ئەرۋاھ(پوۋېست):ئابدۇرېشىت سۇلايمان

يوللىغۇچى : jallat007 يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-01 20:12:22

ئەرۋاھپوۋېستئابدۇرېشىت سۇلايمانمەن تەسەۋۋۇر قىلغان ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىدە مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىپ يەتكەن بولساممۇ مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى يوقىتىۋاتقان نەرسىلەر شۇنچىلىك ك...



     

    ئەرۋاھ

     

    پوۋېست

     

    ئابدۇرېشىت سۇلايمان

     

     

     

     

    مەن تەسەۋۋۇر قىلغان ئىشلارنىڭ بۇ دەرىجىدە مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىپ يەتكەن بولساممۇ مەن ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى يوقىتىۋاتقان نەرسىلەر شۇنچىلىك كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى. دوختۇر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئاتاپ سوۋغا قىلغان بارلىق پسىخولوگىيە كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكىلى بىر قانچە كۈن بولغان بولسىمۇ قەلبىمدىكى قورقۇنچنى باسالمايدىغاندەك قىلاتتىم."ھەي !!! مەن مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟"بۇ خىيال مېنى قىينىغانسېرى ئۇ قىزنى نەپرەت بىلەن ﯬسلەيتىم. گەرچە ﯰنىڭ شۇملۇق يىغىپ تۇرغان كۆزلىرى شۇ قەدەر ئوماق، تەبەسسۇم يىغىپ تۇرغان چىرايى شۇنچىلىك گۈزەل بولسىمۇ ھېلىقى كۈنى شۇ ئىشلار بولۇپ ﯮتىكەندىن كىيىن ﯰنىڭ ئىپلاسلىق يىغىپ تۇرغان بەدىنى مەن ئۈچۈن ئالۋاستىدىنمۇ بەتتەر قورقۇنچلۇق كۆرۈنىدىغان، ﯰنىڭ كۈلكىسىدىن قان تېمىۋاتقاندەك، پۈتۈن بەدىنىدىن تارقىلىۋاتقان يىرگىنچلىك ئوت ھامان مېنى ھالاك قىلىدىغاندەك تۇيغۇغا چۆمۈپ پۈتۈن بەدىنىمنى تەر بېسىپ كېتەتتى.

    "مەن مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ؟"

    ھەر قېتىم مۇشۇ خىل ئوي پىكىر ئىچىدە قىينىلىپ ئۆزۈمنىڭ تىتىلىپ تۇرۇۋاتقان روھى دۇنياسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ﯪمال ئىزدەتتىم.-ئۇ قىزنى قۇچاقلاپ بىرگە ياتقان شۇ كۈندىن بىرى مېنى ھېسابسىز دەرىجىدە ئىسكەنجىگە ئىلىپ تۇرغان ئۆلۈم ۋەسۋەسىسى ھەر كۈنى دېگۈدەك مېنى يوقلاپ كېلەتتى ... كاللامدا شۇ ئىشلاردىن باشقا ھېچ نەرسىنىڭ يوقلۇقىغا شەكسىز ئىشىنەتتىم. شۇ قېتىمقى ئۆزۈمنىڭ ئىپلاس ئىش -ھەرىكەتلىرىدىن كىيىن مېنى پالاكەت باسقاندەك، ھەممە نەرسەمنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىغاندەك ... كېرەكسىز بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتىم ... ئەتراپىمدا ھەر كۈنى دېگۈدەك قاۋاقخانىغا كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلىشىپ يۈرگەن شۇنچە كوپ دوستلىرىم تۇرۇپمۇ ئۆزۈمنىڭ شۇ بىر قېتىملىق ئىزىش ھەرىكىتىدىن "مەڭگۈ ﯮزۇمنى كەچۈرمەسلىككە "قەسەم قىلىپ تۇرۇپمۇ بۇ قورقۇنچلۇق تۇيغۇدىن ﯮزۇمنى قۇتۇلدۇرۋالالمىغانلىغىم ھەقىقەتەن مېنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرۈپ تۇراتتى.

    --چاقىرغۇ قىل !!! دېگەنتى -شۇ كۈنى دوستۇم ..."شائىر ۋە ئالۋاستى "پوۋېستىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرغاچقىمىكىن ﯮيدىن سىرتقا چىقمىغىلى بىر قانچە كۈن بولغان ئىدى. دوستۇمنىڭ ئۇ سۆزى مېنى ئەڭگۈشتەر تېپىۋالغاندەك خوش قىلدى. مەن دوستۇمنىڭ مىجەز -خۇلقىنى ئوبدان چۈشىنەتتىم. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بىرى "داۋالاش پونكىتى "ئىچىپ خىلى ئوبدانلا پۇل تاپقانغا يارىشا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئويۇن تاماشا قىلىپ يۈرەتتى. ھەر قېتىم ﯰچۇرشىپ قالغىنىمىزدا مىنىڭ يازغان ئېلان قىلىۋاتقان ئىجادىيەتلىرىمگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە "مېنى ئوبدان بىر ئوينىتىپ قويۇش "ﯮيىنى ئېيتىپ مېنى تۇتۇۋالاتتى. مەن نۇرغۇن قېتىم ئۆزۈمنىڭ ﯪلدىراشلىغىنى ئېيتىپ رەت قىلاتتىم .... بىراق بۈگۈن ..... تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن چاقىرىش ئىستانسىنىڭ نومۇرىنى باستىم ......126....!!!

    شۇ كۈندىكى ئىشلار قىزىققانلىق بىلەن باشلىنىپ قاباھەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى. يېنىمدا ئولتۇرغان قىزنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيتتىم. ھەممە نەرسە شۇ كۈندىن باشلانغاندەك ﯬتىسىدىن باشلاپ ئىچىمنى ئېچىشتۇرۋاتقان قورقۇنچ ماڭا سايىدەك ئەگىشىپ دوختۇر دوستۇمغا جۈمە كۈنى سەھەردە دېگەن سۆزلىرىمدەك يىرگىنچلىك ئىدى.

     

    ----ئۇ قىز ئەيدىز كىسىدەك قىلىدۇ، سەن مېنى ئازدۇرۇپسەن ؟؟!!!

    ------زەھەرلىك گەپ قىلما ئاداش ... ئەيدىز كېسىلى بولسا بولمامدۇ ...!! يا سىنى كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە مەن چىقىرىپ قويمىسام!!!

    دوختۇر دوستۇم راستىنىلا ﯮڭدى ،... ﯰنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىدىن مېنى ﯬيىپلەش بىلەن ماڭا ئىچ ئاغرىتىش ئىپادىسى تەڭ گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. ھاياتىمغا ئوت كېتىش ئالدىدا تۇرغاندەك... سەزگۈلىرىم بەرباتلىققا يۈزلەنگەندەك قورقۇپ تۇراتتىم. ماڭا يېقىنلاپ قالغان نەرسىنىڭ ۋەھىمىسى دوستۇمنىڭ قوپال تەنىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قەلبىم ئىچىشىپ تۇرغاندا دوستۇم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلىنى ئۇتتۇرغا قويدى.

    -----"بۇمۇ ئېھتىمالغا يېقىن !!!"چۈنكى ئۇ ئويۇنچى قىز !!!!!"دوستۇمنىڭ سۆزلىرىنى تىترەپ تۇرۇپ قورقۇنچ ئىچىدە ئاڭلىدىم ...."-لېكىن سەن پات -پات تەكشۈرتۈپ تۇر ... قىزىتماڭ ئۆرلەپ كەتسە ... سىجىل زۇكام بولساڭ ... بېشىڭ ئاغرىسا .. كۆڭلۈڭ ئىلىشسا ..." دوستۇمنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشمايدىغاندەك قىلاتتى .، ئۇ بەدىنىمدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئىسمىنى بىرمۇ -بىر ئاتاپ مېنى ۋەھىمىگە سالىدىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىنى ئېيتتى.

    ----"بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ .. ئاداش ".. دوستۇمنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى .، خۇددى مەن ھېلىلىلا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ماڭا ئېچىنىش ئىچىدە قاراۋاتقان كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ بىر نەرسىدىن مەھرۇم بولۇش ئالدىدا ئۇ نەرسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي تىتىلىپ يۈرگەن، ﯮزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆلۇمگە باغلىۋەتكەن بىچارە دەرىتمەندەك ئۇزۇنغىچە ﯰھلىنىپ تۇرۇپ كەتتى.

    ----سەن ياخشى بىر يازغۇچى بولالايتتىڭ !!! مەن سىنى نابۇت قىلدىم .... مېنى كەچۈرگىن!!!"

    مەن دوستۇمنىڭ سۆزلىرىدىن چۈچۈپ كەتتىم. گەرچە ﯰنى تەسەللى بېرىدىغان گەپلەرنى قىلىدۇ ھېچ بولمىسا ﯮزىنىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن مىنىڭ كۆڭلۈمنى بەزلەپ قويىدۇ دەپ ئويلىغان بولساممۇ دوستۇم ئۇنداق قىلمىدى. ﯰنىڭ ئاخىردا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ﯬسلىيەلمەيتىم. ئۇ ﯪغزىنى ئىلىپپىس شەكلىدە ئىچىپ تۇرۇپ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغان بولسا كېرەك .. بىز تاماق يەۋاتقان ئاشخانىدىكى بىر توپ ئادەم قاراقچىغا قارىغاندەك بىزگە نەپرەت بىلەن تىكىلىپ ﯮزلىرىنىڭ ھالاكىتىنى بىزدىن كۆرگەندەك چۈچۈپ قاراشماقتا ئىدى ... مەن ھېلىلا ئۆلۈپ قالىدىغان ئادەمدەك پۈتۈن بەدىنىمنى تەر بېسىپ ئالدىمدىكى سوۋۇپ كەتكەن تاماققا زورۇقۇپ تۇرۇپ قول ئۇزاتتىم. ھەممە نەرسە، ھەتتا بىز تاماق يەۋاتقان بۇ ئاشخانىمۇ ئالۋاستىدەك ماڭا يوپۇرلۇپ كەلمەكتە ئىدى...

    شەھەر كوچىلىرىدا تۇيۇقسىز ﯪدەم ﯪزلاپ قالغاندەك ... شەھەرنىڭ بوشلۇقىدا مەندىن باشقا ﯪدەم يوقتەك سۇر باسقان تىنىمنى سۆرەپ كېتىپ بارىمەن، مەن دەشتى باياۋاننىڭ قان باسقان چىغىر يولىدا ﯮز ﯮلىمىمنى سۆرەپ كېتىپ بارىمەن ... تىترەپ تۇرغان ۋۇجۇدۇمغا شۇ كۈنىدىكى ئىشلاردەك نىقىسلىق بېسىلىپ كەتكەن بولسىمۇ "ﯰ يەردىكى بىردەملىك قىزغىنلىق ئىچىدە ﯮزىنىڭ ھالاكىتىنى سىغىنىش ئىچىدە قوبۇل قىلىۋاتقان شەھىرىمىزدىكى نۇرغۇن ﯬركەكلەردەك -ﯮز قىنىنى ھاراق ئىچكەندەك ئىچىشىۋاتقان، كۈلكە چاقچاق، ۋاراڭ -چۇرۇڭ ئىچىدە ﯮزىنىڭ كەلگۈسىنى ﯰنتۇپ بىئىئوتلىشىپ كەتكەن سان -ساناقسىز ﯪدەملەردەك ﯮزۇمنىڭ ئىزگۇ-تىۋىشلىرى، ﯪرز -ﯪرمانلىرىغا خەنجەر ﯰرۇپ دەشتى -باياۋاننىڭ يىراق چېكىگە يىتىشنى ﯪرزۇ قىلىدىغان، لېكىن ماغدۇرسىزلىنىپ يىقىلىپ چۈشكەن يولۇچىدەك شەھەرنىڭ ھەممە نەرسىسىگە ئېچىنىش بىلەن قاراپ كېتىۋاتىمەن....

    ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرۈپ تۇرغان ﯮت ئىچىدە ﯮزۇمنى بىر جالاپ ﯰچۇن قۇربان قىلىش ﯪلدىدا تۇراتتىم.

    ---تەﯬججۇپلەنمە !!! دېگەنتى ... شۇ كۈنى دوستۇم .... بىر قانچە سىرىق چاچلىق قىزنى كۆرۈپ قىزىرىپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ!!!!

    دوستۇمغا چاقىرغۇ قىلغانلىقىمغا شۇ ۋاقىتنىڭ ﯮزىدىلا پۇشايمان قىلدىم. ماڭا بۇ جىلۋىگار جالاپلارنىڭ تەبەسسۇم قىلىشىدىن تارتىپ، ناز -كەرەشمىلىرىگىچە ياقمىدى، شۇنچىلىك سورۇن تەلەت ﯮلتۇرشۇمغا ماس ھالدا ھاراق شۇنچىلىك كوپ كەلدىكى بارلىق جالاپلار نىڭ مەن بىلەن ﯰلپەت بولغۇسى، مەن بىلەن بىللە ياتقۇسى باردەك قىلاتتى. مەن ﯰچۇن ﯪدەمنىڭ تىنىنى، ۋە روھىنى ﯻئوش قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ پەقەت گۈزەل نەرسىلەر بولماستىن رەزىل، ئىپلاس نەرسىلەرنىڭمۇ ﯪدەمنى ﯻئوش قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنجە تۇرغۇزۇلۇپ بولغان ئىدى. شۇ كۈنىدىكى ئىشلار ﯬزەلدىن شۇنداق بلۇشقا تېگىشلىكتەك ناھىيتى تەبىيلا داۋاملاشتى. يېنىمدا ﯮلتۇرغان قىزنىڭ پارىتلاپ كېتىش ﯪلدىدا تۇرغاندەك يوغىناپ كەتكەن يوتىلىرى، تومۇرىنى بىرمۇ -بىر ساناپ چىقىشقا بولىدىغان ككسى مېنى بوي ﯬگدۇرگەن ئىدى. مەن گۈزەللىكنىڭ ﯬكسى تەرىپىدىن ھالقىپ ﯮتۈپ ﯮزۇمنىڭ ﯬڭ گۈزەل بىر كۈنىنى ﯮتكۇزگەن ئىدىم، ﯰ قىزنىڭ شەھۋەت يىغىپ تۇرغان تىنى ﯰچۇن ھالسىزلانغان ۋۇجۇدۇمنى ﯰنىڭغا تەقدىم ﯬتتىم، شۇ كېچىدىكى ﯪزاپلىق كەچۈرمىش ﯮزىنى مەۋھۇملۇقى بىلەن مېنى ﯮلتۇرۋەتكەن ئىدى.

    سەھەردە يامغۇر يىغىۋاتقان شەھەر كوچىلىرىنى ﯪرلاپ يۈرۈپ ﯮزۇمنىڭ يەنىلا تىرىلىپ قالغانلىقىمنى سەزگىنىمدە ھەممە ئىش مىنىڭ ﯬخلاقىمدەك ﯪخىرلىشىپ بولغان ئىدى، مەن ﯰچۇن يوتىسى يوغان ﯰ قىزنىڭ قانچىلىك لەززەتكە چۆمگەنلىكىنى ﯮيلاش رەزىل ئىش بولسىمۇ ﯰ قىزنىڭ تىل ۋە يۇتقۇنچىقىنىڭ كەينى دىۋارىنىڭ ﯪق تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ بىلەن قاپلىنىپ كەتكەنلىكى .. كىندىكىنىڭ ﯬتىراپىدىكى سۇ چېچىكى ... مىشىلداپ تۇرغان بۇرنى .. ﯰنىڭ تىنىنىڭ ساغلام تەن ﯬمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. مەن شۇ بىر كېچىلىك ﯪزاپ ﯪرقىلىق قىنىمنى ھاراق ئىچكەندەك ئىچىۋەتكەن ئىدىم. مۇھەببەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەل مېنى نابۇت قىلغان ئىدى. مەن مۇھەببەت ﯪرقىلىق ﯮزۇمگە ﯮلۇمنى چاقىرىپ بېرەﯬن ﯻدىم. مىنىڭ ھاياتىمغا ﯮت كېتىش ﯪلدىدا تۇراتتى. لېكىن ﯪمال يوق !!! يەنىلا دوستۇم ﯪتىغىدىكى ھېلىقى دوختۇر ﯬبلەخكە تىلاﯰن قىلماي ﯪمال يوق!!!

     

    ﯰنىڭ "لەنەتلىك گەپ قىلما "دەپ چىچىلىشلىرى بىر ﯪز چەكتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا قورقۇنچتىن تىللىرى كالۋالىشىپ چىرايى تاتاردى. ﯪشخانىدا ﯮلتۇرغانلار بىزگە تەﯬججۇپتە قارىشىپ ﯮلتۇرۇپ بىر -بىرى پىچىرلاشماقتا......

    -----مىنىڭ قىلىدىغان مۇيىم ئىشىم بار ﯪداش !!! ﯰ ئىشلار تىئىخى تۈگىمىدى، مەن زېمىنغا مەينەت قىنىمنى ﯬمەست، پاكىز قىنىمنى ﯪقتۇرۇشۇم كېرەك....

    دوختۇر دوستۇمنىڭ سۈكۈت يىغىپ تۇرغان چىرايىدىن بىر نەرسىنى بايقاش ھەقىقەتەن قىيىن ئىدى. ﯰ مىنىڭ كۆز ﯪلدىمدا بارغانسېرى سىرلىقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ﯰ ﯰچۇنمۇ "شېرىن بۇلاق قاۋاقخانىسى "قاباﯬتلىك بىر دوزاققا ﯪيلىنىپ قالغاندەك ... ﯮزىنىڭ ﯮتمىشىنىڭ غۇۋا بىر سايىسى ئىچىدە ﯮز قىسمىتىنىڭ ماڭا ﯮخشاپ قىلىشىدىن ﯬنسىرەۋاتقاندەك تۇيغۇدا كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ ھۆرمەت، تەﯬججۇپ، ﯻئۇدۇكسىرەش .. نەپرەت ﯪرلىشىپ كەتكەن تەرزدە سورىدى.

    ---مېنى ﯪلدىما ﯪداش !!! بۇ دېگەن چاقچاق قىلىدىغان ئىشلار ﯬمەست ،... ﯰ قىزدا راستىنىلا شۇ كېسەل بارمىكەن؟

    ----چاقچاق قىلمىدىم .. ﯰ قىزنىڭ تىنىدىن تارتىپ روھىغىچە يۇقۇملىنىپ كېتىپتۇ .. مەن ھەقىقەتەن شۇنداقمىكىن دەپ گۇمانلاندىم.

    دوختۇر دوستۇم ﯰچۇن ﯬڭ ﯪخرقى سۆزۈمنىڭ شاۋقۇنى تاتلىق ﯪڭلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك -چاچراپ ﯮرنىدىن تۇرۇپ كەتتى. تاڭ ئېتىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۇتىۋاتقان .. لېكىن تاڭ ﯪتقاندىن كىيىن مەۋھۇم دۇنياغا نىسبەتەن ﯮزىنىڭ ھامان كېرەكسىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان ﯬمادەك قېتىپ كەتكەن يۇرۇكۇم دوستۇمنىڭ خۇشاللىقىنى قوبۇل قىلالمىغان بولسا كېرەك باغرىمغا تىقىلىپ ﯪغرىماقتا ئىدى .... ﯪخشام بولۇپ ﯮتكەن ئىشلارنىڭ خەيرلىك ﯬمەسلىكىنى سىزىپ تۇرۇۋاتساممۇ دوستۇم ﯪلتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال كورىنەتتى.

     

    ---گۇمان دېگەن .. يا بولىدۇ .. يا بولمايدۇ ... دېگەن گەپ .. ﯮزۇڭنى قىينىما!!!

    ﯰنىڭ ﯮزۇڭنى قىينىما دېگەن سۆزى ماڭا ھەقىقەتەن كۈلكىلىك تۇيۇلدى."بۇ جاھاندا ﯮزىنى قىينىماي ياشىغىلى بولامدۇ -زادى "تۇيۇقسىز تىنىم مۇزلىغاندەك بلدى ... مېنى غايىب بىر ﯪۋاز چاقىرغاندەك .. قۇدرەتلىك بىر نۇر تىنىمگە ﯰرۇلۇپ روھۇم پاكلاندەك بولدى .. دوختم دوستۇمنىڭ بىر تۇرۇپ مېنى ۋەھىمىگە سالسا بىر تۇرۇپ مېنى بەزلەپ قويۇشى جىمجىت بوشلۇققا سىڭىپ كېتىۋاتقان قاباﯬتلىك ناخشىدەك ئىچىمنى غاجىلىماقتا ... مەن ھەممە نەرسىگە ئىشەنمەس بولۇپ قىلىش ﯪلدىدا تۇرغان قورقۇنچلۇق كۈنلەر ..... مەن ھامان بۇ دۇنيادىن كىتىمەن ..... مەن ﯪدەم ﯪتىنىڭ پەشلىرىگە سويۇپ تۇرۇپ ماڭا پانىنىڭ ﯪزاپلىرىنى تىتىشىشنى ﯮتىنىمەن ... چۈنكى مەن نېمىدېگەن بىچارە ... بىر قىز قىشىمغا كېلىپ قەستەن سۈركىلىپ تۇرۇپ ﯪلە !!! ماۋۇ ﯮلۇم سۈيىنى ئىچىۋەت دېسە ﯮلوپ قالىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ ﯰنى ئىچىپتىمەن .... مەن ﯮلۇم سۈيىنى ئىچتىم .. زېمىن مېنى قۇچاقلا .. مىنىڭ ﯮمرۇم ﯰزاققا بارمايدۇ.

    بۇرۇنلاردا كوچىدا گۈزەل ﯪياللارنى ﯰچۇرتۇپ قالسام ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتىم. نىشانسىز ھالدا ﯰلارغا ﯬگىشىپ خىلى ۋاقىتتىن كىيىن ﯮزۇمنىڭ بىر تار كوچىغا .. يات بىر بىنانىڭ ﯪلدىغا كېلىپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ چۈچۈپ تۇرۇپ ﯮزۇمدىن گۇمانلىناتتىم. ھەر ھالدا دوختۇر دوستۇمنىڭ "سەن بىر ﯮمۇر تىرىشساڭمۇ روھى كېسەل بولالمايسەن "دەپ قىلغان چاقچاقلىرىدىن بەرھەم ئىلىپ ﯰمىدۋارلىق بىلەن قايتاتتىم ... غەلغەش تۇيغۇنىڭ تەسىردىن ﯮزۇمنى قۇتۇلدۇرۇشقا ﯰرۇنۇشۇم مەيلى قاچاندىن باشلانغان بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر مەن ﯪستا ﯮلوپ كېتىدىغان ﯮلۇم سۈيىنى تىتىدىم. مەن دۇنيادىن ﯪيرىلىش ﯪلدىدا تۇرغاندا ﯰلۇغ بىر پاكلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈشنى ﯮيلاپ يۈرگەن بولساممۇ ﯬكىسچە تىنىمنى بۇلغاپ قويدۇم. مەن ﯪلەمدىن ﯮتۇش ﯪلدىدا ﯬڭ چوڭ ﯪزاپقا دۇچار بولدۇم .. مەن ﯪقراڭغۇلۇقتىكى ﯮلۇمدىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى ئىزدەتتىم. مەندىن قالغان نەرسىلەر شۇ دەرىجىدە مەۋھۇملىشىپ كىتىۋاتاتتىكى ژىرىڭلاپ كەتكەن قان ئىچىدە تېپىرلاپ يۈرگەن كىچىككىنە قۇرۇتتەكمۇ كۆز بىلەن كۆرۈش مومكىن ﯬمەست ئىدى. مەندىن ياتلىشىپ كېتىۋاتقان دۇنيا ﯰچۇن چىقىۋاتقان، پىتىۋاتقان قۇياش شۇ كۈنى كەچتىكى يوتىسى يوغان قىزدەك ئىنتايىن، بەدبەشرە ۋە يىرگىنچلىك ئىدى.

    مەن ﯮزۇمنىڭ قاچانلاردا مۇھەببەتلىشىپ باققانلىقىمنىمۇ ﯬسلىيەلمەيتىم.

    ھېلىمۇ مۇھەببەت مەن ﯴچۈن قارا پەنجىرىلىك ﯪيالدەك ناتونوش ئىدى... شۇ كۈندىن كىيىن مۇھەببەت بىلەن ھېلىقى قىز ﯮتتورىسىدىكى باغلىنىش مېنى تىتماتالاڭ قىلىپ تۇرسىمۇ قاراڭغۇ ھاڭ ﯪلدىدا تۇرغان مىنىڭ جەسىدىم زېمىن بىلەن خوشلىشىشتىن بۇرۇن ﯰ قىزنىڭمۇ ھايات قىلىشىغا ئىشەنمەيتى.

    شۇ كۈنى ھەممە قىزنىڭ مەن بىلەن ھاراق سوقوشتۇرۇپ، مېنى مەسلىككە قىستىشى ﯪمالىيەتتە ماڭا قۇرۇلغان بىر سۈيقەسى ت بولسا كېرەك ..--دەپ ﯮيلودوم كىيىن .. ياكى بولمىسا دوختۇر دوستوم مىنىڭ ئېزىلىپ ﯮلتورغىنىمنى كۆرۈپ ﯪلدىن شۇنداق ﯮرونلاشتورغان بولسا ............. كېيىنكى ئېھتىماللىق ﯬڭ قورقونوشوق ئىدى.

    ﯬمەلىيەتتە مەن دوستوممىنىڭ تىنىمنىڭ بىر قىسمى، ھايات ماماتتا مەن بىلەن بىرگە بولالايدۇ.......... دەپ ﯮيلايتىم.

    خىياللللىرىم شۇ يەرگە بېرىپ يەتكەندە ھەرئىككى خىل ئىھتىماللىقنىڭ مەلوم ﯪساسى بارلىقىنى .......... ﯰنىڭ ﯴستىگە مەندەك قاملاشقان يىگىتنى ھەر قانداق قىزنىڭ بوش قويمايدىغانلىقىنى ﯮيلاپ دوستومنى ﯪقلىدىم. شۇ كۈنى ﯲزممنىڭ ھاراقنى نىمانچىلا كۆپ ئىچكەنلىكىمنى چۈشەنمەيتىم.

    ((شېرىن بۇلاق رىستۇرانىنىڭ )) ﯪيرىم خانىسگەكىرگەنسىدىكى تەسەۋۋۇرۇمدا مەن ﯴچۈن يىرگىنچلىك، قورقونوشلوق تۇيۇلغان دۇنيانىڭ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن بىر قانچە سەﯬت ئىچىدە ﯲزگۈرۈپ كېتىشى ﯲمرۈمدە چۈشەنمەي ﯲتۈپ كەتكەن ﯪشۇ قالايمىقان ئىشلار دەك...................

    مىنىڭ تەقدىرىمگە سەرسانلىقنىڭ پۈتۈلۈشى بەرھەقتەك مېنى قىيناپ تۇراتتى.

    مەن ﯲزۈمنىڭ قاچانغىچە سەرسانلىق ئىچىدە ياشايدىغانلىقىمنى بىلمەيتىم. يوتىسى يوغان ﯪشۇ قىز ﯴچۈن ھەممە نەرسە بىرخىل تەبىئىي ئىشلاردەك بىلىنگىنى بىلەن مەن ﯴچۈن تېخى مەۋھۇم، يىڭى ئىشلار ئىدى.

    ......

    ﯪيرىم خانىدە ﯰنىڭ كۈلكىسىنى تۇنجى قېتىم ﯪڭلىغاندىن باشلاپ سەھەر بىز يوتقاندىن قوپقىچە بولغان ئىشلار گەرچە 12 ساﯬت ئىچىدە يۈز بەرگەن بولسىمۇ مەن ﯪشۇ 12 ساﯬت ۋاقىت ئىچىدە 120 يىللىق ﯲمرۈمنى ياشاپ بولغاندەك قىلاتتىم.

    ﯰنىڭ بىلەن ﯰسول ﯮيىغان ۋاقىتتا ﯰنىڭ شەلۋەرپ تۇرغان بەدىنىنى قىياس قىلىش مومكىن ﯬمەست ئىدى.

    ﯰنىڭ پارتلاپ كېتىش ﯪلدىدا تۇرغاندەك پومپىيىپ تۇرغان كۆكسى قان تۆكۈلۈپ تۇرغاندەك قىپقىزىل لەۋلىرى، قاپ قارا كۆزلىرى، كۆكسىنى تەسلىكتە يىپىپ بەل قىسمىنى ياپالمىغان بىغىرداق شەكلىدىكى كوپتىسى، تۆت لىك قىزىل رەخ بىلەن يوغان يوتىلىرىنى، نامايان قىلىپ تۇرۇۋاتقان يوپكىسى ھەرقانداق ﯬركەكنىڭ تامىقىنى چاكىلدىتاتتى.

    شۈبھىسىزكى ﯰنىڭ جاراڭلاپ تۇرغان كۈلكىسىدىن تارتىپ، ئىپلاسلىشىپ كەتكەن بەدىنىگىچە مېنى چاقىرىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن شۇ كۈنى قەلبىمدە ئىسيان قىلىپ تۇرۇۋاتقان شۇ كۈچكە نېمىشقا بەرداشلىق بېرەلمىگەندىمەن دەپ ﯲزۈمىنى قىيناپ يۈرگەن بولساممۇ دوختۇر دوستومنىڭ شەھۋەت يىغىپ تۇرغان ككزلىرى ۋە ﯰنىڭ شۇكۈنى مۇتلەقلىشىپ بولغان شۇملۇقلىرى ﯪللىبۇرۇن جىنىمنى تىنىمدىن سۇغۇرۇپ ئىلىپ كەتكەن ئىكەن.

    قورقونىچ باسقان شۇ تىمتاس ﯪيرىمخانا ﯴچۈن ﯬتراپىزنى ﯮراپ تۇرغان بىرقانچە قىزنىڭ ﯬرۋاھىنىڭ مېنى ﯪزدۇرۇشى تۈنۈگۈن كەچتە چىققان بوراندەك ھامان ماڭا باستۇرۇپ كىلەتتىكەن. كىيىن ﯮيلودومكى ((زىمنىدا پاك ياشاش ھەقىقەتەن تەس )) ھەر قېتىم شۇ ئىشلارنى ... بولوپمۇ ﯪشۇ قىز بىلەن ﯲتكۈزگەن بىرقانچە ساﯬتلىك ۋاقىتنى قورقونىچ ئىچىدە ﯬسلگىنىمدە ﯰنىڭ قورساق قىسمىدىكى جاراھەت ئىزى كۆز ﯪلدىمغا كېلىپ ﯰنىڭ گۈزەللىكىگە بولغان گۇمان ﯰنىڭ بەدىنى بىلەن كۈرەش قىلاتتى.

    مەن ﯰنىڭ يوتىسىغا ﯪشىق بولۇپ قىلىشتىن بۇرۇن ﯰ ماڭا ئىنتايىن قىزغىن مۇﯪمىلە قىلدى.

    ﯰنىڭغا ھىجىيىپ تۇرۇپ ﯲزۈمنىڭ يازغۇچى ئىكەنلىكىمنى ﯰدۇنيادىكى ﯬڭ مەنمەنچى ﯬڭ ھاكاۋۇربىر قىزغا ﯪيلاندىكى ﯰنى ((ﯪدەملەرنىڭ پسىخىكىسىنى تەھلىل قىلىشقا ﯰستا)) ئىكەن

    دەپ ﯮيلاپ قالدىم.

    قىزچاق .......... سىز دۇنيادا خۇددى ماڭا ﯮخشاش ماكانسىزدەك مۇساپىردەك بولىۋېلىڭ. كۆرەڭلىمەڭ. سىز ﯲلۈپ كېتىسىز، شۇ پاراڭدىن كىيىن ﯰ ﯲزىنى (( ﯪق كۆڭۈل ))(( چىقىشقاق )) دەپ تونوشتورغان بولسىمۇ ﯰداق قىلمىدى.

    ﯬكسىچە پولنىڭ گپنى قىلىپ نۇرغۇن سەپسەتە ئېيتتى.

    مۇغەمبەرلىك قىلماڭ گەرچە ﯰنىڭ ﯪشۇ سۆزى زىتىمغا تېگىپ تۇرسىمۇ ﯰ مېنى باشقا ﯬركەكلەر بىلەن ﯪرلاشتۇرۇپ قويغان بولسا كېرەك دەپ ﯮيلىدىم. ھېچ بولمىسا ﯰنىڭ يوتقان ئىچىدىكى قوپال ھەرىكەتلىرىدەك يۈرۈش تۇرۇشى گەپ سۆزلىرى قوپال بۆلىشى كېرەك.

    ﯪيرىم خانە ئىچىدىكى بىر خىل يۈكسەكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ناز قىلىۋاتقان، ﯲزىنىڭ جالاپلىقىنى ھېسابقا ﯪلمىغاندا مېنى ﯪزدۇرۇشقا شۇنچىلىك ھۈنەر ئىشلەتكەن بىر قىزنىڭ تۇرۇپلا ﯲزگىرىپ قىلىشى زېمىنغا تالىق بولۇۋاتقان ﯬخلاقىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى بىلەن باراۋەر بىر ئىش ئىدى. بىز ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن قالايمىقان خىيال بىلەن توشۇپ كەتكەن كاللامدا ﯰ قىز مېنى خىلىلا يالۋۇرتۇشى، مېنى ۋاي دېيىشكە مەجبۇرلىشى مومكىن دەپ ﯮيلىغان بولساممۇ ﯰنىڭ ﯬكسىچە ﯰنىڭ تەبىيلا يىشىنىۋاتقاندىكى قىياپىتى مېنى پەزىلەتتىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

    ---- خەيرى خوش !! ﯬخلاق ... مەن ﯬرىشكە چىقماقچى!!

    ﯰ سۈپ -سۈزۈك بەدەنلىرىنى ماڭا تېخىمۇ نامايان قىلماقچى بولغاندەك يوغان يوتىلىرىنى كىيىم مودىللىرىدەك يۆتكەپ ماڭا ﯪستا - ﯪستا يېقىنلاشماقتا .. مەن ﯴچۈن ھەممە نەرسە ھاراقنىڭ كەيپى بىلەن تەڭ ﯰنتۇلۇپ كەتكەندەك، قوۋزومغا تىقىلىپ قالغان نەپىسىم ﯴچۈن ھازىرلا جىنىم چىقىپ كەتسە..

    مۇتلەق بەختكە ئىرىشكەندك ھىسياتتا ﯰنىڭ سۈزۈك يوتىلىرىنى سىلىماقتا ئىدىم.

    پۈتۈن بەدىنىم ئېرىپ كەتمەكتە ئىدى.

    ﯰنىڭ دولىلىرىغا يېيىلىپ كۆكسىنى يىپى تۇرغان تال تال چاچلىرى سۇس پىقىراۋاتقان شامالدۇرغۇچنىڭ تەسىرىدىن يەلپۈنۈپ ﯰنىڭغا تۇيۇقسىز قاراپ قالغان ھەر قانداق ﯪدەمگە ھاۋادا ﯰچۇۋاتقاندەك تەسىرات بېرەتتى.

    شۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ۋاقىت بىر ئىزىدا توختاپ قالغاندەك دەرتمەنلىكىمگە يوپورلوپ كەلگەن ئىشقىۋازلىقنىڭ دەردىنى بۈگۈن چىقىرىۋالىدىغاندەك قىلاتتىم.

    ﯰقىز يوتىسىن سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقان يوپكىسى بىلەن كارى يوق ماڭا يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.

    ئىگز پاشنىلىق ﯪيىغىغا پۇتلىشىپ تۇرۇۋاتقان يوپكىسى نۇرغۇن ۋاقىت مەشىق قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك تەبىيلا سىلىنپ كەتتى. ﯪپپاق يوتىلىرى بىلەن رەپ تالىشىپ تۇرۇۋاتقان پايپىغى ﯰنى تېخىمۇ جەزبىدار قىلىپ كۆرسىتىپ تۇراتتى.

    مەن ﯰنىڭغا ﯬزەلدىنلا مۇھتاجدەك ﯪچكۆزلۆك بىلەن ﯰنىڭ جىسمىغا ﯪيلىنىپ كېتىۋاتاتتىم.

    پايپىغى بىلەن كالتە ئىشتىنى ﯮتتورىسىدىكى بوشلوق مېنى ﯲزۈمىنى يوقىتىپ قويوشقا مەجبۇرلاپ تۇراتتى.

    ھىللىلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك ........... قارىسا بىر چوڭىيىپ بىر كىچىكلەپ تۇرۇۋاتقان كۆكسىنى بېسىپ تۇرۇۋاتقان ﯮتقاشتەك لىپتىكى كۆزۈمنى چاقنىتىپ بىر شېرىن لەززەتنىڭ ﯪدەمنىڭ كۆڭلىنى پارچىلاپ تاشلىغاندىكى ﯰلۇغ سىغىنىشىنى ﯬسلىتىپ مېنى "ﯰھ "دېيىشكە مەجبۇر قىلدى. قىزنىڭ بەدىنىنىدىن تاراۋاتقان شەھۋانىيلىق ئىچىدىن مەن شۇنداق بىر ھەقىقەتكە بېرىپ يەتكەن ئىدىمكى "كىمكى مېنى ھازىرنىڭ ﯮزېدە ﯮلوپ كەت دېسە .. قىلچىمۇ تارتىنماي ﯮلوپ كېتەتتىم، چۈنكى مەن ﯬركەكلەر ئېتىراپ قىلىدىغان "بەخت"نىڭ ﯬڭ يۇقىرى پەللىسىدە بىر قىزنىڭ بەدىنىدىن لەززەت ئىلىۋاتاتتىم.

    قىز ھەقىقەتەن ماڭا يېقىنلاپ قالغان ئىدى.

    ئوتقاشتەك لىپتىكى كۆزۈمنى چاقنىتىپ بىر شېرىن لەززەتنىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پارچىلاپ تاشلىغاندىكى ئۇلۇغ سىغىنىشىنى ئەسلىتىپ مېنى "ئۇھ "دېيىشكە مەجبۇر قىلدى. قىزنىڭ بەدىنىدىن تاراۋاتقان شەھۋانىيلىق ئىچىدىن مەن شۇنداق بىر ھەقىقەتكە بېرىپ يەتكەن ئىدىمكى "كىمكى مېنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆلۈپ كەت دېسە .. قىلچىمۇ تارتىنماي ئولىۋالاتتىم. چۈنكى ئەركەكلەر ئېتىراپ قىلىدىغان "بەخت "نىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە بىر قىزنىڭ بەدىنىدىن لەززەت ئىلىۋاتاتتىم.

    قىز ھەقىقەتتەن ماڭا يېقىنلاپ قالغان ئىدى، ئوز -ئۆزۈمدىن بوغۇلۇپ تۇرۇۋاتقان شەھۋەت ئىچىدە مەن ئۇ قىزنى خام يېيىش ئالدىدا تۇراتتىم. كۆرۈنمەس يىراق بىر چەكسىزلىك ئىچىدىن قىزنىڭ ئەتىر پۇراپ تۇرغان تىنى بەدىنىمگە تېگىش ئالدىدا تۇراتتى. مىنىڭ چېچەكلەۋاتقان بەختىم ئۇچۇن ئۇنىڭ ئۇزۇن پايپىقى بىلەن كالتە ئىشتىنى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى سىلاش ھەقىقەتەن راھەت بىلىندى. ئۇنىڭ يوتىلىرىنى سىلاۋاتقان ھەر بىر ھەرىكەت ئۆزگىرىشىدە قىز بىر قېتىم "ئۇھ"لىناتتى. ئۇ مىنىڭ قولۇم ئارقىلىق تارىلىۋاتقان ھارارەت ئىچىدە تەدرىجىي ھالدا ئۆلۈپ كېتىۋاتقان تىنىمنى باشقۇرالماي كەينىگە دومۇرلۇپ كەتكەندەك تال -تال چاچلىرىنى سىلكىپ كوكسىنى قەستەن يۈزۈمگە تەككۇزمەك بولاتتى، كۆزۈمدىن ئوت چاقنىتىپ تۇرۇۋاتقان لىپتىكى تۇيۇقسىز يىرتىلىپ -ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك ھىسياتتا ئۇنى

    قۇچاقلاشنى نىيەت قىلدىم. ئىسەنكىرەپ تۇرۇۋاتقان بۇ قىز ئىئۇدىنىمۇ ئۇنتۇپ غالجىرلىققا تولغان كۆزلىرىدىن شەھۋەت ياغدۇرۇپ مېنى بۈگۈن ئولتۇرۇپ قويىدىغاندەك ... دۇنيادا ئىزدەپ يۈرگەن بارلىق بەختىنى بۈگۈن كېچە مەندىن تاپىدىغاندەك ئەسەبىلىكتە ماڭا ئىتىلىش ئالدىدا تۇراتتى. گەرچە مەنمۇ قەلبىمدە پارىتلاپ تۇرغان تۇيغۇ تەسىردىن تىترەپ تۇرۇۋاتساممۇ يەنىلا مەسىتلىك تەسىردە كاللامدا لەيلەپ يۈرگەن قورقۇنچ ئىچىدە ئۆزۈمنى بېسىپ ئولتۇراتتىم .. قوش كىشىلىك كارىۋات قويۇلغان بۇ يالغۇز خانە ئۇچۇن ئۆزۈمنى بىسىۋىلىشىم كۈلكىلىك ئىش بولسىمۇ مەندەك يۈزى ئېچىلمىغان بىر ئەركەك ئۇچۇن بۇ ئىشلار ئەنچە بىمەنە تۇيۇلۇپ كەتمەيتتى، تىزلىنىپ تۇرۇپ قىزنىڭ ھەر بىر نازۇك ھەرىكەتلىرىگىچە دىققەت بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان بولساممۇ "يىلان قاسىراق تاشلاش ئالدىدا تۇرغاندەك "بۇ ئۇزۇن كېچىدە ھامان بۇزۇلۇپ كېتىشىم بەرھەق ئىدى. ئىنىقكى يەنە

    قانچىلىك ۋاقىت بەرداشلىق بېرەلىشىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتىم. بىراق مەن ئۆزۈمنى تېرىك ئەتكەن ئاشۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭغا ئايلىنىپ ھەممە نەرسەمدىن قۇرۇق قالاتتىم.

    قىز كارىۋاتنىڭ يېنىدا تىزلاندى .... ئۇنىڭ مېنى سويۇش ئالدىدا تۇرغان لەۋلىرىدىن قان تامچىلاۋاتقاندەك ئەندىكىپ كەتتىم،-"ئاھ !! خۇدا ... ئادەملەر مېنى ئۇنتۇپ كەتتى... خەير خوش ئۆلۈم ..."ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنى دىگنلىكىنى ئاڭقىرالمىدىم ... كۈلەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ كۈلكىگە قولاشمىغان لەۋلىرىم ئۇنىڭ قوداڭ بېسىپ» كەتكەن لەۋلىرى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ تاشتەك قېتىپ كەتكەندەك قىلاتتى. قەلبىمدە تىمتالاڭ بولۇۋاتقان تۇيغۇلىرىم مېنى ھەممە نەرسىگە مەجبۇرلاپ تۇراتتى."دىققەت قىل ئوزۇل !!! نەپسىڭنى يىغ !!! سىنىڭ نەپسىڭگە ئالۋاستى يوشۇرۇنغان .... سەن ئۇنى ئەركىگە قويىۋىتىدىكەنسەن ئۇ سىنى گۇناھ پاتقىغىغا پاتقۇزىۋىتىدۇ .... سەن ھەر ۋاقىت نەپسىڭنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ تۇر ... نەپسىڭنى يەنىلا ئەركىگە قويىۋىتىدىكەنسەن سەن ئۆلىسەن .... سەن بەربات بولىسەن .... چۈنكى مۇھەببەت .. ھىجران .. ئىشق .. دېگەنلەر بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل؛ .. بۇ يۇقۇملۇق كېسەل سىنىڭ روھۇڭنى چىرمىۋالغاندا سەن تەلتۆكۈس چىرىپ كىتىسەن .... سەن قاچانىكى ئوزىڭنىڭ پۈتۈنلەي ئولىۋاتقانلىغىڭنى چۈشەنسەڭ سىنى ئۆلدى .... يوق بولدى دېيىش مومكىن ئەمەس ... چۈنكى سىنىڭ روھىڭدا ھەممە نەرسە يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ خۇدا ساقلىنىپ قالىدۇ .... قاچانىكى سەن خۇدانىمۇ ئۇنتۇپ ئاشۇ ئۆلۈم يولىنى تاللىغىنىڭدا سەن ئازىسەن .... سەن چوڭ ئىزىشقا يول قويغان بولىسەن .... شۇندىلا سەن ھېقىقى يوسۇندا ئۆلۈپ كىتىسەن ... يوق بولىسەن .... ئىشەنگىن بۇ دۇنيادا ئۆلمەك تەس ئەمەس ... ئۆلۈمنىڭ سەكراتى ئىچىدە جان تالاشماق تەس..."

    ئوينىڭ ئىئچى سىلكىنگەندەك بولدى، ئورنۇمدىن قانداق تۇرۇپ كەتكىنىمنى .. ۋە قىزنى زەرىپ بىلەن ئىتتىترۋەتكىنىمنى چۇشەنمەيتىم......

    لىۋىدىن قان تامغان شۇ قىزغا ئاتاپ .. ئايدىڭدا يالغۇز شاراب ئىچىۋاتىمەن .... ھەي ئىشرەت .... ھەي ئىشرەت...

    شەھەر ھەقىقەتەن چۆلدەرەپ قالغاندەك قىلاتتى ... شۇ قىز بىلەن بىرگە ياتقان شۇ كۈنى سەھەردە ھەممە ئادەم ماڭا قاراۋاتقاندەك ... شەھەردە ئادەم كۆپىيىپ قالغاندەك .. كوچىدا مىغ -مىغ تىقىلىپ كېتىۋاتقان ئادەملەرگە سوقۇلۇپ يوتىسى يوغان قىزلار ئۇياق -بۇياققا ئوتىشىپ تۇرۇۋاتسىمۇ بۇرۇنقىدەك ئۇلارغا ئەگىشىشنى خىيال قىلىپ كەتمىدىم. ئوز ئەسلىمىرىمگە يېنىشنى .. بولۇپمۇ تۇرمۇشتىن ھېكايە ئىزدەشنى خىيال قىلىپ ئادەم ئۇرىشىۋاتقان .. غۇلغىلا بولۇۋاتقان ئەقەللىيسى تاۋۇتتا بىر قانچە مىڭ ئادەم توپلىشىپ ئىلىپ كېتىۋاتقان جەسەتمۇ مىنىڭ ھەممە نەرسەمنى تارتىۋالغاندەك قىلاتتى .، بۇرۇنلاردا دوختۇرخانىنى كۆرسەم ئەنچە قورقۇپ كەتمەيتتىم. بىراق بۈگۈن سىزىملىرىم دوختۇرخانا بەلگىسىنى كۆرۈپ ئەندىكىپ كېتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئاق خالاتلىق بىرسى چىقىپ مېنى سۆرەپ ئىلىپ كېتىدىغاندەك ھىسياتتا قەدەملىرىمنى تىزلىتىپ دوختۇرخانىدىن يىراقلاشماقچى بولاتتىم.

    --"خەير زېمىن !!! مەن قاتتىق چارچاپتىمەن ... راستىنىلا قاتتىق چارچاپتىمەن .... مەن ئۆلۈپ كېتەي .."ھەر قېتىم ئاشۇ قىز ... ئاشۇ كېسەل، ئۆلۈمنى ئەسلىگىنىمدە بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كېتەتتى. بۈگۈنكى تۇيغۇم بويۇچە بولغاندا مىنىڭ ئوزلىكىم ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلماقچى بولغاندەك .. مەندىن مەڭگۈلۈك يىراقلاپ كەتكەندەك قىلاتتى، مەن قان كېچىپ كېتىۋاتاتتىم ... باشقىلار ئۆلۈمنى ئۇلۇغ ۋە سۆيۈملۈك دەپ ئالجىپ يۈرگىنىگە قارشى ئۆلۈمدىن راستىنىلا قورقۇپ تۇرۇۋاتاتتىم. ئادەملەرنىڭ مېنى ئۆلۈم سۈيىگە ئىلىۋاتقاندىكى پەلىپەتىش سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولاتتى.-"بۇ قەسەت بەك ئۇزۇن ياشاپتۇ .. بۇنىڭ بەدىنىنى يۇغىلى بولمىغۇدەك .. تىرىلىرى سويۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ ... يۇرۇكىمۇ سىسىپ كېتىپتۇ .."مەن ئۇچۇن قىساسكار قەلبىمدىن پارلاپ تۇرۇۋاتقان ھەقىقەتكە يۇقىرىقىدەك گەپلەرنى ئىشلىتىش ھەقىقەتەن ھېس قىلغىلى بولمىغۇدەك قابائەتلىك ئىدى. باشقىلار مىنىڭ ئۆلۈم يولۇمنى چىتلىۋالغاندەك .. مەن مەڭگۈ سەكراتتا قالىدىغاندەك ھىسياتتا ئۆزۈم سەۋەبىدىن تىرىلغان ئازاب ئۇچۇن مەڭگۈ پۇشايمان يەيدىغاندەك قىلاتتىم، مەن ئۇچۇن دوختۇر دوستۇم مەڭگۈلۈك قەرزدار ئىدى ... ئۇنى خىلىدىن بىرى ئۇچىرتىپ قالارمەن دەپ يۈرەتتىم .. گەرچە چاقىرغۇ نومۇرى يېنىمدا تۇرسىمۇ بۇرۇنقى ئىشلار سەۋەبىدىن چىقىرىش ئىستانسىنىڭ نومۇرىنى بېسىپ قورقۇنچ ئىچىدە بىر قانچە مىنۇت گەپ سوز قىلماي تىلفۇننى يەنە قويۇپ قوياتتىم، دوستۇمغا بولغان ئۆچمەنلىك ھېلىقى جالاپقا بولغان ئوچمەنلىكىمدىن قىلىشمايتى."دوختۇر دوستۇمدىن ئىبارەت بىر چايان ئاخىرى مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ ماڭا نەشتىرىنى سانجىپ مېنى زەھەرلىگەن تۇرۇقلۇق مېنى ئىزلىمىدى. گەرچە ھېلىقى كۈنى ئۇنىڭغا قاتتىق تەككەن بولساممۇ ئۇنىڭ مېنى ئىزدىمەسلىكى ھەقىئىقتەن كەچۈرگىلى بولمايدىغان سەۋەنلىك ئىدى. چۈنكى ئۇ مېنى نابۇت قىلدى ... مېنى بىر توپ ھاراقكەشنىڭ ئارىسىغا ئەكىرىپ قويۇپ مېنى زەھەرلىدى. مەن مۇھەببەتتىن زەھەرلەندىم.

    مەن ھەقىقتەن مۇھەببەتتىن زەھەرلەنگەن ئىدىم، شۇ كۈنى ئاشۇ جالاپنىڭ قوداڭ باسقان لەۋلىرى لەۋلىرىمگە تېگىشتىن بۇرۇن مەن ئەۋلىيادەك پاك بىر ئادەم ئىدىم. مىنىڭ پاكلىقىم شۇ كۈنى تۈگەشتى. مەن ئاشۇ دەملەردىكى چاقناشتىن كىيىن ئۆلۈم سۈيىنى تىتىدىم، مەن گەرچە ئۆزۈمنى ئۇ ئالۋاستىنىڭ نازۇ -كەرىشمىلىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيمەن دەپ ئويلىغان بولساممۇ ئۇنىڭ لەززەتلىنىشىگە ئادەتلىنىپ قالغان تىنى ماڭا سۇيىقەست قىلدى. مەن شۇنچە تىرىشىپ كۆرگەن بولساممۇ تىتىلىپ تۇرغان تىنىم ئۇنىڭ ئاياغ -ئاستى قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

    ---ئاھ جىنىم !! مەن ئۈلۈشكە ئاز قالدىم ... ئۇنىڭ شامالدۇرغۇچ ئالدىدا يەلپۈنۈپ تۇرۇۋاتقان چاچلىرى يۈزلىرىمگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى ... ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ماڭا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى سەزدىم. گەرچە ئۇنىڭ مېنى سويىۋاتقاندىكى سىزىمى مەندە لىرىك تەسىر قالدۇرالمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ كارىۋاتنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ماڭا سەجدە قىلىۋاتقاندىكى ئۇلۇغۋار ئىشى مېنى ھەقىقەتەن ئىرىتىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ قىپقىزىل لىپتىكى بىلەن ھېلىقى يېرىنى سۇس كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتقان كالتە ئىشتىنى جىنىمنى قاقشتىۋاتاتتى، يۈرىكىم يانغاندەك بولۇپ تپچەكلەپ سوقۇۋاتقان شۇمىنۇتنىڭ ئۆزىدە مەن مۇقەددەس قۇدرىتىمنى يوقاتتىم. گەرچە ماڭا غايىپتىن بىر ئاۋاز چۈشۈپ "سەن بۇ مىۋەمنى يېمە " دەپ يتمىغان بولسىمۇ ئاشۇ مىۋنى تىتىش ئالدىدا تۇراتىم.

    ئايرىم كارىۋات قويۇلغان ئايرىم خانە مەن ئۈچۈن ياسىداق بىر قەبرىگە ئايلىنىپ كىتۋاتقاندەك قىلاتتى، مەن بۇ قەبرە ئىچىدە نېمە قىلىشىمنى بلمەيتىم، تازىلىق ئۆيدىكى سۇ جۈمىكىدىن تامچىلاپ چۈشۈۋاتقان سۇ تامچىسىدەك قانلىرىم ...... مېنىڭ رەزىل قانلىرىم زىمنىغا قىش ئادىدا تۇراتتى، قىزنىڭ كالتە شتىنى ئوتتەك تاۋلىنىپ تۇرغان لپتىكى يەنە ماڭا يېقىنلاشماقتا .... مەن شۇندىلا قىزنىڭ كۆزدىن چاقناۋاتقان ياۋايى ئىشرەتنى سىزىپ قالدىم، قىز شۇنچە زورقۇپ تۇرغانسىرى مەن ھىسياتى تەل تۆكۈس ئۆلگەن ئادەمدەك پۇتلۇرۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ ھىجىيىپ ياتاتىم ... قىزنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى يوققا چىقشتىن بۇرۇن مەن نۇرغۇن نەرسلەرننى خىيال قىلدىمكى -----بۇقىزمنى ئەتسى سەھەردە شەھەر كوچىسىدا سازايى قلدىغاندەك مىنىڭ ئەركەكلىكىمگە بولغان گۇمانىنى "شېرىن بولاق رستۇرانغا "كەلگەن ھەربىر ئىچەرمەنگە چۆچەك قىلىپ " مەن ئۇئەبلەختىن گۇمانلاندىم " دەپ سستىدىغاندەك قىلاتتى..... گەرچەمنىڭ ئارلىشش دائىرەم ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ئادەملەرمنى بۇشەھەردە خلىلا "مەشھۇر ئادەم " دەپ ھىساپلىشىپ تۇراتتى، گاھى سورۇنلاردا مەن تونمايدىغان سورۇن داشلار مىنڭ قايسى بىر ئەسرىم توغرىسىدا دە تالاش قىلشىپ ماڭا خۇشامەت قىلشاتتى، مەن نۇرغۇن ئادەمنىڭ ماڭاگۇمان بىلەن قاراۋاتقاندىكى كۆزلىرىدىكى مازاقنى سەزگەندەك بولدۇم،

    ----سىز ھەقىقەتەن خام يىگىدەك قىز ئىكەنسىز ....... مەن ئۆزۈمنىڭ شۇ بىر غىز گېپى بىلەن يۇمشاۋاتقان كەيپىياتقا ئوت قويۋەكەندەك قلاتتىم، قىزنىڭ تىزلىنىپ تۇرۇۋاتقان بەدىنى كۆتۈرلدى، ئۇنىڭ ماڭا يىقنلىشۋاتقان لەۋلىرىگە ماس ھالدا كۆزلىرىدىن تامچىلاپ چۈشۈۋاتقان ياش يۈزلىرىگە يامغۇردەك ئاقتى.

    ----مەن سىزنى ياخشى كورىمەن ..!! سىز مىنىڭ جىنىم .... ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەۋاتاتتى. بۇ ھالسىزلانغان كېچە ئۇچۇن قىزنىڭ ئەسەبىلىككە تولغان خۇشاللىقى ماڭا باستۇرۇپ كەلمەكتە ،.. قىزنىڭ يۇغان يوتىلىرىمۇ لەززەتلىك بىر كۈلكىگە چۇمگەندەك تارتىشىپ تۇراتتى. ماڭا باستۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ كۈلكە ئۇچۇن مەن ئوز قىنىمنى ھاراق ئىچكەندەك ئىچىشىم كېرەك. ناھىيتىمۇ ئېنىق ..."باشقىلار بەختكە ئېرىشىش ئۇچۇن سەن ئازابلىنىشىڭ كېرەك. "ئاشۇ خىل بىمەنىلىك سەۋەبىدىن مەن ھىلىغىچە تۇي قىلماي يۈرەتتىم. مەن بىر قانچە قىزنىڭ بەختى ئۇچۇن ئازابلىنىپ باققان ئىدىم ... بىر خىل يۈكسىلىش ئىچىدە سەن باشقىلارغا "بەخت "يارىتىۋاتقىنىڭدا سىنى چۈشىنىدىغان ئادەم چىقمايدىكەن ... سەندىكى ھەر بىر پەزىلەت ۋە ئەقىل ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ ھەسەتلىرى بىلەن ھامان بەربات بولىدىكەن..."

    مەن ئۇچۇن قىزنىڭ ماڭا يىقىنلىشىۋاتقاندىكى ھىسياتى ھەقىقەتەن كۈلكىلىك تۇيۇلدى ... ئۇ ھەقىقەتەن غالجىرلىشىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. بۇ كېچىدىكى ئەڭ مۇشاقەتلىك قابائەت باشلىنىشتىن بۇرۇن مەن تازىلىق ئويىدىكى بىر تامچە .. بىر تامچىدىن ئېقىپ چۇشىۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازىنى تىڭشىدىم .... سۇنىڭ ئېقىپ چۈشىشى ماڭا ماتەم مۇزىكىسىدەك ئاڭلانماقتا ئىدى. مەن ئۇچۇن ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ چەك -چىگىرسىنى تەلتۆكۈس بۇزۇپ تاشلايدىغاندەك سۇنىڭ ئەركىن تامچىلاۋاتقاندىكى مۇزىكىنىڭ مەرغۇلىدىن باشقا سېزىم تەلتۆكۈس ئۆلۈپ تۈگەشكەن .... قىزنىڭ لىۋى بىلەن رەڭ تالىشىپ تۇرۇۋاتقان قىپ-قىزىل ئايىغى .. قىپ -قىزىل لىپتىكى ... قىپ -قىزىل كالتە ئىشتىنى ... قىپ -قىزىل يۈرىكى ... قىپ -قىزىل قىنى ... مەن ئۇچۇن شۇ مىنۇتتا قىزىل رەڭ ئاپەتلىك ئۆلۈمنى باشلاپ كەلمەكتە ئىدى .. مەن ئۆلۈپ كەتمەكچى بولاتتىم. قىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىشى ئەمەلىيەتتە مېنى ئولتۇرۇش. مېنى قىيناپ .. تەنلىرىمنى تىتىلدۇرۇپ ئولتۇرۇش ئىدى. مەن ھازىرقى مۇشۇ مىنۇتتا ئۇنىڭ كاللىسىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتىم ... گەرچە ئۇ نۇرغۇن نەرسىنى ئاشكارىلاۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭدا تىنىپ ياتقان مەخپىيەتلىك ساماندەك كوپ بۆلىشى مومكىن ... شۇ سەۋەبلىك "مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىشىم كېرەك ... گەرچە مەن ئۇچۇن ئاياللارنىڭ بەدىنى قۇچاقلاش ... ئۇلارنىڭ يالىڭاچ تىنىنى كۆرۈش شۇ قەدەر لەززەتلىك ئىش بولسىمۇ ئۆزۈم نەپرەتلەنگەن قىزنىڭ تىنىنى ئەمەس ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ تىنى بولسا باشقىچە ئىش .... بىراق .... بۇ قىز؟

    قىزنىڭ تىنى يەنە جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. سىزىملىرىم ئۇنىڭ ماڭا تەلتۆكۈس يېقىنلىشىپ بولغانلىقىنى. ھەم مېنى تەلتۆكۈس ئىگىلەپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلاشتىن بۇرۇن تازىلىق ئويىدىكى تامچىلاۋاتقان سۇ تامچىلىرى تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. ئۇ ماڭا ھاياتىمنىڭ ئاخىرلىشىپ بولغانلىقىنى بىشارەتلەپ بىرىۋاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر خىل كىچىئىك ئىش بولسىمۇ پاكلىنىش ئۇچۇن سۇ بولمىسا بولمايتتى. مەن ئۇچۇن ئادەملەرنىڭ سۇدىن ئايرىلىپ قىلىشى بۈگۈنكىدەك بىر قىز بىلەن بىر ئۆيگە بىكىنىۋىلىپ قىلىشقان ھېلىقى ئىشلاردىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى ... مېنى ئوراپ تۇرغان قورقۇنچ ھەممە تەرەپتىن باستۇرۇپ كەلمەكتە .. قىز كۆزۈمدىن ئوت چاقنىتىدىغان لىپتىكىنىمۇ يىشىۋەتكەن ئىدى ... ئۇنىڭ سوزۇلۇپ تۇرۇۋاتقان كوكسىنى كۆرۈپ بۇرۇنقى خىياللىرىمنى ئىنكار قىلماقچى بولدۇم، ئۇنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك ئۇنىڭ ئاق تىنىنى مىسال قىلىپ ئۆزۈمنى بەزلىمەكچى بولاتتىم ... گەرچە ئۇ "شېرىن بۇلاق رىستۇرانى "دا ئىشلىسىمۇ كۆڭلىمۇ ئاشۇ تىنىدەك ئاق بولسىمۇ ؟! بىراق بۇ مومكىن ئەمەس ئىشلار ئىدى .. بىراق بۇ مومكىن ئەمەس ئىشلار ئىدى ... ئۇنىڭ قاپ -قارا چاچلىرى مېنى يۇتىۋاتمەكچى بولغاندەك يوزلىرىمنى ئورىۋالغان ئىدى. بۇ كېچىنىڭ رەزىللىكى ئۇچۇن ئۇنىڭ قابائەتنى ئەسلىتىدىغان چاچلىرىنى سىلىماقچى بولدۇم ... بىراق مىدىرلاشقا مومكىن بولمايدىغاندەك قىلاتتى. تەدرىجىي ھالسىزلىنىۋاتقان تىنىممۇ ئۇ تەرىپىدىن يۇتۇپ كىتىلدىغاندەك .. قىزنىڭ ئاشۇ رەزىل تىنىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتمەكچى بولغاندەك تىپىرلايتى ... قىزنىڭ يوتىسىنى سىلاشتىكى لەززەتنى ئەمدى تىتىيالمايدىغاندەك قىلاتتىم. ئۇنىڭ لەۋلىرىمىنى شوراۋاتقاندىكى ياۋۇزلۇقى ھەقىقەتەن بۇنىڭغا يول قويمايتتى.

    ---مەن ... سىزنى .... كور... مەك... چى!!!

    قىز توك تەپكەندەك شۇركىنىپ كەتتى .. لىغىلداپ تۇرۇۋاتقان كارىۋات قىز بىلەن تەڭ سىلكىنىپ ئۆزى تۇيمايلا پەسكە دومىلاپ چۈشكەندە ئۆزىگە قايتىپ كەلگەندەك ماڭا شەھۋەتتە تىكىلگەن كۆزلىرى خىجىلچىلىققا تولدى. سۇس يېنىپ تۇرغان چىراغ نۇرىدا .. ئوماق بىر قەبرە ئىچىدە ئۆزى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان مەندەك ياۋاش بىر ئەركەككە ئىچ ئاغرىتماقچى بولغاندەك تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇۋاتقان يوتىسى ماڭا تېخىمۇ چوڭىيىپ كەتكەندەك سېزىم بېرىۋاتقان بولسىمۇ ئەسلىگە قايتىپ تۇيۇقسىز خىجىلچىلىققا چۈشۈپ قىلىشى ماڭا ياقمىدى ..... ئۇ بىر نەرسىنى ئەسلەشكە تىرىشقاندەك قاپاقلىرىنى تۇرۇپ يەنىلا پۆل ئۈستىدە پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ياتاتتى. كويىۋاتقان قانلىرىم تەدرىجىي ئۇلغىيىپ كەتكەندەك نەپەسلىرىم قايتىدىن سىقىلدى. مەن بىلەن تىركىشىش جەريانىدا تۆۋەنگە سىيرىلىپ چۈشكەن كەلتە ئىشتىنىدىن مەن ئۇزۇندىن بىرى ئارزۇ قىلىپ ۋەسلىگە يىتىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن نەرسە قۇياشتەك يېنىپ تۇراتتى. مەن بۇ ئۇلۇغ سەلتەنىتلىك نەرسىنىڭ قۇدرىتىگە .. مېنى مەھلىيا قىلىش دەرىجىسىگە ھەقىقەتەن بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك قىلاتتىم. چاكىلداپ تۇرغان تامغاقلىرىمغا ماس ھالدا ئوت يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىم شۇ يەرگە تىكىلگەن ئىدى. ئاھ !!!! ئاھ!!! قۇياشتەك پارلاپ تۇرغان .. يۈكسەك قۇدرەتنىڭ ۋىسالى بولمىش ئۇلۇغ ئوت .... مەن سىنى قەدىرلەيمەن ... سەن مەندەك ئەركەكنى ھاياتلىققا باشلىغۇچى ئەڭگۈشتەر ... مەن سەندە يانىمەن ... سەندە كۈچ قۇۋۋەتكە تولىمەن ... مەن كۆرۈنمەس بىر چەكسىزلىك ئىچىدە سەن ئۇچۇن ئەبەدى قۇربان بولۇشنى ئىستەيمەن، مىنىڭ ساڭا يىپىشقان تەقدىرىم قانداق تەۋەككۈلچىلىك بىلەن تولغان بۆلىشىدىن قەتئىي نەزەر سىنىڭ مېنى تەشۋىشكە سالغاندىكى قۇدرىتىڭ مېنى ئۆلۈمگە چىللىماقتا. مەن بۇ ئۆلۈمگە رازىلىق بېرىپ سىنىڭ قۇدرىتىڭ ئارقىلىق ئوز لەززىتىمنى تىئىتىپ كۆرمەكچى، ئال !!! بۇ مىنىڭ يۇرۇكۇم ..؟؟؟!!!

    مەن ھەقىقەتەن چۈچۈپ ئويغاندىم. دوختۇر ئاغىنەم ناھىيتى ئۇزۇن ۋاقىتىتن كىيىن بىر ئاز يېنىكلەپ قالغاندەك مېنى ئىزدەپ كەلگەندىن كىيىن بىر ئاز يېنىكلەپ قالغاندەك بولساممۇ ئۇنىڭ قورقۇنۇچ يېنىپ تۇرغان كۆزلىرى ماڭا بىچارىلەرچە تىكىلگەن ئىدى. گەرچە مەن ئۇنى كەچۈرمەسلىككە ۋەدە قىلغان بولساممۇ يەنىلا ئۇنى دوسلۇقنىڭ يۈزىدىن سىغىنىش ئىچىدە ئەسلىدىم، ئۇنىڭ ھەر دائىم "ئەگەر سەن ئۇلۇمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچى بولساڭ مەن سەن بىلەن ئالماشتۇرلۇشقا رازى "دېگەن بىر جۈملە سۆزى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.

    بۈگۈنكى ھىسياتىمىز بويۇچە ئىككىمىز بۇرۇنقىدەك قىزغىن پاراڭلىشالمايدىغاندەك قىلاتتۇق. دوختۇر دوستۇم بىر قېتىم ماڭا خۇنۇكلۇق قىلدى ... ئەمەلىيەتتە ئۇ مىنىڭ ھاياتىمغا بۇنداق چاقچاق قىلماسلىقى .. مېنى تۇگەشتۇرۋەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. مەندىكى رەزىللىكنىڭ زەربىسىگە ئۇچراش تۇيغۇسى، ۋە گۇناھ تۇيغۇسى مېنى ھەقىقەتەن تۇگەشتۇرۋىتىش ئالدىدا تۇرغاندا ئۇنىڭ يۇقلاپ كېلىشىنى ھەر ھالدا قوبۇل قىلىشقا بولاتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئۇيۇلۇشمۇ بۇنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇراتتى. بەلكىم ئۇ گۇناھىنى تونۇغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.

    ---سەن مەندىن ئاغرىنما ئئئئۇ ئىشلار ھامان بولىدىغان .. ھامان يۈز بېرىدىغان .. ئىشلار..

    ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلدىم. ئۇ ئۆزىنى ئاقلاۋاتقاندەك قىلاتتى.

    ---ھامان يۈز بەرسە مەيلى .. لېكىن بىر جالاپ بىلەن بولماسلىقى كېرەك !!!.. سەن بىزدىكى ئەقىل بۇنى كونترول قىلىشى كېرەك ئىدى .... بىراق بىزىدكى ئەقىل شۇ كۈنى يىلاننىڭ قورشاۋىدا قالدى .. بىز تۈگەشتۇق.

    دوستۇم ئوھىلنپ ئولتۇرۇپ كەتتى. خۇددى مىنىڭ جەسىتىمنى تاۋۇتقا سېلىپ ئىلىپ كىتۋاتقاندىكى ھەسرەتلىك كۈنلىرىمنى بىشىدىن. ئوتكوزگەندەك ئازابلىنىپ تۇرۇپ چىچلىپ ياتقان كىتابلىرىمنى رەتلەپ قويدى. لەۋلىرىنىڭ تىتىرشىدىن ماڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىنىڭ بارلىقى بىلىنپ تۇراتتى. بۇرۇنقى ئىككىمىزنىڭ ئۆتكۈزگەن شېرىن كۇنىلىرىنى ئەسلىمەكچى بولغاندەك قاپاقلىرىنى تۇرۇپ يىراقلارغا نەزەر سالاتتى ئىككىمىزنىڭ بەختىمىزد ئىن باشلانغان ئاشۇ يىراق دەۋرلەردە ئۇ مىنىڭ يازغۇچى بولۇپ قىلىشمىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتى. مەن شۇنچىلىك ئېئاۋاش ئىدىمكى ھەر دائىم قشنڭ قسقاكۇنلىرىدە بقىۋاتقان قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ مەھەللىمىز نىڭسىرتىدىكى جاڭگىلىغا قوي بىقشقاچىققاندا ئۇھەردائىم چاپىنىمنى كىيىۋالاتتى. ئالىمزنىڭقتىسادى ئەھۋالنى سىلشتۇرغاندا دادام ئوقۇتقۇچى بولغاچمىكىن بىزىنڭ ئائىلە تۇرمۇشىمىز ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ياخشى ئىدى. بىز ئاشۇ پادا بېقىپ يۈرگەن ۋاقتىمىزىدىن تارتىپ ئېجىل دوستلاردىن ئىدۇق. كىچىك ۋاقتىمدا ماڭا دۇئا ئوقۇش .. ئىستىقامەت قىلىش .. ناماز ئوقۇشنى ئۇگىتىپ تەقۋادارلىقنىڭ نېمىلىكىنى دەسلاپقى قەدەمدە تۇنۇتقان دوستۇم مىنىڭ جەسىتىمنى ئۇزىتىپ قويۇش ئالدىدا تۇراتتى. مەن زىمىستان قىش بىلەن ئاچچىق شامالنىڭ مۇدھىش قوللىرى يىقىنتقان تاشلاندۇق ... ياپراقسىز دەرەخكە ئايلىنىپ قىلىش ئالدىدا تۇراتتىم.

    سەن -زىمىستان قىش "---دېدىم دوستۇمغا ھىجىيىپ تۇرۇپ .. ئاشۇ ئىشلار بولۇپ نۇرغۇن ۋاقىتتىن كىيىن مىنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ پاراڭ قىلغىنىمنى كۆرگەن دوستۇمنىڭ چىرايى باشقىچە تۈس ئالدى. ئۇنىڭچە بولغاندا بەدىنى يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ كۇلىشى نۇرمالسىزلىقتەك ... ئۇنداق ئادەمنىڭ كۈلۈشكە ھەققى يوقتەك قىلاتتى.

    ھالسىزلانغان تەن .... قاراڭغۇ بۇگۇنلىرىم ئىچىدە ياشىماقتا ئىدىم. مەن بىراۋدىن مېنى قۇتقۇزىۋىلىشنى ئوتىنەتتىم. مۆجىزە يۈز بېرىپ تىنىم ۋە روھىمدىكى كېسەلدىن قۇتۇلۇپ كەتسەم ... ئىنسانلار يۇرىۋاتقان داغدام يولنىڭ چېكى مېنى كۈلۈپ قارشى ئالسا ... چىرايىمدا غەلىتە بىئاراملىق ھۆكۈم سۇرىۋاتقان شۇ كۈنلەر ئۇچۇن بىراۋنىڭ ماتەم تۇتۇپ يۇرىشىنى بىر خىل بىنورمال ھادىسە ھېسابلاپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە يەنىلا دوختۇر دوستۇمنىڭ مېنى ئەسلەپ تۇرۇشى -مەن ئۇچۇن يەنىلا ئۈمىد چىرىغىنىڭ تەلتۆكۈس ئۆچۈپ كەتمىگەنلىكىنى ئەسلىتەتتى .. ئويۇمنىڭ يىنىدىكى مەچچىتتىن ئاڭلىنىۋاتقان سۈزۈك قىرائەت ئاۋازىنى ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدا بەدىنىمنىڭ سۇس تىترەپ كەتكىنىگە ئوخشاش ئۇنىڭ مېنى يوقلاپ كېلىشى مېنى ھەقىقەتەن خوش قىلدى ... گەرچە ئۇ مىنىڭ قەلبىمدە داڭدار ئىچەرمەن ھېسابلىنىپ تۇرسىمۇ ئەتراپىمدىكى بىھىساپ ساختا ئادەملەردىن ھەر ھالدا ياخشى ئىدى. گەرچە ئۇ خىلدىكى ئادەملەرنى تەلتۆكۈس ئولتۇرۋىتىشكە مومكىن بولمىسىمۇ لېكىن ئاشۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشاپ قىلىشتىنمۇ ئارتۇق قورقۇنچلۇق ئىش يوق ... ئۇ غالجىر ھامان سىنى نابۇت قىلىدۇ ... سىنى ساراڭ قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ، بىراق مىنىڭ دوستۇم باشقىچە ئادەم ئىدى. كۆڭلىدە نېمە بولسا شۇنى دادىلىلىق بىلەن ئىيتاتتى. مىنىڭ ھەسرەتلىرىم مېنى ئۆرتەش ئالدىدا ئۇنىڭ سوغۇق خانەمگە كىرىشى، ماڭا تەسەللى بېرىشى مەن ئۇچۇن ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىش ئىدى...

    ---كەتمە !!!-دېدىم ئۇ مېڭىشنى خىيال قىلىپ، ئۇزىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا!!!

    ---ھاياتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى ئۆگىنىۋال...!!

    ئۇ ئۇزاپ كەتمەكچى بولۇۋاتاتتى .. ئۇ كېتىشنى نىيەت قىلغان ئىكەن .. قايتىشى كېرەك، ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈش ماڭا نېسىپ بولمايدىغاندەك يۇرۇكۇم ئىغىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ كىتىشگە يول قويمىسام دوستۇمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغان بولاتتىم. مەن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ئادەم بولغاچقا تاجاۋۇزچىلىقنىڭ دەردىنى ئوبدان چۈشىنەتتىم.

     

      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.