شور دەريانىڭ ئۇ تەرپىدە7-باب(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-29 19:20:00

شور دەريانىڭ ئۇ تەرپىدە يەتتىنچى باب: شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى— بۇلبۇلۇم. ئۇ جىگدە شېخىدا مۈگدەپ قالغاندەك ئولتۇراتتى. — بۇلبۇلۇم! ئۇنى يەنە بىر قېتىم چاقىرغاچ شاخلارنى يېنىك سىلكىتتىم. لېكىن...

    شور دەريانىڭ ئۇ تەرپىدە

           يەتتىنچى باب:
       شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى— بۇلبۇلۇم. ئۇ جىگدە شېخىدا مۈگدەپ قالغاندەك ئولتۇراتتى. — بۇلبۇلۇم! ئۇنى يەنە بىر قېتىم چاقىرغاچ شاخلارنى يېنىك سىلكىتتىم.
         لېكىن، ئۇ كۆزىنى ئاچمىدى. يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپسىلىپ قالغاندەك، تىنىقلىرىم جىددىيلىشىپ، سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم. ئۇنى قۇرۇغان يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ئاۋايلاپ ئېلىپ، سوۋۇپ كەتكەن تېنىنى سىلىدىم، باغرىمغا باستىم، ياشلىق كۆزلىرىمگە سۈرتتۈم...
     بۇلبۇلۇمنى نەمخۇش توپىغا بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىم بىلەن قوشۇپ كۆمگەندىن كېيىن، توققۇز كېچە-كۈندۈز يىغلاپمۇ پىغانىم بېسىلمىدى. يېرىلىپ قاناپ كەتكەن تىرناقلىرىمغا قاراپ تېگى يوق خىياللارغا غەرق بولدۇم...
        بىر چاغدا زەينەپنىڭ ۋەھىمىلىك ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئەسلىمگە كەلسەم، بۇلبۇلكۆلنىڭ كۆز ياشتەك سۈزۈك ھەم قىرتاق سۈيى سەل بولۇپ تېشىپ مەھەللىمىزدىكى قۇرۇغان دەرياغا قاراپ يامراشقا باشلاپتۇ.
     — كاككۇك... كاككۇك!!! زەينەپنىڭ بارغانسېرى بوغۇلۇپ كېتىۋاتقان مۇڭلۇق ئاۋازى، كاككۇكنىڭ شاۋقۇن يۇتۇپ كېتىۋاتقان ھىجرانلىق قىسمىتى يۈرىكىمنى ئامبۇردەك قىسىپ، كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ، يەر-جاھان پىرقىراشقا باشلىدى... 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق