قورقۇنۇچلۇق مۇھىت(ئابلىز ئىبراھىم دولان)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-06 18:21:00

-ئوغلۇم، ئەگەر سەن يولدىن يۈز يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك پۇل تېپىۋالساڭ ،ئەتراپىڭدا سەندىن باشقا ھىچقانداق ئادەم بولمىسا،ئۇنداقتا قانداق قىلىسەن؟ -پۇلنى ئىگىسىگە ياكى مۇئەللىمگە تاپشۇرىمەن. -ئە...

    -ئوغلۇم، ئەگەر سەن يولدىن يۈز يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك پۇل تېپىۋالساڭ ،ئەتراپىڭدا سەندىن باشقا ھىچقانداق ئادەم بولمىسا،ئۇنداقتا قانداق قىلىسەن؟

     -پۇلنى ئىگىسىگە ياكى مۇئەللىمگە تاپشۇرىمەن.

     -ئەخمەق!؟

     -سز نىمە دىمەكچى دادا،ئۇنداقتا پۇلنى ئىلىپ يانچۇققا سالىمەنما؟

    -ياق،ياق!پۇلنى ھەرگىز ئالمايسەن،ناۋادا بۇ باشقىلار قۇرغان قىلتاق بۇلۇپ قالسا،نۇرغۇن ئاۋارچىلىق ۋە زىيانغا ئۇچرايسەن،ئۇقتۇڭمۇ؟ بالا كىچىككىنە كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ دادىسىغا قارىدى-يۇ،بېشىنى يىنىك لىڭشىتتى.

    -ئوغلۇم،ناۋادا بىر توپ لۈكچەكلەر ياۋاش كىشىلەرنى بوزەك قىلىۋاتقان بولسا،سەن بۇنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ تۇرغان بولساڭ،ئۇنداقتا قانداق قىلىسەن؟

    -زوراۋان لۈكچەكلەر بىلەن ئاخىرغىچە ئىلىشمىغىچە بولدى قىلمايمەن.

     -ساددا،نادان-دە،سەن ئوغلۇم،بۇنداق ئىشلار بىلەن نىمە كارىڭ!باشقىلار نىمە بولسا بولمامدۇ،بېشىڭنى ئىچىڭگە تىقىپ يۈرىۋەرجاننى باققان ھەممىدىن ئەۋزەل!

     بالا بارغانسېرى قايمۇقۇپ قېلىۋاتاتى،لېكىن كۆڭلىدە دادىسىنىڭ دىگەنلىرىنى توغرا دەپ ئويلىدى.

     -ئوغلۇم،ئەگەر بىرى مەست كۇچىدا يىتىپ قالغان بولسا ھەم سەندىن ياردەم تەلەپ قىلغان بولسا،سەن قانداق قىلىسەن؟

    -ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ،ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قۇيىمەن.

     -ناۋادا ئۇ ئاغرىپ يىتىپ قالغان بولسىچۇ؟

     -دوختۇرخانىەا ئاپىرىمەن.

    -كالۋا!؟ئەگەر ئۇلارغا ياردەم قىلساڭ،ياخشى نىيىتىڭنى چۈسەنسىغۇ ياخشى،ئەكسىچە بولسا ئۆزۈڭگە ئاۋارچىلىق تېپىۋالمامسەن كالۋا!شۇڭا ئۇلارغا ياردەم قىلىمەن دىمەي،ئۆز يۇلۇڭغا ماڭ!

     -گىپىڭىزنى ھىچ چۈشىنەلمىدىمغۇ دادا؟

     -گېپىمگە قۇلاق سال، ئارتۇق ئىشقا ئارلاشما،ئۆزۈڭنى بىل!

     -بىراق،ھەممەيلەن شۇنداق ئويلىسا،شۇنداق قىلسا،ئاقىۋېتى قانداق بۇلۇپ كىتىدۇ دادا؟

    -نىمە بولسا بولمامدۇ،تىنىچ ياشىساڭلا بولدى!

     -چۈشەندىم دادا،بىراق،ناۋادا سىز كۇچىدا ئاغرىپ يىتىپ قالسىڭىز،ئۇنداقتا سىزنى كىم قۇتقۇزار؟

     -جۆيلىمە،كىم مىنى كوچىدا ئاغرىپ يىتىپ قالىدۇ دەيدۇ؟...

     

    ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا،بالىنىڭ دادىسىنىڭ يۇشۇرۇن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ،يول ياقىسىدا دۈم يىتىپ قالدى. كىشىلەر ئۇنى مەست دەپ ئويلاپ، ئاۋارچىلىقتىن قورقۇپ يىنىغا يىقىن يولىمىدى.

     (ئاپتور مەكىت ناھىيە غاز كۆل يېزا باغئېرىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

    «تۇرپان» ژورنىلى 2009-يىللىق1-سانىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق