كۆمۈرچى بوۋاي(ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 07:35:57

كۆمۈرچى بوۋاي(ئەدەبىي خاتىرە)ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر مەن ۋىلايەت مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ھېيت - بايرام ۋە باشقا دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ بەزىلىرىدە ئاتا - ئانامنى، ئۇرۇق - تۇغق...

    كۆمۈرچى بوۋاي
    (ئەدەبىي خاتىرە)
    ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر

     

        مەن ۋىلايەت مەركىزىدە خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ھېيت - بايرام ۋە باشقا دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ بەزىلىرىدە ئاتا - ئانامنى، ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - بۇرادەرلىرىمنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن يۇرتقا بېرىپ تۇراتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ئەيتاۋۇر ئۆزۈم قاتنايدىغان تاشيولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قاقاس ئېدىرلار، تاقىرباش تاغلار، زومچەك - زومچەك توپا تاملار، بۈككىدە باغ، ئورمانلار، تۇرخۇنلىرىدىن توختىماي ئىس پۈركۈپ يېقىمسىز تۇيغۇ بېرىدىغان زاۋۇتلار... ماڭا بەش قولدەك يادقا بولۇپ كەتكەنىدى. ھەربىر كۆرۈنۇش مېنى ئوخشىمىغان خىيالىي تۇيغۇلارغا بەنت قىلاتتى.
    جاھان تونۇردەك قىزىپ كەتكەن تومۇز ئايلىرىنىڭ بىرىدە يەنە سەپەرگە چىقىپ قالدىم. بۇ مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققىنىمغا خېلى ئۇزۇن بولغان چاغلار ئىدى.
        كونا ئاپتوبۇس ئاقسۇ - باي تاشيولىنىڭ ئىتنىڭ سېيى دەپ ئاتىلىدىغان پايانسىز چۆللۈكىدە بىر خىل رىتىمدا سىلكىنىپ كېتىپ باراتتى. دېرىزىلەر ئۇلۇغ ئېچىۋېتىلگىنىگە قارىماي ئاپتوبۇس ئىچى بەكلا ئىسسىپ كەتكەنىدى. دېرىزىدىن كىرىۋاتقان ئىسسىق شامالغا يۈزۈمنى تۇتقىنىمچە يىراقتىكى تاقىر تاغلارغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتىم.
    ئاپتوبۇس توساتتىن سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يولنىڭ چېتىدە توختىدى. چوغدەك قىزىپ كەتكەن ئاسفالتنىڭ تەسىرىدىنمۇ قانداق، كامىر يەل قويۇۋەتكەنىدى. كامىرنى ئالماشتۇرۇپ بولغۇچە  ئارىلىقتا پۇت - قولۇمنى ھەرىكەتلەندۈرۈۋېلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇستىن چۈشتۈم - دە،  ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر ئېشەك ھارۋىسىنىڭ تولىمۇ ئاستا ھالەتتە كېلىۋاتقانلىقىنى، ھارۋىنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان بىر بوۋاينىڭ يولدىن بىرنەرسىلەرنى تېرىپ ھارۋىغا تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. دېمىسىمۇ تۆت ئەتراپىدا ئىنس - جىن كۆرۈنمەيدىغان كۆز يەتكۈسىز چۆللۈكتە ياشانغان بوۋاي نېمىش قىلىدىغاندۇ؟
    بوۋايغا ھەيران قېلىۋاتقانلىقىمنى سەزگەن بىر يولۇچى ماڭا بوۋاينى تونۇيدىغانلىقىنى، يول ياقىسىدىكى يېزىدىن (مېنىڭ مەنزىلىممۇ شۇ يېزا ئىدى) ئىكەنلىكىنى، تىكەندەك يالغۇز بوۋاينىڭ ماشىنا، تراكتورلاردىن چۈشۈپ قالغان كۆمۈرلەرنى تېرىپ قىشتا قالايدىغانلىقىنى، سەل ئېشىنسا سېتىپ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئالىدىغانلىقىنى، مۇشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقىنىغا نەچچە يىللار بولۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
    ئۇنىڭغىچە بوۋاي ۋە ئۇنىڭ ئېشەك ھارۋىسىمۇ يېقىنلاپ كەلدى. بوۋاي قورايدەك ئورۇق بولۇپ، كونىراپ ھەم كىرلىشىپ ئەسلى رەڭگىنى يوقاتقان يالاڭ يەكتىكى تەردىن  بەدىنىگە چاپلىشىپ كەتكەنىدى. شامال يالاپ يىرىكلەشتۈرۈۋەتكەن ھەم ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن يۈز تېرىسى بېشىدىكى شاپاق بۆكىنىڭ ئەكسىچە قاپقارا ئىدى. نۇرسىز كۆزلىرى ياشاڭغىراپ تۇراتتى. بېلىدىكى پوتىسىغا كونا نىزامچە غىلاپلىق پىچاق ئېسىۋالغانىدى. ئۇ ئېغىر قەدەملىرىنى تەستە يۆتكىگىنىچە ئاران ئېڭىشىپ يەردىن قاقتەك، جىگدىدەك كۆمۈرلەرنى تېرىپ ھارۋىسىغا تاشلايتتى.
    كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ھارۋىدا  بىر قاپاق، بىر كونا خۇرجۇن تۇراتتى. ھارۋىدا يەنە ئاران تۆت - بەش گۈرجەك كەلگۈدەك كۆمۈر تېرىندىلىرى بار ئىدى. بەلكىم بۇلار بوۋاينىڭ ئەتىگەندىن بېرى مىڭ تەسلىكتە تېرىپ يىغقان كۆمۈرلىرى بولسا كېرەك.
    قۇلاقلىرى سالپىيىپ رودىلىشىپ كەتكەن قېرى ئېشەك قەدەملىرىنى ئاران يۆتكەپ ھارۋىنى بىزدىن يىراقلاشتۇرۇپ كەتكۈچە قاراپ تۇردۇم. شۇ ئەسنادا ئاپتوبۇسمۇ قوزغىلىپ ئۆز يولىمىزنى داۋام ئەتتۇق. ئەمما بوۋاي ۋە ئۇ ھەقتىكى كۆرۈنۈشلەر مېڭەمگە شۇنچىلىك دەرىجىدە ئورناپ كەتتىكى، ھازىرمۇ ئاشۇ كۆمۈرچى بوۋاي دائىم خىيال ئېكرانىمدا پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ.
    شۇ يولدا يەنە قانچە رەت ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن. كۆمۈرچى بوۋاينى بىرنەچچە رەت بۇرۇنقى ھالىتىدە ئۇچراتتىم. ئەمما كېيىنكى كۈنلەرگە بارغاندا بوۋاينى قايتا ئۇچرىتىش نېسىپ بولمىدى.
    سۈرۈشتۈرۈپ شۇنى بىلدىمكى، بوۋاي ئاخىرقى كۈنلەرگە كەلگەندە تۇرمۇشنىڭ قىستىشى بىلەن قېرى ئېشىكى ۋە ئەبجەق ھارۋىسىدىنمۇ قىيالمىغان ھالدا ئايرىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. كونا خالتىسىنى مۈرىسىگە سالغىنىچە كۆمۈر تېرىشكە پىيادە چىقىدىغان بوپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بوۋاي قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىپتۇ (بىر ماشىنا ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ سوقۇۋېتىپ توختىماستىن قېچىپ كەتكەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىنكەن). ھەتتا ئۇنىڭ جەسىتى   جەزىرىدىكى يول بويىدا بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ قاپتۇ. ئاخىر مەھەللە - كويدىكىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى يۇيۇپ تاراپ يەرلىكىدە قويۇشۇپتۇ.
    ئاشۇ ۋەقەنى ئېيتىپ بەرگۈچى تولىمۇ تەبىئىي رەۋىشتە  سۆزلىدىكى، ئۇنىڭ ئىپادىسىدىن نە ئېچىنىش،  نە ئازاب تۇيغۇسى دېگەنلەرنى زادىلا ھېس قىلالمىدىم. ئۇ سۆزلەۋېتىپ گاھىدا گەدىنىنى قاشلاپ قوياتتى، گاھىدا سارغىيىپ كەتكەن چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجىيىپ قوياتتى، ئۇنىڭچە بولغاندا كۆمۈرچى بوۋاينىڭ ئۆلۈمى تولىمۇ تەبىئىي بولۇپ ئادەتتىكى ئىش ھېسابلانسا كېرەك.
    ۋادەرىخا، كۆمۈرچى بوۋاي قازا قىپتۇ! بوۋاي شۇ يېشىدا چۆل - جەزىرىلەردە كۆمۈر تېرىمەن دەپ جاپا تارتىشنىڭ ئورنىغا خاتىرجەم يېتىپ ئارام ئېلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ باشقا ئەللەردە بوۋاينىڭ يېشىدىكى ئادەملەر ئاخىرقى ئۆمرىنى شۇنچە خاتىرجەم، شۇنچە ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدىكەنغۇ؟ ئەجەبا، ئاشۇنداق ماددىي ئاسايىشلىقلار، ماددىي پاراغەتلەر بىزنىڭ بوۋايلىرىمىزغا ياراشماسمۇ؟
    بۇ دۇنيانىڭ پاراغىتىدىن بىرەر قېتىممۇ قانغۇدەك ھۇزۇر ئالالماي بىر ئۆمۈر جاپادا ئۆتكەن بوۋاي ئاخىر بىئەجەل ھالدا ئۇ دۇنياغا كېتىپتۇ. كەتكەندىمۇ پاجىئەلىك ھالدا كېتىپتۇ. بىر ئۆمۈر كۆمۈرگە مۇھەببەت باغلاپ، ئۆمرىنى كۆمۈر تېرىشكە ئاتىۋەتكەن بوۋاي ھايات چېغىدا كۆمۈر ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىغان بولغىيتتى؟
    ھەي كۆمۈر، ھەي كۆمۈر كىملەرگە ئىسسىقسەن، كىملەرگە سوغۇق؟

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.