شەنبە بازارنىڭ ئوتى(ئابدۇكېرىم قادىر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 02:37:17

شەنبە بازارنىڭ ئوتى(ھېكايە)ئابدۇكېرىم قادىر1كۆيۈك ئاپتاپ ئۆچتى. ئىسسىق شامال بۇغدايلىقتىن سۈرۈپ كەلگەن بۇلۇقما ئىسسىق كىشىنىڭ نەپسىنى سىقاتتى.بوۋاينىڭ دىمىقىغا پىشىپ ۋايىگە يەتكەن باشاقلارنىڭ...

    شەنبە بازارنىڭ ئوتى(ھېكايە)
    ئابدۇكېرىم قادىر


    1

    كۆيۈك ئاپتاپ ئۆچتى. ئىسسىق شامال بۇغدايلىقتىن سۈرۈپ كەلگەن بۇلۇقما ئىسسىق كىشىنىڭ نەپسىنى سىقاتتى.
    بوۋاينىڭ دىمىقىغا پىشىپ ۋايىگە يەتكەن باشاقلارنىڭ ھىدى ئۇرۇلدى. بۇ ئەسلىدىنلا تونۇش ھىد ئىدى. بوۋاي قولىنى پېشانىسىگە سايىۋەن قىلىپ، پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ ئاداققى نۇرلىرىدا ئۆينىڭ ئالدىدىكى بۇغدايلىققا نەزەر تاشلىدى. كۆز يېتىم يەرگىچە تۇتاشقان بۇغدايلىقتىكى ئالتۇن باشاقلار شەپەق نۇرىدا كۆز چاقنىتاتتى. راست، ئەمدى بۇغدايغا ئورغاق سالىدىغان چاغ كېلىپ قالغانىدى.
    لېكىن، بۇ بالىنىڭ بۇغداي ئورىدىغان ئورغىقى تۈگۈل ئۆزىنىڭ دىدارىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى، مۇشۇ كەمدە... بوۋاي ھاسىسىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇردى. يەڭگىل قەدەملەر بىلەن يولغا چىقىپ يىراقلارغا زەڭ سېلىپ قارىدى. يولدا يات ئادەملەردىن ئۆزگە بىر كىم كۆرۈنمەيتتى.
    — ئوغلۇڭلىغا نېمە بولدى، خوتۇن؟— بوۋاي ھويلىغا يېنىپ كىرىپ پېشايۋاننىڭ نېرىقى بۇلۇڭىدىكى ئوچاق ئالدىدا ئوت پۈۋلەپ ئولتۇرغان مومىيىغا قارىدى. موماي تۈتۈن دەردىدە ياشلانغان كۆزلىرىنى ئاق شايى رومىلىنىڭ بىر ئۇچى بىلەن سۈرتۈپ بوۋايغا يۈزلەندى.
    — ھېچ ئىش بولماس ئىلاھىم، بارغان يېرىدىن يانىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى.
    — ئۇ نوچى بۇ ئۆينىڭ ئادىمىمۇ، ئەمەسمۇ، نەگە باردى، نەدىن كەلدى، ھېچنېمىسىنى بىلگىلى بولماس بولۇپ كەتتا، ئەجەب؟!— ئاستا-ئاستا يېيىلىپ كېلىۋاتقان گۇگۇم قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە بوۋاينىڭ تۇتۇلغان چىرايى ئاچچىقتىن قارىدىدى، قىرقىپ ياسىتىۋالغان كەكە ساقىلى تىترەپ كەتتى.
    — ئۇنى بىر دېمىسىلە، خۇيى تۇتقان توپاقتەك تۈگۈلۈپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغاننىڭياقى مەنمۇ ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان بولدۇم ئۇ بالىدىن، ئەجەبمۇ بىر... قاچانلا قارىسا چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيىغان، ئىش-ئەمگەكتە چاققان، كىشىنىڭ ئاچقان يېرىگە بارىدىغان بالىدى، ئۇ.
    — نېمە بولغاندۇ،— بوۋاي يۆتىلىپ قېقىلىپ كەتتى،— گېپىمۇ ئازلاپ ئادەمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈرىدىغان، بىكار بولسىلا ئاشۇ شەمبازا ① (شەنبازا — شەنبە بازار دېمەكچى.) دىن ئەكەلگەن غونجىننىڭ ئوت-چۆپ يېيىشىگە، مۆرەشلىرىگە قاراپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
    — راست دەيلا، مەنمۇ ئۇ بالىنىڭ ئاشۇ كالىغا گەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم.
    — ئۇ ئاشۇ غونجىنغا«سارىخان» دەپ ئىسىم قويۇۋاپتۇ.
    — توۋا،— بوۋاي ئاق خەسە يەكتىكىنىڭ ياقىسىنى تۇتتى. ئۇنىڭ غونجىنغا قاراپ غەزەل ئوقۇغىنىمۇ قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. «سارىخان ئوتۇڭ يامان، كۆيدۈرۈشۈڭ ئاندىن يامان...» بىز ئۇنىڭدەك ۋاقتىمىزدا بۇ غەزەلنى قىزلارنىڭ بېغىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئوقۇغان. بۇ كەمنىڭ ياش بالىلىرى زە...
    — نېمە بولدىكىن، بۇ بالىغا،— موماي يەنە شايى رومىلىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى،— يېمەك-ئىچمىكى ئازلاپ، ئىككى قوۋۇزى كۆرۈنۈپلا قالدى. ئۇيقۇسىمۇ ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ.
    — شەنبازالىقنىڭ باخشىسى يامان دەپ ئاڭلىۋىدىم، ئىسسىتقۇ قىلىپ بېشىنى چۆرگىلىتىۋالغان چېغى!— ھاسىسىنى قويۇپ سۇپىنىڭ لېۋىدە ئولتۇرغان بوۋاي غۇۋا يېنىپ تۇرغان ئېلېكتر چىرىغىنىڭ يورۇقىدا ئالدىغا داستىخان سېلىۋاتقان موماينىڭ قورۇقلار ئىچىدىكى نۇرسىز كۆزلىرىگە تىكىلدى،— بۇنداق كېتىۋەرسە قاراپ تۇرۇپ كۆتەكتەك بىر ئوغۇل كاردىن چىقىدۇ... كونا ھويلىنىڭ ئالدىدىكى چىنار ئېسىڭلىدىمۇ، سايىسى ئىشىك ئالدىغا بىر كېلىدىغان ھېلىقى چوڭ چىنارنى دەيمەن. بىز يېڭى ھويلىغا كۆچكەندىن كېيىن كونا مەھەللىگە سۇ كەلمەي شۇ چىنارمۇ بىر يازدىلا قۇرۇپ كەتتى. تەشنالىق دېگەن ئاشۇنداق يامان نەرسە...
    — قانداقمۇ قىلارمىز ئەمدى،— موماي ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى،— راستتىنلا ئىسسىتقۇ قىلىپ بېشىنى ئايلاندۇرۇۋالغان بولسا، ئوغلۇمنى ساراڭ قىلىۋېتىدۇ ئۇ جاڭگاللىق!
    — سەت مىشىلدىماڭلا خوتۇن،— بوۋاينىڭ ئاۋازى بىردىنلا ياش چاغلىرىدىكىدەك قەھرىلىك چىقىپ كەتتى. مېنىڭ پەيلىم بۇزۇلغان كۈنى خەقنىڭ ئىسسىتقۇسىنى بىردەمدىلا سوۋۇتۇپ قويىمەن. قىلغانلىرى ئاخىر بېرىپ ئۆزىگە يانىدۇ!
    — قانداق سوۋۇتىمىز؟— موماي يىغىدىن توختاپ بوۋاينىڭ يېنىغا يۈكۈندى.
    بوۋاي ئاپئاق داستىخاندىكى ئۆرۈك ياغىچىدىن ئويۇلغان قىزغۇچ جامدىكى سۇيۇقئاشنى پۈۋلەپ ئىچكەچ مومىيىغا قىيا باقتى:
    — سىلە تونۇرغا ئوت سېلىپ نان ياقىدىغان چاغدا مېنىڭ تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ بېرىدىغان ئىشىم يادىڭلىدا باردۇ، خوتۇن؟
    — يادىمدا...
    — ھەببەللى! تونۇر دېگەننى ئاشۇنداق خالىغانچە ھاۋىسىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان نېمە. بىزگە لازىم بولىدىغان تونۇرنىڭ ھاۋىسى مىجەزىمىزگە ياقسا نېنىمىزنى ياقىمىز، مىجەزىمىزگە ياقمىسا، بىر چاڭگال تۇزنى شاللاپ ئىچىگە بولۇشىچە بىر چاچىمىز، قىزىغان تونۇر شاپپىدە سوۋۇيدۇ. ئۇنداق تونۇرغا نان ياققان بىلەن بەرىبىر تۇتمايدۇ، ھاھ-ھاھ... ھا-ھا-ھا-ھا...— بوۋاي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. كۈلۈپ بولالماي، يۆتىلىپ كەتتى.
    — نەدىكى گەپنى قىلىپ يۈرىدىغانلا دادىسى. بۇ گەپنىڭ ھېچنېمىسىنى ئۇقالمىدىم.
    ئاق ساقال يۆتەلدىن توختاپ يۇمۇلغان كۆزلىرى ئېچىلدى.قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن يول تاپقان يولۇچىدەك پۈكۈلگەن قەددىنى رۇسلىدى.
    — ئازنا ئاخشاملىققا، ئىنس-جىنغا تۇيدۇرماي پاتمىخاننىڭ ئۆيىگە بارايلى.
    — يالغۇز تۈگمەندىكى پاتمىخان بۈۋىمنىڭكىگىما؟
    — ھەئە، ئاشۇ چىمكەشچى خوتۇننىڭكىگە.
    — قانداق قىلىمىز؟
    — بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ بولغۇچە، نېمىگە كەلگەنلىكىمىز كۆڭلىگە ئايان بولارمىش. چار ئارغامچىنى بوينىغا سېلىپ بوغۇلۇپ تۇرۇپ، قانداق سەۋەب قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بېرەرمىش.
    — توۋا، دېسىلە!
    — ھازىر توۋا قىلىشنى قويۇڭلا، خوتۇن. ئىشقىلىپ شەمبازالىقنىڭ تونۇرى بەك قىزىپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. ۋاقتىدا سەۋەب قىلىپ ھاۋىسىنى ياندۇرۇۋەتمىسەك، بىكاردىن-بىكار ئوغلىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز.
    — لېكىن... ناۋادا شەمبازالىقنىڭ باخشىسى ئەر باخشى بولۇپ قالسا، پاتمىخان بۈۋىم ئۇ باخشىغا تەڭ كېلەلەرمۇ؟
    —...

    2

    «سارىخان ئوتۇڭ يامان،
    كۆيدۈرۈشۈڭ ئاندىن يامان.»
    دىمىقىدا غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ كېلىۋاتقان سىيىت چوڭ بازاردىن يېنىپ، بەسلىشىپ چېپىشىپ كېتىۋاتقان ئېشەك ھارۋىلىرىنىڭ بىرىگە سۆڭگىچىنى ئارتىۋالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۆزى ھارۋىدا بولغان بىلەن كۆڭلى شەنبەبازاردا، سارىخاندا قالغانىدى.
    «— دادام ئاشۇنداق جاھىللىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ دېگەن يېرىگە ئاپىرىمەن دېسە، ئاخىر ساقىلىنى يۇلۇپ، ئۆزىنى كاچاتلاپ قالىدۇ،— سىيىت چوڭ خىيالغا پاتتى،— مەندىنمۇ تايىنلىق قۇتۇلىدۇ. لېكىن ئاشۇ بىچارە ئانامنى دېسەم ئالدىراپ تەۋەككۈلچىلىك قىلغۇم كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ يىغلاپ قېلىشىغا چىدىمايمەن...»
    سىيىت چوڭ سامۇق بوۋاينىڭ كەنجى ئوغلى ئىدى. دادىسىنىڭ قىران چاغلىرىنى دورىغاندەك گەۋدىلىك، ئۇستىخانلىق چوڭ بولغان بۇ يىگىتنىڭ خېلىدىن بېرى ئايىغى ئېچىلىپ قالدى. يىگىت شەنبە بازاردىكى سارىخانغا كۆيۈپ قالغانىدى. شەنبە بازارغۇ سىيىت چوڭنىڭ يۇرت-مەھەللىسىگە يېقىنمۇ ئەمەس، ئەمما «نىكاھ غايىب» دېگەندەك، ئارىنى ئادەمزاتسىز بىر جاڭگال ئايرىپ تۇرغان بۇ ئىككى يۇرتلۇق توساتتىن بىر-بىرىگە باغلىنىپ كۆرۈشكۈسى كېلىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالدى.
    جاھان ھۈپپىدە گۈل-چېچەككە پۈركەنگەن شۇ كۈنى سىيىت چوڭ جاڭگال ئاتلاپ شەنبە بازارغا بارغانىدى. ئۇ خېلىدىن بېرى شەنبە بازاردا چارۋا-مالنىڭ ئەرزانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەنىدى. ئىككى يىلچە ۋاقىتتىن بېرى يۇرت-مەھەللىدىكى ئۇلاغ ئېلىپ-ساتارلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ چارۋا-مال سودىسىغا كۆزىنى پىشۇرغان بۇ يىگىت يېقىندىن بېرى ئۆز ئالدىغا چارۋا-مال سودىسىغا كىرىشىۋالغانىدى. يۇرتتا مۇشۇنداق بىر پۇتى ئېتىز-ئېرىق ئىشىدا بولسىمۇ، بىر پۇتى بازاردا يۈرگەنلەرنىڭ ھال-ئوقىتى يامان ئەمەس ئىدى. پەقەت يەر بىلەن چارۋا-مالغىلا قارىۋالغانلارنىڭ  كۈنى قاق ئىدى. سىيىت چوڭ بازار يولىغا ماڭغاننىڭ بۇ تەرىپىدە بىلدىكى، دېھقان خەق دېگەن يەر تېرىپ چارۋا-مال بېقىشنى بىلگەن بىلەن ئېلىپ-سېتىشنى بىلمىسە چاپىنى تىزىدىن، ئىشتىنى ئوشۇقىدىن ئاشمايدىغان گەپ ئىكەن. دادىسىمۇ ئۇنىڭ باشقا ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغان بىلەن بازارغا چېپىشىنى توسىمىدى. ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشىنى  قىلغاچ كۆزىنى پىشۇرسۇن دېدى. لېكىن، ئادەم قېرىغاندا ھەممە ئىشتىن ئەنسىرەپلا يۈرەمدىكىن قانداق، يىگىت بازاردىن سەللا كەچ قالغۇدەك بولسىلا دادىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. قايتىپ كەلگەندە بولسا ساقىلىنى تىترىتىپ تۇرۇپ بىرمۇنچە كايىپ كەتكەن...
    — قاراڭغۇدىن قورقان دەمدەردەك ئۈنۈڭلا ئىچىڭلىگە چۈشۈپ كەتتىغۇ، سىيىت نوچى؟— سىيىت چوڭنى ھارۋىسىغا سېلىۋالغان تونۇشى ئېشىكىنى تولا سانجىپ زېرىككەندەك يىگىتنىڭ ئاغزىنى تاتىلىدى.
    — قورققان؟ قىزىق گەپ قىلدىكەنلا ئاكا،ئېشەكتەك ھاڭرىغاچ ماڭامدىم ئەمىسە!— تونۇشىنىڭ گېپى سىيىت چوڭغا ئانچە ياقمىدى. قورقۇش دېگەن سۆز بۇ ياشتىكى يىگىتلەرنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ ئىدى.
    — ھاڭرا، ھازىر ھاڭرايدىغان ۋاقتىڭ سېنىڭ،— ئاي قاراڭغۇسىدا چىرايىدىكى ئىپادىنى بىلگىلى بولمايدىغان تونۇشى چالا كۈلۈپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،— جاڭگالدا ھاڭرىغان ئېشەك كەنتتە ھاڭرىيالمامدۇ يا؟
    تونۇشىنىڭ سۆزلىرىدىن يوشۇرۇن بىر مەنىنى سەزگەن سىيىت چوڭ جىمىپ قالدى. بۇ ئاكام، نېمەنداق ساماننىڭ تېگىدىن سۇ قۇيىدىكىنە؟ شەنبە بازاردا سارىخان بىلەن بىللە يۈرگىنىمنى كۆرۈپ قالدىمۇ، يا! دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى. راست، ئۇلار بۈگۈن شەنبە بازاردا يەنە كۆرۈشتى. بازارنىڭ ئايىغىدىكى ساي ئۆستەڭنىڭ بويىدا ئۇزاق پاراڭلاشتى. كۆڭۈللىرىدىكى گەپلىرىنى دېيىشىۋالدى...
    كۈپنىڭ ئىچىدەك قاراڭغۇ ئاسمانغا ئاي كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. سىيىت چوڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئايغا نەزەر تاشلىدى. قېلىپتا قۇيۇۋالغاندەك يۇمۇلاق، كۈمۈش لېگەندەك نۇرلۇق، بىر ساڭىلا نۇر بېرىۋاتقاندەك... يىگىتنىڭ كۆز ئالدى يورۇپ كەتتى. ۋۇجۇدى تاتلىق بىر تۇيغۇدىن سۆيۈندى.
    — شەنبە بازاردىن  مال ئالماپسەنغۇ نوچى؟— تونۇشىنىڭ گېپى يەنە سىيىت چوڭنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى.
    — ئېپىدە مال ئالالماي قالدىم، ئاكا.
    — كىشىنىڭ كۆزىنىڭ  يېغىنى يېگۈدەك بىر غونجىننى ئەگىپ يۈرمەمتىڭ؟
    سىيىت چوڭ قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى. دوپپىسىنى قولىغا ئېلىپ، بۇغدىيى يېڭىلا ئورىۋېلىنغان ئېڭىزلىقتەك ئازراقلا ئۆستۈرۈۋالغان قويۇق چاچلىرىنى تاتىلاپ، بۇ قوش بىسلىق سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش ئۈستىدە ئويلاندى:
    — ئەگىپ يۈرگەننىڭ ھەممىسى بىلەن كېلىشكىلى بولمايدىكەن. سودا قىلالمىساق مۇشۇنداق قۇرۇق قوللا بازاردىن يانىدىغان گەپ ئىكەن شۇ!
    — كېلىشكەنسەن،— تونۇشى ئېشەكنى سانجىپ قويۇپ سىيىت چوڭغا بۇرۇلدى،— سېنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ، يۇرتىمىزدا تۆتنىڭ بىرى بولغان سامۇقكامنىڭ نوچىسى تۇرساڭ. يەنە كېلىپ ئۆزۈڭمۇ قاش-كۆزۈڭ جايىدا، كېلىشكەن يىگىت بولدۇڭ.
    دادىسىنىڭ تەرىپلىنىشى سىيىت چوڭغا ياقتى. لېكىن، سارىخان بىلەن بولغان ئىشنى ھازىرچە مەھەللە-چاقادىكىلەرگە بىلدۈرگۈسى يوق ئىدى. ئۇنىڭسىزمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دادىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنى تىرىك يۇتۇۋەتمىدى، ئاندىن باشقىسى بولدى. يىگىت ئۈندىمەي، جىممىدە ئولتۇرۇپ ئايغا قارىۋالدى.ئاسماندا پارلاپ تۇرغان ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئاينىڭ مېھرى بەك  ئىللىق ئىدى. ئاي پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆكتە ئۈزەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇر چاچاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈن قاراڭغۇسىنى ئايدىڭ پەيزىگە چۆمدۈرەتتى...
    — ھېلىقى غونجىننى سېتىپ بولدۇڭمۇ؟— يىگىتنىڭ ئىشىق-مۇھەببەت سۆزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان تونۇشى گېپىنى رەسمىي  ئۇلاغ سودىسىغا بۇرىدى.
    — قايسىسىنى، ھېلىقى  ئالىسىنىمۇ؟
    — ياق، ئاق قاشقىلىقنى دەيمەن.
    — ساتمىدىم، ئۇنى ئۆزۈم باقىمەن.
    — سېتىپ قالساڭ خېرىدارى مەن جۇمۇ، ئۇكام، نەسلى ئاجايىپ خىل ئىكەن.
    — ھەئە، ياخشى يېتىشتۈرۈلگەن نەسىل... مال دوختۇرخانىدىكى تېخنىكلار كۆرۈپ ماختاپ كېتىشتى. نىشانلىق باشقۇرىمىز دەپ مەخسۇس خاتىرە تۇرغۇزدى. شۇڭا ئۆزۈم بېقىۋاتىمەن.
    — يەنە بىر دەپ قوياي، سېتىپ قالساڭ مېنىڭ جۇمۇ! تېگىشلىك پايداڭنى بېرىپ ئالىمەن.
    — ئۇ غونجىن قولۇمغا تەستە كىرگەن، ھەرگىز ساتمايمەن!
    سىيىت چوڭ «ئۇ غونجىن مېنى سارىخانغا ئۇچراشتۇرغان، ئۇنى سارىخاننى كۆرگەن كۆزۈمدە كۆرىمەن» دەپ تاشلاشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ قالدى.
    سىيىت چوڭ قوتىنىدا بېقىۋاتقان ئاشۇ غونجىننى ئويلىسا، يۈرىكى ئادەتتىن تاشقىرى سوقىدىغان بولۇپ قالغان ئاشۇ كۈننى پەقەت ئۇنتۇيالمايدۇ.
    ئىزغىرىن شامال چىقىپ تۇرغان ئۇ كۈنى يەر-جاھاندىن سۇس توپا ئۆرلەپ تۇراتتى. ساۋۇت چوڭ ئاپتوبۇس بىلەن شەنبە بازارغا كەلدى. ئۇلاغ بازىرىنى  ئايلىنىپ يۈرۈپ كۈن قوزا چۈش بولغاندا، غىلتاڭ قۇم، توپا-تۇمان ئۆرلەپ تۇرغان بازاردا ئاق قاشقىلىق غونجىنغا كۆزى چۈشۈپ قالدى. بۇ غونجىننىڭ باشبېغى ھارۋا ماللىرىنى بازارغا سېلىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىشىنىڭ قولىدا تۇراتتى. غونجىننىڭ نەسلىنىڭ خىللىقىنى بايقىغان يىگىت ئەمدى ئۇنى ساتماقچى بولغان كىشىگە سەپسالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا شاپاقدوپپىسىنى قىستۇرۇپ كىيىۋالغان سىم بۇرۇت بىرى تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ تۇراتتى. سىيىت چوڭ ئۆزىنىڭ سودىغا كىرىشكەندىكى ئادىتى بويىچە «بۇ ئادەم بىلەن كېلىشكىلى بولارمۇ» دەپ ئويلىدى. كېيىن بىر-ئىككى ئېغىز گەپ سوراپ بېقىپ، بۇ كىشىنىڭ چارۋىچى ئەمەس، ئۆزىگە ئوخشاش ئېلىپ-ساتار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى ھەم «بىدىكتىن ئۇلاغ ئېلىپ نېمە پايدا چىقار» دەپ ئويلاپ، بو سودىدىن ۋاز كەچتى. ئەمما سىيىت چوڭ شۇ كۈنى ئوڭغۇل-دوڭغۇل بازارنى نەچچە ئايلىنىپمۇ ئېپىدە بىرەر  سودا قىلالمىدى. ئەسلىدە مالنىڭ خىلىنى ئېلىپ ئۆگەنگەن يىگىتنىڭ كۆز ئالدىدا ئاق قاشقىلىق غونجىن توغرا تۇرۇۋالغان، باشقا ھەرقانداق مال ئۇنىڭ دىتىغا ياقمىغانىدى. ئۇ شۇنداق قىلىپ ئىچى كۆيگەن مالغا پۇل سانىدى. ۋاقتى كەلگەندە بۇ مالنى ئېپىدە سۇ قىلىشقا كۆزى يەتكەنىدى.
    نامازدىگەر بىلەن بازاردىن چىقىپ، كەيپى چاغ ھالدا ئۆيىگە ئالدىنى قىلغان سىيىت چوڭ يولنىڭ ئاغزىدا بىر كېلىشمەسلىككە يولۇقتى. قول تراكتورنىڭ سەت تاتاتلىشىدىن ئۈركۈپ كەتكەن غونجىن ئۇنىڭ قولىدىن  قاچقانىدى. مىڭ يەتتە يۈز سوم پۇلنىڭ قولدىن قاڭقىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن يىگىت جېنىنىڭ بارىچە كالىنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. ھەممە نېمىدىن ئۈركۈپ چىچاڭلاپ قاچقان شەپشەك غونجىن زىرائەتلەرنى پېتىقلاپ، كەنت-مەھەللىلەرنى ئاتلاپ، كەنت بىلەن قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۈك-باراقسان باغ-ۋاران ئىچىگە كىرىپ كۆزدىن غايىب بولدى. كالىنىڭ قارىسىنى كۆزدىن يىتتۈرمەي، قوغلاپ كەلگەن يىگىت ھاسىراپ-ھۆمىدىگىنىچە بۇ باغ-ۋاراننىڭ ئىچىگە يېتىپ كەلدى.
    باغدا ھۈپپىدە ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرى ئارىسىدىكى ھويلىنىڭ ئالدىدا بىر قىز ئۆزىگە جىلمىيىپ قاراپ تۇراتتى. قىزنىڭ يۈزى كەچكى شەپەق نۇرىغا پۈركەنگەن  ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ بەرگىلىرىدىن قايتقان نۇردا جۇلالاندىمىكىن، ئىشقىلىپ شۇنچە سۈزۈك ھەم نۇرلۇق ئىدى. يىگىت قوغلاپ كەلگەن كالىسىنى ئۇنتۇپ، مەڭدەپ قالدى. باش-كۆزىدىن، پۈتۈن ئەزايىدىن چىپىلداپ تەر قۇيۇلاتتى. يىگىتكە بىر پەس قاراپ تۇرغان قىز بىردىنلا كەينىگە بۇرۇلدى-دە، ھويلىدىن بىر نوگاي سۇ كۆتۈرۈپ چىقتى. كۈپتە سوغۇتقان مۇزدەك سۇ جىسمىغا قايتىدىن كۈچ بەخش ئەتكەن يىگىت «بۇ پەرىشتىمىدۇ، ئادەممىدۇ؟» دەپ قالدى.
    قىز يەنەكىرىپ كېتىپ غونجىننى يېتىلەپ چىقتى ھەم باشبېغىنى يىگىتكە ئۇزىتىپ:
    — بۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپ تالاغا ئاچىقماي باققان مال، شۇڭا ئۈركۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ،— دېدى.
    قىزنىڭ ئاۋازى تولىمۇ سۈزۈك، زىل ئىدى. ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپلا قالغان يىگىت يەرنىڭ تېگىدە سۆزلەۋاتقاندەك پەس ئاۋازدا:
    — سىزنىڭ باققان مېلىڭىزمىدى؟— دەپ سورىدى.
    — ھەئە، بىزنىڭ قوتاندا تۇغۇلغان. دادام ئازراق پۇلغا ھاجەت بولۇپ قېلىپ ئەتىگەن تېخى بازار يولىدا بىرىگە ساتقانىدى.
    — شۇڭا، مۇشۇ ھويلىغا قېچىپ كەپتىكەن-دە! نېمەنداق چېچەن كالا، بۇ؟
    — راست، بەك چېچەن ئىدى. دادام مېنىڭ رايىمغا باققان بولسا، ساتقۇزمايتتىم،— قىز قىيالمىغاندەك كالىغا قارىدى.
    — نېمىشقا؟
    —...
    قىز جاۋاب بەرگۈچە ئۇنى بىرى چاقىرىپ قالدى. ئاۋازىدىن قارىغاندا ئانىسىدەك قىلاتتى.
    — ھە... ھەي... ئىسمىڭىز نېمىدى؟
    — يىگىت ئاپئاق چېچەكلەر ئارىسىغا سىڭىپ كېتىپ بارغان قىزنىڭ ئاۋازىدىن «سارىخان» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىغاندەك قىلدى.
    قىزنىڭ سىماسى كۆرۈنمەي قالدى. شەپەق نۇرى ئۆچتى.
    شۇ كۈنى يىگىت تولىمۇ ھارغىن ھالدا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
    يىگىت غونجىنغا قاراپ سارىخاننى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. سارىخاننى سېغىنغاندا ئاتايىن قوتانغا كىرىپ غونجىنغا قاراپ باقىدىغان بولۇپ قالدى. كېيىن ئۇ غونجىنغا «سارىخان» دەپ ئات قويۇپ قويدى.

    3

    قوش قاناتلىق دەرۋازىنىڭ ھالقىسىنىڭ ئېغىر شاراقلىشى، ئۇيقۇسىز ياتقان بوۋاينى ئورنىدىن تۇرغۇزدى:
    —سىيىت چوڭمۇ سەن؟
    — ھەئە، مەن دادا.
    — قونۇپ قالماي يېنىپ كەلدىڭلىمۇ، نوچى؟— زەنجىرنى شاراقلىتىپ دەرۋازىنى ئاچقان ئاق ساقال سۇس ئايدىڭدا ئوغلىغا تەنە قىلدى.
    — يېنىپ كەلمەي، ئەمىسە...!— ھېرىپ-ئېچىپ كەتكەنلىكتىنمىكىن، سىيىت چوڭنىڭ ئاۋازىغا زەردىلىك ئاھاڭ ئارىلىشىپ كېتىپ قالدى.
    — ما، لاتا غۇژژەكنىڭ گۈركىرىشىنى كۆرۈڭا!— ئاق ساقال بىردىنلا پارتلاپ كەتتى، ئۇنىڭسىزمۇ بوۋاي كەچ كىرگەندىن بېرى ئاچچىقى بېسىلماي، ئۇيقۇسىز ياتقانىدى،— شۇنچە كېچە-كېچىلەپ كېلەلمىگۈدەك نېمە بولدى، شەنبازالىق قىزىق تونۇرنىڭ بېشىدىن ئۆرۈپ قويغان كونا قايماق يېگۈزۈۋەتتىمۇ، يا ساڭا؟!
    سىيىت چوڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىڭ قاتتىق چىقىپ كەتكەنلىكىنى تەن ئېلىپ جىممىدە تۇردى. ئۇ يەڭگىلتەكلىك قىلىپ قويۇپ ئاتىسىدىن قارغىش ئېلىپ قېلىشتىن شۇ قەدەر قورقاتتى.
    — ھە، گەپ قىلە، قېنى ئالغان مېلىڭ؟— بوۋاي ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىشىۋالدى،— ئاكىلىرىغا قارىغاندا خېلى جىگىرى بار ئەركەك بولدى دېسەم، بارغانچە يا ئەندە يوق، يا گەزدە يوق بىر بىرنېمە بولغىلى تۇردۇڭ... نى كۈن شەنبازالىقنىڭ جىنى چاپلاشتى، شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ پۇشتۇمغا ئوخشىمايدىغان بىر بەندىگە ئايلاندىڭ. زۇۋانىڭنى ئاچە، ئالغان مېلىڭ قېنى؟
    سىيىت چوڭ ئۈندىمەي تۇردى. غۇۋا يورۇقتا ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئالامەتنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. شۇ تاپتا بوۋاينىڭ پەيلىدىن ئۈركىگەندەك، ئاسماندىكى ئايمۇ ئۆزىنى بۇلۇتلارنىڭ دالدىسىغا ئالدى. تىل-دەشنام ئىشىتىۋاتقان يىگىتنىڭ جىسمى دادىسىنىڭ ئالدىدا تۇرسىمۇ، ئەس-خىيالى جاڭگال ئاتلاپ شەنبە بازارغا — سارىخانغا كەتتى.
    سىيىت چوڭنىڭ يۈرىكى شەنبە بازاردا، ئۆرۈك چېچەكلىرى ئارىسىدىكى ھويلىدا قالغانىدى. قىزىپ-تەرلەپ تۇرالماي قالغاندا يۈرەك-باغرىنى سەگىتكەن بىر نوگاي سۇ ياشلىق تەپتىدىن يېلىنجاپ تۇرغان ۋۇجۇدىغا ئورنىشىپ قالغانىدى. ئەسلىدىمۇ تېرەك پوتلا باغلىغاندىن بېرى ئوت-كاۋاپ بولۇپ چاڭقاپ تۇرغان يۈرەك، ئوتلۇق كۆزلىرى ئارقىلىق ۋۇجۇدىغا يامرىغان ئارامبەخش تۇيغۇدىن ئالەمچە سۆيگۈنى ھېس قىلدى.
    يىگىت غونجىننى يېتىلەپ شەنبە بازاردىن قايتقان كېيىنكى ھەپتىسى تاڭ سەھەردە يەنە شەنبە بازارغا چاپقانىدى. ئۇ قىزنى يەنە بىر كۆرۈشنى ئويلايتتى. كۆرۈشەلەرمەنمۇ، دەپ ئىزتىراپلىق خىيال سۈرەتتى. خىيال ئىچىدە كېتىۋېتىپ، قىزنى سۈت-قايماقچىلار تاۋاقلىرىنى تىزىپ ئولتۇرغان كوچىنىڭ ئاغزىدا ئۇچراتتى. ئۇنىڭ رىسىق-نىكاھى شەنبە بازار تەرەپتىن ئوخشايدۇ. قىزنىڭ قولىدا تاۋاقلار ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىلغان ئىككى دەستە قېتىق، قايماق بار ئىدى. تارتىنىپ تۇرغان قىز ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ، ئۇدۇل قېتىقچى قىز-چوكانلارنىڭ قاتارىغا بېرىۋالدى. ئوت يېنىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن قىزنى قوغلاپ كېتىپ بارغان يىگىت گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى يالاپ قويدى. ئۇ شەنبە بازارنىڭ قېتىقىنى بەك ئېچىشلىك دەپ ئاڭلىغانىدى.
    قىز قېتىقچى ئادىشى بىلەن يۈگۈرگەنچە ئۆيى تەرەپكە ئۇزاپ كەتتى.
    — ھە... گەپ قىلە، شەمبازالىقنىڭ ئېشەك قېتىقىغا دۈم چۈشكەن ئابدال!
    يىگىت تىترەپ كەتتى. دادىسىنىڭ ئاھانىتى ئۇنىڭ بۇ جېنىدىن ئۆتۈپ ئۇ جېنىدا توختىدى. بۇ دادىنىڭ ئوغۇلغا دەيدىغان گېپى ئەمەس ئىدى. يىگىتنىڭ چىشلىرى لەۋلىرىگە پېتىپ كەتتى. لېكىن دادىسى تېخىچە ئۇنى تىللاۋاتاتتى:
    — سەن جاڭگالنىڭ ئۇ تەرىپىدىن خوتۇن ئىزدىمىسەڭمۇ، ئۆزۈمنىڭ ھوناپ قويغان يېرىم بار، شەمبازادىن كېلىن ئاچىقىمەن دەپ، خەقنىڭ ئالدىدا دوڭغاقلايدىغان ئەخمەق سامۇقاخۇن يوق ھازىر. شەمبازانىڭ يولى ئاللىقاچان ئېتىلگەن! مەن شەمبازالىققا ئۆچ!...
    قۇلىقى سەمرىپ، كۆزلىرى ياشلانغان يىگىتنىڭ خىيالى يەنە سارىخانغا كەتتى.
    — مەن ئۇ چىرايلىق غونجىنغا «سارىخان» دەپ ئىسىم قويۇۋالدىم.
    — نېمە دېدىڭىز؟!— يىگىتتىن قېچىپ ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان قىز ئىختىيارسىز ئورنىدا توختاپ كەينىگە قايرىلدى،— نېمىشقا؟ نېمە دېگىنىڭىز ئۇ؟
    — سىزنى ياد ئېتىپ تۇراي دېدىم. ئۇنى ھەر قېتىم شۇنداق چاقىرسام، سىز كۆز ئالدىمغا كېلىدىكەنسىز!
    — بىزمۇ ئۇنى شۇنداق دەپ ئاتايتتۇق،— قىزنىڭ ئاۋازى تولىمۇ پەس، تىترەڭگۈ ئىدى. ئۆزىمۇ قېچىشتىن توختاپ قالدى،— ئۆيىمىزدە موھتاجلىق بولمىغان بولسا دادام ئۇنى ساتمايتتى.
    — شۇنداقمۇ! مېنىڭ تاللىغىنىممۇ بىكار ئەمەس ئىكەن. شۇڭا، سېتىۋالسام دەپ تالاشقانلارغا بەرمەي، ئۆزۈم بېقىۋاتىمەن.
    — سىزنىڭ كۆزىڭىز مال تونۇيدىكەن،— قىز ئىختىيارسىز يىگىتنىڭ كۆزىگە ئۇدۇل قارىدى. ئەمدىلا ئېچىلاي دېگەن قىزغۇچ ئۆرۈك چېچىكىدەك سۈزۈك چىراي، بۇلاقتەك كۆزلەر، قىياقتەك قاشلار... يىگىتنىڭ يۈرىكىگە ئوت كەتتى:
    — تېپىپ تاللاپتىمەن-دە!
    شۇ كۈنى ئۇ شەنبە بازاردا قىزنىڭ قولىدىن قېتىق ئىچتى. شەنبە بازارنىڭ قېتىقى ئوت-كاۋاپ بولغان يۈرەكنى سەگىتەتتى.
    — قانداق، شەمبازالىقنىڭ قېتىقى ئاغزىڭغا بىرقانداق تېتىمىغاندۇ؟— بوۋاي تېخىچە تەگەۋاتاتتى. ئادەم قېرىغاندا، كۈچ-ماغدۇرىدىن قالغاننىڭ ئەكسىچە، مۇشۇنداق تەرسا، بۇدۇشقاق بولسا كېرەك.
    يىگىتنىڭ چىشلىرى ھېلىمۇ كىرىشىپ تۇراتتى. قاراڭغۇدا كۆرگىلى بولمىغان بىلەن، لەۋلىرى قاناپ كەتتىمىكىن.
    — مۆرىمەيسەنغۇ، بۇقتۇرما توپاق!
    يىگىت بىلەن قىز ھەر شەنبە كۈنى شەنبە بازاردا ئۇچرىشىدىغان بولدى. قىز يىگىتتىن غونجىننىڭ چوڭ بولغان-بولمىغانلىقىنى، يىگىتنىڭ مەھەللىسىنىڭ ئوت، سۈيىگە كۆنگەن-كۆنمىگەنلىكىنى سوراشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. يىگىت قىزنىڭ يېقىملىق كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ غونجىننىڭ بېقىش تاپقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ قوتىنىغا ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بېرەتتى. ھەتتا ئاشۇ جاندارنى «سارىخان» دەپ چاقىرغۇدەك بولسا، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارايدىغانلىقىنى، چاقىرغان كىشىنىڭ ئالدىغا بوينىنى سوزۇپ كېلىدىغانلىقىنى ھېكايە قىلىپ بېرەتتى. «سارىخان» بۇ ئىككىيلەننىڭ دىل رىشتىنى بىر-بىرىگە باغلاپ قويغانىدى.
    كېيىن يىگىت بىلەن قىز «سارىخان»نى بىللە بېقىشقا لەۋزە قىلىشتى. بۇ شەنبە بازاردىكى ساي ئۆستەڭنىڭ بويىدىكى سۆگەت سايىسىدە سارىخان ئاتايىن سىيىت چوڭغا دەپ ئەكەلگەن يېڭى قايماقنى تېتىپ ئولتۇرۇپ دېيىشكەن گەپلەر ئىدى.
    تۈن يېرىملاشقىچە دادىسىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ تۇرغان يىگىت بۇغدىيىكىنى غۇرتىلدىتىپ قويدى، شەنبە بازارنىڭ قايمىقى شۇنداق مەزىلىك ئىدى.
    ئوغلىنىڭ شەنبە بازاردىن خوتۇن تاپقانلىقى بوۋاينى شوپۇڭدا قېقىلىۋتقان قېرى ياڭاقتەك ئۇجۇقتۇرىۋەتتى:
    — خۇدانىڭ ھەققىدە بولسىمۇ زۇۋانىڭنى ئاچە، شۇنچە كەڭ، ئاۋات ئۆز يۇرتتىن خوتۇن تېپىلمىدىمۇ ساڭا؟!
    ... يىگىت ئۈندىمىدى. دادىسى بىلەن تەڭ تۇرۇشقا بولمايتتى.
    — زۇۋانىڭ يەملىشىپ قالمىغاندۇ؟!
    قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ۋاس-ۋۇس قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. دادىسىنىڭ ئامۇت ياغىچىدىن ياسالغان چوقماق ھاسىسى ئوغۇلنىڭ ئوشۇق، پاچاقلىرىدا ئۈللەپ كەتتى.
    — ئەمدى بولار! ئەمدى بولار!— خېلىدىن بېرى بوۋاينىڭ پەيلىدىن قورقۇپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۈندىمەي تۇرغان موماي دوڭغاقلاپ كېلىپ بوۋىيىنىڭ پۇلاڭلاپ تۇرغان ھاسىسىغا ئېسىلدى.
    — مەن گەپ ئاڭلىمايدىغان ما تاكىراڭغا نەسىھەت قىلىۋاتقاندا سىلە نېرى تۇرۇڭلا! باكا تاياقنىڭ چالىسىنى سىلە يەپ قالىسىلە...!
    — مەن خۇش بولۇپ كېتەي،— دېدى موماي يېلىنىپ،— بۇ بالامنىڭ بېشى بەك ئايلىنىپ كەتتى. سىلىمۇ بىر چاغلاردا خەقنىڭ بېغىنى ئايلىنىپ، «سارىخان ئوتۇڭ يامان...» دەپ ناخشا ئوقۇپتىكەنلىغۇ! شۇنىڭغا ئوخشاش تىل-دەشنام، تاياق-توقماق بىلەن يىگىت بېشىنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ. ئاۋۋال، ئەۋەل-ئاخشام سىلى دېگەن ھېلىقى ئىشنى قىلىپ سەۋەب قىلدۇرۇپ باقايلى. ئاندىن...
    قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۈچ گەۋدە جىممىدە تۇرۇپ قالدى. مومىيى ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغانىدى. بىرھازادىن كېيىن بوۋاينىڭ خىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
    — خەر، بوپتۇ، چالىسىنى ئەتىگىچە دېيىشىۋالارمىز...!— بوۋاينىڭ ئاۋازى پۈتۈن مەھەللىنى ئويغىتىۋەتتىمىكىن، ئىتلار قاۋاپ، خورازلار بەس-بەستە چىللاشقا، ئېشەكلەر ھاڭراشقا باشلىدى.

    4

    يالغۇز تۈگمەندىكى پاتمىخان بۈۋىمنىڭ قازنىقى بۇ يەردە ئولتۇرغان كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى. ئىسلىشىپ كەتكەن قاپقارا تورۇس، تورۇستىن ساڭگىلاپ تۇرغان مۈڭگۈز، ئارغامچا-توقۇناق، لاتا-پېتە، تۇغ-ئەلەم دېگەندەك ھەررەڭ-سەررەڭ نەرسىلەر ھەرقانچە قورقۇمسىز ئادەمدىمۇ سۈر پەيدا قىلاتتى.
    پاتمىخان بۈۋىم غەلىتە ئاۋازدا چىرقىراپ بوغۇلدى. موھتاجلىق ئىلكىدە ئۆزىنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ھاجەتمەنلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلىنىپ چۈشىنىكسىز بىرنېمىلەرنى دېدى. ئاندىن جىنچىراغنىڭ غۇۋا يورۇقىدا قارىيىپ كۆرۈنگەن تورۇسقا چەكچىيىپ قاراپ:
    — كې... كې... كېلىڭلار، كېلىڭلار!— دېدى.
    قاتار ئولتۇرغان چوكانلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان سامۇق بوۋاي، نېمە كېلىدىكىن، دەپ چوكانلار بىلەن ئۆينىڭ تورۇسىغا قارىدى.  ئەمما بۈۋىمنىڭ ئاۋازى ئۇنى يەنە ئاغزىغا قاراتتى.
    — كە... كە...كەلدى، كەلدى! مانا، مانا ئې... ئې... ئېرى تالاغا قايلىۋالغان چىما؟
    بۈۋىمنىڭ سوئالىنى ئاڭلىغان دەردمەن چوكانلار بىر-بىرىگە قاراشتى.
    — مەن!— ئارىدىن بىر چوكان بوينىنى شاپتۇل قېقىپ ھاياجانلىق جاۋاب بىلەن ئولتۇرغان يېرىدىن قىمىرلىدى.
    — ئۆ... ئۆيدىن سو... سوۋۇتۇپ، ئۆ... ئۆزىگە ئۆ... ئۆگىتىۋالدى، دە... دەيدۇ.
    — قايداق قىلسام بولىدۇ، ياندۇرۇشنىڭ بىرەر سەۋەبى بارمىكىن؟— چوكان ئۈمىد بىلەن بۈۋىمگە ئىنتىلدى.
    — با... بار، ئالدىرىمىسۇن، دەيدۇ.
    بۈۋىمنىڭ پال ئېچىش، «سەۋەب قىلىش» لىرىغا قاراپ، سامۇق بوۋاينىڭ كۆڭلى بىرئاز جايىغا چۈشتى. باياتىن بېرى بىر توپ ئاياللارنىڭ  ئارىسىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ قالغانلىقتىن پەيدا بولغان خىجالەتچىلىكى بېسىقىپ، ئۆزىنى خېلى ئازادە ھېس قىلدى.
    ئولتۇرغان بىرنەچچەيلەنگە  بىر ھازاغىچە پال ئېچىپ، يول كۆرسىتىپ، ئادەممگەرچىلىكىنى ئالغان بۈۋىمنىڭ چەكچىيىپ تۇرغان كۆزلىرى بوۋايغا قىيا نەزەر تاشلىدى:
    — دە... دە... دە... دەڭلا، بى... بىرنى قويماي دەڭلا... ئايلامنى ئازدى، دەيدۇ. قېرىغاندا قېرى قاتۇق، يۈزى قېلىن كۆيۈك تاتۇق.
    سامۇق بوۋاينىڭ يۈرىكى قوزغىلىپ كەتتى. ئاپئاق ساقىلى تىترەپ كەتتى. كۆز ئالدىدا مومىيىنىڭ يۈزىدىكى كۆيۈك ئىزى پەيدا بولدى.
    — ئا...ئارقا مەھەللىدىكى تې... تېخى خوتۇن يۈزى كۆرمىگەن بۇ... بۇقتۇرمىنى ئۆ... ئۆزىگە ئۆ... ئۆگىتىۋالدى، دەيدۇ...
    ئولتۇرغانلارنىڭ كۆزلىرى بۈۋىمنىڭ ئاغزىدىن سامۇق بوۋاينىڭ ئالاق-جالاق بولۇپ كەتكەن كۆزلىرىگە يۆتكەلدى. بوۋاي تىكەندە ئولتۇرۇپ قالغاندەك بىر ئورۇندا ئولتۇرالماي قالغانىدى. بۈۋىم  بولسا تېخىچە ئۇنىڭغا پال ئېچىۋاتاتتى:
    — ئۇ.. ئۇنى تېخى يا... ياشلىقىدىن قالماپتۇ، دەيدۇ... بۇ... بۇنىڭ.
    — ئالىجوقا جۆيلۈمە، ساراڭ خوتۇن!— بوۋاي ھاسىسىنى شىلتىغىنىچە ئورنىدىن ئىرغىپ قوپتى. بوۋاينىڭ پەيلىدىن قورقۇپ كەتكەن پاتمىخان بىر چىرقىراپ يانغا ئۆرۈلۈۋېدى، جېنچىراغقا قولى تېگىپ كەتتى. قازناقنى گۆرىستان قاراڭغۇلۇقى باستى.
    چىرقىرىشىۋاتقان، قېچىشىۋاتقان مالىمانچىلىقتا تۈۋرۈك، ئىشىكلەرگە ئۈسۈپ دېگەندەك يېنىپ چىققان بوۋاي ئاران تەستە چىغىر يولغا چىقتى. ھارۋىغا تەستە چىقىپ ئېشەككە ئاچچىق بىلەن تاياق سالدى. «تېقىمىنى چايقىمىغان ساراڭ بۈۋى!— دېدى ئۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ،— بوسوغىسىدىن ئاتلاپ بولغۇچە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپارمىش. ئۆتكۈر سەۋەب قىلىپ ھاجەتنى راۋا قىلارمىش، تېخى! ھۇ زۇۋانىغا نېمە كەلسە شۇنى دەيدىغان ساراڭ!
    نومۇس، ئىزا-ئاھانەتتىن ئۇيقۇسى قاچقان بوۋاينىڭ كۆزى يۇمۇلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ ھېچكىم ئاياغ باسمايدىغان كونا تۈگمەننىڭ يېنىغا ماكانلىشىۋالغان پاتمىخاننىڭ گول ئادەملەر ئالدىغا ئەكېلىپ تۇرىدىغان نەق پۇل، توخۇ-تۇخۇم، ھەتتا ئوغلاق، قوي ئۈچۈن ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يېنىدا پۇشۇلداپ ياتقان مەزلۇمىغا قېيىداپ گەپمۇ قىلمىدى. بۈۋىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىنىمۇ دەپ بەرمىدى. «ھەي... خەق ئوغۇل بالىدىن قىزنىڭ دەردى يامان دەيدىكەن، مانا نەچچە ئاي بولدى، ئۇ گۇيغا >سارىخان< ئاتلىق جىن چاپلاشقاندىن بۇيان، >دەردى يوق< ئوغۇلنىڭ دردىۋالاسىنى يەتكۈچە تارتىۋاتىمىز. ھازىر يەتتە خۇپتەن بولدى. بۈگۈنمۇ بولمىسا، ئۇ تاپىنى تۆشۈك! ئاشۇنداق يۈرۈپ بىرەر ئىش چىقىرىپ قويسا، مەن بۇ قېرىغان جېنىم بىلەن قانداق قىلىمەن؟!» بوۋاي ئاچچىق خىيال ئىچىدە بوغۇلۇۋاتقاندا، نەدىندۇر ناخشا ئاۋازى ئاڭلانغاندەك قىلدى:
    سارىخان ئوتۇڭ يامان،
    كۆيدۈرۈشۈڭ ئاندىن يامان.
    ناخشا بوۋاينى ھاياجانغا سالدى... سارىخان... سارىخان... سارىخاننىڭ ئوتى سائادەتخاننىڭ ئوتىدىنمۇ يامانمىدۇ؟ خىرە-شىرە تۇيغۇ ئىچىدە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يۇمۇلاققىنە بىر قىز پەيدا بولدى. ھە، ئۇنىڭ ئىسمى سائادەتخان ئىدى. ئۇمۇ شەنبە بازالىق ئىدى.
    بوۋاي ئوغلىنىڭ يېشىنى ياشلىغاندا، سائادەتخانغا كۆيۈك تارتىپ قالغانىدى. ئاشۇ چاغلاردا شەنبە بازادىكى نورۇز يىغىلىشىدا چېچەك چوكان ئاسقان قىز ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئوغرىلىۋالغان. يىگىت ئادەمزاتسىز جاڭگالدىن ئۆتۈپ قىزنىڭ مەھەللىسىگە قاترىغانىدى. كېچىلىرى قىزنىڭ ھويلىسىنى ئەگىپ تۈننى تاڭغا ئۇلىغانىدى. قىزنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن  چىغىر يول ياقىسىدىكى بوردىمالنىڭ ئارىسىدا يۈرىكىنى يانتاققا يېقىپ يېتىپ كۈننى كەچ قىلغانىدى. قىزنىڭ ئىشقىدا يۈرىكى ئوت-كاۋاپ بولغانىدى. يىگىتنىڭ ئەقىدىسىگە ئىشەنچ قىلغان قىز «ئاتا-ئانام ماقۇل بولسا سىزگە تېگەي» دېگەنىدى.
    يازلىق يىغىمدىن كېيىنكى بىر كۈنى كۈن قىزىل بولغاندا، ئىشەنچ بىلەن ئېشىكىنى توقۇپ قىزنىڭ ئۆيىگە كەتكەن ئەلچىلەر كۈن پاتقاندا توقۇمى چۇۋۇلۇپ نائۈمىد يېنىپ كېلىشتى. شەنبە بازارلىقنىڭ ياقا يۇرتلۇققا قىز بەرمەيدىغان كونا ئادىتى بار ئىدى. لېكىن، يىگىتنىڭ قىزدىن كەچكۈسى كەلمىدى. قىزمۇ ئۇنىڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىز يىگىت ئۈچۈن سايئۆستەڭ بويىغا كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر پىيالە قايماقنى يىگىتنىڭ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇشىغا، ياۋا توڭگۇزدەك قوناقلىقتىن ئېتىلىپ چىققان ئۈچ گەۋدە يىگىتكە تاشلاندى.
    يىگىت ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ھوشىغا كەلگەندە «شەنبە بازارنىڭ يۈزى» ئۈچۈن ئۆزىنى پايلاپ يۈرگەن بازارلىق كۆكەمىلەر ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ جاڭگالغا تاشلاپ قويغانلىقىنى، جاڭگالغا كىرگەن ئوتۇنچىلارنىڭ ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ يۇرتقا ئاچىققانلىقىنى بىلدى.
    بوۋاي ئېغىر ئۇھسىندى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا جىلمىيىپ تۇرغان سائادەتخاننىڭ قارىسى غايىب  بولغاندەك قىلدى... ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنى، يەيدىغان رىسقى بار ئىكەن. ئۈچ ھەپتىدە ئورنىدىن تۇرغۇدەك بولدى. شۇ يىلى كۈزلۈك يىغىم-تېرىمدىن كېيىن ئاتا-ئانىسى يېنىدا ياتقان مۇنۇ مەزلۇمى بىلەن تويىنى قىلىپ قويدى. شۇ ئىشلارغا قىرىق نەچچە يىل بولدى. ئۇ خۇي-پەيلىنى بىلمىگەن بىر مەزلۇم بىلەن بىر تەكىيگە باش قويۇپ ئون بىر بالا يۈزى كۆردى. ئىككىسىنىڭ كۆرىدىغان كۈنى، يەيدىغان رىسقى يوق ئىكەن، يەرنىڭ  ئاستىغا كۆمۈپ قويدى. توققۇز بالىنى بىر ئوبدان قاتارغا قوشۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك بىر ئوبدان ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولدى. ئۆمۈر دېگەن مۇشۇنداق ئۆتىدىغان نەرسە. ئىش باشقا، ھەۋەس باشقا دەپ بىزمۇ سائادەتخانغا كۆيگەن بىلەن بالىنى رىسىق-نىكاھىمىز قېتىلغان خوتۇندىن تاپتۇق. بىزنىڭ بۇ باغلاقسىز توپاقمۇ بۈگۈن بولمىسا ئەتىگىچە ئەقلىنى تېپىپ قالار! لېكىن ھېلىقى سائادەتخان دېگەن يۇمۇلاق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئەجەب كۆيدۈرىدىغان قىز ئىدى. ئەگەر ئۇ ماڭا نېسىپ بولغان بولسا، بىر-بىرىدىن چىرايلىق يىغلاڭغۇدىن ئون ئۈچنى تۇغۇپ بېرەر بولغىيدى...

    5

    تاڭ يورۇدى. سامۇق بوۋاي كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىغىنىغا قارىماي، كۆزلىرىنى كۈلۈپ ئاچتى. ئاغزى قايماق ئىچكەندەك تاتلىق ئىدى. ھە، بوۋاي تاڭغا يېقىن چۈش كۆردى. چۈشىدە ساي ئۆستەڭ بويىدا سائادەتخاننىڭ قايمىقىغا ئېغىز تەگدى. ياخشى چۈش ئۇنى ياشارتقانىدى. ئۇ ھازىر بوۋاي ئەمەس، يىگىتلىكى ئۇرغۇپ تۇرغان سامۇق چوڭ ئىدى. شەنبە بازاردا سائادەتخان ئۇنىڭ يولىغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى. ئۇ ئورمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خاماننى ئېلىۋالسىلا، ئېشىكىنى توقۇپ شەمبازارغا جابدۇنىدۇ. قىزغا سۆز سالىدۇ. قىز تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى ئالغاندىن كېيىن يارىشىقىنى قىلىپ قىزنىڭ بېشىنى باغلاپ دەرھال توي تەييارلىقىغا كىرىشىدۇ... كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە قىرىق يىل ئۆتۈپ كەتتى. شەنبە بازارلىقنىڭ ياقا يۇرتقا قىز بەرمەيدىغان ھېلىقى ئەسكى ئادىتى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ، زامانغا بېقىپ ئىش قىلىدىغان بولغاندۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئىككى يۇرت ئارىلىقىدا ئاپتوبۇس قاتناپ يولمۇ قىسقاردى. شۇنداق، سامۇق بوۋاي ئالجىمىدى. ئۇ خاماننى ئېلىۋېلىپ سىيىت چوڭ بىلەن سارىخاننىڭ تويىنى قىلىپ قويىدۇ. ئۇ قىرىق يىل مۇرادىغا يېتەلمىگەن سامۇق چوڭ بىلەن سائادەتخاننىڭ تويى ئەمەسمۇ! قىرىق يىل... نېمانچە  ئۇزاق كۆيگەن ئوت بۇ؟!
    ئاخشام ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بەردى. ئۇ ئوغلىنى دەپ پاتمىخاننىڭ ئۆيىگە بېرىۋىدى، گول ئادەملەرنى ئالداپ ، جان بېقىپ كەلگەن ئۇ ساراڭ خوتۇن تېقىمىغا ئۇرۇپلا گەپ تاپتى. شۇنىڭ بىلەن بوۋاينىڭ خاپىلىقتا كېچىچە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەي يېتىۋىدى، كۆز ئالدىدا ئاسماندىكى ئاي بولۇپ پەيدا بولغان سائادەتخان ئۇنى يەنە شەنبە بازارغا چىللىدى.  قىرىق يىل ئاۋۋالقى مۇھەببەت ئوتى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئاسايىشلىق، روھىغا ئەقىل، چېھرىگە نۇر-زىيا ئاتا قىلغانىدى. شۇنداق، ئوغلۇڭدىكى ئوت سەن تۇتاشتۇرغان ئوت ئەمەسمۇ! يىگىت بولغانىكەن، ۋۇجۇدىدا چاپچىپ تۇرغان يىگىتلىك ئوتى ئۇنى ھەر كويلارغا سالىدىغان گەپ. بوۋاي ياشلىقىدىكى تاياق زەربىسىدىن كېيىن، قىرىق يىل ئاياغ بېسىپ باقمىغان شەنبە بازارغا، شەنبە بازارلىققا بولغان كۆڭۈل زېدىسىنى قەلبىدىن بىراقلا چىقىرىۋەتتى.
    — نوچى ئوغلۇمنى ئويغىتىۋېتىڭلا خوتۇن، ناشتا قىلىپ خامانغا چىقسۇن،— ئارىنى مۈرىسىگە ئېلىپ خامانغا ماڭغان بوۋاي، كۈندىكىدەك ئوغلى ياتقان ئۆيگە قاراپ «قوپە ئاداش، تېقىمىڭغا ئاپتاپ چۈشتى!» دەپ توۋلىماستىن، سىلىق-سىپايە گەپ قىلىپ چىقىپ كەتتى.
    خامانلار يىغىۋېلىندى. ئېڭىز ئورنىغا ئۇرۇق سېلىنىپ بولدى. كەيپى بىردىنلا ئېچىلىپ، ۋۇجۇدى كۈچكە تولغان سىيىت چوڭ يېنىدا سارىخان ھەمدەم بولۇۋاتقاندەك ئىشلەپ ھارمايتتى.
    ئۆرۈكلۈك ھويلىنىڭ مېھمانلىق ئۆيىدە كەندىن كەلگەنلەر مېھمان بولۇپ ئولتۇراتتى. خامانلاردىكى لاي-لاي ناخشىسى پەسەيگەن كۈنلەر كەندىمۇ، شەنبە بازاردىمۇ تۇغقان يوقلاش، مېھماندارچىلىق، توي تەييارلىقى قىزىپ قالىدۇ. بۈگۈن قۇملۇقنىڭ بېرىسىدىكى سارىخاننىڭ ئۆيىنىمۇ مۇشۇنداق مېھمان ئاۋات قىلغانىدى. يېقىن ئۇرۇق -تۇغقان، بالا-چاقىلىرىنىڭ ئارىسىدا ياشقىمۇ، ھۆرمەتكىمۇ چوڭلۇقى بىلەن تۆردە ئولتۇرغان سامۇق بوۋاي ئالدىدا چاي قۇيۇۋاتقان مومايغا قاراپ تەرلەپ، قىزىرىپ بىر ئورنىدا ئولتۇرالماي قالدى. بۇ ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ دەپ ئويلىدى. مېنىڭ ئوغلۇم ھېچ يەرگە دوقۇرۇشماي، ئۇنىڭ قىزىغا كۆيگىنىنى قارىمامدىغان، بىزگە چۈشۈپ ئۆچەي دەپ قالغان ئوتنى بۇ ئىككىسى پۈۋلەپ ياندۇرغان چېغى! ئادەمنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگە كىرمىگەن ئىشلار بولىدىكەن، بۇ جاھاندا...
    بوۋاينىڭ كۆز ئالدىدا قىرىق يىل ئاۋۋال ئۆزىنى كۆيدۈرگەن سائادەتخان داستىخان سېلىپ، چاي قۇيۇپ كايىپ ئولتۇراتتى. شۇ چاغدا ئۇمۇ سائادەتخاننىڭ قايمىقىغا تەلمۈرگەن، تەشنا بولغانىدى. ئۇنىڭ گەپلىرى تېخى قايماقتىنمۇ تاتلىق ئىدى. بوۋاي ھېلىقى تالاپەتتىن كېيىن قايماققا ئېغىز تېگىپ باقمىدى. قايماقنى كۆرسىمۇ ھۆ تۇتىدىغان بولۇپ قالغانىدى. بوۋاي بۇرۇنقى چاغلارنى ئەسلەپ ئولتۇرغاندا سائادەتخان ئۆزىنىڭ بوۋىيىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئالدىغا بىر پىيالە قايماقچاي قويدى. دېگەنبىلەن  شەنبە بازارلىقنىڭ خوشى تۇتقان كىشىگە قايماقچاي تۇتىدىغان ئېسىل ئادەتلىرىمۇ بار ئىدى. سامۇق بوۋاي چاينى ئوغلىغا تۇتتى. چوڭلارنىڭ ئالدىدا تارتىنىپ، قىزىرىپ خىجالەتچىلىكتە ئولتۇرغان سىيىت چوڭ دادىسىنىڭ چېھرىگە قاراپ قويۇپ چاينى ئىشتىھا بىلەن سۈمۈرۈپ ئىچىۋەتتى. ئۇ ئەقلىگە كېلىپ دادىسىنىڭ قايماقچاي ئىچكىنىنى كۆرمىگەنىدى. ئۆيدە لىققىدە ئولتۇرغان مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا سائادەتخان موماي سامۇق بوۋاينىڭ قايماقچاينى ئوغلىغا تۇتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
    يىگىتنىڭ قايماقچاي ئىچىشىگە قارىشىپ قالغان بوۋاي بىلەن موماي ياشلىقىدا ساي ئۆستەڭ بويىدا تېتىپ بېقىشقا نېسىپ بولمىغان تاتلىق قايماقنىڭ تەمىنى ئەمدى تېتىغاندەك بولدى.

    2005-يىل مارت، يەكەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.