ھالاكەت گىردابىدا ( فانتازىيىلىك رومان ) مۇقەددىمە

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-10 13:58:24

ھالاكەت گىردابىدا( فانتازىيىلىك رومان) مۇقەددىمەكېچىدە ئاجايىپ چۈش كۆرۈپتىمەن. سەھەر ۋاقتىمىش، مەن گۈزەل بىر ۋادىدا يەڭگىل قەدەم تاشلاپ كېتىپ بارىمىشمەن. قايان بارىدىغىنىم ئۆزۈمگىمۇ نامەلۇم، ق...



    ھالاكەت گىردابىدا

     ( فانتازىيىلىك رومان)  

     

    مۇقەددىمە

    كېچىدە ئاجايىپ چۈش كۆرۈپتىمەن. سەھەر ۋاقتىمىش، مەن گۈزەل بىر ۋادىدا يەڭگىل قەدەم تاشلاپ كېتىپ بارىمىشمەن. قايان بارىدىغىنىم ئۆزۈمگىمۇ نامەلۇم، قانداقتۇر بىر كۈچ مېنى ئالغا ئىنتىلدۈرۈپ ئېلىپ كېتىۋاتقۇدەك...

    تاڭ شامىلىغا ئەگىشىپ ماڭىۋىرىپتىمەن. تۇساتتىن ھىھ-ھىھ، ھاھ-ھاھ... دېگەن غەلىتە بىر كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئەندىككىنىمچە ئەتراپىمغا قاراپتىمەن، قاراپلا ھەيرانلىقتا ئورنۇمدا جاققىدە توختاپ قاپتىمەن. ئەتراپ زۇمچەك-زۇمچەك قەبرىلەر بىلەن تۇلۇپ كەتكەن بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقمىش. ئەجەپمۇ ساز، ئەجەپمۇ غەلىتە كۈلكىغۇ بۇ، مازاردىنمۇ كۈلكە ئاۋازى چىقامدۇ؟ دەپ ئويلاپتىمەن ئىچىمدە.

    قەبرىستانلىقنى تەپسىلىي كۆزىتىپتىمەن. بۇ يەردە ھېچقانداق تىرىك ئادەمزات باردەك ئەمەس. ئۇشتۇمتۇت ئالدىمدا تۇرغان بىر كونا قەبرە ۋاك قىلىپ يېرىلىپ، بىر ئادەمنىڭ قاقشالدەك قۇرۇغان باش ئىسكىلىتى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولۇپتۇ-دە، دىك-دىك سەكرىگىنىچە قەبرىدىن چىقىپ ئالدىمغا كەپتۇ ۋە بىردىنلا زۇۋانغا كىرىپ:ھە ئوغلۇم، ئوبدان تۇردۇڭمۇ؟ بۇ يەرگە مېنىڭ كۈلكەمنى دوست تارتىپ كەلدىڭغۇ دەيمەن؟ دېگۈدەك.

    مەن ئۇ باشقا نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا، ئۇ مېنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن يەنە زۇۋان سۈرۈپ مۇنداق دېگۈدەك:بىلىپ تۇرۇپتىمەن، مەيلى ئىلىم ئاشىقى بول، مەيلى جانان ئاشىقى بول، روھىڭدىن چوقۇم بىر ئاشىق ئىكەنلىكىڭ پېقىرغا ئاشكارا بولدى. كۆزلىرىڭدىن قانداقتۇر بەخت نۇرى ئايان، ئەپسۇس، چېھرىڭدىن شادلىق كۈلكىسى پىنھاندۇر. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكى ماڭا بىئايان. ۋاقىت غەنىمەت، كۆڭلۈڭدىكى سىرنى ماڭا بايان ئەيلىگىن، ئوغلۇم.

    —مەن ھەم ئىلىمنىڭ ھەم جاناننىڭ ئاشىقىدۇرمەن. لېكىن، ھەرئىككىسىدە تېخى ۋىسالغا يەتكىنىم يوقتۇر،— دەپ جاۋاپ بېرىپتىمەن ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ.

      سەن ناخشىغا ئاشىق ئەمەسمۇ؟ ئاشىق دېگەن ناخشىسىز يۈرەلمەيدىغۇ؟

      ناخشا؟ ...ئاھ ، ئۇنى بىر دېمەڭ! ناخشا مېنىڭ ھاياتىمنىڭ بىر بۆلىكى...

      ياشاپ كەت ئوغلۇم، جاۋابىڭ مېنى سۆيۈندۈردى. ناخشا-مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىم بولغان، مەن ناخشىنىڭ ئاشىقى ئىدىم. ھازىرمۇ ناخشا روھىمغا ھەمراھ، روھىم ناخشىغا ئەسرا، بايىلا مېنى ناخشا پىرى پىرچەڭگىنىڭ روھى ئېيتقان ناخشا قاقاقلىتىپ كۈلدۈرگەن. سەن نەچچە مىڭ يىل ئىلگىرى ئىسكىلىتقا ئايلانغان ئادەمنىڭ-يەنى مېنىڭ روھىمنىڭ كۈلكە ئاۋازىنى يەر يۈزىدە تۇنجى بولۇپ ئاڭلىغان ئادەمسەن. ئېھتىمال، سەن بىلمەيسەن ئوغلۇم، ناخشا پىرى پىرچەڭگىنىڭ ناخشىسىدىن كۈلگەن روھلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالغان ئادەم ئەڭ چوڭ ئارزۇسىغا يېتىدۇ، لېكىن ئاجايىپ-غارايىپ كەچمىشلەرنى، خېيىمخەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

      خېيىم-خەتەردىنغۇ قورقۇپ قالمايمەن، ئەمما سىز دەۋاتقان ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمغا يېتەلمەي قېلىشىمدىن ئەندىشە قىلىمەن.

      ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى قايسىدۇر ئوغلۇم؟

      ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئىلىمدە كامالەتكە يېتىش ۋە ماڭا ۋاپادار، سادىق بىر جورىغا ئېرىشىش.

      پىرچەڭگىنى بىلەمسەن؟

      بىلمەيدىكەنمەن،— مەن شۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىشىمگىلا باش ئىسكىلىتى يېنىك چايقىلىپ قويۇپ:

      ئۇنى بىلمىسەڭ ئارزۇيۇڭغا يېتىشىڭ بەسى مۈشكشلدۇر،— دېگەندىن كېيىن، ئاجايىپ مۇڭلۇق بىر قەدىمىي ئاھاڭدا مۇنۇ ناخشىنى باشلاپتۇ:

    ئۆتكەنمىش قەدىمكى زاماندا،

    پىرچەڭگى ئىسىملىك بىر ئادەم.

    ئۇ ناخشا پىرىكەن جاھاندا،

    قايىلكەن ئۇنىڭغا كەڭ ئالەم.

     

    ئاتىغانىكەن ئۇ ئۆمرىنى،

    ئەل ئۈچۈ ناخشىلا ئېيتىشقا.

    شاد ئېتىپ ئىنسانلار كۆڭلىنى،

    دەرد-ھەسرەت يىلتىزىن قىرقىشقا.

     

    خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىرەر كۈن

    ئۆتمەسكەن ناخشىسىز شاد-خۇرام.

    پىرچەڭگى بار يەردە كۈنۇ تۈن

    بولاركەن ھەممىگە توي-بايرام.

     

    تەڭرىمۇ ئاڭلىغاچ ناخشىنى،

    كېتىپتۇ ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ.

    دەپتۇ ئۇ:ئۆلمىگىن ئەبەدىي،

    تاشىغىن ئەل نىلەن تەڭ كۈلۈپ.

     

    پىرچەڭگى لۇقماندىن ئۇزۇنراق

    ياشاپتۇ، ھېرىس بولغاچ ناخشىغا.

    ھۆرمەتتە ھاتەمدىن ئۇلۇغراق

    سانىلىپ، كىرىپتۇ مىڭ ياشقا.

     

    بىر كۈنى بېرىپتۇ پىرچەڭگى

    زىيارەت قىلماقچۈن مازارغا.

    زەن سېلىپ قاراپتۇ ئۇ بىر غەيرىي

    پەريادلىق ئاڭلانغان ئاۋازغا.

     

    ھېس قىپتۇ ئۇ ئاخىر گۆردىكى

    گۇناھكار ئۆلۈكلەر ھالىنى.

    ئازاپلاش، خورلىنىش ئۇندىكى،

    ئېزىپتۇ پىرچەڭگى باغرىنى.

     

    روھلارنىڭ ھالىغا ئىچىنىپ،

    ئۇ ياڭراق بىر ناخشا توۋلاپتۇ.

    تۇساتتىن داد-پەرياد جىمىقىپ،

    مۇنكىرلەر نەگىدۇر يوقاپتۇ.

     

    قاچارمىش ناخشىنى ئاڭلىسا،

    گۆردىكى مۇنكىر ھەم پەرىشتە.

    بەلكىم كۈي ياڭرىغان چاغدىلا،

    يا ئۇچۇپ كېتەمدۇ ئەرشكە.

     

    ئەرۋاھلار جازادىن قۇتۇلۇپ،

    دەپتۇ سەن ئلۆلمە، بىز كۈلەيلى.

    ئەبەدىي ناخشاڭغا جور بولۇپ،

    ساڭا كۆپ ئۆمۈرلەر تىلەيلى.

     

    پىرچەڭگى شۇ كۈندىن باشلاپلا،

    قەبرىلەر ئارىلاپ يۈرۈپتۇ.

    ئۇ ئېيتقان ناخشىدىن كەڭ دالا-

    قۇشلىرى ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ.

     

    روھلارنىڭ ئازابلاش كەسپىدىن

    مەھرۇم بۇپ مۇنكىرلەر زارلاپتۇ:

    ئى تەڭرىم، پىرچەڭگى ئەسلىدىن

    بىر شەيتان، دەپ ئۇنى قارىلاپتۇ.

     

    ئەگەر ئۇ ناخشىسىنى توۋلىسا،

    بولاركەن ئۆلۈكلەر ئۈچۈن توي.

    قايتىدىن جان كىرىپ ئۇلارغا،

    بەرمەسكەن بىزلەرگە زىنھار بوي...

     

    بۇ ئەرز-شىكايەت تەڭرىنى

    ئامالسىز قويۇپتۇ بىر پەستە.

    ئاپتۇ ئۇ جىنىنى پىرچەڭگى-

    بۇ ئىشنى پەقەتلا بىلمەستە.

     

    پىرچەڭگى ئۆلۈپتۇ، ئەرۋاھى

    يۈرۈپتۇ دالىلارنى ئارىلاپ.

    ئۆلمىگەچ ئۇنىڭ كۈي-ئاۋازى،

    تۇرىدۇ ھازىرمۇ جاراڭلاپ.

     

    قەدىرلە ھەممىدىن ناخشىنى،

    ئەي ئوغلۇم، ئۇ كۈڭۈل ئوزۇقى.

    ئەجدادىڭ ئەزەلدىن ناخشىنى

    سانىغان خۇشاللىق بۇلىقى.

     

    ئىسكىلىي باشنىڭ ناخشىسى ئاياغلىشىپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن سوراپتىمىشمەن:

                ئى ئىسكىلىت باش، ئۆزىڭىز كىم؟

                مەن پىرچەڭگىنىڭ ئەۋلادى، سىنىڭ ئەجدادىڭ. مەنمۇ ساڭا ئوخشاش بىر ئاشىق ئىدىم. ئەمما مۇراد-،ەقسىتىمگە يېتەلمەي ئۆلۈپ كەتتىم. ئەمدى ساڭا دەيدىغىنىم شۇكى، سەن ئەتە تاڭ سەھەردە مۇشۇ قەبرىستانلىققا كەلگىن. شۇ چاغدا ئاجا يىپ بىر مۆجىزە يۈز بەرگۈسى.

    باش ئىسكىلىتى سۆزىنى تۈخىتىپ دىك-دىك سەكرىگىنىچە قەبرىسى گە كىرىپ كېتىپتۇدەك. قەبرە يەنە ۋاك قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يېپىلىپ قالغۇدەك. بۇ چاغدا قەبرىدىن بىر خىل ئاقۇچ تۇمان كۆككە ئۆرلەپتىمىش، مەن ئاشۇ تۇمانغا قارىغىنىمچە ئويغىنىپ كېتىپ- تىمەن...

    شۇنداق، بۇ بىر چۈش. چۈشۈمدىكى بېشارەتلەرنىڭ رېئاللىقتا يۈز بېرىپ قالىدىغانلىقىغا ئۆز تۇيغۇمدا ئىنكار قىلىپ بولمايدىغان بىر ئىشەنچ پەيدا بولدى. ئادەم بەدىنىدىكى پىسخىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىن ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى بىزنىڭ ئەجدادلىرى مىزنىڭ ساددا تەپەككۇرىلا ئەمەس، 20- ئەسىرنىڭ ئالىملىرىمۇ ئاللى قاچان ئىسپاتلىغان. مەن چۈشۈمدە زاھىر بولغان قەبرىستەنلىقنى ئىز دەش نىيىتىگە كەلدىم. سائىتىمگە قارىسام ئەمدىلا تۈن يېرىم بوپتۇ. تاڭنى كۈتەي، سەھەردىن باشلانغان ئىش خەيرلىك بولىدۇ ئەمەسمۇ.

    مەن ئاشۇ ئۈمىدۋار خىياللار بۆشۈكىدە يەڭگىل تەۋرەنگىنىمچە يەنە ئۇخلاپ قالدىم. چۈش...مەن يەنە غۇۋا بىر چۈشكە ئەسىر بولدۇم. چۈشۈم تولىمۇ تەرتىپسىز. كەڭ دالا، شەھەرلەر، يېزىلار، تاغ ۋە دەريا لار...قەبرىستانلىق! ماڭا تونۇش قەبرىستانلىق! ئالدىمىزدا بىر گۈ زەل ساھىبجامال قىز...ئېھ! ئۇ پەرىشتە ئوخشىمامدۇ؟ پەرىشتە... پەرىشتە...مەن ئاشۇ پەرىشتىنىڭ ھەمراھلىقىدا يەرشارىنىڭ ناتونۇش جايلىرىدا يۈرگۈدەكمىشمەن، ئالەمنى ساياھەت قىلىپ ئاجايىپ بىر غەلىتە ئىشلارغا، غەلىتە جانلىقلارغا ئۇچرىغۇدەكمىشمەن...

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.