خاتىرىلەر(زۇنۇن قادىرى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-04 09:47:46

خاتىرىلەرزۇنۇن قادىرىئاتا-ئانىمىزدادام ئاتۇشنىڭ تېجەن دېگەن يېرىدىن غۇلجا شەھىرىگە پىيادە چىقىپ، مەتنىياز ھاجىم سارىيىغا كېلىپ چۈشكەنىكەن. ئۇ، تاپانلىرى ئىششىپ ماڭالماي قالغانلىقتىن، بىر يۇ...



    خاتىرىلەر
    زۇنۇن قادىرى

     

    ئاتا-ئانىمىز

     

    دادام ئاتۇشنىڭ تېجەن دېگەن يېرىدىن غۇلجا شەھىرىگە پىيادە چىقىپ، مەتنىياز ھاجىم سارىيىغا كېلىپ چۈشكەنىكەن. ئۇ، تاپانلىرى ئىششىپ ماڭالماي قالغانلىقتىن، بىر يۇرتلۇقىنىڭ ھۇجرىسىدا بىر ھەپتىچە يېتىپ قاپتۇ. دادامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ جاپادا قالغانلىقىنى ئاڭلىغان تېجەنلىكلەر دادامغا بىر قانچە ماتا بېرىپ، ئۇنى ئوقەتكە سېلىپ قويۇپتۇ. دادام ماتالارنى يېزىلارغا ئاپىرىپ سېتىپ، بىر ئاز پۇل قىپتۇ، بىر يىلدىن كېيىن ئۇلار دادامنى ئۆيلەپ قويۇشقان بولسىمۇ، ئەمما دادام تۈزۈكرەك دەسمايىسى بولمىغانلىقتىن، ئوقىتى يۈرۈشمەي تۇرمۇشتىن قىسىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام غۇلجىدىن دۆربىلجىن ناھىيىسىگە كېتىپتۇ. ئۇ بۇ يەردە ئاكىسى قۇربان ئاخۇننىڭ بىر قورا قويىغا قاراپ يۈرگەندە، 12 – يىلى مەن تۇغۇلغان ئىكەنمەن. تۆت ياشقا كىرگىنىمدە بوۋام __ ئاپامنىڭ دادىسى بىزنىڭ ئائىلىنى غۇلجا شەھىرىگە قايتۇرۇپ كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن دادام ئاكىسىنىڭ بەرگەن پۇلىنى دەسمايە قىلىپ، گىر بازىرىدا يەم – خەشەك ساتىدىغان بىر تەنزە ئېچىپتۇ. دەسمايىسى بىر ئاز كۆپەيگەندىن كېيىن، شۇ ئەتراپتىن ماتا – چەكمەن ساتىدىغان كىچىك دۇكان ئېچىۋاپتۇ. ئاندىن دادام تاپقان پۇلىنى يىغىپ غۇلجا شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدىن كىچىك بىر قورا جاي سېتىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بىز شۇ مەھەللىلىك بولۇپ قاپتۇق.

     

     

    دادام ئانچە ساۋاتلىق بولمىسىمۇ، قۇلاق موللىسى ئىدى. ئۇ نامازنى كۆپ ئوقۇيتتى، قولىدىن تەسۋى چۈشمەيتتى. دادام ئاپامنى تالا – تۈزگە چىقارمايتتى، ئاپامنىڭ ئۆگزىگە چىقىپ قالغىنىنى كۆرۈپ قالسا، سەپراسى ئۆرلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىچارە ئاپام سۇس يورۇق چۈشۈپ تۇرىدىغان زەي ئۆيدە ئەتىدىن كەچكىچە ئۆي ئىشىنى قىلاتتى، قولى بوشىسا ياماقچىلىق، كەشتە تىكىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. تار ھويلىمىزنىڭ ئۈستى يېپىق بولۇپ، پەقەت بىرلا ئورۇندا تۈڭلۈكى بار ئىدى. ئاپام ھويلىغا چىقسىمۇ، كۈننىڭ سېرىقىنى تۈزۈك كۆرەلمەيتتى. ئاخىر ئاپام ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالماس بولۇپ قالدى. ئۇ ماڭا ناھايىتى ئامراق ئىدى. مەنمۇ كۆپ ۋاقىت ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ھېچ يەرگە كەتمەيتتىم. چۈجە مىكياننىڭ قانىتى ئاستىغا كىرىۋالغاندەك مەنمۇ ئۇنىڭ بېقىنىغا كىرىپ ياكى ئالدىدا يۈكۈنۈپ، دۈمچەيگەن ھالدا بېشىمنى قۇچىقىغا قويۇپ ئولتۇراتتىم. ئاپام بولسا بېشىمنى، دۈمبەمنى زېرىكمەي سىيلايتتى. ئۇنىڭ يۇمشاق قوللىرى بەدىنىمدە ئايلانغانسېرى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ياكى يېنىكلىشىپ قالغاندەك بولاتتىم – دە، ئاپامنىڭ مېھىر – مۇھەببەتلىك قۇچىقىدا شېرىن ئۇيقۇغا چۆمەتتىم.

     

     

    ئاپام بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ تەرىتىنى تۆكەتتىم، زېرىكمەي پۇت – قوللىرىنى تۇتاتتىم، ھېرىپ قالسام، كۆكسىگە بېشىمنى قويۇپ ياتاتتىم.

     

     

    مەن بەش ياشقا كىرگىنىمدە، ئاپام پالەچ كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. دادام بىزنى تاماقلاندۇرۇش ئۈچۈن پاي – پېتەك بولۇپ، خېلىلا ئالدىراپ قالدى. بىز كۈندۈزى ياخشىراق ئوزۇقلانمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، تاڭ ئاتا – ئاتمايلا بېشىمىزنى يوتقاندىن چىقىرىپ نان سورايتتۇق. دادام ئالدىراپ يۈرۈپ تەرەت ئالاتتى – دە، يوتقاننىڭ بىر چېتىنى قايرىپ گىردە ناننى ئۇشتۇپ پەتنۇس بىلەن ئورۇنىمىزنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بامداتقا چىقىپ كېتەتتى. بىز ئورنىمىزدىن قوزغالمايلا ناننى يەپ، پەتنۇسنى ئىتتىرىۋېتىپ يەنە ئۇخلاپ قالاتتۇق. دادام بامدات نامىزىدىن كېيىن بولىدىغان كىتابخانلىقنى ئاڭلاپ قايتقۇچە كۈن چىقاتتى. ئۇ كېلىپ چاي قايناتقۇچە ئاشۋاقتى بولۇپ قالاتتى.

     

     

    دادام ئۆي ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆيلەنمەكچى بولدى. كىشىلەرنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بالىلارنى ئۆگەيلىمەيدۇ دەپ، رېھىمخان دېگەن پالكۆز بىر خوتۇن ئالدى. «كۆز بىلەن كۆردۈڭمۇ، قۇلاق ئاڭلىغان يالغان» دېگەندەك، بۇ ئاپىمىز ئۆگەيلىكى يوق ئايال بولماي، بەلكى كىچىك بالىنى كۆرسە جۇدۇنى ئۆرلەيدىغان بىر ئايال بولۇپ چىقتى، بىز ئۈچ ئوغۇل، بىر قىز ھە دېمەيلا بۇ ئاپىمىزنىڭ ئۆگەيلىشىگە ئۇچرىغىلى تۇردۇق. ئىككى ئاكام ئۇنىڭغا تۇتۇق بەرمەي، دادام كەلگۈچە ئۆيگە كىرمەي قېچىپ يۈرەتتى. ئۆگەي ئاپىمىز ئۈچ ياشقا كىرگەن سىڭلىم زىلەيخانى نان سورىغىنى ئۈچۈن چىمدىپ بدەنلىرىنى كۆكەرتىۋەتتى، مېنىڭ قوڭغۇزدىن تازا قورقىدىغانلىقىمنى بىلىۋېلىپ، يانچۇقۇمغا ئوسۇرغاق قارا قوڭغۇزنى سېلىپ قوياتتى. مەن قورقۇپ چېقىراپ، ھەر تەرەپكە يۈگۈرەيتتىم. ئۆگەي ئاپام بۇنى كۆرۈپ ھارغىچە كۈلەتتى. «مۆشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن» دېگەندەك دادام كەلگەندە، ئۇ بىزنى: «ناننى ئېلىپ قېچىپ كۈچۈككە بەردى»، «پاتقاق كېچىپ، كىيىم – كېچىكىنى بۇلغىدى» دەپ چېقىشتۇراتتى. دادام بولسا ئەھۋالنىڭ تېگى – تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەي، كىر، توپا – چاڭغا مىلەنگەن ئەپتى – بەشرىمىزنى كۆرۈپلا بىزنى ئۇرۇپ كېتەتتى. ئورنى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، دادام قىزىققان، چۇس ئادەم بولغىنى ئۈچۈن «توڭ» دېگەن لەقەملىكمۇ بولۇپ قالغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئاق كۆڭۈل، ۋىجدانلىق ئادەم ئىدى. شۇڭا ئۇ بىرەر مۇتىھەمنىڭ باشقا بىرىنى بوزەك قىلغانلىقىنى كۆرسە، چىداپ تۇرالماي، بوزەك قىلىنغۇچىغا بولۇشۇپ، جېدەلنى سېتىۋالاتتى. يۇرت چوڭلىرىنىڭ نالايىق ئىشلىرىنى كۆرسە، يۈز قارىماي ئۇلارنىڭ گېپىنى رەت قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار دادام بىلەن گەپ تالىشىشتىن تەپتارتاتتى... ھەر ھالدا، دادام بەزىبىر ئاغزى يۇمشاق، ئىچى يامان، ئىككى يۈزلىمە، خۇشامەتچى، مۇناپىقلىقتىن خالىراق ئادەم ئىدى.

     

     

    ئەمدى يەنە ئۆگەي ئاپىمىز توغرىسىدىكى گەپكە كېلەي: «كۆپنىڭ كۆزى كۆپ» دېگەندەك، بىزنىڭ ئۆگەي ئاپىمىزدىن كۆرۈۋاتقان كۈنىمىزنى قوشنىمىز نىساخان موماي چۈشىنەتتى. ئۇ بىر كۈنى دادامنى ئۆيىگە قىچقىرىپ كىرىپ:

    _ ھاي قادىراخۇن، ئىشنىڭ ئالدى – ئارقىسىنى سۈرۈشتە قىلمايلا بۇ كىچىك بالىلارنى ماۋۇ خوتۇنلىرىدىن يېگەن دەككىسىنى ئاز دەپ سىلىمۇ ئۇرۇۋاتىدىلىغۇ. ئاۋۇ كىچىك قىزلىرى زىلەيخانىڭ بەدەنلىرىنى ئېچىپ قاراپ باقسىلا، ئۇنى سىلى يوق ۋاقىتتا چىمدىپ چىرقىرىتىپ، جېنىنى يەرگە قويدى. بۇرناكۈن بىچارە بالىنى پېشايۋاندىن يەرگە ئىتتىرىۋەتتى، - دېدى ياقىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

     

     

    موماي ئۆگەي ئاپىمىزنىڭ بىزگە سېلىۋاتقان ئازابلىرىنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەردى. دادام ئۆيگە چىقىپ سىڭلىمنىڭ بەدىنىدىكى كۆكلەرنى كۆرۈپ غەزەپلەندى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ قىيناغىسىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سىڭلىمنىڭ بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنى كۆرسەتتى، بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى بىرمۇ بىر دەپ كېلىپ، خوتۇنى بىلەن ئۈزۈلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتتى. ئۈچ – تۆت كۈندىن كېيىن، راست دېگەندەك، دادام بۇ خوتۇندىن چىرايلىقچە ئاجرىشىپ كەتتى.

     

     

    كېيىن دادامنىڭ شاراپەتخان دېگەن ئايالى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن زىلىخا دېگەن قىرغىز ئايالغا ئۆيلەندى. شۇنداق قىلىپ، مەن بىر نەچچە ئاپىنى كۆردۈم. كېلىن بۇ كېيىنكى ئىككى ئاپا بىزگە ھەرگىز ئۆگەيلىك قىلمىدى، بولۇپمۇ زىلىخا ئاپام ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى. بۇ بەستلىك، ئىككى مەڭزى قىپقىزىل، قاۋۇل، تىنىمسىز ئىشلەپ تۇرىدىغان، كۆڭلى كەڭ ئايال ئىدى. ئۇ ئاتنى ناھايىتى سەمىرىتىپ باقاتتى، گۈزەل كەشتە تىكەتتى، ئاش – تاماققا ئۇستا ئىدى. مەن شوخلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ دۈمبىسىگە سەكرەپ چىقىۋالسام: «تولا جېنىمنى چىقارماي چۈش» دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى. ئۇ «ج» ھەرپىنى «ي» دەپ ئېيتاتتى. ئۇنىڭ جېنم دېگەننى يېنىم، جوزا دېگەننى يوزا دەيدىغانلىقىنى دوراپ سەكرەپ كەتسەم، ئاچچىقى كېلىش ئورنىغا: «بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا» دېگەن تەمسىلنى ئېيتىپ مېنى ئەركىلىتىپ قوياتتى. مەن بۇ ئوچۇق كۆڭۈل، خۇشچاقچاق قىرغىز ئاپامغا بەك ئامراق بولۇپ كەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتكەندە، يەتتە كۈن يىغلىغانىدىم.

     

     

     

    كونا مەكتەپ

     

     

     

    بىر كۈنى دادام بامدات نامىزىدىن قايتىپ كىرىپ، مېنى ئويغاتتى، كىيىمىمنى كىيىندۈرۈپ، يۈز – قوللىرىمنى يۇغۇزدى – دە:

    _ ھەي، سەن ئەمدى يەتتە ياشقا كىرىپ، يوغانلا بىر ئەزىمەت بولۇپ قالدىڭ، قارا بۇ ئۈستى – بېشىڭنى! بۇنىڭدىن كېيىن بۇرنۇڭنى يېڭىڭگە سۈرتمە، كىيىمىڭنى پاكىز كىي جۇمۇ؟ - دېدى ياقىلىرىمنى تۈزەپ تۇرۇپ.

    باشقا كۈنلەرگە قارىغاندا دادام بۈگۈن مېنىڭ تازىلىقىمغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى مەن ئەتتىگەنلىك چايدىن كېيىن ئۇقتۇم.

    دادام كىچىككىنە ساقال تاغىقى بىلەن سېرىق ساقىلىنى تۈجۈپىلەپ تارىغاندىن كېيىن، سەللىسىنى باشقىدىن ئورىدى، پىرىجىسىنى كىيىپ مەن ئولتۇرغان جوزا يېنىغا كېلىپ:

    _ قېنى ئوغلۇم تۇر، بۈگۈندىن باشلاپ موللا بولۇش ئۈچۈن قەدەم باسىسەن، - دېدى. ئۇنىڭ قولىدا كىچىككىنە بىر كىتابچە سېلىنغان كىچىك بىر جىلتا تۇراتتى.

     _ دادا، بۇ نېمە كىتاب؟ - ئورنۇمدىن تۇرۇپ سورىدىم مەن.

    _ شەرئى ئىمان، - دېدى دادام جىلتىنىڭ بېغىنى بوينۇمدىن ئۆتكۈزۈپ، دادام شۇنداق دېدى – دە، نېرىقى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

     

     

    دادامنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن بۈگۈن مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ: «ئەمدى كوچىلاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئوينىيالمايدىغان بولدۇم» دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، شۇ چاغدا تالاغا قۇلاق سالدىم. ئەتىيازنىڭ شامىلىدا بالىلار ئۇچۇرۇۋاتقان دارقىراتما لەگلەكلەرنىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن تاقەت قىلالماي جىلتامنى پۇلاڭلاتقان پېتى ئېغىلغا يۈگۈردۈم. ئۇ يەردە ئاكام تۇردىنىڭ قىزىل، يېشىل رەڭدە بوياپ، تۆت چاسا قىلىپ ياساپ بەرگەن بىر تاختا دارقىراتما لەگلىكى تورۇستا ئېسىقلىق تۇراتتى. بۇنى مەن دادامغا كۆرسەتمەي تىقىپ قويغان، ئۇنى مەن كۆپرەك دادام يوق چاغلاردا ئۇچۇرۇپ ئوينايتتىم. چۈنكى ئۇ مېنىڭ لەگلەك ئۇچۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلمايتتى. ھازىر دادام ئۆيدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنى مۇشۇ تۇرقىدا مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرمەكچى، مەن ھەممىنى ئۇنتۇپ لەگلەكنى ئېلىشقا تەمشىلىۋىدىم، بۇ ھەرىكىتىمنى دادام سېزىپ قالدى – دە، لەگلەكنى ئېلىپ يىرتىپ تاشلىدى ۋە مېنى بىر كاچات ئۇرۇپ، يېتىلىگەنچە مەكتەپكە ئېلىپ ماڭدى. مەن ئۇنىڭ يېنىدا يول بويى بۇرنۇمنى تارتىپ، يىغلامسىراپ كېتىپ باراتتىم.

     

     

    _ ماچىلدىما! ئويۇنپەز، ئەخمەق،- دەپ پات – پات قولۇمنى سىلكىپ قوياتتى دادام، _ ئوقۇپ موللا بولىدىغىنىغا خۇش بولماي يىغلاۋاتقىنىنى قارا بۇ شۇمتەكنىڭ، مەن ساڭا ياخشىلىقچە ئېيتىپ قوياي، بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلمەي كوچىمۇ كوچا يۈگۈرۈپ لەگلەك ئۇچۇرساڭ، خوراز سوقۇشتۇرۇپ، ئىت تالاشتۇرساڭ، گەپ ئاڭلىمىغان قۇلىقىڭنى يۇلۇپ، قولۇڭغا بېرىمەن...

     

     

    بىز شەھەر ئىچى سېپىل ياقىسىدىكى ئىككى پەنجىرىلىك پاكار بىر كونا مەكتەپنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدۇق. بۇ «پوقاق موللام مەكتىپى» دەپ ئاتىلاتتى. مەكتەپ ئىچىدىن ئۇششاق بالىلارنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرى ئاڭلاندى. بۇ خۇددى قارىياغاچ شاخلىرى ئۈستىدە ئۇياندىن بۇيانغا سەكرىشىپ ۋىچىرلىشىۋاتقان بىر توپ قۇشقاچنىڭ ئاۋازىنى ئەسلىتەتتى. بىزنىڭ ئىشىكتىن كىرىشىمىز بىلەن موللام: «خەپ – شۈك» دەپ تاياقنى ئالدىدىكى ئۈستەل ھېسابىدىكى كەڭ، ئېگىز بەندىڭگە پاققىدە بىرنى ئۇردى. سىنىپ ئىچى جىم بولۇپ قالدى.

     

    دادام:

    _ ئەسسالامۇلەيكۇم تەقسىر!- دەپ ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنىنى كۆكسىگە قويدى، سول قولىدىكى داستىخانغا ئوراقلىق بىر پەتنۇس توقاچنى بولسا، موللامنىڭ ئالدىدىكى بەندىڭگە قويدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانچۇقىدىن بىر نەچچە سەر پۇل سېلىنغان كونۋېرىتنى چىقىرىپ، پەتنۇسنىڭ يېنىغا قويۇپ قويدى، _ ئوغلىمىز زۇنۇن ھەزرەتلىرىدىن تەلىم – تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن بۇ مەكتەپكە كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇنىڭ ئۇستىخانلىرى بىزگە، گۆشى جانابلىرىغا تەئەللۇق. مۇبارەك مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ، ئوبدان موللا بولۇپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلىمىز،- دادام بېشىنى ئەگدى ۋە ئوڭ قولى بىلەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلىرىنى كۆرسەتتى، _ بۇ ئاز بولسىمۇ ئۆزلىرىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمىز، ئىلتىپات قىلسىلا.

     

     

    _ خوپ، خوپ، ناھايىتى ياخشى، ئىلىم – بىلىم بەرگەيمىز، ھەشقاللا، _ موللا دۇئا قىلىپ، ئاچكۆزلۈك بىلەن كونۋېرىتنى قاتلاپ يانچۇقىغا سالدى. داستىخاننى ئېچىپ نان، قۇيماقلار قويۇلغان پەتنۇسنى ئىككى قوللاپ كۆتۈردى – دە، _ ھەي مەۋلان بۇ پەتنۇسنى دەررۇ بوشىتىپ چىق، _ دېدى بالىلاردىن بىرىگە قاراپ.

    ئوت تۆت ياشلار چامىسىدىكى بىر تالىپچاق ئەدەپ بىلەن پەتنۇسنى بېرىپ بوشىتىپ چىقتى. مەۋلان دېگەن بۇ ئوقۇغۇچى موللام سىرتقا چىقىپ كەتسە، ئۇنىڭغا ۋەكالىتەن ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇپ تۇرىدىغان خەلپەت ئىدى. ئۇ بالىلارنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا ۋە تەرتىپ ساقلىشىغا باشچىلىق قىلاتتى.

     

     

    دادام داستىخاننى ئېلىپ قايتىپ كەتتى. مەن بولسام موللامغا قاراپ ئۆرە تۇراتتىم. موللام ئۆچكە ساقال، گېلىدا مۇشتەك پوقىقى بار، يوغان بۇرۇن، ئەللىك ياشتىن ئاشقان، ئېگىز بوي، سېرىقدان ئادەم ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇزۇن تۈكلۈك قېشى ئاستىدىكى چېقىر كۆزلىرىدىن ئاچچىقى يامان ئادەملىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بېشىدا قاپاق سەللە، ئۇچىسىدا لەنبۆك پەشمەت، بېلىدە ساقال تاغىقى بىلەن مىسۋاك ئېسىلغان ياغلىق پوتا بار ئىدى.

     

     

    موللام بەش – ئالتە كىشى پاتقۇدەك كىگىز سېلىنغان تۆت چاسا سۇپىنىڭ بېرىقى چېتىگە سېلىنغان بەقسەم كۆرپىنىڭ ئۈستىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كىچىك بىر جوزا، سول تەرىپىدىكى تامنىڭ تۈۋىدە بىر غۇلاچ، بەزىسى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ھەرخىل توملۇقتىكى كۆك چىۋىق ھەم چوڭ كىشىنىڭ باشمالتىقىدەك تاياقلار باغلاقلىق تۇراتتى. موللامنىڭ ئالدىدىكى قىرنىڭ تۈۋىگە قويۇلغان يېرىم گەزچە كەڭلىكتىكى ئېگىز پۇتلۇق بەندىڭ ھازىرقى زامان ئۈستىلىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە ئادەتتىكى بەندىڭلەر قويۇلغانىدى. موللام ماڭا ئاشۇ بەندىڭلارنىڭ ئالدىدىكىسىنى قولى بىلەن كۆرسىتىپ:

    _ ھە ئوغلۇم، قېنى ئولتۇرغىن،- دېدى.

    مەن بەندىڭگە كېلىپ ئولتۇردۇم. موللام ئاۋۋال بالىلارغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى. بۇ دەرسىڭنى ئوقۇش، دېگەننىڭ ئىشارىتى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بالىلار دەرسلىرىنى ئۈنلۈك تەكرارلاشقا كىرىشتى، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك مەنىدىكى سۆزلەر بوم ۋە ئىنچىكە ئاۋازلار بىلەن ئارىلىشىپ، مەكتەپ ئىچى ھەرىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندى.

    _ قېنى جىلتاڭنى ئېلىپ مەيەرگە قوي، ئوغلۇم! _ دېدى موللام ماڭا قاراپ. مەن جىلتامنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم. ئۇ جىلتا ئىچىدىكى كىچىك كىتابچىنى ئېلىپ:

    _ بۇ شەرئى ئىمان ئىكەن. سەن بۇنىڭ ئىچىدىكىلەرنى يادلاپ بولغۇچە كىتابىڭ يىرتىلىپ، ھېچنېمىسى قالمايدۇ. ھاي مەۋلان بۇنىڭغا كىتابى تارغاقتىن بىرنى كەلتۈر،- دېدى.

    مەۋلان خەلپەت قازناققا كىرىپ، كالىنىڭ يوغان قۇرۇق بىر تاغاق ئۇستىخىنىنى ئېلىپ چىقىپ، موللامنىڭ ئالدىغا قويدى. موللام مىس سىياداندىكى قويۇق قارا سىياغا قۇمۇش قەلەمنى مىلەپ، تارغاق بېتىگە «ئە ئۇزۇ...» نى خۇشخەت بىلەن يېزىپ بەردى. تارغاقنىڭ بېشىنى سول قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، ئوڭ قولۇمنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى خەتنىڭ بىر چېتىدىن باستۇرۇپ:

    _ ئەئۇزۇ، ھە، قېنى ئوقۇ! – دېدى موللام. مەن ئۇ نېمە دېسە شۇنى دېدىم. ئۇ بارمىقىمنى سۆزمۇ سۆز يۆتكىتىپ تۇردى. بىراق مەن «رەجىم» دېگەن سۆزگە كەلگەندە، «يەجىم» دەپ ئوقۇغانىدىم. ئۇ:

    _ ھەي، «يەجىم» ئەمەس، «رەجىم» دېگىن، بولمىسا مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ،- دېدى. مەن يەنىلا «يەجىم» دەپ ئوقۇدۇم.

    _ ئەستاغپۇرۇللا! بۇنىڭ تىلى سېمىز ئىكەن،- دېدى موللام تېرىكىپ.

     

    ئۇ مېنىڭ تىلىمنى «ي» دىن «ر» غا كەلتۈرۈشنى، بېرىلگەن دەرسلەرنى يادا ئېلىۋېلىشىمنى مەۋلانغا تاپشۇردى، شەرئى ئىمان دېگەن كىتابىمنى بولسا، تاختا بېشىغا ئېلىپ قويدى.

    مەۋلان مېنى ئۈچىنچى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. ئالدىمىزدا كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن ئىككى تەرىپىگە ئىككى – ئۈچتىن كېسەك قويۇلغان تاختاي بار ئىدى. ئۆزىمىز بولساق، زەي يەرگە سېلىپ قويۇلغان زىغىر پاخىلى ئۈستىدە چازا قۇرۇپ ئولتۇراتتۇق. ئوقۇغۇچىلار ئورۇن تالىشىپ، بىر – بىرى بىلەن جەينەكلىشىپ ۋاراڭ – چۇرۇڭ كۆتۈرگەندە، مەۋلان خەلپىتىم ئۇزۇن تاياق بىلەن ئۈستى – بېشىمىزغا ئايىماي ئۇراتتى، شۇ چاغدا بىز يۈكۈنۈپ بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىپ ئولتۇراتتۇق. خەلپەتكە بويسۇنماي كۆكەمىلىك قىلغان بالىلارنى موللام ئالدىغا چاقىرتىپ، بەستلىك بالىلارغا ھاپاش قىلغۇزۇپ، يالىڭاچلانغان دۈمبىسىگە كۆك تاياق سۇنغىچە ئۇراتتى. ئەدەبكە چىققۇچىلار ئىشىكنىڭ يېنىدا ئېسىپ قويۇلغان «ئەدەب» تاختىسىنى ئېلىپ سىرتقا چىقاتتى. كىمكى ۋاقتىدا كىرمەي، كېچىكىپ قالسا، دۈمبىسىدىن قان چىققۇچە تاياق يەيتتى ياكى پالاققا بېسىلاتتى.

     

     

    پالاققا بېسىش مۇنداق بولاتتى: نوغۇچتىن تومراق بىر كالتەكنىڭ ئىككى تەرىپىگە بىردىن تۆشۈك ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا تاسما ئۆتكۈزىلىدۇ. قاۋۇل ئىككى ئوقۇغۇچى ئەيىبكار بالىنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ، ئىككى پۇتىنى شۇ تاسمىغا ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ھاۋا تاپان قىلىپ، موللامنىڭ ئۇدۇلىغا توغرىلايدۇ. موللام جازالانغۇچى بالىنىڭ ئۆتۈكى ياكى پوپۇشىنىڭ چەمى ئۈستىگە بىر غۇلاچ چوماق بىلەن بار كۈچىنى چىقىرىپ ئۇرىدۇ. بالا پۇتىنى قىمىرلىتالماي ئاغرىق ئازابىدىن چىرقىرايدۇ. مەكتەپ ئىچىدىكى بارلىق بالىلار قورقۇپ جىم ئولتۇرىشىدۇ، بەزىلىرى كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالىدۇ. بۇنىڭدىن يامانراق يەنە بىر خىل جازا بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، مەكتەپتىن قاچقان ئوقۇغۇچىنى ئۈچ – تۆت بالىنى ئەۋەتىپ تۇتتۇرۇپ كېلىپ، تاپىنىنى ئۇستۇرا بىلەن تىلىپ، تۇز سۈركەش. ئۈچىنچى خىل جازا: دەرس بىلمەيدىغان ناچار بالىلاردىن بىرەرىنى «تىلى سېمىزكەن» دەپ، تىلىنى ئوتتۇرىسىدىن يېرىق قۇمۇش نەيچىدىن ئۆتكۈزۈپ سېرىش. مەن بۇ جازالارنى كۆرگەندىن كېيىن قورقۇپ، شوخلۇق قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم. بولۇپمۇ كېيىنكى جازادىن بەك چۆچۆپ يۈردۈم. چۈنكى بىرىنچى دەرستىلا موللام مېنى «بۇنىڭ تىلى سېمىزكەن» دېگەنىدى. شۇڭا تىنماي دەرس ئوقۇيتتىم، موللام كالا تارغىقىغا يېزىپ بەرگەن ھەرپلەرنى _ «ئىلىپتۇزىۋەر ئەن، ئىلىپتۇزىر ئىن، ئىلىپتۇ پەشئۇن» لاردىكى ئەن، ئۇنلارنى بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۈنلۈك ئوقۇپ تەكرارلايتتىم. مەن ئاستا – ئاستا ئويۇنپەرەسلىكتىن قېلىپ ئوقۇشقا بېرىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، كالا تارغىقىنى تاشلاپ شەرئى ئىماننى ئوقۇشقا كىرىشتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەپتىيەك ئوقۇدۇم. كېيىن يەنە «سوپى ئاللا يار» دېگەن شېئىرىي كىتابنى ئوقۇشقا باشلىدىم (بۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپكە كىرگىنىمگە تۆت – بەش يىل بولۇپ قالغانىدى). بۇ كىتابقا قىزىقىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن موللام مېنى ماختايتتى ۋە شېئىرلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي يادلايدىغان ساۋاقداشلىرىمغا ئۆگىتىش ئۈچۈن مېنى تۆت ئوغۇل، تۆت قىزغا خەلپەت قىلىپ قويدى. قىزلار مەكتەپنىڭ قىلۋى (قىبلە) تېمى تەرەپتە ئىككى رەت بولۇپ ئولتۇراتتى. مەن كۆپرەك كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەن ئاق يۈزلۈك، پومبۇلاققىنا، ئوماق قىز خەيرىنساغا دەرس ئۆگىتەتتىم، ئۇنىڭغا سوپى ئاللايار شېئىرلىرىنىڭ مەنىسىنى مىسرا – مىسرا بويىچە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتىم. مەسىلەن، ئۇنىڭدا ھەقىقەت توغرىسىدا مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىر بار ئىدى:

     

    ھەق چىراغىنى ياندۇردى، قويدى،

    كىم ئانى پۈۋپ دېدى، ساقالى كۆيدى.

     

    بۇنىڭ مەنىسى، ھەقىقەت چىرىغى يېنىپ تۇرىدۇ، ئۇنى پۈدەپ ئۆچۈرىۋېتىمەن دېگەن كىشىنىڭ ساقىلى ئوتتا كۆيىدۇ، دېگەنلىك ئىدى. مەن ئۇنىڭغا شېئىرلارنى ئەنە شۇنداق ئوقۇپ ئۆگىتىپ، ئاندىن مەنىسى چۈشەندۈرەتتىم.

     

     

    ئوغۇللاردىن غوپۇر دېگەن قاڭشارلىق، مۇلايىم بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. تولا چاغلاردا ئۇ يانچۇقىغا ناۋات سېلىپ كېلەتتى، يازدا بولسا مېۋە ئېلىپ كېلەتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ يانچۇقى تېشىلىپ كېتىپ، شاپتۇللارنى ئاۋايلاپ ئېلىپ مېنىڭ ئالدىمغا تىزىشقا باشلىدى. ئەتراپتىكى بالىلار بۇنى كۆرۈپ بۆلۈشىۋېلىشقا تۇردى ۋە ئۇنىڭ يانچۇقلىرىغا قوللىرىنى تىقىشتى. ئېزىلگەن شاپتۇلنىڭ سۇلىرى غوپۇرنىڭ كىيىملىرىنى شالتاق قىلىۋەتكەنىدى. غوپۇر بولسا، تېرىكمەي كۈلۈمسىرەپ:

    _ بولدى، بولدى، پېشىمنى قويۇۋېتىڭلار، تۈگىدى ئەمدى، ئەتە جىقراق ئالغاچ كېلەي،- دەپ قوياتتى. ئۇ ئەسلىدە بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئالغاچ كېلەتتى، چۈنكى مەن ئۇنىڭ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلاتتىم. ئۇ مېنى يەنە جۈمە كۈنلىرى بېغىغا باشلاپ بېرىپ، مېۋىگە تويغۇزاتتى ياكى مېۋىنى مەكتەپكە ئېلىپ بارسا، بۇلاڭغا كېتىدىغانلىقىدىن قورقۇپ، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن ئۆيۈمگە ئەكىلىپ بېرەتتى.

     

     

    شۇنداق بولغاچقا، دۇرۇسراقىنى ئېيتقاندا، بىز دوست بولۇپ قالغاچقا، غوپۇرغا ۋە مېھرى ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان خەيرىنىساغا دەرستە كۆپرەك ياردەم قىلاتتىم. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ يۈرگەن قالغان ئۈچ ئوغۇل بىلەن ئۈچ قىز مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھەتتا تۈرلۈك يامان گەپلەرنىمۇ تاپاتتى ۋە موللامغا چاقاتتى. بەزىدە بولسا، ئۇ قىتىغۇرلار بىلەن كوچىدا ھارغىچە مۇشتلىشاتتۇق. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆيدە ئاتىمىزدىن، مەكتەپتە پوقاق موللىمىزدىن بەدىنىمىز كۆكىرىپ، قان چىققۇچە تاياق يەتتۇق. لېكىن جېدەل – ماجىرا تۈگىمەيتتى، تېخى ئەدەپ كېتىپ، ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق. بىر كۈنى مەن ھېلىقى قىتىغۇرنىڭ بىرىنى ئۇرۇپ، قاپىقىنى يېرىپ قويدۇم. مانا شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ پالاققا بۇيرۇلدۇم.

    موللام سەللىسىنى قوزۇققا ئىلىپ، پىرىجىسىنى سالدى، بالىلارغا قاراپ ئۆچكە ساقاللىرىنى تىترەتكەن ھالدا:

    _ ھاي مەۋلان، زۇنۇننى مەيەرگە ئېلىپ كەل!- دەپ ۋارقىرىدى.

    مەۋلان مېنى بېلىكىمدىن تۇتۇپ سۆرەپ، موللامنىڭ سۇپىسى ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويدى.

    _ پالاقنى قايسىڭ تۇتىسەن؟- دەپ سورىدى موللام.

    ھېلىقى قىتىغۇر بىلەن ئۇنىڭ ئاغىنىسى جاۋاب بەردى:

    _ مەن، مەن...

    _ باس!- دەپ ئەمىر قىلدى موللام.

    قىتىغۇر بالا بىلەن ئاغىنىسى يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار مېنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ، كۆن ئۆتۈكلۈك ئىككى پۇتۇمنى كالتەكنىڭ تاسمىسىدىن ئۆتكۈزدى، ئاندىن كالتەكنى بىر تەرەپكە بۇراپ، تاسمىنى تازا چىڭ ئورىدى. پۇتلىرىم بوغۇلۇپ زىڭىلداپ كەتتى. موللام ئالقانلىرىغا تۈكۈرۈپ، چوماقنىڭ سىلىقلىنىپ كەتكەن سېپىنى ئىككى قولى بىلەن سىقىمداپ تۇتۇپ، ھاۋا تاپان بولۇپ تۇرغان پۇتۇمنىڭ تاپىنىغا كۈچەپ تۇرۇپ بىرنى ئۇردى. مەن:

    _ ۋايجان!- دەپ ۋارقىراپ يىغلىۋەتتىم.

    _ توۋا، توۋا قىلدىم دە،- دېدى مەۋلان. مەن مەۋلاننىڭ دېگىنىنى دەپ پۇتۇمنى تۆۋەن تارتتىم. كالتەك تۇتقان بالىلار بولسا، تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۈمبەمنى يەردىن ئاجرىتىپ بوينۇمنى قاتلىۋەتتى. موللام غەزەپ بىلەن يەنە ئۈچنى ئۇرۇۋىدى، ئۆتۈكۈمنىڭ پاشنىسى سۆكۈلۈپ چۈشتى. تاپىنىم ئوتتا كۆيگەندەك بولۇپ، ئاغرىقى بېشىمغىچە چىقتى. ئاغرىققا چىدىيالمىدىم، پۇتلىرىم ئىششىپ كەتتى، ھەتتا كەچقۇرۇن مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتىدا ھەممە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆرە تۇرۇپ بىللە ئاۋازلىق ئوقۇيدىغان «ۋەششەمسى» نى ئوقۇشقا تۇرالماي قالدىم. ھەممە بالىلار كەتكەندىن كېيىن، دوستۇم غوپۇر مېنى ھاپاش قىلىپ ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويدى. مەن دادامغا ھال ئېيتىپ، پوقاق موللامنىڭ مەكتىپىگە بارمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. دادام ماڭا نەسىھەت قىلىپ:

    _ موللىسى ئۇرغان يەردىن ئاخىرەتتە قىزىلگۈل ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئاتا – ئانىسى بىلەن ئۇستازلىرىنى خاپا قىلغان ئادەم قىيامەتتە توڭگۇز سۈرىتىدە قوپۇپ، دوزاختا كۆيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى ھەم موللاڭنى ھەرگىز خاپا قىلما، ئەگەر گەپكە قۇلاق سالماي يەنە ئەسكىلىك قىلساڭ، مەندىنمۇ، موللاڭدىنمۇ ياخشىلىق كۆرمەيسەن، «جەننەتتىن چىققان كۆك تاياق، يۈگۈرتىدۇ يالىڭاياق» دېگەندەك بولىسەن،- دېدى.

    ئۈچ كۈندىن كېيىن پۇتۇم يەرگە دەسسىگۈدەك بولىۋىدى، دادام مېنى يەنە ئالدىغا سېلىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى.

    _ تەقسىر، ئوغلىمىز جانابلىرىنى خاپا قىلىپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پېقىرلىرى ناماقۇل،- دەپ قولىنى كۆكىسگە قويۇپ ئېڭىشتى دادام _ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە شۇنداق گەپ ئاڭلىمىغان قۇلىقىنى سوزايلى، بولمىسا مەكتەپكە كېلەلمەي قالىدىكەن،- دادام موللامنىڭ پۇتۇمنى كاردىن چىقىرىپ قويماسلىقىغا ئەنە شۇنداق دالالەت بېرىپ قايتىپ كەتتى.

    مەن شۇنىڭدىن كېيىن زەي، چاڭ – توزانلىق بۇ كونا مەكتەپنى، سەپرا مىجەز پوقاق موللامنى، بولۇپمۇ ھېلىقى پۇتۇمنى سۇندۇرۇپ قويغىلى تاس قالغان ئۇزۇن ساپلىق چوماقنى يامان كۆرۈپ قالدىم. ئورنى كەلگەندە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن بۇ نەس چوماقتىن كېيىن ئۆچۈمنى ئالدىم.

    ئۆچ ئېلىشىم مۇنداق بولدى: ئاي راسا تولغان __ بارات ئېيىنىڭ 14 – كېچىسى ياشلار مەھەللىدە بىر يەرگە يىغىلىپ، تۈنەك كېچىسى ئۆتكۈزۈپ، ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىشىدۇ ۋە سىرتقا چىقىپ تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئوينايدۇ، گۈلخان يېقىپ ئوت ئاتلايدۇ. كوچا ئويۇنلىرىنى باشلاش ئالدىدا ئۇزۇن خادىغا كىيدۈرۈلگەن ياغلىق قاپاققا ئوت يېقىپ، ئۇنى لاۋۇلدىتىپ، ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. ئۇلار بۇ ناھايىتى چوڭ مەشئەلنىڭ يورۇقىدا «ۋەششەمسى» نى ۋارقىراپ ئوقۇپ، كوچا ئايلىنىدۇ. بۇنى «ۋەششەمسى قىچقىرىش» دەپ ئاتايدۇ. مەن مانا شۇ تۈنەك كۈنى __ ئاپئاق ئايدىڭ كېچىدە ساۋاقدىشىم ئابدۇك (ئابلاخان) بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇ بەستلىك، قاۋۇل ۋە قارام بالا ئىدى. ئابدۇك ماڭا: «پوقاق موللامنىڭ چومىقىنى بۈگۈن كەچتە يوقىتىمىز» دەپ قوشۇلدى. چۈنكى ئۇمۇ ئالتە قېتىم بۇ چوماقنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرگەنىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ يەڭلىرى تۈرۈلگەن قولىدا بىر لاخشىگىر تۇراتتى. بىز ئىككىمىز يۈگۈرگەندەك مېڭىپ پوقاق موللام مەكتىپى ئالدىغا كەلدۇق.

     

     

    _ سەن ئۇياق – بۇياققا ماڭغاچ ئەتراپقا قاراپ تۇر، بىرەر كىشى كۆرۈنسە، ھايت دە،- دېدى ئابدۇك ۋە مەكتەپ پەنجىرىسىنى لاخشىگىر بىلەن قومۇرۇشقا باشلىدى. مەن بولسام، سېپىل ياقىسىنى بويلاپ، ئۇيان – بۇيان يۈرۈپ كۆزەتچىلىك قىلدىم. ھەش – پەش دېگۈچە ئابدۇك پەنجىرىنى قومۇرۇۋەتتى ۋە چوماقنى ئېلىپ چىقىپ:

    _ ھەي زۇنۇن، مەيەرگە كەل،- دەپ مېنى قىچقاردى. مەن يۈگۈرۈپ كەلگەنىدىم، ئۇ يەنە مەكتەپ ئىچىگە چۈشۈپ، پالاقنى ئېلىپ چىقتى. بىز پەنجىرىنى ئورنىغا سېلىپ قويۇپ، مەھەللىگە يۈگۈرگەندەك كەتتۇق. ئابدۇك:

    _ سەن ئاۋۇ ئوت ئاتلاۋاتقان بالىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوت ئاتلاپ تۇر، مەن بۇنى تەييارلاپ كېلەي، _ دېدى – دە، ئارقىسىغا يېنىپ، ئۆز ئۆيى تەرىپىگە يۈگۈرۈپ كەتتى.

    مەن مەھەللىمىزدىكى بالىلارغا قوشۇلۇپ: «بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ، بىزگە قۇيماق قويدۇڭلارمۇ؟» دەپ ۋارقىراپ ئوت ئاتلاش بىلەن ئاۋارە بولدۇم. بىر نەچچە شوخ بالا خەقنىڭ ئۆگزىسىدىن قوراي ئوغرىلاپ كېلىپ تىنماي ئوت قالايتتى.

    ئابدۇك قايتىپ كەلدى. ئۇ پالاق ياغىچىنى چوماق سېپىگە تېڭىپ ئۇزارتىپ، چوماقنىڭ بېشىغا ئەسكى پاختا ئوراپ، ئۇنى ياغقا چىلاپ ئېلىپ كەپتۇ. بىز چوماقنىڭ ياغقا چىلانغان بېشىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ، ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا مەھەللىمىزدىكى ئۇششاق بالىلار بىلەن ئېگىز – پەس «ۋەششەمسى» قىچقىرىپ ماڭدۇق. لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان چوماقتىن بەزى – بەزىدە ئابدۇكنىڭ يۈزىگە قىزىق ياغ تامچىسى چاچراپ كۆيدۈرەتتى. ئۇ:

    _ بۇ پاسكىنا چوماق كۆيۈپ تۈگەۋېتىپتمۇ مېنى قىينىماقچى، ۋارقىراڭلار بالىلار، چىڭ – چىڭ ۋارقىراڭلار!- دەپ ئالغا قاراپ ماڭاتتى. بىز تاكى چوماقنىڭ بېشى كۆيۈپ ئۈزۈلۈپ چۈشكىچە كوچا ئايلاندۇق. شۇنداق قىلىپ، بىز چوماقنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۆككە سورۇپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالدۇق...

    قىش كۈنلىرى مەكتەپكە قالايدىغان كۆمۈرنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئېلىپ كېلەتتى. بىز ھەر كۈنى ئەتتىگەندە جىلتا ئاسقان، قولتۇقىمىزدا بىر پارچە قىستۇرۇلغان ھالدا مەكتەپكە كېلەتتۇق ۋە ئىشىكنىڭ سول تەرىپىدىكى بۇلۇڭغا كۆمۈرنى تاشلاپ يۇقىرى تەرەپتىكى پاخال ئۈستىگە بېرىپ ئولتۇراتتۇق. قولىمىزنىڭ قارىسىنى چاپان ياكى كۆڭلەك پېشىگە سۈركىۋېتىپ، كىتابلىرىمىزنى كېسەككە مىندۈرۈپ قويغان تاختاينىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئاچاتتۇق – تە، باشلىرىمىزنى لىڭشىتىپ ئۈنلۈك ئوقۇشقا كىرىشەتتۇق. بۇ مەكتەپ بىرلا ئېغىز ئۆي ئىدى، بۇ يەردە قىرىق – ئەللىك بالا ئوقۇيتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغان دەرسلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمايتتى. موللام نۆۋەت بىلەن چاقىرغاندا، بىر ياكى ئىككى بالا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كىتابلىرىنى ئېچىپ دەرس ئالاتتى. بۇ بىر ئېغىز ئۆينىڭ بىر چېتىدە ئوتۇن، كۆمۈر، يەنە بىر چېتىدە ئەسكى جوزا، بەندىڭ، سۈپۈرگە، گۈرجەك، تاختا بېشىدا كىتابلار، موللامنىڭ ئەتراپىدا جازا قوراللىرى __ سۇنۇق ۋە باغلاقلىق تاياقلار تۇراتتى. موللام ياز ئايلىرىدا تۆت – بەش بالىنى دەريا بويىغا ئەۋەتىپ ياۋا تاللارنىڭ شۇڭلىرىدىن تاياپ كەستۈرۈپ كېلەتتى. قىشتىن ئېشىپ قالغان قاتتىق ئوتۇن بىلەن كۆمۈرنى تۆت بالا زەمبىل بىلەن موللامنىڭ ئۆيىگە توشۇپ ئاپىراتتى بېرەتتۇق. بۇ خېلىلا جاپالىق ئىش ئىدى. چۈنكى بالىلار كىچىك بولغىنى ئۈچۈن زەمبىل سېپىنىڭ تۆت ئۇچىنى تۆت بالا مۈرىسىگە ئېلىپ ماڭاتتى. ئېغىر يۈك ئاستىدا بىچارە بالىلار پۇشۇلداپ، تەرلەپ كېتەتتى ۋە موللامنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە بىر نەچچە جايدا توختاپ دەم ئېلىۋالاتتى. كۆمۈر جىقراق يىغىلىپ قالغان چاغلاردا سەككىز بالا تۆتتىن نۆۋەتلىشىپ كۆتۈرەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئىككى بالا زەمبىلدىن چۈشۈپ قالغان كۆمۈرلەرنى تېرىپ ماڭاتتى. قۇشناچىم كىر يۇغان ياكى نان ياققان چاغلاردا موللام ئىككى بالىنى ئۆيىگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتەتتى. ئۇلار شۇ كۈنى كەچكىچە سۇ توشۇپ، ئوتۇن يېرىپ بېرەتتى ۋە باشقا ئىشلارغىمۇ قارىشاتتى. دېمەك، بالىلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ موللامنىڭ ئۆي خىزمىتىنى قىلىدىغان ۋەزىپىسى بار ئىدى.

     

    موللام مائاشنى ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ كەلگەن ئوقۇش بەدىلىدىن ئۈندۈرۈۋالاتتى. بۇنىڭ نامى «پەيشەنبىلىك» دەپ ئاتىلاتتى. «پەيشەنبىلىك» __ ئوقۇغۇچىلار دەرسنىڭ تۈرىگە قاراپ ھەر پەيشەنبە كۈنى موللامغا ئاتاپ ئېلىپ كېلىدىغان مەلۇم پۇلغا قارىتىلغان. ئوقۇغۇچىلار دەسلىپىدە بىر مىسقال تۆلىسە، ئەڭ يۇقىرى ئوقۇغاندا تۆت – بەش مىسقالغىچە پۇل تۆلەيتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ ھېسابىدا بىر مىسقال يىگىرمە تىيىن، بەش مىسقال بىر سۇم (تەڭگە)[1] ئىدى. بىز بۇ پۇلنى يارماق ھېسابىدا بېرەتتۇق. مەن تېخى يېشىمغا توشمىغان چاغلاردا ئۈچ يارماقنىڭ قىممىتى بىر تىيىن ئىدى. كېيىن ئىككى يارماق بىر تىيىن بولدى؛ يارماق ئازلىغانسېرى بىر يارماق بىر تىيىن بولۇپ قالدى.

    مەن بىر مىسقال پەيشەنبىلىك ئېلىپ كېلىدىغان چاغلاردا ئىككى يارماق بىر تىيىن بولغاچقا بىر مىسقال (يىگىرمە تىيىن) ئۈچۈن قىرىق يارماق ئەكىلىشىم كېرەك ئىدى. يارماقنى بىردىنبىر ساناپ ئېلىش قىيىن بولغىنى ئۈچۈن شۇ چاغدا يارماق سانىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئەسۋاپ بولىدىغان. بۇ «چەن پەنزى» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ يۈزى بىر قانچە يېرىم نوكەش قىلىپ ئويۇلغان بىر پارچە تاختاي ئىدى، بۇ تاختاينىڭ يېرىم نوكەش قىرلىرىدا ئېلىپ كېلىنگەن يارماقلارنىڭ قانچە تىيىن ياكى قانچە مىسقال ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان سىزىقلىرى بار ئىدى. ھەر پەيشەنبە كۈنى موللام ئاشۇ تاختىسىنى ئالدىغا قويۇپ ئولتۇراتتى. بىز تۆلەشكە تېگىشلىك يارماقلىرىمىزنى ئۇ تاختىنىڭ نوكىشىگە سېلىپ سىزىققا توغرىلىغاندىن كېيىن، موللام ئېلىپ ساندۇقىغا سالاتتى.

     

     

    ئابدۇك بىر كۈنى ماڭا موللامنى ئالداش ئۈچۈن مۇنداق بىر چارىنى ئۆگەتتى: يارماقنىڭ نېپىز، سېرىقراق بىر خىلى بولىدىغان، ئۇنى جىڭچەن دەپ ئاتايتتۇق. يەنە بىر خىلى ئۈچ – تۆت يارماقتەك قېلىنلىقتا ئىدى، ئۇنى قۇلۇلە ياكى تومپۇر دەيتتۇق. دادام بەرگەن بىر مىسقال پەيشەنبىلىك ئىچىدىن ئاشۇنداق جىڭچەن يارماقلارنى ئىلغىۋېلىپ، ئۇنى تومپۇرلارغا تېگىشەتتۇق (سودىگەرلەر بىر جىڭچەنگە ئۈچ – تۆت تومپۇر بېرەتتى). ئاندىن ئۇنى ئېلىپ بېرىپ موللامنىڭ ئالدىدىكى يارماق ئۆلچىگۈچىگە سالاتتۇق. موللام سىزىققا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى گەپ – سۆز قىلمايلا غەلۋىرىگە كولدۇرلىتىپ تاشلايتتى. دېمەك، ھەر پەيشەنبىلىكتىن بەش – ئالتە تىيىننى قايرىۋالاتتۇق، بۇنىڭغا لەگلەك تانىسى ياكى تاڭگا ئالاتتۇق.

     

     

    موللامنىڭ بالىلاردىن ئالىدىغان يەنە بىر خىل كىرىمى بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ، بىرەر بالا بىر كىتابنى تاماملاپ باشقا كىتابنى باشلىغان كۈنى پۇل، كىيىملىك ۋە تاماق ئەكىلىپ، ئۇنىڭدىن دۇئا ئالاتتى. موللام پۇل ۋە رەختلەرنى ئۆزى ئېلىپ، قۇيماق بىلەن توقاچلارنى بالىلارغا تارقىتىپ بېرەتتى ھەم شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلارنى بىر كۈن قويۇۋېتەتتى. مەنمۇ سۇپى ئاللايارنى تاماملاپ ناۋايىغا چىققان كۈنۈمدە موللامغا خېلى بىر نەرسە ئېلىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن، موللام ئوقۇغۇچىلارنى بىر كۈن ئازاد قىلدى. موللام يەنە نەزىر – چىراغ، توي – تۆكۈنلەرگە چاقىرىلىپ كونۋېرىت ئالاتتى. مۇنداق كۈنلەردىمۇ موللام بىزنى ئازاد قىلاتتى. كونۋېرىت كەلمىگەن كۈنلىرى بولسا، موللام  بىزنى چۈشكىچە ياكى كەچكىچە قويۇپ بەرمەي، قورساقلىرىمىز ئېچىپ بىئارام بولاتتۇق. مۇنداق ئەھۋال تولاراق تەكرارلانسا، قورقۇمسىز ئابدۇك: «موللامنىڭ ئۆيىدە ئۆچكە، بىزنى قويمايدۇ چۈشكە» دېگەندەك گەپلەرنى ھەممە بالىلارغا تەڭ ئۆگىتىپ، تەڭ ۋارقىرىتىپ ئېيتقۇزاتتى. موللام پۈتۈن بالىلارنىڭ ئۆزىگە تەگكۈزىۋاتقان بۇ ھەجۋى گەپلىرىدىن چۆچۈپ، دەررۇ ئوقۇغۇچىلارنى چۈشلۈككە قويۇپ بېرەتتى.

     

     

    بىز بارات كېچىسى موللامنىڭ پالاق ۋە چوماقلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىلگىرىكىدىنمۇ يوغان تاياقلارنى تەييارلىتىپ ئېسىپ قويغانىدى. موللام ئابدۇكنى يامان كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى كۆزىدىن يوقىتىشنى ئويلاپ يۈرگەن بولسا كېرەك، بىر كۈنى تاختا بېشىدىكى بىر قۇرئان يوقىلىپ كەتتى. چېقىمچى بالىلاردىن بىرى: «قۇرئاننى ئابدۇك ئوغرىلاپ ساتتى» دەپ چېقىشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن موللام ئابدۇكنى ئىككى خىل جازاغا تارتتى: دەسلەپتە، ئۇنى ھاپاش قىلدۇرۇپ، كۆڭلىكىنى قايرىپ، يالىڭاچ دۈمبىسىگە بەش تال كۆك تاياق سۇنۇپ كەتكۈچە ئۇردى. ئۇنىڭ دۈمبىسى قىر – قىر تىلىنىپ، تىرقىراپ قان چىقىپ كەتتى. ئاندىن كېيىن پالاققا تارتىپ ئۇرۇپ تاپانلىرىنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ يېرىلغان يەرلىرىگە تۇز سۈركەتتى... كەچقۇرۇن نىمجان بولۇپ قالغان ئاغىنىمىز ئابدۇكنى تۆت بالا ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇك ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن يېتىپ ساقايغاندىمۇ، بۇ مەكتەپكە كەلمەي قويدى. كېيىن موللام: «ئابدۇك مەكتەپتىن قاچتى، تۇتۇپ كېلىڭلار!» دەپ قاۋۇل تۆت بالىنى ئەۋەتكەنىدى، ئۇلارنى ئابدۇك تاش ئېتىپ قوغلىۋېتىپتۇ. كېيىنكى كۈنلەردىمۇ ئۇ سېپىلغا چىقىپ پوقاق موللامنىڭ مەكتىپىنىڭ پەنجىرىسىگە ئىككى – ئۈچ تاش ئاتتى. لېكىن ئۇ موللامغا تۇتۇق بەرمەي يۈردى. موللام بولسا ئۇنى قولغا چۈشۈرەلمەي يۈرگىنىگە تىت – تىت بولۇپ بىزگە: «سەنلەرنىڭمۇ ئىچىڭدە يادا تاش بار» دەپ ئالىيىپ قوياتتى.

     

     

    ئابدۇكنىڭ ئارقىسىغا كىرىدۇ دەپ موللام ماڭىمۇ سوغۇق نەزەردە قاراشقا باشلىدى. كېيىن مەن بۇ موللامنىڭ قولىدا ئابدۇكنىڭ كۆرگەن كۈنىنى كۆرمەي دەپ قورقۇپ، بۇ مەكتەپتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم.

    موللامنىڭ زالىملىقىنى دادامغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بەرگەنىدىم، داداممۇ ماقۇل بولدى. شۇنداق قىلىپ، سەپرا پوقاق موللامنىڭ مەكتىپىدىن ئەبەدىي قۇتۇلدۇم.

    بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، دادام مېنى دولان دەرۋازا يېنىدىكى پاكار موللامنىڭ مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى. بۇ موللاممۇ مېنى ئوقۇتۇشتىن كۆرە كۆپرەك ئۆي خىزمىتىگە سالدى. ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى بىر باراڭ ئۈزۈمگە ئەپكەشتە سۇ توشۇپ قۇياتتىم. قۇشناچىمنىڭ يۈگۈر – يىتىم ئىشلىرى بىلەن ئاۋارە بولاتتىم، كالىسىغا ھەلەپ ئېتىپ بېرىپ بولۇپ، كوچىلاردىن شاپاق تېرىپ كېلەتتىم... بۇ موللامنىڭ بىلىمىنىڭ تايىنى يوق ئىكەن. مەن ئۆي ئىشلىرىدىن بوشاپ مەكتەپكە كەلگەندە موللامدىن:

    _ موللام، مەن ناۋايىنى ئوقۇپ يۈرەتتىم، كىتابىمنى ئوغرىلىتىپ قويدۇم، ئەمدى نېمە كىتاب ئوقۇيمەن؟- دەپ سورىدىم.

    موللام بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

    _ ئەمىسە چاھار كىتاب تېپىپ كەلسەڭمۇ بولىدۇ،- دېدى. مەن ئىزلەپ يۈرۈپ، چاھار كىتابىنى تېپىپ كېلىپ موللامدىن دەرس ئالدىم. مەن كىتابنى ئېچىپ موللامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغىنىمدا، ئۇ كىتابنىڭ باش تەرىپىدىن ماۋۇ ئىككى مىسرا شېئىرنى ئىشارەت بارمىقى بىلەن ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوقۇدى:

     

    ابتدا ميكىم بنامى خدا،

    كز دو حرف فريدار خدىما.

     

    مەن ناۋايىنى ئوقۇپ يۈرۈپ پارسچە سۆزلەرگە تىلىم كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، ئۇنى موللامدىن تۈزۈكرەك ئوقۇدۇم، كېيىن ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرسام، ھېچ گەپ چىقمىدى.

    موللامدىن مەن:

    _ مەنىسى نېمىكىن؟- دەپ سورىدىم.

    _ ھازىرچە مەنىسىنى قوشۇپ ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەر كۈنى مەن ئوقۇپ بەرگەن بويىچە ئىككى مىسرادىن يادلاۋەرسەڭ بولىدۇ،- دېدى موللام.

    _ تەقسىر، بۇ سۆزلەر پارسچە تۇرسا، قۇرۇپ ياد ئېلىپ ئۇنى چۈشەنمىسەم بولامدۇ؟

    _ يادلاۋەرسەڭ قۇلىقىڭغا سىڭگەنسېرى ئاخىرى چۈشىنىپ قالىسەن، ماڭ، بار، ئاۋۋال يادا ئوقۇشنى ئۆگەن.

    مەن ئۆيگە قايتىپ ئاكام تۇردىغا چاھار كىتاب ئوقۇغانلىقىمنى، ئەمما ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەنلىكىمنى، مەن تۇرماق موللاممۇ مەنىسىنى تۈزۈكرەك ئېيتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «يادلىۋالساڭلارلا بولدى» دېگەنلىرىنى دەپ  بەردىم.

    _ بەللى، مەنىسىنى ئۇقماي تۇتىدەك سايرىغاننىڭ نېمە پايدىسى،- دېدى ئاكام قاقاقلاپ كۈلۈپ، _ ئۇنداق بولسا، پاكار موللامنىڭ ئۆزىمۇ ئىچى كاۋاك دۇمباق ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزىگە شاگىرتلىرىدىنمۇ قۇرۇق ئاۋاز چىقىرىپ يادلاپ بېرىشنىلا خالايدىكەن – دە، ئەكەل كىتابىڭنى، مەن يادلىغىنىڭنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەي.

    مەن ئوقۇپ يۈرگەن كىتابىمنى ئۇنىڭ قولىغا بەردىم. ئۇ كىتابنى ئېچىپ:

    _ قېنى، قايسى مىسرالارنى يادلىدىڭ؟- دەپ سورىدى.

    مەن دەسلەپتە يادلىۋالغان يۇقىرىقى ئىككى مىسرا شېئىرنى كۆرسىتىپ ئوقۇدۇم.

    ئاكام ھېچقانداق دۇدۇقلىمايلا:

    _ باشلايمەن بۇ كىتابنى خۇدانىڭ ئىسمى بىلەن، چۈنكى خۇدا ئىككى ھەپ بىلەن يەر، ئاسماننى ياراتتى، دېگەن بولىدۇ، سەن ئەمدى بۇنى قويۇپ، ماۋۇ كىتابنى ئوقۇغىن،- دېدى ۋە تاختا بېشىدىن «خوجا ھاپىز» دېگەن باشقا بىر كىتابنى ئېلىپ بەردى، _ بۇ كىتابنى مەن خېلى بۇرۇن ئوقۇغان. بۇنىڭدا ئاجايىپ چوڭقۇر مەنىلىك گۈزەل شېئىرلار بار. سەن يادلىغانلارنىڭ مەنىسىنى بىلىۋېلىشىڭغا مەن ياردەم بېرىپ تۇراي، قورقماي ئوقى!

     

     

    ئاكام تۇردى قادىر مەدرىسىدە نادىرخان داموللام دېگەن مەشھۇر ئالىمدىن دەرس ئالاتتى، شۇڭا ئۇ ئەرەبچە، پارسچىغا خېلى ئۇستا ئىدى، ھەتتا قۇرئانغا مەنا ئېيتاتتى. بىرەر كىتاب قولىغا چىقىپ قالسا، ئۇ كىتابنى دەرھال ئېچىپ، قۇرلىرىغا قىزغىن ھەۋەس بىلەن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقاتتى ۋە مەنىسىنى زوقلىنىپ سۆزلەپ بېرەتتى.

    پاكار موللام بىزنى تۈزۈكرەك ئوقۇتماي، مالاي ئورنىدا ئۆي ئىشلىرىغا سالغىنى سالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوقۇتقان شېئىرلىرىنىڭ مەنىسى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى. ئۇنىڭمۇ پوقاق موللامنىڭ جازا چارىلىرىدىن باشقا ئالاھىدە بىر جازالاش ئۇسۇلى بار ئىدى. ئۇ بولسا مۇنداق: سامان تىقىدىغان كۆشۈكنىڭ بىر چېتىدىن باغلانغان ئارغامچىنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى تورۇستىكى لىمدىن ئۆتكۈزۈپ، خاپا قىلغان بالىنى كۆشۈككە سېلىپ تورۇسقا تارتىپ قوياتتى. بىچارە ئوقۇغۇچىنىڭ پۇت – قولى بىر يەرگە يىغىلغان ھالدا كەچكىچە ئېسىقلىق تۇراتتى. مەن بۇ غەلىتە جازادىنمۇ خېلى چۆچۆپ يۈردۈم.

     

     

    پاكار موللام پوقاق موللامدىنمۇ تېرىككەك، ئالدىراڭغۇ ئىدى. «ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلسە، پاكارنىڭ جېنى چىقىپتۇ» دېگەندەك، ئۇ ئاچچىقى كەلسە، ئورنىدا تۇرالماي سەكرەپ كېتەتتى، تېخى ھالىغا باقماي باشقا مەكتەپ موللىلىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇرۇشقا سالاتتى ۋە مەكتەپلىرىگە تاش ئاتقۇزاتتى. بەزى مەكتەپنىڭ بالىلىرى كۆپىيىپ ئاۋۇشقا باشلىسا، ئۇ ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاۋۇل ۋە بەستلىكلىرىنى توپلاپ پەيتىنى تاللاپ ئۇرۇشقا كۈشكۈرتەتتى. سوقۇشتا كۈچلۈكرەك چىققان بالىنى پاكار موللام «ھۇششەرە»، «ئەزىمەت» دەپ تەقدىرلەيتتى. مەن بىر كۈنى شۇنداق ئۇرۇشلاردىن بىرىگە قاتنىشىپ، يۈز – كۆزۈمنى مورلىتىپ، بۇرنۇم قان ئۆيگە قايتتىم.

     

     

    مەن سۇمۇ، پاتقاقمۇ كارىم بولماي كېچىپ، ئۆتۈكۈمنىڭ تۇمشۇقىدىن پايتىمامنىڭ چىقىپ قېلىشى، تۇمىقىمنىڭ كۆرپىسى سۆكۈلۈپ ساڭگىلاپ قالىغىنىغا قارىماي، ئۈستى – بېشىم توپا – چاڭ يۈرەتتىم. شۇنىڭغا قاراپ ئائىلىمىزدە بەزىدە مېنى «زۇنۇن ئاشىق» دەپ ئاتايتتى. بۈگۈنكى ئۇرۇشتا شۇنداق قىياپىتىم ئۈستىگە يۈز – كۆزۈمنى قانغا بوياپ كەلدىم. مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ئاكام تۇردى:

    _ ھەي، ھەي، مانا بۈگۈن جىڭ «زۇنۇن ئاشىق» بولۇپ كەپسەن، مەجنۇن، _ دېدى ۋە باشقا گەپ سورىمايلا ئاپتۇۋا بىلەن چىلاپچىنى ئېلىپ كەلدى، _ يۈز – كۆزۈڭنى چاپسان يۇغىن، ھېلى دادام كېلىپ مۇشۇ ئەپتىڭنى كۆرۈپ قالسا، دۇنياغا كەلگىنىڭگە تويدۇرىدۇ.

    مەن يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاكام مەندىن نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى سورىدى. مەن مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى، موللامنىڭ بىزنى باشقا مەكتەپنىڭ بالىلىرىغا ئۇرۇشقا كۈشكۈرتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم.

     

     

    _ توۋا، ماۋۇ جاھالەتنى كۆرۈڭ، ياقىسىنى تۇتتى ئاكام، _ مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ھودۇكۇش – كۇش» بىلەن «ھۇششەرە» ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ. بۇ پاكار موللام مۇشۇنداق كۆڭلى قارىلىقى بىلەن قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرەلەيدۇ. ئەرەبلەردە: «ئەددارازون ئەخمەقون، قەسىرەتون پىتنەتون» (ئېگىز ئەخمەق، پاكار پىتنىخور بولىدۇ دېگەن مەنىدە) دېگەن تەمسىل بار. بۇ پاكار موللاڭ بىر پىتنىخور ئادەم ئىكەن. ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق نادانلىق ۋە جاھالەت ئۇرۇقىنى چاچىدىغان بىلىمسىز كىشىدە ئوقۇمىساڭمۇ بولىدۇ. ئەمدى بۇ مەكتەپكە بارمايلا قوي، مەن سېنى ئۆزۈم ئۆيدە ئوقۇتۇپ قوياي، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پاكار موللام مەكتىپىگە بارماس بولدۇم. مەنلا ئەمەس، باشقا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارمۇ بارماس بولۇپ قالدى. بارا – بارا ئوقۇغۇچىلار ئازىيىپ، پاكار موللام مەكتىپى يېپىلىپ قالدى.

     

     

    دار ئويۇنى

     

     

    غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ بىر دۆڭلۈك جايدا غۇلجا ھاكىم بەگلىرىنىڭ ئەجدادلىرىغا قاراشلىق قەبرىستانلىق بار. ئۇنىڭ ئىچىدە چوڭ بىر گۈمبەز بولىدىغان. مانا شۇ گۈمبەزنىڭ ئەتراپى «ئالتۇنلۇق» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالتۇنلۇقنىڭ غەربىدىكى پەسلىكتە چوڭ بىر ئۆستەڭ ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇ سۇ ئۆتكەن جايلار ساي بويى دېيىلىدۇ. ساي بويىدا تاللىقلار، ئېگىز ئۆسكەن سۆگەتلىك بوستانلار بار. باھار ۋە يازدا كىشىلەر بۇ يەرگە توپ – توپ كېلىپ ئويناپ كېتەتتى. ئالتۇنلۇقنىڭ ئالدىدا تۈز كەتكەن قۇم – شېغىللىق بىر مەيدان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بۇلاقلار ۋە ياپيېشىل چىملىق مەنزىرىلەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاچاتتى.

     

     

    بىر يىلى باھاردا ئالتۇنلۇق ئالدىدىكى سايدا دار ئويۇنى بولدى. شەھەر خەلقى قومۇرۇلۇپ دېگۈدەك ئالتۇنلۇق تەرەپكە قاراپ كېتىپ باراتتى. مەنمۇ دادام بىلەن دار ئويۇنىنى كۆرۈشكە باردىم. ساي بويىدىكى كەڭ مەيدان، ئېرىق – ئۆستەڭ، سازلىق، چىمەنزار ۋە ئېگىزلىكتىكى گۈمبەز ئەتراپى مىڭلىغان ئادەملەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ئۆستەڭ بويلىرىدا بورىلار بىلەن توسۇپ ياسالغان ۋاقىتلىق قاتار – قاتار ئاشخانىلار، چايخانىلار، ناۋايخانىلارنىڭ؛ سازلىق ۋە چىملىقلاردىكى ئۈستى يېپىلغان ياكى دەرەخ سايىلىرىنى دالدا قىلغان سامسا، كاۋاپ، ئاشلەمپۇڭ (ماشلىغ)، دوغاپ، پىۋا، كۇۋاس ساتقۇچىلارنىڭ سانىنى ئېلىش قىيىن ئىدى. ئۇلار بەس – بەس بىلەن خېرىدار قىچقىرىپ توۋلايتتى. تونۇر بېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان گۆشگىردىچى ئۇستام بولسا، ئاق يەكتىكىدىن يۇڭلۇق مەيدىسىنى چىقىرىپ، ئوڭ قولىنىڭ ئالقىنىنى قۇلىقىغا قويۇپ: «ياغ يەيسەن، شېكەر يەيسەن، بىرنى يېسەڭ ئۇھ دەيسەن، ئىككىنى يېسەڭ سۇ دەيسەن» دەپ قاپىيىلىك سۆزلەر بىلەن ۋارقىرايتتى. چايخانىلاردا تۈرلۈك سازلار چېلىنىپ، مۇقام ۋە نەغمە – ناۋالار بولۇپ تۇراتتى. ئەھلى كاسىپلار خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئۇستا سازەندىلەرگە پۇلنى ئايىماي بېرىپ، بىر – بىرلىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشاتتى. قايسى ئورۇننىڭ نەغمە – ناۋاسى قىزىپ كەتسە، خېرىدارلار شۇ يەرگە كۆپرەك توپلىناتتى. بۇ يەردە يەنە قوشقار سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش ئويۇنلىرى بولۇپ تۇراتتى ياكى خوراز، كەكلىك ۋە بۆدۈنىلەرنى سوقۇشتۇراتتى. ئىگىلىرى يېڭىلىپ قاچقان ھايۋان ياكى قۇشلىرىنى يەڭگۈچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى. تاماشىچىلار بۇ تەرەپ ياكى ئۇ تەرەپ بولۇپ پۇل تىكىشەتتى. كىمنىڭ ھايۋىنى ياكى قۇشى غالىپ بولسا، شۇ تەرەپنى ياقلىغۇچى تىككەن پۇلنى مەغلۇپ بولغۇچى تەرەپتىن نەق ساناپ ئالاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، بۇنداق ئورۇنلارغا ئادەم كۆپرەك يىغىلاتتى. يەنە ئۈچ – تۆت يەردە مەدداھلار جەڭنامە ۋە رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ ئادەملەرنى توپلىۋالغانىدى. مەن باشقا تاماشىغا قارىغاندا رىۋايەت ئاڭلاشقا قىزىققانلىقىم ئۈچۈن، قورسىقىمنىڭ ئاچقىنىنىمۇ سەزمەي، مەدداھنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالاتتىم. بىر قېتىم مېنى دادام يۈتتۈرۈپ قويۇپ ئىزلەپ بىر مۇنچە ئاۋارە بولۇپ، ئاخىرى مەدداھنى ئالدىدىن تاپتى – دە، بىلىكىمدىن تۇتۇپ خەلق ئارىسىدىن سۆرەپ چىقتى ۋە ئاچچىقى بىلەن ياڭىقىمغا بىر كاچات سېلىۋېدى، كۆزۈمدىن ئوت چاقناپ كەتتى. ئاچ قورساققا سامسا يېيىشنى ئورنىغا، قاراپ تۇرۇپ بىر شاپىلاق يېۋالدىم. ھەر ھالدا شاپىلاقنىمۇ بىكار يېمىگەن ئىكەنمەن. مېنىڭ ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ، قورسىقىمنىڭ ئېچىپ كەتكەنلىكىنى چىرايىمدىن سەزگەن دادام سامسا ئېلىپ بېرىپ، قورسىقىمنى تويغۇزۇپ قويدى.

     

     

    بىردىنلا دار باغلانغان تەرەپتىن سۇناي بىلەن دۇمباق ئاۋازى ياڭرىدى. مىڭلىغان ئادەملەر دار ئەتراپىغا يىغىلىپ، ناھايىتى چوڭ دائىرە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، بويى ئېگىز، قامەتلىك، رەڭگى سارغۇچ كەلگەن ھاشىم ھاجى دارۋاز كۆپچىلىككە قاراپ:

    _ جامائەت، دارغا چىقىشتىن بۇرۇن موللاق ئويۇنى ئۆتكۈزىمىز، _ دېدى. توختاپ قالغان دۇمباق – سۇناي يەنە چېلىنىپ، موللاق ئېتىش باشلاندى. ھاشىم ھاجىنىڭ شاگىرتلىرىدىن دار ئويۇنىغا ئەڭ ئۇستىسى توختاخۇن دېگەن 15 – 16 ياشلاردىكى غۇنچە بوي، ئاق يۈزلۈك، چىرايلىق بالا ئىدى. يەردە موللاق ئېتىشنىڭ ئەڭ ئۇستىسى قارامۇتۇق، توغرۇلۇق كەلگەن يىگىت ئىدى. موللاقنىڭ قالتىسلىرىنى ئەنە شۇ يىگىت ئويناپ كۆرسىتەتتى. ئۇ ھەر تۈرلۈك موللاق ئېتىش، بەلدىڭدىن يەرگىچە ئېگىلىپ، يەردىكى چىنىلەرنى ئاغزىدا چىشلەپ، قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يەنە موللاق ئېتىپ چۈشەتتى. ئۇ موللاق ئاتقاندا ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى – ئۈچ پېرقىرىۋېتەتتى ياكى ھېچ يەرنى تۇتماستىنلا بەش – ئالتە قېتىم موللاق ئېتىۋېتىپ توختايتتى. موللاق ئويۇنى جەريانىدا ئادەملەر تولۇق يىغىلىپ بولدى. مانا ئەمدى دار ئويۇنى باشلاندى.

     

     

    قىزىل دۇخاۋىدىن ئىخچام شىم – تۇجۇركا كىيگەن، بېشىغا سېرىق سەللە ئورىغان يالىڭاياق توختاخۇن قولىدا ئۇزۇن تەڭشەك ياغىچىنى تۇتۇپ مېڭىپ، دارنىڭ چوڭ قوزۇقى ئالدىدا قىلۋىغا قاراپ تۇردى.

     

     

    ئۇستاز ھاشىم ھاجىم قىلۋىغا قاراپ مۇناجات ئوقۇپ دۇئا بەرگەندىن كېيىن، قىپقىزىل رەڭلىك كىيىمىدىكى ئوماق يىگىت توختاخۇن دار ئارغامچىسىغا دەسسەپ، يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى. تۆۋەندە بولسا، داقا – دۇمباق، سۇناي ياڭرىدى. مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆزلىرى توختاخۇنغا تىكىلىپ قالدى. دارۋاز سۇناينىڭ پەدىسىگە كەلتۈرۈپ يۆتكىگەن پۇتىنى ئوينىتىپ يۇقىرى ئۆرلەيتتى. دارنىڭ ئۇچىدىكى راۋاققا قارىسىڭىز، ئۇ دوپپىڭىز يەرگە چۈشۈپ كەتكۈدەك ئېگىز. دارۋاز: بىرىنچى ئاچىماقنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئوڭ تاپىنىنى سول پاچىقىغا تىرەپ قويۇپ، يەك ئاياغ بولغان ھالدا: «ياپىرىم، شاھى مەردان...!» دەپ ۋارقىراپ ئاچىماققا ئۆتۈپ ئولتۇراتتى، بۇ يەردە ئۇ ئىككى – ئۈچ مىنۇت دەم ئالغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى __ ئىككىنچى ئاچىماققا قاراپ ماڭاتتى، يۇقىرىقى ئاچىماق يېنىغا يېقىن كەلگەندە، ئۇ بىر قەدەم بېسىپ قويۇپ، يەنە ئارقىچە مېڭىپ، تۆۋەنكى ئاچىماققىچە قايتاتتى. يەنە ئالغا تېز – تېز مېڭىپ كېتىپ بېرىپ، ئىككى پۇتىنى ئىككى تەرەپكە كېرىپ، بىردىنلا ئارغامچىغا مىنىپ قالاتتى. مانا شۇ چاغدا كىشىلەر چۆچۈپ «ۋاي» دەپ توۋلىشىپ كېتەتتى. ئۇ ئەمدى ئارغامچىغا مىنىپ تۇرۇپ، ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ، ئىككى ياققا تاشلاپ ئوينايدۇ، كېيىن چازا قۇرۇپ ئولتۇرىدۇ، يەنە بىرىنچى ئاچىماققا كېلىپ، ئىككى كۆزىنى چىڭ تېڭىپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئارقىچە مېڭىپ قايتىدۇ، ئەمدى ئىككى تاپىنىغا ئىككى تەخسە باغلاپ، كۆزى تېڭىلغان ھالدا يەنە يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. يەردە بولسا، كىشىلەر خەپسىرەپ جىمجىت كۆز تىكىپ تۇرۇشىدۇ.

     

     

    ئەنە شۇنداق بىر قانچە خىل ئويۇنلارنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىپ، تاختا راۋاققا بىر – ئىككى چامدام قالغاندا، بېشىنى ئارغامچىغا قويۇپ، ئىككى پۇتىنى ئاسمانغا تىك كۆتۈرۈپ: «ياپىرىم!» دەپ ۋارقىرايدۇ. تۆۋەندە ھاشىم ھاجى: «جانلان كىشىنى شەمسى بوستان ئەتكەن، بىر ئەلەمنى گۈلىستان ئەتكەن، ياپىرىم، شاھى مەردان» دەپ سول قولىنى مەيدىسىگە قويىدۇ، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ ئۈستىگە پاقىلدىتىپ ئۇرۇپ تۇرۇپ: «ھەزرىتى ئەلى شاھى مەردان ھەققى – ھۈرمىتى يولىدا ئاتىغىنىڭلارنى بەرگەيسىلەر!» دەپ ۋارقىراپ دۇئاغا قول كۆتۈرىدۇ. ئىككى كىشى داستىخاننىڭ ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئېچىپ، دائىرە ئايلىنىپ توپ ئالدىدىن ئۆتىدۇ. كىشىلەر بولسا، يېنىكى پۇللىرىنى داستىخانغا تاشلايدۇ. بەزىبىرلىرى تەسىرلىنىپ، ئۈستىدىكى چاپانلىرىنى سېلىپ تاشلاپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ناھايىتى نۇرغۇن پۇل – نەرسىلەر توپلىنىدۇ. دارۋاز يىگىت ئۈستى يېپىلغان پەشتەخت ئىچىگە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ. داردىن چۈشۈش ۋاقتىدا ئۇ ئۆزى مېڭىپ چىققان ئارغامچا بىلەن يېنىپ چۈشمەي، پەشتەختتىن تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ قويۇلغان ئارغامچىدىن سىيرىلىپ چۈشىدۇ. شۇ چاغدا ئۇنى نەچچە مىڭلىغان ئادەم ئورىۋېلىپ، قول تەككۈزۈپ تاۋاپ قىلىشىدۇ. ئادەم ئۈستىگە ئادەم يامىشىپ، قوللىرىدىكى نانلارنى توختاخۇنغا سۇنىدۇ. ئۇ بولسا، سۇنۇلغان ناندىن بىر چىشلەيدۇ. چىشلەنگەن نان ئىگىسى ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلاپ، ناننى قوينىغا تىقىپ سەكرەپ كېتىدۇ. بۇ چىشلەنگەن ناننىڭ ئىگىسى نېمىشقا شۇنچە خۇش بولۇپ كېتىدۇ؟ چۈنكى، ئۇنىڭ خوتۇنى تۇغماس بولسا، ئەمدى دارۋاز چىشلىگەن بۇ ناننى يەپ تۇغارمىش...

     

     

    ئويۇندىن كېيىن توختاخۇننى كۆپچىلىك قولدىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرۈشتى، بەزىلەر ئۇنى ئۆز ئاتلىرىغا مىندۈرۈپ، بەزىلەر ھارۋىغا سېلىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولۇشتى. ھاشىم ھاجىم بولسا، ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلاتتى. مۇشۇنداق غۇلغۇلا بولۇپ تۇرغاندا، ئىككى چېرىك توپقا مىلتىق تەڭلەپ توختاخۇننىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنى ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. بۇ قانداق ئىش؟

    ئىلى ۋىلايىتىنىڭ شۇ چاغدىكى دوتىيىنىڭ ئالىقانات بىر ئوغلى بولۇپ، ئەشەددىي ئەركە ئىدى. نېمىنى خالىسا، شۇنى قىلاتتى. ئۇ شۇ يەردىكى ياش بالىلارنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ، ئاجايىپ پورمىدا كىيىم كىيگۈزۈپ بىر ئەترەت تەشكىل قىلىۋالغان. ئۇ بۇ ئەترەتنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ شەھەردە ئالا – توپىلاڭ كۆتۈرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خەلق ئۇنى «ساراڭ شويى» دەپ ئاتايتتى. ھازىر بۇ يەرگە كەلگەن ھېلىقى ئىككى چېرىك ئەشۇ شويىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىدى. ساراڭ شويى دار ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن توختاخۇنغا ھەيران قېلىپ ئۇنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بۇ ئەسكەرلەرنى ئەۋەتكەنىكەن. خەلق توختاخۇننى ئۇلارغا تۇتقۇزماي ۋارقىراشقا باشلىدى، ھاشىم ھاجىم بولسا:

    _ ھاي خالايىق، جىم بولۇڭلار، بىز بۇلاردىن گەپ سوراپ باقايلى، _ دەپ خەلقنى تىنچلاندۇردى. ھېلىقى ئەسكەرلەردىن بىرى:

    _ شويى جانابلىرى بۇ بالىنى بىر كۆرسەم بېرىدىغان مۇكاپاتىم بار دەپ بىزنى بۇ ياققا ئەۋەتكەن، _ دېدى. ھاشىم ھاجى بالىنى شويىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارمىساق، ئويۇنىمىزنى توختىتىپ قويمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ، دەرھال توختاخۇننى ساراڭ شويىنىڭ ئالدىغا باشلاپ ماڭدى. مەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا سىقىلىپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ باردىم. شويى ساماۋارخانىدا ئىكەن. ئۇ توختاخۇننىڭ ئۇ يەر – بۇ يېرىنى تۇتۇپ كۆردى. كېيىن يىڭنە ئالدۇرۇپ، ئۇنى توختاخۇننىڭ ئوتتۇرانچى بارمىقىغا تىقتى، دارۋاز بالا «ۋايجان» دەپ ۋارقىرىشى بىلەن قولىدىن تىرقىراپ قان چىقتى.

    _ ۋاھ، بۇنىڭ جېنى بار ئىكەنغۇ؟ _ دېدى ساراڭ شويى كۈلۈپ، _ مەن بۇنى جىنمىكىن دەپ ئويلاپتىمەن.

    _ شويى جانابلىرى، بۇ بىزگە ئوخشاش ھاجى ھەرەمنىڭ ئوغلى، ھەزرىتى ئەلى شاھى مەرداننىڭ شاگىرتى بولىدۇ، _ دېدى ھاشىم ھاجى.

    _ ئەلى دېگەن كىم ئۇ؟ _ دەپ سورىدى شويى.

    ساراڭ شويىنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئەخمىقانە قىلىقلىرىغا ئاچچىقى كېلىپ تۇرغان بىر ئادەم:

    _ ئەلى شاھى مەردان دېگەن تاغنى زۇلپىقارى بىلەن بىرنى ئۇرۇپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىدىغان باتۇر، _ دېدى غەزەپ بىلەن.

    _ زۇلپىقار دېگەن نېمە؟ _ دېدى شويى.

    _ زۇلپىقار دېگەن بىر سىلكىسە قىرىق گەز بولىدىغان، بىر چاپسا قىرىق دۈشمەننىڭ كاللىسىنى ئالىدىغان قىلىچ، _ دېدى ئاچچىقى بىلەن ھېلىقى ئادەم.

    _ ئۇنداق بولسا بۇ ئەۋلىيانىڭ شاگىرتى ئىكەن - دە! _ دېدى ساراڭ شويى توختاخۇننىڭ شۇنداق ئېگىز باغلانغان تىك ئارغامچا ئۈستىدە قورقماي سەكرەپ يۈرۈپ كۆرسەتكەن خەۋپلىك ئويۇنلىرىغا ئەمدى ئىشىنىپ.

    ھاشىم ھاجى توختاخۇننى قولىدىن تۇتۇپ يېتىلەپ ساماۋار يېنىدىكى سۇپا ئۈستىگە چىقىپ:

    _ ئەھلى جامائەت، بۈگۈنكى ئويۇنىمىز تامام. ئەتە دار ئۈستىدىكى چىغىرىق ئويۇنى بولىدۇ، _ دەپ ۋارقىرىدى. خەلق قايتىشقا باشلىدى. مەن توختاخۇنغا تويماي قاراپ تۇراتتىم. دادام كۆپچىلىك ئارىسىدىن مېنى چەتكە ئېلىپ چىقىپ:

    _ ھە ئاشىق، بۈگۈنكى ئويۇننى تويغۇچە كۆرۈپ ھارغانسەن؟ يۈر، بىزمۇ قايتايلى، _ دېدى – دە، بىلىكىمدىن تۇتۇپ مېڭىپ، ھارۋا ئىزلەشكە كىرىشتى. ئاخىر مىڭ تەسلىكتە بىر دەرجە ھارۋا كىرا قىلىپ ئۆيگە قايتتۇق...

     

     

    ئەتىسى دار ئويۇنىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە چىقتۇق. بۈگۈن توختاخۇن دار ئۈستىدە ئىككى – ئۈچ خىل ئويۇن كۆرسەتتى – دە تېزلا پەشتاققا چىقتى. ئۇ پەشتاقتىن يالغۇز بالداقلىق چىغىرىققا ئۆتۈپ، بىر پۇتى بىلەن بىر بالداقنى ئىلىۋېلىپ پىرقىرىدى، ئاندىن قولى بىلەن بالداقنى تۇتۇپ بېشىنى تۆۋەن، پۇتىنى ئاسماندا قىلىپ بىر قانچە قېتىم ئايلاندى، ئۇ بەزىدە بالداقنى بىر قولتۇقىدا قىسىۋېلىپ، بەزدە پۈكۈلگەن پاچاقلىرى بىلەن قىسىۋېلىپ ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئەنە شۇنداق بىر – بىرىدىن قىيىن ئويۇن كۆرسىتىۋاتقاندا يەردىكى ئادەملەر دارۋاز بالىدىن خەۋپسىرەپ، يۈرەكلىرى ئېغىپ، ئۇنىڭدىن كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى، بەزىلەر بولسا ئاغزى ئېچىلغان ھالدا قىمىرلىماي ھەيكەلدەك قېتىپ قېلىشاتتى.

     

     

    ئەمدى توختاخۇن سول تەرەپتىكى ئىككى بالداق چىغىرىققا چىقتى. بۇنىڭدىكى ئويۇن ئادەملەرنى تېخىمۇ چۆچۈتەرلىك شەكىللەر بىلەن داۋام قىلدى. ئۈستۈنكى بالداقنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇچۇۋاتقان يىگىت بىردىنلا قولىنى قويۇۋەتكەنىدى، تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىش خەۋپى ھەممىنى سەراسىمىگە سالدى. شۇ چاغدا ئۇ ماھىرلىق بىلەن تۆۋەنكى بالداقنى تۇتۇپ توختاپ قالدى. بۇ نېمىشقىمۇ ئادەمنى چۆچۈتمىسۇن؟ بىز بۇنىڭدىنمۇ قورقۇنچلۇقراق بىر نەچچە خىل ئويۇننى كۆردۇق: بىرى، بالداققا بېلىنى قويۇپ، پۇت – قوللىرىنى ساڭگىلىتىپ ئوڭدا ياتقان دارۋاز بالا بىردىنلا بېشى بىلەن تۆۋەنگە قاراپ سىيرىلىدۇ. بىز: «توختاخۇن ئەمدى يەرگە تىك موللاق ئېتىپ چۈشىدىغان بولدى» دەپ تۇرۇشىمىزغا ئۇ يەرگە چۈشمەي، پۈتۈن تېنى بىلەن بېشى تۆۋەن ھالدا ساڭگىلاپ قالدى. ئۇ قانداق بولۇپ ھايات قالغاندۇ دەيسىز؟ بۇ ئويۇندا توختاخۇن بىرىنچى قېتىم ئۆزىنى تۆۋەنگە تاشلىغاندا ناھايىتى چاققانلىق بىلەن ئىككى پۇتىنى بالداقنىڭ ئارغامچا باغلانغان ئىككى چېتىگە ئاپىرىپ ئىلىۋالغان. ئىككىنچى قېتىم ئۆزىنى تۆۋەنگە تاشلىغاندا تاپىنىنىڭ دۈمبىسى بىلەن بالداقنى ئىلىۋېلىپ، پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرغان. ئويلاپ بېقىڭچۇ، بۇنىڭدىمۇ بارماقلىرى پۈتۈن گەۋدىسىنى كۆتۈرەلمەي سەللا سىيرىلىپ كېتىپ قالسا ھالاك بولمامدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بالداققا ئولتۇرۇۋېلىپ __ كەينىگە ئۇچۇۋاتقان توختاخۇن بىردىنلا ئۆزىنى تۆۋەنگە ئاتىدۇ. «ھە ئەمدى ئۇ جېنىدىن تويۇپ ئۆزىنى يەرگە ئاتتى» دەپ دەھشەت ئىچىدە قارىسىڭىز، ئۇنىڭ ئىككى پۇتى باغلاقلىق ھالدا يەنە ساڭگىلاپ تۇرغان. ئەسلىدە ئۇ ئۇچۇۋاتقان چاغدا بىزگە سەزدۈرمەي بالداق بۇرجىكىگە ھالقا قىلىپ باغلاپ قويۇلغان چىغرىققا پۇتىنى ئۆتكۈزۈۋالغانىكەن. ئەمما بۇ ئويۇن دارۋازغا ئانچە قورقۇنچلۇق بولمىسىمۇ، تۆۋەندىكى كۆرگۈچىلەردە قورقۇنچ پەيدا قىلاتتى.

     

     

    مەن مۇشۇ ئويۇن مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنداق بىر ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتكۈم كېلىدۇ: يېزىدىن ئاشلىق ئېلىپ كىرىپ ساتقان بىر دېھقان بازاردىن نەرسە – كېرەك ئالماقچى بولۇپ يۈرگەندە، ئالتۇنلۇقتا دار ئويۇنى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، پۇلنى ياغلىققا چىگىپ يانچۇققا ساپتۇ – دە، دار ئويۇنىنى كۆرۈشكە بۇ يەرگە كېلىپتۇ. دارۋاز چىغرىقتىن ئۆزىنى تۆۋەنگە ئاتقاندا، دېھقان قورقۇپ كېتىپ «يائاللا» دەپ قولىنى كۆتۈرۈپ ياقىسىنى تۇتۇپتۇ. شۇ ئارىلىقتا، پەيت كۈتۈپ تۇرغان جەللىگۈر ئۇنىڭ پۇلىنى يانچۇقىدىن سۇغۇرۇۋاپتۇ. دېھقان ئېسىنى يىغىپ يانچۇقىنى تۇتسا پۇلى يوق. بوۋاي شۇ يەردىلا «ئاللا ، كاللا» توۋلاپ، ئەتراپىغا قاراپ، ئۆزىنى _ ئۆزى كاچاتلاپ يىغلىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن بىز بىچارە دېھقانغا كەلگەن ئۇۋالچىلىقنى كۆرۈپ ئېچىنىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن دار ئويۇنى كىشىلەرگە قانچىلىك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، سېھىرلەپ قويغانلىقىنى بىلىمىز.

    بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بۇ يەرگە ئوتتۇرا بوي، قاڭشالىق، قارا بۇرۇت، ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى بىر دارۋاز دار تىكىپ ئويۇن كۆرسەتكەنىدى. ئۇ توختاخۇننىڭ كۆرسەتكەن ئويۇنلىرىدىن باشقا دارغا ئۆتۈك بىلەن چىققان، بېشىغا ساماۋار قويۇپمۇ ماڭغان. بۇ ئىككى دار ئويۇنىدىن كېيىن كونا ھۆكۈمەت دار ئويۇنىغا رۇخسەت بەرمەي، ئۇيغۇر خەلقى قىزىقىپ كۆرىدىغان بۇ ئويۇن يوقاپ كەتكەنىدى.

     

     

    شۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن دار ئويۇنى يەنە پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ دارنى باغلىغان ئادەم جۇۋازچى بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا دارۋاز بولغانىكەن، ئۇ جەنۇبتىن ئىلىغا دار ئويۇنى ئويناش ئۈچۈن نۇرغۇن توشۇڭلارنى ئېلىپ چىققاندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ دار ئويۇنىغا رۇخسەت قىلمىغان. نەتىجىدە ئۇ نەرسە – كېرەكلىرىنى سېتىپ راسخوت قىلىپ، بىر نەچچە يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ قىيىنلىقىدا ئۇ ئاخىر بىر جۇۋازچىغا ياللىنىپ، جۇۋاز ھەيدەپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا دار ئويۇنىغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى بىلىپ، بىر نەچچە ئادەمگە ئۆزىنىڭ دارۋاز ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئەگەر دار تىكىشكە رۇخسەت قىلىنسا، دار ئويناپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ گەپ يۇرت چوڭلىرىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بىر نەچچە مۆتىۋەر ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ دار ئوينىشىغا رۇخسەت بەرگەن. ئۇنىڭغا يەنە قەرز ھېسابىدا، توشۇڭ، ياغاچ سېتىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭ دار تىكىشىگە بىر نەچچە ئادەمنى ئاجرىتىپ ياردەملەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن، يەنە شۇ ئالتۇنلۇقتا دار ئويۇنى كۆرسىتىلىشكە باشلىغان.

     

     

    جۇۋازچى دارۋاز قىرىق نەچچە ياشلاردىكى كۆزى ئەلەس ۋىجىك ئادەم ئىدى. كۆپ ئادەملەر ئۇنىڭ دارغا چىقىپ ئويۇن كۆرسىتىشىگە ئىشەنمەيتتى. جۇۋازچى بۇ ئەھۋالنى سەزگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغىنىغا ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى بەزى ئاجىزلىقلىرىغا قارىماي پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دار ئويۇنى ئويناشقا كىرىشكەن. ئۇ جۇۋاز ھەيدىگەندە كىيىدىغان كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، قىزىل مەخمەلدىن كىيىم كىيىپ دارغا چىققانىدى. ئۇ توختاخۇننىڭ ئويۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆرسىتەلىدى، كۆز باغلاش، تەخسە تېڭىشلارنىمۇ قىلدى. ھەتتا ئارغامچىدا يۈگۈردى. ئەمما چىغرىق ئويۇنىدا توختاخۇننىڭ كۆرسەتكەن ئويۇنلىرىدىن پەقەت يېرىمىنىلا كۆرسىتەلىدى. چۈنكى ئۇ ياشتا چوڭىيىپ قالغاچقا، ئاسانلا ھېرىپ قالاتتى. داردىن چۈشكەندە ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى تەرلەپ، كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتەتتى. ئۇنىڭ قىينىلىپ تىترەپ، شۈمشىيىپ قالغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرگەندە ئادەمنىڭ بەك ئىچى ئاغرىيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئەتىدىن باشلاپ ئۇ يەنە دار ئويۇنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.

     

    موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش

     

     

    مەن ھاشىم ھاجى دارۋازنىڭ شاگىرتلىرى ئورۇنلىرىغان دار ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن، دار ئويناشقا ھەم موللاق ئېتىشقا قىزىقىپ، ھەر كۈنى شۇلارنى دوراپ ئويناشقا باشلىدىم. موللاق ئېتىش ئۇسۇللىرىنى سوراپ بىلىۋېلىش ئۈچۈن دارۋازلار تۇرىدىغان جاينى ئىزدەپ تاپتىم. ئۇلار قازانچى مەھەللىسىدە ۋاقىتلىق ئىجارە ئالغان چوڭ بىر ھويلىدا تۇرىدىكەن. مەن توختاخۇننى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. ياز كۈنلىرى ئۇنىڭغا ھەر كۈنى يەل – يېمىش، قوغۇن – تاۋۇز ئاپىرىپ بېرەتتىم. ئۇ مۇلايىم، شېرىن سۆز، كۆڭلى كەڭ بالا بولغىنى ئۈچۈن ماڭا ئويۇن قائىدىلىرىنى زېرىكمەي چۈشەندۈرەتتى. ئېرىنمەي ئويناپ كۆرسىتىپ بېرەتتى. ئۆزىمۇ ھويلىغا ئېسىپ قويۇلغان چىغرىق بالدىقىدا مەشق قىلىپ تۇرىدىكەن. مەن توختاخۇننى بىر كۈن كۆرمىسەم، چىدىمايدىغان بولۇپ قالدىم. كۈندىلا باراي دېسەم دادامنىڭ: «نەگە يوقالدىڭ؟» دەپ سوراققا تارتىشىدىن قورقاتتىم. شۇڭا كۈن ئارىلاپ ياكى ئىككى – ئۈچ كۈندە بىر بېرىپ تۇراتتىم. شۇنداق قىلىپ، مەنمۇ دەرەخكە ئارغامچا باغلاپ، چەنزە بىلەن ئاچا قۇرۇپ، قولۇمدا تەڭشەك تۇتۇپ دار ئويۇنىنى مەش قىلىشقا باشلىدىم. دەسلەپتە ئۆگزە بويى يەرگە مېڭىپ چىققۇچە ئۈچ – تۆت قېتىم يىقىلىپ چۈشتۈم. بۇ مېنىڭ بىرىنچىدىن، قورققانلىقىم، ئىككىنچىدىن، تەڭشەكنى توغرىلاپ تۇتالماسلىقىمدىن بولغانىكەن. چۈنكى تەڭشەك ئارغامچا ئىككى تەرەپكە ئېغىپ كەتمەي تىك تۇرۇشتا ماشىنىنىڭ رولىغا ئوخشاش ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىدى. مەن كېيىن جۇۋازچى دارۋازنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تەڭشەكنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى قۇمنى ياغلىققا چىگىپ ئېسىپ قويدۇم. بۇ ئۇسۇلنىڭ پۇتنى ئارغامچىغا چىڭراق دەسسىتىپ تۇرۇشتا ياردىمى بار ئىكەن. ئاخىر مەن ئارغامچىدا مېڭىپ دەرەخكە چىقىشنى ئۆگەندىم. ئارغامچىدا كېتىۋېتىپ ئىككى پۇتىنى ئىككى ياققا تاشلاپ، ئارغامچىدا مىنىپ تۇرۇشنى قىلىپ باققانىدىم، كاسسىلىرىم سۈرىلىپ ئاغرىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىچىك بىر ياستۇقنى چاتىرىقىمغا تېڭىۋېلىپ ئارغامچىغا مىنىشنى ئۆگەندىم، كېيىن ئارغامچا ئۈستىدىن ئىككى پۇتۇمنى چۈپلەپ، ئىككى ياققا ئېتىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم. شۇ چاغدا ئۆگزە بويى يەردىن يىقىلىپ، پېشانەم يېرىلدى. نامسىز بارمىقىم قاتلىشىپ، بىرىنچى ئۈگىسىدىن چىقىپ كەتتى. بارمىقىمنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى دادامغىمۇ دېمەستىن ياكى ئورنىغىمۇ چۈشۈرگۈزمەستىن يۈرۈۋەردىم، چۈنكى مەن بۇ ئويۇنلارنى دادامغا ئۇقتۇرماي مەشق قىلىپ يۈرگەنىدىم. بارمىقىم ئاغرىپ يۈرۈپ ئاخىر دوناي بولۇپ ساقايدى.

     

     

    دار ئويۇنى ئۆگىنىمەن دەپ خېلى پەشۋا يېگەندىن كېيىن، ئۇنى تاشلاپ قويۇپ موللاق ئېتىشنى مەشق قىلىشقا باشلىدىم. مەن بۇ ئويۇننى ئاۋۋال ئىككى قول بىلەن چاقپەلەك بولۇپ پىرقىراشنى ئۆگىنىشتىن باشلىدىم. ئاندىن كېيىن بېشىمنى يەرگە، پۇتۇمنى ئاسمانغا قىلىپ تۇرۇشنى ۋە بېشىمنى تۆۋەن، پۇتۇمنى تامغا قىلىپ قول بىلەن يەرگە تىرەپ تۇرۇشنى خېلى كۆپ مەشق قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىن پۇتۇمنى ئۈستۈن قىلىپ قولۇم بىلەن مېڭىشنى ئۆگەندىم. كېيىنچە ئوڭدامغا بېلىمنى ئېگىپ قول ۋە پۇتۇمنى يەرگە تىرەپ تۆت پۇتلۇق بولۇپ تۇرۇشنى ئۆگەندىم. بۇ شەكىلنى كۆپ مەشق قىلىپ، مەلۇم ۋاقىت چېنىققاندىن كېيىن، ئاۋۋال بەش – ئالتە ياشلىق بىر بالىنى قورسىقىمغا چىقىرىپ خېلى ۋاقىت تۇرغۇزاتتىم، ئۇنىڭدىن كېيىن قورسىقىمغا بىر بالىنى، مەيدەمگە يەنە بىر بالىنى چىقىرىپ تۇرغۇزۇپ كۆردۈم. بۇنىڭغا بىر ئاز كۆنۈككەندىن كېيىن ئالدىچە ۋە كەينىچە ئېگىلىپ موللاق ئېتىپ پىرقىراشنى ئۆگەندىم. بارا – بارا بەلدىڭگە چىقىپ دەسسەپ تۇرۇپ ئارقىچە ئېگىلىپ چۈشۈپ، ئىككى ئالقىنىم بىلەن يەرنى تىرەپ تۇرىدىغان بولدۇم. كېيىن بۇ شەكىلنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈچ جايغا ئۈچ تال يارماقنى ياكى ئۈچ تال سوقماق تاشنى تىك قويۇپ، ئىككىسىنى قولۇم بىلەن، يەنە بىرىنى بولسا، چىشىم بىلەن چىشلىۋېلىپ بەلدىڭ ئۈستىدە ئۆرە تۇرىدىغان بولدۇم.

     

     

    يۇقىرىقىدەك بىر قانچە موللاق شەكىللىرىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، كوچىلاردا ئادەم ۋە ئاۋۇن جايلارغا بېرىپ ئۇلارغا موللاق ئويۇنى كۆرسىتىدىغان بولدۇم. ئادەم يىغىش ئۈچۈن دۇمباق چېلىش كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بۇنىڭغا موللاق ئېتىشنى بىللە مەشق قىلىپ يۈرگەن مەھەللىمىزدىكى قاسساپنىڭ ئوغلى ھەيدەرنى تاللىۋالدىم. ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ دۇمباق كەرمەكچى بولدۇق. دەسلەپتە بىر ئۆچكە تېرىسىنى تېپىپ قىغقا كۆمۈپ قويدۇق، بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېلىپ قارىساق، ئۇنىڭ تۈكلىرى تامامەن يۇلۇنما بولۇپ چۈشتى. ئۇنى كونا بىر ئەلگەكنىڭ قاسنىقىغا كېرىپ دۇمباق ياسىدۇق. كېلىشكىنىمىز بويىچە دۇمباقنى ھەيدەر چالىدىغان بولدى. خەلق يىغىلغاندا مەن موللاق ئاتىمەن. ھەيدەر موللاق ئاتقاندا دۇمباقنى مەن چالىمەن. كۆپچىلىك تولاراق مېنىڭ ئويناپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلاتتى. چۈنكى ھەيدەر مەنچىلىك ئەپچىل ئوينىيالمايتتى. ئويۇن كۆرسەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن بىز ھەق تەلەپ قىلمايتتۇق. چۈنكى بىز دارۋازلارنى دوراپ ئويناش ئۈچۈن، يەنى ئۆزىمىز ئويۇن – تاماشىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئويۇن كۆرسىتەتتۇق. بەزىدە بولسا، باشقا مەھەللىنىڭ بالىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئوينايتتۇق. تومۇز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە سۇ دەرۋازىنىڭ تاشقىرىسىدىكى سامسىپەزنىڭ بالىسى ئىلىچاق بىلەن بەسلىشىپ قالدىم. بەسلىشىش شەرتى بويىچە بىز دەرۋازىدىن يۈز مېتىرچە نېرىدىكى چوڭ ئۆستەڭنىڭ لېۋىگە پۇتىمىزنى ئاسمانغا قىلىپ بارماقچى بولدۇق. پەللىگە بارغىچە يۆتكىگەن قولىمىزنىڭ ئالقىنىنى قورسىقىمىزغا ئۇرۇپ ماڭىمىز. كىم ئۆستەڭ لېۋىگە بۇرۇن بارسا، شۇ ئون سامسا ئۇتىدىغان بولدى. غالىپلار تەرەپ بولغان كىشىلەر بولسا، ئەللىكتىن سامسا تىكىشتى. بىز كۆڭلەكلىرىمىزنى سېلىۋېتىپ ئىشتانچاق بولىۋالدۇق. شۇ كۈنى مەن بار كۈچۈم بىلەن غەيرەت قىلىپ ئىلىچاقتىن ئون نەچچە قەدەم بۇرۇن پەللىگە يېتىپ بېرىپ، ئون سامسا ئۇتۇۋالدىم. ئەمما ئالقانلىرىم قىيىندىلارغا تېگىپ، نەچچە يېرىدىن قان چىقىپ كەتتى. پۈتۈن بەدىنىمدىن تەر قۇيۇلۇپ، چۆپ – چۆپ ھۆل بولۇپ كەتتىم. كۆپچىلىك چۇرقىرىشىپ مېنى ئالقىشلىدى. ئارىدىن بىر تەلۋە يىگىت چىقىپ: «بەرىبىر ئۈستى – بېشىڭ ھۆل بولدى، ئەمدى بىراقلا سۇغا چۆمۈلۈپ چىق» دەپ مېنى كۆتۈرۈپ ئۆستەڭگە تاشلىۋەتتى. ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغىچە سۇغا بېشىمچە ئىككى – ئۈچ قېتىم كىرىپ كېتىپ، سۇدىن ئاران چىقىۋالدىم. ھېلىقى تەلۋە مەن بىلەن سامسىخانىغا بېرىپ: «سېنى سەگىتىپ قويدۇم – ھە؟» دەپ، مەن ئۇتۇۋالغان ئون سامسىنى بىللە يېدى. نېرىقى جوزىدا بولسا، ماڭا دو چىققان كىشى ئۇتۇۋالغان ئەللىك سامسىنى بەش – ئالتە كىشى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەۋاتاتتى. بۇ تەلۋە ئۇلارنىڭمۇ قېشىغا بېرىپ، ئىككى – ئۈچ سامسىنى يەپ، بىر سامسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

     

     

    مەن ھاردۇقۇمنى ئېلىپ، ئەمدى ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرۇشىمغا ھېلىقى يۈزى قېلىن تەلۋە قازانچىلىق ساۋۇر دېگەن بىر بالىنى باشلاپ كەلدى.

    _ موللاقچى، مانا ئەمدى بۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ كۆر، _ دېدى ئالدىمنى توسۇپ.

    _ قولۇم ئاغرىپ كەتتى، ئەمدى ئوينىمايمەن، _ دېدىم مەن.

    _ بىڭسى بار ئوغۇل بالا ھال ئېيتمايدۇ، يۈر، _ دەپ قولۇمدىن تارتتى ھېلىقى تەلۋە _ بۇ دېگەن قازانچىدىن چىققان قالتىس موللاقچى. ئەگەر بۇ سەندىن قېلىپ قالسا، قۇلىقىمنى كېسىۋېتىمەن.

    ئۇ مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي، ئىككى قولى بىلەن ئىككىمىزنىڭ بېلىكىدىن تۇتۇپ سۆرەپ، سۇ دەرۋازا ئالدىغا ئېلىپ باردى. شۇ چاغدا، مەھەللە – مەھەللىدىكى بالىلار ئارىسىدا موللاق ئويۇنى ئەۋج ئېلىپ، موللاقچىلار كۆپىيىپ كەتكەنىدى. ساۋۇر مانا شۇنداق ئۇستا موللاقچى دەپ داڭق چىقارغان. ئەگەر مەن بۇنىمۇ يەڭسەم «قالتىس ئۇستا موللاقچى بولىمەنغۇ؟» دېگەن ئويدا ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ ئويناشقا ماقۇل بولدۇم.

     

     

    مەن ئۆيدىن ئاش ۋاقتى بىلەن چىقىپ كەتكەنىدىم. نامازدىگەر بولغۇچە ئۆيگە كەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن دادام مېنى ئىزدەپ يۈرگەنىكەن. ئۇ مېنىڭ سۇ دەرۋازا ئۆپچۆرىسىدە ئادەم توپلاپ موللاق ئويۇنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىمنى كىشىلەردىن ئاڭلاپ، مەن ئويناۋاتقان جايغا ئاتلىق ئىزدەپ كەپتۇ. قارىسا مەن كىيىمىمنى سېلىۋېتىپ بېشىم تۆۋەن، پۇتۇم ئۈستۈن ھالدا قولۇم بىلەن مېڭىپ يۈرگەن. دادام شۇ يەردىن ئاتلىق ماڭغانچە كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ قامچا بىلەن قورسىقىمغا راسا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى. مەن چۆچۈپ كېتىپ، چىرقىراپ يىغلىغان پېتى قاچتىم. دادام كەينىمدىن ئاتلىق قوغلىدى. مەن سېپىل ياقىلاپ ناغرىچى تەرەپكە بۇرۇلۇپ خانىقانىڭ ئارقىسىغا كەلگەندە، دادام ماڭا يېتىشىپ ئاتتىن چۈشتى، مەن يوشۇرۇنغىدەك جاي تاپالماي، ئالدىمدىكى ئېرىقتىكى سۇغا چۈشتۈم – دە، ئۆمىلىگەن پېتىم كۆۋرۈكنىڭ ئاستىغا كىرىپ يېتىۋالدىم. دادام كۆۋرۈك ئاستىغا ئېڭىشىپ: «چىق ماياققا، يېنىپ چىقساڭ ھېچنېمە قىلمايمەن، بولمىسا موللاق ئاتقان پۇت – قولۇڭنى چېقىۋېتىمەن» دەپ توۋلىدى. مەن ئۈنچىقارماي، ئوغرى مۈشۈكتەك كۆزلىرىمنى پارقىرىتىپ، شۈمشەيگەن پېتى كۆۋرۈكنىڭ يورۇق چۈشۈپ تۇرغان چېتىگە قاراپ تۇردۇم. مەن چىقمىغاندىن كېيىن، دادام نەدىندۇر ئۇزۇن بىر چەنزە تېپىپ كەلدى. ئۇ مېنى شۇ چەنزە بىلەن چىقارماقچى بولۇپ، ئۇنى كۆۋرۈك ئاستىغا تىقتى. دادام چەنزىنى تارتىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغۇچە مەن كۆۋرۈكنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ ناغرىچى تەرەپكە قاچتىم، ئۇ يەردىن ئايدۆڭ تەرەپكە كەتتىم. دادام كەينىمدىن ئاتلىق قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ يېتىشەي دەپ قالغاندا، شىۋە كوچىسىدىكى ئات ماڭمايدىغان ئەگرى – توقاي ئۆستەڭ قىرى بىلەن يۈگۈرۈپ، تام شورىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ دادامنىڭ ئىنىسى ئابدۇللا ياۋاشنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالدىم. ياخشى، ئۇلار دەرۋازىنى ئىلماپتىكەن، سامانىخانىغا كىرىپ مۆكۈۋالدىم. دادام بولسا چوڭ يول بىلەن يۈرۈپ «ھەقىچان ئۇ مۇشۇ يەرگە كەلدى» دەپ ئويلاپ، تاغامنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، گۇناھىمنى سۆزلەپ بېرىپ مېنى سۈرۈشتە قىلىپتۇ. تاغام كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتسا دادام:

    _ جەزمەن مۇشۇ ھويلىغا كىردى، يوشۇرما، _ دەپ تاغامغا كايىپتۇ. تاغام:

    _ سىز ماڭا ئاچچىقلانماڭ، بۇ يەرگە كىرسە، مەن نېمىشقا يوشۇرىمەن. سىز سەل ئاچچىقىڭىزنى بېسىپ ئۆيدە ئارام ئېلىپ تۇرۇڭ. مەن ئەتراپنى ئىزلەپ باقاي، _ دەپ دادامنى تىنچلاندۇرۇپتۇ. كېيىن تاغام مېنى ئىزلەپ سامانخانىدىن تاپتى.

    مەن تاغامغا ئېسىلىپ يىغلاپ:

    _ مېنى بۈگۈن قۇتقۇزۇڭ، بولمىسا دادام ئۇرۇپ پۇت – قولۇمنى چېقىۋېتىدۇ، _ دەپ يالۋۇردۇم.

    _ ئەمىسە، مۇشۇ يەردە سامانغا كۆمۈلۈپ يېتىپ تۇر. مەن بىر ئامال قىلىپ سېنى ئېلىپ قالاي، _ دەپ سامانخانىدىن چىقىپ كەتتى.

    تاغام بەك ياۋاش، مىس – مىس ئادەم ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن گەپنى بوش، سىلىق ئاھاڭدا قىلاتتى، لېكىن تەسىرلىك سۆز بىلەن ھەرقانداق ئادەمنى ئېرىتەتتى. بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا، ئۇ رەڭگىنى ھېچقانداق ئۆزگەرتمەي:

    _ بۇرادەر، ئىمان ئېيتقان ئاغزىڭىزنى بۇلغىماڭ، خۇدا تەلىپىڭىزگە يەتكۈزسۇن! _ دەپ قوياتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى ئابدۇللا ياۋاش دەپ ئاتايتتى. دادام بولسا، بىر ئېغىز گەپنىمۇ كۆتۈرەلمەي مۇشت ئېتىشقا تەييار ئىدى. شۇڭا ھەممە ئۇنى توڭ قادىر دەيتتى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان بۇ ئىككى قېرىنداش مىجەزدە ئىككى دۇنيا ئىدى. مانا بۈگۈن دادام ئۇنى تىللاپ:

    _ ھۇ مۇناپىق ھارامزادە، _ دەپ ھاقارەتلىدى. مېنى سۆرەپ ئالدىغا ئېلىپ كەلمىگىنى ئۈچۈن، دادام ئۇنى بىر نەچچە قامچا ئۇردى. شۇنداق بولسىمۇ تاغام:

    _ بالا كىچىك، نادان بولغىنى ئۈچۈن شوخلۇق قىلىدۇ، ئاتنىڭ تېيىمۇ قىيغىتىدۇ، ئۆچكىنىڭ ئوغلىقىمۇ سەكرەيدۇ ئەمەسمۇ، سادىغاڭ كېتەي ئاكا! بۇ قېتىم مەن بالىنى تىلىۋالاي، ئەتىگىچە ئوبدان نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قوياي، _ دېگەندەك بىر مۇنچە شېرىن سۆزلەر بىلەن دادامنى ئېرىتىپ، مېنى ئېلىپ قالدى.

     

     

    تاغام ۋەدىسى بويىچە ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن شوخلۇق قىلماسلىق ھەققىدە نۇرغۇن نەسىھەت قىلدى ۋە ئەتىسى تۈنۈگۈنكى قالايمىقانچىلىقتا يوقىتىپ قويغان كۆڭلىكىم ئورنىغا يېڭى كۆڭلەك ئېلىپ كىيگۈزۈپ ئۆيىمىزگە ئاپىرىپ قويدى.

    شۇنىڭدىن كېيىن، مەن دادامدىن قورقۇپ ئۈچ كۈنگىچە جىم يۈردۈم. تۆتىنچى كۈنى ھەيدەر بىلەن مەسچىتنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، مورىنىڭ ئاغزىغا كېسەك تىزدۇق، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بېشىمنى قويۇپ پۇتۇمنى ئۈستۈن قىلىپ بىر نەچچە مىنۇت تۇردۇم، ئاخىرىدا تامنى تۇتۇپ، پۇتۇمنى جۈپلەپ بېشىمچە تىك تۇردۇم. بۇ خەۋەر يەنە دادامغا يېتىپ بېرىپتۇ. لېكىن دادام شۇ كۈنى ماڭا گەپ قىلمىدى. لېكىن ئەتىسى بامداتتىن كىرىپ مېنى ئۇخلاۋاتقان ئورنۇمدىن تارتىپ چىقىرىپ، تاسما چۇلۋۇر بىلەن بىر نەچچىنى ئۇردى ۋە پولنىڭ ئاستىغا سولاپ قويدى. ئۇ ئۆيدىكىلەرگە ماڭا ھېچنەرسە بەرمەسلىكنى جېكىلەپ، ئۆزى ئەتتىگەنلىك چېيىنى ئىچىپ بازارغا چىقىپ كەتتى.

     

     

    مەن ئاچلىقتىن، تاسما تېگىپ تىلىنىپ كەتكەن بەدىنىمنىڭ ئازابىدىن زارلىنىپ زەي يەردە ياتاتتىم. پۈتۈن ئەزايىم تور باغلاپ كەتكەن، ئۇ يەر – بۇ يەردىن چاشقانلارنىڭ كىتىرلاش ۋە چىرىلداشلىرى، پاقىلارنىڭ يېنىمدا سەكرەپ كۇركىراشلىرى سۈرلۈك ئاڭلىنىپ تۇراتتى... ئاكام تاغامنىڭ مېنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ، سىڭلىمنى تاغامنىڭكىگە ئەۋەتىۋېتىپتۇ. ئۆزى چۈشتە ئۆيدە ئەتكەن چۆچۈرىدىن بىر ئاپقۇر كۆتۈرۈپ كېلىپ، پولنىڭ ھاۋا كىرىدىغان تۆشۈكىدىن مېنى چاقىردى:

    _ زۇنۇن، پولنىڭ ئاستىغا چۈشىدىغان جايغا دادام قۇلۇپ سېلىپ قويۇپتۇ. تۆشۈكتىن چىنە پاتمايدىكەن، ماۋۇ يەردىن قولۇڭنى سوز.

    مەن ھاۋا كىرىدىغان تۆشۈكتىن ئاكام قوشۇق بىلەن سۇنۇپ بەرگەن چۆچۈرىنى يەپ، قورسىقىمنى چالا تويغۇزۇپ جىمىپ قالدىم. كەچقۇرۇنلۇقى تاغام كېلىپ، يەنە دادامنىڭ توڭىنى يۇمشاق، شېرىن سۆزلىرى بىلەن ئېرىتىپ، مېنى ئازاد قىلدى.

    مەن قەدىرلىك، كۆيۈمچان ياۋاش تاغامنىڭ ماڭا قىلغان ياردەملىرىنى ئۇنتۇلماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بالىلىرىنى ھاپاش قىلىپ بېقىپ، خىزمىتىنى قىلىپ بەردىم، شۇنداق قىلىپ، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى يېقىنلىق تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.

     

     

    كىتابخانلىققا بېرىش

     

     

    مەن گۈدەك ۋاقىتلىرىمدا جۈمە مەسچىت دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ مەسچىتلەر بولىدىغان. ئاتاقلىق چوڭ موللاملار (ئۇلار داموللا ياكى ئۆلىما دەپ ئاتىلاتتى) بۇ يەردە ئەرەبچە، پارسچە مەشھۇر كىتابلارنىڭ مەنىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى. بۇنىڭدا شاگىرت تەرىقىسىدىكى موللىلار كىتابنىڭ ئىبارىسىنى يەنى ئەينىنى ئوقۇيدۇ. ئۇستاز سۈپىتىدىكى موللا بولسا، مەنىسىنى ئېيتىدۇ ياكى شەرھلەپ بېرىدۇ. مانا بۇ كىتابخانلىق دېيىلىدۇ. ئەگەر داموللام ئەرەبچىگە كامىل بولۇپ، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغان بولسا، مەنىسىنى ئېيتىپ ياكى شەرھلەپ، تىڭشىغۇچىلارنى كەھرىۋادەك ئۆزىگە تارتىۋالاتتى. مۇنداق ئاتاقلىق داموللا كىتابخانلىق قىلغان مەسچىتكە كىشىلەر ھېسابسىز كۆپ كېلەتتى ۋە ئۆزلىرىنى «مەن دېگەن پالانى ئالىمنىڭ كىتابخانلىقىغا بارغان» دەپ ماختىشاتتى. كىتابخانلىق، كۆپىنچە ھەر كۈنى بامدات نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن تارتىپ، كۈن چىققۇچە بولۇپ تۇراتتى.

     

     

    قايسى مەسچىتتە ئاتاقلىق داموللا كىتابخانلىق قىلىشقا باشلىسا، دادام ئۇ يەر ھەر قانچە يىراق بولسىمۇ، تاڭ ئاتا – ئاتمايلا شۇ مەسچىتكە ئۈلگۈرۈپ باراتتى. ئۇ كىتاب ئاڭلاشقا بەك قىزىقاتتى، شۇڭا قايسى مەسچىتتە كىم كىتابخانىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى، دادام كىتابخانلىقتا ئاڭلىغانلىرىنى بىزگە كېلىپ بىرىنى قويماي سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ ساۋاتسىز بولسىمۇ، خاتىرىسى كۈچلۈك ئىدى. دادام مېنىڭ كىتاب سۆزلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ:

    _ سەن كىتاب ئاڭلاشقا بەك قىزىقىدىكەنسەن. تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بولساڭمۇ، ئەتىدىن باشلاپ مەن بىلەن بامدات نامىزىغا بار. داموللامنىڭ ئۆز ئاغزىدىن كىتاب سۆزلىرىنى ئاڭلا! ئاجايىپ ياخشى گەپلەر بولىدۇ. بۇنى ئاڭلىغاننىڭ ساۋابىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، _ دېدى خۇشال بولۇپ.

     

     

    ئەتىسى تاڭ سەھەردە دادام مېنى ئويغىتىپ قويۇپ، تەرەت ئالغىلى تۇردى. مەن ئالدىراپ كىيىنىپ چىقتىم – دە، ئۇنىڭ تەرەت ئېلىش ئۇسۇلىغا زەڭ سېلىپ قاراپ تۇردۇم. ئاپتۇۋا بوشىغاندىن كېيىن، مەنمۇ دادام قانداق قىلغان بولسا، شۇنداق قىلىپ تەرەت ئالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، دادام بىلەن قازانچىدىكى چوڭ مەسچىتكە قاراپ يول ئالدۇق. دادام ئالدىمدا ئالدىراپ كېتىپ باراتتى، مەن ئۇنىڭ سەللىسىنىڭ قىستۇرۇلما ئۇچىنىڭ شامالدا لىپىلداۋاتقىنىغا قاراپ ئوغلاقتەك سەكرەپ ئارقىسىدىن قالماي كېتىپ باراتتىم.

     

     

    بىز مەسچىتكە كىرىپ ئارقا سەپتىن ئورۇن ئالدۇق. ناماز ئوقۇغاندا جامائەت قانداق ھەرىكەت قىلسا، مەنمۇ شۇنداق ھەرىكەت قىلىپ نامازنى تۈگەتتۇق. كىتابخانلىق باشلاندى.

    تېخى تاڭ يورىمىغانىدى. مېھراب ئالدىدىكى كىچىككىنە جوزىغا قويۇلغان لامپا غۇۋا نۇر چېچىپ تۇراتتى. داموللام مېھرابقا ئارقىسىنى قىلىپ چازا قۇرۇپ، جامائەتكە سەپسېلىپ جىددىي قىياپەتتە ئولتۇردى. ئىبارە ئوقۇپ بەرگۈچى بولسا، ئۇنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ خەتكۈش (كۆرسەتكۈچ) بىلەن كىتاب قۇرلىرىنى ئېنىقلاپ ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ بىر نەچچە جۈملە ئوقۇغاندىن كېيىن، داموللامنىڭ «ھىم...» دېگەن ئاۋازى چىقىشى بىلەن تەڭ توختايتتى. داموللام ئەرەبچە ئوقۇلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ، چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. بىز ئاڭلاۋاتقان كىتابنىڭ ئىسمى «سەھىھۇلبۇخارى» ناملىق مەشھۇر ھەدىسلەر توپلىمى ئىدى.

     

     

    مەن شۇنىڭدىن كېيىن، نەدە كىتابخانلىق بولسا، شۇ يەرگە بارىدىغان بولدۇم. بىر قېتىم مەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ: «كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى _ ياخشى ئادەمدۇر» دېگىنىنى ئاڭلاپ، ياخشى ئادەم بولۇش كويىدا بولدۇم: پاتقاققا پېتىپ قالغان ھارۋىلارنى چىقىرىشقا ياردەم بەردىم، يىقىلغان كىشىلەرنى يۆلەپ تارتىپ تۇرغۇزۇپ قويدۇم.

    ئادەم ماڭىدىغان يوللاردىكى تاش، چالما ۋە قىيىندىلارنى بىر چەتكە ئېلىۋېتىدىغان بولدۇم. چۈنكى مەن ئۆزۈممۇ مۇنداق نەرسىلەردىن بىر نەچچە قېتىم پەشۋا يەپ، پۇتلىرىمنىڭ بارماقلىرى يارا بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ زامانلاردا ماڭا ئوخشاش بالىلارنىڭ كۆپچىلىكى ياز كۈنلىرى يالىڭاياق يۈرۈشەتتى. ناھايىتى باي ۋە مۆتىۋەر ئادەملەرنىڭ بالىلىرىلا يازدا سەندەل ياكى بەتىنكە كىيىۋالاتتى.

     

     

    كىتابخانلىقتا ئاڭلىغانلىرىم بويىچە، ئادەمنىڭ ياخشىسى __ خەلققە پايدا يەتكۈزگۈچى، يامىنى بولسا زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىكەن. مەن بۇ يەردە ئەمگەك ۋە ھەرىكەت توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىمدىن مۇنداق ئىككى ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتكۈم كېلىدۇ:

     

    بىرىنچى ۋەقە:

     

    بىر كۈنى بىر بوۋاي ھاسىسىغا تايىنىپ ئىشىك ئالدىدا جىم ئولتۇرسا، مۇھەممەد پەيغەمبىرىم ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ سالام بەرگەنىكەن، ئۇ بوۋاينىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالماي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بوۋاي: «مەندىن قانداق گۇناھ سادىر بولغاندۇ، رەسۇلىمىز سالىمىمنى قوبۇل قىلمىدى، يۈزۈمگىمۇ قارىماي ئۆتۈپ كەتتى» دېگەنلەرنى ئويلاپ، غەمگە چۈشكەن ھالدا بېشىنى تۆۋەن ساڭگىلىتىپ، ھاسىسى بىلەن يەرنى سىجىغان پېتى ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر قايتىۋېتىپ، يەنە ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ قاپتۇ. شۇ چاغدا بوۋاي دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ:

    _ ئەسسالامۇئەلەيكۇم! _ دەپ قول قوشتۇرۇپ سالام بېرىپتۇ. پەيغەمبەر:

    _ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! _ دەپ بوۋايغا ئوچۇق چىراي بىلەن قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ يىگىرمە – ئوتتۇز قەدەم نېرى كەتكەندىن كېيىن، بوۋاي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن پايپاسلاپ يۈگۈرۈپ يېتىشىپ دەپتۇ:

    _ يا رەسۇلۇلىللا، جانابلىرىدىن بىر سوئال سورىشىم مۇمكىنمۇ؟

    _ قېنى، قېنى سوراڭ، مەرھەمەت.

    _ جانابىڭىز ئۇ تەرەپكە ئۆتكەندە سالىمىمنى ئىلىك ئالماي ئۆتكەنىدىڭىز، قايتقاندا سالام بەرسەم، ئوچۇق چىراي بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، غەمكىن كۆڭلۈمنى خۇرسەن قىلدىڭىز، بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلگۈم كېلۇر، _ دەپ سوراپتۇ بوۋاي.

    _ مەن ئۇ تەرەپكە ئۆتكىنىمدە سىز قىمىر قىلماي ئولتۇرغان ئىكەنسىز، قايتقىنىمدا بولسا، ھەر ھالدا ھاسىڭىزنىڭ ئۇچى بىلەن يەرنى سىجاپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپسىز، _ دېگەنىكەن مۇھەممەد پەيغەمبەر تەبەسسۇم بىلەن.

     

    ئىككىنچى ۋەقە:

     

    ئۇششاق بەش بالىسى بار بىر كەمبەغەل كىشى: «مۇھەممەد پەيغەمبىرىم كەمبەغەل، غېرىپ – مىسكىنلەرنىڭ ھالىغا يېتىدۇ» دېگەننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە بالا – چاقىلىرىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ يوقلۇقى توغرىسىدا ئۇنىڭغا ئەھۋال ئېيتپتۇ. پەيغەمبەر بولسا، قازناقتىن تۆت غۇلاچ كەلگۈدەك بىر تال كۇلا (چىغدا ئىشلىگەن ئارغامچا) ئېلىپ چىقىپ، كەمبەغەلنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. بۇ كىشى كۇلىنى سىقىمداپ بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا بازادىن ئۆتۈپ كېتىپ بارسا، كۆپنى كۆرگەن بىر مويسىپىت ئادەم ئۇنىڭدىن:

    _ ھەي بۇرادەر، نېمانچە غەمكىن كېتىپ بارىسىز؟ _ دەپ سوراپتۇ.

    غەمكىن كىشى:

    _ ماۋۇنى كۆرۈڭ، _ دەپتۇ يەرگە قاراپ.

    _ نېمىنى؟

    _ ماۋۇ كۇلىنى دەيمىنا.

    _ كۇلىڭىز نېمە بولۇپتۇ؟

    _ كۇلا ھېچنېمە بولغىنى يوق. بىز بىر ئائىلىدە يەتتە جان ئادەم ئاچ قېلىۋاتىمىز، _ دەپتۇ غەمكىن كىشى ئۇلۇغ – كىچىك تىنىپ، _ پەيغەمبىرىمنى ماڭا ئوخشاش يوقسۇللارغا ياردەم قىلىدۇ دەپ ئالدىغا ھال ئېيتىپ بارسام، مۇشۇ كۇلىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى، ئويلاپ بېقىڭا، بۇرادەر، بۇ كۇلىنى يېگىلى بولامدۇ ياكى كەيگىلى بولامدۇ؟

    _ بۇ ھېكمەتنىڭ تېگىگە يەتمەپسىز، _ دەپتۇ ھېلىقى مويسىپىت، _ رەسۇلىللانىڭ سىزگە بۇ كۇلىنى بەرگەنلىكى جاڭگالدىن ئوتۇن باغلاپ ئەكىلىپ سېتىن جان باق دېگەنلىكى.

    غەمكىن كىشى مويسىپىت كىشىدىن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئۇققاندىن كېيىن، «بەرسەڭ يەيمەن، ئۇرساڭ ئۆلىمەن» دەپ ئولتۇرماي، يېقىن ئەتراپتىن قاخشاللارنى تېرىپ ئەكىلىپ، كۇلىدا باغلاپ سېتىپتۇ، شۇ كۈنى ئۇ بۇنىڭ پۇلىغا يەتتە نان ئاپتۇ. ئەتىسى جاڭگالغا بېرىپ تۈنۈگۈنكىدىن كۆپرەك ئوتۇن باغلاپ ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئون نان ئاپتۇ. كۈندە شۇنداق ھەرىكەت قىلىۋېرىپ، ئۆيدە نان ئۈزۈلمەيدىغان، ئۇچىلىرىدا كىيىم پۈتۈن بولىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، غەمكىن كىشىنىڭ ئىش – ھەرىكەتكە قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلاپتۇ.

     

     

    تۇردى قادىر

     

     

    ئاكام تۇردى قادىر ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلىگەن، ئەرەبچە، پارسچە، خەنزۇچە، رۇسچە تىللاردىن خەۋىرى بار ئادەم ئىدى. ئۇ مەدرىستە بەش – ئالتە يىل ئوقۇدى، كېيىن پەننىي بىلىم ئالدى. بىراق، بۇخاراغا بېرىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، داموللا ياكى مۇدەررىس دېگەن ئاتاق ئالالمىدى. شۇنىڭدەك، كونا جەمئىيەتتە پەننىي مەكتەپلەر بولمىغىنى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئورۇن تاپالمىدى. دادام مەن كىچىك چېغىمدىلا ۋاپات بولۇپ كەتتى. بىز تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولۇپ غۇربەتچىلىكتە قالدۇق. ئاخىر ئاكام بەزىبىر بايلارنىڭ ئەتىۋارلىق بالىلىرىدىن ئىككى – ئۈچنى ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇتۇپ يۈردى، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار بەزى چاغلاردا ئازراق پۇل بەرسە ئالاتتى، بەرمىسە ھەرگىز سورىمايتتى. كېيىنچە ئاكىمىز مەھەللىمىزدىن بىر ئېغىز بوش ئۆي تېپىپ، كوچىدا بىكار ئويناپ يۈرگەن گۈدەكلەرنى شۇ ئۆيگە يىغىپ، ساۋاتى يوقلارغا خەت، ساۋاتى بارلارغا تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىتىپ تۇردى، ئەمما بۇ، رەسمىي مەكتەپ ياكى كۇرسمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خالىسا كېلەتتى، خالىمىسا كەلمەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپ بەزىدە يىگىرمە – ئوتتۇزغا يېتەتتى، بەزىدە بەش – ئالتىگە چۈشۈپ قالاتتى. بۇ ئىشتىن ئاكام بىر يارماقمۇ تەلەپ قىلماي، بالىلارنى بىكارغا ئوقۇتاتتى. مەنمۇ شۇ بالىلارغا قوشۇلۇپ ئاكامدىن دەرس ئېلىپ يۈردۈم.

     

     

    ئاكام خۇشخەت يېزىشتا پۈتۈن غۇلجا بويىچە ماھىر كىشى ھېسابلىناتتى. ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ «مۇئەللىم ئاۋۋال» (ئېلىپبە) ۋە «مۇئەللىم سانى» (ھېساب) ناملىق ئىككى خىل ئوقۇتۇش كىتابىنى قۇمۇش قەلەم بىلەن يېزىپ چىقتى. بۇ خەتلەرگە ھەر قانچە دىققەت قىلسىڭىزمۇ، ئۇ مەتبەئەدە بېسىلغان ھەرپلەردىن پەرق قىلمايتتى. كېيىن ئاكام بۇ كىتابلارنى كۆپەيتىپ يېزىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىرى بىر ئايدا پۈتۈپ چىقاتتى. مەن پۈتكەن كىتابنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ساتاتتىم. ئالغۇچىلار:

    _ قازان باسمىسىغۇ، سەن بۇ كىتابنى قەيەردىن ئالدىڭ؟ _ دەپ سورايتتى. مەن بىر كىتابنى ئىككى تەڭگىگە ساتاتتىم، ئاندىن شۇ پۇلنىڭ يىگىرمە تىيىنىغا دابەنجىڭ سەي (توخۇ قورداق) قورۇتۇپ بىر تەخسە لەڭمەن يەيتتىم. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئاكامغا بىر سۇم سەكسەن تىيىننى بېرىپ:

    _ يىگىرمە تىيىننى راسخوت قىلىپ قويدۇم، _ دېسەم، _ بوپتۇ ئۇكام، چاپسان بېرىپ، ماڭىمۇ بىر دابەنجىڭ (توخۇ قورداق) ئەپكىلىپ بەر. ئاتمىش تىيىنغا بىر ھەپتە يېگۈدەك گىردە ئالغاچ كەل، _ دەپ سەكسەن تىيىننى ماڭا بېرىپ، بىر سۇمنى يانچۇقىغا سالاتتى.

    بۇنىڭدىن باشقا، بىر كىتابپۇرۇش تاتار بوۋاي ئاكامغا قازان ياكى بومبايدا بېسىلغان قۇرئانلارنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن ۋاراقلىرىنى ئەكىلىپ، ھەر بىرىنى بەش سۇمدىن ھەق تۆلەپ كۆچەرتەتتى.

     

     

    بىز ئەنە شۇنداق پۇللۇق بولۇپ قالغان كۈنلىرى ئىككى – ئۈچ كىشىلىك ئاش ئەتكۈدەك پۇتلۇق قازىنىمىزغا پولۇ دۈملەيتتۇق، ئاكام مەدرىستە پولۇ ئېتىپ يۈرۈپ ناھايىتى ئۇستا بولۇپ قالغانىكەن. پولۇ دۈملەنگەن كۈنى خۇددى ھېيت بولغاندەك ناھايىتى خۇش بولۇپ كېتەتتۇق.

     

    بىزنىڭ رامىزان ئايلىرىدا پولۇ يېيىشىمىز ئادەتتىكى ئايلارغا قارىغاندا كۆپرەك بولاتتى. شۇڭا مەن بىر ئاي رامىزاندا ئون قېتىمچە پولۇ يېگەن كۈنلىرىمىزنى ھازىرمۇ لەززەت بىلەن ئەسلەيمەن. رامىزاننىڭ قالغان يىگىرمە كۈنىنىڭ تولىسىدا قاتتىق ناننى ئۇۋىتىپ روزا تۇتاتتۇق.

     

     

    دادىمىز ئۆلگەندە ئۇنىڭ قولىدىكى ماتا – چوتالىرى قەرزگە يەتمەي، ئۆيدىكى جابدۇقلارمۇ سەپلەپ بېرىلدى. بىزگە پەقەت شەھەر ئىچىدىكى تۆت ئېغىزلىق ئۆيى بار قۇرۇق جايلا مىراس بولۇپ قالدى. دادامنىڭ قەرزدار بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب، ماتا سودىسى كاساتلىشىپ، نىسى ئالغان ماتالىرىنى خۇدىياريۈزىدىكى بىر كىشىنىڭ خو يېرىگە تېگىشىۋەتكەنىكەن. بۇ يەرگە دادام دېھقانچىلىق قىلماقچى بولۇپ، ئۇ يەرنى ئالۋان تۆلىيەلمەي يەردىن بەزگەن بىر دېھقاندىن قىشتا ئالغانىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن دادامنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ئەتىيازدا ئۆلۈپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، دادام دېھقانچىلىق قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمىدى. ئاكام ئىككىمىز بۇ يەرنى تېرىيمىز دەپ يېزىغا چىقىپ، ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمىدۇق. چۈنكى، بىرىنچىدىن، بىزدە قوش – جابدۇق ياكى ئۇلاغ يوق ئىدى. ئىككىنچىدىن، بىز دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىلمەيتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ يېرىگە قوشۇپ تېرىغۇچى بىر دېھقانغا ئورتاققا بېرىپ، شەھەرگە قايتىپ كىردۇق. مەسلىھەت بويىچە، بىز كۈزدە ئاشلىق يىغىشىپ بەرگىلى چىقىدىغان ۋە چىقىمنىڭ يېرىمىنى چىققان ھوسۇلدىن تۆلەيدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ، يا يېزىدا تۇرۇپ دېھقان بولالماي، يا شەھەردە يۈرۈپ سودىگەر، ياكى بىرەر ھۈنەرۋەن بولالماي قالدۇق.

     

     

    مەن مەھەللىمىزدىكى سۇ ئەكىلىپ بېرىدىغان كىشىسى يوق ئائىلىلەرنىڭ سۈيىنى ئەكىلىپ بېرەتتىم. بىز تۇرغان مەھەللىنىڭ سۇ ئەكىلىدىغان يېرى سۇ دەرۋازا، دولان دەرۋازا ياكى كۈرە دەرۋازىنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئارىلىقى خېلى بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇ تولدۇرۇلغان ئىككى سوغىنى قۇلىقىدىن كالتەك ئۆتكۈزۈپ، ئارقان بىلەن چېتىپ، ئېشەككە توقۇلغان لىڭگىچاققا ئارتىپ ئېلىپ كېلەتتىم. مانا مۇشۇنداق ئېشەككە ئارتىلغان سوغىدا بىر يول سۇ ئەكىلىپ بەرسەم، ئۆي ئىگىسى ماڭا ياخشى بىر ۋاق تاماق بېرەتتى. سۇنى مۇنداق توشۇش يازدا ئاسان بولغىنى بىلەن قىش، ئەتىياز كۈنلىرى تەس ئىدى. بولۇپمۇ ئەتىيازلىقى __ ئادەمنىڭ تىزىغا چىققۇدەك پاتقاقچىلىق بولغان چاغلاردا __ تېخىمۇ قىيىنغا چۈشەتتى. شالاقلىتىپ پاتقاق كەچكەن بويىچە ئېشەكنى ھەيدەپ ماڭاتتىم. مۇنداق چاغلاردا ئېشەك مۈدۈرۈپ پاتقاققا يىقىلسا، ئىككى سوغا ئېشەكنى بېسىپ لايغا چىلىناتتى. ماڭا ئوخشاش بىر گۈدەكنىڭ ئېشەكنى قوپۇرالماي ھەممە يېرى پاتقاققا مىلەنگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا رەھمى كەلگەن بىرەر مەرد ئادەم چۈشۈپ يۆلىشىپ بەرسە، پالاكەتتىن قۇتۇلۇپ، پاتقاققا مىلەنگەن ئېشەك ۋە سوغىلاردىكى يېرىم قالغان سۇ ئۆي ئىگىسىگە تاپشۇرۇلاتتى. ئەگەر ئۇنداق خالىس، مەرد ئادەم چىقماي قالسا، سوغىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى سۇ چۈشىدىغان تۆشۈككە قاپلاپ قويۇلغان مەدەكتەك قوزۇقنى تارتىۋېتىپ، ھەممە سۇنى ئېقىتىۋېتەتتىم.، ئاندىن كېيىن ئېشەكنى قوپۇرۇپ ھەيدەپ، ئۆي ئىگىسىگە سوغىلارنى قۇرۇق تاپشۇراتتىم. يا بولمىسا، ماڭا خېلى ياخشىلىقى تەگكەن ئائىلىنى سۇسىز قويماي دەپ ئېشەكنى قايتا ئۆستەڭگە ھەيدەپ بېرىپ، سوغىلارنى سۇغا توشقۇزۇپ كېلەتتىم. ئەتىيازلىقى ئۆستەڭلەرگە پاتقاق ئېقىپ چۈشۈپ، سۇمۇ يۇندىدەك بولۇپ قالاتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنى ئېلىپ بارماي ئىلاجىڭ قانچە؟

     

     

    مەن مۇنداق خالىس خىزمەتلەردىن باشقا يەنە توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغلاردا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ خىزمەت قىلاتتىم، باغاق تارقىتاتتىم، داش قازانلارغا ئوت قالايتتىم، مېھمانلار كەلگەندە قولىغا سۇ ئالاتتىم، داستىخان سېلىپ، تاۋاق توشۇيتتىم، كېچىلىرى بولسا، سەۋزە قىرىپ ئاشپەزلەرگە قارىشىپ بېرەتتىم. بەزى سېخىيراق ئاشپەزگە ئۇچراپ قالغاندا، ئۇ ئۆزۈمنىڭ قورسىقىنى تويغۇزغاندىن تاشقىرى كەچقۇرۇن قايتقاندا، ئىككى – ئۈچ پارچە گۆشنى ئۆيۈڭگە ئالغاچ كەت دەپ بېرەتتى.

     

     

    سولۇما پوتامغا چىگىپ كەلگەن گۆشنى ئاكامغا بەرگىنىمدە، ئۇ خۇشال بولۇپ يەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن رەھمەت ئېيتىش ئورنىغا تەنە قىلىپ:

    _ سەن ئاشىق ئابدالدەك ئىشىكمۇ ئىشىك قاترايدىغان بولۇۋالدىڭ، _ دەيتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا بوش كەلمەي:

    _ ھەي ئاكا، ساڭا ئوخشاش قىمىرلىماي ئولتۇرسام، ئاغزىمغا چىۋىن چىچىپ قويمامدۇ. «ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا، ئاياغ يۈگۈرۈكى ئاشقا» دېگەن گەپ بار. خەقنىڭ ئىشىكىگە بېرىپ يۈگۈرمىگەن بولسام، ئىككى كۈندىن بېرى يېگەن پولۇلىرىڭ، ماۋۇ سەن يەۋاتقان گۆشلەر نەدىن كېلىدۇ؟ _ دەيتتىم.

     

     

    _ ھەر ھالدا پەسكەشلىك قىلمايلى، ئۇكام! _ دەپ قوياتتى ئاكام.

    ئۇ نەپسىدىن، تەمەخورلۇقتىن خالىي يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ قول ئىلكىدە ھېچ نەرسە بولمىسىمۇ، كۆكسى – قارنى كەڭ، كۆڭلى نازۇك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىززەت – نەپسىگە تېگىدىغان بىرەر ئېغىز سۆزنى ئاڭلاپ قالسا، كۆتۈرەلمەي قايناپ كېتەتتى.

     

     

    ئاكام بازاردىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىمۇ تۈزۈكرەك ئۇقمايتتى. ئۇ بىر كۈنى يالاڭ پەلتۇ كىيىش ئۈچۈن بىر ماگىزىندىن بارلىق پۇلىغا يەتتە گەز (بەش مېتىرغا يېقىن) كامپۇلات سېتىۋاپتۇ. مەن ئۇنى كۆرۈپ، ئالغان باھاسىنى سوراپ قىممەت ئالغانلىقىنى، باشقا دۇكانلاردا ئەرزان ئىكەنلىكى ئېيتقانىدىم، ئۇ غەزەپلىنىپ:

    _ مال ساتقۇچى ماڭا، بۇنىڭ باھاسى ھەممە دۇكانلاردا ئوخشاش دەپ يالغان ئېيتىپتۇ قارا، _ دېدى ۋە قولىدىكى رەختنى: «يوقال، مۇناپىقنىڭ مېلى!» دەپ تورۇسقا ئېتىۋەتتى.

     

     

    ئۇ زامانلاردا راست گەپ قىلىدىغان سودىگەرلەرنى تېپىش تەس ئىدى. ئەمما ئاكام ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە ئوخشاش راست سۆزلەيدۇ دەپ بىلەتتى. «ئوتتۇرىدا بۇرۇن بولمىسا، ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يەپ قوياتتى» دېگەن تەمسىلنى يادىغىمۇ ئېلىپ قويماي: «ھەرقانچە بولسىمۇ كىشىلەر مۇناپىقلىق بولۇشتىن قورقىدۇ» دەپ ئىشىنەتتى.

     

     

    ئۇ رەختنى قىممەت ئېلىپ قويغاچقا، تىكىش ھەققىنى تۆلەشكە پۇلى قالمىغانىدى. مەن مەھەللىمىزدىكى بىر ماشىنىچىغا بۇ ئەھۋالنى ئېيتقىنىمدا، ئاكامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ:

    _ ئەپەندىمگە ئېيت، رەختنى ئۆزى ئېلىپ كەلسۇن، ھايال قىلماي تىكىپ بېرىمەن، _ دېدى.

    مەن كېلىپ بۇ خۇش خەۋەرنى ئاكامغا دېسەم، ئۇ:

    _ تىكىپ بەرگەن بىلەن مانچىسىغا بېرىدىغان پۇل يوق. سەن يەنە بىر بېرىپ ئېيتىپ باققىن، تىكىپ بەرمەي كېسىپ بېرەلەمدىكىن، _ دېدى.

    مەن بۇ گەپنى ماشىنىچىغا يەتكۈزگەنىدىم، ئۇستام:

    _ مانچىسىنى پۇل تاپقاندا بەرسە بولىدۇ. تۇردى ئەپەندىم تارتىنماي كېلىۋەرسۇن! _ دېدى.

    ئاكام: «رەختنى ئېلىپ بار، تىكىپ بەرمەي كېسىپ بەرسۇن، مەن ئۆلچەپ يېزىپ بېرەي» دېدى – دە، بىر قەغەزگە بويىنى، يېڭىنى، ياقىسىنى ئۆلچەپ يازدى. يەنە بىر پارچە قەغەزگە چاپاننىڭ شەكلىنى سىزىپ بەردى.

    ئورنى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتەيكى، ئاكام خېلى ئەپچىل رەسسام ئىدى، بىراق ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغانىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ رەسىمىنى سىزغانلىقىنى دادام كۆرۈپ قېلىپ:

    _ قىيامەتتە بۇلار سەندىن جان تەلەپ قىلىدۇ. بىر جېنىڭنى ئۆزۈڭ ئالامسەن ياكى ئۇلارغا بېرەمسەن. بالانىڭ چوڭىغا قالىسەن، _ دەپ دوق قىلىپ، سىزغان رەسىملىرىنى يىرتىپ تاشلىغانىدى. دادام ئاكامنىڭ بۇ گەپلەرگە پىسەنت قىلماي يەنە رەسىم سىزغىنىنى كۆرسە ياكى ئاڭلاپ قالسا، ئۇنىڭ قولىنى تۈۋرۈككە باغلاپ: «رەسىم سىزغان قولۇڭ مۇشۇمۇ؟» دەپ ئۇرۇپ ئالقىنىدىن قان چىقىرىۋېتەتتى.

     

     

    گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى: مەن شۇ كۈنى ئۆلچەم بىلەن چاپاننىڭ رەسىمىنى ئۇستامغا كۆرسىتىپ، رەختنى كېسىپ بېرىشىنى ئۆتۈندۈم. ماشىنىچى ئۇستام كۈلۈپ كەتتى.

     

     

    _ يېڭى مودا ئىكەن، مانا قارىغىنا، رەسىمنى ئەجەب كېلىشتۈرۈپ سىزىپتۇ، _ ئۇستام قولىدىكى ئىشنى قويۇپ رەسىمگە قاراپ خېلى تەسلىكتە رەختنى كەستى. ئەمما قولۇمغا بەرمىدى، _ سەن تۇردى ئەپەندىمگە بېرىپ ئېيت، مەن مانجا ئالماي ئىككى – ئۈچ كۈندىلا تىكىپ بېرىمەن، _ دېدى.

    مەن ئاكامغا ئۇستامنىڭ دېگىنىنى ئېيتقانىدىم، ئاكام:

    _ ھوي ئابدال، ئەمدى مېنى كىشىنىڭ ھەققىنى بەرمەيدىغان مۇتىھەم بول دەمسەن؟ _ دېدى خاپا بولۇپ.

    _ ئۇستام ئۆزى ھەق ئالمايمەن دەۋاتسا، قانداق مۇتىھەم بولىسەن؟ _ دېدىم مەن.

    _ ياق، مەن كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن قورقىمەن.

    _ بېرەي دېسەڭ پۇلۇڭ بولمىسا، ئۇستام ئەھۋالنى ئۇقۇپ، بىكارغا تىكىپ بېرىشكە رازى بولۇۋاتسا، يەنە قورقىدىغان نېمە ئىش بار؟

    _ سەن مېنى تەييار تاپ بول دېمەكچىمۇ؟

    _ كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى بىلمەيدىغان تازا جاھىل ئىكەنسەن، _ دېدىم ئاچچىقىم كېلىپ. بۇنى ئاڭلاپ ئاكامنىڭ ئوغىسى قايناپ كەتتى:

    _ ئەبۇ جەھلنىڭ نەق ئۆزىكەنسەن، ئىبلىسنىڭ شاگىرتى. چاپسان بېرىپ رەختىمنى ئەكەل. بولمىسا خامىرىڭنى ئېزىۋېتىمەن! _ ئۇ لاخشىگىرنى قولىغا ئېلىپ كېلىۋىدى، بەدەر تىكىۋەتتىم. شۇ قاچقانچە ماشىنىچى ئۇستامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئاكامنىڭ چاپاننى تىكتۈرۈشكە زادى ئۇنىمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇرۇپ، كېسىلگەن رەختنى ئەكىلىپ بەردىم.

     

     

    ئاكام كېسىلگەن رەختنى قولىغا ئېلىپ تەكشۈرگەنىدى، ئۇستام ھەتتا پۇرۇچلىرىنىمۇ قويماي يېرىم گەزدىن ئارتۇقراق ئاشقان رەختكە ئوراپ قويۇپتۇ. ئاكام بۇنى كۆرۈپ:

    _ ھە، ئىشنىڭ يولى مانا مۇنداق بولىدۇ. بۇ يوغان باش ئۇستامنىڭ خېلى ئىنسابى بار ئادەم ئىكەن. كىشىنىڭ ھەققىنى قايرىۋېلىشتىن قورقىدىكەن، _ دېدى – دە، ئۇزۇن پۇرۇچلاردىن يىپ چىقىرىشقا باشلىدى ۋە ئۇستامغا، ماڭىمۇ رەھمەت ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ بۇ چاپىنىنى پۇرۇچلاردىن چىقىرىۋالغان يىپلار بىلەن قولىدا تىكىپ كىيگەنىدى.

    ئاكام يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تولا تارتىپ ئۆپكە كېسىلى بولۇپ قالدى. ئۇ نېمە ئۈچۈن سىل كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى تولۇق چۈشىنەتتى.

     

     

    _ ئۇكام، بۇ كېسىلىم ئىجتىمائىي كېسەل. مۇنداق دېگىنىم كۆپ ۋاقىت قۇۋۋەتلىك تاماق يېيەلمەسلىك، بەزىدە ئاچ قېلىش، پەسىلگە قاراپ كىيىم كىيەلمەسلىك، غەم – قايغۇدىن قۇتۇلالماسلىق بىلەن تېپىۋالغان كېسەل. ئەمدى بولسا، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياخشىراق ئوزۇق كېرەك، ساپ ھاۋالىق جاي كېرەك، روھلىنىدىغان شارائىت كېرەك، قىسقىسى ئىقتىساد كېرەك. بۇ كېرەكلىكلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي جەمئىيەت بولۇش كېرەك. ئاندىن بۇ نەرسىلەر بار بولىدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ قىلاتتى، كېسىلىم ئەتراپىمدىكىلەرگە يۇقمىسۇن دەپ تاماق يەيدىغان قاچىلىرىغا بەلگە سېلىپ قوياتتى ھەم يېنىدا ساقلاپ يۈرگەن قۇتىغا تۈكۈرۈپ، كېيىن ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتەتتى. ئۇ يەنە:

    _ مېنىڭ ئۆمرۈم قىسقا بولۇپ قالدى. سىلەر ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەندەك كېچە – كۈندۈز ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇۋالماڭلار، تىرىشىپ ھەرىكەت قىلىڭلار. مېنىڭ قاچا – قۇچامدا تاماق يەپ قويماڭلار. مەندىن قالغان كىيىم – كېچەكنى كەيمەن، ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار، _ سۆزلەرنى كۆپ تەكرارلايتتى.

    يۈكسەك خىسلەتكە ئىگە ئىنسانپەرۋەر بۇ يىگىت _ مېنىڭ ئاكام ئۆزى دېگەندەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەي، 26 يېشىدا سىل كېسىلى بىلەن كونا دۇنيادىن كۆز يۇمدى.

     

     

    ساتىراشخانىدا

     

     

    دەڭدارۋازا قاراۋۇلخانىسى يېنىدا ئەپچىل بىر ساتىراشخانا بار ئىدى. بۇ يەردە ئۆچكە ساقال، ياداڭغۇ، سەل دۈمچەكرەك، يېشى ئەللىكلەردە بار بىر كىشى ساتىراشلىق قىلاتتى. نىياز ساتىراش ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ دۇكىنى تۈرلۈك رەسىملەر بىلەن زىننەتلەنگەن. بۇ رەسىملەردە تۈرلۈك رىۋايەت قەھرىمانلىرى، دىۋە، پەرىلەر؛ جەڭنامە رەسىملىرى ئىچىدە «بۇلبۇل گويا» ناملىق چۆچەكتىكى بېشى ئادەمگە، قالغان يېرى قۇشقا ئوخشايدىغان چوڭ ھەم ئاجايىپ رەڭدار قىلىپ سىزىلغان. تۆردىكى بۇلۇڭغا قويۇلغان ياغاچ ساندۇق ۋە تاختىبېشى تۈرلۈك جەڭنامە ۋە رىۋايەت كىتابلىرى بىلەن توشقانىدى. مەن بۇ ساتىراشخانىدىن قىرائەتخانا ئورنىدا پايدىلىناتتىم. بۇ يەرگە يالغۇز مەنلا ئەمەس، نىياز ئۇستامغا چاچ ئالدۇرغىلى كىرگەن كىشىلەر ۋە باشقا بىكارچىلارمۇ كىتاب ئاڭلاش ئۈچۈن توپلىناتتى. نىياز ئۇستام ئۆزى خەت تونۇمايتتى. ئەمما كىتابپەرەست، قۇلاق موللىسى ئىدى. ئۇ مېنىڭ كىتاب ئوقۇپ بېرىشىمنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، باشقا ساۋاتى بار كىشىلەرگە كىتابلىرىنى تۇتقۇزماي، ماڭا ئوقۇتۇپ ئاڭلايتتى ۋە مېنى ھەر كۈنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى. دۇكانغا كىرىپ كەلسەم، ئۇستام خۇشال بولۇپ كېتەتتى ۋە باش ئىۋىتىدىغان ئۇزۇن – ئۇزۇن نازۇك بارماقلىرى چاچ ئۈستىدە ئويناقلاپ كېتەتتى.

     

     

    _ ھەببەللى، ئوغلىمىز بۇلبۇل گويا كەلدى. قېنى – قېنى، ئورۇن بېرىڭلار! _ دەپ قىلىۋاتقان ئىشىدىن قول ئۈزۈپ ماڭا ئورۇن بوشىتىپ، ئالدىمغا ئېگىز پۇتلۇق بەندىڭنى قويۇپ بېرەتتى ۋە تۈنۈگۈن ئوقۇۋاتقان كىتابنى بەندىڭ ئۈستىگە قوياتتى، _ تۈنۈگۈن كەلگەن يېرىڭگە خەتكۈچ سېلىقلىق. ھەي – ھەي، تازا قىزىق يېرىگە كەلگەنىدىڭ – ھە! بادەرەپتار بىلەن كەمىكى ئەييارلار تازا ئېلىشىۋاتاتتى، قېنى شۇ يەردىن باشلىمامسەن، ئوغلۇم.

     

     

    مەن كىتابنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلايتتىم، ئۇمۇ قىلىۋاتقان ئىشىنى داۋام قىلغاچ ئاڭلايتتى.

    «كەمىكى ئەييار بىر مۇئەللەق ئېيتىپ بادەرەپتارنى ئېزىقتۇرۇپ قويدى. ئۇ قاتمۇ قات ئۆيلەردىن ئۆتۈپ، مەلىكە دىلسۇز ئېسىپ قويۇلغان جايغا كىردىلەر، ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزى تۆت سەر كېلىدىغان پۈتۈن بىر ئۆينى ياكى ئادەمنى ئىچىگە سېلىۋالسا، يەنە تۆت سەر كېلىدىغان كولبارىنى يېنىدىن چىقىرىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە مەلىكە دىلسۇزنى ئۇنىڭ ئىچىگە سېلىپ قاچتىلەر...» مەن بۇ گەپلەرنى ئوقۇغىنىمدا، ساتىراشنىڭ قولى ئىشتىن توختاپ:

    _ بەللى – بەللى، كەمەك ئەييارغا ئاپىرىن، _ دەپ، كىتابقا قولىنى سوزاتتى. مەن ئۇنىڭ قولىغا قاراپ تۇرغىنىمدا، _ ھە، ھە، قېنى، ئوقى، ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولدى؟ _ دېگىنىچە ئالدىمغا كېلىپ، ئوقۇشقا ئالدىرىتاتتى.

     

     

    ئوقۇۋاتقىنىم «جەمشىت» دېگەن جەڭنامە كىتاب ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ ساتىراشخانىدا «رۇستىمى داستان»، «ئابا مۇسەللىم»، «قەھرىمان قاتىل» دېگەنگە ئوخشاش جەڭنامىلەر ۋە ئەپسانىۋىي رىۋايەتلەر پۈتۈلگەن ياستۇقتەك چوڭ كىتابلار بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە مەن قىزىقىپ ئوقۇيدىغان «چاھار دەرۋىش»، «تۇتى نامە»، «مىڭبىر كېچە»، «ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا»، «شاھى ماران» دېگەن كىتابلارمۇ بار ئىدى. جەڭنامىلەرگە قارىغاندا بۇ كىتابلاردا ئاجايىپ – غارايىپ، سېھىرلىك ۋەقەلەر بايان قىلىناتتى.

     

     

    مەسىلەن، مەن ئوقۇغان «ئىبنى سىنا» دا كاتتا ئالىم تارىخي تېخىچە رېئاللىق بويىچە يېزىلماي، سېھىرگە سۈپىتىدە يېزىپ ئەپسانىلاشتۇرۇلغان. مەن ئۆسمۈر ۋاقتىمدا بۇ كىتابنى ئوقۇپ، ئۇنى ئالىم سۈپىتىدە تونۇماي، جادۇگەر دەرۋىش ئىكەن دەپ تونۇغانىدىم.

     

     

    نىياز ساتىراش ئۆزى كۆپ ۋاقىتلاردا بۇ كىتابنى ئاڭلاشقا ئالاھىدە خۇشتار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بۇ كىتابنى تامام قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن:

    _ ئەمىسە بۈگۈندىن باشلاپ يەنە «ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا» نى ئوقۇپ بېرەي، _ دېۋىدىم، ئۇستام خۇشاللىقىدىن:

    _ شۇنداق قىل، ئوغلۇم، ئاغزىڭغا ناۋات سېلىپ قوياي، _ دەپ قولۇمغا بىر پارچە ناۋاتنى تۇتقۇزۇپ قويدى.

    مەن يەنە بۇ كىتابنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم:

    «بۇخارادا ئاكىسى ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا، ئىنىسى ئەبۇلھارىس دېگەن بىر تۇغقان ئىككى بالا بار ئىكەن. ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئۇستازى ۋە ساۋاقداشلىرى بۇلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە ھەيران قېلىشىدىكەن. بولۇپمۇ ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنانىڭ زېرەكلىكىگە ھەيران قېلىشىپ، بىر كۈنى ئۇنىڭ سەزگۈرلىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن، ساۋاقداشلىرى مەسلىھەتلىشىپ، بىر ۋاراق قەغەزنى چاندۇرماي ئۇنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىغا قويۇپ قويۇپتۇ، ئىبنى سىنا ئولتۇرغاندىن كېيىن دەسسەپ تۇرغان يېرىگە قاراپتۇ، كېيىن تورۇسقا قاراپتۇ. يېنىدا ئولتۇرغان ساۋاقدىشى:

    _ ئىبنى سىنا، نېمىشقا ئاستىن – ئۈستۈن قارايسەن؟ _ دەپ سوراپتۇ.

    ئىبنى سىنا:

    _ بۈگۈن يەر بىر ئاز ئۆسۈپ قالغانمۇ ياكى تورۇس سەل پەسەيگەنمۇ نېمە؟ _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلار ھەيران قېلىشىپ، چۇرقىرىشىپ ئاستىدىكى قەغەزنى كۆرسىتىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئۇستازى بۇلارغا قانداق دەرس بېرەلىشىنى ئويلاپ، بىساتىدىكى بار بىلىمنى ئۇلارغا تۆكۈپتۇ. ئۇستازى ھەممە بىلىمنى ئايىماي بەرگەنسېرى، ئىبنى سىنالار زادىلا قانائەت ھاسىل قىلماي سوراۋېرىپتۇ. ئۇستازى ئاخىر خىجالەت بولۇپ:

    _ ئىبنى سىنا، مېنىڭ سىلەرگە بېرىدىغان بىلىمىم تۈگىگەنىدى. لېكىن سىلەر قانائەت قىلماي، مەندىن سوراۋەردىڭلار، ئەمدى مېنىڭ جاۋاب بەرگۈچىلىكىم قالمىدى. سىلەر باشقا جايغا بېرىپ بىلىم ئالىمەن دېسەڭلار مەيلى، _ دەپتۇ.

    شۇنىڭدىن كېيىن ئىبنى سىنا:

    _ ئۇكام ئەبۇلھارىس، بىزنىڭ بۇخارادىن ئالىدىغان بىلىمىمىز تۈگەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا ھېچ ئىش چىقىرالمىغۇدەكمىز، _ دەپتۇ – دە، ئىنىسىنى باشلاپ سەپەرگە چىقىپتۇ.

    بۇلار شەھەرمۇ شەھەر بىلىم ئالىدىغان جاي ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىر قۇددۇسقا بېرىپ قاپتۇ. ئۇ يەردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئاجايىپ بىر بىلىم جايى بار ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ.

     

     

    بۇ جاي چوڭ بىر تاغنىڭ غارى بولۇپ، بۇ يەرگە داۋۇت پەيغەمبەر ۋاپات بولۇش ئالدىدا، ئىلمىي سىميا ۋە ئىلمىي كىمياغا دائىر پۈتۈن كىتابلارنى بەنت قىلىپ قويغانىكەن. بۇ بىر تىلسىملىق ماكان بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم كۈن چىققاندىن باشلاپ ئۆز – ئۆزىدىن تاش دەرۋازىسى ئېچىلىپ، كۈن پېتىش بىلەن يېپىلىپ قالىدىكەن. ئەگەر بىرەر كىشى بۇ يەردىن كىتاب ئېلىپ ماڭسا، دەرۋازىغا كەلگەن ھامان يېپىلىپ قېلىپ چىقالمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم بۇ يەردىن كىتاب ئېلىپ چىقالمايدىغان تىلسىم بولۇپ قالغانىكەن.

     

     

    ئىبنى سىنا بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، شۇ جايدا بىر يىل قېلىپ، كېلەر يىل دەرۋازا ئېچىلغۇچە كىتابلارنى كۆرۈپ چىقماقچى بولۇپتۇ. ئۆزىنىڭ بۇخارادا ئۆگەنگەن ئىلمىي كىمياسى بويىچە، دانىسى بىر كۈن ئوزۇق بولىدىغان بوغۇرساقتىن ئۆزىگە ھەم ئەبۇلھارىسقا ئۈچيۈز ئاتمىش ئالتە تالدىن تەييارلاپ خالتىغا قاچىلاپتۇ. يەنە شۇنچىلىك شام تەييارلاپ، دەرۋازا ئېچىلىشىنى كۈتۈپتۇ.

     

     

    باھار ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئىبنى سىنالار سەيلە قىلىپ يۈرگەندە، جاكارچىنىڭ: «ئاڭلىمىدىم دېمە خالايىق، كوھى داۋۇت غارى ئېچىلدى. ئىلىم تەھسىل قىلىشنى خالىغۇچىلار غاپىل بولماي يۈگۈرۈڭلار» دېگەن جاكارسىنى ئاڭلاپ، نەرسە – كېرەكلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇچقاندەك غارغا كىرىپ كېتىپتۇ. نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر كىرىپ تاش جوزا ۋە ئويۇقلاردىكى كىتابلارنى ئاندا – مۇندا كۆرۈپ تۇرغاندا، كەچ كىرىپ قېلىپ دەرۋازا يېپىلىش بەلگىسى ئاڭلىنىپتۇ، كىشىلەر سىرتقا قاراپ يۈگۈرۈشۈپتۇ، لېكىن ئىبنى سىنا بىلەن ئەبۇلھارىس ئىككى بۇلۇڭغا مۆكۈۋېلىپ شۈك تۇرغانىكەن، دەرۋازا غارقىراپ يېپىلىپتۇ. غارنىڭ ئىچىدە بۇلاردىن باشقا ھېچكىم قالمىغاندىن كېيىن، ئىككىسى ئىككى جايدا تاش جوزا يېنىغا ئورۇنلىشىپ، بىر – بىرى بىلەن گەپمۇ قىلىشماي كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپتۇ.

     

     

    شۇ يوسۇندا بىر يىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، دەرۋازا يەنە غارقىراپ ئېچىلىپتۇ، ئۇلار ئىككىسى سىرتقا بىللە چىقىپ، بىللە ئۆز يۇرتىغا يول ئاپتۇ. بۇلار شەھەر سىرتىدىكى بىر قۇمۇشلۇق چىغىر يولدا كېتىپ بارغاندا، سەككىز ئاتلىق ئەسكەر كېلىپ، بۇلارنى تۇتۇپ باغلىۋاپتۇ. بۇ ئاتلىقلار ئەسلىدە زىنداندىن قاچقان ئىككى گۇناھكارنى ئىزلەپ يۈرگەنىكەن. ئۇلار چاچلىرى ئۆسكەن، يۈزلىرى سارغايغان ئىبنى سىنالارنى زىنداندىن قاچقان گۇناھكارلار مۇشۇلار بولسا كېرەك دەپ تۇتۇپ ئالغانىكەن.

     

     

    ئۇلار تۇتقۇن بولۇپ ھەيدىلىپ كېتىۋاتقاندا، ئىبنى سىنا قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئويلاپ، ئەبۇلھارىسنىڭ قۇلىقىغا:

    _ ئۇكام بۇ پالاكەتتىن قۇتۇلۇشقا چارەڭ بارمۇ؟ ئىلمىي سىميادىن قانچىلىك ئۆگەندىڭ، ئەگەر ئۇنى ئىشقا سېلىپ قۇتۇلغىدەك ھۈنىرىڭ بولمىسا، ئاۋۋال مەن ساڭا ياردەم بېرەي، _ دەپتۇ.

    _ سەن خاتىرجەم بولۇپ ئۆزۈڭنىڭ قۇتۇلۇش چارىسىنى ئويلا. مەن ئاۋۇ كۆۋرۈكنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۆزۈمنىڭ ئۆزلەشتۈرگەن ھېكمىتىمنىڭ بىرىنچىسىنى كۆرسىتىمەن، _ دەپ ھېجىيىپتۇ ئەبۇلھارىس.

     

     

    دېگەندەك، بۇلار ھەيدىلىپ چوڭ بىر ئۆستەڭ كۆۋرۈكى ئۈستىگە كەلگەن ھامان، ئەبۇلھارىس ئۆزىنى سۇغا ئېتىپتۇ. سەككىز لەشكەر ئۇنى ئىزلەپ ھېچيەردىن تاپالماپتۇ. ئۇ چۈشكەن يېرىدىلا سۇغا باش چۆكۈرۈپ غايىب بولغانىكەن.»

     

     

    _ ھەببەللى، ئەبۇلھارىس يارايدۇ، _ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاندەك، ساتىراش قولىنى پۇلاڭلىتىپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى. مەن تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇپ تىنىۋالغانىدىم، ساتىراش ئۇستا يەنە، _ ھە، ئەمدى ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا قانداق قۇتۇلدىكىن؟ _ دېدى تاقەتسىز كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ. بۇ گەپ بىلەن يەنە كىتابنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم:

    «ئىبنى سىنا قۇملۇق بىر يولغا كەلگەندە، قولى باغلاقلىق ھالدا يەرگە ئېڭىشىپ بىر چىمدىم قۇمنى ئېلىپ، ئاغزىنى مىدىرلىتىپ چاچقانىكەن، قۇملۇقتا بوران چىقىپ پۈتۈن جاھان قاراڭغۇلىشىپ، سەككىز ئاتلىق سەككىز تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئىبنى سىنا بولسا، تۇمان ئىچىدە غايىب بوپتۇ...»

     

     

    _ مانا، مانا، ھەببەللى، ياشاپ كەت! بۇنىڭ ھېكمىتى ئۇنىڭدىن قالتىس ئىكەن – دە، _ دېدى ساتىراش يەنە ئىشتىن توختاپ.

    بۇ، ئىبنى سىنا توغرىسىدىكى ئەپسانىنىڭ كىرىش قىسمى ئىدى.

    مەن ساتىراشخانىدا ئوقۇغانلىرىمنى كەچلەردە موزدۇزخانىدىمۇ سۆزلەپ بېرەتتىم. 1933 – يىلقى ئاپرىل ئۆزگىرىشىدىن كېيىنلا گېزىت، ژۇرنال، قىرائەتخانىلارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق. شۇنىڭغىچە بولسا، ساتىراشخانا ۋە موزدۇزخانىلاردا ھەر خىل جەڭنامە ۋە چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ، ئېيتىپ يۈرەتتۇق.

     

     

    پىرىزىخان موماي

     

     

    خۇدىياريۈز يېزىسىنىڭ قۇملۇق مەھەللىسىدە بىر پارچە تېرىلغۇ يېرىمىز بار ئىدى. بىز تېخى كىچىك بولغاچقا تېرىقچىلىق قىلالمايتتۇق. شۇڭا بۇ يەردە تاغىمىزلا تېرىقچىلىق قىلاتتى. مەن خامان ئېلىش ۋاقىتلىرىدا تۇلۇق ھەيدەپ بېرەتتىم. شۇ چاغلاردا، كەچ كۈزنىڭ بىر كۈنى، ئېتىز قىرىدىكى بىر تۈپ ئاچچىق ئالمىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، كۆڭلىكىمنىڭ پېشىنى ئىشتىنىمنىڭ ئىچىگە تىقتىم – دە، توڭ ئالمىنى ئۈزۈپ، كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىدىن قوينۇمغا سېلىۋەردىم. بىردەمدىلا ئالما بىلەن قوينۇم پومپايدى، يەنە كۆپرەك ئالماقچى ئىدىم، لېكىن يامغۇر يېغىپ قېلىپ ئۈستىبېشىم ھۆل بولۇپ كەتكىنى ئۈچۈن، ئالما ئۈستىدىن سېيرىلىپ چۈشتۈم.

     

     

    ئاچ قورساققا ئاچچىق، توڭ ئالمىنى يەۋەرگەنلىكىم ھەم يامغۇردا قالغىنىم ئۈچۈن بېقىنىمغا سانجىق تۇرۇپ قالدى. يۆتەلسەم جېنىم چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ئاغرىيتتى. لاپاس ئاستىدىكى بۇلۇڭدا تۈگۈلۈپ زارلىنىۋاتقانلىقىمنى قوشنا قورۇدىكى پىرىزىخان موماي ئاڭلاپ يېنىمغا كەلدى. ئەھۋالىمنى بىلگەندىن كېيىن، مېھرىبان موماي مېنى يۆلەپ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ داۋالىدى:

    ئۇ بىر سىقىم تەرتەزنى (تەرتەز __ زىغىردىن كىچىكرەك قىزغۇچ ئۇرۇق) يىلىمان سۇغا چېلىپ، بىر پارچە ماتا لۆڭگىنى سۇۋاپ، بېقىنىمغا چاپلاپ تاڭدى ۋە جۇۋىغا ئوراپ ياتقۇزۇپ قويدى. لۆڭگە بارغانسېرى چاپلىشىپ بېقىنىمنىڭ تېرىسىنى قورۇۋالدى. شۇ ھالدا ئۇخلاپ قاپتىمەن، كەچقۇرۇن ئويغانسام، سانجىق قويۇپ بېرىپ ياخشى بولۇپ قاپتىمەن.

     

     

    گېلىم ئاغرىدى دەپ كەلگەن چاغلىرىمدىمۇ پىرىزىخان موماي:

    _ تامىقىڭ چۈشۈپ قاپتۇ، بالام، _ دەيتتى – دە، ئىككى بارمىقىنى قازاننىڭ كۈيىسىگە سۇۋاپ، تامىقىمنى كۆتۈرۈپ قوياتتى، شۇنىڭ بىلەن گېلىم ساقىيىپ قالاتتى. بەزىدە قىزىپ ئىسىتما بولۇپ قالغىنىمدا، سۆگەت چىۋىقلىرىنى سۇغا چىلاپ، دۈمبەمگە ساۋاپ ساقايتىپ قوياتتى. بەزىدە بولسا، تۇز ۋە نان ئۇۋاقلىرى بىلەن ئاشلاپ قوياتتى ۋە: «ئەسكى تۈگمەنلىككە بار، ئىككى خوتۇنلۇققا بار، چىق، چىق!» دەپ ئەسنەيتتى.

    يېزىغا چىقساملا، بۇ شەپقەتلىك موماي يېتىملىكىمگە ئىچ ئاغرىتىپ، ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى. كىيىملىرىمنى يۇيۇپ، ياماپ بېرەتتى. ماڭا تومۇ تېگىپ قالغان چاغلاردا قارا ئۆرۈك، لازا (مۇچ) سېلىنغان ئاچچىق – چۈچۈك شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ بېرىپ:

    _ تۇمىقىڭنى چۆكۈرۈپ كىيىپ، قىزىق ئىچىپ تەرلىسەڭ ساقىيىسەن، _ دەيتتى. مەن شۇنداق قىلىپ ساقىيىپ قالاتتىم.

    خېلى چوڭ بولۇپ قالغان چاغلىرىم ئىدى، بىر كۈنى يېزىغا چىقىپ پىرىزىخان موماينىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كىرگىنىمدە، ئۇنىڭ بېشى ئاغرىپ ياتقانىكەن، مېنى كۆرۈپ دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەھۋالىمنى سورىدى:

    _ چىرايىڭ سارغىيىپ قاپتۇغۇ، نېمە بولدۇڭ، بالام؟

     _ ئىككى – ئۈچ ئايدىن بېرى مەيدەم ئاغرىپ يۈرىدۇ.

    _ ھە ئۇنداق بولسا، بۇنىڭ دورىسى بار، _ موماي كونىراپ كەتكەن ساندۇقىنى ئېچىپ، كىچىك بىر خالتىدىن ھېلىقى سانجىق دورىسى _ تەرتەزنى چىقاردى، ئۇنىڭ بىلەن ناۋاتنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، كىچىككىنە خالتىغا سالدى، _ بۇنى بىر چېكىم ناسۋالدەك يەپ بەرسەڭ، مەيدە ئاغرىقىڭ ساقىيىدۇ، _ دېدى، ئۇ خالتىنى ماڭا بېرىۋېتىپ. شۇ دورىنى يەپ يۈرۈپ ئاشقازىنىممۇ ساقىيىپ كەتتى.

    پىرىزىخان موماينىڭ بېشى ئاغرىپ قالغان چاغلاردا ئەتكەن چاي ئېتىپ ئىچسە ۋە چىنىنىڭ تېگىدە قالغان چاينىڭ شامىسىنى چاينىسا ساقىيىپ قالاتتى. ئۇ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئەتكەن چايغا ئادەتلىنىپ قالغانىدى. ئۆيدە چاي تۈگەپ قالغان چاغلاردا بولسا، خۇمارى تۇتۇپ ئاغرىپ قالاتتى. بۇنداق ئەھۋالنى سەزگىنىمدە شەھەردىن چاي ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالاتتىم.

     

     

    باھار ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى پىرىزىخان موماينىڭ كاۋا چېچىكىنى ئۈزۈپ، باشقا پىلەكتىكى چېچەككە دۈم كۆمتۈرۈپ، بوغقۇچ بىلەن تېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ سورىدىم:

     _ موما، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟

    _ مۇشۇنداق قىلىپ قويسا كاۋا ئوخشايدۇ، _ دېدى موماي. ئۇ چاغلاردا بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتىم. گىمنازىيىدە بوتانىكا ئوقۇغىنىمدىن كېيىن، بۇنىڭ ئاتىلىق چېچەكنى ئانىلىق چېچەك بىلەن چاڭلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدىم. موماي يەنە كاۋىلارنىڭ يوپۇرماقلىرى چوڭىيىپ ھەم كۆپىيىپ كېتىپ، پېلەك غوللىرىنى كۆمۈۋەتسە، ئۇزۇن چىۋىق بىلەن يوپۇرماقلارنى يۇڭ ساۋىغاندەك ساۋايتتى. ئاساسىي غول پېلەك ھەددىن ئارتۇق ئۇچ تارتىپ كەتسە، چىمداپ ئۈزۈۋېتەتتى، مەن ئۇنىڭ پەمىدۇرنىمۇ شۇنداق قىلىپ يۈرگىنىنى كۆرگەنىدىم. «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟» دېگەن سوئالىمغا: «مېۋىسى كۆپ بولىدۇ» دەپلا قوياتتى. ئەمما ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتمايتتى. بۇنىڭدا نېمە سەۋەبلەر بارلىقى ئۇ ۋاقىتلاردا ماڭا سىر ئىدى. ئەمما ھوسۇلنىڭ مول بولغانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. موماينىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ئاددىي، ئىشلەتكەن دورىلىرى ئەرزان ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بەرگەن ئۈنۈمىگە تا ھازىرغىچە ھەيرانمەن.

     

     

    مەسىلەن، قۇچاقتىكى بالىنىڭ كۆزى ياكى قۇلىقى ئاغرىپ قالسا، ئانىسىغا: «بالاڭنىڭ كۆزىگە سۈتۈڭدىن سېغىپ قوي» دەيتتى موماي. شۇنداق قىلسا، راست دېگەندەك بالىنىڭ كۆز، قۇلاقلىرى ساقىيىپ كېتەتتى. ھەتتا بوۋاقنىڭ يۈزى يېرىلىپ، يىرىكلىشىپ قالسىمۇ: «يۈزىگە سۈتۈڭنى تېمىتىپ سۇۋا» دەيتتى. ئانىسى شۇنداق قىلغاندىن كېيىن، بوۋاقنىڭ يۈزى سىلىقلىشىپ پارقىرايتتى.

     

     

    ئەگەر كىچىك بالىلار يىقىلىپ كېتىپ قالسا ياكى بېشى بىر يەرگە تېگىپ كەتسە، لاتىغا تۇخۇم سېرىقىنى سۈركەپ، بېشىغا ئوراپ تېڭىپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ قالاتتى. بۇ خىل داۋالاشنى موماي: «تەڭلەپ قويۇش» دەيتتى. ئەگەر بوۋاقنىڭ ئىچى قاتتىق سۈرۈپ كەتسە، قوي يېغى بىلەن بۇلماق ئېتىپ بېرىش ئارقىلىق ساقايتاتتى.

     

     

    موماينىڭ مېنىڭ پۇتۇمنى ئىككى قېتىم ھېچبىر چىقىمسىزلا داۋالاپ قويغىنى ئېسىمدە:

     

     

    يالىڭاياق يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئوڭ پۇتۇمنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى تاشقا تېگىپ _ پەشۋا يەپ زەخمىلىنىپ قالدى. موماي يەر توزغىقى (ئەسكى تام ئەتراپلىرىدا، كوكات ئارىسىدا بولىدىغان، ئىچىدە قارا توزغىقى بار ئۇرۇقچىدەك بىر نەرسە) سېلىپ ساقايتىپ قويدى. بۇ بىرىنچى قېتىملىقى ئىدى. ئىككىنچى قېتىمدا پۇتۇم مىتكوت بولۇپ، ئوشۇقۇم ئىششىپ كەتتى. موماي بۇنى كۆرۈپ: «گۆشى چۆچۈپتۇ» دەپ، تۆگە يۇڭىنى شاكاراپقا چىلاپ شوپۇق ئېتىپ تاڭدى، كېيىن ئىككى تۇخۇم سېرىقىنى سۇۋاپ، تېڭىپ قويۇپ ساقايتتى... تاغام دېھقانچىلىقتىن ئاز – تولا كىرىم قىلغىنىدىن كېيىن، كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ماڭا يېڭى كىيىم – كېچەك تىككۈزۈپ بەردى. بولۇپمۇ مەسكاپتىن تىكىلگەن ئۆتۈكۈمگە ھەۋىسىم كېلىپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتىم.

     

     

    يېزىغا چىققاندا، ئۆتۈكۈمنىڭ توپىلىرىنى سۈرتۈپ، قارا گۈل سۇۋاپ پارقىراتقاندىن كېيىن، پىرىزىخان مومايغا كۆرسەتكىلى كىرگەنىدىم، موماي كۆرۈپ:

    _ پاھ، پاھ، جېنىم بالام؛ يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ بىر چىرايلىق ئەزىمەت بولۇپ قاپسەنغۇ، بولۇپمۇ ئۆتۈكۈڭ بەك يارىشىپتۇ، ئەمدى پۇتۇڭمۇ پەشۋا يېمىگۈدەك، _ دېدى ۋە يېڭى بۆكۈمنى قولىغا ئېلىپ گۈللىرىنى كۆردى – دە، بېشىمنى سىلاپ بۆكنى يەنە كىيگۈزۈپ قويدى.

     

     

    مەن شەيتان تېرىسى دېگەن رەختتىن تىكىلگەن پەشمىتىمنىڭ يانچۇقىدىن قولياغلىقىمنى ئېلىپ:

    _ ماڭا قارا، موما، تېخى بۇرنۇمنى ئېيتىدىغان قول ياغلىقىممۇ بار، _ دەپ ماختاندىم.

    _ تاغاڭ بۇنى ئېلىپ بېرىپ ياخشى قىپتۇ، ئۆتۈكۈڭنى پارقىرىتىپلا يۈرمەي، يۈز – كۆزۈڭنىمۇ پات – پات سۈرتۈپ، پارقىرىتىپ تۇرساڭ، تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاپئاق قىزلارمۇ ساڭا قاراپ قالىدۇ. ئوبدان ياسىنىپ، دەل ۋاقتىدا چىقىپسەن. بۈگۈن ھارپا، ئەتە ھېيت، مەن جىقلا ساڭزا سالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىم چىمەنگۈل ئايەملەپ بىر دەستە ساڭزا ئېلىپ كەپتۇ، نەۋرىمىز مودەنگۈلمۇ كەلدى، نورۇز ئاغىنەڭمۇ ساغلىقنى قوزىلىرى بىلەن ھەيدەپ ھېلى كېلىدۇ، سەنمۇ شۇلار بىلەن ئايەملەپ مېھمان بولۇپ، بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قال. يۈر، ئۆيگە كىر، _ دېدى – دە، قولۇمدىن تۇتۇپ ئۆيگە باشلاپ ئەكىردى. چىمەنگۈل ھەدەم قازاندىكى ياغقا قىيىقچا سېلىۋاتقانىكەن.

     

     

     _ ۋاي – ۋۇي ئوغلىمىز يىگىت بولۇپ قاپتىغۇ، _ دەپ ئەركىلىتىپ قارشى ئالدى ئۇ. مودەن قىزمۇ تاۋار كۆڭلەك كىيىپ، ھەقىقىي مودەنگۈلدەك چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىپتۇ. دېگەندەك، نورۇز ئاغىنەممۇ قوي – قوزىلىرىنى ھەيدەپ كەلدى. بۈگۈن كەچتە پىرىزىخان موماينىڭ ئۆيى خۇشاللىققا چۆمدى، موماي، ياغ پۇرىتىپ يىت ۋە تۇخۇم پوشكىلى سالدى، قايماقلىق چاي ئېتىپ بىزنى مېھمان قىلىشقا باشلىدى. مېنىڭ ئالدىمدىكى ئاپقۇر چىنىگە ئۇنىمىغىنىمغا قويماي دۆۋىلەپ ساڭزا سېلىۋەتتى، يەپ – ئىچىپ، چىنىنى يېرىملىتىپ تۇرۇشۇمغا: «كىچىككىنە قايمىقىدىن» دەپ چىنەمنى يەنە جىقلاپ قوياتتى ھەم پوشكال يېيىشكە زورلايتتى.

     

     

    موماي مېھمان قىلىمەن دەپ مېنى خېلى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. چاينى تۈگىتىپ ئىچىشنىڭ قىيىنلىقى ھەم مودەنگۈلدىن ئىزا تارتىش تۇيغۇسى بىلەن تەرلەپ قىزىپ كەتتىم. موماينىڭ قىزىق پاراڭلىرىدىن كېيىن، قورۇنۇشلىرىم بارغانسېرى يوقىلىپ يايراپ قالدىم.

    _ ساڭزىنى يەڭلار دېسەم ھېچ ئۇنىمايسىلەر، ئەگەر جوزىغا ساڭزا مۇشۇنداق دۆۋىلەپ قويۇلغىنىنى ھاپىزكام كۆرگەن بولسا، ئۈستىگە دۈم چۈشەتتى.

     

    _ ھاپىزكام دېگەن كىم ئۇ ئاپا؟ _ سورىدى چىمەنخان.

    موماي تۈرلۈك رىۋايەت، ئەپسانىلەرگە ۋە لەتىپە، چۆچەكلەرگە باي ئىدى. ئۇ چىمەنخان ھەدەمنىڭ سوئالىغا يارىشا مۇنداق بىر خەلق لەتىپىسىنى ئېيتىپ بەردى:

    _ بۇرۇن بۇ مەھەللىدە ھاپىزكام دېگەن بىر پاڭقاي ئادەم بار ئىدى، ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن بويىغا يەتكەن قىزىمۇ پاڭ ئىدى. ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، شۇ مەھەللىگە سۇ نۆۋىتى كېلىپ، دېھقانلار سۇ تۇتۇش ئۈچۈن ئات چېپىشىپ يۈرسە، ھاپىزكام بىرىدىن:

    _ ھاي، ھاي، نېمىگە ئات چېپىپ يۈرىسىلەر؟ _ دەپتۇ.

    _ تېخىچە بىلمىدىڭمۇ، سۇ كېلىدۇ، توغان سالىمىز، _ دەپتۇ ھېلىقى دېھقان.

    _ ھە، ھە، ئەجەپ بوپتۇ، _ دەپ ئۆيىگە يۈگۈرۈپتۇ ھاپىز، _ ھەي خوتۇن، ھېيت كەپتۇ، ھېيت، ساڭزا سالمايمىزمۇ، _ دېگەنىكەن، خوتۇنى خۇشال بولۇپ:

    _ ۋىيەي، نېمە ئېلىپ بەرسەڭلار بېرىڭلار، _ دەپتۇ ۋە خۇشاللىقىنى قىزىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يۈگۈرۈپتۇ. ئانىسى:

    _ ھەي قىزىم، ئۇقتۇڭمۇ، داداڭ خېلى ئىنساپقا كېلىپ قاپتۇ، «قانداق رەختتىن كۆڭلەك كىيىسىلەر، تاۋاردىنمۇ، دۇردۇندىنمۇ» دەيدۇ قارا، _ دېگەنىكەن.

    _ ۋىيەي، كىمگە بەرسەڭلار مەيلى، _ دەپتۇ قىزى.

    بۇ لەتىپىنى ئاڭلاپ ھەممىمىز ھارغىچە كۈلدۇق.

    _ ھەر كاللىدا بىر خىيال دېگەن مانا شۇ، _ دېدى موماي. مودەنگۈلنىڭ يۈزى ئاناردەك قىزىرىپ كەتتى. بۇ قىزىللىق كۈلكىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولدىمۇ ياكى ئۇنىڭ خىيالىغا پاڭ قىزنىڭ گېپى تەسىر قىلغانلىقتىن پەيدا بولدىمۇ چۈشىنەلمىدىم، لېكىن ئۇ ماڭا پات – پات كۆز قىرىنى تاشلاپ يەرگە قارىۋالاتتى. مودەنگۈل بىلەن ئىككىمىزنىڭ تارتىنىپ ئولتۇرغىنىمىزنى پەملىگەن موماي قىزىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بىزنى تېخىمۇ ئېچىلىپ ئولتۇرۇش شارائىتىغا ئىگە قىلماقچى بولدى.

     

     

    _ قاراڭلار، ھېيتنىڭ ساڭزىسىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھاپىزكامنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگىمۇ خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى. ئەمما ھېيت يەنىلا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆمرى شۇنداق قىسقا بولىدۇ، لېكىن خىزىر پەيغەمبەرلا ئۆلمەيدۇ، _ دېدى موماي. ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ بەردى:

    «خىزىر پەيغەمبىرىم بىر زامانلار كۆز يەتكۈسىز كەڭرى بىر ئورماندا كىشىلەرنىڭ ئوتۇن كېسىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ، يەنە بىر دەۋرلەردىن كېيىن بۇ جايغا كېلىپ قارىسا، ھېلىقى ئورمانزالىق يوقىلىپ، ئونىڭ ئورنىدا بىر دەريا پەيدا بولۇپ قاپتۇ. دەريانىڭ قىرغىقىدا بىر ئادەم بېلىق تۇتۇپ ئولتۇرغۇدەك، خىزىر پەيغەمبەر بېلىقچىنىڭ يېنىغا كېلىپ:

    _ بۇ يەردىكى ئورمان نەگە كەتتى؟ _ دەپ سوراپتۇ.

    _ بۇ يەردە ئەسلا ئورمان بولغان ئەمەس، ئاتا – بوۋىمىزدىن تارتىپ مۇشۇ دەريادىن بېلىق تۇتۇپ كېلىۋاتىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بېلىقچى.

    خىزىر ئۆتۈپ كېتىپتۇ، جاھاننى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر دەۋر ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بۇ دەريا بويىغا كېلىپ قاپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، دەريانىڭ ئورنىدا كاتتا بىر سازلىق تۇرغۇدەك، سازلىقتا بىر كىشى پادا بېقىۋاتقۇدەك. خىزىر پادىچىدىن:

    _ بۇ يەردىكى دەريا قېنى؟ _ دەپ سوراپتۇ.

    _ بۇ يەردە دەريا نېمىش قىلسۇن، بۇ جاي ئەزەلدىن تارتىپ سازلىققۇ؟ _ دەپتۇ پادىچى.

    خىزىر يەنە بىر قانچە زامانلاردىن كېيىن بۇ جايدىن ئۆتۈپتۇ. قارىسا سازلىقنىڭ ئورنىدا كاتتا بىر شەھەر پەيدا بولۇپ قاپتۇ. خىزىر رەستىدىكى بىر دۇكانداردىن:

    _ بۇ يەردىكى سازلىق قېنى؟ _ دەپ سوراپتۇ.

    _ بۇ جايدا ھېچقاچان سازلىق بولغان ئەمەس، ئاتا – بوۋىمىزدىن تارتىپ مۇشۇ شەھەردە ياشاپ كېلىۋاتىمىز، _ دەپتۇ دۇكاندار.

    خىزىر بىر قانچە زامانلاردىن كېيىن بۇ يەرگە كەلسە، شەھەرنىڭ ئورنىدا قۇملۇق سەھرا پەيدا بولۇپ قاپتۇ، قۇم بارخانلىرى يېنىغا تۆگىلىرىنى چۆكتۈرۈپ قويغان كارۋانلاردىن:

    _ بۇ جايدىكى شەھەر قېنى؟ _ دەپ سوراپتۇ خىزىر.

    _ بۇ قۇملۇقتا قانداقمۇ شەھەر بولىدۇ. ئاتا – بوۋىمىزدىن تارتىپ بۇ جاي چۆل – جەزىرە ئىدى. بۇ يەردە يانتاقتىن باشقا نەرسە بولمىغان، _ دەپتۇ كارۋانلار.

    خىزىر ھەيران بولۇپ ئۆز يولىغا چۈشۈپتۇ.»

    _ مانا قاراڭلار، ئادەمنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ. بىرەر جاينىڭ سەرگۈزەشتىسى كىشى ئۆمرىگە قارىغاندا ناھايىتى ئۇزۇن گەپ، بۇنى پەقەت ئۆلمەس خىزىرلا بىلىدۇ. ئەمما ئادەملەرنىڭمۇ قىسققا ئۆمرىدە ئۆزىگە لايىق سەرگۈزەشتىلىرى بولىدۇ.

    _ موما، ئەمىسە ئادەملەرنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز، _ دەپ سورىدىم. موماي تۆۋەندىكى ۋەقەلەرنى سۆزلىدى:

    «بۇرۇن بۇھەم ئىسىملىك بىر ئادەم ئۆتكەنىكەن. ئەتىيازلىقى قار كېتىپ، ئېتىزلار تاۋلاشقاندا، بۇھەم بىر پارچە يەرنى تېرىماقچى بوپتۇ. 13 – 14 ياشلىق بالىسىغا ساپاننىڭ سېپىنى تۇتقۇزۇپ، ئۆزى بويۇنتۇرۇقنى گەجگىسىگە سېلىپ يەر ھەيدەپتۇ. ھېرىپ – تەرلەپ تىلى ساڭگىلاپ كېتىپتۇ. بۇھەمنىڭ بۇ قىيىن ئەھۋالىنى كۆرگەن بىر ئۆتكۈنچى سودىگەر:

    _ ھاي، ھاي، بۇرادەر، كالا ئورنىدا ئۆزىڭىزنى قوشقا سېلىپ بەك قىيىن ئەھۋالدا قاپسىزغۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ.

    بۇھەم بېشىنى كۆتۈرۈپ سودىگەرگە:

    _ ھەم ئېيىن گۈرىزەت، _ دەپ جاۋاب بېرىپ قوش تارتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىپتۇ، سودىگەرمۇ ئۆز يولىغا چۈشۈپتۇ.

    بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىقى سودىگەر بىر شەھەردىكى ئېسىل ماللار بىلەن لىق تولغان دۇكان ئالدىغا كېلىپ، دۇكانداردىن بىر كىيىملىك كىمخاپ سېتىۋاپتۇ. زەن قويۇپ قارىسا، كىمخاپ ساتقۇچى دۇكاندار باي بىر زامانلاردا كالا ئورنىدا يەر ھەيدەۋاتقان ھېلىقى ئادەم ئىكەن.

    _ ھاي، ھاي، بۇرادەر، بىر چاغلاردا گەجگىڭىزگە بويۇنتۇرۇق سېلىپ، يەر ھەيدىگەن كىشى سىز ئەمەسمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ.

    _ ھە، توغرا، مەن شۇ، _ دەپتۇ ئۇ.

    _ قانداق قىلىپ مۇنچە باي بولۇپ قالدىڭىز؟

    _ ھەم ئېيىن گۈرىزەت، _ دەپتۇ يەنە دۇكاندار. ئۆتكۈنچى بولسا، ھەيران بولۇپ ئۆز يولىغا كېتىپتۇ.

    خېلى زامانلاردىن كېيىن بۇ ئۆتكۈنچى سودىگەر يەنە بىر شەھەرگە كېلىپ چۈشۈپتۇ. بۇ شەھەردە بىر تۆھمەتخورنىڭ تۆھمىتىگە ئۇچراپ، شەھەر ھاكىمى ئالدىغا دەۋاغا بېرىپتۇ. ھاكىم دەۋانى ئادىللىق بىلەن سوراپ، ئۆتكۈنچى سودىگەرنى تۆھمەتچىدىن قۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. ئۆتكۈنچى سودىگەر خۇشاللىقىدىن زەن قويۇپ قارىسا، بۇ ھېلىقى كىمخاپ ساتقان سودىگەر ئىكەن. ئۇ:

    _ ھاي، ھاي، تەقسىر، بۇرۇن دۇكاندار ئىدىلە، ئەجەب ھاكىم بولۇپ قاپتىلىغۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ.

    _ ھەم ئېيىن گۈرىزەت، _ دەپتۇ ھاكىم. ئۆتكۈنچى يەنە ئۆز يولىغا يۈرۈپ كېتىپتۇ.

    بىر زامانلاردىن كېيىن ھېلىقى ئۆتكۈنچى يەنە بازاردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئاشخانىغا كىرسە، يۈزى ئىسلىشىپ كەتكەن جۇلجۇل كىيىملىك بىر ئادەم ئوچاققا ئوت قالاپ، كاللا – پاقالچاق ئۈتلەپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۆتكۈنچى ئۇنىڭغا زەن قويۇپ قارىسا، ئۆزىنىڭ دەۋاسىنى سورىغان ھاكىم شۇ.

    _ ھاي، ھاي، بۇرادەر، سىز ھېلىقى شەھەرنىڭ ھاكىمى ئىدىڭىزغۇ؟ ئەجەبا، ئەمدى كاللىپەزنىڭ ئوچىقىغا ئوت قالايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپسىزغۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ. ئوت قالىغۇچى ھېچقانچە خىجالەت بولماستىنلا:

    _ ھەم ئېيىن گۈرىزەت، _ دەپ مەغرۇر ھالدا جاۋاب بېرىپتۇ.

    _ ھاي بۇرادەر، سىز ئاجايىپ ئادەم ئىكەنسىز، مەن سىزنى خىلمۇ خىل ئەھۋالدا ئۇچراتتىم. قاچانلا سورىسام: «ھەم ئېيىن گۈرىزەت» دەيسىز، بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ _ دەپ سوراپتۇ ئۆتكۈنچى.

    _ «ھەم ئېيىن گۈرىزەت» دېگىنىم، بۇ ھەم ئۆتۈپ كېتىدۇ، دېگىنىم. بۇنى نېمە دەپ چۈشەنمەي سوراۋېرىسىز. ئەھۋالىمنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى سۆزۈمنىڭ مەنىسى ئەمەسمۇ، سىز ئېيتقاندەك، مەن ئاجايىپ ئادەم ئەمەس، بەلكى بۇ زاماننىڭ ئۆزى ئاجايىپ. بىلەمسىز، مېنىڭ ئېتىم بۇھەم، مەنىسى _ بۇ ھەم ئۆتۈپ كېتىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ، _ دەپتۇ.

    _ بۇ ھەمنىڭ پۇتى ساق بولغىنى ئۈچۈن شەھەرلەرنى كېزىپ يۈرىدىكەن. بىزنىڭ مەھەللىدىكى توكۇر ھاپىزنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى تەس، پىيادە قانداقمۇ ئۆتۈپ كېتەر؟ _ دېدى نورۇز.

    _ ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ _ دەپ سورىدى موماي.

    _ بىچارە، ئازغىنە يېرىدىن ئالغان ھوسۇلى غەللە – پاراقنى تۆلىيەلمەي يامۇلغا سولىنىشتىن قورقۇپ، ئېشىكىنى سېتىپ بېرىپتۇ، ئەمدى ئۇ مەھەللىدىن شەھەرگىمۇ كىرەلمەيدۇ، _ دېدى نورۇز.

    _ ھۆكۈم قاتتىق بولسا، لاتا قوزۇقمۇ يەرگە كىرىدۇ دېگەن گەپ شۇ – دە، بالام! _ دېدى موماي.

    بۇ ماقال شۇ زاماندىكى بىچارە دېھقانلارنىڭ ئالۋان – ياساقنى تۆلىمەستىن باشقا چارىسى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرەتتى.

    پىرىزىخان موماينىڭ شۇنداق ھېكمەتلىك سۆزلىرىگە ۋە چۆچەك – رىۋايەتلىرىگە ناھايىتى قىزىقاتتىم. بۇلار مېنىڭ ياش ۋاقتىمدىكى روھىي زېھنىمگە سېلىنغان ئەدەبىياتقا قىزىقىشنىڭ ئۈندۈرمىلىرى بولۇپ قالغانىدى.

    پىرىزىخان موماينىڭ يېتىملىكىمدە قاتقان بېشىمنى سىيلىغان تىترەڭگۈ قوللىرىنى، گۈدەك ۋاقتىمدا كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقىنى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ياد ئېتىپ خاتىرىلەيمەن.

    بۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتچىسى، تەجرىبىلىك تەبىبە ۋە ئاگرونوم موماي ۋاپات بولغان چاغدا، مېنىڭ گۈدەك بېشىمغا ئاتا – ئانامدىن ئايرىلغان ۋاقتىمدىكى قايغۇلۇق مۇسىبەت چۈشكەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ نەۋرىسى نورۇز بىلەن جىنازىسى ئالدىدا ھازىدار بولۇپ يىغلاپ ماڭغانىدىم.

     

     

     

    باي قەلەندەر

     

     

     

    مەن 16 ياشقا كىرگەن يىلى تاغام قۇملۇق مەھەللىسىگە قوغۇن – تاۋۇز تېرىغانىدى. يازلىق تاۋۇزى خېلى ئوخشىدى. ئۇنى شەھەرگە ئەكىرىپ سېتىپ بېرىش ئۈچۈن تاغام مېنى تاۋۇز باسقان ھارۋىنى ھەيدەشكە تۇتۇۋالدى:

    _ مەن چوڭ كۆۋرۈك يېنىدىكى باققال قاۋۇل ئاخۇن بىلەن سۆزلىشىپ قويدۇم، بۇ تاۋۇزنى ئۇدۇل شۇنىڭ دۇكىنىغا ئاپىرىپ چۈشۈرۈپ بەر، _ دەپ ئىرگىلو ھارۋىغا يۈز تاۋۇز بېسىپ بەردى.

    تېخى تاڭ سۈزۈلمىگەنىدى. تاغام ھارۋىنى قېتىپ مېنى شەھەرگە يولغا سالدى. مەن بۇ يولدا خېلى كۆپ ماڭغىنىم ئۈچۈن قورقماي ھارۋىنى ئىتتىكلەتتىم. چوڭ يولغا چىققاندا تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىدى، يۈزۈمگە تاڭ شامىلى ئۇرۇلدى، مۈگدەك باسقان كۆزلىرىم ئېچىلىپ، ھارۋىنى تېخىمۇ ئىتتىك ھەيدەشكە باشلىدىم.

    شەھەرگە ئىككى چاقىرىمچە قالغاندا، يېرىلغان يار دېگەن يەرگە بارغىنىمدا، تورغات مىنىپ قولىدا سېمىز بىر كۆك ئاتنى يېتەكلىگەن، ئۈستىگە جەندە پىرىجە، بېشىغا توقۇما كۇلا كىيگەن، چېچى يەلگىسىگىچە چۈشكەن سېرىق ساقاللىق قەلەندەر ئاشىق ئاتلىرىنى يورغىلىتىپ كېلىپ ھارۋامنىڭ يېنىدا توختىدى – دە:

    _ سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى يەر، ھەي ياخشى ئوغۇل، تاۋۇزىڭدىن بىر – ئىككىنى بەر، _ دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈردى.

    _ بۇ ساناقلىق يۈز تاۋۇز، بىز بىرى بىلەن سۆزلىشىپ قويغان. ئۇ تاۋۇزدىن بىرى كەم چىقسا ئالمايدۇ، _ دېدىم چۈشەندۈرۈپ.

    _ غەۋسىلئەزەم ھەققىدە بەرسەڭ ھەرگىز كەم بولمايدۇ، مانا بۇنى بەر، _ دەپ قامچىسىنىڭ سېپى بىلەن ھارۋىنىڭ ئالدىدىكى يوغان بىر تاۋۇزنى تۈرتۈپ كۆرسەتتى. مەن قولۇمدىكى تايىقىم بىلەن قامچىسىنى ئىتتىرىۋېتىپ:

    _ ياق – ياق ، بەرمەيمەن، _ دەپ ئاتنىڭ بېقىنىغا بىرنى ئۇرۇپ، ھارۋىنى ھەيدەپ كەتتىم.

    قەلەندەر قامچىسىنى پۇلاڭلىتىپ ئېتىنى دېۋىتىپ كەلدى – دە:

    _ سېخى جەننىتى، بېخىل دوزىخى، بەرمەمسەن؟ _ دېدى ۋارقىراپ.

    _ بەرمەيمەن، _ دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە قادىلىپ.

    _ بېخىل بەدبەخت، بەرمىسەڭ مانا ئەمىسە، _ دەپ ئۈستىبېشىمغا قامچا بىلەن بىر مۇنچە ئۇرۇۋەتتى. مەن يەرگە چۈشۈپ يىغلاپ يۈرۈپ ئۇنىڭ چالما ئاتتىم. زومىگەر قەلەندەر مېنى ئاتلىق قوغلاپ يۈرۈپ يەنە بىر نەچچە قامچا ئۇرۇۋەتتى ۋە بىر نەچچە تاۋۇزنى چېقىۋەتتى. ئۇ يىراقتىن كېلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆردى – دە، ئات سالدۇرۇپ يېزىغا قاراپ كېتىپ قالدى.

    مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىرمۇ تاۋۇز بەرمەي تاياق يېدىم. ئۇ مېنى تونۇمىغىنى بىلەن، مەن ئۇنى تونۇيتتىم. ئۇنىڭ قارا دۆڭدىكى قەلەندەر مەھەللىسىدە خېلى ئوبدانلا بەش – ئالتە ئېغىز ئۆيلۈك گۈلزارلىق بىر ھويلىسى، ئىككى ئېشەك، بىر نەچچە بورداق قوي ۋە سېمىز ئىككى ئېتى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى قوللىرىغا ئالتۇن ئۈزۈك، قۇلاقلىرىغا ئالتۇن ھالقىلارنى سېلىپ پۇزۇر يۈرۈشەتتى. قەلەندەر ھويلىسىدا يوغان بىر ئۆينى مەيدانخانا قىلىۋالغان. مەيدانخانا دېگىنىمىز، قاپاق چىلىمدا نەشە چېكىدىغان ئورۇن، بۇ يەردە ھەر كۈنى ئۆزىگە ئوخشاش ئاشىق دەپ ئاتالغان نەشىخورلار ۋە باشقا بەڭگىلەر توپلىنىپ نەشە چېكىشەتتى. ئۇلار كۆپىنچە ئازنا كۈنلىرى توپلىشىۋېلىپ مۇقام مەشرەپلىرىنى مەشق قىلاتتى. ئاندىن كېيىن رامىزان ئېيىدا بىر ئايغىچە مەھەللە – مەھەللە گۈلخان يېقىپ، تاڭ ئاتقۇچە مەشرەپ ئوقۇپ، مەھەللە جامائەتلىرىدىن بىر مۇنچە نەرسىلەرنى يىغىۋالاتتى. بىز ياش بالىلار مەشرەپ ناخشىلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، قارا دۆڭ ۋە روشەنباغلارغا چىقىپ تۇراتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ قەلەندەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلەتتىم. شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ سېرىق ساقال ھارامتاماققا تاۋۇز بەرمىگەنىدىم. ئەمما ئۇ مېنى تونۇماي كىچىك كۆرۈپ، يۈزىدىكى ئەۋلىيا، ئاشىق، بىچارە، قەلەندەرلىك نىقابىنى قايرىپ قويۇپ، بوزەك قىلغانىدى. بىراق مەنمۇ كېيىن ئۇنىڭدىن كېلىشتۈرۈپ ئىنتىقامىمنى ئالدىم.

    بۇ ۋەقە مۇنداق بولغانىدى:

    كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مەن قۇملۇق مەھەللىسىدە تۇلۇق ھەيدەپ يۈرگەندە، مېنى قامچىلىغان ھېلىقى سېرىق ساقاللىق ئاشىق قەلەندەرنىڭ مەھەللىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ خامانلاردىن كەپسەن ئالغان بىر تاغار بۇغدىيىنى تورغىتىغا، خەقلەردىن يىغقان يېرىم تاغارچە نېنىنى يېتەكلىكىتىكى كۆك ئېتىغا ئارتىپتۇ. مەن دەرھال قورۇق – تاملاردىن ئارتىلىپ، يۈگۈرگەن پېتى قوشنىمىز روزاخۇننىڭ ئوغلى _ ئاغىنەم نورۇزنىڭ يېنىغا باردىم – دە، ھېلىقى ئاشىقنىڭ مەھەللىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتىم. ئۆتكەندە مەن ئۇنىڭغا بۇ ئاشىقنىڭ مېنى بوزەك قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەندە، پىرىزىخان موماينىڭ بۇ نەۋرىسى: «خەپ، بىر كۈنى قولغا چۈشسە، سېنىڭ ئۆچىڭنى ئېلىپ بېرىمەن» دېگەنىدى. نورۇز مەندىن ئىككى ياشلا چوڭ، ئەمما بەك قورقماس، قاۋۇل بالا ئىدى. بىز نورۇزلارنىڭ قورۇسىدا كالتەك تۇتۇپ ماراپ ئولتۇردۇق.

    _ ھەي شەيدىبىئىللا، قەلەندەر كەلدى، بالا كەلمىسۇن ھەر قايسىلىرىغا، سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھنى يەر، ئاتىغىنىڭلارنى بەرگەيسىلەر، _ دەپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، مەن سۇپىنىڭ يېنىدىكى قارىياغاچنىڭ ئارقىسىدىن سەكرەپ چىقىپ:

    _ مانا ساڭا ئاتىغىنىمىز، _ دەپ كالتەكنى تەڭلەپ ئالدىغا باردىم. ئۇ مېنى تونۇپ، قېتىپ تۇرۇپ قالدى. نورۇز كېلىپ، كالتەك بىلەن ئۇنىڭ غولىغا بىرنى ئۇرۇپ، ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىدىن تارتىپ ئالدى.

    _ تۆرەم بالىلىرىم، مېنىڭ نېمە گۇناھىم بار، مەن غەۋسىلئەزەمنىڭ مۇرىدى، پېقىر ئاشىق مەن، _ دەپ يالۋۇردى.

    _ ھەي زومىگەر، سەن قانداق ئاشىق بولىسەن، سەن مېنى يېرىلغان ياردا بۇلاپ ئۇرغىنىڭنى بىلەمسەن، بۇلاڭچى ئوغرى، _ دەپ ئۇنىڭ ئەۋلىيالارنى شېپى كەلتۈرۈپ يالۋۇرغىنىغا قارىماي، قارىياغاچقا باغلاپ قويدۇق. ئۇ بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ ۋارقىراۋەرگەندىن كېيىن، مەھەللىدىكى كىشىلەر يىغىلىپ، ئاخىر ئۇنى قويغۇزىۋەتتى. بىز ئۇنىڭ بىر تاغار بۇغدىيىنى ئۆزىگە قالدۇردۇق، يېرىم تاغار نېنىنى شۇ مەھەللىدىكى ئىككى يېتىم بالىسى بار بىر كەمبەغەل تۇل خوتۇنغا ئاپىرىپ بەردۇق. باي قەلەندەر بولسا، بىزدىن قۇتۇلغىنىغا خۇش بولۇپ، نانمۇ تىلىمەي، شەھەرگە قاراپ بەدەر قاچتى.

     

     

     

    ئانارچى قارى

     

     

     

    بىزنىڭ ئوردا مەھەللىمىزنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدە بىر قورۇ بار، بۇ قورۇنىڭ ئىگىسى بىر سودىگەر ئادەم. ھەممىلا كىشى بۇ ئوتتۇرا بوي، ئالدىغا ئېڭىشىپرەك كەلگەن، كەكە ساقال، قويۇق ئۇزۇن قاشلىق ئادەمنى ئانارچى قارى دېيىشەتتى. بۇ ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمىمۇ ئەمەسمۇ، خەۋىرىم يوق، مەن پەقەت ئانارچى قارى دېگەننى ئاڭلىغان، ئەسلى ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان. ئانارچى قارىنىڭ ئۈچ بۇرجەك ھويلىسىدا يەتتە – سەككىز ئېغىز ئۆيى، موي بازىرىدا بولسا 11 ئېغىز دۇكىنى بار، پەقەت بىر دۇكىنىدىلا ئوغلى ئانچە – مۇنچە مويپۇرۇچلۇق قىلىدۇ. قالغان ئون دۇكاننى قىممەت باھادا ئىجارىگە قويىدۇ. ئۆزى بولسا ئۆي ئەتراپىدىن نېرى كەتمەيدۇ. ئاڭلىشىمىزچە، بۇ ئادەمنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش، دۇنياسى ناھايىتى كۆپمىش. نۇرغۇن تىللا ئاقچا ۋە ئالتۇن سېلىنغان بوپىسىنى كۈندۈزى ساندۇققا سېلىپ، ئۈستىگە ئۆزى ئورۇن يىغىپ، كېچىسى ئۇنى ياستۇق شەكىلدە بېشىغا قويۇپ ياتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆزىدىن باشقا كىشى بىلمەيدىغان كۆمۈپ قويغان ئالتۇن ۋە يارچەن تەڭگىلىرىمۇ نۇرغۇنمىش. دېمىسىمۇ بۇ ئادەم ھېچقاچان ئۆيلىرىنى باشقا كىشىگە رېمونت قىلدۇرماي، پەقەت ئۆزىلا يالغۇز رېمونت قىلاتتى.

    غۇلجا شەھىرىدە ئەتىيازلىقى بىز كىچىك ۋاقىتلاردا كوچىلار ئادەمنىڭ تىزىغا چىققۇدەك پاتقاق بولۇپ كېتەتتى. تۆتىنچى ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاران قۇرۇپ بولاتتى. توڭ تېشىلگەندىن كېيىن سۇيۇلۇپ ئوماچتەك بولۇپ كەتكەن لاي بىرەر ئايغىچە ئات – ھارۋىلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چولتۇكلاپ، پىشىپ، تۆتىنچى ئاينىڭ ئىچىدە قويۇقلىشىپ، يۇمشاق قارا مومدەك بولۇپ قالاتتى. مانا شۇنداق تەييار بولغاندا، ئانارچى قارى ئاتمىش ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي، كوچىدىكى لايغا ئازراق ساماننى چېچىۋېتەتتى – دە، يالاڭ تامبىلىنى يوتىسىغىچە تۈرۈپ، كۆڭلىكىنى سېلىۋېتىپ لايغا چۈشەتتى. ئاندىن لاينى كىچىك بالىنىڭ بېشىدەك كومۇلاچ قىلىپ ئۆگزىسىگە ئاتاتتى.

    ئۆگزىگە لاي سېلىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاستىغا قانداق نەرسىلەرنى سالىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز سۆزلەپ ئۆتەي.

    ئانارچى قارىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا سول بىلىكىگە بىر كونا سوقا سېۋەت، ئوڭ قولىدا ئۇچىدا بىر غېرىچچە ئۇچى ئۇچلۇق تۆمۈر بېكىتىلگەن ھاسا تۇتقان ھالدا كۆرىسىز. ئۇ ئۇچرىغان ئەسكى لاتا، ئەسكى كېگىز پارچىسى، تاشلىنىپ كەتكەن چەم، كەش ۋە مازغا ئوخشاش نەرسىلەرنى ھاسىسىنىڭ ئۇچىدىكى ئۇچلۇق تۆمۈر بىلەن سانجىپ ئېلىپ سېۋەتكە سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئانارچى قارىنى كۆپرەك ئەخلەت دۆۋىسى بار جايلاردا كۆرۈپ قالىسىز.

    ئانارچى قارى ئېغىل يېنىدىكى ئەسكى ئۆيگە توپلىغان ھېلىقى ئەسكى – تۈسكى نەرسىلەرنى ئۆگزىسىنىڭ ئېگىز – پەس جايلىرىغا تەكشىلەپ جايلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆگزىگە لاي كومۇلاچلىرىنى ئېتىپ ئاندىن ئۈستىدىن سۇۋايدۇ. ئۇستىدىن سۇ چېچىپ تۇرۇپ ئالقىنى بىلەن ياكى كوزا پارچىسى بىلەن سىلىقلاپ چىقىدۇ. لاي قۇرۇپ قاتقاندىن كېيىن، خۇددى ئاسفالىت ياتقۇزۇلغان يوللاردەك قارامتۇل بولۇپ يالتىراپ تۇرىدۇ. كوزا پارچىلىنى يامغۇر سۈيى چۈشىدىغان نو ئورنىدا پېشايۋان قىرلىرىغا چاپلاپ قويىدۇ.

    ئۇ ئۆگزىسىگە ھېچكىمنى دەسسەتمەيدۇ، ھەتتا بىرەر قاغا كېلىپ قونسىمۇ، ئۇنى بار جېنى بىلەن ۋارقىراپ، چالما ئېتىپ قوغلايدۇ.

     

     

    بىر قېتىم مەن ئۆزىمىزنىڭ ئۆگزىسىدە لەگلەك ئۇچۇرۇۋېتىپ لەگلەكنى ئۆرلەتمەكچى بولدۇم – دە، قىزىقچىلىقتا ئۇنىڭ ئۆگزىسىگە ئۆتۈپ كېتىپتىمەن. ئانارچى قارى مېنى كۆرۈپ قېلىپ تۇيدۇرماي شوتا بىلەن ماراپ چىقىپتۇ. مەن بولسام، ئۇنى كۆرمەي تانىنى قويۇپ بېرىپ لەگلىكىمنىڭ ئېگىز ئۆرلىگىنىگە قاراپ تۇرۇپ قاپتىمەن. شۇ چاغدا بېشىمغا تارس قىلىپ بىر تاياق تەگدى. چۆچۈپ ئارقامغا قارىسام، ئانارچى قارى ئىكەن. ئۇ كۆزۈمگە قادىلىپ:

    _ ھوي بەدبەخت، ھارامزادە شۇم، بۇ ئۆگزىدە نېمە قىلىپ يۈرىسەن. پۇتۇڭنى چېقىۋېتىمەن، _ دەپ پاچىقىمغا ئۇرغىلى تۇردى. ئۇنىڭ پارقىراپ تۇرغان غەزەپلىك كۆزىنى ۋە دىڭگىيىپ كەتكەن كەكە ساقىلىنى كۆرۈپ، قورققىنىمدىن لەگلەك تانىسىنى تاشلىدىم – دە، ئۆلە – تىرىلىشىمغا قارىماي ئۆزىمىزنىڭ ئۆگزىسىگە قاراپ قاچتىم. ئەمما ئۇمۇ ئارقامدىن قوغلاپ كەلدى. مەن ھويلىمىزغا چۈشىدىغان شوتىغا بارغۇچە تۇتۇلۇپ قېلىشىمدىن قورقۇپ ئۇدۇل كەلگەن جايدىنلا ھويلىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. شۇ چاغدا يەرگە پاققىدە كېرىلىپ چۈشكىنىمنى بىلىمەن، ئەمما ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. دەھشەتلىك قارى بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ غىپپىدە تىكىۋېتىپتۇ.

     

     

    ھوشۇمغا كېلىپ كۆزۈمنى ئاچسام، پېشايۋاندا يېتىپتىمەن. ئاغزىمدىن كۆپۈك چىقىپ، قوۋم – قوشنىلىرىمنى خېلى ئەنسىزچىلىككە سالغان ئوخشايمەن. مېڭەم چايقىلىپ، دوسۇنۇم ئىششىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئاي يېتىپ ساقايدىم. شۇنىڭدىن كېيىن يىلان چېقىۋالغان ئادەم ئالا ئارغامچا پارچىسىنى كۆرسە تېنى ئەيمىنگەندەك، مەنمۇ ئانارچى قارىنى يىراقتىن كۆرۈپ قالسام، تېنىم جۇغۇلدايدىغان بولۇپ قالدى.

     

     

    ئانارچى قارى ناھايىتى پىخسىق ئادەم ئىدى. شۇڭا ئۇ «خەسىس» دەپ نام ئالغان. ئۇ يەيدىغان يەل – يېمىش، قەنت – گېزەك، دورا – دەرمانلارنى تۈرلۈك تۈگۈچلەرگە چىگىۋېلىپ، بىر نەچچە خىل ساندۇققا سېلىپ قوياتتى. ئاچقۇچلىرىنى بولسا، بېلىگە ئېسىپ يۈرەتتى. ھەتتا كېلىپ ئىچىدىغان چېيىنىمۇ سەرلەپ ئېلىپ، كىچىك بىر خالتىغا ئۈگىتىپ سېلىپ، پوتىسىغا تۈگۈۋالاتتى. چۆگۈندىكى سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئۆزى پوتىسىدىن چاينى ئېلىپ ئۆلچەم بىلەن سېلىپ بېرەتتى. ناننى بولسا، ساندۇققا سېلىپ ئاغزىدىن قۇلۇپلاپ قوياتتى. چاي ۋاقتىدا ناننى ئۆزى ئېلىپ كېلىپ بۆلۈپ بېرەتتى.

    شۇ چاغلاردا كىشىلەر پىششىق، بېخىل ئادەملەرنى كۆرسە، بۇ نەق «ئانارچى قارى» نىڭ ئۆزىكەن دەپ مەسخىرە قىلىشاتتى. شۇنداق قىلىپ، مەن بۇ قوشنامنىڭ «ئانارچى قارى» دەپ نام ئالغانلىقىنى ماھىيىتىنى كېيىنچىرەك ئۇقۇۋالدىم. ئۇ ياش ۋاقتىدا خېلى قاۋۇل ئادەم بولۇپ، ئىككى داڭكاڭ سېۋەتكە ئانار قاچىلاپ، ئەپكەشنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، جەنۇبتىن مۇزداۋان بىلەن ئىلىغا پىيادە ئېلىپ چىقىپ ساتقانىكەن. ئۇ ئەنە شۇ يول بىلەن دەسمايە توپلاپ، سودىگەرچىلىك قىلىپ باي بوپتۇ. «ئانارچى قارى» دېگەن ئىسىم ئۇنىڭغا ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن سىڭىپ قالغانىكەن.

     

     

    ھەسەن

     

     

     

    بىزنىڭ ئۆيىمىز شەھەر ئىچىدە بولغىنى ئۈچۈن شەنگەن يامۇلغا يېقىن ئىدى. بىر كۈنى مەن بىر قانچە ئادەمنىڭ شۇ تەرەپكە ئالدىراپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ: «بىرەر ئىش بولدىمۇ نېمە» دەپ ئويلىدىم – دە، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ باردىم. شەڭگەن يامۇلنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسى ئادەم بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ھويلىنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى سولاقخانا تەرەپكە كىشىلەر قىسىلىپ بېرىپ، بىر – بىرىنىڭ مۈرىسىدىن بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ قاراۋاتاتتى.

    _ پەي كېسىدىغان توكۇر ئاشۇ!

    _ راست، ئۇنىڭ قولىدا ئۇستۇرا، ئىلمەك تۆمۈردەك بىر نەرسىلەر تۇرىدۇ؟

    _ نەشتەرمۇ نېمە؟

    _ ھەسەن ئوغرى ماتا يىرتىۋاتىدىغۇ، نېمە قىلىدىغاندۇ؟

    _ پۇتىنى تاڭىدۇ – دە...

    كۆپچىلىك ئارىسىدا ئەنە شۇنداق گەپلەر بولۇۋاتاتتى، شۇ ئارىدا پالكۆز، قارا ساقال بىر ئادەم گەپنى بۆلدى:

    _ راست، بۇرادەرلەر، پۇتىنى تاڭىدۇ. نېمىشقا پۇتىنى تاڭىدۇ، ئۇقامسىلەر؟ ئەگەر پۇتنى پاچاقتىن تىزىغىچە راسا مەھكەم تېڭىۋەتمىسە، كېسىۋېتىلگەن ئوشۇقنىڭ ئاستىدىكى لىپەك پەي ساقىيىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ بوينى ئالدىغا ئېگىلىپ، بېشى ساڭگىلاپ قالىدۇ. ھەسەن قالتىس چېچەن يىگىت جۇمۇ، بۇنى ئۇ ياخشى بىلىدىكەن. ئەنە قاراڭلار، ئۇ تازا كېلىشتۈرۈپ، چاپراس قىلىپ مەھكەم تېڭىۋاتىدۇ، ئەمدى پېيىنى كەسسىمۇ بېشى ئالدىغا ساڭگىلاپ قالمايدۇ...

     

     

    مەن پەي كەسكەننى كۆرۈش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ پۇتلىرى ئارىسىدىن ئۆمىلەپ ئۆتۈپ، سولاقخانىنىڭ ئىشىكىگە يېقىنراق بىر يەرگە بېرىپ قاراپ تۇردۇم. ئىشىكى ئۇلۇغ ئېچىلغان تاشقىرىقى سولاقخانا دالىنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنغان بورا ئۈستىدە سول يېنىنى بېسىپ، ئوڭ پۇتىنى سوزۇپ ياتقان ئوتتۇز نەچچە ياشلاردىكى ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ، قايرىما قارا بۇرۇت، يالتىراق قارا كۆزلۈك بىر كىشىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ باش تەرىپى ئالدىدا ئىككى – ئۈچ مەھبۇس «پاڭ» مۇ ياكى قاتارمۇ، ئىشقىلىپ، بىر تاختىچاققا ئۇرۇق تىزىۋاتاتتى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار ھەسەن بىلەن پاڭ ئويناشنى باشلىۋەتتى. جازانى ئىجرا قىلىدىغان پەي كەسكۈچى توكۇرمۇ ئۇنىڭ پۇتىنى تىلىپ، پېيىنى تارتىپ كېسىۋەتتى. ھەسەن پەرۋا قىلماي، غىڭ قىلغان ئاۋازمۇ چىقارماي، ئوڭ قولى بىلەن پاڭ ئۇرۇقلىرىنى قاتتىق – قاتتىق ئۇرۇپ، كۈلۈمسىرەپ تۇتۇپ ئويناۋاتاتتى.

    _ پاھ، نېمىدېگەن ئوغۇل بالا بۇ!

    _ ئەزىمەت، باتۇر ئىكەنسەنغۇ؟

    _ ئاغزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمايدا...

    ھەر خىل ماختاشلار ھەر تەرەپتىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى، مەن ئاۋۋال ھەسەننىڭ مەردانە كەيپىياتىغا قاراپ ھودۇقماي قاراپ تۇرغانىدىم، كېيىن ئۇنىڭ پۇتىدىن ئاققان قاننى كۆرۈپ، قورققىنىمدىن يىغلىۋەتتىم.

    كېين پەي كەسكۈچىلەر ھەسەننىڭ يارىسىغا ئەسكى مازنى كۆيدۈرۈپ بېسىپ قويۇشتى.

     

     

    1920 – يىللىرى ھەسەن بايلارنى قورقۇتىدىغان خېلى ئاتاقلىق «ئوغرى» ئىدى. ئۇ ئاددىي پۇقرالارنىڭ ھېچنېمىسىنى ئالمايتتى. ئەكسىچە بايلارنىڭ ئامبارلىرىدىن ئوغرىلىۋالغان ماللارنى ماكانسىز، تېنەپ يۈرگەن غېرىپ – غۇربالارغا بۆلۈپ بېرەتتى ياكى ئاچ – يالىڭاچ قالغانلارنى تويۇندۇرۇپ، كىيىم – كېچەكلىك قىلىپ قوياتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى كەمبەغەللەر ياخشى كۆرەتتى، ھىمايە قىلاتتى. بايلار بولسا، ئۇنى ناھايىتى يامان كۆرەتتى، ئۇنىڭدىن قورقاتتى. شۇڭا ئۇلار شەڭگەنگە پات – پاتلا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز بېرىپ تۇراتتى. شەڭگەن يامۇلمۇ ئۇنى بىر نەچچە يىلغىچە تۇتالماي، «كىمكى ئۇنىڭ بار يېرىنى خەۋەر قىلسا، ئۈچ يۈز سەر تەڭگە، ئەگەر تۇتۇپ بەرسە، مىڭ سەر تەڭگە مۇكاپات بېرىلىدۇ» دېگەن ئېلانلارنى ئارقا – ئارقىدىن چىقىراتتى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ھەسەننى تۇتالمىغانىدى. بىر كۈنى ھەسەن چوڭ كۆۋرۈكتىكى ساماۋارخانىدا چاي ئىچىپ ئولتۇرغاندا، ئۈچ  يۈز سەر پۇلغا ئىگە بولۇشنى خالىغان بىر دەللال ئۇنىڭ ساماۋارخانىدا ئولتۇرغانلىقىنى شەڭگەن يامۇلغا بېرىپ دەپ قويۇپتۇ. شەڭگەن يامۇل دەرھال ئىككى لوزۇڭ بىلەن ئون چېرىكنى ساماۋارخانىغا ئەۋەتىپېتىپتۇ. بۇنى سەزگەن ھەسەن ئۇلاردىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلاۋاتقاندا، ساماۋارخانا خىزمەتچىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا ئارقىدىكى كۆمۈرخانىنىڭ پەنجىرىسىدىن چۈشۈپ قېچىپ كېتىشنى ئېيتىپتۇ. ھەسەن بۇ مەسلىھەت بويىچە قېچىپ چىقىپ، چېرىكلەرگە تۇتۇق بەرمەپتۇ. لوزۇڭلار بىلەن چېرىكلەر ئۇنى تۇتالمىغاندىن كېيىن، ساماۋارخانىدىكى خىزمەتچىلەرنى ئۇرۇپ، چىنە – چەينەكلەرنى سۇندۇرۇپ، قايناۋاتقان چوڭ ساماۋارلىرىنى ئۆرۈۋەتكەنىكەن. يەنە بىر كۈنى ھەسەن بىر قانچە غېرىپ، مۇساپىرلارنى ئاشپۇزۇلغا يىغىپ ئۇلارغا تاماق ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، شەڭگەن يامۇل خەۋەر تېپىپ، ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن يىگىرمىچە چېرىك چىقارغان. ئۇلارنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ھەسەن ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ چوڭ كوچا بىلەن قاچقان. چېرىكلەر ئۇنى قوغلاپ يۈرۈپ، شەھەر سېپىلى تۈۋىگە قاپسىۋالغاندا، سېپىلنىڭ ئاستىغا كېلىپلا غايىب بولۇپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ، ھەسەن بۇ قېتىممۇ چېرىكلەرگە تۇتۇق بەرمىگەن.

     

     

    مۇنداق ۋەقە بىر قانچە قېتىم بولغاندىن كېيىن خەلق ئاغزىدا: «ھەسەن ئوغرى خىسلەتلىك ئادەم، ئۇنىڭغا غايىبتىن مەدەت بار» دېگەندەك گەپ – سۆزلەر تارقىلىپ يۈرەتتى. ئەسلىدە ھەسەننىڭ ئەۋلىيا ياكى جىنلار بىلەن نېمە ئالاقىسى بولسۇن. ئۇنىڭ خەلققە يېقىپ كەتكەن ئىككى كارامىتى بار: بىرىنچىسى، ئۇ يوقسۇللارغا غەمخورلۇق قىلىدۇ، جازانىخور بايلارنىڭ بولسا جاجىسىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئاددى ئادەملەر ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغۇچى دەپ قاراپ، ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇ ناھايىتى چەبدەس چامباشچى. مەسىلەن، ئۇنىڭ قارا مەخمەلدىن كىيىۋالغان شىم – تۇجۇركىسى ھىم، چاققان قىلىپ تىكىلگەن، تېز ھەرىكەت قىلىشىغا ھېچقانداق پۇتلاشمايدۇ. پۇتىغا كىيىۋالغان ئېسىل رەختتىن تىكىلگەن يىس پاشنىلىق پارقىراپ تۇرىدىغان چاققان ئۆتۈكىنىڭ ئىككى قونچىدا ئىككى ئۆتكۈر خەنجىرى بار. ئۇنى ئەگەر بىر نەچچە ئادەم قورشىۋالسا، ئۇ دەرھال ئىككى قونچىدىن ئىككى خەنجەرنى بىراقلا سۇغۇرۇۋېلىپ، ئوينىتىپ ياكى ئېتىپ يۈرۈپ، بۆسۈپ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە شۇنىسى ئاجايىپكى، ئېگىز تام ياكى سېپىلغا دۇچ كېلىپ قالسا، خەنجەرلىرىنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى سانجىپ، ئېسىلىپ ياكى موللاق ئېتىپ ئۈستىگە چىقىپ كېتىدۇ. دېمەك، ھېلىقى يىگىرمە چېرىك سېپىل تۈۋىگە قاپساپ ئالغاندا، ھەسەننىڭ غايىب بولۇپ كېتىشىمۇ مانا شۇنداق خەنجەر ئويۇنىنىڭ كارامىتىدىن بولغان.

    ئەمىسە ھەسەن قانداق بولۇپ يامۇلغان چۈشۈپ قالدى؟

     

     

    ھەسەن ياز كۈنلىرى ئىلى دەرياسى تەرەپتىن ئاتلىق شەھەرگە كېلىۋېتىپ، ئايدۆڭ مەھەللىسىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى دۆڭلۈكلەر ۋە ياداڭلىقلاردىن ئۆتۈپ، كېرەم بەگنىڭ ھويلىسىنىڭ ئارقىسىدىكى چوڭ ئۆستەڭ بويىغا كېلىپ قالىدۇ. ئۇ ئۆستەڭ بويىدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ئوت – چۆپنى كۆرۈپ، ئاچ قالغان ئېتىنى بىردەم ئوتلىتىۋېلىشنى ئويلاپ ئەتراپقا نەزەر سالىدۇ، ھېچكىم كۆرۈنمەيدۇ. ئۇ ئاتنىڭ بېشىدىن يۈگەننى چىقىرىپ، پۇتىنى چۇلۋۇر بىلەن چۈشەپ ئوتلاشقا قويۇۋېتىدۇ. ئۆزى بولسا، خاتىرجەم ھالدا ئۆستەڭ بويىدا سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ھەسەننىڭ بۇ يەرگە كېلىپ خاتىرجەم ياتقىنىنى ئۈجمە ئۈستىدىكى بالىلار يىراقتىن كۆرۈپ قالىدۇ – دە، كېرەم بەگكە بېرىپ خەۋەر قىلىپ قويىدۇ. گەۋدىلىك، گوپەي، يوغان قورساق يالاقچى كېرەم بەگە بىر مۇنچە پۇل ھەم ئابرويغا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە، ھەسەننى تۇتۇۋېلىشنىڭ چارىسىنى ئويلايدۇ. ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق بىر ئامالنى تاپىدۇ: دېھقانچە ياسانغان، قوللىرىدا كەتمەن تۇتقان ئىككى كىشى سۇ ياقىلاپ ھەسەننىڭ يېنىغىراق كەلگەندە سۇ تالاشقان بولۇپ مۇشتلىشىدۇ، ھەسەن ئۇلارنى ئاجراتماقچى بولىدۇ. شۇ پەيتتە سوقۇشۇۋاتقان ئىككى دېھقاننىڭ قايسىسىغا ئەپ كەلسە، شۇ كىشى كەتمەن بىلەن ھەسەننى ئۇرۇپ يىقىتىدۇ. ئىش كېرەم بەگنىڭ ئويلىغىنىدەك باشلىنىدۇ. ئۇنى دېمىسىمۇ كېچىدىن بېرى يول يۈرۈپ ئۇيقۇسىز قالغان ھەسەننىڭ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ يىغىلىدۇ، ئۇ ئۆستەڭ بويىدا مۈگدەپ يېتىپ بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كېتىپ قالىدۇ. كېرەم بەگ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پىلان بويىچە كەتمەنلىك ئىككى كىشى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇلار ھەسەندىن يىگىرمە – ئوتتۇز قەدەم نېرىسىدا ۋارقىراپ – جارقىراپ مۇشتىلىشىدۇ. ھەسەن چۆچۈپ قوپۇپ، ئۇلارنى ئاجرىتىشقا كېلىدۇ. ئۇ سوقۇشۇۋاتقانلارغا ياخشى گەپلەرنى قىلىپ باقسىمۇ، ئۇلار بېسىلمايدۇ، بەلكى ئاجراتقانسېرى ھەددىدىن ئېشىپ، كەتمەنلىرىنى كۆتۈرۈپ بىر – بىرىگە دىۋەيلىشىدۇ. شۇ چاغدا ھەسەن ئۇلاردىن بىرىنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ مېڭىشىغا يەنە بىرى كەتمەننىڭ چۇلدىسى بىلەن ھەسەننىڭ غولىغا بىرنى ئۇرىدۇ. ھەسەن دەلدەڭشىپ ئارقىسىغا ئۆرۈلىدۇ – دە، ئۇنىڭ ئۆزىگە دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، قونچىدىكى خەنجەرگە قول سوزىدۇ. بۇ چاغدا كۆتۈرۈپ نېرى ئاپارغىنى كەتمەن بىلەن ئوڭ جەينىكىگە ئۇرۇۋېتىدۇ. ھەسەن ئەمدىلا سول قولىنى ئىشقا سالغۇچە يېتىپ كەلگەن كېرەم بەگ بار كۈچى بىلەن ھەسەننىڭ تىزىغا كەتمەننىڭ چۇلدىسى بىلەن بىرنى ئۇرىدۇ. ھەسەن تىزلانغان پېتى يىقىلىپ چۈشىدۇ. مانا شۇنداق مۇناپىقلىق ھىيلە – مىكرى بىلەن مەرت يىگىت ھەسەن قولغا چۈشۈپ قالىدۇ.

     

     

    گۇناھكار ئۈچۈن بىرلا قېتىم جازا ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى شەڭگەن ھەسەنگە پۇتىنىڭ پېيىنى كېسىش ۋە ئەڭ ئالىي جازا __ قەپەسدارغا ئېسىش جازالىرىنى ھۆكۈم قىلىدۇ. ھەسەننىڭ پېيىنى كېسىشنى شەڭگەن ئۆزى ئالدىراپلا ھۆكۈم قىلغان. ئەمما نامەرت شەڭگەن ھەسەننىڭ ساقىيىۋېلىپ يەنە ھەرىكەت قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇنى جىنغا ئوخشاش قورقۇنچلۇق ئادەم سۈپىتىدە تەرىپلەپ، ئۈرۈمچى جاڭجۇڭىغا مەلۇم قىلغان. ئۈرۈمچى جاڭجۇڭى ھەسەننى دارغا ئېسىپ قىيناپ ئۆلتۈرۈشكە ھۆكۈمنامە ئەۋەتكەن. بۇ ھۆكۈمنامە كەچكۈزنىڭ بىر كۈنى شەڭگەن يامۇلنىڭ تاشقى دەرۋازىسىغا چاپلانغانىدى.

     

     

    شۇ كۈنى بۇ ھۆكۈمنامىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئادەملەر يامۇل تەرەپكە كەينى – كەينىدىن كېتىپ باراتتى. بۈگۈن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن مەنمۇ كىشىلەرگە ئەگىشىپ شەڭگەن يامۇلىغا باردىم. يامۇلنىڭ ئېلان چاپلىنىدىغان يېرىدە بىر توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغان، ئۇلار ھەسەننى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش توغرىسىدىكى ھۆكۈمنامىنى ئوقۇشماقتا ئىدى. كۆپچىلىك ئىچىدە:

    _ توۋا خۇدايىم، بۇ نېمە ئىش؟

    _ خاننىڭ ھۆكۈمى بىر دەيدىغان ئىدىغۇ؟

    _ ھەي... خان ئاغزى مايمۇن دېگەن مۇشۇ – دە.

    _ بىزنىڭ ھەسەتخور، نامەرتلەرنىڭمۇ تەلىپى شۇ.

    _ ھەسەندەك قورقماس، مەردانە يىگىتنى كۆزدىن يوقىتىش ئاچكۆز، قورققاق، جازانىخور بايلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن – دە، _ دېگەندەك شاۋ – شۇۋ گەپلەر بولۇۋاتاتتى. بەزى كۆڭلى يۇمشاق ئادەملەر كۆز يېشى قىلىپ، تۈكۈرۈكىنى تەستە يۇتاتتى. بەزىلەر ياقىسىنى تۇتۇپ خۇداغا سېغىناتتى.

     

     

    يامۇلنىڭ بىرىنچى دەرۋازىسىدىن كىرگەندىن كېيىن، ئىككىنچى دەرۋازىسىنىڭ تاشقىرىقى ئىككى تەرىپىدە ئادەمنىڭ بويىدىن بىر گەزچە ئېگىز، ئۈستى تار، ئاستى تەرىپى كەڭ ئىككى قەپەس تۇراتتى. بۇ، ئادەمنىڭ پاچىقىدەك چەنزىلەر بىلەن سالاسۇن قىلىپ ياسالغان، ئۈستىدىن ئادەم بېشىنى چىقىرىپ ئېسىپ قويسا، پۇتى يەردىن بىر غۇلاچچە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەم قەپىسى ئىدى. مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن بېرى شۇ قەپەسلەر ئەتراپىدا مۆكۈ – مۆكۈلەڭ ئويناپ يۈرگەن بولساممۇ، بۇنىڭ نېمىگە كېرەك نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مانا بۈگۈن ئۇنى ياغاچچىلار يەرگە ياتقۇزۇپ، ئۇنىڭ ئادەم بوينى كىرگۈزۈلىدىغان تۆشۈكىنىڭ كىرىشتۈرۈلىدىغان قىسىملىرىنى ۋە شالاقلاپ قالغان چەنزە ياغاچلىرىنى رېمونت قىلىۋاتاتتى.

     

     

    ئەتىسى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە، مەن كوچىغا چىققانىدىم. بۈگۈن كىشىلەر تۈنۈگۈندىنمۇ تولا ئىدى، ئۇلار توپ – توپ بولۇپ شەڭگەن يامۇلغا كېتىپ باراتتى. مەنمۇ خەلققە ئەگىشىپ ماڭدىم. يامۇلنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ھويلىلىرىغا ئادەم لىق تولۇپتۇ. ئۈچىنچى ھويلىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە شەڭگەن ئىچكىرىكى ھويلىدىن چىقىپ سوراق قىلىدىغان داتاڭ دەپ ئاتىلىدىغان پاكار سەھنە بار ئىدى. داتاڭنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاشتىن ياساپ قويۇلغان، ئاغزىنى ئېچىپ چىشلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرغان ئىككى شىرنىڭ ھەيكىلى ئادەمگە خىرىس قىلىپ تۇرىدۇ. داتاڭنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە ئىككى ياققا ئېچىلىدىغان دەر پەردە ئىشىك قاناتلىرىغا ئىككى ئەجدىھانىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. بۇ ئەجدىھالارنىڭمۇ ئاغزى ئېچىلىپ، زەھەرلىك قىزىل تىلى چىقىپ تۇرىدۇ. ئادەملەرنى ئەيمەندۈرىدىغىنى يىلان ۋە چايان سۈرەتلىك داتاڭنىڭ ئالدىغا قىزىل پەرەڭ تارتىلغان ئۈستەل قويۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە تۆت تەخسە سەي (قورۇما) ۋە بىر ھېجىر ھاراق قويۇپ قويۇلغان.

     

     

    لوزۇڭ، يايى، تۇڭچى ۋە مۇلازىملار داتاڭنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلىپ، ئاجايىپ سۈرلۈك بىر ئاۋازدا نېمىدۇر بىر نېمە دەپ ۋارقىرىغانىدى، داتاڭنىڭ يۇقىرى ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، شەڭگەن چىقىپ كەلدى. ئۇ ئالچاڭلاپ ئۈستەل ئۈستەل يېنىدىكى ئالاھىدە ھازىرلانغان ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن: «گۇناھكار كەلتۈرۈلسۇن!» دېگەن بۇيرۇق ئاڭلاندى. شۇ چاغدا ئىككى تەرەپتىكى ئاتارمەن – چاپارمەنلەرنىڭ «خوپ!» دېگەن ئاۋازىمۇ تەڭ ئاڭلاندى.

     

     

    شۇنىڭدىن كېيىن بوينىدا قوۋۇق، زەنجىر، قولىدا كويزا، پۇتىدا كىشىنى بار بىر مەھبۇس ئېلىپ كىرىلدى. پەستىكى ئۈستەل ئالدىغا تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇۋالدى. بۇ مەھبۇس ھەسەن ئىدى. شەڭگەن جاڭجۈندىن كەلگەن ھۆكۈمنامىنى ئوقۇپ بەردى. تۇڭچى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى. ئاندىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بەلگە _ «خان ئوقى» نى ئىككى ئىجراچى ھەسەننىڭ دۈمبىسىگە قاداپ قويدى. شەڭگەن ئورنىدىن تۇرۇپ:

    _ سېنىڭ ئۆمرۈڭ بۈگۈن ئاخىرلاشتى. كۆڭلۈڭدە قالغان ئارزۇ – ئارمانلىرىڭ باردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى ئۆمرۈڭدە سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بۇ زىياپەتنى تەييارلىدۇق. ھاراقنى ئىچىپ، سەيگە (قورۇمىغا) ئېغىز تەگ، _ دېدى قولى بىلەن ئۈستەلدىكى ھاراق، سەيلەرنى كۆرسىتىپ. شۇ چاغدا بىر ئىجراچى ھاراقنى، يەنە بىر ئىجراچى بىر چوكا سەينى ھەسەننىڭ ئاغزىغا يېقىن ئەكىلىپ تۇتقانىدى، ھەسەن بېشى بىلەن بىرنى ئۈسۈپ، ھاراق قاچىسىنى پارە – پارە قىلىۋەتتى. شەڭگەن «سا» دەپ ۋارقىراپ ئۈستەلنى بىر تېپىپ ئۆرۈۋەتتى. يايىلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ھەسەننى تۇتۇپ قەپەزگە سولىدى. ھەسەن شەڭگەننىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان كېرەم بەگكە ۋارقىرىدى:

    _ ھاي كېرىم بەگ دېگەن مۇناپىق، غالچا! مەن بۇ قېتىم قۇتۇلالمىدىم. تەلىيىڭ ئوڭ كەلدى. مېنىڭ بىردىنبىر ئارمىنىم سېنى چەيلەپ، مىجىپ تاشلاش ئىدى، ئورۇندىيالمىدىم...

    پۈتۈن ئادەم كېرەم بەگكە نەپرەت بىلەن كۆز تىكتى. ئۈچ ئات قېتىلغان تۆت چاقلىق يەمچۈك ھارۋىغا ھەسەن سولانغان قەپەس سېلىندى. ئۇنى تۆت يايى تۆت تەرەپتىن تۇتۇپ ئولتۇرغۇزدى. ھارۋىنىڭ ئالدى – كەينىدە سەككىزدىن ئون ئالتە چېرىك گۇناھكارنى يالاپ ماڭدى. ھارۋا بازار كوچىلىرىنى ئارىلاپ كېتىپ باراتتى. نەچچە مىڭلىغان ئادەم ھارۋىنىڭ ئالدى – كەينىدىن ئەگىشىپ كېلەتتى. ھارۋا غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى _ تاشلەپكىنىڭ يېنىدىكى تۆت كوچىغا كەلگەندە، ئادەملەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، كوچىلارغا پاتماي قالدى. مەن ئەمدى بىر تەنزىكەشنىڭ ئېگىز بىر ساندۇقى ئۈستىگە چىقىۋېلىپ ھەسەنگە قارىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىدە قارا مەخمەل شىم – تۇجۇركا، پۇتىدا توم تۇمشۇق «ئېنگىلىزچە» پارقىراق ئۆتۈك (ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق ئۆتۈكنى شۇ نامدا ئاتايتتۇق)، قولىدا كويزا بولسىمۇ، قارا مەخمەل قالپىقىنى (بىرىگە قىرلاتقان بولسا كېرەك) قىرلاپ كىيىۋالغانىدى.

     

     

    _ ھاي خالايىق، _ دېدى ئۇ بېشىنى تىك تۇتۇپ ۋارقىراپ، _ مەندىن رازى بولۇڭلار! رەنجىتكەن يېرىم بولسا كەچۈرۈڭلار، _ ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ خوشلاشتى، يەنە بېشىنى كۆتۈرۈپ، _ ئەمما مېنى تۇتۇپ بەرگەن مۇناپىقلاردىن، جازانىخور بايلاردىن، مېنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان دارىنلاردىن ھەرگىزمۇ كەچۈرۈم سورىمايمەن. خوش بۇرادەرلەر، ئامىن!... ئەتراپتىن «ئامىن» دېگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى.

    ھارۋا چوڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ قارا دۆڭگە قاراپ ماڭدى. ھارۋا تەسلىكتە قارا دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى ئېگىز – پەس بىر مەيدانغا چىقىپ توختىدى. شەڭگەنمۇ مەپە بىلەن بىر قانچە چېرىكنىڭ ھىمايىسىدە شۇ جايغا كېلىپ توختىدى. ئۇ مەپىدىن چۈشۈپ، راسلاپ قويۇلغان بىر تەيزىگە چىقىپ ئورۇنلاشتى. ئاندىن كېيىن، ھەسەن سېلىنغان قەپەس جازا مەيدانىغا كەلتۈرۈلدى. تۆت ئىجراچى شەڭگەننىڭ «ئاس» دېگەن قول ئىشارىتىنى كۆرۈپ، قەپەس ئۈستىدىكى تاختاينى ئىككى ياققا سېيرىدى – دە، ھەسەننىڭ بېشىنى يېرىم دائىرىلىك ئورنىدىن چىقىرىپ، بوينىنى تاختاي بىلەن كىرىشتۈرۈپ قىستى، ئاندىن ئۇنى ساڭگىلىتىپ قويۇۋەتتى. ھەسەننىڭ بېشى بوينىغىچە تۆشۈككە قىسىلىپ، پۇتى يەردىن بىر گەز ئېگىزرەك كۆتۈرۈلۈپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈش ئۈچۈن نەچچە مىڭلىغان ئادەم دۆڭگە چۈمۈلىدەك يامىشىپ چىقىۋاتاتتى.

    _ يائاللا، يائاللا!

    _ پەرۋەيدىگارىم، ئۆزۈڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانسەن – ھە!

    _ خۇداۋەندە كېرەم، بۇ قانداق جازا؟

    _ توۋا، توۋا!

    _ ۋاي ئېسىت! _ دېگەندەك ھەسرەتلىك، نادامەتلىك زارلاش ئاۋازلىرى ھەر ياقتىن قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى. مەن قورقۇپ، توپا – چاڭ ئىچىدە ئۇسساپ گېلىم قۇرۇپ، تۈكۈرۈكۈمنى يۇتالماي قالغان بولساممۇ، نېمە ئۈچۈندۇر خەلقتىن قالماي دۆڭگە يامىشاتتىم.

    يەڭلىرى جەينىكىگىچە تۈرۈلگەن بىر پالكۆز جاللات قەپەستىكى پەننىڭ بىر چېتىگە بولغان بىلەن پانا ئۇراتتى، _ پانا قىسقانسېرى يېرىم دائىرە كىرىشىپ، ھەسەننىڭ بوينىنى سىقاتتى. جاللاتنىڭ پانىغا توك – توك قىلىپ ئۇرغان بولقىسى گويا قاراپ تۇرغۇچىلارنىڭ يۈرىكىگە ئۇرۇلغاندەك يۈرەكنى قاتتىق سىلكىتەتتى. ئاخىر ھەسەننىڭ بوينى بىلەكتەك ئىنچىكىرەپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقتى، كۆزلىرى تېشىغا تېپىپ، يۈزى كۆكەردى. شۇنداق قىلىپ، بۇ قەيسەر ئادەم بۇ بىۋاپا دۇنيادىن خوشلاشتى...

     

     

    ياغاچ ئاستىدىكى يىگىت

     

     

     

    بىزنىڭ ئۆيىمىز ئوردا مەھەللىسىدە بولغاچقا، ھېكىم بەگ غوجامنىڭ ئوردىسىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ تۇراتتۇق. مەن ئۈچ – تۆت ئاغىنەم بىلەن يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا توپىدىن قىر سېلىپ چۆنەك ئېتىپ، توپا پوملاپ، قوغۇنلۇق ياساپ ئويناۋاتاتتۇق. شۇ چاغدا سېپىل ياقىسىدىكى كوچىدىن توپ – توپ ئاتلىق دېھقانلار ئوردا دەرۋازىسىغا قاراپ كېلىشتى. بىردەمدىن كېيىن ئوردا ئالدىدىكى مومىلارغا بىر نەچچە يۈز ئات باغلاندى. بىز: «نېمە ئىش بولدىكىن» دەپ ئويۇنىمىزنى تاشلاپ، ئوردا ھويلىسىغا باردۇق. ئوردا ھويلىسىنىڭ يۇقىرىسىغا سېلىنغان دەر – پەردىلىك ئىمارەتنىڭ پېشايۋىنىدىن دەرۋازىغىچە بىر نەچچە يۈز دېھقان ئىككى قانات بولۇپ تۇرۇپتۇ. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولسا، چاپراس قىلىپ قويۇلغان ئىككى لەھەر ياغاچ ئاستىغا قوشۇما قاش، چىرايلىق بىر يىگىت دۈم ياتقۇزۇپ باسۇرۇپ قويۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ پۇت – قوللىرى ياغاچقا مەھكەم باغلىۋېتىلگەنىكەن. ئون غۇلاچچە كېلىدىغان بۇ ئۇزۇن لەھەر ياغاچنىڭ چاپراس قىلىنغان ئارىقلىقىدىن يىگىتنىڭ بېشى چىقىپ تۇراتتى، يۈزلىرى بولسا پەمىدۇردەك قىزىرىپ، تەر تامچىلىرى قۇيۇلۇپ تۇراتتى.

     

     

    _ جان ئاكىلار، غولۇم ئۇيۇپ كەتتى غولۇم، رەھىم قىلىپ قولتۇقۇمنى سەل بوشىتىپ قويۇڭلار! _ دەپ زارلىناتتى يىگىت. كۆپچىلىك ئارىسىدىن بىر رەھىمدىل دېھقان ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ مۈرىسىدىن باغلانغان ئارقان تۈگۈچنى سەل – پەل بوشىتىپ قويماقچى بولۇۋىدى، لەمبۇك پەرىجە كىيگەن سالاپەتلىك بىرى:

    _ ھاي داۋىخور، ھۆررەك. سەن جېنىڭدىن تويدۇڭمۇ؟ چاپسان ئارقاڭغا يان، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىنىڭنى غوجام ئاڭلاپ قالسا، دۇنياغا كەلگىنىڭگە تويىسەن، _ دېدى.

    بۇ ئىككى قاناتتىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىرى يېزا كاتتىلىرى ۋە مۆتىۋەر زاتلار بولۇپ، رەھىمدىل دېھقانغا كايىۋاتقان كىشى مانا شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.

    توپلانغان كىشىلەر بىر نەچچە سائەتتىن بېرى ھېكىم بەگ غوجىنىڭ ئۆيىدىن چىقىشىنى زارىقىپ كۈتمەكتە. بىردىنلا پېشايۋان ئوتتۇرىسىدىكى باغداتچە ئىشىكنىڭ ئىككى قانىتى ئېچىلدى.

     

     

    _ غوجام چىقتى.

    _ ھېكىم بەگ غوجام... _ دېگەن سۆزلەر بىلەن ئەتراپ شاۋ – شۇۋ بولۇپ كەتتى. ئادەملەر ئاۋۋال قەددىنى رۇستلاپ تىك تۇرۇشتى. ھېكىم بەگ غوجىنىڭ چىققىنىنى كۆرگەندىن كېيىن قول باغلاپ، بېشىنى ئېگىپ جىم بولۇشتى. ئېگىز بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، قاتما تەنلىك كەلگەن ھېكىم بەگ غوجا ئىشىكتىن ئاستا چىقىپ، ئىككى پۇتىنىڭ ئۇچىنى توغرا قىلىپ، ئاستا – ئاستا يۆتكەپ پېشايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدى ۋە توپلانغانلارغا بىر كۆز يۈگۈرتۈپ قويۇپ، يىراقلارغا قاراپ جىمغىنا تۇردى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا نىل رەڭ موۋۇت پەرىجە، ياز بولسىمۇ بېشىدا مەخسۇمچە قاما تۇماق، پۇتىدا كەشلىك ئۆتۈك بار ئىدى. ئۇ خېلىغىچە زۇۋان سۈرمەي جىمجىت تۇرۇپ، بېشىنى سەل – پەل لىڭشىتتى – دە، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، ئىشىكتىن كىرىپ كەتتى. ئۆلۈك ئېلىپ كىرىۋاتقان گۆردەك جىمىپ قالغان ھويلىدا يەنە ۋاراڭ – چۇرۇڭ كۆتۈرۈلدى. ياغاچ ئاستىدىكى يىگىت بولسا، يەنە قاتتىق زارلىغىلى تۇردى. مېنىڭ ئۇنىڭغا بەك ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، كۈچۈم يەتمىسىمۇ مەن ئۇنى بوشىتىپ قويماقچى بولۇپ، ئۇنى چىرماپ قويغان ئارغامچىنى تۇتۇپ تارتىپ باقتىم. لېكىن ھېلىقى مۆتىۋەر ئادەملەردىن بىرى:

    _ يوقال، شۇم، _ دەپ ماڭا ۋارقىرىدى. مەن بۇ ھاقارەتنى ئاڭلاپ ئۈمچىيىپ يەنە نېرى كەتتىم. ئەمما شۇ ۋاقىتقىچە ئادەملەرنىڭ باغرى مۇنداق تاشلىقىنى بىلمەيتتىم. مېنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن يېتىم قالغان تېنىم ھېلىقى بىچارە يىگىتنىڭ نالىسىغا چىدىماي تىترەيتتى، يۈرەك – باغرىم ئوتتا كۆيگەندەك بىئارام بولاتتى، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدىم. ھېكىم بەگ غوجا يەنە چىقتى، ئۇ يەنە بايىقىدەك سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھەيكەلگە جان كىرگەندەك ئوڭ قولىنى پۇلاڭلاتقانىدى، ئادەملەر دۈررىدە قىلىپ ئاتلىرى تەرەپكە ماڭدى. بىر قىسىم ياشلار ياغاچ ئاستىدىكى يىگىتنى بوشاتقىلى باشلىدى.

     

     

    بىر نەچچە كىشى پايپېتەك بولۇشۇپ غوجامنى ئاتقا مىندۈردى. ئۇ يۇرتنىڭ ئالدىدا، قالغانلار ئارقىدا يۈرۈپ، ياغاچتىن بوشىتىلغان يىگىتنى بولسا يىگىرمە – ئوتتۇز ئادەم قولىنى ئارقىسىغا باغلاپ پىيادە ئېلىپ ماڭدى. مەدرىسنىڭ ئالدىغا كەلگەندە جامائەت ئاتتىن چۈشۈپ غوجامنىڭ ئارقىسىدىن مەھكىمە شەرئىگە كىرىشتى. خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن باغلاقتىكى يىگىتمۇ مەھكىمىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىلدى. ھەر تەرەپتىن كەلگەن كىشىلەر مەھكىمە ئالدى ۋە مەدرىس ئەتراپىغا تولۇپ كەتتى. مەن خەلقنىڭ ئارىسىدا سىقىلىپ يۈرۈپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەي، ئاخىر نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى ئۇقۇش ئۈچۈن مەھكىمىگە يېقىن ئېرىق بويىدىكى تېرەكنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، توپلىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئۈستىدىن قاراپ تۇردۇم. قازى – ئەلەم ئالدىدا سوراق بولۇۋاتاتتى. ئەمما گەپ بىز بار يەرگە تولۇق ئاڭلانمايتتى. پەقەت ئىشىك ئالدىدىكى كىشىلەرنىڭ پاراڭلىرىدىنلا توپنىڭ ئىچىدە نېمە بولىۋاتقانلىقىنى ئانچە – مۇنچە ئۇقۇپ تۇرغىلى بولاتتى.

    _ ئىقرار بولدىمۇ؟

    _ ھە، ھە، ئەمدى ئىقرار بولدى.

    _ قىزنى ئېلىپ قاچقىنى راست ئىكەن.

    _ قىزنىڭ ئىسمى چوغلۇق، يىگىتنىڭ ئىسمى ئىبدىمىن ئىكەن.

    ئىبدىمىنگە سەكسەن دەررە ئۇرۇش بۇيرۇلدى. «ئاللا، توۋۋا» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. دېمەك، دەررە ئۇرۇش باشلانغانىدى.

    دەررە دېگىنىمىز، ئۈچ – تۆت قەۋەتلىك بۇلغارى چەم ئارىسىغا قۇم ئېلىنغان ياغاچ سېپى بار پالاق. پالاقنى ئۇرغۇچى جەينىكىنى كۆتۈرمەي، جازالانغۇچىنىڭ يالىڭاچ غولىغا ئۇرىدۇ. ئەگەر قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇرسا، ئۇرۇلغۇچى بىر نەچچە دەررىدىن كېيىنلا ھوشىدىن كېتىدۇ. قائىدە بويىچە ئۇرۇلدى دېگەندىمۇ گۇناھكارغا پەقەتلا قىرىق دەررە ئۇرۇش بۇيرۇلىدۇ. مانا بۈگۈن بولسا، ئىبدىمىنگە سەكسەن دەررە ئۇرۇش ھۆكۈم قىلىندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر بۇ يىگىتنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيتتى.

     

     

    ئىبدىمىنگە قىرىق دەررە ئۇرغىچە كىشىلەر ئارىسىدا ئانچە شاۋ – شۇۋ بولمىدى. دەررە ئەللىككە يېقىنلاشقاندا غۇدۇراش، ۋاراڭ – چۇرۇڭ باشلاندى.

    _ ھاي، ھاي، _ پوقاق سوپىنىڭ جەينىكى سەل كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.

    _ ياق – ياق، بولمىدى.

    _ نالايىق.

    _ ئاتمىش بولدى، ھەي بولماي قالدى.

    _ يائاللا، يائاللا، يەتمىش... بەش...

    _ ھوشىدىن كەتتى.

    _ يەتمىش سەككىز... ئۆلىدىغان بولدى، _ دېگەندەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

    ئاخىر تىلەپ ئېلىشمۇ قوبۇل قىلىنمىدى. سەكسەن دەررە ئۇرۇلغاندىن كېيىن، تۇغقانلىرى بىھۇش ھالدىكى ئىبدىمىننى زەمبىل بىلەن مەھكىمە شەرئىدىن ئېلىپ چىقىپ ئىرگولو ھارۋا بىلەن سەھراغا ئېلىپ كېتىشتى.

    ئىبدىمىننىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، خەلق تاراپ كېتىشتى. لېكىن ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى ھازىرچە ھېچكىم بىلمەيتتى. ئەمما دۇكانلارنىڭ ئالدىدىكى بەندىڭلاردا ئولتۇرۇپ، بۇ توغرۇلۇق پاراڭغا چۈشكەن ئادەملەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەن ئىبدىمىننىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنچىۋالا دەھشەتلىك جازا تارتىلغىنىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ، دۇكان ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ زوڭزۇيۇپ ئولتۇردۇم – دە، تۆۋەندىكى ۋەقەلەرنى ئۇقۇۋالدىم.

     

     

    سۇلتانۋەيس دېگەن چوڭ بىر يېزىدا ھال – ئوقىتى ياخشى بىر دېھقان بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىككى – ئۈچ يۈز قويى، ئەللىك – ئاتمىش كالىسى بولۇپ، كالىلارنى ئىبدىمىن دېگەن ھېلىقى جازالانغان يىگىت باقاتتىكەن. كالىلارنى باقىدىغان يەر يېزىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى تار دەپ ئاتىلىدىغان تاغلىق جاي بولۇپ، تاغنىڭ قىستاڭ ئورنىدىكى ئېغىز يولىدىن ئۆتكەندە ناھايىتى گۈزەل چىمەنلىك سازلىق بار. بۇنىڭ شەرق تەرىپىدە چوڭ بىر سۇ گۈرۈلدەپ ئېقىپ تۇرىدۇ. ساينىڭ ئۈستىدە يەنە ئاجايىپ چىرايلىق تاغ ۋە جىلغىلار بار (مەنمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ تاغ يوللىرى ئارقىلىق مېڭىپ، ئاچال بىلەن جىڭ ناھىيىسىگە بارغان). ئىبدىمىن كالا بېقىپ يۈرۈپ، تاغ ئارىلىرىنى كۆپ ئارىلايدىغان بولغاچقا، ئىدىرلاردا ۋە ئېگىز تاغ باغىرلىرىدا ئېچىلغان چوغلۇق گۈللىرىنى ۋە بۆلجۈرگەنلەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك تېرىۋالاتتى. ئۇنى قايتقاندا خوجايىننىڭ خۇددى چوغلۇق گۈلىگە ئوخشايدىغان قىزى چوغلۇققا سوۋغا قىلىپ تۇراتتى. ئىبدىمىن بۇ خوجايىننىڭ ئۆيىگە كەلگەندە 14 ياش ئىدى. ئۇ 17 يېشىغىچە قوي باقتى. شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە كالا بېقىۋاتىدۇ، ئۇ ھازىر 20 ياشلاردا بار. چوغلۇق گۈل بولسا 17 ياشقا كىرىپ قالدى. بۇ قىز ئۆزىگە ئوخشاش چوغلۇق گۈلىنى تەغدىم قىلىپ تۇرىدىغان بۇ يىگىتنى چوغلۇقتىن ھەتتا ئۆزىنىڭ تېنىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. تاغدىن چوغلۇق گۈلنى توشۇغۇچى يىگىتمۇ بۇ ئۆيدىكى چوغلۇق گۈلنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بۇ ئادىمىزاتتىن تۇغۇلغان چوغلۇق تاغدىكى تەبىئەتتىن تۇغۇلغان چوغلۇققا ئوخشاشلا خۇشپۇراقلىق ۋە گۈزەل سېزىلەتتى. چوغلۇقنىڭ چوغلۇقنى كۆرۈشكە تەشنالىقىنى سەزگەن ئىبدىمىن باھار كېلىپ تاغدا چوغلۇق گۈلىنىڭ ئېچىلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتى. چوغلۇق ئېچىلىشى بىلەنلا ئۇ ھەرقانداق خەتەرلىك جايدىن قورقماي، تاغ – ئېدىرلارغا يامىشىپ چوغلۇق گۈللىرىنى تېرىپ كېلەتتى. بۇ ئىككى چوغلۇق گۈلنىڭ مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىسىدا قەلبى ئوت بولۇپ يۈرگەن ئىبدىمىن تاغنى ياڭرىتىپ ناخشا ئېيتاتتى. تەبىئىيكى، تاغ چوغلۇقى ئۆي چوغلۇقىنى ئەسلىتەتتى. ئۆي چوغلۇقىنىڭ كۆڭلىنى تاغ چوغلۇقىنى تېرىپ ئەكىلىپ ئۆزىگە قارىتىۋالغانىدى.

     

     

    مۇشۇنداق خۇشپۇراقلىق، لەززەتلىك ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بۇ ئائىلىدىكى ئىبدىمىننىڭ ياخشى كۆرىدىغان چوغلۇق گۈلىنى نىزام شاڭيۇ دېگەن بىر ئاقساقال قېرى ئۈزۈپ ئېلىپ كەتمەكچى بولدى. بۇنى ئاڭلىغان چوغلۇق نالە - زار ئەيلەپ، نىزامنىڭ ئايىغى ئاستىدا قالماي، ئىبدىمىننىڭ چېكىسىدىكى پۇراقلىق چوغلۇق بولۇپ قېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاتىسى بولسا، «ئىبدىمىننىڭ سېنى چېكىسىگە گۈل قىلىپ قىسقۇچىلىك ھالى يوق، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن دارامەت لازىم» دەپ ئۇنىمىدى.

     

     

    شۇنىڭدىن كېيىن، چوغلۇق ئىبدىمىن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئائىلىدىن چەت بىر ياققا قېچىپ كەتمەكچى بولۇشتى. ئىبدىمىن ساددىلىق بىلەن بۇ چوغلۇق گۈلنى ئۆزى بىلىدىغان تاغ ئارىسىدىكى ئېدىرلاردا ئېچىلىپ تۇرىدىغان چوغلۇق گۈللەر ئارىسىغا ئاپىرىپ قويماقچى، يەنى ئۇنى تاغ ئارىلىرىدىكى ئادىمىزات يوق، ئەتراپى گۈل – چىمەن بىلەن تولغان، سۈزۈك بۇلاقلار ئوخشۇپ تۇرغان، مەجنۇنتاللىق گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن ماكان تۇتۇپ، بەختلىك ياشاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلغانىدى.

     

     

    ئۇلار شۇنداق شېرىن خىياللار بىلەن يۈرگەندە، چوغلۇق گۈلنىڭ بۇ ئائىلىسىگە نىزامنىڭ چوغلۇق گۈلنى ئوراپ ئالىدىغان تاۋار – توقىسى، يەپ – ئىچىدىغان مال – دۇنياسى كېلىشكە باشلىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، چوغلۇق بىلەن ئىبدىمىن بىر كۈنى ئاپئاق ئايدىڭ كېچىدە ئىبدىمىن بىلىدىغان ھېلىقى تاغ ئارىسىغا پىيادە قېچىپ كەتتى. ئىبدىمىن چوغلۇق گۈلنى كۆپ يەرلەردە ھاپاش قىلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى. ئەمما ئۇلار ئارزۇ – ئارمانلىرىغا يېتەلمىدى. چوغلۇق گۈل نىزامنىڭ تۆمۈر تىرنىقى بىلەن مىجىلدى... ئىبدىمىن بولسا، سىلەر كۆرۈپ ئۆتكەن جازانى تارتتى، يەنجىلدى.

     

     

    ھېلىم ئاشىق

     

     

    ئالدى بىلەن ماتا كۆينىكىنىڭ ئۈستىدىن ئىنچىكە سۇلما پوتا باغلىۋالغان، يالاڭ تامبىلىنىڭ بى پۇشقىقى يوق، يالىڭاياق، بېشى ياغاق، ئارقا چېچى بولسا گەجگىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان؛ يۈز – كۆزلىرى كىر، پۇت – قوللىرى دەرەخ قوۋزىقىدەك يىرىك، مەيدە تېرىسى غەلۋىرنىڭ كۆنىكىدەك كۆرۈنىدىغان، شالاڭ ساقال، سەل ئېگىزرەك كەلگەن بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇنى خەلق ھېلىم ئاشىق دەپ ئاتايتتى. ئۇ بازار كوچىلىرىدىن ئۆتسە، ھەممە كىشى ئۇنىڭغا ئىلتىپات بىلەن قارىشاتتى. خۇسۇسەن، دۇكان، ئاشپۇزۇل، ناۋايخانا، چايخانا ئىگىلىرى ئۇنىڭ ئۆز دۇكىنىغا بىر كىرىپ ئۆتۈشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتەتتى. مەنمۇ بازارغا بارسام، بۇ ئاشىقنى بىر كۆرگۈم، ئۇنىڭ قەيەرگە بېرىپ نېمە ئىش قىلىشىنى بىلگىم كېلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى كوچىلاردا كۆرۈپ قالسام، ئارقىسىغا كىرىۋالاتتىم.

    ھېلىم ئاشىق قىش كۈنلىرىمۇ يالىڭاياق يۈرەتتى. رەھمى كەلگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئۆتۈك، كەش ياكى مەسىلىرىنى بېرەتتى. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ ئايىغى يوقلارغا بېرىۋېتىپ، ئۆزى قار – مۇز، پاتقاقلارنى يالىڭاياق دەسسەپ يۈرەتتى. بەزىبىر  چاغلاردا بولسا، ساماۋارخانىلارنىڭ شەگاسىدا يېقىلغان ئوت دۆۋىلىرى چۆرىسىدىكى قايناق سۇ بار چۆگۈنلەرنى پۇتى بىلەن ئىتتىرىپ ئۆرۈۋېتىپ، قىپقىزىل كۆيۈۋاتقان كۆمۈر چوغلىرىنى يالاڭ پۇتى بىلەن چېچىۋېتەتتى. ئاندىن كېيىن، چوغ ئۈستىدە بىردەم تۇرۇۋېلىپ ئەتراپتىكى چوغلارغا تاپىنىنى سۈركەپ ئۆچۈرىۋېتەتتى. ساماۋارچىلار بولسا، بۇنىڭغا ھەرگىز خاپا بولماي، ئەكسىچە: «خۇداغا شۈكۈر، بۈگۈن بىزگە ئامەت كەلدى» دەپ خۇش بولاتتى. ھېلىم ئاشىق ئاشخانا ئالدىغا كېلىپ قالغان چاغلاردا مانتىپەز «ياپىرىم» دەپ قاسقاننى كۆتۈرەتتى. ئاشىق بولسا، ھور چىقىپ تۇرغان قاسقاندىكى مانتىدىن بىرنى ئېلىپ ئاغزىغا سالاتتى. بۇنى كۆرگەن مانتىپەز خۇش بولۇپ كېتىپ: «ياپىر، ئامەت كەلدى، ئامەت»، «بەرگەن ئىلتىپاتىڭغا شۈكرى» دەيتتى. ئەگەر ھېلىم ئاشىق ناۋاي تونۇردىن ناننى سويۇۋاتقاندا كېلىپ قالسا، ئۇ دەرھال ئىسسىق گىردىدىن بىرنى ئېلىپ قوينىغا سالاتتى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا شۈكرى قىلىشاتتى. چۈنكى ئەھلى كاسىپلار ھېلىم ئاشىقنى ئەۋلىيا دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىرەر نەرسىنى ئالسا، شۇ نەرسىنىڭ كاسىپلىرى ئەمدى روناق تاپىمىز دەپ ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرەتتى.

     

     

    ماڭا ئوخشاش ياش بالىلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا خېلىلا ئېتىقادى كۈچلۈك ئىدى. بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار. چۈنكى كۆپ كىشىلەر ئۇنىڭغا پۇل ياكى نەرسە بەرسە ئالمايتتى. ياكى گەپمۇ قىلمايتتى. ئەمما بەزىبىر چاغلاردا، خوشى تۇتۇپ قالسا، ئۇ بەزى ئادەملەر بەرگەن پۇلنى ئېلىپ قوينىغا سالاتتى. بۇنداق ۋاقىتتا پۇل بەرگۈچىنى كىشىلەر ئورىۋېلىپ تەبرىكلىشەتتى، ئۇنداق كىشى باش بولۇشقا مۇيەسسەر بولغان كىشى ھېسابلىناتتى. ئاشىق بەزىبىر كۈنلىرى خېلى كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ئېلىپ قوينىغا سالاتتى – دە، كۈرە دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ تېز – تېز يۈرۈپ كېتەتتى. مۇنداق ۋاقىتلاردا بىز بىر قانچە بالا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي يۈگۈرەيتتۇق. ئاشىق بولسا، كۈرە دەرۋازىسىدىن تاشقىرى چىقىپ خەندەك تۈۋىگە باراتتى، ئۇ خەندەك ئىچىدىن قارا لاينى ئوچۇملاپ ئېلىپ، سېپىل ياقىسىغا ئەكىلىپ توپلايتتى (بۇ جاي دائىم دېگۈدەك پاسكىنا سۇلار ئېقىپ كىرىپ، قارا پاتقاق بولۇپ كېتەتتى). ئاندىن كېيىن ئاشۇ لايغا تاشلايتتى. بۇ پۇللارنىڭ ئىچىدە بىر سوملۇق مايلىق لاتا تىزا، سەكسەن تىيىنلىق قەغەز پۇل، ئوتتۇز ئۈچ تىيىنلىق «گوۋاز»، ئىككى مىسقاللىق مىس پەيزە، بىر مىسقاللىق تۇچ ياكى ياغاچ پەيزە ھەم باشقا مىس يارماقلار بولاتتى. ھېلىم ئاشىق بۇ پۇللارنى لايغا ئارىلاشتۇرۇپ كومۇلاچ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، توقاچ ناندەك راسلاپ سېپىل تېمىغا چاپلاشقا باشلايتتى. بىز نېرىدىن قاراپ تۇراتتۇق. ئەگەر يېقىن كەلسەك، لاي ئېتىپ بىزنى قوغلايتتى، لېكىن ئۇ تىللىمايتتى، ئوشۇقچە گەپمۇ قىلمايتتى. ھېلىم ئاشىق ھېلىقى پۇللار ئارىلاشتۇرۇلغان لاي توقاچلارنى تامغا يېقىپ بولۇپ، لاي قوللىرىنى توپىغا سۈركەپ ئۇۋىلايتتى. ئاندىن كېيىن قىلۋىغا قاراپ، قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلاتتى – دە، ئارقىسىغا قايتىپ شەھەرگە كىرىپ كېتەتتى. بۇ ھادىسە كۆپرەك كۈن ئولتۇرۇپ، ئۇپۇق قىزىرىپ شەپەق جىلۋىلىنىۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كېلەتتى. ئاشىق غايىب بولغاندىن كېيىن، بىز لاي توقاچلارنى تامدىن سويۇۋېلىپ، ئىچىدىكى پۇللارنى ئاۋايلاپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلاتتۇق، تالاش – تارتىش قىلىپ مۇشتىلىشاتتۇق، لاي توقاچلار بىلەن بىر – بىرىمىزنى ئۇرۇپ، ئۈستىبېشىمىزنى پاتقاق قىلىۋېتەتتۇق. بىزنىڭ بۇ جېدىلىمىزگە بەزىدە چوڭ كىشىلەرمۇ ئارىلىشىپ قالاتتى، ئۇلار بىزنى ئاجراتماق بولۇپ ئۆزلىرىمۇ پۇل تالىشىپ كېتەتتى.

     

     

    ھېلىم ئاشىق ھېچكىم بىلەن گەپلەشمەيتتى. ئۇنىڭ يەنە بىر غەلىتە خىسلىتى شۇكى، ئۇ ئەخلەتخانىدا ياكى يول ئۈستىدە ئۇچرىغان قەغەزلەرنى تېرىۋېلىپ، ناننى چايناپ، ھېلىقى قەغەزنىڭ ئارقىسىغا سۇۋاپ، شەھەر دەرۋازىسى ئىچىدىكى ئېلان چاپلىنىدىغان ئورۇننىڭ ئەتراپىغا يېپىشتۇرۇپ قوياتتى، ئاندىن كېيىن يەنە ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەر خىل باش – ئايىغى يوق سۆزلەر بىلەن بىر نېمىلەرنى ئوقۇيتتى. مەسىلەن، ئۇنىڭ مۇنداق سۆزلەرنى دېگەنلىرى ئېسىمدە:

    _ ئاڭلىدىڭمۇ خالايىق، بۇ جاڭجۇڭغا كويىقاپتىن كەلگەن جاكار! بەدبەخلەرنى چېپىش كېرەك. جىن _ شاياتون، ياۋايى مەخلۇق، دىۋە – پىرىلەرنى تۇتۇش كېرەك. زۇلۇكلارنى يۇتۇش كېرەك، ھاي، ھاي، سەن بۇياققا ئۆت، سەن ئۇياققا ئۆت، سۆزلىمە، تىلىڭنى كېسىمەن – ھە، مانا ھازىر، تىلىڭنى چىقارما، بۇ كويىقاپ!...  ئۇ مانا شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى ئوقۇيتتى، بۇنداق سۆزلەرنى گەرچە ئۇققىلى بولمىسىمۇ، يەنە ھېچ مەنا چىقمايدىغان نۇرغۇن قاپىيىلىك سۆزلەرنىمۇ ناھايىتى تېز – تېز سۆزلەپ كېتەتتى. سۆزلەپ ھارغاندىن كېيىن قوينىدىن يەنە بىر مۇنچە قۇرۇق قەغەزلەرنى چىقىرىپ، كەينىگە تۈكۈرۈپ بىر قانچە يەرگە چاپلاپ قوياتتى، ئاندىن كېيىن ئالدى – كەينىگە قارىماي تېز – تېز يۈرۈپ كېتەتتى.

     

     

    ھېلىم ئاشىقنى كىشىلەر ئەۋلىيادەك كۆرەتتى. چۈنكى ئۇ كۆپ چاغلىرىنى ئەسكى گۈمبەز ئىچىدە، كونا قەبرىستانلىقتا ئۆتكۈزەتتى. بازارغا ئايدا بىر – ئىككى قېتىم دېگۈدەك چىقىپ قوياتتى. ئەمما بىر نەچچە كۈچۈكنى قوينىغا سېلىۋالىدىغان پاتمىغان، ھەر كۈنى دېگۈدەك كالا مۈڭگۈزلىرىنى بوينىغا ئېسىپ، شۇ كالا مۈڭگۈزى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى ئۇرۇپ، يۈزلىرىنى كۆكەرتىپ، باشلىرىنى يېرىۋېتىدىغان مامۇتقا ئوخشاش ساراڭلار كۈندە دېگۈدەك كوچىلاردا يۈرەتتى، كېچىلىرى بولسا، ئاشپۇزۇللارنىڭ ئوچىقى ئالدىدىكى كۈلدە ئېغىناپ ياتاتتى...

     

     

     

    چوكان باخشى

     

     

     

    چوكان باخشى قوشۇما قاش، ئاھۇ كۆز، ئۇزۇن كىرپىك، سۈت رەڭ، ئوتتۇرا بوي، ئوتتۇز ياشلاردىكى گۈزەل بىر ئايال ئىدى. ئۇ پىرە ئويناۋاتقان ئۆينىڭ ئەتراپىدىن نۇرغۇن يىگىتلەر ئەگىپ كېتەلمەي، تاڭ ئاتقۇچە ئاۋارە بولۇپ يۈرۈشەتتى. ئەمما چوكان باخشى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن بۇ مەستانىلەرگە ھېچبىر ئىلتىپات قىلىپ قارىمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پىرە بولغان ئۆيگە پوخۇر، بىۋەك يىگىتلەرنى كىرگۈزمەيتتى. ئەكسىچە ھاراق ئىچمەيدىغان، بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان سوپى كىشىلەرنى ۋە ئاياللار بىلەن بىزدەك گۈدەكلەرنى يىغىۋالاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پىرە ئوينىغاندا داپ چېلىپ، غەزەل ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىككى كۆزى ئەما ھەسەن قارى دېگەن داپچىنى تاللىۋالغانىدى. چوكان باخشى قەيەردە پىرە بولسا، بىزگە ئوخشاش پىرىگە ھەۋەسكار ياش بالىلار ھەسەن قارى داپچى بىلەن يۇنۇس قارى دېگەن داپچىنى يېتىلەپ ئېلىپ باراتتى. شۇڭا مەن پىرە بولىدىغان ئۆيگە كىرىۋېلىش ئۈچۈن كۆپىنچە ھەسەن قارىنى يېتىلەپ، ئۇنىڭ داپ ۋە خەنجەر سېلىنغان خورجۇنىنى كۆتۈرۈپ باراتتىم.

     

     

    چوكان باخشى ئاجايىپ ماھىر باخشى ئىدى. ئۇنىڭ پىرە ئويۇنى تەرتىپلىك ۋە سۈرلۈك ئۆتەتتى. پىرە مۇقامىنىڭ كىرىش قىسمى _ «ئاۋۇش» ئوقۇلۇپ بولۇپ، نەغمە ۋە ئۇسسۇل پەدىسى باشلانغاندا، ئۇ تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان چاچلىرىنى چۇۋۇپ، يەرگە سۆرىلىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن ئاق شايى كۆڭلىكىنى كىيىپ، «تۇغ» ئەراپىنى چۆگىلەپ ئۇسسۇلغا چۈشەتتى. ئۇ پىرقىرىغاندا شايى كۆڭلەك كۆپۈپ، ئېتىكى ئۆيدە لىق ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ئالدىغىچە يېتىپ كېلەتتى. بۇ ئايالنىڭ پىرىلىكىنى شايى كۆڭلىكىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان كۆكسى، ئاق كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىنى چۆمكەپ ئۇچۇپ، يەلپۈنۈپ تۇرغان قاپقارا چاچلىرى، لەپىلدەپ تۇرغان كىرپىكى ئاستىدىكى جادۇ كۆزلىرى قاراپ تۇرغۇچىلارنى مەپتۇن قىلاتتى. ئۇ پىرقىرىغاندا كېلىشكەن قەددى – قامىتى ۋە قارا يىپتەك يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرى ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاق چېھرىسى كىشىنى رىۋاتلەردىكى پەرىزاتلار مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دېگەن خىيالغا چۆمدۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۇسسۇلى ھەقىقەتەنمۇ جۇشقۇن ۋە نەپىس ئىدى.

     

     

    چوكان باخشىنىڭ بۇ گۈزەل ئۇسسۇلى يەنە قاراپ تۇرغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا سىلىق خىيالىي كارتىنىلارنى گەۋدىلەندۈرەتتى. مەسىلەن، ئۇ ئىككى قولىنى ئىككى تەرەپكە سوزۇش ۋە يىغىش ئارقىلىق بىرەر نەرسىنى تۇتۇۋالغان، ئۇنى باشقىلارغا چېچىپ بېرىۋاتقاندەك ھەرىكەتلەرنى ئىپادىلەيتتى. بۇ مەزمۇن جەھەتتىن كېسەل يۇقتۇرغۇچى جىنلارنى يىغىۋېلىپ، پىرە ئويناتقۇچى ئۆي ئىگىسىنىڭ كېسلىنى شۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىرغىتىپ قايتۇرۇپ بېرىۋاتقان مەنىگە ئىگە ئىدى. پىرە ئوينىغۇچى چوكان باخشىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ شامانىزم دىنىي ئېتىقادىنىڭ ئاسارىتىدىن قالغان ئىپادىلەر ئىدى. ئۇنىڭ ئويناپ بەرگەن ئۇسسۇلى كۆرگۈچىلەرگە زوق بېغىشلاشتىن تاشقىرى، سىرلىق قورقۇنچ تۇيغۇلىرىمۇ چاچاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئاددىي بىر سەنئەتكارلار ئەمەس، بەلكى ناھايىتى سۈرلۈك، ئاجايىپ – غارايىپ خىسلىتى بار، غايىبنى بىلگۈچى بولۇپ تۇيۇلاتتى.

     

     

    ئۇنىڭ غايىپتىن پىرە ئوينىتىۋاتقان كېسەلگە كۆرسىتىدىغان بىر تۈرلۈك سىرى «چىراغ يېقىش» دەپ ئاتىلىدۇ.

    بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيدە باشقا چىراغلار ئۆچۈرۈلۈپ، چوڭ نوكچا (چىۋىققا پاختا ئوراپ، سۇ يېغىغا چىلانغان پەلكۈچ) يېقىلىدۇ. باخشى ئۇنى كېسەلنىڭ كۆزىگە ئەكىلىپ:

    _ ئوتنىڭ ئىچىگە قاراڭ، _ دەيدۇ. كېسەل پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ ئوتقا تىكىلىدۇ. باخشى كارامەت كۆرسىتىپ:

    _ ئەنە قاراڭ، تامنى ئاتلاپ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا كېلىۋاتقان، تۈكلىرى سالۋاراپ كەتكەن يوغان بىر ئالا ئىت قويرۇقىنى كۆتۈرۈپ، چىشلىرىنى ھىجايتىپ، كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ سىزگە قاراپ تۇرىدۇ، كۆردىڭىزمۇ؟

    _ شۇنداق، شۇنداق كۆردۈم، _ دەيدۇ كېسەل نوكچىدىن كۆزىنى ئۈزمەي.

    باخشى يەنە تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن:

    _ ئەمدى ئاۋۇ بۇلۇڭغا ئارقىسىنى قىلىۋالغان، چاچلىرى چۇۋۇق، قىپقىزىل كۆزلىرىدىن ئوت چېچىپ، سىزگە ھىجىيىپ قاراپ تۇرغان سېرىق خوتۇننى كۆردىڭىزمۇ؟ _ دەيدۇ كېسەلگە.

    _ ھە، ھە، كۆردۈم، كۆردۈم، _ دەيدۇ كېسەل.

    _ سىزگە كېسەل يۇقتۇرغان جىن – ئالۋاستىلار شۇ، _ دەيدۇ باخشى خەنجەرنى كۆتۈرۈپ، شۇنىڭدىن كېيىن چوكان باخشى: «چىق، چىق، بۇ ئۆيدىن چىق، چىقمىساڭ خەنجەر سالىمەن» دەپ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپقا ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن تىكىلىدۇ، غەزەپتىن ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ تۇرىدۇ.

    مانا بۇ ۋاقىتتا باخشىنىڭ كۆرسەتكەن كارامىتى نېمە؟ ئۇ باخشىنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ تەسۋىرلەپ گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ۋاستىسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق كېسەلنى سېھىرلىشى، چۈنكى قاراڭغۇ ئۆيدە جىن بىلەن ئالاقىسى بار باخشى بۇ يەرگە ئەمدى جىن – ئالۋاستىلارنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن سوراق سورايدۇ دېگەن چۈشەنچىسىدە سۈر بېسىپ تۇرغان كېسەلنىڭ خىيالىدا باخشى گەۋدىلەندۈرگەن بايىقى ئوبرازلار كۆز ئالدىغا كەلگەندەك بولىدۇ، پۈتۈن ئۆينى قورقۇنچ قاپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن باخشىنىڭ بايىقى قىياپىتىدە تېخىمۇ سۈر پەيدا بولىدۇ، ئۆيدە ئولتۇرغانلار: باخشى راستىنلا جىن – ئالۋاستىلار بىلەن سۆزلىشىۋاتسا كېرەك دەپ ئىشىنىپ قالىدۇ.

     

     

    ئەمدى باخشى كېسەلنى تۇغ چۆرگىلىتىپ (ئارغامچا تۇتقۇزۇپ پىرقىرىتىپ) چارچىغاندىن كېيىن، ئۇنى ئارغامچىغا ئارقىسىچە تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ تېنىدىكى جىن – ئالۋاستىلار يۇقتۇرغان كېسەللەرنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن خەنجەر ئويۇنى باشلايدۇ. باخشى ئىككى – ئۈچ تال قوڭغۇرىقى بار كۈمۈش خەنجەرنى داپ – دۇمباقنىڭ رېتىمىگە كەلتۈرۈپ، كېسەلنىڭ پېشانىسىدىن يوتىسىنىڭ ئۇچىغىچە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىغىچە يېنىك ئوينىتىپ سانجىپ چىقىدۇ. ئۇ ھەر بىر خەنجەر سانجىش ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇپ: «ھە، چىق، چىق، چاپسان چىق... ئەسكى تاملارغا بار، كونا تۈگمەنگە بار... چىق، چىق... ھەي، ھەي...» دەپ ۋارقىرايدۇ. ئۇ يەنە پەگادا توپلىشىپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ ئالدىغا بىر قولىدا قامچا، بىر قولىدا خەنجەر تەڭلەپ كېلىپ: «ئاللا دە، ئاللا...» دەپ ئۈستىبېشىمىزدىن قامچا پىرقىرىتىدۇ. بىز قورقۇپ كېتىپ: «ئاللا، ئاللا...» دەپ توۋلايمىز. ئەگەر ئاۋازىمىز بوشراق چىقسا، ئۇچىمىزغا بىرەر – يېرىم قامچىمۇ تېگىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بىز بار كۈچىمىز بىلەن «ئاللا ... ئاللا» دەپ ۋارقىرايمىز.

     

     

    بىزنىڭ مەھەللىدە بولغان بىر پىرىدە مەن چوكان باخشىنىڭ پال – پۇل قىلىپ تۇرغان غەزەپلىك كۆزىگە، قولىدىكى ئادەمگە ھېلى سانجىۋېتىدىغاندەك پارقىراپ تۇرغان كۈمۈش خەنجىرىگە ئاغزىمنى ئېچىپ قاراپ قاپتىمەن. شۇ ھازادا ئۇنىڭ باش ئۈستىمىزدە پىرقىراۋاتقان قامچىسىنىڭ ئۈچىدىكى قىزىل پۆپۈك مەڭزىمگە خېلىلا چىڭ تېگىپ كەتتى. چۆچۈپ كېتىپ، ھەممە بالىلاردىن قاتتىقراق «ئاللا، ئاللا» دەپ ۋارقىرىۋەتتىم. پىرە تۈگىگەندىن كېيىن، چوكان باخشى يېنىمغا كېلىپ: «قورقتۇڭمۇ تەنتەك» دەپ ئېڭىكىمنى تۇتۇپ ئەركىلەتتى. ئۇ جىنلارغا ۋە بەتقىلىق كىشىلەرگە قاتتىقلىق قىلغان بىلەن ئەھلى كىشىلەرگە ۋە بالىلارغا مېھرىبان – يۇمشاق كۆڭۈل ئايال ئىدى. مەن بەش ياش ۋاقتىمدىلا ئانامدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئانا مېھرىگە قانمىغانلىقىم ئۈچۈن، ماڭا مېھرىبانلىق قىلىدىغان ئاياللارنى ئۇچراتسام سۆيۈنەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن گۈزەل باخشى خېنىمنىڭ مېھرىلىك يۇمشاق، ئىسسىق قولى ئېڭىكىمگە تەگكەندە تېنىمدە ئانا مۇھەببىتىنىڭ ئىسسىق يالقۇنى سىپاپ ئۆتكەندەك يېقىملىق تۇيغۇ سەزگەنىدىم. مەن ئۇنىڭغا ئانامغا ياكى ئۇ تېخى ياشراق بولغانلىقتىن ھەدەمگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ داپلىرىنى، خەنجەر بىلەن كانىيىدىن تامغا سانجىپ قويغان، ئەمما ھېكمەت نەتىجىسىدە ئۆلمەي ساق قالغان توخۇسىنى، تۇغ باغلىغان ئارغامچىسىنى ۋە چىنە – قوشۇقلىرىنى (بۇ نەرسىلەرنى بىر قانچە پۇل ۋە رەختكە قوشۇپ، كېسەل ئىگىسى باخشىغا بېرەتتى) خورجۇنغا سېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرەتتىم.

     

     

    مەن ئۇنىڭ يۈگۈر – يېتىم ئىشلىرىغا خالىس ياردەم خىزمەت قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇ مېنى پىرىگە كىرگۈزەتتى ۋە قۇيماق بېرىپ بېشىمنى سىلايتتى. مەندىن ئىككى – ئۈچ ياش چوڭراق بالىلار، مەسىلەن، مەھەللىمىزدىكى ھەيدەرگە ئوخشاش چۈجە خورازلار چوكان باخشىغا قانات سۆرەپ يۈرگەچكە، چوكان باخشى ئۇنداقلارنى پىرە ئوينىتىلىدىغان ئۆيگە ياكى ئىشىكى ئالدىغا يولاتمايتتى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە نۇرغۇن كىشىلەر كۆيۈپ يۈرۈشەتتى، بىراق ئۇنىڭغا پېتىنىپ چاقچاق قىلالمايتتى ياكى ھېيىقىپ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشمەيتتى. ئەمما بەزىبىر زۇغۇي، كۆرەلمەسلەر «قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق» دېگەندەك، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھەر خىل يامان گەپلەرنى تارقىتاتتى. چوكان باخشى بۇ يامان غەرەزلىك گەپلەرگە پىسەنتمۇ قىلماي يۈرۈۋېرەتتى. ئۇنىڭغا بەتنام چاپلاپ يۈرگەنلەر تىلىنى چىشلەپ قالاتتى.

     

     

     

    ئۈچ سودىگەر بىلەن سەپەردە

     

     

     

    تاغام ئابدۇللا يۇۋاش بەزىدە ئاز – تولا مويچىلىقمۇ قىلىپ قوياتتى ۋە تېرە – تەسەك قۇرۇتۇپ ساتاتتى. مەن ئۇنىڭدىن تېرە قۇرۇتۇشنى، ئەلتېرە، مارىيە، تۈلكىلەرنى ئىشلەشنى ئۆگىنىۋالدىم. ئىشلەش دېگەن مۇنداق بولاتتى: قورۇلۇپ قالغان ياكى تاقىر مارىيە (مارىيە __ ساغلىق قوينىڭ يۇڭى تولۇق چىقىپ يېتىلمەي تاشلىغان قوزىسىنىڭ تاقىر تېرىسى، بۇنىڭ گۈللۈك بولغىنى قىممەت باھالىق بولىدۇ)، ئەلتېرىلەر ئەرزان باھادا سېتىۋېلىنىپ، ئارقىسىغا سۇ پۈركۈلىدۇ ۋە تارتىشتۇرۇپ كېڭەيتىلىدۇ، يۇڭى گۈللەندۈرۈلۈپ، يامان يەرلىرى كېسىپ تاشلىنىپ يامىلىدۇ، مولۇن، تۈلكىگە ئوخشاش مويلار نەمدەپ سۈزۈلۈپ، ئىچىگە پاخال تىقىپ باشقىدىن قۇرۇتۇلىدۇ، ئاندىن كېيىن مويغا كېپەك چېچىپ، ساۋاپ پارقىرىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مەن سۇغۇر، بەرسۇق (بورسۇق)، سېسىق گۈزەم (سېسىق كۈزەن)، ئاغمىخانغا ئوخشاش ھايۋانلارنىڭ تېرىلىرىنىڭ ياغلىرىنى قىرىپ، كۆركەم قىلىپ ئىشلەشنى بىلىۋالدىم.

    تاغام بىر كۈنى ماڭا:

    _ ھە مانا، بۇ ئىشىڭ يارايدۇ، تىرىكچىلىك قىلىشىنىڭ يولىنى بىلىۋېلىش كېرەك، سەنمۇ ئون يەتتە ياشقا كىرىپ قالدىڭ، ئەمدى بىرەر ئوقەتنىڭ بېشىنى تۇتمىساڭ، قانداق ئۆي – ئوچاقلىق بولىسەن، ئەتە بىزنىڭ ئۆيگە بارغىن. مەن ساڭا ئەللىك سوم دەسمايە بېرەي. سەن دەڭلەرگە بېرىپ، يېزا – قىرلاردىن كەلگۈچىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ، تېرە – تەسەك سېتىۋال، ئۇنى جاللاپ (مويچى سودىگەر) لەرگە ساتساڭ، پايدا ئالىسەن، _ دېدى.

     

     

    مانا شۇنىڭدىن كېيىن، مەن دەڭمۇ دەڭ ئىزلەپ يۈرۈپ دېھقانلاردىن، قىردىن كەلگەن چارۋىچىلاردىن قوي، ئۆچكە ۋە موزاي تېرىلىرىنى، مۈشۈك، توشقان، ئاغمىغان تېرىلىرىنى بازار باھاسىدىن سەل ئەرزانراق ئېلىپ، پايدىسىغا ساتىدىغان بولدۇم. ماڭا ئوخشاش تېرە يىغىدىغانلار كۆپىيىپ تېرە تامالماي قالغان چاغلىرىمدا بولسا، شەھەردىن چىقىپ يېزا يوللىرىدا كېلىۋاتقان ئات – ھارۋىلارنى توسۇپ تېرە ئالىدىغان بولدۇم. دۇنيادا ئاسان ئىش نەدە بار، ماڭا ئوخشاش يول توسىدىغانلار كۆپىيىپ، بۇ ھەرىكىتىممۇ تەسكە چۈشكىلى تۇردى. مەن باشقىلاردىن قىزغىنىپ، تاڭ سەھەردە يولغا چىقىپ، بەش – ئون ھەتتا ئون بەش كىلومېتر يول مېڭىپ، تېرە ئىزلىگەن كۈنلىرىم بولدى. ئۇچرىغانلا كىشى مېلىنى ئەرزان باھادا بېرىپ قويمايتتى. بەزى گىرى ئادە ملەر بازار باھاسىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن باھا ئېيتاتتى. چۈنكى ئۇلار شۇنچە ئۇزاق يەرگىچە تېرە ئىزدەپ كېلىشكەندىن كېيىن، مېلىمنىڭ باھاسى بەك ئېشىپ كەتسە كېرەك دەپ ئويلاپ، بىز سورىغان باھاغا بەرمەيتتى. ساددىراق، مەرترەك كىشىلەرنى ئۇچرىتالماي كەچكىچە قاتراپ يۈرىدىغان كۈنلىرىم تولا بولاتتى، قىشنىڭ قاتتىق سوغۇق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئون بەش چاقىرىم يول يۈرۈپ ئاران دېگەندە بىر ياۋا توشقان تېرىسىنى سېتىۋالدىم. ئۇنى پوتامغا قىستۇرۇپ، مۇزلاپ جالاقلاپ تىترىگەن ھالدا ئۆيگە قاراڭغۇ چۈشكەندە يېتىپ كەلدىم.

     

     

    ئۇ زامانلاردا سودىگەرچىلىكمۇ ئالاھىدە بىر كەسپ ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، دائىم بازار ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش، نەرسىلەرنى ئېلىپ سېتىش پەيتىنى ئىگىلەپ تۇرۇش كېرەك ئىدى. «ئوتتۇرىدا بۇرۇن بولمىسا، بۇ كۆز ئۇ كۆزنى يەيدۇ» دېگەن تەمسىلدەك، بىر – بىرىنى ئالداپ يەيدىغان ھادىسىلەر كۆپ بولىدىكەن. مەن ئالدامچىلىقنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، تارتىنچاقلىق قىلىپ يۈرۈپ، بۇ كەسىپكە تازا لايىقلىشالمىدىم. قانداق قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىش ئويىدا بېشىم قېتىپ يۈرگەندە، تاغام ماڭا:

    _ سەن سودىگەرچىلىكنىڭ يولىنى تاپالماي يۈرىسەن، مەن ساڭا بىر يول كۆرسىتەي، _ دەپ موي يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ماناسقا ئەۋەتىپ ئۈچ سودىگەرگە قوشۇپ قويدى. بىز بۇ ئۈچ سودىگەر بىلەن مۇنداق كېلىشىۋالدۇق: مەن ئۈچ يۈز تەڭگە پۇلۇمنى دەسمايە قىلىپ ئۆز ئېتىمغا مىنىمەن (ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ تەڭگىدىن دەسمايىسى بار ئىدى). يولدا ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى قونالغۇغا چۈشكەندە يېتىلەپ سوۋۇتىمەن. كېچىچە ئاتلىرىنى باقىمەن، سەھەر قوپۇپ ئاتلىرىنى توقۇيمەن؛ چۈشكەن جايدا پولو ئېتىپ بېرىمەن. ئۇلار ئالغان تېرە – تەسەكلەرنى تىزىملاپ دەپتەرگە چۈشۈرۈپ بېرىمەن. ئۇلار بولسا، مېنىڭ ۋە ئېتىمنىڭ يېمەك – ئىچمەك ۋە ياتاق راسخوتلىرىنى كۆتۈرىدۇ، مېنىڭ ئازغىنە ئۈچ يۈز تەڭگە پۇلۇمغا ئۇلار ئەرزان ئۇچرىغان ماللاردىن ئېلىپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مېنى سودىگەرچىلىككە ئۆگىتىدۇ.

     

     

    بىز يۇقىرىقى شەرتلەر بويىچە غۇلجا شەھىرىدىن ماناسقا قاراپ يولغا چىقتۇق. مەن جىڭغا بارغىچە خېلى جاپا تارتتىم، تاڭ سەھەردە ئاتلىنىپ، كۈن پاتقىچە يول يۈرۈپ، چارچىغاندا دەڭگە چۈشۈپ ئارام ئالمايلا، تۆت ئاتنى بىرەر سائاتچە يېتىلەپ سوۋۇتىمەن، دەڭگە ئېلىپ كىرىپ قاڭتۇرۇپ قويمەن. شۇنىڭدىن كېيىن بازارغا چىقىپ گۆش، ياغ، سەۋزە، پىياز، گۈرۈچ تېپىپ كېلىپ پولۇ ئېتىمەن، مەن پولۇ دۈملەشنى نەزىر – چىراغ، توي – تۆكۈنلەردە ئاشپەزلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ يۈرۈپ ئۆگىنىۋالغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاكاممۇ مەدرىستە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا، تالىپلارغا پولۇ ئېتىپ يۈرۈپ ئۇستا بولۇپ كەتكىنى ئۈچۈن، ئۆيدە ماڭا ئۆگىتىپ قويغانىدى. شۇڭا مېنىڭ ئەتكەن پولۇرۇم ئۈچ سودىگەر يولدىشىمغا بەك ياراپ كەتتى. ئۇلار تا ئايلاپ يۈرۈپ قايتقۇچە ھەر كۈنى كەچتە پولۇ يەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يول – يولدىكى دەڭلەردە مەخسۇس قازان، جاۋۇر، كەپكۈر ۋە گۈرۈچ ئەكىلىپ قويغانىكەن، ھەر كۈنى قونۇشقا چۈشكەن دەڭدە پولۇ دۈملىنىپ تۇرىدىكەن.

     

     

    مەن تاماقتىن كېيىن، قازان – قۇمۇچنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپلا ئاتلارغا بېدە توغرايتتىم، يەم تاسقايتتىم، ئوقۇرلارنى تازىلايتتىم. باش توخۇ قىچقارغاندىلا يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تاڭشۇرۇپ قويغان ئاتلارنى ئوتقا قوياتتىم. بەزىدە تېخى ئاتلاردىن خەۋەر ئالغاچ، تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماي، ئىككى – ئۈچ قېتىم ئوت سالاتتىم. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بولسا، ئاتلارنى سۇغىرىپ، يەم بېرىپ، تۆت ئاتنىڭ ئېگەر _ جابدۇقلىرىنى يىغىپ رەتلەيتتىم، ئاندىن ئاتلارنى توقۇپ، مىنىشكە تەييارلاپ قوياتتىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئەتتىگەنلىك تاماقنىڭ ھازىرلىقىنى قىلاتتىم.

     

     

    يولغا چىققاندا، ئەتىدىن كەچكىچە ئاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، باياۋان – چۆللەرنى كېزىپ ئۆتۈش بەك زېرىكىشلىك ئىدى. مەن سەپەرداشلىرىمنىڭ ئىچى پۇشۇپ، ئۇيقۇسىراپ، بېشىنىڭ ساڭگىلاۋاتقان قىياپىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا پىرىزىخان مومامدىن ئاڭلىۋالغان لەتىپە ۋە چۆچەكلەرنى سۆزلەپ بېرىشكە كىرىشەتتىم. سودىگەرلەر ناھايىتى خۇش بولۇپ مەندىن رازى بولاتتى، كېيىنچە ئۇلار مېنىڭدىن مۇشۇنداق چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ رەھمەت ئېيتىپ، ئاغزىمغا ناۋات سېلىپ قويىدىغان بولدى. مەنمۇ بۇلارنى خۇش قىلسام، بودىسى بار (پايدىسى كۆپ) ماللارنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ دېگەننى ئويلاپ، ھەر كۈنى قونالغۇدا ياخشى خىزمەت قىلاتتىم، يولدا يۈرگەندە قىزىق – قىزىق چۆچەكلەرنى سۆزلەپ بېرىپ روھلاندۇراتتىم. بۇرۇن ئاڭلىغان چۆچەكلىرىمنى سەپەردە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمغا قوشۇپ، كېڭەيتىپ ئىجادىي ئۇسۇلدا سۆزلەيتتىم.

    بىر كۈنى ئۇلار قانداق ئادەم راھەت كۆرگەن بولىدۇ دېگەن مەزمۇندا سۆز تالىشىپ، ھەر قايسىسى بۇ توغرۇلۇق ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ۋە ئارزۇلىرىنى ئېيتىشتى.

    خوتۇنپەرەس بىرسى:

    _ ئەگەر قاشلىرى قەلەمدەك، كۆزلىرى يالتىراپ تۇرغان قاپقارا چاراس ئۈزۈمدەك، ئاق يۈز، مەڭزى ئاناردەك، چىشلىرى سەدەپتەك، لەۋلىرى قىزىل ياقۇتتەك، بەللىرى بىر تۇتام بولغان، ئىككى تال سۇمبۇل چېچى تېقىمىدا سويلاپ تۇرغان، غۇنچە بوي، چىرايلىق ياش ئايالىڭ بولسا، بەختىڭنىڭ ئېچىلغىنى شۇ، _ دېدى كۆزلىرىنى ئوينىتىپ.

    پۇلپەرەس بىرسى:

    _ چىرايلىق خوتۇنۇڭ بولغان بىلەن بەختىڭ ئېچىلمايدۇ، ئۇنىڭغىمۇ پۇل بولسا بولىدۇ، بولمىسا سېنى تاشلاپ كېتىپ، ھەسرەتتە قالدۇرىدۇ. «ئاكىسى پۇل، چىمەندە گۈل» دەپتىكەن، پۇلۇڭ كۆپ بولسا، قولۇڭنى نەگە سوزساڭ شۇ يەرگە يېتىدۇ، گۈزەل نازىنىنلار ئالدىڭغا كېلىپ ئېگىلىپ تۇرىدۇ. دېمەك، راھەتنى پۇلغا ئىگە بولۇش بىلەن تاپقىلى بولىدۇ، شۇڭا ئاۋۋال مانا بۇنى تولدۇر، _ دېدى چۆنتىكىنى ئۇرۇپ.

    مەنسەپپەرەس بىرسى:

    _ ھەر ئىككىڭلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نېمىسى بىلەن راھەتكە يەتتىم دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن كاتتا ئەمەلدا بولۇش كېرەك. ئەگەر پادىشاھ بولۇپ قالساڭ، _ دېدى خوتۇنپەرەسنى كۆرسىتىپ، _ ماۋۇ ئىشقىۋازنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك خوتۇندىن قىرىقنى ئالغىلى بولىدۇ. پۇلغا تەشنالارنىڭمۇ مۇرادى ھاسىل بولۇپ، خەزىنىسى ئالتۇن، كۈمۈشكە تولىدۇ. نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇ نېمىسى تەل بولىدۇ.

    بۇلار ئۈچى ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر قانچە مىساللارنى كەلتۈرۈشتى، ھېچقايسىسى بىر چۈشەنچىگە كېلىشمىدى. ئاخىر ئۇلاردىن بىرى ماڭا قاراپ:

    _ سەن كىچىك بولساڭمۇ بۇ توغرۇلۇق ئويلىغىنىڭنى دەپ باققىنا، _ دېدى. باشقىلىرىمۇ مېنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشۇمنى سوراشتى.

    مەن ئاتا – ئانامدىن كىچىك قېلىپ، يېتىمچىلىكتە سەرسان بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردىكى غۇربەتچىلىك تۇرمۇشتا خاتىرجەم بولالماي يۈرگەنلىرىم كۆز ئالدىمغا كەلدى – دە:

    _ راھەت دېگەن خاتىرجەم بولۇشتا، _ دېدىم ۋە مۇنداق بىر چۆچەكنى ئېيتىپ بەردىم، _ بۇرۇنقى زاماندا ئاۋات چوڭ شەھەرنىڭ سىرتىدا چوڭقۇر بىر يار بار ئىكەن. شۇ يارنىڭ بويىدا ئۆسكەن چوڭ بىر توغراقنىڭ يېنىدىكى كەپىدە بىر ياماقچى ياشايدىكەن. بۇ جاي چوڭ يول بويىغا يېقىن بولغىنى ئۈچۈن ئۆتكەن – كەچكەن كىشىلەر ياماقچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يىرتىلغان ئۆتۈك – پوپۇچلىرىنى يامىتىدىكەن. شۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆمۈرچىلەر بىرەر پارچە كۆمۈر، ئوتۇنچىلار بىرەر قولتۇق ئوتۇن، باققاللار بىرەر قوغۇن، تاۋۇز ياكى يەل – يېمىش بېرىپ ئۆتىدىكەن. دېھقانلار بولسا، بىرەر شىڭ ئاشلىق بېرىدىكەن. ياماقچى ياشايدىغان يارنىڭ ئاستىدا بىر تۈگمەن تاش چۆرگىلىگىدەك سۇ ئېقىپ تۇرىدىكەن. ياماقچى بۇ سۇغا ئاغزى تەتۈر قىلىپ توقۇلغان بىر سېۋەت ئىچىگە كۈنجۈرە سېلىنغان سېۋەتنى سېلىپ ھەر كۈنى ئەتىسى ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالغان بىر نەچچە تال بېلىقنى سۈزۈۋېلىپ، شورپا قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭدا يېمەك – ئىچمەك، ئارام ئېلىپ ياتىدىغان جاي غېمى بولمايدىكەن. سۇ بويى دەل – دەرەخلىك، چىمەنزار، ھاۋالىق بولۇپ، ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىكەن. ئەمما تونۇش – بىلىش كىشىلەر كېلىپ: «سەن دېگەن مۇشۇ يۇرتنىڭ پادىشاھىنىڭ كونا دوستى، نېمىشقا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىرەر ئەمەل سورىماي، مۇشۇنداق ئەسكى بىر گەمىدە ئولتۇرۇپ بىچارە ھالدا جان ساقلايسەن، دوستۇڭ بولسا، نازۇ – نېمەت، شايى – ئەتلەس ئىچىدە راھەت – سائادەتلىك كۈن كەچۈرىدۇ» دەپ ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىكەن. بۇنداق گەپلەر ياماقچىنىڭ قۇلىقىغا كىرىۋېرىپ، ئاخىر ئۇمۇ بىر ئەمەلدار بولۇپ، نۇرغۇن دۇنيا يىغىپ، ئالىي ئىمارەتتە ئولتۇرۇپ، ئېسىل تاماقلارنى يەپ، چىرايلىق خوتۇن ئېلىپ باققۇسى كەپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بۇ مەقسىتىنى ئېيتىش ئۈچۈن كىچىكىدە بىللە ئويناپ، بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشى __ يۇرتنىڭ پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرمەكچى بولۇپ، ئوردا ئىشىكى ئالدىغا كەپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ كىيىملىرى ئەسكى بولغىنى ئۈچۈن، قاراۋۇللار ئۇنى ئىچكىرى كىرگۈزمەپتۇ.

    _ سىلەر كىرىپ پادىشاھقا: «جانابىڭىز بىلەن ئۆز ۋاقتىدا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىڭىز سادىق دېگەن كىشى كەپتۇ، ھۇزۇرىڭىزغا كىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ» دەپ بېقىڭلار، ئەگەر رۇخسەت قىلسا كىرەي، بولمىسا قايتىپ كېتەي، _ دەپتۇ ياماقچى. قاراۋۇللار دېگەنلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، پادىشاھ دەررۇ ئۇنى ئىچكىرىگە كىرگۈزۈشكە بۇيرۇپتۇ.

    پادىشا كونا ساۋاقدىشىنى ئوچۇق چىراي كۈتۈۋاپتۇ ۋە تۈرلۈك نازۇ – نېمەت ۋە ئېسل تائاملار بىلەن مېھمان قىپتۇ. ئاندىن كېيىن سازەندىلىرىنى چاقىرتىپ، نەغمە – ناۋا قىلدۇرۇپ، ساۋاقدىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپتۇ. ئاخىرىدا پادىشاھ ساۋاقدىشىدىن بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىنى سوراپتۇ.

    ياماقچى ئىززەت – ئېكرام بىلەن شاھقا ئېگىلىپ:

    _ ھۆرمەتلىك دوستىمىز، جانابى پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن ۋە سىلى گۈدەك ۋاقتىمىزدا بىللە ئوقۇپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولغانىدۇق. ۋەھالەنكى، مۇشۇ كۈنلەرگە كەلگەندە ئۆزلىرى پادىشاھ بولۇپ، مانا مۇشۇنداق ئالتۇن تاج كىيىپ، تەختكە چىقىپ، تەڭدىشى يوق راھەتكە يېتىشتىلە. مەن بولسام، دەل – دەرەخ ئاستىدا ياماقچىلىق قىلىپ، ئوماچ ئىچىپ، گەمىدە تۇرىمەن. ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشى ئاسمان بىلەن زېمىندەك پەرق قىلىدۇ. مەن بۇنىڭغا ھەسەت قىلمىساممۇ، ئەل – جامائەت: قەدىناس دوستۇڭغا بېرىپ، ئەھۋالىڭنى ئېيتىپ باق، شاھىمىز بىرەر ئەمەل بېرىۋەتسە، ئەجەب ئەمەس، _ دەپ بېشىمنى ئايلاندۇرۇۋەتتى.

    _ خوش بۇرادەر، ئەمەلگە تەشنالارغۇ ساڭا شۇنداق دەپتۇ، ئەمدى سەن ئۆزەڭ نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپتۇ پادىشاھ.

    _ ماڭا بىرەر جاينىڭ ھاكىملىقىنى بەرسىڭىز، _ دەپتۇ ياماقچى.

    پادىشاھ ئىككى قولىنى تىزىغا ئۇرۇپ قاقاھلاپ كۈلۈپ، كېيىن ئۇنىڭغا قولىنى سوزۇپ، تەختنىڭ ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇرغان تاج قادالغان دائىرىلىك قۇببىنى كۆرسىتىپتۇ:

    _ ھەي بۇرادەر، ئاۋۇنى كۆردۈڭمۇ، مەن شاھلىق تەختىگە چىققاندىن بېرى قىلدا باغلاپ بېشىمغا ساڭگىلىتىپ قويۇلغان بىر تۈگمەن تېشىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرىمەن. شۇ ھالەتتە نەچچە پاتمان كېلىدىغان بۇ تۈگمەن تېشى ئۈزۈلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئاستىدا يانجىلىپ كېتەرمەنمىكىن دېگەن ۋەھىمە ئىچىدە ياشايمەن. ئەگەر مېنىڭ جان دوستۇم، خالىساڭ سەن ھاكىملىقتەك كىچىك بىر ئەمەلنى سورىغىچە، مۇشۇ پادىشاھلىقىمنىلا سورا، مەن ساڭا مۇشۇ تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرەي، سەن پادىشاھ بول، مەن سېنىڭ گەمەڭگە بېرىپ خاتىرجەم تۇراي، بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟ _ دەپتۇ.

    ياماقچى زېرەك پادىشاھنىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپتۇ – دە:

    _ بۇرادەر ئەزىز، سەنمۇ ئۆز ئىشىڭنى قىل، مەنمۇ ئۆز ئىشىمنى قىلىۋېرەي، _ دەپ ئوردىدىن چىقىپ كېتىپتۇ.

    دېمەك، خاتىرجەم بولالمىسىڭىز، چىرايلىق خوتۇن ئالسىڭىزمۇ، ئالتۇن، كۈمۈش، پۇللارنى دۈمبىڭىزگە يۈدۈپ يۈرسىڭىزمۇ، پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرسىڭىزمۇ، ھېچ ئارام ئالالمايسىز. دۇخاۋا كۆرپىدە ياتسىڭىزمۇ، تىكەننىڭ ئۈستىدە ياتقاندەك بولىسىز...

    سەپەرداشلىرىم مېنىڭ چۆچىكىمگە قايىل بولغاندەك، ئۈچىلىسى تەڭلا بېشىنى لىڭشىتتى. ئۆتەڭگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن تېخى خېلى ئۇزۇن يول يۈرۈش كېرەك ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار قىزىق، ئەمما ئۇزۇنراق يەنە بىر چۆچەك ئېيتىپ بېرىشىمنى ئىلتىماس قىلىشتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى يەردە قويماي، «گۆھەر تىپىۋالغان دېھقان» دېگەن ئاجايىپ بىر چۆچەكنى باشلىدىم. چۆچەكنىڭ تەسىرچان پەيتلىرى سۆزلىنىۋاتقاندا، سەپەرداشلىرىم مېنى ئېتىمنىڭ تىزگىنىنى سىلكىشتىن، قامچا ئۇرۇشتىنمۇ ئازاد قىلىپ، بىرى ئېتىمنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتتى، يەنە بىرى ئېتىم ئارقىدا قالاي دېگەندە ساغرىسىغا قامچا ئۇرۇپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ قولۇم بوشاپ تېخىمۇ قىزغىن سۆزلەپ، قوللىرىمنى رىۋايەتتىكى تۈرلۈك ھادىسىلەرگە ماسلاشتۇرۇپ ھەرىكەت قىلاتتىم. شۇ يوسۇندا بىز تۆتىمىز ئۇيۇل بىر توپ بولۇپ، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە يول ئازابىنى بىلمەي قونالغۇغا بېرىپ قالاتتۇق.

    ئۇلار ماڭا: «بۇندىن كېيىن سەن ئۇيقۇڭنى ئۇخلاۋەر، بىز نۆۋەت بىلەن ئۆز ئاتلىرىمىزغا قوشۇپ سېنىڭ ئېتىڭنىمۇ باقىمىز. ھەم ھەر كۈنى سەھەردە ئېتىڭنى توقۇپ، سېنى ئېگەرگە قولتۇقلاپ چىقىرىمىز، سەن بىزگە يول بويى چۆچەك ئېيتىپ بەرسەڭلا بولدى» دېدى. مەن خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ھۇزۇرلاندۇرغۇچى كۈچىنىڭ شاراپىتى بىلەن بۇ ئۈچ سودىگەرنىڭ ئېتىنى بېقىش، توقۇشتىن مانا شۇنداق ئازاد قىلىندىم.

    بىز شىخو ۋە ماناس ناھىيىلىرىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ دەسمايىسى كۆپ بولغانلىقتىن، كۆپرەك ئۇچرىغان تېرە – تەسەكلەرنى ئۆزلىرى ئالاتتى، مېنىڭ پۇلۇم ئاز بولغىنى ئۈچۈن، باھاسى ئەرزانراق پارچە – پۇرات ئەلتېرە، مارىيىلەرنى ماڭا قالدۇراتتى. ئۇ ئەتراپتا بىرەر ئاي يۈرگەندىن كېيىن، ئالغان ماللىرىمىزنى ئېشەكچىلەرگە كىراغا بېرىپ، ئۆزىمىز غۇلجىغا يول ئالدۇق. مارىيىلەرنى بولسا، يېنىك ھەم پۇللۇق بولغىنى ئۈچۈن، چوڭ خۇرجۇنلارغا قاچىلاپ، ئۆز ئاتلىرىمىزغا ئارتىپ ماڭدۇق.

     

     

    بىز جىڭغا كەلگەندىن كېيىن مەسلىھەت قىلىپ، ئاچال بىلەن غۇلجىغا چۈشۈپ كېتىدىغان بولدۇق. چۈنكى چوڭ يول بىلەن ماڭساق، غۇلجىغا بەش – ئالتە كۈندە ئاران يېتىپ باراتتۇق. ئەگەر تاغ ئارىسىدىكى چىغىر يول بىلەن داۋان ئېشىپ يۈرسەك، تاغ ئىچىدە بىر قونۇپلا ئىلىغا يېتىپ بارغىلى بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىسى تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەنلا ئاچالغا قاراپ يول ئالدۇق. «كاللا ئاستى» تۈزلەڭلىكى (بۇرۇن بۇلاڭچىلارنىڭ باشلىقىنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ ئېسىپ قويۇلغان جاي) نى بېسىپ ئۆتۈپ، تاغ ئارىسىغا ئۆتىدىغان قايچا ئېغىزىغا يېقىن قايدىكى داۋان يېنىغا كەلگەندە كەچ كىرىپ، شىۋىرغان چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن داۋان تۈۋىدىكى قازاقلارنىڭ ياغاچ ئۆيىدە قونۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇ يەرگە بىزدىن ئاۋۋال ئەللىك – ئاتمىش ئېشەككە تۇز ئارتقان تۆت ئېشەكچى چۈشكەنىكەن. ئۇلار شىۋىرغاندا تاغ ئارىسىدىن يول تېپىپ مېڭىشقا ئىلاج قىلالماي، بۇ يەردە ئۈچ كۈن يېتىپ قاپتۇ. بىز تۆتىمىز ئۆي ئىگىلىرىنىڭ: «ھازىر تۆتىنچى ئاي بولسىمۇ، بۇ داۋاننىڭ ئۈستى يايلاق بولغاچقا قار قېلىن، تېخى يول ئېچىلغىنى يوق، سىلەر ئۇقۇشماي بۇ تەرەپكە كېلىپ قاپسىلەر. جىڭغا قايتىپ چوڭ يول بىلەن ماڭساڭلار بولارمىكىن» دېگەن سۆزلىرىگە كۆنمەي، سەھەر تۇرۇپلا قاراملىق بىلەن يولغا ئاتلاندۇق.

     

     

    بىز داۋان ئۈستىگە چىقىپ، تۈزلەڭگە چۈشكىچە تىزغىچە قارا كېچىپ يول تېپىپ يۈردۇق. چۈشتىن كېيىن شىۋىرغان كۈچىيىپ كېتىپ يول تاپالمىدۇق. يا ئارقىغا يېنىشنى، يا ئالدىغا مېڭىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتلارنى تاغ قاپتاللىرى تەرەپكە بۇراپ يول ئىزلىدۇق. بەزى جايلاردا قار ئاتنىڭ قارنىغىچە كېلەتتى. مۇنداق ۋاقىتتا ئاتلار قارنى كۆكسى بىلەن بۇزۇپ، يول ئېچىپ ماڭاتتى. بەزى جايلاردا بولسا ئاتلارنىڭ پۇتى يەرگە تەگمەي، قورسىقى بىلەن قار دۆۋىسىگە ئېسىلىپ قالاتتى. مانا شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تۆتىمىزنىڭ ئاتلىرى قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى. بەزىدە ئۇنىڭ، بەزىدە بۇنىڭ ئېتى يول بۇزۇپ ماڭاتتى. قالغان ئۈچىمىز شۇنىڭ ئاچقان يولى بىلەن ماڭاتتۇق. ئاخىرىدا ئۈچ سودىگەرنىڭ داڭلىق يورغا ئاتلىرى دەرمانى كېتىپ، يول بۇزالماي قالدى. سودىگەرلەر قاتتىق قايغۇغا چۈشتى. شىۋىرغان ئۇشقىيتىپ، قۇلاقلىرىمىزنى ئۇچۇرۇۋەتتى، كۆز چاناقلىرىمىزنى قار – مۇز قاپلاپ كەتتى، بىز ھېچ ياققا ئىلگىرىلىيەلمەي، جايلىرىمىزدا تۇرۇپ قالدۇق. مۇشۇنداق ئېغىر پەيتتە مېنىڭ كۆرۈمسىز، يېغىر، قوتۇر ئېتىم كۆكسى بىلەن قارنى بۇزۇپ، قاپتالدىن قورسىقى بىلەن تۆۋەن سېيرىلىپ يول ئاچتى. يولدا ھەمراھلىرىمنىڭ ئاتلىرى ئويناقلىشىپ ماڭغان پەيتلەردە، مېنىڭ قوڭۇر ئېتىم بېشىنى سېلىپ ئاستىراق ماڭاتتى. سودىگەرلەر مېنىڭدىن:

    _ بۇ بىچارە قاشاڭنى نەدىن ئالغانسەن؟ _ دەپ سورىدى.

    _ بۇ ھارۋا تارتىپ، تۇلۇق تارتىپ، جانغان ئەسقاتقان ئات. سىلەرنىڭ ئاتلىرىڭلاردەك سىلاپ – سىيپاپ باققان ئەتىۋارلىق مال ئەمەس، _ دېدىم مەن ئۇلارغا. مانا بۈگۈن بۇ جاچاغا چېنىققان قوڭۇر ئېتىم تۆتىمىزنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغاندا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. ئۇ خېلى يەرلەرگىچە يول بۇزۇپ يۈرۈپ، ئاخىر ئىككى پۇتى يەرگە يەتمەستىن، قورسىقى بىلەن قاردا ئېسىلىپ قالدى – دە، بېشىنى قارغا قويۇپ ياتتى. قاراپ تۇرساق، ئاتنىڭ ئىسسىقى بىلەن قارلار ئېرىپ، ئاتلار چۆكۈپ، ئېگەر ئاران كۆرۈنۈپ قالدى. بىز ئەمدى ئاتلارنى يېتىلەپ پىيادە ماڭاتتۇق. شۇنداق ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، كېيىن بىزگە مۇنداق بىر ئەقىل كەلدى: مېنىڭ غانجۇغامدا باغلاقلىق بىر پارچە ئاق خوتەن كېگىزى بار ئىدى، ئەمدى بىز ھېرىپ قالغان ئاتلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى خۇرجۇن ۋە ئېگەر – توقۇمنى ئېلىپ قويۇپ، قار ئۈستىگە سېلىپ قويغان كېگىزىمىزنىڭ ئۈستىدىن ئاۋۋال بىرىمىزنىڭ ئېتىنى دەسسىتىپ، ئۇنى تۆت – بەش غۇلاچ نېرىغا ئاپىرىپ قوياتتۇق. ئاندىن كېيىن ئىككىنچىمىزنىڭ ئېتىنى شۇ تەرىقىدە دەسسىتىپ ماڭغۇزاتتۇق. كېيىنچىرەك بىرىمىز ئاتنىڭ چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ، بىرىمىز قۇيرۇقىنى قايرىپ، يەنە بىرىمىز قۇلىقىدىن تارتىپ سۆرەپ، بىر ئاز جايغا ئاپىرىپ قويۇپ كېلىپ، باشقىلارنىڭكىنىمۇ شۇنداق قىلاتتۇق. ئاتلارنى مۆلچەرلەپ قويغان يەرگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، يېنىپ كېلىپ خۇرجۇن ۋە ئېگەر – توقۇملارنى داپقۇر بىلەن ئېلىپ باراتتۇق. پەقەت تېز قار بار يول تېپىش ئۈچۈنلا تاغ قاپتىلىدىكى قار ئۈستىگە بېشى چىقىپ تۇرغان قوراينى نىشان قىلىپ ماڭاتتۇق. بىز تىزىمىزدا بەزىدە مەيدىمىزگىچە قار كېچىپ پىيادە يۈرگىنىمىزدە ئىبراھىم ئىسىملىك سودىگەر قاردىن پۇتىنى چىقىرالماي، بىر پاي كالىچى قار ئاستىدا قاپتۇ. ئۇ قولىنى تىقىپ يۈرۈپمۇ كالىچىنى تاپالمىدى. چۈنكى قار ئاستى ئېرىپ كەتكەچكە سۇ بولۇپ ئېقىپ تۇراتتى. نامازدىگەر ۋاقتىدا شىۋىرغان يەنە كۈچىيىپ كەتتى. بىز تاغدىن ئېشىپ كېتىدىغان جايغا پات – پات قاراپ قوياتتۇق، كۆز يېتىم جايدا قايچا بەلدەم كۆرۈندى. ئەنە شۇ يەرگە بارساق ھايات قالاتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مەسلىھەتلىشىپ: «ئات ۋە خۇرجۇنلىرىمىزنى دېسەك، بۇ يەردىن ھايات چىقالمايمىز، چۈنكى كەچ كىرىشكە بىر – ئىككى سائەت ۋاقىت قالدى. ئەگەر كېچىسى مۇشۇنداق شىۋىرغاندا قار ئۈستىدە يېتىپ قالساق، ھاياتىمىزدىن ئايرىلىمىز. ئات ۋە نەرسە – كېرەكلەر جاندىن ئەزىز ئەمەس، شۇڭا ھاياتىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەنە شۇ قايچىدەك كۆرۈنگەن جايغا قول تۇتۇشۇپ پىيادە ماڭايلى» دېيىشتۇق. ئەمما بىزنىڭ پىكرىمىزگە ئىبراھىم دېگەن سودىگەر قوشۇلمىدى. ئۇ: «سىلەر كەتسەڭلار كېتىۋېرىڭلار، مەن بۇ خۇرجۇننى بېشىمغا قويۇپ، مۇشۇ يەردە ياتىمەن. ھايات قالسام خۇرجۇنۇمنى ئېلىپ كېتىمەن، بولمىسا مۇشۇ خۇرجۇنۇمنىڭ ئۈستىدە جان بېرىمەن» دەپ يىغلىغىلى تۇردى. ئۇقساق، ئۇنىڭ پەرتە گېلەم خۇرجۇنىدا نەچچە مىڭ سوم پۇل، قاما، مارىيە ۋە ئاق تەڭگىلەر بار ئىكەن. بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭغا جېنىدىن ئەزىز ئىدى. ئەمما بىز ئۈچىمىز ئۇنىڭ دۇنياسىنى ئەمەس، «ياخشى يولداش يولدا يولدىشىنى تاشلاپ كەتمەس» دېگەن تەمسىل بويىچە ئىبراھىمنى تاشلاپ كېتىشكە قىيمىدۇق.

     

     

    بىز قانداق قىلىش لازىملىقى ھەققىدە ئويلىنىپ، بىز ئالدىمىزغا قارايمىز، بىر ئارقىمىزغا قارايمىز. نەق شۇ پەيتتە بىز كىچىك داۋان ئاستىدىكى ياغاچ ئۆيدە بىللە قونغان ئېشەكچىلەر تۇز ئارتقان ئېشەكلىرىنى ھەيدەپ، بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپ قالدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن خەۋپسىرەپ: «ھاي ئېشەكچىلەر، بۇ تەرەپكە ماڭماڭلار، خەتەرلىك، ئۆلىسىلەر!...» دەپ بار كۈچىمىز بىلەن ۋارقىرىدۇق. شىۋىرغان بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. ھاۋا تۇمانلىشىپ ئۇلارنىڭ ئاڭلىغان – ئاڭلىمىغانلىقىنى ئۇقالمىدۇق. قاتقان قار ئاتلارنى كۆتۈرەلمىگىنى بىلەن، پىيادە ماڭغاندا بىزنى كۆتۈرەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزگە ئاتلارنى ماڭغۇزۇش ئەڭ ئېغىرغا چۈشتى. مەن كۈلتۈك قاردىن پۇتۇمنى چىقىرالماي، ھارغانلىقىمدىن ئېتىمنى چۇلۋۇرىدىن تۇتۇپ، تىزلىنىپ ئالغا سۈرۈلەتتىم. يولداشلىرىم ئۇنىڭ قۇيرۇقىدىن تۇتۇپ ئالغا تارتاتتى. ئات بولسا بار غەيرىتى بىلەن ئالغا يۇلقۇنۇپ، كۆكسى ئارقىلىق قارنى يېرىپ يول ئاچاتتى. يولداشلىرىم:

    _ ھەي جانىۋار، كۆرۈمسىز بولغىنىڭ بىلەن دۇلدۇل ئىكەنسەن! _ دەپ ماختايتتى. مەن بىراز دېمىمنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ پېشانىسىنى سىلاپ قويۇپ يەنە ئالغا ئىنتىلىشكە قىستايتتىم. ئەتراپ بارغانسېرى قاراڭغۇلاشماقتا. بىز ھەدەپ نىشان قىلغان تاغنىڭ ئاچىماق ئېغىزىغا قارايتتۇق. «ئاھ خۇدا! بىزنى شۇ يەرگە يەتكۈزگىن!» دەپ ھەسرەت چېكەتتۇق.

    مېنىڭ بىچارە جاپاكەش، ئورۇق، يېغىر قوڭۇر ئېتىمنىڭ شۇ كۈنى كۆرسەتكەن غەيرىتى مېنى ئۇنى جاندىن ئەزىز كۆرۈپ، تا ئۆلگىچە قولدىن چىقارماي بېقىشىمغا قەسەم ئىچكۈزدى. ھەر ھالدا ئادەمدە ئۈمىد ۋە غەيرەت ئۈزۈلمىسە، دەھشەتلىك شارائىتلاردىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئىكەن. بىز شۇ كۈنى ئۆزىمىز پىيادە، ئات، ئېگەر، توقۇم ۋە خۇرجۇنلىرىمىزنى داپقۇر قىلىپ يۈرۈپ، ھېلىقى قايچا كۆرۈنگەن تاغ ئېغىزىغا كەلدۇق.

    بىز نامازشام بىلەن گۆر ساينىڭ ئىچىگە كىردۇق. بۇ، ئىككى ئېگىز چوڭ تاغنىڭ ئۈستى ئىككى غۇلاچچە ئاجرىلىپ، بوش قالغان جايدىن ئاسمان كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئۆڭكۈر تاغ يولى ئىكەن. بۇ قىساڭ تاغ يولى ئەتراپىدىكى تاش ئارىلىرىدا نۇرغۇنلىغان قويلارنىڭ ئۆلۈكى ياتاتتى. بۇ بولسا، بىزدىن بىر كۈن ئاۋۋال بىز بېسىپ ئۆتكەن يولدىن قوش ئەمچەك يايلىقىغا بىۋاقىت كۆچۈرۈلگەن تۆت – بەش قورا قوينىڭ دەھشەتلىك شىۋىرغانغا ئۇچراپ ئۆلگەنلىرى ئىكەن. دېمەك، مالچىلار ئەللىك پىرسەنت مالدىن مۇشۇ ئەتراپتا ئايرىلىپ قاپتۇ. بىز بۇ يەرگە قاش قارايغاندا كېلىپ، جېنىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدۇق. بىز بېسىپ ئۆتكەن جايلاردا قانچىلىغان قويلارنىڭ ئۆلۈكى قارغا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلمەيمىز. بىز بۇ يەردە تېخى جان تالىشىۋاتقان قويلارنىمۇ كۆردۇق. مەن مۈشۈكتەك بىر قارا قوزىنىڭ ئۆلۈپ قالغان ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى ئېمىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. سۈت چىقمىغانسېرى ئۇنىڭ تۇمشۇقى ئۆلۈك ساغلىقنىڭ يېلىنىنى قاڭقىتاتتى. مەن بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ خەۋپ ئاستىدىن قۇتۇلغانلىقىغا شۈكۈر قىلدىم. ئەمما قوزىغا ئىچىم ئاغرىپ، ئۇنى بىز تۈنىمەكچى بولغان ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە كۆتۈرۈپ كىردىم.

     

     

    بىز يوغان تاشلار ساڭگىلاپ تۇرغان بىر ئۆڭكۈر ئىچىدە ئارام ئالدۇق. ئاتلارنى بولسا، بىر – بىرىگە چېتىپ قويدۇق. ئۇلارمۇ پۇتلىرىنى سوزۇپ يولدا يېتىشتى. بىز بىر – بىرىمىزدىن سەرەڭگە ۋە يېمەكلىك سۈرۈشتۈردۇق. بىرىدىن بىر قاپ سەرەڭگە چىقتى. يەنە بىرىنىڭ خۇرجۇنىدىن بىر بولاق قەنت، يەنە بىرىنىڭكىدىن بىر كاللەك ناۋات چىقتى. لېكىن ئۇلارنىڭ خۇرجۇنىدىن قورساق تويغۇدەك باشقا نەرسە چىقمىدى. مېنىڭ خۇرجىنىمدا شىخودىكى سىڭلىم يوللۇق تۇتقان توقاچتىن بەش – ئالتە دانە قالغانىكەن. مەن بۇ ياغلىق توقاچنى ھېرىش ۋە ئاچلىقتىن دەرمانى قالمىغان سەپەرداشلىرىمنىڭ ئالدىغا _ خۇرجۇن ئۈستىگە ئېلىپ قويدۇم. ھەممسى خۇشاللىقتىن: «سەن خاسىيەتلىك يىگىت ئىكەنسەن» دەپ خۇش بولۇشۇپ مۈرەمگە ئۇرۇپ كەتتى. بىز بۇ توقاچلارنى قەنت، ناۋات بىلەن قوشۇپ يېدۇق. قۇرۇپ كەتكەن گاللىرىمىزنى نەمدەش ئۈچۈن بۇ يەردە سۇ ياكى قارمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قاراڭغۇدا گۆر سايدىن چىقىپ، بىزنى ئەتتىگەندىن بېرى قىينىغان قاردىن قالپىقىمغا توشقۇزۇپ ئېلىپ كەلدىم. قارنى چايناپ يەپ ئۇنىڭدىن دەردىمىزنى چىقاردۇق – تە، ئۈن چىقارماي سوزۇلۇپ يېتىپ ئۇخلاپ كەتتۇق. ھە راست، بىز تاماقلىنىۋاتقاندا مەن ھېلىقى يېتىم قوزىغا قەنتنى چايناپ ئاغزىغا سېلىپ قويغانىدىم. ئۇمۇ مېنىڭ قوينۇمدا پۇشۇلداپ تۈگۈلۈپ ياتتى. تەبىئەتنىڭ رەھىمسىز ۋەھشىي ياۋۇز قولى بۇ كىچىككىنە قوزىچاقنىڭ ئانىسىنى ھالاك قىلىپ تاشلىغانىدى. بىچارە قوزىچاق بولسا، ئۆز بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكنى سەزمەي، ئۆلۈك ئانىسىنى ئېمىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئەسلەپ، قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈم. ئېغىر مۇسىبەتنىڭ تەسىرى ئىچىدە ئانامنىڭ ئۆلۈمىنى ئەسلىدىم. مەن شۇ چاغدا بەش ياش ئىكەنمەن. مەن ئانام جان ئۈزۈۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا بولغىنىم ئۈچۈن، ئۇ مېنىڭ كىچىككىنە چاپىنىمنىڭ پېشىنى تولغاپ چىڭ تۇتۇۋالغان. چوڭ ئاپام پېشىمنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، مېنى ھاپاش قىلىپ يۈرۈپ ھويلىدا يىغلىغان ئىدى.

     

     

    ئەتىسى بىز ئۆڭكۈردىن چىقىپ ئەركىن نەپەس ئالغاندا، ھاۋا ئېچىلىپ، كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەنىدى. غۇلاچلىرىمىزنى كېرىپ، قەددىمىزنى رۇسلىدۇق. ئاتلارمۇ ھادۇقلىرىنى چىقىرىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغانىدى. دەررۇ جابدۇنۇپ يولغا چۈشتۇق. بىر ئاز مېڭىپ گۆر ساينىڭ نېرىقى چېتىگە ئۆتۈش بىلەن ئاجايىپ بىر مەنزىرىنى كۆردۇق. ئوڭ تەرەپتىكى تاغنىڭ ئېتىكىدە يىلاندەك تولغىنىپ كەتكەن يارنىڭ ئاستىدا كەڭ بىر ساي بار ئىدى. ساي بويىدىكى تېرەك شاخلىرى ياپيېشىل ياپراق چىقىرىپ، سەلكىن شامالدا تەۋرىنىپ تۇراتتى. تېرەك ۋە تاللار ئارىسىدىن ئارغامچا بويى كەڭلىكتە ئاستىدىكى تاشلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سۈزۈك سۇ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتاتتى. تاغنىڭ نېرىقى قاپتىلىدىكى ئۆرۈك ياغاچلىرى بۈككىدە چېچەكلەپ كەتكەن بولۇپ، ئەتراپىدا گۈل ھەرىلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى. سۇنىڭ بويىدىكى يېشىل دۇخاۋىدەك چىمەنزارلىقتا تىكىلگەن كېگىز ئۆي ئالدىدا بىر نەچچە ئادەم يوغان قازانلاردا گۆش پىشۇرۇۋاتاتتى. ئەتراپتا بىر مۇنچە قوي – قوزىلار ئوتلاپ يۈرەتتى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، ھاياجىنىمنى باسالماي:

    _ مانا قاراڭلار، دوزاخ بىلەن جەننەتنىڭ ئارىسى بىر غۇلاچلا ئىكەن، _ دەپ ۋارقىرىۋەتتىم. يولداشلىرىممۇ ماڭا قوشۇلۇپ، پەستىكى سۇ بويىدا ئولتۇرغان ئادەملەرگە قاراپ:

    _ ھاي، ھاي...! _ دەپ ۋارقىرىدى.

    مەن شۇچاغدىكى ھاياجانلانغان بۇ ھېسسىياتىمنى ۋە ئوخشىتىپ قىلغان سۆزۈمنى ئاخىرغىچە ئۇنۇتالمايمەن. چۈنكى ئادەم بايىلا دەھشەتلىك مەنزىرە ئىچىدە ياشاشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن، بىردىنلا ھاياتنىڭ يەنە قەدىرلىك گۈزەل مەنزىرىسىگە كىرىپ قېلىش زوقىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە تىلى ئاجىزلىق قىلسىمۇ، ئەمما دىلىدا مەڭگۈ خاتىرە قالىدىكەن.

    پەستىكى ئادەملەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ بىزنى چاقىرىشتى. ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن تەرىپى بىلەن پەسكە چۈشۈپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۇق. ھال – ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، ئۇلار داۋان ئاستىدىن بىزدىن بىر كۈن ئاۋۋال مۇشۇ ئەتراپقا قوي كۆچۈرۈپ ماڭغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. دېمەك، بىزدىن ئاۋۋال شىۋىرغانغا ئۇچراپ ئىككى مىڭ قويدىن مىڭ قويى ھالاك بولغان بىچارىلەر شۇلار ئىكەن. ئۇلار بىز يولدىكى شىۋىرغاندا ھالاكەت گىردابىدا جان تالىشىۋاتقاندا، بۇ جەننەتكە يېتىشكەنىكەن. ئەتراپتىكى دەرەخلەرگە ھالال قىلىپ ئۆلتۈرۈۋالغان قوي گۆشلىرىنى ئېسىپ قويۇپتۇ. قازاندا بولسا، لىق تولدۇرۇپ سېلىنغان قوينىڭ گۆشى پىشىۋېتىپتۇ. بىز بۇ گۈزەل جايدا چۈشكىچە ئارام ئېلىپ، ئاتلارنى ئوتقا، ئۆزىمىزنى گۆشكە تويغۇزدۇق. ئاندىن قويچىلارغا تەسەللىي بېرىپ، يەنە يولىمىزغا چۈشتۇق.

     

     

    تاغ ئارىسىدىكى سۇنى ياقىلاپ، ئادەمنى مەپتۇن قىلغۇچى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، قوش ئەمچەك يايلىقىدىن ئۆتۈپ، كۈن پاتقاندا تاغ باغرىدىكى تار دېگەن يېزىغا كېلىپ چۈشتۇق. بىز قونغان قورۇ ئوتتۇرا ھاللىق بىر دېھقاننىڭ قورۇسى ئىكەن، بۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلار مېھمانخانا ھېسابىدا مۇشۇ قورۇدا قونۇپ ئۆتىدىكەن. ساھىبخان ناھايىتى خۇشخۇي، مەرد ئادەملەر ئىكەن. ئۆي ئىگىسىنىڭ ئايالى قول – قولىغا تەگمەي ھەرىكەت قىلدى. بىز يۈز – قولىمىزنى يۇيۇپ ئولتۇرۇپ بولغۇچە چاي تەييارلىدى. داستىخان سېلىنغان جوزىغا دائىرىسى بىر قۇچاق كېلىدىغان چوڭ نېپىز ئاق ناندىن بەشنى قاتلاپ قويدى. ئۈستىدە بولسا، سۈت بىلەن يۇغۇرۇپ ياققان، يۈزى ياغلىشىپ تۇرغان تۆت دانە توقاچ بار ئىدى. چوڭ بىر كورىدا كەلتۈرۈلگەن قايماقلىق ئەتكەن چايدىن باشقا يەنە، جوزا ئۈستىگە پىششىق ھەم خام قايماقتىن ئىككى چوڭ چىنە قويۇلدى. باھار مەزگىلى بولغاندا ئىلى يېزىلىرىدا سۈت، قايماق مول بولىدۇ. بىز ئىككى سائەتچە ۋاقىت مەززە قىلىپ، ئىككى – ئۈچ ئاپقۇردىن ئەتكەن چاي ئىچىشتۇق. كېيىن، خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بېدە توغراپ، ئاتلىرىمىزنى ئوتقا قويدۇق. ئەمدى ياتايلى دەپ تۇرساق، ساھىبخان ھاردۇق ئېشى ئىچىڭلار دەپ ئۇنىمىغىنىمىزغا قويماي ئاش كۆكى پۇراپ تۇرىدىغان ئۈگرە ئاش كەلتۈرۈپ قويدى. ئاخىر ئۇنىڭدىنمۇ بىر – ئىككى چىنىدىن ئىچىپ بىر ئاز ئارام ئالدۇق – تە، يېتىپ قالدۇق. شۇ كېچىسى مەن بەخىرامان ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. ئەمما قالغان ئۈچ سەپەردىشىم تاڭ ئاتقۇچە كۆز يۇمماي نالە – زار قىلىشىپ چىقىپتۇ. ئەتتىگەندە قوپۇپ قارىسام، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى قىپقىزىل شەلپەردەك قىزىرىپ كېتىپتۇ. ئۇلار يەنىلا ئىككى قولى بىلەن كۆزلىرىنى تۇتۇپ: «ئاللا توۋا» ئېيتىشىپ، ئۆزلىرىنى تامغا ئۇراتتى. «كۆزىمىزگە يىڭنە تىققاندەك بولۇۋاتىدۇ، قانداق قىلارمىز» دەپ قاخشايتتى. ئۆي ئىگىسى تەجرىبىلىك ئادەم ئىكەن، ئۇ:

    _ كۆزۈڭلارنى قار چېقىپتۇ. بۇنىڭ چارىسى باشنى چۈمكەپ قاردا ھوردىنىش، باشقا چارە يوق، _ دېدى كۆيۈنۈپ.

    بۇلارنىڭ نالە – زارىنى ئاڭلاپ توپلاشقان كىشىلەر بۇ ئۈچ سودىگەر بىلەن بىر كۈن قار دېڭىزىدا چۆمۈلۈپ يۈرۈپ ھېچنېمە بولمىغان مېنىڭ كۆزۈمگە ھەيران بولاتتى. چۈنكى مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە، ھەممە يېرى قار بىلەن قاپلانغان تاغ – ئېدىرلاردا ئازاب – ئوقۇبەتنى بىللە تارتىپ يۈرگەنلەرنىڭ بىرى. «مېنىڭ كۆزۈم قانداق خىسلەت بىلەن بۇلارنىڭكىدەك بولماي ساق قالدى» دەپ ئويلاپ، ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. ئاخىر بۇنىڭ سەۋەبىنى تاپتۇق. مېنىڭ بېشىمدا چۆرىگە مەخمەل تۇتۇلغان قىرغىزچە قالپاق بار ئىدى. شىۋىرغان ئۇرۇپ گەجگە – پېشانىلىرىم توڭلاپ چىمىلدىغاندا، قالپاقنىڭ قايرىمىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەنىدىم. مېنىڭ كۆزۈم قارا مەخمەلگە دۇچ كېلىپ تۇرغىنى ئۈچۈن قار چېقىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قاپتۇ.

    ئەسلىدە بىز پالاكەتكە ئۇچرىغان ئۇ جاي ئالتىنچى ئايلاردا كەلسىڭىز، پۈتۈن ئەتراپى دۇخاۋىدەك يالتىراپ تۇرىدىغان ياپيېشىل ئوتلاقلىق، گۈل – چىمەنلىك يايلاق ئىكەن. شۇ ئەتراپتىكى تۈزلەڭلىك، ئېدىرلار بولسا، سان – ساناقسىز مال – ۋارانلار يايراپ ئوتلاپ، سەمىرىپ كېتىدىغان، سۈت- قايماق، سۈزمە – قېتىق، قىمىز، شىرنە باغلاپ پىشىپ تۇرغان بۆلجۈرگەنلىرى بار جەننەتتەك جاي ئىكەن. ئەمما بىز ۋاقىتنىڭ رەھىمسىز سىنىقىغا دۇچ كەپتىمىز. بىزنىڭ تارتقان ئازابىمىز ئۆزىمىزنىڭ شورىدىن بوپتۇ.

     

     

    مېھماندوست ساھىبخان دېھقان بىزنى ئەتىسى يەنە ئاش ۋاقتىغىچە سۈت – قايماق، قېتىق بىلەن كۈتتى. ئۇ كۆز ئاغرىقىنىڭ قاتتىق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئۈچ سەپەردىشىمنى داۋالاش ئۈچۈن ئاتلاندۇرۇپ، تاردىن تۆۋەن بۆلۈكەي غولىغا باشلاپ كەلدى. تەسكەي جىرالار ئارىسىنى ئىزدەپ يۈرۈپ، چىغلىق بىر جايدا توختاپ قېتىپ قالغان قارنى تاپتى. چىغقا ئوت قالاپ ئۈچ پارچە تاشنى قىزىتتى، ئاندىن كېيىن كۆزلىرىنى قار چاققان ئۈچ سەپەردىشىمنىڭ بېشىنى چاپان بىلەن چۈمكەپ، تاش ئۈستىگە ئاز – ئازدىن قار سېلىپ ھورداتقان ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئاغرىشتىن توختاپ، ئازاپتىن قۇتۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆيۈمچان مېھمانخانا ئىگىسى بىزنى ئاتلاندۇرۇپ شەھەرگە يولغا سالدى. ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىپ:

    _ ھە يىگىت، سەن تېخى بۇلاردىن ياش ئىكەنسەن، ئەمما يولداشلىرىڭدىن تەجرىبەڭ چوڭراق ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن، بېشىڭدىكى ماۋۇ نەچچە يىللىق پايدىسى بار قىرغىزچە قالپىقىڭنى تاشلىماي قىرلاپ كىيىپ بىز تەرەپكە كەلسەڭ، مەن ساڭا ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىپقىزىل قىرغىز قىزدىن بىرنى ئېلىپ بېرىمەن، _ دەپ خۇشال كۈلكە بىلەن بىزنى ئۇزىتىپ قويدى.

     

     

    بىز بۆلۈكەي غولىدىن ئۆتۈپ، غۇلجا شەھەر يولىغا چۈشكەندە، ئارقىمىزدىن يېتىشىپ كەلگەن ئىككى ئاتلىق كىشى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇلار بىزدىن بىر كۈن كېيىن شىۋىرغان توختاپ ھېلىقى داۋان ئاستىدىن بۇ تەرەپكە ئاتلانغانلار ئىكەن. بىز داۋان ئاستىدىكى قازاق چارۋىچىلارنىڭ: «جۇدۇن توختىغاندا ئاتلىنىڭلار، بولمىسا خەۋپ ئاستىدا قالىسىلەر» دېگەن تەكلىپىنى قوبۇل قىلماي، قاراملىق بىلەن يولغا چىقىپ، دەھشەتلىك ئازاب تارتقانلىقىمىزنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردۇق ۋە بىزنىڭ ئىزىمىز بىلەن يولغا چۈشكەن ئېشەكچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلاردىن سورىدۇق.

     

     

    ئۇلار بىزگە، بىزنىڭ ماڭغانلىقىمىزنى كۆرۈپ تۆت ئېشەكچى تۇز ئارتىلغان ئېشەكلىرىنى ھەيدەپ يولغا چىققانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بىز يولدىن ئېزىپ كەتكەن جايدا ئۇلارمۇ ئىز قوغلىشىپ يۈرۈپ، بىز چۈشۈپ قالغان ئېغىر ئەھۋالغا قاپتۇ. بىزنىڭ: «ئارقىغا قايت» دەپ ۋارقىراپ شەرەت قىلغانلىقىمىزنى سېزىپ، ئىككىسى: «قايتايلى» دېسە، جاھىلراق ئىككىسى: «ئالدىمىزدىكى تۆت ئاتلىق ئۆتۈپلا كەتسە، بىزمۇ بۇ يەردىن سالامەت ئۆتۈپ كېتەلەيمىز» دەپ ئۇنىماي مېڭىپتۇ. ئىككىسى بولسا، بۇ ئىككىسىنىڭ گېپىگە قوشۇلماي، ئارقىسىغا يېنىپ، خۇپتەن مەزگىلىدە داۋان ئاستىدىكى ياغاچ ئۆيگە تۇزلىرىنى تاشلاپ، ئوتتۇز ئېشىكى بىلەن مىڭ بىر جاپادا ھايات قايتىپ كەپتۇ. ئىككى ئېشەكچى بولسا، بىز بېسىپ ئۆتكەن، ئاتنىڭ تۇيىقى يەرگە يەتمەيدىغان جايغا كېلىپ، يىگىرمە نەچچە ئېشىكى بىلەن قارغا كۆمۈلۈپ ئۆلۈپتۇ. بۈگۈن تېخى بايىراق ئۇلارنىڭ يولداشلىرى ئاتلىق ئىزلەپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى تېپىپتۇ.

     

     

    مەن بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، بىچارە ئېشەكچىلەرگە بەك ئېچىنىپ قايغۇغا چۆمدۈم. ئادەملەر تىرىكچىلىك يولىدا ھەر خىل ۋەقە – ھادىسىلەرنى باشتىن كەچۈرىدىكەن. بەزىلىرى تۇرمۇشنىڭ مانا شۇنداق دەھشەتلىك ھادسىلىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، تەجرىبىلىك بولۇپ قالىدىكەن. بەزىلەر ھەرقانچە ئېغىر ۋەقەلەرنى كۆرسىمۇ، ئازراق راھەتكە يېتىشسە، كۆرگەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۆزلىرىنى بىلەلمەي قالىدىكەن.

     

     

    مەسىلەن، قىرىق يول يۈرۈپ ھەر تۈرلۈك يول ئازابىنى كۆرگەن، «يول ئازابى __ گۆر ئازابى» دېگەن خەلق تەمسىلىنى ئاڭلىغان ئەللىك – ئاتمىش ياشلىق ئېشەكچىلەر داۋان ئاستىدىكى قازاق يىگىتنىڭ: «تۆتىنچى ئايدا، بولۇپمۇ، بۈگۈنكىدەك ھاۋا تۇتۇلۇپ تۇرغاندا بۇ يايلاق تەرەپتىن يۈرۈشكە بولمايدۇ» دېگەن تەجرىبىلىك مەسلىھىتىگە پەرۋا قىلماي، قانداق يامان ئاقىۋەتكە قالدى – ھە؟! بىزمۇ ئاتلىرىمىز بىلەن قانچىلىك ئازاب چەكتۇق. ھەتتا ھالاك بولۇشقا تاس – تاس قالدۇق. مانا قاراڭ، ھېلىقى ئىككى ئېشەكچى يىگىرمە نەچچە ئېشىكى بىلەن ھالاك بوپتۇ. تەجرىبە – ساۋاق دېگەن كاتتا بىلىم. ئۇنىڭغا رىئايە قىلمىغانلار نادان – دە.

     

     

    بىز كېچىدىن بېرى قونغان ئۆي ئىگىسى __ تەجرىبىلىك دېھقان مەندە ناھايىتى چوڭ تەسىرات قالدۇردى. مەسىلەن، بىز چارچاپ ئۆلەي دەپ قالغاندا، ئۇ ئوچۇق چىراي قارشى ئېلىپ، «بىر ھارغانغا گەپ قىلما، بىر ئاچقانغا» دېگەندەك، ئۇ بىزگە قۇرۇق گەپ قىلماي، مەردلىك بىلەن ئاجايىپ ياخشى تاماق بېرىپ، ئۆزىمىزنى ۋە ئاتلىرىمىزنى بىر كېچە ئاسراپ ئارام ئالدۇردى. ئۆزىنىڭ توپلىغان تەجرىبىسى بىلەن ئۈچ سەپەردىشىمنىڭ دەھشەتلىك ئاغرىۋاتقان كۆزلىرىنى ئەۋلىيالاردەك بىر سائەتنىڭ ئىچىدىلا قار بىلەن داۋالاپ ساقايتىپ قويدى. بۇ نېمىدېگەن ئېسىل، مەرد، ئالىيجاناپ ئادەم! دۇنيادا مانا مۇشۇنداق ئادەملەر كۆپ بولسا، كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئاجايىپ ياخشى بولۇپ، ئوتتۇرىدا بۇرۇن بولمىسىمۇ ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يېمەيتتى، «ھەممە ئادەم ئۆز كۆمچىگىلا قوقاس تارتماس ئىدى». بىراق مۇنداق خالىس، تەجرىبىلىك، خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئېسىل ئادەملەر ناھايىتى ئاز – دە...

     

     

    بىز شۇ كۈنى نامازدىگەر مەھەلدە غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. غۇلجا يازلىق مەنزىرىسى ئاجايىپ چىرايلىق، گۈل – گۈلىستان، باغۇ – بوستانلىق شەھەر بولسىمۇ، شۇ زامانلاردا ئەتىياز پەسلى كوچىلىرى پاتقاق دەستىدىن ئادەمنى يىرگەندۈرەتتى. بىز ئاتلىرىمىزنىڭ تىزىدا شالاقلىتىپ پاتقاق كېچىپ، رەستىدىن ئۆتكەندە، سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان بولساق كېرەك، ئاخشىمى ئۆيۈمگە كەينى – كەينىدىن تۆت – بەش جاللاپ كېلىپ، مېنىڭ نېمە ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى سۈرۈشتۈردى. ئەلتېرە، مارىيە ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى ئۇقۇپ ئۆزلىرىگە سېتىپ بېرىشنى ئۆتۈندى ۋە باشقىلارغا بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىمنى ئېيتماسلىقىمنى جېكىلەپ، مېنى ماختاپ: «ماڭغان دەريا، ياتقان بورىيا» دېگەندەك ھەرىكەت قىلدىڭ، مانا ئەمدى ياراملىق ئادەم بولۇپ قاپسەن. خۇدا خالىسا كاتتا ئادەم بولىسەن، _ دېيىشتى. ئۇلار يەنە بۇ ئىشتا ماڭا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، كۆپ پايدا يەتكۈزۈدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. بەزىلىرى مەن خالىغان پرىيومچى (تېرىلەرنى سورتقا ئايرىغۇچى) ئارقىلىق ياخشى باھادا سېتىۋالىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. مەن: «بولىدۇ، بىز تېخى ھېلى كەلدۇق. ھاردۇقىمىزنى ئېلىپ، مېلىمىزنى قولىمىزغا ئالغاندىن كېيىن سېتىپ بېرەيلى» دەپ، ئۇلارنى يولغا سالدىم.

     

     

    لېكىن ئەتىسى ئەتتىگەندە، مەن تېخى ئورنۇمدىن تۇرمىغاندا، ھېلىقى ئىككى سودىگەر ئۆيۈمگە يەنە كىرىپ مېنى ئويغاتتى، خۇرجۇندىكى مېلىمنى چىقىرىپ كۆرسىتىشكە قىستىدى. ئۇنىڭ بىرى دوگۋارچى باي بولۇپ، بىرى بىزگە تۇغقان بولىدىغان قۇربان دېگەن پرىيۇمچى ئىدى. مەن ماللارنى كۆرسىتىشكە كاجلىق قىلغانىدىم، قۇربان سالا – سۇلۇ قىلىپ، تۇغقانچىلىقىمىزنى شېپى كەلتۈرۈپ، مېنىڭ مەنپەئىتىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ يالۋۇردى ۋە: «ئەزبىرايى خۇدا، مەن سىلەردەك يېتىملارنىڭ پايدىسىنى كۆزلەيمەن» دەپ قەسەم ئىچتى، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئىشىنىپ، خۇرجۇندىكى مارىيە ۋە ئاغمىخان تېرىلىرىنى ئېلىپ ئۇلارغا كۆرسەتتىم. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ قىزىقتى – دە، سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەھكەم ئېسىلدى. ھەتتا مېنىڭ سىرتقى كىيىملىرىمنى كىيىپ، يۈزۈمنى يۇيۇشۇمغىمۇ ئىمكان بەرمەي، سورتقا ئايرىپ باھاسىنى توختام قىلىشتى، خېلى چىڭ تۇرۇپ باھا تالاشتىم، تاغام كەلسۇن ئاندىن ساتاي دەپمۇ باقتىم. لېكىن قۇربان: «مانا تاغاڭمۇ مەن، ساڭا جان – جىگەر قېرىنداشمۇ مەن، سېنى ھەرگىزمۇ كۆيدۈرۈۋەتمەيمەن، ئىللا – بىللا» دەپ يۈرۈپ، مەلۇم بىر باھادا مېلىمنى ئېلىپ، قولۇمغا ئۇچىدىن ئەللىك سوم تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىشتى.

     

     

    كېيىن ئەلتېرەم كەلگەن ھامان، خۇپتەن ۋاقتىدا ئۇلار يەنە كېلىپ ماڭا ئېتىبار بەرگەن باھادا ماللارنى ئېلىپ كېتىشتى.

    بۇ سەپىرىمدە جاپا تارتقان مۇشەققىتىمگە لايىق ئۈچ يۈز سوم پۇلۇم ئالتە يۈز سوم بولۇپتۇ. دېمەك، مەن تەڭمۇ – تەڭ پايدىغا ئىگە بوپتىمەن. ئەمما كېيىن ئۇقسام، مەندىن مال ئالغۇچىلار ئۈچ يۈز ئەللىك سوم پايدا ئاپتۇ. باي جاللاپ قۇرباننىڭ دەللاللىق خىزمىتى ئۈچۈن ئەللىك سوم بېرىپ، ئۆزى بولسا مېنىڭ ئۈچ ئاي يول ئازابى __ گۆر ئازابى تارتىپ ئالغان ئۈچ يۈز سوم پايدامنى ئۈچ سائەتتە ئۈندۈرۈۋاپتۇ. دېمەك، مەن تېخىلا سودىگەرچىلىكتە خام ئىكەنمەن، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانماي، سەمىمىيەتسىز گەپلەرگە ئىشىنىپتىمەن.

     

    ھەر ھالدا، قانداقلا بولمىسۇن، ھەرىكەت قىلىپ توپلىغان پۇلۇم بىلەن ئاكامنى ئۆيلەندۈرۈۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ۋەيرانچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالدۇق. دۈم بولۇپ قالغان قازىنىمىزدىن يەنە ھور چىقىشقا باشلىدى.

     

     

    دادام بىلەن ئاكامنىڭ ئوتتۇرىسىدا

     

     

    دادام يېڭىلىقنى قوبۇل قىلمايدىغان، خۇراپى ئەقىدىلەرگە مەھكەم چاپلىشىۋالىدىغان، مىجەزى چۇس ئادەم ئىدى. ئاكام بولسا، يېڭىلىققا، تۈرلۈك بىلىملەرنى ئىگىلىۋېلىشقا قىزىقاتتى. كۆپ چاغلاردا ئۇنىڭ ئىزدىنىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلىرى دادامنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ تۇراتتى. مەسىلەن، ئەڭ ئاۋۋال ئاكامنىڭ قانداق مەكتەپتە ئوقۇش مەسىلىسى ئۈستىدە دادام بىلەن ئاكامنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق بىر توقۇنۇش بولغانلىقى ئېسىمدە.

    ئاكام ئوقۇش يېشىغا يەتكەن چاغلىرىدا غۇلجا شەھىرىدە ئۇيغۇرچە پەننىي  مەكتەپلەر يوق ئىدى. 1920 – يىللىرى مۇسابايۇپلار تەرىپىدىن غۇلجا شەھىرىدىكى مەدرىس يېنىدا يېڭىچە پەننىي مەكتەپ ئېچىلدى. ئۇنىڭدا يىرىك مۇئەللىملەردىن ئىستانبۇلدا ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇراخمان شاھىدى، تۇرسۇن ئەپەندى، تۈركلەردىن تۇرغۇت ۋە خېلىل ئەپەندى ۋە باشقا زىيالىلار ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى. ئاكام تۇردى قادىر مانا شۇ مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن دادامغا تەلەپ قويدى. ئاكام بۇ چاغدا ئەرەپچە «شەرئى ۋاقائى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، كونا دىنىي مەكتەپنى تاماملىغانىدى.

    دادامنىڭ ئاكامنىڭ يېڭىچە پەننىي مەكتەپكە كىرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ:

    _ ئەمدى سەن پەن ئوقۇپ دەھرىلىك يولىغا قەدەم قويماقچىمۇ؟ خىيالىڭنى جەم قىل، مەدرىسكە كىرىپ تالىپ بولىسەن! _ دېدى.

    _ دادا، مەنمۇ شەھىرىمىزدە پەننىي مەكتەپ ئېچىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەنىدىم. بۇ ئارزۇيۇممۇ ئەمەلگە ئاشتى. ئەمدى مەن مۇشۇ يېڭى مەكتەپتە ئوقۇيمەن، _ دېدى قەتئىيلىك بىلەن ئاكام.

    _ بولمىسا، مەھەممەت ئىمىن غوزا قارىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مۇختەسەرۋا قائىدىن دەرس ئال، _ دېدى دادام.

    مەقسىتىگە زىت بولغان تەكلىپلەر ئاكامنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويدى:

    _ دادا، سىز نېمىشقا مېنىڭ مەقسىتىمنى پەقەت چۈشەنمەيسىز؟! مەن شۇنچە يىللار ئارزۇ قىلغان مەكتەپنىڭ ئىشىكى مەھەللىمىزدىلا ئېچىلغان تۇرسا، نېمىشقا شۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشۇمغا رۇخسەت قىلمايسىز، مەن پەن ئوقۇيمەن، پەن! _ دېدى ئۇ كۈچىنىپ.

    _ ھەي بەغەرەز، نېمە ئۇ پەن دېگەن؟ ئىمانمۇ؟!

    _ كىشىلەرنى قۇشتەك ھاۋادا ئۇچقۇزغان، بېلىقتەك سۇدا ئۈزگۈزگەن پەن شۇ!

    _ ئۇ ياققا قەدەم باسقۇچى بولساڭ، پۇتۇڭنى چاقىمەن!

    بۇ تالاش – تارتىش خېلى ۋاقىتلارغىچە داۋام قىلسىمۇ، ئاخىر دادام ئاكامنىڭ تەلىپىنى قاندۇرمىدى.

    دادام كىتابخانلىقتىن قالمايدىغان، موللاملارنىڭ سۆھبەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرۈپ قۇلاق موللىسى بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن، دىنىي مەسىلىلەردىن خېلى كۆپ نەرسىنى سۆزلەيتتى. بۇ قېتىم ئاكامغىمۇ ئۇ:

    _ چوڭلار نېمە دېسە ماقۇل بول، بارغا قانائەت قىل؛ ساۋاب بولىدىغان ئىشنى قىل، گۇناھ بولىدىغان ئىشلارغا زادى ئاياغ باسما! تاڭلا مەھشەرگادا قارا يۈز بولۇپ قالماي، يورۇق يۈز بول، _ دېگەندەك نۇرغۇن نەسىھەت قىلىپ، ئۇنى مەجبۇرىي دېگۈدەك مەدرىسكە يولغا سالدى. بىر جوزا، ئىككى چىنە، ئاپتۇۋا، چىلاپچىلارنى مەنمۇ دادام  بىلەن كۆتۈرۈشۈپ، ئاكامنى تالىپلار ھۇجرىسىغا ئاپىرىپ جايلاشتۇرۇپ قويدۇق.

     

     

    ئاكام مەلۇم ۋاقىت تالىپ بولۇپ يۈردى، ئەمما پات – پاتلا مەدرىس يېنىدىكى ھېلىقى پەننىي مەكتەپنى ئەگىپ يۈرەتتى. ئابدۇراھمان ئەپەندى ئۇنىڭ بۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىشتىياقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى مەكتەپكە قوبۇل قىلماقچى بولدى. ئۇ ئۆزىمۇ دادام بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر ئارقىلىقمۇ خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ، ئاخىر دادامنى ماقۇلغا كەلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاكام مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى ۋە يەتتىنچى سىنىپنى ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈرۈپ چىقتى.

     

     

    ئاكام ئاجايىپ خۇشخەت يېزىش ۋە رەسىم سىزىش ماھارىتىگە ئىگە ئىدى. ئۇ خۇراپىي ئادەتلەرنى زاڭلىق قىلىدىغان ھەجۋىي رەسىملەرنى سىزىپ، پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە چاپلاپ قوياتتى. بىر كۈنى ئۇ ئىشانلارنىڭ ئۆزىنى غايىبنى بىلىدىغان سىرلىق ئادەم دېگەن چۈشەنچىسىنى مۇرتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، نەرسە – كېرەك توپلايدىغان يامان نەپسىنى زاڭلىق قىلىپ رەسىم سىزدى. رەسىمدە بوينى ئىنچىكە، ئۇزۇن، بېشى قازاندەك، بارماقلىرى ئارىدەك، چىشلىرى تۆمۈر گۈرجەكتەك ئاجايىپ سەت بىر مەخلۇقنى سىزىپ، ئاستىغا: «نەپسى گەر سۈرەتكە كەلسە، سۈرىتى ئىشان كېلۇر، قوللىرى ئارا كەبى، چىشلىرى تىشاڭ كېلۇر» دەپ يېزىپ، تۈۋرۈككە مىخلاپ قويدى. بۇنى دادام كۆرۈپ يىرتىپ تاشلىدى ۋە ئاكامنى قوغلاپ يۈرۈپ دۇمبالىدى. چۈنكى دادام سوپى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىشانلارنىمۇ مەسخىرە قىلىشقا قوشۇلمايتتى. ئىككىنچىدىن، كىمكى سۈرەت سىزسا، شۇ سۈرەت قىيامەتتە سىزغۇچىدىن جان تەلەپ قىلىدۇ دېگەن خۇراپىي ئېتىقادقا ئەمەل قىلاتتى. شۇڭا دادام ئاكامنىڭ سۈرەت سىزغىنىنى كۆرۈپ قالسا، مانا شۇ سۆزلەرنى تەكرارلاپ جېدەل قىلاتتى. ئاكام كېيىنچەرەك ماڭا ئات ۋە ئادەمنىڭ يېنىچە تۇرغان رەسىملىرىنى قېرىنداش بىلەن سىزىشنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. مەن بىر كۈنى ئاتنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنى مەشق قىلىۋاتسام، تۇيۇقسىز دادام كىرىپ قالدى، سىزىۋاتقان رەسىمنى كۆرۈپ، قەغەزلىرىمنى يىرتىۋەتتى ۋە كاچىتىمغا ئىككى شاپىلاق سېلىپ:

    _ تۇردى دېگەن ھارامزادە سېنىمۇ كاردىن چىقىرىشقا باشلاپتۇ. قىيامەتتە جېنىڭنى بۇنىڭغا بەرسەڭ، ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ئالدىغا قانداق بارىسەن؟ _ دەپ ۋارقىرىدى ۋە: _ ئىككىنچى يەنە سۈرەت سىزساڭ، قولۇڭنى مانا مۇشۇنداق سۇندۇرۇپ تاشلايمەن، _ دەپ قولۇمدىكى قېرىنداشنى سۇندۇرۇپ تاشلىۋەتتى.

     

     

    مەن قورقۇپ كېتىپ، ئىككىنچى سۈرەت سىزىشنى ئۆگەنمىدىم. ئاكامنىڭ: «بۇ قىممەتلىك سەنئەت، ئۆگىنىۋېلىش كېرەك» دېگەن سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىمىدىم. مەن ئاكامنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، دادامنىڭ خۇراپىي سۆزلىرىگە ئىشىنەتتىم. چۈنكى دادام مېنى ئىبادەت ۋە كىتابخانلىق قىلىدىغان جايلارغا ئەگەشتۈرۈپ باراتتى. ئۇنداق جايلاردىن ۋە دادامدىن: «ھەۋەسكە بېرىلسە، مۆئمىن ۋە ياۋاش بولمىسا، دوزاخقا چۈشىدۇ» دېگەن كۆپ قېتىم ئاڭلاپ، دادامنىڭ دېگىنىنى قىلسام، ئاخىرەتتە دوزاخقا چۈشمەي، جەننەتكە كىرىمەن دېگەن چۈشەنچىدە ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئاكام مېنىڭ بۇ كونا قاراشلىرىمنى تۈگىتىشكە ياردەم قىلىپ، دائىم سەنئەت توغرىسىدا، پەن توغرىسىدا ۋە يېڭلىقلار توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەتتى. دادام بولسا، يۇقىرىقىدەك كونىلىققا ئۈندەيتتى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەن تالاشتا قالغانىدىم.

     

     

    دادام مۇتەئەسسىپ، چالا موللىلاردىن، خەلق تىلى بىلەن ئېيتقاندا «كىگىز كىتاب» دەپ ئاتىلىدىغان ئەپسانە سۆزلەرگە چىڭ يېپىشىۋالىدىغان بولغاچقا، ئۇ بىزنى دوزاخقا چۈشىدۇ دېگەن ۋەھىمە بىلەن قورقۇتاتتى. مەسىلەن، بىر يېرىڭگە سۈيدۈك تېگىپ كەتسە، دوزاخ ئوتى شۇ يەردىن تۇتىشىدۇ. ناماز ئوقۇمىغان كىشىگە كىيىمىڭنىڭ پېشى تېگىپ كەتسە، دوزاخ ئوتى شۇ يەردىن باشلاپ كۆيىدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ قورقۇتاتتى. ئاكام مۇزىكا ئۆگىنىشكىمۇ ھەۋەسمەن ئىدى، بىر كۈنى ئۇ دۇتار سېتىۋېلىپ چېلىشنى مەشق قىلىشقا باشلىغانىدى، دادام كۆرۈپ قېلىپ:

    _ ھاي تۇردى دېگەن جاھىل، ئەمدى مۇشۇ يامان ئىشنى قىلغىلى باشلىدىڭمۇ، دۇتار بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، ئۇقامسەن؟! _ دېدى غەزەپ بىلەن.

    ئاكام دادامنى زاڭلىق قىلىپ:

    _ ئۇنداق بولسا، مەن ئۆلگەندە گۆرۈمگە دۇتار ئەكىرىپ قويسۇن، مۇنكىر – نەكىر دېگەن پەرىشتىلەر ئۇ يەرگە كىرمەي، گۆر ئازابىدىن قۇتۇلۇپ قالاي، _ دېدى. دادام ئۇنىڭ ھەجىۋىي گەپ بىلەن ئۆزىنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلىقىغا ئاچچىقى كېلىپ، سېرىق بۇرۇتلىرى تىترەپ كەتتى، كۆزلىرى ئالايدى:

    _ ھەي بەدبەخت، ئاغزىڭدىن بۇنداق نالايىق، كۇپۇرلۇق سۆزلەرنى چىقارما، دۇتار دېگەن دوزاخ چۆمۈچى. بۇنداق نەرسىنى ئۆيگە يولاتما، _ دەپ كېلىپ، دۇتارنى ئاكامنىڭ بېشىغا بىر ئۇرۇپ پاچاق – پاچاق قىلىۋەتتى. مەندە بۇ ئېچىنىشلىق تەسىر قوزغىدى. ئاكام تېخى ئەمدى «داۋانچىڭ» دېگەن پەدىگە چېلىشنى ئۆگىنىۋالغان ۋە ماڭا چېلىپ بەرگەنىدى. دۇتارنىڭ ئادەم روھىنى جانلاندۇرغۇچى جەزىبىدار ئاۋازى مېنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغانىدى. شۇنداق قىلىپ، بىز سۈرەت سىزىشنى ئۆگىنىش ۋە مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاش ھەۋىسىدىنمۇ مەھرۇم بولغانىدۇق.

     

     

    ئاكام ئۆسمۈرلۈكىدە ئەنە شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، دادامدىن خېلى كۆپ تاياق يېگەنىدى. مەنمۇ تاياقتىن قۇرۇق قالمىغانىدىم. مەن ئاكامدىن ناھايىتى ئىككى ياشلا كىچىك ئىدىم. ئاكامنىڭ دادامنىڭ چۈشەنچىسىگە زىت ئىشلارنى قىلىپ تاياق يېگىنى ماڭا ساۋاق بولدى. شۇڭا مەن دادامدىن قورقۇپ، دېگىنىنى قىلدىم، ئۆيدە كالا، ئېشەك، قوي باقتىم. ياز كۈنلىرى كەچكىچە سىرتتىن ئوت ئورۇپ، بازاردىن شاپاق تېرىپ كېلەتتىم. ئاندىن ھەلەپ ئېتىپ، ماللارغا قارايتتىم. تېخى ئون ئىككى – ئون ئۈچ ياش بولساممۇ، تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، دادام بىلەن بىللە بامدات نامىزىغا چىقاتتىم. بىر كۈنى بىز بامداتتىن قايتىپ ئۆيگە كىرسەك، ئاكام بەخىرامان ئۇخلاۋاتقانىكەن. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دادامنىڭ جان – پېنى چىقتى – دە، غەزەپ بىلەن ئورۇندا ياتقان ئاكامنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە ئات – ئېشەكنىڭ يۈگەنلىرى بىلەن بەدىنىدىن قان چىققۇچە ئۇرۇپ كەتتى. يەنە بىر كۈنى دادام ئاكامنىڭ مەللە چەكمەندە، يېڭى مودا بولغان گەلەپى شىم تىكتۈرۈپ كىيگەنلىكىنى كۆرۈپ، «رۇسچە ئىشتان» نى نېمىشقا كىيدىڭ دەپ غەزىپىگە چىدىماستىن دېرىزىدىكى قاچا گۈلنى ئۇنىڭ بېشىغا بىر ئاتقانىدى، بىچارىنىڭ بېشى يېرىلىپ، يۈز – كۆزى قانغا بويىلىپ كەتتى. مەن دادامنىڭ بۇنىڭغا قانائەتلەنمەي، دەھشەتلىك قىياپەتتە يەنە ئاكامنى ئۇرۇش ئۈچۈن ئەتراپتىن تاياق ئىزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ توشۇيدىغان سوغىنىڭ كالتىكىنى تونۇرنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويدۇم ۋە قوشنىمىزنى چاقىرىپ ئاكامنى يەنە قاتتىق تاياق يېيىشتىن قۇتقۇزۇۋالدىم. دادام بولسا ئاچچىقىدىن يانماي: «مۇنداق يامان ئىشلارنى قىلىشقا ۋۇجۇدۇڭ قانداق چىدايدۇ، ھەي مۇناپىق بەدبەخت، ۋىجدان بارمۇ سەندە!» دېگەن سۆزلەر بىلەن تىللاۋاتاتتى.

     

     

    دادامنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئۇ چاغدا چۈشەنمەيتتىم. خېلى زامانلار ئۆتۈپ، ئاز – تولا ئوقۇغان، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئارىلاشقاندىن كېيىنلا مۇناپىق نېمە، ۋىجدان نېمە دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا باشلىدىم. مۇناپىق يالغانچى، ھىيلىگەر، سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتى ئوخشىمايدىغان ئالدامچى ئىكەن. ۋىجدان دېگەن مۇناپىقلىق ۋە قارا كۆڭۈللۈكنى يامان كۆرىدىغان، ئادالەتسىزلىك ۋە باشقىلارنى بوزەك قىلىش ھادىسىلىرىنى كۆرسە ئازابلىنىدىغان، ئىنساپنى كۆزدە تۇتىدىغان روھىي كەيپىيات ئىكەن.

     

    ئەسلىدە ئاكام دادام يامانلىق قىلدىڭ دەپ يۇقىرىقىدەك ئاتالغۇلار بىلەن تىللىغان كىشىلەردىن ئەمەس، ئۇ ياخشى نىيەتلىك، ئىنساپلىق، بىلىم خۇمارى، ۋىجدانلىق، ئوت يۈرەك يىگىت ئىدى.

     

     

    مەن دادام بىلەن ئاكامنىڭ بۇ كونىلىق بىلەن يېڭىلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيىتى توغرىسىدا بەزىبىر ۋەقەلەرنى ئەسلىگىنىمدە، دادامنى سەلبىي جەھەتتە ئەسلەپ ئۆتتۈم. ئەسلىدە داداممۇ خۇراپىي چۈشەنچە تەسىرىدە قالغانلىقى بولمىسا، بوزەك قىلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن ياقا يىرتىدىغان، ئادالەتنى سۆيگۈچى، ۋىجدانلىق ئادەم ئىدى. ئۇ يۇرت كاتتىلىرى دېگەنلەرنىڭ نالايىق ئىشلىرىغا يۈزىدىلا رەددىيە بېرىدىغان، خۇشامەتنى يامان كۆرىدىغان، توغرا كېسەر، كەسكىن خاراكتېرگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن، يۇقىرىقى تەبىقە ئەھلى دادامغا باشتا ئېيتىپ ئۆتكەندەك «قادىر توڭ» دەپ لەقەم قويغانىدى.

    يۇقىرىقىدەك توقۇنۇشلاردىن كېيىن، مەن قانداق ئىشلار ياخشى، قانداق ئىشلار يامان ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىۋېلىشقا تىرىشتىم. ئاخىر ئۇنى تاپقاندەك بولدۇم. مېنىڭ ئويۇمچە، كىشىلەر ئۈچۈن چۈشەنچە مەسىلىسى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەن (چۈنكى ئوخشاش بىر ئىشنى ھەر خىل ئادەم ھەر خىل چۈشىنىدىكەن).

     

     

    ئاكام ئەدەبىيات – سەنئەتكە قىزىقاتتى، شۇڭا ئۇ ماڭا ئۇنىڭ تەسىرىنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشاتتى. «مانا قارا، كۆرگەنلا موللا ناۋائى شېئىرلىرىغا مەنە ئېيتالمايدۇ، يەنى ئۇنىڭ ئوخشىتىش – سېلىشتۇرۇش بىلەن كەلتۈرگەن سۆزلىرىنى چۈشەنمەيدۇ» دېگەنىدى. ئۆزى بولسا، ناۋائىنىڭ شېئىرلىرىنى قىزىقىپ ئوقۇپ چۈشەندۈرۈپ، شەرھىلەپ بېرەتتى. ئارىلاپ ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ بەزى شېئىرلارنىمۇ يازغانىدى. مەن ئۇنىڭ موللا ھاپىز دېگەن كىشىنىڭ خەيرىنسا دېگەن قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ شەنىگە ناۋائى شېئىرلىرى تەقلىدىدە يازغان بىر شېئىرىنى كۆرگەنىدىم. ئۇنىڭدىن پەقەت:

     

    قوللىرىڭغا خىنە ياقىپسەن قىرمىزى،

    لالە ئىرۇرسەن موللا ھاپىزنىڭ قىزى.

     

    دېگەن ئىككى مىسراسى ئېسىمدە قاپتۇ. ئۇ ماڭا يەنە ناۋائى،  شىرازى شېئىرلىرىنى ئوقۇپ يېشىپ بېرەتتى، شەيخ سەئىدى ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ بېرىپ تەھلىل قىلاتتى. مەن سەئىدى ھېكايىلىرىنىڭ ھېكمەتلىك ۋەقەلىرىگە قىزىقىپ، گۈلىستاننى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ يۈردۈم، پات – پاتلا ئۇنى ئوقۇپ بېرىشنى ئاكامدىن ئۆتۈنەتتىم. دادام بولسا، ناۋائى ئورنىغا «قۇل غوجا ئەھمەد»، سەئىدى ئورنىغا «چاھار كىتاب» نى ئوقۇشقا دالالەت قىلاتتى. بۇ ئىككىسىنىڭ مېنى قايسى تەرەپكە باشلاۋاتقانلىقىنى بارغانسېرى چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئومۇمەن، ئاكام مېنى ئىلغارلىق يولىغا، دادام بولسا، قالاق سوپىزىم يولىغا سېلىشقا ئۇرۇنغانىكەن.

     

     

    مەن تەبىئىتىم جەھەتتىن ئاق كۆڭۈل ۋە تەسىرچان بالا ئىدىم. ناتوغرا ئىشلارنى يەنى بىرەرىنىڭ ئورۇنسىز ئازابلانغانلىقىنى كۆرگىنىمدە ئېچىنىش ئىچىدە بىئارام بولاتتىم. بىرەر بەختسىزلىك توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغىنىمدا يىغلاپ كېتەتتىم. ئەرلىرى ئاياللىرىنى ئۇرغاندا ياكى ئاتا – ئانىلىرى بالىلىرىنى ئۇرغاندىمۇ ئازاپلىنىپ غەزەپكە تولاتتىم. ئۆيىمىزدە بىرەرى ئاغرىپ قالسا، تاماق يېيەلمەي ۋە كېچىلىرى ئۇخلىيالماي قالاتتىم. گۈدەك چاغلىرىمدىلا مېنىڭ روھىمدا: نېمىشقا كۆپچىلىك ئازاب – ئوقۇبەت تارتىۋاتىدۇ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنىڭ چارىسىنى قىلغىلى بولماسمۇ؟ _ دېگەن سوئال تۇغۇلغانىدى. بۇ مېنى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يېزىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى.

     

     

    ئىلىم ئىزلەش يولىدا

     

     

     

    مەن بالا ۋاقتىمدا كونا دىنىي مەكتەپتە كىتاب ئوقۇشنى ئۆگەنگەن بولساممۇ، خەت ساۋاتىمنى ئۆز – ئۆزۈمدىن ئۆگىنىپ چىقىرىۋالغانىدىم. كونا جەمئىيەتتە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلار موللا بولاتتى، ئۇلار دىنىي ئىشلارنى باشقۇراتتى ياكى ئوتتۇز پارە قۇرئاننى يادلىۋېلىپ قارى بولاتتى. بۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن نەچچە ئون يىل ئوقۇيتتى.

     

     

    1933 – يىلقى ئاپرىل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، شىنجاڭدا مەدەنىي – مائارىپ ئىشلىرى يولغا قويۇلۇپ، زامانىۋىي يېڭى مەكتەپلەر ئېچىلدى. ئەمدى يېڭى ئېچىلغان مەكتەپلەردە بىر نەچچە يىل ئوقۇپلا يېڭى زامانغا لايىق بىلىم ئىگىسى بولۇپ، بىرەر ئورۇندا خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەندىمۇ بۇنداق مەكتەپلەردە ئوقۇپ بىلىم ئېلىش ئىشتىياقى كۈچەيدى.

     

     

    «ئۈرۈمچىدە تۈرلۈك مەكتەپلەر ئېچىلىپتۇ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم – كېچەك ۋە تەمىنات بېرىلىدىكەن...» دېگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، يول راسخوتى ئۈچۈن پۇل يىغىشقا باشلىدىم. بۇ پۇلنى قانداق يىغىشىنىڭ غېمىنى قىلىپ، ئاخىر مۇنداق چارىنى تاپتىم:

     

     

    ئاپرىل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، ئاكام تۇردى قادىر خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەتتى. ئۇ خېلى بىلىملىك ۋە ئۇستا خەتتات بولغىنى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ماقالىلىرىنى لازىغا يېزىپ بېرەتتى. چۈنكى دەسلەپكى شىنجاڭ گېزىتى شاپىگرافتا چىقىشقا باشلىغانىدى. ئاكام گېزىت چىقىرىشقا خېلى ئاكتىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، تاشكەنتكە ئوقۇشقا چىقىدىغان يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈمدە «ساگۇ» (ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى) غا ئوقۇشقا كەتكەنىدى. ئۇ بۇ ئالىي مەكتەپتە ئالغان تۇرمۇش ياردەم پۇلىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ماڭا تۈرلۈك كىتابلارنى ئەۋەتىپ بېرەتتى. مەن ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇپ يۈرۈپ بەدىئىي ئەدەبىياتقا قىزىقىپ قالدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەدەبىياتقا دائىر بەزى كىتابلارنى ئېلىپ قېلىپ، بۇنىڭدىن پوشكىننىڭ ئۆزبېكچە بىر توملۇق تاللانغان شېئىرلار توپلىمىنى، بەش خىل ئەدەبىيات خرىستۇماتسىيىسىنى، ھادى تاقتاشنىڭ بىر شېئىرلار توپلىمىنى، گوركىنىڭ «ئانا» رومانىنى لوتپۇللا مۇتەللىپكە تەقدىم قىلدىم. ھېساب ۋە تەبىئەتكە دائىر كىتابلارنى بولسا، يول راسخوتى ئۈچۈن سېتىپ پۇل توپلىدىم.

     

     

    مېنىڭ يىغقان پۇلۇم يۈز سوم بولغانىدى. ئەگەر شۇ ۋاقىتتىكى ئاندا – ساندا ئۇچرايدىغان سودىگەرلەرنىڭ ماشىنىسىغا كىرا تۆلەپ چۈشسەم، ئەللىك – ئاتمىش سوم كىرا ھەققى ئالىدۇ. پۇلۇمنىڭ تەڭدىن تولىسى كىراغىلا كەتسە، يول راسخوتى، مەكتەپكە كىرىۋالغۇچە بولىدىغان يېمەك – ئىچمەك، دەڭجالىق ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا قالغان ئازغىنە پۇلۇم نېمىگە دال بولىدۇ دېگەن قايغۇ بىلەن كىرا تۆلىمەي ئولتۇرۇۋالىدىغان ماشىنا ياكى ھارۋا ئىزلەشكە باشلىدىم.

     

     

    ئۈچىنچى ئايدىن تۆتىنچى ئايغىچە بىر ئاي ئىزلىنىپ مۇنداق ئىمكانىيەتكە يېتىشەلمىدىم. ئوقۇشقا قىزغىنلىقىم ناھايىتى يۇقىرى بولغىنى ئۈچۈن، بىر ئاي يول يۈرسەممۇ پىيادە ماڭاي دېگەن ئىرادىگە بەل باغلاپ قويدۇم. دەل شۇ چاغدا ئۈرۈمچىگە قەنت ۋە گەزمال كىرا قىلغان ھارۋىكەشكە يولۇقۇپ قالدىم. بۇ ھارۋىكەشنىڭ تۆت ئىرگۇلۇ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئالدىدىكى ھارۋىنى ھەيدەپ، قالغان ئۈچ ھارۋىنىڭ ئېتىنى ھارۋىلارنىڭ ئارقىسىغا قاتار چېتىپ ماڭماقچى ئىكەن (ئۇ چاغلاردا ئىككى چاقلىق ئىلى ھارۋىلىرىدىن بىر قانچىسىنى بىر – بىرىگە چېتىپ، بىر قانچە ھارۋىكەش كارۋان بولۇپ يۈرەتتى). مەن بۇ ھارۋىكەش بىلەن مۇنداق كېلىشتىم: بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ھارۋىنى ھارۋىكەش ئۆزى ھەيدەيدۇ. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ھارۋىنى مەن ھەيدەيمەن. ھەر قايسىمىز ئۆزىمىز ھەيدىگەن ئاتنى ئۆزىمىز يول بويى بېقىپ، ھارۋىغا قوشىمىز. ئات – ھارۋىنىڭ دەڭجالىقى ۋە باشقا راسخوتلىرىنى ھارۋىكەش ئۆزى كۆتۈرىدۇ. مەن بولسام، پەقەت ھارۋىغا ئولتۇرغىنىم ئۈچۈن كىرا ۋە دەڭجالىق تۆلىمەيمەن. ئەمما يېمەك – ئىچمىكىم ئۆزۈمدىن بولىدۇ. كېچە – كۈندۈز ئىشلىگىنىم ئۈچۈن ھارۋىكەشتىن ھەق ئالمىساممۇ، ئۇزۇن يولدا پىيادە، يالغۇز مېڭىشتىن، كىرا ۋە قونالغۇ ھەققى تۆلەشتىن قۇتۇلغىنىمغا خۇش بولغانىدىم.

    غۇلجىدىن چىقىپ، ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ كەڭسايغا يېقىن بارغىنىمىزدا تۆتىنچى ھارۋا كاتاڭغا چۈشۈپ قېلىپ ئوقى سۇنۇپ كەتتى. ھارۋىكەش پېشانىسىگە بىر شاپىلاق ئۇرۇپ ئالدىمغا كەلدى – دە:

    _ ھەي كاساپەت! سەن دىققەت قىلىپ ھەيدىمەي، ھارۋىنىڭ ئوقى سۇندى، تۆلەپ بېرىسەن، _ دەپ تۇرۇۋالدى ۋە قامچىسىنى پۇلاڭلىتىپ قورقۇتۇپ، ئوق ئۈچۈن مەندىن بىر نەچچە سوم پۇل ئۈندۈرۈۋالماقچى بولدى.

     

     

    _ سەن قەيەر بىلەن ھەيدىسەڭ، ئارقاڭدىكى ھارۋىلارمۇ شۇ يەر بىلەن ماڭدى. جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن ھارۋاڭنىڭ ئۆلۈكىنى ماڭا ئارتامسەن، _ دەپ مەنمۇ بوش كەلمەي ۋارقىرىدىم. ئۇ يەنە قامچىسىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا دېۋەيلەپ يېقىن كەلدى. مەنمۇ دەرھال يول چېتىدە تۇرغان مۈشۈكتەك بىر تاشنى قولۇمغا ئېلىپ ھەيۋە قىلدىم.

     

     

    باشقا سەپەرداش ھارۋىكەشلەر ئارىغا چۈشۈپ، مېنىڭ خوجايىنىمنى ئەيىپلەپ، بىزنى ئەپلەشتۈرۈپ قويدى. ھارۋىكەش بۇ ئەتراپتىن ئوق تاپالماي، ئارقىسىغا يېنىپ لوسۇگۇڭغا كەتتى. مەن بولسام، ئاتلارنى بېقىپ، ھارۋىلارغا قاراپ قالدىم. بۇ يەردە ئۈچ كۈن ئاۋارە بولۇپ، ھارۋىنى ئوقلىغاندىن كېيىن يەنە يولغا چۈشتۇق. ھارۋىلار داۋانغا ئۆرلەپ تىك جايغا كەلگەندە، ئاتلار چارچاپ توختىغان ھامان ئاخىرقى ھارۋىنىڭ ئىككى چاقىغا تاشنى تىرەپ قويۇش ۋەزىپىسىنى مەن ئورۇنداپ ماڭدىم. شۇڭا قوش مۇشتۇمدەك تاشلارنى ئىككى قولۇمدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، داۋان ئاشقىچە چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ ھېچبىر دەرمانىم قالمايتتى. تاغ – داۋانلارنىڭ ۋە سەنتەي، سىتەي، ئۇتەي ئارىلىقىدىكى شېغىللىق چۆل – جەزىرىلەرنىڭ ئازابىنى تارتىپ، يەنە ئۈچ كېچە – كۈندۈزدە داخىيەنزىگە يېتىپ باردۇق.

     

     

    ھارۋىكەشلەر ئەتىسى ئاتلارنى دەم ئالدۇرىمىز دەپ يولغا چىقمىدى. ئۆگۈنى ئاشۋاقتى بىلەن «ھارۋىنى قاتايمۇ» دەپ ئۆيگە كىرسەم، يەتتە – سەككىز ھارۋىكەش تاۋكا قۇرۇپ، قىمار ئويناشقا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىزنىڭ خوجايىن ھارۋىكەش سوئالىمغا جاۋابمۇ بەرمەي، ھەتتا ماڭا قاراپمۇ قويماي، سىلىقلاپ قويۇلغان زەي يەردىن ئوشۇقلارنى تېرىشكە باشلىدى. ئاندىن كېيىن بۇ ئوشۇقلارنى ئالقىنىغا تىزىۋېلىپ، «دەتتىكام» دەپ ئېتىپ، ئالقىنى بىلەن مەيدىسىگە پاققىدە ئۇراتتى. مەن يېرىم سائەتچە بۇ قىمارۋازلارنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقان خورازلاردەك بىر – بىرىگە ھۆرپىيىپ تۇرغان قىياپىتىگە قاراپ ئۆرە تۇردۇم. جاۋاب بولمىغاندىن كېيىن، ئاخىر قايتىپ چىقىپ كەتتىم. چۈشتىن كېيىن يەنە خوجايىنىمنى ئىزدەپ باردىم. قارىسام ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋاپتۇ، تىڭشاپ باقسام يەنە: «تىكە، ئاتە، دو بارمۇ، دەتتىكام» دېگەن ئاۋازلار چىقىپ تۇردى. «ھە، بۈگۈن بۇلار بار كۈچى بىلەن قىمارغا كىرىشىپ كېتىپتۇ، ئەتە ماڭسا كېرەك» دەپ ئويلاپ دەڭدىن چىقىپ بازار چۆگىلەپ يۈردۈم.

     

     

    نامازدىگەر ۋاقتىدا قايتىپ كېلىپ تىڭشىسام، يەنە شۇ ئەھۋال. ئېغىلغا كىرىپ قاراپ باقسام، ئوقۇردا ھېچنېمە يوق. بىچارە ئاتلارنىڭ قورساقلىرى يېلى چىقىپ كەتكەن پوڭزەكتەك ئىچىگە كىرىپ كېتىپتۇ. دەڭجادىن تۆت باغ بېدە ئېلىپ، ئىككى بېغىنى جادودا يوغان – يوغان توغراپلا ئوقۇرغا سېلىپ چىقىپ كەتتىم. كېين _ نامازشام بىلەن ئېغىلغا كىرىشىمگە بىچارە ئاتلار ماڭا تەلمۈرۈپ قاراپ كىشنەشتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئاۋازىدىن: «يېرىم باغدىن بەرگەن بېدەڭنى يەپ بولدۇق، قورساققا دالدا بولمىدى، ئۇسساپمۇ كەتتۇق» دېگەندەك مەنا بىلىنىپ تۇراتتى. مەن ئۇلارنى قۇدۇق يېنىغا ئېلىپ چىقىپ، قانغۇچە سۇغارغان ئىدىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى باشلىرىنى لىڭشىتىپ پۇرقۇپ قويۇشتى. بۇنىڭدىن ئەقىللىك بۇ ھايۋانلارنىڭ: «رەھمەت، رەھمەت» دېگەندەك ئىپادىلىرى چىقىپ تۇراتتى. ئاتلارنى ئوقۇرغا باغلاپ، قالغان ئىككى باغ بېدىنى يەنە توغراپ سېلىپ بەردىم. جامائەت خۇپتەندىن يانغان مەزگىلدە ئۇلارغا يەم تۆكۈپ بەردىم. قىمارۋازلارنىڭ بۈگۈن تالاغا چىققانلىقىنى ياكى تاماق يېگەنلىكىنى كۆرمىدىم. مەن بولسام، بۈگۈن چۈشتە ئاشپۇزۇلدا لەڭمەن، كەچتە بولسا مانتا يەپ قورسىقىمنى تويغۇزدۇم. ئاتلارمۇ بېدە بىلەن ئارپا يەپ قورساقلىرىنى تويغۇزدى. مەن يەنە ئۇلار قىمار ئويناۋاتقان ئۆينىڭ ئىشىكى يېنىغا كېلىپ يوچۇقىدىن قارىدىم. چىراغپايدىكى دىڭخۇلۇنىڭ لاۋۇلداپ چىقىۋاتقان يورۇقىدا ھارۋىكەشلەر تېخىچە ئات، ھارۋا ۋە خەلقنىڭ كىراغا بەرگەن ماللىرىنى ئۇنتۇپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنىمۇ سەزمەي، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىمار ئويناشقا بېرىلىپ كېتىپتۇ.

     

     

    مەن شۇ كۈنى كېچىدە نەچچە قېتىم قوپۇپ، ئاتلارغا ئوت بەردىم. ھارۋىلاردىكى يۈككە قارىدىم. ئارىلاپ قىمارۋازلارنىڭ ئىشىكىنى تىڭشاپ باقتىم. ئۇلار ھامان شۇ كەيپىياتتا: «دەتتىكام...» دەپ توۋلىشاتتى.

     

     

    يولغا چىقىۋېرەي دېسەم، بۇ مېنىڭ ئىختىيارىمدىكى ئىش ئەمەس. قىمار ئويناپ زايە قىلىۋاتقان ھارۋىكەشلەرنىڭ بۇ يامان ھەرىكىتىنى توختىتىپ قوياي دېسەم، يا بۇنىڭغا پېتىنالمايمەن. گەپ قىلسام، خوجايىنىم مەن بىلەن ئۇرۇشىدۇ، ھەتتا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ بېشىمنى يېرىۋېتىشتىن يانمايدۇ. مۇساپىرچىلىقتا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىمنى چۈشىنىپ، دەڭجانىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى تاشتا شۈمشىيىپ ئولتۇردۇم. ئىچىم پۇشۇپ دىققەت بولغانسېرى، نىھايەت بۇ قىمارۋاز ھارۋىكەشلەرنى غايىبانە تىللاپ، ئۇلارنىڭ يامانلىقى توغرىسىدا ئۆز – ئۆزۈم بىلەن سۆزلىشىپ قويىمەن. دەڭنىڭ خوجايىنى نېمە ئۇچۈن بۇلارنىڭ يامان ئىشىنى بىلىپ تۇرۇپ توسىمايدۇ، ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىپ دەڭدىن قوغلىۋەتمەيدۇ، بۇنىڭدا بىر سىر بار. ياكى مەن ساقچىغا بېرىپ بۇ سىرنى مەلۇم قىلايمۇ؟ ياقەي، مەن ئۆمرۈمدە مۇنداق ئىشنى قىلىپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بېرىپ بۇلارنى چاقسام، دەڭجا مېنى بۇ يەردىن قوغلايدۇ، ھارۋىكەش ھارۋىسىغا چۈشۈرمەيدۇ. پالاكەت يەنە ئۆزۈمگە كېلىدۇ دېگەندەك خىياللارنى قىلىمەن. دىققەتچىلىكتىن ئاخىر بولماي يەنە ئاتلارنى باقىمەن، يۈكلەرگە قاراپ قويۇپ، بازار ئايلىنىمەن.

     

     

    بۇ دىققەتچىلىكنىڭ ئۈچىنچى كۈنى بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ شوپاڭخانا ئالدىغا بېرىپ قالدىم. ئۇ يەردىكى ئۇزۇن قارا پوكەي يېنىغا قويۇلغان بەندىڭدە ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان بىر سېرىق يىگىت بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ جىڭ ناھىيىسى ئەتراپىدىكى قازاق بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان كۈلئۆتەڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. خۇشخۇي، شەيتانراق، گارمون چېلىشنى بىلىدىغان بۇ تاتار يىگىتنىڭ ئىسمى رەئۇپ ئىكەن. ئۇ غۇلجىدىن جىڭغا كېتىۋېتىپ، ئېتىنى دەڭدە قويۇپ، ھاراق ئىچىۋېلىش ئۈچۈن بۇ دۇكانغا كېلىپ ئولتۇرغانىكەن.

     

     

    ئۇ مېنىڭ بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، قارا بىر ھېجىرغا تۆت سەر ھاراق قۇيدۇرۇپ ماڭا تۇتتى. مەن ھاراق ئىچىپ باقمىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئىچىشكە ئۇنىمىدىم. رەئۇپ تاتارچە جىرلاپ، قازاقچە، ئۇيغۇرچە ئالدار كۇسا ۋە نەسىرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى سۆزلەپ، مېنىڭ چىگىش كۆڭلۈمنى ئېچىۋەتتى. ئەمما ھاراق ئىچىشتىن قورقۇپ:

    _ ئىشىنىڭ، مەن زادى ھاراق ئىچىپ باقمىغان، ھاراق ئىچىشتىن قورقىمەن، _ دېدىم.

    _ نېمىدىن قورقىسەن ئىبدەش (ئاغىنە، دوست)، ئۆزۈڭ خاپىدەك كۆرۈنىسەن، مانا بۇنى قاغىپ جىبەرسەڭ كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ جەننەتكە كىرگەندەك بولىسەن، _ دەپ ھېجىرنى لېۋىمگە تەگكۈزدى.

    مەن ھېجىرنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ پوكەيگە قويۇپ:

    _ ھاراق ئىچكەن ئادەمنىڭ ئىمانى قىرىق كۈن تېنىدىن جۇدا بولۇپ ئايلىنىپ يۈرىدىكەن. ئەگەر شۇ قىرىق كۈن ئىچىدە ئۆلۈپ كەتسە، ئىمانسىز كېتىدىكەن، _ دېدىم ئۇنى پىكىرىدىن ياندۇرۇش ئۈچۈن.

    _ بو ئوسۇرۇق گەپ، _ دېدى رەئۇپ قولىنى شىلتىپ، _ سەن ئەخمەق ئىكەنسەن! ئىمانىڭنى ئېلىپ كېتەرمىش؟ بۇ نەسىرىدىن ئەپەندىنىڭ تەرەت سۇندۇرغىنىدەك گەپ.

    _ مەسىلەن، ئۇ قانداق گەپ!

    _ مەسىلەن، نەسىرىدىن ئەپەندى بىر كۈنى ئېقىن سۇنىڭ بويىدا ئولتۇرۇپ تەرەت ئېلىۋاتقاندا پۇتى تېيىلىپ كېتىپ كەشىنى سۇ ئېقىتىپ كېتىپتۇ. ئەپەندى كەشىدىن ئايرىلغان پۇتىنى كۆتۈرۈپ «تارت» قىلىپ بىرنى قويۇۋېتىپ: «ئال تەرىتىڭنى، بەر كەشىمنى!» دەپ سۇغا قولىنى سوزۇپتۇ. مانا شۇنداق گەپ، _ دەپ رەئۇپ مېنى كۈلدۈردى ۋە ئۇنىمىغىنىمغا قويماي، تۈرلۈك قىزىق گەپلەر بىلەن ئاخىر ھېلىقى تۆت سەر ھاراقنى ئىچىرىۋەتتى. بەزىلەرنىڭ: «ئىچمەككە ھاراق ئاچچىق، ئىچكەندىن كېيىن تاتلىق» دېگىنىدەك، بۇ تۆت سەر ھاراقنى بەك قىينىلىپ يۇتۇپ بولۇشۇمغا ئاغزىمدىن ئاچچىق بۇس چىققاندەك بولدى. ناھايىتى ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئىچ پۇشۇغۇم، غەم – غۇسسەم قەيەرلەرگە ئۇچۇپ كەتتىكىن، كۆڭلۈم ئېچىلىپ شېرىن كەيىپ سۈرۈشكە باشلىدىم. يېڭى تېپىشقان ئاغىنەم بىر لېتىرلىق سۇدانغا ھاراق توشقۇزۇپ ئېلىپ، سول مۈرىسىگە ئېسىۋالدى، ئوڭ مۈرىسىدىكى گارمۇنىنى ئېلىپ:

    _ كۆردۈڭمۇ، مانا كۈلگۈنچەك بولۇپ قالدىڭ، بۇ ياخشى ھاراق، پېرۋاي (بىرىنچى دەرىجىلىك) جۈن، توجۇ، جۈر ئىندى پاگۇلەيىت ئېتەرمىز (ئوينايمىز)، _ دەپ گارمونىنى بازاردىلا چالغان بويى، مېنى بازار سىرتىدىكى چوڭ بىر ئۆستەڭ بويىغا باشلاپ باردى. ئۆستەڭ ئەتراپى سۆگەتلىك ۋە يېشىل چىمەنزار ئىدى.

     

     

    رەئۇپ گارمۇننى سۆگەت شېخىغا ساڭگىلىتىپ ئېلىپ قويۇپ، يانچۇقلىرىدىن بەش – ئالتە تۇخۇم چىقىرىپ، يېشىل چىم ئۈستىگە تىزىپ قويدى. تۇخۇملارنىڭ ئىچىدە بىر دانە خام تۇخۇم بار ئىكەن، ئۇنى ئېلىپ، بۇرۇلكىسىنىڭ رېمۇنىغا زەنجىر بىلەن ئېسىۋالغان قەلەمتۇراچنىڭ ئۇچىغا تۇمشۇقىنى ئۇرۇپ تەشتى – دە، ئىچىدىكىنى سۈمۈرۈپ ئىچىۋەتتى. كېيىن تۇخۇمنىڭ ئېچىلغان تۆشۈكىنى كېڭەيتىپ، رۇمكا تەييارلىدى. رۇمكىغا سۇداندىكى ھاراقتىن توشقۇزۇپ قۇيۇپ، ئالدى بىلەن ئۆزى ئىچتى ۋە ئالدىن سويۇپ تەييارلاپ قويغان پىششىق تۇخۇمى زاكۇسكا قىلىپ يېدى. ماڭىمۇ شۇ تەرىقىدە بىر رۇمكا ھاراق تۇتقانىدى، مەن يالۋۇرۇپ زادىلا ئىچكىلى ئۇنىمىدىم.

     

     

    _ ھەي، سارلىقىڭنى قىلاجاتىرسەنغۇي، ئانداي بولسا، سېنىڭ سۆزۈڭچە بۇ تۇخۇمنى، بىزچە بۇ جۇمۇرتقانى ئاشاپ (يەپ) تۇر، _ دەپ قازاقچە، تاتارچە، ئۇيغۇرچە ئارىلاش سۆزلەپ، يەنە ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ – تۆت رۇمكا ھاراق ئىچىپ، گارمون چېلىپ تاتارچە جىرلاشقا باشلىدى. مەن تۇخۇم يېگەچ ئاڭلاپ ئولتۇردۇم.

     

    ئۇنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق ۋە يېقىملىق ئىدى. گويا ئۇنىڭ ئاۋازى ئۆستەڭدىكى سۈزۈك سۇغا ئارىلىشىپ، شىلدىرلاپ ئاقاتتى. ئەتراپىمىزدىكى ياشارغان سۆگەتلەرنىڭ يېڭى چىۋىقلىرىنى تولغاپ ئويناۋاتقان سەلكىن شاماللار بىلەن قوشۇلۇپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتەتتى.

     

     

    خۇسۇسەن، ئۇنىڭ ئاھاڭىنى جانلاندۇرۇپ ئېيتقان، ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتىدىغان، چوڭقۇر مەنىلىك، يېقىملىق تاتارچە قوشاقلىرى مۇنداق ئىدى:

     

     

    ئەنىكەي مېنى تۇۋغان چاغدا،

    ئاق بۆلەۋگە بۆلەگەن.

    ئۆمرۈڭ بولسۇن دەپ تىلەگەن،

    بەختىڭ بولسۇن دېمەگەن.

     

    ساندۇغاچنىڭ بالالارى

    نېگە سېگىز بولماغان.

    شول دۇنيانىڭ راھەتلەرى

    نېگە تېگىز بولماغان...

     

     

    مانا بۇ، بەختنى، مۇھەببەتنى، ئارزۇنى ئوخشىتىش ئۇسۇلى بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىدىغان چوڭقۇر مەنىلىك، مەرۋايىتتەك تىزىلىپ پارقىراپ تۇرىدىغان گۈزەل سۆزلەر مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. پەمىمچە، بۇ ئويۇنكەش يىگىت ئىچ پۇشۇرىدىغان ھاياتتا قېنىغا پاتماي ھاراققا بېرىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرەتتى. مەن بولسام، بۇ يەردە يىپسىز باغلىنىپ قېلىپ، زېرىكىپ يۈرگەن ئادەم ئىدىم. ئىچىم پۇشۇپ نېمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغىنىمدا، مەن بۇ خۇشخۇي ناخشىچى يىگىتكە يولۇقۇپ قېلىپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئىجىل بولۇپ، كەچكىچە ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈردۈم. ئۇنى ئاشپۇزۇلغا ئەكىرىپ مېھمان قىلدىم. ۋاقىت تاپسام، ئۇنى ئىزدەپ كۈلئۆتەڭگە بېرىشقا ۋەدە قىلىپ، ئادرىسىنى يېزىۋالدىم. كۈن پاتقاندا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ دەڭگە قايتتىم. دەڭنىڭ ئالدىغا كەلسەم، خوجايىن ھارۋىكەش دەڭنىڭ يېنىدىكى تاشتا بېشىنى چاتىرىقىغا ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ مېنىڭ كەلگىنىمنى سېزىپ بېشىنى كۆتۈردى ۋە مەيۈس ھالدا تەلمۈرۈپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ چېقىر كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ، گىردە ساقىلىنىڭ تۈكلىرى تەتۈر ئۆرۈلۈپ، خام سېمىز يۈزى توپا چىراي ئاپتۇ. ئومۇمەن، ئەپتى – بەشىرىسىدىن قايغۇ – ھەسرەت، ئاچچىق ئەلەم تارتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى مەلۇم بولۇپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ: «ھە، بۇ ئۇتتۇرۇۋەتكەن ئوخشايدۇ» دېگەن ئويغا كەلدىم.

     

     

    دەڭگە كىرىپ ئۇقۇشۇپ باقسام، ھارۋىكەش خوجايىنىم راست ئۇتتۇرۇۋەتكەنىكەن، ئۇتتۇرۇۋەتكەندىمۇ ئاندا – مۇندا ئەمەس، يېنىدىكى پۈتۈن نەق پۇلنى، خورجۇنىدىكى ھەممە كىيىم – كېچىكىنى ھەتتا تۆت ئات – ھارۋىسىنى بىراقلا ئۇتتۇرۇۋېتىپ گاڭسا – جىسا بولۇپ قاپتۇ. بۇ ئەبلەخ تېخى مېنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدەپ بەرگىنىمنى، بۇ يەرگە كېلىپ بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئاتلىرىنى بېقىپ، نەرسىلىرىنى كۆزىتىپ بەرگىنىمنى ھېسابقا ئالماستىن، مېنىڭ ئەمدى نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشۇم بىلەنمۇ كارى بولماستىن مەندىن پۇل سورىدى.

    _ بەش – ئون سوم پۇل بېرىپ تۇر، تاماق يېۋالاي، - دېدى ئۇ. مەن ئۆز ئەھۋالىمنى ئېيتىپ پۇل بەرمىدىم.

    _ ھېچ بولمىسا، چاپىلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھاراققا بىر سوم بولسىمۇ بەرگىن، _ دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى ئۇ.

    مەن سىرتتىن خۇشال – خۇرام كەيپىياتتا قايتىپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ:

    _ سەن مېنى نەچچە كۈندىن بېرى ئاۋارە قىلىپ، زېرىكتۈرۈپ بۇرۇختۇرما قىلدىڭ، مەن بۇنىڭغا چىدىماي مانا ھازىر ئۆمرۈمدە بىرىنچى قېتىم ھاراق ئىچتىم. ئەمدى سېنىڭ خاپىلىقىڭغا پۇل تۆلىگىچىلىكىم يوق، _ دەپ ياتاققا كىرىپ كەتتىم.

    ئەتىسى ئەمدى مەن چۈشۈپ ھەيدەيدىغان ئات – ھارۋىلارمۇ يوقالغانلىقتىن، خوجايىننىڭ ماڭا تۆلىگۈدەك دەڭجالىق پۇلىمۇ بولمىغانلىقتىن، مېنىڭ ئۈچ – تۆت كۈن قونغىنم ئۈچۈن دەڭجالىقنى ئۆزۈم تۆلىدىم. بۇ يەردىن ئۈرۈمچى تەرەپكە ماڭىدىغان بىرەر ماشىنا ياكى ھارۋا ئۇچرىتالماي بىر كۈن ئاۋارە بولدۇم، ئاخىر بازاردىن تۆت گىردە نان ئېلىپ، ئۇنى كىيىم – كېچىكىم سېلىنغان خۇرجۇنغا سېلىپ، مۈرەمگە ئارتتىم – دە، پىيادە ئۈرۈمچى تەرەپكە قاراپ يولغا چۈشتۈم. ئاتمىش كلومېتر يولنى ئىككى كۈندە بېسىپ، جىڭ ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدىم.

     

     

    ھېرىپ تاپانلىرىم قاپىرىپ كەتكەنلىكتىن، ئەتىسى ماڭالماي يول بويىغا چىقىپ ھارۋا توسۇپ ئولتۇردۇم. ئۇچرىغان ھارۋىكەشلەرنىڭ بەزىسى يۈكۈم ئېغىر، ئادەم سالالمايمەن دەپ ئۇنىمىدى. يەنە بەزىسى بولسا، يۇقىرى كىرا ھەققى بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. كۈن چۈش بولغۇچە يول بويىدا ئولتۇرۇپ قورسىقىم ئېچىشقا باشلىدى. بازارغا بېرىپ تاماق ئېلىپ يېيىشكە، بىرىنچىدىن، پۇلۇمنى ئايىدىم؛ ئىككىنچىدىن، يولدىن نېرى كېتىپ قالسام، بىرەر ئەپ ھارۋا ئۆتۈپ كېتىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، ھېچياققا بارماي خۇرجۇندىكى بىر گىردە ناننى قۇرۇق يەپ ئولتۇردۇم. گېلىپ قۇرۇپ، ئەسنەك تۇتۇشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا جىڭ بازىرى تەرەپتىن بىر قارا ماشىنا چىقىپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم. قولۇمدىكى ناننى دەررۇ خۇرجۇنغا سېلىۋېتىپ، يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا چىقىپ «يا خۇدا، شوپۇرغا ئۆزۈڭ ئىنساپ بەرگەيسەن!» دەپ ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ تۇرغانىدىم، بەختىمگە يارىشا، شوپۇر ئالدىمغا كېلىپ ماشىنىنى توختاتتى. گەزمال بېسىلغان ماشىنىنىڭ ئۈستىدە ئىككى كىشى ئولتۇراتتى، مەن ئۇلارنى تونۇدۇم. بىرى دوگۋارچى سودىگەر ئەكرەمنىڭ ئىنىسى ئابلىز، يەنە بىرى ئۇنىڭ ھېسابچىسى ئىدى. ئابلىز قويۇق قاشلىرى ئاستىدىكى يوغان كۆزلىرىنى ئالايتىپ، مېنىڭ توپا باسقان چىرايىمغا تىكىلدى:

    _ ھەي زۇنۇنمۇ سەن، بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسەن، ماشىنىنىڭ ئالدىدىن نېرى تۇر، _ دەپ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ يولنىڭ چېتىنى كۆرسەتتى. مەن ماشىنىنىڭ يېنىغا ئۆتۈپ:

    _ ئابلىزكا، مەن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېتىپ باراتتىم، ھارۋىدىن ئايرىلىپ قالدىم، ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇۋالسىڭىزچۇ؟ _ دېدىم. ئۇ مېنىڭ قۇرۇپ كەتكەن كانىيىمدىن خىقىراپ چىققان پەس ئاۋازىمنى ئاران ئاڭلاپ ۋە بىچارە قىياپىتىمنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىدىمۇ نېمە، ھېچقانداق گەپ قىلماستىنلا:

    _ چىقە، _ دېدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى ئۇقمايمەن، ئەمما مەن رەھىم – شەپقەت قىلدى دېگەن ئوي بىلەن ناھايىتى خۇش بولدۇم – دە، يېنىك خۇرجۇنۇمنى ماشىنىغا تاشلاپ چىقىپ، ئارقىدىكى بوش جايدا ئولتۇردۇم. ماشىنا ئالغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. شۇ كۈنى كەچتە تاللىققا بېرىپ قوندى. ئەتىسى تاڭ سۈزۈلۈش بىلەنلا يولغا چىقىپ، شىخودىمۇ توختىماي ئاش ۋاقتى بىلەن كۈيتۈڭ دەرياسىغا يېتىپ باردى. دەرياغا كەلكۈن كېلىپ، لاي سۇ ئۆركەشلەپ ئاقماقتا ئىدى. ئەللىك ياشلاردىكى قارا چاڭگا ساقال رۇس شوپۇر قاراملىق بىلەنلا ئۇلۇغ سۇغا ماشىنىنى سالغانىدى، غالجىرلاشقان سۇ ماشىنىنىڭ ئالدى قىسمى __ كاپۇتتىن ئۆركەشلەپ ئۆتتى. ماشىنىنىڭ ماتور قىسمى سۇغا چىلىشىپ ئۆچۈپ، ھەرىكەتتىن توختاپ قالدى. شوپۇر بېلىگىچە سۇغا چىلىشىپ يۈرۈپ ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ باقتى، بىراق ماشىنىنى ئوت ئالدۇرالمىدى. ئۇ ماشىنا بىلەن ھەپىلەشكەنسېرى سۇ ئۇلغىيىپ، گەزمالنىڭ سۇغا چىلىشىش خەۋپى تۇغۇلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن خوجايىن ۋە خىزمەتچىلەر سۇغا چۈشۈپ، گەزماللارنى نېرىقى قىرغاققا توشۇشقا توغرا كەلدى. ئۇلار ياردەم قىلىپ مېنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇۋالغانلىقتىن، مەنمۇ ئۇلار ئۇچرىغان پالاكەتچىلىككە قاراپ تۇرالمايتتىم. ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا سىرتقى كىيىملىرىمنى سېلىۋېتىپ، ئىشتانچاق بولۇپ سۇغا چۈشتۈم. خوجايىن باشلىق تۆت كىشى كۈن پاتقۇچە توختىماي نېرىقى قىرغاققا يۈك توشۇدۇق، بولۇپمۇ مەن ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ جان پىدالىق بىلەن ئىشلىدىم. سۇنىڭ قاتتىق ئۇرۇشى ۋە دەريا ئاستىدىكى تاشلارغا پۇتلىشىش سەۋەبى بىلەن ئىككى – ئۈچ قېتىم سۇغا يىقىلىپ چۈشتۈم. يەنە بىر قېتىمدا دومىلاپ كەلگەن تاش ئوشۇقۇمغا تېگىپ جاراھەتلەندىم. قان ئېقىپ تۇرسىمۇ، ئوشۇقۇمنى لاتا بىلەن تېڭىپ، ئاقساقلاپ يۈرۈپ يۈك توشۇدۇم.

     

     

    شۇ كۈنى كېچىسى خوجايىن بىلەن بوغالتىر يۈك ئۈستىدە قۇرۇقراق ئورۇن تۇتۇپ ئۇخلاپ قالدى. شوپۇر بىلەن مەن زەي شېغىل ئۈستىدە قاتتىق بېرزىنىتنى يېپىنچا قىلىپ تاڭ ئاتقۇچە تىترەپ، ئۇخلىيالماي چىقتۇق. ساينىڭ تاشلىرى تېنىمگە پېتىپ بىئارام بولغىنىمدا، ئۇيغۇر خەلق داستانى «تاھىر _ زۆھرە» دىكى مۇنۇ قوشاق ئېسىمگە چۈشتى:

     

    بەزىلەر قېرىغىچە ھېچنېمە بىلمەس،

    بەزىلەر چېنىقىدۇ يېشىدا.

    يىگىت ياتسا بىر كۈن ئەتلەس كۆرپىدە،

    بىر كۈن ياتىدۇ ساينىڭ تېشىدا.

     

    ئەتىسى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە، خوجايىن بىلەن بوغالتىر ئورنىدىن تۇرۇپ، بىرەر نەرسە تېپىپ ناشتا قىلىشنىڭ كويىغا چۈشتى. شوپۇر بولسا، دەريانىڭ قىرغىقىغا بېرىپ، كېچىدىن بېرى قۇم قاپلاپ يېرىم قىسمى سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن ماشىنىسىغا قاراپ زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ھەسرەت چېكەتتى. مەن كېچىچە توڭلاپ چىققانلىقىم ئۈچۈن، تاڭ سۈزۈلۈپ ئەتراپنى كۆرگۈدەك بولغاندىلا قوپۇپ، سۇ لەيلىتىپ چىقىرىۋەتكەن ۋە تاش ئارىلىرىدا بېسىلىپ قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالغان ئۇششاق – چۈششەك ئوتۇنلارنى تېرىپ يۈك يېنىغا توپلاۋاتقانىدىم. مانا ئۈچىنچى قېتىم خېلى يىراق يەرلەردىن بىر قولتۇق تەمەچ تېرىپ كەلگىنىمدە ئابلىزلار ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. مەن شوپۇردىن سەرەڭگە سوراپ ئېلىپ گۈلخان ياقتىم. قالغان ئۈچى ئوتنىڭ چۆرىسىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، تۈنۈگۈن چۈشتىن بېرى ھېچنېمە يېمىگەنلىكىنى، بارغان يەردىلا تەييار تاماق يەيمىز دەپ، يولغا نان – پان ۋە يەيدىغان باشقا نەرسە ئېلىۋالمىغانلىقلىرىنى بىر – بىرىگە تاپا – تەنە قىلىشقا باشلىدى.

     

    _ مانا ئەمدى ناشتا قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ _ دېدى بوغالتىر ئابلىزغا قاراپ.

    _ شىخوغا بېرىش كېرەك، _ دېدى ئابلىز باشقا گەپ قىلماي.

    _ شىخوغا؟ _  بوغالتىر ئورنىدىن تۇرۇپ، كەلگەن تەرەپكە قارىدى، _ ئۇ يەرگە بېرىپ – كېلىش ئۈچۈن ئوتتۇز كىلومېترچە پىيادە يول يۈرۈش دېگەن ئاچ قورساققا ئاسان گەپمۇ؟

    _ مەندە ئۈچ – تۆت گىردە نان بار. شۇنىڭ بىلەن ناشتا قىلغاچ تۇرايلى، كېيىن بىر گەپ بولۇپ قالار، _ دېدىم ئابلىزغا قاراپ. ئۈچىلىسى خۇش بولۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى:

    _ ھەببەللى، _ دېدى خوجايىن.

    _ يارايسەن ئۇكام، قېنى چىقار نېنىڭنى، _ دېدى بوغالتىر. ئۇيغۇرچە سۆزنى چۈشىنىدىغان رۇسمۇ ئۆز تىلىدا:

    _ ۋوت خاراشو (مانا ياخشى)، _ دەپ مۈرەمگە ئۇرۇپ قويدى.

    مەن جىڭدا ئالغان تۆت گىردىدىن بىرىنىڭ يېرىمىنى يېگەنىدىم، قالغان يېرىمىنى ئۆزۈم ئېلىپ، ئۈچ گىردىنى ئۈچىگە بەردىم. ئۇلار ناننى قۇرۇق يېگىلى باشلىدى.

    _ توختاڭلار، ماشىنىغا سۇ قۇيىدىغان چېلەكنىڭ چۆرىسىگە تاش قويۇپ قاينىتايلى، _ دېدىممەن. بوغالتىر بىلەن شوپۇر قوشۇلدى. بىراق ئابلىز:

    _ لاي سۇنى قانداق ئىچىمىز؟_ دېدى.

    _ بۇ قۇملۇق لاي سۇ بولغانلىقى ئۈچۈن چاپسانلا ئاستىغا ئولتۇرۇپ سۈزۈلۈپ كېتىدۇ، _ دېدىم – دە، يېرىم چېلەك سۇ ئەكىلىپ، چوڭ – چوڭ ئۈچ تاشقا چېلەكنىڭ تۈۋىنى سۇلاپ، ئاستىدىن ئوت يېقىپ بىردەمدە قايناتتىم. دېگىنىمدەك، بىر ئازلا كۈتكەنىدۇق، قايناتقان سۈيۈم خېلى سۈزۈلۈپ قالدى. يولغا ئېلىۋالغان كۇرۇشكامغا قايناقسۇ ئېلىپ سەپەرداشلىرىمنى مېھمان قىلدىم.

     

     

    ئۇلار گاللىرىغا تۇرۇپ قالغان ناننى قايناق سۇ بىلەن يۇتۇپ ناشتا قىلىۋالغاندىن كېيىن، مېنى تۇرمۇشتا ئۆزلىرىدىن تەجرىبىلىك ئىكەنلىكىمنى ماختىشىپ، ئەمدى ماشىنىنى قانداق چىقىرىش ۋە ئۇنى قاداق جۆندەپ مېڭىش، شۇنىڭغىچە تاماقنى قانداق قىلىش توغرۇلۇق مەسلىھەتكە چۈشتى. شوپۇر ئەتراپتىكى تاشيول ئىشچىلىرىنىڭ بېكەتلىرىدىن تراكتور ئۇقۇشۇپ، ماشىنىنى چىقىرىپ بېرىشكە سۆزلىشىدىغان بولدى. مەن شىخوغا بېرىپ، نان – پان، باشقا يېمەكلىكلەرنى توشۇپ تۇرىدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈچۈن خوجايىن مېنىڭمۇ قورسىقىمنى تويغۇزۇپ تۇرىدىغان بولدى.

     

     

    مەسلىھەت بويىچە مەن خوجايىندىن پۇل ئېلىپ، بىر تاغار بىلەن ئىككى خالتىنى كۆتۈرۈپ، پىيادە ئاقساپ يۈرۈپ شىخو بازىرىغا كەتتىم.

    بازاردىن ئون دانە نان، قوينىڭ پىشقان ئىككى كالا – پاقالچىقى، ئىككى قېرىن، بىر كىلو قەنت، چاي، تۇز، بىر بوتۇلكا ھاراق سالغان تاغانى دولامغا ئارتىپ، ئاخىر پېشىن بىلەن دەريا بويىغا يېنىپ كەلدىم.

    بۇ يەردىكىلەر يولۇققان ماشىنىلارغا يالۋۇرۇپ، سۇدىكى ماشىنىنى چېتىپ ھېچ بىر چىقىرالماي، ئاۋارە بولۇپ تۇرۇپتۇ. بولۇپمۇ بىچارە ياشانغان شوپۇر ئۈستىبېشى لاي، چۆپ – چۆپ سۇ بولۇپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپتۇ. ئۇلار كوزۇپقىچە قۇم قاپلاپ كەتكەن ماشىنا بىلەن ھەپىلىشىپ، قورساقلىرى ئېچىپ، چارچاپ كېتىپتۇ. ئابلىز خوجايىن جىلى بولۇپ، ئۈسىدىغان يەر تاپالماي تۇرغانىكەن، مېنى كۆرۈپ:

    _ نېمانچە كېچىكتىڭ، قورساق ئېچىپ ئۆلەي دەپ قالدۇق، _ دېدى غەزەپ بىلەن. مەنمۇ بوش كەلمەي:

    _ بوغالتىر بېرىپ – كېلىش ئۈچۈن ئوتتۇز كىلومېتر يول مېڭىش كېرەك دېدىغۇ، تاغار كۆتۈرۈپ ئوتتۇز كىلومېتر يولنى پىيادە مېڭىش ئاسان ئىشمۇ، ھالىمدىن كېتىپ ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى تاس قالدىم. بولدى مەن بارماي، سىلەرگە نەرسە لازىم بولسا، ئۆزۈڭلار بېرىپ ئەكىلىڭلار، _ تاغارنى يۈكنىڭ تۆپىسىگە ئىرغىتىپ ئاتتىم. شوپۇر بىچارە تولا ئىشلەپ قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەن بولسا كېرەك:

    _ نىچېۋو، رېبىياتا، دايتى خېلىب (كېرەك يوق، بالا، ئەكەل ناننى)، _ دېدى – دە، قولىدىكى لاينى كاللا – پاقالچاقنى كۆرۈپ خۇشال بولدى، _ ئاھاي، كاك خاراشو، تىبىر ئىستوپكا دىژون نت ژالكا ئىتو (ھەي، نېمىدېگەن ياخشى، ئەمدى 100 گرام جۈن يوقتە، بۇ زايە كېتىدىغان بولدى)، _ دېگەنىدى. مەن تاغارغا مەھكەم ئوراپ سېلىنغان بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئېلىپ كۆرسەتتىم. دىققەتچىلىكتە قالغان بىچارە شوپۇر بوتۇلكىنى قولىغا ئېلىپ ئېگىز كۆتۈرگەن بويى:

    _ كاك خاراشو؟ ئوچىن خاراشو، تى ئومى (نېمىدېگەن ياخشى؟ بەك ياخشى بولدى. سەن ئەقىللىك ئىكەنسەن) دەپ سەكرەپ كەتتى. بوتۇلكا ئاغزىدىكى مەدەكنى چىشلەپ تاشلىۋېتىپ، بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئاغزىغا تىقىپ، تۆت سەرچە ھاراقنى غۇرتىلدىتىپ يۇتۇۋەتتى.

     

     

    باشقىلار تاماق يېيىشكە باشلىغاندا، مەن ھارغىنىمغا قارىماي چېلەكتە چاي قاينىتىشقا قوپتۇم. كېيىن شوپۇرنىڭ زورلىشى بىلەن تاتا يىگىتىدىن ئۆگىنىۋالغان ھاراقنىڭ كەيپىنى بۇ يەردە ئىككىنچى قېتىم سۈرۈپ، كاللا – پاچاق يېيىشكە باشلىدىم.

    ماشىنىنى ھەر خىل ئامال قىلىپمۇ سۇدىن چىقىرالماي، ئاخىر سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، چوڭ بىر تراكتورغا ئەللىك سوم ھەق تۆلەپ، ماشىنىنى قۇم بېسىپ كەتكەن جايدىن چىقارغۇزدۇق. بىچارە شوپۇر كونا ماشىنىنى بىرمۇ بىر چۇۋۇپ، ئەڭ ئۇششاق زاپچاسلىرىغىچە قۇمدىن تازىلاشقا چۈشتى. ئۇ زاپچاسلارنى لاتىدا ئېرتاتتى. بەزى كىچىك تۆشۈك زاپچاسلىرىنى پۈدەپ، بەزى تۆشۈك (نەيچە) لەرنى شۈمەيتتى، ئاپتاپ ۋە يامغۇر – يېشىنغىمۇ پەرۋا قىلماي ئىشلەيتتى.

    مەن تېرىپ كەلگەن قاخشال تەمەچلىرىم بىلەن كېچىلىرى ئۇنىڭ يېنىغا ئوت قالاپ بېرەتتىم. شوپۇر ئەنە شۇ گۈلخاننىڭ يورۇقىدا ماشىنا ئاستىدا ئوڭدا يېتىۋېلىپ، ئۇخلىماي تىمىسقىلايتتى. مەن گۈلخان يېنىدا كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ئۇخلاپ، ئارىلاپ قوپۇپ يەنە ئوتۇن سالاتتىم. خوجايىنلار بولسا، گەزمال تايلىرىنى ئەتراپقا تىزىپ، ئۈستىگە بېرزىنىتنى يېپىپ چېدىر ياساپ، ئىچىدە خورەك تارتىپ ئۇخلايتتى. مەن تاڭ يورۇشى بىلەنلا شەھەرگە بېرىپ، نەرسە – كېرەك ئېلىپ كېلەتتىم. بەزى كۈنلەردە گۆش ئالغاچ كېلىپ، چېلەكتە شورپا قاينىتاتتىم. مۇشۇ يوسۇندا تۆت كېچە – كۈندۈزنى ئۆتكۈزدۇق. ماشىنىمۇ جۆندەلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.

     

     

    ماشىنىمىز كەچقۇرۇن سانجىغا يېتىپ بارغاندا، بازارغا بارماي بەش – ئالتە كىلومېتر بېرى بىر جايدىكى جاڭزىغا بېرىپ توختىدى. شۇ كۈنى بۇ يەردە قونۇپ قالدۇق. تاڭ ئاتقاندا خوجايىن:

    _ زۇنۇن ئاخۇن ئۇكا، ماشىنا ئۈرۈمچىگە كىرمەيدىغان بولدى. چۈنكى شىڭ دۇبەن ھەر ياقتىن كەلگەن ماشىنىلارنى سەيسىگە تۇتۇپ جەنۇبقا ماڭدۇرۇۋاتقۇدەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز يۈكىمىزنى مۇشۇ يەردە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ماشىنىنى غۇلجىغا ياندۇرۇۋېتىمىز. سەن بىر ئاما قىلىپ ئۈرۈمچىگە ئۆزۈڭ كىرىپ كەت، _ دېدى.

    سانجىغا يېقىن كېلىۋالغىنىمغا شۈكرى قىلىپ:

    _ مۇشۇ يەرگىچە بولسىمۇ ئەكىلىپ قويغىنىڭلارغا رەھمەت، ئەمىسە مەن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان بىرەر ھارۋا ئۇقۇشاي، _ دەپ خۇرجۇنۇمنى دولامغا سېلىپ مېڭىشقا تەمشەلدىم.

    _ قۇرۇق رەھمىتىڭنى قويۇپ ئۇكا، ئاز – تولا ماشىنا كىراسى تۆلەپ كەت، _ دېدى ئابلىز.

    _ كىرا تۆلەيمەنمۇ تېخى، _ دېدىم تۈكۈرۈكىمنى يۇتۇپ. خوجايىننىڭ كىرا ھەققى توغرىسىدىكى گەپنى ئاڭلاپ ھودۇقۇپ قالغانىدىم. سەۋەبى، بۇلار مېنىڭ بىر يۇرتلۇق يېتىم بالا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇۋالدى دەپ، ئۇلاردىن مىننەتدار بولۇپ يۈرگەنىدىم. ئىككىنچىدىن، مەنمۇ بۇلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، يەنى دەريا بويىدىكى پالاكەتتە پۇتۇمنىڭ جاراھەت بولغىنىغا قارىماي، خېلى كۆپ ئىشلىرىغا قارىشىپ بەرگەنىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار مەندىن ھەرگىز كىرا ھەققى ئالماس دېگەن ئويدا ئىدىم. مېنىڭ بۇ ئويلىرىم بىردىنلا قۇرۇق خىيال بولۇپ چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېنىمدىكى ئاياپ يۈرگەن پۇلنى ئۇلارغا بېرىش مېنىڭ بېشىمغا تۇيۇقسىز كالتەك تەگكەندەك تەسىر قىلدى.

     

     

    _ قانچە تۆلىسەم بولىدۇ؟ _ دېدىم ئاغرىنغان ھالدا.

    _ غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلار يەتمىش سوم تۆلەيتتى، سەن جىڭدىن سانجىغىچە ئولتۇرۇپ كەلدىڭ، ئاتمىش سوم بەرسەڭ بولار، _ دېدى ئابلىز.

    _ ئاتمىش سوم؟!... _ مەن ئابلىزغا قارىماي، مەيۈس ھالدا كۆزۈمنى چىمىلدىتىپ بوغالتىرغا قارىدىم. مېنىڭ بوغالتىرغا بوينۇمنى قىسىپ قارىشىمدا خوجاين ماڭا رەھىم قىلماي ئۇۋال قىلغىلىۋاتىدىغۇ، سەن بولساڭ بىچارىلەرگە خېلى رەھىمدىل ئادەم ئىدىڭ، ماڭا ياردەم قىلىپ كىرا ھەققىنى ئالغۇزمىغىن، ھېچ بولمىسا ئازراق تۆلەتكۈزۈشكە ياردەم قىل دېگەن مەنىدىكى شەپقەت تىلەش بار ئىدى. لېكىن بۇ ئۈمىدىممۇ بىكار بولۇپ چىقتى. چۈنكى بوغالتىر:

    _ ئۇكا، سەندىن كىرا ئالمىساقمۇ بولاتتى. ئۆزۈڭ كۆرۈپ تۇرۇپسەن، يولدا پالاكەت بېسىپ، ئابلىز نۇرغۇن چىقىم تارتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاز – تولا كىرا بەرمىسەڭمۇ بولماس، _ دېدى

    شۇنداق قىلىپ، مەن ياردەم كۈتكەن شەپقەتلىك بوغالتىرنىڭ سالا – سۇلۇسى بىلەن قىرىق سوم تۆلەپ، شۇ كۈنى بەش – ئالتە كىلومېتر پىيادە يول يۈرۈپ سانجىغا باردىم. ئۇ يەردىن ياغاچ باسقان بىر داچەي ھارۋىغا بەش سوم كىرا تۆلەپ، نامازدىگەر بىلەن ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتۇق.

     

     

    ھارۋىغا ياغاچ جىق بېسىلغاچقا ھارۋىنى ئېگىز – پەس، پاتقاقلىق جايلاردىن تارتىپ چىقىرالماي، كېچىچە ئاۋارە بولۇپ، كۆپرەك پىيادە يۈردۇق. تاڭغا يېقىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كىردۇق ۋە چوڭ كۆۋرۈك يېنىدىكى بىر دەڭگە كېلىپ چۈشتۇق.

    ئەمدى بۇ چوڭ شەھەردە نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشۇمنى بىلمەي قالدىم. يېنىمدا پەقەت ئوتتۇز سوملا پۇل قاپتۇ. بۇ ئازغىنە پۇلۇم تۈگىسە، بىرەر مەكتەپكە كىرىۋالغۇچە قانداق تىرىكچىلىك قىلىشىمنى ئويلاپ يۈرگىنىمدە، غۇلجا شەھەر ئىچىلىك تونۇشۇم ئېلى ھەمرايۇپ بىلەن مەمتىلى جىلانوپقا يولۇقۇپ قالدىم. ئۇلار تاشكەنتكە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئىمتىھان بېرىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەنىكەن. ئۇلار چوڭ كۆۋرۈك يېنىدىكى غەربىي باغچىدا تۇرۇشىدىكەن. ئۇلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە مەنمۇ «تاشكەنتكە چىقىدىغان ئوقۇغۇچى» دەپ شۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدىم ۋە ئۈرۈمچىدە ھەممە ۋىلايەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەم قالغان ۋە بۇ يەردە دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمەي قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، بوش ئورۇنغا ئىمتىھان بېرىپ، تاشكەنتكە چىقىدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا تاماق ۋە ياتاققا ئېرىشىۋالدىم.

     

     

    ھەر قايسى ۋىلايەتتىن كەلگەن يۈزگە يېقىن ئوقۇغۇچى 1937 – يىلى پىلان بويىچە بەلگىلەنگەن ئوقۇشقا چىقالماي باغچىدا تۇرۇپ قالدى. سەۋەبى، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرلىرىدىن بىر نەچچىسى كەينى – كەينىدبن «خائىن» دەپ قولغا ئېلىنىپ، بىزنى ئىگىدارچىلىق قىلىپ يولغا سالىدىغان بولماي قالغانىدى. ياز بويى قىلىدىغان ئىشمۇ يوق، خەجلەيدىغان پۇلمۇ يوق... مەن غۇلجىدا ئوقۇشقا تەشنا بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا ئىلىم – بىلىم «كىشىلەرنى يامان تۇرمۇشتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولى» دېگەن چۈشەنچە بىلەن، مەرىپەتنى تەرغىپ قىلىدىغان «جاھالەتنىڭ جاپاسى» ناملىق بىر درامىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى قۇرۇپ، قەغەزگە چۈشۈرۈپ قويغانىدىم. شۇ ۋاقىتتا يەنە ئېغىر ئالۋاڭ – ياساقتا ۋەيران بولغان دېھقان بوۋاينىڭ قىزى چىمەننىڭ سەرگۈزەشتىسىنى تەسۋىرلەيدىغان بەش بوغۇملۇق ۋەزىندىكى «چىمەن» دېگەن پوئېمىمۇ يازغانىدىم. ئۈرۈمچىگە كېلىش ۋاقتىدا مەن بۇ ئىككى ئەسىرىمنىڭ قوليازمىلىرىنى بىللە ئالغاچ كەلگەنىدىم.

     

     

    دەسلەپ يازغان ھېلىقى درامىنى قايتا ئۆزگەرتىپ تولۇقلاپ ئېلى ھەمرايوپ، جىلانوپ، ئابدۇقادىر زۇنۇنلارنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ئۈرۈمچى سەھنىسىدە ئوينىماقچى بولدۇق. ئويۇننى ھازىرلاپ، قويۇش، تېگىشلىك ئورۇنلار بىلەن سۆزلىشىپ تەستىقلىتىش قاتارلىق تەشكىلىي ئىشلارغا ھەمرايوپنى بەلگىلىدۇق. مەن بولسام، رېژىسسورلۇق قىلىشنى ۋە بالىلىرىنى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا بېرىشكە ئۇنىمايدىغان مۇتەئەسسىپ، بەڭگى بوۋاينىڭ رولىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. جىلانوپ بوۋاينىڭ ئوغلى مەخسۇتنىڭ رولىنى ئوينىماقچى بولدى. مەخسۇت دادىسىدىن بىسوراق قېچىپ بېرىپ ئوقۇپ، دوختۇر بولۇپ كېلىپ، بوۋاينى ئېغىر كېسەلدىن، سىڭلىسىنى تىلەمچىلىكتىن قۇتقۇزۇپ ياخشى كۈنگە يېتىشتۈرىدىغان يىگىت رولىنى مەجىت دېگەن يېتىمچىلىكتە ئۆسكەن تاتار يىگىت ئالماقچى بولدى. ئۇ، بۇ رولنى ناھايىتى تەسىرلىك ئوينىدى. نادانلىقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن ئىنىسىنىڭ رولىغا ئەمىن دېگەن ئۆزبېك يىگىتى چىقتى. ھەمىشە داپ چېلىپ ئوينايدىغان ئەخمەت يارنى باخشىنىڭ رولىغا چىقاردۇق. بىز درامىنى ئون بەش كۈن رېپىتىس قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى شۇ ۋاقتىدىكى نەنگۈندە (جەنۇبىي قوۋۇقتا) كىنوخانا قىلغان بىر دەڭدە ئويناپ چىقتۇق. چىراغ يېقىش ئۈچۈن بىر سودىگەردىن بىر پۇت بېنزىن قەرز ئالدۇق. كىيىم، دېكوراتسىيىلەرنى ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى بېرىپ تۇردى. ھەر كۈنى ئويۇن بېلەتلىرى ناھايىتى چاپ – چاپ سېتىلىپ تۇردى. ئۈچ كۈن ئويۇن قويۇش داۋامىدا يەتتە – سەككىز يۈز سوم پۇل توپلىدۇق.

     

     

    ئويۇندىن چۈشكەن پۇلنى تەقسىم قىلىش ئۈچۈن بىر ھەيئەت سايلاپ چىقىشقا، شۇلار كىمگە قانچىلىك بەرسە رازى بولۇشقا بىردەك كېلىشتۇق. ھەيئەت: ئاپتورلۇق ھەققىم، رېژىسسورلۇق قىلغىنىم ۋە باش رولىنى ئالغىنىمنى ھېسابقا ئېلىپ، ماڭا ئومۇمىي كىرىمنىڭ ئەللىك پىرسەنتىنى، يەنى ئۈچ يۈز ئەللىك سوم بەردى. ئېلى ئەكبەر دېگەنگە كىيىمىنىڭ يېلىڭ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچكۈز بولۇپ قالغانلىقىنى ھېسابقا ئېلىپ، يۈز سوم ئاجرىتىپ بەردى. داپچى ئەخمەت يارىغىمۇ كىيىم – كېچىكى جۇل – جۇل بولغاچقا، يۈز سوم ئاجرىتىپ بەردى. قالغان پۇلنى ئارتىسلارغا، ئوينىغان رولىغا قاراپ، يىگىرمە – ئوتتۇز سومدىن تەقسىم قىلىپ بەردى. كۆپرەك ھەق ئالغانلار قىشلىق كىيىم – كېچىكىمىزنى تەييارلىۋالدۇق ۋە بىر كېچە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئويۇننى ھازىرلاشقا قاتناشقان بارلىق يولداشلارنى كۈتۈۋالدۇق.

     

     

    «جاھالەت جاپاسى» __ مېنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتقا قىزىقىشىم باشلانغاندىن كېيىن، يەنى 1936 – يىلى يېزىپ چىققان تۇنجى درامام ئىدى. بۇنى ئۆزىمىز سەھنىگە ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، شۇ يىلى يازدا يېزىدىكى كاۋا بارىڭىدا ئولتۇرۇپ يېزىپ چىققان «چىمەن» ناملىق پوئېمامنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن گېزىتخانىغا ئېلىپ باردىم. تەھرىرلەر: باش تەھرىرگە (شۇ چاغدا گېزىتخانا ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا سوۋېتلىك مەنسۇر ئەپەندى مەسئۇل ئىدى) قول قويدۇرۇپ كەلسەڭ، بېسىپ بېرىمىز، _ دېيىشتى. بىراق باش تەھرىرنىڭ ئىشى كۆپ بولۇپ، بىر جايدا مۇقىم تۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئىككى ھەپتە ئىزلەپ تاپالمىدىم. گېزىتخانا ۋە مائارىپ نازارىتى ئەتراپىدا ئۆز ھەلەكچىلىكىمدە بولۇپ يۈرۈپ، شېڭ شىسەي ئايۇپ قارى («بارات جەلىگۈر» دېگەن ھېكايىنىڭ ئاپتورى)، تۇراخۇن قارى، مەرۇپ ئەپەندى، خېلىل ساتتارى، قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق يازغۇچى، شائىرلارنى باشقا ئاتاقلىق كىشىلەر قاتارىدا تۇتۇپ كېتىپتۇ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىدىم. كېيىن مەن پوئېمامنى تەستىقلاپ بېرىدىغان مەسئۇل كىشىنىمۇ تاپالمىدىم. چۈنكى ئۇ كىشىمۇ غايىپ بولغانىدى. ئەسەر باسىدىغان ئورۇنمۇ بولمىدى. «ھەي بۇ نەرسەمنى نەشىر قىلدۇرىمەن دەپ قاتراپ يۈرۈپ، مەنمۇ بالاغا يولۇقۇپ قالىدىغانغا ئوخشايمەن» دېگەن قورقۇنچ بىلەن ئوتقا تۇترۇق قىلىپ، «چىمەن» دىن ئادا _ جۇدا بولدۇم (ل. مۇتەللىپ ئۇنى كۆرگەندە: «بۇ چىرايلىق ئىسىم ئىكەن» دېگەن. ئۇ كېيىن مۇشۇ ئىسىملىك بىر دراما يازغان). ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ يېڭى باھارى ئەدىلا چېچەك ئاتقاندا، ئۆلكىمىزدە ئۇنىڭ چېچەكلىرىنى خازان قىلىدىغان جۇدۇن _ چاپقۇن كۆتۈرۈلگەنىدى. مېنىڭمۇ ئەدەبىياتقا قەدەم قويغان باھارىمنىڭ دەسلەپكى يېشىل «چىمەن» ى بۇ جۇدۇنلۇق كۈنلەرنىڭ شەپىسىدە كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى.

     

     

    مانا قار ئۇچقۇنداپ قىشمۇ يېتىپ كەلدى. بىز ئىلىم ئىزلەش يولىدىكى بىرەر يۈز ياش، يول ئۈستىدىكى كارۋانلاردەك باغدىكى بىر نەچچە يەرگە گۈلخان يېقىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا كۈن ئۆتكۈزۈپ يۈرمەكتە ئىدۇق.

     

     

    بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن گۈلخان يېنىدا ئېلى ھەمرايوپ دۇتار، ئابدۇرېشىت تەمبۇر، ئەخمەتيار داپ چېلىپ ناخشىغا چۈشكەنىدى. باغقا تۇيۇقسىزلا بىر قانچە ماشىنا كىرىپ كەلدى. ئالدى – كەينىدىكى تۆت چوڭ ماشىنىدا پىلىموت ۋە بەش ئاتار مىلتىق تۇتقان، يانلىرىغا بومبىلار ئاسقان يۈزچە ئەسكەر بار ئىدى. بۇ ماشىنىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پىكاپتا بولسا، شېڭ شىسەي ئولتۇرغانىدى. بىزدىن ئەللىك قەدەمگە يەتمەيدىغان ئورۇندىكى چوڭ سۇ بويىغا كەلگەندە، شېڭ شىسەي ماشىنىدىن چۈشتى ۋە تاللار سايە تاشلاپ تۇرغان سۇ بويىغا كېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇردى. قويۇق قاشلىق، ياپىلاق يۈزلۈك بۇ ئادەم ئاق پەلىيىنى چىقىرىپ، سېمىز قولىنى سۇغا تىقىپ، تاشلارنى شاراقلىتىپ ئويناشقا باشلىدى. بۇ قول، تەبىئىي مەنزىرىنى كۆرۈپ ھېسسىياتقا بېرىلگەن شائىرنىڭ قولى بولماستىن، ئەزىز خەلقىمىزنىڭ قېنىغا بويالغان جاللاتنىڭ قولى ئىدى.

     

    ساز ناخشىلار توختاپ، ھەممىمىز قىمىرلىماي جىم بولۇپ قالدۇق، ھەتتا مەن بىر تال ئوتۇننى تىزىمغا قويۇپ ئۇشتىغان پېتى تۇرۇپ قالدىم.

     

     

    ئېلى ئەكبەر:

    _ بالىلار، بالىلار قاراڭلار، داھىمىز شېڭ دۇبەن بىزگە قاراۋاتىدۇ، _ دەپ پىچىرلىدى.

    _ ئاغزىڭنى يۇم، ساراڭ، _ دېدى ئېلى ھەمرايوپ ھودۇقۇپ (ئېلى ئەكبەرنىڭ لەقىمى ساراڭ ئىدى). بۇ ساراڭمۇ ئىككىنچى گەپ قىلماي جىم بولدى. ئەگەر مەجلىسلەردە جاللات شېڭنىڭ نامى سۆزلىگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىقسا، خۇشامەتچىلەرنىڭ كىشىلەرگە تاڭغىنى بويىچە زالدىكى پۈتۈن ئادەم دەررۇ ئورنىدىن گۈررىدە قوپۇشى كېرەك ئىدى. بۇ يەردە ئەكبەر ساراڭنىڭ ئاغزىدىن بۇ «ئۇلۇغ» ئىسىم چىققان بولسىمۇ، بىز قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ قالغانىدۇق. سەۋەبى، ھەممىمىز بىردىنلا گۈررىدە تۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلغانىدۇق. چۈنكى ماشىنىنىڭ كابىنكىسى ئالدىدىكى پىلىموتلارنىڭ كانىيى بىز تەرەپكە قاراپ تۇراتتى.

     

     

    دەھشەتلىك شېڭ دوبەن باغنى سەيلە قىلىپ قايتقاندىن كېيىن، بىزنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىمىزنى سۈرۈشتە قىلغان بولسا كېرەك. ئىككى كۈن ئۆتۈپلا مائارىپ نازارىتىدىن بىر كىشى چىقىپ، بۇ يىل تاشكەنتكە ئوقۇغۇچى چىقىرىلمايدىغانلىقىنى، بىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە سىفەنلەرگە كىرىپ ئوقۇشىمىزنى ئۇقتۇردى.

     

     

    شۇنىڭ بىلەن، ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا تۆتىنچى قارارلىق سىنىپقا ئوقۇشقا كىردىم. باشقا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار سىفەنگە كىردى. بىز گەرچە تاشكەنتكە چىقىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىساقمۇ، ئۇ يەردىكى ساگودا ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. بۇ چاغدا سىفەندا ھىۋزوللايۇپ، سەيپۇللايۇپ، ھاجىيۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە بولسا، ئابدۇراھمان مۇھىدى، قادىر ھەسەن، ئارىپوپلار ئاساسلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىدى.

     

     

    ئورنى كەلگەندە شۇنىمۇ ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، مېنىڭ دەسلەپكى «جاھالەتنىڭ جاپاسى» ناملىق ھېلىقى درامىدا ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ، غۇربەتچىلىكتە قەلەندەر بولۇپ سەرسانلىقتا يۈرگەن قىزنىڭ رولىنى ئاجايىپ تەسىرلىك ئويناپ، تاماشىچىلارنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزغان تاتار يىگىت، كىيىم – كېچەك ۋە باشقا تەمىناتى ياخشىكەن دېگەن ئوي بىلەن ساقچىلارنى تەييارلايدىغان كۇرسقا ئوقۇشقا كىردى. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بىزگە قارىغاندا تېخىمۇ يامان بولۇپ كەتتى.

     

     

    شۇ ۋاقتىدىكى مۇناپىق جاللات لى يىنچىنىڭ قول ئاستىدىكى مەخسۇس ساقچىلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى يېرىدىن «خائىن» دەپ تۇتۇپ كېلىنگەن نەچچە يۈزلىگەن زىيالىي ۋە نامدار كىشىلەرنى تۈرمىلەرگە سولاپ، مەخپىي ئۆلتۈرۈشكە باشلىغانىدى. ياخشى تەمىناتقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ، ساقچىلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن ھېلىقى تاتار يىگىت قانخور جاللاتلارنىڭ قولىدا تۆكۈلگەن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قانلىرىنى كېچىشكە مەجبۇر بوپتۇ. درامىدا يېتىم قىزنىڭ رولىنى ئېلىشتا ماھارەت كۆرسەتكەن بىچارە ئارتىسىمىز جاللاتلارنىڭ يىرگىنىشلىك قولىدا دەھشەتلىك قۇربان بولغان كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنى توشۇپ كۆزدىن يوقىتىدىغان ھارۋىكەشنىڭ رولىنى ئاپتۇ. ئۇ مەلۇم ۋاقىت ئۆلۈك توشۇغاندىن كېيىن، مۇناپىق قانخور شېڭ دوبەننىڭ ئۆز جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئىزىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە قىرغىنغا يېقىندىن قاتناشقانلار قاتارىدا بىر كېچىدە قەتلى قىلىپ ئۇجۇقتۇرۇلۇپتۇ.

     

     

    بىز ئوقۇشقا كىرگەن ئوتتۇرا مەكتەپ بېيمىڭدىكى (شىمالىي قوۋۇق) دۆڭدە ــ ياڭ جاڭجۈن (ياڭ گېنىرال) ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندىكى «گودۇڭ شۈيتاڭ» دەپ ئاتىلىدىغان كونا مەكتەپنىڭ ئورنىدا ئىدى. بىر غۇلاچچە يۈرۈش ئارىلىقى بولغان ھويلىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھەر بىر ھۇجرىدا بەش ئوقۇغۇچى ياتاتتۇق. ھۇجرىلارنىڭ كونا پەنجىرىلىدىن چىقىرىلغان مەشنىڭ كانىيىدىن قىش كۈنلىرى كۆتۈرۈلگەن ئىس بىلەن يۈرۈش يولىمىز قاپلىنىپ كېتەتتى، بىز ئېڭىشىپ يۈرۈپ سىنىپلارغا يۈگۈرەيتتۇق. ھەر بىر ياتاققا بىر ھەپتىدە يۈز جىڭ (ئەللىك كىلو) كۆمۈر بېرىلەتتى. بۇ كۆمۈر تۆت كۈنگە ئاران يېتەتتى. قالغان كۈنلىرى سوغۇقتا ياتالماستىن، ئامبارلارنىڭ قۇلۇپلىرىنى چېقىپ، كۆمۈر ئوغۇرلاشقا مەجبۇر بولاتتۇق ياكى باشقا سىنىپلارنىڭ پەنجىرىلىرىنى قومۇرۇپ، ئۇ يەردىكى مەشكە قالاشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرلەرنى ئېلىپ چىقاتتۇق. شۇنىڭ بىلەن، ئامبارنىڭ قۇلۇپىنى چاققان ئوقۇغۇچىلار تەرتىپ مۇدىرى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلىپ جازالىناتتى. سىنىپلار ئارا ئوقۇغۇچىلار كۆمۈر تالىشىپ مۇشتلىشىپ قالاتتۇق. سوغۇق قاتتىق بولۇپ ياتالماي قالغان چاغلىرىمىزدا ياتاقتىكى جوزا، ئورۇندۇقلىرىمىزنى يېرىپ قالاپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ تۇراتتى. 1937 – يىلى ئاشلىق كەمچىل بولۇپ، كۈندە بىر – ئىككى ۋاخ شىفەن (گۈرۈچ شورپا) ئىچىپ، ئاچلىق دەردىنى تارتىپ ئوقۇيالماي قالغان كۈنلىرىمىزمۇ بولدى. ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم موما (ھورنان) بەرگەندە، نان تالىشىپ داس ۋە جوزىلارنى سۇندۇرۇپ، ئاشخانا ئىچىدە توپىلاڭ چىقىراتتۇق. مەكتەپتە ئەھۋال ئېغىر بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «ئاچتىن ياكى ئىستىن» ئۆلىدىغان بولدۇق دەيدىغان گەپلەر ئىختىيارسىز چىقىپ تۇراتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرەرى ئاغرىسا «ئاچتىنمۇ ياكى ئىستىنمۇ» دەپ قوياتتۇق.

     

     

    دېگەندەك ياتاقلاردىكى قىستاڭچىلىق، سوغۇق تېگىش، چۇسا، پىت، مەينەتچىلىك دەستىدىن ھەم تويغۇدەك تاماق يېمىگەنلىكتىن، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كېسەل بولۇپ كېتىشتى، ئەتىيازغا چىققاندا ئۇيغۇر سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىنلا يىگىرمە نەچچىسى ئۆلدى. سىياسىي ھاۋانىڭ دەستىدىن بولسا، بىر نەچچە ئوقۇغۇچى «خائىن» ۋە «بۇزۇق ئۇنسۇر» دەپ تۇتۇلۇپ كەتتى.

     

     

    شۇنداق ئېغىر شارائىتتا مەن بۇ يەردىكى مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇپ، 1938 – يىلى غۇلجىغا قايتىپ كەتتىم. غۇلجىدىكى يېتىم بالىلار مەكتىپى «خەيرىيە» دە بىر يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئاجىزلاپ كەتكەن تېنىمنى ۋە كىيىم – كېچىكىمنى رۇسلىۋالدىم.

     

     

    1939 – يىلى يەنە ئۈرۈمچىگە كېلىپ، سايباغدا ئېچىلغان يېزا ئىگىلىكى تېخنىكۇمىغا ئىمتىھان بېرىپ، چارۋىچىلىق بۆلۈمىگە ئوقۇشقا كىردىم. بۇ يەردە بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، يازلىق تەتىل بولۇش ئالدىدا، بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەسلىھەت قىلىپ كېلەركى ئوقۇش يىلىدا ئېچىلىدىغان ئاگرونوملۇق سىنىپىغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قوبۇل قىلىش توغرىسىدا شېڭ دۇبەنگە ئەرز تۇتتۇق. چۈنكى ئاگرونوم سىنىپىدا ھەر خىل دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى، تراكتورلارنى قۇراشتۇرۇش، ھەيدەش ئىشلىرىنى ئۆگىتەتتى. شۇنىڭدەك بۇ يەردە ئىلمىي ئاساستا تېرىقچىلىق قىلىش ئىشلىرىنىمۇ ئۆگىنىپ چىققىلى بولاتتى. ئىككىنچىدىن، بۇ سىنىپنى ئوقۇپ چىققۇچىلار شۇ ۋاقىتلاردا يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىدارىلەرگە باشلىق بولاتتى. چارۋىچىلىق، سۇچىلىق ۋە مال دوختۇرلۇقنى ئوقۇپ چىققۇچىلار ئاشۇنداق ئىدارىلەرنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سىنىپتا ئوقۇش ئارزۇيىمىز ئېشىپ، ئىككىنچى قېتىم ئۆتۈنۈش يازدۇق. بۇنىڭمۇ جاۋابى چىققۇچە يازلىق تەتىل بولۇپ، يۇرتىمىزغا __ ئائىلە كۆرۈپ كېلىشكە كېتىپ قالدۇق.

     

     

    1940 – يىلى كۈزدە، مەن مەكتەپتە ۋاقتىدا قايتالماي، غۇلجىدا يەنە بىر ئايچە تۇرۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى دورىخانىسىنىڭ ماشىنىسىغا ئەللىك سوم كىرا بېرىپ يولغا چىقتىم. ماشىنا سۈيدۈڭگە كەلگەندە توختاپ تاماققا ماڭدۇق. بىز ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقىنىمىزدا، ئۈرۈمچى دورىخانىسىدا ئىشلەيدىغان جوجى دېگەن تاتار يىگىتى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇ مېنى سىرتقا ئىشارەت قىلدى. مەن دەررۇ سىرتقا چىقتىم.

    جوجى يېنىمغا كېلىپ پەس ئاۋاز بىلەن:

     

    _ مەن ئۈرۈمچىدىن تۈنۈگۈن يولغا چىققانىدىم، بۇ يەرگە ئەمدى كېلىپ تۇرۇشۇم. سىلەرنىڭ مەكتەپتە بولغان ئەھۋالنى ئاۋۇلارنىڭ ئالدىدا ئېيتىپ بېرىش ئەپسىز بولدى، شۇڭا سېنى بۇ چىقىشقا ئىشارەت قىلدىم، ئەھۋال ئېغىر... دېدى.

    _ ئېيتقىنا، قانداق ئەھۋال، _ دېدىممەن جىددىيلىشىپ.

    _ سىلەرنىڭ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولىسىنى، بۈگۈن ئون نەچچە كۈن بولدى، قولغا ئالدى.

    _ نېمە ئۈچۈن؟

    _ سىلەر شېڭ دۇبەنگە ئەرز بەرگەن ئىكەنسىلەرغۇ؟! شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك.

    _ ئەرز بەرگىنىمىزنى سەن كىمدىن ئاڭلىدىڭ؟

    _ سىلەرنىڭ تەرتىپ مۇدىرىڭلار ئابلىھەيدىن.

    شۇ ۋاقىتتا جىڭساجۈي (ساقچى ئىدارىسى) نىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ تەرتىپ بۆلۈملىرىگە ئوقۇغۇچىلارغا كۆز – قۇلاق بولۇشنى مەخپىي تاپشۇرغانلىق ھەققىدىكى گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپنىڭ تەرتىپ بۆلۈمى بىزنىڭ شېڭ دۇبەنگە ئەرز تۇتقانلىقىمىزنى بىلىشى جەزمەن ئىدى. چۈنكى ئەرز بېرىش ئاشكارا ئىش، ئۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى قول قويغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا گەپ توشۇپ تۇرىدىغان خەۋەرچىلەرمۇ خېلى بار ئىدى.

     

     

    جوجىنىڭ ماڭا يەتكۈزگەن شۇم خەۋىرى ئارىلاپ بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ يېرىم كېچىدە يوقاپ كېتىشىدەك ھادىسە بولماي، بەلكى سىنىپ بويىچە تۇتقۇن قىلىشتەك قورقۇنچلۇق ھادىسە بولغىنى ئۈچۈن، مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئوقۇشنى داۋام قىلدۇرۇشتىن ۋاز كەچتىم. ئەمدى ماشىنا كىراسى ئۈچۈن بەرگەن پۇلۇمنى ۋە شىڭلىلىرىمنى (يۈك – تاقلىرىمنى) ياندۇرۇپ ئېلىشىم كېرەك ئىدى. مەن شوپۇر بىلەن خوجايىننى ئەيۋەشكە كەلتۈرمەكچى بولۇپ، دەررۇ ماگىزىندىن ئىككى بوتۇلكا ھاراق ئەكىلىپ، بۇنى ئۇلار تاماق يەۋاتقان ئۈستەلگە قويدۇم ۋە بىر تەخسە سەي بۇيرۇتتۇم. دورىخانا كادىرى نۇرزات بىلەن شوپۇر مېنىڭ سېخىلىقىمدىن مەمنۇن بولۇپ ھاراقنى ئىشتىھا بىلەن ئىچىشتى. ئۇلار كەيپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئۇلارغا ئۈرۈمچىگە بېرىشتىن يالتىيىپ قالغانلىقىمنى، كىراغا بەرگەن پۇل ۋە نەرسە – كېرەكلىرىمنى ياندۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلدىم. ئۇلار ھەيران بولدى ۋە مېنىڭ ئەخمەقلىق قىلماسلىقىمنى ئېيتتى. مەن ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالماي، دەرھال ماشىنىغا چىقىپ شىڭلىلىرىمنى (يۈك – تاقلىرىمنى) يەرگە تاشلىدىم. ئاندىن ئۇلاردىن كىراغا بەرگەن پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سوراپ چىڭ تۇرۇۋالدىم. شوپۇرنىڭ كانىيىنى ھاراق بىلەن ياغلىغىنىم ئوبدان ئىش بوپتىكەن. ئۇ خۇش كەيپلىكتە مەن تەرەپ بولۇپ، نۇرزاتنى قىستىشىپ بەردى. خوجايىن نائىلاج يېنىدا قالغان ئوتتۇز بەش سومنى قايتۇرۇپ بەردىم. مەن قالغان ئون بەش سوم پۇلۇمدىن ھەم ئۇلار سوپۇن سېلىپ تۇرغان بىر خۇرجۇنىمدىن كېچىپ، ئەتىسى غۇلجىغا قايتتىم.

    شۇنىڭدىن كېيىن، مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىغا بارالماي، ئىلى ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ سانايىنەفىسە ئۆمىكىگە كىرىپ ئارتىس ۋە ئەدەبىي خادىم بولۇپ قالدىم. كېيىنچىرەك مەدەنىي مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدىم.

     

     

    خەيرىيە مەكتىپى

     

     

     

    ئاپرىل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، يەنى 1933 – يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا مەدەنىي – مائارىپ ئىشلىرى يولغا قويۇلدى. بۇ چاغلاردا غۇلجا شەھىرىدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەۋج ئالغان مەدەنىي – مائارىپنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈن، مائارىپ خىزمىتى تېز جانلىنىپ كەتكەنىدى.

     

     

    سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ھۈسەينبەگ، داموللا رازى، مەرۇف سەئىدىگە ئوخشاش مائارىپچىلار ۋە يەرلىكلەردىن مەھەممەت يۈسۈف ھاجى، نامان ئاخۇنغا ئوخشاش مائارىپپەرۋەر كىشىلەر يېڭى ئېچىلىۋاتقان مەكتەپلەرگە جان دىلى بىلەن ياردەم كۆرسىتىشكە باشلىدى. مەكتەپلەرنىڭ سانى كۆپىيىش بىلەن بىلىم ئېلىشقا تەشنا بولۇپ يۈرگەن بالىلارنىڭمۇ سانى يىلدىن يىلغا ئاشتى. ئىگە – چاقىسى يوق يېتىم – يېسىر بالىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىز يۇقىرىدا نامىنى ئاتىغان زاتلار، يۇرت ئارىسىدىن ئىئانە توپلاش بىلەن يېتىم بالىلارنى ئوقۇتىدىغان ئىككى سىنىپلىق بىر مەكتەپ ئېچىپ، ئۇنىڭغا «خەيرىيە مەكتەپ» دەپ نام بەردى. شۇنىڭ بىلەن، دەسلەپتە بۇ مەكتەپنىڭ پۈتۈن تەمىناتى شەپقەتلىك كىشىلەرنىڭ خەير – ئېھسانىغا تايىنىپ ھەل قىلىندى.

     

     

    ئەمما بۇ «خەيرىيە مەكتەپ» تىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش شارائىتى ناچار بولۇپ، سىنىپلار يېتىشمەي، يېتىم بالىلارنىڭ بىلىم ئېلىشى قىيىنلاشقانلىقىنى كۆرگەن مېھر – شەپقەتلىك ئايخان ئانا دېگەن ئايال، قازانچىدىكى ئاستى – ئۈستى تاختايلىق ئون ئالتە ئېغىزلىق ئۆيىنى چوڭ بىر ھويلىسى بىلەن «خەيرىيە مەكتەپ» كە ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئەينى يىللاردا بىر ئايالنىڭ بۇ مائارىپپەرۋەرلىك روھى جەمئىيەتتە چوڭ تەسىر قوزغىدى. «خەيرىيە مەكتەپ» ئوقۇغۇچىلىرى قوللىرىغا بايراق تۇتۇپ، يۇقىرىدا بىز نامىنى ئاتىغان زاتلار بىلەن ئايخاننىڭ قورۇسىغا بېرىپ، ئۇنى مەدھىيلىگەن ناخشىلارنى ئېيتىشتى. بۇ ھەيۋەتلىك قوشۇننى كۆرگەن مېھرىبان ئايخان ئانا كۆزىگە ياش ئېلىپ: «سىلەردەك يېتىم بالىلارغا قىلغان خەير – ساخاۋىتىم تېخى يېتەرلىك ئەمەس، مەن بۇنىڭدىن كېيىن قولۇمدىن كېلىدىغان بارلىق ياردىمىمنى سىلەردىن ئايىمايمەن» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، يېتىم بالىلار ئايخاننىڭ قورۇسىغا كۆچۈپ كېلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ نامى بىر مەزگىل «ئايخان ئانا مەكتىپى» دەپ ئاتالدى. ئايخان ئانا ۋەدىسىگە بىنائەن كىيىمى يوق ئوقۇغۇچىلارغا كىيىم – كېچەك، ئوقۇش راسخوتلىرىنى بېرىپ تۇردى، تۇرمۇشى ناچار ئوقۇغۇچىلارنى تاماقلاندۇرغاندىن تاشقىرى ھېيت – ئايەملەردە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھېيتلىق مەزەلەر تىزىلغان داستىخان ھازىرلاپ بەردى.

     

     

    كېيىنچە «خەيرىيە مەكتەپ» 1937 – يىلى سۆسەر ھاجىم تەقدىم قىلغان ئىچكىرى – تاشقىرى يىگىرمە نەچچە ئېغىزلىق ئۆيى، ئامبار ۋە چوڭ بېغى بار قورۇغا كۆچۈپ كېلىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى 10 – مەكتەپكە ئايلاندى. ئەمما بۇ مەكتەپكە شەھەردىكى قەلەندەرلىك قىلىپ يۈرگەن بالىلارنى، يېزا – قىشلاقلاردىكى يېتىم بالىلارنىمۇ قوبۇل قىلغانىدى. سۆسەر ھاجىم بۇ مەكتەپكە ئۆز جايىنى تەقدىم قىلغاندىن سىرت، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ ياردەم قىلىپ تۇراتتى. مەكتەپكە ئۆي – ماكانى يوق بالىلار ئۈچۈن ياتاق ۋە تاماق تەشكىل قىلىندى. بۇ مەكتەپتە 300 نەچچە ئوقۇغۇچى ۋە ئون نەچچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، يەتتە يىللىق كۆزگە كۆرۈنگەن رۇشتىيە مەكتەپ بولۇپ قالغانىدى. مەن بۇ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى ئاغىنەم مۇتەللىپ قاسىمنىڭ تەكلىپى بىلەن 38 – يىلدىن 40 – يىلغىچە مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغانىدىم. 38 – يىلى دەسلەپتە تەرتىپ مۇدىرلىقىغا كۆتۈرۈلۈپ، 1939 – يىلى ئىلمىي مۇدىرلىققا ئۆستۈم. ئەمما تەرتىپ مۇدىرلىققا بەلگىلەنگەن يىلدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى تارتتىم. چۈنكى «خەيرىيە مەكتەپ» ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا كوچىلاردىن يىغىپ كېلىنگەن بىر نەچچە گۈدەكلەر بار ئىدى.

     

     

    ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قەلەندەرلىك قىلىپ جان باققان بولسا، بەزىلىرى ئۇششاق – چۈششەك ئوغرىلىق ۋە جەلىگۈرلۈك قىلىپ كۈن كەچۈرەتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى كۈندۈزلىرى ئاشخانا، قاۋاقخانا ئەتراپلىرىدا يۈرۈپ خەقتىن ئاشقان تاماقلارنى تالىشىپ يەپ – ئىچىپ، بىر – بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ يۈرۈپ ھارغاندا كېچىلىرى باققاللارنىڭ كارىۋاتلىرى ئاستىغا كىرىپ ياتاتتى، ياكى كۆزەتچىلەر قوغلىسا، بولۇڭ – پۇچقاق ئەخلەتخانىلاردا ئۇخلاپ قالاتتى. قىش كۈنلىرى بولسا، ئاشخانىلارنىڭ ئوچاقلىرى ئەتراپىنى تالىشىپ كىرپىدەك تۈگۈلۈپ يېتىشاتتى. ۋە يەنە ئىگە – چاقىسىز قالغان بالىلار پىتلاپ كەتكەن بولۇپ، تولىسىنىڭ باشلىرى تاز، بەدەنلىرى تىماق يارىسى ئىدى. ئومۇمەن، مۇنداق گۈدەكلەر ئاتا – ئانا تەربىيىسىدىن مەھرۇم بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل يامان خۇيلارغا گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى. «خەيرىيە مەكتەپ» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى يوقسۇللارنىڭ بالىلىرى بولۇپ، ئاتا – ئانىسى، تەربىيىچىلىرى بارلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئەدەب – قائىدىلىك، مۇلايىم بولاتتى. مەن تەرتىپ مۇدىرى بولغىنىم ئۈچۈن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن تەربىيىسىز قېلىپ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەپتە يامان ئىللەتلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان گۈدەكلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي تەرەپلەردىن ساغلاملاشتۇرۇشقا بارلىق ۋۇجۇدۇم بىلەن تىرىشاتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھەممەت مەخسۇم مۇھەممەت ئىمىن خەلپەت ھاجى، ئابلا مەخسۇم، سايىم ئاخۇنلارغا ئوخشاش مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرگە ئېيتىپ ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچەك، ئورۇن – كۆرپىلىرىنى تۈزەشتۈرەتتىم. تاز ۋە يارىدارلارغا دورا ئالدۇرۇپ، سېستىرالار بىلەن بىرلىشىپ، تاز بالىلارنىڭ بېشىنى چاتىرىقىمغا قىسىپ يوت سۈرەتتىم. كېيىن بىر خىل ماي دورىنى سۈركەيتتىم. مەكتەپتىن قاچقانلارنى ئىزلەيتتىم. يامانلىق قىلغانلارنى سوراق قىلاتتىم.

     

     

    سەرگەردانلىق تۇرمۇشقا بەك ئادەتلىنىپ قالغان بىر نەچچە گۈدەك مەكتەپنىڭ تەرتىپ – تۈزۈمىگە كۆنمەي پات – پات قېچىپ كېتەتتى، بىر نەچچە سەرخىل ئوقۇغۇچىنى سايلاپ ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىشكە چىقىراتتىم.

     

    بۇ ئوقۇغۇچىلار قاچقۇنلارنى بەزىدە ئىزلەپ تاپالمايتتى، بەزىدە ئىزلەپ يۈرۈپ بەزىلىرىنى تۇتۇپ ئالسىمۇ، 3 – 4 ى بىر بولۇپ، تۇتۇپ ئالغۇچىلارغا مۇشت ئېتىپ ياكى يىراقتىن تاش، چالما ئېتىپ ئۇلارنى قاچۇرۇپ يولداشلىرىنى قۇتقۇزۇپ يەنە قېچىپ كېتەتتى.

     

     

    قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مەكتەپتىن قېچىپ كەتكەن ئۈچ تازچاقنى خېلى قاۋۇل ئۈچ ئوقۇغۇچىمىز بىر كۈن ئىزلەپ تۇتالمىغاندىن كېيىن مەن ئۇلار بىلەن كېلىشىپ، ئەتىسى تاڭ ئاتار ۋاقتىدا يېمىش بازارغا يېقىن جايدىكى دەڭ ئالدىدا ئۇچراشماقچى بولۇشتۇق. شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇلارنى قانداق تۇتۇپ كېلىشنى خىيال قىلىپ تۈزۈك ئۇخلىيالمىغانىدىم. توخۇ ئۈچ قىچقىرغاندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېگەن جايغا بالدۇر يېتىپ باردىم. بىر قولۇمدا تۈرۈلگەن چىگە شوينا، بىر قولۇمدا ئۇزۇن تال تاياق بار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار كېلىپ قولۇمدىكى نەرسىلەرنى كۆرگەندىنك كېيىن:

    _ ئەپەندىم، قولىڭىزدىكى نەرسىلەرنى نېمە قىلىمىز؟ _ دەپ سوراشتى.

    _ چىگە بىلەن ئوغرى مۈشۈكلەرنى باغلايمىز، تاياق بىلەن ھەيدەيمىز، _ دەپ چېقىشتىم.

    مۇنداق قاچقۇنلار تولاراق يېمىش بازىرىغا يېقىن جايدىكى تۇردى شۇمپەننىڭ ئاشخانىسى ئوچاقلىرى ئالدىدا ياكى تاشلەپكىگە يېقىن جايدىكى ئىسمايىل زاڭنىڭ ئاشخانىسى ئوچاقلىرى ئالدىدا ياتاتتى. بىز ئاۋۋال پەم بىلەن تۇردى شۇمپەن ئاشخانىسىغا يېقىنلىشىپ، ئوچاق بېشىدىكى كۈلگە پۇتىنى تىقىپ، بېشىنى بىلىكىگە قويۇپ، كۈچۈكتەك تۈگۈلۈپ ياتقان بىرىنى كۆرۈپ، ئۇنى قىمىرلاتماي تۇتۇپ ئالدۇق. بۇ ئاباق ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن قالغان ئىككىسىنى سورىغانىدىم، ئۇ بىزنى ئىسمايىل زاڭنىڭ ئاشخانىسى ئالدىغا باشلاپ باردى. قارىساق، ئۇبۇق بىلەن ئىمىق (ئۇلار ئۆز ئارا بىر – بىرىنى شۇنداق قىسقارتىپ ئاتىشاتتى) پۇتلىرىنى بىر – بىرىنىڭ قورسىقىغا تەگكۈزۈپ پەشلىرى بىلەن يېپىپ ئاپتۇ. باشلىرىنى بولسا، قولتۇقلىرىغا تىقىشىپ، ئوچاق ئەتراپىدا چەمبىرەك بولۇپ ئۇخلاپ يېتىشىپتۇ. بىز ئۇلارنىمۇ تۇيدۇرماي تۇتۇۋالدۇق. بىراق بىز ئۇلارنى قولدىن تۇتۇپ، مەكتەپ تەرەپكە ئېلىپ كېتىۋاتساق، ئىككى يۈز مېتر ماڭار – ماڭمايلا ئۇبۇق بىزدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، يېمىش بازىرى تەرەپكە قېچىپ كەتتى. مەن بىر ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككى تازى تۇتۇپ تۇردۇق. يەنە ئىككى ئوقۇغۇچى بولسا، ئۇبۇقنى قوغلاپ كېتىشتى. ئۇلار يېرىم سائەتتىن كېيىن: «ئۇنى يېمىش بازىرىغىچە قوغلاپ بارغاندا غايىب بولۇپ كەتتى، ئىزدەپ ھېچ يەردىن تاپالمىدۇق» دەپ قايتىپ كېلىشتى.

    _ ئۇبۇق بەك ھىيلىگەر تۈلكە، سىلەر ئۇنى ئىزدەپ تاپالمايسىلەر! _ جۈرۈڭلار مەن ئۇنى ئاسمانغا چىقىپ كەتسە پۇتىدىن، يەرگە كىرىپ كەتسە كوكۇلىسىدىن تارتىپ چىقىرىمەن، _ دېدىم.

    قىزىقچىراق بىر ئوقۇغۇچۇم:

    _ ئەپەندىم، ئۇنىڭ ياغاق بېشىدا كوكۇلىسى بولمىسا قانداق تۇتىسىز؟ - دەپ چاقچاق قىلغانىدى، مەن:

    _ سىلەر بايا ماۋۇ شوينىنى نېمە قىلىسىز دېگەن ئىدىڭلارغۇ، ھە مانا، ئۇنىڭ تۇتىدىغان كوكۇلىسى بولمىسا، بۇ شوينا بىلەن بوينىدىن باغلاپ تارتىمەن، _ دېدىم. شۇنداق كۈلۈشمەك بىلەن ئوبۇل ھەييارنى ئاقتۇرۇشقا تۇتۇندۇق. بىر سائەتكىچە ئەتراپ، بۇلۇڭ – پۇشقاق، ھەتتا تەنزە ۋە كارىۋات تېگىلىرىنى ئاختۇرۇپ تاپالمىدۇق. ئاخىرى مەن پەم بىلەن سىنچىلاپ يۈرۈپ، تەنزىچىنىڭ قۇلۇپلاقلىق يوغان بىر ئەسكى ساندۇقى ئاستىدىكى ئىت كۈچۈكلەيدىغان بىر ئورەكتىن ئۇنى بايقىدىم. «ھەقىچان بۇ ھەييار تاز ئۇبۇق بولسا كېرەك» دېگەن پەرەز بىلەن ساندۇقنىڭ ئاستىدىكى بىر غېرىچتەك بوش جايدىن قولۇمنى تىقىپ تاياق بىلەن ھېلىقى قارا نەرسىنى تۈرتكەنىدىم، ئۇ مىدىرلىدى. ئوقۇغۇچىلارنى چاقىرىپ: «ئەنە كۆردۈڭلارمۇ؟ ئوبۇل دېگەن ھەييار تاز شۇ بولماي نېمە؟» دېگەنىدىم، ئۇلارمۇ بۇنى بايقاپ: «شۇ، راست شۇ ئىكەن، ئەپەندىم سىز بۇنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى بىلگىنىڭىز ئۈچۈن تاياقنىمۇ بىكارغا ئالماپتىكەنسىز» دەپ چۇقۇرۇشۇپ ھەرىكەت قىلىشىپ، تاياق بىلەن ئۇنى تۈرتۈپ ۋارقىراپ، ئاخىرى سىرتقا چىقاردۇق. شۇنىڭ بىلەن، ئوبۇلنى ھەر تەرەپتىن مەھكەم تۇتۇپ، مەكتەپكە ئېلىپ كەتتۇق. كوچىلاردىن يىغىپ كەلگەن سەرگەردان بالىلار ئارىسىدا يامانلىق قىلىدىغان بالىلاردىن بىر قانچىسى بولسىمۇ، لېكىن ئوبۇل ھەممىسىدىن تولاراق ئەسكى ئىشلارنى قىلىدىغان تۈلكە ئىدى. ئۇ مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا قىلىپ يۈرگەن يامان خۇيلىرىنى ئۆز ئالدىغىلا قىلماستىن، بەزى ياۋاش بالىلارغىمۇ يۇقتۇراتتى. مەسىلەن، كوچىلاردىن مەكتەپكە يىغىپ كېلىنگەن سەرگەردان بالىلار ئىچىدە ئون _ ئون بىر ياشلار ئەتراپىدا كەيمە تاز بىر ئەرجەنزە (ئارغۇن) بالا بار ئىدى (ئۇنىڭ ئاتىسى خەنزۇ، ئانىسى رۇس بولۇپ، يېتىم بولۇپ قالغاندىن كېيىن، كوچا بالىلىرى قاتارىغا كىرىپ قالغانىكەن). ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى كولە بولسىمۇ، كوچا بالىلىرى ئىسلام دەپ ئاتىشىۋاپتۇ. ئىسلام سېرىق تۈكلۈك باچكىدەك ۋىجىك بولۇپ، بەش – ئالتە ياشتەك كۆرۈنەتتى. ئۇ توشقاندەك چەبدەس، زېرەك بالا ئىدى. مەن ئۇنىڭ تاز يارىلىرىغا يوت ۋە مايلىق دورىلارنى سۈركەپ يۈرۈپ، پاك – پاكىز ساقايتىپ ئۆزىگە لايىق ئىخچام كىيىندۈرۈپ قويغانىدىم. ئۇ دەرستىمۇ يۈز نۇمۇر ئالاتتى. ئۇيغۇرچە راۋان سۆزلەيتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ ماختىشاتتى. ئۇمۇ ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇيرۇغان ئىشلىرىنى دېگىنىدەك ئورۇنداپ تۇراتتى. مەكتەپ تازىلىق خىزمەتچىسى مەستۇرىخاننىڭ ئىشلىرىغا پات – پات قارىشىپ بېرەتتى.

     

     

    مانا مۇشۇ ئىسلامنىڭ ۋىجىك ھەم چاققانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوبۇق ئۇنى ئالداپ، ئۆزىنىڭ ئوغرىلىق قىلمىشىغا شېرىك قىپتۇ. يەنى مەستۇرخان ئايلىق مائاشىنى ئالغان بىر كۈنى ئۇنىڭ بالىلار ياتىقىنى تازىلاشقا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىنى پايلاپ تۇرۇپ، مەستۇرىخاننىڭ ئەينىكى سۇنغان دېرىزە كۆزنىكىدىن ۋىجىك ئىسلامنى ئۆينىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ تېخى ساندۇقىغا سېلىپ ئۈلگۈرمىگەن قىرىق سوم پۇلىنى يانچۇقىدىن ئوغرىلاپ ئالدۇرۇپتۇ. مەستۇرخان ئەتىسى پۇلى يوقالغانلىقىنى بىلىپ، مەكتەپ مۇدىرى زۆھرە ئاپپاي ۋە ماڭا ئەرز قىلغانىدى. بىز بۇ پۇلنى كىمنىڭ ئالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ، ئىگىسىگە تاپشۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت باشلىدۇق.

     

     

    مەن گۇمان قىلغان بالىلارنى ئايرىم يىغىپ، ئۇلارغا پۇل يوقالغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ: «ئۇنى بىرەرىڭلار بالىلىق قىلىپ، ئوينىشىپ ئالغان بولساڭلار، قايتۇرۇپ بەرسەڭلارلا بولدى. ئەگەر ئالغان كىشى ئاشكارە قايتۇرۇپ بېرىشتىن ئەندىشە قىلسا، مەن بۈگۈن تەرتىپ بۆلۈم ئىشىكىنى ئەتمەي قويىمەن، پۇلنى شۇ بۆلۈم ئىچىگە قويۇپ قويسىلا بولدى. ئەگەر ئەتىدىن قالسا سۈرۈشتە قىلىپ تېپىپ جازالايمىز» دەپ بىر سوتكا ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتتىم. ئەمما ئىككى كۈنگىچە گۇمان قىلغان بالىلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ يۈرگەنىدىم، خىش تام يېنىدا توپلىشىپ ئويناۋاتقان بالىلارغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى بالا تومپۇر تىيىننى تامغا ئېتىپ قايسىسىنىڭ ئاتقان تىيىنى ئالدىنقىدىن يىراقراق چۈشسە، بىر كەمپۈت ئۇتىدىغان مۇسابىقە تەرزىدىكى ئويۇننى ئويناۋاتقانىكەن. بۇلارنىڭ بىرى ئىسلام بولۇپ، ئۇ يېڭىلىپ بىر كەمپۈت بەرسە، ئىمىق ئۇنىماي ئۈچ كەمپۈتنى تارتىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ماڭا يولۇقۇپ قالدى. مەن ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ يانچۇقىدا بىر چاڭگالچە كەمپۈت بارلىقىنى بىلىپ قالدىم. مۇنچە كەمپۈتنى نەدىن ئالغانلىقىنى سورىسام، ئۇ دۇدۇقلاپ جاۋاب بېرەلمىدى. مەن ئىسلامنى بۆلۈمگە ئەكىرىپ، سىلاپ – سىيپاپ سۈرۈشتە قىلغانىدىم، ئۇبۇقنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن مەستۇرخاننىڭ سۇنغان رام تۆشۈكىدىن ئۆيگە چۈشۈپ، قوزۇقتا ئېسىغلىق تۇرغان چاپاننىڭ يانچۇقىدىن پۇلنى ئېلىپ، ئۇبۇققا بەرگىنىنى، ئۇبۇق پۇلنى ساناپ قىرىق سومدىن بەش سومنى ئايرىپ، ئىسلامنى ئاشپۇزۇلغا ئەكىرىپ راسا مېھمان قىلىپ؛

     

     

    _ سەن ئەپچىل چاشقان يەنە ماڭا ئەسقاتىسەن، ماۋۇنىمۇ يە، _ دەپ بىر چاڭگال كەمپۈت ئېلىپ بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. مەن ئوبۇلنى تەرتىپ بۆلۈمىگە يالغۇز ئەكىرىپ، كەچكىچە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن سوراپ تەربىيە بېرىپ، ھېچ ئىقرارغا كەلتۈرەلمىدىم. قىيناپ قورقۇتۇپ پۇلنى تاپشۇرتاي دېسەم، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرمەسلىك توغرىسىدا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بولغاچقا، ئۇنى ئۇرالمىدىم. ئەمدى بۇنى ساقچى ئىدارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇتخانا يېنىدىكى پەيچۇسو (ساقچىخانا) غا ئاپىرىپ ساقچى كادىرغا ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئوبۇلنى جازالاپ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندۈم. ساقچى كادىرى: «بىز مۇنداق كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى جازالاپ سوراق قىلمايمىز، بۇ ئىشنى مەكتەپ ئۆزى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ» دېگەندىن كېيىن، ئوبۇلنى مەكتەپكە ياندۇرۇپ كەلدىم.

    ئەمدى نېمە قىلماق كېرەك؟

    مەن بۇ سوئالنى مۇنداق يەشتىم:

    كوچىدىن يىغىپ كەلگەن بالىلاردىن تۆت ئوقۇغۇچى قاتنىشىدىغان بىر گۇرۇپپا تەشكىل قىلىپ، ئۇلار بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ، ئىسلامنى ئوبۇلنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۆزىگە ئوبۇلنىڭ ئوغرىلىق قىلىش توغرىسىدا قانداق كۆرسەتمىلەرنى بەرگەنلىكىنى ۋە پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى نېمە قىلغانلىقىنى بايان قىلدۇرۇش. باشقا تۆت ئوقۇغۇچى ئوبۇلنىڭ مەكتەپ ئىنتىزامىغا نالايىق قىلغان ئىشلىرىنى بىرمۇ بىر ئالدىغا قويۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق قايىل قىلىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش. بۇنىڭدا بىز تەرتىپ – ئىنتىزامغا بويسۇنۇپ، تىرىشىپ ئوقۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەدىرلىشىگە، پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان تۇرسۇننىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشنى لازىم تاپتۇق.

     

     

    بىز كېلىشكىنىمىز بويىچە ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، كەچقۇرۇن ئوبۇلنى تەرتىپ بۆلۈمىگە ئەكىرىپ ئوتتۇرىغا ئالدۇق ۋە پىلانىمىز بويىچە يۇقىرىقى ئىشلارنى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ، قىلمىشلىرىغا ئىقرار بولۇشىنى ھەم مەستۇرخاننىڭ پۇلىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى سورىدۇق. ئەمما ئوبۇل يا ھا، يا شا دېمەي، يەرگە قاراپ جىم تۇرۇۋالغانىدى، مېنىڭ سەپرايىم ئۆرلەپ كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، غەزىپىمگە چىدىماي، مائارىپنىڭ كۆرسەتمىسىنى قايرىپ قويدۇم – دە، تارتمامدىكى ئۈچ قىرلىق بامبۇك پالاقنى چىقىرىپ:

    _ ماۋۇ جاھىل بەدبەخنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۈستەل ئۈستىگە چىقىرىڭلار! _ دەپ بۇيرۇق قىلدىم. تۆت ئوقۇغۇچى ئۇنى تارتىپ ئەكىلىپ، ئۈستەل ئۈستىگە قولىنى تارتىپ باستى.

    _ ئالقىنىڭنى ئاچ!! _ دەپ ۋارقىرىدىم.

    ئەجەبلىنىدىغان يېرى شۇكى، شۇنچە ياخشى گەپلەرگە ئۇنىماي كاجلىق قىلغان ئوبۇل مەرتلەرچە ئالقىنىنى ئېچىپ، كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ تۇردى. مەن ئۇنى ئاياپ تۇرماي پۈتۈن كۈچۈم بىلەن پالاق ئۇردۇم. ئۇ بولسا، چىشىنى چىشلەپ بىر تولغۇنۇپ ئالقىنىنى يۇمۇۋالدى.

    _ ئاچە ئالقىنىڭنى نامەرت! _ دەپ ۋارقىرىدىم مەن. مېنىڭ ئىككى كۈندىن بېرى شۇنچە قىلغان سۆزلىرىم تەسىر قىلمىغان ئۇنىڭ قەلبىگە نامەرت دەپ ۋارقىرىغان سۆزۈم تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ ئالقىنىنى كەڭ ئاچقان پېتى، ئۈچ پالاق ئۇرغۇچە يىغىپ ئالماي تۇتۇپ بەردى. ئالقىنى قىزىرىپ كۆپۈپ چىقتى. ئۈچ پالاقتىن كېيىن ئۇ قولىنى سىلكىپ كۆتۈرۈپ:

    _ جۈرۈڭلار، مەن پۇلنى ھازىر تاپشۇرىمەن، ئىسلام چاشقاننىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى راست... _ دەپ ئالدىمىزغا ئۆتۈپ، مەرتلەرچە چامداپ بۆلۈمدىن چىقتى. بىز ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدۇق، ئوبۇل بىزنى ئات ئېغىلىغا باشلاپ كىرىپ، تورۇستىكى بورىنىڭ قىرىدىن قولىنى تىقىپ ئىكى غېرىچچە توم قۇشۇمنى تارتىپ ئالدى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىن پىلتە قىلىپ ئوراپ تىقىلغان ئوتتۇز بەش سوم پۇلنى چىقىرىپ مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇردى.

     

     

    بۇ ۋەقەدە: «ئوبۇلنى تەن جازاسى بىلەن قايىل قىلدىم» دەپ ئۆزۈمنى ئاقلىيالمايمەن. چۈنكى پىداگوگىكا قائىدىسىدە ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. بۇ مېنىڭ شۇ چاغدىكى شارائىتتا ئامالسىز قېلىپ، ئېڭىمغا سىڭىپ قالغان كونا چارىنى جاھىللىق بىلەن تەكرارلىغانلىقىمنى كۆرسىتىدۇ. ئوبۇلنىڭ قايىل بولۇپ ئىقرار بولۇشىنى تاياق زەربىسىدىن بولدى دەپ چۈشەنگەندىن كۆرە، روھىي تەربىيەدىن بولۇپمۇ قايىل قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش تەربىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى دېيىش كېرەك. چۈنكى بىز ئوبۇلغا تەن جازاسى بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئېڭىغا بۇ توغرۇلۇق خېلى كۆپ چۈشەنچىلەرنى سىڭدۈرگەنىدۇق. بۇ ئىبرەتلىك چۈشەنچىلەر ئۇنىڭ روھىدا كېلەچەكتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالاھىدە كۈچ بولۇپ قالغانىدى. يەنە بىر تەرەپتىن كونا جەمئىيەتتىكى يامان ئىجتىمائىي تەسىرلەر ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئىپلاسلاندۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەردانە ئىرادىسىنى چىرىتىپ بولالمىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ «نامەرتلىك قىلما» دېگەن سۆزۈم ئۇنىڭغا تاياق زەربىسىدىن كۈچلۈكرەك تەسىر قىلىپ، ئۇنىڭ روھىدا «نامەرتلىك قىلىپ قارىلانغۇچە، مەرتلىك بىلەن ئۆلگەن ياخشى» دېگەن چۈشەنچىنى پەيدا قىلغانىدى. شۇڭا ئۇ ھېچنېمىدىن قورقماي، ھەر قانداق جازانى مەرتلەرچە قوبۇل قىلىپ دادىل ئالغا ئىلگىرىلىگەنىدى.

     

    ________________________________________

    [1] ئوتتۇرىسى چاسا تۆشۈك، تۆت تەرىپىدە مانجۇچە ياكى خەنزۇچە خەت بار يۇمىلاق تۇچ پۇل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.