يۇقۇلۇش سەپسەتىسى

يوللىغۇچى : YEKTA يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-26 21:23:14

يۇقۇلۇش سەپسەتىسىئادەملەر ئەمدىلا ئورماندىن چىققاندا، دۈچ كەلگىنى دەھشەت قاراڭغۇ ئورمانلار بولۇپ ، پەقەت قارىغاي شاخلىرىدىن ياسىۋالغان مەشئەللەرنىڭ يۇرۇغىدىلا يول ئېچىپ ئىلگىرلىگەن .ھالبۇكى...



     

    يۇقۇلۇش سەپسەتىسى

     

    ئادەملەر ئەمدىلا ئورماندىن چىققاندا، دۈچ كەلگىنى دەھشەت قاراڭغۇ ئورمانلار بولۇپ ، پەقەت قارىغاي شاخلىرىدىن ياسىۋالغان مەشئەللەرنىڭ يۇرۇغىدىلا يول ئېچىپ ئىلگىرلىگەن .

    ھالبۇكى چەك- چىكىگە كۆز يەتمەس تۈزلەڭلىكلەرگە يەتكەندە بولسا ئۇلار ھەقىقەتەن بەكلا تېڭىرقاپ قېلىشتى. قىلچە تەييارلىقسىزلا يولغا چىقىپ قېلىشقانلىرىنى ئويلاپ يەتكەندە بولسا تولىمۇ كېچىككەن ئىدى. ئەمما ئۇدۇلىدىكى خىرىسقا تولغان بىپايان تۈزلەڭلىك ئۆزىنىڭ رەڭگا- رەڭ بەتلىرى، قىسما- قىسما تىلسىماتلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى خۇددى ماگىنىتتەك باغرىغا تارتىپ كەتتى.

    نۇرغۇن ئېرالار ئۆتۈپ كەتتى . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتمۈشى توغرىلىق ، ئۆڭكۈر توغرىلىق بىلىدىغانلار ھەتتا پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتتى. . . .

    1

    سىلەرگە شۇنى دىگۈم كېلىدۇ :

    -ئەي ھاماقەتلەر ، بەدەنلىرىڭلار چىرىپ سۇس ھور كۆتۈرۈلمەكتە ، ئەمما كاللاڭلار بولسا بەئەينى ئۈگۈتسىز تۈگمەندەك قۇرۇق ئايلانماقتا ! بىرەر قېتىم بولسىمۇ نەزىرىڭلارنى ئەشۇ جاراھەتلىك قەلبىڭلارغا سالساڭلارچۇ !؟ . . .

    بەزىدە قۇيۇندەك پىرقىراپ كېتىۋاتقان ھالىڭلارنى كۆرسەم «بۇلار ئەمدى ھالقىش ساھىلىغا يېتىپ كەپتۇ . ئەجەبكى ھازىر بولسىمۇ ئۆزلىرىگە بىر رەت نەزەر سېلىپ قالسا ھە ! » دەپ كېتىمەن .

    ئەپسۇس ! يەنە مىڭلاپ يىللار ئۆتۈپ كەتتى . مەن جىلغىدىكى قىيا تاشتا بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ تۆۋەنگە نەزەر سالماقتىمەن. مەن ئۈچۈن ئوۋچىلارنىڭ ئوقيا ياكى سالما بىلەن ئوۋ ئوۋلىشى- يېڭى بىر مەنىسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. مەن ئۆڭكۈر ھەققىدە ئىزدەنگەن ئەشۇ ئۇيقۇسىز كىچىلەردىلا- ھىچبولمىغاندا تەبىئەت بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان ئىنسانىيەتنى كۆرۈشنى ئويلىغانمەن! « -كەڭ دالىلاردا تەمتىرەپ يۈرگەنلەردىن بىرەرسى ئارقىسىغا يېنىپ كېلىپ غاردىكى ئىلاھى شىۋىرلاشلارنى تىڭشاپ قالسا ھە! » بۇ مېنىڭ ئەڭ سەمىمى تىلىگىم ئىدى.

    2

    نىمىلەرنىدۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىۋالغان بىر تال قۇلۇلە قېپى دېڭىز ساھىلىدا ئويناپ يۈرگەن بىر كىچىك بالىنىڭ پۇتىغا قەستەنلا ئورۇندى. ئۇنىڭ زادى نىمە غەرەز بىلەن بۇنداق تەۋەككۈلچىلىك قىلغانلىقى چۈشىنىكسىزلا ئىدى.

    يامغۇر ئەمدىلا توختىغان پەيت. كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان خۇددى بۇلۇتقا ئوخشاش- ئۇپۇققا قەدەر سوزۇلغان. يوپۇرماقلاردا توختاپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى يامغۇر تامچىلىرى خۇددى مەرۋايىتتەك نۇر چاقنىتىپ پەستىكى يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قالغان كىچىك- كىچىك كۆلچەكلەرگە تامچىلىماقتا. مەن ئاۋالقىدەكلا قېرى دەرەخلەرنىڭ ئارىسىدا تىپتىنىچ بىر ھالەتتە تۇرماقتىمەن. قۇلۇلە قېپى تېپىۋالغان ھېلىقى بالا ئاللىقاچان ئۆڭكۈردىن ھالقىغان بىر نەزەر بىلەن ئۇنى كۈزەتمەكتە. مەن ئۇنىڭ شۇ پەيتتە قانداقتۇر بىر نەرسىنى بايقاپ قېلىشىنى بەكمۇ- بەكمۇ تىلەيتتىم. ئەپسۇس! ئۇ پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىش قىلدى. ئۇ نەرسىنى خۇددى كېرەكسىز بىر تال تاش چاغلاپ قۇملۇق ساھىلغا پىرقىرىتىپ چۆرۈۋەتتى. ئۈمىدىم كۈپۈككە ئايلاندى.

    يەنە مىڭلاپ يىللار ئۆتۈپ كەتتى. ئايدىڭ كىچىلەرنىڭ سەلكىن شاماللىرى ئادراسمان ئوتىنىڭ قىرتاق پۇراقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ منى سەگىتىپ تۇردى.

    شەھەرلەرنىڭ ئېگىز سېپىللىرىغا ئېسىپ قويۇلغان ئادەم كاللىلىرى مەن ئولتۇرغان قىيالىققا قاراپ توختىماي ئاھ ئۇرۇشماقتا، ئۇلار تەنلىرىدىن جۇدا بولماستا تېخى ئۆڭكۈر ھەققىدە تۈزۈكرەك ئويلىنىپمۇ باقمىغان بولۇپ خۇددى تۇپراقتىن ئەمدىلا باش چىقارغان كۈپكۆك مايسىلارغا ئوخشاش غەرەزسىزلا ئىدى، باھارغا تەلپۈنۈشنىمۇ بىلمەيتتى. مانا ئەمدى قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ئاچچىق سىناقلىرىدا ئۆڭكۈردىن ئالدىراپ چىقىۋالغانلىرىغا پۇشايمان يېيىشمەكتە . . .

    3

    سىلەرگە مۇنداق دىگۈم كېلىدۇ:

    -ئەي، خام سۈت ئەمگەنلەر! مەن سىلەرگە بەكمۇ ھەۋەس قىلىمەن. سىلەر خۇددى تايچاقلاردەك ئەشۇ چەكسىز دالىدا قىيغىتىپ ئويناپ يۈرۈيسىلەر. چوڭلىرىڭلار سىلەرگە ھىچنىمىنى باقىۋەندە قىلىپ بېرەلمىدى. سىلەرگە تەبىئەتنىڭ ئۆزىلا بەزى نەرسىلەرنى- يەنى، بەزى ساماۋى پىكىرلەرنى ئاتا قىلدى. شۇڭا بەخىت دىگەن نەرسىنى ئازراق پەملىدىڭلار .

    بەزىدە پارقىراق قوڭغۇزلارمۇ ئادەمنى چوڭقۇر تەپەككۈر قاينىمىغا باشلىيالايدۇ. كېچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ تىنىمسىز جىمىرلاشلىرى ئەجەب ئۇ ساماۋى ھاياتلىقنىڭ بىر كۆرۈنۈشى ئەمەسمۇ؟ كۆزگە كۆرۈنمەس باكتىرىيەلەر چېغىدا جاھاننى تىترەتكەن جانلىقلارنى پاختىدەك توزۇتىۋىتەلەيدۇ ئەمەسمۇ . . . .

    زەمبىرەكلىرىنى ئايغا توغرىلاپ ئالدىراپ تۇرۇشقان ئۇ ئادەملەرنى كۆردۈم. ئۇلار ھېلىقى چاغدا قۇلۇلە قېپى تېپىۋالغان بالىنىڭ ئەۋلاتلىرى. ئۇلار ئەشۇ بالا باشلاپ بەرگەن يولنى بويلاپ توختىماي ئىلگىرلەپ مۇشۇ مەنزىلگە يېتىپ كەلگەن. كاللىلىرى سېپىلغا ئېسىلغان ھېلىقى ئادەملەر بولسا مۇشۇلاردىن تۇغۇم بولغان.

    بەزىدە ئولتۇرغان قىيالىقتىن تۆۋەنگە- جىلغىغا چۈشۈپ ئەشۇ بالىلار ئارىسىغا كىرىپ بارىمەن، ئۇلار بىلەن تۇيدۇرماي ئوينىشىپ كېتىمەن. ئۇلارنى بىر ئامال قىلىپ ئۆڭكۈر ھەققىدىكى ئويۇنلارغا جەلىپ قىلىمەن. مەقسىدىم- ئۇلارنى ئۆڭكۈردىن قايتا چىقىرىش. ئەگەر ئۇلار يىپيېڭى بىر ھالەتتە ئۆڭكۈردىن تۇغۇم بولسا ئىدى! ئەمما قېرى كەمپىرلەر بالىلىرىنى دۈشكەلىگىنىچە ئۆيلىرىگە ئەكىرىپ كېتىشتى. مەن بولسام رۇھسىز قەدەملىرىم بىلەن قىيالىققا قايتتىم.

    چىڭقى چۈش پەيتى. قوياش پۈتكۈل جىلغىنى ئوتتەك قىزىتىۋەتتى. مېنىڭ تەپەككۈر قۇشلىرىم قوياش نۇرىدا تاۋلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنى خالىغان يۈنۈلۈشلەردە ئۇچۇرغۇم بار ، ئەمما ئۇلارنى خۇددى ماگىنىتتەك تارتىپ تۇرغىنى- يەنىلا ئەشۇ بالىلار ئارىلى ئىدى. قۇشلىرىمنى قويۇۋەتتىم . . .

    يەنە مىڭلاپ يىللار ئۆتۈپ كەتتى. قۇشلىرىم تېخىچە قايتىپ كەلمىدى. ئىنسانىيەت بولسا توختىماي ئەخمەق بولماقتا، مەن ئولتۇرغان قىيا تاشتا چوڭقۇر- چوڭقۇر يېرىقلار پەيدا بولۇشتى. ھە دىگەندىلا ئايغا قاراپ ئىلگىرلىگەن بىلەن ئۆزىگە قاراپ بىر قەدەممۇ ئالمىغان ئۇ بالىلارغا نىمە دەي.   

    4

    دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىن بىر ماگما ئېتىلىپ چىقتى. پۈتكۈل دېڭىز پورۇقشىپ قايناپ كەتتى.چوڭ- چوڭ كۈپۈكلەر دېڭىز تېگىدىن ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ رەڭلەردە تاۋلىنىپ تۇرغان بىر نەرسىلەر باردەك قىلاتتى.كۈپۈكلەر سۇ يۈزىگە چىقتى-دە، « ۋىس- ۋىس »ئاۋاز چىقىرىپ يېرىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر خىل نەمخۇش خۇشپۇراق ئەتراپقا تارالدى. دېڭىز يۇلتۇزلىرى پىچىرلىشىپ دىگۈدەك يىپيېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ھەممە ياقلارغا يېيىۋەتتى. دولقۇنلار شىددەت بىلەن ئۆرلىدى، كېمىلەر ئۆرۈلدى، قىيا تاشلار يىقىلدى. بىپايان دېڭىز يەر يۈزىدىن نىمىلەرنىدۇ تارتىپ ئەكىرىپ كەتمەكچىدەك دەھشەتلىك نەرە نارتتى. شۇنداق قىلىپ ئاز بولمىغان نەرسىلەر دېڭىز تىگىگە چۆكۈپ كەتتى، ئەمما ھېلىقى كۈپۈك- ھېلىقى خۇشپۇراق يەنىلا دېڭىز يۈزىدە لەيلەپ يۈرەتتى.

    يەنە مىڭلاپ يىللار ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئولتۇرغان قىيا تاش ئاللىقاچان تۇپراققا ئايلىنىپ بولدى. ئەمما ئىنسانىيەتنىڭ تېخىچە ئۆز- ئۆزىگە قاراپ بىر قەدەممۇ ئالمىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇم. شۇنىڭغىچە بەخت ۋە ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ئادىشىپ قېلىۋەردى.

    بىر چاغلاردا تەپەككۈر قۇشلىرىم ئۇچۇپ ئۆتكەن ھېلىقى بالىلار ئارىلى ۋە ئۇ يەرنىڭ ئېگىلىرى ھازىر بارغانسىرى يىگانىلىشىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئەمدى ھىچقانداق ۋەسۋەسىگە ئورۇن قالمىغان سەبى مىڭىسىدە- شامالدەك يېنىك، خىيالدەك ئۇچقۇر بىر شەيئى ئاستا- ئاستا گەۋدىلەنمەكتە ئىدى. مەن ھازىر ھەر كېچىسى ئۇچۇپ ئۆتكەن يوللىرىمدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىلارنىڭ چۈشلىرىگە كىرىپ كېلىمەن، ئۇلارنىڭ ئىتەكلىرى، يانچۇقلىرىنى كەھرىۋالارغا تولدۇرىۋىتىمەن. يەنە تېخى ئۆڭكۈر ھەققىدە جىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىمەن. ئۇلارنى دەھشەتلىك دولقۇنلار قورشاپ تۇرغان ھېلىقى جاي- بالىلار ئارىلىغا بېرىشقا دەۋەت قىلىمەن . . .

    5

    مەن ئاخىرقى قېتىم قىيادىن چۈشۈپ كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ باردىم. ئۇلار ئەمدى قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ئاچچىق سىناقلىرىدىن ئۆتەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۆڭكۈر ھەققىدە ئاغزىغا كەلگىنىنى بىلجىرلاشقا باشلاپتۇ.

    ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇلارنىڭ ئىزدىگىنى پات يېقىندا قولغا كېلەرمىش، شۇڭا ئايغا زەمبىرەك ئاتقۇچىلار ئۇلارنى بەكمۇ سۈيۈندۈرۈپ، زەمبىرەكلىرىنى ئەمدى ئۆڭكۈرگە توغرىلاپتىمىش. ئۆڭكۈر خارابىسىدىن ھېلىقى بالا ئۇچراتقان قۇلۇلە قېپىنى تېپىۋالسا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ سىرلىرى ئېچىلارمىش.

    . . . . . . .

    قىيالىق جىلغىغا ئەمدى قايتا بېرىشىمنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ئازاپ بىلەن ھىس قىلدىم. مەن ئەمدى كەتمەكچىمەن، تەپەككۈر قۇشلىرىم بىلەن نىجاتلىق يۇلتۇزىنى ئىزلەپ ئەشۇ بالىلار ئارىلىغا كېتىمەن!! خەيىر يوقلۇق ئەھلى! سۈيۈملۈك ئەخمەقلەر! . . . .

     

     

    ( تۈگىدى )

      

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.