مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى(نۇر روزى)

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-16 00:00:00

ئۇ تەر كىرىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مومىغا سۈركىدى . ”مەيلى ، قانداقلا بولسۇن چىقىش كېرەك ، مومىغا چىقساملا دادامنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ . “ دادا!…دادا!…“ ئۇ ھەر قېتىم ”دادا“ دېگەندە دادىسى ئۇنى يۆلەپ ، يۇقۇرغا ئىتتىرىۋاتقاندەك بىلىنەتتى

    \


    بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلىتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپ – سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۈۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى :
    - تىنچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟ – دېدى ئۇ ئېگىلىپ تۇرۇپ .


    ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتۇقىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى .
    - خوش ، بۈگۈن نېمە بولدى ؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ ؟
    - مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىنىڭ «تۆگەدۆڭ» دىكى قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى .
    مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ ، چىرايى سەل ئېچىلدى . سېمىز قوللىرى بىلەن شاپ بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى . خىزمەتچى ئالا يوللۇق بەلۋېغىغا قىستۇرۇۋالغان كىچىككىنە مىس چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى . تاماكىنى ئۈگدەپ ، سەيخانىغا تولدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇنى چوغلاپ مۇدىرغا تۇتتى . ئۆزى بولسا ئاتنى سوۋۇتۇشقا تۇتۇندى . مۇدىر تۇرغان يېرىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇردى – دە ، خىزمەتچىنىڭ ئاتنى سوۋۇتۇشىغا نەزەر سالغاچ ، چىلىمنى خورۇلدىتىپ چېكىشكە باشلىدى . خىزمەتچى ئاتنى يىتلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، چىلىمنى ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەردى – دە ، تۇيۇقسىز سورىدى :
    - تەرتىپ مۇدىرىچۇ ؟
    - ئادەم ئۇقۇشقىلى كەتتى .
    - ئادەم ئۇقۇشقىلى ؟ نېمە ئىش قىلماقچىكەن ؟
    خىزمەتچىنىڭ رەڭگى سارغىيىپ كەتتى – دە ، دۇدۇقلاپ جاۋاب بەردى .
    - بايراقنىڭ تانىسى غالتەكتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن ، – دېدى ئۇ ئېڭىكى بىلەن مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى موما ياغىچىنى كۆرسىتىپ ، – مومىغا چىقىپ تانىنى غالتەككە يۆگىيەلەيدىغان ئادەم تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەتىگەنلا چىقىپ كەتكەن ئىدى .
    - ھە ؟!
    مۇدىر بېشىغا كالتەك تەگكەندەك چۆچۈپ كەتتى . ئۇ سېرىق تاماكىسىنىڭ تەسىرىدىن سىرقىراپ تۇرغان بەدىنىنى ئوڭلاپ ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا قارىغان ئىدى ، مومىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېسىلىپ تۇرغان گومىنداڭ بايرىقىغا كۆزى چۈشتى . ھەر كۈنلۈكى 20 غۇلاچلىق مومىنىڭ ئۇچىدا ھەيۋەت بىلەن لەپىلدەپ تۇرىدىغان 12 بۇرجەكلىك ، ئاق كۈن نۇرى چۈشۈرۈلگەن ھاۋارەڭ بايراق ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئالا – پاساق ئۈكلىنىپ قورۇلۇپ قالغان تېرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى . يۈرىكى بىردىنلا پىژژىدە ئېچىشتى – دە ، يۈزى پوكاندەك ئېسىلىپ ، سېمىز گۆشلىرى لىپ – لىپ تىترىدى ، بۇرۇتى لىكىلداپ ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى . ئۇ ، بايراقتىن كۆزىنى ئالمايلا ئارقىسىدا قول باغلاپ تۇرغان خىزمەتچىسىدىن سورىدى :
    - نەچچە كۈن بولدى ؟
    - تۈنۈگۈن شۇنداق بولغان ئىكەن .
    مۇدىر خۇددى بىر كىشى چۆرگلىتۋەتكەندەك پىررىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلدى – دە ، يوتىسىغا بىرنى شاپىلاقلاپ ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . خىزمەتچىمۇ ئاتنى ئاتخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى ، ئاندىن مىس چىلىمنى دەرھال چوغلاپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردى ۋە قوللىرى تىترىگەن ھالدا ئىككى قوللاپ چىلىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى . مۇدىر چىلىمنى قاتتىق – قاتتىق ئىككىنى شورىدى – دە ، ۋارقىرىدى :
    - ئاتقا مىنىپ تىز ماڭ ! بېرىپ تەرتىپ مۇدىرىنى تېپىپ كەل !
    - خوپ .
    خىزمەتچى چىقىپ كەتتى ، مۇدىر قوللىرىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇيان – بۇيان ماڭغىلى تۇردى . ئارىدىن بىر چاي قاينىغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە تەرتىپ مۇدىرى كىرىپ كەلدى – دە ، پۇتلىرىنى جۈپلەپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇردى .
    - خوش ، نۇسرەت ئەپەندى . – مەكتەپ مۇدىرى قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى ، – مەن ئۇيۇشمىغا يىغىنغا كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى ؟
    - بىر ھەپتە .
    - ئۇنداق بولسا ، بىر ھەپتىدىن بېرى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟
    - كۆرسەتمىلىرى بويىچە ، بىرىچىدىن ، بەگلىكىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق پىرقە(پارتىيە) ئەزالىرىنى يىغىپ ، جاھاننىڭ دۆڭ – چوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم . ئۇلار ئاڭلىغان بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى دوكلات قىلىشتى . ئىككىنچىدىن . 50 ئائىلىگە بىردىن پىرقە ئەزاسىنى نازارەتچىگە قويساق ، يەنە 4 پىرقە ئەزاسى كەملەيدىكەن ، بىز نىشانلىغان ئونبېشىلارغا ئانكىتنى توشتۇرۇپ بەرسەممۇ ئۇلار قول قۇيۇشنى ئارقىغا سوزۇۋاتىدۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇلارنى تاپالمىدىم ، يەنە 10 ئانكىتقا تېخى ئادەم يوق .
    - خوش ، ئۇنداق بولسا ، ئەتە ئەتىگەنگىچە مۇشۇ كەم 4 ئادەمنى قەتئىي تولدۇرۇش كېرەك ! ئەتە مۇشۇ ئىشلارنى تەكشۈرگىلى زۇڭبۇدىن ئادەم كەلمەكچى . ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك تېخى بايراقنىمۇ چىقىرالماپسىلەر ، ئادەم ئۇقۇشتۇڭمۇ ؟ قېنى ئۇ ئادەم ؟
    - ئۇقۇشتۇم ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى .
    - قانداق ئادەم ئىكەن ئۇ ؟
    - 13 ياشلىق بىر بالا .
    - 13 ياشلىق بالا ؟ كىچىك بالا 20 غۇلاچلىق مومىغا قانداق چىقالايدۇ ؟
    - چوڭ ئادەم ئەسلا چىقالمايدۇ . موما ياغىچى ئىنچىكە ، يېرىمىغا چىقىپ بولغۇچە سۇنۇپ كېتىدۇ ،- تەرتىپ مۇدىرى دۇدۇقلىدى ، – نا… ناۋادا چىقالمىسا ، مومىنى ئۆ….ئۆرۈپ ، قايتا تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ .
    - قاپاقۋاش ! – مۇدىر شىرەگە داققىدە مۇشتلىدى – دە ، چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىگىز قولىنى تەرتىپ مۇدىرىنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى ، – ئەتە زۇڭبۇدىن تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدۇ دەۋاتسام ، سىززە يەنە مومىنى ئۆرۈپ قايتا تىكلەيلى دەۋاتىسىز . نېمە دېگەن دۆتلۈك بۇ ؟ سۇپىنى چۇۋۇپ ، مومىنى قايتا تىكلەپ بولغۇچە بىر ھەپتە ئۆتمەمدۇ ؟!تېخى كۆمۈلگەن بېشى سېسىپ كەتكەن بولسىچۇ ؟! سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار ماڭا مەلۇم ! مېنىڭ ئېشىمغا توپا سالماقچى ! ئىناۋىتىمنى تۆكمەكچى !
    تەرتىپ مۇدىرى تىترەپ كەتتى ؛ ئۇ ، پېشانىسىدىن چىققان تەر كۆزلىرىگە چىپىلداپ ئېقىپ كىرىپ ئېچىشتۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ ، سۇرۇتۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، كۆزىنى چىمىلدىتاتتى .
    - كەچۈرسىلە مۇدىر ، مەن خاتا سۆزلەپ سالدىم .
    - ھىم ! خاتا سۆزلەپ سالغانمىش ! سىزنىڭ كاللىڭىزدا شۇنداق ئوي بار ! قالغان گەپنى كىيىن سۆزلىشەيلى ! مومىغا قانداقلا بولمىسۇن بىرسىنى چىقىرىش كېرەك ! زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلۇغ پىرقىمىز بايرىقىنىڭ ھەمىشە كۆكتە لەپىلدەپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىرەر ئادەمنىڭ خۇنىدىن كەچسەكمۇ مەيلى !
    - ئۇقتۇم .
    - ئۇ بالا مومىغا چىقالامدىكەن ؟
    - چىقالايدىغاندەك قىلىدۇ . ئۇ دەرەخكە يامىشىشتا مەھەللە بويىچە داڭ چىقارغان بالا ئىكەن . ئۆزىمۇ «چىقالايمەن» دەپ ھۆددە قىلدى . لېكىن ئۇ ھارامزادە بىزگە بىر شەرت قۇيۇۋاتىدۇ ، يالغاندىن ماقۇل بولۇپ ئەكەلدىم .
    - شەرت ؟! قانداق شەرتكەن ئۇ ؟
    - دادىسىنى قاماقتىن قۇيۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى .
    - دادىسى كىمكەن ؟ نېمە ئۈچۈن قامىلىپتىكەن ؟
    - سوپاخۇن باينىڭ ئۆيىدە نىمكار بولۇپ ئىشلەيدىغان بەش تۈگمەنلىك بىر كۆنچى . ئەسلىدە ئۇ ئىلىلىق ئوغرىلارغا قوشۇلۇپ ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نەچچە يىل ئۇرۇش قىلغان قىزىل پاچاق ئىكەن . بېتىمدىن كىيىن قولغا چۈشۈپتۇ .
    - ھە ، ئۇنىڭ بالىسىغا نېمە دەپ ۋەدە بەردىڭىز ؟
    - داداڭنى بوشىتىپ بېرىمىز دەپ .
    - ئوبدان دەپسىز ، ئىشنى كېچىكتۈرمەي تېزرەك ھەرىكەت قىلىڭ ! قاراڭ ! مەن بىر رايوننىڭ پىرقە شۇجىسى ، سىز بولسىڭىز بىر ھەيئەت . ھەر ئىككىمىز «چاقىرسا ئېتى بار ، تۇتسا سېپى بار» ئادەملەر ، قېرىشقاندەك بىز تۇرغان مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقى چىقىرىلماي مومىنىڭ يېرىمىدا ئەسكى پالازدەك ساڭگىلاپ تۇرسا . بۇنىڭغا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ؟! بۇ بايراق – پىرقىمىزنىڭ جېنى . يەنە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى ، بۇ بايراق چىقىرىلماي مۇشۇنداق سالپىيىپ تۇرۇۋەرسە ، كاللىمىزغا سەگەك بولساق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ بايراقنى جېنىمىزنى تىكىپ قوغدىشىمىز كېرەك . مەن پىرقىمىزنى قىزىل پاچاقلاردىن قوغدايمەن دەپ تېخى تۈنۈگۈنكى يىغىندا يەنە بىر قېتىم قەسەمياد قىلدىم . مانا بۇ مىنىڭ قەسىمىمنىڭ گۇۋاسى ، – ئۇ شايى كۆينىكىنىڭ تۈگىمىسىنى يېشىپ ، يۇڭلۇق مەيدىسىنى كۆرسەتتى . تەرتىپ مۇدىرى چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق بىلەن «X» بەلگىسى سىزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ قان چىقىپ تۇراتتى . مۇدىر ئالدىرىماي ، خۇددى قەدىمىنى ساناۋاتقاندەك چوڭ قەدەم بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا بىر نەچچە قېتىم ماڭدى ، ئاندىن تەرتىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :
    - مۇنداق ئادەمنى يامۇلغا كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ بولىدۇ ، بۈگۈنكى مۇشۇ بايراق چىقىرىش يولىدا نەزىر قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ … ئاي – ھاي … ! بۇ پىرقىمىز ئۈچۈن زور ساداقەت … تىلىمىز تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ .
    - خوش ، سىز چىقىپ ، ئۇ بالىنى كىرگۈزۈۋېتىڭ . ئەھۋالنى داۋۇتبەككە مەلۇم قىلىپ قۇيۇڭ .


    ماتادىن تىكىلگەن كۆڭلەك تامباللىرى يىرتىلىپ ، ئالا – يېشىل ياماقلار چۈشكەن ، ئاق دوپپىسى ئۆڭۈپ ، قىزغۇچ توپا رەڭگىدە بولۇپ قالغان ، كۆزلىرى چوڭقۇر ، ئۇرۇق ئىگىزگىنە بالا بوسۇغىدا كۆرۈندى . مۇدىر لىككىدە ئورنىدىن تۇردى .
    - ھە ، كەل ، كەل ئوغلۇم ، مەيەرگە كېلىپ ئولتۇر .
    بالا ئولتۇرمىدى ، مۇدىرغا تىكىلىپ قاراپ ، ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋەردى . مۇدىر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە ، قولىدىن بوشقىنا تارتىپ ، ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى . يۈزىگە يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىغا بىر ئاق ناننى تۇتقۇزدى . “ يە ئوغلۇم“ دېدى ئۇ تۇمشۇقىدا ئىملاپ ناننى كۆرسىتىپ . بالا ناننى چوڭ – چوڭ چىشلەپ يەۋاتقاندا ، مۇدىر ئۇنىڭ پۇتىغا كۆز تاشلىدى . ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ دۈمبىلىرى يېرىلىپ ، خۇددى قوماچتەك ئېتىلىپ كەتكەن ئىدى . مۇدىر كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ تاپانلىرىغا قارىدى . تىكەن ، شوخا كىرىپ شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغان تۆشۈك ئىدى . قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق قوللىرى بولسا ، تارىشىدەك قاتتىق ئىدى . مۇدىر ئىچىدە ”مومىغا چىقالايدۇ“ دەپ ھۆكۈم قىلدى . ئۇ گويا ئۆزىنى بالىغا ئېچىنغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ :
    - ئىسمىڭ نېمە ؟ – دەپ سورىدى .
    - مۆمىن .
    - داداڭنىڭچۇ ؟
    - مۇسا .
    - ئۆزۈڭ نېمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟
    - سوپاخۇن باينىڭ ئۇي – كالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن .
    - نەچچە كالا باقىسەن ؟
    - يىگىرمە .
    - يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا ياقتۇرامدۇ !تۈزۈكرەك كىيىم – كىچەكمۇ بەرمەپتۇ . ھەي بىچارە ، پۇتلىرىڭ يېرىلىپ ئاقتامىلىقنىڭ چالمىسىدەك بولۇپ كېتىپتۇ . ساڭا بەك ئۇۋال بوپتۇ . بۇنداق ئىنساپسىزلارنىڭ جاجىسىنى بېرىش كېرەك !
    ئۇ كارىۋاتنىڭ تېگىدىن نىمكەش بولغان تاسمىلىق بىر جۈپ كەشنى ئېلىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى :
    - مە ، مۇنۇ كەش پۇتۇڭغا چوڭ كەلسىمۇ كىيىۋالغىن .
    بالا كەشكە كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپلا قويدى – دە ، سالماقلىق بىلەن سورىدى :
    - بايراقنى چىقىرىپ بەرسەم ، دادامنى قۇيۇپ بېرەمسىلەر ؟
    - قۇيۇپ بېرىمىز ، خوش بولامسەن ؟ ئاتا – بالا ئىككىڭلار يەنە بىللە بولىسىلەر .
    - راستما ؟
    - راست بولمايدۇ ، ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن ، – مۇدىرنىڭ كۆزلىرى بالىغا تىكىلدى .
    - ئۇنداق بولسا تىلخەت بەرسىلە .
    - مۇنداق دېگىن ، تىلخەت يېزىپ بېرىش تەسمىدى . قاراپ تۇر .
    مۇدىر قولىغا قەغەز ، قەلەم ئېلىپ شىتىرلىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى :
    ”تىلخەت
    مەنكى بەشتۈگمەن كەنتىدىكى سوپاخۇن باينىڭ نىمكىرى مۇسا قويچىنىڭ ئوغلى مۆمىن شۇۋ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، مەكتەپتىكى پىرقە بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن جېنىمنى پىدا قىلىپ كەلدىم . پىرقىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش يولىدا كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچرىسام پىرقە ئۈچۈن شېھىت بولغايمەن . بۇنىڭغا ھېچ كىشىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەققى يوقتۇر .
    تىلخەت بەرگۈچى : مۆمىن مۇسا .
    شاھىتلار :
    مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا .
    تەرتىپ مۇدىرى نۇسرەت ئەخمىدى .
    جۇڭخۇا مىنگونىڭ 37 – يىلى 9 – ئاي .
    مۇدىر تىلخەتنى مۆمىنگە ئۇزاتتى . بالا بېشىنى چايقىدى .
    - خەت بىلمەيمەن ، ئۆزلىرى ئوقۇپ بەرسىلە .
    - خوپ ئوقۇپ بېرەي ،- مۇدىر سەل ئويلانغاندىن كىيىن يۇقىرىقى خەتنى مۇنداق «ئوقۇش» قا باشلىدى :
    ”تىلخەت
    مەنكى مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا شۇۋ توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، سوپاخۇن باينىڭ يىللىقچىسى مۆمىن دېگەن بالا مەكتەپ بايرىقىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئىلىپ بېرىدىغان بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار دادىسى مۇسانى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىدىغان بولدۇق .
    تىلخەت بەرگۈچى : ئوسمان ئەسھەدۇللا.
    - قانداق بوپتۇمۇ ؟ – سورىدى مۇدىر .
    ساددا مۆمىننىڭ چىرايىغا شادلىق كۈلكىسى يامرىدى .
    - بوپتۇ ، – دېدى ئۇ خۇشاللىقىنى باسالماي .
    - بولغان بولسا ئىككىمىز تەڭ قول قويايلى .
    مۇدىر سۇرۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ بارمىغىنى تۇتۇپ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە باستۇردى . ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا تامغىسىنى باستى . بالا خەتنى قولىغا ئالدى . ئۇ بۇنداق ئەگرى – بۈگرى خەتلەرنى تونۇمىسىمۇ ، خەتكە سىنچىلاپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىمىر – چىمىر بولۇپ ، بۇ «ئىلمەك – توقۇناق» سىزىقلار ئارىسىدىن دادىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈندى – دە ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى . ئۇ شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، خۇشال ھالدا موما سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ موما سۇپىسىنىڭ قېشىدىكى پەلەمپەيلەردىن سەكرەپ – سەكرەپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى :
    - قېنى ئەمىسە ، دادامنى كەلتۈرۈپ بەرسىلە .
    - ماقۇل ، بايراقنى قانچە تېز چىقارساڭ ، داداڭ بىلەن شۇنچە تېز كۆرۈشىسەن ، داداڭنى ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈندۈرىمىز ، – مۇدىر يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىگە ئۈنلۈك بۇيرۇدى ، – تەرتىپ مۇدىرىغا ئېيتقىن ! دادىسىنى تېزدىن مۇشۇ يەرگە كەلتۈرسۇن ! يەنە ئېيتىپ قوي : مەن ئېيتقان كۆرسەتمىگە دىققەت قىلسۇن !
    خىزمەتچى يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتى . بالا خاتىرجەم بولدى – دە ، مومىغا قارىدى . كۆك سىرلانغان 20 غۇلاچلىق بۇ موما ئىككى يەردىن ئۇلاغلىق بولۇپ ، ھەر بىر ئۇلىغى ئۈچتىن چەمبەر بىلەن مەھكەملەنگەن ئىدى . ئۇ ، مومىغا بىردەم كۆز تىكىپ تۇردى – دە ، شىپپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىنى سۇپىنىڭ پىششىق خىشلىرىغا سۈركىدى . ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇدىردىن يەنە سورىدى :
    - دادام نېمىشقا كەلمەيدۇ ؟
    - سەن چىقىۋەر ، داداڭ ھازىرلا كېلىدۇ .
    موما مۆمىننىڭ قۇچىقىغا پاتمىدى . لېكىن ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ مومىنى پۇتلىرى بىلەن يۆگەپ چىرماق سېلىپ قوللىرى بىلەن قۇچاقلاپ تۇتۇپ ، مومىنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ يالمانتاقتەك يامىشىشقا باشلىدى . ھايت – ھۇيت دېگۈچە ، يەتتە غۇلاچلىق تۆۋەنكى ئۇلاقىنىڭ چەمبىرىگە چىقىۋالدى . مۇدىر تۆۋەندە تۇرۇپ ۋارقىرىدى :
    - يىگىت ! غەيرەت قىل ! ئاز قالدى !
    مۆمىن بىر ئىلىك قېلىنلىقتىكى چەمبەرگە دەسسەپ بىر پەس دېمىنى ئېلىۋالدى – دە ، يەنە يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلىدى .
    ئىككىنچى ئۇلاققا يەنە ئىككى غۇلاچلا قالغان ئىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پۇت – قوللىرى سىرقىراپ كەتتى . ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ تىنالماي قالدى . ئاران دېگەندە ئىككىنچى ئۇلاقىنىڭ تۆۋەنكى چەمبىرىگە چىقىۋالدى – دە ، مومىغا مەھكەم چاپلاشتى . ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە قارىدى . دادىسى كۆرۈنمەيتتى ، ئاغزىلىرىنى كاككۇكتەك ئېچىشىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشقان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە مۇدىرنىڭ پۇرقىرىتىپ چىلىم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى :
    - مۇدىر ، دادام تېخىچە كەلمەپتىغۇ ؟
    - كېلىدىغان ۋاقتى بولدى ، غەيرەت قىل ، يىگىت ! دادىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان ئوغۇلنى ئوغۇل دەپ نېمە قىلىدۇ ؟ مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساڭلا ، داداڭنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ …
    ”مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساملا دادامنى قۇتۇلدۇرالايمەن “ دېگەن خىيال ئۇنىڭغا يېڭى كۈچ بېغىشلىغاندەك بولدى .
    ئۇ يەنە مومىغا يامىشىشقا باشلىدى . يۇقىرىلىغانسېرى موما ئىنچىكىلەپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا بىمالال پاتقۇدەك بولدى . لېكىن ئىرغاڭلىشى كۈچىيىپ ، تېخىمۇ سىلىقلاشتى ، شۇنچە كۈچىسىمۇ چىرماقلىرى تۇتماي ، بىر نەچچە قېتىم تۆۋەنگە سىيرىلىپ كېتىشكە قىل قالدى . ئۇ ھاسىراپ دېمى تۇتۇلۇپ قالغاندا ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، ئېڭىكىنى مومىغا چىڭ تىرەپ ، بوينى بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سەل توختايتتى – دە ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالاتتى . مۇشۇ مومىدەك ئېگىز بولغان قاپاق تىرەكلەرگە چىقىپ ، قاغا چاڭگىلىرىنى چۇۋۇشلىرى ، ئانىلىرى قاناتلىرى بىلەن شاپىلاقلاپ تۇرسىمۇ قورقماي كۆكىنەك باللىرىنى ئېلىپ چۈشۈشلىرى … غىل – پاللا قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتتى . تىرەكلەرگە چىقىش بۇ مومىغا چىقىشقا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ . بۇ موما ئېگىز ۋە بەك سىيلىق ئىدى …
    ئۇ تەر كىرىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مومىغا سۈركىدى . ”مەيلى ، قانداقلا بولسۇن چىقىش كېرەك ، مومىغا چىقساملا دادامنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ . “ دادا!…دادا!…“ ئۇ ھەر قېتىم ”دادا“ دېگەندە دادىسى ئۇنى يۆلەپ ، يۇقۇرغا ئىتتىرىۋاتقاندەك بىلىنەتتى – دە ، كۈچلىنىپ قالغاندەك يەنە بىر قېتىم يۇقىرىغا ئۆرلەيتتى . ئۇ يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسېرى موما خۇددى قارا بوران سوققان زىلۋا سۇۋادان تىرەكتەك ئىرغاڭلايتتى . تۆۋەندىن مۇدىرنىڭ ”غەيرەت قىل ! تىز بول ! ئاز قالدى ! داداڭنى قۇتقۇز !“ دەپ ۋارقىراشلىرىنى ، جامائەتنىڭ “ ئۆزۈڭگە پەخەس بول ! سىلكىنمە ! يېنىپ چۈش !“ دېگەن چۇقانلىرى بېسىپ چۈشتى . مۆمىن يەنە ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ يۇقىرىغا ئۆرلىدى . ئەنە ! يەنە 3 غۇلاچ … 2 غۇلاچ … بىر غۇلاچ … موما ئىرغاڭلايتتى … سۇنۇپ كەتسە مۆمىننىڭ ئىشى تۈگەيدۇ …
    مانا ، ئۇنىڭ قولى موما تۆشۈكىدىن ئىككى تەرەپكە بىر غېرىچ چىقىپ تۇرغان غالتەكنىڭ چۈلۈكىگە تەگدى – دە ، ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ئۇ ، ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ، چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى . سول قولى بىلەن تانىنى تارتىپ پۇتىغا ئۈزەڭگە قىلىپ دەسسەپ سەل دېمىنى ئالدى . ئۇ ، غالتەككە قارىدى تانا غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىدىن چىقىپ كېتىپ ، چۈلۈككە يۆگىشىپ قالغان ئىكەن . ئۇ ، بىر قولى بىلەن تانىنى سىلكىپ تارتىپ ، غالتەكنى ئارقىسىغا ياندۇردى . موما ھەدەپ لەپپەڭشىپ ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ تانىنى غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىغا سالدى . شۇ ئاندىلا ئۇ ئەتراپقا قارىدى : ۋاي – ۋۇي ! نېمە دېگەن ئېگىز ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن . ئەنە ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ بىزنىڭ بەشتۈگمەنگە پەقەت بىر كۈنلۈكلا كېلىدۇ ، جاھان ئەجەب كەڭرى ئىكەن . شۇنچە كەڭ جاھان بىزگە نېمانچە تار ! ھەي ! كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكى ! شۇنداق ئاقكۆڭۈل دادامنى ”قوي ئوغرىسى“ قىلىپ سولىتىپ قويدى تېخى ! ياق ! بىردەممۇ ھاڭۋېقىپ تۇرماسلىق كېرەك . دادامنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك ! ئۇ تۆۋەنگە قاراپ توۋلىدى :
    - مۇدىر ، بايراقنى چىقارسىلا !
    مۇدىر تانىنىڭ بىر قېتىنى تارتتى . بايراق كۆتۈرۈلدى . ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى – دە ، تانىنى سىيرىپ تارتىشقا باشلىدى . . بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى – دە ، بايراقنىڭ كالتىكى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى . مۇدىر خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى :
    - بىزنىڭ بايراق يەنە مومىنىڭ ئۇچىدا لەپىلدىدى ! ھەي بالا ، سەل تەخىر قىلغىن ! يەنە بىر سىناپ باقاي !
    دەل شۇ چاغدا ، ئۈچ ئادەم پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ، يۈز – كۆزلىرى سارغىيىپ كەتكەن ، ئۇرۇق ۋىجىككىنە ، كەكە ساقال بىر بوۋاينى ئالدىغا سېلىپ مەيدانغا ئېلىپ كەلدى . بوۋاي توپلىنىپ تۇرغان جامائەتكە ئىڭشىپ سالام قىلدى – دە ، يوغان كۆزلىرىنى نەشتەردەك تىكىپ مۇدىرغا قادالدى . مۇدىر بىر قەدەم داجىدى . كىشىلەر مومىنىڭ ئۇچىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى ، بوۋايمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مومىنىڭ ئۇچىدا تۇرغان ئوغلىنى كۆردى – دە ، چۆچۈپ كېتىپ ۋارقىرىدى :
    - مۆمىنجان ! نېمىشقا مومىغا چىقىۋالدىڭ ؟
    - مۆمىن دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدى – دە ، خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى .
    - دادا ! سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بايراقنى چىقىرىپ بەردىم .
    بوۋاي ئەھۋالنى تېزلا چۈشەندى . ئۇ بالىنىڭ مومىدىن سىيرىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى – دە ، قاتتىق ۋارقىرىدى :
    - توختا ! چۈشمە دەيمەن !
    مۆمىن بۇ چاغدا سىيرىلىپ ئۈستۈنكى ئۇلاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئۇ چۆچۈپ چەمبەرگە دەسسىۋالدى – دە ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ دادىسىغا قارىدى . دادىسى يەنە ۋارقىرىدى :
    - ئوغلۇم ! ئاناڭنى ئۆلتۈرۈشكەندە ، سەن ئۈستىدە بار ئېدىڭ ، ئۇنى نېمە دەپ ئۇرغان ؟!
    - قىزىل پاچاق ئېرىڭىنى تېپىپ بەر ، دەپ !
    - قانداق ئۆلتۈرگەن ؟
    - ئوت توغرايدىغان جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن .
    - ئاناڭنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ شەپكىسىدە قانداق بەلگە بار ئىدى ؟
    بالا بېشى بىلەن مومىدىكى بايراقنى كۆرسەتتى :
    - ماۋۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشايتتى .
    - بەشتۈگمەندە ئون توققۇز ئادەمنى مەيدىلىرىدىن تۆمۈر مىخ بىلەن ئۈجمىگە مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قانداق بەلگىسى بار ئىدى ؟
    - مۇشۇنىڭغا ئوخشاش .
    - بېتىمدىن كىيىن تاشقورغاندىن يېنىپ كەلگەن قىرىق ئادەمنى تىرىكلا خۇمدانغا سالغانلارنىڭچۇ ؟
    - ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى .
    - ئوغلۇم ! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر قۇربان بولدى . بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن ، قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن ؟ داداڭنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن ؟
    بالا شۈككىدە بولۇپ قالدى . مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى .
    بالا بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقىرىغا ياماشتى – دە ، ھايت – ھۇيت دېگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى . مۇدىر ۋارقىرىدى :
    - يېنىپ چۈش ! يېنىپ چۈش ! داداڭنى ئېلىپ كەت !
    لېكىن بالا مومىدىن چۈشمىدى … ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى :
    - دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول …!- ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تىرەپ تۇرۇپ ، مومىنى شۇنداق قاتتىق لىڭشىتتىكى ، موما ئىرغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غاراسلاپ كەتتى . تۆۋەندە قاراپ تۇرغانلار ئىچىدە ئاللا-چۇقان كۆتۈرۈلدى . مۇدىر پوكاندەك ئېسىلىپ ، غەزەپ بىلەن تاپانچىسىنى چىقاردى – دە ، بالىغا قارىتىپ ئارقا – ئارقىدىن ئوق ئۈزدى . دەل شۇ چاغدا ، مۇسا بوۋاي ئۇنىڭغا قاتتىق كاللا قۇيۇپ ، تاپانچىسىنى چۈشۈرۈۋەتتى – دە ، ئۇنىڭ بوينىنى چىشلەپ سىلكىدى . مۇدىر جان ئاچچىقىدا ”ۋايجان!“ دەپ چوشقىدەك چىقىراپ كەتتى . يالاقچىلار مۇسانى سىلكىشلەپ ، مۇدىرنى قۇتقۇزۇۋالدى . مۇدىر ئارانلا كۆزىنى ئېچىپ ، مۇساغا ئالايماقچى بولۇۋېدى ، بوۋاي ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇدىرنىڭ بىر چىشلەم گۆشى يەرگە شالاققىدە چۈشتى . مۇدىرنىڭ ئۈزۈلگەن بويۇن تومۇرلىرىدىن قاپقارا قان جىغاپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇ لىغىلداپ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەردىكى تاپانچىسىنى ئالدى – دە ، تۆت ئادەم يەرگە بېسىپ تۇرغان بوۋايغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئۈزدى …دەل شۇ چاغدا ، قاراس – قۇرۇس قىلىپ موما سۇندى – دە ، مۆمىن مومىنىڭ ئۇچىنى قۇچاقلاپ بايراق بىلەن گۈرسۈلدەپ يەرگە چۈشتى . چۈشتى – يۇ ، بېشىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ يەنە يەرگە قويدى … ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتاتتى . بىر-بىرىگە سىغداپ يىقىلغان ئاتا بالىدىن بۇلدۇقلاپ ئاققان قان ئۆز- ئارا قوشۇلدى . بۇ چاغدا غەربكە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياش نۇرى شۇ قاندىن رەڭ ئالغاندەك ئاسماننىڭ غەربى ئېتىكىنى قىپقىزىلىققا پۈركىگەن ئېدى ….

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.