ۋىجدان(فېليەتون)

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-04 10:26:44

بەزىلەر نامراتلار ۋىجدانىدىن ۋاز كېچەلمىگەچكە نامرات بولۇپ قالغانلاردۇر، دېيىشىۋاتىدۇ. لېكىن، شۇنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن، ۋىجداننى يېگىلى بولمايدۇ-دە. يەنىلا پۇل تېپىش مۇھىم، مەيلى قانداق قىلسا قىلسۇن، پۇل تېپىپ باي بولسۇن. تەرەققىيات

    ۋىجدان

    (فېليەتون)

     

     


        بەزىلەر نامراتلار ۋىجدانىدىن ۋاز كېچەلمىگەچكە نامرات بولۇپ قالغانلاردۇر، دېيىشىۋاتىدۇ. لېكىن، شۇنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن، ۋىجداننى يېگىلى بولمايدۇ-دە. يەنىلا پۇل تېپىش مۇھىم، مەيلى قانداق قىلسا قىلسۇن، پۇل تېپىپ باي بولسۇن. تەرەققىيات دېگەن شۇ.

    كۆكتاتچى دېھقان بولسا، كۆكتاتلارغا دېھقانچىلىق دورىسىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ پۇل تاپسۇن؛

    قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى بولسا، ماتىرىيالنىڭ ئەرزانراقىنى ئىشلىتىپ پۇل تاپسۇن، سالغان بىنا ياكى كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ كەتسە، كىمنىڭ كارى؟

    يېزا-كەنت كادىرى بولسا، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەننى بېسىپ، دىھقانلارنىڭ ھەققىنى يۇتىۋېلىپ، ئۆزىنى سەمرىتسۇن.

    ئەمەلدار بولسا، ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆز كۆمۈچىكىگە چوغ تارتسۇن، پارا ئالامدۇ، خىيانەت قىلامدۇ، ئەمەل-مەنسەبنى ساتامدۇ، ئىش قىلىپ پۇل تاپسۇن.
    كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزىدىغان ئاق خالاتلىق پەرىشتە بولسا، قىزىل بولاق ئېلىپ باي بولسۇن.

    مەكتەپ مۇدىرى بولسا، ئوقۇتقۇچىلاردىن جەرىمانە ياكى سوۋغا –سالام ئېلىپ پۇل تاپسۇن.

    سۈت پاراشۇكى كارخانىسى سۈتكە سۇ ياكى باشقا نەرسە قوشۇپ، سۇ مېيى كارخانىسى ئەۋرەز مېيى سېتىپ پۇل تاپسۇن.

    ئىلىمگەر بولسا ھېيلىگەر، خوشامەتگۇي بولۇپ پۇل تاپسۇن.

      قىسقىسى، ۋىجداننى چۆرۈپ تاشلاپ، پۇل تېپىپ باي بولسۇن. نېمە ئۇ ۋىجدان دېگەن؟ جىمى بالا-قازا شۇ ۋىجداندىن كېلىدۇ. «ۋىجدان دېگەننى سېتىۋەت، چىشلىرىنى چېقىۋەت» دېمىگەنمىدى بىر شېئىردا. ۋىجدانغا بىرنانمۇ كەلمەيدىكەن، ئاچ-توق قالىدىكەنسىز. پۇل ھەممىنى ھەل قىلىدۇ. پۇللا بولسا، مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەتلىك پۇقراسى بولالايمىز.

    ئاپتور: ئابلاجان تۇردى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋىجدان فېليەتون