تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز: يالغۇز قېلىشتىن ق

يوللىغۇچى : ئوغۇز يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-29 13:43:00

يالغۇز قېلىشتىن قورقۇش تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز جىمجىتلىق مۇز باغرىدا مۇز _ تامدا ۋە بوشلۇقلاردا. ئۆي ۋە مەن، خىياللار ۋە ئاۋازسىز بىر كۈي ئېچىرقىغان كېچە ئاغزىدا. مەن ئۆيۈمدە يالغۇز، يالغۇزل...

    يالغۇز قېلىشتىن قورقۇش
    تۇرسۇننىياز توختى

           ئوغۇز جىمجىتلىق مۇز باغرىدا مۇز _ تامدا ۋە بوشلۇقلاردا. ئۆي ۋە مەن، خىياللار ۋە ئاۋازسىز بىر كۈي ئېچىرقىغان كېچە ئاغزىدا. مەن ئۆيۈمدە يالغۇز، يالغۇزلۇق تېخىمۇ بەك تەنھا. بەلكىم دەريا قىزىل بويالدى بەلكىم ئورمان قاراقچىلارغا تولدى بەلكىم بىر قورقۇنۇشلۇق ئەرۋاھ تىۋىش چىقارماي ئۆگزىگە قوندى... كېچە ئۆسكىلەڭ تىرناقلىرى بىلەن ئىشىك ۋە دەرىزىنى چېكەتتى، توساتتىن بىر قۇش ئەنسىز قانات قېقىپ جىمجىتلىقتا ئېرىپ كەتتى. مەن ۋەھىمە ئىچىدە يالغۇزلۇقتىن يىراقلاش ئىستىكىدە ئۆزۈمگە مەھكەم ئېسىلغىنىمچە يۈگرەپ بارماقتىمەن ھېچقانداق يەرگە... يالغۇزلۇق _ تاش يالغۇزلۇق _ جاراھەت يالغۇزلۇق _ يىرتقۇچلار ئارىلى يالغۇزلۇق _ ئوت كەتكەن سائەت. يالغۇزلۇق _ قېلىچ بونۇمغا چۈشمەستىن دىۋەيلەپ تۇرغان يالغۇزلۇق _ ئەڭ يوچۇن بىر ئۆي ئۆلۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ قېنىغا تولغان. مەن قورقىمەن يالغۇز قېلىشتىن يالغۇز ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشتىن قورقىمەن يالغۇزلۇقنىڭ يەنە بىر مۇنچە ۋەھىمىسىدىن يالغۇزلۇق قارشى تەرىپىمدە كۆيۈپ تۇرغان ئادەمسىز شەھەر، مەن ئۇ يەردىكى يالقۇن ئارىسىدا ئارغامچىنى ئۈزەلمىگەن ئات!..

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق