ئۆيىمىزگە مېھمان كەلدى(قۇمۇل شىۋىسى)

يوللىغۇچى : ghunche يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-26 17:44:35

ئۆيىمىزگە مېھمان كەلدى(قۇمۇل شىۋىسى)بۇ قومۇل شىۋىسىدە يېزىلغان بايان خاراكتىرلىق ماقالا بولۇپ ،ماقالىدا ، بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ بىر كۈنلىك تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاددى -...

     

    ئۆيىمىزگە مېھمان كەلدى(قۇمۇل شىۋىسى)

     بۇ   قومۇل شىۋىسىدە  يېزىلغان بايان خاراكتىرلىق ماقالا بولۇپ ،ماقالىدا ، بىر دېھقان ئائىلىسىنىڭ  بىر كۈنلىك تۇرمۇشى  تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن  ئۇلارنىڭ  ئاددى -ساددا ،مېھماندوست خاراكتىرى ئەكىس ئەتتۈرىلىدۇ شۇنداقلا  ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە تىل ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرلىدۇ. شىۋە تەتقىق قىلغۇچىلارغا پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئۈمىدتىمەن.


        بۈگۈ چۈشتە ئېشىمىزنى ئىچىكىتىپ ئوتۇرغا دىگە، ئىشكايلىمىزغا  بىرتا ھارۋىنىڭ كەگە ئۈنى  ئاڭلانغاندەك بولدى، ئېكى بىردەمدىن كېيىنلا ياقولاق(ياقا بۇلاق) تىكى كىچىينەم(كىچىك ئانام-دادىسى ياكى ئاپىسىنىڭ سىڭلىسى) بىر ئولىنى ئەگەشتۈرۈپ كىركېيتتۇ! شۇنىڭمىلە ھەممىمىز قىقو -ماچۇ ئۆرتۆۋە ۋوپكەتتۇق! ئۇناخ ۋوغاممىلە ياما ئۇزاق ۋوكەتكەچۇ كىچىينەم ئۆيىمىزگە كەمىگىلى، ئايلى قېتىمقى قۇرنېيتتىمۇ كەمىگەدىگە، ئېكىنزاڭ ئاپام چاي قويدىغاڭغا تىينەپ بىرسەتتە شىرەلەنى ئەكىپ نانلانى قويكەتتى. كىچىينەم ھەممىمىزمىلە تېشلىغ ئامانلىق سورىشىپ بوپ ، ئېكىنزاڭ  ئەكەگە نىملىرىنى قويدىغاڭغا ئولىغا قاراپ: "بالام سومكىنى ئەكىپەسلىرا" دىۋىدى، ھەممىمىز كىچىينەمنىڭ سومكىسىغا قارا كەتتۇق دىگەنىمە! شۇنىڭمىلە ئېكىنزاڭ، ئولى ئارا كۆتىركەگە سومكىسىنى ئېچېۋىدى بىز دىگەنىمە ھېراللا قالدۇق! ۋاي كىچىينەم شۇناخ جىخ نىملەنى ئەكىپتۇ. تۇڭگاچەپىگى، بوغۇرساق، قاق، چىلا، ئۈزۈمقۇرغى، يېنى ئېكى چوۋات، ناۋات ، بىڭگە 

    ئېكى كىچىينەم قولىنى سومكىسىغا تىقىۋاپ سومكىسىنىكى تەكتىنى  شۆرلەپلە كەتتى، بىز "يېنې نىمباۋوغاي سومكىسىدا...؟"دەپ مورتقىلداپ قارا كەتتۇق، بىركەمدە كىچىينەم سومكىسىدى بىرتا گۈلشاپتولا رەققە يۆگىۋاغا نىمىنى ئەپ ئاپامغا قاراپ:

         _ مىسلە ئاچا! مە ئۆزىرلاغا مۇشناخ قۇرۇقلا كەگەچېغىمۋا!_ دەپ _قولىدىكى گۈلشاپتولا رەقنى شىرەگە قويۇپ ئېچىۋىدى، ۋاي! كۆزلىرىمىز ئالچەكمە ۋوپ كەتتى! ئاپامغا  بىر كۆينەكلىك ياڭدەچىن شىپۇڭدۇخاۋا،دادمغا ئىشتا جوزىلىقمىكى مىسىي سارجى،ئەكەمگە بىر تا يول يول دىچولاڭ خەنتەي، ئاچامغا يېشىل چارىدودىن بىر كوينەكلىك،ئېكى ماڭا كالوتۇ باسقا بىرتا چاشما بۆك ئەكىپتۇ. تېغى نېرقىكارىزدىكى چوڭداملانىڭ ئىككى نەرۋىسىمۇ  ئەتتىگە بىزنىكىگە كەگە دىگە،كىچىينەم ئۇلاغىمۇ ئۈزۈم قۇرغى، چىلان ،كەمپىتلەدى ئەپ ياچۇغىغا قۇيپېرىپ تېغى داگۇتقا ئىككى كوي ئاقسومغا ئىككى كوي پۇل ۋەدى.ئاپام مىلە دادام كىچىينەمگە:

      _ ۋاي! جېنىم بوغۇم! ياما جوۋاكېتىپلاغۇ! مۇناخلا قىكەتمىسلەمۇ ۋومامدۇ! _دەپ  دىگەنىمە شۇنناخ خوش ۋوپكەتتى،ئاپام، كىچىينەمگە:

      _ئۆزلەزە جېنىمۋوغۇم! ياما ئۆدەكلىك، يېتىنچا  جۇمۇ!-دەپ كەتتى.كىچىينەم ياندۇرۇپلا:

      _نەدىگىنى ئاچا! ھېلىما ئوزا توختەشخاننى تويىدا شۇ   كېپ،ئاندا-مۇندا غىل-پال كۆرنۈقويۇپ كەتكەنچە يە بۈزۈلىرىگە ئـۆتكۈدەك پۇرجام تەگمىي كەتتى،يە ئۆزىرلامۇ بارامىللا،باخچىنىكى مۆگە _چۆگىلىرى پىشىۋىدى قارا كەتتىم، ئۆزىرلانى كېقالاۇمۇ دەپ،چاخچىلقاي- چاخچىلقايمىلە مۇشۇ كەملەۋوكەتتى مېنە! دېبۇ_دەپ يېنىدىكى ئولىنى كۆسەتتى كىچىينەم ئاپامغا قارا قويۇپ:

       _دېبۇ ماخىرىمنىڭ دادىسى بۇلتۇر ھارۋىمىلە باغ ئەيتىپ،يېقىلكېتىپ پۇتى تاۋيەقەپ دىمىيلا، نەچچە ئاي سۆرلىكەتتى.ئۇ ئىركاشا ۋوغا گالمۇسنى بېقىپ مەييەمگۈل ئىككى بالىسىمىلە ئۆيگىمۇ كېلاماي شۇنىڭ تېجىمەللىگىنى قىپ كۈز ۋولدى. ئېكى ئىچىم چىدىماي باللانى ئەكىۋالدىم،بۇلتۇردى ئېكى  بۇ قاراماتاق ۋوغا ماخار  يېنىمىزدا تۇرىيتتۇ_دىدى كىچىينەم ئاپاملاغا قاراپ.

      _مېڭىڭلا، چىقىپ تالادا بىردەم ئويناڭلاچۇ باللىرىم!_دىدى ئاپام بىزگە_ بۇ يەدە ماجۇ-گۇجۇ قىپ چوخچاراپ قاراپ تۇرماي! شۇنىڭمىلە داگۇت ئاقسوم ئۈچىمىز تاغالا ماڭدۇق، كىچىينەم  نەرۋىسىگە:

    _ماڭەۋالام! ئاشقا ئالاڭغىرا قاغانىمىدەك چاي ئىچىپ ئوتۇماي، ئېۋۇ ئاچاڭلامىلە تالاغا چىقىپ ئويناكىر!-دىدى.ئېكى كىچىينەمنىڭ نەرۋىسى بىر پاچە نانى قولىغا ئەپ ئورنىدى قوپىۋىدى ،كىچىينەم ؛

      _جىچۇ بالام!سونولا قىلىقلانى قىلىسەڭغۇ !؟ سە نەدە جۈتۈرەكەتكە مۇنچىكالا-ھە؟! كېكىرتىگىنىڭ شۈپشۈكلىگىنى دېبۇنىڭ توۋۋا!_دىۋىدى ،ئاپام:

      _ۋاي بوپتۇغۇ! يىگىي! ناكەنڭغۇ نايتى، يات ئەدەم بومىغاننىكى، كىچىكۋالا   تۇرسا! _دەپ كەتتى.

             شۇنىڭمىلە تۆتىمىز تالاغا چىقىپ، ئاگا ماخولنىڭ  يېنىدىكى يۇغا جۈجەمنىڭ تۈۋىدە ئويناتقا باللانى يېنىغاۋادۇق، ئۇ يەدە بىردەم چېچىراڭ قايناپ ئويناپ تاشلاپ، ئېكى ھوسماكەملەنىكى ئالچۇغىغا كىرىپ ئاختاش ئويناپ ئوتۇرۇپتىمىز ،سۇڭپۇرتۇڭگا كىرىپ ،ئالچۇقنىڭ چومىغىغا ئارتىقويغا جولونى ئاۋاپ چىكەتتى، ئېكىنزاڭ بىردەمى كېيىن، ھوسماكەم ئۇششاقلىغىنى سۇغۇرىييىتتىكەندۇق  مە چىقىپ:" ئېبايا سۇڭپۇرتۇڭگا جولونى ئەچىكەتتى"_ دەپ ئېتىپتىمە، ھوسماكەم:" بوپتۇ. ئۇ ئۆزىنىكى  جولوسى" دەپ كارىۋوماي يوقاينىغا چىكەتتى.

        بىركەمدە،ئالچۇقتا ئويناتقا ئۈچىسى چىقىپ ،ھوسماكەملەنىڭ تۇنۇگۈ سۇغارغا  ئۇششاغلىغىدىكى زەردەكلەنى كۆرۈۋاپتىكەندۇق ، ئۈچىسى تەڭلا كولاپ كەتتى، بىردەمدە ھەر بىرسى ئۈش تۆتتاندى زەردەك كولىۋاپتۇ، مە:

      _نىم قىلسىلە خەقنى زەردىگىنى كانتولاپ؟-دىسەم، داگۇت دىگە ھەتتەمپور:

    __كارىڭ نىمە سە چۇرلۇڭۋاشنىڭ؟ -دەپ،كانتولۇق قىغىنىغا مازۇز تېغى، پاچىق قوللىرى مىلە زەردەكلىرىنى خەتىيىگەئەرتى قويۇپ تۇرۇپتۇ. ئاقسوم دىگە كومشامۇ ياما زور ئىش قىلەۋەگەندەك تېغى ئىرجاراپ:

      _ ئۆزەڭ كولاماي ئىچىڭ قىزىيتتۇ-ھە؟!-دەپ كېتىپتۇ.

     ماڭچۇ ساراڭ! كىمنى ئىچى قىززىپتۇ؟! سىلەدەك كانتولانى، ئۆيگە بېرىپ ئاپاملاغا ئېتىمە!-دىسەم ، داگۇت دىگە ھەتتەمشا تېغى ئاقسوم دىگە ھىرلىڭغا:

    _بەچۇ قولىڭدىكىدى دېبۇ سارۋاشقا بىر تا!-دەپ مېنى كۆستۈ كېتىپتۇ،

    _ كىم سارۋاشكە؟! كانتولا؟!-دەپ ئۇ بىرمىلەگە قاراپ ئالايسام، تېغى ئاقسوم دىگە ھىرلىڭ ئىرجاراپ:

    مە چۇرلۇڭۋاش ۋوغا بەش ئىغىز سېغىزغا!، مانى يەپ ئېغزىڭنى يىغ!-دەپ ،ئاچىما-چۆكە ئىلتىز چىكەتكە قىڭغىر -توقاي بىرتا زەردەكنى ماڭا تۈرتىكېتىپتۇ!شۇنىڭمىلە ئاچچىغىم كېپ،باتناپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.بىرنەچچە ماڭدام مېڭىپتىمەللا، ئۈچىسى نىمىلە دىيدىكى بىرمىلە دەپ شىۋىرشىپ ئاقىدى:

    _يېنىكەل ھەي مولۇڭۋاش پۇقسارىماي!مايدانغا سە قويدۇق-دىسە داگۇت دىگە شېۋىياڭاق، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاقسوم دىگە قارپاقىمۇ تەڭلا:

    _ئۇنچىكالا مەڭزەشتۈركەتمىي يېنكەسنا ھەي!ھەپتىرەڭ غېجىركەڭغۇ بۇ تازا بىر، نەدى سۆرىۋالدىڭكى بۇ كۆك ماڭقا بوغا سېرىقمۈشۈكنى سەنمۇ!-دەپ كېتىپتۇ!-داگۇت دىگە ھەتتەمپۇرغا قاراپ.ئۇ بىرمىلەنى گېپىنى ئاڭلاپ ياما ئاچچىغىم كېپكەتتى دىگەنىمە، شۇنىڭمىلە ئېكىنزاڭ، ئاقىمغىمۇ قارماستى ئۇدۇل ئۆيىمىزگە ماڭدىم. ئاقىمدى ئۇ بىرمىلە ئوقى-جوقى قىشقىرىپ يۈرۈيدۇ دىگەنەمە!

    _يېنىكەسەڭ ساڭا خوشنارخا ماماينىكى باقچىسىدى شورلۇما ئەپىرىمىز!

    _ نەچچىتا ئاختۇرما كولاپېرمە !

    _ يېنىكەمىسەڭ، ئەمدى تايىر تەخەي ئۇرسا قاراقومايمىز!

    _بۇ دورام پاختا تەگىلە باغاندا ساڭا تېرىشپىرمىز!

    _ ئەمدى سېنى ئاناي تاپمايمىز!

    _...!

    ئۇ بىرمىلەنىڭ گېپىگە قۇلاقمۇ ساماستى كېتىيۋەدىم.

    ئۆيگە كەسەم، ئاپام مىلە كىچىينەم ئىشكالىمىزدىكى دۆڭگىنىڭ ئۈستۈنىگە تەلەڭگىنى قويۇۋاپتۇ ، بىر قۇچاق شاڭدوزىنى ئايلىغا ئەكىۋاپ دىگەنىمە تازا پارلاپ ئوتۇر كېتىپتۇ.

    _ئاپا ، كىچىينەمگە ئاش قىمىدىڭمۇ ؟ -دىسەم ،ئاپام:

    ئەتىگە تۇتقوغا خېمىرۋادىگە بالام، شۇنى ئانىيىغىلا نا قىپ جىمبىرغا سەقويدۇم،-دەپ ،بېشىنىمۇ كۆتەمىي گەپنى قويۇغىنى قىپ ئوتۇركېتىپتۇ.بىردەمدى كېيى ئېكىنزاڭ، ئاپام كىچىينەمگە قاراپ:

    _قوپسىلاۋوغۇم، قاغىنىنى ئەتە قىلاينىڭ، ناممۇ پىشكەتتى،ئەكىلىرمۇ يېنكېپتۇ، بىزە چاي ئىچىينىڭچۇ-دىدى.كىچىينەم ماڭا قاراپ:

    _ئايخېنىم! بىزنى گاڭ قېنى؟_ دەپ نەرۋىسىنى سورىۋىدى، مە:

    _ئېۋۇ داگۇت دىگە تازلامىلە ئوينايتتۇ.ھوسماكەملەنىكى زەردەكلىرنى كولاپ ئۇ بىرمىلە!_ دەپتىمە، كىچىينەم مىلە ئاپام تەڭلا چېۋۇ-چۇۋۇسىغا قارماي قاخشاپلا كەتتى!

    _كۆگۈيچۇ! بۇ ساپاقلانى-ھەي، ئەمدى باش ۋوغا زەردەكلنى نىمدەپ يۇلۇپ يۈرۈيدىغاندۇ!؟

    _باشالماس ، گەلۋىرلە!، ئۇ سىقىم تېشى يالىدىلانىكى زەردىگىگە دارىغىنىنى !

    _بۇ دۆيۈزلە، بىردەمدە بېرىپ ...! ئۇلانى گېپى تۈگىمىي تۇرۇپلا كىچىينەمنىڭ نەرۋىسى ئىككى تا زەردەكنى پاچىقلىرىمىلە كۆتىرىپ يىتىپ كەلدى.ھېلىقىنىڭ كېپىشلىرى لاي دىگەنىمە،

    _ھەي پوخ يىيدىغا دۆيۈز! نىمدەپ خەقنىڭ بىرمىسىگە چېقىلىسە-ھە؟! مە سېنى چوشقىنى شۇ!_دەپ كىچىينەپ يەدى بىرتا چۇيۇقنى قولىغا ئېۋىدى، ئاپام كېپ تۇتۇۋاپ، كىچىينەمگە:

    _دې ئىككى قېقېندى ئاغاۋوسا دوراپ ئاغاماسمۇ! بولدى قىسلىرا بوغۇم!_دەپ چىڭ تۇرۋالدى، مە ئىچىمدە داگۇت بىلە ئاقسوم تالادا بوسا ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلا قامىغىيدى دەپ دەككە-دۈككا بوپ ئىشكايلىغا چىقپاخسام ئامداللا ئۇلا يوقكە .

    ئامداللا ياخشى! ئۇ ئىككىسى يوقكە!بوغاۋوسا ئاپامنى گېپىلىرىنى ئاڭلاقاغاۋوسا نەچچە دوڭغۇرچاقلەكېتەردىكى. يېنىكىرىپ كىچىينەمنىكى نەرۋىسىدى سورىسام ئۇلانى "يۈكەتتى ئۆيلىرگە"دەپ خىمخام قىپ يە بېقىپ تۇرۇپتۇ. دېبايقى تېرىسىگە باتماي ئويناكەتكە گاختىكى پىت-پىتى يېرلېكەتكە ئەپتى يوق.ئۇنىڭغا قاراپ "ئاپاملاغا ئېتمىساممۇ بوپتىكەندۇق"دەپ خىيا قىقالدىم،ئۇنىكى سۇتىيقاغا چىرايىغا قاراپ ئىچىم بىزە ئارقالدى. ئاپام:

    _ئاي! شىرەنى قويچۇۋالام، چاي ئىچىينىڭ-دىۋىدى ئېكى ئورنىمدى قوپۇپ شىرەنى ئەكەلدىم،ئىۋرىققا سۇ قۇيۇپ كىچىينەمنىڭ نەرۋىسىگە قاراپ:

    _گاڭ! قوللىرنى يۇۋاسلا، بىكەسلىرە!_دىسەم ، ھېلىقى ئىمىسپىيا ۋوغا ئىنجىمارۇق ياداي-چۇداي بىرمىسى خوشياقمىغاندەك كېيىتتۇ،بۇنى كۆرۈپ كىچىينەم ئېكى :

    _ئىتلىك ئىتلىك ماڭمامسە! لەيمە سۇيىدەك ئىلىيى....پ!،تۇرغىنىنى بۇنىڭ!-دىدى نەرۋىسىگە،ئېكىنزاڭ ماڭا قاراپ:

    _شەر ۋالام شەر!ئايخېنىم بىر ئامدا تېتىك جۇغدۇن ئەلتەك ئەدەمۋوغىدەكقۇ!-دەپ كەتتى، مە ئىزا تاتىپ جممىتاڭ تۇردۇم.كىچىينەم يەنە :

    _ بېغىشىڭغىچە يۇ-دىدى نەرۋىسىگە قاراپ ،ئاندىن:

    شىرلىسىغىمۇ قۇيپەسلە ۋالام،-دىدى ماڭا قاراقويۇپ،ئېكى ھەنە :_ باش كۆزلىرىڭنى ئېرىق يۇ!ئىگىنلىرىڭنىمۇ ئېرىق تۈگۈتىپسە چىركىنچىلىك ۋوغا شىراغۇل!-دەپ نەرۋىسىگە بىزەزىر دۈپ سەپقويدى.

    _ۋاي خۇدايىم! ئاچا،ئىسسىق دوبازا ساغاننىكىلا بولدىغۇ، كۆك قورمىسلاماۋوماي،_دىدى كىچىينەم ئاپامنىڭ قولىدىن پوسى چىقىپ تۇرغا بىر لىگە دوبازىنى ئېلىپ شىرەگە قوغاش،ئاپامنىڭ قولىدىكى بىر تاخسا يېڭى قورغا كۆككە قارا قويۇپ.

    _قۇرۇق دوبازىنى قاناخ يىيدۇ، ئىككى چۆكۈش كۆك قوردۇم ۋوغۇم، ئارا كەگەللىردە قىغىنىم مۇشۇۋولدىغۇ ئەمدى! قېنى مازالەگە باقسىلاچۇ ۋوغۇم!-دەپ كىچىينەملەنى چايغا تەكلىپ قىلدى.

    _ سېلىمساقلىرى باكەندۇق-ھە ئاچا؟!-دىدى كىچىينەپ دوبازامىلە بىر چۆكۈش كۆكنى يەپ،-بىر ئىككى باش توپىغا بوتۇر قوسا ئالامجاھا بىرمە بوكىتىدىغا نىمىكە بۇ سېلىمساق،ئۆتكە ئەتىياز ئۈش تۆت ۋاش سېلىمساق ۋاكاندۇق ئۆيدە، مەممۇ ئۇششاقلىق قىغا ئېتىزنى بارىغا دۇرايچىسىغىلا توپىغا باتۇرقوسام، كۈزدە تامماشا ئامدا ئاسقاتتى دىمىيلا! شۇ بىزە بىرمىدى ئۈش تۆت ئۆرۈم سېلىمساق چىقتى كۆسلە.

    _شۇ، شۇناخۋولدۇ بوغۇم!، مەممۇ ھەر يىلى نەچچەۋاش تىكىقويمە، ئەكىلىرى "نىم قىلۇرسە خىتاي پۇراپ"دەكېتىدۇ، كۈز ۋوسا يەنە ئۈن دېمى يوق يىيدۇ.بىزە قولنىڭلا كۈچى،ئۆز قىغانىمە بەركەتلىكمۇ بولدۇ،ئېكى پاكىزە دىسلىرا بوغۇم-دىدى ئاپام كىچىينەمگە قاراپ.

    _ھە! ئۇنى بىر دىيلا ئاچا! جىڭداپ سېتىۋاسلا قاراقوسلامۇ تۈگەكېتپاغا، بەركىتى يوق. مەممۇ ئامدا كۆنىۋالدىم تېرىپ-دىدى كىچىينەم، ئاندى نەرۋىسىگە:

    _ھە ،كۆكنى چاشماي،ئېغزىڭنى شىرەگە يېقىناراخ ئەكىپ يە،قارچۇ بۇ يەلەنى چالقىماق قىپ تاشلاپسە!-دىدى.قارسام كىچىينەمنىڭ دېبايقى تىرتەكلىگى قاماپتۇ.

    ھەممىمىز دوبازىمىلە كۆك يەپ چاي ئىچىپ ئوتۇردۇق.دادام كىچىينەمدى:

    _ئۆزىرلەچۇ، كۈزلۈكلەنى تېركەتتىلەمۇ؟ نىمىلە تېرىللا؟_دەپ سورىدى، كىچىينەم دادمغا قارا قويۇپ:

    _جىخ بىرمە تېرىمىدۇق ئەكە! يەنى قاراملىق قىپ جىققىتە بۆزلىۋاغەممىلە، سۇنىڭ تايىنى يوق، سۇنىڭ قىيمەتلىگى،موسىغىلا ئەللەگئاتمىشكوي تۆلەيمىز، يەدى چىققاننىڭ تايىنى يوق سۇ پۇلى تۆلەپلا شۇ، كۈز ۋوغاندا جاپا تارتىپ ئىشلىگىنىمىزلا قالدىكە،يېنې شۇ قوپ توختەمەت ئورنىڭغا ئۆت ۋوپ شۇ،

    _ شۇ، بوغۇم! بىزمۇ شۇناخ قىلدۇق، بىزە يەگە بەچەي تېرىقويدۇق، بىرە كۆلمەكچە چامغۇر تېرىپ يېنىغا بىر ئىككى غۇلاشتەك جىراپ ئېرىق ئېچېپ زەردەك تېرىكويدۇق، ئۆپ-چۆرىسىگە پىلدىرتىپ يۈرۈپ ئاختۇرما ، يەنسۇي ، باشاقكۆك سەپقويدۇق._دىدى ئاپام.شۇ يوسۇندا ئۇلا گەپ قىلىشىپ نەكەملەۋوكەتتىكى بىركەمدە ئۇيخۇم دىگە كېكەتتى،ئاپام ماڭا قاراقويۇپ:

    _ئورۇ-يوتقاللانى سالاي، دېبۇ باللانىڭ مۇرتەتلىرىگە كېپكەتتى!_دەپ ئورنىدى قوپتى.كىچىينەم ئەللىمبۇرۇ ئۇخلاكەتكە نەرۋىسىگە قارا قويۇپ:

    _ئاخۇ! ئاخۇ! قوپەۋالام!-دەپ نەرۋىسىنى قىشقىرىپ كەتتى، نەرۋىسى ھېچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاكېتىپتىكە، كىچىينەم ئۇنى ئۇيخۇتاماي تۆتۈر پېرىسى تۇتتىلا.ئېكى يۇمشاقۋوقاغا نەرۋىسىنى سىلكەشتۈرۈپ:

    _تۈڭكەلسەڭمۇ جايىڭغا كېپ تۈڭكەلمەمسە-ھە!؟ _دەپ شۇناخ تەستە ئىگىنلىرىنى چۇچۇلدۇرۇپ ئورنىغا ياتقۇزقويدى،مەممۇ جايىمغا كېپ ئىگىنلىرىمنى چۇچۇلۇشمۇ خوشياقماي يېتىپلاۋالدىم،ئۇلا ھېنە نىمىلە دىيدىكى بىرمىلە دەپ پاراڭ سەپ كەتتى،گەپلىرى ئاندا مۇندا قۇلۇغۇمغا كىرقالدۇ. شۇناخلا قىپ يېتىپ ئۇخلاقاپتىمە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.