مۇھەببەتتىن ئېرىشكەنلىرىم

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-25 22:32:29

تەنھالىقنىڭ مۇنداق بىر مەنىداش سۆزى بار، ئۇنىڭ ئىسمى غېرىبلىق.چۈنكى ئىنسان ھەرۋاقىت يالغۇز يۈرۈشنى ياخشى كۆرىۋەرمەيدۇ.ياخشى نەرسىلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقۇسى كېلىدۇ.ئازار يېگەنلىرىدە...



     

    \

    تەنھالىقنىڭ مۇنداق بىر مەنىداش سۆزى بار، ئۇنىڭ ئىسمى غېرىبلىق.

    چۈنكى ئىنسان ھەرۋاقىت يالغۇز يۈرۈشنى ياخشى كۆرىۋەرمەيدۇ.

    ياخشى نەرسىلىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقۇسى كېلىدۇ.

    ئازار يېگەنلىرىدە بولسا بىرەرىنىڭ تەسەللىسىگە مۇھتاج بولىدۇ.

    تەنھا، بويتاق ئېسىلزادىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، پەقەت، پەقەتلا،

    ئىقتىساددىكى مۇستەقىللىق، پەزىلەتتىكى مۇستەقىللىق ۋە ھېسسىياتتىكى مۇستەقىللىق.

    مۇستەقىللىق دېگەن زادى نېمە؟

    مۇستەقىللىق ئۇ ئېھتىياجم ئەمما تايىنىۋېلىش ئەمەس.

    بىر مۇستەقىل ئىنسان باشقا جىنىسقا مۇھتاج، ئەمما ئۇنىڭغا تايىنىشلىق ئەمەس.

     

    سۆيگۈنى بولۇشتىن بۇرۇن، ئۇ ئالدى بىلەن سىزنىڭ دوستىڭىز بولۇشى كېرەك.

    دوستىڭىز بولغاندىن كېيىنلا، ئۇ سىزنىڭ  تۇرمۇشىڭىزدا پەيدا بولىدۇ.

    شۇندىلا ئۇ سىزنى چۈشىنىدىغان، بىلىدىغان، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى ھېس قىلىدىغان بولىدۇ.

    شۇنىڭلىق بىلەن سىزنى ياقتۇرۇشى، ئاندىن ئاستا-ئاستا سىزنىڭ سۆيگىنىڭىز، لايىقىڭىز بولۇشى مۇمكىن.

    دۇنيادا پەقەت ئاق ۋە قارا ئىككى خىللا رەڭ بولمايدۇ.

    ئاق بىلەن قارا رەڭنىڭ ئارىسىدا ئىنتايىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈلرەڭلىك بەلباغ بار.

    كۆپرەك چۈشىنىش ئېلىپ بارغانىدىلا قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىپ يەتكىلى ھەمدە شۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنى ياقتۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ.

    مانا بۇ ھېسسىياتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تەبىئىي مۇساپە.

     

    بىرلا كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىش، ياكى باشتىن ئاخىر ئوخشاش قىزغىنلىقتا ياخشى كۆرۈش بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەمەلىيەتكە ياتمايدۇ.

    بىزگە لازىمى ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان غايىۋىي مۇھەببەت ئەمەس.

    بەزىلەر مۇھەببەتلىشىشىنى، دەريا بويىدىكى سۈزۈك تاشلارنى تېرىشقا ئوخشىتىتىدۇ.

    كىم قايسىنى ياخشى كۆرسە شۇنى تاللاپ ئېلىپ كېتىدىغان.

    ئۇ تاشنى شۇنىڭدىن كېيىن ھەممە تاشلاردىن ئەزىز بىلىپ قىممەتلەيدىغان.

    ھەممىدىن مۇھىمى شۇنىڭدىن كېيىن دەريا بويىغا ئىككىنچى بارمايدىغان.

    مەڭگۈ شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىش،

    مەن ئاللىبۇرۇن ئەڭ چىرايلىق، ماڭا ئەڭ يارايدىغان تاشنى تېپىپ بولدۇم.

     

    مۇھەببەتلىشىشتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۇنىڭ قانچىلىك ياخشى بولۇشى ئەمەس،

    بەلكى سىزگە قانچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلالىغانلىقىدا.

    ئەگەردە ئۇنىڭ شارائىتى ياخشى، يۈز نومۇرلۇق بىرى،

    سىزگە پەقەت 30-40 پىرسەنتىلىنىلا ياكى 10-20 پىرسەنتىلا بېرەلىسە،

    يەنە باشقا بىر 70-80 پىرسەنتلىك ئادەم بولۇپ،

    ئەمما ئۇ سىزگە ھەممە نەرسىسىنى بېغىشلىيالىسا،

    سىز قايسىسىنى تاللىغان بولاتتىڭىز؟

    ئەمەلىيەتتە، ھەممە ئادەمنىڭ شارائىتى ئوخشاش.

    مەيلى سىز قانچە ئېسىل بولۇڭ، سىزدىن ئېسىللار ھامان بار،

    \

    سىز گەرچە ئەڭ ياخشىسى بولالمىسىڭىزمۇ،

    ئەمما سىز قارشى تەرەپكە ئەڭ ياخشى ئادەم بولالىسىڭىزلا بولدى.

    دۇنيادا ھەرقانداق بىر يىگىت شۇنداق دېيەلىشى كېرەك،

    مەن گەرچە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەر بولالمىساممۇ، ئەمما سىزگە نىسبەتەن مەن چوقۇم ئەڭ ياخشىسى.

    ئەكسىچە ئېيتقاندا، ھەرقانداق قىز بالىمۇ مۇشۇنداق دېيەلىشى كېرەك.

    شۇڭا مۇھەببەتتىكى ئەڭ ھالىقىلىق يېرى ئۇنىڭ قانچىلىك ياخشى ئادەم بولۇشى ئەمەس.

    بەلكى سىزگە قانچىلىك ياخشى مۇئامىلىدە بولالىشى.

    مۇبادا بىرى ئۆزىمۇ يېتەرلىك ياخشى بولۇپ، ھەمدە سىزگىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، سىزنى ئاسرىيالىسا، ئۇنداقتا سىز ئاخىرقى ئۆمرىڭىزنى مۇشۇ كىشىگە تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە ھازىرقى دەۋر قىزلىرىنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ بىردىنبىر ئۆلىچىمى،

    يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرەمدىم-يوق؟ ئۇ مېنى سۆيەمدۇ-يوق

    ئۇ ماڭا چىن مۇئامىلىدە بولىۋاتامدۇ-يوق؟

    ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسام بېسىم بارمۇ-يوق؟ خۇشال بولالامدىم

    دېگەنلەرلا، بۇنىڭدىن باشقىسى ئۇنچىلىك مۇھىم ئەمەس.

    كىشىلەر ئارىسىدىكى چىن سۆيگۈگە ئېرىشىش بەكمۇ تەس،

    ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمۈرلۈك ھاياتىدا،

    ھەقىقىي مۇھەببەتنى تاپالىشى، ھەمدە شۇ كىشى بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتەلىشى بەكمۇ تەس.

    مۇبادا سىز ئىپادىلەشكە كەمبەغەل، ئاجىز بولسىڭىز،

    ياكى باشقا بىرەر ئىشلار تۈپەيلى تەشۋىشكە چۈشسىڭىز،

    بەلكىم ئۆمرىڭىزدە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدىغان شۇ چىن مۇھەببەتنى كەتكۈزۈپ قويىشىڭىز مۇمكىن،

    ئۇ چاغدا تولىمۇ، تولىمۇ ئاپسۇسلىنارلىق ئىش بولغان بولىدۇ.

    شۇڭلاشقا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېيتىش، چۈشەندۈرۈش، ئىپادىلەش كېرەك.

     

    مۇبادا بىر يىگىت، قىزنىڭ بەك تەشەببۇسكارلىقى سەۋەبلىك قىزنى كۆزگە ئىلمىسا، قەدرىنى قىلمىسا،

    بۇ يىگىت ئادەم بولۇشقىمۇ سالاھىيىتى توشماي قالىدۇ.

    يەنە كېلىپ، بەخت ئەزەلدىن يۈز-ئابرۇيدىن مۇھىم.

    مۇبادا، ۋاقىتلىق ئابروينى قۇربان قىلىپ، ئۆمۈرلۈك بەختكە ئېرىشەلەيدىغان ئىش بولسا،

    ئۇنداقتا ئۇ ئىنتايىن ئەرزىيدۇ، يۈرەك سۆزلەرنى يۈرەكلىك بىلەن ئېيتىش كېرەك.

    ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي چىن ھېسسىياتىنى يوشۇرماسلىق كېرەك.

    ھەرگىزمۇ، تەقدىر قوشۇلماپتۇ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلماسلىق كېرەك.

    ئەتراپىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە تەقدىر توشۇپ يېتىپتۇ.

    ئەگەر مۇشۇنداق قىلىپ چىڭ تۇتالمايدىغان بولساق، ھەرقانداق ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ بولغان تەقدىرمۇ كېتىپ قالىدۇ.

    قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېسسىياتقا نىسبەتەن ھېسسىراق كېلىدۇ.

    ئوغۇللارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتچانراق كېلىدۇ.

    ئوغۇللار قىزلارغا كۆيۈنۈپ ئاسراشتىن باشقا، يەنە ئۇلارغا مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك.

    دۇنيادىكى بارلىق ئاجىزلارغا قىلىدىغان ھېسداشلىقىنى شۇ بىر قىزغا بېغىشلىشى كېرەك.

    ئازادە بولغان، خۇشاللىققا تولغان مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ

    جاپالىق، ئازابقا تولغان مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى بەكمۇ قىسقا بولىدۇ.

    مانا مۇشۇنداق چاغلاردا تاللاش ئېلىپ بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.

    بىز ھەممىمىز ئادەتتىكى بىر ئىنسان بەندىمىز.

    ئادەتتىكىدەك ھەم بەخىتلىك ھەمدە خۇشال مۇھەببەت ھەممىمىزنىڭ تاللىشىمىز،

    ھەرقانداق مۇھەببەتكە نىسبەتەن، جەريان ھامان نەتىجىدىن مۇھىم.

    نېمىشقا؟ چۈنكى ھەرقانداق بىر مۇھەببەتنىڭ نەتىجىسى بولمايدۇ

    نېمە نەتىجە؟ توي قىلىشمۇ؟

    ئەجەبا تويلا قىلسا، ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىپ، بەختلىك بولغىلى بولامدۇ؟

    مۇشۇنىڭدىنلا بىزنىڭ مۇھەببەتنىڭ قىممىتىنى ئۇنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ باھالىمايدىغانلىقىمىز بىلىنىپ تۇرىدۇ

    مۇھەببەتنىڭ قىممىتىنى ھەم ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قاراپ باھالىغىلىمۇ بولماس.

    مۇھەببەتكە نىسبەتەن، يۈز بەرگەننىڭ ھەممىسى مەۋجۇت.

    مەۋجۇت بولغانلىكى نەرسىنىڭ قىممىتى بولىدۇ.

    دۇنيادىكى مۇھەببەتنىڭ ھەربىر مىنۇتى، ھەربىر دەقىقىسى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

    نىكاھ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ قىمار.

    ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ھەمراھلىق تۇرمۇشىدا،

    بىز بىر-بىرىمىزگە ئەڭ ناچار ئەپتىلىرىمىزنى ئاشكارىلايمىز.

     

    مۇھەببەتلىشىش بىلەن نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ ئوخشاشماسلىقى شۇكى،

    مۇھەببەتلەشكەن چاغدا ئىككى سائەت سەرپ قىلىپ ياسانغىلى بولىدۇ

    ھېسسىياتىمىز ئۇرغۇپ تۇرغان ھالدا قارشى تەرەپكە كۆيىنىمىز، كۆڭلىنى ئۇتىمىز.

    ۋەزىپىمىز ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق تۈگەيدۇ.

    ئەما تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشتا ھەرۋاقىت شۇنداق قېتىپ تۇرغان ھالىتىمىزنى ساقلىشىمىز مۇمكىن بولماي قالىدۇ.

    شۇڭلاشقا، نىكاھ بەكمۇ چوڭ تىكىلگەن قىمارغا ئوخشايدۇ.

    ئۇ ئەتراپلىق تەييارلىق، پۇختا پىلان، مۇكەممەل ئىشەنچكە مۇھتاج.

    ئەگەر قىمارنى باشلاشتىن بۇرۇنلا، ئۆزىمىزنىڭ بەك مايىل ئەمەسلىكىنى،

    ئۇنى بەك سۆيمەيدىغانلىقىمىزنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشكە كۆزىمىز يەتمەيدىغانلىقىمىز بىلسەك.

    ئۇنداقتا، بۇ قىماردا بىز چوقۇم ئۇتتۇرىمىز.

    مۇھەببەتتىن سىرتقى ھەرقانداق بىر باھانە سەۋەبلىك نىكاھ بوسۇغۇسىدىن ئاتلاپ قالماڭ.

    مۇھەببەتنىڭ قىممىتى، ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپتىن نېمىگە ئېرىشىش ئەمەس.

    مۇھەببەتكە نىسبەتەن بىز چوقۇم مۇنداق ئۈچ قىلماسلىقنى قىلىشىمىز كېرەك.

    بىرىنچىدىن ئالدىرىماسلىق، توي قىلىشقا ئالدىرىماسلىق.

    توي قىلىش گەرچە بەك گۈزەل ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئالدىرىماسلىق لازىم.

    سېنىڭ نەرسەڭ ئۇ ھامان سېنىڭ!

    ئىككىنچىدىن قورقماسلىق. بەدەل تۆلەشتىن قورقماسلىق.

    ئىككىلا تەرەپ بىر ئۆمۈر تىرىشقاندىلا، ئاندىن مۇھەببەتنى ساغلام ساقلاپ قالالايدۇ.

    دۇنيادا ھېچ قاچان بىر ئەسكى ئەرنىڭ ياخشى ئايالى بولمايدۇ.

    ئەسكى ئەرنىڭ پەقەتلا بىر بىچارە ئايالىلا بولىدۇ.

    ئوخشاشلا، بىر ئەسكى ئايالنىڭمۇ ياخشى يولدىشى بولمايدۇ.

    بۇنىڭغا قارىغاندا بىزنىڭ بىر بىزگە ئوخشاش تىرىشىپ، قارشى تەرەپنى ياخشى ئادەم قىلىپ چىقىدىغان ھەمراھىمىز بار تۇرسا.

    ئۈچىنچىدىن بەل قويۇۋەتمەسلىك.

    زەربىگە، ئوڭۇشسىزلىققا، ئازابقا ئۇچرىغىنىڭىزدا،

    ئۈمىدسىزلىك، قاراڭغۇلۇق ھېس قىلغىنىڭىزدا،

    شۇنداق بىرى شەرتسىز ھالدا سىز تاراپتا تۇرۇپ،

    سىزنى قوللايدۇ، رىغبەتلەندۈرىدۇ، سىزگە تەسەللىي بېرىپ،

    سىزنىڭ قايتىدىن ئورنىڭىزدىن دەست تۇرۇشىڭىزغا مەدەت بولىدۇ.

    بۇخىل كۈچ-قۇدرەتنى، سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز بولغان ئادەممۇ بېرەلمەيدۇ.

    ئەڭ يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىڭىزمۇ بېرەلمەيدۇ.

    پەقەت ھايات مۇساپىڭىزدە تېوىۋالغان شۇ سۆيۈملۈك ھەمرايىڭىزلا سىزگە بۇلارنى بېرەلەيدۇ.

    مۇھەببەت ئىنسان ھاياتىدىكى بىردىنبىر ھەقىقىي قىممەتلىك نەرسە،

    شۇنداقلا بىردىنبىر ئىنتىلىشكە ئەرزىيدىغان نەرسە.

    پەقەت سىزنىڭ بىر سۆيۈملۈك ئادىمىڭىزلا بولىدىكەن،

    سىزدە ئاتوم ئېنىرگىيىسى بار بولىدۇ، دۇنيا سىزنىڭ بولىدۇ.

    (گۈليارە تۇرسۇن)

    \

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇھەببەت