كېچىدىكى يول

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-10 18:35:51

يەنە بىر ھېكايە: كېچىدىكى يولكونىلاردا: ۋىجدانسىزلىق قىلمىساڭ، كېچىسى جىننىڭ كېلىشىدىن قورقما، دەيدىغان گەپ بار. ئەجەبا، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا يۈز كېلەلەيدىغان ئادەمگە جىن ئۇچرىماسمۇ؟ مەن بۇنىڭ...



     يەنە بىر ھېكايە: كېچىدىكى يول

     كونىلاردا: ۋىجدانسىزلىق قىلمىساڭ، كېچىسى جىننىڭ كېلىشىدىن قورقما، دەيدىغان گەپ بار. ئەجەبا، ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا يۈز كېلەلەيدىغان ئادەمگە جىن ئۇچرىماسمۇ؟ مەن بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن. چۈنكى بىر قېتىم كېچىدە يول يۈرۈپ، شۇنداق بىر غەلىتە ئىشقا يولۇققان ياقى، ئۆزۈمنىڭ ۋىجدانىغا پۈتۈنلەي يۈز كېلىپ ياشىغانلىقىمغا ئىشەنسەممۇ، بۇنداق كىشىلەرگە جىننىڭ ئۇچرىمايدىغانلىقىغا چىن پۈتمەس بولۇپ  قالغانمەن.

    ئۇ كۈنى ھېيتنىڭ نەچچىنچى كۈنلىرى ئىدى. ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن چوڭ ئۆيگە ھېيتلاپ ماڭغانىدۇق. چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىمۇ ئۇنچە يىراق ئەمەس بولمىسا، بىرەر چاقىرىم كېلىدۇ. يولدا چوڭ-كىچىك تۇغقانلار پاراڭ بىلەن ماڭدۇق، ئۇلار مېنى كىچىك كۆردىمۇ ئىشقىلىپ، مېنى چاقچاق تېمىسىغا ئايلاندۇرىۋالدى. چوڭ ئۆيگە بارغاندىن كېيىنمۇ مەن بىلەنلا قالدى. كىچىكلىكتە ئادەمنىڭ غورۇرى بەك كۈچلۈك بولامدۇ-قانداق بىلمىدىم، ئۇلارنىڭ ئېگىز-پەس چاقچاقلىرىغا يامانلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەلگەن توپىلىق يولىمىز بىلەن ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم. بىز ئۆيدىن چىققاندا كۈن خېلى يورۇق ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە گۇگۇممۇ خېلى ئوبدانلا چۈشۈپ، يولنى ئاران-ئاران يورىتىپ تۇراتتى.

    ئۆينىڭ ئىچىدىن يەنە كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بەلكىم مېنى قىيداپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئۆزى يالغۇز قايتىپ كېتەلمەيدۇ، دەپ مەسخىرە قىلىپ كۈلۈۋاتقان بولىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ شۇنداق قىلغىنىغا  بولسىمۇ، چىشىمنى چىشلەپ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ماڭدىم! خەپ! سىلەرگە چوقۇم كۆرسىتىپ قويىمەن.

    كەلگۈچە بۇ يول ئۇنچە ئۇزۇن بىلىنمىگەنىدى. مانا ئەمدى تازىمۇ ئۇزۇن بىلىنىۋاتاتتى. كەينىمگە قارىدىم، چوڭ ئاپاملارنىڭ كەنتىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئەسلىدە بۇ ئىككى كەنتنىڭ ئارىلىقىمۇ خېلى باركەندە؟!

    ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى كەنتنىڭ ئارىسىدا بىرەر ئائىلىلىكمۇ يوق دېسە! تېخى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئارىلاپ قەبرىلەرمۇ ئۇچراپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ يول ماڭغانسېرى تۈگىمەيتتى، كۈنمۇ بارغانسېرى رەسمىيلا قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى. يۈرۈگۈممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ رېتىمسىز سوقىۋاتاتتى. بىر ۋاقىتتا كەينىمدىن بىرى ئەگىشىپ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. كەينىمگە قارىدىم ھېچكىم يوق. پەقەت يول ياقىسىدىكى دەرەخلەر قاراڭغۇلۇقتا يېنىك شىۋىرلاپ، بىرلىرىنىڭ پىغانلىق يىغىسىدەك ئاۋاز چىقىرىپ تۇراتتى.

    بۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ كىچىكلىك قىلىپ قىيدىغىنىمغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم، ئەمما ھازىر يولنىڭ خېلى بىر يەرلىرىگە بېرىپمۇ قالغانىدىم. كەينىمگە قايتقاندىن كۆرە ئالدىمغا قاراپ كېتىۋەرگىنىم تۈزۈك ئىدى. بۇرۇن ئاڭلىغان غەلىتە گەپ-سۆزلەر، ئاجايىپ-غارايىب ئىشلار ئەمدى كاللامدا كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۈشكە باشلىدى.

    مەلۇم بىر كېچىسى، بىر ئوغۇل بالا ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ ھاجەتخانا دېرىزىسىغا شۇنداق قارىشىغىلا، بىر قىزنىڭ ھاجەتخانا سىرتىدىكى دەرەخ شېغىغا ئېسىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇ قىزنىڭ بىر جۈپ قورقۇنچلۇق كۆزى شۇ بالىغا قادىلىپلا تۇرغانمىش، شۇنىڭ بىلەن بالا ساراڭ-قېتىش بولۇپ قاپتۇ، دېگەندەك.

    بەدىنىم ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتتى. يول بويىدىكى دەرەخلەرگە قىيا بېقىپ قارىدىم. ئەگر شۇ دەرەخلەرنىڭ شېخىغا راستلا بىرەر ئادەم ئېسىقلىق تۇرسا قانداق  بولۇپ كېتەرمەن-ھە؟! يائاللاھ! يۈرۈگۈمنىڭ دۈپۈلدەپ سوقىشىغا ئەگىشىپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم.

    كاللامدا تۇيۇقسىز يەنە شۇ بەزى كىنولاردىكى قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشلەر ئەكىس ئېتىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ھېلىقى كىنودىكى سۇ ئىچىدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىققان بىر جۈپ قول. ھېلىقى ئايال توختىماي يۈگرەيتتى، كەينىدىن ھېلىقى بىر جۈپ قول ئۇنىڭ كىيمىنى تارتاتتى. ياق! ئەمدى ئويلىسام بولمايدۇ، ئەمدى ئويلىسام بولمايدۇ. بۇرۇن شۇ ئاڭلىغان جىننىڭ ھېكايىلىرى، كۆرگەن شۇ كىنولىرىم، ئەمدى خوپ بولدى مانا! ئويلىماي دېسەممۇ كاللامغا كىرىۋېلىپ جېنىمنى ئاز قويىۋاتاتتى.

    قاراڭغۇچىلىقتىن ئالدىمدىكى يولنىمۇ ئېنىق كۆرەلمەيۋاتاتتىم. مانا ئەمدى ئۆيۈمگە مۇشۇ كوچىدىن ئۆتسەملا بارىمەن. بۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم قورقىتىپمۇ خېلى بىريەرگە ئاپارغانىدىم. مېڭىشىممۇ يۈگرۈشكە ئۆتكەنىدى. ئۆمرۈمدە ئەزەلدىن بىرەر يېرىم دانە چىراغ نۇرىنىڭ كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىشىنى بۇنچىۋالا ئۈمىد قىلىپ باقىمىغانىدىم.

    ھەسىرەپ-ھۆمۈدەپ، ھېلى يۈگرەپ ھېلى مېڭىپ كېتىۋاتقىنىمدا، كەينىمدە غۇيۇلداپ كېلىۋاتقان بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ، خۇددى بىرى كەينىمدىن راستىنلا ئەگىشىپ مېڭىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئۇ... ھېلىقى... بولدى، ئويلىماي! ئەمما مەن يەنىلا كەينىمگە قارىماي چىدالمىدىم. كەينىمگە قارىدىمۇ-يۇ، ھوشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم. توۋا! كەينىمدە، مەندىن ئانچە يىراق  بولمىغان يەردە بىر ئاق شەپكە كىيگەن كىشى ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى. پۈتۈن بەدىنىم قېتىپ قالغاندەك تۇرۇپ قالدىم، كاللاممۇ قۇپقۇرۇق ئىدى. بىردەمدىن كېيىنلا ھېلىقى ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرى ئېنىق كۆرۈنگەندىن كېيىنلا كەينىمگە قاراپ ئۇچقاندەك چاپتىم. شامال قۇلىقىمنىڭ يېنىدىن ۋىژىلداپ ئۆتەتتى. كەينىمدىن ھېلىلا بىر قول كېلىپ مېنى تۇتىۋالىدىغاندەك يۈگرەيتتىم. بىر ۋاقىتتا كەينىمگە قارىدىم، ھېلىقى ئادەم يەنە مەندىن شۇنچىلىك يىراقلىقتا ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئىتتىك ئەتراپىمغا قارىدىم، مەن ئۆز جايىمدىن مىدىرمۇ قىلمىغاندەكلا ئىدىم، بايام ياقى شۇنچە يۈگۈرسەممۇ ئۆز جايىمدىن يېرىم قەدەممۇ ئايرىلمىغانىدىم، «ئاپا!» دەپلا ۋارقىرىغىنىمچە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئالدىغا ئىنتىلدىم-دە، نەچچە يۈز كلوگرام ئېغىرلىقتىكى نەرسىنى ئېسىپ قويغاندەك پۇتلىرىمنى يەردىن مىڭ تەسلىكتە يۆتكەپ ئېلىپ، ھاسىرىغىنىمچە پۈتۈن  كۈچۈم بىلەن يۈگرۈدۈم. بىر ۋاقىتتا ئالدىمدا بىرنەچچە ئائىلىلىكنىڭ چىرىقى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. شۇ چىراق بار تەرەپكە قاراپ بايىقىدىنمۇ بەكرەك كۈچەپ يۈگۈرۈشكە باشلىدىم، خۇددى ھېلىقى ئاق شەپكىلىك ئادەم ئەڭ ئاخىرقى پەيتلەردىمۇ كېلىپ مېنى تۇتۇپ كېتىدىغاندەك.

    ھاسىرىغىنىمچە بىر ئائىلىكنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. شۇ ئۆيگە كىرىپ، ئۆي ئىگىسىدىن شۇنى ئاڭلىدىمكى: نەچچە كۈن بۇرۇن بىر ئادەم مۇشۇ يولدا بالىسىنى تىراكتورنىڭ ئالدىدىن قۇتقۇزىمەن، دەپ ئۆزى تىراكتورنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنمىش،  قىزىق يېرى ئۇ ئادەم دائىم ئاق شەپكە  كىيىپ يۈرىمىش!

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران _