دىپلوماتلارنىڭ « مەخپىي قورالى »

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-22 22:04:00

گاس بولۇۋېلىش 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تۈركىيە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ چەكلىشىگە تەن بەرمەي، گرېتسىيىگە ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى بىراقلا مەغلۇپ قىلغان. ئەنگلىيە ئىنتايىن نارازى بولۇپ، فرانسىيە، ئىتا...

    گاس بولۇۋېلىش

        1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تۈركىيە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ چەكلىشىگە تەن بەرمەي، گرېتسىيىگە ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنى بىراقلا مەغلۇپ قىلغان. ئەنگلىيە ئىنتايىن نارازى بولۇپ، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە گرېتسىيە بىلەن بىرلىشىپ ۋەكىل چىقىرىپ، شۋېتسارىيىنىڭ لائۇسان شەھىرىدە تۈركىيە بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تۈركىيىنى مۇناسۋەتلىك شەرتنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىماقچى بولغان.
        ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى كېرزوننى ۋەكىل قىلغان، بۇ كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى « ئاۋازىنىڭ قاتتىقلىقى» ئىدى. تۈركىيە بولسا ئىسمىرنى ۋەكىل قىلغان. بۇ كىشى ئەمەلىيەتتە سەل گاس ئىدى.
    ئسمىرنىڭ گاسلىقى دىپلوماتىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىكى بىر چوڭ كەمچىلىك بولسىمۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ بۇ كەمچىلىكى رەقىبلىرىنى يېڭىشىدىكى ئۈستۈنلۈككە ئايلانغان.
    سۆھبەت باشلانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بەس - بەستە پىكىر قىلغان. ئىسمىر بۇ ئەھۋالدا تۈركىيىگە پايدىلىق گەپلەرنى ئوبدان ئاڭلاپ، پايدىسىز گەپلەرنى ئاڭلىمىغان بولۇۋالغان، ئۇ تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەردە چىڭ تۇرۇپ، قىلچىمۇ يول قۇيمىغان، ئەنگلىيە ۋەكىلى كېرزون ئۇنىڭغا قاراپ توختىماستىن شالىنى چاچرىتىپ، قوللىرىنى شىلتىپ، تەھدىتلىك گەپلەرنى قىلغان، باشقا ۋەكىللەرمۇ خۇددى يەۋېتىدىغاندەك قەھر - غەزەپ بىلەن تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسمىر ئاڭلىمىغانغا سېلىپ ئۈندىمەي تۇرۇۋالغان.
        ئاخىردا كېرزون غەزەپ بىلەن گېپىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ئىسمىرغا قانداق ئىنكاس قايتۇراركىن دەپ قاراپ تۇرۇشقان. بۇ چاغدا ئىسمىر ئالدىرىماي - تېنىمەي كېرزوننىڭ يېنىغىراق سۈرۈلۈپ، ئوڭ ئالىقىنى قۇلىقىغا تۇتۇپ، سىپايىلىك بىلەن«: بايا نېمە دېدىڭىز؟ مەن ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدىم» دېگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە گېپىڭىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىسىڭىز دېگەنلىك ئىدى. بۇنىڭدىن كېرزون قاتتىق چىچاڭشىپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىغان. ئىسمىر بۇ چارە بىلەن رەقىبلىرىنىڭ ئۆتكۈر پىكىرلىرىنى پەرۋايىغىمۇ ئالماي، ئۇلارنى ئامالسىز قالدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى قايتا - قايتا ئېنىق شەرھلەپ، ئاخىرغىچە يول قويماي چىڭ تۇرغان. شۇنداق قىلىپ، ئۈچ ئايدىن ئاشقان سۆھبەتتىن كېيىن، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى نەتىجىسىز قايتىپ كېتىپ، سۆھبەت تۈركىيىگە پايدىلىق بولۇش بىلەن ئاخىرلاشقان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دۆلەت