سىرلىق سىناق

يوللىغۇچى : gul malika يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-29 23:56:00

سىرلىق سىناق سىرلىق سىناق ئوقۇش باشلانغان تۈنجى كۈنى، مۇنازىرە شەكلى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش شەكلىنىڭ بەرپاچىسى، قەدىمكى يۇناننىڭ بۈيۈك پەيلاسوپى سوقرات ئوقۇغۇچىلارغا قولىنى ھەر كۈنى 300 قېتىم س...

    سىرلىق سىناق

        سىرلىق سىناق ئوقۇش باشلانغان تۈنجى كۈنى، مۇنازىرە شەكلى ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش شەكلىنىڭ بەرپاچىسى، قەدىمكى يۇناننىڭ بۈيۈك پەيلاسوپى سوقرات ئوقۇغۇچىلارغا قولىنى ھەر كۈنى 300 قېتىم سىلكىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپتۇ. ئوقۇغىلار بۇنداق ئوڭاي ئىشنى قىلغىلى بولمايدىغان نېمىسى بار دەپ كۈلۈشۈپتۇ. بىر ئايدىن كېيىن، سوقرات كۆپچىلىكتىن داۋاملاشتۇرۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىپتۇ، سىنىپتىكى 90% ئوقۇغۇچى مەغرۇرانە قول كۆتۈرۈپتۇ. يەنە بىر ئايدىن كېيىن، سوقرات يەنە سوراپتۇ، بۇ قېتىم 80% ئوقۇغۇچى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن، سوقرات كۆپچىلىكتىن يەنە بىر قېتىم سوراپتۇ، بۇ چاغدا سىنىپ بويىچە بىرلا ئوقۇغۇچى قول كۆتۈرۈپتۇ. بۇ ئوقۇغۇچى دەل كېيىن قەدىمكى يۇناندىكى يەنە بىر بۈيۈك پەيلاسوپ بولۇپ چىققان پلاتون ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق