ھاشىمنىڭ ئىشىكى

يوللىغۇچى : koktugh يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-26 19:15:15

ھاشىم پاخپاق ئۈچۈن ئۇنىڭ بوز ئىشىكى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدا جانغا ئەڭ ئەسقاتىدىغان يار-يۈلىكى ئىدى .ئەمما يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بۇ بوز ئېشەك ھاشىم پاخپاققا ئويل...


    ​ھاشىمنىڭ ئىشىكى
     
    (ھېكايە)
    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ
     
    ھاشىم پاخپاق ئۈچۈن ئۇنىڭ بوز ئىشىكى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىدا جانغا ئەڭ ئەسقاتىدىغان يار-يۈلىكى ئىدى. ئەمما يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بۇ بوز ئېشەك ھاشىم پاخپاققا ئويلىمىغان يەردىن ئاز بولمىغان ئاۋارىچىق، كۆڭۈلسىزلىك تېپىپ بەرگىلى تۈردى
    (1)
     ئاۋال ئاخشامدىلا چىللىغان  شۇم خۇرازدەك  ئەترەت باشلىغى سەمەت سەپرانىڭ ئالاتاغىل ئاۋازى ئەتىگەندىلا  ئەترەت تاراتقۇسىدا ئاڭلىنىشقا باشلىدى
    -بارلىق ئەترەت ئەزالىرى تۈۋەندىلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەك؛ توپلىشىپ ناماز ئۇقۇشقا، مەسچىتلەردە ئەزان توۋلاشقا، ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ...ئاياللار يۈزىنى يېپىشقا، ھىجاپ تاقاشقا، دىنى تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيىشكە ... بولمايدۇ. ئەرلەر ساقال قۇيۇشقا ئۇزۇن چاپان كىيىشكە، دوپپا كىيىشكە بولمايدۇ... ئۆيۈڭلاردىكى تىكە ئۆچكىلەرنىڭ ساقىلى ئۇزۇن بولسىمۇ قىرقىۋېتىش كىرەك. ئۆيلەردىكى  كالا ،ئىشەك، قوي ،ئۆچكە،ئىت -مۇشۇك،تۇغا ئۆردەكلەرئەسلى زۇۋاندا ئاۋاز چىقارماسلىغى  – كالىلار قويچىلاپ مەرىشى،ئىشەكلەر قېچىرچىلاپ ئاتچىلاپ كىشنىشى، ئىتلار چاشقاننى دوراپ  ۋىچىرلىمىغى  ،مۈشۈكلەر ئىتنى دوراپ قاۋىمىقى لازىمدۇر ... بۇ يېزىلىق ھۆكىمەتنىڭ ،نۆۋەتتىكى ئىسلاھاتنىڭ تەلىپى ،پۇقرا بولغۇچىلار سىياسەتكە ئاڭلىق بۇيسۇنمىغى لازىمدۇر...
    ئەمدىلا  ئېتىزلىقىغا ماڭاي دەپ تەييارلىنىۋاتقان  ھاشىم پاخپاق ئەترەت باشلىغى سەمەت سەپرانىڭ قۇلاققا مۇزياققاندەك ئاڭلىنىدىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىسىگە دەرھال بىرنەرسىلەر كىچىپ سەمەت سەپرانىڭ چوقۇم بۈگۈن ياكى ئەتە ئۈزىنى يەنە ئىزدەپ كىلىدىغانلىغىنى خىيالىدىن كەچۈردى.. ...شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىگە بىردىنلا غەشلىك چۈشۈپ "بۇ نۆۋەت شۇ قىزىل پاچاق كەلسە يەنە نېمە دەپ باھانە كۆرسىتەرمەن "-دەپ ئەندىشى قىلىشقا باشلىدى ...
    دېگەندەكلا چۈشتىن كېيىن ئەترەت باشلىغى سەمەت سەپرانىڭ ئاۋازى ئىشىك ئالدىدا ئاڭلانغاندا يەنە ياخشى گەپ ئاڭلىمايدىغانلىقىنى بىلىپ ھاشىم پاخپاقنىڭ غۇژژىدە جۇدۇنى تۇتقان بولسىمۇ ئەمما ئامالسىز يالغان كۈلۈپ قۇلىنى كۆكسىگە قۇيۇپ "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم "-دەپ سالام بىرىپ ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى .شۇئان ئويلىمىغان يەردىن ھاشىم پاخپاق ئەنسىرىگەن ئىش يەنە  يۈزبەردى... سەمەت سەپرا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ چالۋاقاشقا باشلىدى ؛
    -مانا!مانا!...زادى سىلىنىڭ ئىدىيەڭلەردە بىر مەسىلە بار ،ئاداش! خۇراپىيلارچە "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم "دەپ سالام قىلماي ...يېڭى زاماننىڭ قائىدىسى بۇيۇنچە "ياخشىمۇ سىز "-دەپ مۇنداق قول بىرىشىپ كۆرىشىمىز...مانا مۇنداق ... قاچانغىچە كونا قائىدەڭلارنى ئۆزگەرتمەيسىلەر- ھە؟!ھاشىم پاخپاق دەرھال تۈزۈتۈپ  قايتىدىن قول بىرىپ كۈرۈشتى ....
    -ئەمدى بولدى ...بولدى مانا.. ؛شۇنداق مەدىنى ...بولدى .
    -ھەقىچان ئۆزۈڭلارمۇ ئاللىقاچان بىلىپ يەتتىڭلار.بۈگۈن ئۆيۈڭلەرگە يەنە شۇ مىدە ئېشىگىڭلارنىڭ ئىشى بىلەن كەلدىم .مەن سىلىدىن ئېنىق قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سوراپ باقاي - بۇ ئىككى ئۈچ ئايدىن بۇيان مىدەڭلارنىڭ بىر قېچىر تۇغۇدىغانلىقىدىن ئازراق بولسىمۇ ئۈمىد بارمىكەن ياكى زادى يوقمىكەن ؟
    ئەسلى ئەترەت باشلىغى سەمەت سەپرا ،دېھانلارنى تىزراق بېيىتىپ ھاللىق تۇرمۇش سەۋىيسىگە يەتكۈزۈش تەلىپى بۇيۇنچە مۇشۇ ئەترەتتىكى بارلىق ئېشەكلەرنىڭ سورتىنى بىر بىرلەپ قېچىرغا ئۆزگەرتمەكچى بولۇپ ھاشىم پاخپاقنىڭ مىدىسىنى بىرىنچە بولۇپ سىناق نۇختىسى قىلىپ تاللىغان ئىدى .شۇنىڭ بىلەن ئەترەتتىكى ھەربىر كاللا بېشىغا چېچىپ پۇل يىغىش قىلىش ئارقىلىق ئەللىك مىڭ يۈئەن پۇل جەملەپ تۇڭگانلارنىڭ يۇرتىدىن ئەڭ تاللانغان ،تۈرگۈن ئارغىيدىن بىرسى سېتىۋېلىنىپ ،ئۈچيۈز كىلو قوناق،بىر توچەي بىيدە بىلەن ھاشىمغا تاپشۇردى . ئەترەت باشلىغى سەمەت سەپرا شۇ چاغدا ھاشىمغا ئېنىق قىلىپ شۇنداق تاپشۇرغان ئىدى ؛"ھاشىماخۇن ئاداش ،ئىشەكنىڭ سورتىنى ياخشىلاپ قېچىرغا ئۆزگەرتىش ،يېزىلىق ھۈكىمەتنىڭ نۇختىلىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەۋاتقان ،دېھانلارنى بېيىتىش ھەققىدىكى پەن تېخنىكا تەجرىبە پىلان تۈرى .ھەم شۇنداقلا بۇ قاتتىق سىياسەت .بۇ پىلان سىياسەتنىڭ مەنىسىنى چۇڭقۇر چۈشىنىشىڭلار كىرەك !يەنە سىلىگە كەلگەن بىر بېيىش پۇرسىتى  دىسەكمۇ بۇلىدۇ .شۇڭا بۇ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مىدەڭلاردىن ياخشى بىر سورتلۇق قېچىر تۇغدۇرالىساڭلار پەن تېخنىكا بۇيۇنچە سورتنى ياخشىلاپ بېيىغان ئائىلە ئۈلگىسى دىگەن شەرەپكە ئىرىشىپ ،يېزىلىق ھۆكىمەتنىڭ قىرىق مىڭ يۈئەن مۇكاپات پۇلىغا ،يەنە ناھىيىنىڭ ھۈكىمەتنىڭ يىلدا چارۋىچىلىقتا تۇياق بېشىغا بىرىدىغان مىڭ يۈئەن تۇلۇقلىما پۇلىغا ئېرىشىسىلەر .شۇنداقلا بۇ ئىش ئۇڭۇشلۇق بولسا بىز سىلەرگە تۇتتۇرغان ئارغى ئات ،قۇناق بېدىلەر سېتىۋېلىنغان پۇلنىڭ ھېساب كىتابى قىلىنمايدۇ... شۇنى ئەستە  چىڭ تۇتۇڭلاركى -ئەگەر ئىش ئۇڭۇشلۇق بولمىسا بۇ پەن تېخنىكا تەجىربىسىگە كەتكەن بارلىق چىقىملارنىڭ پۇلىسىنى سىلە بىر-بىرلەپ قايتۇرۇشتىن باشقا ئىدىيىسىدە مەسىلە بار ،قالاق ئائىلە ھىساپلىنىپ نوختىلىق كۈزىتىلىدىغان، تۈزىتىلىدىغان ئائىلە قاتارىغا كىرىسىلەر ...!
    شۇ كۈندىن باشلاپ ھاشىم پاخپاقنىڭ بېشىغا ئېغىر بىر غەم تېشى يىقىلغانىدى ...ئەگەر ئېشىكىم تۇتال بولماي بىر قېچىر تۇغالمىسا قانداق قىلماق كېرەك...؟يا بۇ بەندىنىڭ قۇلىدىن كېلىدىغان ئىش بولمىسا...؟!ياكى مەن تېخنىكا جەھەتتىن بۇنداق ئىشنىڭ ئەھلى بولمىسام ...
    ئەترەت باشلىغى ئارغىينى ھاشىم پاخپاقنىڭ قۇتىنىغا سولاپ بىرىپ دەيدىغاننى دەپ قايتىپ كەتكەندىن كىيىن ھاشىم پاخپاق مەيلى قانداقلا بولمىسۇن رەھبەرلىك تاپشۇرغان بۇ ۋەزىپنى قەتتى ياخشى ئورۇنلىمىسا ئۆزىمۇ ھەر جەھەتتىن ئېغىر زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئويلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بۇ ئىشنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلدى . ئۇ شۇ كۇندىن باشلاپ بۇ سورتلۇق ئارغىينى مىدە ئىشىگى بىلەن بىر بىر قوتانغا سۇلاپ ،ئارغىينى كۈندە بىر ۋاق يۇيۇپ تاراپ كۈندە بىر قېتىم قوتاننى پاكىزلاپ تازىلاپ قۇناق بىدىنى ئالدىدىن ئاشقىچە بەردى ...تۈرگۈن ئارغىي مىدە بىلەن بىر قوتانغا كىرگەن كۈنىدىن باشلاپ مىدە ئىشەككە تىنماي چاڭ سېلىشقا باشلىدى ...مىدە ئېشەك  قاڭتىرىپ باغلانغان ،ئارغى ئات ئەركىن ئازادە ...شۇنداق بولسىمۇ ھاشىم پاخپاقنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە بۇ جاھىل مىدە ئىشەكنىڭ ئارغىينى قۇبۇل قىلىدىغان چىرايلىقچە يېنىغا كەلتۈرىدىغان ئەلپازى زادىلا يوقتەك قىلاتتى .كېچە كۈندۈزلەپ قوغلاشماق ،ئارتىلماق ،چىشلەشمەك، تېپىشمەك... كىشنەشمەك ... مىدە ئېشەك بىلەن ئارغىينىڭ جەڭگى –جىدىلى بىر ھەپتىلەپ زادىلا بېسىقمىدى ...ھاشىم پاخپاق ھەپتىلەپ قوتان رۈجىگىدىن قاراپ كۈزۈتۈپ كۆردىكى -تۈرگۈن ئارغىي تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشلىتىپ مەجبۇرى ئارتىلماقچى بولسىمۇ ئەمما مىدە ئېشەك بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ زوراۋان ئارغىدىن قۇيرۇغىنى قاچۇراتتى ياكى زادى بولالمىغاندا جايىدىلا يېتىۋالاتتى .زوراۋان ئارغىنىڭ نەچچە كۈنلەپ ئىشلىتىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرى بىكارغا كېتىپ باراتتى .ئاخىر ھاشىم پاخپاق بۇ ئىشقا ئۆزىنىڭ يەنە ئارىلاشمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ،ئاۋۋال مىدە ئىشىگىنى مىدىر قىلالماس ھالدا قاڭتۇرۇپ باغلىدى .ئاندىن مىدىسىنىڭ ئارقا ئىككى پۇتىغا توغرىلاپ يۇغان قۇزۇقتىن ئىككىنى قېقىپ مىدە ئىشەكنىڭ ئىككى پۇتىنى ئارقان بىلەن چىڭ تارتىپ باغلىدى...بۇ تىرىشچانلىقلار بىلەن ئارغىي ئاخىرى مۇرادىغا يەتتى ...بىراق ھاشىم پاخپاقنىڭ مىدى ئىشىگى زوراۋانلىققا ئۇچرىغان شۇ كۈندىن باشلاپ ئورنىدىن قوپماي ،ئۇلاقتىكى يەم بۇغۇزغا ،چىلەكتىكى سۇغا قاراپمۇ قويمىدى ...ئۈچ كۈن بولغاندا ھاشىم پاخپاق ،مىدىسىنىڭ باش كۈزىنى سىلاپ تاراپ پەپىلەپ يۈرۈپ ئاران تەستە ئورنىدىن تۇرغۇزدى ...بوز مىدىنىڭ چاپاق باسقان كۆزىدە ياش لىغىرلايتتى. بوز مىدە دۈگجۈنۈپ تۇرۇپ مىڭ تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ چېلەكتىكى سۇدىن نەچچە ئوتلام يۈتتى –دە يەنە جايىدىلا ياتتى ....شۇ ئارىلىقتا ئەترەت باشلىغى سەمەت سەپرا يېزىدىكى پەن تېخنىكىغا مەسئۇل ئىككى نەپەر كۆز ئەينەك تاقىغان تېخنىكىغا مەسئۇل رەھبەرنى باشلاپ كىلىپ ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە باشلىدى
    -سەندىن ئەھۋال ئىگەللىگىلى مەخسۇس تېخنىكلار كەلدى ...ئەمما سەن ئامالنىڭ بارىچە شۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىشىڭ كىرەك ...مەن بۇرۇنمۇ شۇنداق تەشۋىق قىلغانغۇ ؟رەھبەرلەر كەلگەندە ئۆز تىلىڭدا سۆزلىسەڭ بولمايدۇ ...ئۇلار ئۇقمايدۇ،ھەم ياقتۇرمايدۇ ...
    -مەن خەنزۇ تىلىنى سۆزلىيەلمىسەم ...؟
    -ئەستاغپۇرۇللا ...ھاشىم سەن زادى قاچان دەۋەرگە يىتىشىپ ماڭارسىىەن  ھە؟! زادى سىلىنىڭ ئىدىيەڭلەردە مەسىلە بار ..!بولدى ...بۈگۈن سەن.. سەن ئۆز زۇۋانىڭدا  سۆزلە ...مەن بىلىشىمچە ئۆرۈپ بىرەي...
    ھاشىم سۆزلىمەكتە ،سەمەت سەپرە بىر تەرەپتىن سۇئال سوراپ يەنە بىر تەرەپتىن بىلىشىچە تەرجىمە قىلىپ بەرمەكتە
    -ئارغىي بىلەن ئىشىگىڭلار  ،ئۇڭۇشلۇق جۈپلەشتىمۇ ؟
    -ئوڭۇشلۇق جۈپلەشتى ...بىراق ...
    -نېمە بىراق ؟
    -بۇ ئىشەك ...شۇ ئىشتىن كىيىن...نېمە بولدى ؛ئوت-چۆپ، بۇغۇزمۇ يېمەيدۇ ... سۇمۇ ئىچمەيدۇ ...مانا مۇشۇنداق كۈن بۇيى ئورنىدىن قوپماي ياتقىنى ياتقان. كۆزلىرىنى چاپاق بېسىپ قوتوراپ كېتىپ بارىدۇ ...ئۆلۈپ قالامدىكىن دەپ ...
    -نىمە؟...مىدەڭلار ئۆلۈپ قالسا بولمايدۇ ...بۇ بولماپتۇ ...ئەتە مەن يېزىدىكى چارۋا دوختۇرىنى چاقىرىپ كىلەي ...دەرھال داۋالاپ ساقايتسۇن ...!
    مىدە ئېشەكمۇ داۋالىنىپ سەل ياخشى بولۇپ قالدى ... ئارغىينىڭمۇ ئون بەشكۈنلۈك مۆھلىتى تۇشۇپ ئېلىپ كېتىلدى ...بىراق ھاشىم پاخپاق بىلەن ئەترەت باشلىغى،چارۋا دوختۇرلىرى ساق ئۈچ ئاي ئۆتكەندىمۇ شۇنى كۆردىكى مىدىنىڭ قورسىقى ھېچ تومپىياي دىمەيتتى ...ئاخىرى  مەخسۇس ئەسۋاپ بىلەن تەكشۈرۈلدى .ئايان بولدىكى- چارۋا دوختۇرلىرى مىدە ئىشەكنىڭ قورسىغىدا تېخىچە ھامىلىنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكىنى شۇڭا قېچىر تۇغۇش ئېھتىمالىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى ئېنىقلىدى. بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان سەمەت سەپرانىڭ ئەرۋايى تۇنجى قېتىم قىرىق گەز ئۆرلەپ تىرىككەن  ھالدا ھاشىم پاخپاققا تەھدىت سېلىپ كايىپلا كەتكەن ئىدى ؛
    -قانداق قىلىسىلەر ؟!ئەللىك بىرمىڭ بەش يۈز يۈئەن نەق پۇلنى تۆلەمسەن ئەمدى ؟ پۇلنىغۇ چوقۇم بىر سىنىتمۇ كەم قىلماي تۆلەيسەن !ئەلۋەتتە شۇ سىنىڭ مىدەڭ بىر تۇياق قېچىر تۇغقان بولسا ئۈزەڭمۇ باي بۇلاتتىڭ .ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ،بارلىق ئەترەت ئەزالىرىنىڭ يۈزى يورۈق بولغان بۇلاتتى -ئەمەسمۇ؟بىزمۇ يېزىلىق ھۈكىمەت ئالدىدا يەرگە قارىمايتتۇق مانا؟....
    شۇ ئىشتىن كىيىن ئەترەت باشلىغى سەمەت سەپرا ,تەسادىبى مۇجىزە كۆرۈلۈپ ھاشىم پاخپاقنىڭ مىدە ئىشىگى كىچىكىپ بولسىمۇ تۇتال بولۇپ قېچىر تۇغىدىغان بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس –دېگەن ئاخىرقى چالا تامادا پات –پات ھاشىم پاخپاقنىڭ ئۈيىگە ھەر خىل باھانىلەرنى قىلىپ كېلىدىغان ،ھەرقېتىم كەلسە  شۇ ھەقتە بىرەر خوش خەۋەر ئاڭلاپ قالىمەنمىكىن دەپ، شۇ مىدىسىنىڭ قېچىر تۇغۇش ئىشىنى سوراپ قۇياتتى ... بۈگۈنمۇ يەنە بۇ ئۆينىڭ بۇسۇغىدىن ئاياق ئالا-ئالمايلا شۇ ئىشلارنى سوراشقا باشلىغان ئىدى .ھاشىم پاخپاق ئوڭايسىزلانغىنىچە بېشىنى قاشلىغان ھالدا ئىنجىقلاپ تۇرۇپ جاۋاب بىرىشكە باشلىدى ؛
    -شۇ..شۇ...يەنە ...يەنە شۇ...شۇ پېتى ...بۇ قوتۇر ئۆلەرمەن ....
    -ئۇنداق بولسا ئەمدى مىنىڭدىن خاپا بولۇپ يۈرسەڭلارمۇ مەيلى .گەپنى ئۈچۈق دىمىسەم بولمايدۇ .ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ،يېزىلىق ھۆكىمەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ ئۈمىدىمىز ئۈزۈلدى .بىر يېرىم يىل ئىچىدە قىلغان ئەجرىمىز ،خەجلىگەن پۇل ھەممىسى بىكارغا كەتتى ...شۇڭا مەنمۇ ئەڭ ئاخىرى ئەترەت نامىدىن مۇنداق ئىككى ئىشنى سىلىگە ئۇقتۇرىمەن ! بىرىنچى ؛-مىدە ئىشىگىڭلارنى نەسىللەندۈرۈپ قېچىر تۇغدۇرۇش ئۈچۈن كەتكەن ئەللىك بىر مىڭ بەش يۈز يۈئەن زىيان پۇلنى مۇشۇ يىل ئاخىرىغىچە قايتۇرۇپ بىرىپ بولىشىڭلار لازىم ! يېزا رەھبەرلىرىنىڭ توختامغا قول قويغان ۋاقىتتىكى مۆھلىتى شۇنداقكەن .ناۋادا بۇ پۇلنى مەن تۆلىيەلمەيمەن-دەپ ئىشىپ تۇرماقچى بولساڭلار –بۇ ئەترەتتىن دەرھال يوقۇلۇڭلار !نەگە بارساڭلار بېرىڭلار ...تېرىلغۇ يېرىڭلارنى قايتۇرۇۋالىمىز .ئولتۇراق ئۆيۈڭلارنى دەرھال باھالاپ سېتىپ پۇل قايتۇرۇۋالىمىز . ئىككىنچى ؛-پۈتۈن مەھەللە تەۋەسىدىكى ئىت ئىشىكلەر كالا قويلار يېزىلىق ھۈكىمەتنىڭ تەلىۋىگە ئەمەل قىلىپ زۇۋانلىرىنى ئوبدانلا يىغىشتى...بىراق ئىگەللىشىمىزچە كىچىدە تاڭ سەھەر مەھەلدە بۇ قوتۇر ئىشىگىڭلار ھېچنىمىدىن تەپ تارتماي ھاڭراپ يېزىلىق ھۈكىمەت بەلگۈلەپ بەرگەن "ئىشەكلەر ئىشەكچىلاپ ھاڭراشقا بولمايدۇ" دېگەن تۈزۈمگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى ... بىز بىلىۋاتىمىز ...ھەر گىز تېنىۋالالمايسىلەر...بۇ دەل سىلىنىڭ ئىشىگىڭلارنىڭ زۇۋانى ...دىمىسىمۇ بۇ ئەترەتتە سىلىنىڭ ئېشىكىڭلاردىن باشقا ئېشەكلەر بۇنداق ئەركىن ھاڭراشقا ھەر گىز جۈرئەت قىلالمايدۇ...شۇڭا بۇ ئېشىگىڭنىڭ ھاڭرىشىنى قانداق ئامال قىلىپ يوقاتساڭ يوقات ! بولمىسا ،بىزنىڭ يەنە قانۇن بۇيۇنچە  قوللىنىدىغان تەدبىرىمىز بار .ئۇ چاغدا بىزدىن ئاغرىنىپ يۈرسەڭلار بولمايدۇ ...!
    ئەترەت باشلىغى سەمەت سەپرا ئەنە شۇنداق دەيدىغاننى دەپ چالۋاقىغىنىچە قايتماقچى بولدى...ھاشىم پاخپاق سەمەت سەپرانىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ خۇددى ئۈششۈكتە قالغان كەنجى قۇناق شادىسەك شۈمشىيىپ كەتتى
    -توختىسىلا ئەترەت باشلىغى ...
    تۇيۇقسىزدىن ئۆي ئىچىدىن چىقىۋاتقان ھاشىم پاخپاقنىڭ ئايالى نۇرنىسا گاڭنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى
    -نەچچە كۈندىن بۇيان مىدە ئېشىكىمىزدىن قېچىر تۇغدۇرۇش ئىشىڭلاردىن خەۋىرىم بار...شۇنداقلا ھېلى دېگەن گەپلىرىنى ئۆي ئىچىدە ئاڭلاپ تۇردۇم . شۇنداقتا ئېشىكىمىز خېچىر تۇغمىسىمۇ ئۇنىڭ گۇناھى بىزگە ئارتىلامدۇ؟... ئىشىكىمىز كېچىدە ھاڭراپ كەتسىمۇ يەنە بىز گۇناھكارمۇ ؟ ئېشەك دېگەن ئېشەك تۇغماي ،ئېشەك دېگەن ئىشەكچە ھاڭراپ ،قوي دېگەن قويچە مەرىمەي ،ئەمدى قانداق قىلىدۇ ... ئەرلەرنى ئىڭىكىدىكى ساقالنىڭ ئاياللارنىڭ بېشىدىكى ياغلىقنىڭ ،ھايۋانلارنىڭ ئۆز زۇۋانىدا ئاۋاز چىقارغىنىنىڭ زادى نىمىسى، كىمنىڭ نەرىگە پۇتلاشتى ئەمدى .ماڭا خاپا بولماي بىر ئېيتىپ بېرەمدىلا ؟
    يېزىلىق ھۆكىمەتنىڭ ئەمىر پەرمانىغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئۆكتى قوپۇۋاتقان نۇرنىسا گاڭنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ يۈزلىرى تاتىرىپ غەزەپتىن پۇت-قوللىرى تىترەپ كەتكەن سەمەت سەپرا تىرىكىپ ۋارقىراشقا باشلىدى. ...
    -بۇ دېگەن يېزىلىق ھۈكىمەت بەلگىلىگەن سىياسەت !مەن دەۋالغان گەپ ئەمەس !
    -قانداق سىياسەتكەن ئۇ ؟ئوڭ بولسىمۇ تەتۈر بولسىمۇ ئوتتۇرغا قۇيىلىۋېرىدىغان ،تايىنلىق خوتۇنۇڭنىڭ كالتا ئىشتىنىغا يۇقۇپ قالغان مەينەتتۇ شۇ !...
    ئەترەت باشلىغى سەمەت سەپرانىڭ نۇرنىسا گاڭغا گەپ تېپىپ بېرەلمەيدىغانلىقىغا كۈزى يىتىپ ،پەم بىلەن ھاشىم پاخپاققا يۈزلىنىپ گېپىنى ئۆزگەرتتى ...
    -مەن يەنىلا ئەركەكلەر بىلەن گەپلىشەي. ئايال كىشى دىگەنگە دەيدىغان گېپىم يوق ! ...شۇنداق بولدى ئەمىسە ھاشىماخۇن ...مەن كەتتىم ...
    -ھەي لاتا ...خەق سىنى بوزەك كۆرۈپ مىدەڭنى قېچىر تۇغدۇرىسەن دىسە .ئاق قارىسىنى ئويلىمايلا خۇددى كىچىك تىلىڭنى قارلىغاچ چوقۇۋاتقاندەك "ماقۇل" دەپ  باش لىڭشىتىسەن ؟ئەمدىلىكتە مىدەڭ خېچىر تۇغمىسا يەنە "جەرىمانە تۆلەيسەن "دىسە يەنە لام-جىم دىمەي تۇرىسەنغۇ ؟بۇ قانداق گەپ ئەمدى ؟ ئەگەر ئەترەتنىڭ قېچىر كۆپەيتىمىز دىگەن نىيىتى بولسا ئۆزى مەخسۇس كۆپەيتىش ئورنى قۇرۇپ ئىشلارنى ئۆزلىرى بىرياقلىق قىلسا بولمامدۇ ...ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟بۇ ئەترەتكە باشلىق بولغان زومىگەرلەر قاچان يۈز ئىشىنىڭ بىرىسىدە بولسىمۇ دىھقانغا كۆڭۈل بۈلۈپ باققان ؟ مۇشۇ تۆت بەش يىلنىلا ئالىدىغان بولساق ئەترەتكە باشلىق بولغان ھارامخور مۇناپىقلار خۇددى پاھىشە خۇتۇن يۈزىگە كۈندە بىر خىل ئۈپا ئەڭلىك سۈرۈپ چىققانغا ئوخشاش، بىر يىلى ئۈجمە ئۆستۈرۈڭلار يىپەك خام ئەشياسى يارىتىپ باي بۇلىمىز  دىدى .ھەئە دىدۇق ...يەنە بىريىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر باشلىق ئالمىشىپ ئابدۇمىلىك ئۆستۈرۈڭلار ياخشى ساتقىلى ،كۆپ پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ دىدى ...يەنە ھەئە –دەپ تېرىدۇق ... يەنە بىريىلى يەنە بىر سى كىلىپ سورتلۇق كالا بېقىڭلار -دېدى ... كۆزلىرىنى چاپاق بېسىپ كەتكەن يەرلىك رودىپاي ئىنەكلەرنى يىگىرمە ئوتتۇز مىڭدىن قەرز ئالغۇزۇپ مەجبۇرى تېڭىشتى .ئېلىشتۇق... يەنە چىلان ئۆستۈرۈڭلار'- دېدى...ماقۇل دەپ ئىچكىرىدىن ئېلىپ كىلىنگەن ياۋا دەرەخلەرنىڭ يىلتىزىنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىپ باغلارغا چىلان تىكتۇق ...ئەمما بىرتۈپمۇ ئەي بۇلۇپ ئۈنمىدى ... ئويلىغىنا، يۇقىرىقىلارنىڭ قايسىسىدا بىز دىخانلار نەپ ئېلىپ باقتۇق؟ھەمممىسىدە شۇ بىز دىخان بولغۇچىلار زىيان تارتتۇق .ئارىدىن شۇ ھارامخور ئەترەت كادىرلىرى پايدا ئېلىشتى ...!مانا ئىشىكىڭ قېچىر تۇغمىدى ...يەنە جەرىمانە تۆلەيسەن .شۇنداقمۇ ؟ ....تۇۋا دەيمەن ...بۇ زامان زادى نېمە بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ...؟
    نۇرنىسا گاڭ بىكارغا بۇ مەھەللىدە " گاڭ" دېگەن لەقەمنى ئالمىغان ئىدى .ئۇ يول ماڭسا بۇقىنىڭ پاچىقىدەك يۇغان كۈچلۈك پۇتلىرى بىلەن گۈس-گۈس ماڭىدىغان ،ھەر يىلى ئاشلىق ساڭغا بۇغداي ئاپارغاندا بۇغداي قاچىلانغان يۈز كىلوگىراملىق تاغارلارنى پاكار ۋىجىك ئىرى ھاشىم پاخپاقنىڭ ئەكسىچە خۇددى ئەرلەردەك لىككىدە يەلكىسىگە ئېلىپ تەرەكتۇرغا باسىدىغان .گەپكە تەيلىك ،مىجەزى چۇس ،راسچىل چوكان ئىدى. گەرچە ئاخىرقى گەپلىرىنى ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىدا دىيەلمىگىنى بىلەن ئەمما خۇتۇنىنىڭ دىگەنلىرىنىڭ يەنىلا توغرا تەرىپى بار ئىدى ...شۇڭا ھاشىم پاخپاق خۇتۇنىنىڭ چالۋاقاشلىرىغا يەنىلا سۈكۈتتە تۈرۈش بىلەن بولدى قىلدى.
    (2)
    جاھىل ئىشىگى ،ئەترەت باشلىقىنىڭ تەھدىدى ،ۋە خۇتۇنى نۇرنىسا گاڭنىڭ تاپا تەنە-چالۋاقاشلىرى ئارىسىدا قالغان ھاشىم پاخپاق شۇ ئاخشىمى ئىچى سىقىلىپ جىلە بولغىنىدىن ئۈلپەتدىشى ياسىن تاتۇقنى چاقىرىپ چىقىپ يېزا مەركىزىگە بېرىپ ئاۋال تازا چىلاشقىچە ئىچىشتى.ئارقىدىن  ھەقىقى كەندىر توزاندىن يىمىرگەندىن قانغۇچە چىكىپ ئاچچىقىنى چىقىرىپ قايتىپ كەلدى...قايتىپ كەلدى ئەمەس ،ھاشىم پاخپاق ئۈزى ئۆيگە قانداق كەلگەنلىگىنى بىلمىدى . خۇدىنى بىلمەيدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان ھاشىم پاخپاقنى ئىلپەتدىىشى ياسىن تاتۇق تۈن نىسبى بولغاندا ئۇچ چاقلىق ئېلېكتر موتۇسىكىلىت بىلەن كىرا قىلىپ ئۈيىگە ئەكىلىپ ياتقۇزدى ...ياسىن تاتۇق ھاشىم پاخپاقنى ياتقۇزۇپ چىقىپ كېتىدىغاندا بىردىنلا ئەرلىك شەيتىنى قوزغۇلۇپ چالا كەيىپلىكتە،كۆينەكچان ھالەتتە ئىشىك ئېچىپ بەرگەن ،كۆكسىلىرى سورتلۇق ئىنەكنىڭ يېلىنىدەك لىغىرلاپ تۇرىدىغان نۇرنىسا گاڭنى ئاستا تامغا يۈلەپ قۇچاقلىماقچى بولدى .شۇئان كۈچلۈك بىر قول ئاۋاق ياسىن تاتۇقنىڭ غازنىڭ بوينىدەك ئۇزۇن ئەمما ئىنچىكە بوينىغا تىرەلدى ... نۇرنىسا گاڭ سۆزلەشكە باشلىدى ...
    -غوجام ،قانداق ئېشەك يوق ؟ ...ئاغىينە دېگەن مۇشۇنداق بولامدا ؟...
    -بۇ...بۇ...مەسلىك ...مەسلىك ...دىگەننىغۇ ؟...شۇ ...خاپا بولماڭ ئاچا-ھە ؟
    -ئاچاڭنى تېپىپ ئاچا -دە !
    ئوسول بولغان ياسىن تاتۇق بەدەر تۇرماي تىكىۋەتتى ...
    سەھەردە نۇرنىسا گاڭ ئوخشۇتۇپ ئىتىلگەن سۇيۇق ئاشنى پۇشۇرۇپ ھاشىم پاخپاقنى نۇقۇپ تۇرۇپ ئويغاتتى .
    -تۇرىلى ....كۈن قىزىل بولدى ...يامان بولىدۇ ...ئېشەكتەك سۇزايلىپ كۈن چۈشكىچە ياتماي ئېشىڭىزنى تىزراق ئىچىپ ئېتىزلىققا بېرىڭ .
    ھاشىم پاخپاق ئېغىرلاشقان بېشىنى سوغاق سۇدا تازا يۇيۇپ ھورى ئۆرلەپ تۇرغان سۇيۇق ئاشنى  سۈمۈرۈشكە تۈتۈندى .ئۇنىڭغىچە نۇرنىسا گاڭمۇ ئىشەكنى ھارۋىغا قېتىپ تەييار قىلدى.ھاشىم پاخپاق تامىغىنى يەپ بۇلۇپ ئوغاق ئارقانلىرى ھارۋىغا سېلىپ ئاچچىق مۇخۇركىسىنى پۇرقىرىتىپ تارتقىنىچە ھارۋىغا قېتىلىپ تەييارلانغان ئېشەك ھار ۋىنىڭ لەنگىرىگە ئەپچىللىك بىلەن سۆڭگىچىنى ئېلىپ ئىشىگىنى ھەيدەشكە باشلىدى ؛
    -خىت،چۇ !!!
    ئەمما بوز ئېشەك بۈگۈن بىردىنلا قۇلاقلىرىنى ئارقىسىغا قىلىپ خۇددى ھېچنىمە ئاڭلىمىغاندەك جىملا تۇراتتى .
    -خىت دەيمەن ،خىتچۇ !
    ھاشىم پاخپاق نېمە ئىش بولغانلىغىنى بىلەلمەي بىر دەقىقە گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى ...ئەمما ئىشەكنىڭ ماڭماسلىققا ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىدى ...ئەمما ئىشەك يەنىلا جايىدا جىملا تۇراتتى .يول ئۇچۇق ،ھەممە ئىشلار نورمال ...ئەمىسە بۇ قوتۇر ئېشەك بۈگۈن نېمىشقا ماڭمايدۇ ..؟ھاشىم پاخپاق بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك ئەرۋايى قىرىق گەز ئۇچتى-دە قۇلىدىكى يۆل سۈگەت تايىقى بىلەن ئېشەكنى بۇلىشىغا ساۋاشقا باشلىدى ...ئېشەك ھەر بىر تاياق ئۇرۇلغاندا دۈمبىسىنى تاياق زەربىسىدىن قاچۇرۇپ تۇرۇپ قۇلاقلىرىنى ئارقىسىغا يۇپۇرۇپ ئالدى پۇتىنى يەرگە چىڭ چىڭ ئۇرغىنىچە يەنىلا ئىزىدا جىم تۇرماقتا ئىدى ...بۇ ئەھۋالنى كۆرۇپ تۇرغان نۇرنىسا گاڭ ،يۇقىرى ئاۋازدا كۈلۈپ تېلىقىپ قالماقتا ئىدى ...ئىشنىڭ تازا ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى پەم قىلغان نۇرنىسا گاڭ كۈلكىسىنى توختۇتۇپ ئېشەك ھارۋىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئىرى ھاشىم پاخپاققا ئورۇن بۇشاتقۇزۇپ گۆشلۈك سۆڭگەچلىرىنى لەنگازىغا ئېلىپ ئىشىگىنى ھەيدەشكە باشلىدى ؛
    -خىت...چۇ!
    شۇئان ئېشەك مۇلايىملىق بىلەن يولغا راۋان بولدى ...بۇ ئىشلاردىن تىرىكىپ ئولتۇرالماي قولغان ھاشىم پاخپاق سۆزلەشكە باشلىدى ؛
    -ھەي...ماۋۇ ساراڭ گۇينىڭ ئىشىگىنى ؟!مەن ھەيدىسەم نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بىر ئوبدان مېڭىۋاتقان قوتۇر بۈگۈن ماڭمايدۇ ...ئەمدى سەن ھەيدىسەڭ غىڭ قىلماي مېڭىپ كەتكىنى نىمىسى ؟...
    -تېخى ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟! بۇرۇن ئەركەكلەر ئېشەك ھەيدىسە ،ئېشەك؛-" خوش غۇجام!"–دەپ ماڭاتتىكەن ...ئاياللار ھەيدىسە ،ئېشەكلەر "ئىشىڭنى قىل"دەپ ماڭماي جايىدا جىم تۇرۇۋالاركەنمىش ...ھازىر زامان ئۆزگۈرۈپ كۈنسىرى ئاياللار بىلەن ئەركەكلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قېلىۋاتقانلىغىنى ئىشەكمۇ بىلىپ قالغان گەپ ....شۇڭا سىلى ھەيدىسىلە ماڭمايۋاتقان ئوخشايدۇ ...؟
    ئايالى نۇرنىسا گاڭنىڭ مۇشۇ ئىشلار تۈپەيلى يۇغان سۆزلەپ كېتىشلىرىگە زادىلا قايىل بولغۇسى كەلمىگەن ھاشىم پاخپاق ئاچچىقلاپ تۇرۇپ زەردە قىلدى؛-
    - ؟ئەر ئاياللارنىڭ ئورنىمىز قانداق ئالمىشىپ قېلىپتۇ ؟ نەرىمىز كەم بۇلۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ ...؟
    - كەم قالغان تەرەپلەر جىق ...!
    - مەسىلەن قايسى ئىشلار كەم قالدى ؟تولا غوزا چۆلىمەي ئۇچۇق دىمەمسەن ،گىپىڭنى ؟
    - دەيمۇ تازا ...دىسەمچۇ ...ساڭا ئوخشاش بۇ زاماننىڭ ئەركەكلىرى مۇشۇ ئېشەكچىلىك بولالمايسەن .نېمىشقا دىسەڭ ،ئېشەك ئىتلارمۇ ئىستېمال قىلىش ئەمەس پۇراپمۇ قويمايدىغان ھاراق، نەشە ،تاماكا دىگەندەك نەرسىلەرنى سەنلەر ئارزۇلۇشۇپ ،زورلىشىپ ئىچىشىپ ،چېكىشىپ بىر قېتىم تازا مەس بۇلۇشۇپ ئەقلى ھۇشۇڭنى بۇلغۇشۇپ كىلشىسەن ...ئەمما ئىشەك شۇنداق قىلامدۇ ؟...ئىت جېنىدا شۇنداق قىلامدۇ؟بولدىما ؟
    ھەممە گۇنا ئۈزۈمدە تۇرسا قاپ كۈتۈرۈپ نەگە باراي دىگەندەك ،ھاشىم پاخپاق يەنە ئاچچىق مۇخۇركىسىنى پۇرقىرىتىپ چىكىپ ئولتۇرغىنىچە ئۈن چىقرالمىدى...
    ھاشىم پاخپاق ،ئېتىزلىققا بېرىپ يېرىم ئېتىز يەرنىڭ قۇناق شادىسىنى ئورۇشقا باشلىدى ...شادا ئورۇۋېتىپ بۈگۈن ئەتىگەندە ئىشىگىنىڭ ئۈزىنى ئوسۇل قىلىشى ، خۇتۇنى نۇرنىسا گاڭنىڭ يەنە بىلجىرلىشى ...ئىسىگە كىلىپ پىغانى ئۆرلەپ ئىچىدە ئېشىەكنى مىڭنى تىللىدى ..."خەپ گۇينىڭ ئىشىگى ...ھەممىسى سىنىڭ قىلغان ئىشىڭغۇ ؟...بۇ ھېساب-كىتاپنى قىلىشىمىزغۇ تېخى...!راس ...يا سەن نۇرنىسا ئاچاڭ ئېيتقاندەك  ھاراق، نەشىگە زادىلا يېقىن يولىمايدىغان نوچى بولۇپ چىقىسەن ... ياكى ئەمدى مەن كارامىتىمنى كۆرسىتىمەن ..."
    ھاشىم پاخپاق ئېتىزلىقتا ئىشىنى تۆگۈتىپ تۇراتتى ،نۇرنىسا گاڭ ئېتىزلىققا كىلىپ ئېشەك ھارۋىسىنى ئېلىپ كەتتى ...ھاشىم پاخپاق ئۇتتۇرلا ئاغىينىسى ياسىن تاتۇقنىڭ ئۈيىگە بېرىپ نەشىدىن ئىككى چىكىم ،يەنە چەرچەن مال دۇككىنىدىن "ياخشى"ماركىلىق ھاراقتىن بىر جىڭ ئېلىپ ئۈيىگە كىلىپ پەم بىلەن ئىشەك ئېغىلىنىڭ بالىخانىسىغا يۇشۇردى .ئاندىن نەشىنى ئۇششاقلاپ يىرىك يارما قىلىنغان قوناققا ئارىلاشتۇرۇپ ،يەنە ئازراق ئۇششاق توغرالغان بېدە قۇشۇپ ئۇلاققا تۆكتى .يەنە ئىشەك سۇ ئىچىدىغان چىلەكتىكى سۇغا "ياخشى "ماركىلىق ھاراقنىڭ يېرىمىنى تۆكۈۋېتىپ ئۆز ئۈزىگە سۆزلەشكە باشلىدى ؛-"ئەمدى بىر كۈرەي تاماشانى .سىنىڭ ھاراق نەشىگە يېقىن يۇلىمايدىغانلىقىڭنى بىر كۆرۈپ باقاي ...ھېچ بولمىسا ئاچ ،ئۇسسۇز قويسامغۇ نەشە ئارىلاشتۇرۇلغان يەم،ھاراق ئارىلاشتۇرغان سۇغا ئۈزۈڭنى ئاتارسەن ؟!
    ھاشىم پاخپاق ساق ئۈچ كۈنگىچە ئېشىگىگە ئۆزى ئاتايىن تەييارلىغان "يەم" بىلەن "سۇ"دىن باشقا ھېچ نەرسە بەرمىدى ... .ئېھتىمال قوساقلىرى ئېچىپ ئۇسسۇزلۇق ھەركويغا سالغان بولسا كېرەك .بىچارە ئېشەك ،ئاۋال ئارىلاشما يەم ئىچىدىكى ئۇششاقلانغان بىدىلەرنى تامامەن بىر-بىرلەپ ئىلغاپ يەپ بۇلۇپ يەنە بولمىغاندا ياغاچ ئۇلاقنىڭ قىرىنى ،ئېغىل تېمىدىكى ياغاچ تۈۋرۈكلەرنى قاساپ باقتى .ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىنى بۇراپ ئېغىزىنى تامشىپ باقتى -يۇ لېكىن تەييارلانغان "سۇ" ياكى قالدى "يەم"نى ئازراقچە بولسىمۇ ئىستېمال قىلمىدى .بوز ئېشەك ئاچلىق ئۇسسۇزلۇقتىن ھالسىزلىنىپ ئورنىدىن تۇرالماس ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئاخىرقى كۈنى ...كەچ قۇرۇنلىغى ھاشىم پاخپاق ئېغىل بالىخانىسىدىن ئېشىپ قالغان يەنە يېرىم شىشە "ياخشى"ماركىلىق ھاراقنى ئېلىپ چۈشۈپ ئېغىلغا كىرىپ ئىشىگىنىڭ ھالىغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى ... ئىشىگىنىڭ بىچارە ھالىغا قاراپ بىر تەرەپتىن ئىچى ئاغرىسا ؛ئىشىگىنىڭ ئۈزىگە قىلغانلىرىنى ،جاھىللىقىنى ئويلاپ غەزىپى يەنە ئۆرلىدى ...شۇنىڭ بىلەن خۇرۇچى تۇتۇپ تۈۋرۈككە يۈلىنىپ ئولتۇرۇپ ھاراقنى پۇتۇلكا بىلەنلا كۈتۈرۈپ غورتىلدىتىپ ئىچىشكە باشلىدى ... ئۆتكۈر ئىسپىرىتنىڭ تەسىرىدە ھاشىم تىزلا مەس بۇلۇپ ئىشىكىگە قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى ؛-
    -دېمەك سەن شۇنداق نوچى بولۇپ كەتتىڭ شۇنداقمۇ ؟قېچىر تۇغ دىسە ئەسلى تۇغمايسەن،ھۈكىمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئۇچۇق ئاشكارە قارشى چىقىسەن ؟ ئۆز زۇۋانىڭدا ھاڭرىمايسەن دىسە يەنە بىخارامان ھاڭرايسەن !يەنە ئۆز ئەھۋالىڭغا باقماي مىنى كۆزگە ئىلغۇڭ كەلمەي...مەن ھەيدىسەن ماڭمايسەن .مىنىڭ بۇيرۇقىمغا بويسۇنماي ، ئاچاڭ نۇرنىسا گاڭنىڭ بۇيرىغىنى ئاڭلايسەن شۇنداقمۇ؟ ...ئۈزەڭچە ئاچلىق ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلسەڭمۇ ھاراق نەشىلەرگە كۆز قىرىڭنى سالمايدىغان نوچى بۇلۇپ كەتتىڭ شۇنداقمۇ ؟...سەن زادى نىمەڭگە شۇنچە نوچىلىق قىلىسەن ؟مۇمكىن ئەمەس !! مەن شۇنداق قارايمەن؛سەن  ئىشەكلەر دۇنيادىكى ئەڭ پەس ،ئەڭ سېسىق ھايۋان ...ئۇنى كىشىلەر خالىسا ساتىدۇ ...خالىسا ئۆلتۈرىدۇ ،خالىسا مىنىدۇ ...خالىسا خېچىر تۇغدۇرىدۇ ... دۇنيادىكى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان قول ئورنىدا كۈرىدۇ .بىلدىڭما !...شۇلارنى بىلسەڭ بولدى ...
    ئەتىسى ھاشىم پاخپاقنىڭ مەسلىگى خېلى يىشىلگەن بولسىمۇ ئەمما كاللىسىدىن يەنە ئۆزى بىلەن ئۈنسىز "قارشىلىشىۋاتقان "ئىشىگى ھەققىدىكى خىياللار نېرى كىتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ."قانداق قىلماق كىرەك...""مەن زادى بىر سېىق ئىشەككە تەڭ كىلەلمەيمەنمۇ ؟" ھاشىم پاخپاق ئويلىماقتا ئىدى ...ئويلىغانسىرى غەزىپى تاشماقتا ئىدى ...شۇنىڭ بىلەن سەھەردە ئۈزى بىلەن ئۈنسىز قېرىشىۋاتقان بۇ سېسىقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يەنە بىر بابلاپ قۇيۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كۆپ باش قاتۇرۇپ بىر ھىلە –مىكىر ئويلاپ تاپتى .
    ھاشىم پاخپاق دەرھال ھويلىسى  ئالدىدىكى  چوڭقۇر ئېرىققا سېلىنغان شال كۆۋرۈكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تال شالنى قۇمۇرۇپ ئېلىۋېتىپ ،ئۈستىگە يىرتىق تاغار ،ۋە كونا شال پالىڭىنى دۆۋىلەپ قويدى .دېمەك ئۆزى بىلەن ئەقىل كۈچ سىنىشىۋاتقان ئىشىگىنى شۇ تۆشۈك  كۆبرۈكتىن ئالداپ ئۆتكۈزۈپ بۇ سېسىق ئىشەكنى  بىر قېتىم تۈشۈك كۆبرۈككە سېپىلدۈرماقچى .شۇ ئارقىلىق  ئۈزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى بىر نامايەن قىلىپ قۇرساق كۈپىگىنى چىقارماقچى بولغان ئىدى ... ھاشىم پاخپاق تەييارلىقلىرىنى تۈگەتكەندىن كىيىن ئېشىكىگە ئۈچ كۈندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كەنجى قۇناقنىڭ ھۆل شادىسىدىن بىر باغلام سېلىپ بىرىپ سەل ماغدۇرغا كەلتۈردى .ئاندىن ئىشىگىنى قوتاندىن يىتىلەپ ئېلىپ چىقىپ كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈزمەكچى بولدى . بىراق بۇ جاھىل ئېشەك دەل تۆشۈك كۆبرۈككە كەلگەندە خۇددى ئالدىدىكى كۆۋرۈكتە تۈشۈك بارلىغىنى بىلىپ قالغاندەك، كۆۋرۈكتىن زادىلا ئۆتكىلى ئۇنىمىدى .ھاشىم ئىشىگىنى ئارقىسىدىن ھەيدەپ باقتى .كۆك سۈگەت تايىقى بىلەن بۇلىشىغا ئۇرۇپ باقتى ...ئىشەك تىرەجەپ ئۆز ئورنىدا تۇرغىنى تۇرغان ئىدى .ئاخىرى جاھىللىقىغا ئالغان ھاشىم پاخپاق ئىشىگىنىڭ ئارغام چىسىنى بىلىگە يۆگەپ كۆۋرۈكتىن سەكرەپ ئۈزى ئاۋال ئۆتۈپ ئىشىگىنى تارتىپ كۆۋرۈكتىن مەجبۇرى ئۆتكۈزمەكچى بولدى ....بىراق يەنىلا ئىشەك تىرەجەپ ئىگىسى ھاشىم بىلەن تارتىشماق ئوينىماقتا ئىدى .... ھاشىم پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئالدىغا تارتاتتى ...ئېشەك جايىللىق بىلەن كەينىگە تىرەجەيتتى ... شۇ دەقىقىدە ئارغامچا دەل مۈرگەت تۈگۈنىدىن ئۈزۈلدى- دە ھاشىم ئالدىدىكى تۇپىلاڭغا دۈملا چۈشتى ...ئېشەك تىرەجىگەن قارشى كۈچ تەسىرىدىن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىيالماي يولدىن تۆت-بەش مېتىر نېرىدىكى تاشلاندۇق كونا قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى ...
                                                      (3)
    دوغاپتەك سۈيۈلۈپ كەتكەن توپىغا دۈم چۈشكەن ھاشىم ،ئەس ھۇشىنى يىغىپ يۈز كۈزىنى چالا بۇلا پاكىزلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ دەماللىققا ئىشىگىنى كۆرەلمىدى .ئىز قوغلاپ بېرىپ ئىشىگىنىڭ تاشلاندۇق قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەنلىگىنى بىلىپ يەنە ئاچچىقتىن ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولدى ؛-"ئەستاخپۇرۇللا !"دىگىنىچە ئىڭىكىگە كاچاتلاپ تۇپا بىلەن بۇلغانغان  يۈزىدىكى يوق ساقىلىنى يۇلدى ...
    ھاشىم پاخپاق تاشلاندۇق قۇدۇققا بويۇنداپ يۈرۈپ شۇنى كۆردىكى ؛- ئىشىگى  تاشلاندۇق قۇدۇق ئىچىدىكى سېسىق سۇ ئىچىدە چۈكۈپ كىتەي دىگىنىچە تىنماي پۇشقۇرتماقتا ئىدى . ھاشىم دەرھال ئىشىگىنى قۇدۇق ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىشنى ئويلاپ ئەڭ ئاۋۋال يېقىن ئاغىينىسى ياسىن تاتۇققا تېلىفۇن قىلدى .ھەم خوشنىلىرى سادىق ساتقىن ،داۋۇت بۇغازنى ياردەم بىرىشكە چاقىرىپ چىقتى ...تۆت نەپەر ئەركەك تاشلاندۇق قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن ئېشەكنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى...ھاشىم ئارقاننى بىلىگە باغلاپ سېسىق زەي پۇراپ تۇرغان قۇدۇققا چۈشۈپ يەنە بىر ئارقان بىلەن ئىشەكنىڭ كۆكرەك قۇرساق قىسمىدىن باغلاپ يېنىپ چىقىپ ئېشەكنى تارتىشقاباشلىدى ...ئەمما ئىشەك تارتىلىپ تاشلاندۇق قۇدۇقنىڭ تەڭ قەپىلىگە كەلگەندە ئويلىمىغان يەردىن قۇدۇقنىڭ يان تېمىدىكى تۈشۈك-دۇقۇناقلارغا پۇتىنى تىرەپ تىپىچەكلەپ ئۈزىنى قۇتۇلدۇرۇشقا كاشىلا قىلماقتا ئىدى .ھاشىم ۋە خوشنىلىرى ئېشەكنى قۇدۇق سىرتىغا تارتىشماقتا ...ئەمما ئېشەك خۇددى قۇدۇقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى خالىمىغاندەك تىرەجەپ تېپىچەكلىمەكتە ...بۇ ھالنى كۆرۈپ غەزىپى تېخىمۇ قايناپ چىكىگە يەتكەن ھاشىم قۇدۇققا بىرنى تۈكۈرۈپ تۇرۇپ شۇنداق جاكارلىدى ؛-
    تۈفىي ! ۋۇ سېسىق ،ئۆلەرمەن ! ئۈلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قۇياي دىسەم ،قارىڭا !يەنە تىرەجەپ كەتكىنىنى .بولدى بىر ئىشەكتىن كەچتىم ...!بۇ سېسىق ئېشەك مۇشۇ كونا قۇدۇقتا ئۆلسۈن !ماڭا قارا ياسىن ،ماڭا دەرھال مۇشۇ قۇدۇق تولغىچە بولغان توپىنى شۇپىگىڭ* بىلەن دەرھال ئېلىپ كىلىپ بەر ! ھەر بىر شۇپەك تۇپاڭ ئەللىك كوي شۇنداقمۇ ؟ قېنى يۇلۇڭغا ماڭ ئەمىسە ؟...ياسىن تاتۇق سەل ئىككىلىنىپ ئاغىينىسى ھاشىمدىن سورىدى ؛
    -ئاداش ،ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ ....قاراپ تۇرۇپ ئىشىگىڭدىن ئايرىلىپ قالما يەنە ؟
    ئىشىك ئالدىدا ھەممە ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرغان نۇرنىسا گاڭمۇ سۆزلەشكە باشلىدى ؛-
    -ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرمەيلى ھاشىماخۇن ...
    -سەن خوتۇن خەق بولغاندىكىن ئىشىڭنى قىل .قازان بېشىڭنى بىل !بىلدىڭما ؟! گېپىم گەپ ئاداش !دەرھال تۇپا ئېلىپ كەل ! بۇ سېسىق قوتۇرنى مۇشۇ كونا قۇدۇققا كۆمۈپلا قۇتۇلاي ...بۇ ھەرگىز ئاچچىقتا دېگەن گېپىم ئەمەس...بىلدىڭما ؟ ھاشىم پاخپاق قەتئى قارارغا كەلگەندەك قىلاتتى .بۇ نۆۋەت نۇرنىسا گاڭمۇ ئىرى ھاشىم پاخپاقنىڭ يۈزىنى قىلدىمۇ قانداق لام-جىم دىمىدى .
    ياسىن تاتۇق دەرھال ئۈيىگە قاراپ ماڭدى ...بىر ئاش پىشىم ۋاقىتتىن كىيىن ياسىن تاتۇق شۇپەك بىلەن تۇپا ئېلىپ كىلىپ كونا قۇدۇقنى تىندۇرۇشقا باشلىدى ...بىراق يەنە ھاشىم ئويلىمىغان بىر بىر ئىش يۈز بىرىشكە باشلىدى ...ھەر بىر شۇپەك تۇپا كونا قۇدۇققا تۈكۈلۈپ بۇلۇنغاندىن كىيىن ئىشەك ئۆز ئۈستىگە تۈكۈلگەن تۇپا ئىچىدىن تىپىچەكلەپ سىلكىنىپ دىگۈدەك تۇپا ئۈستىگە چىقماقتا ئىدى ... بەشىنچى شۇپەك تۇپا تۆكىلىپ كونا قۇدۇق تىندۇرۇلۇپ بۇلۇشقا ئاز قالغاندا بولسا ئېشەك ئوخشاشلا تۇپا ئۈستىگە چىقىپ يەر يۈزىدە بېشى كۆرىنىشكە باشلىدى ...ئاچچىق كۆك تاماكىسىنى بۇلىشىغا تارتىپ بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان ھاشىم پاخپاق يەنە نە ئاچچىقىدا پاققىدە يېرىلىپ كىتىشنى ،ياكى كۈلۈپ تېلىقىپ قېلىشىنى  بىلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن تىندۇرۇلۇپ بۇلاي دەپ قالغان قۇدۇق ئىچىدە تىنماي سىلكىنىپ ئۈستىدىكى توپىلارنى تازىلاۋاتقان ئېشىكىگە قاراپ ھەيران ھەس بولغىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى ؛
    -توۋا ...بۇ كارامەتنى كۆرۈڭ ئەمدى ...!مەن تېخى سەندەك بىر سېسىق قوتۇر ئېشەكنى خالىغانچە باشقۇرالايمەن .ىالىسام ئۈزۈمنىڭ ھەرقانداق ئىشىغا سالالايمەن ،يەنە خالىسام ساتىمەن ،  خالىسام ئاچچىقىم كەلسە مۇشۇ كونا قۇدۇققا كۆمۈپ ئۆلتۈرىۋېتەلەيمەن ...يەنە خالىسام  مۇشۇ قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىپ ھاياتلىققا ئىرىشتۈرىمەن ...دەپ ئويلىغان ئىدىم ... بىراق ...سەن ...قۇدۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قۇياي دىسەم ...قارىشىلىق قىلىپ تىرەجەيسەن ،مانا ئەمىسە دەپ كۆمۈۋەتمەكچى بولسام ...ئاخىرى ئۈلۈم بۇرنۇڭغا پۇرىغاندا بولسا ئۆزلىگىڭدىن تۇپا ئارىسىدىن قەددىڭنى رۇسلاپ يەر ئۈستىگە چىقماقچى بۇلىسەن...توۋا ،مەن سىنى ناھايتى بىر سېسىق ئېشەك دەپ يۈرۈپتىمەن ...ئەمما سەن ...؟!
     
     
     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھاشىمنىڭ