بۇ توي سورۇنىمۇ ياكى ....

يوللىغۇچى : turgunjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-21 01:11:00

بۇ توي سورۇنىمۇ ياكى .... بۇ توي سورۇنىمۇ ياكى( مۇلاھىزة )تۇرغۇنجان مۇسا خةلقىمىزنىڭ توي- تۆكۈن ، ئۆرپ- ئادةتلىرى ئۇزاق تارىخقا ۋة ئۆزگىچة ئالاھىدىلىككة ئىگة . خةلقىمىز توي مۇراسىمى ئارقىلىق يى...

       بۇ توي سورۇنىمۇ ياكى  ....  

        بۇ توي سورۇنىمۇ ياكى( مۇلاھىزة )تۇرغۇنجان مۇسا  خةلقىمىزنىڭ توي- تۆكۈن ، ئۆرپ- ئادةتلىرى ئۇزاق تارىخقا ۋة ئۆزگىچة ئالاھىدىلىككة ئىگة . خةلقىمىز توي مۇراسىمى ئارقىلىق يىڭىچة تۇرمۇش ، يىڭىچة ھاياتلىقنى بارلىققا كةلتۈرىدۇ . دېمةك ، توي ئادةمگة بةخت- شادلىق ئاتا قىلىدۇ . ئةپسۇسكى ، توي بولغان ھةر قانداق يىگىت - قىزغا شادلىق بېغىشلايدىغان توي سورۇنى بۈگۈنكى كۈندة يېزا - قىشلاقلاردا غةلىتىرةك سورۇن تۈسىگة كىرىپ قېلىۋاتىدۇ . يېقىندا مةلۇم بىر يىزىدا ئۆتكۈزۈلگةن تۇغقىنىمنىڭ ئوغلىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپ قالدىم . تاڭ سةھةردىلا كۆڭۈللۈك باشلانغان بۇ توي سورۇنى چۈشتىن كىيىن سائةت بىر ، ئىككى بولا - بولمايلا سۇسلىشىشقا باشلىدى ، يىگىتنىڭ تويىنى مۇبارةكلةشكة كةلگةن ياشلار « يوقلىمىدىن ئۆتۈپ » لا تةرةپ - تةرةپكة يوقاپ كىتىشتى . قىزنى يۆتكةيدىغان ۋاقىتتا ھويلىدا مۇزىكىغا تةڭكةش قىلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ، توينى قىزىتىپ ئةۋجىگة كۆتۈردىغانغا ئادةم بولمىغاچقا ، كةڭ ، ئازادة ھويلىنىڭ بىر بۇرجىكىدة ساز چىلىۋاتقان سازةندىلةرنىڭ كةيپىياتى تۆۋةنلةپ قالدى . تويى بولغان يىگىت بۇ خىل ھالةتتىن خىجالةت بولۇپ تةرةپ-تةرةپكة چىپىپ دوستلىرىنى چاقىردى . بىراق تويغا شۇ كۈنى خېلى بۇرۇنلا كةلگةن جان-جىگةر دوستلار شۇ مةھةللىدىكى ئورمانلىق ۋة ئۈستى تىخى يىپىلمىغان ئۆيلةرگة كىرىۋىلىپ قىمارغا غةرق بولغانىدى. ئۇلارنىڭ بةزىلىرى تويغا ئاتىغان سوۋغاتلىرىنىمۇ ئۇتتۇرۇپ ، زىياننىڭ ئاچچىقىدىن يۈزلىرى پوكاندةك قىزىرىپ كةتكةنىدى . تويى بولغان يىگىت دوستلىرىنى ھويلىغا يىغىپ بولغىچة قاراڭغىمۇ چۈشۈپ قالدى . مةن ئىلگىرىمۇ بىر قانچة تويغا قاتنىشىپ ، يۇقىرقىدةك ئةھۋاللارنى يولۇقتۇرغانىدىم . ھېس قىلىشىمچة ، توي سورۇنىنىڭ قىمار سورۇنىغا ئايلىنىپ قىلىشىدةك بۇ خىل ناچار خاھىشلار يىزا- قىشلاقلاردا خىلى ئةۋج ئىلىپ قاپتۇ . بۇ خىل يامان خاھىشلارغا مۇناسىۋةتلىك ئورۇنلار دةرھال تةدبىر قوللانمىغاندا ، جةمئىيةت ئامانلىقىغا تةسىر يةتكۈزىدىغان قىلمىشلار كۆپىيىپ كېتىدۇ ،يېزىلار نىڭ مۇقىملىقىغىمۇ تةسىر يىتىدۇ .

     ( ئاپتور : « قةشقةر گىزىتى » ئۇيغۇر تةھرىر بۆلىمىدة)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق