لەيلىنىڭ خاتىرىسى11 -9 (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-22 10:37:00

لەيلىنىڭ خاتىرىسى9 يەنە بىر سەھەر......... كېچىدىن بىرى ياغقان يامغۇر تېخىغىچە توختىمىدى! گۈللىرىمنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى ئاڭلاي دەپ ھويلىغا چىقتىم . باھار قارلغىچى كەلگەندە ئۇسۇزلۇق بىرىمەن دەپ قويۇ...

         لەيلىنىڭ خاتىرىسى
    9

     يەنە بىر سەھەر......... كېچىدىن بىرى ياغقان يامغۇر تېخىغىچە توختىمىدى! گۈللىرىمنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى ئاڭلاي دەپ ھويلىغا چىقتىم . باھار قارلغىچى كەلگەندە ئۇسۇزلۇق بىرىمەن دەپ قويۇپ قويغان ساپال تاۋىقىمدا يامغۇر سۈيى چىچەكلەۋاتىدۇ...يالاڭئاياق پۇتۇمنى گۈل يىلتىزىدىكى پاتقاقلارغا مىلىدىم، يامغۇردا نەمدەلگەن چاچلىرىمنى بارماقلىرىمدا ھوزۇرلۇنۇپ تارىدىم ... يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى...ھىجران لەززىتى ، ھاياتلىق بەرىكىتى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپسىۋالدى..... توققۇز ئاي،توققۇز كۈن قوساق كۆتۈرۈپ ئانا بولۇش ئالدىدىكى زاتى ئۇلۇغلارنىڭ كۆز يېشىنى مۇشۇ يامغۇرغا ئوخشاتقۇم كەلدى. چۈنكى،ئۇلارنىڭ كۆز يېشى بارلىق ھەسرەت،ئەلەملەرنى مېھرى بىلەن يۇيىۋىتەلەيدۇ...
        ـ ئەي،مەجنۇنۇم ! يامغۇر سۈيىنى توققۇز كۈن سۈزۈلدۈرۈپ،توققۇز ئوچاقتا توققۇز كۈن قاينىتىپ،توققۇز خىل دان،توققۇز خىل گۈل بەرگىنى تاشلاپ نورۇز ئېشى ئەتسەم،ئۇنىڭغا 99تامچە يېشىمنى قوشۇپ بەرسەم ئچەرسەنمۇ؟؟؟!
       ساڭا بىپەرۋالىق ،باغرى تاشلىق قىلغان گۇناھلىرىمدىن ئۆتۇپ مېنىڭ ئاھۇـ زارىمنى تىڭشارسەنمۇ؟!!! ئۇيقۇسىز ئۆتىۋاتقىنىمغا ،سېنى كۈتىۋاتقىنىمغا سېنى ئىشەندۈرەي دەپ توققۇز تال يىڭنە بىلەن توققۇز بۇلاق قازدىم .توققۇز خىل سازنىڭ مۇڭىنى توققۇز كېچە يۇغۇرۇپ،توققۇز كۈندۈزنىڭ پەريادى بىلەن سۇغۇردۇم. ...
       كەل،بۇ كۈينى ئاڭلا...كۆزلىرىڭنى يۇم...مەنسۇرھەللاجى دار ئالدىغا كۈلۈپ كەلگەندەك كەل!!!!!!!
        كەل،لەيلىنىڭ ئاشىقلىقىنى جۇنۇنلىقىڭغا،غېرىپلىقىنى يالغۇزلىقىڭغا،سېغىنىشلىرىنى سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئۈزىكىدىكى ھېكمەتلەرگە قوشىۋەت...كەل،مەجنۇن.....

    10

     سەھەر!
    نەشتىرىم بىرلە جېنىڭدىن بال ئېلىپ ئۆتكۈم كىلەر ،
    دوۋزىقىڭنى سەنمۇ كەڭ ئاچ كۈل بولۇپ كۆيگۈم كېلەر...
        ئشىكىم تۈۋىدىن ھۆكمەت ئېيتقاندەك توۋلاپ ئۆتۈپ كەتكەن بوۋاينىڭ ئاۋازى جىسمىمنى تىترەتتى. سېنى شۇنداق سېغىندىم... مەريەم ئانىمىز تولغاق تۇتقاندا يۆلىنىۋالغان خورما دەرىخى،خورما دەرىخى ئاستىدىن ئاڭلانغان نىدا ۋۇجۇدۇمنى قاپسىۋالدى.ئاللاھنىڭ ھىكمىتى،ھاياتلىقنىڭ ھىممىتى ئۈچۈن پارلاۋاتقان قۇياشقا باغرىمنى تۇتۇپ ئشىكتىن چىقتىم .بوسۇغىدىن پۇتۇمنى ئېلىشىمغا تاپىنىمغا بىرتال تىكەن سانجىلدى.شۇنداق سۆيۈنىپ،سەن دەسسىگەن توپىغا رايىشلىق بىلەن باغرىمنى ياقتىم .دەرىزەم تۈۋىدە ساڭا ھەمراھ بولىدىغان قۇرۇق قەپەزگە مىھرىم بىلەن قارىدىم...
        كىتىۋاتىمەن، ئىزلىرىڭغا ئىز، دەرتلىرىڭگە دەرت قوشۇپ كىتىۋاتىمەن!
        ئەي مەجنۇن،كۈلپەت تونىنى،ئاشىقلىق تاجىنى كىيىپ كەزگەن يوللىرىڭدىكى ياۋا گۈللەرنى پۇرۇدۇم.مامكاپلارنى ئالقىنىمغا ئلىپ پۈۋلىدىم ...يۈرىكىمدە گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان ئوتقا جېنىمغا باغلىغان كۈيلىرىڭنى،زىمىننى لەرزىگە سالغان ئۈنلىرىڭنى،جۇنۇنلۇق سۇپىسىدا تىلاۋەت قىلغان تۈنلىرىڭنى تۇترۇق قىلدىم ....
        ـ قۇدرەتلىك ئاللاھ ،زۈلەيخانىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوت ،يۈسۈپ ئەلەيھۇسالامنىڭ جېنىغا كۆچكەندە ئۇنىڭ بەرداشلىق بىرەلمىگىنىدىن جۇغۇلداپ كەتكەن ئىدىم .مانا ئەمدى،مەجنۇنۇمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوت ماڭا تۇتىشىۋىدى،مەشۇقلۇقنىڭ ھالاۋىتىنى،گۇناھ زۇلمىتىنىڭ ھالاكىتىنى،ھەممە...ھەممىنى...خىيال قىلىىشقا ئاجىزلىق قىلىدىغان سەۋدايىغا ئايلاندىم . رەببىم،ئۇنى بىر قېتىم بولسىمۇ كەينىگە قاراتقىن،كۆزياشلىرىمنى قىيامەت كۈنىدىكى سەلدەك تاراتقىن .......

    11

    سەھەر

          دېڭىز بويىدىكى نەمخۇش قۇملارغا دەسسەپ كېتىۋاتىمەن ...
       ئىللىق شامالدا يەلپۈنىۋاتقان قوڭۇر چاچلىرىمنى بارماقلىرىمدا تارىغاچ دائىمقىدەكلا سېنى خىيال قىلدىم . ئىزلىرىڭنى يالاپ تىترەۋاتقان سۇلارغا پۇتلىرىمنى چىلاپ بېقىۋىدىم ،تاپىنىمدىن كىرگەن ئللىق سىزىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى. ساھىلغا سۈزۈلۈپ چىقىپ قالغان قۇلۇلە قاپلىرىنى تەرگەچ كىتىۋاتىمەن....ئىچىمدە چىدىغۇسىز تىت-تىتلىق...پەقەت مەنلا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بىرخىل سېغىنىش زۇلمىتى....
        كېتىۋاتىمەن... شىرىقلاۋاتقان قۇملاردا،كۆيىۋاتقان ئاپتاپتا،نالە قىلىۋاتقان سۇلاردا مېنىڭ پەريادىم،تەلپۈنىشىم،تىۋىنىشلىرىم بار مەجنۇنۇم ! كۆزۈم تۇيۇقسىز شۇنداق مىھىرلىك،شۇنداق سۈزۈك بىر تاشقا چۈشتى.قولۇمدىكى قۇلۇلە قاپلىرى ئىختىيارسىز چېچىلىپ قۇمغا ئايلاندى. مەن يۈگۈردۈم...يۈگۈردۈم...كۆزلىرىمدىكى ياشنى،چېكىلىرىمدىكى تەرنى سۈرتۈشكىمۇ ماغدۇرۇم قالمىغىچە يۈگۈردۈم...سۇ بىلەن ئاپتاپمۇ مەن  بىلەن تەڭ يۈگۈرىۋەردى... مانا،ئۇ تاش كۆز ئالدىمدىلا تۇراتتى!!! مەن يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئۇنى ئالقىنىمغا ئالدىم.دەل شۇ چاغدا،غايىپتىن چۈشكەن كۆكۈش بىر نۇر تاش ئۈستىدە چىچەكلەپ كەتتى...مەن ئۇ چىچەكلەر ئارىسىدىن شۇقەدەر تونۇش بىر پۇراقنى ھىدلىدىم .مەن ئۇزۇندىن بىرى كۈتكەن مېھرىبانلىقنى،ئىزدىگەن سۇمبۇل-سۇمبۇل پىراقنى كۆردۈم:
        ـ ئەي،لەيلى! دەرەخ كاۋىكىدا ئولتۇرغان ئايالنى،ئوغۇزخان سۆيگۈ پاراغىتىگە چۆمدۈرگەن.تۇمارىسنىڭ قولىدىكى قىلىچ ،قېرىنداشلىق رىشتىنى ئۈزگەن،ئادىمىيلىك ئىززىتىنى ساتقانلارنى قان-زەرداپ دەرياسىغا چۆكتۈرگەن....
       كەل،پىشانەڭگە ئانىلىق مىھرىم بىلەن سۆيەي...مەجنۇنىڭنى كۈت ،ئۇنىڭ بوينىغا مەن ئاسقان تۇمارغا قىسمەتلىرىڭنى،جاسارەت ھەم ساداقىتىڭنى پۈت قىزىم! مەن ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىدىم ...يەنە كەچ بولدى ...كېچە ئاسمىنىدىكى زۆھرە يۇلتۇزى كۆز قاراقلىرىمدەك ئىرىشكە ، سېنى سېغىنىپ لال بولغان ۋۇجۇدۇمدەك تىترەشكە باشلىدى....داۋامى بار...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.