ئىزتىراپ بار تىنىقلىرىمدا(نۇرگۈل مىجىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 01:53:29

ئىزتىراپ بار تىنىقلىرىمدانۇرگۈل مىجىتئىككىنچى تىۋىشبىر ئاچلىق يوپۇرۇلۇپ كېلەر روھىمغا،ھەر كۈنى گۇگۇمغا ئوخشاپ تىۋىشسىز.زارىقىپ ساقلايدۇ ئېغىر سۈكۈتتە،يۈرىكىم ئېچىرقاپ، چاڭقاپ ئۈمىدسىز.بەلكى...

    ئىزتىراپ بار تىنىقلىرىمدا
    نۇرگۈل مىجىت



    ئىككىنچى تىۋىش

    بىر ئاچلىق يوپۇرۇلۇپ كېلەر روھىمغا،
    ھەر كۈنى گۇگۇمغا ئوخشاپ تىۋىشسىز.
    زارىقىپ ساقلايدۇ ئېغىر سۈكۈتتە،
    يۈرىكىم ئېچىرقاپ، چاڭقاپ ئۈمىدسىز.

    بەلكىم،
    كېلىشى كېرەكتۇر بىرەر پارچە خەت،
    بىلمەيمەن ئۇ زادى كېلىدۇ كىمدىن.
    ماڭىلا ئاتالغان بولسا ئەگەردە،
    ئاشۇ خەت بىر ئۆمۈر چىقماس ئېسىمدىن.

    قاچاندۇر بىر چاغدا ئۇنتۇلغان ئۇقۇم،
    ئۆتكەندۇر تىۋىشسىز يېنىمدىن شۇتاپ.
    ئاھ! شۇنى تاپساملا... تاپسام ناۋادا،
    ئاچلىق ھەم ئېچىرقاش كېتەرمۇ يوقاپ.

    ئاڭلىشىم كېرەكتۇر قېنىپ ۋە قېنىپ،
    دۇنيادا بولمىغان بىر مۇزىكىنى.
    ئوقۇلۇپ باقمىغان مۇڭلۇق بىر ناخشا،
    بار ئىدى، قېنى ئۇ، شۇ ناخشا قېنى؟

    قەلبىمدە ئورنى بوش قالغان ئۈمىدتەك،
    ئاي نېچۈن چىقىسەن رومكامدىن قاڭقىپ.
    مۇز كەبى يۈرەكتەك سوغ رومكىلارغا،
    كەل ئۈلپەت بولايلى ئولتۇر ياندىشىپ.

    ئاشۇ خەت، مۇزىكا، ئۇنتۇلغان ئۇقۇم،
    ئوقۇلۇپ باقمىغان مۇڭلۇق بىر ناخشا.
    قېتىدا بەلكى بار ئاچلىققا مەلھەم،
    ئوخشايدۇ ئىۋەنسىز پارلاق كۆز ياشقا.

    ئىلاھىي  كۈيى

    ئەلمىساقتىن باردەك بىر كۈيىنى،
    ئەپ كېلىدۇ سۈكۈت مەن ئۈچۈن.
    ئاھ! نېمىگە كېرەك كۆز يېشىم،
    مۇجۇلىدۇ يۈرىكىم نېچۈن؟

    كۈي كېلىدۇ ئەجەب يىراقتىن
    تەنھا ئۆزى بىر مۇڭنى يۈدۈپ.
    ئۆتتى ئەسىر ياكى بىر مىنۇت،
    ۋاقىت بىردىن كەتتىمۇ يۈتۈپ.

    كۈي كېلىدۇ ئەجەب يىراقتىن،
    يۈرىكىمنى يىغلاتقىلى ئاھ!
    ئېقىپ كىرەر قۇلاقلىرىمغا،
    سۈبھى سۆيگەن ئىللىق بىر ساباھ.

    ئۆرتىسىمۇ دىللارنى پىغان،
    كۈي ئەۋجىدە تۆكۈلمىسۇن ياش.
    زارلانسىمۇ ھەرقانچە يۈرەك،
    تۈگىمىسۇن مۇڭ باسقان چاڭقاش.

    كۈي ئەۋجىدە ئوخچىسۇن قانلار،
    رىتىمىنى تىڭشاي مەن جىم-جىم.
    توختىمىسۇن لىرىكا زىنھار،
    زەخمەك ئۇرسۇن قوللار بىتېنىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.