ئىشىك

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-09 15:51:13

مەن ئىشىككە ئۈچىنچى قېتىم قول ئۇزۇتۇپ يەنە توختاپ قالدىم، شۇنىڭغىچىمۇ ۋاقىت خىلىلا ئۆتكەن بولىشى كېرەك. لىكىن شۇ تاپتا ۋاقىتنى ئدراك قىلغۇدەكمۇ ھەپىلسەم قالمىغانىدى.

     
    ئىشىك
     
    رەپقەت غازى (ھېكايە)
     
    1
     
    مەن ئىشىككە ئۈچىنچى قېتىم قول ئۇزۇتۇپ يەنە توختاپ قالدىم، شۇنىڭغىچىمۇ ۋاقىت خىلىلا ئۆتكەن بولىشى كېرەك. لىكىن شۇ تاپتا ۋاقىتنى ئدراك قىلغۇدەكمۇ ھەپىلسەم قالمىغانىدى.
    مېنىڭ سىرىتقا چىقىشىم بەرىبىر! مەن ئاخىر غەيرەتكە كىلىپ ئۆز-ئۆزۈمگە ئەنە شۇنداق خىتاب قىلدىم. ياتاقنىڭ ئىچىدە مەقسەتسىز چۆرگىلەۋېرىپ پۇتلىرىم قاتتىق تېلىپ كېتىۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق مەسىلە ئۈستىدە باش قاتۇرالمايۋاتاتتىم. لېكىن ئۆزۈمنى زادىلا باسالماي قالغانىدىم. ئىچىمنىڭ قانداقتۇر بىر يېرىدە ئاجايىپ ئېغىر تەسىرات پەيدا بولۇپ مېنى ھەدەپ ھەرىكەت قىلىشقا قۇترىتاتتى. مەن ئەنە شۇنداق غەزەپلىك ۋە يەنە كىلىپ بىچارە ھالدا توختىماي چۆرگىلەيتتىم. ئىشىكتىن چىققاندىمۇ بىرەر مەسىلىنىڭ ھەل بولىشى ناتايىن. مەن ئەڭ زور قىزغىنلىقىم بىلەن ئىنتىلگەن مۇھەببەتمۇ كۆز ئالدىمدا ئوچۇقتىن-ئوچوقلا بەربات بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇدۇلۇمدىكى ئۆگزىدە كۆرۈمسىز، ئىسلىشىپ كەتكەن بىر نەچچە قۇشقاچ چۇۋۇرلىشىۋاتاتتى. ئۇلار گويا قەپەستىكى قۇشتەك جىملىقنى بۇزۇپ، ئېتىلىپ تۇراتتى. مەن مەھەللىمىزدىكى ھازىدار ئاياللارنى ئويلاپ قالدىم. ئۇلار ھازا ئاچسا مېنى چىدىغۇسىز سۈر بېسىپ كېتەتتى. بۇنىڭغا كىچىكىمدە دادامنىڭ كېچىسى ۋاژىلدىتىپ ئوقويدىغان سۈرە-ياسىنى سەۋەبچى ئىدى. يۈرەك ۋە ئۇنىڭغا تۇتاش كەتكەن سانسىز تومۇر بىر-بىرلەپ سوقماقتا. ۋاقىت ئېچىنارلىق ھالدا قۇرۇقتىن-قۇرۇق ئۆتمەكتە. نۇر بىلەن قاراڭغۇلۇق خام خىيالدەكلا ياتاقنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تولغان. تام-تورۇس دەرد-ھەسىرىتىنى پىنھان تۆكۈپ بەرمەكچىدەك ئېڭىشىپ، چاپلىشىپ تۇرىدۇ. مەن ئېغىر كەيپىياتتا. چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆلگەنىدى. ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ شامنى پۈۋلىگەندىكى يۈمىلاقلىغىنى ئويلىساملا يۈرۈكۈم ئېغىپ كىتىدۇ. ئۇ ئەشۇ كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەنىدى. مەن بۇنى ئۇنىڭ «بۇ شەھەردە يۇلتۇزلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ» دېگىنىدىن ھېس قىلغانىدىم .مەن دائىملا ئۇنىڭ مۇزلىغان جەسىتىنى يولدىن تېپىۋېلىشتىن ئەندىشە قىلاتتىم. ئاخىر ئۇ مەندىن ئايرىلىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە مۇنداق دىيىشمۇ بىمەنە. ھېچكىم بىزنى باغلاپ قويمىغانىدى. كارىۋاتنىڭ تۆمۈرىمۇ ھۆل چىۋىقتەك ئېگىلىپ كېتىۋاتاتتى. يوتقاننى قايرىپ ئېچىپ ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولىمەن، لېكىن يوتقان شۇنچىلىك ئېغىر، قولۇم بىلەن ئېچىۋاتىمەن. بىراق قولۇم ئۆزى كۆرۈنمەيدۇ. بېشىمنىڭ ئۈستىدىلا ئۇزۇن بىر تور گويا مېنىڭ تەقدىرىمنى ئۇيان-بۇيان قىلىۋەتمەكچىدەك سۇس تەۋرەپ تۇرىدۇ. مەن زورۇقۇپ تۇرۇپ ئويلايمەن. ناۋادا مۇشۇ ياتقىنىمچە ئىككىنچىلەپ تۇرمىسام ھەپتە ئۆتۈپ قوشنام بايقىغىچە مەشەدە قالارمەنمۇ ؟ ئۈنۈمنىڭ بېرىچە ۋارقىرىدىم، لېكىن چىۋىن قانىتى ۋىڭىلدىغاندەكلا ئاۋاز ئاڭلاندى. ياق، تۇرۇش كېرەك. تۇرمۇش قانداق بولغۇسى كەلسە شۇنداق بولىۋىرىدۇ. ياتاقتىن چىقماسلىق، ھېچ ئىش قىلماسلىقمۇ بەرىبىر.
    ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۆزۈمگە زېرىكمەي ۋەدە قىلىشقا باشلايمەن. مەن بۇ كۈننى كۆڭۈللۈك باشلاشنى نىيەت قىلىۋاتقىنىمدا ئشىك سىڭا بارمىقىمنى قىسىۋالدى. مەن شۇنىڭغا قەدەر كىتابىي يوسۇندا ياشاپ كېلىۋاتاتتىم. «18 ياشتا ئوغلۇم بولغان بولسا، شۇ تاپتا ئىككىمىز مۇڭداشقۇدەك بولۇپ قالاتتۇق ...» دىگەنلەر يالتتىدە خىيالىمدىن ئۆتۈپ، ئىچىم مۇزدەك بولۇپ قالدى. ئاندىن كۈتۈپخانىدىكى ھېلىقى ئايالنى ئەسكە ئالدىم . ئۇ ماڭا تولىمۇ مېھىرىبانلىق قىلىدۇ. ئۇ بالىسىدىن ئەنسىرىمەي كۈن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۆتمۈش ۋە كېلەچەكنىڭ داۋاملىشىشى دەپ قارايدۇ. بىر نەچچەيلەن (داۋ) خېتىنىڭ ھېكىمىتى ھەققىدە بەس- مۇنازىرە قىلىشماقتا. سەھەردىكى يامغۇر بىر خىل تەسەللى، شۇنداق، قىزلار داۋاملىق چوڭ بولىدۇ. ھاراق ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئۇلار ئۆپكىدەك قىزىرىپ، ھۆرپىيىشىپ ۋارقىراشماقتا. بىرسى ياتاقنىڭ ئارقىسىدىكى ئېگىز، قويۇق ئورماننى كۆرسىتىپ شۇنداق دېدى:
    - بۇ دەرەخنى نېمىشقا كېسىۋەتمەيدۇ؟ بالىلار قاراڭغۇدا قورقۇپ ئوينىيالمايدۇ. بۇنداق زىچ ئورمانلىقتا ئادەمنى ئۆلتۈرۋەتسىمۇ ئۇقمىغۇدەك .
    -دەرەخلەر كېسىلىپ تۇرىۋاتىدۇ، دەرەخلەر ئۆزلىرىنى قوغداشقا ئامالسىز. بۇنىڭسىزمۇ ئادەملەر خالىغاننى بىر-بىرىنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. بۇ شەھەرمۇ مېنى قوغداپ قېلىشقا ئامالسىز .
    - نېمە دەپ ئۇنى ياخشى كۆرگەن ؟
    -بۇ مېنىڭ زور خاتالىقىم .
    - بىر ئادەم ئۈچۈن موھىمى نېمە؟
    -قىزغىنلىق ... ئاغزى يوغان ئاياللار ئەرلىرىنى باقالايدۇ، __ مېنىڭ بۇ پاينەكۋاش ئاغىينەم توختىماي سۆزلەيدۇ. ئۇ بىر كۈنى ماڭا: « ياشلىق قىزغىنلىقى سۆيۈش ھەم سۆيۈلۈشنى تەلەپ قىلىدۇ » دىگەنىدى.
    -چاي ئىچەمسىز؟
    - ياق .
    ئۇدۇلۇمدا ماڭا چېكەتكىدەك قاراپ ئولتۇرغان قىز قېلىن كەلگەن ئاستىنقى لېۋىنى يىمىرىپ نەمدەپ قويدى . بۇ ماڭا قاتتىق ھار كەلدى. مەن مۇنچىغا كىرىۋىلىپ ئۆزۈمگە ناھايىتى رەھىمسىزلىك قىلغانلىقىمنى ئويلاپ يېتىمەن. ئەمدى مېنى ھېچنىمە توسۇپ قالالمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ كوچىدىكى تەنھا روھىم بىلەن بۇياققا نەزەر سالىمەن. ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ ئاخىر بىرلا مۆجىزە. بەلكىم ئەتە تۇرۇپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتەرمەن . ئاشۇ سىڭا بارمىقىمنى دو تىكىپ ئۇتتۇرۇۋېتىشنىمۇ قايتا-قايتا ھېس قىلىمەن. مەن ھېلىلا بىچارە چاقلار ئاستىدا بەتبەشىرە جەسەت بولۇپ كۆزگە تاشلىنىشىم، بۇ ئارقىلىق ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشىنى قوزغاپ قويۇشۇم مۇمكىن. مەن ناھايىتى قىزغىن ئادەملەرنى كۆرگەن، ئازاپ ھېلىقى بىر كۆزلۈك ئادەمنىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل نەرسە، چىرايلىق قوشنامنىڭ نېمىشقا ئېرىدىن زېرىككەنلىكىنى بىر خۇدا بىلىدۇ. جوزامدىكى چاي ئىستاكانىم ھامان بىر كۈنى چېقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ دۇنيادا يەنىلا بەختلىك ئادەملەر بار . شۇڭا ئۇنى ئانچە ئاۋايلاپ كەتمەيمەن. ئۇ چېقىلغان. دېمەك چېقىلىش بىلەن ساق تۇرۇشمۇ ئوخشاشلا . چېقىلىش–ئۇ مىخ دېگەن سۆز بىلەن باراۋەر. مىخ قولغا قېقىلغان مىخ ! مەن ھېچنىمىنى ئۈمىد قىلماسلىققا ئۆزۈمنى كۆندۈرسەم دەيمەن. ئۈمىدنىڭ بولۇش-بولماسلىقىمۇ بەرىبىر. مېنىڭ ئۇلارغا، ئاشۇ بەختلىك ياشاۋاتقانلارغا ئېچىنغۇم كېلىدۇ. كۆزەينەكلىك ئاداش تۈكۈرۈكلىرىنى چاچرىتىپ چۈشەندۈرمەكتە:
    __ ئۇكا، سەن تېخى بىر سويما، قارا، مەن ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق تىرىشقان. لېكىن ئۇلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ . ئويلاپ باقسام بۇ مىللەت ئۈچۈن مەن نورمىدىن ئارتۇق كۈچەپ كېتىپتىمەن. پۇل تاپىمەن، پۇل! تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ قالسا مۇزىكانتلارنى يېغىۋېلىپ بېشىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ چالدۇرىمەن. سىمفونىيە ئىشلەيمەن!
    __ توغرا، پالۋانغا مەندان كېرەك !
    __نام چىقىرىمەنلا دەيدىكەنمەن، ئىككى- ئۈچ ئاي ئىچىدىلا يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ كېتىدۇ. لېكىن مەن خالىمايمەن. مەن ناھايىتى ئادەتتىكىدەك ياشىسام، ماڭا ھېچكىم ھەتتا قوشناممۇ دىققەت قىلمىسا، كىملىكىمنىمۇ بىلمەي قالسا دەيمەن .
    كوچىدىلا يىغلاپ كەتكەن كىشى بىر سەرگەردان. ياق، ئۇ مېنىڭ دادام بولىشىمۇ مۇمكىن. مەن ئۇ كىشىگە مەڭگۈ ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. چۈنكى مېنىڭ يىغلاش ئىقتىدارىم يوق. يىغلاپ بىر پەستىلا ئىچىم تامامەن بوشاپ ئۇيقۇ بېسىشقا باشلايدۇ. مەن بۇنىڭدىن دائىم كۆپ قىينىلىپ كېتىمەن. مېنىڭمۇ قالتىس تەسىرلەنگەن چاغلىرىم بولغان. ئىشەنچ بىردىنبىر مۇناسىۋەت تۇيغۇسى. دېرىزە تەكچىسىدە بىر نەچچە تەشتەك گۈل ئۆستۈرۈشمۇ كىشىنى يەڭگىللىتەلمەيدۇ. دېڭىز مېنىڭ نەزىرىمدە تېخى يۈزى ئېچىلمىغان قىز...
    2
    بىز توپتوغرا بەشەيلەن بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇراتتۇق. بىز تۈرك توخوسى يېيىش ئۈچۈن ئولتۇراتتۇق. ئەگەر بۇنى زىياپەت دەيدىغان بولسا تولىمۇ كۈلكىلىك گەپ بولاتتى. بىز ھېچقايسىمىز كۈلمىدۇق. جىمجىت بۇرۇقتۇرمىچىلىق جېنىمىزغا تېگەتتى. بىز مۇشۇنداقلا ئولتۇرىۋېرىدىغان بولساق ۋارقىرىۋېتىشتىن، يا ئۈستەلنى مۇشتلاپ پاچاقلىۋىتىشتىن ساقلىنالمايدىغاندەك قىلاتتۇق. دېرىزىدىن سىرىتقا قارىۋالدىم. چارلاشقا چىققان ئۈچ ئەسكەر رەتلىك مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلارغا ھېچكىم دىققەت قىلمايتتى. بالىلارمۇ سۇ تاپانچىسى بىلەن سۇ چېچىپ چوڭلارنى تېرىكتۈرۈپ ئويناۋاتاتتى. ھەممىلا يەردە دېگۈدەك ئىسلانغان توخۇ سېتىلاتتى. ئۇنىڭدىن پۇرۇخنىڭكىگە ئوخشاش ئۆتكۈر پۇراق تارقىلاتتى. بېكەتتىكى ئادەملەر جان–جەھلى بىلەن ئاپتوبوس كۈتۈشەتتى. بۇ يەردە يەنە ئاللىقانداق غەلىتە خىياللارنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايتتى. بۇ ئىشلارغا ناھايىتى ئۇزۇن بولغانىدى. مېنى غەشلىك قاپلىۋالدى. ئەتىگەندە خامۇش ھالدا ئۈستەلدىن بېشىمنى كۆتۈرگەندىلا شۇنداق ئويلاشقا باشلىغانىدىم. ئۈستەلدىكى تېلىفون، چاي ئىستاكىنى، كالېنداردىكى «30-ماي» دېگەن رەقەم، سىياھ قۇتىسى سوت مەيدانىدەك جىمجىت، ئېغىر تۇيۇلاتتى.  14 تال تاماكىنى چېكىپ بولۇش ئۈچۈنمۇ زور تىرىشچانلىق كېرەك. سائەت 12 دىن 39 مىنوت ئۆتكەندە مەلۈم بىنانىڭ تۆتىنجى قەۋىتىدىكى ئوتتۇردىكى ئۆينىڭ ئىشىكى تۈۋىگە بىر دەستە ئەتىرگۈل قويۇپ خوشلىشىش ھېچقاچان ئەخمەقلىق ئەمەس.
    ئادەم ئۈزىتىش تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىش. لېكىن پويىز ئىستانسىسى ئادەمنى بىردىنبىر ئەڭ ھاياجانلىق تەسىراتقا ئىگە قىلغۇچى جاي. ئۇ گويا قايغۇسى يېنىكلەپ قالىدىغاندەك ۋە بىردىنلا ئۆزىنىڭ داۋاملىق ياخشى ياشىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ بۇ شەھەردىن كېتىپ قالدى. خۇددى شۇنىڭغا ئەگىشىپلا دېگەندەك ھېلىقى قەپەستىكى تۆت قۇشقىچىنىڭ بىرسى ئۇچۇپ كەتتى. قىزنىڭ دادىسى كېيىن باققان بىر تورغىيى ئۇسسۇزلىقتىن ئۆلدى.
    -ئۇچۇپ كەتكەن بىلەن جېنىنى باقالمايدۇ .
    ئۇنىڭ ئاھاڭىدىن نە ئېچىنىش، نە پەرۋاسىزلىقنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن قەپەسنىڭ سىرتىدا جان بېقىش بەكلا تەسكە توختايتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جورىسىدىن ئايرىلىپ يالغۇز يۈرۈش-ئۇ ئۇزۇنغا بارمايلا ئۆلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئۇ قەپەس ھەشەمەتلىك ئاسما چىراغقا ئوخشايتى. شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى رىم تىياتىرخانىسىدىكى يىرتقۇچلار بىلەن ئېلىشقان گىلادىئاتۇرلارنىڭ جەسۇر قىياپىتى ۋە يول بويى كرېستقا مىخلانغان قوزغىلاڭچىلار؛ سوغۇق، غۇۋا قىزىللىققا پۈركەنگەن دالا بىردىنلا ئىشىككە بۆسۈپ كىردى. ئىشىك ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك سىقىلىپ كېتىۋاتاتتى .
    قۇياش جىمجىت، ئېغىر نۇر چېچىپ تۇراتتى. خامۇش ھالدا دېرىزە ئالدىغا كىلىپ ئاشۇ بىرلا ئادەم ئۆتىدىغان يولغا قارىدىم. ھېلىقى كۈنى ئوغىرلىقچە ئۈزىۋالغان بىر باغلام ئەتىرگۈلنىڭ سولىشىغا باشلىغانلىقىنى، ئېچىلىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ بەرىبىر ئېچىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۈزمىگەن بولساممۇ بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. مەن گۈلنى ياخشى كۆرىمەن. سەنمۇ سەنمۇ بىر گۈل .
    كۆكرىكىم، بىلەكلىرىم سۇغۇرۇپ ئېلىۋىتىلگەندەك ئىچىمنىڭ نەقەدەر بوش، قۇپقۇرۇقلۇقىنى سەزمەكتىمەن. مەندە چاقناپ تۇرغۇدەك ھېچقاندەك خاتىرە قالمىغانىدى. ئەمما مەن قاينام-تاشقىنلىق، شىددەتلىك ئۆزگىرىش بولۇشى كېرەكلىكىنى تىنماي ھېس قىلاتتىم. مەن ئۆزۈمگە ناھايىتى سوغۇققان، پەرۋاسىز بولۇشقا كۆپلەپ ۋەدە بەرگەنىدىم. ئۆزۈمنى ئەتەي دېگۈدەك ئالداپ كېلىۋاتاتتىم. چۈنكى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىكى ئاشۇ ئۆسمۈرلۈك چېغىمدىلا ئۆزۈمنىڭ بۇ ئورۇندا خاتا ئولتۇرۇپ قالغانلىقىمنى بىلەتتىم. ئىشىك ئېچىلىشى، مەن خوشلىشىشىم كېرەك ئىدى. يازنىڭ بىر ئەتتىگىنى قوشنىمىزنىڭ بالىسى ئۇكىسىنىڭ بىگىز بارمىقىنى چېپىپ ئۈزۈۋەتتى . ئۈزۈلگەن بارماق كەسلەنچۈككە ئوخشاش تاقىلداپ قاچاتتى. بىز ئاران دىگەندە ئۇنى تۇتۇۋالدۇق . ئەتىسى دادىسى ئۇ بارماقنى قۇمغا ئاپىرىپ كۆمۈپ قويدى. بۇ يەردە يەنە باشقا قەبرىلەرمۇ بار ئىدى . ئەمدى بولسا تېخىمۇ كۆپ قەبرىلەر قوشۇلدى. بۇ قەبرىلەر ئېگىز-پەس، چوڭ-كىچىك بىر توپ يىللىقلاردەك نامايان بولاتتى. ئۆيىمىزنىڭ شىمالىدا يامغۇردىن كېيىن غۇۋا كۆرىنىدىغان تاقىرتاغلار سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇ ئۆي مەندە ئانچە سېغىنىش كەيپىياتى پەيدا قىلالمايتتى (ئۆيدىن ئايرىلغىلى توپتوغرا 10 يىل بولغانىدى. ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولمىغاندىمۇ سېغىنىشىم ناتايىن ئېدى ). ئۆيگە قايتىش بىلەن باشقا بېرىشمۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. مەن بۇنى يالغۇز دەرەخ تۈۋىدە تىنىق ئاسمانغا قاراپ ياتقاندا ھېس قىلغانىدىم. بىر نەچچە يوغان چىۋىن بۇ ئەتراپنىڭ جىمجىتلىقىغا ئۈزلۈكسىز، پۈتۈن ھەركىتى بىلەن تاقابىل تۇرىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەكسىچە تېخىمۇ زېرىكىشلىك كەيپىيات پەيدا قىلىپ قويۇۋاتاتتى. نېرىقى گۈللۈكتىن ئىككى بالا كېپىنەك ياكى يىڭناغۇچتەك بىر نىمىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ يۈرەتتى. ھەر قېتىم سەپەرگە چىققاندا بۇ تاقىر تاغلار مېنى تېخىمۇ يالغۇز قالدۇراتتى. شۇنداقتىمۇ ئېنىقكى، ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ناتونۇش يەرلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن كۈنلەردە ئاشۇ مىسكىن تاغلارنىڭ ئېچىنىشلىق مېھرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتەلمەيتتىم. مەن نەم چۆپلۈكتە سوزۇلۇپ ياتاتتىم. ئادەمدە ئارتۇقچە ئەسلىمە مەجبۇرىيتىمۇ، زىيادە خۇشاللىقمۇ بولمىسا بىر تال چېكپ ياكى مۇنۇ دەرەختەك ياشىسا دەپ ئويلايتتىم. بىمالال ئۇخلاۋاتقان قىزنىڭ چاچلىرىنى سىيلىغاچ، بېشىم زىڭىلداپ ئاغرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تېنى ئاق ھەم يۇمران ئىدى. مېنىمۇ بەكلا ئۇيقۇ بېسىپ كېتىۋاتاتتى . قىپقىزىل قان ئاپئاق بەدەننىڭ سىرتىغا ، كىيمىگە بۇخسۇپ چىقىۋاتاتتى. مېنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قوبۇل قىلماقچى بولغانلىرىممۇ ئەرزىمەس، بىمەنە تۇيۇلاتتى. مەن ناھايىتى ھارغىن، خامۇش ھالدا كۆكرىكىمدىن بۆسۈپ چىقىۋاتقاندەك كۆڭلۈم ئوغۇيتتى. بىر خىل بېسىم ئاستىدا ھورۇنلۇق بىلەن چۈش داۋام قىلاتتى. قان بىر نەچچە كۈن توختىماي كىلەتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق ئۆلۈپ كەتكەنىدى.
    3
    بەدرەڭ يول كېلەڭسىز بىنالارغا، ئاپتاپ چىقىپ تۇرغان سايلىققا، پاسكىنا، خىرە قىمىرلىشىپ تۇرغان بازارغا تەلۋىلەرچە ئۇرۇلۇپ ئىچكىرلەپ بارىدۇ. پويىز ئۆتكەلدە ئالتە سائەت توختايدۇ. شۇ ۋاقىتقا بارغاندا يىگىت ئۆزىنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ قىزغىنلىقتىن كۆرە نائىلاجلىقتىن، يەنىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا ھاقارەت تۈپەيلى بولىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم خىيال قىلىدۇ ۋە بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ .
    4
    سىز چۈشىنىسىزكى، بىر ئادەمنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز-ئۆزىگە تەۋە بولىشىنى قالتس ئامەت دېيىش كېرەك. چۈنكى سىز ھېچ بولمىغاندا بىرەرسىنىڭ ئۇكىسى بولىشىڭىز ياكى گەپ–سۆزلىرىنى كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرۈپ تاقەت قىلىپ بولمايدىغان بىرەر قۇچقاچ تىللىق بىلەن بىر ئاشخانىدا بىرەر يىل ئىشلەپ قىلىشىڭمۇ مۇمكىن. ھەتتا خىيالىدىلا ئەمەس، چۈشمۇ پەقەتلا شۇ ئادەمگە تەۋە بولىشى ناتايىن. ھېچ بولمىسا مېنىڭ نەزىرىمدە شۇنداق، 42 كۋادىرات مېتىر مۇتلەق دائىرە ئىچىدە قانداقتۇر ئىزچىل چەكسىزلىكنى ھېچقانداق كاشىلىسىز، سۈزۈك خىيالنى ۋە گۈزەل بىر چۈشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولسۇن؟ ئەلەمدىن بوغۇزۇم شۆلگەيسىز غۇرتۇلدايتى. تۆت تام، تورۇس، ئىشىك، ئىشىكنىڭ ئاجىراپ كېتەي دېگەن تۇتقۇچى ۋە گۈنسىز دېرىزە قورۇلۇپ خۇددى سۈنئى تالالىق كىيىمدەك بەدىنىمگە سۈركىلىپ چىڭ چاپلىشىپ قېلىۋاتاتتى. تولغىنىپ جان-جەھلىم بىلەن ۋارقىراپ ئويغىنىپ كەتمەكچى بولساممۇ ئاۋازىم چىۋىن قانىتى ۋىڭىلدىغاندەكلاچىقىۋاتقانلىقىنى ئىدراك قىلاتتىم. چۈش رەھىمسىزلەرچە داۋاملاشماقتا. يەنە ھېلىقى قەبرىستانلىق، گۆر ئالدىدا نېمە قىلىشنى بىلمەي قېقىلىپ –قېقىلىپ، تۆكۈلۈپ تۇرغان قىز، پارىلداپ قۇتلۇق نۇر چېچىپ تۇرغان مۇقەددەس قۇياش...
    بۇ نۇرنى قاچان ئۇنتۇپ قېلىشىمنى ۋە قاچان توي قىلىشىمنى بىلمەيمەن. سەن بەدەل تۆلەشكە رازى، ئەگەر ئۇ قوبۇل قىلىنىدىغانلا بولسا. بىراق كىم ئۆزىنىڭ نىمىگە بەدەل تۆلىشى لازىملىقىنى نەدىن بىلسۇن؟ توي تەقەززاسى پەرۋانىنىڭ ئاتەشكە ئۇرۇلغىنىدەكلا ئۆلۈم ھەۋىسىدىن ئىبارەت، خالاس. كۆيگەن قانات، سۆيۈلگەن لەۋ، ئاققان دەريا كۆكلىمەيدۇ. ئۇزۇن كېچىلەردە خىياللارنىڭ نېرۋىلىرىمغا رەھىمسىز تۈردە زورلۇق قىلىشلىرىنى سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزىمەن. بىراق بۇ ئۆمۈچۈكنىڭ تور توقۇشىغا ئوخشىمايدۇ. ياتاقنىڭ غول بۇلىڭىدا بىر ئۆمۈچۈك تورى بار. لېكىن ئۇنىڭغا بىرمۇ چىۋىن چۈشمىدى. مەن دائىم قارايمەن. قارىغانسېرى ھودۇقۇپ كېتىمەن. چۈنكى مەن چىۋىنلەرنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرىۋەتتىم. مەن ئۆمۈچۈك ئالدىدا كۆپ خىجالەتمەن. ئۇ مېنىڭ بېشىمغا ئۇدۇللاپ ئۇزۇن بىر تور چۈشۈردى. تور توختىماي سۇس تەۋرەپ تۇرىدۇ. تور ئانامنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى بارماقلىرىدەك تىترىمەكتە. تاغام قوغۇنلارنى ئاجايىپ ئوخشىتىدۇ. شەبنەمدە يېرىلىپ كەتكەن قوغۇندىن تازا بىر يەڭ، بارغانسېرى ئۇيقۇ باسىدۇ. ئاندىن چىۋىنلەر يالىڭاچ، ساغلام بالىلارنىڭ ئېغىز-بۇرۇنلىرىنى ھەتتا بۇرۇن تۆشۈكلىرىنىمۇ ئالا قويماي يالاشقا باشلايدۇ. مەن چىدىيالماي قالىمەن. گويا چىۋىن ئۇلارنىڭ يېقىن دوستىدەك. چۈش بەخىرامان داۋاملىشىدۇ. ياق! مانا ئەڭ ئاخىرقى بىر چىۋىن پالىقىم ئاستىدا خاتىمىسىنى كۈتىۋالدى. كېرەك يوق، ئۇنىڭ يىرگىنىشلىك قېنىنى ھازىرلا سۈپۈرۈپ تاشلاپ كەيپىياتىمنى تەڭشىۋالىمەن. بۇ ئۆمۈچۈك چوقۇم خۇدانىڭ ئەڭ يېقىن سەۋرى-تاقەتلىك پەرىشتىسى. مېنىڭ ئۇنى يەنە بەزلىگۈم كېلىدۇ. چۈنكى مەن بەزلەشنىڭ نىمىلىكىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ قىزلىقىنى يوقاتقانچىلىكمۇ ئىش ئەمەس. قىزلىق قېنى بالىياتقۇغا ئوخشاشلا مۇرەككەپ بىر تۈگۈن. مەن چىۋىنلەرنى قوغلاپ بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈپ كۆپىرەك قان چىقىرىشقا ئۇرۇنىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئەكسىچە مەندىكى بىئاراملىق تۇيغۇسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ .
    دېرىزە ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىز غىدىقىمنى كەلتۈرۈۋەتتى. مەن بولۇشىچە ھاراق ئىچتىم. ھاراق ئايالنىڭ بىر تەرىپى. يەنە بىر چىۋىن زېرىكىشلىك گىژىلدىغىلى تۇردى. ئەڭ ئاخىرقى دېرىزىمۇ يۈزىمىزگە يېپىلدى. سائەتنىڭ چىكىلدىشى بىرەر قىزنىڭ ئەجىلى توشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېچە تولماقتا. باش ئاغرىش مەڭگۈلۈك ئىش ئەمەس، ئىسمىڭنى يۆتكىۋەتسەڭلا بولغىنى .
    5
    پويىز شەرىقتىن غەربكە داۋاملىق ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇ بۇ ئالتە سائەتلىك بېكەتتە قاراملىق بىلەن چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئاشۇ كۈنى كېيىكتەك شوخ زىل قىزنىڭ ئوقيادەك كىرپىكلىرىنى، مەرمەردەك نۇرلۇق ماڭلىيىنى كۆرگەندە، ئەمدى ئىككى جۈپ تۇمۇچۇق ھەققىدە خىيال قىلىشنىڭمۇ بىھۇدە بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەردەم قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشتىن خالى بولالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدى.
    6
    كۈن، ئاي، تۆت تام ۋە خىيال تەمكىن، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۇنى غاجىماقتا. دەل شۇ چاغدا بىر پەرۋانە ئەينەككە ئۇرۇلدى. ھاراقنىڭ پەيزى بار جۇمۇ. ئوت كۆيمەكتە. پەرۋانىنىڭ ئۆلمەي قېلىشىنى تىلەش تولىمۇ نۇمۇسسىزلىق. بۇ كېچىدە ھاراق ئادەمنى مەست قىلالمايدۇ. بۇ يەردە مېڭىنىڭ ساقچى ماشىنىسىغا ئوخشاش غۇڭۇلدىشىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىش ھەل قىلىۋاتقىنى يوق. مەھەللىدىكى ئىتلار كۈندۈزىمۇ قاۋايدۇ. قوشنام ئەخلەت تۆككىلى ماڭدى. ھەر جۈمە كۈنى تۆتتىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە مۇنچىغا بېرىشقا ئادەتلىنىشمۇ ئازاب. بوۋاقنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىمۇ ۋاقتى كەلگەندە بىر ئەر ئۈچۈن ھېچنىمىگە ئارا تۇرالمايدۇ. مەن ئاجايىپ مۇھەببەتلىك ئۆتكەن ياش ئەر-خوتۇنلارنى كۆرگەن. سەھەردە مۇنچىدىن چىققاندا سۇلار ئارا تامدىن ئۆتۈپ ئىشىك يوچۇقىدىن ياتىقىمغا سىرغىپ كىرىپ مېنى تۇنجۇقتۇرىۋېتىدۇ. ۋەھىمىلىك بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ئۇزۇندىن–ئۇزۇن قىينىلىپ تۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە ئەتىسى ھېچكىم ناشتا قىلمايدۇ. تېخى تۇغۇلمىغان بالىلارمۇ چاچىراپ كېتىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلىدۇ ...
    «تەڭرىتاغ» نىڭ 1998-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى
    مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىشىك ئورمان ئادەم