«ئارتبالىق ھەققىدە قىسسە»دىن ئىپپەت ھەققىدە ئۈزۈندە(ئابدۇلئەھەد ئابدۇر

يوللىغۇچى : Berqi يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 09:24:51

«ئارتبالىق ھەققىدە قىسسە»دىن ئىپپەت ھەققىدە ئۈزۈندەئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى توختى بۇ سەپەردىكى، يىنىدا ئولتۇرغان ھەمراھىنى«قارىم» دەپ ئاتايتتى. «قارىم»ئۆزگىچە ئادەم ئىدى، گەپلىرى بەكمۇ ...

    «ئارتبالىق ھەققىدە قىسسە»دىن ئىپپەت ھەققىدە ئۈزۈندە
    ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

     

       توختى بۇ سەپەردىكى، يىنىدا ئولتۇرغان ھەمراھىنى«قارىم» دەپ ئاتايتتى.
       «قارىم»ئۆزگىچە ئادەم ئىدى، گەپلىرى بەكمۇ چوڭقۇر مەنىلىك ئىدى، توختى بۇ ئادەم بىلەن پاراڭلىشىشنى خالاپ قالدى.
       -قارىم سىلى قانچىلىك ئوقۇغان؟
       -مەن ئوقۇمىغان، دېدى قارىم كۈلۈمسىرەپ، توختى بۇ گەپتىن ھەيران قالدى،
       -ھەيران قېلىۋاتىلا ھە.....، بىلىم دىگەن مەكتەپتىن باشقا يەردىمۇ بار، ئوبدانراق كۆزىتىپ باقساق ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانىڭ ھەممىسى بىلىم، بىلىشنى ئىرادە قىلساق ئاللاھ تائالا بىزگە بىلدۈرىدۇ.
       ئۇلار ھاياتلىق ھەققىدە پاراڭلاشتى، توختى قارىمغا ئىدارىسىدىكى ئىشلارنى، جەمىيەتنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە پاراڭ سېلىپ بەردى.
       -ئۇكام، دېدى قارىم بىر چاغدا توختىنىڭ گىپىنى بۆلۈپ، -دۇنيادا سەۋەپسىز ھېچنەرسە يوق، جاھانمۇ ئەمدىلا بۇزۇلغىنى يوق، بۇزۇلغىلى خېلى بولغان، بىز نەتىجىسىنى كۆرگۈچىلەر خالاس.
       -تۈزىگىلى بۇلارمۇ؟
       -تۇلۇق بۇزۇلۇپ بولسا ئاندىن تۈزىگىلى بولىدۇ، چالا بۇزۇق نەرسىنى تۈزىمەك تەس، توپان بالاسى ھەممىنى تۈزەيدۇ، بىلگۈچى ئاللاھ..
       قارىمنىڭ دەلىلى ئۆزگىچە ھەم قايىل قىلارلىق ئىدى.
       توختى ئەمدى قارىمدىن ئۆزىنى 10 يىلدىن بۇيان قىيناپ كەلگەن مەسىلە ھەققىدە سوئال سوراش قارارىغا كەلدى.
       شۇ چاغدا قارىم ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ:
       -ئۇكام، مەن ساۋاتسىزلىقىمغا باقماي سۆزلەپلا كەتتىم، سىزمۇ بىر زىيالى ئىكەنسىز، گەپ قىلىپ باقمامسىز.
       بۇ چاقچاق ئاددى بولغىنى بىلەن توختىغا خېلى كۈچلۈك تەسىر قىلدى، چىرايى قىزاردى، زىيالىيلىقىدىن خىجىل بولدى
       -ئاكا، دېدى ئۇ، -سىزدىن ئۇياتلىقراق بىر مەسىلىنى سورىسام بۇلارمۇ؟
       -بولىدۇ ئۇكام، دېسى قارىم، ئىلىمدە ئۇياتلىق مەسىلە يوققۇ دەيمەن.
       توختى يەنە قىزاردى.
       -ئاكا، نىمە ئۈچۈن ئاياللارنى(قىزلارنىڭ)قىزلىقىنى مۇقەددەس بىلىمىز؟.
       قارىم ئويغا چۆمدى.
       -ئۇكام، دېدى قارىم بىر ھازادىن كىيىن-: قىزلىق ئۇ ئاددى بىر گۆش، لىكىن ئادەمنىڭ روھىغا تۇتىشىدىغان گۆش، ئاللاھ نىمە ئۈچۈن ئادەمنى شۇ يەردىن يارىتىدۇ؟بۇنىڭ چوقۇم سەۋەبى بار، نىمىشقا قىزلىقنى چوڭ بىلىمىز؟، ماھىيەتتە ئۇ روھنى چوڭ بىلىش، روھسىز تەن بىر خالتا گۆش، ئاللا ئاياللارنى ئادەمنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى چىقىش قىلىپ ياراتقان، نىمىشقا قىزلىقنى قەدىرلەيمىز؟.
       بۇ يەنىلا روھنىڭ پاكلىكى، مۇھەببەتنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر.
       بۇ خىل مۇھەببەت بىرلىشىشتىن تۆرەلگەن بارلىلار ئەيىپسىز، روھى پاك-پاكىز بولىدۇ، ئىشى روناق تاپىدۇ.
       ناۋادا روھنىڭ ئەينىكى بولغان بۇ يەر بۇلغانسا، روھ بۇلغىنىدۇ، مۇھەببەت بۇلغىنىدۇ، ئادەملەرنىڭ ساپاسى تۆۋەنلەيدۇ.
       رىۋايەتلەردىن قارىغاندا، قىيامەت قايىم بۇلۇشقا ئاز قالغاندا، بىر ئايالنىڭ لىۋىنى نەچچە ئەر سۆيىدىغان، بىر ئەۋرەتكە نەچچە ئادەم ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ۋاقىت يىتىپ كىلىپ، مۇھەببەت مۇقەددەسلىكى ۋە روھى پاكىزلىق يوقىلارمىش، شۇنىڭدىن كىيىن جەمىيەتتە ئادەم دىسە ئادەم ئەمەس، شەيتان دىسە شەيتان ئەمەس، جىنغا ئوخشايدىغان ئادەم بارلىققا كىلەرمىش، بۇ چاغدا ھەممە نەرسىنىڭ بەرىكىتى تۈگەپ، ھاياتنى چۈشكۈنلۈك باسارمىش.شوڭا ئاياللارنىڭ قىزلىقى قەدىرلىنىدۇ.
    -ئۇكام، ئاللاھ يەنە غەزىبىگە ئۇچرىغان بەندىللىرىنى نەدىن تۇغۇلغان بولسا شۇ يەر ئارقىلىق يوقىتارمىش.
    ھازىر دەل شۇ دەۋر يىتىپ كەلدى.
       -قىيامەت قايىم بۇلارمۇ ئاكا؟
       -قىيامەت......ئۇكام دېدى قارىم-دۇنيادا ئاڭ ئاخىرقى ياخشى ئادەم تۈگەپ كەتكەندە ئاندىن باشلىنىدۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ توختى قايتىدىن ئۈمۈدكە تولدى، قارىمنىڭ گەپلىرىدىن 10 نەچچە يىللىق سوئاللىرىغا، ئىزدىنىشىگە جاۋاپ تاپتى...

    «ئارتبالىق ھەققىدە قىسسە»ناملىق كىتابىتىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.