ياۋا گۈل

يوللىغۇچى : mahmut يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-10 01:09:00

ياۋا گۈل ( ھېكايە ) مەن ياشاۋاتقان ناھىيىگە قاراشلىق « قارياغاچلىق » دەيدىغان بىر يېزا بار ، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ ، سۇيى ئەلۋەك ، تۇپرىقى مۇنبەت ، ئادەملىرى مىھماندوست،ئاق كوڭۇل ، خۇشچاقچاق ...

    ياۋا گۈل
    ( ھېكايە )


     مەن ياشاۋاتقان ناھىيىگە قاراشلىق « قارياغاچلىق » دەيدىغان بىر يېزا بار ، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ ، سۇيى ئەلۋەك ، تۇپرىقى مۇنبەت ، ئادەملىرى مىھماندوست،ئاق كوڭۇل ، خۇشچاقچاق ، ساددا ،جاپاكەش ،ئەمگەكچان ... ئومۇمەن باشقا ھەممە جايدىكى ئۇيغۇر دىھقانلىرىدا بار خىسلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەر كىشىللىرىنىڭ ھۇجۇدىغا مۇججەسسەملەنگەن . مەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بىر يىلى ، مۇشۇ گۇزەل خىلۋەت ماكاندىن ئىسكەندەر ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچۇم ئالى مەكتەپكە ئوتتى ، بۇ ئىشتىن ھەممىمىز خوشال بولۇشتۇق ، ھەممىدىن خوش بولغىنى ئۇنىڭ دادىسى بولدى ، دادىنىڭ خوشاللىقى نىمە بولماقچى ، ئوزىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئوز ئارزۇسى بويىچە ئالى مەكتەپكە ئوتۇپ ھاياتلىقتىكى تۇنجى قەدىمىنى مۇئاپىقىيەتلىك باسقانلىغىنى كورۇشتىن باشقا يەنە نىمە بولسۇن ؟! شۇ ۋاقىتلاردا دىھقان پەرزەنتىنىڭ ئالى مەكتەپكە ئوتۇشى موجىزە كورۇلگەندەك بىر ئىش ئىدى ، چۇنكى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەنلەرنىڭ نېنى پۇتۇن بولاتتى . خوشاللىقتىن بېشى ئاسمانغا تاقاشقىدەك بولغان بۇ دادا بىركۇنى ئاتايىتەن مېنى ئىزدەپ كەلدى ھەم ئوزىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۇرۇش ئۇچۇن ئوغلىغا دەرىس بەرگەن بىر قانچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ، ئوزىنىڭ ئويىگە بېرىپ بىر كۇن مىھمان بولۇپ كېلىشىمىزنى ئېيتتى ، بىز دەسلەپتە ئۇنىمىدۇق ، كېيىن ئۇ كىشى بەكلا خىجىل قىلىپ تۇرىۋالغاچقا بىر كۇننى توختۇتۇپ بارىدىغان بولۇپ ، يولىغا سالدۇق ، ئۇنىڭ ئۇستىگە تەتىل ۋاقتى بولغاچقا بېرىپ يېزىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلەنگەچ ، كاللىمىزنى سەگىتىپ كېلىشنىمۇ ئويلاپ تۇرغان ئىدۇق ، دەرۋەقە بىز توختۇتۇپ قويغان خۇدانىڭ بىر قۇتلۇق كۇنىدە 7 ، 8 چوڭ - كىچىك ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئۇ كىشىنىڭ ئويىگە باردۇق ، ئۇ كىشىمۇ بىزنى ياخشى تەييارلىق بىلەن كۇتۇپ تۇرغان ئىكەن. بىز ياخشى تائاملار بىلەن غىزالاندۇق . ئاندىن كېيىن شۇ مەھەللىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ ھالدا «كوڭۇل » خوشى ئۇچۇن بىر نەچچە رومكىدىن ئىچىشىدىغان بولدۇق ، ئۇ بىر رومكا ، بۇ بىر رومكا « كوڭلۇم » دەپ مەنمۇ خېلى مەست بولدۇم ، كەڭرى سېلىنغان داستىغاندىن « ئەدەپ » دىگەن باھانە بىلەن سىرتقا چىقتىم ، پاھ ... نىمە دىگەن گۇزەل مەنزىرە ، يازنىڭ ئالتۇن مەزگىلى ... ئوينىڭ كەينىدىكى باغ مېنى ئوزىگە جەلىپ قىلاتتى ، نىمەدىگەن ساپ ھاۋا ، ئوزۇمچە باغلارنى ئايلىنىپ كورمەكچى بولدۇم ، ئالمىلىق ، شاپتۇللۇق، ئانارلىق ... ھەممىنى ئايلىنىپ باغنىڭ ئارقا تېمىغا يېقىنلىشىپ قالغاننىمۇ سەزمەپتىمەن ، بىر ناخشا ... ئالامەت بىر ناخشا ... مېنىڭ نېرۋىلىرىمنى غىدىغلاشقا باشلىدى ؛ مىنگىلى ئۇلاق ئىزدەپ ، ئىچكىلى بۇلاق ئىزدەپ . قاچانغىچە يۇرىمىز ، باغدىن توت قۇلاق ئىزدەپ .... ھەم سۇزۇك ، ھەم جاراڭلىق ، ھەم ھېسسىياتلىق ئېيتىلغان بۇ مۇزىكىسىز ناخشا مېنى شۇنداق ھاۋاجانغا سالدىكى ، ئوزۇمنى خۇددى بىر جەننەتتىكى پەرىلەر ئارىسىدا ھازىرقىدىن بەكرەك مەستخۇش يۇرگەندەك ھېسسىياتقا چومگەندەك بولدۇم -دە ، ئىختىيارسىز شۇ ناخشا ئېيتقان قىزغا ؛ ياق پەرىگە قاراپ بېقىش ئىستىگى كوڭلۇمدە تۇغۇلۇلدى ھەم ماڭا يېقىنراق يەردىكى بىر يۇچۇقتىن بوينۇمنى سوزوپ ، ناخشا ئېيتقان كىشىگە قارىدىم ، ئۇ ؛ ئون بەش ، ئون ئالتە ياشلاردىكى قىز بالا بولۇپ، مەندىن 15 – 20 مېتىر يىراقلىقتىكى ئېڭىزلىقتىن باشاق تىرىۋاتقان ئىكەن . ئۇنىڭ كېيگەن ئەتلەس كوينىگى ، بېشىغا ياراشقان چىمەن دوپپىسى ئۇنى گويا كۇزدىكى تولغان كېپىنەككە ئوخشۇتۇپ قۇيغان ئىدى ، ئۇنىڭ ناخشىسىنى شۇنداق زوق بىلەن ئاڭلىدىمدە ، گويا مەن ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چېغىمدا ، مەن يۇشۇرۇن ياخشى كورىدىغان قىز مەشۇقۇمنىڭ ناخشىسىنى ھېلىھەم ئاڭلىغاندەك ئەسلىمىلەرگە غەرىق بولىۋاتاتتىم ، قىزنىڭ ناخشىسىنىڭ توختىشى بىلەن مەن ئەسلىمگە كېلىپ ، ئوز ھاياجىنىم بىلەن چاۋاك چېلىپ سالدىم ، مېنىڭ چاۋاك ئاۋازىمدىن چوچوپ كەتكەن ئۇ قىز مەن تەرەپكە ئەندىكىپ قارىدى ۋە مەن ئۇيلىمىغان يەردىن غەزەپ بىلەن ؛ - قېرى لۇكچەك ! دىدى -دە يۇگۇرگۇنىچە قېچىپ كەتتى .....مېنىڭ قولۇممۇ شۇ گەپتىن كېيىن ھاۋادا توختاپ قالدى .چۇنكى مەن نىمە ئۇچۇن ئاھانەتكە قالغىنىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالغان ئىدىم .... مانا مېنىڭ قولۇم ھاۋادا توختاپ قالغىنىغا «ھەش»نى «پەش» دىگۇچە 20 يىل ئۇتۇپ كەتتى ... بۇ يىل قۇربان ھېيتنىڭ ئۇچۇنجى كۇنى بالىلىرىمنى ساقلاپ ئويدە ئولتۇراتتىم ، چۇشكە يېقىن ئىشىك تۇنجى بولۇپ يېنىككىنە چېكىلدى . مەن بالىرىمنىڭ ، ياق نەۋرىلىرىمنىڭ قەدىمىگە تەققازا بولۇپ ، ئالدىراپ - تېنەپ ئىشىكنى ئاچتىم دە – ھەيرانلىق ئىلكىدە تۇرۇپ قالدىم ؛ ئالدىمدا تۇرغىنى ئوقۇغۇچۇم ئىسكەندەر ۋە 13-14 ياشلاردىكى بىر قىز بولۇپ باشقىچە خوشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدىم . - مۇئەللىم ....- ئۇ مېنى ئوز دادىسىنى قۇچاقلىغاندەك قۇچاقلىدى .مەنمۇ قايسى بىر بالامغا سېلىشتۇرۇشقا ئۇلگىرەلمىگەندەك ئۇنى قۇچاقلاپ باغرىمغا مەھكەم باستىم -دە – كوز يېشىمنى توختۇتالماي قالدىم .... - بالام ئىسكەندەر ، ئازراقمۇ ئوزگەرمەپسەن- دىدىممەن ئۇنى ئويگە باشلاپ . - مۇئەللىم ، مەن مەكتەپ پۇتتۇرۇپ مەركىزى شەھەردە خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇپ قېلىپ ، سىزنى يوقلاپ كېلەلمىدىم . كەچۇرگەيسىز ، بۇ نوۋەت قىزىمنى تەتىل قويۇپ بەرگەن مۇناسىۋەت بىلەن يۇرتنى كورسۇتۇپ كېلىش ئۇچۇن ئەكەلگەن ، شۇنىڭ بىلەن سىزنى يوقلاپ ئوتۇش نىسىپ بوپتۇ – دىدى ئۇ يېنىدا تۇرغان قىزىنى كورسۇتۇپ . - رەھمەت بالام – دىدىم مەن – ئىسكەندەرنىڭ قىزىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم . قىز ئىنتايىن ئەدەپلىك بىلەن ؛ - رەھمەت بوۋا – دىگىنىچە دادىسىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئېلىپ ئولتۇردى . مەن بالىلىرىمغا تەييارلاپ قويغان قۇربانلىقنى ئۇلارغا تارتقاچ ، ئىسكەندەرنىڭ قىزىغا سەپ سالدىم .... قىزنى بىر يەردە كورگەندەكلا قىلاتتىم ، كىمگە ئوخشىتىۋاتىمەن ... ئەجەپ ئېسىمگە كەلمەيدىيا ؟! بىر يەردە كورگەن بۇ قىزنى ...چاي قۇيىۋېتىپ ئىسكەندەردىن سورىدىم ؛ - بالىنىڭ ئانىسىنى ئالغاچ كەلمەپسەنغۇ ئوغلۇم ؟ - ئانىسى ئالمۇتۇ سەنئەت ئۇنۋېرسىتىدا دوكتۇر ئۇنۋانىنى ياقلىغىلى كەتكەن ، شۇڭا .... - بوۋا ، مېنىڭ ئانامنى تونىمامسىز ؟ - دىدى ئىسكەندەرنىڭ قىزى يېقىملىق بىلەن كەنجى نەۋرەمدەك ئەركىلەپ – تېلۋۇزۇردا « قاچانغىچە يۇرىيمىز باغدىن توت قۇلاق ئىزدەپ » دىگەن ناخشىنى ئېيتىدىغانچۇ ؟..........

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق