ئىراق باغداد زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ بولدى

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-29 11:35:00

ئىراق باغداد زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ بولدى پەلسەپە ياشانغانلار دېۋەڭلىكى سەنئەت ئانانىزمدىن كېيىنكى پۇشايمان تارىخ يىللارنىڭ رېتى بويىچە ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرەپ تاختىسى دىن ئىلاھتىن جۇدا بولد...

    ئىراق  باغداد زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ بولدى

          پەلسەپە ياشانغانلار دېۋەڭلىكى سەنئەت ئانانىزمدىن كېيىنكى پۇشايمان تارىخ يىللارنىڭ رېتى بويىچە ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرەپ تاختىسى دىن ئىلاھتىن جۇدا بولدى تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىش، قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈش قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈش، ناخشا ئېيتىش ئۈچۈن ناخشا ئېيتىش كىم خەلقنى ئەركىنلىك ئىچىدىن ئازاد قىلسا شۇ قەھرىمان ئۇلارنىڭ سۆزلىرى بىر مەزگىللىك شامال، كىشىلەر كۆرەلمەيدىغان، خۇددى قىزغىنلىق بىلەن رەھىمسىزلىكنى قوبۇل قىلىش ھېسسىياتىغا ئوخشاش تارقىلىدۇ ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرى يېڭىلمەس كەلكۈن، تەنگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ زېمىننى ئون مىڭ يىل ئۇخلىتالايدۇ كىشىلەر قاندىن كېلىپ قانغا قايتىدۇ بۇ ــ دەل شەرق روھىي تۆلەم؟ ھېچنېمە، بۇ يەردىكى كىشىلەر قانداق روھقا ئىگە بولار؟ تەبىئەتتىن ھالقىغان دەۋردە ھەركىم پەيغەمبەر تارىخ يىلتىزسىز قۇم بارخانلىرىدەك شەكىلسىز. ياۋۇزلۇقنى قوبۇل قىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى تېخىمۇ ياۋۇز مۇستەبىتكە ئايلىنىشتۇر ئۇلار ئەركىنلىكتىن قىساس ئالىدۇ ئۇلار دېموكراتىيىدىن قىساس ئالىدۇ تەلۋە ئاشىق ئۆزى ئېرىشەلمىگەن ساھىبجامالنى ئۆلتۈرگەندەك شەرقلىقلەر ھەمىشە قانلىق ئۇسۇل بىلەن قىساسكارلىق ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىنى ۋەيران قىلىپ ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ بۇ ــ دەل شەرق ئۆيدە، كەنتتە، يېزىدا، ناھىيىدە ھەركىم باشقىلارنىڭ تېنىدە ئۆزىنىڭ مۇستەبىت چۈشىنى مانىۋېر قىلىدۇ قانۇنسىز بېسىپ كېرىش ھالىتىدىكىلەر قانۇنسىز ئاسىيلارمۇ ئاپتاپپەرەسكە ئوخشاش گۈگۈمدە كۆيىدۇ مىلتىق ئاغزىدىن چۈشكەن ئۇسسۇلچىلار قانۇنسىز تۇتۇۋالغان ئوبرازلارغا يېقىنلىشىدۇ ياكى ئاپلىسسىن رەڭ تۈرمە كېيىمى كىيگىنىچە يەردە تىزلىنىپ تۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرمەڭلار، مېنىڭ ئۆلگۈم يوق! دەپ بۇغدايدەك نالە قىلىدۇ بۇ ــ دەل شەرق ھۆرمەتسىزلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۆزگە مەدەنىيەتنى چەتكە قاققانغا باراۋەر سانسىز قېتىم تېرىك كۆمۈپ، زەھەرلىك گاز قويۇپ بېرىپ، قوشۇپ دەپنە قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئايان قىلىپ ئۇلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ياكى ئۆزىنىڭ ئۆلۈش جەريانىنى كۆرۈش ئارزۇسىنى قاندۇرغاچقا كىشىلەر ئاشۇ جاللاتلارنى بەك ياخشى كۆرىدۇ جىنسىي جەھەتتە ئېچىرقاپ كەتكەنلەر ھاياسىز كۆرۈنۈشلەردىن لەزەتلەنگەندەك كوچىدىكى كىشىلەر ئەسەبىيلىك بىلەن كۆيدۈرۈلگەن جەسەتلەردىن لەززەتلىنىدۇ قان كۆلچىكىدىكى نىلوپەر يۇقىرى ئاۋازدا قىرائەت قىلغان ئارقا كۆرۈنۈشتە قەبرىستانلىقتىكى چاشقانلار كۆرۈشنى خالىمايدىغان قەبرىلەردىنمۇ ئېگىز ھەرقانداق ئىمارەت سۆكۈلىدۇ جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ئويناش ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات- سەنئەت قانلىق ئاينىڭ كەينىگە مۈكۈۋالغان ئىلاھ كۈلگۈسى كېلىپ پەيلاسوپلارنىڭ تالاش- تارتىشلىرىغا قارايدۇ چۈنكى ئادەملەر پەقەت قان تۆكۈشكىلا لايىق، تەپەككۇرغا لايىق ئەمەس مۇزدەك سۇ دانچىلىرى گۈل بەرگلىرىنىڭ كەينىدە جىگەرلىك ھەم ئەسەبىي بۇ ــ دەل شەرق قان سېتىشقا خۇمار كىشىلەر قان چىقماي قالسا تولىمۇ ئازابلىنىدۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرگە قان شورىغۇچى ئالۋاستىلار كېرەك مەدھىيە ناخشىلىرى قارا باستۇرىدىغان رېتىملارنىڭ قاتلاملىرىدەك چەكسىز ئەبەدىي قۇرۇمايدىغان بىر تامچە قان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىچىدە يوقىلىدۇ ئوت يالقۇنىدا ئېچىلغان كۈلرەڭ گۈل بەرگلىرى ئاشۇ قورقۇنچلىق، ئەمما مەۋجۇت ئەمەس ئەزەلىيلىكنى ئايان قىلىدۇ زۇلمەت ھەمىشە مۇتلەق ھەقىقەت يورۇقلۇق ھەمىشە يېڭى ھەم ئەقىلگە سىغماس بىرەر يورۇقلۇق يېتىپ كېلەر بولسا كىشىلەر ئەنسىزلىك ئىچىدە تەمتىرەيدۇ بۇ ــ دەل شەرق (2004- يىل 30- ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى) مومىيا ئىزچىل ھالدا قېنىمنى شوراپ كەلگەچكە ئاشۇ جەسەتلەر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان چىرىپ كەتمىدى قەدىمىي قەبرىگە كىرگەن ئېكسپىدېتسىيىچىلەر سان- ساناقسىز سىرلىق بەلگىلەر ئارىسىدا ئېزىپ قالىدۇ ھازىر ھەربىرىمىز بىر بەلگە ئارىمىزدا ئېزىپ قالىدىغىنى ئاشۇ غەلىتە ئەرۋاھلار ئاۋانگارت شەپەرەڭلەر بىزنى زۇلمەتكە باشلايدۇ نادان پەرۋانىلەر بىزنى يالقۇنغا باشلايدۇ زۇلمەت بىلەن يالقۇن ئارىسىدا بىزنىڭ ئۈچىنچى تاللىشىمىز يوق بىز چوقۇنغان ئاسمان ئاشۇ قاغىلار بىلەن توسۇۋېلىندى ئۇلارنىڭ قارا سايىسى ئاستىدا تىتىرەيمەن. جانلىقلار ئىچىدە چىۋىننىڭ تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بىراق ئۇ ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ تۇتىمى بولمىغان. كىپىنەكلەرنىڭ چىرقىراشلىرى قىيامەتنىڭ بېشارىتى، ئۇلار ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى بىكىتىشكە ئىلاجسىز ھېستىرىيىلەر ھاجىلارنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئەمەلىيەتتە يۈرىكىنىڭ تىمتاسلىقى شۇڭا ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى تاللاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ بىراق، مەن بىر سەرگەردان مامكاپ شامالغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان مەن ئۇچرىغان قارغىش، خورلۇق، تەھدىت ۋە سۈيىقەست مېنىڭ بىردىنبىر بايلىقىم بولغاندىن تارتىپ سان- ساناقسىز موميالار ۋاباغا ئوخشاش تىرىلدى كۆزلىرىم قاغىلارنىڭ سايىسى بىلەن توسۇۋېلىنغان قانسىراپ تاتىرىپ كەتكەن قۇياشنى كۆرەلمەيمەن ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىم ئېلىپ كېلىدىغان ئازابنى ھېس قىلىمەن ئاشۇ مومىيالار ئوتتۇرىغا چىقسا مۇھەببەتنى قارغاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قېنىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، مېنىڭ قېنىم نەزر قىلىنىدۇ ئۇلار بۇ قورقۇنچلىق چۈشلەرنى توقۇيدىغان زەھەرلىك ئۆمۈچۈك مەن بىر سەرگەردان مامكاپ، شامالغا ئەگىشىپ ماڭىمەن ماكانسىزمەن. ئاسمان- زېمىن ئارىسىدا سەرگەردانمەن زۇلمەت ئىچىدە ئەبەدىيلىك يوقىلىشنى خالىمايمەن زۇلمەت بىلەن يالقۇن ئارىسىدا ئاقىمەن مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش زۇلمەتتىن قورقمايمەن، ئاشۇ سوغۇق قاراڭغولۇقتىن قورقىمەن شۇڭا، پەقەت ئۇنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس پائۇزىسى ئۈچۈنلا ھەرگىز مومياغا ئايلانمايمەن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق