توققۇزىنچى رىۋايەت-فۇرقەتنىڭ كۆز يېشى(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-16 01:21:39

توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)چىمەنگۈل ئاۋۇتئالتىنچى باب فۇرقەتنىڭ كۆز يېشى يىگىتنىڭ قەھرىدىن،ئارغىماقنىڭ غەزىپىدىن زىمىن گۈلدۈرلەۋاتاتتى.ئۇنىڭ جېنىنى كۆيدۈرۋاتقىنى سەراتاننىڭ يالقۇنى ئەمەس، بەل...



    توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)
    چىمەنگۈل ئاۋۇت
    ئالتىنچى باب فۇرقەتنىڭ كۆز يېشى

     

     

       يىگىتنىڭ قەھرىدىن،ئارغىماقنىڭ غەزىپىدىن زىمىن گۈلدۈرلەۋاتاتتى.ئۇنىڭ جېنىنى كۆيدۈرۋاتقىنى سەراتاننىڭ يالقۇنى ئەمەس، بەلكى قارا پەلەكنىڭ زەنجىرىگە باغلانغان جانانىنىڭ كۈتۈشى ئىدى.چىكىسىدىن ئېقىۋاتقان قارا تەر يامغۇرغا ئايلىنالماۋاتقان بۇلۇتلارنىڭ پەيمانىنى تولدۇردى بولغاي، ئاسمان يىغلاشقا باشلىدى.قىزنىڭ مىھرلىك نىگاھى بىلەن قاقشاللىق تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قېلىۋاتقان باغ،ئەبەدىيلىك ئابى ھاياتنىڭ بىشارىتىنى سىزىپ شاماللارنى چاقىردى.كېچىنىڭ پەيزى بىلەن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغان ھوۋقۇش،ئۆز ئەجىلىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ دەھشەت بىلەن سۈرەن سالدى.

     

    يىگىت قۇرىغان بۇلاق بويىدا ئولتۇرۇپ بەلبېغىنى يەشتى.چاكىلداپ كەتكەن لىۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ ،تۇلۇمىدا قالغان ئاخىرقى بىر تىمىم سۇنى كۆيگەن ئۇسىتخانلار ئارىسدا جان تالىشىۋاتقان بىر بېلىجاننىڭ ئاغزىغا قۇيدى.ئۆلۈم دەھشىتىدىن قۇتۇلغان بېلىجان پىلتىڭلاپ تۇرۇپ بېشىنى يەرگە ئۇردى.
    -مانا مەردلىك،مانا ئەركەكلىك!!.........
    بېلىجان بېشىنى ئۇرغان يەر يېرىلدى.مېھىردىن،مەردلىكتىن لەرزىگە كەلگەن كىچىككىنە جان سانسىز قەتىرىگە ئايلىنىپ،كۆككە ئېتىلدى،يىگىتنىڭ جېنىغا مىڭ جان قېتىلدى...

    قۇرىغان بۇلاق ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ياشلىقىغا قايىتتى.ئەجەلدىن يانغان بىلىقلار يىگىتنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.چىھرىگە قان يۈگۈرگەن چىچەكلەر يالىڭاچ بولۇپ ئوينىشىۋاتقان سۇ،بىلىق ۋە يىگىتنى كۆرۈپ تېخىمۇ قىزاردى ۋە لىچەكلىرىنى يۈزىگە تارىتتى.

     

    چېچىڭدىن ياسدىم قامچا جېنىم تۇلپارىغا يار دەپ،
    مىھىرلىكتىللىدىم جانان قەھىرلىك ھەمرىيىڭ بار دەپ.

     

    ئىمادا باغلىدىم بەلگە نازاكەت سۆرىگەن قاشنى،
    ھىلال ئاي ئۈستىدە تەمبۇر مۇھەببەت كۈيىگەزار دەپ.

     

    مۇئەللەق بېشىدىن تارتتىم كۆيۈكنىڭ رىشتىنى دار قىپ،
    كۆزۈمنى باغلىدىم سۇبھان،ۋىسالنىڭ يولىنى تار دەپ.

     

    ئەجەپتە قالدىلەر ھەر كىم،ئاياغىم ئاستىدا يانتاق،
    قاراقتىن تاممىدى قەترە يىگىتلىك نامىغا ئار دەپ.

     

    نىشانسىز قالمىدىم يارەب،جۇنۇنلۇق قىسمىتىم ھەرئان،
    ئىشىقنىڭ راھىتى يوقلار ھايات ئالىمىدە خار دەپ.

     

    يىگىت بىلىقلار سۇغا تولدۇرۇپ بەرگەن تۇلۇمنى ئېلىپ ئېتىغا مىندى.ئارغىماق بېشىنى كۆتۈرۈپ،مەيدىسىگە مۇشىتلىغىنىچە قاقاقلاپ كۈلدى.بېلىقلار قىيالماسلىق بىلەن سۇدىن سەكىرىشىپ ئۇنىڭغا ئاق يول تىلىدى.

     

    ئەي نەۋقىران بىزلەردىن،
    مەشۇقىڭغا مىڭ سالام.
    تىكەن باسقان يوللاردا،
    دۇئا بىلەن بول ئامان.


    توققۇز كۈن ماڭ ئۇخلىماي،
    بىر چۆللۈككە يىتەرسەن.
    پىيى كۆيگەن قۇشلارنى،
    ئارامى جان ئىتەرسەن.

     

    ئاچقۇچنى ئال قولۇڭغا،
    گۆشلىرىڭنى دان قىلىپ.
    جانان سېنى كۈتمەكتە،
    كۆزلىرىنى قان قىلىپ.

     

    يىگىت كۆزىنى يۈمۈپ قىزنى كۆردى.رۇخسارى سارغايغان گۈزەل بىھۇش ياتاتتى.لىۋى توختىماي مىدىرلاۋاتاتتى......

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.