ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(ساجىدە سۇلايمان)-ئالتىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-24 08:55:36

ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)ساجىدە سۇلايمان مەن مەكتەپتىمۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇغانلىقىم ھەم سىرتلارغىمۇ كۆپ چىقىدىغان، ئارتۇق ئىشىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلىم داد...



     


    ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)

    ساجىدە سۇلايمان

     

      مەن مەكتەپتىمۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇغانلىقىم ھەم سىرتلارغىمۇ كۆپ چىقىدىغان، ئارتۇق ئىشىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلىم دادام - ئاپاملار مېنى كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن چەكلىمىدى.

     


    ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلىمدىكى قىشلىق تەتىل ئىدى، تەتىلىم باشلىنىپلا كومپيۇتېردىن چۈشمەي مۇنبەر كۆرۈپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتاتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكام توي قىلىپ كېتىپ كومپيۇتېر ماڭا ئوڭىچە قالغان ئىدى، سىڭلىمنىڭ ئۆگىنىشىگە دەخلى قىلمىغان ئاساستا ئوينىسام ھېچكىمنىڭ پىكىرى چىقمايتتى. بۇ تەتىل ئۈرۈمچىنىڭ قاتتىق سوغۇقلۇقى ھەم مۇنبەر قىزىقچىلىقىدا دوستلىرىم بىلەنمۇ كوت-كوتتىلا پاراڭلىشىپ سىرتلارغىمۇ چىقمىدىم.

            بىر كۈنى مۇنبەردىكى مۇنازىرىگە قاتنىشىپ، سائەتنىڭ 12دىن ئېشىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن، توساتتىنلا مۇنبەر ئۇچۇر كۆزنىكىدىن  بىر ئۇچۇر كەلگەنلىكى مەلۇم بولدى، ئېچىپ قارىسام، مېنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى مەۋھۇم ئۇستازىم «پالۋان» ئىسىملىك تورداشتىن كەپتۇ، ئۇچۇردا  كۆپ گەپ يوق پەقەت، «سائەت 12 بولدى، مۇنبەردىكى مۇنازىرە تۈگىمەيدۇ،  بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، بولمىسا چىرايلىق كۆزلىرىڭىز ئولتۇرۇشۇپ سەت بولۇپ قالىدۇ.


    بۇ مېنىڭ كوت-كوت نومۇرۇم

    دەپ يېزىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ئىللىق بىر سېزىم جىسمىمغا تاراپ كەتتى-دە،  دەرھال ئۇنى قوشۇۋالدىم. ئۇ ماڭا بىرتال گۈل بىلەن سالام قىلدى.

    ــ گۈلنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى قانداق بىلدىڭىز؟ ــ دەپ خەت يازدىم.

    ـــ گۈلنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ئىسمىڭىزنى گۈل دەپ قويماس ئىدىڭىز، ــ دەپ يازدى ئۇ. مەن كۈلۈمسىرىگەن كوت-كوت ئىپادىسىنى ئەۋەتتىم.

     


    ـــ بۇ ئىپادىنى سىز ئەۋەتكەنلكىڭىز ئۈچۈن ياقتۇرۇپ قالدىم، ــ دەپ يازدى ئۇ. مەن ئۇ ئىپادىدىن يەنە بىرنى ئەۋەتتىم،  ـــ داۋاملىق كۈلۈمسىرەپلا يۈرەمسىز؟  مۇشۇ تاپتا كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان گۈل چىرايىڭىزنى كۆرگەندەك بولدۇم، ــ دەپلا كەينىدىن: ـــ يېرىم كېچىدىن ئاشتى ئارام ئېلىڭ، سەھەر تۇرالمايسىز، سەھەر تۇرالمىغان قىزلار بەختلىك بولالمايدۇ، ــ دېگەن خەتنى يازدى ئۇ. مەن «ماقۇل» دەپ يازدىم.

    ـــ ئەمىسە ياخشى چۈش كۆرۈڭ، ــ دېگەن خەت بىلەن خوشلاشقان كوت-كوت ئىپادىسىنى يوللاپلا چۈشۈپ كەتتى ئۇ. مەن مائۇس بىلەن خەتلەرنى ئارقىغا ياندۇرۇپ، قىسقا ئەمما نۇرغۇن سىرلارغا تولغان بۇ مەنىلىك سۆھبەتنى قايتا بىر قېتىم ئوقۇپ ئاندىن چېكىندىم. تۇرۇپلا ئۇنى خىيال قىلىپ قالدىم، ئۇ باشقا تورداشلاردەك «ئىسمىڭىز نېمە؟»، »نېمىش قىلىسىز؟»، «نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟»، «دوست بولۇپ قالساق بولامدۇ؟ ......» دېگەندەك قېلىپلىشىپ قالغان گەپلەرنىڭ بىرىنىمۇ قىلماي ئەسلىدىنلا تونۇشتەك پاراڭلىشىپ كېتىپتىمىز. مېيىقىمدا تەبەسسۇم قېتىپ قالدى. سەھەردە ئويغىنىپ، ئۇنىڭ ئاخشامقى پاراڭلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئويلاپ كومپيۇتېرغا قارىۋىدىم، ئىكراندا خۇددىي ئۇ ماڭا قاراپ تۇرغاندەك، بېشىمنى يوتقاننىڭ ئىچىگە پۈركىۋېلىپ، ئاندىن ئاستا مارىلاپ چىقىرىپ كومپيۇتېرغا تىلىمنى چىقىرىپ ئەركىلەپ قويدۇم.

     

    ئورنۇمدىن تۇرۇپ ھوجرامدىن چىقسام ئۆي ئىچى جىمجىت، ئىشىك تۈۋىگە قارىسام دادامنىڭ ئايىقى يوق، سىڭلىم تەتىللىك ئوقۇشقا كېتىپتۇ، ئاپامنىڭ ئايىقىنىڭ رەتلىك تۇرغىنىدىن ئاپامنىڭ  كۈتۈپخانىدا دەرس تەييارلاۋاتقانلىقى ئېنىق. يۈز كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، چاچلىرىمنى تاراپ بولغاندىن كېيىن:

    ـــ ئاپو....ي! ــ دەپ ئاستا كۈتۈپخانىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم.

    ـــ كىرىڭ! ــ دېدى ئاپام. ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىرىۋىدىم:

    ـــ تۇردىڭىزمۇ قىزىم؟ بۈگۈن سەھەر تۇرالمىدىڭىزغۇ؟ قىز بالا دېگەن سەھەر تۇرۇپ ئادەتلەنمىسە بولمايدۇ، ــ دەپ بولغىچە ـــ سەھەر تۇرمىسا قىزبالىنىڭ بەختى قېچىپ كېتىدۇ، ــ دېدىم ئۇلاپلا.

    ـــ ھۇي شەيتان! سىزنى ساقلاپ ناشتا قىلمىدىم، ــ دەپ ئىللىق ئالىيىپ قويدى.

    ـــ كەچۈرۈڭە ئاپو...ي! بۇندىن كېيىن سەھەر تۇرىمەن، ــ دېگىنىمچە ئاپامنى قۇچاقلىۋالدىم.

    ـــ شەيتان قىز، تەتىل بولغاندىكىن سىزنى كۆپرەك ئۇخلىۋالسۇن دەپ ئويغاتمىدىم، ــ دېدى ئاپام مەن بىلەن تاماقخانىمىزغا چىققاچ، تاماقخانا ئۆيگە كىرىپلا :

    ـــ ئىھى! ئا....پۇ....! ــ دەپ ئاپامنى سۈيۈپ كەتتىم، چۈنكى تاماق ئۈستىلىدە مەن ئامراق نەسىلەرنىڭ ھەممىسى تۇراتتى. گەرچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولساممۇ، ئاپام داۋاملىق ئەركىلىتىپ مۇشۇنداق ئەركە ئۆگىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، بەزىدە ياتاقتىكى قىزلارغىمۇ ئەركىلەپسېلىپ ئۆزۈم خىجىل بولۇپ قالاتتىم.

    ـــ چوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ ئەركىلەپ يۈرگەن، يەنە نەچچە ئايدا ئالىي مەكتەپتنى پۈتتۈرىسىز،  قاچانغىچە ئەركىلەپ يۈرىسىز؟ ـــ دېدى ئاپام، مەن ئاپامغا تېخىمۇ بەك ئەركىلىدىم.

    ـــ دادام يوققۇ؟

    ـــ دادىڭىز نەزىرگە كەتتى، قايتىپ كەلسە سەل تۇرۇپ تويغا بارىمىز، توڭلاتقۇدا تۈگۈر بار، چۈشتە شۇنى سېلىپ يەرسىز، كەچكىچە بىزمۇ كېلىپ بولىمىز.

    ـــ ماقۇل ئاپا. مەن دېگەن ئالىي مەكتەپنى نەچچە ئايدىن كېيىن پۈتتۈرىمەن، ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ـــ دېدىم ئاپامنىڭ گېپىنى تەكرارلاپ. ئاندىن ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

    سىڭلىمنىڭ مەكتىپى يىراق بولغاچقا چۈشتە كېلەلمەيتتى، دادام ئاپامنى ئېلىپ تويغا كەتتى، مەن ئۇلارنى ئۇزىتىپلا كومپيۇتېر ئالدىغا كەلدىم. بىلمىدىم يۈرىكىم ھاياجان بىلەن سوقۇپ كەتتى. كوت-كوتنى ئېچىشىم:

    ـــ گۈلگە گۈل بىلەن سالام، ــ دەپلا پالۋاننىڭ سالامى كەلدى، خوشلۇقۇم ئىچىمگە پاتمايۋاتاتتى.

    ـــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ـــ دەپ يازدىم. ئۇ ماڭا بىر يۈرەكنىڭ شەكلىنى ئەۋەتتى.

    ـــ بۇ نېمە؟ دەپ يازدىم مەن، گەرچە ئۇنىڭ يۈرەك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ.

    ـــ بۇ سىزنىڭ بەختىڭىز، يولدا كېلىۋاتسام قېچىپ كېتىۋېتىپتىكەن مەن تۇتۇۋېلىپ ئالغاچ كەلدىم، ــ دەپ يازدى ئۇ، ئۇ مېنى سەھەر تۇرمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن بەختىڭىز قېچىپ كەتتى دېمەكچى ئىدى.

    ـــ شۇنداقمۇ، ئۇنداقتا رەھمەت سىزگە، ئاخشام سەل ۋاقچىرەك ئۇخلىغانلىقىم ئۈچۈن سەھەر تۇرالماي قالدىم، ــ دەپ يازدىم. ئۇنىڭغا زادىلا يالغان گەپ قىلغۇم كەلمەيتتى، ــ سىزچۇ؟ قاچان چىققان ئىدىڭىز؟

    ـــ خېلى بولدى، مەن ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ، دادامغا دېھقانچىلىك ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ ئاندىن تورغا چىقتىم دېدى ئۇ.  ئۇنىڭ سەمىمىيلىكىدىن سۈيۈندۈم. مەن كۈلۈمسىرىگىنىمچە خەت يازماي بىردەم تۇرۇپ قاپتىمەن.

    ـــ نېمە؟ دېھقان دېسەم، ئاپئاق ساقىلى بار بىر دېھقان بوۋايمىكىن دېدىڭىزمۇ؟ بىلسىڭىز، بىلىكىمىزگە بۈركۈت قوندۇرۇپ، ئات ئۈستىدە ئوۋ ئوۋلايدىغان پالۋان يىگىت  جۇما بىز! ــ دېدى ئۇ. كۆز ئالدىمغا مەردانە، غورۇرلۇق ئۇيغۇر يىگىتى كەلدى.

    ـــ بوۋاي بولسىڭىزمۇ نېمە بولاتتى؟ كوت-كوتقۇ بۇ ئاخىر.

    ـــ شۇنداق، بۇ كوت-كوت. ئۇ بىرنەچچە مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ قالدى.

    ـــ قانداق دېھقانچىلىقلارنى قىلدىڭىز؟

    ـــ چاخچاق قىلدىم، دېھقاننىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىم راس، لېكىن ھازىرقى ئايدا ھېچقانداق دېھقانچىلىق قىلغىلى بولمايدۇ، ئەتىيازدا، سوغۇق يانغاندا ئاندىن قىلىمىز.

    ـــ ھە، شۇنداقمۇ؟

    ـــ بۈگۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدىڭىز؟

    ـــ دوستلىرىم قار تېيىلىش مەيدانىغا كەتتى، مەن سوغۇقتىن قورقۇپ بارمىدىم.

    ـــ سوغۇقتىن قورقتىڭىزمۇ؟ -يە، ........... دەپ تۇرۇپ قالدى ئۇ.

    ـــ دېھقان دېگىنىڭىزگە قارىغاندا سىز ئۈرۈمچىدە ئەمەس ئوخشايسىز؟ ئۈرۈمچىدە قاتتىق قار ياغدى،  ھازىر بەك سوغۇق.

    ـــ سىز ئۈرۈمچىدىنكەنسىزدە؟! مەن قەشقەردە.

    ـــ ھە، قەشقەرلىك ساۋاقداشلىرىم بار،

    ـــ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوخشىمامسىز؟ پۈتتۈردىڭىزمۇ يە؟

    ـــ بۇ يىل پۈتتۈرىمەن.

    ـــ قايسى مەكتەپ، نېمە كەسىپ؟

    ـــ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا، خەنزۇ تىلى.

    ـــ ياخشىكەنغۇ؟ مەنمۇ بۇلتۇر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ، يۇرتۇمغا قايتىپ كەلگەن  ئىدىم.

    ـــ شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە ئاتا- ئانىڭىزغا ياردىمىڭىز تەگكىدەك؟

    بىزنىڭ ئارىلىقىمىز بارغانچە يېقىنلىشىۋاتاتتى.

    ـــ ئىسمىم فىرقەت. بەلكىم. پايدىسى تېگەر. بولدى باشقا گەپلەرنى دېيىشەيلى. ــ دېدى ئۇ توساتتىنلا. ـــ ھە راست، سىزنى گۈل دەپ چاقىرامدىم؟

    ـــ ياق ئىسمىم زۈبەيدە، دادام مەمۇر، ئاپام ئوقۇتقۇچى، ئاكام خىزمەتچى، سىڭلىم ئىككىمىز ئوقۇغۇچى، ـــ دېدىم بىراقلا چاقچاق تەرىقىسىدە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ،

    ـــ ۋوي تازا مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى بىلەن تونۇشتۇممۇ نېمە؟ ئانچە مۇنچە تەلىم بېرىپ تۇراسىز. ھا ھا ھا

    ـــ ھى ھى ھى ئايلانسۇن!

     


    بىز شۇنداق قىلىپ فىرقەت بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق. ئۇنىڭ قىزلار بىلەن تونۇشۇش ئۇسۇلى باشقىلار بىلەن ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ كومپيۇتېر سەۋىيىسى خېلىلا يۇقىرى ئىدى، ئۇ ماڭا كوت-كوتنىڭ ھەممە ئىقتىدارلىرىنى بىرمۇ بىر ئۆگىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كومپيۇتېر بىلىمىنىڭ بۇنچە چوڭقۇرلۇقىدىن،  ئۆزۈمنىڭ مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە چوڭ بولۇپ ھەم بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ستودېنت تۇرۇپمۇ كومپيۇتېردا ئۇنىڭچىلىك سەۋىيەمنىڭ يوقلۇقىدىن بەزىدە خىجىل بولۇپ قالاتتىم، بۇ يىلقى قىشلىق تەتىل پۈتۈنلەي فىرقەت بىلەن كوت-كوتتا پاراڭلىشىپ دېگۈدەكلا ئۆتتى، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلاش ئالدىدىلا شۇنداق چارچاپ كەتكەنلىكىمنى سېزەتتىم. ئەتىگىنى بولسا ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى ئەسلەپ كۈلۈمسىرىگىنىمچە ئورنۇمدىن تۇراتىم. تەتىلىم توشۇشقا 10 كۇن قالغان بىر كۈنى دوستۇم گۈلمىرەدىن تېلفون كەلدى، ئۇنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپلا ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشمىگىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغانلىقى ئېسىمگە كەلدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.