سەمىمىي دوستلۇق

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-25 12:24:00

سەمىمىي دوستلۇق ھەر قانداق جاپالىق شارائىتتا بىر-بىرىدىن ئايرىلماي ئۆز-ئاراياردەم قىلىدىغان ئىككى دوست بار ئىكەن. بىر كۈنى ،بۇ ئىككىيلەن قۇملۇقتىن ئېزىپ قاپتۇ،دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ت...

    سەمىمىي دوستلۇق


       ھەر قانداق جاپالىق شارائىتتا بىر-بىرىدىن ئايرىلماي ئۆز-ئاراياردەم قىلىدىغان ئىككى دوست بار ئىكەن. بىر كۈنى ،بۇ ئىككىيلەن قۇملۇقتىن ئېزىپ قاپتۇ،دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇيۇقسىز بىر مويسىپىت ئادەم پەيدا بولۇپ قاپتۇ ۋە دەپتۇدە:(بالىلىرىم ئالدىڭلاردا بىر تۈپ ئالما دەرىخى بار ،ئۇنىڭدا ئىككى ئالما بار ،چوڭ ئالمىنى يېگەن ئادەم قۇملۇقتىن چىقىپ كېتەلەيدۇ.كىچىكىنى يېگەن ئادەم قۇملۇقتىن چىقىپ كېتەلمەي ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
       ئەگەر ئىككىلى، ئالمىنى ئالمىساڭلار ئۇنداقتا ئىككىلىرىڭلا ھاياتڭلاردىن ئايرىلىسىلەر)دەپتۇدە غايىپ بولۇپتۇ. ئىككىيلەن ئالدىغا قاراپ بىر ئاز مېڭىپ ،راستىنلا بىر تۈپ ئالما دەرىخىگە يولۇقۇپتۇ.دەرۋەقە ،ئۇنىڭدا راستىنلا ئىككى ئالما بار ئىكەن.بىراق ئىككىلىسى ئۆزىگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان چوڭ ئالمىغا چېقىلماپتۇ. كەچقۇرۇن ،ئىككى دوست بىر-بىرىگە تىكىلىپ قاراشقىنىچە ئولتۇرۇپتۇ،بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرق بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۇلارغا ئايان ئىكەن .
       ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇلارنىڭ بىرسى ئويغىنىپ دوستىنىڭ يوقلۇقىنى ،ئالما شېخىدا بىر تاللا ئالما قالغانلىقىنى بايقاپتۇ.ئۇ ئۆلۈمدىن ئەمەس بەلكى دوستىنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا ئېچىنىپتۇدە،ئالمىنى غەزەپ بىلەن ئۈزۈپ يەپتۇ ۋە داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ يېرى كۈن مېڭىپمۇ بەدىنىدە غەيرىي ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىماپتۇ.ئۇ تۇيۇقسىز دوستتىنىڭ ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ،گەرچە دوستتى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا دوستتىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ،ئۇ دوستتىنىڭ ئالىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ،قولىدا بىر كىچىك ئالمىنى سىقىمدىۋالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق