالسام چېنىپ قالمىسۇن دەپ، قەستەن مېنى كولدۇرلىتىۋاتامدۇ نېمە؟» دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى مېنىڭ بىرقىسىم ئەل-ئاغىنىلىرىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار قىز دوستلىرىغا تېلېفون بەرگەندە، قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىنى ئەر كىشى ئېلىپ قالسا ئۇلار دەرھال خەنزۇچە سۆزلەپ، ياكى باشقا بىر ئەرنىڭ ئىسمىنى سوراپ، چاتاق چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. بىزمۇ كاززاپلىشىپ كېتىپتۇق.  ئۆز سەۋەنلىكلىرىمىزنى يوشۇرۇپ، شۇنداق پاكىز ھالدا ئەخلاق چەمبىرىكىدىن چەتنىمەي ياشاۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ مەيدىمىزنى كېرىپ ياشاۋېرىدىكەنمىز.
    پەرىخە، ئادەمنى روھىي جەھەتتىن قىسىشتىنمۇ چوڭ جازا بولمىسا كېرەك. سەن كۆرۈنۈشتە نورمال ئادەملەردەك مېڭىپ يۈرگىنىڭ بىلەن ئەمەلىيەتتە ھېچ كىشى بىلمەيدىغان بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ياشايدىكەنسەن. سىرتىڭدىن قارىسا ساقتەك، ئىچىڭگە قارىسا، ئىچىنى قۇرت يەپ سېسىتىۋەتكەن ياغاچقا ئوخشاپ قالىدىكەنسەن. ئېھتىمال مەن قۇرت يەپ كەتكەن كېرەكسىز ياغاچتۇرمەن. ئۇنداقتا مېنى ئىشلەتكىلى بولمامدۇ، ھېچنەرسىگە يارىمامدىم؟ يەنە باشقا بىرەر قىزنىڭ سۆيۈشىگە، ھۆرمىتىگە، مۇھەببىتىگە نائىل بولالمامدىم؟ ئەپسۇس، دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ھېچكىم ئالدىن بىرنەرسە دېيەلمەيدۇ. بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ئېرىشىش بىلەن ئېرىشەلمەسلىكتەك ئېنىقسىزلىك ئىچىدىكى ئېھتىماللىق. شۇنداقلا، ۋاقىتلىق دۇنيا — پانىي بىلەن خوشلىشىشتەك ئۆلۈم ھادىسىسىنىڭ ھامان يۈز بېرىدىغانلىقىدەك ئېنىقلىقتىن ئىبارەت. بىزنىڭ بۇنىڭدىن باشقا بىلىدىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوڭ كېلىپ قالسا ئۆزىمىزگە خۇشاللىق، تەسەللى، شان-شۆھرەت ۋە بەخت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدىغان، تەتۈر كېلىپ قالسا ئۆزىمىزنى ئازابقا، ئاۋارىچىلىققا قويىدىغان ئىشلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز مۇشۇنداق دۇنيادا ياشايمىز. مۇشۇنداق دۇنيا ئۈچۈن بىر-بىرىمىزدىن ئاغرىنىمىز، كىملەردىندۇر قېيىدايمىز، ئۆزىمىزنىڭلا دەردىمىز باردەك ئېغىر ئۇھسىنىمىز، رەنچ تارتىپ يۈرىمىز. «تەڭسىز دۇنيا» دەپ توۋلىغىمىز، ياقا يىرتىپ يىغلىغۇمىز كېلىدۇ. بىراق، بىز ھېچقايسىسىنى قىلالماي تەڭقىسلىقتا ياشاۋېرىمىز. شۇنداق، بىزنىڭ مىسكىنلىكىمىز يۈرىكىمىزنىڭ ئاللىقانداقتۇر يېرىدە ساقلىنىپ قېلىۋېرىدۇ.
    پەرىخە، سەن جەمئىيەت بىلەن، يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان مەن تونۇمايدىغان ئاللىقانداقتۇر كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ئۆزۈڭدە بىر خىل نەرسىنىڭ — ئاياللار ئەركىنلىكىنىڭ كەملىكىنى، سىلەرنىڭمۇ ئەرلەردەك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلساڭلار بولىدىغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى غۇۋا ھېس قىلغان بولساڭمۇ، بىراق سەن ئىنسان ئۈچۈن ئەخلاقتىن، ئېتىقادتىن، غۇرۇر ھەم شەرم-ھايادىن، پاكىز مۇھەببەتتىن، ئاياللىق نازاكەتتىن ھالقىغان ئەركىنلىكنىڭ ئۆزۈڭنى خانىۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىڭ. ئائىلىدە تاماق ئەتمەسلىك، ئەرلەر بىلەن تەڭ ئىشلەش، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي مەي-شاراب ئىچىپ، ئەيش-ئىشرەت قىلىپ، ئۆي ۋە بالىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەملەر بىلەن بەسلەشكەنلىكىڭ سېنىڭ نەقەدەر چاكىنا ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىڭنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر جەمئىيەتنىڭ، ھەربىر مىللەتنىڭ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئەخلاق ئەندىزىسى، ئەركىنلىك ئۆلچىمى بولىدۇ. بۇنى سەن ئۆزۈڭ ئارىلىشىۋاتقان بىرنەچچە دوستلىرىڭ بىلەن ئۆزگەرتىشكە، يوق قىلىۋېتىشكە قادىر ئەمەس. بۇ مەلۇم بىر تۈزۈلمىگە، كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ بىردەك بولۇشىغا باغلىق بولغان ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان!...
    سەن بىلەن مەن ئائىلە ئىشىنى قىلىش توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشقىنىمىز ئېسىڭدە بولسا كېرەك. شۇ كۈنى مەن ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيگە قايتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چارەكلىك ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈپ ئولتۇراتتىم. سەن ئىشتىن خېلىلا كېيىن قايتىپ كەلدىڭ. سومكاڭنى يان تەرىپىمگە كۈچەپ «پوككىدە» تاشلىدىڭ. مەن سېنىڭ كەيپىياتىڭنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى پەملەپ، «تۇتۇپ قالغان» بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، ئۆز ئىشىم بىلەن مەشغۇل بولۇۋەردىم. سەن بىردەم تۇرۇۋېتىپ ماڭا:
    — بالىلارغا تاماق قىلغاچ تۇرسىڭىز بولمامدۇ،— دېدىڭ.
    — ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈپ، ئەتە ئەتىگەندىلا ئىلمىي بۆلۈمگە تاپشۇرۇشىمىز كېرەككەن. بولمىسا مۇكاپات پۇلىنى تۇتىدىكەن...
    مېنىڭ گېپىمنىڭ ئاخىرى ئاياغلاشماي تۇرۇپلا سەن بىردىنلا كۆكلەپ كەتتىڭ.
    — مەن بولمىسام بۇ ئۆيدە ھېچقانداق بىر ئىش يۈرۈشمەيدۇ.
    — نېمانداق گەپ قىلىسىز، سىز بولماي قايسى ئىش يۈرۈشمەي قاپتۇ؟ ھەممىمىز تەڭ قىلىۋاتىمىزغۇ.
    — قايسى ئىشنى قىلىۋاتىسىز؟
    — مەن قايسى ئىشنى قىلماپتىمەن؟
    — قاچان قارىسا كىتابقا قاراپ ئولتۇرىسىز. بىر پىيالىنى ئۇياقتىن-بۇياققا يۆتكەپ قوياي دېمەيسىز.
    — مېنىڭ كىتابقا قاراپ جان باقىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسىز. ھەممە ئادەم سىزدەك بىكار ئەمەس.
    — مەن بىكارما؟ ھېلىمۇ ئۈچىلىڭلارغا قۇل بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. يەنە قانداق قىلسام بولاتتى.
    — قىلسىڭىز ئىككى بالىڭىزغا قىلىسىز.
    — سىزگە قىلمىدىممۇ؟
    — قىلغۇڭىز بولمىسا ئۇمۇ ئىختىيارىڭىز.
    — سىزگە بەرگەن مائاشنى ماڭىمۇ بېرىدۇ. تېخى سىزنىڭكىدىن كۆپرەك. ئائىلىدە ئەر-ئايال باراۋەر.
    — مەن تېخى باراۋەر ئەمەس دەپ سىزنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلمىدىمغۇ. تاماق قىلغۇڭىز بولمىسا بۇنداق سېسىق گەپ قىلغۇچە، گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلسىڭىز بولمامدۇ.
    — نېمە گەپنى ئوچۇق قىلىدىكەنمەن.
    — ئۆزىڭىز بىلەرسىز، خەقنىڭ خوتۇنلىرىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىۋېرىدىكەنغۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىككى-تۆت تال مائاشىغا بەك تەمەننا قويۇپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    — خەقنىڭ ئەرلىرىمۇ ئۆيدە تاماق ئېتىپ، كىر-قات يۇيۇپ ئۆتىدىكەنغۇ.
    — مەنمۇ سىز يوق چاغدا قىلغان.
    — بالىلارغا كوچىدىن تاماق ئېلىپ بېرىپ، كىر-قاتلىرىنى دۇكاندا يۇدۇرغانغىما؟
    — بۇ ئىش ئەمەسما؟
    — ئۆزىڭىز قىلسىڭىز ھېساب.
    — ئەمدى مەن ئۆزۈم قىلدىم دەپ ئۈلگە كۆرسىتىشىم كېرەكما؟ ھەر كىم ئۆزى قىلالىغان دائىرىدىكى ئىشنى قىلىدۇ.
    — شۇنداق بولغاندىكىن ئارتۇق گەپ قىلماڭ.
    — سىز مەن بىلەن دېيىشمەكچى ئوخشىمامسىز؟
    — دېيىشسەك دېيىشتۇق.
    — نېمىنى دېيىشىمىز؟
    — نېمىنى خالىسىڭىز شۇنى دېيىشىمىز.
    — كەچۈرۈڭ، مېنىڭ سىز بىلەن دېيىشكۈدەك ۋاقتىم يوق. مېنى زادى ئىش قىلغىلى قويامسىز، قويمامسىز.
    — مەن قولىڭىزغا ئېسىلىۋالمىدىمغۇ.
    — بولسا شۇ قالغان، ھېرىپ قالغان بولسىڭىز يېتىۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ. تولا چېشىمغا تەگمەڭ مېنىڭ. ئىشخانىغا چىقىپ كەتسەملا بولىدىغۇ.
    مېنىڭ سەن بىلەن تاكاللىشىپ سېنى قايىل قىلىدىغانغا كۆزۈم يەتمەي، ئاخىر  ئىشخانىغا چىقىپ كەتتىم. ئويلىسام-ئويلىسام  بۇ ئىش زادىلا كاللامدىن ئۆتمىدى. سېنىڭچە مەن ئۆيدە ھېچنەرسە قىلماي يەپ ياتىدىغان بىكار تەلەپكە ئايلىنىپ قالغانىدىم. شۇنداقتىمۇ سېنى «بۈگۈن ئىشلەپ ھېرىپ قالغاندۇ، ياكى كەيپىياتى ياخشى ئەمەستۇ» دەپ ئويلىدىم. ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بۇ ئىشنىمۇ بەك ئويلاپ كەتمىدىم. كېيىن ئويلىسام سەندە ئاياللار ئەركىنلىكى غىل-پال باش كۆتۈرۈپ چىققاندەك قىلاتتى. ئارىمىزدا بۇنداق تاكاللىشىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. ھەركىم تۇتسا ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى تۇتىدۇ. بىراق، بەزى خوتۇنلار ئۆز ئەرلىرىنى قانداق باشقۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆيدە قانداق ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى باشقىلارغا ماختىنىپ سۆزلەپ، ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا كۈشكۈرتسە كېرەك. شۇنىڭ بىلەن زىددىيەت تېرىلىدىكەن. شۇنداق، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ چامىسى يەتكەن، ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشىمىز زۆرۈر. بىر-بىرىمىزگە پۇرسەت يارىتىپ بېرەلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. بىراق، ھەممىمىز تۇرمۇش، خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرىمىز. چۈنكى، بىز ئىستىخىيىلىك خىزمەت رىتىمىغا باغلىنىپ قالغاچقا كۆڭلىمىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئارقىغا تاشلىنىپ قېلىۋېرىدۇ. بىرنەرسىگە يەنە نۇرغۇن  ئىشلار ئارقىغا تاشلىنىپ قىلىۋېرىدۇ. بىر نەرسىگە ئالدىرايمىز. بىرسىمىزلا بەدەل تۆلەۋاتقاندەك، قۇربان بېرىۋاتقاندەك ئۆزىمىزنى خورلۇق، بىچارىلىك ئىچىدە قالغاندەك ھېس قىلىۋېلىپ باشقىلاردىن رەنجىپ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىۋالىمىز. بۇ بىزنىڭ روھىي  جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقىمىزنىڭ، ئاجىزلىقىمىزنىڭ ئىپادىسى.
    پەرىخە، ئوبدانراق ئويلاپ باقساڭ، بىز بىلەن ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزگە ئاللىقانداقتۇر بوشلۇق ئىزدەپ، كىملەر بىلەندۇر دوستلىشىپ، كىملەر بىلەندۇر دۈشمەنلىشىپ ياشايدىكەنمىز. جاھان ساڭىمۇ، ماڭىمۇ تاردەك بىلىنىدىكەن. بىلەمسەنكىن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا غەرب ئەللىرىدە ئاياللار ھوقۇقچىلىقى ئەۋج ئېلىپ، نۇرغۇن ئاياللار «بىز ئائىلىنىڭ قۇلى ئەمەس» دېيىشىپ ئائىلىسىنى، پەرزەنتلىرى تاشلىۋىتىپ چىقىپ كەتكەنىكەن. ئۇلار دۇنيا تەڭسىزلىككە تولغان، ھايۋانلار جېنىدا جۈپلىشىپ بولۇپلا ئىككىسى ئىككى تەرەپكە كېتىپ قالىدىكەن، ئادەم بالىسى بولغان ئاياللار نېمىشقا ئائىلىگە، ئەرلەرگە باغلىنىپ قالىدۇ؟ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بالا بېقىش بولغاندىكىن كىم بىلەن جۈپلەشسەك جۈپلىشىپ، بالىمىزنى بېقىۋەرسەك ياكى بولمىسا پەرزەنتلىك بولماي ياشاۋەرسەك بولىدىغۇ دەپ قاراشقانىكەن. سەن ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىنى قوبۇل قىلالامسەن؟ بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز تەرەققىي  قىلىپ شۇ دەرىجىگە — ھايۋاندىنمۇ  بەتتەر دەرىجىگە يېتىپ كەتتىمۇ؟ بىزنىڭ ئىنسانىيلىقىمىز بۇنداق بىتايىن قاراشلار بىلەن ئۆلچەنسە ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان بولمامدۇق! بۇ بىر پارچىلىنىپ كەتكەن روھىي دۇنيا، بۇ ئەقىدە-ئېتىقادنىڭ بۇلغىنىشى. پارچىلىنىپ كەتكەن روھىي دۇنيادا، بۇلغانغان ئەقىل-ئىدراكتا ئۆزىدىن  ھەم باشقىلاردىن سۆيۈنۈش، رازى بولۇش، خۇشاللىنىش، لەززەتلىنىش تۇيغۇسى مەۋجۇت بولمايدۇ، بەلكى باشقىلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراش، ئادەملەردىن قېيىداش، ئىچى سىقىلىشلا مەۋجۇت بولىدۇ. سەن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزۈڭنى يەڭگىل ھېس قىلالامسەن؟ سەن ئۆز ئەركىنلىكىڭنى ھەممە ئادەم ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئادەتكە ئايلاندۇرالامسەن؟ ناتايىن! يۇنان رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، قەدىمكى زاماندا ئۆزلىرىنىڭ ئوۋچىلىق ۋە ھەربىي  يۈرۈشكە ماھىرلىقى بىلەن نام چىقارغان، يۇناننىڭ شەرقىي  شىمالىدا ياشايدىغان بىر ئاياللار دۆلىتى بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدە ئەرلەرنىڭ تۇرۇپ قېلىشى مەنئى  قىلىنىدىكەن. ئۇلار ئەۋلادىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دائىم ئەتراپىدىكى كاۋكاز تاغلىق رايونلىرىنىڭ ئەرلىرى بىلەن ۋاقىتلىق جورا  بولۇشۇپ، تۇغۇلغان قىز بالىلىرىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېتىشىدىكەن. بۇ قىزلار چوڭ بولغاندا ئەسكەرلىككە قاتنىشىدىكەن. ئۇلار ھەربىي  ماھارەتكە پىششىق بولۇپ، غەربىي ئاسىيا ۋە ئىگەي دېڭىزى بويىدىكى بەزى شەھەر، يېزىلارنى تارتىۋالغان ھەمدە كۆپ قېتىم يۇنانلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلغانىكەن. بىراق، ھازىرقى بارغانسېرى  كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان دۇنيادا، روھى پارچىلىنىپ ئۆزىگە ئوخشىماي قېلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا سەن نېمىنى ئىزدەۋاتىسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى ئىزدىگەن بولساڭ، سەن ئاللىقاچان پانىي ئالەمگە كۆز ئېچىپ بولدۇڭ. سەن مۇشۇ ياشقا كېلىپ قالدىڭ، ئەمدى ئارقىغا يانالمايسەن. سېنىڭ ئەمدى ئىزدەيدىغىنىڭ ئۆزۈڭمۇ ھەم سەن ئۈچۈن  بەدەل تۆلەۋاتقان باشقا بىرسىمۇ ئورتاق راھەت ھېس  قىلىدىغان،  رازى بولىدىغان، تەڭ خۇشال بولۇپ، تەڭ يىغلىيالايدىغان، ئورتاق تەسەللى بېرەلەيدىغان — پانىي ئالەمنىڭ نورمال ياشاش ھەقىقىتى، خالاس! ئۇلۇغلىرىمىز «جىسمانىي ھالاۋەت بىلەن روھىي  ھەقىقەتنىڭ لەززىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ» دېيىشىدۇ. سەن ھېسسىياتلىق، ئەقلى جايىدا، نورمال ئىنسان بولساڭلا ئايالدىن ئىبارەت بۇ نامنى چۆرۈپ تاشلىيالمايسەن! ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقىنى ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىكى ئىپتىدائىي  دىنىي ئېتىقادلاردىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. ئېھتىمال  ياراتقۇچىنىڭ ئەركەك-چېشى دەپ ئايرىپ، تەنگە بېرىلگەن تەقسىماتى سېنى ئويلىنىشقا، تىركىشىپ بېقىشقا مەجبۇر قىلغاندۇر. سەن ئېرىڭگە ئەمەس، پەرزەنتىڭگە  قارىغىنىڭدا ئۆزۈڭنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلغان، ئۇنىڭدىن سۆيۈنگەن بولاتتىڭ، قەدىرلىكىم. ناۋادا بۇ تەقسىمات ساڭا تەئەللۇق بولماي قالغان بولسا، سەن تېخىمۇ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالاتتىڭ. سېنىڭ ئانىلىق مېھرىڭنىڭ بۈيۈكلۈكى، سېنىڭ قىلغان نۇرغۇن گۇناھلىرىڭنى يۇيۇشقىمۇ يېتىدىغاندۇ. مەنمۇ ئانامغا بالا بولۇش سۈپىتىم بىلەن بالىلىرىمنىڭ نامىدىن سېنى كەچۈرۈۋېتىمەن. سەن يەنىلا ئۇلارغا ئانا! مەڭگۈ ئانا! بىراق، بۇ مېنىڭ سېنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش، ئائىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىش نىيىتىمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. مەن پەقەت ئانا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى بۇزغىلى بولمايدىغانلىقتەك ھەقىقەتنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دەۋاتىمەن. ھەييار سودىگەرمۇ بىر قېتىم زىيان سالغان چۆپقىتىنى ئىزدىمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئائىلە قۇرۇپ بەختلىك بولىمىز دەپ  نۇرغۇن ئويلىنىش، سىناقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ بىر ئۆيگە كىرگەن ئەر-ئايالنىڭ نۇرغۇن دەتالاش، جېدەل-ماجىرادىن كېيىن ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئاجرىشىپ كېتىشى بەك تەسكە توختىغىنى بىلەن، يارىشىپ قېلىشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. بۇنى شۇ ئادەم ئۆزى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى سودىگەر زىيىنىنى باشقا بىر ئادەمدىن تىرىلدۈرۈۋالغىنى بىلەن ھېسسىيات جەھەتتىكى زىياننى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئادەم ئىچ-ئىچىدىن تۈگىشىپ كېتىدۇ. ياخشى مەزگىللەرنىڭ بىر نامەرد ئۈچۈن سەرپ قىلىنىپ كېتىشى ئادەمنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ. زورلۇق، ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن قۇرۇلغان ئائىلە لىڭشىپ قالغان تامغا ئوخشايدۇ.ئازراق شامال چىقىپ قالسا تام ئۆزلۈكىدىن قىيسىيىپ، ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. بۇنى يۆلەپمۇ، يېنىغا غوجى تام قوپۇرۇپمۇ جايىدا تۇرغۇزالمايسەن. بۇ تام ۋاقتى كەلسە سېنى بېسىپ نابۇت قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. سەن ئۆزۈڭنىڭ بىر ھارامزادىگە ئالدىنىپ ياشىغانلىقىڭنى، ئۇنىڭ نەقەدەر تايىنى يوق ئادەم ئىكەنلىكىنى، سەندىن پايدىلىنىپ ئاخىرى سېنى كۆزگە ئىلمايدىغان ھالەتكە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ھېس قىلالىغىنىڭدا، ئاچچىق بىرئەلەم سېنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ، يۈرىكىڭنى مۇجۇپ-مۇجۇپ قىينايدۇ. سەل دىققەت قىلمىساڭ، ئۆزۈڭنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋېتىشىڭمۇ مۇمكىن. ئېھتىمال مەنمۇ نەزىرىڭدە بىر ھارامزەدىدۇرمەن. شۇنداق بولغاچقا سېنىڭ بىلەن چىقىشالماي قالغاندىمەن.
    پەرىخە، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مەن ئۆزۈمنى ئالدىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. سېنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭگە قوۋلۇق-شۇملۇق يوشۇرۇنغاندەك، مەن بىلەن باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن قورقۇپلا ئۆي تۇتۇپ ياشاپ كېلىۋاتقاندەك ئىدىڭ. بالىلارغا ئۆزىچىلا ئورۇنسىز ۋارقىرايتتىڭ. ئېھتىمال بۇنداق ۋاقىتلار سېنىڭ بۇرۇقتۇرما بولۇپ، تۇرمۇشنى زېرىكىشلىك، ياشاشنى بېسىم ھېس قىلىپ كەيپىياتىڭنى تەڭشىيەلمىگەن ۋاقىتلىرىڭ بولسا كېرەك. ئادەم ئۆزئارا ئازارلىشىپ قالغاندا كۆڭلىدىن ئاجايىپ گۇمانلار كېچىدىكەن. باشلىقىڭ مېنى مەمۇرىي خىزمەتكە ئالماشتۇرۇپ قوياي دېگەندە، ئىككىمىزنىڭ قىلىشقان سۆزلىرى ئېسىڭدە باردۇ؟ شۇ كۈنى سەن بەك خۇشال ھالدا بالدۇرلا ئىشتىن قايتىپ كەلدىڭ.
    — سىز بىلەن مەسلىھەت قىلىشىدىغان بىرئىش بار ئىدى،— دېدىڭ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن. مەن سەن بىلەن ئائىلىدە ئۇزۇندىن بۇيان بۇنداق پاراڭلىشىپ باقمىغاچقىمىكىن، سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدىم ھەم ھەيران بولدۇم.
    — نېمە ئىش توغرىسىدا؟
    — باشقا ئىدارىغا يۆتكىلەمسىز؟
    — ئەجەب بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ، ئەمىلىڭىز ئۆسۈپ قالدىمۇ نېمە؟
    — بىزنىڭ باشلىق، «قولۇمدا ھوقۇق بار چاغدا تونۇش-بىلىشلەرنى ئازراق رازى قىلىۋالسام» دەيدۇ. ئويلاپ باقسام، سىز بەكلا ئالدىراش ئىشلەيدىكەنسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۆتىدىغان ئىشكەن. يا تەتىلىڭلارنىڭ تايىنى بولمىسا، شۇڭلاشقا سىزنى مەمۇرىي خىزمەتكە ئالمىشىۋالسۇنمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم.
    — بۇ ئويىڭىزغۇ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىكەن. بىراق، بۇنىڭغا تۆلەيدىغان بەدەلمۇ ئاز بولماس، ھەرقاچان.
    — نېمە بەدەل تۆلىگۈدەكمىز؟ باشلىق ئۆزى دەۋاتسا.
    — ھېچبولمىغاندا ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن بولسىمۇ سوۋغا-سالام بېرىپ، ياخشىراق رېستورانغا باشلاپ مېھمان قىلمىساق بولماس. تېخىمۇ چاتاق يېرى سىزنىڭ باشلىقىڭىزنىڭ مېنىڭ دادامغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايمەن.
    — سىززە، ئۆزۈمنىڭ راست دەپ تۇرۇۋالىسىز، بىرەر قېتىم باشقىلارغا ئېگىلىپ قويسىڭىز نېمە بولىدۇ. بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر سىزنى «بەك ھالى چوڭ، قاپىقى يامان» دېيىشىدىكەن.
    — مەن ھەممە ئادەمگە ئۆزۈمنىڭ سەمىمىيلىكىمنى، ئاق كۆڭۈللۈكىمنى چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن-دە.
    — «ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەپتۇ» دەيدىغان گەپ بار. بولدى، بۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بېرىڭە، ئۆزۈم توغرىلايمەن.
    — سىز توغرىلىسىڭىز، ئىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتەرمىكىن، مېنىڭچە يىپىقلىق تۇۋاق يېپىقلىق پېتىچە قېلىۋەرگىنى ياخشى.
    — جاھىللىق قىلمىسىڭىز بولمامدۇ.
    — بولدىلا، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كۆنۈپ قاپتىمەن. قېرىغاندا كەسىپ ئالماشتۇرىمەن دەپ نېمە جاپا، ياخشى كۆڭلىڭىز تېگىل بولدى.
    — مەيلى، بۇمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.
    سېنىڭ يەنە ئارتۇق گەپ قىلىشقا رايىڭ بارمىدى بولغاي، جىم بولۇپ قالدىڭ. توغرا، مەن ساڭا ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ تەسلىكى توغرىسىدا بۇرۇنلاردا ئانچە-مۇنچە قاقشاپ بەرگەنىدىم، كېيىن ئويلاپ باقسام، ئوقۇتقۇچىلىقمۇ بولىدىغان كەسىپكەن. ئائىلىدە ياكى خىزمەتتە كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇپ قالغان مەزگىللەردە سەبىي، توختىماي سوئال سورايدىغان، خىلمۇخىل مەسىلىلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىنىڭدە مېڭەڭنى يەپ، ئارامىدا قويمايدىغان ئارامسىز خىياللار ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىب  بولۇپ كېتىدىكەن. ئۇلاردىن تەسەللى تېپىپ، ئۆزۈڭنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەنسەن. نۇرغۇن تەرەپلەردىكى قاراشلىرىڭنى ئۇلارغا ئېيتىپ، ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشالايدىكەنسەن. سەمىمىي  ئادەملەر بىلەن مۇڭدىشىش بەك ھۇزۇرلۇق ئىشكەن. بۇ ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولمايدىكەن...
    پەرىخە، مېنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرماسلىقىمدىكى سەۋەبلەر ئاز ئەمەس. ئىككىمىز ئۇرۇشۇپ قالغاندا سەن ماڭا «دوسكا ئالدىدا بورغا مىلىنىپ، ئىتتەك توختىماي كاپشىپ تۇرغان ۋاقتىڭدا، مەن سېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان» دەپ پېشانەمگە قويساڭ، بۇ مەن ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقا ئەرلەر ئۈچۈنمۇ ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ئازابلىق ئىش. شۇنداق، مەن شۇ چاغدا «پەرىخەنىڭ كۆڭلى بۇرۇنقىدەكلا ماڭا مايىل ئىكەن، ماڭا كۆيۈنىدىكەن» دەپ ئويلىغان  بولساممۇ، بىراق مېنى ئەنسىرەتكەن يەنە بىر ئىش — سېنىڭ ئۆز باشلىقىڭنىڭ ئالدىدا تىلىڭنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشى ئىدى. ئۇ چاغدا ئىشلار «ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا» بولۇپ، مەن ئۆتمەس، يۇمشاقباش ئەرگە ئايلىنىپ قالاتتىم. خىزمەت ئالمىشىش توغرىسىدىكى پارىڭىمىز چىقىشنىڭ ئالدىدا ئىككىمىز گەپ تالىشىپ نېمىلەرنى دېيىشىپ كەتمىگەن. سەن شۇ مەزگىللەردە ئورۇقلايمەن دەپ قىلمىغانلىرىڭ قالمىدى، ئالمىغان ئورۇقلىتىش دوراڭ، چايلىرىڭ، چېنىقىش ئەسۋابلىرىڭ قالمىدى. ئەمەلىيەتتە سېنىڭ ئورۇقلىشىڭنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. چۈنكى، سەن يەنە ئورۇقلىساق ئەرۋاھقا ئوخشاپ قالاتتىڭ. ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ساقلاش بەك مۇھىم. سەن دائىملا خۇددى مەن سەۋەبچى بولۇپ قالغاندەك:
    — مەن توي قىلغاندىن كېيىن بەك سەمرىپ كەتتىم، كىيىم ياراشمايدىغان بولۇپ قالدى. ماڭا كېلىدىغان كىيىم تاپالمىدىم،— دەپ زارلىناتتىڭ، مەن نەچچە قېتىم ساڭا:
    — سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىزنى، بوي-بەستىڭىزنى كىم سېمىزكەن دەيدۇ؟ ئادەمنىڭ بەدىنىدە ئاز-تولا گۆش، كۈچ-قۇۋۋەت بولمىسا كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئورۇقلاپ نەگە باراتتىڭىز، ماڭا يارىسىڭىز بولدى ئەمەسمۇ!— دېدىم.
    — ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن خەقلەر ئادەمنى سېمىزكەن دەپ مازاق قىلىدىكەن.
    — سىز خەققە تەگكەنمۇ، ماڭىمۇ؟ بىزنىڭ نېنىمىز خەقنىڭ ئۆيىدە بولمىغاندىكىن، پەرۋايىڭىز پەلەك ياشاۋەرمەمسىز. ھەر  سېمىز ئادەملەرمۇ ياشاۋېرىدىكەنغۇ، سېمىزلىكى ئۆزىگە شۇنداق يارىشىدىكەن.
    — سېمىزدىن بىرەرنى تېپىۋالغان ئوخشىمامسىز؟
    — تۈزۈك گەپ قىلىڭە، ھازىرچە ئۇنداق نىيىتىم يوق.
    — ئۇنداقتا كېيىنچە بىر گەپ بولىدىكەن-دە.
    — مەن ئۇنداق دېمىدىمغۇ، تۇرمۇشتىكى بەزى ئىشلارغا ھېچكىم ئالدىراپ بىرنەرسە دېيەلمەيدۇ.
    — سىزنىڭ گېپىڭىزدىن شۇنداق مەنە چىقىۋاتىدىغۇ، ئۇنداق ئىشلىرىڭىز بولسا مەن بالدۇرراق ۋاقىپلىنىپ قالاي.
    — بولىدۇ، مەن ھەرگىز سىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. بىراق، سىز يا بىر كىيىم مودېل ئارتىسى بولمىسىڭىز، ئورۇقلايمەن دەپ نېمە جاپا تارتىپ يۈرىسىز؟
    — بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى.
    — بۇمۇ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىشى. سىز ئۆزىڭىزنى ھەرقانچە پەردازلاپ كۆرسەتسىڭىزمۇ يەنىلا ئىككى بالىنىڭ ئانىسى، بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ  تېنىۋالالمايسىز. كىچىك قىزلارغا تېخىمۇ ئايلىنالمايسىز. ئادەم دېگەن ئۆزىنىڭ ھال-ئەھۋالىغا بېقىپ ئىش قىلمىسا بولمايدۇ. ئورۇقلىغان بىلەن پەرىشتىگە ئايلىنالىشىڭىز ناتايىن.
    — نېمە قاينايسىز؟
    — گەپنى ئۆزىڭىز باشلاپ، ئەمدى چىدىماي قالدىڭىزغۇ. سىزمۇ شۇنچىلىككەنسىزغۇ.
    — سىز قانچىلىكتىڭىز، توي قىلىپ ئادەم قىلىپ قويسام ماڭا دەرس ئۆتكۈدەك بولدىڭىزمۇ؟
    — مېنىڭ سىزگە دەرس ئۆتكۈممۇ يوق.
    — دەرسمۇ ئۆتەلمەيسىز.
    مېنىڭ سەن بىلەن يەنە گەپ تالاشقۇم كەلمىدى. ئىش بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايتتى. شۇڭلاشقا ئۆزۈمنى تارتىپ يان ئۆيگە ماڭغاچ ئۆز-ئۆزۈمگە:
    — توۋا، مەن تازا بىر ساراڭ خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالدىممۇ نېمە؟— دېيىشىمگە، سەن بىردىنلا مېنى سەنلەپ:
    — ھەئە، ئەمدى قېرىغاندا كۆزۈڭگە ساراڭ كۆرۈنۈۋاتامدىمەن، گېپىڭ بولسا ئوچۇقىنى قىلمامسەن؟
    — نېمە گەپنى ئوچۇق قىلغۇدەكمەن. گەپنى ئۆزىڭىز باشلىدىڭىز، ئوچۇق گەپ قىلغۇڭىز بولسا سىز دەڭ. يەنىلا سىزگە پۇرسەت بېرىمەن.
    — ئوغۇل بالا بولغاندىكىن  كېسىپ گەپ قىلمامسەن!
    — ئۇنداق قىلماڭ، پەرىخە، قوشنىلار ئاڭلىسا سەت تۇرىدۇ.
    — سەت تۇرسا تۇرمامدۇ، سەن خەقنىڭ گېپى ئۈچۈن ياشىمايدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ.
    — بولىدۇ، مەن ئويلىنىپ بولۇپ جاۋابىنى بېرەي.
    مەن شۇنداق دەپلا سىرتقا چىقىپ كەتتىم. راستتىنلا ئويلاندىم. بىراق، ساڭا نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەيتتىم. سېنىڭ مېنى بىردىنلا سەنلەپ تۇرۇپ «سېنى ئادەم قىلىپ قويدۇم، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن كېسىپ گەپ قىلمامسەن» دېگەن سۆزلىرىڭنى ئويلاپ ئاجرىشىپ كېتىشنىمۇ ئويلىدىم. بىراق، ئىككى بالىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى، مېنى گۇناھكار دادىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ئىككىلەندۈرۈپ قوياتتى. ھەتتا مەن «مېنىڭ خوتۇنۇم ساراڭ بولۇپ قاپتۇ،ئۇنىڭ بىلەن ساراڭ بولۇپ قالغان مەزگىلدە ئاجرىشىپ كەتسەم، كىشىلەر مېنى خوتۇنى ساراڭ بولۇپ قالغاندا تاشلىۋەتكەن ۋاپاسىز ئەر ئىكەن» دېيىشىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن دېگەنلەرنىمۇ ئويلىدىم. مەن ئاجرىشىپ كېتىش توغرىسىدا ئېغىز ئېچىپ قالسام، كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئارقىغا يانالماي قېلىشىمدىن تېخىمۇ ئەنسىرەيتتىم. مەن يەنىلا «قېنى، قاراپ باقاي، ئاجرىشىش نىيىتى بولسا بىر نەرسە دەيدۇ، يەنە بېشەملىك قىلسا بىر گەپ بولمامدۇ، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا بېقىپ ئىش كۆرەي» دەپ ئويلىدىم. پەرىخە، دۇنيادا ھېچكىم ھېچكىمنى ئادەم قىلىپ قويمايدۇ. بىز ئادەم دەپ يارالغانىكەنمىز، مەن سەن ياكى باشقا بىر ئادەم بىلەن بىر مەزگىل بىللە ياشىغانغا  ئادەم بولۇپ، باشقا ۋاقىتتا ھايۋانغا ياكى باشقا بىرەر مەخلۇققا ئايلىنىپ قالمايمىز. ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ نېسىۋىسىنى ئۆزىمىز يەپ ياشاۋېرىمىز. بىر ئادەمنىڭ سۆزى بىلەن ئادەملىك تەبىئىتىمىزدىن ئايرىلىپ قالمايمىز. سەن ئادەم دەپ قارىمىساڭ، يەنە كىملەردۇر ئادەم دەپ قاراۋېرىدۇ. مەن سېنىڭ بۇنداق بېشەملىكىڭنى زادىلا ئويلىماپتىكەنمەن. نېمىدېگەن تەتۈرلۈك-ھە! مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ خورلۇققا قالغاندەك ھېس قىلدىم. مېنىڭ مۇلايىم ئايالىم شۇمۇ دەپ زادىلا ئىشەنگۈم كەلمىدى. مەن «بۇ خوتۇن بىلەن مۇشۇنداق گەپ تالىشىپ بىر ئۆمۈر ياشىيالارمەنمۇ، مېنى يەنە  قانداق ئاۋارىچىلىق، دەرد-ھەسرەت، سىقىلىش، ئىزتىراپلار ساقلاپ تۇرغاندۇ» دەپ ئويلىدىم. مېنىڭ سېنى غالجىرلاشقان چېشى يولۋاسقا ئوخشاتقۇم كەلدى. مەنمۇ غالجىرلىشىشىم كېرەكمۇ؟  ياق، ئەرزىمەيدۇ! لېكىن بىز تۇرمۇشتا ئەرزىمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن رىيازەت چېكىپ، نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزنى دوغا تىكىپ، ئاخىرىدا ھېچنەرسىگە ئېرىشەلمەي پۇشايمان، ئۆكۈنۈش ئىچىدە ياشايمىز. بىز ئۇنى بەك كېچىكىپ ھېس قىلىمىز. قۇربان بەرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قالىمىز. شۇ كۈنى مەكتەپتە ياخشى ئۆتىدىغان خىزمەتدىشىم  ئالىمغا تېلېفون بەردىم. مەن ئىچىم سىقىلىپ قالسا، ئەزەلدىن بىرەرسىگە تېلېفون بېرىپ، دەرد تۆكۈپ باقمىغان.  شۇ كۈنى ئالىم بىر قاۋاقخانىدا بىرنەچچە قىزلار بىلەن ئولتۇرغانىكەن. ئالىم مېنى «ئېغىزى چىڭ، قىزلار بىلەن ئولتۇرغان ئىشلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەيدۇ» دەپ ئۆزىگە يېقىن تۇتقاچقىمىكىن، تېلېفون ئۇلىنىشى بىلەنلا سورۇنغا كېلىشىمنى ئېيتتى. مەن سورۇندا بەك ئېغىر ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئالىم پات-پات:
    — نېمە بولدى ساڭا، ئېچىلىپ ئولتۇر، قىزلار يارىمايۋاتامدۇ. يارىمىسا، قولۇمدا مال كۆپ، سېنى ئوبدان رازى قىلالايدۇ،— دېگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى.
    — نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسەن، بىر بەلەن ئولتۇرمامدىمەن.
    — ئەمىسە تانسا ئويناپ، پاراڭ قىلىپ ئولتۇرمامسەن. بۇ يەر جىمجىت ئولتۇرۇۋالىدىغان مەسچىت ياكى نەزىر پەتىسى ئەمەس، ئوغۇل-قىزلار ئولتۇرغان سورۇن.
    — گرادۇسى توشمىغان گەپ.
    — كىم بىلىدۇ، بىردەمدىن كېيىن شىر-يولۋاسقا ئايلىنامدۇ تېخى.
    سورۇندىكى قىزلارمۇ مېنى گەپتە چېقىۋالدى. شۇنداقتىمۇ مەن ئېچىلالماي قالدىم. مەن ئازراق ئىچكەندىن كېيىن قىزلارغا ئوغرىلىقچە سەپسېلىشقا باشلىدىم. قىزلارنىڭ ئارىسىدا خېلى چىرايلىق بىر قىزنىڭ كۆزى بىلەن كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم. ئۇ قىزغا ئىككىنچى قارىماسمەن دەپ تۇرۇپ، يەنە قاراپ كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قالدى. گەرچە ئالىمنىڭ يەنە  بىر ئاغىنىسى ئۇ قىزغا كۆڭلىنى چۈشەندۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، قىزنىڭ كۆزى مەن تەرەپتە ئىدى. قارىغاندا قىزنىڭ ماڭا مەيلى باردەك قىلاتتى. بىراق بىر ئاغىنىمىز ئۇنىڭغا تەلەپ قويۇۋاتسا، مەن بۇ قىزغا كۆز تاشلاپ يۈرسەم نامەردلىك بولۇپ قالمامدۇ دەپ ئويلىدىم. بىراق، ئائىلىنى، بالىلارنى، ئايالىمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنىڭمۇ نامەردلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدىم. مەن يەنىلا ئېغىر-بېسىق ھالىتىمنى ساقلاپ ئولتۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم-دە، بىر خىل پەرۋاسىز قىياپەتكە كىرىۋالدىم. ھەممەيلەن جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ، قىزىپ ئوينايتتى. ئاللىقانداقتۇر تېتىمايدىغان گەپلەرگە تېلېقىپ كۈلۈشەتتى. مېنىڭ شۇنداق ئوينىغۇم، بۇزۇلغۇم بار بولسىمۇ ئاللىقانداقتۇر بىر كۈچ گەپ قىلىشقا، ئېچىلىپ-يېيىلىپ تانسا ئويناشقا توسقۇنلۇق قىلاتتى. «مەنمۇ ئەر، ئەر بولغاندىمۇ ھېسسىياتى، قىزلارغا بولغان ئىشتىياقى ئۆلمىگەن ئەرغۇ، مەن نېمىگە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغۇدەكمەن؟» دېگەنلەرنى ئويلايتتىميۇ، ئورنۇمدىن تۇرالمايتتىم. مەن بىر خىل ئىزتىراپلىق، دېلىغۇللۇق ئىچىدە قىينىلاتتىم. دۇنيادا مەنلا ئېچىلالماي، ئوينىيالماي قالغاندەك ئۆزۈمنى نېمىگىدۇر ئەيىبلىگۈم كېلەتتى. قانداق بىچارە ھالەتتە ئولتۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن. كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قالغان ھېلىقى قىز ھېچبىر تارتىنمايلا ئۇدۇل كېلىپ، مېنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى. مەن دەرھال ئالىمغا قارىدىم. ئۇ ئويناۋەر دېگەن مەنىدە ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قىز بىلەن تانسا ئويناشقا باشلىدىم. قىز ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن:
    — قارىسام بەك ئېغىر ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز، بىرەر ئىشقا كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟— دەپ سورىدى. توۋا، بۇ قىز نېمانداق ئەقىللىق، مېنىڭ ئىچ سىرىمنى بىلىۋالغىنىنى قارىمامدىغان. بىراق، كۆرۈشكەنلا ئادەمگە دەرد تۆككىلى بولمايدۇ-دە. مەن ھېچنەرسىنى بىلمەسكە سېلىپ:
    — ئەمدى سىلەر بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشقاندا توختىماي گەپ قىلسام، مېنى تازا بىر سۇيۇق بىرنېمىكەن دەپ قالمامسىلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەمنىڭ مىجەز-خۇلقى ئوخشىمايدۇ-دە.
    — مەن سىزگە ئوخشاش ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئەرلەرنى ياخشى كۆرىمەن.
    — راستمۇ؟ ئۇنداقتا مەن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلىسام بولغۇدەك. بىراق، بۇ گەپنى ئاغىنىمىز ئاڭلاپ قالسا خاپا بولۇپ قالمىسۇن يەنە،— دېدىم مەن ھېلىقى ئاغىنىمىزنى ئىشارەت قىلىپ.
    — نېمىلەرنى دەپ يۈرىدىغانسىز. مەن ھەممىڭلار بىلەن بۈگۈن تونۇشۇۋاتىمەن. بىر-بىرسىدىن خاپا بولىدىغان ئىشمۇ يوق.
    بىز ئاشۇ پاراڭلار بىلەن بىر مەيدان تانسىنى تۈگەتتۇق. ئۇ قىز سۆزسىزلا مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇردى. ھېلىدىن بېرى ئۇنىڭغا ئىچ-پەش تارتقۇسى بار دوستىمىزمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ماڭا كۆزىنى قىسىپ ئۆتۈنۈۋەتكەنلىكىنى، مەردلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى. گەرچە ئالىم قىزلارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغانىدىم. شۇڭلاشقا ئامالسىز ھالدا ئۇنىڭ ئىسمىنى سوراشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى سورىمىسام مەندىن باشقا گەپمۇ چىقمايتتى. راست، نېمە دەيمەن ئەمىسە.
    — ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟
    —نېمىشقا بولمىغۇدەك، ئىسمىم شاراپەت.
    — ئىسمىڭىز يېقىملىقكەن.
    — ئادەمنى مەسخىرە قىلماڭ.
    — مەن باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ نېمىگە ئېرىشەرمەن.
    — ئۆزىڭىز بىلەرسىز. ئەرلەر قەستەن ئادەم كولدۇرلىتىشقا ئۇستا.
    — بىراق، مەن سىز دېگەن شەھەردىن چىقمىغان.
    بىزنىڭ پارىڭىمىز شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. مەن ئۆزۈمگە شۇنداق ھەيران قالدىم. توۋا، سەن بىلەن شۇنداق تەستە تونۇشۇپ، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانىدىم. بىراق، بۇ قىز بىلەن شۇنداق ئاسانلا تونۇشۇپ قالدىم. تۇرمۇشتا ئادەم ھامان نۇرغۇن   ئاددىي ئىشلارنى مۇرەككەپ ئويلىۋېلىپ ئۆزىمىزنى ئازابلايدىكەنمىز، قىينىلىپ يۈرىدىكەنمىز. پەرىخە، مەن ئۆزۈمنىڭ بولمىغۇر، ناشايان ئىشلىرىمنى ساڭا دەپ «مېنىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم چىقىدىكەن، مەنمۇ ئوينىغان» دەپ سېنىڭ ئالدىڭدا پەخىرلەنمەكچى، ماختىنىپ، ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويماقچى ئەمەسمەن. پەقەت ئۆزۈمنىڭ سەن بىلەن ئەر-خوتۇنچىلىق مۇناسىۋىتىمىز ئۈزۈلمىگەن ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ قانداق ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىمنى، نېمىدىن تەسەللى ئىزدەپ ياشىغانلىقىمنى ساڭا بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن. شۇ كۈنى كەچتە مەن ئۆيگە قايتالمىدىم. مەن شۇ كېچىسى ئاخىر ئۆزۈمنى بۇزۇۋالدىم. بۇ ئىشىم ئۈچۈن ھەرگىز ئۆكۈنمەيمەن، پۇشايمان قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا، ئۇنىڭ تەسەللىسىگە، سۆيۈشىگە نائىل بولدۇم. مەن ئۆزۈمنى «ۋاقىتلىق ھېسسىياتنىڭ  قۇربانى قىلىۋەتتىم» دەپمۇ ئويلىمايمەن. مەن ئۇنىڭدىن مىڭ مەرتىۋە رازى. بىز ئۆزىمىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىپ بولۇپلا، بىزگە بەدەل تۆلىگۈچىنى خارلاپ قويساق ئۆزىمىزنىڭ تايىنى يوق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى ئاشكارا قىلىمىز. ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا يەنىلا مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، ھۆرمەتنىڭ بارلىقىنى ئۆزىمىزگە بولسىمۇ بىلدۈرۈپ قويالىساق، بۇمۇ بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇلۇغ تەسەللى ئىكەن. مەن شاراپەت بىلەن ناھايىتى كۆپ پاراڭلارنى قىلىشتىم. ئۇ كۈلۈپ يۈرگەندەك قىلغىنى بىلەن دەردىمۇ ئاز ئەمەسكەن.  ئۇنىڭ ئېرى دائىم ھاراق ئىچىپ، ئۆيگە كەلسىلا خوتۇنى بىلەن ئورۇنسىز جېدەللىشىپ، سەۋەبسىز دۇمبالايدىكەن. ئاخىرى خروئىن چېكىپ ئىشتىن قوغلىنىپ، ئۆيدىكى مال-بىساتىنى سېتىپ تۈگىتىپ، ئائىلىسىنى قاق سەنەم قىلىپ قويۇپ پانىي ئالەم بىلەن خوشلىشىپتۇ. بۇنداق بەختسىز ئائىلە بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز يەنىلا خاتىرجەم ئىكەندۇق. شاراپەت مەندىن:
    — خوتۇن-بالىلىرىڭىز بارمۇ؟— دەپ سورىغاندا، مەن نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي قالدىم. ئۇزاق ئويلاندىم. بار، ئايالىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىز تازا ياخشى ئەمەس دېمەكچىمۇ بولدۇم. ئاخىر:
    — نېمە دېسەم بولار،— دېگەن تولىمۇ مۈجمەل سۆزنى قىلدىم.
    — يالغان گەپ قىلغۇڭىز كەلمەيۋاتامدۇ، بولسا بار دەۋېرىڭ، مەن سىزنى ۋاپاسىزكەن دەپ قارىمايمەن.
    — نېمىشقا؟
    — بەزىدە ئادەمنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىمۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، باشقىلاردىن تەسەللى ئىزدىگۈسى كېلىپ قالىدىغان مەزگىللىرى بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن ئائىلىنى ۋەيرانمۇ قىلىۋەتمەيدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئائىلىڭىزنى بۇزۇپ، سىزگە تېگىۋالماقچى ئەمەسمەن. ھاياتتا ئادەمنىڭ بىر-ئىككى يېقىن سىردىشى، دوستى بولمىسا ئۆزىنى مىسكىن، بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئائىلە باشقا بىر تەسەللى، سىرتتىكى مۇھەببەت باشقا بىر تەسەللى.
    — بۇنداق بولمىسا ھاياتنىڭ  مەنىسىمۇ بولمايدۇ دەڭ. قارىسام خېلى بولۇپ قالىدىغان قىزكەنسىز.
    — مېنى سورۇنمۇ سورۇن قاتراپ يۈرىدىغان لالما ئادەم كۆرۈپ قالغانمىدىڭىز؟
    — مېنىڭ سىز بىلەن ئارىلاشقۇم كېلىۋاتىدۇ.
    — خوتۇنىڭىزنى قويۇۋېتىپ مېنى ئەمرىڭىزگە ئالىمەن دېمەيدىغانسىز.
    — شۇنداق قىلسام نېمە بوپتۇ.
    — ئۇنداق قىلسىڭىز ئىككىمىز ئارىلىشىپ بولالمىغۇدەكمىز.
    — نېمىشقا؟
    — مېنىڭ يەنە بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلغۇم يوق. ھەممە نەرسە مەن بىلەن تۈگەپ كەتسىكەن دەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئائىلە قۇردۇم دەپ بەك ھېرىپ كەتتىم. مېنىڭ باشقىلارغا بەدەل تۆلىگۈدەك ھالىممۇ يوق. تۇرمۇشتا بىر خىل ئەركىن-ئازادە ھالەتتە ياشىغۇم بار. قىزىمنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرسەم بولدى. مېنىڭ يەنە ئارتۇق تەلەپ قىلىدىغىنىممۇ يوق.
    شۇ كۈنى مەن گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويدۇم. ئەمما، مەن شۇ ئارقىلىق ئايالىمدىن قورساق كۆپىكىمنى چىقىرىۋالغاندەك، قىساسىمنى ئېلىپ ئەرلىك نومۇسۇمنى ئاقلىغاندەك ھېس قىلدىم. مەن بۇنىڭغا مىڭ مەرتىۋە رازى. بۇ مەن ئۈچۈن سۆيۈملۈك بۇزۇلۇش بولدى. ھاياتتا ئادەمنىڭ  ھالقىلىق مەزگىلدە ئەسقاتقان كىشىسىنى ئۇنتۇپ قالغۇسى كەلمەيدىكەن. مەن ئۇزۇندىن بۇيان بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ياشاپ، ئايال زاتى بىلەن تۈزۈك پاراڭلىشىپ باقمىغاچقىمىكىن، ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىلدىم. مەن شاراپەت بىلەن بىر كارىۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ سېنى ئويلىدىم. ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ ئاشۇنداق گۈزەل دەقىقىلەر بولغان! بىراق، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بارغانسېرى يوقاپ كېتىۋاتاتتى. ئۆزۈمنى ھاڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. ماڭا ئامال قانچە؟ مەن بۇنداق شېرىن تۇيغۇغا چۆمۈلۈپ مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغىلى بەك ئۇزۇن بولۇپتىكەن. مەندىكى بىر خىل چاڭقاش، ئېچىرقاش، ئاللىقانداقتۇر نەرسىنى زارىقىپ كۈتۈش مېنى ئۆزۈمگىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى شاراپەتنىڭ قوينىدا يېتىپ تۇرۇپ ھېس قىلدىم. مەندىكى مۇھەببەت، ھېسسىيات ئۆلمىگەنىدى. دۇنيانىڭ بەزىبىر ئىشلىرىنى ئادەم بەك مۇرەككەپ، سىرلىق ئويلىۋالسا ئۆزىنى قىيناپ قويىدىغان ئىش يۈز بېرىدىكەن. مەن ئۆزۈمنىڭ راستتىنلا بىر قۇرتقا، قۇرت بولغاندىمۇ نىمجان قۇرتقا ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى بىلىپ قالدىم. ئەسلىدە ئادەم نەزىرىنى يىراققا تىكىپ، كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ ياشىسا ئۆزىنى راھەت ھېس قىلىدىكەن. شاراپەت ماڭا بىر خىل ئۈمىد، بىر خىل ئىرادە، بىر خىل كۈچ بېغىشلىغاندەك قىلاتتى. ھايات دېگەن بۇلا ئەمەسكەن دەپ ئويلىدىم. ئېھتىمال مەن خىزمەت، ئائىلە دەپ پالاقلاپ يۈرۈپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىدىن بىخەۋەر قالغاندىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆكۈنۈش ھاجەتسىز. چۈنكى،  ياشاش جەريانىدا ئادەم مەلۇم بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن ھاياتنىڭ، تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى، قىممىتىنى، ماھىيىتىنى چۈشىنىۋالىدىكەن. لېكىن، مەن نېمىنى چۈشەندىم. مەن ھاياتىمدا قانچىلىك نەرسەمنى دوغا تىكىپ ئۇتتۇرۇۋەتكەندىمەن، يوقاتقاندىمەن؟ ئەمەلىيەتتە مەن ھېچنەرسىنى ئۇتتۇرۇۋەتمىدىم، ھېچنەرسەمدىنمۇ ئايرىلىپ قالمىدىم. پەقەت تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى خاتا چۈشىنىپ ياشاپ كەلدىم. مۇشۇنداق خاتا چۈشىنىش ئادەمنى  بىر نەرسىسىدىن ئايرىپ قويغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. ئويلاپ باقسام، مەن يەنىلا ئۆزۈمگە ئېشىپ قاپتىمەن. بۇ ئەسلىدىنلا ئاشۇنداق بولىدىغان ئىش ئەمەسمۇ!
    مەن بالىلىرىمنى دېمىسەم بىرنەچچە كۈن ئۆيگە كىرمەسلىكنىمۇ ئويلىغانىدىم. بىراق، شاراپەت بۇنىڭغا زادىلا قوشۇلغىلى ئۇنىمىدى.
    — ئىككىمىز بىر يەرلەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەيلىمۇ؟
    — نېمە بوپسىز ئەمدى؟ تونۇشا-تونۇشمايلا قىزىق گەپ بولدىغۇ بۇ. قارىغاندا ئايالىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى ئەمەس ئوخشىمامدۇ.
    — نورمال.
    — ئايالىڭىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ، ئايالىڭىزغا قېيىداپ شۇنداق قىلىۋاتامسىز؟ مەن دېگەن بويتاق، قانداق ياشىسام بولىۋېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئايالىنى خارلىغان ئەرلەرگە بەك ئۆچ! ئويۇن دېگەننىڭمۇ يولى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، سىز مۇئەللىم بولغاندىكىن بۇلارنى مېنىڭدىن ياخشىراق چۈشىنىسىز.
    — راستىنى ئېيتسام، مېنىڭ يىراق بىر يەرلەرگە كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ.
    — قارىغاندا ئىككىڭلار بىرنەرسە دېيىشىپ قاپسىلەر-دە، ئائىلە دېگەندە ئۇنداق-مۇنداق  ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، بىرسىمىز كايىپ كەتسەك يەنە بىرسىمىز جىم تۇرۇۋالساق، ھەممە ئىشلار ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كېتىدۇ. «پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىغىلى بولماپتۇ» دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ. ئىككى بالىڭىز بار ئىكەن، ھېچبولمىسا شۇلارنى ئويلىمامسىز.
    — شۇلارنى ئويلىغاچقا ھازىرغىچە بىللە ياشاپ كېلىۋاتىمەن. مەن بىرەرسىنى كۆرسەملا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغانلاردىن، ھەممە نەرسىسىدىن ۋاز كېچىدىغانلاردىن ئەمەس. ئېھتىمال تۇرمۇشتىكى ئىشلار مەن ئويلىغاندەك ئەمەستۇ. بەدەل تۆلەشكە تېگىشلىك ئادىمىڭىز بولسا، بەدەل تۆلىسىڭىز ئەرزىيدۇ.
    — قارىغاندا، سىزمۇ بىر بۇزۇقمۇ نېمە؟
    — بۇنداق دېسىڭىز ماڭا ئۇۋال قىلغان بولىسىز. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم باشقا ئايال زاتى بىلەن بىرگە بولۇشۇم.
    — قاراشتىغۇ خېلى دۇرۇس ئەردەك قىلىسىز. جەمئىيەت بىلەنمۇ ئارىلىشىپ تۇرمىسىڭىز نۇرغۇن نەرسىدىن خەۋەرسىز قالىسىز. بېشىڭىزغا بېرەر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا كۆتۈرەلمەي قالماڭ يەنە.
    — مەن ئۆزۈمگە بەك ئىشىنىپ كېتىدىغان ئوخشايمەن.
    — ھەر ھالدا ئويلىنىپ  ئىش قىلغىنىڭىز تۈزۈك. مېنىڭ باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ئادىتىم يوق. مەنمۇ ئەرنىڭ زۇلۇمىنى بولۇشىغا تارتقان، توي قىلغانغا پەندىيات دېگەن. ياخشى ئەر بولسا كىمنىڭ ئۆي تۇتقۇسى يوق. ئېرىمنىڭ تاياق-توقمىقىنىڭ دەستىدىن «ئەر خەق دېگەننىڭ چىرايىغىمۇ قارىماسمەن» دەپ قەسەم ئىچىۋەتكىلى تاسلا قالغانمەن. «سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق» دېگەن شۇ.
    — ئەتراپىمىزدا ئۆزىنى ئادەم دەپ ئاتىۋالغان نۇرغۇن نامەرد، نومۇسسىز بەندىلەرمۇ ئاز ئەمەس. سىز ئۇنى دەسلەپتە ياخشى كىشى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ خاتا تاللىۋالىسىز. ئۇنىڭ ناچارلىقىنى بايقىغان ۋاقتىڭىزدا ئارقىڭىزغا يانالماي قالىسىز. كىچىكلىك قىلىپ ئۇنىڭغا ئالدانغانلىقىڭىزنى  بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ، ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالمايسىز. چۈنكى، سىز ئۇنىڭغا تۆلىگەن بەدىلىڭىزگە ئىشىنىپ، ھامان ئوڭشىلىپ قالىدۇ دېگەن ئۈمىد بىلەن ياشاۋېرىسىز. قارشى تەرەپ سىزنىڭ بۇنداق ئاجىزلىقىڭىزدىن پايدىلىنىپ، قىلغۇلۇقنى قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ. بۇ خىل قىسمەتكە نۇرغۇنلىرىمىز باغلىنىپ قالغان. بىز قانداق قۇتۇلۇشنى بىلمەي ئاخىر چاندۇرماي گۇناھلىق ئىش قىلىپ، كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرۇپ باشقا بىرسىدىن تەسەللى تېپىپ ياشاۋېرىمىز.
    — بۇنداق تەسەللى تېخىمۇ تاتلىق ھەم شېرىن ئازاب ئىچىدە ئۆتىدۇ.
    — قارىغاندا، خېلى تەجرىبىلىكتەك كۆرۈنىسىز.
    — بۇرۇن مەن بىرسى بىلەن يۈرۈپ باققان.
    — ئېرىڭىز بار چاغدىمۇ؟
    — ئۇنى ياخشى كۆرمىسەم قانداق قىلىمەن. كىچىكلىكىمدە ئىش مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دەپ توي قىلىپ قاپتىكەنمەن. ئەر ناچار چىقىپ قالسا شۇنداق قىلماي ئامالىڭىزمۇ يوق ئىكەن.
    — ھېلىقى سۆيگۈنىڭىز بىلەن قانداق ئايرىلىپ كەتتىڭلار؟
    — چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى. شۇنداق ياخشى يىگىت ئىدى.
    — ئەمدى مەن بىلەن ئارىلىشامسىز؟
    — رەھمەت، ئۈمرۈمدە مەن بىرسىنى ھەقىقىي  ياخشى كۆرسەملا بولدى. قالغىنى ماڭا ئارتۇقچە.
    — ھازىر كۆڭۈل خۇشى يۈرىدىكەنسىز-دە.
    — بۇ جاھاننىڭ ۋاي دەپ كەتكۈدەك يەنە نېمىسى بار دەيسىز؟
    پەرىخە، مەن شاراپەت بىلەن ئەنە شۇنداق پاراڭلارنى قىلىشتىم. مەن شاراپەتنىڭ «ئەر ناچار چىقىپ قالسا شۇنداق قىلماي ئامالىڭىز يوق ئىكەن» دېگەن سۆزىنى ئويلاپ «مەنمۇ ناچار، بولۇمسىز ئەر بولسام كېرەك» دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۆزۈمنىڭ  سەۋەنلىكلىرىم ئۈستىدە ئويلاندىم. مەندىن ھېچقانداق سەۋەنلىك ئۆتۈلمىگەندەكلا تۇيۇلدى. ئاخىر ھەركىمنىڭ ياشاش يولى ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن شۇنداق دېگەندۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم. بىراق، ئۇنىڭغا سېنىڭ ئاخشاملىرى ۋاقتىدا ئۆينى تاپالمايدىغانلىقىڭنى، بۇرۇنقى پەرىخەگە ئوخشىماي قالغانلىقىڭنى مەنمەنچى، ئۆزۈمچىل، بۇرۇنقى ھالىتىڭدىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغانلىقىنى ئېيتمىدىم. بۇنداق قىلىش سېنى ئۇنىڭغا ئەسكى كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى ئۆزۈمنىڭ بولۇمسىز ئەر ئىكەنلىكىمنى ئاشكارىلاش بولۇپ قالىدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. بىلىمەن، جەمئىيىتىمىزدە ئەردىن تەلىيى كەلمىگەن نۇرغۇنلىغان ياخشى ئاياللار باردۇر. بۇ شۇنداق جاھان! بىز لېۋىمىزنى مەھكەم چىشلەپ، ئىچىمىز قان-زەرداپقا تولۇپ كەتسىمۇ، چاندۇرماي ئۈن-تىنسىز ياشايمىز. بىز نۇرغۇن نەرسىگە باغلىنىپ قالغان. بىز كۆڭلىمىزدە بۇنداق باغلىنىپ قالغان نەرسىلەردىن قۇتۇلماقچى بولساقمۇ، بىزنى بىر خىل سېھرىي كۈچ كونترول قىلىۋالغاندەك ھېچنەرسىدىن چەتنىيەلمەي قالىمىز. پەقەت سەۋر-پەيمانىمىز توشقاندىلا بىزنى باغلاپ تۇرغان ئارغامچىنى ئۈزۈپ تاشلايمىز! مەن بىر كېچە ئۆيگە كىرمىگەن كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ سەۋرى قاچىمىزنىڭ سۈيى بارغانسېرى تېزلىك بىلەن تولۇشقا باشلىدى. ئىككىمىز بەسلىشىپ قالغانىدۇق. بىز ئاجرىشىپ كەتمىسەك بولمايتتى. چۈنكى، ئوتتۇرىمىزدا ئاللىقاچان ياتلىشىش پەيدا بولغانىدى. بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىمىز ئېھتىمال مەڭگۈ ئېسىڭدىن چىقمىسا كېرەك. سەن شۇ  كۈنى ھاراقنى خېلىلا كۆپ ئىچكەندەك قىلاتتىڭ. مېنى سەسكەندۈرگىنى قىزىل ھاراق ئەمەس، بەلكى ئاق ھاراقنىڭ ئۆتكۈر پۇرىقى ئىدى. ئىككىمىز ئالدىنقى قېتىم ئۇرۇشۇپ قالغاندىن بۇيان ماي تارتىشىپ، گەپ قىلماي يۈرگەنىدۇق، سېنىڭ پەيلىڭدىن مەن بىلەن ھېساب-كىتاب قىلىشىدىغانلىقىڭ چىقىپ تۇراتتى.
    — بۈگۈن، ئەجەب ئۆيدە ئولتۇرۇپ قاپسىزغۇ؟
    — بۇ خاتا ئىشمۇ؟
    — قىز دوستلىرىڭىز بىلەن يامانلىشىپ قالغان ئوخشىمامسىز؟
    — زۇۋانىڭىزغا نېمە بولدى سىزنىڭ، سەن دېگۈچە مەن دەۋالاي دېمەكچىمۇسىز.
    — گېپىڭىز بولسا ئوچۇقىنى قىلىڭ. بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز ئەنە يول.
    — سىز ماڭا يول كۆرسىتىپ بەرمىسىڭىزمۇ مەن قانداق مېڭىشنى ئۆزۈم بىلىمەن. ئىككى بالىنىڭ يۈزىنى قىلىپ گەپ قىلمىغاندىكىن، ئۆزىڭىزنى بىلىپ يۈرۈڭ. بۇ چىدىغانغا چىقارغان جاھان، چىدىمىسىڭىز سىزمۇ گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلىڭ. نېمە گەپ قىلمىسام.
    — بولمىسا قانداق قىلاتتىڭىز.
    — تەستەككە يەيسىز.
    — ۋىيەي، سىزما؟ ماڭا ئاتا-ئاناممۇ ئالىيىپ قاراپ باققان ئەمەس.
    — تولا ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ، ھېلى بىكار...
    — ئۇرۇپ باقە، قېنى.
    سەن ئالدىمغا دېۋەيلەپ كېلىۋەردىڭ. ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ نەدىن كەلگەن جۈرئەتكىنتاڭ، سېنى كېلىشتۈرۈپ بىرنى سېلىپ ئوڭداڭغا ئۇچۇرۇۋەتتىم. سەن بىر چىرقىراپلا كرېسلوغا ئۆزۈڭنى تاشلىدىڭ. مەن ئۇرغاندىكىن ئارقا-ئارقىدىن مانا دەپ دەسسەپ كېتەي دېدىميۇ، يەنە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلپەر يۈگۈرۈپ چىقىپ مېنى تۇتۇۋالدى. پەرۋەرنىڭ يىغا ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى. سەن بىردەم تۇرۇۋېلىپ، ئورنىڭدىن تۇرۇپ ئېتىلىپ كەلدىڭ-دە، ياقامغا ئېسىلماقچى بولدۇڭ. سەن توختىماي ۋارقىرايتتىڭ.
    — ئۇرە لۈكچەك! سەن تېخى مېنى ئۇرغۇدەك بولدۇڭمۇ؟ قېنى ئۇرمامسەن، سەن خوتۇن كىشىنى ئۇرىدىغان نوچىغۇ، قېنى ئۇرمامسەن دەيمەن. بۈگۈن مەن سەن بىلەن نېمە بولسام مەيلى.
    — يەنە تاياق يېگۈڭىز بار ئوخشىمامدۇ. سىزگە ھاراقنى مەن ئىچكۈزۈپ قويدۇممۇ.
    — ئىچىمەن تازا، قانداق قىلالايتتىڭ، ئەجەب سەن ئىچسەڭ گەپ يوق، مەن ئىچسەم نېمە بوپتۇ؟
    بىز شۇنداق تاكاللىشىۋاتقاندا يان قوشنىمىز ئىشىكنى چېكىپ تۇرۇۋالدى. مەن ئامالسىز ئىشىكنى ئاچتىم. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى رەسۋاچىلىققا قالغاندەك، ئوغرىلىق قىلىپ ياكى بىرەرسى بىلەن ئويناپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. يان قوشنىمىز ئەر-ئايال ئىككىسى تەڭ كىرگەنىدى. ئايالى سېنى ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئەر قوشنىمىز  ماڭا بىر تال تاماكا تۇتۇپ:
    — ئىناقلىقتا قوشنىلارنىڭ ئالدى ئىدىڭلار، سىلەرگە كۆز تەگدىمۇ نېمە؟ ئىككى بالا بولغاندا نېمە سەتچىلىك بۇ، زادى تالاشقۇدەك نېمىش بولدى؟— دېدى.
    — گەپ تەگىشىپ قالدۇق.
    — گەپ تەگىشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ چىرايلىق ھەل قىلساڭلار بولمامدۇ.
    قوشنىلىرىمىز بىزگە بالىلارنىڭ چوڭ بولۇپ قالغانلىقىنى، سوقۇشۇپ يۈرسەك قوشنىلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدىغانلىقىنى، كىشىلەر ئالدىدا ئابرۇيلۇق ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىپ، خېلى كۆپ  نەسىھەتلەرنى قىلغاندىن كېيىن چىقىپ كېتىشتى. سەن ياتاق ئۆيدە خىتىلداپ يىغلاپ ئولتۇراتتىڭ. مەن سىرتقا چىقىپ كېتىشنى، شاراپەتكە تېلېفون بېرىپ ھال-مۇڭ بولۇشنىمۇ ئويلىدىم. مېنىڭ بۇ نۆۋەت ئۆزۈمگە سەۋەنلىك ھەم ئەيىب  قويغۇم كەلمىدى. شۇنداقتىمۇ سېنىڭ «قىز دوستلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشكىلى چىقمىدىڭىزمۇ» دېگەن سۆزۈڭ مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. شاراپەت بىلەن بولغان ئىشىمىزنى بىرەرسى ئېيتىپ قويدىمۇ نېمە دەپ گۇمانمۇ قىلدىم. «ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە» دېگەندەك ئەل-ئاغىنىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنىمۇ بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەي، باشقىلارنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكلىرىگىمۇ كانىدەك چاپلىشىۋالىدۇ. ئۇلار كۆرۈنۈشتە مەغرۇر، چىداملىق، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىدەك قىلغىنى بىلەن باشقىلارنىڭ كىچىككىنە غەلىبىسىنى، تەلىيىنى كۆرەلمەي ئازاب، ھەسرەت چوغىدا پۇچىلىنىپ، ھامان ئاللىقانداقتۇر تۈكى يوق ئاماللار بىلەن پېيىڭنى قىرقىماقچى، سېنىڭ ئازابىڭدىن، كۆز يېشىڭدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئۆزىگە تەسەللى ئىزدىمەكچى بولىدۇ. سەن بۇلارنى ئويلىساڭ بىرەرسى بىلەن دوستلىشىپ، ئارىلىشىپ يۈرگۈڭمۇ كەلمەيدىكەن.
    پەرىخە، مەن ھېلىقى كۈنى كەچتە ئۆزۈمنى يەنە غېرىبلىق ئىچىدە قالدۇرۇشنى، كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىشنى زادىلا خالىمايتتىم. مەن ئەمدى ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويسام بولمايتتى. مەن ئۆزۈمگە خاس يولۇمنى تاپمىسام پۈتۈنلەي تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. مەن ھاقارەتلەندىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ ئولتۇردۇم. سۈكۈت، سۈكۈت، يەنە سۈكۈت!... بۇلار كىم ئۈچۈن؟! زادى كىم ئۈچۈن؟ مەن يەنە قانچىلىك ياشايمەن؟ يۈز ياشقا كىرىشىم بارمۇ؟ مەن ئادەملەرگە، تۇرمۇشقا، كىشىلىك ھاياتقا نېمىشقا ئاددىي كۆزۈم بىلەن ئەركىن-ئازادە ھالەتتە قارىيالمايمەن، نەزەر تاشلىيالمايمەن؟ ئۆزۈمگە نېمىشقا بېسىم پەيدا قىلىۋېلىپ ياشايمەن؟ نېمىشقا ھەممە نەرسە تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغاندەك ماڭىلا سىرلىق بىلىنىدۇ؟... ھالقىلىق پەيتتە چاپان سېلىپ، مەيدىسىنى كېرىپ مەيدانغا  چىقالاشمۇ ھەممە ئەركەكنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش بولمىسا كېرەك. بەزىدە قۇرۇق سەپسەتە، ۋەز-نەسىھەت، كېلىشتۈرمىچىلىك ھېچنەرسىنى ھەل قىلالمايدىكەن، بەلكى سېنى بەكمۇ ئاجىز، ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. دېمەكچىمەنكى،  سەمىمىيلىك قىلمىسىمۇ  بولىدىغان ئىشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىش لازىم ئىكەن. تەقدىر-پېشانە دېگەن نېمە ئۇ؟ تەقدىر-پېشانە دېگەن ئامالسىز ئۆزىمىزنى ئالدايدىغان ساختا تەسەللى! مەن سەن بىلەن بۇ نۆۋەت ئوبدانلا دېيىشىپ قىلىپ ئۆزۈمنى بىردىنلا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. بۇنداق ئىشلار قايسى ئەر-خوتۇننىڭ ئارىسىدا يۈز بەرمەيدۇ. نورمال ئەھۋالغۇ دېدىم ئۆزۈمگە. ئويلاپ باقساڭ، سەن ئۈزلۈكسىز ھالدا توختىماي سۇ كىرىپ تۇرغان كۆلنىڭ ئەتراپىنى ھەرقانچە قىرلىساڭمۇ سۇ ھامان قىرنى ئېلىپ كېتىدۇ. سەنمۇ قىرلاپ، قاشنى ئېگىزلىتىپ ھېرىپ، ئاخىر قىرلاشتىن ۋاز كېچىسەن. ئەمەلىيەتتىمۇ زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئائىلە بىلەن سۇ كىرىۋېرىپ تېشىپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان كۆلنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. سەن كۆل سۈيىنى مەلۇم بىر مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن توسۇپ قالماقچى بولغاندەك، ئائىلىنىمۇ مەلۇم بىر خۇشاللىققا، تەسەللىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ساقلاپ قالماقچى بولىسەن. بۇ يەردىكى پەرق پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. بىرسىنى مۇھىم، بىرسىنى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىۋېلىشتا. ھەر ئىككىسىگە بەدەل تۆلەيسەن. بەدەلنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىگە قارا! سېنىڭ كۆل سۈيىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىردىنبىر چارەڭ، باشقا بىر كۆل چېپىش ياكى ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرىۋاتقان سۇنى باشقا ياققا باشلىۋېتىش. ئائىلىدىمۇ ئەنە شۇنداق تاللاش ئىمكانىيىتى يوق ئەمەس، سەن مۇرەككەپ ئويلىۋالمىساڭلا بولدى!... ئاۋارىچىلىققا يولۇققان ئادەم ئاۋارىچىلىقتىن قايسى يول بىلەن قۇتۇلۇپ چىقسۇن، ئادەم ھامان ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلماي قالمايدۇ. سەن دۈمبەڭگە يۈك ئارتىشنىمۇ، يۈكنى ئىرغىتىپ تاشلاشنىمۇ بىلسەڭ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قىيناشتىن، ئازابلاشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالايسەن! يوقىتىپ  قويغىنىڭدىنمۇ ئۆكۈنمەيسەن. ئازابلىق ياشلىرىڭمۇ  تۆكۈلمەيدۇ! چۈنكى ھايات يىغلاشمۇ ئەمەس، كۈلۈشمۇ ئەمەس! ھاياتتا ھەر ئىككىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەن! پەرىخە، مەن راستتىنلا ئۆزۈمنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. روھىمدا بىر خىل ساڭا قىيماسلىق، چىدىماي قېلىشتەك ئوي-خىياللار بارمۇ، يوق دەپ كۆڭلۈمنىڭ ئەڭ ئىچكى جايلىرىنى مالتىلاپ چىقتىم. سەن توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ئاللىقاچان ئۆچۈپ كېتىپتۇ. مېنىڭ خاتىرەم ئۆزۈمگە شۇنداق ئاق، غۇبارسىز كۆرۈندى. شاراپەتنى ئىزدىسەم ئۆزۈمنى مۇشۇنداق پەيتتە ئەڭ ئاجىز ئەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەنمەن دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاچقا، باشقا ئىشلارنى ئويلاشقا نەدە چولا دەيسەن؟ ئانام ئاخىر ئۆلۈپ كەتتى. ئانام ياتاقتا يېتىپ قالغاندا سەن بىر-ئىككى قېتىم يوقلاپ كەلگەن بولدۇڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن سېنىڭدىن رەنجىپ كەتمىدىم. چۈنكى ئىككىمىز ئاجرىشىپ كەتسەكلا يات ئادەمگە، دۈشمەنگە  ئايلىنىپ قالىمىز ئەمەسمۇ! ئانام دوختۇرخانىدا ياتقاندا بىر قېتىم مەندىن:
    — بالام، پەرىخە بىلەن بىرنەرسە دېيىشىپ قالمىغانسىلەر؟— دەپ سوراپ قالدى. مەن بىرنەر سە دېيىشىپ قالدىم، دەمدىمەن.
    — قانداق دەيسەن؟— دېدىم بىر خىل بىئاراملىق ئىچىدە.
    — قارىسام پەرىخە خاپا چىراي كۆرۈنىدۇ.
    — دېيىشىغان نېمە بار، بىز شۇنداق ياخشىغۇ. ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى بىلىسەن. ئىشلەپ ھېرىپ قالغاندۇ.
    — ئىناق ئۆتۈپ كەتكىنىڭلار ياخشى، بالام. ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۆزۈڭلار خالاپ توي قىلغان.
    — نېمىلەرنى دەپ يۈرىدىغانسەن، سەن خاتىرجەم داۋالىنىۋەرگىنە.
    ئانامنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپمۇ مەن ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلۈم بىرقىسمىلا بولۇپ قالدى. مەن سىرتقا تاماكا چېكىش ئۈچۈن يېنىپ چىقتىم. توۋا، بۇ ئىشنى ئانامنىڭمۇ سېزىپ قالغانلىقىنى قارىمامدىغان. ئۆلۈپ كەتسە روھى قورۇنۇپ قالارمۇ دېگەنلەرنىمۇ ئويلىدىم. ئادەم شاھى-سۇلتان بولۇپ كەتسىمۇ يەنىلا ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر- مۇھەببىتىگە موھتاج بولىدىكەن، پەرىخە.
    پەرىخە، ئاجرىشىپ كېتىش ئالدىدا دېگەنلىرىڭ ئېسىڭدە باردۇ؟ ئەمەلىيەتتە پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئۆزى ھەر بىر ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن بەك كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى. سېنىڭ قولۇڭدىن باشقا ئىشلار كەلمىسىمۇ، ئاللىقانداقتۇر نەتىجىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىساڭمۇ، بالا تەربىيىلەشنىڭ ئۆزى بىر خىل ئەمگەك، بىر خىل مېۋىنى كۆرۈش، بىر خىل كۆڭۈللۈك خىزمەتنى تاماملاش، بىر خىل ھۇزۇرلىنىش ھېسابلىناتتى. قارىغاندا سەن بۇ خىل ھۇزۇرنىڭ لەززىتىنى مەڭگۈ ھېس قىلالمايدىغان، تېتىيالمايدىغان ئوخشايسەن!
    پەرىخە، بىز ئۇرۇشۇپ قالغاننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئون نەچچە كۈن ئاناڭنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتكەن بولدۇڭ. ئەمەلىيەتتە بىر ئائىلىنى ئىككىمىز تۇتقان بولغاندىكىن، قانداق گەپ بولسا يۈز تۇرانە دېيىشكەن بولساق ياخشى بولاتتى. يامانلاپ كېتىشىڭنىڭ قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. بۇ ئىش تۈپەيلى مەن «پەرىخە بىلەن ئاجرىشىپ كەتسەم بولىدىكەن» دېگەن نىيەتكە كەلدىم. سەنمۇ مەندىن بۇرۇنراق ئاجرىشىش نىيىتىگە كېلىپ بولغانىدىڭ. مەن ئاجرىشىش توغرىسىدا بىرەرسى بىلەن كېڭىشىپمۇ باقمىدىم. سەن بىلەن توي قىلغاندا سېنى بىرسى ماڭا زورلاپ ئېلىپ بەرمىگەندىكىن، ئاجراشقاندىمۇ باشقىلارنى كېڭىشىشكە تەكلىپ قىلسام بولمايدۇ-دە. نەچچە كۈندىن كېيىن ماڭا سوتتىن چاقىرىق قەغەز كەلدى. مەن ھەيران قالمىدىم. سېنىڭ ئەرزنامەڭدىن «ھېسسىيات جەھەتتىن كېلىشەلمىدۇق» دېگەن سۆزۈڭنى ئوقۇپ كۈلۈپ  تاشلىغىلى تاسلا قالدىم. «مەن ئەسلىدە پەرىخەنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالماپتىمەن، ئۆزۈمگە مايىل قىلالماپتىمەن، ئەرلىكىمنى كۆرسىتەلمەپتىمەن، مېنىڭ تېخى ئۆي تۇتۇپ كەتكۈدەك تەجرىبەم، قابىلىيىتىم يوق ئىكەن. سوتتا يەنە قانداق تاماشا يۈز بېرەر، پەرىخە يەنە  قانداق كومېدىيىلەرنى ئويناپ چىقار» دېگەنلەرنى ئويلاپ سوتقا باردىم. سەن چىرايىڭدىن قار-مۇز ياغدۇرۇپ، كۆزلىرىڭدىن جۇت-شىۋىرغان چىقىرىپ ئولتۇراتتىڭ. سوتچى مەندىن:
    — راستتىنلا ئاجرىشىپ كەتمەكچىمۇ؟— دەپ سورىدى.
    — مېنىڭ باشقىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدىغان ئادىتىم يوق،— دەپ جاۋاب بەردىم مەن.
    — ئاراڭلاردا ئىككى بالا بار ئىكەن. ئۇنى قانداق قىلىسىلەر؟
    — قارشى تەرەپنىڭ ئىلتىپاتىغا باغلىق.
    — سەن خىيالىڭدا بالىلارنى مېنى ئالامدىكىن دەپ قالدىڭمۇ، بىلىپ قوي، مەن سەن بىلەن توي قىلغاندا ئۆيگە بالا كۆتۈرۈپ كىرمىگەن. باقالمايدىغان ئادەم نېمىدەپ تاپقان؟
    سەن بىردىنلا ئەزۋەيلەپ كەتتىڭ. مەن شۇنداق نومۇس ئىچىدە قالدىم.
    — خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇنداق تەخىيىگە ئىگە بولمايدىغان ھاڭگا ئەمەس. سوتچى بىزنى بالدۇرراق ئاجراشتۇرۇۋەتسىڭىزمۇ بوپتىكەن. مېنىڭ تالاش-تارتىش قىلغۇم يوق. پەرىخەنىڭ تەلىپى بويىچە بولسۇن. مەنمۇ ئاللىقاچانلا جاق تويغان. ئويلىنىدىغان يېرىمۇ قالمىدى.
    شۇنداق قىلىپ بىز ئاجرىشىپ كەتتۇق. ئۆيدىكى لازىمەتلىكلەرنى تەڭ بۆلۈشتۇق. سەن كۈدە-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئىدارەڭدىن بەرگەن ئۆيگە كەتتىڭ. ئىككى بالا ماڭا قالدى. مەن ئەسلىدە پەرۋەر قىز بالا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بولغاندىكىن سېنى ئالارمىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. سېنىڭ بۇ دەرىجىدە  ئىنساپسىزلىقىڭنى نەدىن بىلەي. سېنىڭ كاللاڭغا نېمىنىڭ شۇ دەرىجىدە تەسىر قىلغانلىقىنى ئويلاپمۇ يېتەلمىدىم. ئائىلە، ئەر، پەرزەنت ساڭا دوزاخ تۇيۇلغان بولسا كېرەك. ئاتا-ئانىنىڭ، ئائىلىنىڭ تەربىيىسىدىن، مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان بالىنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالىدىن يۈرەكلىك سۆز ئېچىش ئەقىلغە ئانچە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. خۇدا ئۆمرۈمنى بەرسىلا بالىلارنى پاكىز ھالدا قاتارغا قوشىمەن. بۇ مەن ئۈچۈن بەخت!  جاھاندا ساڭا ئوخشاش ئانىلىق مەجبۇرىيەتتىن ئۆزىنى تارتىدىغان ئاياللارنىڭ قانچىسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن سېنىڭ ھامان ئۆز پەرزەنتلىرىڭنى ئىزدەيدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. بىراق، مەن يەنىلا دادىلىق مەجبۇرىيەتنى بەخت تۇيغۇسى ئىچىدە ئادا قىلىۋېرىمەن. جاھاندا نامەرد، مۇناپىق دادىلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۆتكەندە مەن گېزىتتىن بىر دادىنىڭ پۇل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سەبىي   ئىككى بالىسىغا زەھەر ئىچكۈزۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يۈرىكىم شۇنداق ئېچىشتى. شۇڭلاشقا بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن.
    ئەلپەر ئىككىمىزنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ قالغان بولسىمۇ، ھېچنەرسىنى ئۇقماسقا سېلىپ يۈردى. بىراق، پەرۋەر پات-پات سېنىڭ غەلۋەڭنى قىلىدۇ. ئۇ بىر كۈنى مەندىن:
    — دادا، ئانام نېمىشقا ئۆيگە قايتىپ كەلمەيدۇ؟— دەپ سوراپ قالدى.
    — ئۆگىنىشكە كەتتى. خىزمىتىمۇ ئالدىراش.
    — يالغان!— دېدى ئۇ دومسىيىپ.
    — نېمىسى يالغانكەن؟
    — سىلەر ئاجرىشىپ كېتىپسىلەرغۇ؟
    — بۇ گەپنى ساڭا كىم دېدى؟
    — ئاكام.
    — شۇنداق، بىز ئاجرىشىپ كەتتۇق، قىزىم.
    — ئاجراشسا قانداق بولىدۇ؟
    — ئاناڭ بىلەن بىز ئايرىم ئۆيدە تۇرىمىز.
    — ئانام ياندىكى ئۆيدە تۇرسا بولمامدۇ؟
    — شۇنداق بولسىغۇ تازا ياخشى بولاتتى. بىراق، بىز سوقۇشۇپ قالىدىكەنمىز.
    — سوقۇشمىساڭلار بولمامدۇ؟
    — خاپا بولماڭ قىزىم، بۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق قىلايلى. ئەتە مەن سىلەرنى چوڭ داداڭلارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارىمەن.
    مەن دەرھال گەپنىڭ تېمىسىنى  يۆتكىدىم. مەندە بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. بىراق، پەرۋەر يەنە:
    — ئاناممۇ بىرگە بارسۇن،— دەپ تۇرۇۋالدى.
    — بولىدۇ، ئەتە بىز ئۇنى چاقىرىۋالايلى.
    چوڭ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئالدىنىشقا رازى ئىكەنمىز. بىراق، كىچىك بالىلار ئالدىراپ بولدى قىلىۋەتمەيدىكەن. مەن ئانامنىڭ نەزىرىسىنى ئۆتكۈزۈشكە باردىم. بالىلار سەھراغا بېرىشقا شۇنداق ئامراق، ئۇلار شەھەردە بېلەت ئېلىپ كىرىپ كۆرىدىغان ھايۋانلارنى سەھرادا ھەقسىز كۆرەلەيدۇ. كۆرۈش بىلەنلا قالماي ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشالايدۇ. ھارۋا ھەيدەشكە تېخىمۇ ئامراق. قۇمدا خالىغانچە ئېغىنىيالايدۇ. سەھرالىق بالىلار بىلەن بەزىدە  پادا بېقىشقىمۇ چىقىپ قالىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن سەھرا بىر جەننەت! شۇ نۆۋەت پەرۋەر نەۋرە ئاكامنىڭ بالىلىرى بىلەن قۇمدا ئۆي ياساپ ئويناپتۇ. مەن ئۆيدە چوڭلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام پەرۋەر ئالايىتەن مېنى ئۆزى ياسىغان «ئۆيىگە» تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. بىردەمدىن كېيىن چىقاي دېسەممۇ ئۇنىمىدى. چىقىپ قارىسام، پەرۋەر قۇمدىن ياسىغان ئۆيگە كرېسلو، تاماق شىرەسى، ئۈستىگە ھەر خىل ئوت-چۆپ ۋە يوپۇرماقلاردىن قىلىنغان «قورۇمىلار»نى تىزىۋاپتۇ. تېخى يەنە بىر «ئۆي»نى ئۇيغۇرچە نۇسخىدا ياساپ، سۇپا ئۈستىگە بىر پارچە كونا قىزىل رەختنى «گىلەم» قىلىپ سېلىۋاپتۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ مېھمان بولدۇم. ھەتتا پەرۋەر مەندىن:
    — دادا، قورۇمىلار ئوخشاپتىمۇ؟— دەپ سورىدى.
    — بەك ئوخشاپتۇ قىزىم، شۇنداق مەززىلىك ھەم تەملىك بوپتۇ،— دېدىم ئۇنىڭغا ئىچىم كۆيۈپ.
     بالىلار بەزىدە ئادەمنىڭ دوستىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن. چۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئەڭ سەمىمىي  كىشىلىرىمىز ئىكەن. سەن سەمىمىي  كىشىلىرىڭگە سەمىمىيلىك قىلالمىساڭ، ئۆزۈڭگىمۇ سەمىمىيلىك قىلالمايدىكەنسەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چەت ئەللەردە خىل نەسىل قالدۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى قۇرۇپ، «تۇغۇت چەكلەش قانۇنى»نى يولغا قويغانىكەن. گېرمانىيە، نورۋىگىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە ساراڭ، زېھنىي  كۈچى ئاجىز، تۇتقاقلىق كېسىلى بار، تەكرار جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ۋە ئەخلاقى ناچار ئادەملەرگە قارىتا تۇغۇت چەكلەشنى يولغا قويغانىكەن. چۈنكى يۇقىرىقىدەك كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشى بىر پۈتۈن توپ ئىرسىيىتىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىلىدىكەن. پەرىخە، بىزنىڭ گەرچە تۇتقاقلىق، دېۋەڭلىك، ساراڭلىق، نېرۋىسى ئاجىزلىق كېسىلىمىز بولمىسىمۇ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ نەسلى خىل بولسىمۇ، بىراق پەرزەنتلىرىمىز تۇغۇلغاندىن كېيىنكى تەربىيە ناچار بولسا، سۈپەتتىن چاتاق چىقىپ، خىل نەسىل يوقىلىپ، بىر توپ ساراڭ-دەلدۈشلەر، ئەخلاق سۈپىتى بۇزۇلغان ناباب ئەۋلاد پەيدا بولىۋېرىدۇ. بىز ئۇلاردىن قاقشاپلا قالىمىز. مەن باشتا ساڭا دېدىم، ئاتا-ئانا ئۈچۈن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىدىغان، روھى ساغلام، ئىرادىلىك پەرزەنت تەربىيىلەپ چىقىشمۇ بىر خىل ئىجادىيەت! جەمئىيەت ۋە مىللەت، ھەتتا ئۆزىمىز ئۈچۈن زور تۆھپە! سەن بۇنىڭ كۈچىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراپ قالما!...
    پەرىخە، تاللا، توختىماي تاللا! سەن قىممەت ياراتماقچى، ھاياتتا باشقا بىر مەنىگە ئېرىشمەكچى! راست، ئارىلىقتا بىرنەچچەيلەن ماڭا ئىككىمىزنى ئىككى بالىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ ئەپلىشىپ قېلىشىمىزنى ئېيتىۋىدى، مەن ئىككىلەنمەي ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالىدىم. سەن بىلەن بولغان ھاياتنى شۇنچىلىك ياشىسام بولار، ئۆتكەندە بىر يەكشەنبە كۈنلىكى بالىلارنى كوچا ئايلاندۇرۇۋېتىپ تۇيۇقسىزلا شاراپەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ:
    — قانداق، ئايالىڭىز بىلەن ئەپلىشىپ قالغانسىز؟— دەپ سوراپ قالدى.
    — ئاجرىشىپ بولدۇم.
    — نېمانچە تېز؟
    — پىشقان قوغۇن ھەرقانچە قىلسىمۇ ساپىقىدا تۇرمايدۇ-دە. مەن سىزگە بۇزۇلايمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم.
    — توۋا دەڭا.
    — ماڭا تېگەمسىز؟
    — ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، مېنىڭ قايتا توي قىلغۇم يوق.
    — زىيان تارتىپ قالارسىزمىكىن، ئويلىنىپراق گەپ قىلىڭ.
    — ھا، ھا، ھا! قىزىق گەپ بولدىغۇ بۇ. بولدىلا، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ بالىسىنى باقايلى. ئالىمەن دەپ تۇرۇۋالسىڭىز سىز بىلەن كېلىشىپ بولالمايمەن، ئارىلىشىمىز دېسىڭىز ئۇنىڭ يولى باشقا.
    — قېنى، سىناپ باقمامدۇق.
    بىز شۇنىڭ بىلەن خوشلاشتۇق. كېيىن ئىزدىشىدىغان پۇرسەتمۇ بولمىدى. ئۇنى شۇنىڭدىن كېيىن كوچا-كويلاردىمۇ ئۇچرىتىپ قالمىدىم. مەن سەن بىلەن بالدۇرراق ئاجرىشىپ كەتمىگىنىمگە ئۆكۈنىمەن. چۈنكى، مەن ئويلاپ باقسام ياخشى بىر قىزنى قولدىن بېرىپ قويۇپتىمەن. ئۇ قىز شاراپەت ئەمەس، بەلكى ئېرى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇ ماڭا بەك يېقىنچىلىق قىلاتتى. بىراق، مەن ئۇنىڭ يېقىنچىلىقىنى دوستانىلىق دەپ قاراپتىمەن. ئايالىم بولغاندىكىن باشقا ئويلاردا بولمايدۇ دەپ خاتا پەرەز قىلىۋاپتىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن شەھىرىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈزلۈكسىز مائارىپ تەربىيىسى كۇرسىدا بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ تونۇشۇپ قالغان. بۇمۇ ئېھتىمال تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كېرەك. ئىككىمىز بىرىنچى كۈنى گەپ قىلىشماي ئولتۇردۇق. كېيىن قەيەردە ئىشلەيدىغانلىقىمىز، ئىسمىمىز، ئائىلە ئەھۋالىمىز توغرىسىدا سۆزلىشىدىغان، مۇڭدىشىدىغان بولدۇق. مەن ئۇنى دەسلەپتە كۆرگەندىلا دىلى سۇنۇق كۆرگەنىدىم، ئىش مەن ئويلىغاندەك چىقىپ قالدى. ئۇ بىر قېتىم مەندىن تۇيۇقسىزلا:
    — سىز بەختلىكمۇ؟— دەپ سوراپ قالدى.
    — ھەرھالدا بولىدۇ.
    — بىر ئوغۇل، بىر قىزىڭىز، ئايالىڭىز بار ئىكەن. يەنە نېمىگە بەختلىك بولمايسىز؟
    مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي قالدىم. شۇ مەزگىللەردە سەن تازا ياشاۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. مەن بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
    — ئادەم دېگەن قىزىق نەرسىكەن. ھاياتتا سىز بىر ئىشنى ئورۇنلاپ بولۇپ، ئەمدى ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېسابلاي دەپ تۇرسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدا يەنە بىر بوشلۇق، يەنە بىر كەملىك بايقىلىپ قالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن سىز يەنە ئالدىراش بولۇپ كېتىدىكەنسىز.
    — بۇ دېگىنىڭىزغۇ توغرا. بىراق، كىشىلىك تۇرمۇشتا سىزچىلىك بەختكە ئېرىشەلمەي زار-زار يىغلاپ يۈرىدىغانلار ئاز ئەمەسقۇ.
    — ئادەملەرنىڭ بەخت قارىشى، نىشانى، بەخت ئىزدەش مۇددىئاسى، ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. سىز بەختلىكمۇ؟
    مېنىڭ بۇ سوئالىمغا ئۇ خېلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
    — بەختلىك،— دەپ جاۋاب بەردى ئۇ ئېغىر تىنىپ تۇرۇپ.
    — قارىغاندا سىزنىڭ دەردىڭىزمۇ يېتىپ ئاشقۇچە بار ئوخشايدۇ.
    — قانداق دەيسىز؟
    — سىز بەختلىكمۇ دەپ سوراشنىڭ ئۆزىدىنلا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنىڭ يېرىملىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
    — تېپىۋالدىڭىز-ھە،— دېدى ئۇ، بىر خىل مەيۈسلۈك ھەم شۇنداق سۆيۈملۈك ھالەتتە تەبەسسۇم قىلىپ. مەن ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايمەن. ئۇنىڭ تەبەسسۇمدىن سەمىمىيلىك، ئاياللارغا خاس نازاكەت بالقىغانىدى. ئۇ بىر بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىش ئالدىدا سۇسىز قالغان غۇنچىگە ئوخشايتتى. ئۇنىڭغا قانغۇدەك سۇ قۇيالىساڭ ئۇ پورەكلەپ ئېچىلىپ، سېنى مەست قىلغۇچى پۇراق چاچىدىغان قىزىل ئەتىرگۈلگە ئايلىناتتى. بىراق، مەن ئۇنىڭغا ھېچنەرسە بېرەلمىدىم. ئېھتىمال سېنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭنى دېسەم ئىش باشقىچە بولار ئىدى. مەن سەن توغرىسىدا غەيۋەت قىلسام، ئۆزۈمنى تولىمۇ ناباب ئەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ:
    — مېنىڭ ئېرىم ئۆلۈپ كەتكەن،— دېدى ئۇ خېلىدىن كېيىن.
    — سىز ئادەملەرنى ئۆلمەي، مەڭگۈ ياشايدۇ دەپ ئويلىغانمۇ؟ ئۆلمەيدىغان كىم بار.
    — مەن ئېرىم بىلەن ھايات تۇرۇپ، ئۇنداق-بۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولسامغۇ مەيلىدى. بىراق، ئۇ قاتناش  ھادىسىسىگە ئۇچراپ جان ئۈزدى. جۈپتىڭىز كۆز ئالدىڭىزدا جان ئۈزسە بۇنىڭغا چىدىيالامسىز؟
    — قانداق قىلىمىز، ئۆلۈم دېگەننىڭ كۆزى يوق ئىكەن، ياش-قېرى، بالىسى بارتى، ئاجىزتى دېمەيدىكەن. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ خىل رېئاللىقنى قوبۇل قىلماي ئامالىڭىز يوق ئىكەن. شۇڭلاشقا جاھاندارچىلىق ئىشلىرىغا ئۇ بەختلىك، مەن بەختلىك ئەمەس دەپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ. بۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى قانچىلىك دەرىجىدە خۇشال قىلىپ ياشىشىغا باغلىق. دۇنيادا پادىشاھلارلا بەختلىك بولۇپ، پېقىر-مىسكىن، گادايلار بەختسىز  بولىدىغان، جورىسى بارلار بەختلىك بولۇپ، جوىسىزلار بەختسىز بولۇپ قالىدىغان  ئىش يوق. بەختنى چوڭ-كىچىك، يۇقىرى-تۆۋەن، باي-گاداي، ئاز-كۆپ دەپ ئايرىۋالىدىغانمۇ نەرسە ئەمەس. سىزنىڭ باشقىلارغا قەلب دۇنيارىڭىزنى ئۆزىڭىز خالاپ، يېشىل ۋادىدەك كەڭ ئېچىۋەتكەن ۋاقتىڭىز، سىزنىڭ بەخت نۇرىغا چۆمۈلگەن ۋاقتىڭىز. چۈنكى، سىز ئۇ چاغدا كۆپكۆك سۈزۈك ئاسماننى، قۇياشنى، رەڭگا  رەڭ گۈل-گىياھلارغا تولغان چەكسىز دالىنى كۆرەلەيسىز. قېنىپ-قېنىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ ھاياتىڭىزدىكى مەنىنى ھېس قىلالايسىز. لېكىن بۇنى سىز مەڭگۈ داۋاملاشتۇرالىشىڭىز ناتايىن. چۈنكى، ئىشلار داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
    — سىز ئۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە قارىسىڭىز كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ قالىدىكەن.
    — بۇ سىزدىكى خاتا تۇيغۇ. كىم بىلىدۇ، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكىلەر سىزنى بەختلىك دەپ يۈرەمدۇ، تېخى!
    — بۇمۇ راست.
    ئېھتىمال ئۇ مېنىڭ ئايالىم بارلىقىنى بىلىپ ئارتۇق پاراڭ قىلمىغاندۇ، ياكى بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلغۇسى كەلمىگەندۇ. بىراق، مەن سەندىن تەمە كۈتمەي، ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك ئەھۋاللاشقان بولسام ئۇ ھازىرقىدەك ئۆزىدىن بىرنەچچە ياش چوڭ ئەر بىلەن توي قىلمىغان بولاتتى. تېخىمۇ چاتاق يېرى، مەن ئۇنى ماڭا مەيلى بار دەپ خاتا ئويلىۋالغاندىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن  ئۆكۈنۈش ھاجەتسىز. چۈنكى، مەن يەنىلا قولدىن كەتكەنگە ئەمەس، قولۇمغا كېلىدىغىنى ئۈچۈن قۇربان بەرمىسەم، ۋاقىت  بەك كەينىگە سۈرۈلۈپ ئېرىشىشكە تېگىشلىك  نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەي قالىدىكەنمەن. ئادەم بىرسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەمەس، ئۇنى ئىچكىرىلەپ سۆيەلىسىلا ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلىدىكەن. چۈنكى، قارشى تەرەپمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئىچكىرىلەپ سۆيگۈسى بار بولسىمۇ ئېھتىياتچان بولۇۋالىدىكەن. چۈنكى، ئارتۇقچە ئېھتىياتچانلىق ھەر ئىككى تەرەپنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك تەسەللىدىن، لەززەتتىن، خۇشاللىقتىن، ئېرىشىشتىن مەھرۇم قالدۇرىدىكەن.
    پەرىخە، مەن باشتىلا دېدىم، ئادەم ھامان ياخشى نەرسىسىدىن ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىدىكەن، قەدرىگە يېتىدىكەن. بۇ ھەرگىزمۇ پەرىخەنىڭ قەدرى ئۆتۈلدى دېگەنلىك ئەمەس. مەن سەن بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىنىمگە بەكمۇ خۇشال! مەن بىر جەرياننى تاماملىدىم. سەن قايتىدىن پېچتا تاۋلانغان پولاتتەك تاۋلىنىپ چىقساڭمۇ، سەن باشقا بىرسى ئەمەس، يەنىلا مەن بىلىدىغان پەرىخە، خالاس! راست،ئۇ قىز توي قىلىۋاپتۇ. قارىغاندا «ياخشى نەرسىنىڭ خېرىدارى كۆپ بولىدۇ» دېگەن سۆز راست بولسا كېرەك. مەن سېنى كوچا-كويلاردا كۆپ قېتىم كۆزۈمگە  سىغمايدىغان قىز-چوكانلار بىلەن كۆرۈپ پەرىخەنىڭ ئويۇنى تۈگىمەپتۇ، توختىماي پەرۋاز قىلغۇدەك دەپ قالدىم. ياسىنىشىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ سەر خىل ئىدى. پەرىخە، ئېھتىمال مەن سېنىڭ ئويلىغان يېرىڭدىن چىقالمىغاندىمەن. نۇرغۇن قۇرۇق نەزىرىيىنى ساتقىنىم بىلەن تايىنىم يوق ئەردۇرمەن. ھەتتا ئۆزۈمنى ئۆزۈممۇ  چۈشەنمەيدىغاندىمەن. تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغاندىمەن. سېنى ئەيىبلەشكە ھېچقانداق ھەققىممۇ يوقتۇر ياكى نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا ئويلاپ، سېنىڭدىن ئارتۇقچە گۇمانلانغاندىمەن. شۇنداقتىمۇ بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ئادەم، ئۆزىمىزگە سۆيۈملۈك! مەيلىلا، نېمىلا بولمىسۇن بىز ياشاشنىڭ مەلۇم بىر جەريانىنى تاماملىدۇق. بۇ ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا تەۋەككۈلچىلىك، ئىشەنچ، مۇستەقىل ياشاش روھى، چىداپ تۇرۇپ ۋاز كېچىشتەك غەيرەت كېتىدۇ. بىلەمسەن، بېسىشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن جەريانلار بىزنى ساقلاۋاتىدۇ! بىز تېخى ھاياتنىڭ نۇرغۇن-نۇرغۇن دوقمۇشلىرىدا بىلىپ بىلمەي ئۇچرىشىپ قالىمىز. سەن ھەمىشە بۇنداق ياشىيالمايسەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەمىشە بۇنداق ئۆتۈۋەرمەيسەن. سېنىڭ يىقىلىدىغان، پۇشايمان قىلىدىغان، ياش تۆكىدىغان، بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغان مەزگىللىرىڭمۇ بولىدۇ. ئۇ چاغدا سەن ھەممە نەرسەڭدىن ئايرىلىپ قالغان بولىسەن.  «موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە». مېنىڭ سېنى ئايلىنىپ كېلىپ ئوقۇرىنى تاپىدىغان ئات قىلىۋالغۇم زادىلا يوق!...
    پەرىخە، بىزنى تۈرلۈك-تۈمەن كويلارغا سېلىپ، ئالدىرىتىۋاتقىنى زادى نېمە؟ ئېھتىمال بىزنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن پانىي ئالەمگە قايتىدىن تىرىلىپ كەلمەيدىغانلىقىمىز بولسا كېرەك. بۇ پۇرسەتنى ھېچكىمنىڭ قولدىن بېرىپ قويغۇسى يوق، ئەلۋەتتە. شۇڭلاشقا بىز ئالدىرايمىز. بىر-بىرىمىزنى ئالدايمىز. دۈشمەنلىشىمىز، ئازابلىنىمىز. ياش تۆكىمىز، كىملەردىندۇر قىزغىنىپ، كىملەرنىدۇر كۆرەلمەيمىز. بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتىدىن ھالقىپ، ئەخلاق، قانۇن دېگەنلەرنى چۆرۈۋېتىپ ئۆزىمىزگە نامۇناسىپ ئىشلارنى قىلىۋېرىمىز. مۇناپىقلىق، نومۇسسىزلىق قولىمىزدىن كېلىۋېرىدۇ. گەرچە دۇنيادىكى خىلمۇخىل دىنلار بۇرۇندىن باشلاپلا ئادەم بولۇشنىڭ تۈرلۈك مىزانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمەل قىلىدىغانلىرىمىز تولىمۇ ئاز. بىرنى چەكلەپ تۇرىدىغان تۈزۈم بولمىسا بىز قانداق قىلىشىپ كېتەردۇق. بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىز زادى قانچىلىك؟ چاتاق يېرى، تارىختىن بۇيان بىزگە سەن بۇ ئادەمگە ئوخشاش ياشىساڭ، ھەقىقىي ئادەمگە ئوخشاش ياشىغان بولىسەن دەپ، ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدىغان ئۈلگىمۇ كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن. كۆرسىتىپ بېرىلگەنلىرىنىڭ بىر يېرى بىزگە يارىسا، يەنە بىر يېرى بىزگە يارىمايدۇ. شۇڭلاشقا پەرىخە مەنمۇ بىر ئالەم، سەنمۇ بىر ئالەم. ھەر بىر ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭلا دۇنياسى. سەن ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسىدا  ئۆزۈڭلا ياشايسەن. سېنىڭ ئالىمىڭدە بەزىدە سانسىزلىغان يۇلتۇزلار جىمىرلىشىپ، سېنى مەھلىيا قىلىپ، سەندە ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئىكەنلىكىدەك تۇيغۇ پەيدا قىلسا، بەزىدە ئون بەش كۈنلۈك ئاي كۆتۈرۈلۈپ سېنى رومانتىك دۇنياغا باشلاپ، سېنى مەستخۇشلاندۇرىدۇ. بەزىدە تۇيۇقسىزلا قاپقارا، سۈرلۈك بۇلۇتلار پەيدا بولۇپ، سېنىڭ  كەيپىياتىڭنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ. بۇنداق چاغدا سەن بىر خىل تۈرگۈن ھالەتتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىسەن. يۇلتۇزلۇق كېچىلەرنى سېغىنىپ قالىسەن. ھاۋاسى ساپ، يىراق سەھراغا بېرىپ، تىپتىنچ ئولتۇرۇپ يۇلتۇز سانىغىڭمۇ، چەكسىز دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئاستا قەدەم بىلەن تەنھا ماڭغىڭمۇ كېلىپ قالىدۇ. شارقىرىتىپ يامغۇرنىڭ قۇيۇۋېتىشى سېنىڭ بېشىڭغا كەلگەن دەرد-ئەلەم ياكى سېنىڭ ھەسرەت يېشىڭ. بەزىدە روھىڭدا قۇياش پارلاپ، ھاياتقا بولغان ئۈمىد، ئىشەنچ، غايە-ئېتىقاد نۇرلىرى سېنى ئورنىڭدىن دەس تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ! سېنىڭ روھىڭدىكى سىم-سىم يامغۇر سېنىڭ مىسكىنلىك، غېرىبلىق ۋە تەنھالىققا چۈشۈپ قالغان ھالىتىڭ. بۇ چاغدا سېنىڭ ھەممىنى تاشلاپ، يىراق-يىراققا كەتكۈڭ كېلىپ قالىدۇ. ئادەمنىڭ ئەسلى ھالىتىمۇ شۇ! سېنىڭ بىر پۈتۈن ھاياتلىق سەپىرىڭ مۇشۇنداق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بىز بىزگە نېسىپ بولغان جەرياننىڭ ھېچقايسىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. ئاخىر ھەممىدىن ئايرىلىمىز!...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.